• سازىم-سادايىم

    يوللانغان ۋاقتى:10-10-2011   مەنبە: تارىم 2011-يىل 1-سان   مۇھەررىر: تارىم   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    سايرىسا قەشقەر راۋابى خەلقىئالەم زوقلىنىپ،

     

     


     

    ئاپتورى: ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا

     

    راۋب

     

    سايرىسا قەشقەر راۋابى خەلقىئالەم زوقلىنىپ،
    سورىدى "بۇ قايسى ئەلنىڭ سازى" دەپ ھەيران بولۇپ.
    بىلدى دۇنيا كىملىكىمنى ئۆز چىراي شۇ چالغۇدىن،
    كۈلدى يۇرتۇم، يايرىدى ئەل قەلبى شادلىققا تولۇپ.
    باغرى ئاتەش بىپايان چۆل مېھرىدىن گۈلخان سېلىپ،
    چالسا بارخان ئۈستىدە پاھ، كېچىمۇ كەتكەي يورۇپ.
    قىلدى دەۋا ئاي "كۆزۈمنى چاقنىتار نۇر جىلۋىسى"،
    بولدى بەس دەپ دەستىسىگە چۈشتى ئەختەرمۇ قونۇپ.
    مەھلىيا بولدى قۇياش بۇ ئىپتىخارىم ئىشقىغا،
    كەلدى جەننەت بۇلبۇلىغا توزۇماس باھار سۇنۇپ.
    قىلسا تەڭكەش كۆكتە قۇشلار جور بولۇپ ئاۋازىغا،
    بىر سادا دەيدۇ پەلەكتە "كەتتى ئۇيقۇم بۇزۇلۇپ."
    ئىشقى جەم ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ھەر ئاھاڭ گۈلزارىدا،
    ئاڭلىمامدۇ مۇڭنى خالىق ھەممىگە قادىر تۇرۇپ.
    * * *
    مەن ئادا ئۆيدە راۋابىم بولسىلا غەم - قايغۇدىن،
    بىر گادايمەن يوق مېلىم بۇ ئۆيدە باشقا چالغۇدىن.
    بۇ كۆڭۈلنىڭ شاھى - مەشرەپ سۆيگۈ جەمدۇر باغرىدا،
    ئاشىقى مەن شۇ مۇقامنىڭ، يوق تەمەيىم يامبۇدىن.
    گاھى سۆزلەيدۇ راۋابىم قۇش تىلىدا مۇڭدىشىپ،
    باغدا سورۇن تۈزسە گۈللەر چاچتى خۇشبۇي چاچقۇدىن.
    چىقسا "تاشۋاي"نىڭ ساداسى ئىنتىزارى شاھى تون،
    كەپتۇ دەپ داۋۇت راۋابنى، چۈشتى دەرھال ئاسقۇدىن.
    باشلىنىپ "مېنىڭ راۋابىم" چەكسە زەخمەك تارىنى،
    ئۈزمىكىم دىل رىشتىنى دەيمەن چۈشۈم، جان ئالغۇدىن.
    بولدى كۈندىن - كۈنگە پارلاق، ئەلدە ئىقبال يۈز ئېچىپ،
    كەلگۈسى دەيدۇ راۋابنىڭ "بول جۇدا باش قاتقۇدىن."

     

    تەمبۇر

     

    ئەسلىي بەرباب نەسلىدۇر دەپ بار يېزىق رىسالىسى،
    "تەۋارىخى مۇسىقىيۇن"مۇ، دەيدۇ بەرباب پارىسى.
    سورىساڭ "تەمبۇر قەيەرلىك؟" ھەممىدىن ئېنىق جاۋاب،
    بىل ئىجادكار خەرىزەدۇر، يۇرتى دولان ۋادىسى.
    قىل تەسەۋۋۇر ھەر كۆرۈپ بۇ چالغۇلار سىياقىنى،
    ھەر زاماندا بىر - بىرىدىن ئۆزگىچىدۇر سايىسى.
    ئۆتتى نۇرغۇن يىل - ئەسىرلەر، قالدى دەل شاھىت بولۇپ،
    ئىزى ئۆچمەس قەدىمى بۇ ئەلگە چالغۇ ۋارىسى.
    ئۇل زامانغا چاتتى مەھكەم قانچە ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ،
    ئەل - دىيارنىڭ بۈگۈنىنى شۇ ئۈزۈلمەس تارىسى.
    چەتلىسەممۇ ئىسمىدىن دەپ "سېھرىي جاننى ئالمىسۇن"،
    "مەندە ئىشقىڭ" دەيدۇ تەمبۇر، باشقىچە يوق چارىسى.
    جان بىلەن دوست بولدىغۇ بىر مۇڭ، سادا سۆھبەت قۇرۇپ،
    ھېس، ھاياجان تەختىدەدۇر لەززىتى ھەم نالىسى.
    تالىشىپ قامەت، گۈزەللىك بەسلىشىپ ھەر بەيگىدە،
    سايلىنىپتۇ ھەممە يۇرتتا چالغۇلار بەگزادىسى.
    سۆيگۈ تولغان بۇ يۈرەككە خۇش زەبان بولغاي شىپاھ،
    ئەھدىنى قىلماس قازا ھەر تۈن بىدار مەستانىسى.
    كىم سوئال قويغاي ماڭا "بەك ماختىدىڭ تەمبۇرنى" دەپ،
    ئەل گۇۋاھتۇر تەبىرىمنىڭ يوق پەقەت ئەپسانىسى.

