مىڭ ئىككىنچى كېچە(پوۋېست)
يوللانغان ۋاقتى:27-10-2011
مەنبە: تارىم 2011-يىل 8-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 2 پارچە
ئاپتورى: ئابدۇقادىر سادىر ئەلقىسسە: شەھرىزادنىڭ مىڭ بىرىنچى كېچىدىكى ھېكايىسى ئاخىرلاشقاندا شەرق ئاسمىنىدىن كېچىلىك لىباسلىرىنى ي
ئاپتورى: ئابدۇقادىر سادىر
ئەلقىسسە:
شەھرىزادنىڭ مىڭ بىرىنچى كېچىدىكى ھېكايىسى ئاخىرلاشقاندا شەرق ئاسمىنىدىن كېچىلىك لىباسلىرىنى يەڭگۈشلەپ چىققان قۇياش ئۇپۇق دەرۋازىسىنىڭ يان ياغىچىغا يۆلىنىپ تۇراتتى. ئۇ، شەھرىزادنىڭ ھېكايىلىرىغا بېرىلىپ تۈنبويى كۆز يۇممىغانلىقتىن بولسا كېرەك، ئۇپۇق لېۋىگە قەدەم ئېلىۋېتىپ، ھارغىنلىق ئىچىدە ئەسنەپ كېلەتتى. ئۇ، شۇ كۈنكى ئالەم سەپىرىگە ئاشۇ ھارغىنلىقى ئىچىدە قەدەم قويدى. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بۇ كۈنلۈك سەپەرنى تېزرەك تۈگەتكۈسى بار ئىدى. چۈنكى ئۇ شەھرىزادنىڭ تاڭ ئېتىش ئالدىدا پادىشاھقا:
−− شاھ ئالىيلىرى ئاڭلاشنى خالىسىلا، يەنە بىر كېچىگە يەتكۈدەك ھېكايىلىرىم باردەك تۇرىدۇ، −− دېگىنىنى ئاڭلاپ قالغانىدى.
−− يەنە قانداق ھېكايىلەر ئۇ؟ −− دېگەنىدى شاھ، −− ۋىسالىڭىزنى كۈتۈۋاتقىنىمغا ھېلىمۇ ئۈچ يىل بولاي دېدى.
−− ئەمدى ئوقۇيدىغىنىم، 21- ئەسىر ئاشىق - مەشۇقلىرىنىڭ قىسمەتلىرى جۈملىسىدىندۇر، شاھىم. ئۇ، پەقەت بىر ئاخشامدىلا تۈگەيدۇ.
−− بوپتۇ، تاڭلا كەچ كۆرۈشەيلى ئەمىسە.
ئاسمان شاھى شۇ كۈنكى سەپىرىدىن چۈشۈپلا شەھرىزادنى ھۇزۇرىغا چىللاتتى. شەھرىزاد ۋەدىسى بويىچە ھېكايىسىگە مۇقىت بولدى.
−− مەن بۇ ھېكايىنى بىر يىگىت بىلەن قىزنىڭ تىلىدىن ئاڭلىغان، −− دەپ باشلىدى ئۇ ھېكايىسىنى، −− ئالىيلىرىغىمۇ شۇلار نامىدىن بايان قىلغۇمدۇر.
شاھ ئۈن چىقمىدى. بۇ شەھرىزادنىڭ مەيلىگە قوشۇلغىنى ئىدى.
ئەلقىسسە:
تومۇز ئايلىرىنىڭ تازا قايناق بىر كۈنى ئىدى. شەھەر كوچىسىدا خىيالىي كېتىۋېتىپ توساتتىن بىر يىگىت بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدم. ئۇ قانداقتۇر بىر ئۆيدىن چىقىۋېتىپ، كەينىگە قاراپ - قاراپ قويۇپ كېلىۋاتاتتى. مەن يېنىمغا داجىپ بولغىچە كەينىگە قارىغان پېتى كېلىپ مېنى ئۇرۇۋەتتى.
−− ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ −− دېدىم ئاچچىقىمدا.
−− راست دەيسىز، −− دېدى ئۇ پەرۋاسىزلا، −− راست ساراڭ بولغىلىۋاتىمەن. ئەجەب قاملاشمىغان ئىشلارغا يولۇقۇۋاتىمىنا، مەن.
−− ئوھوش! بىر ئېغىز كەچۈرۈڭ، دېمەكتە يوق، يەنە ئاچچىقلايسىزا ماڭا؟
−− ھە، خاپا بولماڭ خانقىز، كۆڭلۈمنىڭ غەشلىكىدە قاتتىق تېگىپ قويۇپتىمەن. گۇناھىم ئۈچۈن سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي، −− دېدى يېلىنغاندەك قىلىپ.
−− رەھمەت، تامىقىڭىزنى ئۆزىڭىز يەۋېلىڭ، −− دېدىم. مەن ئۇنى نىيىتىدىن يېنىپ قالىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمما ئۇ نېمىلا دېمەي ئۇنىماستىن مېنى بىر ئارامگاھقا باشلاپ كىردى. تائامدىن كېيىن بايىقى ھودۇقۇشىنىڭ ۋەجىنى سۆزلەشكە باشلىدى.
−− مەن بايا ساتىراشخانىدا چاچ ياساتقانىدىم. ئوڭ يېنىمدىكى ئايال ساتىراشقا چاچ ياسىتىپ تۇرغىنى 16- 17ياشلاردىكى زىلۋا بويلۇق بىر يىگىت ئىدى. مەن ئورۇندۇقۇمدىن تۇرۇپلا ئالدىمدىكى ئاسما ئەينەككە ئېڭىشتىم. ئادەتتە چېچىمدىن كۆرە بۇرۇتۇمنىڭ ياسىلىشىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرەتتىم. بۇرۇتۇمنى سىلاشتۇرۇپ ئەينەككە قاراۋاتقىنىمدا، ئايال ساتىراشقا چاچ ياسىتىپ قوپقان ھېلىقى يىگىتنىڭ ئاۋازى قولىقىمغا كىردى:
−− ۋاي، بۇ... بۇ... نېمە قىلغىنىڭىز ئۇستام؟ مەن پۇل بەرمەكتە يوق، سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئالسام قانداق بولىدۇ؟
»ئەجەب قىز بالىدەك ئىنچىكە سۆزلەيدىغان يېتىمكەنا بۇ؟« دېدىم ئىچىمدە سەل كۈلگۈم كېلىپ. خىيالىمنى ساتىراش بۆلدى.
−− ھېچنېمە بولمايدۇ، ئەمدى ئالمىسىڭىز، كۆڭلۈم زادىلا ئارام تاپمايدۇ، ئۆتكەن قېتىممۇ كۆڭلۈمنى يەردە قويۇپ، كېتىپ قالدىڭىز...
−− ياق، ياق، شۇنداق بولسىمۇ ئالالمايمەن.
ئەينەكتىن ئىككىسىنىڭ 100يۈەنلىك بىر ۋاراق پۇلنى ئىتتىرىشىۋاتقان ھالىتىنى كۆردۈم. پۇلنى ساتىراش تەڭلاۋاتاتتى. چاچ ئالدۇرغۇچى بولسا ھە دەپ ئۇنىڭ قولىنى قايتۇرۇپ، كەينىگە داجىيتتى. تالاش - تارتىش خېلى ئۇزاق داۋام قىلغان بولسىمۇ، يىگىت پۇلنى ئالغىلى ئۇنىماي، ساتىراشقا رەھمەت ئېيتقىنىچە چىقىپ كەتتى. ساتىراش بولسا پۇلنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇراتتى.
−− ئەجەب ئىشقۇ بۇ؟ −− دېدىم باش - ئاخىرى نامەلۇم بولغان بۇ سىرلىق ئەھۋالغا قىزىقسىنىپ، −− خېرىدار ئۇستىغا پۇل بەرمەي، ئۇستا خېرىدارغا پۇل زورلاپ يۈرىدا؟ بۇ ساتىراشخانا چاچ ياساتقانلارغا ئاشۇنداق پۇل بېرەمدىغاندۇ - يا؟... ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان بىر دۇكاننىڭ ئېلانلىرى گۈپپىدە ئېسىمدىن كەچتى. ئۇلار پات - پات ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق دەپ، »دۇكىنىمىزغا ئالدىدا كەلگەن مۇنچە خېرىدارغا مۇنچە پۇللۇق دورا سوۋغات قىلىمىز...« دېگەن ئېلانلارنى چاپلاپ قوياتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئالدىدا كەلگەن خېرىدارلارغا بىر مۇنچە دورىلارنى بېكىرىغا بېرىۋاتقىنىنىمۇ كۆرگەنىدىم. قارىغاندا بۇ ساتىراشخانىمۇ خېرىدارلارنى شۇنداق جەلپ قىلىۋاتسا كېرەك. ئاۋۇ يېتىم بىلەن ئىككىمىز تۇنجى خېرىدار بولغان بولساق، شۇڭا پۇل ئالمايۋېتىپتۇ - دە...
كاللامغا شۇ خىيال كەلدى - يۇ، ئەمما سالاپىتىمگە قاراپ، ئەتەيگە بەش يۈەننى چىقىرىپ چېچىمنى ياسىغان ئەر ساتىراشقا ئۇزاتتىم. ئۇ پۇلغا ئەمەس، لاپ قىلىپ يۈزۈمگە قارىدى. ئىم! −− دەپتىمەن تېخى، −− پۇل تەڭلىگىنىمگە خاپا بولۇپ قالدىمۇ ئەمدى؟ راستتىنلا ھەقسىز...
−− ئېزىپ كەتتىڭىزمۇ - يا، باھايىمىزنى راستتىنلا ئۇقمامسىز، −− دېدى ئۇ خىياللىرىمنى بۆلۈپ.
قىزارغىنىم ئۆزۈمگە بىلىندى. يۈز، بويۇنلىرىم كۆيۈشكەندەك بولدى. بەش يۈەننى تۇتقانچە ئۇنىڭ يۈزىگە قاراپ قاپتىمەن.
−− ئون يۈەن! −− دېدى ئۇ مېنىڭ ھاڭۋېقىپ تۇرغىنىمغا ئاچچىق قىلغاندەك. مەن شۇ چاغدىلا ئۆزۈمگە كېلىپ، ئالدىراپ - تېنەپ ئون يۈەنلىكتىن بىرنى ئالدىم - دە، ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم.
كېتىۋاتىمەن، دۇكىنىم تەرەپكە ئەمەس، كوچىنىڭ قارشى تەرىپىگە كېتىۋاتقىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن. مېنى ئالداپ، ئاھانەتكە قويغان سەزگۈلىرىمگە نەپرەت ئوقۇيمەن. توۋا خۇدايىم، مۇشۇ ئەپتىم، مۇشۇ سۆلىتىم، يېنىمدا پومپىيىپ تۇرغان بىر سىقىم پۇللىرىم بىلەن بىر قېتىملىق چاچ - ساقال ياسىتىش ھەققىنى تەمە قىلىپ يۈرگىنىم نېمىسى؟ نەس باستۇرغان ھېلىقى ئايال ساتىراش بىلەن ئۇ ئاداشنىڭ ئىشىنى بىلمىگەندىن كېيىن، پۇلنى تۆلىۋېتىپ غىپپىدە چىقىپ كەتسەم بولمامدۇ؟ »ئوبۇل تاشچى« دېسە مېنى تونۇمايدىغانلار قانچىلىك ئىدى؟ ھېلىمۇ ياخشى، بايىقى قاملاشمىغان ئىشىمنى ئاۋۇ بالا كۆرمىدى. بەختىمگە باشقا خېرىدارلارمۇ يوق ئىكەن.
ئاچچىقىمدا ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يېگۈدەك بولۇپ، كەينىمگە ياندىم. كەلگەن يېرىم بىلەن مېڭىپ، بايىقى نەس باسقان ساتىراشخانا ئالدىغا يېقىنلاشقاندا، نېمىشقىدۇر توختاپ قالدىم. بەلكىم بايىقى ئىزادا ئۇ يەردىن ئۆتەلمەي تۇرۇپ قالغاندىمەن. شۇڭا، شارتتىدە بۇرۇلۇپ يان كوچىغا كىرىپ كەتتىم. بۇ، بىزنىڭ قاشتاشچى ھەقەمسايىلىرىمىز ئوقەت قىلىدىغان رەستە ئىدى. بۇ يەردە ئىشىم بولمىسىمۇ، ئۇياقتىن ئايلىنىپ كېتىش ئۈچۈن كېتىۋەردىم. كېتىۋېتىپ، تۆت چاقلىق بىر غالتەكنى ئىتتىرىپ كېلىۋاتقان بىرىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. غالتەكتە بىر - ئىككى چېلەكتە ئۈزۈم شىرنىسى بىلەن قېتىقتا ئەتكەن دوغ، بىر داستا مۇز ۋە بىر نەچچە ئىستاكان تۇراتتى. بېشىدا قارا كەپكە، ئۇچىسىدا بەستىگە ماس كەلمەيدىغان كەڭ بوغما چاپان، قېلىن رەختتىن قىلىنغان تار پادىچى ئىشتىنى كىيىۋالغان بۇ دوغچى بايا ساتىراشخانىدا پۇل ئىتتىرىشكەن يىگىتنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. ئۇنى بىر قاراشتىلا تونۇپ قالدىم.
ئۇنى كۆرۈپ ئەسەبلىرىم يەنە بىر قېتىم قوزغالدى. ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم. نەچچە قەدەم ماڭا - ماڭماي يەنە توختاپ قالدىم. خىيالىمغا توساتتىن ئۇنىڭ بايىقى چۈشىنىكسىز ئىشلىرىنىڭ تەكتىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى كىرىپ قالغانىدى. كەينىمگە يېنىپ ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدىم. قېرىشقاندەك مەن يېقىنلاپ كېلىشىمگىلا، ئۇنى بىر توپ خېرىدار ئورىۋالدى. مەن يول ياقىسىدا تۇرۇپ ئۇنى كۈتتۈم، ئالاھازەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئۇ غالتىكىنى ئىتتىرىپ، مەن تۇرغان يەردىكى دەرەخ سايىسىغا كېلىپ توختىدى - دە، ھارۋىسىنىڭ تېگىدىن بىر ئورۇندۇقنى ئېلىپ ئولتۇردى. ئۇ چىپ - چىپ تەرلەپ كەتكەنىدى. ئۇ يېنىدىن ئاپپاق بىر لۆڭگىنى چىقىرىپ يۈزىنى سۈرتتى، بىر قولىدا چۆرگىلىتىپ ئۆزىنى يەلپۈدى.
مەن ئاستاغىنە يېقىنلاپ، يان تەرەپتىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم.
−− نېمىدىن ئېتەي ئاكا؟ ھەسەل شىرنىسىمۇ، ياكى قېتىقتىنمۇ؟
توۋا، بۇ يېتىمنىڭ ئاۋازى نېمانچە زىل ھە؟ كاللامغا يەنە شۇ خىيال كەلدى. ئوغۇل بالا بولغاندىن كېيىن، بوڭ - بوڭ سۆزلىمەي.
−− قادەدىن ئېتە بىر چىنە! −− دېدىم خىياللىرىمدىن كېچىپ. ئۇ، مۇزنى كارتىلدىتىپ گۈرۈچ دانىسىدەك قىرىپ، بىر چىنە قېتىق دوغى ئېتىپ بەردى. دوغىنى ئىچكەچ يىگىتكە قارىدىم. قاش - كىرپىكى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، قاڭشارلىق، لەۋلىرى بىلىنەر - بىلىنمەس قېلىنراق كەلگەن بۇ بالىنىڭ رەڭگىرويى بىر قاراشتىلا قىزلارغا ئوخشاپراق كېتەتتى. ئاۋازىمۇ قىزلارنىڭكىدەك ئىنچىكە ئىدى.
بويى چىققىنى بىلەن ئۆزىمۇ كىچىك بالا ئوخشايدۇ تېخى، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. دېمىسىمۇ، كىيىۋالغان كىيىملىرىنى، قىلىۋاتقان كەسپىنى دېمىگەندە، بىر يەرلىرىدىن قىز بالىنىڭ سېماسى چىقىپلا تۇراتتى.
−− نەچچىگە كىردىڭ ئۇكام؟ −− ئېغىزىمغا تۇنجى بولۇپ شۇ سوئال كەلدى. دوغچى سەل تۇرۇپ قېلىپ، مۇز چوقچىلىغاچ جاۋاب بەردى:
−− 18گە كىردىم.
−− تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئوقەت قىلىۋېتىپسەن - ھە؟
−− ياق ئاكا، مەن ئوقۇپ بولغان، −− دوغچى نېمە ئۈچۈندۇر لېۋىنى بوشقىنە چىشلەپ قويۇپ ئۇلۇغ - كىچىك تىندى.
سورىغان سوئالىم كۆڭلىگە تەگدىمۇ نېمە؟ دېدىم ئىچىمدە ۋە يەنە گەپ ئېلىپ باققۇم كەلدى.
−− تولۇقتىن كېيىنلا توختاپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ بۇ ياشتا دېگەن ئالىي مەكتەپكە بارماي.
−− ھەي... ئاكا، مېنى بارغۇسى يوق دەمدىلا؟ ئوقۇش راسخوتىمغا پۇل بولمىغاندىكىن ، توختاپ قالماي بولمىدى. ئوقۇيالمىدىم دەپ قاراپ ئولتۇرغىلىمۇ بولمايدىكەن. ئانچە - مۇنچە ئىش تېپىپ جېنىمنى باقاي دېدىم.
−− شەھەرلىكمۇ؟
−− سەھرالىق، −− كۈلدى دوغچى، −− شەھەردە ئىجارە ئولتۇرۇپ قىلىۋاتىمەن بۇ ئىشنى.
−− ھە... مۇنداق دە، −− توساتتىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئويلاپ قالدىم، −− ئۆي ئىجارىسىمۇ ئەرزان ئەمەستۇ؟ يەنە يەپ - ئىچمىسە، كىيىم - كېچەك كىيمىسە بولمايدىغان گەپ. دوغچىلىقتىن تاپقىنىڭ بىلەن تۇرمۇشۇڭنى قامداپ، قانچىلىك بىر نېمە ئېشىنالارسەن ئۇكام؟
−− ئامال يوق ئاكا، ھازىرچە ئىز پۇلى بولسىمۇ قىلىپ تۇردۇم. كېينچە ئاستا - ئاستا ئېشىنىدىغان ئىشلارنى تېپىۋالارمەن.
−− ھە راست، −− دېدىم گەپنى مەقسىتىمنىڭ ئۆزىگىلا بۇراپ، −− ئوقىتىڭمۇ چاغلىقكەن. بايا ساتىراش 100يۈەننى تەڭلەپ تۇرسا ئەجەب ئالمىدىڭا؟ 100يۈەن دېگەن سېنىڭ بىرەر كۈنلۈك سوداڭنىڭ پۇلى تۇرسا.
−− ئالغۇم كەلمىدى. خۇددى پۇل ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بەرگەندەك...
−− كوچىلاپ سوراۋەردى دېمە ئۇكام، ئەجەب چاچ ياسىتىپ سەن ھەق تۆلىمەي، ساتىراش ساڭا پۇل زورلاپ كەتتى دەيمەن.
−− سوراپ قالدىڭىز ئاكا، −− مېيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، −− بۇ، 20كۈنچە ئالدىدا بولغان ئىش. شۇ كۈنى چۈشتە ئىسسىقتا تەرلەپ زادى بولالمىدىم. يۇيۇنغاچ بىر سەگىدەپ كېلەي دەپ دەريا بويىغا باردىم. بىر توقايدا سۇ توختاپ قالغان ئوبدانغىنە بىر كۆلچەك بار ئىكەن. مېنىڭدىن 20- 30قەدەمچە نېرىدا ئۈچ - تۆت كىچىك بالا بېلىجانلارنى قوغلاۋاتامدىكىن، سۇغا قول تىقىپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرەتتى. مەن كۆلچەككە چۈشۈپ يۇيۇنغىلى تۇرغانىدىم. بىر چاغدا قۇلىقىمغا بىر قىيا - چىيانىڭ ئاۋازى كىردى. دەسلەپ سىنەكىمىدىم. باشلىرىمنى يۇيۇپ تۇرسام، بالىلار تېخىمۇ چىرقىرىشىپ، سەكرەشكىلى تۇردى. يىلان ئۇچراپ قالغان بولسا، قورققان ئوخشايدۇ دېدىم - دە، سۇدىن چىقىپلا يۈگۈرۈپ كەلدىم.
−− ئەنە ... ئەنە... ئاشۇ يەرگە چۆكۈپ كەتتى! −− دېدى بالىلارنىڭ بىرى مېنى كۆرۈپ. ئۇلار كۆرسەتكەن يەر لايلىنىپ تۇراتتى، تەكتىدىن ئۇششاق - ئۇششاق كۆپۈكچىلەر بۇلۇقلاپ چىقاتتى. بىرەرى سۇغا چۆكۈپ كېتىپتۇ - دە؟ كۆڭلۈمگە شۇ قىياس كېلىش بىلەنلا كىچىككىنە بىر قول بىلەن باشنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپ يەنە چۆكۈپ كەتتى. مەن شۇ چاغدىلا ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ، سۇغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئۇ يەتتە - سەككىز ياشلاردىكى بىر قىز بالا ئىكەن. بالىلارنىڭ ۋارقىرىشىمۇ، مېنىڭ يېتىپ كېلىشىممۇ ناھايىتى تېز بولغانچېغى، بالا تۇنجۇقۇپ قالاي دېگىچە قۇتقۇزۇۋالدىم.
بالىنى دۈم ياتقۇزۇپ ئىچىۋالغان سۇلىرىنى ياندۇرغۇزۇۋاتاتتىم، نەدىندۇر ئۆڭسۆلى ئۆچكەن بىر ئايال پەيدا بولدى - دە، ھېلىقى قىزچاققا ئۆزىنى تاشلاپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى. كېيىن ئۇقسام، بالىنىڭ ئاپىسى ئىكەن. بالىلار بىلەن دەريا ئىچىگە چۈشۈپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ ئىزدەپ كېلىشى ئىكەن.
−− ھە... بىلدىم، ئۇ، ھېلىقى ساتىراش ئايالنىڭ قىزى ئىكەن - دەڭە؟
−− شۇنداق بولمامدۇ. ئايال شۇ يەردىلا يېنىنى كوچىلاپ بىر مۇنچە تېپىرلاپ كەتتى.
»ئەستا ... يېنىمدا... يېنىمدا پۇلمۇ يوقكەن. ئوبدان ئىنىم، بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى. مەن سىزگە ئوبدان رەھمەت ئېيتمىسام بولمايدۇ« دەپ تۇتۇۋالدى.
−− رەھمەت، −− دېدىم مەن ئۇنىماي، −− مەن سىزنى بىر نەرسە بېرەرمىكىن دەپ قىلمىدىم بۇ ئىشنى. تەرەپباللا ئۇچرىتىپ قالدىم. بىر ئادەمنىڭ جان ئىشىكەن. چامىم يەتكەندىكىن قۇتقۇزۇۋالدىم.
شۇنداق قىلىپ ئايال نەچچە تەزىم قىلىپ بالىسىنى ئېلىپ كەتتى. بۈگۈن نەدىن بىلەي، چېچىمنى ياسىتاي دەپ ئاشۇ ئايال ئىشلەيدىغان ساتىراشخانىغا كىرىپ قالمامدىمەن. ئۇ مېنى كۆرۈپلا »ئۆزۈم ياسايمەن« دەپ ئىككى سائەتتە ياساپ بولدى دەڭە.
مېنى خاتا سېزىمگە كەلتۈرۈپ، ئوسال قىلغان ئىشنىڭ تەكتى يېشىلدى.
ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ئادەملىكىنى، يوقسۇزلۇقتىن بىر داچەننىڭ تۆشۈكىدىن مىڭ قېتىم ئۆتۈپ يۈرسىمۇ كۆزقارنىنىڭ يەنىلا توقلۇقىنى ھېس قىلىپ بۇ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
ئۆزىمۇ دۇرۇس بالىدەك قىلىدۇ، ئىشەنچ قىلىپ ئىشقا سالسا، ئۈمىدنى ئاقلىيالىغۇدەك...شۇ كۈنلەردە، ماڭا مۇشۇنداق ئىشەنچلىك ئىشلەمچىلەردىن بىر نەچچىسى تازا لازىم بولۇپ تۇراتتى. ئۇنى ياللىۋېلىشنى ئويلاپ، چېكىپ بېقىشقا باشلىدىم.
−− بىر كۈنلۈك سوداڭ زادى قانچە پۇلغا توختايدۇ، ئۇكام؟
دوغچى كۆزلىرىنى نەگىدۇر تىكىپ تۇرۇپ، ئىچىدە نېمىلەرنىدۇر ھېساب قىلغاندىن كېيىن، پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ، ماڭا قارىدى:
−− دەپ كەلسەم، جاپاغا تۇشلۇق بىر نېمە يوق ئىكەن، ئىشقىلىپ، كۈنلۈكى 70- 80يۈەن، ياخشىراق بولۇپ قالسا بىرەر 100يۈەنچە پۇل چۈشىدۇ. مۇز، قېتىق، شىرنە ئالىمەن، تاماق يەيمەن دېگەنلەردىن ئاشسا، 40- 50يۈەن قالارمىكىن.
ئۆزۈمنىڭ سودىسىغا سېلىشتۇرۇپ، دوغچىغا ئىچىم سەل ئاغرىپ قالدى. دېمىسىمۇ، بىر كۈن كەچكىچە كوچىمۇكوچا ھارۋا ئىتتىرىپ يۈرۈپ ئوقەت قىلماق ئاسانمۇ؟
−− ھەي... باشقىچىرەك بىر ئوقەت قىلساڭ بولۇپتىكەن ئۇكام، مىسالەن، ئاشپۇزۇل، ناۋايخانا ئېچىشتەك، ياكى بولمىسا پۇلى ئاۋۇيدىغانراق بىرەر كەسىپنى دەيمەن.
−− ئۇ ئىشلارغا نەدىكى دەسمايە دەيسىز ئاكا؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈممۇ مۇشۇنداق ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى قىلمىسام، باشقا ئىشلارغا قۇربىم يەتمەيدۇ، شۇ.
−− سېنى بېلى خېلى چىڭ ئوخشايدۇ دېسەم، قىلالمايمەن دەيسىنا؟
دوغچى جىممىدە بولۇپ قالدى. ئۇ نېمىدىندۇر قىسىلىۋاتقاندەك بىچارە ھالەتتە ئىدى.
−− ئوبدانراق يەردىن ئىش تېپىپ بەرسەم قىلامسەن؟
−− نېمە ئىش دەيلا؟ −− دوغچى لاپپىدە قارىدى.
−− مەسىلەن، دۇكانغا قارايدىغان... ھەي ئىسىت، كومپيۇتېر بىلگەن بولساڭ - ھە؟ تېخىمۇ ياخشى ئورۇنغا ئىگە بولاتتىڭ ئەمەسما؟
−− كومپيۇتېرنى تازا بىلىپ كەتمىسەممۇ، ئانچە - مۇنچە ئىشلىتەلەيمەن. خەت ئۇرۇش دەمدىلا، ئىستاتىستىكىچىلىق، تور - ئۇچۇرچىلىق دېگەندەك...
−− نېمە؟ −− ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرىغا بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، كۆزلىرىمنى چوڭ ئاچتىم، −− ئاشۇ دېگەن ئىشىلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى قىلالامسەن؟
−− سىناپ باقسىلا بولىدۇ.
−− شۇنداق قىلالىساڭ ياخشى گەپكەن ئىنىم، بولمىسا، مېنىڭ شىركىتىمدە ئىشلەپ بېرەمسەن - يا؟ ئايلىقىڭغا ھازىرچە 1000سوم بېرىمەن. مېنىڭ گېپىم ئوچۇق ئادەم، ئەگەر ھەقىقەتەن بىڭسىڭ بولسا، كېيىنچە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئېلىشىڭ مۇمكىن.
−− سىلى... سىلى... ماڭا چاقچاق قىلىپ يۈرمىگەنلا - ھە؟ راست 1000يۈەن بېرەمدىلا؟
−− ۋاي - ۋۇي ... چاقچاق قىلىپ نېمە قىلاي ساڭا؟ سەن يا قىز بالا بولمىساڭ...
دوغچى باشتا بەقەمدەك قىزاردى. كېيىن يۈزىدىكى قىزىللىق لاپپىدە ئۆچۈپ، قولىغا مۇز قىرغۇچنى ئالدى.
−− نېمە شىركەتلىرى بار سىلىنىڭ؟
−− تەكتىنى بىلمىسەڭ ماقۇل دېمىگۈدەكسەن تېخى - ھە؟ −− كۈلدۈم مەن، −− قاشتېشى توپ - پارچە سېتىش ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى. يەنە ئالىدىغان - ساتىدىغانلار ئارىسىدا ۋاستىچىلىق مۇلازىمىتى. سودىمىز كۆپ، تاپاۋىتىمۇ ئاۋۇن بىر شىركەت ئۇ، يېقىندا تور ئارقىلىق ئېلىش - سېتىش تۈرىنى يولغا قويماقچى ئىدىم. مانا سەندەك بىر ئادەم لازىم بولۇپ تۇراتتى. شۇ ئىشنى خالامسەنكىن؟
−− سىلى بولىدىكەن دېسىلە سىناپ كۆرەي، قىلالىسام قالارمەن، قىلالمىسام خوش دەپ قويالا.
−− مانا ماۋۇ گېپىڭ بولدى. غالتەك - پالتىكىڭنى غاچچىدە ئاپىرىۋېتىپ ماڭىمىزمۇ ئەمىسە؟
−− ۋاي، مۇشۇنداق تېزما؟ −− دوغچى ئىشەنمىگەندەك قارىدى.
−− بۇ دېگەن ئۇچۇر دەۋرى ئىنىم! ئۇچۇرنىڭ كەينىدە قالساق تىجارەت ئۆلىدۇ. پۇل - پايدا كېتىپ قالىدۇ.
ئەلقىسسە:
يىگىت ھېكايىسىنى يەنە داۋام قىلدى.
−− شۇنداق قىلىپ، دوغچى غالتىكىنى تاشلاپ كومپيۇتېر ئۈستىلىگە ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئىسمى زەينىدىن ئىدى. شىركەتكە ئېلىپ كېلىپلا بىر نەچچە قۇر كىيىم سېتىۋېلىپ، باشتىن - ئاياغ جابدۇپ قويدۇم. زەينىدىن راستتىنلا ئىچىدە ھۈنىرى بار، زېرەك يىگىت ئىكەن. گەرچە ئالىي مەكتەپكە بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، نەلەردە يۈرۈپ ئۆگەنگەن ئىدىكىن، كومپيۇتېرغا خېلىلا ماھىر ئىدى. خەت ئۇرۇش، جەدۋەل تۈزۈش، توختام ئىشلەش ئىشلىرىدا قولتۇقۇمدىن قانات ئۈنۈپ چىققاندەكلا بىر ياخشى تايانچىغا ئىگە بولۇپ قالغانىدىم.
بىر كۈنى بىر نەچچە تورغا ئېلان يوللىدۇق. ئۇزاققا قالماي ئېلانلىرىمىزنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. تەرەپ - تەرەپتىن بىر نەچچە خېرىدار كېلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تاش يۆتكىدۇق. ئەلۋەتتە، تاشنى رەستىدىكى سېتىقچىلار ۋە كان قېزىۋاتقانلاردىن پارچە ئېلىپ، توپ يۆتكەيتتۇق. ئۆزىمىز كان قېزىپ جاپا تارتمايتتۇق. شۇ قېتىم ساپمۇساق 5 مىليون پايدىغا ئېرىشتىم. بۇنى خۇدا بەرگەن ئامەت دەپ قارىساممۇ، زەينىدىننىڭ ئايىغىنىڭ ياراشقانلىقىنى چەتكە قاقالمايتتىم.
−− دىرېكتور، −− دېدى ئۇ بىر كۈنى توختامنىڭ تېكىستىنى ئۇرۇۋېتىپ، −− ماڭا مۇنداق بىر ئوي كېلىۋاتىدۇ. دېسەم سىلىگە خوپ كېلەرمىكىن - بىلمىدىم.
−− قېنى ئاۋۋال دەپ باقمامسەن؟
−− شىركىتىمىز نامىدىن بىر تور بېتى ئىشلىسەك بولغۇدەك دەپ قالدىم. سىلىچە قانداق بولار؟
−− تور بېتى دەمسىنا؟ قانداق قىلارمىز تور بېتىنى؟ ئۇنىڭغا چىقارغۇدەك قانچىلىك بىر نەرسىمىز چىقار؟ ئۇنىڭ ئۈستگە تور بېتى دېگەننى ئىشلەيمەن دەپلا ئوخشاتقىلى بولمىسا، كىمگە يالۋۇرارمىز؟
−− تور بېتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى دېمىسەممۇ ئۆزلىرى بىلىلا، ئەگەر بولىدۇ دېسىلە، مېنىڭ بىر تونۇشۇم بار. تور بېتىنى يامان ئەمەس لايىھەلەيدۇ. شۇنىڭغا ئىشلەتكۈزەي.
−− مۇنداق ياخشى گەپمۇ بار دېگىنە؟ ئىشلەپ بېرىدىغان ئادىمىڭ بولسا ئىشلىتەيلى.
زەينىدىن ئەتىسى 20- 21ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنى باشلاپ كەلدى. ئاق پىشماق كەلگەن بۇ قىز خۇددى زەينىدىندەكلا خۇش پېئىل، خۇش مۇئامىلە ئىدى. دائىم كۈلۈپلا تۇراتتى. گەپ سۆزى سىلىق - سىپايە، ھايالىق ئىدى. ئىككىسى ئىككى ئورۇندۇقتا يانمۇيان ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر ھەپتىدەك ھەپىلىشىپ بىر تور بېتى لايىھەلەپ چىقىشتى. تور بېتى شۇنداق كۆركەم، چىرايلىق ئىدى. نەلەردىن كۆچۈرۈپ كەلدىكىن تور مەستانىلىرىلا ئەمەس، ئادەتتىكى تورغا قىزىققۇچىلارنىڭ ھەممىسى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان بىر نەچچە سەھىپە خىلمۇخىل ئوقۇشلۇقلار، بىلىم جەۋھەرلىرى بىلەن بېزەلگەن ئىدى. مەخسۇس ئېلان - ئۇچۇر ئۈچۈن لايىھەلىگەن بىر نەچچە يۈرۈش ھەرىكەتچان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋېتىپ، ئۆزۈممۇ تور ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن.
زەينىدىن بىلەن ئۇچرىشىپ قالغىنىمدىن يەنە بىر قېتىم مەمنۇن بولدۇم. شۇ خۇشلۇقۇمدا ئىش ھەققىنى بىراقلا 2000يۈەنگە چىقىرىپ بەردىم. ئۇ شۇنچىلىك ھەق ئېلىشقا لايىق ئىدى. تور بېتىمىز ئىشلىنىپ، بىر ئايغا قالمايلا سودىمىز بىر نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى. تور ئارقىلىق سودا قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى.
مەن دەسلەپ ھېلىقى قىزنى زەينىدىننىڭ سۆيگىنىمىكىن دەپمۇ قالدىم. كېيىن ئىككىسىنىڭ ياش پەرقىگە قاراپ، راستتىنلا يېقىنى ئوخشايدۇ دېدىم. كۆڭلۈمدە بولسا، ئىككىسىنى چېتىپ قويغۇممۇ كەلدى. شۇنداق بولغاندا شىركىتىمدە قابىلىيەتلىك ئادەمدىن يەنە بىرى كۆپىيەتتى.
−− ھېلىقى قىزنى ياخشى كۆرەمسەن؟ −− سورىدىم بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن.
−− قاي... قايسى قىزنى دەيدىلا؟
−− ھېلىقى سەن باشلاپ كەلگەن قىزنىچۇ؟
زەينىدىن ۋىللىدە قىزىرىپ، كۆزىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى.
−− ئۇ دېگەن ئېرى بار چوكان.
−− ھە... مۇنداق دە. ئەجەب، ساڭا باب كۆرۈپتىمەنا ئۇنى. ئىككىڭلار بەك ماس كېلىدىكەنسىلەر بولمىسا...
−− ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئوقۇتقۇچى. زورەمنىڭ ئىشتىن سىرت ئېچىۋاتقان تورخانىسى، تور پونكىتى بار. ئۆزىمۇ شۇ ئىشلارغا بەك قىزىقاتتى. شۇنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ كومپيۇتېرغا قىزىقىپ قالغان.
−− سىلەر بىللە ئوقۇغانمۇ؟
−− ياق، ئۇ مەندىن بۇرۇن ئوقۇپتىكەن. ئەمما ئاتا - ئانىسى بىلەن بىر مەھەللىدىن.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. شىركىتىمىز بارغانسېرى زورىيىپ، بىر نەچچە ناھىيە - شەھەردە تارماق شىركەتلەر، ۋاكالەتچىلىرىمىز بارلىققا كەلدى. بۇ كۈنلەردە زەينىدىن باش شىركەتنىڭ باش كاتىپلىقىنى ئاتقۇزۇۋاتاتتى. ئۇنىڭغا بىنادىن بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بەرگەن بولساممۇ ھېلىھەم بويتاق تۇرۇۋاتاتتى. ئۆيلىنىش، قىز تېپىش توغرىسىدا ئېغىر ئاچساملا، ھامان ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرەتتى.
−− ھازىر تېخى ۋاقتى ئەمەس، −− دەيتتى يەنىلا قىزلاردەك يەرگە ئېڭىشىۋېلىپ، −− يەنە بىرەر يىل ئۆتسۇن...
−− ھېلىمۇ 20ياشقا كىرەي دەپ قالدىڭ، ئاداش! يىگىتلىكنىڭ پەيزى كەتكەندە قىلامسەن توينى؟
−− مېنىڭمۇ ئويلىغانلىرىم بار، لىدىر، ھامان بىر كۈنى...
ئۇ ھامان شۇنداق دەيتتى - يۇ، گېپىنىڭ ئاخىرىنى يەپ كېتەتتى. كېيىن مېنىڭمۇ كارىم بولمايدىغان بولدى. ئۇمۇ خۇددى ئۆمۈربويى توي قىلماسلىققا، خوتۇن ئالماسلىققا قەسەم قىلىۋەتكەندەك بىر خىلدا جىم - جىملا يۈرۈۋەردى.
تېگىدە ئازراق دەزى بار ئاداش ئوخشايدۇ بۇ، ئۆزىمۇ قىز بالىدەكلا بىر نېمىكەن. بىرەر كاشىلىسى بولمىسا، خوتۇن ئالار ئىدى. ھېچ بولمىغاندا بىرەر قىز بىلەن يۈرگىنىنى كۆرگىلى بولار ئىدى، دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى زادىلا چۈشەنگىلى بولمايتتى. پەقەت باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلەتتى. ئەمما بىر خۇيى مېنى بىر ئاز ھەيرەتكە سالاتتى. ئاڭلىسام، ئۇ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى دائىم تاقاپ ئولتۇرىدىكەن، قوشنىلىرى ئىشىكنىڭ ئوچۇق تۇرغىنىنى زادى كۆرۈپ باقماپتۇ. كىملا ئىزدىمىسۇن، ئىشىكنى قاقمىسا ئۆيگە ئۈسسۈپلا كىرەلمەيدىكەن. ئاخشاملىرى تالا- تۈزگە چىقىپ ئايلىنىدىغان، ئويۇن - تاماشا قىلىپ كېلىدىغان ئىشلىرىمۇ يوق ئىكەن.
بۇلارنى ئاڭلاپ ھەر ھالدا بىكار لاغايلاپ يۈرىدىغان بەڭباش يىگىتلەردىن ئەمەسلىكىدىن سۆيۈندۈم. لېكىن، ئىشىكنى دائىم تاقاپ ئولتۇرۇشىدىن سەل ھەيرەتكە چۆكتۈم. ئىشىكنى تاقىۋېلىپ زادى نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ ئۇ؟ بىرەر نەرسە ئۆگىنەمدىغاندۇ؟ يېزىقچىلىقتىن دىتى بولسا كىتاب يازامدىغاندۇ - يا؟ بىرەر قانۇنسىز ئىش قىلىپقۇ يۈرمىگەندۇ - ھە؟
كاللامغا كېيىنكى سوئال چۈشۈش بىلەن تېنىم جۇغ قىلىپ قالدى. ئەگەر شۇنداقلا بولۇپ بىرەر كاشىلىسى چىقىپ قالىدىغان بولسا »قازانغا يولۇقساڭ قارىسى، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى يۇقار« دېگەندەك ماڭىمۇ بالاسى تەگمەي قالمايتتى. چۈنكى ئۇنى مەن ئىشلەتكەن. مەن مائاش بېرىپ ئۆي - ماكانلىق قىلىپ قويغان. يەنە كېلىپ ئاشۇ يامان ئىشنى مەن بەرگەن بىنا ئۆيدە قىلسا، يامانغا چىراغ يېقىپ بەرگەن ئوبۇلئاخۇن مەن بولماسمەنمۇ؟
شۇلارنى ئويلاپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، ئىشىكنى نېمىشقا تاقىۋالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلگۈم كېلىپلا كەتتى. بۇ خىيال مېنى ھەر كۈنى كەچ زەينىدىننىڭ ئۆيى تەرەپكە سۆرەيتتى. ئىشىكىنى تۇيۇقسىز ئېچىپ كىرىپ، قىلىۋاتقان ئىشىنى كۆرگۈم كېلەتتى. ئەمما نېمىگە باھانىداپ كىرىشىمنى بىلمەيتتىم.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كەچلىكى ئۇنىڭ تېلېفونىنىڭ ئىشخانىدا توكقا چېتىقلىق يېرىدە قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم - دە، سىناپ بېقىش نىيىتىدە تېلېفون قىلىپ باقتىم. ھېلىقى تېلېفون راستتىنلا ئۇنىڭ ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇدۇل بېرىپ ئۇنىڭ ئىشىكىنى ئىتتىردىم.
دېگەندەك ئىشىك ئىچىدىن تاقاق ئىدى. تىڭشاپ باقتىم. ئىچىدىن ھېچقانداق غەيرىي تىۋىش ئاڭلانمايتتى. بىر دەملىك ئىككىنىشلىتىن كېيىن، ئىشىكنى قاتتىق - قاتتىق ئۇردۇم.
−− كىم!؟ −− دېگەن ئاۋاز چىقتى ئۆيدىن.
−− مەن، ئوبۇلئاخۇن!
ئۆي ئىچىدە نېمىلەردۇر تاراقلاپ كەتتى. ئاندىن بىر ھازا كىتىرلاش، شىتىرلاشلاردىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپ، زەينىدىن كۆرۈندى. ئۇنىڭ بىر تۈگمىسى خاتا ئېتىلگەن، چاپىنىنىڭ بىر پېشى ئۈستۈن، بىر پېشى ئاستىن تۇراتتى. چىرايىدا قانداقتۇر بىر خىل جىددىيلىشىش، ئەنسىزچىلىك ئالامەتلىرى ئەلەڭلەيتتى.
−− ھە... ھە... لىدىر ئىكەنغۇ؟ −− دېدى ئۇ دۇدۇقلاپ.
چوقۇم بىر غەيرىيلىك بار، دېدىم ئىچىمدە ۋە زەردە بىلەنراق دېدىم:
−− شۇنداق، مەن! نەچچە قېتىم تېلېفون ئۇرسام ئېلىپمۇ قويمايسىنا؟ مېنىڭ نومۇرىمنى بىلىپ تۇرۇپ ئالمىغىنىڭمۇ - ئۇ؟
−− ياق.. ياق، ئۇنداق ئەمەس، لىدىر، تېلېفونۇم ئىشخانىدا ئۇنتۇلۇپ قاپتىكەن، بولمىسا، ئ−الماسلىق−قا ھ−ەددىممۇ؟ ئىش بولسا ھازىرلا ماڭاي...
ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ ئىشىك سىرتىغا چىقتى. گۇمانلىرىم تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇنىڭ ئۆيىنى بىر كۆرمىسەم، زادىلا قانائەت تاپمايدىغاندەك قىلاتتىم.
−− بولدى، ئىشخانىغا بارمىساقمۇ بولىدۇ، −− دېدىم قولۇمدا ئەتەي تەييارلاپ كەلگەن بىر ماتېرىيالنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ، −− بۇرنا كۈنى تۈزگەن ماۋۇ توختامنىڭ مال تۈرىدە قىسمەن ئۆزگىرىشلەر بولدى، تۈزىتىپ ئەتىگەندىلا يوللىمىساق بولمايدۇ، −− دېدىم ۋە تەكەللۇپسىزلا ئۆيىگە ماڭدىم. ئۇ ئىشىك يېنىغا ئۆتۈپ ماڭا يول بەردى. چىرايىدا بولسا قانداقتۇر بىر ئەنسىرەش، جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى بىر- بىرىگە ئالمىشىپ تۇراتتى. ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا بۇرنۇمغا گۈپ قىلىپ بىر خىل ئەتىر سوپۇننىڭ ھىدى ئۇرۇلغاندەك قىلدى. مەن تۇيدۇرمايلا ئۆي ئىچىگە سەپسالدىم. ئۆيدە بىر كارىۋات، سېلىپ قويغان بىر كىشىلىك ئورۇن، بىر جوزا ۋە ئورۇندۇقتىن باشقا غەيرىي نەرسە يوق، قويۇلغان باشقا نەرسىلەرمۇ شۇنداق ئېدىتلىق ئىدى. جوزا ئۈستىدىكى كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئالدىدا ئىككى پارچە كىتاب، بىر قەلەم بولۇپ، بىر كىتاب ئېچىقلىق تۇراتتى. كېلىپلا ئېچىقلىق كىتابقا قارىدىم. ئۇنىڭ ئۇيەر - بۇيېرى قىزىل قەلەم بىلەن سىزىلغان بولۇپ ھېلىلا بۇ كىتابنى كۆرۈۋاتقاندەك قىلاتتى. كىتابلارنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ باقتىم. يېنىدىكى »خانىم - قىزلار دەستۇرى«، بەتلىرى سىزىپ قويۇلغىنى »يەھۇدىيلارنىڭ تىجارەت دەستۇرى« دېگەن كىتابلار ئىدى.
كىتابلارغا قاراپ ئۆيگە ئۈسسۈپ كىرگىنىمدىن سەل پۇشايمان قىلىپمۇ قالدىم، لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدا ھېلىھەم ئەكس ئېتىپ تۇرغان جىددىيلىكى مېنى يەنىلا تەئەججۈپ ئىلكىگە ئېلىپ تۇراتتى.
−− قىزلارغا ئائىت كىتابلارنىمۇ كۆرۈۋېتىپسەن - ھە تېخى؟ »توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال« دېگەندەك بويتاق يىگىت قىزلارنى چۈشىنەي دەۋېتىپتۇدە؟
−− ئوقۇپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق، −− دېدى ئۇ زورىغا كۈلۈپ، −− مانا، تىجارەت دەستۇرىنىمۇ كۆرۈۋاتىمەن. يەھۇدىيلارنىڭ تىجارەت ئېڭى ھەقىقەتەن يۇقىرى خەقكەن.
−− راست، بىزنىڭمۇ ئۆگىنىدىغان يەرلىرىمىز خېلى بار، −− دېدىم چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ، −− ئەممازە، تىجارەت دەستۇرىنى ئۆگىنىۋېلىپ شىركەتنى مەندىن تارتىۋالمايدىغانسەن؟
−− نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنلا لىدىر. مەن شۇنداقمۇ قىلارمەنمۇ؟ مۇشۇ شىركىتىمىزگە پايدىسى تېگىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەۋاتىمەن. شىركەت روناق تاپسا، مەنمۇ روناق تاپىمەن ئەمەسمۇ.
−− بۇ گېپىڭغۇ توغرا، ساڭا مەستلىكىم كېلىپ، مۇنداقلا چاقچاق قىلىپ قويدۇم. ھە راست، ماۋۇ ئىش بەك مۇھىم. تولۇقلىنىدىغان جايلارنى ئۈستىدىن ئۆزگەرتىپ قويدۇم. كەچ بولۇپ قالغان بولسىمۇ كومپيۇتېرىڭدا شاققىدە ئىشلەپ ئەتىگەن ئالغاچ بارارسەن.
قولۇمدىكى ماتېرىيالنى تاشلاپ قويۇپ يېنىپ چىقتىم. ئۇ ئىشىك تۈۋىدە مېنى ئۇزىتىپ قالدى. مەن تۇنجى پەلەمپەيدىن پۇت ئېلىۋاتقىنىمدا قۇلۇپنىڭ تاقالغان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى.
يىگىت سوۋۇپ قالغان چېيىنى غۇرتۇلدىتىپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن قولىنىڭ كەينى بىلەن ئېغىزىنى سۈرتتى. ئاندىن بىر تال تاماكىغا ئوت يېقىپ شورىغاچ داۋام قىلدى.
−− كۈنلەر شۇ يوسۇندا ئۆتۈۋەردى. شۇ قېتىم زەينىدىننىڭ ئۆيىدىن بىرەر غەيرىي ئەھۋالنى، خۇسۇسەن قانۇنغا خىلاپ بىرەر مەسىلىنى سېزەلمىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ ئىشىك تاقاپ ئولتۇرۇش ئادىتىنىڭ سىرى ھېلىھەم كۆڭلۈمدە بىر تۈگۈن ھالىتىدە تۇرۇۋاتاتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئىشلارمۇ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ.
مەن ئۇنىڭ خىزمىتىدىن ھامان رازى ۋە خاتىرجەم ئىدىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سودىدا پۈتۈشكەن بىر ھۆپىگىرىمنىڭ مېھماندارچىلىقىغا بارىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ يەردە مېنىڭ كاتىپىم، ماڭا ۋاكالىتەن بەزى چوڭ ئىشلارنىمۇ بېجىرىپ كېلىۋاتقان يېقىن ياردەمچىم زەينىدىننىڭمۇ بولۇشىغا توغرا كېلەتتى.
ئىككىمىز بىللە باردۇق. سۆھبەتلەرنى بىللە باش قوشۇپ، تەڭ دېيىشتۇق. ئۇنىڭ خېرىدار تەرەپ ئالدىدىكى ھەر بىر سۆزى شۇنداق ئورۇنلۇق، شۇنداق جايىدا ئىدى. كۆڭلۈمدە ئۇنى ئېلىۋالغىنىمدىن، توغرىسى، باشقىلار ئالدىدا ئۆزى ياش بولۇشىغا قارىماي شۇنداق ناتىق، سودا ئىشلىرىغا پىششىق بىر ياردەمچىمنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىپ ئولتۇراتتىم. كېيىن تائام - قورۇمىلار تارتىلىپ، شاراب تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۆزۈممۇ كۆپ ئىچمەيتتىم. ئەمما سودا، پۈتۈشۈم سورۇنلىرىدا قېچىپ قۇتۇلغىلىمۇ بولمايتتى. زەينىدىن بولسا، مەن ئىچىپ باقمىغان، ئەپەندىلەرنىڭ كەچۈرۈشىنى سورايمەن، دەپلا تۇتۇۋالاتتى. قارشى تەرەپ بولسا:
−− بۇ ياشتىكى يىگىتلەرنىڭ، يەنە كېلىپ سىزدەك قابىل كاتىپنىڭ ئېچىپ باقمىغان دېگىنىگە قانداقمۇ ئىشەنسۇن كىشى؟ يۈزىمىزنى قىلىپ، ئىچىپ قويۇڭ بىرنى، −− دەيتتى.
−− ئەپەندىلەرنىڭ ئالدىدا سەت بولىدىغان بولدى، مەن راستتىنلا ئىچىپ باقمىغان، مېنى كەچۈرگەن بولسىلا.
−− سايىم لىدىر خاپا بولىدۇ، −− دېدىم مەن ئارىغا چۈشۈپ، −− بۇرۇن ئىچمىگىنىڭنىڭ يولى باشقا، بۈگۈنكىسىنىڭ يولى باشقا، ئالە، ئالە بىرنى!
زەينىدىن تولىمۇ تەڭقىسلىق ئىچىدە رومكىنى قولىغا ئالدى. نەچچە قېتىم سەسكىنىپ، سەسكىنىپ تۇرۇپ، ئاخىر گۈپلا قىلىپ يۇتۇۋەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن پۇرچاقتەك ياش كەتكەن ئىدى. ئۇ ئالدىدىكى سوغۇق چاينى غۇرتۇلداتقىنىچە ئىچىۋېتىپ، ئېغىزىنى سۈرتتى. ئولتۇرغانلار پالاقشىتىپ چاۋاك ئۇرۇشتى. ئۇنىڭ ئىچكىنى شۇ بولدى. كېيىن باشقىلارمۇ زورلاپ كەتمىدى. شۇ كۈنگىچە مەن ئۇنى ھاراق ئىچىدۇ دەپمۇ ئاڭلىمىغان. بىرەر يەردە قىزىرىپ مەست - ئەلەس يۈرگىنىنىمۇ كۆرمىگەن ئىدىم. ئۇنى راست ھاراق ئىچمىسە كېرەك، دەپ ئويلاپ يۈرۈۋەردىم.
ئەلقىسسە:
يىگىتنىڭ ھېكايىسى تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. مېنىڭمۇ ئۇنى ئاخىرىغىچە ئاڭلىغۇم كېلىۋاتاتتى. ئۇ مېنى كېتىپ قالمىسۇن دېگەنمىكىن، يا چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغانلىقىدىنمىكىن يەنە بىر نەچچە تەخسە قورۇما بۇيرۇتتى ۋە مېنى تەكلىپ قىلىپ قويۇپ، يەنە ھېكايىسىنى باشلىدى.
−− شۇ يىلى كۈز كۈنلىرىنىڭ تازا شاماللىق بىر كۈنى ئىدى. توختىماي سوقۇۋاتقان شامال دەرەخلەرنىڭ ئاخىرقى ياپراقلىرىنى تۆكۈۋاتاتتى. كوچىلاردا قۇرۇغان غازاڭلار پىرقىراپ ئۇچاتتى. ئاسفالت يولدا شارقىراپ ئۇياقتىن - بۇياققا سۈپۈرۈلەتتى. توساتتىن يىراق بىر يەردىكى كانچى ھۆپىگىرىمىزدىن 200كىلوگرام ئەتراپىدا كېلىدىغان چوڭ بىر قاشتېشىنىڭ خەۋىرى كېلىپ قالدى. تېلېفوندا دېيىشىچە، ئۇ سايۋا رەڭلىك ئىكەن. تېلېفوننى ئاڭلاپلا تۇرالماي قالدىم. ھاۋاغا قاراپ سەل ئىككىلىنىپمۇ تۇراتتىم.
−− پۇرسەت غەنىيمەت لىدىر، −− دېدى زەينىدىن مېنىڭ ئىككىتايىن بولۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ، −− بىز بارمىساق، باشقىلار سوقۇۋېتىدۇ. بۇنداق چوڭ قاشتېشىنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويمايلى. تېخى ئۇ سايۋا رەڭلىك ئىكەن ئەمەسمۇ؟ بۇنداق تاشنى ئويمىكەشلەرگە ئوبدان ساتقىلى بولىدۇ.
−− گېپىڭغۇ راست، −− دېدىم بېشىمنى قاشلاپ، −− تاغ يوللىرىدا بىر مۇنچە جاپا تارتىدىغان گەپ.
−− ئىشەنسىلە، ئورۇنلىرىدا مەن باراي بولمىسا، −− دېدى ئۇ ئىشەنچ بىلەن، −− كۆڭۈللىرىدىكىدەك سودىلىشىپ كېلىمەن.
−− بوپتۇ، −− دېدىم ئۇنىڭ دادىللىقىغا قاراپ، −− يولغا چىقىلى ئەمىسە.
شۇنداق قىلىپ شوپۇر بىلەن ئۈچىمىز يولغا چىقتۇق. تاش دەريا ئېقىنى كېلىدىغان جىلغا ئىچىدىكى بىر كاندا ئىدى. يول جىلغا ئىچىدە بولسىمۇ، ھەر ھالدا كانچىلار خېلى ئوبدانلا ياساپ قويغانىدى. بېشىدا ناھايىتى راۋان ماڭدۇق. يول يېرىمىغا بارغاندا شامال بىردىنلا ئەدەپ كەتتى. ئۇششاق شېغىل تاشلار ۋىڭىلداپ ماشىنا ئەينەكلىرىگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. قۇملار ئۇچۇپ كۆز ئالدىمىز بىردەم - بىردەم قاراڭغۇلىشىپ قالاتتى.
شوپۇر ماشىنىنى ئاستىلىتىپ پەم بىلەن ئىلگىرىلەيتتى. كېيىن شامال پەسىيىپ، ئارقىدىنلا شارقىراپ يامغۇر بېغىپ كەتتى. يامغۇر چېلەكلەپ قۇيۇلاتتى. ماشىنا ئەينىكىگە ناسوستىن چىققان سۇدەك ئۇرۇلاتتى. يېرىم سائەتلەردىن كېيىن سول تەرىپىمىزدىن بىر غارقىرىغان ئاۋاز كېلىپ، گويا يار ئالغان تۇغاندەك غايەت زور بىر ئېقىن بوخۇناق ئۆرلەتكىنىچە چۈشۈپ كەلدى. ئۇ تاغ ئۈستىنىڭ نەرىگىدۇر يىغىلىپ تاشقان سەل قىيانى ئىدى. شوپۇر قىياننى كۆرۈپ ھودۇقتىمىكىن غاچ قىلىپ تورمۇزغا دەسسىدى.
−− ھەيدە! ماشىنىنى ھەيدە!! −− دېدىم شوپۇرنىڭ گەجگىسىگە ۋاققىدە بىر قويۇپ، ماشىنا كۈچ بىلەن قوزغالدى. سىلكىنىشتىن ئورۇندۇق كەينىگە گۈپپىدە ئۇرۇلدۇم. ماشىنا تاشلىق جىلغا يولىدا جاقىلداپ كېتىۋاتاتتى. يولنىڭ بىر تەرىپى ئىككى مېتىرچە چوڭقۇرلۇقتىكى دەريا قىنى ئىدى. كېتىۋېتىپ بىر نەرسىنىڭ گۈم قىلغان ئاۋازى چىقتى. ئارقىدىنلا شوپۇر رول بىلەن ھەپىلىشىپ ئۇياق - بۇياققا تولغىنىپ كەتتى. كېيىن نېمە بولغىنىنى بىلمىدىم، كۆزۈمنى ئاچقاندا شوپۇر ماشىنا ئىچىدە ھوشسىز، زەينىدىن بولسا ماشىنىدىن يەتتە - سەككىز قەدەمچە نېرىدىكى بىر تال قىيا تاشنىڭ تۈۋىدە ۋايجانلاپ ياتاتتى. ھەر ھالدا مەن ساق قالغانىدىم. شوپۇرنى بىر ئاماللاپ ماشىنىدىن تارتىپ چۈشۈردۈم. بەختىمىزگە يامغۇر پەسلەپ، ئاندا - ساندا سىمىلداپ تۇراتتى. شوپۇرنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، يېنىمدىكى ئويمانچاققا يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۈيىدىن بىر ئوچۇم ئېلىپ يۈزىگە چاچتىم. شوپۇر بىر ئىڭراپ، بىر تولغىنىپ كۆزىنى خىرەگىنە ئاچتى.
−− خۇداغا شۈكرى! −− دېدىم ئۈنلۈك قىلىپ، −− ھەر نېمە بولسا جېنىڭ بار ئىكەن ئاداش، −− مەن شۇنداق دەپ قويۇپلا زەينىدىننىڭ قېشىغا چاپتىم. ئۇ ھېلىھەم ئۇيان - بۇيېنىغا پۇچۇلىنىپ ئىڭراپ ياتاتتى. ئۇنى قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاستا ئۆرە قىلدىم. ئۇ بىر يوتىسىنىڭ ئالدى تەرىپىنى قاماللىغىنىچە توختىماي تولغىناتتى.
»بۇ ئاداشنىڭ يامان يېرى زەخىملەندىمۇ - نېمە؟ −− دېدىم ئۇنىڭ تۇتۇۋالغان يېرىگە قاراپ، −− ھەي... جان يېرىگە بىر ئىش بولمىغىدى.« كۆڭلۈمدىن شۇلار ئۆتۈۋاتقاندا ئىشتىنىغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇ قاماللاپ تۇتۇۋالغان يەر يىرتىق تۇراتتى. بارماقلىرى ئارىلىقىدىن قان سىرغىپ تۇرغاندەك قىلاتتى.
بېشىمدىن كىرگەن قوقاس تاپىنىمدىن چىقىپ كەتتى. يان سۇنۇپتۇ، يا بىر ئىش بوپتۇ، دېدىم ئەنسىرەپ ۋە ئاستاغىنە قولۇمنى ئۇزاتتىم.
−− ياق! ياق! −− بىردىنلا ۋارقىرىۋەتتى ئۇ، −− تۇتمىسىلا ئاكا، مەن ھېچنېمە بولمىدىم.
−− قان چىقىۋاتسا ھېچنېمە بولمىدىم دەيدا؟! −− قولىنى شارت - شۇرت تارتىۋېتىپ ئىشتان يىرتىقىنى قايرىدىم. زەينىدىن كوپپىدە يېنىغا ئۆرۈلۈپ، دۈم بولۇۋالدى.
−− مەن... مەن دېدىمغۇ ئاكا، ماڭا ھېچنېمە بولمىدى. ماڭا چېقىلمىسىلا! −− ئۇ يىغلاۋاتاتتى.
تۇرغان يېرىمدە داڭ قېتىپ قالدىم. شۇ ئەسنادا جىلغا يۇقىرىسىدىن ماشىنا ئاۋازى كەلدى. زەينىدىنلارنى تاشلاپ دەرھال قاشقا ياماشتىم ۋە بىر ئاماللاپ يول ئۈستىگە چىقتىم - دە، ئۆمىلەپ قوپۇپ يولىنى توسىدىم.
ماشىنىدىكىلەرمۇ مېنى تونۇيدىغان بالىلار ئىكەن. ئەھۋال - پەھۋاللارنى قويۇپ، قول - قولچە ئىككىسىنى قىرغاققا ئېلىپ چىقتى. ماشىنىغا چۈشۈپ شەھەرگە چاپتۇق.
يېرىم كېچىدىن ئۆتكەن ئىدى. ماشىنا دوختۇرخانا قورۇسىغا كىرىشى بىلەنلا زەينىدىننى چۈشۈرۈپ كاپ قىلىپ يۈدۈۋالدىم - دە، ھاپاشلىغان پېتىم تېز قۇتقۇزۈش بۆلۈمىگە ئېلىپ كىردىم. نۆۋەتچى دوختۇرلار تەل ئىكەن. ئولاش - چولاش كارىۋاتقا ياتقۇزدى. مەن كېلىپ ياردەملىشىپ يېشىندۈرەي دېگىچە دوختۇرلار بىزنى سىرتقا چىقىرىۋەتتى.
جىمجىت كېچە. سىرتتا شامال ئارىلاش يامغۇر سىمىلداپ تۇراتتى. كارىدوردىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرىمەن. كۆڭلۈم زەينىدىن بىلەن شوپۇردا. ئىچىمدە گاھ ئاللادىن، گاھ دوختۇرلاردىن مەدەت تىلەپ، بىر نېمىلەرنى پىچىرلايمەن. پات - پات ئىختىيارسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىمەن. بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ، ئىچكىرىنى تىڭشايمەن. ئاندا - ساندا زەينىدىننىڭ ئىنچىكە ئىڭراشلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. ئىچىگە كىرگۈم كېلىدۇ، ئەمما ئىشىك تاقاق. مەن ئۈچۈن ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتۈۋاتقاندەك، كېچە تاڭ ئاتمايدىغاندەك بىلىنىدۇ.
ئولتۇرۇپ - ئولتۇرۇپ كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ. بىر كەمدە ئۆزۈمچىلا چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. كارىدورنىڭ شەرقىي ئۇچىدىكى دېرىزىدىن سۈبھى يورۇقى چۈشۈپ، كارىدور خېلىلا سۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. ئالاھازەل ئىككى سائەتلەردىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپ، دوختۇرلار چىقىپ كەلدى. مەن دەسسىدە تۇرۇپ، ئىشىك ئالدىغا كېلىۋېدىم، بىرى ئىشىكنى يېپىۋېتىپ دېدى:
−− ئۇلار دەم ئېلىۋاتىدۇ. ھازىرچە كىرمىسەڭلار بولارمىكىن.
−− بىر كۆرۈپ چىقاييا، دوختۇر.
−− بەلگىلىمە بار يولداش. بىز ئۇنىغان بىلەنمۇ سېسترالار ئۇنىمايدۇ. ياخشىسى، سائەت ئونلاردىن كېيىن كېلىڭلار.
شىركەتتىنمۇ ۋەقەنى ئاڭلىغانلاردىن بىر قانچىسى كېلىشكەن ئىدى. ئىلاجسىز ھەممەيلەن يېنىپ چىقتۇق. سائەت ئونغىچە قولۇم ھېچقانداق ئىشقا بارمىدى. خىيالىم ئاشۇ ئىككىسىنىلا چۆرگىلەيتتى. ئۆزۈمنى ئويلاشقا، ئاغرىپ تۇرغان كۆكسۈم، ماشىنا پەسكە چۈشكەندە نېمىلەرگىدۇر ئۇرۇلغان پۇت - قوللىرىمنى تەكشۈرۈشكە مەيلىم يوق ئىدى.
بىرەرى مېيىپ بولۇپ قالمىغىيتتى ئۇلارنىڭ! كاللامدىن شۇ ئوي كېچىش بىلەنلا يۈرىكىم »قارت« قىلىپ قالدى. ۋۇجۇدۇمنى يېڭىباشتىن غەم تاشلىرى بېسىپ، جىسمىم بىردىنلا ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. چۈنكى، بىرەرى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدىغان بولسا، ئۇنى داۋالىتىشقۇ بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۆمۈربويى بېقىشتىن ئىبارەت بىر توقۇناق بالا گەدىنىمگە مىنەتتى.
ئاشۇ نەس باسقان سايۋا رەڭلىك قاشتېشىنى نېمىشقىمۇ شۇنچە يىراق يەرگە قوغلىشىپ كەلگەن بولغىيتتىم؟ باشتا ھاۋانىڭ ئەلپازىغا قاراپ، ئۆزۈمنىڭ مەيلىمۇ تازا تارتمىغان ئىدى بۇ ئىشقا. مېنى ۋەسۋەسىگە سالغاننىڭ يەنە بىرى ئاشۇ زەينىدىن دېگەن جىن ئۇرغۇر. ئۇ مەيدە قېقىپ چىقمىغان بولسا، خەيرلىكرەك بىرەر كۈنمۇ كېلىپ قالار ئىدى...
بىرىدە ئۆزۈمنى، بىرىدە زەينىدىننى ئەيىبلەپ، ئاشۇ كۆڭۈل غەشلىكىم بىلەن ئىككىسىگە ناشتىلىق ئېلىپ دوختۇرخانىغا كەلدىم. ئۇلار جىددىي قۇتقۇزۇشتىن كېيىن ئادەتتىكى بىمارلار ياتىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئىدى. كۆچۈرۈپ كېلىنسىغۇ مەيلى، كۆڭلۈمگە ياقمىغىنى ئىككىسىنىڭ باشقا - باشقا ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى بولدى. مېنىڭ خىيالىمچە بولغاندا، ئىككىسىنى بىر ياتاقتا ياتقۇزۇش كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا بىزنىڭ يوقلىشىمىزغىمۇ قولاي بولاتتى.
شوپۇرنىڭ يارىسى بېشىدا ئوخشايدۇ. باش قىسمى تېڭىلغان ئىدى. زەينىدىن بولسا يوتقىنىغا ھىممىدە ئورىنىپ ياتاتتى. مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپلا يوتقىنىغا قول ئۇزاتتىم. ئۇ مېنىڭ شۇنداق قىلىدىغىنىمنى ئالدىن قىياسلاپ ياتقان بولسا كېرەك، مەن قول سوزغىچە »كاپ« قىلىپ يوتقىنىنى بېسىۋالدى.
−− خوش بولاي لىدىر، ئاچمىسىلا، −− ئۇ كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش ئالدى.
گۇمانلىرىم تېخىمۇ كۈچەيدى. بۇ كاساپەتنىڭ پۇتى راستتىنلا چاتاق ئوخشىمامدۇ؟ سۆڭەك - پۆڭەكلىرى سۇنۇپ راستتىنلا ئەيىبناق بولغان بولسا، مېنىڭ ئىشىممۇ چاتاق بوپتۇ ئەمدى...
−− مۇنداق قىلە ئۇكام، كۆرۈپ باقاي.
−− چوڭ ئىش يوقكەن. يوتامنىڭ گۆشىنى قىرتماق تاش تىلىۋېتىپتۇ. قانداقتۇر بىر قان تومۇر زەخىم يەپتىكەن، ئاۋۋال تومۇرنى، ئاندىن ئەتنى تىكتى بولغاي.
−− ئۇستىخان... ئۇستىخانچۇ؟
−− سۇنماپتۇ. پەقەت بولجۇڭ گۆشلىرى بۆلۈنۈپ كېتىپتۇ.
زەينىدىنگە بىلىندۈرمەي يېنىككىنە تىن ئالدىم.
−− نەچچە يىپ تىكتى؟ −− سورىدىم يارا ئېغىزىنى مۆلچەرلەپ باقماقچى بولۇپ.
−− بىلمىدىم، خېلى ئۇزاق ھەپىلىشىشتىغۇ - تاڭ؟ چوڭقۇرلۇقى سۆڭەككە يېتىپتۇ، دېيىشكەندەك قىلدى.
−− غەم قىلما، ياخشى بولۇپ كېتىسەن، −− دېدىم دېگۈدەك باشقا گەپ تاپالماي، −− ھەممە چىقىملارغا شىركەت ئىگە بولىدۇ.
−− شىركەتنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرى ئاقسايدىغان بولدى ئەمدى.
−− ۋاي - ۋۇي... شىركەتنىڭ ئىشىنى ئويلاپ نېمە كەپتۇ بۇ ھالدا؟ −− دېدىم ئۇنىڭغا، −− ئۇنى - بۇنى ئويلىماي، خاتىرجەم داۋالىنىپ ساقايساڭلا بولدى، ئۇكام. شىركەتتە يەنە باشقىلار بارغۇ؟
−− ھە راست لىدىر، −− زەينىدىن لاپ قىلىپ يۈزۈمگە قارىدى، −− ئۆزلىرى قانداقراقكەنلا؟ كېسەلخانىدا ياتمىدىلىمۇ - نېمە؟
−− مانا، ساپساقلا تۇرمايمەنمۇ؟ بىرەر يېرىم قاتتىق زەخىملەنمىگەن تۇرسا، سىلەر بىلەن بەس تالىشىپ ياتاتتىممۇ؟
−− ساق دېگەن بىلەن ياردىن تەڭ ئۇچقان تۇرساق. ھەر ھالدا تەكشۈرتۈپ باقسىلا بوپتىكەن.
ئۇ شۇلارنى دەۋاتقاندا بىر يېرى قاتتىق ئاغرىپ كەتتىمۇ - تاڭ، لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تولغىنىپ كەتتى. مەن ئورنۇمدىن ئىرغىپلا تۇرۇپ كەتتىم - يۇ، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تېپىرلاپ قالدىم. ئاڭغىچە سېسترا ئالماشتۇرىدىغان ئوكۇلىنى كۆتۈرۈپ كىردى.
ئۇنىڭ بايىقى تەكلىپىگە نىسبەتەن ھېچنېمە دېمىدىم. ئەمما، ئۆزۈمنى »ساقمەن« دېگىنىم، ئىككىسىنىڭ ھەلەكچىكىلىكىدە مېڭىپ يۈرگىنىم بىلەن دەردىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى. بىر پۇتۇمنىڭ ئىككى يېرى خېلىلا سۈرۈلگەن، كۆكسۈمنىڭ بىر يېرى نەپەس ئېلىشقىمۇ قويماي قاتتىق ئاغرىپ تۇراتتى. تۇتسام، بېسىپ باقسام بىگىز تىققاندەك قادىلاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئارتۇقچە ۋايساپ يۈرۈشنى ئەپ كۆرمەيتتىم. ئىككىسىنى بىر قۇر يوقلىۋېتىپ، دوختۇرنىڭ قېشىغا كىردىم.
−− رېنتىگېن بىلەن B تىپلىق ئاپپاراتتا سۈرەتكە ئالدۇرۇپ كىرىڭ، −− دېدى دوختۇر كۆكرەكلىرىمنى بىر دەم بېسىپ، سىلاپ باققاندىن كېيىن، −− سۆڭەك زەخىملەندىمۇ، ئىچكى ئەزالار زەخىم يېدىمۇ، ئاندىن بىر نېمە دەيلى.
قايتىپ چىقىپ سۈرەتكە ئالدۇرۇپ كىردىم. ئۇ تەكشۈرۈش قەغەزلىرىمنى، سۈرەتلەرنى بىرھازا كۆرگەندىن كېيىن:
−− ئاساسەن چوڭ چاتىقى يوقكەن، ئەمما...
ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ئەمما دېگەن سۆز چىقىشى بىلەنلا يۈرىكىم بىر ئېغىپ توختىدى.
−− ئەمما نېمە بولاپتىمەن، دوختۇر؟
−− ئالدىرىمىسىڭىزچۇ؟ كۆكرەك سۆڭىكىڭىز ئىچىگە خېلى بەك پۈكۈلۈپ كېتىپتۇ. ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىگىمۇ ئاز - تولا زەخىم يەتكەندەك قىلىدۇ. كېسەلخانىدا ياتمىسىڭىز بولمايدىكەن.
−− ما ئىشنى كۆرۈڭ، −− دېدىم ئىچىمدە رەللە بولۇپ، −− ھەممىمىز يېتىپ قالساق شىركەتنى قانداق قىلارمىز؟ پۈتۈشۈپ قويغان سودا توختاملىرىنى قانداق قىلارمىز؟ ياق، مەن ياتسام بولمايدۇ. كېلىپ - كېتىپ داۋالانغاچ، ئىشلارغا قاراپ تۇراي...
ئەلقىسسە:
−− مەن ئۆز خاھىشىم بويىچە ئىش قىلىپ يۈردۈم. بىر ئايىغىم يەنىلا دوختۇرخانىدىن ئۈزۈلمەيتتى. ئۆزۈمنىڭ ئوكۇللىرىنى سالغۇزاتتىم، ئىككىسىنى يوقلايتتىم، شىركەتكە قارايتتىم.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر چۈشلۈكى ئىككىسىنى يوقلاپ چىقتىم. شوپۇر خېلىلا ساقىيىپ قالغان ئىدى. دوختۇرلار ئۇنىڭ يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. زەينىدىننىڭ تىكىلگەن يېرىدىكى يىپلار تېخى ئېلىنمىغان ئىدى. يېتىۋاتقىنىغا بىر ئاي بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ، مەن كىرگەندە ئۇ ھامان يوتقانغا پۈركىنىپ ياتقان بولاتتى، يوتقىنىنى ئۆرىگىلى، يوتىسىنى كۆرگىلى زادىلا قويمايتتى، شۇ كۈنى يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنۇپ باقتىم.
−− ياراڭنى زادى كۆرسەتمەمسىنا ئۇكام؟ ئەجەب بىر خۇيۇڭ بار بالىكەنسىناسەن؟ ھەر ئىككىمىز ئەر بولغاندىكىن كۆرۈپ باقسام نېمە بولىدۇ؟
زەينىدىن كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالدى، لەۋلىرى نېمىگىدۇر ئۆمچەيدى، مەن ھامان ئۇنىڭ يارىسىنى جان يېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ، دەپ قىياسلاپ كېلەتتىم. خېلىدىن كېيىن ئۇ ئاستاغىنە ماڭا يۈزلەندى، ئىچىدە بىر گېپى باردەك، ماڭا دېمەكچىدەك قىلاتتى.
−− ھەرقانچە تارتىنىدىغان يېرىڭ بولسىمۇ دېگىنە ئۇكام. ئىچىڭدە نېمە پىنھانلىرىڭ بار زادى؟
−− دوختۇر... دوختۇرلار سىلىگە بىر نېمە دېمىدىمۇ؟ −− سورىدى ئۇ مېنىڭ سوئالىمغا جاۋابەن.
−− نېمە توغرۇلۇق؟
−− مەن توغرۇلۇقچۇ؟
−− ياق، ھە راست، ياراڭ توغرۇلۇق ئازراق بىر گەپلەرنى دېگەن.
−− ئۇلارلا ئەمەستۇ؟
مەن بىردىنلا تەئەججۈپكە پاتتىم. نېمە دەيدىغاندۇ بۇ يېتىم؟
−− ئەجەب بىر قىسمىلا گەپ قىلىسەنغۇ؟ سەن توغرۇلۇق نېمە دېمەكچىدى؟
−− راست، ھېچنېمىنى ئۇقمىدىلىمۇ؟
مەن ئىككى دولامنى لىككىدە كۆتۈرۈپ قويدۇم، ئۇ ئاۋۋال مىيىقىدا كۈلدى، كېيىن نېمىدىندۇر قىسىلغاندەك قىلىپ ئاخىر ئېغىز ئاچتى.
−− مېنىڭ نېمىشقا يوتقىنىمنى ئۆرىگىلى قويمىغنىمدىن بىرەر نەرسىنى سەزمىدىلىمۇ؟
مەن تېخىمۇ گاڭگىراپ قېلىۋاتاتتىم، ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى مۇلاھىزە قىلىشمۇ خىيالىمغا كىرمەيۋاتاتتى.
−− مەن گاڭگىراپلا قېلىۋاتىمەنغۇ ئاداش؟ زادى نېمە بولدى سىلىگە؟ ياراڭلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرۇۋاتقان ئوخشىمامسىلەر مەندىن؟ دەڭلار، نېمىشقا يارىنى كۆرسەتمەيسىلەر؟
−− مەن... مەن قىز بالا...
قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم، خاتا ئاڭلاپ قالغان ئوخشايمەن، دەپ كۆزلىرىمنى يوغان ئاچتىم.
−− نېمە دەۋاتىسىلە - ھوي؟
−− مەن قىز بالا، −− تەكرارلىدى ئۇ، −− سىلىنى خېلىدىن بېرى ئالداپ كەلدىم، لېكىن شۇنداق قىلمىسام بولمايتتى.
مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭ پېشانىسىنى تۇتتۇم.
−− جۆيلۈۋاتامدىكىن دېسەم، قىزىپقۇ قالماپسىلە ئۇكام، غەلىتە بىر گەپلەرنى قىلىۋاتىسىلەغۇ؟
ئۇ جاۋاب ئورنىغا قىزىرىپ تاتىرىپقىنە تۇرۇپ، يوتقىنىنى ئاستاغىنە ئۆرىدى. قىزىل كالتە ئىشتان، يەڭسىز مايكا بىلەن ياتقان بۇ بىمار بىلەك، يوتىلىرى سۈتتەك ئاق، كۆكسى ئالمىدەك، ئاق بېلىقتەك نازۇك بىر قىز ئىدى. ھە دېگەندە كۆزلىرىمنىڭ سېزىمىگە ئىشەنمەيتتىم، بۇ زىلۋا بەدەنگە قاراپ تۇرۇپ ئىشەنمەيمۇ بولمايتتى.
−− ئەجەب چۆچەك - رىۋايەتلەردىكىدەك ئىشلار بولۇۋاتىدا؟ −− دەيتتىم ئۆز - ئۆزۈمگە، −− مېنىڭ كۆزۈم كورمىدۇ، يا بۇ قىزنىڭ شۇنداق سېھرىي كارامىتى بار بولغىيمىتى؟ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئەجەب سەزدۈرمەي كەپتا؟ كاساپەتنىڭ ئاۋازىنىڭ ئىنچىكىلىكى بىكار ئەمەسكەن ئەسلىي... شۇلارنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئۇنىڭ ھېلىقى »ئىشىك تاقاپ ئولتۇرۇش« ئادىتىنى ئېسىمگە ئالدىم - دە، بىردىنلا كۈلكەم تېشىمغا تەپتى. بۇ قىز بولغاندىمۇ، −− دېدىم ئۆز - ئۆزۈمگە، −− ئۆزىگە بەك پۇختا، بەك قۇۋ قىزكەن ئەمەسمۇ؟ راست، قىز تۇرۇپ ئەر سىياقىدا كىيىنىپ ئەر بولۇپ يۈرمەك ئاسانمۇ؟ كۈندۈزى يوشۇرغان، قىسىلىپ، قورۇنۇش ئىچىدە ئۆتكەن تەننى ئاخشىمى ئۆيگە كەلگەندىلا ئاندىن ئاشكارا تۇتقاندۇ. ياق، شۇندىمۇ خاتىرجەملىك بولماپتۇ ئۇنىڭغا. شۇڭا ئىشىكىنى تاقاپ ھەقىقىي قىياپىتى بىلەن ئولتۇرۇپ - قوپۇشنى يوشۇرۇپ يۈرگەندۇ. بىردىنلا ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلۈمدە باشقىچە بىرخىل يېقىنلىق، ئامراقلىق تۇيغۇسى قوزغىلىپ قالدى.
−− ئەجەب... ئەجەب پۇختا قىزكەنسىز - يا؟ −− ئەمدى ئۇنى »سەن«لەشكە ئېغىزىم بارمايۋاتاتتى، −− نېمىشقا بۇنداق بولۇۋالغانتىڭىز؟
−− نېمە ئامال دەيلا؟ قىز بالا بولۇپ جان باقماق، يەنە كېلىپ تەنھالىقتا ياشىماق تەسكەن. سىلىگە دېسەم، ئۆزۈمنىڭ ئوغۇل بالا بولۇپ تۇغۇلمىغىنىمغا ناھايىتى ئۆكۈنەتتىم، كىچىك تۇرۇپ بېشىمغا كەلگەن تارتقۇلۇقلارنى دەپ كەلسەم سىلىمۇ »ئوغۇل بالا بولۇۋالغىنىڭ بوپتىكەن« دەپ قالىدىلا.
بېشىمغا كەلگەن تارتقۇلۇق دەيدا؟ تازا بىر دەردمەن قىز ئوخشىمامدۇ بۇ؟ زادى نېمە كەلگۈلۈك كەلگەن ئىدىكىنە بېشىغا؟... خىياللىرىمنى ئۇنىڭ ئۆزى بۇزدى.
−− ئادەم ئوغۇل بولسا، ئەر بولسا ياخشىكەن. سەن بىراۋلارغا چېقىلمىساڭ، ئۆز ئىشىڭ بىلەنلا بولساڭ، ھېچكىم سېنى ئانىي تاپمايدىكەن.
−− دېمەك، سىز ئۆزىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن شۇنداق قىياپەتكە كىرىۋالدىڭىز؟ ھەتتا ماڭا كۆرسەتكەن كىملىكلىرىڭىزدىمۇ ئوغۇل دەپ تۇرسا، ساقچىخانىنى قانداق ئالدىغانسىز؟ كىملىكنى قانداق ئالغانسىز؟
−− ئۇ دېگەن ساختا گۇۋاھنامە ياسايدىغانلارغا ئىشلەتكەن نەرسە، −− كۈلدى ئۇ، −− بۇ دۇنيادا قىلاي دېسە قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلار يوقكەن. پەقەت پۇلنى، ھايات يولۇڭنى ياسىۋالغىلى بولمايدىكەن، ئۇنى ئۆزۈڭ تاپمىساڭ بولمايدىغان ئىشكەن.
−− قېنى دەڭە، سىز قانداق بولۇپ ئەر سىياقىدا يۈرۈشنى تاللىۋالدىڭىز؟ ھېكايىڭىزنى تەپسىلىيرەك بىر ئاڭلاپ باقايچۇ؟
زەينىدىن ياق، قىز مېيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ سۆزلەشكە كىرىشتى.
−− مەن راستتىنلا يېزىدا تۇغۇلۇپ، يېزىدا ئۆستۈم، −− دەپ باشلىدى ئۇ تۇنجى گېپىنى، −− ئائىلىمىز ئىلگىرىدىن باشلاپ سەل نامراتراق ئىدى. دادام قاچانلاردۇر پۇتى سۇنۇپ كېتىپ ئەيىبناق بولۇپ قاپتىكەن، ئېتىز ئىشلىرىغا ئاساسەن ئانام قارايتتى، بىچارە ئاپام بىز ئۈچ بالىنى دەپ تىنىم تاپماي ئىشلەيتتى. ئاكىلىرىممۇ تولۇقسىزدىن چىقىپلا ئۆي، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى، ئۇ چاغلاردا مەن ئەمدىلا باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتاتتىم، باشلانغۇچنى تۈگىتىپ تولۇقسىزغا چىققىچە ئىككى ئاكامنى ئارقا - ئارقىدىن ئۆيلىشىپ، ئايرىم چىقىرىپ قويۇشتى، شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىمىزنىڭ يۈكى خېلىلا يەڭگىللىگەن ئىدى.
−− زەينۇرە داۋاملىق ئوقۇسۇن، −− دېدى ئانام بىر كۈنى دادامغا، −− بۇ دېگەن بىرلا قىز، بالىلارنىڭ كەنجىسى، بىزدىن كېيىن قالسا كۈن ئالمىقى ئاسان بولىدۇ.
−− توختاڭا، −− دېدىم مەن ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، −− ئىسمىڭىز زەينۇرەمىدى؟
−− ھەر نېمە بولسا ئەمدى سورىدىڭىز ھە؟−− ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشتۇق، كۈلكىدىن كېيىن ئۇ ھېكايىسىنى داۋام ئەتتى.
−− ئوبدان دېدىڭلار ئانىسى، −− دېدى داداممۇ قۇۋۋەتلەپ، −− قىز بالا دېگەننىڭ ئېغىزىدا ئىلمى، يا قولىدا بىرەر ھۈنىرى بولغىنى ياخشى، كېيىنچە قانداق ئەرنىڭ قولىغا چۈشىدۇ، بۇ ئاللانىڭ ئىلكىدىكى ئىش. ئوقۇسا، ئوقۇشنىڭ نېنىنى تېپىپ يېيەلىسە، ئەرنىڭ ئالدىدىمۇ يۈزى يورۇق، لەۋزى ئۆتكۈر بولىدۇ، ئوقۇسۇن.
شۇنداق قىلىپ تولۇق ئوتتۇرىغىچە ئوقۇدۇم، باشلانغۇچتىن تارتىپ تولۇققىچە بولغان ئون نەچچە يىل بىچارە ئانامنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ دېگەندەك ئۆتتى. تولۇقسىز، تولۇقلاردىكى ئوقۇش راسخوتىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى، بىچارە ئانام ھەممىسىگە يېتىشىپ چىقتى. لېكىن...
زەينۇرە جىممىدە بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولغان ئىدى، كۆزلىرىگە قاراپ ئىچىم بىر قىسما بولۇپ قالدى، ئۇ بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن پىسىڭڭىدە بىرنى كۈلۈپ قويۇپ ھېكايىسىنى داۋام قىلدى.
−− بۇ يېقىنى سۆزلىسەم ھېلىمۇ باغرىم مىڭ تالا بولۇپ كېتىدۇ، تولۇقنى تۈگىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ھەممىمىزنىڭ بېشىغا ئىسىتما چۈشتى. دەرۋەقە مەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەن ئىدى. بىر نەچچە كۈن ئۆزۈمنى قويىدىغانغا جاي تاپالماي يۈردۈم، خىيالىمدىمۇ، چۈشلىرىمدىمۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى كۆرەتتىم، كەلگۈسى كۈنلىرىمنىڭ خىيالەن كۆلەڭگىسى ئىچىدە يايرايتتىم. ئوقۇپ كەلسەم ، −− دەپ ئويلاپ كېتەتتىم بەزىدە، −− ئاتا - ئانامنىڭ ماڭا كەتكەن ئەجرىنى بىرمۇبىر قايتۇرىمەن، ئۇلارنى ئاخىرقى ئۆمرىدە بولسىمۇ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرىمەن، دەپ ئويلايتتىم.
زەينۇرە ئۇلۇغ - كىچىك تىندى. ئۇنىڭ كۆڭلى يەنە بۇزۇلۇشقا باشلىغان ئىدى، مەن بولسام ئۇنى تەڭقىسلىقتا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن بېشىمنى تۆۋەن سېلىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۈكۈتلىرىگە ئورتاقلىشىپلا ئولتۇراتتىم، ئۇ بىر ھازا جىملىقتىن كېيىن يەنە داۋام قىلدى.
−− ئەپسۇسكى، ئوقۇش راسخوتىنى كۆرۈپ ھەممىمىز سۇغا چۈشكەن قەغەزدەك لاسسىدە بولۇپ قالدۇق. يىلىغا 3000نەچچە يۈز يۈەن دېگەن ئاز پۇلمۇ؟ بۇ بىزنىڭ ئائىلە ئۈچۈن چۈشىمىزدە كۆرۈشكىمۇ پېتىنالمايدىغان چوڭ سان ئىدى. ئاكىلىرىمنىڭ ھال كۈنى قەدىر ئەھۋال ئىدى، قولىدا نەق پۇلى بولمىسىمۇ، 10- 20تۇياقتىن قوي - ئۆچكىسى، بىر - ئىككىدىن كالىسى بار ئىدى، غەم - غۇسسىمىزنى ئاڭلاپ، ئۇلارمۇ بېشىنى ئىچىگە تىقىپلا يۈرۈۋەردى، ئۇلاردىن ئاغرىنىپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى.
−− بولدى ئاپا، دادا، مەن ئوقۇماي، −− شۇنداق دېدىم - يۇ، كۆزۈمدىن تارماقتا تاتىلىغاندەك تارام - تارام ياش كەتتى، ماڭا قاراپ ئاپامنىڭمۇ، دادامنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلدى.
−− ئۆي - جايلىرىمىزنى ساتىلى خوتۇن، −− دېدى دادام بوغۇلۇپ تۇرۇپ، −− ياقىدىكى بىر ئېغىز كونا ئۆينى ئېلىپ قالساق، پاناھلىق قىلغاچ تۇرارمىز.
−− مەيلىڭلار... −− دېدى ئانام.
−− ياق، ياق، −− ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىۋەتكىنىمنى ئۆزۈممۇ تۇيماي قاپتىمەن، ئانام بىلەن دادام چۆچۈگەندەك قىلىپ قاراشتى، −− ئۆينى ساتساڭلار بولمايدۇ، مەن ئوقۇمايمەن دېدىم، ئوقۇمايمەن! −− كېيىن ئۆزۈمنى سەل بېسىۋېلىپ دادامغا قارىدىم، −− سىز دائىم »يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن«، »ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن« دەيتتىڭىزغۇ؟ ئەمىسە شۇنداق قىلىلى، يوتقىنىمىزغا بېقىپ پۇتىمىزنى سۇنىلى، كەلمىگەن تەلەيدە كىمنىڭ ھەققى بار ئىدى؟ بولدىلا، مەن ئوقۇمىساممۇ ئۆتۈپ كېتەر بۇ كۈنلەر.
شۇنداق قىلىپ ھەممىمىز جىمىقتۇق، مەن ئوقۇمىدىم، ئائىلىنىڭ، ئېتىزنىڭ ئىشلىرى بىلەن يېرىم يىلنى ئۆتكۈزدۈم.
باھار كېلىپ ئەمدىلا يەر - جاھان ئىللىشقا، دەل - دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلىغان كۈنلەر ئىدى. ئۆيىمىزگە مەھەللە مەكتىپىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى كىرىپ كەلدى، ئۇنىڭ كەينىدە توپتەك سەمرىپ كەتكەن 30-35ياشلار چامىسىدىكى پاكار، تاقىرباش بىر ئادەممۇ بار ئىدى، قىسقىغىنە پاتىھەدىن كېيىن مۇئەللىم گەپ باشلىدى.
−− بۇياق، بىزگە شىرەم تۇغقان كېلىدۇ، شەھەردە كىيىم - كېچەك دۇكىنى ئاچىدۇ، ئايالى بىزدەك ئوقۇتقۇچى، ئۇلارغا زەينۇرەمدەك بىر قىز خىزمەتچى لازىم بولۇپ قاپتىكەن، −− دېدى ئۇ ماڭا لاپپىدە بىر قاراپ قويۇپ، −− ھە... ئۆي خىزمىتىنى قىلىدىكەن، ئايلىقىغا دېگىنىنى بەرسەم، ئۆيىمىزگە قارىغاچ بالىمىزنى بېقىپ بەرگەن بولسا دېگەن ئىدى، قارىسام زەينۇرەم تازا باب كەلگۈدەك، شۇڭا كېلىۋېدۇق.
−− ئايلىقىغا دېگىنىنى بەرسەك دېسىلە، −− دېدى دادام ساقىلىنى تاراپ تۇرۇپ، −− قانچە پۇل بېرەلا؟
−− ئوۋۇش...! −− دېدى ئانام دادامغا دوق قىلىپ، −− ئاۋۋال ماۋۇ بالىدىن سورىمامدىلا؟ بارغۇسى بارمۇ - يوق، ئۆزى بىر نېمە دېسۇن ئاۋۋال.
−− ھە... راست، راست، −− دېدى مۇئەللىم ماڭا قاراپ، −− زەينۇرەمگە ياقامدىكىن بۇ ئىش؟ ھەممە ئادەم پۇل تاپساق دەپ يۈرۈۋاتقاندا تەييار مائاشلىق ئىشلارنى تاپماقمۇ ئاسان ئەمەستە بۇ كۈنلەردە.
مەن ئىككىلىنىپ تۇراتتىم، بېرىشنى خالىمىغانلىقتىن ئەمەس، ئاتا - ئانامغا بىر ئوبدان قول - قانات بولۇۋاتقاندا ئۇلارنى تاشلاپ كېتىشكە قىيمايۋاتاتتىم.
−− مەن كەتسەم ئاپا، سىز قىينىلىپ قالارسىزمىكىن؟ ئۆي، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىغا بىر يالغۇز...
−− ۋاي جېنىم قىزىم، −− دېدى ئاپام، −− بىزنى ئويلىماي، ئۆزىڭىز بىر قارارغا كېلىڭ، سىز بولمىسىڭىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ ئۆي ئىشلىرى.
−− شۇ ئەمەسمۇ؟ −− گەپ قاتتى مۇئەللىم، −− گەپ سىزدە. سىزنىڭلا رايىڭىز بولسا، سارىخان ئاچام بىلەن مەتيۈسۈپ ئاكام يېتىشەلەيدۇ بۇ ئىشلارغا.
ئۇياققا تارتىشىپ، بۇياققا تارتىشىپ مەسلىھەتلىشىپ بىر نېمە دەيدىغان بولۇپ قېلىشتۇق، ئۇلار بىر كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەن ئىدى.
−− ئايلىق بەرگەندىن كېيىن بېرىۋېرەمسىز - يا؟ −− دېدى ئانام ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، −− ئايلىقىغا 500يۈەن بېرىمەن دېدىغۇ ھېلىقى پور سېمىز؟
−− بۇ كۈنلەردە 600- 500يۈەنلىك كادىر بولماقمۇ تەس، −− دېدى دادام گەپ ئېلىپ. دېمەك، ئۇلارنىڭ مېنى ئەۋەتكۈسى بارلىقى چىقىپ تۇراتتى.
−− سىلەر خوپ كۆرگەن بولساڭلار باراي، −− دېدىم مەنمۇ، گەرچە مەن گەپنى ئۇلارغا ئارتىپ قويۇۋاتقاندەك قىلغىنىم بىلەن ئۆزۈممۇ قىزىقىپ تۇراتتىم.
پور سېمىزنىڭ ماشىنىسى بىلەن شەھەرگە كەلدىم، ئۇلارنىڭ ئۆيى شەھەردىكى قايناق بازارنىڭ سەل سىرتىغىراق جايلاشقان كۆجۈمغىنە بىر ئولتۇراق رايوندا ئىدى، ھېلىقى تاقىر باشنىڭ ئىسمى قېيۇمجان، ئايالىنىڭكى ئايشەم بولۇپ، توققۇز، ئون ئايلىق بولغان بىر بالىسى بار ئىكەن. مەن ئاشۇ بالىغا قارىغاچ تاماق ئېتىدىكەنمەن، كىر - قېتىنى يۇيىدىكەنمەن، ئېرى كىيىم دۇكىنى ئاچىدىكەن، ئايالى شەھەرگە يېقىنلا يەردىكى بىر مەكتەپتە ئىشلەيدىكەن.
−− بالا ئاچ - توق قالمىسۇن، مانا ماۋۇ قەغەزگە قاراپ ۋاقتى - ۋاقتىدا سۈت ئېمىتىسىز، بۇلماق يېگۈزىسىز، زاكىسىنى قۇرۇقداپ تۇرىسىز، بالا ئۇخلىغاندىچۇ، بىكار ياتسىڭىز بولمايدۇ، ئەنە ئاۋۇ كىرئالغۇدا كىيىملەر بار، يۇيۇپ قويىسىز.
ئايال خوجايىن بىر مۇنچە ئىشلارنى تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى، مېنىڭ تۇنجى ئىشىم ئەنە شۇنداق باشلاندى.
ھەپتە ئۆتۈپ، بالا باققۇچى بولۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، ھېلىقى 500يۈەن ئايلىقنى ئاسانلىقچە ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم، دەرۋەقە قىلىدىغان ئىشلىرىم چېچىمدىن تولا ئىدى. بۇنى ئاز دېگەندەك، ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىدا بالىنى كۆتۈرۈپ يۈرمىسەم، يىغىسىنى پەس قىلىپ بەزلىمىسەم بولمايتتى، چۈشكە يېقىن ئۇلارنىڭ كېلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ، بۇيرۇپ قويغان تامىقىنى پىشۇرۇپ تۇرمىسام يەنە بولمايتتى.
−− نېمانداق تۇزلۇق ئاش بۇ؟ −− دەيتتى ئېرى ئاغزىغا بىر چوكا سالا - سالمايلا، −− تۇزنى ئازراق سالسىڭىز بولماسمىدى؟
−− سالغان لەڭمەننىڭ توملۇقىچۇ تېخى، −− دەيتتى ئايالى ئۇلاپلا، −− خۇددى چالا ئەشكەن كۇلىنىڭ ئۆزىغۇ بۇ؟ تارتىلغان ئاشنىچۇ، يوغان - يوغان غۇلاچلاپ، ئىككى - ئۈچ قاتلاپ سوزۇپ ئېتىدىغان نېمە ئۇ!
−− ئىشىم سىلەرگە ئەرزىمىگەن بولسا، مەن كېتەي... −− ئورنۇمدىن دەسسىدە تۇردۇم بىر كۈنى.
−− ھەي... ھەي... −− قېيۇمجان مەن بىلەن تەڭلا تۇرۇپ كەتتى، −− خاپا بولمىڭا ئۇنداق، −− ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ شاققىدە ئايالىغا بۇرۇلدى، −− ساڭىمۇزە، بىر گەپ تېپىلغۇسىز زادى! ئادەم بىر ئېغىز گەپ قىلىپ بولغىچە ساقال تاراپ قوپىسەن دائىم.
−− ھە، ئارغامچىدەك لەڭمەنلەر بەك تېتىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ −− ھۆرپەيدى ئايشەم.
مەن ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ئىككىسىنىڭ جاڭجىلى خېلىغىچە داۋام قىلدى، ئايشەم تامىقىنى تۈگىتىپ يېدىمىكىن، يېمىدىمىكىن، ئىشىكلەرنى داراڭلىتىپ ئېچىپ - يېپىپ چىقىپ كەتتى. ئۆيدە ئېرى قالغاندەك قىلاتتى، بىركەمدە بالا يىغلاپ كەتتى، بالا ئويغانغان ئىدى، مەن ئاستا سىرتقا چىقىپ بالىنى يەشتىم، زاكىسىنى قۇرۇقداپ سۈت بەردىم، ئۆي ئىچىدە بىردەم كۆتۈرۈپ يۈرۈۋېدىم ئۇخلاپ قالدى. بالىنى بۆشۈكىگە بۆلەپ قويۇپ يېنىدا خىيالەن ئولتۇراتتىم، قېيۇمجان ئاستاغىنە كېلىپ يېنىمغا چوقچايدى.
−− خاپا بولدىڭىزمۇ؟
−− خانىم دائىم ئاشۇنداق ۋارقىراپ - جارقىراپ يۈرسە خاپا بولمايدىغانغا كالىمىدىم مەن؟ −− مىژژىدە كۆزۈمگە ياش ئالدىم.
−− بولدى سىڭلىم، خاپا بولماڭا ئەمدى. ئۇ ساراڭنىڭ خۇيى دائىم شۇنداق، مەن نەسىھەت قىلاي، سىزمۇ دىققەت قىلىڭ.
ئۇ يەنە بىر مۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ كۆڭلۈمنى ياسىغان بولدى، مەنمۇ بولدى قىلدىم.
كۈنلەر شۇ يوسۇندا بىرىدە ئەپ، بىرىدە گىژىلدىشىپ دېگەندەك ئۆتۈۋەردى، جاپايىمغا يارىشا ئىش ھەققىمدىمۇ گىرىلىق قىلىشىپ كەتمىدى. قولۇمغا پۇل كىرگىنىدىن، ئۆيگە پات - پات ئەۋەتىپ تۇرغىنىمدىن خۇش ئىدىم. ئايشەمگە قارىغاندا قېيۇمجان ماڭا خېلىلا يېقىنلىق قىلاتتى، ماڭا بولۇشۇپ ئايالىنى تەنبىھلەپ تۇراتتى، بەش - ئ−ون ك−ۈننىڭ بىرىدە 10- 20يۈەن پۇلنى يېنىمغا تاشلاپ قوياتتى.
−− بولدى ئاكا، ئاي ئاخىرىدا ھەممىنى جۇغلاپ بىر بەرسىلە، −− دېدىم بىر كۈنى.
−− نېمە دەيدىغانسىز؟ −− دېدى ئۇ كۆزۈمگە بىر قىسمىلا قاراپ، −− بۇنى ئىش ھەققىڭىزگە ھېسابلاپ ئەمەس، تالا - تۈزگە چىققاندا خەجلىسۇن دەپ بەردىم.
−− ھەممە نەرسە ئۆيدە تۇرسا سىرتتا پۇل خەجلەپ نېمە قىلارمەن؟ بولدى ئالمايمەن.
−− ۋاي - ۋۇي، ئېلىڭە بەرگەندىكىن ! ئاز كۆرۈۋاتامسىز - يا؟ −− ئۇ شۇنداق دېگەچ يېنىنى كولاشقا باشلىۋېدى ئورنۇمدىن دەسسىدە قوپتۇم:
−− ياق، ياق، ئاز كۆرۈۋاتقىنىم يوق، ماڭا ئارتۇقچە دەۋاتىمەن.
−− »ئارتۇق دۆلەت باشنى يارماپتۇ« دېگەن گەپ بار. سىلىپ قويۇڭ، لازىمى چىققاندا ئىشلىتەرسىز، −− ئۇ شۇنداق دەپ قويۇپ دۇكىنىغا كەتتى.
ئۇ نېمىشقىكى ماڭا ئاشۇنداق يېقىنچىلىق قىلىپ يۈرەتتى. مەن بولسام مېنىڭ كېتىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ بىلەتتىم. مەن كېلىپ تۆت ئايدىن كېيىنكى بىر كۈنى قېيۇمجان چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ خېلى بىر چاغقىچە ئۆيدە ئاللا بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈردى، ئايشەم بولسا ئاللىقاچان مەكتىپىگە كەتكەن ئىدى، بالا بۆشۈكتە ئۇخلاۋاتاتتى، بالىنىڭ بىر نەچچە زاكىسىنى ئېلىپ يۇيۇۋېتەيمىكىن دەپ تۇراتتىم، قېيۇمجان توساتتىن يېنىمغا كېلىپ لاسسىدە چوقچايدى، مەن تېزلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
−− نېمە ئۈركۈيسىز ھوي! −− دېدى ئۇ دولامدىن كاپپىدە تۇتۇپ، −− ئولتۇرۇڭە بىردەم، −− ئۇ مېنى تارتىپ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى، −− تارتىنىشلىرىڭىزمۇ ئەجەب ئۇزكىنە سىزنىڭ؟ يېقىنراق كېلىڭە، −− ئۇ كاپ قىلىپ مېنى قۇچاقلىۋالدى.
−− قويۇۋەتسىلە، قويۇۋەتسىلە مېنى!
−− بوش... بوشراق ۋارقىراڭ دەيمەن!
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە گۈپ قىلىپ مېنى كارىۋاتقا يىقىتتى. مەن تېپىرلايتتىم، ئېغىرلىقىدىن سىقىلىپ تىن ئالالمايتتىم. قانداق قىلدىمكىن، ئۇنىڭ گۆشلۈك مەيدىسى ئېغىزىمغا كىرىپ قالغاندەك بولدى، كۈچ بىلەن چىشلىدىم.
−− ۋاي... ۋايجان! −− دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭلا بىقىنىمغا گاچ قىلىپ بىر مۇشت تەگدى، ئۇ مۇشت ئەمەس، بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇرغان بازغاندەك بىلىندى، مەن ئۈنۈمنىڭ بارىچە ۋارقىرىدىم.
−− ئادەم بارمۇ! مېنى قۇتۇلدۇرۇڭلار!
−− بولدى، بولدى، ۋارقىرىما قانجۇق! −− ئۇ شۇنداق دەپلا ئېغىزىمنى تۇتۇۋالدى، ئەمدى تىنىقىم كېسىلەي - كېسىلەي دەپ قالغان ئىدى، ئۇ مېنىڭ بولالمايۋاتقىنىمنى بىلدىمىكىن، يا ئەسەبىيلىكىدىن ياندىمىكىن، ئاغزىمنى قويۇۋېتىپ ئۇدۇل تالاغا چىقىپ كەتتى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئىشىككە ئېتىلدىم، ئېتىلدىممۇ ئىشىككە سۇنغان قولۇمنى قايتۇرۇۋالدىم، مەن ئاشۇ تۇرۇشۇمدا ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچى ئىدىم، ئۇنى تالادا دەپ ئويلاپ بۇ نىيىتىمدىن ياندىم.
دەرۋەقە ئۇ تالاغا سەپسالغىلى چىققان بولۇپ، ھويلىسىدا تېپىرلاپ يۈرەتتى. خېلىدىن كېيىن يېنىپ كىرىپ، نېرىقى كارىۋاتقا ئولتۇردى، مەن بۇ ياقتىكى كارىۋاتتا تامغا قىسىلغىنىمچە ئۇنىڭ يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىدىغىنىنى كۆزىتىپ ئولتۇراتتىم.
−− نېمە قىلىپ قويغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن سىڭلىم، −− دېدى ئۇ بىر تال تاماكىنى ئوت يېقىپ شورىغاچ، −− ئۆزۈمنى تۇتالماي قاپتىمەن.
−− نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدىغان كىچىك بالا، يا چالا ساراڭ ئادەم ئەمەستۇرسىز؟
−− ھە... ھە... شۇنداق... شۇنداق، −− ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلمىگەندەك بىردىنلا بىچارە ھالەتكە كىرىۋالغان ئىدى، −− سىزنى رەنجىتىپ قويدۇم، خاپا بولمىسىڭىز ھە؟ قەسەم قىلايكى، ئىككىنچى ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن.
−− مۇشۇ قارغىش تەگكۈر ئۆيۈڭ بىلەن قىلارسەن! −− دېدىم ئىچىمدە. مەن بۇ ئۆيدىن كېتىشكە ئاللىقاچان بەل باغلاپ بولغان ئىدىم، گويا ئۇنىڭ يېلىنىشلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەك جىمجىتلا ئولتۇرۇۋەردىم. ئۇ بولسا توختىماي يېلىناتتى:
−− ئارىدا ھېچقانداق ئىش بولمىغاندىكىن ھەر ئىككىمىز ئۇنتۇپلا كېتەيلى، بولۇپمۇ ئايشەم ھەدىڭىزگە تىنغۇچە بولماڭ، مەنغۇ بىر نۆرى، بىكاردىن - بىكارغا سىزگە ئۆچ بولۇپ قالىدۇ ئۇ ساراڭ. تېخى ئۈستىڭىزدە بولمىغۇر گەپلەرنى توقۇپ، نامىڭىزنى بۇلغاپ يۈرۈشتىنمۇ يانمايدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ قىز بالىنىڭ نامى، ئابرۇيى تۆكۈلسە بولمايدۇ - دە...
ئۇنىڭ كېيىنكى گەپلىرى ماڭا تەسەللى ئەمەس، ئىچىمگە بىر تالاي ئەندىشە تۇمانلىرىنى باشلاپ كىردى. دېمىسىمۇ راستقۇ، ئايشەم دېگەن بىر ھازازۇل خوتۇن، ئۇنى شۇنداق قىلمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە غىپپىدە كېتىۋالاي بۇ يەردىن...
كاللامدا يەنىلا كېتىش دېگەن گەپ ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى. ئۇ مېنىڭ ئىندىمەي ئولتۇرۇشۇمنى »تەسەللىيىمنى ئاڭلىدى« دەپ بىلدىمىكىن، كېيىن نېمىگىدۇر خاتىرجەم بولغاندەك قىلىپ دۇكىنىغا كەتتى. مەن نەرسىلىرىمنى چىگىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم، تۇردۇم - يۇ، پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان بالىغا قاراپ ئىككىلىنىپ قالدىم.
مۇشۇنداقلا كېتىپ قېلىپ، ناۋادا بالىسىغا بىر نېمە بولۇپ قالسا، مەندىن كۆرمەسمۇ؟ ۋە يا بىر نەرسىسى يوقىلىپ كەتسە ئۇنىمۇ مەن ئوغرىلاپ كەتكەن بولىمەن - دە. ياخشىسى ئۇلار ئۆيدە بار ۋاقىتتا چىقىپ كېتەي.
شۇ خىيال بىلەن دەماللىققا نىيىتىمدىن ياندىم. چىشىمنى چىشلەپ پۇرسەت كۈتەتتىم، ئارىدىن ھەپتىچە ئۆتۈپ، كۈتكەن پۇرسەت ئۆزىچىلا كېلىپ قالدى.
−− زەينۇرە، −− دەپ قالدى ئايالى شۇ كۈنى چۈشكە يېقىنراق، −− شاققىدە كوچىغا چىقىپ كۆكتات ئەكېلىڭە سىڭلىم.
ئۇ يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش ۋاقتى ئىدى. ئاي ئاخىرى بولغاچقا، شۇ ئايلىق ئىش ھەققىمنىمۇ ئەتىگەندىلا بېرىشكەن ئىدى.
گۈلقەقەلىرىم ئېچىلىپلا كەتتى، شادلىقىمنى ئىچىمدە بىلىمەن، سىرتىغا چىقارمايمەن. ئۆزۈمگە »كۆكتاتلىرىڭلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇۋېرىڭلار« دېدىم ئىشىكتىن چىقىۋېتىپ. شۇ چىققانچە ئۆيدە قالغان نەرسە - كېرەكلىرىمگىمۇ تارتىشماي ئۇدۇل بېكەتكە كەلدىم. ئاپتوبۇسلارنى ئارىلاپ يېزىمىزغا بارىدىغانلىرىنىمۇ نىشانلاپ بولدۇم، ماشىنىلارنىڭ قوزغىلىشىغا بىر سائەتتەك ۋاقىت بار ئىدى. تاماق يەۋالايچۇ دەپ ئاشپۇزۇلغا كىردىم، تاماق يەۋېتىپ توساتتىن خىيالىمغا بىر ئىش كېلىپ قالدى.
ئۆيدىكىلەر مېنىڭ بالا باققۇچىلىق خىزمىتىمدىن خېلىلا رازى ئىدى، خۇسۇسەن ئايمۇئاي ئەۋەتىپ بېرىپ كېلىۋاتقان پۇللىرىم ئۇلارغا ياغدەك يېقىپ كېلىۋاتاتتى.
−− خۇدايىم قولۇڭغا دەرد بەرمەس قىزىم! −− دەپ كەتكەنىدى ئانام بىر قېتىم يوقلاپ بارغىنىمدا، −− قىز بالا بولساڭمۇ بىزگە بەك ئەسقاتتىڭ، مانا ئوغۇل بالىلاردەكلا پۇل تېپىپ بېرىۋاتىسەن، خۇدايىم ئاشۇ پۇللارغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن!
راست، ئەمدى ئۆيگە نېمە دەپ بارىمەن؟ ئۇلار ھەيدىۋەتتى دەپمۇ، يا ئۆزۈم خالىمىدىم دەپمۇ؟ مەيلى نېمىلا دېمەي، ئۇلار سەۋەب - ۋەجىنى سورىشىدۇ، مەن دۇدۇقلايمەن. ئۆيدىكىلەر ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ياق، مەن كەتسەم بولمىغىدەك، لېكىن ئۇ ئۆيگە ئىككىنچىلەپ ئاياغمۇ باسمايمەن، باشقا يەردىن ئىش تاپسام بولغۇدەك.
ئەلقىسسە:
خىياللىرىم تۈگىمەيلا يان تەرىپىمدە تاماق يەۋاتقان ئىككى قىزنىڭ پارىڭى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
−− ھەي، »گۈلناز قەھۋەخانىسى«غا تۆت نەپەر كۈتكۈچى ئالىدىكەن، −− دەۋاتاتتى بىرى يەنە بىرىگە، −− شۇ يەرگە بېرىپ باقمايلىمۇ؟
−− قانچىدىن ئىش ھەققى بېرىدىكەن؟
−− ئۇنى ئېنىق دېمەپتۇ، يۈزتۇرا كېلىشىمىز دەپتىغۇ تاڭ؟
−− ئىش ھەققى يۇقىرىراق بولسا ئىشلەيمىزمۇ - يا؟
−− بېرىپ باقىلى ئەمىسە.
قىزلار شۇنداق دېيىشىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى، مەنمۇ ئىختىيارسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ قىزلارغا ئەگىشىپ ماڭدىم، ئۇلار ئالدىمدا، مەن يەتتە - سەككىز قەدەمچە كەينىدە، ئۆزۈمدە دېگەندەك ئىشەنچمۇ يوق، تەلەي سىناپ بېقىش ئۈچۈن مېڭىۋەردىم، قىزلار بىر كوچىنىڭ سەل بېشىغىراق جايلاشقان بىر بىنانىڭ 2 - قەۋىتىگە چىقىپ كېتىشتى. مەنمۇ ئەگەشتىم. تارغىنە كارىدورنىڭ ئىككى يېقىدىكى ئۆيلەردىن بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن خىلمۇخىل ناخشا - ناۋا سادالىرى چىقىپ تۇراتتى.
نەلەردىندۇر ئەر - ئاياللارنىڭ قاقاقلىشىپ كۈلۈشكەن، ئۈنلۈك - ئۈنلۈك سۆزلىشىۋاتقان ئاۋازلىرى كېلەتتى.
ھېلىقى قىزلار ئۇ يەر - بۇ يەرگە دوقۇرۇپ بېقىپ، كارىدورنىڭ نېرىقى ئۇدۇلىدىكى بىر ئۆيگە كىرىپ كېتىشتى. تاپ بېسىپ مەنمۇ كەلدىم. ئۇ، مۇشۇ قەھۋەخانا خوجايىنىنىڭ بۆلۈمى بولسا كېرەك، ئوتتۇرا ياشلارغا بېرىپ قالاي دېگەن بىر ئايال ئالدىدىكى كومپيۇتېرغا قاراپ، قارتا ئويۇنى ئويناپ ئولتۇراتتى. مەن ئىشىك سىرتىدا ئىدىم.
−− ئىش بارمۇ؟ −− دەپ سورىدى ئايال كىرگەن قىزلاردىن.
−− خىزمەتچى ئالىمىز دەپتىكەنسىلەر، ئىشلەيلى دېگەنتۇق.
−− ھە... ئېلاننى كۆرۈپسىلەردە؟ ئىش بار، ئىش بار. قانچە ئۇزاق ئىشلىيەلەيسىلەر؟
−− ئاۋۋال بېرىدىغان ئىش ھەققىنى ئوقۇپ باقساق بولامدۇ؟ −− سورىدى يەنە بىرسى.
−− بولىدۇ، بولىدۇ، −− دېدى ئايال قولىدىكى مائۇسنى قويۇپ ۋە ئالدىدىكى قانداقتۇر بىر قۇتىدىن بىر تال تاماكىنى سۇغۇرۇۋېلىپ، تارس قىلىپ چاقمىقىنى چاقتى. تاماكىنى تازا بىر شوراپ ئىسىنى يۇقىرىغا قارىتىپ پۈۋلىگەچ داۋام قىلدى، −− ئالدى بىلەن بىر ئاي سىناپ باقىمىز. سناق ۋاقتىڭلاردا ياتاق - تاماقتىن سىرت 300سومدىن ئالىسىلەر. سىناقتىن ئۆتۈپ رەسمىيلەشكەندە ئايلىقىڭلار بىراقلا 800−900سومدىن 1000سومغىچە بولىدۇ. قانداق، بولامدىكەن؟
قىزلار بىر - بىرىگە قارىشىپ، باشلىرىنى لىڭشىتىشتى.
−− ئەمىسە ئىشلەپ باقايلى.
−− بولىدۇ، −− دېدى خوجايىن تارتمىسىدىن قانداقتۇر بىر قەغەزلەرنى ئېلىۋېتىپ، −− ئەمىسە بۇ ئانكىتلارنى تولدۇرۇڭلار. ئاندىن ئاستىغا ئىمزايىڭلارنى قويۇڭلار، −− ئايال قىزلارغا بىر ۋاراقتىن قەغەزنى تارقىتىپ بەردى.
−− مەنمۇ ئىشلەي دېگەن... −− ئۆزۈمنىڭ قانداقسىگە كىرىپ كەلگىنىمنىمۇ تۇيمايلا شۇ گەپنى دەپتىمەن.
خوجايىن باش - ئايىغىمغا بىر قۇر سەپسېلىپ چىققاندىن كېيىن گەپ سورىمايلا ماڭىمۇ بىر ۋاراقچىنى بەردى. يېنىمدا قەلەم يوق ئىدى. مېنىڭ قاراپ تۇرغىنىمدىن قەلىمىم يوقلۇقىنى سەزدى بولغاي، بىر تال قەلەمنى ئۇزاتتى.
جەدۋەللەر توشقۇزۇلۇپ قولىمىزنى باسقاندىن كېيىن، ئۈچىمىزنى باشلاپ چىقىپ بىر ئۆيگە ئېلىپ كىردى. بىر قۇردىن ئىش كىيىمىنى ئېلىپ، ئالدىمىزغا تاشلىدى.
−− كىيىمىڭلارنى ئالماشتۇرۇڭلار. قىلىدىغان ئىشىڭلار ھەرقايسى خانىلارنىڭ ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ كىرگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىسىلەر. جاي كۆرسىتىپ، چاي قۇيىسىلەر. خېرىدارلارنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بېجىرىسىلەر.
ئايال شۇلارنى دەپ قويۇپ ئۈچىمىزنى ئايرىم - ئايرىم خانىلارغا ئەكىردى. مېنى ئەكىرگەن خانىدا مەندىن باشقا ئىككى مۇلازىم بار ئىدى. مېنى بىرسىگە تۇتقۇزۇپ بېرىپ، يەنە بىرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مەن قېپقالغان مۇلازىمنىڭ بۇيرۇغان ئىشلىرىنى قىلىپ، كۈننى كەچلىدىم.
بۇ يەر چاي، قەھۋە، سوغۇق ئىچىملىك دېگەنلەرنى ئىچىشكەچ قىز - يىگىتلەرنىڭ پاراڭلىشىدىغان جايى ئىدى. ئارىلاپ - ئارىلاپ تانسا، دىسكو دېگەندەكلەر ئوينىلىپ تۇراتتى. بىرى ئۇزىسا، ئىككىنچىسى كىرەتتى. تولىسى چۈشتىن باشلاپ يېرىم كېچىلەرگىچە داۋام قىلاتتى. ئىشقا كەلسەك، ئۇيقۇنى دېمىگەندە ئادەم چارچىغۇدەك، قىلىپ بولالمىغۇدەك ئېغىر ئىشلار يوق ئىدى. ھەر ھالدا بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. سىناق مەزگىلىدىكى بىر ئاينىڭ قانداقسىگە ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالدىم.
ساق بىر ئايدىن كېيىن خىزمىتىم باشقا بىر خانىغا يۆتكەلدى. بۇ خاس ئىچەرمەنلەرنىڭ سورۇنى ئىدى. ئۈستەلمۇ ئۈستەل ئارىلاپ يۈرۈپ، بۇيرۇتمىلارنى خاتىرىلەيتتىم. چىققان قورۇمىلارنى جاي - جايىغا يەتكۈزەتتىم، چاي قۇياتتىم، ئۈستەل تازىلايتتىم. ئەلۋەتتە مەن يالغۇز ئەمەس، تۆت - بەشتەك مۇلازىم بىلەن بىللە ئىدىم. بەزىدە ئاشۇ بەش - ئالتىمىزمۇ يېتىشىپ بولالماي قالاتتۇق. خۇسۇسەن بەزى ئۈستەللەردە ئەرلەرنىڭ يېنىدىن كەتمەي چاي قويىدىغان، ھاراق - پىۋىلىرىنى تۆكۈپ بېرىدىغان ئىشلارمۇ جانغا تېگىپ تۇراتتى. قۇيۇپ بەرسەكمۇ مەيلى، بەزىلىرى گىرىلىك قىلىپ »سەن بىلەن بىللە ئىچىمەن« دەپمۇ تۇرۇۋالاتتى.
نەچچە قېتىم ئىشنى تاشلاپ كېتەي - كېتەي دېدىم. يەنە شۇ ئالدىمدا توغرا تۇرۇۋالىدىغىنى قېرىغان ئاتا - ئانامنىڭ ماڭا قاراپ تەلمۈرۈشلىرى بولاتتى - دە، چىشىمنى - چىشىمغا قوياتتىم.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەستلەر ئىچىپ - ئىچىپ تانسىغا چۈشۈپ كېتىشتى. مەن ئۈستەللەرنى تازىلاش بىلەن مەشغۇل ئىدىم.
−− خانقىز، ئىككىمىز بىر پەدە ئوينىساق قانداق؟ −− دېگەن بىر ئاۋاز چىقتى كەينىمدىن. ئۆرۈلۈپ قارىدىم، كۆپ ئىچكەنلىكىدىن ئۆزىنى باشقۇرالماي قالغان بىر مەست ماڭا قول تەڭلەپ تۇراتتى.
−− كەچۈرۈڭ، مەن ئىشلەۋاتىمەن.
−− ئىش... ئىشلەۋاتىمەن؟ مانا... مە... مەنمۇ ئىشلەيلى دەۋاتىمەنغۇ؟ كېلىڭە ئوينايلى، −− ئۇ شۇنداق دېگىنىچە كاپ قىلىپ قولۇمنى تۇتتى، مەن كەينىگە داجىدىم. ئۇ، لەيلەپ - لەيلەپ مېنى قوغلىشىپ كېلىۋەردى. كېيىن قانداق بولدىكىن، قولۇم قولىدىن چىقىپ كېتىپ، كەينىگە پالاققىدە چۈشۈپ كەتتى. مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي چەكچىيىپلا تۇراتتىم.
−− ھەي زەينۇرە! −− دېدى ھەمراھىم، −− يۆلە ئۇنى! بىكار خوجايىن كىرىپ قالسا ئىشىڭ چاتاق بولىدۇ.
مەنچە بولسا ئۇنى يۆلىگۈم ئەمەس، ئۈستىدىن بىر داس يۇندىنى قۇيۇۋەتكۈم بار ئىدى. لېكىن، ئىشىمدىن ئايرىلىپ قالساممۇ بولمايتتى. ئىلاجسىز بېرىپ ئۇنى يۆلىدىم. ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ كىيىملىرىنى سۈرتۈۋاتتىم، كۈتۈلمىگەندە ئېڭىكىمگە تاراس - تاراس قىلىپ ئىككى تەستەك تەگدى. ئۆزۈمنى ئوڭشىيالماي ئۈستەلگە يۆلىنىپ قالدىم. كەينىمدە نېمىلەردۇر جاراڭلاپ ئۆرۈلگەندەك قىلدى.
ئۆزۈمنى ئوڭشاپ بولغىچە بىر قول چېچىمدىن ئالدى - دە، ئۈستەللەر ئارىلىقىدا ئىككى پىرقىرىتىپ توختىدى، ئاغرىق زەربىسىدىن چىرقىراپمۇ تاشلىدىم. ئۇ بىر تال ئۆرۈمە چېچىمنى قولىغا يۆگىۋېلىپ، ھېلىھەم تارتقۇچلاپ تۇراتتى. ئارىدا ھېچكىممۇ ئاجراتقىلى كەلمىدى. ئۇ ئەمدى مېنى ئۈستەلگە تاقاپ، ئۇدۇل كەلگەن يېرىمگە ئۇرۇۋاتاتتى. ئۈستەلدىكى كاۋابلىرى يېيىلىپ بولغان بىر تال زىخنىڭ قانداقسىگە قولۇمغا چىقىپ قالغىنىنىمۇ بىلمىدىم. ئاچچىقىمغا پايلىماي، ئاستى تەرەپتىن ئەكېلىپ، قورسىقىغا كۈچ بىلەن تىقىۋەتتىم. »ئېھ« دېگەن بىر ئاۋاز بىلەن تەڭلا چېچىممۇ بوشاپ قالدى. ھېلىقى مەست ئايىغىمدا تۈگۈلۈپ ياتاتتى. بارماقلىرى ئاستىدىن قان شىرقىراپ چىقىۋاتاتتى. ھېلىمۇ تەلىيىم بار ئىكەن. بايا مەن بىلەن كارى بولمىغان ئويۇنچىلارنىڭ ھەممىسى بىردىنلا مېنى ئاقلاپ، بار گۇناھنى ھېلىقى مەستكە قويۇشتى.
مەستلەرنىڭ ھەممىسىمۇ ئەسكى بولمايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدىم ئۆزۈمچە، ھەر ھالدا ھەق - ناھەقنى ئايرىيدىغانلىرى بار ئىكەن. شۇنداق ئويلىساممۇ يەنە بىر تەرەپتىن ھېلىقى مەستنىڭ بىر نېمە بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيمۇ قالمايتتىم. ناۋادا كوپپىدە ئۆلۈپ قالسا، قاتىلى مەن بولىمەن - دە.
ئۇنى كىملەردۇر »دوختۇرخانىغا، دوختۇرخانىغا« دېيىشىپ ئېلىپ كېتىشكەن ئىدى. كۆپ ئۆتمەي قالغان دەككە - دەشنامنى خوجايىندىن ئىشىتتىم. »نېمە كەلسە ئۆزۈڭ ئىگە. ساقچىخانىنى كۆرسىتىپ قويىمەن!« دەپ بىر مۇنچە قورقاق سالدى. يېرىم ئايلىق مائاشىمنى تۇتۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇ كېچە تۈنبويى كىرپىك قاقمىدىم. كاللامدا ھېلىقى مەستنىڭ تۈگۈلۈپ ياتقان ھالىتى، بىرىدە ئۆلۈپ تامدەك تاتىرىپ كەتكەن ئەپتى، يەنە بىرىدە ساقچىلارنىڭ مېنى تۇتۇپ كويزا سېلىۋاتقان، ئۆلۈم مەيدانىغا يالاپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى توختىماستىن ئالمىشىپ تۇراتتى. ۋۇجۇدۇمنى بىردىنلا قورقۇنچ ئورۇۋالدى. قارا باسقان ئادەم مەڭدەپ قالغاندەك ئورنۇمدىن دەسسىدە ئۆرە بولۇپ كەتتىم.
بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەتراپىمنى تىڭشاپ بېقپ ئاستاغىنە تۇردۇم. چالا - بۇلا كىيىنىپ، پۇتۇمنىڭ ئۇچى بىلەن ئارقا ئىشىك تۈۋىگە كەلدىم. مۇلازىملار ياتىقى قەھۋەخانا كارىدورىنىڭ ئارقىسىدىكى ھويلىدا ئىدى. ئارقا ئىشىك ئىچىدىن ئېتىلەتتى. ئىلغۇچىنى پەم بىلەن چۈشۈرۈپ، سىرتقا چىقتىم.
ئەلقىسسە:
ماي يولغا چىقىپلا ئۇدۇل بېكەت تەرەپكە ماڭدىم. بېكەتكە بارغىچە تاڭمۇ ئوبدانلا ئېتىپ قالغانىدى. بېكەتكە كىرىپ تۇنجى ئاپتوبۇستىلا ئۇدۇل يېزىغا −− ئائىلەمگە كەتتىم...
زەينۇرە چارچاپ كەتكەن بولسا كېرەك. گېپىنى توختىتىپ ماڭا قارىدى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ توختماي سۆزلەۋاتقىنىغا ئىككى سائەتتىن ئاشقانىدى.
−− داۋامىنى ئەتە سۆزلىسەم بولارمۇ؟ −− كۈلدى ئۇ ماڭا قاراپ.
−− ھېكايىلەر »مىڭبىر كېچە«گىچە سوزۇلىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
−− مىڭبىر كېچىدىنمۇ ئارتۇقراقمىكىن دەيمەنغۇ؟
−− شۇنداقمۇ، −− دېدىم ئۇنىڭ تۈز كۆڭۈللىكىگە مەستلىكىم كېلىپ، −− بوپتۇ. داۋامىنى كېلەر ئاخشام ئاڭلايلى.
ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشتۇق.
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراپ دوختۇرخانىغىمۇ چىقالمىدىم. ئەمما بىمارلىرىمنى باشقىلار ئارقىلىق يوقلىتىپ تۇرۇشنىمۇ ئۇنتۇمىدىم. زەينىدىننىڭ زەينۇرە ئىكەنلىكى مېنىڭدىن باشقىلارغا تېخى سىر ئىدى.
−− زەينىدىننى يوقلاپ كىرىڭلا، −− دەيتتىم مەنمۇ چىقارتىدىغان كىشىلىرىمگە، −− ئۇ غېرىبسىنىپ قالمىسۇن.
−− زەينىدىن ئوبدان يېتىپتۇ. يارىسى ساقىياي دەپتۇ، −− دەيتتى ماڭا.
نەچچە كۈندىن كېيىن بىر ئەتىگىنى ئۇنىڭغا ئاتايىن شورپا قىلدۇرۇپ، ئانچە - مۇنچە يەل - يېمىش، تاتلىق - تۇرۇملار بىلەن زەينۇرەنى يوقلاپ چىقتىم. ئوكۇلى تۈگەپ قالاي دېگەنىدى. ئۆزى پۇشۇلداپ بىر تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. ئاستا كېلىپ كارىۋات بېشىدا ساڭگىلاپ تۇرغان چاقىرىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويدۇم. كۈتۈلمىگەندە كۇنۇپكا كارىۋات بېشىغا تىرىققىدە تېگىپ كەتتى. ئۇ، لاپ قىلىپ كۆزىنى ئاچتى ۋە ئىللىققىنە تەبەسسۇم قىلىپ قويدى.
زەينۇرە كارىۋىتىدىن چۈشكۈدەك بولغانىدى. يۈز - كۆزىنى يۇيۇپ چىقىپ ناشتا قىلدى. ئۇ نەچچە زامان ئاپتاپ كۆرمىگەنلىكتىن چىرايى تېخىمۇ سۈزۈلۈپ، مەڭزىلىرىگە قان تەپچىرەپ چىققانىدى. بىرلا يېرى −− ئەرەنچە چېچى كۆزۈمگە سىغمايۋاتاتتى.
−− چېچىڭىز ئۆسكىچە يالغان چاچتىن بىرى لازىم بولدى سىزگە، −− كۈلدۈم ئۇنىڭغا قاراپ، ئۇ پىسىڭڭىدە كۈلدى، −− ھە راست، »مىڭبىر كېچە«نىڭ داۋامىنى قاچان ئاڭلايمەن؟
−− قاچان خالىسىلا شۇ چاغدا.
−− ئەمىسە بۈگۈن ئاڭلايمۇ؟
−− مەيلى... ھە، راست، نەگە كەلگەن بولغىدىما سۆزلەپ؟
−− ماشىنىغا چۈشۈپلا يېزىڭىزغا كەتتىڭىز.
ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ، ئاستىلا ياستۇقىغا تاياندى.
−− يېتىۋېلىڭ، يېتىۋېلىپ ئېيتىڭ.
−− بولدى، بىردەم ئولتۇراي، −− ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ كۆزلىرىنى دېرىزىدىن نەلەرگىدۇر تىككىنىچە ھېكايىسىنىڭ داۋامىنى باشلىدى.
−− شۇنداق قىلىپ ئۆيگە كەتتىم، ئۈن - تىنسىز نەچچە كۈننى ئۆتكۈزدۈم.
−− بالام، −− دېدى ئانام بىر كۈنى مېنىڭ خىرامان يۈرۈشلىرىمگە قاراپ، −− ئەجەب قايتىدىغاننىڭ گېپىنى قىلمايسىز - يا؟ ئىلگىرى كەلسىڭىز ئىككى كۈن تۇرار - تۇرماي كېتەتتىڭىز.
−− سىلەرگە دېيىشنى ئۇنتۇغان ئوخشايمەن ئانا. مەن ئىشلىمەيدىغان بولۇپ يېنىپ كەلدىم.
−− نېمە، ئۇلار بالىسىنى باقتۇرمامدىكىنا؟ ئۇلار كېتىڭ دېدىمۇ يا ئۆزىڭىز بۇيان كەلدىڭىزمۇ؟
−− ئۆزۈم، ئاپا.
−− ۋۇي نېمىشقا ئەمدى؟
−− ئىشلىگۈم كەلمىدى.
−− بىر نېمە دېيىشىپ قالمىغان بولغىيتتىڭلار؟
−− ۋاييەي ئاپا، ئىشلىگۈم كەلمەي يېنىپ كەلدىم شۇ.
ئانام جىم بولدى. دادام بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلماي ئاڭلاپلا ئولتۇراتتى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە قايتا گەپ بولۇنمىدى. مەنمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئاش - تامىقىنى ئېتىپ، ئىشلىرىغا ھەمدەم بولۇپ يۈرۈۋەردىم.
قىش ئۆتتى. باھار كېلىپ ئانا تەبىئەت رەڭدار لىباسقا ئورۇنۇۋاتاتتى. بۇنداق چاغلاردا سەھرادىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ دەڭا كىشى! ئاستا - ئاستا يىغقان، ئېشىنغان پۇللىرىمنىڭ تۈگەپ قالغىنىنى، ئائىلىمىزنىڭ يەنىلا ئىلگىرىكى كۈنلەرگە قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. پۇل بولمىسا زادى بولمايدىكەن ئادەمگە. تۇرۇپلا شەھەرگە يەنە بارغۇم، بىرەر ئوقەت بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تاپقۇم كېلىۋاتاتتى.
بۇ ئويۇمنى ئۆيدىكىلەرگە قانداق دېسەم بولىدىكىن؟ ئارىسالدىچىلىقتا نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈۋەتتىم. بىر كۈنى سەل دېدىللىشىپ ئانامغا دېدىم:
−− شەھەرگە بىر بېرىپ كېلەيمىكىن ئانا؟
−− نېمە ئىش قىلىسىز؟ يەنە بىرىنىڭكىدە ئىشلەي دەمسىز - يا؟
−− شۇنداقراق بىر ئويۇممۇ بار.
−− بىرەر كىملەر ئىزدەپ كەلگەن بولمىسۇن يەنە؟
−− ئىزدەپقۇ كەلمىدى. بېرىپ باقايمىكىن دەيمەن شۇ.
ئانام كىچىككىنە جىمىپ قېلىپ، ئاستاغىنە ماڭا قارىدى.
−− بارسىڭىزمىغۇ مەيلىدى. لېكىن بىر گەپنى سىزگە دەي - دەي دەپ تۇراتتىم. پازىل ئاخۇننىڭ ھېلىمىخان قۇلاق ئاغرىقى قىلىپ كەپتىكەن. كېلىن قىلىۋالغان بولساق دەپ تولا دەپ كەتتى. ئەمدى...
−− ئەمدى ئەرگە تېگىمەنما؟ −− توغرىدىن - توغرا شۇنداق دېدىم ئانامغا.
−− بويىغا يەتكەن قىز ياتلىق بولىدىغان گەپ قىزىم. بىر باشقا بىر بۆك بولمىسا بولمايدۇ.
ئانام شۇنى دەپلا جىممىدە بولۇپ قالدى. ئۇ مېنىڭ ياستۇق قېپىمنىڭ سۆكۈلۈپ كەتكەن بىر يېرىنى تىكىۋاتاتتى. چىرايىدىن گەپلىرىمگە خاپا بولۇۋاتقاندەك بىر خىل مەيۈسلۈك ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئىككى يىڭنە ئىلار - ئىلماي قولىغا يىڭنە سانجىۋالدى. سەۋەبىنى دەرھال ھېس قىلدىم. بۇ كۆڭلىنىڭ چېچىلىۋاتقانلىقىدىن ئىدى. شۇلارنى سېزىپ ئىچىم پىژژىدە كۆيدى. ئاستاغىنە يىڭنە كىرىپ كەتكەن بارمىقىنى تۇتۇپ يېنىك - يېنىك ئۇۋۇلىغاچ دېدىم.
−− گېپىم سەل توڭ بولۇپ قالدى ئاپا. سىلەرگە دېسەم، مېنڭ ھازىر ياتلىق بولغۇم يوق. ماڭا يەنە بىرئاز ۋاقىت بېرىڭ. ئوبدانراق ئويلىنىۋالاي، ماقۇلمۇ؟
−− ئويلانسىڭىزغۇ بولىدۇ قىزىم. توي ئىشى دېگەن ئۆمۈرلۈك ئىش. ئۆزۈڭنى تازا توختىتىپ قىلغانمۇ ياخشى. لېكىن شۇ... يېشىڭىزمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. كېيىنچە يامان ئاتاققا قالارسىزمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن شۇ.
−− مەلەڭنى چىڭ تۇتساڭ ئوغرى كىرەلمەيدۇ، دېگەن گەپ بار ئاپا، قىزىڭىزدىن خاتىرجەم بولۇڭ.
−− ۋاي، جېنىم بالام، سىزدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقىنىم ئەمەس، ئالدىنقى قېتىم كەلگەن ئەلچىلەرنىمۇ ياقتۇرمىغاننى قىلىپ تۇرۇۋالدىڭىز. ھېلىمىخان ئۈچىنچىسى جۇمۇڭ! »تاللاپ - تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ« دېگەندەك ئىش بولمىسۇن دەيمەن.
ئانامنىڭ دېگەنلىرىمۇ ئورۇنلۇق ئىدى. لېكىن نېمىشقىكى كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە ئالدىراپ ياتلىق بولغۇم كەلمەيتتى. ئوقۇيالمىغان بولساممۇ، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ خىزمەتمۇ، ئوقەتمۇ، ئىشقىلىپ بىر ئىش بىلەن ئۆزۈمنى سىناپ بېقىشنىلا ئويلايتتىم. بۇ يەنىلا ئائىلىمىز، ئاتا - ئانام ئۈچۈن ئىدى.
كېيىنكى ھەپتىسى شەھەرگە كەلدىم. كەلدىمۇ، دەماللىققا نېمە ئىش قىلىشىمنى بىلمەيتتىم. مېھمانخانىدا يېتىپ، بىكاردىن - بىكارغا شەھەر ئايلىنىپ يۈرۈۋەرگىلى بولمايتتى. پەقەت ئۇچۇر - مۇلازىمەتخانىلار تاختايلىرىنى ئارىلاپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئېلانلارنى كۆرەتتىم. ماڭا ماس كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئادرېس ۋە تېلېفون نومۇرىنى خاتىرىلەيتتىم. مېنىڭ بىرەر كومپيۇتېرخانىدا ياكى كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قىلىدىغان ئىش ئورنىدا ئىشلىگۈم بار ئىدى.
بىر كۈنگىچە توختىماي نومۇر خاتىرىلىدىم. كېيىنكى كۈندىن باشلاپ شۇ ئادرېسلارغا قاتراشقا باشلىدىم. ئەپسۇسكى بارغان جايلىرىمنىڭ كۆپىنچىسىگە ئادەم ئېلىنىپ بولغان ياكى ئوغۇل بالا ئالىدىغان بولاتتى. بەزىلىرىگە سەۋىيەم، ئالاھىدىلىكىم يەنە ئاللىقانداقتۇر شەرتلىرىم چۈشمەيتتى. بەزىلىرى تېخى ئالىي مەكتەپ دىپلومى، خەنزۇ تىلى دەرىجە گۇۋاھنامىسى دېگەندەكلەرنى تەلەپ قىلىشاتتى. تۆت كۈن قاتراپ بىردىنلا سۇغا چۈشكەن قەغەزدەك بوشاشقا باشلىدىم. ھە دېگەندە، ئوقۇيالمىغىنىمغا، ھېچ بولمىغاندا ئوغۇل بالا بولمىغىنىمغا قاتتىق ئۆكۈنەتتىم.
شۇنداق يۈرۈپ ھەپتە ئاخىرىغا كەلگەندە بىر يەردىن ئۈمىد شولىسى كۆرۈندى. ئۇلار ھېلىقىدەك يوغان - يوغان شەرتلەرنىمۇ قويۇپ كەتمىدى. پەقەت تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولسا، كومپيۇتېردا خەت ئۇرالىسىلا بولىدىكەن. مېنى سىناپ بېقىشتى، خەت ئۇرۇش سۈرئىتىم بىلەن ئىملادا پىششىقلىقىم ياراپ قالغانىدى. ئىش ھەققىنى بېكىتىشىپ توختام تۈزۈشتۇق، مېنى بىر كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ قويۇشتى.
كۆڭلۈمدىكىدەك ئىش ئورنىغا ئېرىشكەن ئىدىم. چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن. ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىنى قولغا كەلتۈرىمەن دېدىم. ئىچىمدە ۋە بار ئىخلاسىم بىلەن ئىشقا كىرىشىپ كەتتىم. بۇ يەردە نابۇر بۆلۈمى، بەتچىكلەر ئىشخانىسى، تەھرىرلەر بۆلۈمى، ماشىنا سېخى... دېگەندەك بىر تالاي ئىش ئورۇنلىرى بار ئىدى. بىزنىڭ نابۇر بۆلۈمى يوغان بىر زالنىڭ ئىچىدە بولۇپ 50−60چە كومپيۇتېر قاتىرىسىغا تىزىلغانىدى. ھەر بىر كومپيۇتېر ئەينەك تاختايلار بىلەن قورشالغان بىردىن ئۆيدە بولۇپ، بىر - بىرىمىزنىڭ شاۋقۇن - تىۋىشلىرىدىن خالىي ئىشلەيتتۇق.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ۋەزىپە ئورۇنلاشتا ئالدىدا كېتىۋاتاتتىم. دىرېكتورىمىز قىلغان ئىشىمنىڭ سان - سۈپىتىدىن خېلىلا رازىدەك كۆرۈنەتتى. شۇ چاغقىچە باسمىخانىغا يېقىنلا يەردىكى بىر تۇل ئايالنىڭ ھويلىسىدا ئىجارىگە تۇرۇۋاتاتتىم، تامىقىم بازاردا ئىدى.
بىر كۈنى دىرېكتور تۇرمۇش ئەھۋالىمنى سوراپ قالدى. مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتتىم.
−− نېمىشقا بۇرۇنراق ئېغىز ئاچمىدىڭىز؟ −− دېدى گېپىم تۈگىشىگىلا، −− يېزىدىن كېلىپ ئىجارە ئۆيدە تۇرۇۋاتىمەن دەڭ. مەن تېخى شەھەر ئىچىدىن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. بولدى، مەن شىركەتتىن ياتاق تېپىپ بېرەي.
ئۇ ماڭا قەغەز ئامبىرىنىڭ يېنىدىن ئانچە چوڭ بولمىغان بىر ئۆينى بىكارلاپ، نەدىندۇر بىر كونا كارىۋاتنى تاپتۇرۇپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۆيۈممۇ بار بولدى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ مۇدىر - دىرېكتورلىرى پايپېتەك بولۇشۇپلا كەتتى. نېمە ئىش بولدىكىن دېسەم، باش لىدىر تەكشۈرۈشكە كېلىدىكەن دېيىشتى. ھەممىمىز ئىش ئورۇنلىرىمىزنى تازىلاپ - رەتلەپ، باشقىچە بىر خىل ھالەتتە ئىشلەپ كەتتۇق.
بىر چاغدا زالدا چاۋاك ئاۋازلىرى كۆتۈرۈلدى. تاققىدە كەينىمگە بۇرۇلدۇم. ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىۋاتاتتى. بىر توپ ئادەم زال ئوتتۇرىسىغا كېلەي دەپ قالغانىدى. باش لىدىر دېگىنى شۇ بولسا كېرەك، كاستۇم - بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ گالىستۇك تاقىغان، چاچلىرىنى سىپ - سىلىق تارىۋالغان 25−30ياشلار چامىسىدىكى زىلۋاغىنە بىر كىشى ئالدىدا قول ئىشارىسى قىلىپ كېلىۋاتتى، كەينىدىكىلىرى بولسا باسمىخانىنىڭ مۇدىر - دىرېكتورلىرى ئىدى.
تېخى ياشلا بىر ئادەمكەنغۇ بۇ؟ −− دېدىم ئىچىمدە ھېلىقى لىدىر دېگىنىگە قاراپ، خىيالىمدا باش لىدىر دېگەن چوققىسىنىڭ چاچلىرى چۈشۈپ كەتكەن، پېشقەدەملەر بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇ خىياللارنى قىلىۋېتىپ باش لىدىرغا بىردىنلا دىققەت قىلىپ قالدىم. چىرايى تونۇشتەكلا قىلاتتى. ئۇنى نەدىدۇر كۆرگەندەك سېزەتتىم. ئۇ مېنىڭ ئۇدۇلۇمغا كەلگەندە لاپپىدە بىر كۆز تاشلاپ قويدى - دە، ئۆتۈپ كەتتى. شۇ چاغدا يۈرىكىم »جىغغىدە« قىلىپ توختىدى. ئۆزۈمنى قويارغا جاي تاپالماي قالدىم. لېكىن قېچىپ كەتكىلى، مۈكۈۋالغىلى بولمايتتى.
ئۇ... ئۇ... ھاياتكەن - دە؟ ئۆلمەپتىكەندە؟ −− دېدىم ئىچىمدە، −− خۇداغا شۈكرى، ئۆلمىگىنىمۇ بوپتۇ، مەنمۇ قاتىل بولۇپ قالمىغىدەكمەن... كۆڭلۈمدىن شۇ خىياللار ئۆتتى - يۇ، ئارقىدىنلا يەنە جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. ئۇ، بىر چاغدا مەن زىخ تىقىۋەتكەن ھېلىقى پىيەنچۈك مەست ئىدى.
مېنى تونۇۋالدى ھەقاچان، −− دەيتتىم ۋەھىمىلىنىپ، −− شۇڭا قاراپ - قاراپ قويۇپ كەتتى. بەلكىم ئىچىدە ئاللا بىر پىلانلارنى تۈزۈۋاتقاندۇر. مېنى قوغلىۋېتەرمۇ، يا ئاشۇ چاغدىكى ئۆچىنى ئالارمۇ؟ قېنى كەلگىنىنى كۆرەرمەن. مەن ھەممىگە تەييارلىنىپ تۇراتتىم. لەھزە ئۆتمەي ئۇ زال ئىچىنى بىر ئايلىنىپ يەنە مېنىڭ ئۇدۇلۇمدا توختىدى - دە، يېنىمغا كىردى. كومپيۇتېرىم ئوچۇق ئىدى. بايىلا ئۇرۇپ توختىغان بەت كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بىر يېنىدا ئۇرۇۋاتقان بىر كىتابنىڭ ئارگىنالى بار ئىدى.
−− مەن قوبۇل قىلغان ئىشچىلار ئىچىدە ئىش سۈپىتى ۋە سانى ئەڭ ياخشى كېتىۋاتقان قىز بۇ، −− دېدى دىرېكتورىمىز ئۇنىڭ يېنىدا قىسىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مېنى ماختاۋاتقانلىقى ياكى ئۆزىنىڭ ئادەم تاللاشتىكى چېچەنلىكىنى دوكلات قىلىۋاتقانلىقىنى ئايرىشقا ھەپسىلەم يوق ئىدى. پۈتۈن خىيالىم باش لىدىرنىڭ مېنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى خىيال قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. لىدىر ئىش ئورنىمىزنىڭ ئۇياق - بۇيىقىغا بىر قۇر قاراپ قويۇپ دىرېكتورغا قارىدى.
−− بۇ يەردە شامالدۇرغۇچ كۆرۈنمەيدىغۇ؟ باشقا يەرلەردىمۇ يوقمۇ قانداق؟
−− باشقىلىرىدا بار. بۇ... بۇ يەردىكىسى بۇزۇلۇپ قاپتىكەن، يېقىندا ھەممىسىنى ھاۋا تەڭشىگۈچكە ئالماشتۇرماقچىدۇق، شۇڭا...
باش لىدىر بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي زال جىمىدى. مەن شۇ چاغدىلا »ئۇھ!« دەپ ئۆزۈمنى ئورۇندۇققا تاشلىدىم.
باش لىدىر دېگىنىنىڭ مېنى تونۇۋالغان - تونۇيالمىغىنىنى بىلمىدىم. ئىشقىلىپ ئۇ جىممىدە كىرىپ، جىممىدە چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئۆز ئىشىمنى قىلىۋەردىم.
ئارىدىن تۆت - بەش كۈندە ئۆتكەندە يېنىمدا دىرېكتورىمىز پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ نېمىگىدۇر قىيمايۋاتقاندەك بىر ھالەتتە كۆرۈنەتتى.
−− تۇرۇپلا ياراملىق بىر خىزمەتچىمدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولدۇم مانا، −− دېدى ئۇ توساتتىن.
قۇلاق تۈۋۈمدە گۈم! قىلىپ بومبا پارتلىغاندەك بولدى. خىيالىم دەرھال باش لىدىرغا كۆچتى. ئۇ مېنى قوغلىۋېتىدىغان بوپتۇ - دە ئاخىر.
−− نېمە، مېنى... مېنى ئىشتىن بوشىتامسىلەر؟!
−− نېمە دەيدىغانسىز! ئىشتىن بوشىتىپ كاللامنى ھەرە چېقىۋالمىسا مېنىڭ. ئورنىڭىز يۆتكىلىدىغان بولدى.
−− نەگە، نەگە يۆتكىلىدىكەنمەن؟
−− ئالدىرىمىسىڭىزچۇ؟ مەنچە بولسا سىزنى قويۇۋەتكۈم يوق ئىدى. ئورنىڭىزغا ئون خىزمەتچى بەرسىمۇ ياق دەيتتىم. لېكىن نېمە ئامال، باش لىدىرنىڭ سىزگە كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ.
−− چاقچاق قىلماڭا، دىرېكتور، مەندەك بىر سەھرا قىزىغا باش لىدىرنىڭ كۆزى چۈشۈپ نېمە قىلىدۇ؟
−− نېمىلەرنى دەپكەتتىڭىز ھەي، ساددا قىز! −− كۈلدى ئۇ ۋە ئارقىدىنلا گېپىنى ئۆزگەرتتى، −− ھە راست، بەلكىم سىزنىڭ گۈزەل رۇخسارىڭىزغا كۆزى چۈشكەندۇر. بۇغۇ بىر چاقچاق - ھە؟ گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، باش لىدىر ئىشخانىسىدا خاس مۇلازىمەت قىلىدىغان بىر قىز بار ئىدى. ئۇ توي قىلماقچىكەن، ئىستېپا سوراپ كېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭ ئورنىغا سىزنى ئەۋەتىڭلار دېدى.
ماڭا رەت قىلغۇدەك ئىمكانىيەت يوق ئىدى. ياق دېسەملا ھەممە تاۋىقىمدىن بىراقلا ئايرىلىپ قالاتتىم. ئىلاجسىز باش لىدىر ھۇزۇرىغا كەلدىم. باش لىدىر ئىشخانىسىغا تەۋە يەنە بىر نەچچە چوڭ - كىچىك باشلىقلار بار ئىكەن. شۇلارنىڭ بىرى قىلىدىغان ئىشلىرىمنى ئۇقتۇرۇپ، باش لىدىر ئىشخانىسىنىڭ سىرتىدىكى بىر ئىشخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.
مەن ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىشلەشكە باشلىدىم. باش لىدىر ئىشخانىسىغا ئۇلانغان چاقىرغۇ پات - پات جىرىڭلاپ تۇراتتى. مەن دەرھال كىرىپ يا چاي دەملەيتتىم، يا توكلۇق چايداننىڭ سوۋۇتقۇچىسىدىن سوغۇق سۇ ئەكېلىپ بېرەتتىم. پول، ئەينەكلەرنى، ئۈستەل - ئورۇندۇقلارنى سۈرتەتتىم، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ، خەۋەر قىلاتتم.
شۇ تەرىقىدە بىر مەزگىل ئۆتتى. بىر كۈنى ئىشتىن چۈشەرگە ئاز قالغان چاغ ئىدى. چاقىرغۇ جىرىڭلاپ قالدى. باش لىدىرنىڭ ئالدىغا كىردىم. ئۇ يان تەرەپتىكى دىۋان قىرىغا بېشىنى تاشلىغىنىچە يېرىم ياتاتتى.
−− ئىشىكنى يېپىۋېتىڭا! −− دېدى ئۇ بېشىنى كۆتۈرمەي يېتىپ.
مەن ئىشىكنى ياپتىم، ئىشىك شالاققىدە قىلىپ ئېتىلدى. يېنىغا كېلىپ سورىدىم:
−− قايناق سۇ قۇيايمۇ يا چاي دەملەيمۇ؟
−− نېمىلا بولسا مەيلى.
مەن كىچىككىنە تېڭىرقاشتىن كېيىن، بىر ئىستاكاندا دەملەنگەن چاي، بىرىدە قايناق سۇ ئېلىپ كەلدىم.
−− نېمىگە قول باغلاپ تۇرۇش بۇ؟ −− دېدى ئۇ تاققىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ، −− بۇنچە قورۇنۇپ، تەكەللۇپ قىلىپ نېمە قىلىسىز؟ كېلىڭە بۇياققا، يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇڭ.
تېنىم مىژ قىلىپ تىكەنلىشىشكە باشلىدى. يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ نېمە دەيدىكىنە ماڭا؟ بارماسلىققا ھەددىم ئەمەس ئىدى. ئىلاجسىز دىۋاننىڭ بىر چېتىگە كېلىپ ئولتۇردۇم.
−− ئازادە ئولتۇرمامسىز؟ سىز مۇنداق ياۋاش ئەمەستىڭىزغۇ؟
ئۇنىڭ مېنى تونۇۋالغىنى راست ئىكەن - دە؟ −− دېدىم شۈبھىلىرىم كۈچىيىپ، −− ئۇ ھەر قاچان ئاشۇ چاغدىكى ئىشلارغا ئىشارە قىلىۋاتىدىغۇ، يامىنى كەلسە ئۆچىنى ئالار. شۇ خىيال بىلەن ئىچىمدە ھەممىگە تەييارلىنىپ ئولتۇردۇم.
−− يېقىنراق كەلسڭىزچۇ - ھوي؟ مېنى ئادەم يەيدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ - يا؟
−− ئۇنداققۇ ئەمەس...
−− ئەمىسە كېلىڭە بۇياققا، −− ئۇ بىلىكىمدىن تارتتى، −− مېنى تونۇدىڭىزغۇ دەيمەن؟
−− تونۇدۇم، −− دېدىم سەل دېدىللىنىپ، −− سىلىنى خېلى بۇرۇنلا تونۇغان. ئەجەب مېنى ئىشتىن ھەيدەش ئۇياقتا تۇرسۇن يانلىرىغا ئەكېلىۋالدىلاغۇ؟
قىخ - قىخ - قىخ قىلىپ كۈلدى ئۇ ۋە بىر تال تاماكىغا ئوت يېقىپ تۈتۈنىنى يۇقىرىغا پۈۋلىدى.
−− مېنى ئۆچ ئالىدۇ دەپ قاپسىز - ھە؟ كەيپلىكتە ئۆزۈممۇ ياخشى قىلمىغانلىقىمنى كېيىن بىلدىم. دەرۋەقە، قولىڭىزدا جان بەرگىلىمۇ قىل قالدىم جۇمۇ!؟ كېيىن ساقىيىپ كەتتىم. كەيپچىلىكتە نېمە ئىشلارنى بولمايدۇ دەيسىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاغدا مەن باش لىدىر بولغان دادامنىڭ ئەركە دىرېكتورى ئىدىم. ئۆزۈمنى تۇتالماي يۈرەتتىم. دادام ئىشلارنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن بۇيان ئاستا - ئاستا ئەدەپكە قايتتىم. باش لىدىرغا تۇشلۇق ئىش قىلمىساق بولمايدۇ - دە...
ئۇ يەنە نۇرغۇن سۆزلىدى. ئۇياق - بۇياقتىن گەپ يورغىلىتىپ مېنىڭ تەكتىمنى ئۇقتى. ئۇ ئالاھازەل ئارىدىن ئىككى سائەت ئۆتكىچە شۇنداق پاراڭ قىلىپ ئولتۇردى. ئۇ نېمىلا دېمىسۇن كۆڭلۈمدە بىر ئىزتىراپ، بىر تىنچسىزلىق توختىماي ھۆكۈم سۈرەتتى. ۋاقىت بولسا كەچ كىرمەكتە ئىدى، ئۇ ئاشۇ گەپلىرىدىن كېيىن باشقا تېمىغا كۆچتى.
−− راستىنى دېسەم شۇ چاغدا كۆزۈمگە بىر قىسىملا ئىللىق كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدىڭىز. چىرايىڭىزنى خېلىغىچە ئەسلەپ يۈردۈم. لېكىن سىزنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. مانا ئەمدى ياخشى بولدى. سىزنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرىدىغان بولدۇم. نېمانچە قورۇنىسىز؟ ئوچۇقراق ئولتۇرۇڭا مۇنداق! −− ئۇ شۇنداق دەپلا ئېڭىكىمنى ئاستاغىنە كۆتۈرۈپ قويدى. ئاندىن بىر قولىنى مۈرەمگە سېلىپ بېلىمدىن قۇچاقلىۋالدى. مەن توختىماي ئۇنىڭ قۇچىقىمدىن ئاجرىۋېلىشقا ئۇرۇناتتىم. ئۇ بولسا كانىدەك چاپلىشىپ تۇراتتى.
−− ئۇنداق قىلماڭ، ئۇنداق قىلماڭ لىدىر! −− دېدىم قۇتۇلالمايدىغىنىمغا كۆزۈم يېتىپ، −− خۇش بولۇپ كېتەي، مېنى نابۇت قىلماڭ. مەن دېگەن ياتلىق بولمىغان قىز...
−− ياتلىق بولمىسىڭىز نېمە بوپتۇ؟ تۇرمۇش دېگەننى مۇشۇنداق ئۆگىنىدىغان گەپ.
−− ياق - ياق!
ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ بولۇشىچە ۋارقىرىدىم. كارىدوردا ئاياغ تىۋىشى پەيدا بولدى. بىر ئىشىكنىڭ ئېچىلغان - يېپىلغان ئۈنى ئاڭلاندى. باش لىدىر »ئاناڭنى...« دەپ قويۇپ تاققىدە ئۆرە بولدى.
مەنمۇ تۇرۇپلا چىقىپ كەتتىم. كارىدورنىڭ ئۇ بېشىدىكى چىقىش ئىشىكىنىڭ يېنىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى قاراپ تۇراتتى. مەن غىپلا قىلىپ ئىشخانامغا كىردىم ۋە سومكامنى ئېلىپ ئىشىك تۈۋىگە كەلدىم. ئامانلىق ساقلىغۇچى دېرىزىگە كەينىنى قىلىپ بىر ئىش بىلەن ئولتۇراتتى. مەن تېز - تېز ئۆتۈپ سىرتقا چىقىۋالدىم. ياتىقىم ھېلىھەم باسمىخانا قورۇسىدا ئىدى. ياتاققا كىرىپلا ئۆزۈمنى تاشلاپ بولۇشىغا يىغلىدىم.
توۋا، قىز بالىغا جاھان نېمانداق تاردۇر؟ نېمانداق ئاچ كۆزلەرنىڭ، چىلبۆرىلەرنىڭ چاڭگىلىدىن، يامان كۆزىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغاندۇ؟ قورققان جايدا جىن بار دەپ، ئۆزۈمنى قاچۇرغانسېرىم مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپلا تۇرامدىغاندىمەن؟... ئويلىغانسېرى يىغا باساتتى. ئۆزۈمنى چېكى يوق بىر قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يول تاپالماي يۈرگەندەك ھېس قىلاتتىم.
شۇ كېچە كۆپ ئويلاندىم. مەيلى قانداق ئويلىماي، بۇ خىزمەتتىن، نەس باسقان بۇ جايدىن جېنىمنى ئېلىپ قاچماقتىن باشقا ئەپلىكرەك بىر ئامال تاپالمىدىم. شۇنداق قىلىپ بۇ يەر بىلەنمۇ خوشلاشماي بولمىدى. چىراغنى يېقىپ ئىستىېپانامە يازدىم. مەقسىتىم −− ئىش ھەققىمنى ئېلىپ يولى بىلەن چىقىپ كېتىش ئىدى. ئىستېپانامىنى يېزىپ بولۇپلا يەنە ئىككىلىنىپ قالدىم.
ياق، ئۇ ئىستېپانامىنى قوبۇل قىلىش ئەمەس. كۆزىگە ئىلىپمۇ قويماسلىقى مۇمكىن، بەلكىم ئاشۇ ئاچچىقىدا باشقا بىر قىلتاقنى تاپمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ياخشىسى، تىۋىشسىزلا كېتەي.
ئاشۇ قارار بىلەن ئەتىگەندىلا نەرسە - كېرەكلىرىمنى ئالدىم. بۇ قېتىممۇ خۇددى ئاشۇ قەھۋەخانىدىن چىققاندەك ئۈن - تىنسىز غايىب بولدۇم. بارىدىغان يېرىمنى ئاللىقاچان كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغانىدىم. ئۇ ئىلگىرى ئىجارىگە تۇرغان تۇل خوتۇننىڭ ئۆيى ئىدى. مەن شۇ يەردە ئۆزۈمنى سەل ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، تېخىمۇ خالىيراق بىر يەردىن ئىش ئىزدىمەكچى ئىدىم. لېكىن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ قىز بولۇپ يارىلىپ قالغىنىم ئىچىمنى پىشۇرۇپلا تۇراتتى. كېيىن...
زەينۇرە ھېكايىسىنى شۇ يەرگە ئەكېلىپ ماڭا قارىدى. مەن ئۇنىڭ كەچمىشلىرىنى ئاڭلاپ ئېزىلىپلا كەتكەنىدىم. ھە دېگەندە ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيتتى. نەگىلا بارسا تەتۈر كېلىپ يۈرگەن تەلىيىدىن ئېچىناتتىم.
−− شۇنداق قىلىپ قىياپىتىڭىزنى يوشۇردىڭىز؟
−− ئامال قانچە دەيسىز؟ −− كۈلدى ئۇ، −− ئوغۇل بالا بولۇپ تۇغۇلالمىغاندىن كېيىن، ئوغۇل بالىچە بولسىمۇ ياسىنىپ باقاي دېدىم. شۇنداق قىلىپ ئوغۇلچە ياسىنىپ ئىشىمنى باشلىۋەتتىم. تۇنجى كۈنى سەل تەمتىرىدىم، ئىككىنچى كۈندىن باشلاپ كۆنۈپ كەتتىم.
قايتىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قالغانىدى. ئەتە يەنە يوقلاپ چىقىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ يېنىپ كىردىم.
ئەلقىسسە:
ئوبۇلقاسىم بىلەن زەينۇرەنىڭ پارىڭى تۈگەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، پادىشاھ ئازادە بەختنىڭ كۆزلىرى سەل يۇمۇلۇپ قالغانىدى.
−− شاھىم، −− دېدى شەھرىزاد ئاستاغىنە، −− بىردەم ئارام ئېلىۋالامدىلىكىن؟
−− نېمىشقا ئەمدى؟ −− شاھ كۆزلىرىنى يوغان ئاچتى.
−− ئالىيلىرىنى چارچاپ قالدىمىكىن دەيمەن.
−− ياق، داۋاملاشتۇرۇۋېرىڭ!
−− باش ئۈستىگە شاھىم. ئەمدىكى گەپنى ھېلىقى تاشچى يىگىت ئوبۇلقاسىمدىن ئاڭلىغايلا، ئەمىسە.
−− بۈگۈن زەينۇرە بىلەن شوپۇرلارنىڭ كېسەلخانىدىن چىقىدىغان كۈنى. نېمىشقىدۇر سەل جىددىيلىشىپ تۇرىمەن. بۇ جىددىيلىك باشقا سەۋەبتىن ئەمەس، ئۇنى شىركەتكە قايسى سالاھىيەت بىلەن ئېلىپ كېلىشىمنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىمدىن ئىدى. كىتابخانغىمۇ ئايان، باشتا ئۇ »زەينىدىن« ئىسىملىك بىر ئوغۇل سۈپىتىدە كېلىپ، شۇ سالاھىيەت بىلەن بىر يېرىم يىلنى ئۆتكۈزگەن. كېسەلخانىغىمۇ شۇ ئىسىم، شۇ سالاھىيەت بىلەن ئېلىپ كېلىنگەنىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە، گويا ئەپسانىلەردىكى 27 خىل سىياقتا ئۆزگىرەلەيدىغان دىۋە، پەرىلەرگە ئوخشاش كېسەلخانىغا كىرىپلا »زەينۇرە«گە، يەنە كېلىپ چىرايلىق بىر پەرىگە ئايلىنىپ كەتتى. ئەمدى »زەينىدىننى ئېلىپ كەلدىم« دەپ چىرايلىق بىر قىزنى باشلاپ كىرسەم، شىركەتتىكىلەرمۇ ھاڭ - تاڭ قالىدۇ. ئۇنى بىر - ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولسۇنمۇ؟ زەينىدىن بىلەن زەينۇرەنىڭ كەچمىشلىرىنى سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن بۇ دېگەن بىراۋلارنىڭ شەخسىيىتىگە، خۇسۇسىي تۇرمۇش مەخپىيەتلىكلىرىگە تاقىلىدىغان، ئىززەت - ھۆرمىتىگە چېتىلىدىغان ئىشتە!
سايدىكىنى ساتمىغا ئېلىپ چىقىدىغان بۇنداق چۈشەندۈرۈشكە زەينۇرە قوشۇلارمۇ؟ ھە دېگەندە بېشىم قېتىپ تۇراتتى. زىخنىمۇ، كاۋاپنىمۇ كۆيدۈرمەيدىغان بىر ئوبدان چارىنى بولسا مەن تاپالمايتتىم.
مەن ئەنە شۇنداق تەڭقىسلىق ئىچىدە دوختۇرخانىغا كەلدىم. ئۇنىڭ ئۆزى كېلىشىمدىن خەۋىرى بارئىدى. شۇڭا ئاللىبۇرۇن نەرسە - كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، مېنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئىشىكتىن كىرىشىمگە زەينۇرە دىككىدە كارىۋىتىدىن چۈشتى. ئۇ ئۆزىنى ئوبدانلا تۈزەشتۈرۈپ، ئانچە - مۇنچە ياسىنىپمۇ ئۈلگۈرگەنىدى. مەڭزىلىرىگە قان يۈگۈرۈپ، چېھرىسى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتكەن، كۆزلىرىدىن بىر خىل مەپتۇنكارانە سېھىر تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
−− پاھھوي...! −− دېدىم ئۇنى كۆرۈپلا، −− پەرىنىڭ ئۆزىلا بولۇپ كېتىپسىزغۇ ئەمدى؟!
ئۇ ۋىللىدە قىزىرىپ، پۇتلىرىنىڭ ئۇچىغا قارىۋالدى.
−− ھە دېسىلا پەرى - پەرى دەپ ئادەمنى خىجىل قىلمىسىڭىزچۇ؟ مازاق قىلىۋاتامسىز - يا؟ −− ئۇنى »سىلى« دېيىشتىن يېقىندىلا »سىز« دېيىشكە ئۆگەتكەنىدىم.
−− بار گەپنى قىلىۋاتىمەنغۇ؟ ئۆز چىرايىڭىزغا پۈتمىسىڭىز، ئەينەككە قاراپ بېقىڭا بولمىسا.
−− بولدى، بولدى، ماڭىلى ئەمىسە، −− ئۇ كۈلۈپ قويۇپ بوقچىسىغا قول ئۇزاتتى.
−− ئالدىرىماڭ، يەنە دېيىشىدىغان گەپلەر، قىلىدىغان ئىشلار بار تېخى.
−− قايتقاندا دېيىشسەك بولمامدا؟
−− بولمايدۇ!
كارىۋاتقا ئولتۇردۇم. ئۇ مېنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاۋاتسا كېرەك، كۈلۈمسىرىگىنىچە كۆزۈمگە قاراپ تۇراتتى.
−− ئولتۇرۇڭ دەيمەن! ماۋۇ قىزنى، ساقىيىۋېلىپلا گېپىمنى ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قاپسىز - دە، ئەمدى؟
−− راست ئىش بارمۇ؟ −− دېدى ئۇ چىرايىمغا ئىستىھزا بىلەن قاراپ ۋە يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى.
−− قېنى ئېيتىڭا، شىركەتكە سىزنى نېمە دەپ ئاپىرىمەن؟
ئۇ گېپىمنى ئاڭقىرالمىدى بولغاي، لاپ قىلىپ سوئال نەزەرى بىلەن قارىدى.
−− مەن ئۇقالمىدىمغۇ؟
−− سىزنى »زەينىدىن« دەپ ئاپىرىمەنمۇ ياكى »زەينۇرە« دەپمۇ دەۋاتىمەن.
ئۇمۇ بۇنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك گېپىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدى. دەماللىققا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلەلمەي ئىختىيارسىز خىيالغا چۆكتى. ئۇنىڭ قوشۇملىرىمۇ غۇژژىدە تۈرۈلۈپ كەتكەنىدى. ئارىنى كىچىككىنە جىملىق باستى. بىر ھازادىن كېيىن، لېۋىنى بوشقىنە چىشلەپ قويۇپ، كۆزۈمگە قارىدى.
−− راست دەيسىز، بۇ يېقىنى ئەجەب ئويلىماپتىمىنا، نېمە دەپ بارساق بولار، راست؟
−− مەنمۇ بىلمىدىم، −− دېدىم سىنىماقلىققا، −− ئۆزىڭىز بىر نېمە دەڭ ئەمدى. يا راست گەپنى دەيمىزمۇ؟
−− ياق، ياق. ھەرگىز ئۇنداق قىلمايلى.
−− ئەمىسە قانداق قىلىمىز، يا بولمىسا ئۈستىڭىزدىكى ئاۋۇ كىيىملەرنى سېلىپ، ئەسلىدىكى زەينىدىننىڭ كىيىملىرىنى كىيىڭ، بېلىڭىزنى باغلاپ، يالغان بۇرۇتتىن بىرنى چاپلاڭ.
ھېلىلا غەم - ئەندىشە ئىچىدە قاپاق سېلىپ ئولتۇرغان زەينۇرە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
−− مېنى سېھىرگەر بولسۇن دەمسىز؟ −− ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ بىردىنلا جىمىپ كەتتى. كىچىككىنە ئويلىنىشتىن كېيىن يۈزۈمگە جىددىي قارىدى.
−− راست گەپنىمۇ دېيىشتۇق، چاقچاقمۇ قىلىشتۇق. ياخشىسى مەن شىركەتكە ئەمدى بارمايمىكىن.
−− نېمە دېدىڭىز؟ −− ئۇنىڭدىن بۇنداق جاۋاب چىقىدۇ دەپ ئويلىمىغانىدىم. شۇڭا سەل ئاچچىقىم كېلىپ داۋام قىلدىم، −− سىز بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىڭىز، بىر قېتىم قېچىپ، ھەممىنى تەرك ئېتىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشىمامسىز؟
ئۇ گويا ئاتىسىدىن، ئاكىسىدىن تەنبىھ ئاڭلاۋاتقان بالىدەك تىرنىقىنى تاتىلىغىنىچە يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بىچارە ھالىغا قاراپ يەنە ئېرىپ قالدىم.
−− مەن بۇ گەپنى سىزنى ئېلىپ كېتەلمەي ياكى ئېلىپ كېتىشتىن خۇدۈكسىرەپ دېمىگەن. سىزنىڭ پىكرىڭىزنى ئېلىپ باقاي، مېنىڭ ئويۇمدىكى بىلەن ئوخشاش چىقامدۇ يوق بىلىپ باقاي دەپ ئېيتتىم. ئېيتىڭا، سىز يەنە كېتىپ قەيەرگە بارماقچى؟ يەنە ئىش ئىزدەپ سەرسان - سەرگەردان بولماقچىمۇ؟
−− ئەمىسە قانداق قىلىمەن؟ −− ئۇنىڭ كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش تەپچىپ چىقتى، −− تەقدىرىم شۇنداق كاجكەن، پېشانەم شوركەن...
−− بولدى، كۆڭلىڭىزنى بۇزغۇدەك شۇنچىۋالا چوڭ ئىشمىدى بۇ؟ مېنىڭچە سىز كەچۈرگەن بۇ كەچمىشلەرنى قاچانلا بولمىسۇن خەق چوقۇم ئاڭلايدۇ. سىز بىرەر جىنايەت قىلىپ ئۆزىنى يوشۇرۇپ يۈرگەن كىشى بولمىغاندىكىدىن نېمە قورقۇش؟ ئىپپىتىڭىزنى، ھايا - نومۇسىڭىزنى قوغدايمەن، پاكلىقىمغا داغ تەگكۈزمەيمەن دەپ مەجبۇر بولغان، تاللىۋالغان يولغۇ - بۇ؟
−− راستىنى دېسەم، مېنى ئۆزۈمدىن باشقا بىر كىم چۈشەنمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. سىز مېنىڭدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىدىكەنسىز. رەھمەت سىزگە، −− دېدى ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ.
−− ئەمىسە، مەن نېمە دېسەم مەيلى - ھە؟
−− مەيلى.
ئۇ كۆزۈمگە قاراپ ئاپتاپتەك كۈلدى. ئۈستبېشىغا يەنە بىر قېتىم سەپسالدىم. ئۆزىمۇ بىر تال گۈلدەكلا تۇراتتى. لېكىن بىر نەرسە بۇ گۈلگە سەل نۇقساق يەتكۈزگەندەك بىلىندى. بۇ نۇقسان ئۇنىڭ چېچى ئىدى. مەن بۇ نۇقساننى نەچچە ۋاقىتتىن بېرىمۇ سەزگەن. كۆپ ئويلىغان، ئۇنى بىردەمدىلا ئۆستۈرۈۋالغىلى، توم - توم سۇمبۇل چاچلارغا ئايلاندۇرۇۋۇۋالغىلى بولمايتتى.
شۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئېپىنى قىلىپ قويغانىدىم. بايىقى گەپلەردىن كېيىن سومكامدىن بىر بولاقنى چىقىرىپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم. ئۇ »نېمە بۇ؟« دېگەن ئىپادىدە لاپپىدە قارىدى.
−− ئېچىپ بېقىڭ.
−− ۋاي خۇدايىم، چاچكەنغۇ - بۇ؟! مۇشۇنى كىيىمەنمۇ ئەمدى؟
−− ئەمىسە ئۇزۇن كۆڭلەك، ئېگىز پاشىنىلىق توپلەي كىيىپ، زەينىدىننىڭ چېچى بىلەن چىقىڭ تالاغا.
ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشتۇق.
ئۇ بېشىنى ئېڭىكى بىلەن قوشۇپ چىگىۋالغان ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ چاچنى بىر كىيىۋېدى، گۈزەللىكىگە يەنە بىر ھەسسە گۈزەللىك قوشۇلدى. بايىقى »گۈل«نىڭ زىنىخىدىكى »داغ« نەگىدۇر غايىب بولدى. ئۇ ئەمدى ھەقىقىي زەينۇرەگە −− مېنىڭ كۆز ئالدىمدىكى بىر پەرىزاتقا ئايلانغانىدى. يۈرىكىمگە كۆچكىلى يېرىم ئايدىن ئاشقان بىر مەۋھۇم چوغ قايتىدىن يالقۇنلىنىشقا باشلىدى.
بىز چىققاندا شوپۇرمۇ ئايالى بىلەن كارىدورغا چىقىپ بولغانىدى. مېنى كۆرۈپ شوپۇرنىڭ قاشلىرىغا بىر تال سوئال بەلگىسى قونغاندەك بولدى. ئۇ »زەينىدىنچۇ؟« دەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئايالى بولسا يېنىمدا كېلىۋاتقان زەينۇرەگە سىنچىلاپ قاراۋاتاتتى. شۇ ئارىدا شوپۇر سوراپ قالدى:
−− زەينىدىنچۇ؟
زەينۇرە بىلەن ئىككىمىز لىپ قىلىپ كۆز ئۇرۇشتۇردۇق.
−− مانا، ئالدىڭدا تۇرمامدۇ −− ئۇ؟ −− دېدىم شوپۇرغا. ئۇ گېپىمنى ئۇقالمىغاندەك بىر ماڭا، بىر ياتاق ئىشىكىگە قارىدى:
−− قېنى ئۇ؟
−− مانىغۇ! −− مەن زەينۇرەنى يېنىككىنە ئىتتىرىپ قويدۇم. ئەر - ئايال ئىككىسى تەڭلا گاڭگىراشتى.
−− ئىشەنمەيۋاتىسىز - ھە ماخمۇتجان!؟ −− دېدى زەينۇرە.
−− ۋۇي... ۋۇي... بۇ زەينىدىننىڭ ئاۋازىغۇ؟ ماڭا شۇنداق ئاڭلىنىۋاتامدۇ - يا؟
زەينۇرە يۈزىنى تۇتۇپ كۈلدى.
−− بولدى، −− دېدىم مەن گەپنى كېسىپ، −− ماڭايلى، قالدى گەپلەرنى كېيىن دېيىشىۋالمايمىزمۇ؟
زەينۇرەنى قولتۇقلاپ ماڭدىم، ئىككىسى كەينىمىزدىن چىقىشتى.
شۇ كېچە بىردىنلا ئۇيقۇم قېچىپ كەتتى. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار مېنىمۇ گاڭگىرىتىپ تازا ھاردۇرغان ئىدى. كاللامدا ئاشۇ ئىشلارنىڭ كارتىنىلىرى توختىماستىن ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنى، كەچمىشلىرىنى خاتىرەمدىن بىرمۇبىر ئۆتكۈزۈۋەتتىم.
شۇنداق، ئۇ قىز بولۇپ، قىز بولغانلىقنىڭ رىيارىتىنى چەككەن بولسا، مەن ئوغۇل تۇرۇپمۇ تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن قىسمەتلەر تۆشۈكىدىن ئۆتكەن، گاھ كۈلۈپ، گاھ يىغلاپ، گاھى ئاچ، گاھ توق يۈرۈپ مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشقان. ئالەمدىكى يوللارنىڭ ھەممىسى تەكشى، تۈز بولمىغىنىدەك، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يوللىرىدىمۇ نۇرغۇن ئېگىز - پەسلىكلەر بولىدىكەن. زەينۇرە ئۆزىنى »كۆرمىگەن كۈنۈم قالمىدى« دەيدۇ تېخى. مېنىڭ كەچمىشلىرىمنى ئاڭلىسا نېمە دەركىن؟
بىز ئاجايىپ گۈزەل بىر چاھارباغدا قولتۇقلىشىپ كېتىۋاتقۇدەكمىز. تۆت تەرەپكە چاپراس كەتكەن يوللارنىڭ ئىككى يېقىدىكى يېشل قىرغاقلىق ئېرىقچىلاردا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان، نەلەردىندۇر بۇلبۇللار، كاككۇك، سوپىسوپىياڭلارنىڭ سايراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇرارمىش. ئۈستىمىزدە بىر توپ رەڭدار كېپىنەكلەر ئايلىنىپ، بىز بىلەن ئەگىشىپ كېلەرمىش. گۈللەرنىڭ، يەنە ئاللىقانداقتۇر مېۋە - چىۋىلەرنىڭ خۇشبۇي ھىدى دىللىرىمىزنى مەستخۇش ئەتكۈدەك. قەدەملىرىمىز تەكشى، نەپەسلىرىمىز بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇپ تۇرغۇدەك.
−− سىزنى ياخشى كۆرسەم بولامدۇ؟ −− دەپ سورارمىشمەن ئۇنىڭدىن.
−− بىراۋنىڭ بىراۋنى ياخشى كۆرۈش ياكى كۆرمەسلىكى ئۆز كۆڭلىگە تەئەللۇق ئىش تۇرسا، ياخشى كۆرۈڭ دېسە كۆرىدىغان، بولمايدۇ دېسە بولمايدىغان ئىشما؟
−− شۇڭا دەيمەن، −− دېگۈدەكمەن ئۇنىڭغا، −− مەن ياخشى كۆرگەن بىلەن سىز ياخشى كۆرمىسىڭىزچۇ؟ خۇددى كىمدۇر بىرى دېگەندەك، مۇھەببەت تىلەپ ئالغىلى، يەنە بىراۋلارغا سەدىقە قىلىۋەتكىلى بولىدىغان ئىش بولمىسا، - يا؟
−− سىز مېنى ياخشى كۆرىمەن دېمەكچىمۇ؟
−− ياخشى كۆرىمەن ئەمەس، ئاللىقاچان ياخشى كۆرۈپ قالدىم سىزنى. سىز نېمە دەرسىزكىن؟ مۇھەببىتىمنى قوبۇل قىلارسىزمۇ؟
−− سىز خالىسىڭىز.
−− ئەمىسە پۈتۈشتۇق - ھە؟
−− نېمىنى پۈتۈشىمىز؟
−− ئەلۋەتتە توي قىلىشنى - دە؟
−− مېنىڭ قىزلىقىمنى بۇياقتىن بىلىپ بولغىچە، ئۇياقتىنمۇ؟ بۇ بەك رومانتىك بولۇپ كېتەمدۇ - قانداق؟
−− سىزنىڭ تارىخىڭىزمۇ بىر رومانتىك تارىخ تۇرسا. تونۇشۇشمۇ، مۇھەببەت ۋە تويمۇ بىراقلا رومانتىك بولۇپ كەتسە نېمە بوپتۇ؟
−− ئۇنداقتا بۇنى رومانتىك مۇھەببەت دەيمىزما؟
−− نېمىلا دېسەك بولىدۇ.
−− كېلىڭ ئەمىسە، −− دەپتۇدەك زەينۇرە، −− ھەممە نەرسىمىز رومانتىك بولغاندىكىن، ئاشۇ رومانتىك غايىلەر كۆكىدە بىر ئۇچايلى !
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە پۇر قىلىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇدەك، مەن بولسام قاناتسىز قۇشتەك پالاقلىغىنىمچە ئۇچۇشقا تەلپۈنۈپ توۋلىغۇدەكمەن.
−− زەينۇرە! ھەي زەينۇرە! مېنى قويۇپ ئۇچۇپ كەتكىنىڭىز نېمىسى؟ چۈشۈڭ، مېنىمۇ ئېلىپ ئۇچۇڭ.
زەينۇرە قاقاقلىغىنىچە باش ئۈستۈمدە ئەگىپ يۈرگۈدەك. مەن ھامان ۋارقىرىغۇدەكمەن.
−− زەينۇرە! ھەي، زەينۇرە!
ئۆز ئاۋازىمدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. دېرىزىدىن خىرە - شىرە سۈبھى يورۇقى چۈشۈپ تۇراتتى. چۈشلىرىمنى ئەسلەپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. خۇددى زەينۇرە مېنىڭ ئەمدىلا ئىزھار قىلاي دەپ تۇرغان مۇھەببىتىمنى راستتىنلا رەت قىلىۋېتىدىغاندەك ياكى ئۇنى مەندىن بۇرۇن بىراۋلار تارتىپ كېتىدىغاندەك بىر خىل ئەندىشىلىك سېزىم يۈرىكىمنى قاماللاپ تۇراتتى.
ئەسلىدە ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى بالدۇرراق بىلدۈرۈپ، مۇھەببىتىمنى بالدۇرراق ئىزھار قىلماقچى ئىدىم. ئاشۇ غەلىتە چۈشنىڭ خامۇشلۇقى ئىچىدە بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈۋەتتىم. راستىنى ئېيتسام ئۇنىڭ مۇھەببىتىمنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيتتىم. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۆزىنى شۇنچە كۈچەپ قوغدىشىدا جەمئىيەتتىكى يۈز - ئابرۇيى، قىزلىق ئىپپىتىنى قوغداشتىن باشقا يەنە ئاللىكىمگە بولغان ئەقىدىسىنى ھىمايە قىلىشتەك بىر روھمۇ بار بولۇشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلاتتىم. ئارىدا خىزمەتتىن باشقا ئىشلار ئۈستىدە ئېغىز ئېچىشماي، نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كەچلىكى ئۇنى ئىزدەپ ياتىقىغا باردىم. ئىشىكى ئېتىكلىك ئىدى. ئىتتىرىپ بېقىپ ئاستاغىنە چەكتىم، كۈتتۈم، يەنە چەكتىم، ھېچقانداق شەپىمۇ يوق. بۇ قىز ئىشىك تاقاش ئادىتىنى يەنە تاشلىمىدىمۇ - نېمە؟ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. بۇرۇنغۇ قىز ئىكەنلىكىنى بىر كىم كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ بېكىنىپ ئولتۇرسۇن. ئەمدى ھەممە نېمە ئاشكارا بولۇپ بولغاندىمۇ يەنە نېمىدىن ئەنسىرەيدىغاندۇ. شۇ خىيال بىلەن بىردەم تۇرۇپ بېقىپ كەينىمگە ياندىم. ياندىم - يۇ، بىرەر ئىش بىلەن بەند بولۇپ قالغان بولسا ئەمدى چىقارمىكىن دېگەندەك، كەينىمگە نەچچە قېتىم قايرىلىپ سالدىم. ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ شىركەتكە كېلىپ قاپتىمەن. ئىشخانىغا كىردىم. ئۇ ھېلىمۇ مەن بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىدى. ئۇ غەربىي تامدا، مەن بولسام شەرقىي تامدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيتتۇق.
ھېسلىرىم يەنە شۇ تەرەپكە سۆرەپ كەلدى بولغاي، ئۇنىڭ ئىش ئۈستىلىگە كەلدىم. ئۈستەل تۆپىسىدىكى ماتېرىياللار چىرايلىق رەتلەپ قويۇلغان، كومپيۇتېر ئېكرانىغا يوپۇق يېپىلغانىدى. كۆزۈم بىردىنلا ئۇنىڭ تارتمىسىنىڭ قۇلۇپىدا ساڭگىلاپ تۇرغان ئاچقۇچقا چۈشۈپ قالدى. ئۇ ئاچقۇچنى چىقىرىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ كەتكەنىدى. خىيالىمدا ئاچقۇچنى ئېلىپ قويىمەن دەۋېتىپ، ئىختىيارسىز تارتمىسىنى ئېچىپ قاپتىمەن، تارتمىدا بىر نەچچە ۋاراق جەدۋەل، يىڭنە مىخ، دەپتەر تىككۈچ دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ئاستىدىن بىر خاتىرىنىڭ قىرغىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
بىراۋنىڭ نەرسىلىرىنى ئاختۇرۇشنىڭ ئەدەپسىزلىك بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، نېمە ئۈچۈندۇر ھېلىقى خاتىرىنى كۆرۈپ باققۇم كېلىپ تۇراتتى. خاتىرىنى ئاستاغىنە سۇغۇرۇۋېلىپ، ئۇدۇل كەلگەن بىر يېرىنى ئاچتىم. ئۇ شېئىر ئەمەس، كۈندىلىك خاتىرىگىمۇ، نەسرگىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان بىر يازما ئىدى.
»ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ - نېمە؟ −− دەپ باشلانغانىدى مەن ئاچقان بەتنىڭ تۇنجى جۈملىسى، −− ئەجەب بىر ئىشقۇ بۇ؟ ئۇ يېنىمدا بولسا، قاراشقا، گەپ قىلىشقا پېتىنالمايمەن. نېمىشقىكى كۆڭلۈم توق، خۇشال يۈرىمەن. يېنىمدىن كەتسە، كۆرۈپ تۇرمىسام، قىممەتلىك بىر نەرسەمنى يوقىتىپ قويغاندەك تىتىلداشقا باشلايمەن. ئىچىم سىقىلىپ، قولۇم ئىشقا بارمايدۇ. بۇ مۇھەببەتمىدۇ؟«
»مانا دېمىدىممۇ؟ −− دەپ خىتاب قىلدى يۈرىكىم ماڭا، −− ئۇنىڭ چوقۇم ئەقىدە باغلاپ كېلىۋاتقان بىرەر ئادىمى بار. ئۇنىڭ قەلب زەنجىرى شۇ كىشىنىڭ يۈرەكلىرىگە باغلىنىپ قالغان. ئۇ شۇنىڭغا كۆيىدۇ، شۇنىڭ يادى بىلەن ياشايدۇ. سەن كېچىكىپ قاپسەن ئوبۇل، ئۇنىڭ بىلەن كېچىكىپ ئۇچرىشىپسەن، ئاۋارە بولغىنىڭ قالىدىغان ئوخشايدۇ...«
لاسسىدە بوشىشىپ كەتتىم. گۈل شېخىغا ئەمدىلا سۇنغان قولۇمغا پىژژىدە تىكەن كىرگەندەك، ئۈزەيمىكىن دەپ تۇرغان غۇنچىنى قانداقتۇر بىر قۇش كېلىپ كاپپىدە قاماللاپ كەتكەندەك ئىچىم مىژىلداپلا كەتتى. تاماكا چەككۈم، ئاچچىق ئىس بىلەن چېچىلىپ كەتكەن كۆڭلۈمنى يىغىۋالغۇم كەلدى. يېنىمدا تاماكىمۇ يوق ئىدى. قولۇم ئىختىيارسىز خاتىرە ۋاراقلىرى ئارىسىدا قىمىرلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بېشىدىرەك بىر يېرىنى ئۆرۈدۈم.
»بۈگۈن مەن ئاق كۆڭۈل بىر يىگىت بىلەن ئۇچراشتىم، −− دەپ باشلىنىپتۇ نۆۋەتتىكى قۇر، −− ئۇ مېنىڭ دەردىمگە يەتكەن، ئېزىلگەن روھىمنى ئۇرغۇتۇپ، ئۈزۈلەي - ئۈزۈلەي دېگەن ئۈمىدلىرىمگە جان بەرگەن تۇنجى كىشى ئىدى. نېمىشقىكى، بۇ قېتىم ئۇنىڭدىن گۇمانلانمىدىم. يەنە شۇنداق كۈنلەرگە، قىسمەتلەرگە يولۇقۇپ قالارمەنمۇ دەيدىغان ئەندىشىلىك خىياللار ئېڭىمغا يولاپمۇ قويمىدى. ئۇ ماڭا ھەقىقى سايىۋەن، پاسىبان بولىدىغاندەك تۇراتتى، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىمۇ بىر خىل مۇلايىملىق، تۈز كۆڭۈللۈكنىڭ نۇرلىرى پارلاپ تۇراتتى. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئۇنى تۇنجى ئۇچرىشىشىمىزدىلا ياقتۇرۇپ قېلىۋاتاتتىم. ئىلاھىم، تۇيغۇلىرىم مېنى ئالداپ قويمىغىيدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پىنھان قەسىرلەرنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، ئۇنىڭ قوينىدىكى سىرلار ئاشكارا بولۇپ قالغاندىن كېيىنمۇ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگىرىپ قالمىغىيدى.«
−− بۇ قىز ئۆزى ئۈستىدە كۈندىلىك خاتىرە يېزىۋاتامدۇ - يا، راستتىنلا ئەدەبىي پارچە، نەسر يېزىۋاتامدۇ؟ −− دەيتتىم يازمىدىكى يېپىق، مەۋھۇم بايانلارنىڭ تەكتىگە يېتەلمەي. چۈنكى ئۇ ئاشۇنداق قىسقا - قىسقا، ئۆزىلا چۈشىنىدىغان سىرلىق بىر ھادىسىلەر توغرىسىدىكى ھېسسىياتلار ئىدى.
خىيالىم بىرىدىنلا زەينۇرەنىڭ قەلىمى ئاستىدا تەسۋىرلىنىۋاتقان »ئۇ« غا ئاغدى. ئەلۋەتتە ئۇ زەينۇرەگە يېقىپ كېلىۋاتقان قانداقتۇر بىر يىگىت ئىدى. مەن ئاللىبۇرۇنلا ئۇنىڭ قەلبىنى ئۇتۇپ ئۈلگۈرگەن ئاشۇ بەختلىك يىگىتتىن قىزغىنىۋاتاتتىم. غايىبانە بىر كۈنداشلىق يۈرىكىمنى غاجىلايتتى. ئاشۇ ئاچچقىمدا خاتىرىنى پالاققىدە ياپتىم. تارتمىنى ئېچىپ، ئاۋالقىدەك قەغەزلەر ئاستىغا تىقىپ قويدۇم - دە، تارتمىنى يېپىۋەتتىم. قۇلۇپتىكى ھېلىقى ئاچقۇچنىڭ پۆپۈكى مېنى مازاق قىلىۋاتقاندەك گىلدىڭ - گىلدىڭ قىلىپ تۇراتتى. ئاشۇ كۆڭۈل غەشلىكىم ئىچىدە ئىشخانىنى تاقاپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.
غەشلىكىم ئەتىسىمۇ يېشىلمىدى. خىزمەت توغرىسىدا ئۇ سورىغان بىر - ئىككى قېتىملىق گەپلەرگە جاۋاب بەرگەندىن باشقا، كەچ كىرگىچە ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلمىدىم. ئۆزۈم گەپ قىلماي دېمىدىم، ئەيتاۋۇر تەبىئىيلا شۇنداق ئۆتۈپ كېتىپتىمەن. ئۇ پات - پات يۈزۈمگە قارايتتى. چىرايىممۇ سۆرۈنلىشىپ قالغان بولسا كېرەك، قاشلىرىنى يىمىرىپ بىردەم - بىردەم ئويلىنىپ قالاتتى. نېمىنىدۇر دېمەكچى بولۇپ تەمشىلەتتى - يۇ، جۈرئەت قىلالمايتتى. پەقەت چۈشكە يېقىنلا سەل تارتىنىپراق ئېغىز ئاچتى.
−− بۈگۈن ئەجەب جىمىغۇر كۆرۈنىسىزيا، لىدىر؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟
−− شۇنداق كۆرۈنەمدىمەن؟
−− ئەتىگەندىن بېرى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىڭىز؟ بىرەر سودىمىزدىن چاتاق چىقمىغاندۇ؟
−− ئۇنداق ئەمەس، سەل مىجەزىم يوق تۇرىدۇ شۇ.
−− ئاغرىپ قالدىڭىزما؟ −− دېدى ئۇ ئالدىراپلا، −− دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن.
−− دوختۇرغا كۆرۈنگۈدەك ئىش يوق.
−− راست، قاپىقىڭىزمۇ ئېچىلمىدى، مەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويدۇممۇ - يا؟ شۇنداق بولسا ئەسكەرتىپ قويۇڭ، مەن تۈزىتىۋالاي.
−− ئەمىسە، ئۆزىڭىز سورىدىڭىز - ھە؟
زەينۇرە يۈزۈمگە جىددىي قارىدى.
−− راستتىنلا، بىرەر ئىشنى سەۋەن قىلىپ قويغان ئوخشىمايمەنمۇ؟
−− ئېيتىڭا، ئاخشام قەيەرگە باردىڭىز؟
ئۇ يەنە بىر قېتىم جىممىدە بولۇپ قېلىپ، كىرپىكلىرىنى پىلدىرلاتقىنىچە نېمىنىدۇر ئويلىغاندەك قىلىپ ماڭا باقتى.
−− قاچانراق دەيسىز؟
−− كەچ سائەت تېخى يەتتىمۇ بولمىغان، بارسام ئىشىكىڭىز تاقاقكەنغۇ؟
−− ۋاي خۇدايىم، كەپتىكەنسىز - ھە؟ بۇنى بىلسەم بارماسكەنمەن ئۇ يەرگە.
−− نەگە، ھېلىقى يېنىڭىزدىن كەتسە، كۆرۈپ تۇرمسىڭىز قىممەتلىك بىر نەرسىڭىزنى يوقىتىپ قويغاندەك تىتىلداپ كېتىدىغان ئاشىقىڭىز يېنىغىما؟
−− نېمە... نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىڭىزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ - مەن؟
»يازغانلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟« دېگۈم كەلدى. ئەمما، ئۇنىڭ خاتىرىسىنى ئوغرىلىقچە كۆرۈپ يۈرگىنىمنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ، تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ بولغان گەپنى يۇتۇۋالدىم. ئۇ ھامان ماڭا سوئال نەزىرى بىلەنلا تىكىلىپ تۇراتتى.
−− ئادەمنى ھەر قىسما پەرەز قىلىپ يۈرمىسىڭىز قانداق؟ −− دېدى ئۇ سەل خاپا بولغاندەك قىلىپ، −− ماڭا كۆيگۈدەك ئاشىق نەدە تۇرۇپتۇ؟ ماڭا بىراۋلار كۆيمەك تۈگۈل خىيالىغا كېلىپمۇ باقتىممىكىن − يوق، بىلمەيمەن.
−− ئەمىسە، نەگە بارغانتىڭىز؟
−− زورەم تاماققا ئېيتىپ قويۇۋېدى، ئىشتىن چۈشۈپلا شۇ يەرگە باردىم.
−− قايسى زورەم ئۇ؟
−− ھېلىقى تور بەت لايىھەلەپ بەرگەن ئايالچۇ؟
كوڭلۇم سەل جايىغا چۈشكەندەك قىلدى. ئەمما، تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا ئۇنىڭ يازمىلىرىدىكى ھېلىقى »ئۇ« دىن ھېلىھەم گۇمانلىنىپ تۇراتتىم. ئۇنىڭ خىرە سايىسى كۆڭلۈمگە ئىزتىراپ تۇمانلىرىنى يېپىپلا تۇراتتى. شۇڭا بۇ »سايە« نى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېنىقلاپ باقماقچى بولدۇم. دەماللىققا گېپىمنى نەدىن، نېمىدىن باشلاشنى بىلمەيتتىم. كېيىن توغرىدىن - توغرا ئۇنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشى يېقىدىن گەپ ئېچىۋەردىم.
−− سىزنىڭ راستتىنلا يۈرۈۋاتقان ياكى پۈتۈشكەن ئادىمىڭىز يوقما؟
زەينۇرە كىچىككىنە جىم بولۇپ قېلىپ كۆزۈمگە باشقىچە بىر ھالەتتە قارىدى.
−− گەپلىرىمىز بۇ يەرگە يەتكەن ئىكەن، مەنمۇ ئوچۇقلا ئېيتىۋېرەي...
ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلاشمايلا يۈرىكىم دۈپۈلدەشكە باشلىدى. ئۇنىڭدىن مەن ئەنسىرەۋاتقان جاۋابنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم.
−− كۆڭلۈڭدە بىرەرى بارمۇ دېسىڭىز، −− دەپ داۋام قىلدى ئۇ گېپىنى، −− تەمتىرىمەي - قورقماي بار دېيەلەيمەن. ئەمما ھازىر مېنى يەنىلا بەختسىزلەر قاتارىدا ساناۋەرسىڭىز بولىدۇ.
−− بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئەمدى؟ بۇنداق مۇرەككەپ گەپ قىلماي، ئاددىيراق چۈشەندۈرىڭا، ماڭا؟
زەينۇرە ئاۋۋال كۈلدى، كېيىن قىزىرىپقىنە تۇرۇپ دېدى:
−− مەن بىرىنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمما، ئۇياقنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغان، كۆرمەيدىغانلىقىنى ئېنىق جەزملەشتۈرەلمەيمەن. چۈنكى، ئۇ ماڭا ئېغىز ئېچىپ باقمىدى - دە. قىزلار شۇنداق كېلىدىكەنمىز، بىراۋلارنى ياخشى كۆرىدىكەنمىز، لېكىن »سىزنى ياخشى كۆرەتتىم« دېگەن گەپنى بىرىنچى بولۇپ دېيەلمەيدىكەنمىز. پەقەت، تەمە - تەلمۈرۈش ئىچىدە ئۇنىڭدىن بىرەر سادا چىقىشىنى كۈتۈپلا يۈرىدىكەنمىز. كۆڭلىمىزدىكى شۇ ئادەم يېنىمىزدا بولسا، تۇيغۇمىزنىمۇ، ئۆزىمىزنىمۇ قاچۇرغىمىز كېلىدىكەن. يېنىمىزدىن كەتسە، لەۋ چىشلەيدىكەنمىز...
ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئاشۇ گەپلىرىنىڭ ئۆزىلا نازۇك قەلبىنىڭ پىنھان ساداسى ئىدى. ئۇ، زادى كىمگە كۆيدىكىنە؟ شۇ خىيالدىن كېيىن ئۆزۈمگە بىردىنلا مەدەت بەردىم. كىمگە كۆيسە كۆيمەمدۇ؟ مەنمۇ بىر ئوغۇل بالا، ئەركەك بولغاندىكىن، يەنە كېلىپ ئۇنى ياخشى كۆرگەندىكىن گېپىمنى ئوچۇق قىلىپ، تەلىيىمنى سىناپ باقمايمەنمۇ؟
−− سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى مەن بىلىمەن، −− دېدىم كۈلۈپ.
−− سىز بىلىسىز؟
−− ھەئە، مەن بىلىمەن. ئەگەر شۇ بىچارىنىڭ كىملىكىنى ئېيتىپ بەرسەم ماڭا نېمە سۆيۈنچە بېرىسىز؟
−− تاپالماي يېڭىلىپ قالارسىزمىكىن؟
−− يېڭىلىپ قالسام مەنمۇ تۆلەم بېرىمەن - دە؟
−− ئەمىسە دەڭە قېنى، ئۇ كىم؟
−− مانا، مەن! −− مەيدەمنى پاققىدە قاقتىم.
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ۋاللىدە قىلىپ بىر ئوت ئۇچۇپ چىقتى. ئوت يالقۇنى يۈزلىرىگە شەپەقتەك جۇلا بەردى. ئۇنى ئۇتۇۋالغىنىمغا ئىشەنچ قىلىۋاتاتتىم. ئەمدى ئۇ ماڭا سۆيۈنچە بېرىشى كېرەك ئىدى. سۆيۈنچىنى ئۆزى خالاپ بېرەرمىكىن، يا ئىختىيارىنى ماڭا قويارمىكىن؟
−− ئەمدىغۇ سۆيۈنچەمنى بېرەرسىز؟
−− نېمە ئالىسىز؟ −− ئۇ شۇنداق دەپ ئوتقاشتەك قىزاردى.
−− گىلاس ئالىمەن! −− چاقچاق قىلىپ ئورنۇمدىن دەسسىدە تۇرۇپ ئالدىغا ماڭدىم. ئۇ گېپىمنى چۈشەنگەندەك ئىدى. مېنى راست ئالىدىغان بولدى، دەپ قالدى بولغاي، يۈگۈرۈپ قوپۇپ قېچىشقا تەمشەلدى. مەن كاپپىدە تۇتۇۋالدىم.
−− ياق، ياق، ئۇنداق قىلماڭ! بۇ دېگەن ئىشخانا...
كۈلۈپ قويۇپ ئاستاغىنە قويۇپ بەردىم. كۆڭلۈم بولسا ئۇنىڭ سۆيۈنچىسىنى ئالغاندەك ئارامىغا چۈشۈپلا قالغانىدى. ئىككىمىز بىر مۇنچە كۈلۈشۈپ توختىدۇق. گەرچە ھېكايىنىڭ ئاخىرى كۈلكە بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاشۇ قىسقىغىنە بىر - ئىككى يىل ئىچىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىسمەتلىرى، تارتقان خورلۇقلىرى ھە دېگەندەك قەلبىمنى ئېزەتتى، ھېسداشلىقىمنى قوزغايتتى.
−− كىشىلەر »پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ« دېيىشىدىكەن. مەن ئۇنى »پۇلى بارنىڭ يۈزى ئاق، پۇلى يوقنىڭ كۈنى قاق« دېسىمۇ بولغۇدەك دەپ قالىمەن، −− دېدىم ھەم ئۇنىڭ، ھەم ئۆزۈمنىڭ كەچمىشلىرىگە قارىتىپ، −− خۇسۇسەن، سىز - بىزدەك دېھقان بالىلىرىنىڭ تەقدىرى خۇددى ئاتا - ئانىلىرىمىزغا ئوخشاشلا كاج ئوخشايدۇ.
−− نېمە، سىزنىڭمۇ دەردلىرىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟
−− ئىشقىلىپ، مەنمۇ تۇرمۇش دوقاللىرىدا ئاز تەمتىرىمىگەن، قىسمەت تاشلىرىغا ئاز سوقۇلمىغان.
−− قېنى سۆزلەپ بېرىڭا، مەنمۇ ئاڭلاپ باقاي.
−− ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىلىرىڭىزنىڭ ئۆتنىسىنى ئالاي دەمسىز؟
−− مەن باشلىغان »مىڭبىر كېچە« نىڭ داۋامى پۈتۈنلىنىپ كەتسۇن دەيمەن - دە!
ئەلقىسسە:
ئەمدىكى نۆۋەت يىگىتنىڭ ئۆز قىسسەلىرىگە كەلگەنىدى. ئۇ، بىر تىنىۋېلىپ ئۆز ھېكايىسىنى باشلىدى.
زەينۇرەنىڭ ھېكايەمنى راستتىنلا ئاڭلىغۇسى باردەك تۇراتتى. كۈلكىدىن كېيىن ماڭا چېكىتتەك تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرى »قېنى باشلىمامسىز« دەۋاتقاندەك كىرپىك قاقماي تۇراتتى.
−− مەن ھەر ھالدا ئوتتۇرا تېخنىكومغىچە ئوقۇش پۇرستىگە ئېرىشكەن، −− دەپ باشلىدىم تۇنجى سۆزۈمنى، −− لېكىن، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نېسىپ بولمىدى.
−− قانداق بولۇپ ئەمدى؟
−− ھەي... پەلەكنىڭ كاجلىقى، تەقدىر - تەلىيىمنىڭ تەتۈرلۈكىدىن بولمامدۇ. مەن ئورمانچىلىق مەكتىپىنىڭ تەبىئىي ئورمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىش كەسپىدە ئوقۇغانىدىم. كەسپىم كۆڭلۈمگە ياقمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىمدىن خۇش ئىدى. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ نەگىلا بولمىسا بىرەر يەرگە ئورۇنلىشىۋالسام، دېھقان بولۇپ كەتكەندىن ياخشى دەپ ئويلايتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن ئوقۇشۇم پۈتتى. مەن خىزمەت كۈتۈپ يۈرەتتىم. رەسمىيەتلىرىم كادىرلار ئىدارىسىگە بىر ئۆتۈپ كەتكەنچە يېرىم يىلغىچىمۇ ھېچقانداق خەۋەر بولمىدى.
ئۇ چاغلاردا مەمۇرلار ئىمتىھانى دېگەن ئىشلارمۇ يوق ئىدى. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەلگەنلەر كادىرلار تارماقلىرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ناھىيەگە كېلىپ تەقسىماتنى سۈيلەيتتىم. ئۇلار بولسا ئىشتات كەلمىدى، سان كەلمىدى، كۈتۈپ تۇرۇڭ دەيتتى. مەن بولسام ھامان كۈتۈش ئىچىدە يۈرۈۋېرەتتىم. تەقسىمات خىزمىتىگە ئالاقىدار خادىملارغا گۈلە، ياڭاق، بېلىق، تۇخۇم دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەكېلىپ تۇراتتىم. تۇرمۇش ئارغامچىسى ئېتىز، يەردىن ئىبارەت بىر تال قوزۇققا باغلانغان دېھقان بالىسىنىڭ بۇنىڭدىن باشقىغا قۇربىمىز يېتىدۇ دەمسىز؟ ئارىدىن نەق بىريىل ئۆتكەندە يېزىغا تېلېفون كەپتۇ. ناھىيەگە چاپتىم.
−− ئورمانچىلىق ئىدارىسىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇڭ، −− دېدى ئىش بېجىرگۈچى بىر ۋاراق قەغەزنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ.
ئورمانچىلىق ئىدارىسىگە كەلدىم.
−− ئورمانچىلىق تېخنىكومىدىن كەلگەن بالا سىزمۇ؟ −− سورىدى ئوتتۇرا ياشلاردا بار، قارا كەپكىلىك بىرى قەغىزىمنى ئېلىۋېتىپ، كېيىن بىلسەم ئۇ شۇ يەرنىڭ باشلىقى ئىكەن، −− سىزنىڭ ئىش ئورنىڭىزنى بەلگىلەپ قويدۇق. ئەتىدىن باشلاپ »كەندىر كۆل« تەبىئىي ئورمان پونكىتىغا بېرىپ ئىشقا چۈشسىڭىز بولىدۇ.
خۇشاللىقىمدا ئىچىمدىن »ئۇھ!« دېگەن بىر تىنىقنىڭ قانداقسىگە چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن. بۇ راستتىنلا خىزمەتكە ئۇلاشقانلىقىمنىڭ ھاردۇقى ئىدى.
مېنى ئىش ئورنۇمغا ئاپىرىپ قويۇشقا بەلگىلەپ بېرىلگەن ماشىنا ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىي قانىتىدىكى بىر يېزىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىغا خېلىلا ئىچكىرىلەپ كەتكەن بىر يېرىگە ئەكېلىپ توختىدى. ئۇ كەنتتىن ئۈزۈلۈپ تۇرىدىغان كىچىككىنە بىر يېشىللىق ئىدى. تېرەك - سۆگەتلەرمۇ، توغراق - يۇلغۇنلارمۇ، ئىشقىلىپ زېمىننى كۆكەرتىپ تۇرىدىغانلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدىغان بۇ ئالىقانچىلىك بوستانلىقنىڭ ئۈچ تەرىپىنى چەكسىز كەتكەن قۇم بارخانلىرى ئوراپ تۇراتتى. بوستانلىق ئىچىدە قاچانلاردىدۇر سېلىنىپ، كونىراپ كەتكەن بىر نەچچە ئېغىز ئۆي مۇساپىرنىڭ كەپىسىدەك بوينىنى قىسىپ تۇراتتى.
ئەجەب كەنت ئىچىدىن ماكان چىقمىغاندەك، قۇملۇقنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرىدىغان ئادەملەرمۇ باركىنا؟ دەپ قالدىم ئىچىمدە ۋە شوپۇرنىڭ بۇ يەردە نېمە ئىشى بار بولغىيتتى؟ دېگەن خىيال بىلەن ماشىنىدىن چۈشمەيلا ئولتۇرۇۋەردىم. شوپۇر ماڭا تەئەججۈپ بىلەن قاراپ قويۇپ كۆزنەكتىن بېشىنى تىقتى.
−− چۈشمەمسىز ئۇكام؟
−− سىلى ئىشلىرىنى قىلىۋالغىچە ئولتۇرۇپ تۇراي.
−− نېمە دەيدۇ بۇ بالا؟ −− دېدى ئۇ تەئەددى بىلەن، −− بۇ يەردە نېمە قىلماقچىدىم مەن؟ سىزنى ئەكېلىپ قويدۇم. ئىشىم تۈگىدى. كۆتۈرۈڭا لاقا - لۇقىڭىزنى!
−− نېمە؟ مەن ... مەن ئىشلەيدىغان پونكىت مۇشۇما؟ چاقچاق قىلماڭا ئۇستام؟
مەن بۇ خارابىنىڭ ئورمان مۇھاپىزەت پونكىتى بولۇشىغا ھېلىھەم ئىشەنمەي تۇراتتىم. مېنىڭچە بولغاندا بۇنداق مۇھاپىزەت پونكىتى بۈككىدە ئورمانلىق ئارىسىدا بولۇشى، ھېچ بولمىسا تۆت ئەتراپنى گىياھ ئۈنمەس قۇم بارخانلىرى ئەمەس، كۆجۈم - كۆجۈم ئورمانلار قاپلاپ تۇرغان بولۇشى لازىم ئىدى.
شۇ ئەسنادا ھېلىقى يېگانە ئۆيلەرنىڭ بىرىدىن تۈگمىسى ئېتىلمىگەن قانداقتۇر بىر فورمىنى يالىڭاچ ئۇچىسىغىلا ئارتىپ، قورساقلىرىنى ئېچىۋالغان بىرەيلەن چىقىپ كەلدى. ئۇ40 - 45ياشلارغا كىرگەن قارامتۇل ئادەم ئىدى. ئۇ ئاۋۋال شوپۇر بىلەن، كېيىن مەن بىلەن قول ئېلىشىۋاتقىنىدا، ئۆي كەينىدىكى چوقچىيىپ تۇرغان قاقشال توغراق ئۈستىدىن قاغىنىڭ ئۈچ قېتىم قاقلىدىشى ئاڭلاندى. ئۇمۇ مېنى قارشى ئېلىۋاتامدىكىن، يا مەسخىرە قىلىۋاتامدىكىن بىلمىدىم. »قاغىنىڭ قاقىلدىشى −− شۇملۇقتىن بېشارەت« دەپ ئاڭلايتتىم دادامدىن. شۇڭا تۇنجى قەدىمىمنى خەيرلىك بولمايۋاتقاندەك ھېسسىياتتا كېلىپ قالدىم.
−− سىزگە كەلگەن يېڭى كادىر مۇشۇ، −− دېدى شوپۇر مېنى ئىما قىلىپ، −− ئەمدى ۋايسىماي ئىشلەيدىغان بولدىڭىز.
−− بەك بەلەن بولاپتۇ، بەلەن بولاپتۇ، −− دېدى ئۇ خۇش بولۇپ، −− يالغۇزلۇقنىڭ دەستىدىن ياۋايى بولۇپ كېتەي دېدىم بۇ يەردە. ئۆيگە بارمىغىلىمۇ قاق ئون بەش كۈن بولدى دەڭا؟ تاشلاپ كېتەي دېسەم يۇلغۇنلار، توغراقلار كېسىلىپ كەتكەن. ئوتۇنچى، شاخچى ئەبگالار مېنىڭ قارامنى يىتسىكەن، يولدىن غىپپىدە ئۆتۈپ كەتسەككەن دەپ پايلاپلا تۇرىدۇ. بىر ئۇلاغ تال، بىر ھارۋا يۇلغۇن كېسىلىپ كېتىدىغان بولسا، جەرىمانىسى گەدىنىمىگە كەلگەن، ھەر نېمە بولسا ئوبدان كەپسىز ئۇكام.
ئۇ شۇنداق دېگەچ، مېنىڭ يۈك - تاقلىرىمنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. مەن ئىلاجسىز ئىدىم. بۇ يەرنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك بىر ئىدارىنىڭ تارماق پونكىتى بولۇشىغا ئىشىنەلمەي تۇرساممۇ قالدى - قاتتىلىرىمنى كۆتۈرۈپ قارىمۇتۇقنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. ھېلىقى يېگانە كەپە سىرتىدىن كۆرۈمسىز بولغىنى بىلەن ئىچى كارىدورلۇق، ئۆيلىرى ئەينەك دېرىزىلىك، ئۇلىغا خىش ياتقۇزۇلغانىدى.
−− سىز بۇ ئۆيدە تۇرۇڭ، −− دېدى ئۇ بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ.
ئۆيدە ھەر ھالدا كونا بولسىمۇ بىر كارىۋات بار ئىدى. ئورۇن - كۆرپەمنى تاشلاپ قويۇپ سىرتقا چىقتىم. شوپۇر ئاللىقاچان ماشىنىسىنى قايرىپ بولغان ئىدى. ئىشىكتىن بېشىنى چىقىرىپ »خوش ئەمىسە، مەن كەتتىم« دېگىنىچە كېتىپ قالدى. ماشىنا كەينىدىن ئاپپاق بوخۇناق كۆتۈرۈلدى.
كۆزۈم يەنە شۇ غېرىبانە »پونكىت« تا ئىدى. »قايسى ئورمانلىقنى قوغدايدىغاندىمىز بۇ يەردە؟« دەيتتىم ھەيران بولۇپ، بۇ يەردە مۇشۇ نەچچە ئون تۈپ تېرەك - سۆگەت، ئاۋۇ توغراق - يۇلغۇنلاردىن باشقا تۆت ئەتراپنىڭ ھەممىسى قۇملۇق تۇرسا.
−− بىزنىڭ قوغدايدىغان تەبىئىي ئورمانلىرىمىز قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە، −− دېدى كەينىمدىن چىققان ھەمراھىم كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا، −− ئورمان دېگىنىمىز توغراق بىلەن يۇلغۇن شۇ. بىز شۇ نەرسىلەرنى ئوتۇنچى، شاخچىلارنىڭ قالايمىقان كېسىپ، سېتىپ ۋەيران قىلىۋېتىشىدىن توسىمىز.
بۇ يەردىكى خىزمىتىمنىڭ دائىرىسى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىمنى تېزلا بىلىۋالدىم. »ئىشخانا« مىزنىڭ ئالدى قۇملۇققا قاراپ كىرىپ كېتىدىغان توپىلىق يولغا قارايتتى. بىز ھەر كۈنى شۇ يەردە ئولتۇرۇپ، ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۆتۈۋاتقان ئوتۇنچىلارغا ۋەز ئېيتاتتۇق. دېرىزىدىن سىرتقا قارىتىپ قويغان بىر تال كارنىيىمىز باتارېيەلىك ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقان ئورمان قانۇنىغا ئالاقىدار قىسقا - قىسقا ئەسكەرتمىلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئاڭلىتىپ تۇراتتى. ئوتۇن يۈكلەپ كەلگەن ھارۋىلارنى توختىتىپ، تېگىدە، ئارىسىدا چەكلەنگەن، مەنئى قىلىنغان نەرسىلەرنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ كەلگەنلەرنى تۇتاتتۇق. ئات - ئۇلاغ، ھارۋىلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ ئىدارىگە يوللايتتۇق.
بۇ يەردە قۇملۇق ئىچكىرىسىگە بارىدىغان بىرلا يول بولۇپ، ئۆتكۈنچىلەرنىڭ مۇشۇ ئېغىزدىن ئۆتمەي ئىلاجى يوق ئىدى. مەن ھەپتە بولماي بۇ پونكىتتىن زېرىكىشكە باشلىدىم. بۇ يەردە بىزنى چارچاتقۇدەك، ھاردۇرۇپ، تالجىقتۇرغىدەك ئىش يوق ئىدى. لېكىن، پات - پات چىقىپ تۇرىدىغان بوران، جاننى قاقشىتىدىغان ئىسسىق، قارا چاياندەك ئۇچۇپ يۈرىدىغان پاشا - كۇمۇتا ئادەمنى جاق تويغۇزاتتى. پاشا چاققان يەرنىڭ قىچىشىشىغا، ئېچىشىشىغا چىدىغىلى بولمايتتى. قوللىرىم ئۇستىخېنىمدىن نېرى بارمايتتى، كارتىلدىتىپ قاشلايتتىم. قاشلىغانسېرى، قىچىشىشى ئەۋجىگە چىقاتتى. تۆت كۈن بولا - بولماي قاش - قاپاقلىرىم، يۈز - كۆزۈم، قول - پاچاقلىرىم ئۈچكىدەك - ئۈچكىدەك قاپىرىپ كەتتى.
ھەر كۈنى كەچ ئۆي ئەتراپىغا دۆۋە - دۆۋە قۇرۇق قامغاق دۆۋىلەپ ئىسلىق ياقاتتۇق. كېچىسى پاشىلارنى شۇ ئىس بىلەن قوغلاپ پاناھلىناتتۇق. ئىچىدىغان سۈيىمىزمۇ جاننى قىينايتتى. بۇ يەردە قاچانلاردا كولانغانلىقى نامەلۇم بىر تۈپ توغراقنىڭ تۈۋىدە بىر كونا قۇدۇق بار ئىدى. سۈيى ھەم تۇزلۇق ھەم لاۋزا ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئىچمەي، يۇيۇنماي ئىلاجىمىز يوق ئىدى. لەۋلىرىممۇ چاك - چاك يېرىلىپ كەتمەكتە ئىدى. بىر ئايغا ئاران چىدىدىم.
−− خۇدا ئۇرغان بۇ يەردىن يۆتكەپ قويسىلا مېنى، −− دەپ چىقتىم بىر كۈنى ئىدارە باشلىقىنىڭ ئالدىغا، −− كەتمەن چاپىدىغان، تاغار يۈدۈدىغان ئىش بولسىمۇ كەنت ئىچىدە قىلاي.
−− نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟ −− دېدى ئىدارە باشلىقى، −− بىزدە كەتمەن چېپىپ يەر تېرىيدىغان ئىش يوق. خىزمىتىمىزنىڭ فۇنكسىيەسى شۇ، تەبىئىي ئورمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىش.
−− كۆچەت يېتىشتۈرىدىغان، باغۋەنچىلىك ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، بۆلۈم، ئىشخانا، مەيدان، پونكىتلارمۇ بار ئىكەنغۇ؟
−− بولۇشنىغۇ بار. ئەمما ئۇ ئىشلارنىڭ ئېگىسى بار. يەنە كېلىپ، ئىدارىمىزدا يېڭى، ياش خىزمەتچىلەرنى ئاساسىي قاتلاملاردا ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە چېنىقتۇرۇپ ئاندىن باشقا كەسىپلەرگە قويىدىغان بىر قائىدىمىزمۇ بار.
−− مەن ئاشۇ يەردە شۇنچە يىل ئىشلەيمەنما؟
−− ئوقۇغان كەسپىڭىزمۇ شۇ ئىكەنغۇ؟−− باشلىق ئالدىدىكى گېزىتنى قولىغا ئېلىپ قېتىنى ئاچتى. گېپىمنىڭ ئاقمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىۋاتاتتى، ئورنۇمدىن تۇرۇپلا چىقىپ كەتتىم. بىر ھارۋىنى كىرا قىلىپ ھېلىقى نەس باسقان پونكىتقا كەلدىم - دە، نەرسە - كېرەكلىرىمنى بېسىپ ئۇدۇل بېكەتكە كەلدىم ۋە ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم.
−− ئۆندە قىپسىز بالام، −− دېيىشتى ئۆيدىكىلەر دەسلەپ، −− ئەمدىلا ئۇلاشقان خىزمەتنى تاشلاپ كەلگەن نەدە بار؟
−− ئۇ، خىزمەت ئەمەس جان ئالىدىغان يەر ئىكەن −− جان! −− دېدىم كۆزۈمگە مۆللىدە ياش ئېلىپ، −− قارىمامسىلەر ماۋۇ يۈز - كۆزۈمگە؟ پاشا - كۇمۇتىلار يەپ ئۆلتۈرۈپ بولغۇدەك مېنى.
ئۆيدىكىلەر قاپارتمىلىرىمنى، يىرىكلەپ، ئورۇقلاپ كېتىۋاتقان بەستىمنى كۆرۈپ جىمىپ قېلىشتى. شۇ كەلگەنچە بىر كىم ئىزدەپمۇ، سۈرۈشتۈرۈپمۇ باقمىدى. كۈنلەر ئۆتۈۋەردى.
شۇ كۈنلەردە دادام سىل كېسىلى بىلەن يېتىپ قالغانىدى. دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇشقا پۇل بولمىغاچقا، ئۆيدە پەرۋىش قىلىۋاتاتتۇق. ئىككى ئايدىن كېيىن، خىزمەت تاشلاپ يېنىپ كەلگىنىمگە پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم. راستتىنلا ئۆندە قىپتىمەن، −− دەپ ئويلايتتىم توختىماي، −− ھېچ بولمىغاندا يەتتە - سەككىز يۈز يۈەن ئىش ھەققىم بولغاندىكىن، دادامنى ئانچە - مۇنچە داۋالىتىشقا ياراپ قالار ئىكەندۇق...
بىر كۈنى ئاستاغىنە ئىدارىگە باردىم.
−− كىمنى ئىزدەيسىز؟ −− دېدى ئىشىكتىن يۈزۈمنى كۆرگەن ئىدارە باشلىقى مېنى تونۇماسقا سېلىپ.
−− مەن... مەن... پونكىتقا قايتىپ باراي دېگەن...
−− مەن سىزدەك باشتۇڭ كادىرنى تونۇمايمەن! −− دېدى ئۇ يۈزۈمگىمۇ قارىماي تۇرۇپ، −− خىزمەت تاشلاپ كەتكەنلەر قاتارىدا ئاللىقاچان بىر تەرەپ قىلىپ بولدۇق.
−− بىر قېتىم پۇرسەت بەرگەن بولسىلا...
−− پۇرسەتنى مەن بېرەلمەيمەن. كادىرلار ئىدارىسىگە بېرىپ بېقىڭ.
كادىرلار ئىدارىسىگە نېمە دەپ بارىمەن؟ ئۇلار »خىزمەت تاشلاپ كەتتى« دەپ دوكلات يازغان تۇرسا، مېنى ئاللىبۇرۇن ئارخىپتىن ئۆچۈرۈپ، ئورنۇمغا باشقا بىرىنى سەپلەپ بولماي قالامدا؟ ئۆيدىن قانداق كەلگەن بولسام، يەنە شۇنداق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قايتىپ كەلدىم.
دادامنىڭ كېسىلى كۈندىن - كۈنگە يامانلاشماقتا ئىدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كېتىۋاتاتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، توساتتىن يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنلىرىغا يامراپ كەتكەن قاشتېشى ئىزدىگۈچىلەر خىيالىمدىن كەچتى. مەن خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەن دەسلەپكى كۈنلەردە مەھەللىمىزدىكى بىر تونۇشۇمغا يوغان بىر قاشتېشى ئۇچراپ، بىر كۈندىلا 03 مىڭ يۈەنلىك پۇلدار بولۇپ قالغىنىنى ئاڭلىغانىدىم.
مەنمۇ بىر ئۇرۇنۇپ كۆرمەيمۇ؟ −− دېدىم غايىبتىن ئۈمىد كۈتۈپ، −− يۇرۇڭقاش ۋادىسىغا تېرىلىپ كەتكەن ئاشۇ تاش ئىزدىگۈچىلەرگە چىققان تاش ماڭىمۇ چىقماسمۇ؟ ھېچ بولىغاندا ئالمىچىلىك، ياڭاقچىلىك بولسىمۇ ھەپتىسىگە بىرەر - ئىككىدىن تاش ئۇچراپ قالسا، دادامنى ئۇدۇللۇق داۋالىتىشقا يېتىدۇ - دە؟ شۇ ئوي بىلەن يۇرۇڭقاش ئېقىنىغا چۈشتۈم.
پەسىل كۈز مەۋسۇمىغا كۆچۈۋالغىنى بىلەن قۇياش يازدىكى قايناق ھارارىتىدىن تېخى قالمىغانىدى. چۈشكە دەل تىكلەشكەن قۇياش چوققامنى كۆيدۈرۈپ تۇراتتى. ئايىغىم ئاستىدا شاراقىشىپ تۇرغان تاشلارغا زوڭزايغىنىمچە قاشتېشى ئىزدەۋاتاتتىم. كۆزۈمگە ئاق، يېشىل، قارامتۇل كۆرۈنگەنلىكى تاشلارنى بىر قېتىمدىن ئېلىپ سىنچىلاپ قارايتتىم، قۇياشقا تۇتۇپ باقاتتىم. ئۆزۈمچە سۈزۈككەن، قاشتېشىغا ئوخشايدىكەن دېگەنلىرىنى قولۇمدىكى خالتامغا ئۈمىد بىلەن سېلىپ قوياتتىم، شۇنداق قىلىپ يۈرگىنىمگە ئىككى كۈن بولغان ئىدى.
شۇ كۈنى، كۈن دەريانىڭ غەربىي چېتىدىكى ئېگىز دەرەخلەر ئۈستىگە قونغىلىۋاتاتتى، تاش ئىزدەۋېتىپ توساتتىن دەريا ئىچىنى پىرقىراپ ئايلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم، بېشىمنى كۆتۈردۈم، كۆز ئالدىمدىكى ساھىلمۇ پىرقىراۋاتقاندەك قىلاتتى، ئۆزۈممۇ يىقىلىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتىم.
ئىختىيارسىز يەرگە زوڭزايدىم، پىرقىراش توختىغاندەك قىلدى، ئەمما مەيدەم قاتتىق تارتىشىپ كېتىۋاتاتتى، ئۈچەيلىرىم قۇرۇقتىن قۇرۇق كوركىرىغاندەك قىلاتتى، ئاستاغىنە خالتامنى ئاچتىم، ئەتىگەن ناشتىلىق ۋە چۈشلۈكۈم ئۈچۈن بازاردىن ئېلىۋالغان گىردىلىرىم شۇ پېتى تۇراتتى، دەرياغا چۈشۈپلا تاش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ناشتا قىلىشنىمۇ، چۈشلۈك تاماقنىمۇ بىراقلا ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم.
سۇ بويىغا كېلىپ، ئىككى گىردىنى سۇغا تاشلاپ ھۆل قىلدىم - دە، بىر تال ياپىلاق تاش ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ يېيىشكە باشلىدىم، ئىككى ناننى ئارقا - ئارقىدىن يەۋەتتىم.
قورسىقىمنىڭ تويۇشىدىنمىكىن، يا ئەتىگەندىن بېرى توختىماي دوڭغىيىپ يۈرۈشتىن چارچاپ كەتتىممىكىن، بىردەم پۇت سوزۇپقىنا يېتىۋالغۇم كېلىپ كەتتى، كىچىككىنە ئارام ئېلىۋېلىپ تۇرۇپ كېتەرمەن، دېگەن خىيال بىلەن شېغىل تاشلار ئۈستىگە يانپاشلىدىم.
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن، سوزۇلۇپ ئېقىۋاتقان دەريا ساھىلىدىكى قانداقتۇر بىر ئېگىزلىكتە ھالسىراپ تۇرىمەن، يۇقىرىدىن قارىشىمدا دەريا سۈيى تىنىق، ئاستا ئېقىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى، ئەجەب ئىش، سۇنى كۆرۈپلا بىردىنلا تەشنالىقىم تۇتۇپ كەتتى. ئەمما تەشنا لەۋلىرىمدە جان قالمىغاندەك ئىدى. قورام تاشلارنى ئارىلاپ تېزرەك پەسكە چۈشۈشنى ئىستەيتتىم، لېكىن مادارسىز ئاياغلىرىم ئەمدى ئۆزۈمگە بويسۇنمايۋاتاتتى، شۇنداق بولسىمۇ بىر ئاماللاپ دەريا بويىغا −− ئېقىۋاتقان سۇ لېۋىگە چۈشتۈم، دۈم يېتىپ سۇغا لەۋ سوزدۇم، بىراق لەۋلىرىمگە سۇ تەگمەيتتى، ئۈستىدىن قارىغىنىدا كۆرۈنگەن تىنىق سۇدىن ئەسەرمۇ يوق، كۆزلىرىمگە قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنىلا كۆرۈنەتتى.
بىركەمدە يان تەرىپىمدە سۇ تۇرۇپ قالغان بىر توقاي كۆرۈنگەندەك قىلدى، ئۆمىلەپ ئۇنىڭ قېشىغا كەلدىم، توقايدا راستتىنلا جىمىرلاپ تۇرغان سۈپسۈزۈك سۇ بار ئىدى، ئىچىدە توپ - توپ بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرەتتى.
شۇ ئەسنادا قۇلىقىمغا تولىمۇ شىددەتلىك بىر شاۋقۇن ساداسى ئاڭلاندى. چۆچۈپ تۆت ئەتراپىمغا قارىدىم، دەريانىڭ يۇقىرىقى بېشىدىن غارقىرىغان غايەت زور كەلكۈن ئېقىمى باستۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. قېچىشقا تەمشەلدىم، ئەمما جانسىز ئاياغلىرىم ھېلىھەم ئۆزۈمگە بويسۇنمايۋاتاتتى. مەن ئۆمىلەپ تاشلارغا يامىشىشقا باشلىدىم، ھەيۋەتلىك ئېقىن ئاياغلىرىم ئاستىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى، قېچىپمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىغاندەك قىلاتتىم، ئاخىر ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋارقىرىدىم:
−− ئادەم بارمۇ!؟ مېنى قۇتۇلدۇرۇڭلار!
ئۆز ئاۋازىمدىن ئۆزۈم چۆچۈپ كەتسەم كېرەك، يېرىم ئۆرە ھالەتتە ئولتۇراتتىم، يېنىمدا ئىككىيلەن قاراپ تۇراتتى.
−− نېمە، بىر نەرسە چېقىۋالدىمۇ؟ −− سورىدى ياشقا چوڭراق كەلگەن بىرى، −− قارا بېسىپ قالدىمۇ - يا؟
شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ ئۇخلاپ يېتىپ چۈش كۆرگەنلىكىمنى بىلدىم ۋە خالتامدىن ئەنسىرەپ شاققىدە كەينىمگە بۇرۇلدۇم، خالتام جايىدا تۇراتتى. ھېلىھەم مەڭدەش ئىلكىدە بولسام كېرەك. بايا گەپ سورىغان ئادەمگىمۇ دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن، ئۇنى ئىككىنچى قاراشتا تونۇدۇم، 54 لەردىكى بۇ ئادەم يېقىندا توپا كولاش ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، دەريانىڭ يۇقىرىسىدىكى بىر تۈزلەڭدە قاشتېشى كولىتىۋاتقان ئىمىر ھەسەن ئىسىملىك تاشچى ئىدى.
−− تاپالىدىڭمۇ، قانچىلىك تاپتىڭ؟ −− دېدى ئۇ يېنىمدىكى تاش سېلىنغان خالتامغا قاراپ - قاراپ قويۇپ.
−− ئىشقىلىپ پىشكى تاشلارنى تېرىپ قويدۇم.
−− مۇنداق قىلە كۆرۈپ باقاي، −− يېنىمغا زوڭزايدى ئۇ.
خالتىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ قويدۇم، ئۇ تاشلىرىمنى بىر - بىردىن ئېلىپ قاراپ بېقىپ، ئاخىرىدا ياڭاقچىلىك چوڭلۇقتىكى بىر تاشنى ئالدى. ئىشتىنىغا شارت - شۇرت قىلىپ سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن كۈن نۇرىغا تۇتۇپ بېقىپ:
−− مۇشۇ بىرسى قاشتېشىدەك تۇرىدۇ، قالغىنى بىكار نېمىلەركەن، −− دېدى.
ئىچىمگە شىررىدە قىلىپ بىر شادلىق ئېقىپ كىردى، ھەرھالدا ئىككى كۈندىن بېرى كىچىك بولسىمۇ بىر تال قاشتېشىغا ئېرىشكىنىمدىن خۇش بولۇۋاتاتتىم.
−− ئوبدانراق قاراپ بېقىڭا ئاكا، −− دېدىم خالتىنى يەرگە تۆكۈپ، −− باشقىلىرى راستتىنلا قاشتېسى ئەمەسمىكەن؟
−− ئەمەسكەن! −− كېسىپ ئېيتتى ئۇ، −− بىر قارىساملا ئۇنىڭ قاشتېشى ئىكەنلىكىنىلا ئەمەس، قانچە پۇلغا يارايدىغان تاشلىقىنىمۇ بىلىمەن، ئاق، يېشىل تاشلا بولسا قاشتېشى بولۇۋەرمەيدۇ. بىكار جۇغلاپسەن بۇ تاشلارنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەريا قىنىدا بىر نېمە قالمىدى.
ئۇنىڭ كونا تاشچى ئىكەنلىكىنى خېلىدىن بېرى بىلەتتىم، بىلگىنىم ئۈچۈنلا ئۇنىڭ دەۋاتقانلىقىغا يۈزدەيۈز ئىشىنىپمۇ كەتمىدىم، ئۇ مېنى ئالداپ قويۇپ تاشلىرىمنى تاشلاتقۇزۇۋەتمەكچى، ئاندىن ئۆزى ئېلىۋېلىشنى كۆزلەۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
مەن خالتامنى يىغىشتۇرۇپ ھېلىقى تاشنى كۆرسەتتىم.
−− سىز تونۇپ بەرگەن بۇ تاش قانچىگە يارار؟
−− 400- 500يۈەنگە يارارمىكىن؟ ئەمما بۇنداق ئامەت كۈندە بولۇۋەرمەيدۇ. نەچچە ھەپتە تورۇكلاپ يۈرۈپ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەي كېتىدىغانلارمۇ كۆپ.
−− سىز دەريا ئېقىنىدا بىر نەرسە قالمىدى دېگەندەك قىلدىڭىز، لېكىن ئۆزىڭىز نېمە ئىش قىلىسىز بۇ يەردە؟
ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
−− سەن مېنى تاش ئىزدەپ يۈرۈپتۇ دەپ قاپسەن - ھە؟
−− راست ئېيتتىڭىز، سىزدەك تاش كولايدىغان ماشىنىسى بار ئادەمنىڭ بۇ يەردە يۈرگىنىدىن سەل ھەيران بولۇۋاتىمەن.
−− مېنى دېسەڭ بارغۇ ئۇكام، بۇ يەرگە تاش ئىزدەپ ئەمەس، سەندەك ۋاقتىنى، كۈچىنى ئىسراپ قىلىۋاتقانلارغا ئىش تېپىپ بېرەي دەپ كېلىشىم. قانداق، مەن بىلەن ئىشلەپ تاش ئەمەس، نەق پۇل ئالغۇڭ بارمۇ؟ تاش كولاشتىكى مەقسەتمۇ پۇل تېپىشقۇ - ھە؟
−− مېنىڭ يېنىمدا ئىشلە دېمەكچىمۇ سىز؟
−− شۇنداق، كۈنلۈكۈڭگە نەقمۇنەق 50يۈەندىن ئىش ھەققى بېرىمەن.
ئىچىمدە ھېسابلاپ باقتىم، كۈنىگە 50يۈەندىن بولغاندا بىر ئايدا 1500يۈەنگە ئىشلىگۈدەكمەن، دادامنىڭ كېسىلىگە ئازراق بولسىمۇ دال بولار، تۇرۇپلا قىزىقىپ قالدىم.
−− مۇقىم ئىشلىتەرسىز - ھە؟
−− توختام تۈزىمىز، ھەممە نېمە مۇقىم بولىدۇ.
مېنىڭ يەنە بىر گەپنى دېگۈم كەلدى - يۇ، ئۇنىڭ يېنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئېغىزىمنى تامشىپ - تامشىپ توختاپ قالدىم.
−− يەنە نېمە گەپ؟ توختاپ قالدىڭغۇ؟ −− دېدى ئۇ بىر نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى سېزىپ، −− گەپ بولسا باشتا دېگىنىڭ ياخشى.
−− بىر ئايلىق ئىش ھەققىمنى ئالدىن بېرەلەرسىزمۇ ئاكا؟
−− نېمە دەيسەنۇي؟ قولۇڭ ئىشقا تەگمەي تۇرۇپ پۇل سورايسىنا؟ نەدە شۇنداق ئىش بارىكەن؟
−− لېكىن... ماڭا پۇل بەك لازىمتى ئاكا! دادامنى جىددىي داۋالاتمىسام بولمايتتى.
ئۇ بىردەم توختاپ قېلىپ دېدى:
−− ئاۋۋال ئىشقا چۈش، كېيىن بىر گەپ بولسۇن.
−− قاچان بارىمەن؟
−− ھازىرنىڭ ئۆزىدە ماڭساقمۇ بولىدۇ، لېكىن ئانچە - مۇنچە تەييارلىق قىلىۋالمىساڭمۇ بولمايدۇ، ئىش ئورنىدا قونۇپ ئىشلەيدىغان گەپ.
شۇنداق قىلىپ تۆت كۈندىن كېيىن ئىمىر ھەسەننىڭ بارگاھىغا كەلدىم. ئۇنىڭ ئىش ئورنى تاغ باغرىدىكى بىر قاپتالدا ئىدى، ماشىنىسى توختىماستىن شېغىل كولايتتى، 10- 20ئادەم چىشلىق تارتقۇلار بىلەن تۆكۈلگەن شېغىللارنى تاتىلاپ قاشتېشى تېرەتتى. تاپىدىغان ئوقەتكە كەلسەك، خۇدا بېرىپ قالسا ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر نەچچە دانە تاش چىقىپ قالاتتى، يوق بولغاندا ھەپتە يەر كولاپمۇ ھېچنېمىگە ئىگە بولغىلى بولمايتتى.
»گاداي تالقان يېسە بوران چىقىپتۇ« دېگەن گەپ راست ئوخشايدۇ. ئىمىر ھەسەننىڭ ئالدىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا بىر ئايمۇ توشمىغان ئىدى، بىر كۈنى توساتتىن ئىش ئورنىدا »ھۆكۈمەت دەريا ۋادىسىدا قاشتېشى كولاشنى مەنئى قىپتۇدەك« دېگەن گەپلەر پەيدا بولۇپ قالدى. ئىمىر ھەسەنلا ئەمەس، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىنى بويلاپ گۇرۇھ - گۇرۇھلار بويىچە قاشتېشى قازدۇرۇۋاتقان ئىش بېشىلىرىنىڭ ھەممىسى تېپىرلاشقىلى تۇردى، پەرمان دېگەن بەرىبىر پەرمان ئىكەن، ھەپتە ئۆتەر - ئۆتمەي، ئون نەچچە ماشىنىلىق ئادەم كېلىپ تاشچىلارنى بىر يەرگە توپلىدى، يوغان - يوغان تامغىلىق ھۆججەتلەرنى ئوقۇپ - چۈشەندۈرۈپ، شۇ كۈنىلا ئىش ئورنىدىن قوغلاشقا باشلىدى.
−− ئىش ھەققىمىزنى بېرىۋەتسىڭىز بولغۇدەك.
−− شۇنداق، پۇلىمىزنى بېرىۋېتىڭ!
−− مېنىڭ ئۈچ ئايلىق ئىش ھەققىم بار جۇمۇ؟
ئىمىر ھەسەننىڭ چىرايى تامدەك تاتىراپ كەتكەن ئىدى، ماڭغان - تۇرغىنىنى، قويغان - تۇتقىنىنى بىلمەيتتى.
−− بىرەر خۇرجۇن توشقۇدەك تاشقا ئىگە بولالماي، بانكىدىن قەرز ئالغان 150مىڭ يۈەنىم تۆمۈر - تەسەككە ئايلىنىپ كېتىۋاتسا پۇل دەمسىلەر؟
−− ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ نېمە ئىشىمىز؟ نەچچە ۋاقتتىن بېرى ئۆلەر - تىرىلىشىمىزگە باقماي تاش كولىدۇق، بىز دېگەن كۈنلۈكچىلەر، كۈنلۈكى قىلغان ئەمگىكىمىزنىڭ ھەققىنىلا بىلىمىز.
مەن ئۈن - تىنسىزلا بىر چەتتە شۈمشىيىپ تۇراتتىم. گەپ قىلمىغىنىم، ئۇلاردەك داۋراڭ سېلىپ، ئىش بېشىنىڭ كۆزىگە كىرىۋالمىغىنىم بىلەن دەردىمنى ئۆزۈم بىلەتتىم، ئىش ھەققىمنى ئالسام، بىچارە دادامنى داۋالىتىمەن، دەپ سۈرۈپ يۈرگەن شېرىن خىياللىرىمنىڭ بىردىنلا كۆپۈككە ئايلىنىۋاتقانلىقىدىن ھەسرەتلىنەتتىم.
دەرۋەقە، ئىمىر ھەسەن راستتىنلا زىيان تارتقان ئىدى، ئۇمۇ بىزدەك كۆپرەك پۇل تېپىشنىڭ تاماسىدا تەۋەككۈل كېمىسىگە چىققان، بار - يوقىنى جەملەپ، توپا قېزىش ماشىنىسى ئالغان، شۇنچىۋالا ئادەمنى ياللىغان بولغىيتتى؟ خۇمدامدا كۆيۈۋاتقاندەك پۇچۇلۇپ تۇرغان ئادەمنىڭ ئالدىدا، كىچىككىنە قوقاسقا دەسسىۋالغان مەن نېمىمۇ دېيەلەي؟ ئاخىر تۈكۈرۈكۈمنى يۇتۇپ، چاپىنىمنى ئۆشنەمگە ئارتقىنىمچە ئىش مەيدانىدىن قايتتىم.
ئەلقىسسە:
ئوبۇلقاسىم كۆزلىرىنى نەگىدۇر تىككىنىچە خىياللار ئىلكىگە پاتتى، بىردەملىك ئويلىنىشتىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى.
−− شەھەرگە 50- 60كىلومېتىرچە كېلىدىغان دەشت يولدىن زېرىكىپ، دەريا ئىچى بىلەن كېلەتتىم، كۈن چۈشتىن ئۆتكەن ئىدى، كېتىۋېتىپ قورسىقىم ئاچقاندەك قىلدى. ئويلىسام، ئەتىگەن ناشتا قىلغانچە ئىكەنمەن، سومكامدا سۈيى قېچىپ قېتىپ كەتكەن تۆت كاكچا بار ئىدى، سەل پىچىپ كەتكەن بىر چېقىل تۈۋىدە توختاپ سۇ بويىغا زوڭزايدىم، بىر ناننى ئېلىپ سۇغا تاشلىدىم - دە، ئۈستىدىن بىر تاشتا باستۇرۇپ قويۇپ، يۇمشاشنى كۈتۈپ ئولتۇردۇم، ھارغىنلىقىم نەدە قالسۇن؟ خىيالىم دادامنىڭ كېسىلىدە، مېنى شېرىن ئۈمىدلەر قەلئەسىدىن گۈپلا قىلىپ تاشلىۋەتكەن بىر ئايلىق ئىش ھەققىمدە ئىدى. ئاشۇ پۇلۇمنى بولسىمۇ ئېلىۋالغان بولسام، يەتكەن يېرىگىچە دادامنى داۋالىتىۋالماسمىدىم؟ ھەي پەلەك، ھەي يوقسۇللۇق!
كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئاچچىقىمىكىن، يا قىزىق تەپتىدىنمىكىن مەڭزىلىرىمنىڭ ياش ساقىغان جايى كۆيۈشكەندەك، ئېچىشقاندەك بولدى. ياق ئېچىشقىنى يۈرىكىم ئىدى. بارماقلىرىم بىلەن ياش سىرغىغان جاينى سىيرىۋېتىپ بىردىنلا چېقىل تۈۋىگە تىكىلىپ قالدىم، چېقىل يۈزىنى يالاپ ئېقىۋاتقان سۇ يۈزىدىن بىر تال ئاق تاشنىڭ ئۇچى چىقىپ تۇراتتى، ئورنۇمدىن قانداقسىگە تۇرۇپ، سۇغا قانداقسىگە ئۆزۈمنى ئاتقىنىمنى بىلمەيمەن، ئالىقىنىمدا سۇنى قاچۇرۇپ تاشقا قارايمەن، سىلاپ - سىيپاپ قومۇرماقچى بولىمەن. چۈنكى بىر ئاينىڭياقى قاشتېشى پەرقلەندۈرۈشنى ئاز - تولا ئۆگىنىۋالغانىدىم.
تاشنىڭ يۈزىدىكى قىسمى شۇنچە سۈزۈك، شۇنچە يالتىراق كۆرۈنەتتى. »قاشتېشى، چوقۇم قاشتېشى!« دەيتتىم توختىماستىن پىچىرلاپ. تاشنىڭ ئاساسىي قىسمى شېغىل تېگىدە ئىدى، گاھ قولۇمدا، گاھ قىرتماق تاشلاردا كولاپ بىر ھازادا تاشنى بوشاتتىم، ئۇ كىچىكرەك بىر تايچاقنىڭ كاللىسىدەك بار ئىدى.
−− ئات بېشىدەك ئالتۇن دېگەن مۇشۇ! −− دېدىم خۇشلۇقۇمدا ۋە تاشنى يۇيۇپ قىرغاقتا قويدۇم، ئۇ راستتىنلا قاشتېشى، قاشتېشى بولغاندىمۇ تاشلارنىڭ ئەڭ سەرخىلى ئىدى. تاشنى باغرىمغا بېسىپ گۈپپىدە يىقىلدىم، خۇشاللىقىمدىن يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان ئىدى، بىر سائەتلەردىن كېيىن ئۆزۈمنى توختىتىپ، تاشنى چاپىنىمغا ئوراپ يۈدۈپ ئۆيگە كەلدىم.
نەچچە كۈنگىچە ئۇيقۇم كەلمىدى، نەچچە تۈن كىرپىك قاقماي ئاقىرىپ كەتتى. مەن ھەر كۈنى تاش بازىرىنى ئايلىناتتىم، قاشتېشى سودىسى بولۇۋاتقان سورۇنلاردا تاماشا كۆرگەن بولۇپ، ئۆز تېشىمنىڭ نەچچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى تەخمىنلەيتتىم، بىر ھەپتە نەرخ - ھاۋا ئۇقۇشۇپ، تېشىمنى 1 مىليون يۈەنگە يارىغۇدەك دەپ قىياسلىدىم، ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ ھېسسىي باھايىم بولۇپ، قاشتېشىمنى تېخى بازارغا چىقارمىغان ئىدىم.
بىر جۈمە كۈنلۈكى قاشتېشىمنى يۈدۈپ تاش بازىرىغا كەلدىم، يەرگە قويۇپ تۇراتتىم، بىرەيلەن كېلىپ خالتامنىڭ ئېغىزىنى ئاچتى، ئېچىپلا تاشنى چىقارماقچى بولۇۋېدى، قولىنى كوپپىدە باستىم.
−− ھوي، −− دېدى ئۇ يۈزۈمگە چەكچىيىپ، −− ساتىدىغان مالدۇ بۇ؟
−− ساتىدىغان مال.
−− ئەمىسە چىقىرىڭلار مانداق، كۆرۈپ باقىلى.
مەن خالتىنى پەسكە سىيرىپ يوغان ئېچىپ قويدۇم.
ئۇ تاشنى ئۇياق - بۇياققا ئۆرۈپ كۆرۈۋاتاتتى. بىردەمدىلا چۆرەمنى بىر توپ ئادەم ئورىۋالدى. ھەممىسىنىڭ ئېغىزىدا تېشىمنىڭ تەۋسىپى، قىممىتى، سەرخىللىقى ماختىلاتتى. شۇ ئارىدا تاش ئالدىغا يەنە ئىككىيلەن زوڭزايدى، ھەممىسىنىڭ ئالغۇسى باردەك، بىر - بىرىدىن قىزغىنىۋاتقاندەك قىلاتتى.
−− قېنى، نەرخىنى ئېيتىڭلار ئۇكام؟ −− دېدى ئالدىدا كەلگەن خېرىدار خالتامنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، −− تاشنى ئۆزۈم ئالاي.
−− مەنمۇ ئالاي دەۋاتىمەنغۇ؟ −− خالتىغا قول ئۇزاتتى ئىككىنچىسى.
−− سىلى تۈگمەنگە بېرىپ باققانما؟ −− گۆلەيدى بىرىنچى خېرىدار، −− تاش قېشىغا مەن ئاۋۋال كەلگەندىكىن، مەن بىر ئەپ باقاي، ئالالمىغان چېغىمدا ئاندىن سىلى ئالاسىلە.
−− قېنى باھايىڭلىنى دەڭلا، −− يەنە ئېغىز ئاچتى بىرىنچى خېرىدار.
ئىككىنچى خېرىدار باتنىغاندەك قىلىپ توپ سىرتىغا چىقىپ كەتتى.
مەن ھە دېگەندە ئاز دەپ قويۇپ زىيان تارتىپ قالارمەنمىكىن، دەپ ئىككىلىنەتتىم، كۆڭلۈمدە توختاتقان باھايىمنى قويۇشتىنمۇ ئارىسالدى بولاتتىم.
−− ھە قېنى، −− سۈيلەشكە باشلىدى خېرىدار، −− قانچە پۇل بېرىمەن؟
−− 1 مىليون 500مىڭنى بېرەلا؟
−− 1 مىليون 500مىڭ ؟ ئۇكام بۇ قاشتېشىمۇ يا، گۆھەرمۇ؟
مېنىڭ ئىلگىرىكى كۆزىتىشلىرىمدە تاشچىلارنىڭ مېلىنى قانداق ماختاپ، باھانى قانداق قويىدىغىنى، خېرىدارنىڭ مالدىن ئېۋەن چىقىرىپ، ئۇنى قانداق تۆۋەنلەتمەكچى بولىدىغىنىنى، سودىنىڭ قانداق پۈتىدىغىنىنى خېلىلا ئىگىلەپ بىرئاز يۈرەك توختاتقان ئىدىم، شۇڭا پەسكارىغا چۈشمەيلا گەپنى يوغان - يوغان قىلىپ ئولتۇرۇۋەردىم.
−− قاشتېشىنىڭ ئالتۇن بىلەن گۆھەرنىڭ قىممىتىدە مېڭىۋاتقىنىنى سىلىمۇ بىلىلا.
−− ھە،بولاپتۇ. تارتىشىپ يۈرمەي نەق گەپنى قىلىشىلى، قولاڭلىغا تېگىدىغان يېرىنى دەڭلا ئەمىسە.
−− 2000- 3000نى كەمرەك بەرسىلە!
−− 2000- 3000دېگەن گەپ بولمىدى، ئەكىڭلا قولاڭلىنى، −− خېرىدار ئالىقىنى بىلەن يەرنى پاققىدە بىرنى ئۇرۇۋېتىپ قولۇمنى تۇتتى، −− 800مىڭغا بەردىڭلىما؟
−− كەم بولا.
−− كېمىنى خۇدايىم بېرە.
−− ئۇغۇ شۇنداق ئاكا، ئەمما مالغا قارىسىلا، ما تاشنىڭ نەرىدە ئېۋەن بار ئىكەن؟
−− ئېۋەن يوق ئەمەس، مانا ماۋۇ سىزىقلارنى كۆردۈڭلىما؟ ماۋۇ داغ، ماۋۇ ئارىلىشىپ قالغان رەڭلەر قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ ئۇنىڭ، بىزمۇ قولىمىزدىن چىقىرالىساق بولىدۇ.
ئارىدا جۈمەگە ئەزان چىقىپ قالدى، تاش بازىرىدىكىلەر تاھارەت ئېلىشقا تارىغىلى تۇردى، مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇردۇم، تۇردۇم - يۇ، تېشىمنى قەيەردە، كىمنىڭ قېشىدا قويۇپ مەسچىتكە مېڭىشىمنى بىلمەي تىپىرلاپ قالدىم.
−− بولدى ئاداش، −− دېدى ھېلىقى خېرىدار، −− نېمىگە ئارامسىزلىنىۋاتقىنىڭلىنى بىلدىم، خالتاڭلىنى كۆتۈرۈڭلار، جۈمە ئۆتىگىچە يېنىڭلىدا قويۇپ قويۇپ ئۆتەۋەرمەمسىلەر؟ جۈمەدىن يېنىپ داۋاملاشتۇرارمىز.
ئۇ شۇنداق دەپلا مەن بىلەن بىللە ماڭدى، ئۇنىڭ مېنى قويۇۋېتىدىغان ئەلپازى يوق ئىدى، تاھارەتنى بىللە ئېلىپ جۈمەنى بىللە ئۆتىدۇق، جۈمەدىن كېيىن تاش بازىرىنىڭ باش ئۇچىدىراق بىر سۆگەتنىڭ سايىسىگە كەلگەندە ئۇ مېنى توختاتتى.
−− مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ دېيىشىلى، قاقرامغا بېرىپ ئولتۇرمىساقمۇ.
ئەتراپىمىزدىمۇ دۈگلەك - دۈگلەك تاشچىلار بار ئىدى، بىز شۇ يەرگە جايلاشتۇق.
ئۇ ئاز - ئازدىن ئۆرلەيدۇ. مەن دېگەن گېپىمدە چىڭ تۇرىمەن، ئۇ تېشىمنى ئۇياق ئۆرۈپ، بۇياق ئۆرۈپ قۇسۇر تاپىدۇ. مەن ماختايمەن. كۈن بارغانسېرى پەسلەپ بارىدۇ، قورسىقىم ئاچىدۇ، ئۇسسايمەن. خېرىدار ئالدىمدىن قىمىرلىمايدۇ، ئاخىر ئۇنىڭمۇ قورسىقى ئاچتى بولغاي، يولنىڭ ئۇ قېتىدىكى ناۋايغا توۋلاپ بىر نەچچە گۆشگىردە ئەكەلدۈردى، يەنە بىر بوتكىچىدىن ئىككى قۇتا ئىچىملىك ئالدى - دە، ئالدىمغا داستىخان يايدى. ئىككىمىز بىللە غىزالىنىپ قورساقنى توقلىشىپ، يەنە تالاش - تارتىشقا چۈشتۇق، يا مەن زېرىكمىدىم، يا خېرىدار، تاكى كۈن ئولتۇرغىچە ئالدىمدىن كەتكىلى ئۇنىمىدى. قاشتېشى سودىسى، يەنە كېلىپ باھاسىمۇ، قىممىتىمۇ بار تاشلارنىڭ سودىسى شۇنداق بولاتتى. بۇ تەرىپى ماڭا ئايان ئىدى، ئاخىر كۈن پاتاي دېگەندە ئۇ ئالىقىنىمنى ئاچتۇرۇپ قولىنى پاققىدە ئۇردى:
−− 1 مىليون! ئەمدىغۇ بولغاندۇ؟
−− بېرىڭلار ئاداش، ئوبدان سودا بولدى، −− ئارىلاشتى بىرەيلەن.
−− سودىمىز ئاز قالدى، −− دېدىم مەن سەل تامادا، −− يەنە ئازراق قوشسۇن، بېرىۋېتەي.
−− ئالدىڭلىدىكى مۇشۇ تاشتىنمۇ قاتتىقكەنسىلە ئۇكام. ھېلىمۇ پۈتۈن قىلدىم جۇمۇڭلا؟
−− سىلىمۇ ئوبدان قىلدىلا، يەنە ئازراق...
−− 10مىڭنى قوشتۇم!
−− ئالسىلا! −− بۇ گەپنىڭ قانداقسىگە ئېغىزىمدىن چىقىپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتىمەن، ئەمدى يېنىۋېلىشقا بولمايتتى، خېرىدار كاپ قىلىپ خالتىنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتتى.
−− قوپاڭلا، مۇشۇ تۇرقىدا بانكىغا بېرىپ، پۇلۇڭلىنى ئېلىپ بېرەي.
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر پۇڭسىز زار قاقشاپ يۈرگەن بىر بەختسىز، بىر كۈندىلا مىليونېرغا ئايلىنىپ قالدىم. ئالدىمدىكى دەستە - دەستە پۇللارنىڭ راستتىنلا مېنىڭ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيتتى، ئۇ گويا بىرىنىڭ »تۇتۇپ تۇرۇڭ« دەپ بەرگەن ئامانىتىدەك، ھېلىلا قولۇمدىن ئېلىپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇدا ئىدىم، مەن بىر ھازا قايمۇقۇشتىن كېيىن ئاستاغىنە ئېسىمگە كېلىپ يېنىمغا قارىدىم، ھېلىقى خېرىدار تاشنى ئېلىپ ئاللىقاچان كېتىپ قالغان ئىدى، كۆڭلۈمگە بىردىنلا بىر قورقۇنچ بۆسۈپ كىردى. تېنىم شۈركۈنۈپ يان - بېلىمگە ئالاق - جالاق قاراپ سالدىم. ئىچىمدە بۇنچىۋالا پۇلنى مۇشۇنداقلا كۆتۈرۈپ چىقسام بىرسى گاچ قىلىپ... كۆزۈمگە يالت - يۇلت قىلىپ تۇرغان بىر پىچاق كۆرۈندى، چۆچۈگىنىمدىن كەينىمگە بىر قەدەم داجىپمۇ كەتتىم. گۇگۇم چۈشەي دەپ قالغان ئىدى، راستتىنلا بۇنچە پۇلنى قولتۇقلاپ كوچىغا چىقىش خەۋپلىك ئىدى.
بانكىدىلا قالسۇن، دەپ ئويلىدىم ئەقلىمنى تېپىپ، ئامانەت قويۇۋېتەي، كىملىكىمنى چىقىرىپ پۇل بىلەن بىللە بانكىغا خادىمىغا ئۇزاتتىم.
چەك قولۇمغا ئۆتتى. خېلىلا يەڭگىللەپ قالغان بولساممۇ، يەنىلا قورقۇپ تۇراتتىم، كوچىغا چىقىپلا تاكسىدىن بىرنى دېيىشىپ، ئۆيۈمگە يۈرۈپ كەتتىم.
ئەلقىسسە:
ئوبۇلقاسىمنىڭ ھېكايىسى شۇ يەرگە كەلگەندە، سىرتتىن خورازلارنىڭ بەس - بەستە چىللاشقان ئاۋازلىرى كېلىشكە باشلىغان ئىدى، پادىشاھ ئازادە بەختنى تاڭ ئالدىدىكى شېرىن ئۇيقۇنىڭ ئەسىرى تۇتۇۋاتاتتى، ئۇ ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن غۇلىچىنى يېيىپ ھۇزۇرلىنىپقىنا كېرىلدى - دە، ئازراق تىكلىنىۋېلىپ، گەۋدىسىنى تەخت يۆلەنچۈكىگە قويۇۋەتتى، شەھرىزاد ئوبۇلقاسىمدىن ئاڭلىغان ھېكايىلەرنىڭ داۋامىغا ئۆتتى.
−− شۇنداق قىلىپ قاشتېشى ئېلىپ - سېتىش كويىغا چۈشتۈم، دېمىسىمۇ ھېلىقى تېشىمنى ئالغان خېرىدار ئىچىمگە شۇ ئوتنى سېلىپ قويغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ مېنىڭدىن ئالغان تاشنى ئاپىرىپلا ئىككى باھادا سېتىپ پايدا ئالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇزاققا بارمايلا بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ، قاشتېشى دۇكىنى ئاچتىم. ئىشىم پارچە ئېلىپ، توپ سېتىش ئىدى. بىر يىلچە يېگانە سودا قىلىپ يۈردۈم، پايداممۇ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتاتتى، پۇلۇم كۆپەيگەنسېرى ئەقلىممۇ ئۇلغايغىلى تۇردى، تاش تونۇش، سۈپىتىنى باھالاشتا داڭقى بار تاشچى بالىلاردىن ئىككىنى قوشۇۋالدىم.
−− كېيىن »ئوبۇلقاسىم قاشتېشى شىركىتى«نى قۇرۇۋالدىم دەڭە! −− دېدى زەينۇرە گېپىمنى خۇلاسىلەپ، −− ھەقىقەتەن ئامىتى بار ئادەمكەنسىز.
−− »ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت« دەپتىكەن، ماڭىمۇ ئاخىر بىر نۆۋەت كەلدى - دە!
كەچ كىرىپ قالغان ئىدى، ئاشۇ گەپلەردىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈپ سىرتقا چىقتۇق. قەدەملىرىمىز ئاستا، يانمۇيان كېلەتتۇق. كۆڭلۈمدە بولسا ئۇنىڭ بىلەن دېيىشىدىغان يەنە نۇرغۇن - نۇرغۇن گەپلىرىمىز باردەك، ئىشخانىدەك بىر خالىي جايدىن ئالدىراپلا چىقىپ كېتىۋاتقاندەك بىر خىل ئەپسۇسلۇق تۇيغۇسى ھۆكۈم سۈرەتتى. زەينۇرە نېمىگىدۇر مىيىقىدا كۈلگىنىچە خىياللار ئىلكىدە كېتىۋاتاتتى، ئۇزايىدىن كۆڭلىدە قانداقتۇر بىر مەسىلە ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈۋاتقاندەكمۇ، قانداقتۇر بىر گەپنى سوراشتىن ئىككىلىنىۋاتقاندەكمۇ كۆرۈنەتتى.
ئۇ مېنىڭ ئۆزىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىمنى سەزگەندەكلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ زىنىخلىرىدا ھېلىھەم ئاشۇ تەئەججۈپلۈك كۈلۈمسىرەش جىلۋە قىلىپ تۇراتتى.
−− بىر ئىشقا ھەيرانمەن، −− دېدى ئۇ كۈلكە ئىچىدە، −− شۇنچە رىيازەتلەرنى چېكىپ، ھالاۋەتكىمۇ ئېرىشىپسىز، ھالا بۈگۈن مىليونېرلىقتىنمۇ ئۆتۈپ كېتەي دەپ قالغان سىزدەك بىر پۇلدار يىگىت ئەجەب بويتاق ئۆتۈۋېتىپسىزيا؟ نېمىشقا ئۆيلەنمىدىڭىز؟
−− ئۆيلىنەيغۇ دېگەن، لېكىن مېنى يارىتىدىغانلار چىقمىدى - دە.
−− سىزنى يارىتىدىغانلارمۇ ياكى سىز يارىتىدىغانلارمۇ؟
−− راست دەيمەن، مېنى يارىتىدىغانلار چىقمىدى.
−− يەنە چاقچاق قىلغىلى تۇردىڭىز - ھە؟
−− ياق، راست ئېيتىۋاتىمەن، بۇرۇن بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. خېلى ئۇزاق مۇھەببەتلىشىپمۇ يۈرگەن، لېكىن ئۇ مېنى تاشلاپ باشقا بىرىگە تېگىۋالدى، راستىنى دېسەم، ئۇ چاغدا پۇلۇممۇ، يولۇممۇ يوق بىر نامرات يىگىت ئىدىم. مېنىڭ ئاشۇ نامراتلىقىمدىن قاچتى بولغاي، تازا پۇلدار بىرىنىڭ كەينىدىن قېچىپ كەتتى. كېيىنكى كۈنلەردە مېنى ئەگىپ يۈرگەنلەردىن بىر نەچچىسىمۇ چىقتى، نېمىشقىكىن تۇنجى مۇھەببەتتە تەگكەن ئۈششۈكنىڭ توڭلىرى زادىلا ئېرىگىلى ئۇنىمىدى.
−− توڭ ئېرىمىدىمۇ ياكى ئوتلار ئۆچمىدىمۇ؟ −− كۈلدى زەينۇرە.
−− مېنى راستىمغا ئەپكېلەي دەمسىز؟
−− بىلىپ باقاي دەيمەن.
−− راستتىنلا يامانكەنسىز! ماقۇل، راستىمنى ئېيتسام ھەر ئىككىلىسى بار.
−− مەنمۇ شۇنداق پەرەز قىلغان، مېنىڭچە تۇنجى مۇھەببەتتىن كۆڭۈل ئۈزمەك تەس.
−− سىزنىڭمۇ تۇنجى مۇھەببىتىڭىز بولۇپتىكەن − ھە ؟
−− ئەمدى...
زەينۇرە ئاشۇ گەپنى دەپلا چىپپىدە توختاپ قالدى. مەنمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيلا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ توختىدىم. ئۇ گويا يېنىدا مېنىڭ بارلىقىمنى، پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا كوچىنىڭ ئۇ قېتىغا كۆز تىككىنىچە داڭ قېتىپ قالغان ئىدى.
مەنمۇ تەئەججۈپ ئىلكىدە ئۇ قارىغان تەرەپكە قارىدىم. قاراش بىلەن تەڭ كۆزۈم مەن ئويلاپمۇ باقمىغان بىر نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى. باغرىمغا »ۋاس« قىلىپ بىر نەشتەر ئۇرۇلغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. كوچىنىڭ ئۇ قېتىدىكى نەزەر - دىققىتىمنى ئوغرىلىغان ھېلىقى قارغىش تەگكۈر نۇقتىدا مەن بۇرۇن بىردەم كۆرمىسەم تۇرالمايدىغان، كېيىن يۈرەكلىرىمنى توڭلىتىپ قاياققىدۇر يوقالغان بىر سېما قاراپ تۇراتتى. ئۇ مەن ئورمان پونكىتىدىكى خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ ئۇزاققا قالماي يوقاپ كەتكەن ئىدى.
زەينۇرە سەزدىمىكىن - سەزمىدىمىكىن، كۆزلىرىمنى ئىختىيارسىز ئۇۋۇلاپ - ئۇۋۇلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا باشقىدىن نەزەر سالدىم. ئۇ راستتىنلا شۇ ئىدى. تېخى ئۇنىڭ بالىسىمۇ بولغان ئوخشايدۇ، ئالدىدا چىرايلىققىنە بىر قىز بالا يوپكىسىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ تۇراتتى. يېنىدا بولسا قانداقتۇر يالتىراق خالتىلارنى كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر بىر نېمىلەرنى دەپ تۇراتتى.
ئەر بىلەن بالىغا ئانچە كۆڭۈلشىپ كەتمىدىم. دىققىتىم يەنىلا شۇنىڭدا ئىدى. كۆز ئالدىمغا لىپپىدە قىلىپ بىر مەنزىرە پەيدا بولدى. بۇ مەنزىرە ئىچىدە ئۆز ۋاقتىدا كۆڭۈل ئېكرانىمغا ئورناپ كەتكەن بىر نەچچە پارچە يارقىن كارتىنا بار ئىدى. يۈرىكىم يەنە بىر قېتىم زىخلىنىپ ئۆتتى. كېيىن ئاشۇ زىختا يارىلانغان يارا ئېغىزىدىن تولىمۇ ئۇلۇغ بىر نەپرەت كەلكۈنى يامراپ چىقىشقا باشلىدى. كۆزۈمنى زورىغا قايتۇرۇپ كەلدىم ۋە زەينۇرەنى ئېسىمگە ئېلىپ ئۇنىڭغا خىجىللىق ئىلكىدە قارىدىم.
توۋا، ئۇ ھېلىھەم بايا قاراپ قېتىپ قالغان نۇقتىغا قاراپ تۇراتتى. مېنىڭ خىجىللىق ئىچىدە قاراشلىرىمنى سەزمەيتتى. خۇددى ئۇنىڭ يېنىدا مەن يوقتەك ۋە يا مېنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندەك.
شۇنداق، ئۇ مېنىمۇ، ھەتتا بىز تۇرۇۋاتقان ئالەمنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. روھى جىسمىدىن چىقىپ كەتكەن، ئەس - يادىمۇ ئاشۇ روھقا قوشۇلۇپ ماڭا مەۋھۇم بولغان قانداقتۇر بىر سىرلىق دۇنيا تەكتىگە شۇڭغۇپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ قاراۋاتقان ياققا يەنە بىر قېتىم قارىدىم. كوچىنىڭ قارشى قىرغىقىدا يەنە شۇ ئىككى گەۋدە −− ئۇ بىلەن ئۇنىڭ ئېرىدىن باشقا دىققەتكە، قادىلىپ قارىغۇدەك ئېتىبارغا سازاۋەر ھېچكىم ۋە ھېچنېمە چېلىقمايتتى. كۆڭلۈمگە گۈپپىدە گۇمان چۈشتى. ئۇ مەن قارىغان ئاۋۇ »ئۇ«نى تونۇيدىغان، مۇھەببەتلەشكىنىمىزنى بىلىدىغان بولسا ۋە ياكى ئاڭلىغان بولسا، ئۇنى قانداقراق قىز بولغىيتتى، دەپ قاراۋاتامدىكىن؟ ئۇنىڭ تۇرقىدىن بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزنىڭ ئىزنالىرىنى ئىزدەۋاتامدىكىن؟....
يېڭىمنىڭ لىك - لىك قىلىپ تارتىلىشىدىن خىياللىرىم ئۈزۈلۈپ كەتتى.
زەينۇرە شەلپەردەك قىزىرىپ، ماڭا قاراپ تۇراتتى. كۆزلىرى توختىماستىن كەچۈرۈم سوراۋاتقاندەك قىلاتتى.
−− ئەجەب... ئەجەب تۇرۇپ كېتىپتىمىزا بۇيەردە، −− دېدى ئۇ ئوڭايسىزلىنىش ئىچىدە.
−− قارىسام سىز توختاپ قالدىڭىز، سىزگە بېقىپ مەنمۇ تۇرۇپ قاپتىمەن شۇ.
مەن ئۆزۈمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۇنىڭغا دۆڭگەپلا قۇتۇلدۇم.
−− كەچۈرۈڭ، −− دېدى ئۇ دۇدۇقلاپ، −− نېمە بولغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئەجەبا ساراڭدەك مەڭدەپلا قالدىم دېسە...
−− ئاغرىپقۇ قالمىغانسىز - ھە؟
−− ياقەي، −− ئۇ نېمىشقىدۇر كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى ۋە ئاستاغىنە قەدىمىنى يۆتكىدى، مەنمۇ تەڭلا قوزغالدىم. ئەمدىكى يولىمىز ئۈن - تىنسىز داۋام قىلىۋاتاتتى . ئۆيلىرىمىزگىمۇ ئاز قالغان ئىدى. مېنىڭ بولسا زەينۇرەدىن ئايرىلغۇم يوق. مۇشۇ مېڭىشىمىزدا ئۇنىڭ بىلەن نە - نەلەرگە كەتكۈم، بايا ئۈزۈلۈپ قالغان، يەنە دېيىشىشكە تېگىشلىك بولغان نۇرغۇن - نۇرغۇن پاراڭلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرغۇم كېلەتتى، ئۆزۈمگىمۇ ھەيرانمەن. ئۇنىڭ بىلەن بىر شىركەت، بىر ئىشخانىدا تالاي - تالاي ۋاقىتلارنى بىرگە ئۆتكۈزۈپ يۈرگەندە ئەجەب بۈگۈنكىدەك بىللە بولغۇم، ئۇزاقتىن ئۇزاققا مۇڭداشقۇم كەلمەپتىكەن، بۈگۈن نېمە بولدۇمكىنا؟ راست، ئۇ چاغلاردا بىرگە بولغىنىم زەينۇرە ئەمەس، زەينىدىن −− ئاۋازىدىن، چېھرىدىن ئاندا - ساندا قىز بالىنىڭ پۇرىقى كېلىپ قالىدىغان ياش بىر يىگىت ئىدى - دە!
ئىختىيارسىز كۈلۈۋەتتىم. زەينۇرە چىپپىدە توختاپ يۈزۈمگە قارىدى.
ئۇنىڭ چىرايىدا بايىقىدىنمۇ قاتتىقراق ئۇيۇلۇش ۋە خىجالەت ئەكسى بار ئىدى.
−− مېنى ... مېنى مازاق قىلىپ كۈلۈۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن. ئىقرارمەن. ئۇنىڭغا قانداقسىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالغىنىنىمۇ ، قانداقسىگە توختاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. ئۆزۈمنى كونترول قىلالمايلا قاپتىمەن. مېنى كەچۈرۈڭ...
مانا دېمىدىممۇ؟ زەينۇرە چوقۇم ئۇنى تونۇپ توختاپ قالغان گەپ. مېنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويماي دەپ كەچۈرۈم سوراۋاتىدۇ. مەن شۇنداق ئويلايتتىم.
−− نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسىز. ئارىمىزدا ھېچقانداق ئىش بولغىنى يوققۇ؟
−− شۇنداق، باشقا ئىشقۇ بولمىدى. بىراق پەمىمچە سىزمۇ شۇ ياققا قاراپ تەئەججۈپ ئىچىدە قالدىڭىزغۇ دەيمەن؟ بۇلارنى ھامان بىر كۈنى دەپ بەرمەكچى، ئۆتمۈشۈمنى سىزگە تاپشۇرماقچى ئىدىم. بۈگۈن نۆۋىتى كەلگەن ئوخشايدۇ. بايىقى تۇرۇپ قېلىشىمنىڭ سەۋەبىنى سىزگە دەپ بېرەي.
−− ۋۇي؟ −− دېدىم مەن ھېچنەرسىنى ئاڭقىرالماي، −− مەن باشقا خىيالدا، سىز باشقا خىيالدا گەپ قىلىۋاتىمىزمۇ نېمە؟ ئەجەب مېنىمۇ ئازغاشتۇرۇپلاۋەتتىڭىزيا، ماڭا نېمىنى تاپشۇرماقچى ئىدىڭىز؟ تايىنلىق، مېنىڭ كەچمىشلىرىمنىڭ چالا قىسمىنى سىزمۇ بىلىسىزغۇ دەيمەن.
زەينۇرەمۇ تاڭ قالدى. مېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىمنى ئاڭقىرالمىغاندەك چەكچىيىپلا تۇراتتى.
−− ئەجەب چۈشتەك بىر نەرسىنىڭ قوينىغا كىرىپ كەتتۇققۇ ئەمدى؟ −− دېدى زەينۇرەمۇ تەمتىرەپ، −− بولدىلا، گېپىمىزنىڭ داۋامىنى كېيىن دېيىشەيلى.
−− مەيلىڭىز. ھە راست، قۇرۇق گەپلەرنى قويۇپ تاماق يەيلى.
−− بازاردىن يەيمىزمۇ؟ ئۆيگە بېرىپ تاماق قىلاي بولمىسا.
−− بولدى، ئاشپۇزۇلغىلا كىرىپ يەيلى.
يولبويىدىكى ئاشپۇزۇللارنىڭ بىرىگە كىرىپ غىزالىنىپ قايتتۇق.
ئارىدىن ھەپتە ئۆتتى. ئىشنىڭ ئالدىراشچىلىقىمىكىن، يا شۇ كۈنكى گاڭگىراشلار ئىلكىدىن چىقىپ بولالمىغانلىقىمىزدىنمىكىن، ئەيتاۋۇر، ھېلىقى سۆھبەتلەرنىڭ داۋامىنى ھېچقايسىمىز تىلغا ئالمايلا يۈرەتتۇق. ئەمما نورمال مۇناسىۋىتىمىز، بىخلىنىشقا باشلىغان مۇھەببىتىمىز كۈنسېرى ئۇلغىيىش ئىچىدە كېتىۋاتاتتى.
كېيىنكى ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى چۈشكە يېقىن توساتتىنلا بەدىنىمگە جۇغ - جۇغ ئولىشىپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم. تىترەپلا تۇراتتىم. بېشىممۇ توختىماستىن زىڭىلداپ تۇراتتى.
−− ۋىيەي، چىرايىڭىز بىر قىسمىلا بولۇپ قاپتىغۇ؟−− دېدى يېنىمغا قانداقتۇر بىر ماتېرىيالنى ئېلىپ كەلگەن زەينۇرە، −− ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟
−− توڭلاپلا تۇرىمەنغۇ - تاڭ؟
−− مۇنداق قىلىڭا! −− زەينۇرە قولىنى پېشانەمگە شىپپىدە قويۇپ بولۇپ، نېمىدىندۇر ئەندىككەندەك تېزلا تارتىۋالدى، −− ۋاي خۇدايىم! توڭلايمەن دەيسىز تېخى، چوغدەك قىزىپ كېتىپسىز. زۇكام تەگكەن ئوخشايدۇ، تۇرۇڭ، دوختۇرخانىغا چىقايلى.
−− ياقەي مۇنداقلا بىر توڭۇپ تۇرغانغا...
−− ھېلى پەرۋايىڭىزغا ئالمىغان بىلەن كېچىچە نېمە ئىش بولىدۇ، بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ. تۇرۇڭ − تۇرۇڭ، دوختۇرغا كۆرسىتەيلى.
زەينۇرە ئۇنىمىغىنىمغا قويماي دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقتى. دوختۇرخانىغا كېتىۋېتىپ ئۇستىخانلىرىمنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، پۇت - قولۇمنىڭ ماجالسىزلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بايىقى توڭۇش - تىترەشلەر ئەمدى قىزىش بىلەن تەرلەشكە ئالماشقان ئىدى، بېشىمنىڭ ئاغرىقىدىن كۆزۈمنىمۇ ئاچالمايۋاتاتتىم.
تەكشۈرۈشتىن كېيىن دوختۇرنىڭ تەكلىپى بىلەن كېسەلخانىدا يېتىپ قالدىم.
ئېغىر زۇكام تەگكەن ئىكەن. ئۈچ كۈنلۈك داۋالاشتىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كىردىم.
شۇ كۈنىمۇ زەينۇرە ماڭا ھەمراھ ئىدى. كەچتە كاشكاپ ئېتىپ بېرىپ، ھىممىدە چۈمكەپ قويدى.
−− بىر تەرلەيدىغان بولسىڭىز، پاختىدەكلا يەڭگىللەپ قالىسىز، −− دېدى ئۇ قايتىشقا تەمشىلىۋېتىپ.
−− قايتىپ كېتەمسىز؟
−− مېنىڭغۇ قايتقۇم يوق. لېكىن ئۆزىڭىز بىلىسىز، بۇ يەردە كېچىچە ھەمراھ بولۇشنىڭ ئورنى يوقتە؟ −− پىسىڭڭىدە كۈلدى ئۇ.
ئۇ چىقىپ كەتتى. قارىسى يىتەر - يىتمەي، ئۆيۈم بىردىنلا خىرەلىشىپ قالغاندەك بىر خىل گۇڭگالىق ئىچىگە چۈشۈپ قالدى. پات - پات تورۇستىكى چىراغقا قارايمەن. بايىلا ئاپپاق يېنىپ تۇرغان لامپۇچكا ئەمدى كۆزىنى يۇمۇۋالغاندەك سۇسقىنە يانىدۇ. ئۆيلا ئەمەس، ئۆي ئىچىدىكى ھەممە نەرسە بىر خىل كۆرۈمسىزلىك ئىچىدە گۇڭگاراپ تۇرىدۇ.
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىر ئوبدان تۇرۇۋاتقان، كۆزۈمگە ئىللىق كۆرۈنىدىغان ئۆيۈمنى تۇنجى قېتىم سوغۇق، زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ قالدىم. بۇ مېنىڭ ھەقىقىي ئىللىق نۇرانە بىر ئائىلىنى سېغىنىۋاتقانلىقىم، ئوتىمۇ - سۈيىمۇ، يورۇقىمۇ، ئىسسىقىمۇ بولغان ھەقىقىي بىر ئائىلىگە −− يېڭى تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىم ئىدى. مەن بۇ تۇرمۇش، بۇ غايىگە ئاشۇ زەينۇرە بىلەنلا يېتىدىغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلماقتا ئىدىم.
ئەتىگەنكى قۇياشنىڭ قىزغۇچ شولىسى دېرىزەمدىن يېڭىلا بۆسۈپ كىرگەن ئىدى. ئۇنىڭ دېرىزە ئەينەكلىرىدىن ئۇدۇل تامغا قىيپاش تارتىلغان نۇر تالالىرى ئىچىدە تولىمۇ ئۇششاق، ئاپپاق - ئاپپاق زەررىچىلەر توختىماستىن پىلدىرلىشىپ يۈرەتتى. ئىشىكىم يېنىك - يېنىك چېكىلىپ، ئارقىدىنلا زەينۇرەنىڭ چىرايى كۆرۈندى. ئۇ مېنى ناشتا قىلدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن چۈجە شورپىسى بىلەن تونۇردىن يېڭىلا سويۇۋېلىنغان توقاچ ئېلىپ كىرگەن ئىدى.
−− ۋاي خۇدايىم، كېسەل بولدۇم دەپ، سىزنىمۇ ئارام ئالغىلى قويمىدىمغۇ ئەمدى، −− دېدىم ھەم ئوڭايسىزلىق، ھەم سۆيۈنۈش ئىچىدە.
−− مېنىڭمۇ باشقا ئىشىم بولمىسا - يا.
−− رەھمەت سىزگە.
−− تەكەللۇپ نەھاجەت؟
−− شۇنداق، شۇنداق، −− دېدىم كۆڭلۈمدىكىنى يەنە بىر قېتىم پۇرىتىپ، −− خۇدايىم بۇيرۇسا، ئەمدى تەكەللۇپ قىلىشمايدىغان بولىمىز.
ئۇ گېپىمنى تەستىقلىغاندەك ئىللىققىنە كۈلۈپ قويدى.
ئاخشام زەينۇرە دېگەندەك خېلىلا يەڭگىللەپ قالغان ئىدىم. ناشتىغا قوپۇپ يەنە ياتقۇم كەلمىدى. ناشتىدىن كېيىن زەينۇرە بىلەن بىللە شىركەتكە كەلدىم. قولۇم نېمىشقىدۇر ئىشقا بارمايتتى. كۆڭلۈم ئۇنىڭ ئەڭ نازۇك كەچمىشلىرىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكىدە ياناتتى. لېكىن بۇ ئىشخانا، خۇسۇسىي شىركەت بولساقمۇ ئوخشاشلا خىزمەت ۋاقتى بۇنداق پاراڭلارنى قىلىشىپ ئولتۇرۇشقا يول بەرمەيتتى. ئىلاجسىز بۇ بىر كۈننى تولىمۇ تەستە كەچ قىلدىم. ئاللىبۇرۇن كۆڭلۈمگە تۈنۈگۈنكى ئارامگاھنى پۈكۈپ قويغان ئىدىم. كەچلىك تائامنى باھانىداپ زەينۇرەنى شۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم. بىللە غىزالاندۇق. چاينى قېنىق دەملىتىپ تاغدىن، باغدىن پاراڭلاشقاچ خېلى ئولتۇردۇق. خىياللىرىم ئۆزۈم كۈتكەن مەقسەت دەرۋازىسىنى قانداق ئېچىش ئۈستىدە كېتىۋاتاتتى.
توساتتىن ئېسىمگە ئۇنىڭ بىر ۋاقىتلاردا »ئۆيدىكىلەرنىڭ مېنى ياتلىق قىلغۇسى بار ئىدى. مېنىڭ بولسا ئۆيدىكىلەر دېگەنلەرگە ياتلىق بولغۇم يوق ئىدى« دېگەنلىرى كېلىپ قالدى، گەپنى شۇ يەردىن باشلىماقچى بولۇپ ئېغىز ئاچتىم.
−− سىز بىر چاغدا كۆڭلۈمدە باشقا بىرى بار ئىدى دېگەندەك قىلغان. مۇھەببىتىڭلارنىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ باقسام بولارمۇ؟
−− سىزگە بۇنى بىلىش شۇنچە زۆرۈرمۇ؟
−− قىزىقىپ قالدىم شۇ.
−− ئاڭلىغۇڭىز بولسا، مېنىڭمۇ يوشۇرىدىغان يېرىم يوق. ھېچ بولمىغاندا، ئۆزۈم يەڭگىللەپ قالساممۇ ھېسابقۇ؟ −− ئۇ كۈلۈپ قويۇپ كۆزلىرىنى ئۇدۇل تامدىكى رامكىغا تىكتى، −− شۇ چاغدا ئۆيدىكىلەرگە قىلىۋاتقان بويۇنتاۋلىقىم ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ياتلىق بولۇشنى خالىمايۋاتقىنىم ئەمەس ئىدى. شۇنداقلا ئانام سايە قىلىۋاتقان يىگىتلەرنى ياراتمىغانلىقىممۇ ئەمەس، بەلكى كۆڭلۈمدە ئاللىقاچان ۋەدە بېرىپ قويغان باشقا بىرىنىڭ بارلىقىدىن ئىدى، مەن ھەقىقەتەن شۇنى ساقلاۋاتاتتىم.
دەرۋەقە، بۇ ئىشتىن تېخى ئاتا - ئانامنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى. ئۇلارغا قانچە قېتىملاپ دەي، كۆڭلۈمدە ئادەم بارلىقىنى پۇرىتىپ قوياي، دەپ ئويلايتتىم. لېكىن، »گۈرۈچتىن خەۋەر يوق، سەۋزىسى دەم يەپتۇ« دېگەندەك بولمىسۇن، ئالدى بىلەن يىگىت تەرەپتىن ئاڭلىغىنى ياخشى بولارمىكىن، دەپ ئېغىز ئاچالمايتتىم.
تۇرۇپلا ئانامغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئۇمۇ ماڭا ياخشى بولسۇن ئەلچىلەر ئارزۇيىمىزنى يەپ تۇرغاندا ئىززەت - ئەتىۋارى بىلەن ياتلىق بولۇپ كەتسۇن دەۋاتاتتى. ئۇنىڭ خاپا چىرايىغا قاراپ، بوپتۇ ئانا، سىلەرنىڭ رايىڭلار بويىچە بولسۇن، دەۋەتكۈممۇ كەلدى. لېكىن كاللامغا شۇ خىيال كېلىش بىلەنلا كۆز ئالدىمغا ئۈمىد بىلەن تىكىلىپ تۇرغان بىر چىراي كېلىۋالاتتى. ئۇنىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك چاقناپ تۇرىدىغان ئويناق كۆزلىرىدە بىر خىل سېھرىي ئوت يالىلداپ تۇراتتى. چېھرىسىدە ئىزتىراپ، ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تال سىزىق قونغان ئىدى. بىر - بىرى بىلەن بوشقىنە چىشلىشىپ تۇرغان لەۋلىرى »ئەھدىلىرىڭنى شۇنداق ئاسان بۇزامسەن؟...« دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلەي دەپ قالغان گېپىمنى غۇرت قىلىپ يۇتۇۋەتتىم. دېمىسىمۇ راستقۇ؟ ئوتتەك قىزغىن قەلبلەرنىڭ پاك، بىغۇبار ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا قاراپ تۇرۇپ قىلىشقان ئەھدىلىرى، ئوتلۇق ۋەدىلىرىنى كىچىككىنە ھېسسىيات داۋالغۇشلىرى ئالدىدا بۇزۇۋېتىش تولىمۇ تۇتۇرۇقسىزلىق، نامەردلىك بولىدۇ - دە! گەرچە مەن ئاتا - ئانام ئالدىدا ئاجىز، بىقۇۋۇل قىز بالا بولساممۇ، ئۆزۈم خالاپ مەيلىمنى بەرگەن، مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلغان يىگىتىمگە ئاسىيلىق قىلىشنى خوپ كۆرمەيتتىم، ئۇنى يەنە ساقلاشقا تاقىتىم يېتەرلىك ئىدى.
ئۇ بىز بىلەن بىر مەھەللىدىن بولۇپ، يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىغا بىر يىلچە بولغان ئىدى. ئۆيلىرىمىز يېقىن، مەكتەپلىرىمىزگە بېرىپ - كېلەر يوللىرىمىز بىر بولغاچقا، ھەركۈنى دېگۈدەك كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق، مەكتەپلىرىمىزگە بارغىچە، قايتقىچە بىللە بولۇپ قالاتتۇق.
شۇ ۋەجىدىنمىكىن ماڭا باشقىچە بىر خىل يېقىنچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. بەزى كۈنلىرى بازار يولىنىڭ ئېغىزىدا مېنى ساقلاپ تۇراتتى. مەن بۇرۇنراق چىقىپ قالسام نېمىشقىدۇر، كۆزلىرىم يول ئېغىزىدىن ئۆتكەن ئاياغ ئىزلىرىنى ئىزدەپ قالاتتى. ئۇنىڭ ئاياغ ئىزى ماڭا ياد بولۇپ كەتكەن ئىدى. نۇرغۇن - نۇرغۇن ئىزلار ئارىسىدىن بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئىزىنى تېپىۋالالايتتىم. شۇنداق چاغلاردا يول ئاچىلىدىكى ئاشۇ ئىزلارغا قاراپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىققان - چىقمىغانلىقىنى بىلىۋالاتتىم - دە، ئىزى چېلىقمىسا ئۇنى ساقلاپ تۇراتتىم، دېگەندەك نەچچە مىنۇتقا قالمايلا ئۇ يېنىمدا پەيدا بولاتتى.
−− سىزنى ساقلىتىپ قويۇپتىمەن - ھە؟ −− دەيتتى ئۇ، گويا بىز بىر - بىرىمىزنى كۈتۈش توغرىسىدا كېلىشىپ قويغاندەكلا.
−− مەن سىزگە ساقلايمەن دېمىگەن ئىدىمغۇ؟ −− دەيتتىم ئۇنىڭ تۈزۈت قىلىشلىرىدىن سۆيۈنۈپ.
−− ئەمىسە نېمىشقا كېتىۋەرمىدىڭىز؟
مەن گەپ تاپالماي كۈلۈپلا قوياتتىم. شۇنداق قىلىپ يولبويى چاقچاقلىشىپ، ئۇنىڭ مەكتىپى ئالدىدا ئايرىلاتتۇق.
−− كەچتە ساقلايمەن جۇمۇ! −− دەيتتى ئۇ قولىنى »خەير« ئىپادىسىدە پۇلاڭلىتىپ ۋە بىر كۆزى كەينىدە، دەرۋازىدىن كىرىپ كېتەتتى. مەن يەنە بىر كوچا نېرىسىغا مېڭىشىم كېرەك ئىدى. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ يولدا قالاتتىم. مانا شۇ يەردىن ئۆز مەكتىپىمگە بېرىپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يول، ياق، يوللا ئەمەس پۈتكۈل بازار قانداقتۇر بىر قاراڭغۇلۇق ئىچىگە شۇڭغۇپ كەتكەندەك خىرەلىشىپ كېتەتتى. مەن بولسام ئاشۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تەنھا قالغاندەك تولىمۇ غېرىبسىنىپ كېتەتتىم، كۆڭلۈم بولسا ھامان ئۇ كىرىپ كەتكەن دەرۋازا ئالدىدا قالاتتى.
كەچ كىرىپ دەرسلەر تۈگىگىچە كۆزۈم تۆت بولاتتى. سائەتنىڭ تىللىرى تېز - تېز يۈرۈشسە، مەكتەپتىن پاتراق قويۇپ بەرسە، ئۇ خىزمىتىدىن چۈشكىچە دەرۋازىسى ئالدىغا ئۆزۈم بېرىۋالسام دەپ ئويلايتتىم. بەزى كۈنلىرى قېرىشقاندەك مەكتەپنىڭ يا ئۇنداق، يا بۇنداق پائالىيەتلىرى چىقىپ قالاتتى. مەن گويا قەستەن كېچىككەندەك، ئۇنىڭ ئالدىغا ئەيىبكارانە ھالەتتە كېلەتتىم.
كۈنلىرىمىز شۇ يوسۇندا داۋاملىشىۋاتاتتى. كۆپ ئۆتمەي مېنىڭ ئوقۇشۇم تۈگىدى. بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە ئۇنىڭ ئۇزايىدا باشقىچە بىر خىل جىمىغۇرلۇق ھالىتىنى سېزىپ قالدىم. ئۇنىڭ بىللە بولغان چاغلىرىمىزدىكى گەپدانلىقى، خۇش پېئىل، خۇش چاقچاقلىقى تىنچىپلا كەتكەن ئىدى، كۆزلىرىدىن مەيۈسلۈك ياغاتتى، دائىم ئۇلۇغ ، كىچىك تىناتتى.
نەچچە كۈن خىلمۇ خىل خىياللار، تەخمىنلەشلەر ئارىسىدا گاڭگىراپ يۈردۈم، ئاخىر ئۆزىدىن سوراش قارارىغا كەلدىم.
−− يېقىننىڭياقى ئەجەب بىر قىسما بولۇپ قالدىڭىزيا؟ تۇرمۇشىڭىزدا بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بەردىمۇ نېمە؟ ئۆزىڭىزگە ئوخشىماي قېلىۋاتىسىزغۇ؟
−− شۇنداق، ھاياتىمغا چوڭ بىر يوقىتىش ۋەھىمە سېلىپلا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام قانداق بولۇپ كېتەرمەن؟
−− ۋۇي ئۆيىڭىزدە بىرەرى قاتتىق ئاغرىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ بەك ئېغىرمۇ؟
−− ئانچە ئېغىر ئەمەس، ئۇ، ھەرھالدا مېڭىپ يۈرۈۋاتىدۇ. لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە... −− ئۇ گېپىنى يۇتۇۋەتتى.
−− چۈشىنەلمىدىمغۇ، سىزنى ساراسىمىگە سالغىنى زادى كىم ئۇ؟
−− بىر قۇش، ئۇچۇپ كېتىشكە تەمشىلىۋاتقان كاككۇك.
ئۇنى چاقچاق ئېيتىۋاتىدۇ دەپ ، قاتتىق كۈلۈپ كەتتىم. كۈلۈپ بولۇپ يەنە شۇنچە ئۇيالدىم.
−− خاپا بولماڭ. قايغۇڭىزغا كۈلۈۋاتقىنىم يوق. تېپىشماق ئېيتقاندەك گەپ قىلماي، ئىشنىڭ ئۆزىنى دەڭا، زادى نېمە كېلىشمەسلىك كەلدى بېشىڭىزغا؟
−− ئېيتتىمغۇ، كۆڭۈل بېغىمنى كېچە - كۈندۈز ئاۋات قىلىپ كېلىۋاتقان بىر كاككۇك ئۇچۇپ كەتكىلىۋاتسا، مەن قايغۇرماي كىم قايغۇرسۇن؟
قىلىۋاتقان ئىما - ئىشارەتلەرنىڭ بىر قىز ئۈستىدە، يەنە كېلىپ كۆڭۈل قەلئەسىدىن خېلىلا چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر تەلەي ئىگىسى ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم. ھېس قىلدىمۇ، ئاشۇ بەختلىك قىزغا نىسبەتەن كۆڭلۈمگە بىر خىل قىزغىنىش تۇيغۇسى بۆسۈپ كىردى.
بۇ خىل كۈنداشلىق ئوتىنىڭ قانداقسىگە تۇتاشقىنىنى بىلمەيمەن. ئەمما، لەھزە ئۆتمەي بۇ خىل ھېسسىياتىمدىن ئۇيىلىشقا باشلىدىم.
ئەجەب ئويلاپتىمىنا؟ بىراۋلاردىن قىزغىنىپ يۈرگۈدەك ئۇ يا مېنىڭ ئادىمىم بولمىسا، راست، ئۇنىڭ ئايرىلسا چىدىيالمىغۇدەك يۈرۈۋاتقان ئادىمىنىڭ بارلىقىنى ئەجەب سەزمەپتىمىنا. شۇ چاغقا؟ تازىمۇ قۇۋ يىگىتكەن بۇ...
شۇ خىياللاردىن كېيىن ئۇنىڭغا سەل ئۆچلۈكۈم تۇتۇپ قالدى. ئۆچلۈكۈم تۇتتى - يۇ، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى يېقىنچىلىقىمىز يۈزىسىدىن يەنىلا ئۇنىڭغا ئىچىممۇ ئاغرىپ قالدى.
−− ئۇ ... ئۇ سىزگە ۋاپاسىزلىق قىپتۇ - دە؟
−− ياق، ۋاپاسىزلىق قىلمىدى ھەم ئۇنداقمۇ قىلمايتتى. بىراق تەقدىردە شۇنداق كېلىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا كىمنىڭ ئامالى بار دەيسىز؟
−− راست، مېنى تولا كوچىلاپ كەتتى دەپ قالماڭ، ھېلىقى كاككۇكنىڭ كىملىكىنى بىلىپ باقسام بولامدۇ؟
−− تېخىچە بىلمىدىڭىزمۇ؟
−− ۋىييەي، مەن قانداقسىگە بىلەي، ماڭا دەپ بەرمىسىڭىز، يا ئۇنى كۆرۈپ باقمىسام.
−− ئۇ مېنىڭ يېنىمدا.
−− نېمە؟ سىز... مەن...
ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى ئەمدىلا ھېس قىلماقتا ئىدىم. ئۇ بۇ تەخمىنلىرىمنى ئۆزى ئىزاھلاپ قالدى.
−− شۇنداق مېنى قايغۇرتىۋاتقان كاككۇك دەل سىز!
يۈرىكىم توساتتىن »جىغ« قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە باشقىچە بىر خىل ھېستا يالىلداپ تۇرىدىغان بىر ئوتنى دائىم كۆرەتتىم. بۇ خىل چاقناش ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنىڭ كۆزىدە يوق ئىدى. توۋا، ئاشۇ ئوت، ئاشۇ چاقناشلارنىڭ ماڭا تەۋە ئىكەنلىكىنى نېمىشقا سەزمىگەندىمەن؟ مەن ھېلىھەم كىچىكمۇ يا ئەقلىم چولتىمۇ؟ ئادەتتىكى دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنى نېمىشقا پەرق ئېتەلمىدىم؟ راست، ئۆزۈممۇ ئويلىماپتىمەن. بىز يېقىندا ئايرىلىمىز ئەمەسمۇ؟ پېشانەم ئوڭ كېلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كەتسەم، قايسىبىر مەكتەپكە ماڭىدىغان گەپ. ئوقۇش پۈتكىچە نەچچە يىل ئۆتىدۇ.
−− گەپ قىلمايسىزغۇ؟ −− خىياللىرىم ئۇنىڭ گېپى بىلەن ئۈزۈلدى. مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەستىن يەرگە باققىنىمچە كېلەتتىم. ئۇ يەنە سورىدى:
−− ئېيتىڭا زەينۇرە، سىز قەلبىمدىكى بۇ تۇيغۇنى راستتىنلا سەزمىگەنمۇ؟
−− ھېس قىلاتتىم، ئەمما تىللىرىڭىز ماڭا كىچىككىنە پۇرىقىنى بولسىمۇ پۇرىتىپ باقمىغان - دە؟ دىل قۇلۇپى ئېچىلمىسا، ئىچىدە نېمە بارلىقىنى قانداق بىلگىلى بولسۇن؟
ئۇ ۋىللىدە قىزاردى.
−− ئىقرار قىلىمەن، ئۆزۈمدىنمۇ كەتتى. سىزگە نەچچە قېتىم سۆيگۈمنى ئىزھار قىلاي دېدىم. لېكىن سىز تېخى پۈتۈن ئەس - يادىڭىز بىلەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئىدىڭىز. سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلالارمۇ، مۇھەببىتىمگە نېمە دەر دەپ ئارىسالدى بولۇپ يۈردۈم. ئېنىقىنى ئېيتسام، ئاچچىقلىنىپ خاپا بولۇپ قېلىشىڭىزدىن قورقتۇم. شۇ سەۋەبلىك مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بىردىنلا ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم. سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى ئېلىشقا، قەلبلىرىمىزنى بىر ئورتاق ھېسسىيات ئىچىگە ئېلىپ كىرىشكە قانچە ئىنتىلەتتىم - يۇ، يەنىلا سىزنىڭ خاتىرجەم ئوقۇش پۈتكۈزۈشىڭىزنى كۈتەتتىم. مانا ئەمدى بۇ كۈتۈشلىرىمنىڭ تانابى يەنە ئۇزىراپ كېتىدىغان بولدى.
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. بىزنىڭ ئىمتىھانلىرىمىزمۇ ئاخىرلاشقان ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ گويا يوغان بىر كاللەك ئالتۇن تېپىۋالغاندەك بىر خىل شادلىق ئىچىدە يېنىمغا پەيدا بولدى. ئۇ ھاياجانلىنىپ تۇراتتى، كۆزلىرىدە ئالەمچە زور بەخت ئىپتىخارلىقى تاشقىنداپ تۇراتتى.
−− مەن... مەنمۇ بىلىم ئاشۇرۇشقا بارىدىغان بولدۇم ! سىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىماقچى بولغان ئىدىڭىزغۇ؟ مەن مائارىپ ئىنستىتۇتىغا بارىمەن.
−− راستما؟ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ قويمايۋاتقانسىز؟
−− قاراپ تۇرۇپ يالغان ئېيتىمەنمۇ؟ مەكتىپىمىزگە ئىككى سان بېرىپتىكەن. مەنمۇ ئىلتىماس يېزىپ بېرىۋەتتىم. خۇدا خالىسا، بىرىگە چوقۇم مېنى ئەۋەتىدۇ. ئەپسۇسكى ۋاقتى ئارانلا ئىككى يىللىق ئىكەن. يەنىلا مەن بۇرۇن قايتىپ قالغۇدەكمەن. مەيلىغۇ، ئىككى يىل بولسىمۇ ۋاقىت غەنىيمەت، بىرگە بولالايمىزدە.
−− مېنى دەپ شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟
−− ئەلۋەتتە، سىزنى دەپ.
ئېغىزىمدىن چىقارمىدىم، ئەمما كۆڭلۈمدە ناھايىتى سۆيۈنۈپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىگە ئىشەنچىم ئاشماقتا ئىدى. ئۆزۈمنى ھەرھالدا بەختلىك قىزلار قاتارىدا ساناپ يۈرۈۋەردىم.
ھايات دېگەن بۇ نەرسە ئىنسانغا دائىم ئوڭ كۆزىدىلا بېقىپ يۈرمىسە كېرەك. ئەمەلىيەتتە خىيال ۋە تەلپۈنۈش باشقا، رېئاللىق ۋە ئۇنىڭ نېسىۋىلىرى باشقا - باشقا بولىدىكەن.
−− قانداق بولدى؟ ئىشىڭلاردىن چېچەك چىقتىمۇ؟ −− زەينۇرەنىڭ گېپىنى بۆلدۈم، −− ھېلىقى مۇئەللىم ئاداش نامەردلىك قىلغان ئوخشىمامدۇ؟
−− مېنىڭ تەلىيىمنىڭ تەتۈرلۈكى بولمامدۇ.
−− قانداق بولۇپ ئەمدى؟ ئائىلىدىكىلەر قوشۇلماپتۇدە؟
−− توختاڭ، بىر بېشىدىن دەي، −− دېدى ئۇ ۋە كەچمىشلىرىنىڭ ئاخىرىسىنى داۋام ئەتتى، −− سىزگە باشتا دېگەن ئىدىمغۇ؟ مەن ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم. لېكىن ئوقۇش راسخوتىغا چىقىنالماي مەكتەپكە بارالمىدىم. تەقدىرنىڭ تەتۈرلۈكى تۇتسا ھەممە ئادەمنى تەڭ تۇتىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش ئىشىمۇ سۇغا چىلاشتى. لېكىن ئۇنى شەھەرگە −− ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەپ كەتتى.
يۆتكىلىپ كەتسىمۇ مەيلىدىغۇ؟ ئۇ كېتىپ ئىككى قېتىمچە كۆرۈشتۇق. كېيىن ئۆزى تۈگۈل، سايىسىمۇ بىراقلا يىتتى. يېزىغىمۇ كەلمىدى. كەلسىمۇ مەن بىلمەي قالدىممىكىن، يېرىم يىلغىچە ئۇنى ھېچنەدە كۆرمىدىم. كۆڭلۈم ھېلىھەم ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ ئوتلۇق ۋەدىلىرىگە باغلاقلىق ئىدى. ئۇنى سېغىناتتىم. كۆرۈشۈشكە، يۈرەك تەشنالىقىمنى تۆكۈشكە زار بولاتتىم.
ئاخىر ئۇنى يوقلاپ باردىم. لېكىن نېمە دەپ ئىزدىشىمنى، سورىغانلار »سىز ئۇنىڭ كىمى بولىسىز« دېسە، نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلمەي دېلىغۇل بولاتتىم. ئۇنىڭ مەكتىپى ئالدىدا يېرىم كۈن تەمتىرەپ يۈردۈم، باشقىلاردىن سوراشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم.
شۇنداق تۇرغان چېغىمدا ئۇ مەكتەپ ئىچىدىن چىقىپ كەلدى. يېنىدا مودا كىيىنگەن چىرايلىق بىر قىز بار ئىدى. ئىككىسى بىر - بىرىگە سوۋۇنۇپ دېگۈدەك يانمۇيان كېلەتتى. گاھ - گاھ توختاپ نېمىلەرنىدۇر دېيىشىپ، قاقاقلىشىپ كۈلۈشەتتى، كېتىۋېتىپ ئاللىبىر قىلىقلارنى قىلىشاتتى.
تېنىم بىردىنلا تىكەنلىشىپ ك−ەتتى. تېنىملا ئەمەس، يۈرىكىمنى يوغان بىر دۆ قاماللاپ يۇلۇۋاتقاندەك تۇرالماي قالدىم. ئۇلار دەرۋازىغا يېقىنلاپ كەلدى. ئۇ ئەمدى ھېلىقى قىزنى قولتۇقلىۋالغان ئىدى. كۆزلىرىمىز لاپ قىلىپ بىر ئۇرۇشتى - يۇ، ئۇ شۇ ھامان نەگىدۇر قارىغان بولۇپ ئالدىمدىنلا ئۆتۈپ كوچىغا چىقىپ كەتتى. ماڭا دىققەت قىلمىدى بولغاي دېدىم باشتا، مېنىڭ كېلىشىمدىن خەۋىرى بولمىغاندىكىن، كىملىكىمگە سەپسالمىدى بولغاي... شۇ خىيالنى قىلىپ تۇراتتىم، 01 - 02 قەدەمچە نېرىدىن كەينىگە بۇرۇلۇپ، مەن تەرەپكە قاراپ - قاراپ قويۇپ يەنە كەتتى. كۆپ ئۆتمەي ئۇمۇ، قىزمۇ تەڭ توختىشىپ بىر نېمىلەرنى دېيىشىپ كەتتى.
ئۇلار ماڭا يېنىچە تۇراتتى. ئۇ قولى بىلەن پات - پات مەن تەرەپنى ئىما قىلىپ بىر نېمىلەرنى دەيتتى. قىز بولسا نېمىگىدۇر ئاچچىقلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. قاراپ تۇرۇشقا قۇربىم يەتمىدى. ئۇلارنىڭ مەن تەرەپكە گاھ - گاھ تاشلىنىپ قالىدىغان كۆزلىرىدىن، شىلتىشقان قوللىرىدىن ئېتىلغان بىر مەشئۇم ئوق يۈرىكىمنى ئۆتمىتۆشۈك قىلىۋاتقاندەك ئازابلىنىپ تۇراتتىم. ئاخىر چىدىماي بۇرۇلۇپلا ياندىم. شۇ كۈندىن باشلاپ قەلبىم بىر تۇمانلىق دۇنياغا ئايلاندى. ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەي، دىل قەسىرىمدىن قوغلاپ چىقىراي دەيتتىم، ئەمما ئۇنىڭ سايىسى قەلب ئېتىزىمدا مەڭگۈگە يىلتىزلاپ قالغاندەك، قانچە زورۇقۇپمۇ يۇلۇۋېتەلمەيتتىم. نېمىشكىدۇر، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىدىن، بىر كۈنى تۇيۇقسىز يېنىمدا پەيدا بولۇشىدىن ئۈمىدلىنىپ يۈرەتتىم.
سىز بەلكىم ھېس قىلدىڭىز، يا قىلمىدىڭىز. مەن قايسى كۈنى ئىككىمىز بىللە كېتىۋاتقان يولنىڭ ئۇ تەرىپىگە تىكىلىپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىمغۇ؟
−− راست، شۇ... شۇنداق بولدى، −− دېدىم مەن سەل دۇدۇقلاپ، −− خېلى ئۇزاق تۇردىڭىز. لېكىن نېمىگە شۇنچە قارىدىڭىزكىن؟
−− قاراپ قېلىشىمنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى دەيمەن. شۇ چاغدا ئۇنى كۆرۈپ قالدىم. يەنە كېلىپ، ھېلىقى چاغدىكى چىرايلىق قىز بىلەن بىللە دەڭە؟
−− سىز... سىز... ھېلىقى يېنىدا بىر بالىسى بار ئىككىيلەننى دېمەيدىغانسىز؟ −− مېنىڭ كۆزلىرىم چەكچىيىپ كەتتى.
−− سىز قانداق بىلىسىز؟
−− سىز شۇلارغا قاراپ قالغان تۇرسىڭىز.
−− سىز مېنىڭ نەگە، كىملەرگە قاراۋاتقىنىمدىن گۇمانلىنىپتىكەنسىزدە؟
−− گۇمانلانمىدىم. لېكىن... مەنمۇ ئۇشتۇمتۇت... بولدى، بۇ گەپلەرنى دېيىشمەيلى، −− دېدىم ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ.
زەينۇرە بىرەر ئىشنى سېزىپ قالغاندەك، بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن ماڭا جىددىي قارىدى:
−− سىز مەندىن بىر ئىشنى يوشۇرۇۋاتقاندەك قىلىسىزغۇ؟
−− سورىغىنىڭىز ياخشى بولدى. مەنمۇ يېنىكلەپ قالىدىغان بولدۇم، −− دېدىم ۋە ئىزاھلىدىم، −− بايا سىز»مەن ئۇنى ئىككىنچى قېتىم يەنە شۇ قىز بىلەن بىللە ئۇچراتتىم« دېدىڭىزغۇ؟ سىز ئۇچراتقان ئاشۇ قىز دەل مېنى تاشلاپ كەتكەن قىز ئىدى.
−− نېمە دېدىڭىز؟
−− مېنى تاشلىۋەتكەن كونا ئاشىقىم.
−− توۋا، تەقدىر مۇشۇنداقمۇ ئويۇن ئوينايدىكەن، دېسە... −− زەينۇرە ئويغا پاتتى. خېلىدىن كېيىن پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ دېدى، −− ئەمدى، سىزنىڭ ھېكايىڭىزنى ئاڭلىسام بولار؟
−− قويۇڭە، بىر تاتلىق چېيىمىزغا چىۋىن تاشلاپ نېمە قىلىمىز؟ بىر ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىساق، مەنمۇ خۇددى سىزگە ئوخشاش ۋاپاسىزلىقنىڭ قۇربانى بولغان.
−− شۇنداق، −− دېدى زەينۇرە گېپىمنى قۇۋۋەتلەپ، −− تەقدىرى ئەزەلدە پۈتۈلگەن قىسمەتنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئۇلار بىزگە نىسبەتەن ۋاپاسىز بولغىنى بىلەن، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارمۇ، بىزمۇ تەقدىر پۈتكەن مەنزىلىمىزنى تېپىپتىمىزغۇ؟
−− شۇنداق، −− دېدىم چاقچاق قىلىپ، −− تەقدىر نېمىشقا بۇرۇنراق بۇيرۇمىغان بولغىيتتى سىزنى؟
−− مېنى ئاشۇ قىسمەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندا تاپاي دېگەن بولغىيتتىڭىز؟
ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشتۇق.
ئەلقىسسە:
شەھرىزادنىڭ ھېكايىسى ئاخىرلاشقاندا تاڭمۇ بىر ئوبدانلا ئېتىپ، پەنجىرىلەردىن سۈبھى يورۇقى ئېقىپ كىرمەكتە ئىدى.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------