     

    دۇتار

     

    قوشتى شادلىق تۇرمۇشۇمغا، ئايرىلىپ قانداق ياشاي،
    چالسا كىم "نىم پەدە"گە مەن جان دېسە ئالغاچ باراي.
    بەزمە، مەشرەپ، ئولتۇرۇشنىڭ شەرتى، دىلخۇمارى ئۇ،
    تارىسىدىن چاچرىغان ئوت، ئىشقىغا قانداق چىداي.
    ئۆگىتىپ قويسا پىرىم دەرد، سىرلىرىمنى يۈكلىتىپ،
    كۆيسە مەندەك كېچە - كۈندۈز باغرىغا مۇزنى ياقاي.
    چاينى دەملەپ چايخانىدا بال، ناۋات، زەپە بىلەن،
    ئاڭلىغان كۈيلەر ئېسىمدە مۇڭغا ياش تۆككەندە ئاي.
    بەك گۈزەل چاغلار ئىدى بىز جەم بولۇپ، دۇتار چېلىپ،
    ھېچ بىلىنمەي ئۆتتى ياشلىق، يېزىنى تۇتقاندا جاي.
    ئەسلىسەم چېھرى ئىكەنغۇ نۇر، قۇياشتىن بالقىغان،
    ماڭا بىر جەننەت كۆرۈندى دەشتى سەھرا، جىلغا، ساي.
    شۇڭا دەيمەن سۆيگۈسىگە ئەيلىدىم مەن جان پىدا،
    ئەتىۋار ئەيلەپ بۇ سازنى سالدۇراي ئالتۇن ساراي.
    چەكسە بىر جۈپ تارىسىدىن سىرغىغان ئابى ھايات،
    دەيدىكەن "بەك چاڭقىغان ھېچ قانمىغان دىلغا ئاقاي."
    زەر نەقىشلەردىن بېزەلگەن بۇ ئەقىدە باغىنى،
    كۆچۈرۈپ كۆز قارىچۇقىغا كۈنۈ تۈن قاراپ ياتاي.

     

    ساتار

     

    سورىما مەندىن :ساتامسەن قانچىلىك ئالتۇن بېرەي؟"
    بولدى زىخ، ئالتۇن دىلىمغا بۇ ئەزىز جاننى تىلەي.
    كەتسە قولۇمدىن ساتارىم، مەندىكى ۋىجدان قېنى،
    سەن تالاشما بۇ گۆھەردىن ماختىنىپ، مەيدە كېرەي!
    ئارمىنىمدۇر ھەر ناۋاسى ئايرىلالماس روھ پەقەت،
    قالسا قولدا شۇ ساتارىم، بار بىساتىمدىن كېچەي.
    بىر قاراپ بەرمە باھانى "بۇ ساتارىڭ كونا" دەپ،
    نەزمە گۈلزارى ئارامەن يېڭىدىن گۈللەر تېرەي.
    تارىسىغا ھەر مۇقامنىڭ شەۋكىتى سىڭگەن بىراق،
    ياش ئىكەن بەكلا تېخى ئۇ، مەن بۇرۇن نەدىن بىلەي.
    بىر زامان ئاماننىسانىڭ قۇچىقىدا سايرىغان،
    بۇ مۇبارەك چالغۇنى جانان بىلىپ باخ - باخ ئېتەي.
    چىقتى ھەمراھ بوپ مۇقامغا خەلقئارالىق سەھنىدە،
    شان - شەرەپ تۇلپار ماڭا بەس، ئارزۇ - ئارمانغا يېتەي.
    **
    ئىزى ئۆچكەي ھەر كىشىنىڭ ئىز باسارى بولمىسا،
    ئىز باسارىغا تەۋەررۈك، يادىكارى بولمىسا.
    بۇ تىلىم لالدۇر دېمەككىم، تۇردى ئاخۇن ئالدىدا،
    بال تامامدۇ تارىسىدىن تۆھپىكارى بولمىسا.
    گەر ھالاك سەنئەت دىياردىن، قاپقاراڭغۇ بۇ جاھان،
    لەززىتى نەدە ھاياتنىڭ دىلخۇمارى بولمىسا.
    كەمتۈكى تولماس مۇقامنىڭ، تونۇماس ئالەممۇ ھەم،
    نەزمىلەرگە خوپ قېلىپ ھەم مۇڭ ساتارى بولمىسا.
    چاغلىما قالتىس ئۆزۈڭنى، ئايرىلىپ ئەلدىن نادان،
    يولدا قالمامدۇ ئېتىڭ، ئەل ئىپتىخارى بولمىسا.
    ياتىدۇ خىلۋەتتە سازمۇ، تارتىنىپ، رەتتىن چىقىپ،
    كۆكتە نۇر چاچقان قۇياشى، نەۋ باھارى بولمىسا.
    نەزىرى چۈشمەس پەلەكنىڭ، قەددى كۆكتىن ھالقىغان،
    ئىپتىخارىم شۇ مۇقامدەك، بىر مۇنارى بولمىسا.

     

    ناغرا

     

    "ئېگىز پەشتاق ئۈستۈنىدە نېمىنى كۆردۈڭ دادا؟"
    دەپ سورايدۇ تىلى تاتلىق، ئەقلى ئويغاق بىر بالا.
    "ئەسلىتىپ قويدۇڭ بالام شۇ ناغرىدا كۈلكەڭ سېنىڭ،
    ھېيت ئەمەسمۇ ئەل ساداسى مېھرىنى ساپتۇ ساڭا."
    ۋەزنىلىك سوئال - جاۋابتىن بەك سۆيۈندۈم زوقلىنىپ،
    چاچتى ناغرا سۆيگۈسىنى تاڭدا ئىلھامغا مانا.
    سەن مۇرادىم ناغرا، سەندىن تاپىدۇ ئارمان نىجات،
    "توڭگۇ - توڭ" ئۈزۈلمىسە، دەيمەن ھەمىشە توي ماڭا.
    تاقىشار ئاسمانغا باش، پەشتاققا سەن چىققان كۈنى،
    ھەر سەھەر قىلسام تاۋاپنى، مەيلى كىيسەممۇ ماتا.
    يۈرىكىمنىڭ قات - قېتىغا سىڭدى ياڭراق ئۈنلىرىڭ،
    رىتىمىغا جور بولۇپ ھەر ھېيتتا ئەل سالسا ساما.
    بارمۇ - يوقمۇ ئىقتىدارىم، بىلمىدىم تۆھپەڭگە مەن
    بىر قەسىدە يازمىقىم پەرز سەن ماڭا قىلغاچ ۋاپا.
    ئايرىلىپ سەندىن تۈگەيدۇ، بارچە ئايەم لەززىتى،
    راھىتىمدۇر، سەن ئۈچۈن ئوتتا كۆيۈپ، چەكسەم جاپا.
    دىلخۇمارىمدۇر ئاۋازى، غەم قاچار مەندىن يىراق،
    چۈشتە كۆرسەم تەبىرىڭ قىلغاي ماڭا شادلىق ئاتا.
     

    ھالقىلىق سۆزلەر : ساز، چالغۇ، ئۇيغۇر


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    بۇ سەھىپىدىكى ئالاھىدە تەۋسىيەلەر

    كۈز لىرىكىلىرى...

    توختىماي ۋىلىقلاپ كۈلىدۇ ئاسمان، قۇياشنىڭ بىر مەڭزى سوۋۇغان نىكەم....

    ۋۇجۇد شەرھى...

    ھامانە ئىشق ئارا يۈردۈم ھاياتنى گۈل-سەنەم ئەيلەپ،...

    ياسىن زىلال: زىلالنامە...

    تالاي كەچمىش كۆرەر ھەربىر كىشى قىسقا ھاياتىدا، ئاڭا تالىق نېمە قىسمەت پەلەكنىڭ تەقسىماتىدا؟!...
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    تارىم ئېلانى

      18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى «كوئېنلۇن مېھمانسارىيىدا غەلبىلىك ھالدا ئېچىلدى.يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت، ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل خالىق، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پارتىگۇرۇپپا شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن،ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، ئېركەش قۇرمانبەك،دوڭ لىبو قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى،شائىرلار، مۇھەررىر، ئەدەبىي تەرجىمانلار ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار