ھەسرەت (پوۋىسىت)
زارىخان، ئۈيىدىن يۈگۈرۈپ چىقتى-دە، خۇددى توك سۇقۇۋەتكەندەك، پۈتۈن جىسمى ئۇيۇشۇپ، بىردەم قەدەم باسالماي تۇرۇپ قالدى.زارىخاننىڭ ھۈجۇدىنى بىر خىل غەشلىك، تېڭىرقاش بېسىۋالغان بۇلۇپ بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن مەخسەتسىزلا ئالدىغا قاراپ تىز-تىز قەدەملەر بىلەن ماڭدى، كۆل بۇيىغا ئۈزىنىڭ قانداق كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمىدى، سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى ھېچ بىر داۋالىغۇشسىز بۇلۇپ كۆل ئەتراپىدىكى سۈگەتلەرنىڭ سارغايغان ياپراقلىرى ئاندا-ساندا سۇغا چۈشۈپ تۇرغاچقىلا كۆل ئەتراپى، كۆل، زارىخاننىڭ تۇرغان ھالىتىنى رەسسام سىزغان رەسىمدىن پەرىقلەندۇرۇپ تۇراتتى.
50ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان زارىخاننىڭ چېچىدىكى ئاق، پىشانىسىدىكى قورۇقلارئەينى يىللاردىكى گۈزەللىكىنى يۇشۇرالمايتتى.
زارىخان بىر تۈپ سۈگەت دەرەخ يېنىدىكى كۈتەك تۈپىسىدە ئولتۇردى-دە خۇددى قاباھەتلىك چۈش كۈرىۋاتقاندەك ئىختيارسىز چوڭقۇر خىيال قاينىمىغا غەرىق بولدى.
-ئانا سىز مىنى ئوغۇرلىغانمۇ...ئوغلى قاسىمجاننىڭ تۇلۇمدىن توخماق چىققاندەك سورىغان بۇ سۇئالى زارىخاننى گاڭگىرتىپ قويغان ئىدى.
-ياق بالام، مەن سىنى تۇققان...
-يالغان ئېيتىۋاتىسىز ........ قاسىمجاننىڭ نەشتەردەك كۆزلىرى زارىخانغا تىكىلدى.
-بالام قاسىمجان سەن مىنىڭ بارلىغىم ..........
-ئالدامچى كاززاپمۇ، سىزدەك بولماس، سىز بەئەينى بىر ئالۋاستى ئانا ئىكەنسىز مەن بىر ساقچى تۇرۇپ سىزنىڭ مىنى ئالدىغانلىقىڭىزنى بىلەلمەمدىم، مەن سىزنىڭ 25يىل ئىلگركى جىنايەت خاتىرڭىزنى كۆردۈم، سىز بالىسى باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلانغان ئانىلارنىڭ يۈرىگىنىڭ قانچىلىك لەختە بۇلىدىغانلىقىنى ھىس قىلالمايسىز، ئىسىت ئۆز ئانام تىللاخاننىڭ مىنى دەپ يۈرىگى قانچىلىك لەختە بولغاندۇ، بىچارە ئانام ھېلىمۇ ھاياتكەن، سىز ئۆز خۇشاللىغىڭىز، ئۈزىڭىزنىڭ تۇغمايدىغان ئەرزىمەس ئاياللىغىڭىزنى خەلقى ئالەمدىن يۇشۇرۇپ مىنى ئوغۇرلاپ باققانكەنسىز، سىزنىڭ نىيىتىڭىز نىمە دىگەن قارا........خۇددى ئالۋاستىنىڭ ئۈزى.........
-ئالۋاستى.......ئالۋاستى.........
تىخى يېرىم سائەت ئىلگىرلا، ئۈيىگە قاتۇرۇپ ساقچى فورمىسى بىلەن كىرىپ ئوغلى قاسىمجاننىڭ زارىخانغا قىلغان يۇقارقى سۆزلىرى كۆل بۇيىدا ياش تۈكۈپ ئولتۇرغان زارىخاننىڭ كاللىسىدا ئەكىس سادالارنى ياڭرىتىپ زادىلا قۇلاق تىۋىدىن كەتمەيتتى، زارىخان ئازراق ئىسىگە كەلگەندەك بولدى-دە سۈگەت دەرىخىگە يۈلەندى. زارىخاننىڭ كۈڭۈل ئىكرانى، ھاياتتا باسقان كۈلپەتلىك ئەسلىمىلەرنى ئىسىگە سالماقتا ئىدى.......
-1-
زارىخاننىڭ تۈنجى نىكاھى ئۇڭۇشسىز بۇلۇپ 20ياشقا كىرمەستىنلا تۇل چوكان بۇلۇپ قالدى.
زارىخاننىڭ ئاتا-ئانىسى ياشلىغىدا بالا يۈزى كۈرەلمەي، يېشى بىر يەرگە بارغاندا ئاندىن تۇغۇلغاچقا قىزىغا زارىخان دەپ ئىسىم قويغان ئىدى.
ھاۋانىڭ قاتتىق ئىسسىپ كەتكىنىگە قارىماي زارىخان تەڭ تۈشلىرى بىلەن يەكشەنبە بازارنى ئايلىنىشقا باشلىدى.
-ھەي زارىخان، سەن ئاۋۇ ياغلىقنى ئالغىن ساڭا بەك ياراشقۇدەك دىدى زارىخاننىڭ دوستى شەمسىيە بازار ئارلاۋېتىپ.
-قىممەتكەن ئەمەسمۇ، ئاۋال تۇز، گۇگۇت، ئېلىپ ئۆينىڭ سودىلىقىنى قىلايلى ئاندىن بىر گەپ بۇلار........دىدى زارىخان.
- ۋىييەي، بەلكىم توي قىلماقچى بولغان لايىقىڭنىڭ ياغلىق ئېلىپ بىرىشىنى ساقلاۋاتقانسەن-:دىدى زارىخاننىڭ يەنە بىر دوستى بىر ياغلىققا 5يۈەن پۇلنى ساناپ بىرىۋېتىپ.
-نەدىكى، لايىقكەن ئۇ، مەن ئاللىقاچان چوكان بۇلۇپ بولغان تۇرسام، ئەمدى ئەرگە تەگمەسمىنا، ئانامنىڭ خىزمىتىنى قىلارمەن ئەمدى، دىدى زارىخان كىشىلەر توپى ئىچىدىن چىقىۋېتىپ.
-جانغا راھەت، مۇز سۈيى ئاران بىر موچەن، لەيلەپ تۇرغىنى مۇز، سارىخاننىڭ ئەينىكى ئەمەس.........
-ئەجەپ ئۇسساپ كەتتىما......ھەي سۇچى بالا، توختا سۇ ئىچىمىز.....
سۇ ساتىدىغان بالا قىزلارغا ئۈچ چۈمۈچتە سۇ قۇيۇپ بەردى.
-مال بازىرىغا كەپ قاپتۇق ئەمەسمۇ، جۈرۈڭلار ئاۋۇ تەرەپچەن ئۈتۈپ كىتەيلى.....دىدى شەمسىيە زارىخاننى يىتىلەپ كىشىلەر توپىدىن ئۈتۈۋېتىپ.
-خىنىم، كالا تىزىكىگە دەسسەپ سالدىڭىز، تۇساتتىن زارىخاننىڭ كۈزى، كۆزلىرى چوڭ بىلىگە پۇتا باغلىۋالغان، بۇرۇتلۇق، ئات يىتىلىۋالغان بىر يىگىتكە چۈشتى. زارىخان پۇتىغا قارىدى، دىمىسىمۇ زارىخان كالا تىزىكىگە دەسسىۋالغان ئىدى.
-سۈرتۈپ قۇيامسىز تاماششا كۆرگۈچە، قىززىق تۇيۇلدىما.......دىدى شەمسىيە، يانچۇقىدىن تازلىق قەغىزىنى چىقاردى.
زارىخان ئايغىغا يۇقۇپ قالغان كالا تىزىكىنى سۈرتىۋەتتى-دە شەمسىيەنىڭ سۆرەپ مېڭىشى بىلەن، كۈزى كەينىدە كىشىلەر تۇپىغا كىرىپ كەتتى.
زارىخاننىڭ سودىلىغى بىردەمدە تۈگىدى.
قىزلار ئۆيلىرىگە ئالدىرشىپ بۈگۈنكى يەكشەنبە بازىرىنىڭ قىززىپ كەتكەنلىكىنى ئېغزى، ئېغزىغا تەگمەي ماختىشىپ مېڭىشتى.
-ئاداش، پۇتۇم ئاغرىپ كەتتى، بىردەم ساقلايلى ھېچ كەنتىمىزدىن ھارۋىلىق كەلگەنلەر ئۇچۇرمايدىغۇ، دىدى شەمسىيە پۇتىنى تۇتۇپ سومكىنى يەردە قويدى.
-سومكىلارنى سەن كۈتىرە، سەن تىخى توي قىلمىغان پىچەتلىك قىز بولغاندىكىن: دىدى شەمسىيە ۋايسىىپ، يېنىدىكى قىزغا سومكىنى كۈتەرتىپ قويدى.
-قاراڭلار، ئەنە قوشنىمىزنىڭ ئىشەك ھارۋىسىمۇ كەلدى.......
زارىخانلار قوشنىسىنىڭ ئىشەك ھارۋىسىغا چىقتى-دە ھارۋا ئۈستىدىكى بىر چىپتا بۇغداي ئۈستىگە ئۇرۇنلىشىپ ئولتۇردى.
-خىھە..... خىھە....
ئىشەك ھارۋىسى ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى قايناق بازاردىن رەت-رېتى بىلەن ماڭماقتا ئىدى.
-قاراڭلار، ئاۋۇ ئات، ئالدىدىكى قېچىرغا ئارتىلىۋاپتۇ.........
كىشىلەرنىڭ قىيا چۇقانلىرىنى ئاڭلىغان زارىخان ھارۋا ئۈستىدە ئولتۇرۇپ كەينىگە قارىدى، قېرىشقاندەك زارىخان ئولتۇرغان ئىشەك ھارۋىسىنىڭ كەينىدە، بىر بالا يىتىلەپ ماڭغان قېچىرغا كەينىدىن كەلگەن ھارۋىلىق ئات ئارتىلىۋېلىپ كىشىلەر توپى پاتپاراق بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
زارىخان بىر قاراپلا ئات ھارۋىسىدىكى يىگىتنى تۇنىدى، باياتتىن زارىخاننىڭ ئايىغىغا تىزەك يۇقۇپ قالغاندا زارىخانغا ئەسكەرتىپ قويغان، ئەمدىلا 22ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان يىگىت، ھەدەپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ توختاشقا بۇيېۇق قىلىۋاتاتتى، زارىخاننىڭ يۈزلىرى شەلپەردەك قىززىرىپ كەتتى-دە ياغلىقىدا يۈزىنى يېرىم يۆگەپ يانغا قارىۋالدى.
قېرىشقاندەك، ئات قەدەمدە بىر سەكرەپ ئالدىدىكى قېچىرغا ئارتىلىشقا باشلىدى.
ھارۋا ھەيدەۋاتقان يىگىت ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشتى-دە زارىخان بىلەن كۈزى ئۇچۇرشىپ قېلىپ كۈلۈپ سالدى.
يىگىت ئەمدىلىكتە ئاچچىقلىنىپ ئاتنى ئۇرۇشقا باشلىدى.
-ئالىمجان ئېتىڭ نەسىللىك ئاتكەن، شۇنچە خالايىق بار يەردە، ئەجەپ بىر قىلىق قىلدى يا........ھا ەا.........
يېنىدىكى ھارۋىدىكى بىر بالا ئاتلىق ئادەمگە قاراپ كۈلۈپ قۇيۇپ كەتتى.
زارىخان شۇ چاغدىلا بۇ كىلىشكەن يىگىتنىڭ ئىسمىنىڭ ئالىمجان ئىكەنلىكىنى بىلدى.
ئالىمجان ئاتنى توختاتتى قېچىر يىتىلىۋالغان بالا ھارۋا ئارلىقىغا قېتىلىپ ماڭدى، ئالىمجاننىڭ كۆڭلى ئەمدى ئارامىغا چۈشتى- دە قىزلار ئولتۇرغان ئىشەك ھارۋىسىغا قارىدى، بىراق زارىخانلار ئولتۇرغان ھارۋا ئالىمجاننىڭ كۆز ئالدىدىن كىشىلەر تۇپى ئارسىغا كىرىپ كىتىپ ئاللىقاچان يۇقالغان ئىدى.
يەكشەنبە كۈندىكى بىر قېتىملىق ئۇچۇرشۇش زارىخان بىلەن ئالىمجاننىڭ تەقدىرىنى قوشتى.
-مەن بىر نىكالىق بولغان ئاڭلىسام سىز تىخى توي قىلماپسىز، كىلىشەلمەسمىزمىكىن، مىنىڭ يولدۇشۇم ئۈلۈپ كەتكەن، ئېرى ئۈلۈپ كەتكەن ئاياللار ئاق يوللۇق چىقماسمىش، پىشانىڭىز تەتۈر بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىسىز: زارىخان ئالىمجاننىڭ تەلىۋىنى رەت قىلماقچى بولدىيۇ لېكىن تەلمۈرۈپ تۇرغان بۇلاقتەك كۆزلەردىن سەل قورۇققانلىقى ئۈچۈن شۇ گەپنى دىيەلىدى.
-ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۈزىگە باغلىق، تەتۈر پىشانە بۇلۇپ قالسام ئۈزۈمدىن كۈرىمەن، ئاڭلىسام سىز ئىرىڭىزنى ئۈزىڭىز ئۆلتۈرۋەتمەپسىزغۇ كىسەل بىلەن ئۈلۈپ كىتىپتۇ، سىز بىلەن توي قىلغىنىم قىلغان........دىدى ئالىمجان قەتئىلىك بىلەن.
ئالىمجاننىڭ شەھۋەتلىك كۆزلىرى بىلەن بېقىشلىرى، زارىخاننىمۇ ئۆز قەلبىنى ئالىمجانغا تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ تۇيى بولدى، ئالىمجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ پەرىشتىدەك كىلىنىنى شۇنداق ئەتىۋارلايتتى، زارىخاننىڭ قۇرساق كۈتۈرشى ئالىمجاننىڭ شۇنداقلا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى شۇنداق خوش قىلىۋەتتى.
-مەن يېقىندا قەشقەر تەرەپكە بېرىپ ئىشلەپ كەلمەكچى بۇلىۋاتىمەن، ئۈزەڭلىنى ياخشى ئاسىراڭلار: دىدى ئالىمجان زارىخاننىڭ قۇرسىقىنى سىلاۋېتىپ كۈيۈنگەن قىياپەتتە.
-مەنمۇ بىللە بارىمەن، سىلە كەتسەڭلە مەن خۇتەندە يالغۇز قالمامدىم، مەن بولمىسام سىلە ئاچ-توق قالىسىلەر، مەن چىدالمايمەن-دىدى زارىخان ئالىمجانغا ئەركىلەپ.
-جاپا تارتىپ قالارسەنمۇ دەيمەن، سەن قالغىن دىدى ئالىمجان.
-سىلە نەدە بولساڭلار مەنمۇ شۇ يەردە:-دىدى زارىخان قەتئىلىك بىلەن.
ئالىمجان ئايالى زارىخاننى ئېلىپ قەشقەر تەرەپكە يەر باشقۇرغىلى چىقتى، زارىخان ھەر كۈنى تاماق ئىتىپ بۇلۇپ ئالىمجاننىڭ يېنىغا باراتتى.
بىر كۈنى كىچىدە زارىخان ئالىمجاننىڭ ئېتىزغا سۇ تۇتۇۋاتقان يىرىگە چىقتى.
-ئۆيدە ئولتۇرساڭ بولمامدۇ، كىچىدە مىنى ئىزدەپ كەلگۈچە دىدى ئالىمجان دوق قىلىپ.
-ئۆيدە يالغۇز قورۇقتۇم: زارىخان ئېرىقنىڭ قېشى ئۈستىدە ئولتۇردى.
-مەن سۇنى ئۇلغايتىپ كىلەي، نەگە بارىسا كەينىدىن ماڭغان، ئادەمنىڭ ئىزىنى بېسىپ:- ئالىمجان غۇدۇراپ كەتمەننى ئالدى دە باش تەرەپكە كەتتى، زارىخان بىردەم ئولتۇردى، زارىخاننى سۈر بېسىشقا باشلىدى. شامال چىقىپ بىردەمدە گۆكىرەپ بۇران چىقتى. بىر پۇتاق دەرەخ شېخى تۇيۇقسىز يەرگە چۈشتى، قورقۇپ كەتكەن زارىخان تۈگىلىپ ئولتۇرۇپ قالدى. زارىخاننىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى، زارىخاننىڭ ئشتىنى ئىچىدىن بىر نەرسە سىرىلغاندەك قىلدى، ئەسلىدە زارىخاننىڭ بۇيىدىن ئاجراپ كەتكەنىدى.
-ھەي قورىقمىغانسەن، بۇران پەسلىدى، بىردەم ساقلاپ تۇر، ئازراق قالدى ھازىر كىلىمەن-يىراقتىن ئالىمجاننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
زارىخان پۇچۇلنۇپ تولغۇنۇپ كەتتى.......
-ئالىمجان....ئالىمجان.....زارىخاننىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك تۈۋەن چىقتى.
زارىخان بالىسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى سەزدى. ئىسىنى يىغىپ چۈشۈپ كەتكەن تۈرەلمىنى ياغلىققا يۆگىدى-دە شۇئانلا كاللىسىغا بىر خىيال كەلدى،«ناۋادا ئالىمجان بۇ ئەھۋالنى بىلسە، مەندىن تانمامدۇ؟
ئەڭ ياخشىسى چىداپ ئالىمجانغا بىلدۈرمەسلىك كىرەك.»
زارىخان ئېرىقنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى يېقىنلا يەردىكى قەۋرىستانلىققا تۈرەلمىنى ئالدىراپ-سالدىراپ كۆمدى-دە يېنىپ كىلىپ ئېرىق ئىچىدىكى سۇ ئىچىدە ھۆڭىرەپ يىغلاشقا باشلىدى.
-خوپ بولدى ئىزىمنى بېسىپ كەينىمدىن ماڭا ئىشەنمەي چىققاندىكىن ...دىدى ئالىمجان كەتمەننى يەردە قۇيۇپ تاماكىسىنى توغۇرا چىشلەپ.
زارىخان بالىسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، بىردەمدىلا دەپنە قىلىۋەتكەنلىكىنى ئالىمجانغا دىمىدى، كىلىشكەن بۇ ئەرنىڭ ئۈزىنى تاشلىۋېتىپ باشقا بىر ئايالنى تېپىۋېلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.
زارىخان بۇنى ياخشى بىلەتتىيۇ لېكىن ئالىمجاننى قەۋەتلا ياخشى كۈرەتتى.
-ئېرىققا چۈشۈپ كەتتىم .......
زارىخان غال-غال تىتىرەپ قۇلىنى ئالىمجانغا ئۇزارتتى.
-ئالىمجان زارىخاننىڭ ئېرىقتىن تارتىپ ئالدى،
-ئىسسىقلاپ كەتكەن ئوخشىمامسىلەر سۇغا سەكرەپسىلەر دە.........دىدى ئالىمجان.
زارىخان قىلچىلىك چاندۇرمىدى.
قەشقەردىكى كۈنلەرمۇ تىزلا ئاخىرلاشتى.
-خۇتەنگە بېرىپ زىرائەتلەر ھۇسۇل بەرگەندە كىلىپ كەتسەك بۇلىدۇ، قالغان ئىشلارنى قوشنا ئېتىزدىكىلەر قىلىپ قۇيىدۇ. بۇيۇڭدا بار، يۇرۇتقا تىزراق كىتىۋالايلى ......دىدى ئالىمجان.
زارىخانلار يۇرۇتقا كەلگەندىن كىيىن تۇققانلىرىنى يوقلاش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى، زارىخان قېلىن چوڭ كىيىملەرنى كىيىپ يۈردى، چۈنكى قېيىن ئانا-قېيىن ئاتا تۇنۇش بىلىشلىرىنىڭ قاچان يەڭگىيدىغانلىقىنى سۇراشلىرى ئۇنى بىزار قىلىشقا باشلىدى.
زارىخاننىڭ بۇيىدىن چالا چۈشكەن ئىدى، دۇختۇرخانىدا يۇشۇرۇن تەكشۈرتتى، لېكىن زارىخاننىڭ بىر يەرلىرى ئاغرىپ تۇراتتى. ئاخىرى زارىخان ناھىيە بازىردىكى دۇختۇرخانىدا تەكشۈرتتى.
-سىز ئەمدى تۇغالمىغۇدەكسىز بالا ياتقۇڭىز زەخمىلىنىپتۇ، داۋالانمىسىڭىز بولمايدۇ، زارىخاننىڭ كاللىسىدىن بىر چىلەك سذ، ياق خۇددى خەنجەر ئارلاش يامغۇر ياققاندەك بولدى.
مۇھەببەت يۇلىدا ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغاندا ئۇنى باشقا يول بىلەن تولدۇرۇپ كىتىش مۇمكىن، بەدەندىكى كەمتۈكلىكنىچۇ؟ ئۇنى قانداق تولدۇرۇش كىرەك؟ قانداق قىلىش كىرەك؟
-2-
زارىخان، ئويلاپ-ئويلاپ ئاخىرى تاشلىۋېتىلگەن بىرەر بۇۋاقنى بېقىۋېلىپ ئائىلىسىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. بىراق شۇنچە ئىزدەپمۇ تاشلىۋېتىلگەن بىرەر بۇۋاقنى تاپالمىدى. زارىخاننىڭ ئاي كۈنىنىڭ يېقىنلىشىشى ئۇنى دەككە-دۈككىگە سېلىپ قويدى، زارىخان ئەمدىلىكتە ئالىمجاندىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورىقتى.
«سەن بىر قېچىر خۇتۇنكەنسەن، ماڭا بالا كىرەك، تىزرەك تۇغمامسەن، تۇغمىساڭ يۇقال» خۇددى، ئالىمجان قۇلىنى شىلتىپ توۋلاۋاتقاندەك زارىخاننىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تىترەك ئۇۋلىشىشقا باشلىدى.
- قاراڭلار چىرايلىق بولغانغا ھىساپ ئەمەس، بالا يۈزى كۆرگەندىلا ئاندىن ئەرلەر ئايالىنى ساقلايدۇ.
-تۇغماس ئايال، شورپىشانە كىلەرمىش..........
-تۇغماس ئايال، بالايى ئاپەتلىكمىش........
-ئەرلەر بۇنداق ئاياللاردىن بىزار..........
بىر قانچە ئايال زارىخانغا قاراپ مازاق قىلىشقاندەك زارىخان كۆز ئالدىدىكى چۈش قاينىمىدىن چىقالمايۋاتاتتى.
-كىلىن خىنىم، ئاي كۈنلىرى تۇشاي دىدى. ھېچ خەۋەر يوق، يۇقارقى مەھەللىدىكى تۇغۇت ئانىسىنىڭ ئۈيىگە بىر-بېرىپ كىلەيلىمۇ. دىدى قېيىن ئانىسى زارىخاننىڭ پاختا تىقىپ دۇمبايتىۋالغان قۇرسىقىغا قاراپ.
-يا........ياق .....مەن تىخى تۈنىگىنلا باردىم، ئاز قاپتۇ.......ئاز قاپتۇ...سىلىنى مالال قىلماي-زارىخان قۇلىدىكى داستىكى كىپەكلەرنى كۈتىرەپ قوي ئېغىلىغا كىرىپ كەتتى.
ئەمدىلا قۇزىلىغان 2تۇياق ساغلىقنى قوي قۇزىللىرى ئەمچەكلىرىنى شۇراپ-تارتىپ ئەممەكتە ئىدى.
زارىخان ئېغىلدا تۇرۇپ شۇنچە يۇۋاش قويلارنىڭ تىپىپ يەم خەشەك يىشيىشكە ئالدىرغانلىقىنى كۆردە-دە كۈزىدىكى ياشلارنى سۈرىتتى.
«بۇۋاق ئوغۇرلاش كىرەك» زارىخان تەگسىز خياللار ئىچىدە ئېغىلدىن چىقتى دە ئۇدۇللا دۇختۇرخانىغا باردى.
قېرىشقاندەك بۈگۈن دۇختۇرخانىدا بىرلا تۇغۇتلۇق ئايال بار ئىدى.
- قاچان يەڭگىدىڭىز.....زارىخان يالغۇز بىر ياتاقتا يېتىۋاتقان تۇغۇتلۇق ئايالدىن سورىدى.
-ئالتە كۈن بولدى سىڭلىم ........دىدى ئايال بېشىنى كۈتۈرۈپ بۇۋىقىنى ئىمىتىشكە باشلىدى. بىردەمدە ئايالنىڭ يولدىشى تاماق قاچىسىنى كۈتۈرۈپ كىردى دە تاماقنى جوزا ئۈستىدە قۇيۇپ بۇۋىقىنىڭ پىشانىسىگە سۆيدى.
-ئوبدان ئارام ئال ئۇماق قىزىم .......دىدى دە سىرىتقا چىقىپ كەتتى.
- قىزكەندە ....... دىدى زارىخان.
- شۇنداق، چۇڭىمۇ قىز.........ئايال ئۈندىمىدى.
«توۋۋا ماۋۇ ئايالنى كىچىكىمۇ قىز دەپ دوق قىلدىيا، لازىم بولمىسا ماڭىلا بىرىۋەتكەن بولسا ەە.......دىگەنلەرنى خىيال قىلغان زارىخان ئەمدىلا ئېغىزىنى ئېچىشغا ئەر-خۇتۇنلۇق ئايال ئېغىز ئاچتى.
-سىزمۇ تۇققىلى كەلگەنىمۇ، قۇرسىقىڭىزنىڭ يۇغىنىغىنىغا قارىغاندا سىزمۇ قىز تۇققىدەكسىز -دىدى ئايال.
-قوشكىزەك تۇغارسىز........
زارىخان كەينىگە قارىدى، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئىرى كىرىپ چاقچاق قىلغان ئىدى.
-خۇدايىم بىرەر.....
زارىخان بىر كۈزى بۇۋاقتا خوشلۇشۇپ چىقىپ كەتتى. زارىخان سىرىتتا ساقلىدى، خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئىرى كىتىپ قالدى. زارىخان كارىدورغا كىردى-دە تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ياتىغىغا قارىدى. ئايال بۇۋىقىنى ئۇخلىتىپ يىنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى، زارىخان سىستىرالار ئىشخانىسىغا قارىدى، سىستىرا دۇختۇرلارنىڭ ھەممىسى ياندىكى بىر ئۆيدە يەنە بىر تۇغۇتلۇق ئايالنى تۇغدۇرۇش بىلەن ئاۋار ئىدى.......
زارىخان تازلىق ئۈيىگە كىردى دە قۇرسىقىدىكى تېڭىۋالغان پاختىلارنى يىشىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەندىن كىيىن ياغلىقى بىلەن يۈزىنى يۆگىدى دە ئاستا تىۋىش چىقارماي تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ياتىقىغا كىردى.
تۇغۇتلۇق ئايال ئۇخلاپ قالغان ئىدى، زارىخان ئاستا بېرىپ چۈۋەككە يۆگەپ زاكىلاپ قۇيۇلغان بۇۋاقنى قۇچىقىغا ئالدى-دە تىز قەدەملەر بىلەن دوختۇرخانا كارىدۇرىغا چىقتى، شۇتاپتا زارىخاننىڭ يۈرىكى گۈپۈلدەپ سوقماقتا ئىدى. يىراقتىن بىر سىستىرا غالتەكتە ئۇكۇل كۈتىرىپ زارىخاننىڭ ئالدىغا كەلدى.
زارىخان بالىنى مەھكەم قۇچاقلاپ جىم تۇرۇپ قالدى.شۇ تاپتا زارىخان تۇتۇلۇپ قالسا نىمە ئىش يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى .
«ئايال ئۇقۇپ قالسا بەرىبىر قىزكەن مەن بېقىۋالاي دىگەن»دەپ قۇتۇلارمەن بىراق ئىرى تۇتۇۋېلىپ دۇمباللىسا قانداق قىلارمەن، مەيلى بالا ئۈچۈن تاياق يىيىش ھېچ گەپ ئەمەس، ئاۋۇ سىستىرا تۇتۇۋالسىچۇ؟ ئۇدۇل ساقچىغا ئاپىرىپ بىرىپ قالسا تۈرمىدە ياتىدىغان گەپ........
زارىخان يۇقارقى خىياللارنى قىلىپ بالىنى كۈتۈرىپ يۈگۈرۈپ قېچىشقا تەمشەلدى.
سىستىرا ياندىكى كارىدورغا خىيالى كىرىپ كەتتى، سىستىرا زارىخاننىڭ بۇۋاق ئوغۇرلىغانلىقىنى سەزمىگەن ئىدى.
-ئۇھ........زارىخان بۇۋاقنى باغرىغا چىڭ باسقىنىچە دۇختۇرخانىدىن تىزلا چىقىپ كەتتى.
زارىخان يول بۇيىدىكى دۇكاندىن سۈت پاراشۇگى قاتارلىق بالىغا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالدى دە ئۇدۇل قۇناقلىققا كىرىپ كەتتى.....
بۇۋاقنىڭ يىغىسى قۇناقلىقنى بىر ئالدى.
-خىنىم بالىڭىز يىغلارۋىرىپ قىززىپ قالسا قانداق قىلىسىز، بىر كۈن بولدى قۇناقلىقتا ئولتۇردىڭىز، ئىرىڭىز بىلەن يامانلىشىپ قالدىڭىزمۇ، ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ.....زارىخان چۈچۈپ كەينىگە ئۆرىلىپ قارىدى.
زارىخاننىڭ كەينىدە خالتا كۈتۈرۋالغان بىر مۇماي تۇراتتى.
-ئىرىم بىلەن جىدەللىشىپ قالغان.....دىيەلىدى زارىخان دەرھال ئورنىدىن تۇردى.
-قاراڭ، بالىڭىزنى پاششا چېقىپ كىتىپتۇ، جۈرۈڭ بىزنىڭ ئۆي قۇناقلىقنىڭ ئاۋۇ تەرىپىدە ئۆيدە ئارام ئېلىۋېلىڭ-دىدى ئايال زارىخاننىڭ يەردە قالغان چىۋىكىنى ئالدى، زارىخان مۇماينىڭ ئۈيىگە كىردى، ئۆي شۇنداق پاكىزە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىدى.
-سىز يالغۇزمۇ، دىدى زارىخان ئەتراپقا قاراۋېتىپ قورقۇمسىراپ،
-ياقەي قىزىم تۇغۇتلۇق، 6كۈن بولدى، دۇختۇرخانىدا تۈنۈگۈن بېرىپ كەلدىم، يولدىشى ئۈزۈم باقىمەن دەپ تۇرىۋالدى، ئوغلۇمنىڭ خىزمىتى ئالدىراش باشقا شەھەردە، بۇ ئۆيدە ئۈزۈم يالغۇز .....دىدى مۇماي چايداندىن سۈت پاراشۇكىغا قايناق قۇيىۋېتىپ، زارىخاننىڭ يۈرىكى گۈپۈلدەشكە باشلىدى.
-تۇنجىسى ئوخشۇمامدۇ، بالىنى قۇچقىڭىزدىن چۈشۈرمىدىڭىز، ئەكىلىڭ مەن ئىمىتىپ بىرەي......
-ياق بولدى، ئۈزۈم ئىمىتەي......
زارىخان مۇماينىڭ قۇلىدىن سۈت پاراشۇگى قاچىسىنى ئالدى، دە بۇۋاقنىڭ ئېغىزىغا سۇندى.
-توختاڭ......
زارىخان چۈچۈپ كەتتى، «مۇماي بۇ بالىنىڭ ئۆز نەرۋىسى ئىكەنلىكىنى سىزىپ قالدىمۇ يا»دىگەنلەرنى خىيال قىلغان زارىخان تىتىرەشكە باشلىدى.
-سۈت پاراشۇگى قىززىقمۇ، ئەمەسمۇ سىناپ بېقىپ ئىنىكىڭىزگە يېقىپ بېقىپ ئاندىن بالىنىڭ ئېغىزىغا سېلىڭ، دىدى مۇماي، سۈت پاراشۇگىنى ئىنىكىگە تۇتۇپ بەرگەندىن كىيىن زارىخانغا سۇندى.
زارىخان ئۇلۇغ كىچىك تىندى دە سۈت پاراشۇگىنى بالىغا ئىمىتىشكە باشلىدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا، ئىشىك چىكىلدى.
-كىيوغلۇم كەپتۇ ئىشىكنى ئاچاي، مۇماي سىرىتقا چىقىپ كەتتى.
زارىخان قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپ قالدى، بۇۋاق سۈت پاراشۇگىنى ئىمىپ يىغىسى پەسەيگەن ئىدى. زارىخان دەرىزىدىن قارىدى مۇماينىڭ كىيوغلى ئوغۇرلانغان بۇۋاقنىڭ دادىسى ئەمەس ئىدى.
قورۇققانغا قوش كۈرۈنىپتۇ دەپ، زارىخانغا مۇماينىڭ ئۈيىدە تۇرغان 4كۈن ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆتتى.
-رەھمەت چوڭ ئانا، مەن ئەمدى كىتەي......زارىخان مۇماي بىلەن خوشلاشتى، مۇماي زارىخانغا بالا بېقىشنىڭ نۇرغۇن تەييارلىقلىرىنى دەپ بىر قانچە كۈندىن بىرى زارىخانغا بالا بېقىشنى ئۈگۈتۈپ قويغان ئىدى.
-ئانا.........
زارىخان بالىنى كۈتىرەپ ئۈيىگە كىردى.
-نەدە تۇغدۇڭ، سىنى ئىزدەپ بارمىغان يەر قالمىدى. ئالىمجان ساراڭ بۇلاي دىدى بالام، ئالىمجان.......ھەي ئالىمجان خۇتۇنۇڭ كەلدى، قىزىم جېنىم قىزىم، ئەكەل بالىنى ........ئانا بۇۋاقنى ئېلىپ سۈيۈپ كەتتى.
-يېتىۋال قىزىم....يېتىۋال........
-نەدە تۇغدۇڭ، ئەجەپ قورقۇتتۇڭ، ئادەمنى غەمسىز قىلساڭ بولمامدۇ. ئالىمجان نەچچە كىچە كىرپىك قاقماي زارىخاننى ئىزدەپ بىردەم كۈزىنى يۇمىۋېلىش ئۈچۈن قېيىن ئانىسىنىڭ ئۈيىدە ياتقان ئىدى.
ئۇرۇنغا كىرىپ ياتقان زارىخان يوتقاننى يۈزىگە يېپىۋالدى دە يالغاننى تۇقۇشقا باشلىدى.
-بالام ماڭا ئوخشاپتۇ، ئۇماق قىزىم.........
ئالىمجان بۇۋىقىنى ئەركىلتىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
-خوش بولدىڭىزمۇ ........ زارىخان ئىرىنىڭ بۇنداق ئېچىلىپ كۈلۈپ باققىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندەك بۇلۇپ سورىدى.
-قىزىم تۇغۇلغىنىغا خوش بولدۇم، لېكىن سەن قېچىپ تۇغدۇڭ، ھىساپنى كىيىن ئالىمەن. ئاۋال ساقىيىپ بولغىن، دىدى ئالمجان زارىخاننىڭ يۈزىنى يىنىك نۇقۇپ چاقچاق قىلىپ كۈلدى.
«مۇھەببەتنىڭ مۇقەددەس ساريى ئەلۋەتتە پاك ئىدى. بىراق تاۋاپ قىلغىلى كەلگنلەر ئىخلاسمەن مۇرۇتلاردىن بۇلىشى ناتايىن ئىرىمنىڭ تاتلىق كۈلكىسى، ماڭا بېقىشلىرى، ئاھ، مەن نىمە دىگەن بەخىتلىك» زارىخان شۇ خىياللار بىلەن ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى. بۇ يىغىنىڭ شاتلىق يىغىسىمۇ ياكى ئازاپلىق يىغىسىمۇ بۇنى زارىخاندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى.
زارىخاننىڭ يەڭگىگەنلىكىنى بىردەمدە ئالىمجاننىڭ ئۈيدىكىللىرىدىن باشلاپ مەھەللىگە پۈركەتتى .
-شەھەردە تۇغۇپ چىقىپتۇ........
-ئەجەپ ۋاپادار قىز بۇپتۇ، زارىخان ئانىسىنىڭ ئالدىدا تۇغسا ئانىسىنىڭ قورقۇپ كىتىشىدىن ئەنسىراپتىمىش........
-ياق، يولدىشى ئالىمجاننىڭ ئۈزىنىڭ تولغاق يەپ توۋلىشىنى ئاڭلاپ قېلىشىنى خالىماپتىمىش...............
-مىنىڭ قىزىمنى ئىرى 3تۇغۇتىنىڭ ھەممىسىدە مىنىڭ يېنىمغا ئەكەپ قويغان.
-مەنچۇ قىزىمنىڭ 2بالىسىنىڭ ھەممىسىنى ئىرىڭنىڭ يېنىدا تۇغۇپ كەل دەپ تۇغدۇرغان.........
-زارىخان نىمە دىگەن ئوڭلاق بالا ......قۇلۇم قوشنىللىرىنىڭ ئېغىزلىرىدىن ھەر خىل گەپ سۆزلەر بۇلۇنماقتا ئىدى.
زارىخان قېيىن ئانىسىنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىسىنى كۈرۈپ بۇ ئىشنىڭ مەڭگۈ سىر پېتى قېلىشىنى تىلىدى.
-3-
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇۋاققا ئىسىم قۇيۇلۇپ پۈتۈن مەھەللىدە كاتتا تەبرىكلەش ئېلىپ بېرىلىپ زارىخان بىلەن بۇۋىقىنىڭ بۈشۈك تۇيى بولدى.
ئەنسىرەشكە تىگىشلىك ئىش ئاخىرى يۈز بەردى، بۇۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى 40كۈندىن بىرى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ بۇۋاقنىڭ مەرىكىسى بولغان كۈنى زارىخاننى تېپىۋالغان ئىدى.
-بالام.....ئىشىكتىن بىر ئايال يۈگۈرۈپ كىرگەنچە زارىخان كۈتۈرۈپ تۇرغان بالىنى قۇچقىغا زارىخاننىڭ قۇچقىدىن يۇلۇپ ئالدى.
ئالدىدىكى بۇ ئىشلاردىن چۈچىگەن قېيىن ئانا كىلىنىگە قارىدى.
-جېنىم ئانا، مەن بالىنى ئۈلۈك تۇققان ............
-بالا ئوغۇرسى، ئالۋاستى ئايال، بۇۋاقنى كۈتۈرۈپ بۇلدۇقلاپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتى.
-ئالدامچى .....سەن مىنى ئالداپسەن ...........
خۇشاللىق سۈكۈتتىكى كۈپۈكتەك بىردەمدە تارقاپ كەتتى .
-ئالىم مىنى كەچۈرۈڭ .........دىدى زارىخان
-يوقال ، ئۈچ تالاق ..........
بۇ زارىخاننىڭ تۇرمۇش قايناملىرىدا تۇنجى قېتىم ئازاپ چېكىش ئىدى.
زارىخان ئالىمجاندىن ئەنە شۇنداق ئايرىلدى.
جىنايەت گۇماندارى زارى سەن بالىسىنى ۋەسىسىدىن ئايرىش جىنايىتى بىلەن ھازىردىن باشلاپ توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ تەكشۈرلىسەن.........
مۇزدەك سۇغۇق كويزا زارىخاننىڭ قۇلىغا سېلىندى.
زارىخان ياشلىق دەۋرىدىكى 3يىلنى تۈرمىدە ئۆتكۈزدى.
3يىل جەريانىدا ئالىمجان زارىخاننى بىر قېتىممۇ يوقلىمىدى. چۈنكى ئالىمجان توي قىلىۋالغان ئىدى.
زارىخان تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن ئانىسى ئۆلۈپ كەتتى ، زارىخان ئەمدىلىكتە تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى.
زارىخاننىڭ شاگىرىتلىرى كۈندىن –كۈنگە كۈپۈيۈشكە باشلىدى.
زارىخان ئالىمجاننىمۇ كۆرمىدى، ياكى سۈرۈشتە قىلمىدى. چۈنكى ئالىمجانغا بولغان مۇھەببەت ئوتى تۈرمىدە تۇرۋاتقاندىلا ئۆچكەن ئىدى.
- ئاچا بۇرۇنقى ئىرىڭىز ئالىمجان بىر قانچە يىل بۇپتۇ ئىچكىرگە كىرىپ كىتىپتىمىش، كاتتا خۇجايىن بۇپكەتتى دەيدۇ، دىدى بىر شاگىرت قىز.
- بىلدىم ئۇنىڭ گىپىنى قىلمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.............دىدى زارىخان ئۆز ئىشى بىلەن بەنىت بولدى.
شاگىرت قىز ئالىمجاننىڭ گىپىنى قىلغىنىغا پۇشايمان قىلدى، دىمىسىمۇ بۇ قىز ئالىمجانلارنىڭ ئۆيىدىكىللىرى بىلەن قوشنا ئىدى.
-ئاڭلىسام ئالىمجان، ئاق تاماكا چىكىشنى ئۆگىنىپ قاپتىمىش، خۇتۇنىنى ھەر كۈنى ئۇرارمىش،..... دىدى قىز زارىخانغا قاراپ ........
-ئاق تاماكا چىكەمدۇ، كۆك تاماكا چىكەمدۇ مەن بىلەن نىمە ئالاقىسى بار، ئىشىڭىزنى قىلىڭە:-
زارىخاننىڭ قۇلىنى يىڭنە تىشىۋەتتى، زارىخان ئەمدىلىكتە ناھىيە بازىردىنمۇ بىر سەيپۇڭخانا ئاچقان ئىدى.
-ئۇستام قانداق يىتىشىپ بۇلالا........ دىدى بىر شاگىرىت قىز.
-سىلەرمۇ ئۇستا بۇلۇپ كەتتىڭلار، بۇيەردىكى دۇكاننى نىگارە باش بۇلۇپ ئاچىدۇ. نىگارە سىز تۇلا قوشنىللىرىڭىزنىڭ ئاق-كۆك چىكىدىغانلىقىغا باش قاتۇرماي، بۇ سەيپۇڭخانىنىڭ روناق تېپىشى قىزلارنىڭ كۆپرەك پۇل تېپىشىغا باش قاتتۇرۇڭ دىدى- زارىخان كەسكىنلىك بىلەن.
-ماقۇل.........دىدى نىگارە دومسىيىپ.
-4-
زارىخان يېزا بازىرى بىلەن ناھىيدىكى دۇكىنىغا ۋېلىسپىتلىك قاتىرايتتى. قاش قارايغان چاغ، زارىخان ۋېلىسپىتنى تىز-تىز تىپىپ يولدا مېڭىۋاتاتتى.
قېرىشقاندەك ھاۋا گۆلدۈرلەشكە باشلىغان چاغدا زارىخاننىڭ ۋېلىسپىتىنىڭ يېلى چىقىپ كىتىپ يىتىلەپ مېڭىشقا باشلىدى.
زارىخان يول بۇيىدا بىردەم تۇردى دە بىر ئايالنىڭ بالا كۈتۈرۋېلىپ بىر جۇپ ئەر-خۇتۇن بىلەن قىلىشقان گىپىگە قۇلاق سالدى.
-بالا ئەمدى 6ئايلىق بولدى، نىمە ئامال دەيسىز، يەنە قۇرسىقىمدا قالدى، ھازىر جىددى پۇل لازىم بولغاچقىلا بالىنى سلەرگە بىرىۋېتەي دىگەن، 3مىڭ يۈەن پۇل دىگەن سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەمەسقۇ.......سىلەر بىلەن تۇققان بولغاچقا شۇڭا سىلەرگە يېلىندىم.
بالىنى سىلەر بالا قىلىۋالساڭلار، ماڭا پۇل بەرسەڭلارلا بولدى..........
-سىنى كىم بىلمەيدۇ. سىنىڭ شۇمتىگىڭ تىخى كىچىك تۇرسا....
- قۇرسۇقۇمدىكى بالىنى تۇغسام ئۇنىڭغا قانداق يىتىشىپ بۇلىمەن...
- سەن بالاڭنى ماڭا مەجبۇرى ساتماقچىمۇ، بولمايدۇ خوپ بولدى بۇ قانجۇققا، تەگمە دىسە قېچىپ كىتىپ تەككەن، ھۇي خىنىم چىرايىڭىزغا قاراپ بىر ئىش قىلىڭە، بالا 6ئاي بولماستا قۇرسىقىڭىزنى پومپايتىپ نىمە كەپتۇ سىزگە، يۈزى قېلىن، نەرۋە ئاكىڭىزچۇ سىزنىڭ تىللا تۈكىلىدىغان دەرىخىڭىز ئەمەس، بىزدىمۇ كۆپ پۇل يوق، مېڭڭە كىتەيلى يامغۇر ياققىلى تۇردى......
- ئۈزى -ئۈزىگە قىلدى ئايتىللاخان دىگەن قانجۇق، سىزنىڭ ئايتىللاخاندىن بىلەك مەندەك خۇتۇنىڭىز بار، پۇلنى بۇ خىنىمغا بەرسىڭىز قۇرسۇقۇمدىكى بالا نىمە يەيدۇ.......ئايال قەھرى بىلەن توۋلىدى دە يېنىدىكى ئەرنىڭ قۇلىدىن تارتىپ ماڭدى، ئەر كىشى بىردەم تۇرۇپ قېلىپ 100يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى ئېلىپ بالىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدى دە ماڭدى.
-نەرۋە ئاكا مىنىڭ سەندىن باشقا بېشىمنى سىلايدىغان ئادەملىرىم يوق، ئىرىم تىخى يېنىمدا ئەمەس، دىدى بالا كۈتۈرۋالغان ئايال.
-ئايتىللاخان، كۈرۈپ تۇرۇپسىز مەندىمۇ جىق پۇل يوق بالىنى باقالمايمىز، يەڭگىڭىزنىڭ بويۋېشىدا بار، بىر ئامال قىلىڭ بالىنى بىرسىگە بىرىۋېتىڭ ياكى قۇرسىقىڭىزدىكىنى ئالدۇرۋېتىڭ-ئەر شۇگەپنى قىلدى دە خۇتۇنى سۆرەپ ئېلىپ كەتتى.
بالا كۈتۈرۋالغان ئايتىللاخان بالىنى تۇتۇپ تىزلىنىپ ئولتۇرغانچە تۇرۇپ قالدى.
زارىخان كۆز ئالدىدا بۇلۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالدى، زارىخان بىر بالىغا، بىر ئايتىللاخانغا، بىر ئايتىللاخاننىڭ قۇرسىقىغا قارايتتى.
شاقىراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، زارىخان ۋېلىسپىتنىڭ كەينىدىكى كۈنلىكنى كۈتۈرۈپ ئايتىللاخان بىلەن قۇلىدىكى بالىنى دالدا قىلدى.
ئەمدىلا 23ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئايتىللاخان شەھەر قىزلىرىدەك ياسانغان بۇلۇپ شەھەردىن يېزىغا نەرۋە تۇققىننى ئىزدەپ چىققان ئىدى.
يۈزىمىزگە سەت بۇلىدۇ دەپ نەرۋە تۇققىننىڭ ئايالى، ئايتىللاخاننىڭ قۇچقىدىكى 6ئايلىق بولغان بالىنى كىچىك كۈرۈپ ئايتىللاخانغا پۇل بىرىپ بالىنى ئېلىپ قېلىشقا ئۇنۇماي كەتكەن ئىدى.
-سىڭلىم بېشىڭىزغا نىمە دەرىت يەتتى، بالىنى نىمىشقا ئۈزىڭىز باقمايسىز دىدى زارىخان.
-گەپ قىلسام گەپ بەك ئۇزۇن، مەن ئىچكىرگە كىرىشىم كىرەك، ئۇيەرگە كىرمىسەم بولمايدۇ، بالام بىلەن كىرسەم قەتئى بولمايدۇ......
زارىخاننىڭ يۈرىكىگە بالا ئۇتى يەنە تۇتۇشىشقا باشلىدى.
-بولدى، بالىڭىز مەندە قالسۇن .......دىدى زارىخان.
-بىراق ماڭا پۇل لازىم، پۇل بولمىسا قەتئى بولمايدۇ، دىدى ئايتىللاخان.
-مەن بىرىپ تۇراي............دىدى زارىخان.
-ئاز پۇل بولسا بولمايدۇ، ئاز بەرسىڭىز مەن باشقىلارغا ساتسام بۇلىدۇ، دىدى ئايتىللاخان.
-سىز بالىڭىزنى راسىت ھەقىيقەتەن ساتماقچىما: دىدى زارىخان ھەيران بۇلۇپ.
-شۇنداق دىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، ماڭا جىددى پۇل لازىم، يولدۇشۇم ئىچكىردە ئېغىر كىسەل شۇ يەرگە كىرمىسەم بولمايدۇ. دىدى ئايتىللاخان.
-يولدىشىڭىز بالىڭىزنى سېتىپ ئىچكىرگە كىرسىڭىز سىزنى كەچۈرەرمۇ؟ دىدى زارىخان.
-بۇ مۇھىم ئەمەس، بالىنى ئېلىپ قالالامسىز ........
-قانچە پۇل لازىم.....دىدى زارىخان.
-3مىڭ يۈەندىن يۇقۇرى بولسا بۇلىدۇ.........
-بۇلىدۇ مەن سىزگە 5مىڭ يۈەن بىرەي، بالىڭىزنىڭ ئۈزىڭىزنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ماڭا قانداق ئىسپاتلاپ بىرىسىز، دىدى زارىخان قەتئىلىك بىلەن.
چۈنكى زارىخان تۈرمىنىڭ تەمىنى تېتىپ چىققان ئىدى. تۈرمىدە بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدى.
«بىرسى بالا ئوغۇرلىسا، بىرسى بالا ساتقان توۋۋا، بۇجاھان نىمە بۇپ كەتتى» دەپ ئويلىدى زارىخان.
-ئىسپاتىم بار، نۇپۇس دەپتىرى بار، گۇۋاچىمۇ بار.........
-جۈرۈڭ، ئاۋال مىنىڭ ئۈيۈمگە چىقايلى، ئارام ئېلىپ ئالدىرماي پاراڭلىشايلى، قاراڭ بالىڭىز ئۇخلاپ قاپتۇ. نىمە دىگەن ئۇماق ئۇغۇل بالا بۇ، ئىسمى نىمە: دىدى زارىخان.
-قاسىمجان:-زارىخان بالىنى كۈتەردى، ۋېلىسپىتىنى يول بۇيىدىكى بىر دەرەخكە قۇلپىسىنى چېتىپ قۇيۇپ قويدى دە كۈنلىكنى تۇتۇپ ئايتىللاخان بىلەن پىيادە يامغۇردا ماڭدى.
-ۋېلىسپىتىڭىزچۇ.......دىدى ئايتىللاخان.
-يېلى چىقىپ كەتتى، ھېلى شاگىرىت بالىلار كىلىپ ئېلىپ كىتىدۇ-دىدى زارىخان.
زارىخان چىڭىش خىياللار ئىچىدە ئايتىللاخاننى باشلاپ ماڭدىيۇ، توختاپ قالدى.
«توختا، بۇ ئايال بالىنى ماڭا بەرسە، پۇلنى بەرسەم، كەتسە، كىيىن كىلىپ بالىنى ئېلىپ كەتسە»..........ياق......ئەگەر ھەقىيقەتەن بالىنى بىرىۋېتىش نىيىتىگە كەلسە مەن بۇ ئايالغا تۇرالغۇمنى ئېيتىپ بەرسەم بولماس...توختا چىكىپ باقاي دىگەنلەرنى خيالىدىن ئۆتكۈزگەن زارىخان ئايتىللاخاننى توختاتتى.
-گىپىڭىز گەپ، بالىنى قەتئى بىرىۋېتىسىز.
-شۇنداق.......
-مەن بۇ شەھەردىن ئەمەس،
-مەيلى .....
-كىيىنچە مىنى كۈرەلمەيسىز...
-مەن رازى، سىز ئالمىسىڭىز بەرىبىر يەنە بالا ئىھتىياجى بارلارغا بىرىۋېتىمەن.........مەن رازى.......
-جۈرۈڭ، مىھمانخانىغا بېرىپ شۇ يەردە بىر كىچە ئارام ئالايلى، پۇلنى ئەتە بىرەي.......دىدى زارىخان.
ئايتىللاخان قۇشۇلدى.
ئۇلار شەھەر مەركىزىگە كىلىپ بىر ياتاققا كىردى.
ياتاغ ئازادە بۇلۇپ زارىخان پۇلنىڭ كۈزىگە قارىماي خېلى ۋاقىتتىن بىرى يىققان پۇلنىڭ ھەممىسىنى مۇنۇ ئالدىدا تۇرغان ھاجەتمەن بالا ساتىدىغان ئايالغا بالا ئۈچۈن بىرىۋېتىشكە رازى ئىدى.
زارىخاننىڭ سومكىسىدىلا بۇ ئايالغا ئىھتىياجلىق پۇل بار ئىدى.
ئايتىللاخان بالىنى بىر كارۋاتتا ياتقۇزۇپ قويدى دە يەنە بىر كارۋاتقا چىقتى.زارىخان كۈتكۈچىگە دەپ ئازراقتىن تاماق ئەكەلدۈردى.
ئايتىللاخان مۇنچىغا كىرىپ يۇيۇندى.
-سىڭلىم، ئېيتىڭە سىزنىڭ بېشىڭىزغا نىمە دەرىت كىلىپ بالىڭىزنى ساتىمەن دەيسىز، قانۇننىڭ جازالىشىدىن قورىقمامسىز-دىدى زارىخان.
-قانۇن، قانۇن ماڭا نىمە قىلىپ بىرەتتى، ماڭا پۇل بىرەلەمتى، بالا ئۈزەمنىڭ قانداق قىلسام قىلىمەن-دىدى ئايتىللاخان.
-ئۇنداق دىمەڭ بالا سېتىش جىنايەت، مەنمۇ بىر بالا ئوغۇرلاپ 3يىل كىسىلگەن، بالا ساتقان ئانىلارنىڭمۇ تۈرمىدە ياتقانلىقىنى كۆرگەنمەن. شۇڭا سۇراۋاتىمەن-دىدى زارىخان.
-نىمە سىز ئوغرىما......دىدى ئايتىللاخان.
-ياق بالا ئوغۇرسى دىمىدىم، بىر بالا ئوغۇرلىغان، تۈرمىگە كىرىپ 3يىل يېتىپ چىقتىم، بۇ خېلى بۇرۇنقى گەپلەر.....دىدى زارىخان.
ئايتىللاخان قاقاقلاپ كۈلدى.
-توۋۋا شۇنداقمۇ ئادەملەر بۇلىدىكەن، بالىنىمۇ ئوغۇرلايدىغان، مەن باقالماي سېتىۋاتسام:-دىدى ئايتىللاخان كۈزىگە ياش ئېلىپ.
-ئەمىسە نىمىشقا 2-بالىغىمۇ شۇنچە تىز قۇرساق كۈتەردىڭىز، ئۇ بالىنىمۇ ساتامسىز، شۇنداق ھۈنىرىڭىز بار ئوخشىمامدۇ. سىز بالا تۇغۇپ ساتىدىغان ماشىنىما......نىمە كۈلىسىز قانداق ئايالسىز-دىدى زارىخان.
-نىمە، سىز ساقچىما، ئەجەپ كوچىلاپ سۇراپ كەتتىڭىز يېتىڭ سۆزلەپ بىرەي، توختاڭ ماۋۇ مانتىدىن بىر تال يەۋالاي دىدى ئايتىللاخان ئىشتاھا بىلەن مانتىدىن 5نى يەۋېتىپ چاينى كوكىرتىپ ئىچتى دە كارۋاتقا ئۇرۇنلۇشۇپ ياستۇققا يۈلىنىپ ياتتى.
تاقىتى-تاق بولغان زارىخاننىڭ قۇلىقى ئايتىللاخاندا ئىدى.
-قېنى سۆزلەڭ، سەۋەپ نىمە ...
-يېتىڭ دىدىمغۇ، سۆزلەيمەن، بەك ئۇزۇن ئۆرە تۇرۇپ ھېرىپ قالىسىز، دىدى ئايتىللاخان.
-ماڭا ئۇزۇن ھىكايە سۆزلەپ بەرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، سەۋەپنى دەپ بىرىڭ ئاندىن بالىنى ئېلىپ كىتەي، سىزمۇ پۇلغا ئىرىشىڭ دىدى زارىخان.
-تۇرقىڭىزدىن قارىغاندا سەھرالىق تومپاي خۇتۇندەك كۈرىنسىڭىزمۇ پۇلىڭىز بار ئوخشايدۇ، بولمىسا بۇنداق چوڭ سۆزلىمەستىڭىز، دىدى ئايتىللاخان.
-شۇنداق پۇلۇم بار:دىدى زارىخان كارۋاتقا ئۇرۇنلاشتى.
ئايتىللاخان سۈزىنى باشلىدى.
-5-
«مەن تەكلىماكاننىڭ چېتىدىكى بىر يېزىدا چوڭ بولغان، بالىلىق ۋاقىتلىرىم تۇلىمۇ كۈڭۈللۈك ئۆتكەن بولسا كىرەك. كىچىك چېغىمدا دائىم ئاتا-ئانام مىنى نە-نەلەرگىچە ئېلىپ بېرىپ يۈرىشەتتى.ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاش باي سودىگەرلەر ئىدى. بارا-بارا يېشىم چۇڭىيىشقا باشلىغان ۋاقىتتا ئاتا-ئانام مىنى مەجبۇرلاپ توي قىلىپ بەردى.مەن توي قىلغان كۈندىن باشلاپ شوخ، ساددا قىزدىن بىر كىچىدىلا يۈزۈمگە ياغلىق يېپىپ يۈرىيدىغان روپاش ئايالغا ئايلاندىم.ئۆي ئېتىز ئىشلىرى مىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىم ئىدى، مەن شۇنچە كۆپ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقساممۇ يەنىلا ئىرىمنى خوش قىلالمىدىم، كۈندە جىدەل، يۈزلىرىم كۈكەرگە، ياغلىق يېپىپ يۈرگەچكە يۈزىمنى ھېچكىم كۆرمەيتتى.بارا-بارا ئۆيدە جىدەل بولمىسا ئۈزەم قەستەن تۇنجى ئىرىم بىلەن جىدەللىشىدىغان بۇلىۋالدىم، چۈنكى شۇنداق قىلساملا ئىرىم مىنى قۇيۇۋېتەتتى.
تاياق-تىپىك دەستىدىن ماڭا ئارام بولمىدى، ئاخىرى مەن قارىم ئىرىمدىن ئاجراشتىم، خۇشاللىق بىلەن ئۆيگە بېرىپ ئولتۇردۇم. يۈزىمنى ئېچىۋېتىپ يۈرمەكچى بولدۇم.
-قىزىم، گۇناھ بۇلىدۇ، ھازىر يۈزىڭنى ئېچىپ يۈرسەڭ ئەل، كۈن نىمە دەيدۇ. داداڭ كىسەلچان بۇلۇپ قالدى. داداڭنى رازى قىل، يۈزىڭنى ئاچما، كىيىنچە 2-ئەرگە تەگسەڭ شۇ كۈندىن باشلاپ يۈزىڭنى ئاچساڭ بۇلىۋىرىدۇ. ناۋادا 2-ئىرىڭ يۈزىڭنى ئېچىپ يۈرىشكە رازىلىق بەرسىلا بۇلىدۇ، دىدى ئانام.
يۈزىمگە يېپىلغان بىر قېتىملىق قارىم ئىرىمنىڭ رازىلىقى بىلەن ياپقان ياغلىقنى ئېلىۋېتىشنىڭ شۇنچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام بەلكىم مەڭگۈ ئەرگە تەگمەيتتىم.
قىسقىسى مەن ئەر جامائەتتىن مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا دادامنىڭ كىسىلى ئېغىر بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسە باشقىلارنىڭ قاراڭلار قىزى يۈزىنى ئېچىۋەتتى، دادىسىغا يۈرۈپ كەتتى دىيىشتىن، گەپ تېپىپ ئارامخۇدا ياشىغىلى قويماسلىقىدىن ئەنسىرەپ يۈزىمنى يەنىلا پەرەنچە ئىچىدە ساقلىدىم.
بىراق مەن ئېتىزلاردا، ئادەم يوق جايلاردا ياغلىقىمنى ئېلىپ شامالدا پۇلاڭلىتىپ ئاسمانغا، ئاسماندىكى كۈنگە قاراپ خۇدادىن بەختىمنى بىرىشنى، مەن ھەقىقى ياخشى كۈرىدىغان بىر ئاق ئاتلىق شاھزادىگە ئۇچراشنى تىلەيتتىم. ئۇزۇنغا بارماي مىنىڭ خىيالىمدىكى ئاق ئاتلىق پەرىشتە ئاخىرى ئۆز ئايغى بىلەن ئالدىمغا كەلدى. مەن گەرچە توي قىلغان بولساممۇ تىخى ياش، گۈزەل ئىدىم، ياش قەلىبلەر باھارىغا، گۈللەرگە ۋە مۇھاببەتكە تەلپۈنىدۇ. يىگىتلەرگە نىسپەتەن مۇھەببەت تۇلىمۇ سىرلىق ھەم ناتۇنۇش بىلىنگىنى بىلەن ماڭا نىسپەتەن ئۇنداق ئەمەس ئىدى.
بىر كۈنى مەن قوي باققىلى دەريا بۇيىغا باردىم، باراقسان سۈگەت دەرەخلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان ئاشۇ دەريا بۇيىدا مەن ئەتراپتا ھېچكىمنىڭ يوقلىقىنى كۈرۈپ كىنولاردىن دۇرىۋالغان ناخشا، ئۇسۇللارنى ياغلىقىمنى يىشىپ شامالدا پۇلاڭلىتىپ بار ئاۋازىم بىلەن توۋلاپ دوراۋاتاتتىم.
تۇيۇقسىز سۈگەت دەرىخى كەينىدىن چىقىپ چېلىنغان چاۋاك مىنى تەمتىرتىپ قويدى دە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم، ئالدىمدا كىلىشكەن بىر يىگىت قۇلىدىكى سومكىنى يەردە قۇيۇپ ماڭا قاراۋاتقان ئىكەن، يۈزلىرىم شەلپەردەك قىززىرىپ ياغلىقىمنى يۈزىمگە ئۇراپلا كەينىمگە قاراپ بار كۈچۈم بىلەن يۈگۈردۈم ئالدىراشچىلىقتا ئالدىمدىكى دەرياغا چۈشۈپ كەتتىم. يىگىتمۇ مىنى سۇدا ئېقىپ كىتىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى بولغاي كىيىملىرى بىلەنلا سۇغا سەكرىدى. مەن ھەقىيقەتەن قاينامغا كىرىپ قالغان ئىدىم. يىگىت مىنى كۈچەپ تارتىپ سۆرىدى. ئۈزەممۇ بىلمەيلا سۇ ئىچىدىلا سۇدىن قۇتۇلۇشنىڭ غېمىدىمۇ ياكى كىلىشكەن يىگىت بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ يىگىتنىڭ بوينىغا گىرە سالدىم، يىگىت مىنى ئىككى قوللاپ كۈتۈرۈپ دەريا قېىغا ئېلىپ چىقتى، ھۇجۇدۇمدا ئەزەلدىن بولوپ باقمىغان بىر سىزىم پەيدا بولدى، شۇ سىزىمنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كىرەك يىگىتنىڭ بوينىدىن قۇلۇمنى ئاجراتمىدىم، مەڭگۈ ئاجراتماي شۇنداق تۇرشىنى ئارزۇ قىلاتتىم، شۇ كۈنى بۇرۇنقى ئىرىم ماڭا بىرىپ باقمىغان ھەقىقى مۇھەببەتنى ھىس قىلدىم. قىسقىسى ناتۇنۇش بىر يىگىتكە ئۈزۈمنى ئاتىدىم.
-ئىسمىڭىز نىمە چىرايلىق قىز-دىدى يىگىت كۈزىمنىڭ تىگىگە قاراپ.
-تىللاخان: دىدىم مەن ھۇدۇقۇپ.
-مەڭگۈ مىنىڭ ئالتۇن تىللايىم بۇلۇشنى خالامسىز –دىدى يىگىت.
-خالايمەن-دەۋەتكىنىمدىن ئۈزۈممۇ ھەيران قالدىم.
شۇ كۈنى قويلىرىمنى تەس تېپىپ ئۆيگە كەچ كەلدىم.
-قاراڭغۇ چۈشكىچە نەدە يۈردۈڭ:دىدى ئانام مىنىڭ خۇشاللىقىمنى كۈرۈپ.
- قوي باقتىم.....
مەن كۈلدۈم، بۇ مىنىڭ ئاجراشقاندىن كىينكى ھەقىقى كۈلىشىم ئىدى.
ئالىمجاننىڭمۇ بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق، سۇغۇق ئۆتكەن ئىكەن، ئايالى ئالىمجاننى تاشلاپ كەتكەن ئىكەن. ئالىمجان مەندەك چىرايلىق قىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەچكە ماڭا ئاشىق بىقارار بولغان ئىكەن، ئالىمجان بىلەن 3ئاي ئەتراپىدا سۆرىشىپ يۈرۈپ ئاندىن توي قىلدىم.
مەن توي كىچىسى ئۈزۈمنىڭ ئاللىقاچان ھامىلدار بولغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.
مەن بۇ خوش-خەۋەرنى ئالىمجانغا ئېيتماقچى بولدۇميۇ توختاپ قالدىم.
چۈنكى بۈگۈن توي قىلىپ شۇ كۈنى بۇ گەپنى قىلسام ئالىمجاننىڭ خۇشاللىقىدىن يۈرىكى يېرىلىپ كىتىشتىن ئەنسىردىم، تويدىن كىيىن بىر ھەپتە دىلىغوللۇقتا، ئالدىراشچىلىقتا ئۆتكەچكە دىيەلمىدىم.
ئەپسۇس، شۇ قېتىم ئالىمجان ئىچكىرگە تىجارەت بىلەن تۇيۇقسىز كىرىپ كەتتى.قاچان چىقىشىنى بىلمەيتتىم. خوشلۇشۇش داۋامىدىمۇ ئالىمجانغا ئۇچۇق دىيەلمىدىم.
- بۇيۇمدا باردەك قىلىدۇ:دىدىم مەن ئارىدىن 2ئاي ئۆتكەندە، قېيىن ئانامغا.
-خۇشاللىقتىن بىشارەتكەن، ئالىمجانغا خەۋەر قىلايلى ........قېيىن ئانام خۇشال بۇلۇپ كەتتى، بۇ چاغدا قۇرسىقىمغا ئاللىقاچان 5ئاي بۇلغان بۇلۇپ خېلى چۇڭۇپ قالغان ئىدى.
-قوشكىزەك ئوخشايدۇ. بەك تىز چۇڭۇپ كەتتى. ........قېيىن ئانام مىنى كۈتۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
ئۈچ ئاي ئۈتە-ئۆتمەي ھېلى تۇغۇۋېتىدىغاندەك بۇلۇپ قالدىم، بۇ جەرياندا ئالىمجاندىن ھېچ خەۋەر يوق ئىدى.
توۋۋا ، ئىرىم مىنىڭ بۇيۇمدا بارلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ تۇغىدىغان بولغان ئىدىم.توي قىلغىلى 6ئاي بولماستا پاخلاندەك ئۇغۇلدىن بىرنى تۇغدۇم، قېيىن ئانام ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالدى.
-ۋىييەي چىشى قۇدام سىلەرنىڭ كىلىنىلارنى تىخى ئۆيگە ئەكەلگىلى 6ئاي توشمىغان تۇرسا، ئالىمجانمۇ ئۆيدە يوق تۇرسا ئەجەپ تىز تۇغۇپتۇغۇ ماۋۇ خىنىم، قويمۇ يىلدا 2نى قۇزىلايدىغان ........
مىنى كۈرۈشكە كەلگەن بوينىغا يۇغان ئالتۇن زەنجىر سېلىۋالغان سىمىز بۇ چوكاننىڭ تەپ تارتماستىن قىلغان بۇ سۈزى مىنى ئۇڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى.
قېيىن ئانام شۇ كۈندىن بىرى ماڭا دوق قىلىدىغان بۇلۇپ قالدى.ئالىمجانمۇ كەلدى، ئويلىمىغان يەردىن ئالىمجاننىڭمۇ قۇپال مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ قالدىم.
-نىمە، نىمىنداق بالدۇر؟ توي قىلغىلى ئۇزۇن بولمىسا، بۇ بالا مىنىڭ ئەمەس، بۇ ھارامدىن بولغان بالا:دىدى ئالىمجان ماڭا ۋاقىراپ.
لېكىن ئالىمجان مىنى ھەقىقى ياخشى كۈرەتتى.مەن ھەيران قالدىم، ئىرىمگە يالۋۇردۇم، يىغلاپ تۇرۇپ دەريا لىۋىنى ئەسلەتتىم، بىراق ئالىمجان چىكىشنى ئۈگۈنۈپ قالغان ئىدى.
مەن كەتمەكچى بولدۇم، ئالىمجان ماڭا يالۋۇردى، تۇغۇتۇمدىن قوپماي تۇرۇپمۇ ئالىمجاندىن بىر قانچە قېتىم تاياق يىدىم، ئەتىسى ئالىمجان يالۋۇراتتى. مەن ئالىمجاننى ھەقىقى ياخشى كۆرگەچكىلا بۇ ئۆيدىن كىتىشنى خالىمايتتىم.
ئارىدىن 3ئاي ئۆتكەندە بۇ ئەھۋالنى ئانامغا دىدىم.
-ئۆز بالىسىنى ئىتراپ قىلمىغان ئادەم بىلەن ئۆي تۇتما ئاجىرشىپ كەت-دىدى ئانام.
-ئاجىرشىمەن، خېتىمنى بىرىڭ، دىدىم ئاستاغىنە، لېكىن مەن ئالىمجاندىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتىم.
-نىمە، بالىنىڭ دادىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەم ئايرىلىپ كەتمەيمەن، ماڭا ئۆز پۇشتۇم كىرەك.ئالىمجاننىڭ قۇپاللىق بىلەن قىلغان سۆزلىرى بىلەن مەن يەنىلا ئالىمجاننىڭ ئۈيىدە قالدىم.
ئوغلۇم قاسىمجان ئەنە شۇنداق ھاقارەتكە، خورلۇققا ئۇچۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بۇيۇمدا قالدى. بۇ چاغدا بالامغا 4ئايلىق بولغان ئىدى. مەن ئالىمجانغا ئېيتتىم، تۇغىسەن.....دىدى ئالىمجان خۇشاللىقتا.
-قاسىمجان تىخى كىچىك تۇرسا، دىدىم مەن ئالدۇرۋېتىشنى ئېيتتىم.
-سىنىڭ ھاراملىقىڭ بىلەن تەڭ چوڭ بۇلىدۇ. ئالدۇرمايمز تۇغۇسەن......
بىر ئايدىن كىيىن ئالىمجان يەنە ئىچكىرگە يول ئالغان ئىدى، 3كۈندىن كىيىن كەلگەن شۇم خەۋەر مىنى ئالدىراتتى.
«ئىرىڭىز قاتتىق ئاغرىپ قالدى كىسىلى نامەلۇم»تېلىفۇندا بىر قوشنىمىز شۇ گەپنى قىلدى.مەن بارمىسام بولمايدۇ. ھەرنىمە دىگەن بىلەن يولدۇشۇمغۇ، قاسىمجاننىڭ دادىسىغۇ، ئىتراپ قىلمىسىمۇ مەيلى لېكىن قۇرسۇقۇمدىكى بالىچۇ، ھەر ئىككى بالا دادىسىز قالسا بولماس، مىنىڭ ھېچ ئامالىم بولمىغاچقا قېيىن ئانام مىنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرۋەتكەچكە شۇڭا بالامنى نەرۋە ئاكامغا بېقىشقا بىرىپ پۇل جەملەپ ئىچكىرگە يولدۇشۇم ئالىمجاننىڭ يېنىغا باراي دىگەن. بالا بىلەن بارساممۇ ئالىمجاننىڭ ئاچچىغى كىلىشى ئىنىق، شۇڭا تەتۈر پىشانە بۇ بىچارىنى بالا ئازلايدىغان بىرسىگە بىرىۋېتىپ كىتەي دىگەن، مانا سەۋەپ مۇشۇ شۇ،.....ئايتىللاخان سۈزىنى تۈگەتتى.
-بالىنى ئېلىپ بېرىڭ، مەن سىزگە ياردەم قىلاي........
ئايتىللاخان جىمىپ قالدى.
-ئاچا سىزمۇ يالغۇزدەك تۇرىسىز بالىغا كۈزىڭىز چۈشكىنىنى مەن بىلدىم، مەيلى بالىنى سىزگە بىرۋېتەي مەن بىر ئاجىزە، سەپەردە نىمە بۇلا نىمە ئەمەس، بالىنى ياخشى تەربيلىسىڭىزلا مەن سىزدىن بالا تالاشمايمەن، كىچىك تۇرۇپ بۇ بالىنى خورلۇقتا قويغۇم يوق......
زارىخان دىلغولدا بۇلۇپ قالدىيۇ 6000يۇەن پۇلنى ساناپ ئايتىللاخاننىڭ ئالدىدا قويدى دە سىرىتقا چىقىپ دوستى خانساجىتىخاننىڭ يولدىشى توختى ئاخۇن بىلەن خانساجىتخاننى تېلىفۇن قىلىپ چاقىرتىپ كەلدى.
-بۇ ئايال بىلەن ھۆججەت تۇزۇڭلا مەن بۇ شەھەردىن ئەمەس، كىيىنچە بىر يەرلەردە ئۇچۇرشۇپ قالساق بالا غەللىسى قىلسا بولمايدۇ.....قۇرسىقىدىكى بالىنى چۇڭۇتۇپ ياخشى كۆرگەن ئېرى بىلەن باقسۇن مەن بۇ خىنىمنى زورلىمىدىم، ئاڭلاپ تۇرۇپسىلەر مەن ياردەم قىلاي بالىڭىزنى ئېلىپ كىتىڭ دىسەممۇ ئۇنىمىدى.مەيلى، مەنمۇ تەنھا، بۇ بالىغا ھەقىقى ئانىلىق مىھرىمنى بىرىپ باقىمەن، زارىخان بالىنى قۇچقىغا ئالدى دە مەڭزىگە سۆيدى.
زارىخان ئالىمجاننىڭ گىپىنى ئايتىللاخاندىن ئاڭلىغاندىن كىيىن بالا بېقىۋېلىش خىيالىدىن يانغان بولسىمۇ لېكىن ئايتىللاخان ھە دىسىلا بالىنى قۇيۇپ كىتىدىغانلىقىنى دەپ گىپىنى يورغىلاتتى-پۇل بەرمەسلىكىدىن ئەنسىردىمۇ ياكى بۇ ئۇماق بالىنى ھەقىقى باققۇسى يوقمۇ زارىخانغا بۇنىسى نامەلۇم ئىدى.زارىخان ئۈزىنىڭ تۇرىدىغان ئورنىنى باشقا شەھەردىن دەپ بەردى دە بالىنى ئېلىپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى........
-6-
بىر قانچە يىلدىن بىرى زارىخاننىڭ قاسىمجاننىڭ بېقىشقا نۇرغۇن ئەجرى كەتتى، ئەمدىلىكتە 2ئۇرۇندىكى كىيىم تىكىش كارخانىللىرىنى دۇكاندىكى قىزلارغا تاشلاپ قويغان زارىخان ناھىيە مەركىزىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىپ قاسىمجاننى مەكتەپتە ئۇقۇتۇشقا باشلىدى.
-زارىخان ئەجەپ تەلەيلىككەنسەن، ئەردىن تەلىيىڭ چىقمىغان بىلەن بالىدىن تەلىيىڭ چىقتى، قارا ئوغلۇڭ قاسىمجان نىمە دىگەن ئۇماق بۇ يىل قانچىنچى يىللىققا چىقتى:سورىدى خانساجىتخان سىرىتتا بالىسى بىلەن ئويناۋاتقان قاسىمجانغا مەسلىگى كىلىپ.
-سىنىڭ بالاڭدىن بىر سىنىپ يۇقرى، كىلەر يىلى تۇلۇق ئوتتۇرغا چىقىدۇ-دىدى زارىخان ئۈستەلگە تاماق تىزىۋېتىپ.
-كۆردۈڭمۇ مىنىڭ ئوغلۇم ئاسىم، سىنىڭ ئوغلۇڭ قاسىمغا نىمە دىگەن ئوخشايدۇ ھە.....دەۋەتتى خانساجىتخان.
-نىمىگە ئاساسەن ئوخشايدۇ دەۋاتىسەن، شۇنداق ئۇلار ئوخشايدىكەن، سىنىڭ بالاڭنى مەن كۆرمىگىلى 8 -10يىللار بۇلۇپ قالدى. سەنمۇ ئىچكىردىن ئىرىڭ توختى ئاخۇن بىلەن كىلىپ بالاڭنى كۈرۈشىم تۇنجى قېتىمكەن، مەنمۇ دىققەت قىلماپتىمەن ئۆتكەن يىلى تېلىفۇندا كۈرۈشكەندە بالاڭ ئاسىمنى 8-يىللىقتا ئۇقۇيدۇ دىگەنتىڭ ئەمەسمۇ-دىدى زارىخان.
-مەن سەندىن بىر گەپنى يۇشۇرغان ئىدىم. دىدى خانساجىتخان كۈزىگە ياش ئېلىپ.
-نىمە گەپنى يۇشۇرغان. زارىخان ھەيرانلىق بىلەن سورىدى.
-ئەمىلىيەتتە مىنىڭ ئوغلۇمنىمۇ، سىنىڭ ئوغلىڭنىمۇ ئايتىللاخان تۇققان........سەن بىلىسەن، سەن ئايتىللاخاندىن بالاڭنى ئېلىپ قالغاندا ئايتىللاخاننىڭ قۇرسىقى چۇڭۇپ قالغىنىغا دىققەت قىلغانمۇ، شۇ بالا شۇ......دىدى خانساجىتخان
-نىمە بۇلۇپ بۇنداق بۇلىدۇ، نىمىشقا مەندىن يۇشۇرسەن........سۆزلىگىنە ئايتىللاخان ھازىر قەيەردە، ئاسىمجان سىنىڭ قۇلۇڭغا قاچان چۈشكەن، زارىخان جىددىيلىك بىلەن سورىدى.
-ئاسىمجان قۇلۇمغا 3ياشقا كىرگەن يىلى چۈشكەن، ئايتىللاخاننى بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر كۆردۈم، شۇنىڭدىن كىيىن كۆرمىدىم..........
ئىزدىرگىنى قىلىپمۇ باقتىم لېكىن بۇرۇن تۇرغان ئۇرۇندا يوق......مەن ساڭا سۆزلەپ بىرەي .........خانساجىتخان ئالدىدىكى ما نتىدىن 2نى يەۋېتىپ چاي ئىچتى دە پۇتۇنى سۇزۇپ ئولتۇرۇپ سۈزىنى باشلىدى.
«ئاداش ئىككىمىزنى خۇدا تەتۈر پىشانە يارىتىپتىكەن، تۇغماسلىق ئەيىپ ئەمەس دەەپ ئويلايمەن، كۈرىۋاتىسەنغۇ ئەنە ئۇغۇللىرىمىز شۇنچىلىك غەمسىز ئويناۋاتىمامدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر ئانىنىڭ باللىرى ئىكەنلىكىنى بىلسە قانچىلىك خۇشال بۇلۇپ كىتەر ھە.....» خانساجىتخان ياغلىقىنىڭ ئۇچچىدا كۆز يېشىنى سۈرتتى.
-7-
-ھازىر بىلسە بولمايدۇ، قەتئى بولمايدۇ، دىدى زارىخان يۇتۇلۇپ كەتتى.
خانساجىتخان زارىخانىڭ دۈمچىسىگە يىنىككىنە مۇشلىدى دە سۈزىنى داۋاملاشتۇردى.......
- مەن ئايتىللاخاندىن سەن قاسىمجاننى ئېلىپ كىتىپ ئايرىلغاندىن كىيىن ئۆيگە كەتتىم. بۇ چىرايلىق ئايالمۇ ئىرىنى .ئىزدەپ ئىچكىرگە سەپەر قىلماقچى بولدى.
ئۇزۇنغا قالماي تىرىكچىلىك باھانىسى بىلەن مەنمۇ ئىرىم توختى ئاخۇن بىلەن تەلىيمىزنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئىچكىرگە باردۇق.
شاڭخەي دىگەن شۇنچە چوڭ شەھەركەن، شاڭخەينىڭ پودۇڭ دىگەن يىرىچۇ تىخى، ئىچكىردە مىنىڭ كۈزۈم ئېچىلدى، گۇلە- قاق سېتىپ يولدۇشۇم توختى ئاخۇن بىلەن تىجارەت قىلدىم.
شەھەر مەركەزلەردىن چەت جايلارغىچە بىزنىڭ تىجارىتىمىز ھەر ئايدا يۆتكىلىپ تۇراتتى.تۇساتتىن بىر شەھەردە ئايتىللاخاننى ئۇچۇرتۇپ قالدىم، بىچارە تۈگۈلۈپلا كەتكەن ئىكەن، سۇراپ يىتىلىۋالغان 3ياشلىق بالىسى بىلەن تىلەمچىلىك قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ، تىلەمچىلىك قىلغان پۇللىرىنى ئىرى ئالىمجان بىلەن خەجلەيدىكەن-ئايتىللاخاننىڭ ساڭا دىگەن ئالىمجان دىگىنى دەل سەن تەككەن، سىنى تاشلىغان ئەسلىدىكى ئىشلەمچى دىھقاندىن ئەمدىلىكتە ئىچكىردە بىر مەھەل خۇجايىن بۇلۇپ بارلىق بىساتلىرىنى قىمارغا تىكىپ ئۇتتۇرۋەتكەن ئالىمجان ئىكەن. ئالىمجان بارلىق بىساتىنى ئۇتتۇرۇپ بۇلۇپ دەرىت ھەسرەتكە چىدىماي چىكىۋالدىغان بۇلۇپ قاپتۇ، چىكىۋېلىپ ياكى خۇمارى تۇتۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئايتىللاخاننىڭ مەھەللىدىكى ئەمدىلا ئىچكىرگە كىرگەن ئايتىللاخاننىڭ قوشنىللىرى ئايتىللاخانغا يولدىشىڭىز ئېغىر كىسەل دەپ خەۋەر بەرگەن ئىكەن.
ئايتىللاخاننىڭ ئالىمجاننىڭ يېنىغا كىلىشى ئالىمجانغا ئاز تۇلا ئۈمۈت ئاتا قىلغان بولسىمۇ يەنىلا چىكىشنى تاشلىماپتۇ.
سەن كۆرگەن گۈزەل بۇ قىز ئىچكىردە دۇزاق ئازابى تارتىپ 3يىلغىچە چىداپ بەزىدە تىلەمچىلىك قىلسا، بەزىدە ئىرى كۆپ پۇل تاپسا خانشلاردەك ياشاپ ئاسىمجاننى خۇددى سەرگەردان بالىنى يىتىلىگەندەك يىتىلەپ يۈرۈپ جان بېقىپتۇ، ئايتىللاخانمۇ ئىچ ئاغرىتىدىغان ئايال ئەمەسكەن، ئىرى ئالىمجاننى تۇسۇش تۈگۈل ئىرىنىڭ خۇمارىنى بېسىش ئۈچۈن زەھەر تۇشۇشپىشقا باشلىغان ئىكەن.
بىز ئۇچۇرشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئالىمجان بىلەن ئايتىللاخان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كەتتى.
مۇشتۇمدەك ئاسىمجان ھەم ئاتىسىز قالغاچقا مەن يېنىمدا ئېلىپ قالدىم.
كىيىن مەن قايتماقچى بۇلۇپ تۈرمىگە ئايتىللاخاننى يوقلاپ باردىم.ئايتىللاخان 15يىللىق ھۈكۈمگە بۇيرۇلغان ئىكەن، ئاھ، 15يىل، بىچارە، نىمە دىگەن ھەسرەتلىك ئايال بۇ، زەھەر بۇ ئائىلىنى مانا مۇشۇنداق خوراتقان ئىدى، ئايتىللاخان يۆتكىگەن زەھەرمۇ خېلى بار ئوخشايدۇ.
-جېنىم ئاچا سىزدىن بىلەك تۇنۇشۇم يوق، بالام ئاسىمجاننى سىز ئىچكىردىن ئېلىپ چىقىپ كىتىڭ، ئۇ مەندەك گۇناھكار ئانىسىنىڭ بارلىقىنى بىلمىسۇن، سىز قاتارغا قۇشۇڭ........بۇ ئايالنىڭ يۈرىكى ئەلۋەتتە تاش ئەمەس ئىكەن.
-ئىپلاس ئالىمجان، مىنى ئالدىدى، مىنى ئالدىدى، خەپ، ئەسلىدە ئالىمجان زەھەرنى ئايتىللاخانغا تۇتقۇزۇپ يۆتكەتكەن بۇلۇپ ئايتىللاخان تۇتۇلغاندا نەلەرگىدۇ يۇقالغان ئىدى.
15يىل ئاز گەپمۇ، مەن ئاسىمجاننى شۇ چاغدا ياندۇرۇپ چىققان شۇنىڭدىن بىرى ئۇقۇتۇۋاتىمەن، ئايتىللاخان تۈرمىدىن كەلمەس دەپ ئويلىغان ئىدىم، مانا ھازىر ئون نەچچە يىل بولدى، ئايتىللاخاننىڭمۇ چىقىدىغان ۋاقتى بۇلۇپ قالغاندۇ» خانساجىتخان گىپىنى ئاخىرلاشتۇردى.
-ئايتىللاخاننى ئىزدەپ باقمىدىڭمۇ.
-تۈرمە شۇنچە كۆپ تۇرسا، كىيىن بارسام يۆتكىۋەتتى دىيىشتى، نەگە يۆتكىگىنىنى بىلەلمىدىم..........
-ئىزدەپ باقايلى - دىدى زارىخان.
-نەدىنمۇ ئىزدەيمىز ..............
ئىككى ئايالنىڭ بىر بالىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە سۆزلەشكەن سۆزلىرى مانا مۇشۇنداق باشلىنىپ ئاخىرلاشتى.........
-8-
قاسىمجاننىڭ چوڭ بۇلىشىغا ئەگىشىپ كەمتەر، كىچىك پىل، ئەدەپلىك چوڭ بولدى، مەكتەپلەردە قاسىمجان ئىرىشكەن نەتىجىلەرگە قانائەتلىنىپ قالماستىن ئۆزلىكسىز تىرىشىپ تىخىمۇ يىڭى نىشانلارغا قاراپ ئىلگىرلەيتتى.تىتىك، شوخ، چىچەن، ئىنكاس قايتۇرۇشقا ماھىر، ھەقىقى ئۇغۇل بالىلىق خارەكتىرى قاسىمجاننىڭ ۋۇجۇدىدا مۇجەسسەم بولغاچقىمىكىن قاسىمجان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كىلىپ ئىمتاھان بىرىپ دەرھال ساقچىلىققا قۇبۇل قىلىندى.
بۇ زارىخاننىڭ تۆھپىسى دىيىش بىلەن بىللە قاسىمجان مەكتەپنى ياخشى ئۇقۇغانلىقنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
رىئال تۇرمۇشتا ئاشكارلانغان ئىللەتلەر قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، قورقۇنۇچلىغى زارىخانغا نىسپەتەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغلى قاسىمجان ئۇقۇپ قالسا بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈش ئەڭ قىيىن مەسىلە ئىدى.
خۇددى باياۋاندىكى ئۇزۇن سەپەر كارۋانلىرىدەك نۇرغۇن جەۋرى-جاپا مۇشەقەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن زارىخان ئەمدىلىكتە ئىگىز-پەس، ئەگۈر-تۇقايلىقتىن بېسىپ ئۈتۈشى كىرەك ئىدى.
ئەنسىرەيدىغان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى.كۇچىدا ئايتىللاخان زارىخاننى قاسىمجاننىڭ ماشىنىسىدىن چۈشىۋاتقاندا ئۇچۇرتۇپ قالدى. ئايتىللاخاننىڭ كۈزى بىلەن زارىخاننىڭ كۈزى ئۇچراشتى، زارىخان قاسىمجانغا ئىشارەت قىلدى.
- ئانا، بۇ كىم ..........
- مىنىڭ بۇرۇنقى قوشنام، بالام سەن ئىشىڭغا مېڭىۋەر، مەن قوشنام بىلەن پاراڭلىشىپ بۇلۇپ ئۆيگە قايتاي.......دىدى.
زارىخان ئايتىللاخاننىڭ يېنىدا قالدى، قاسىمجان ساقچى شەپكىسىنى ئېلىپ ئايتىللاخانغا سالام قىلغاندىن كىيىن خوشلۇشۇپ ماشىنىغا چىقىپ يۈرۈپ كەتتى.
-كەپقاپسىزغۇ-دىدى زارىخان.
-ئوغلۇمنى سۇراپ كەلدىم....دىدى ئايتىللاخان قۇپاللىق بىلەن ياغلىقىنى كەينىگە تاشلاپ.
-نىمە، سىنىڭ نەدە ئوغلۇڭ بار، تەپ-تارتماي شۇ گەپ ئاغزىڭدىن چىقتىمۇ، دىدى زارىخان ئاچچىقلىنىپ.
-سىزنىڭ ئوغلۇمنىڭ ھىمايىسىدە ياخشى كۈن كۆرگەنلىكىڭىزنى كۈرۈپ ئىچىم سىيرىلدى، شۇڭا ئوغلۇمنى قايتۇرۋالسام ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا مىنى ياخشىراق باقار دىگەن نىيەتتە سەندىن ئوغلۇمنى سۇراۋاتىمەن-دىدى ئايتىللاخان.
-ئالۋاستى، تىخىغىچە ئۆز تەبىيتىڭنى يۇقاتماپسەندە.........
-قايتۇرۇپ بەرمىسەڭ ئۈزەم ئوغلۇمغا دەيمەن.......
زارىخان ئايتىللاخاننىڭ ئىنىكىگە بىرنى سالدى.
-مەن ھەر ئىككى ئوغلۇمنى قايتۇرۋالىمەن، بىلدىم خان سايىپ دىگەن دوستۇڭمۇ مىنىڭ ئوغلۇم ئاسىمنى تارتىۋالدى، سەنمۇ شۇ.....ئايتىللاخان غەزەپكە كەلگەن ئىدى.
-ئۈزۈڭنىڭ شورى بالىلاردا گۇناھ يوق، قانچە پۇل ئالىسەن.....دىدى زارىخان.
-پۇل....پۇل....پۇل ئەمدىلىكتە مەن ئۈچۈن بەرىبىر، مەن تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىنمۇ ئازراق پۇل تاپتىم، ماڭا پۇلنىڭ لازىمى يوق، ماڭا ئوغلۇم كىرەك-ئايتىللاخان يېرىلغۇدەك بۇلۇپ يىغلاپ كەتتى.
-گەرچە قاسىمجاننى مەن تۇغمىغان بولساممۇ، مەن ئۇنىڭغا بارلىغىمنى ئاتىدىم، ئۇ مىنىڭ بارلىغىم، ھېچكىم قاسىمجاننى ئۆز بالىسى ئەمەس دىيەلمەيدۇ، ئۇ ھازىر ساڭىمۇ، ماڭىمۇ ئوخشىمايدىغان خارەكتىرگە ئىگە.پىشقان يىگىتكە ئايلاندى. ئۇ گەپلەرنى دەپ يۈرمە، ئوغلۇمنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمە، ئۆز ۋاقتىدا تاشلىۋېتىپ ئەمدىلىكتە ئوغلۇمنىڭ ساقچى فورمىسى كىيىپ جەمىيەتتە بىر كىشلىك ئۇرۇنغا ئىرىشىپ ھايات يۇلىغا قەدەم باسقاندا سىز يەنە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلماقچىمۇ، ئۆز ۋاقتىدا قاسىمجاننىڭ ياشاش ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغانمۇ سىز، ئۈزىڭىزدىن كۈرۈڭ، كۆرگىڭىز كەلسە كىلىپ قوشنىلىق سالاھىيتىڭىز بىلەن كۈرۈپ كەتسىڭىز بۇلىدۇ، قاراڭ مۈكچىيىپ دوڭغاقلاپ قاپسىز، مەندىن خېلى كىچىك تۇرۇپ مەندىن قېرى كۈرىنىسىز...ۋىجدانىڭىز بىلەن ئىش قىلىڭ.......زارىخان يېرىلغۇدەك بولدى.
-قاچان كۆرسەم بۇلامدۇ....ئايتىللاخان يىغىدىن توختىدى.
- كۆرسەڭ بۇلىدۇ، لېكىن ئانىلىق سالاھىيەت بىلەن ئەمەس قوشنىلىق مىنىڭ بۇرۇنقى قوشناملىق سالاھىيى بىلەن كۈرىسىز........
-ئاچا .......سىزدىن ئەپۇ سۇرايمەن....
-بولدى .......بولدى زارىخان ئايتىللاخاننىڭ دۈمچىگە يىنىككىنە ئۇرۇپ قويدى.
-ئالىمجانچۇ.........سورىدى زارىخان، ئايتىللاخاننىڭ كۆزلىرى غەزەپكە تولدى.
- ئۇ ئەبلەغ ھازىر مۇشۇ شەھەردە بار. يېقىندا قەشقەردىن كەپتۇ، چوڭ خۇجايىن بۇلۇپ قاپتۇ يېقىندا توختىئاخۇن بىلەن كۈرۈشۈپتۇ، خان سايىپخان ئۇ ئەبلەخكە ئاسىمجاننىڭ ئۈزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى دەپتۇئەسلىدە ئالىمجان، ئاسىم ھەم قاسىملارنى، مىنى تاشلىۋەتكەن، ئۇ ئەبلەغ ھازىر قانۇنى يول ئارقىلىق ئاسىمجاننى قايتۇرۋالماقچى بۇپتۇ، مەن ئەسلى قايتۇرۋالسا مەيلى دەپ ئويلىغان لېكىن ھازىر ئويلىسام ئۇنداق قىلسام بولمىغۇدەك ئاسىمجاننىمۇ خانسايىپخان ئۆز بالىسىدەك باقتى، ئەمدىلىكتە ئاسىمجان ئەمدىلا دۇختۇر بۇلۇپ دۇختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقاندا بۇ ئشلارنى بىلسە مەندىن ئاغرىنماسمۇ.......راسىت، ئالىمجانغا يول قويمايمەن، ئەبلەغ.........ئالىمجان ئەبلەغ ......ئالىمجان ھازىر ياش خۇتۇن ئېلىۋاپتۇ، ئويلاپ بېقىڭ مەن ئالىمجان ئۈچۈن نىمە قىلمىدىم، ئالىمجان ئۈچۈن باغرىمنى يېرىپ چىققان بالىنىمۇ ساتتىمغۇ........
زارىخان بىلەن ئايتىللاخان قۇچاقلىشىپ يىغلاپ كىتىشتى......
-9-
كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلىگەن چاغ، ئايتىللاخان شەھەر مەركىزىدىكى دۇختۇرخانا ئىچىگە كىردى، دە تاشقى كىسەل بۈلىمى ئىچىدىكى كارىدوردا ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردى.
دوختۇر ئۇياقتىن بۇياققا ئۈتۈشۈپ ئالدىراش ئىدى.
-ئاسىم دوختۇر جىددى ئوپراتسىيە بار، دوختۇرخانا باشلىقى سىزنى قىلمىسا بولمايدۇ دەيدۇ.....:چىرايلىق بىر سىستىرا قىز قەغەزنى كارىدوردىكى بىر دۇختۇرغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
ئايتىللاخان ئۇرۇندۇقتىن دەس تۇردى دە ئوغلىغا قارىدى قاسىمجان بىلەن ئوخشاش چىىراي، چوڭ كۆز، قېلىن كالپۇك، قارا قاش، بۇرىتى خەت تارتقان بۇ كىلىشكەن دۇختۇر بالا ئايتىللاخاننىڭ 2-ئوغلى ئاسىمجان ئىدى.شۇ تاپتا ئايتىللاخان ئاسىمجاننى باغرىغا بېسىشقا، مەن سىنىڭ ئاناڭ دەپ ئوغلىنىڭ ھىدىنى پۇراشقا نەقەدەر تەشنا ئىدى.
ئايتىللاخان ئۇرۇندۇقتا قايتا ئولتۇرۋالدى.ئاسىمجان بىر ئىشىخانىغا كىرىپ بىر نەرسىلەرنى قۇلىدا تۇتۇپ كارىدورغا چىقىپ ئۇدۇل ئوپراتسىيە ئۈيىگە ماڭدى دە كەينىگە قارىدى.
-ئانا بۇ سەنما؟ ئاسىمجاننىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئايتىللاخاننى تەمتىرتىپ قويدى، دە ئۇرۇندۇقتىن دەس تۇردى.
ئەسلىدە ئاسىمجان كارىدور ئىشكىدىن تاماق قاچىسىدا تاماق كۈتۈرۈپ كىرگەن خانسايىپخاننى كۈرۈپ چاقىرغان ئىدى.
-تامىقىڭنى ئىسسىقىدا يەۋال بالام .....
-نىمە جاپا تارتىسەن، كۈندە تاماق تۇشامسەن.....چارچاپ كەتتىڭ ئانا، تاماق ئەكەلمە ...ئۆيگە بارغاندا يەيمەن دەپ نەچچە رەت دىدىمغۇ، قارا تەرلەپ كىتىپسەن.......ئاسىمجان خانسايىپخاننىڭ پىشانىسىدىكى ياغلىقىدىن سىرتقا چىقىپ قالغان ئاپپاق چاچلىرىنى ياغلىقى ئىچىگە قۇلى بىلەن تىقىپ قويدى دە تاماق قاچىسىنى قۇلىغا ئالدى.
-ئانا مەن ئالدىراش كەچتە كۈرشەيلى، ئوپراتسىيگە كىرمىسەم بولمايدۇ. .......
-تامىقىڭنى ئىسسىقىدا يەۋالمامسەن.......
-ھېلى يەيمەن.....
-كەچتە نىمە تاماق يەيسەن....
-تاماق ئەتمىسەڭمۇ بۇلىدۇ، ھازىرقى تاماقنى بىللە يەيمىز.....ئاسىمجان ئانىسىغا قاراپ كۈلدى.دە ئوپراتسىيە ئۈيىگە كىرىپ كەتتى.
-ھو شەيتان......
خانسايىپخان كەينىگە ياندى دە ئۈزىگە قاراپ تۇرغان رومال ئارتىۋالغان ئايال بىلەن كۈزى ئۇچۇرشۇپ قالدى.
ئايتىللاخان خانسايىپخانغا سالام قىلدى.
-ئاچا مىنى تۇنىدىڭىزمۇ...دىدى ئايتىللاخان خان سايىپخاننى ئۇرۇندۇققا تەكلىپ قىلدى.
-تۇنۇدۇم خىنىم ...تۇنۇدۇم، بۇ يەرگە نىمىشقا كەلدىڭىز، يۈرۈڭ سىرتقا چىقىپ پاراڭلىشىمىز....
خانسايىپخان بىر نەرسىدىن قورۇققاندەك ئايتىللاخاننىڭ قۇلىدىن سۆرەپ دىگەندەك دۇختۇرخانا سىرتىغا چىقتى.
-باشقىچە ئويلاپ قالماڭ، ئۈزەمچىلا بالىنى كۆرگۈم كىلىپ شۇڭا كەلگەن خاتىرجەم بۇلۇڭ بالا سىزنىڭ تارتىۋېلىش خىيالىم يوق، لېكىن سىزگە بىر شۇمخەۋەرنى دەپ قويغىلى كەلدىم.
«ئالىمجان»دۇختۇر ئوغلىنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتمەكچى بۇپتۇ، يامان يىرى كەلسە قانۇن ئالدىغا بارىمەن دەۋاتقۇدەك بەلكىم ئالا سۆزلىشى مۇمكىن، بالىلار چۇڭۇپ قالدى، سىزنى ھېزى بولسۇن دەپ، دەپ قويغىلى كەلدىم.دىدى ئايتىللاخان قورقۇمسىراپ.
-جۈرۈڭ ئۆيگە بېرىپ سۆزلىشەيلى، تىللاخان ئوياتچان ئايال بولغاچقىمىكىن تىللاخاننى تاكسى تۇسۇپ ئۈيىگە ئېلىپ باردى.
-ئايتىللاخان باشقا گەپنى قۇيايلى مەن ئالىمجانغا قاسىمجان ھەم ئاسىمجاننىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىنى سۆزلەپ بىرىپتىمەن. سىزنىڭ ئىزدىرىكىڭىزنى قىلىۋېتىپ ئۇچرىشىپ قالغان سىزنى ياخشى تۇرىۋاتىدۇ، ھازىر تىجارەت بىلەن شاڭخەيگە مال يۆتكەپ كەتتى.چوڭ سودىگەر بۇلۇپ كەتتى دەۋاتاتتى.مەن قاسىمجاننىڭ ئەھۋالىنى ئوغلۇم ئاسىمجاننىڭ ئەھۋالىنى ھەتتا زارىخاننىڭ بارلىق كەچمىشىنى دەپ بىرىپتىمەن، ھەتتا قاسىمجاننىڭ ھازىرقى ئاپىسىنىڭ زارىخان ئىكەنلىگىنى ئۇلارنىڭ شەھەردە ھەمدە سەھرادا تۇرالغۇ جايلىرىنىڭ بارلىغىنىمۇ دەپ بىرىپتىمەن.ماڭا كۆپ رەھمەتلەرنى ئۇقۇپ ئاسىمجان بىلەن قاسىمجانلارغا نۇرغۇن مال-مۈلۈك بىرىدىغانلىقىنىمۇ دىگەن شۇڭا ....-دېدى خان ساجىتخان.
-خاتالىشىپسىز، ئۇ ئەبلەخنىڭ ياغلىما گەپلىرىگە ئىشىنىپ كىتىپسىز....
ئايتىللاخان قانداقتۇر بىر نەرسىنى سەزگەندەك جىمىپ قالدى .....
-10-
-ھەي ساقچى بالا بۇياققا كىلە.
ماشىنىنى ئەمدىلا توختىتىپ بازار چارلاشقا ماڭغان قاسىمجان چاقىرغان ئادەمگە قارىدى.
-داداڭنىمۇ تۇنۇمىدىڭمۇ؟ ...-دېدى پوزۇر كىيىنگەن، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر سېلىۋالغان ئۈزىنىڭ خېلى ياشقا بېرىپ قالغىنىغا قارىماي نىيۇزەي ئىشقان كىيىۋالغان ئالىمجان تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ.
-مىنىڭ دادام ئۈلۈپ كەتكەن، كەچۈرۈڭ بالىڭىزنى خاتا تۇنۇپ قالغان ئوخشايسىز ....
قاسىمجان يولىنى داۋاملاشتۇردى.
-كىم مىنى ئۆلۈپ قالدى دەيدۇ، مەن تېخى ھايات ئۆلمىدىم، يارايسەن مىنى دورۇپسەن، خېلى پەيزىڭ بار چوڭ بوپسەن، ساقچىلىق نامرات كەسىپ خوجايىن بۇلۇشنى خالىساڭ يېنىمغا كىلەرسەن. دىدى ئالىمجان.
-مىنى بىرسىگە ئوخشاتقان ئوخشايسىز، كەچۈرۈڭ مەن سىزنى تۇنۇمايمەن-دېدى قاسىمجان.
-ئاناڭ زارىخاندىن سورىساڭ دەپ بەرمەسلىگى مۇمكىن، تۇققان ئاناڭ ئايتىللاخاندىن سورا، سىنى زارىخان بىزنىڭ يېنىمىزدىن ئوغۇرلاپ كەتكەن، ئىشەنمىسەڭ زادىخاننىڭ 25يىل ئاۋالقى جىنايەت ئارخىپىنى ساقچى بولغاندىكىن ئىزدەپ كۈرۈپ باق.زرىخاننىڭ تۈرمىدە ياتقانلىقىنى بىلىگەندىن كىيىن سىنىڭمۇ باشقا بۇۋاقلارغا ئوخشاشلا ئوغۇرلانغان بالا ئىكەنلىگىڭنى چۈشۈنۈپ قالىسەن.بەلكىم سىنىڭ ئوغۇرلانغان خاتىرەڭ يوق بۇلىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ زارىخان تۈرمىدىن چىقىپ قايتا قىلغان جىنايەت ئوغۇرلانغان نەرسە ئىگىسىگە قايتىشى كىرەك، سەن ياخشىراق ئويلىنىپ كۈرۈپ مىنىڭ يېنىمغا قايتىپ كىلەرسەن، مەيلى مەن ساقچىلارغا ئامراق، مىنىڭ يېنىمغا كەلگەندىن كىيىن ساقچىلىق قىلساڭمۇ بۇلىۋىرىدۇ.
ماڭا پايدىسى تىگىپ قالار ....ھا ھا .....ئالىمجان خۇددى غالىپلارچە كۈلمەكتە ئىدى.
-سەن يالغان سۆزلەۋاتىسەن....-دېدى قاسىم.
-سەن ئانامغا ھاقارەت قىلىۋاتىسەن، ھۇ ئەبلەخ، ساراڭ....قاسىمجان ئالىمجاندىن ئايرىلىپ چارلاش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغاندىن كىيىن ئىشخانىسىغا كىردى.
25يىل ئىلگىرىكى زارىخاننىڭ جىنايەت خاتىرىسىگە قاراپ باق ....
سەن ئوغۇرلانغان ئاناڭ ئايتىللاخاندىن سورا، زادىخان ھەرگىز دىمەيدۇ...
قاسىمجان ئىدارىنىڭ ئارخىپ ئىشخانىسىغا كىردى.
-بىر دىلو توغۇرلۇق ئارخىپ ئىزدىمەكچى مانا تەستىق .... ئىزدىشىپ بىرىڭ-دېدى قاسىمجان ئارخىپچى ئايالغا.
- 25يىل ئاۋالقى ئارخىپ ئاخىرى تېپىلدى، كونا خام قەغەزدىن پەرىقلەنمەيدىغان، شاپىگىراپتا بېسىلىدىغان بۇ ئارخىپ ئەينەن پېتى ساقلانغان ئىدى.
قاسىمجان ئانىسى زارىخاننىڭ ھەقىقەتەن 25يىل ئىلگىرى بىر قىز بوۋاق ئۇغۇرلاپ 3يىل كىسىلگەنلىگىنى بىلدى.
«ئەجىبا، مەنمۇ ئۇغۇرلانغان بالىمۇ؟ كىمدىن سورايمەن؟... ئالىمجاننىڭ گېپى ھەقىقەتەن راسىتتەك تۇرىدىغۇ!....»
قاسىمجاننىڭ كاللىسىغا ھەرخىل چىگىش خىياللار كىرىۋالدى.
گادىرماچ خىياللار ئىچىدە قاسىمجان قانداق ۋاقىتتا ئىشتىن چۈشكەنلىكىنىمۇ سەزمەي ئۆيىگە باردى، ئۆيدە ئانىسى يوق ئىدى.
قاسىمجان ئانىسى زارىخاننىڭ سەھرادىكى ئۆيگە چىقىپ كەتكەنلىگىنى بىلەتتى-ئۇ ئۇدۇل ماشىنىلىق سەھرادىكى ئۆيىگە چىقتى.
-كىلە بالام....شەھەرگە ئەتە كىرەيلى، ئوخشىتىپ تاماق ئىتىپ يەيلى....دىدى زارىخان ئوغلىغا غۇلىچىنى كەڭ ئېچىپ.
-ئانا سىز مىنى ئوغۇرلىغانمۇ؟ ....كەسكىنلىك بىلەن سۇرالغان بۇ سۇئال زارىخاننى گاڭگىرتىپ قويدى.
-ياق .... ئۈزەم تۇققان .....دىيەلىدى زارىخان
-يالغان .... ئالۋاستى ئانا ئىكەنسەن، زارىخاننىڭ يۈرىكى مۇجۇپ ئاغرىشقا باشلىدى، ئۇزاققىچە قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇش زارىخاننى روھى جەھەتتىن تېخىمۇ قاتتىق ئازاپلاشقا باشلىدى .....
-11-
ئايتىللاخان ئاددىيغىنە بىزەلگەن ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيىدە نىمىنىدۇر خىيال قىلىپ ئولتۇراتتى. ياش ۋاقىتلىرىدا ئەرنى دەپ ئۆز يۈرەك پارىلىرىدىن بىر-بىرلەپ ئايرىلغان بۇ ئايال خېلى جۈدىگەن ئىدى.ئايتىللاخان سۇپا ئۈستىدە قۇيۇلغان شىرەنى تامغا يۆلەپ قويدى-ئالما ئاقلاپ يىگەن پىچاقنى شىرەنىڭ يان تەرىپىگە قويدى.سۈپۈرگىنى ئېلىپ ئۆيلەرنى بىر ئاز سەرەمجانلاشتۇردى.
چۈنكى بۈگۈن ئۆيىگە بىر مىھمان كەلمەكچى ئىدى، ئەسلىدە ئايتىللاخان ئالىمجانغا تېلىفۇن قىلىپ باللىرى توغۇرلۇق پاراڭلاشماقچى ئىدى.
ئىشىك چىكىلدى.
-كىرىڭ ....
-ئەجەپ خۇپىيانە چاقىرتىدىغان نىمە ئىشىڭ بار ئىدى ....قاتۇرۇپ كاستۇم-بورۇلكا كىيىۋالغان چاچلىرىنى قاپقارا بويىۋالغان بولسىمۇ چىرايىدىكى خالتا قورۇقلار مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرغان بۇ كىشى ئالىمجان ئىدى.
ئايتىللاخان ئالىمجاننى سۇپىغا باشلىدى.
-نىمە ئىشىڭ بار ئىدى، تىزراق دىمەمسەن...-دېدى ئالىمجان تاماكىسىنى توغرا چىشلەپ.
ئايتىللاخان ئۈندىمىدى، نىمىنىدۇر خىيال قىلىۋاتاتتى.
ئۆز ۋاقتىدا بارلىقى بىلەن سۆيگەن بۇ ئەرنىڭ باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىغا ھەيرانمۇ قالمىدى، چۈنكى ئايتىللاخان ئالىمجاننىڭ قانداق ئادەملىگىنى بىلگىلى خېلى زامان بۇلۇپ قالغان ئىدى. ئايتىللاخاننىڭ نەزىرىدە بارلىقىنى ۋەيران قىلغان مۇشۇ ئەر ئىدى.
-نىمە ئالدىرايسەن، سەن بىلەن ھىساپلىشىدىغان ئىشلار خېلى كۆپ-دېدى ئايتىللاخان.
سىرتتا ماشىنىنىڭ سىگنال بەرگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئىشلىرىم ئالدىراش، ماۋۇ پۇلنى خىراجەت قىلغىن.... ئالىمجان بىر تۇتام پۇلنى سۇپىدىكى ئۆڭۈپ كەتكەن گىلەم ئۈستىدە قويدى.
-پۇل، سەن ھەممە ئىشلارنى پۇل ھەل قىلالايدۇ دەپ ئويلامسەن، توغرا سەن قانچىلىك پۇل بولسا ھەممىنى قويساڭمۇ قىلغان گۇناھلىرىڭنى خۇدا كەچۈرمەيدۇ.ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ پۇل مىنىڭ چوڭ ئوغلۇم قاسىمجاننى سېتىشىمغا سەۋەپ بولغان، ھەممىسى سەن ئۈچۈن ئىدى....
سەنمۇ ئادەممۇ، سەن ئۆز پۇشتۇڭنى، ئۆز بالاڭنى ئىتراپ قىلمىدىڭ، سەن ئاينىدىڭ، ئاددى-ساددا بىر دىھقان يىگىتىدىن ئىچكىرىنى كۆرۈپلا ئۆزگۈرۈپ نۇمۇسسىز، ۋىجدانسىز بىر نەرسىگە ئايلاندىڭ .
مىنىڭ ھەمدە كىچىك ئوغلۇم ئاسىمجاننىڭ تەقدىرىنى خاراپ قىلدىڭ، سەنمۇ ئادەممۇ سەن بىر ھايۋان، سەن مىنى بىرئالۋاستى ئانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭ، ئەبلەخ ....
ئايتىللاخان ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلپا سالدى-دە، ياندا تۇرغان نۇغۇچنى ئېلىپ ئالىمجانغا چۆرىدى، ئالىمجان نۇغۇچنى تارتىۋالدى.
-ساراڭ، بەئەينى ئالۋاستىغا ئۆزگۈرۈپسەن، قاراپ تۇر مەن تېخى تارتقان جاپالىرىمغا ئازراق ياردەم قىلاي، ئوغۇللىرىمنى يېنىمغا ئەكلىۋالاي دىگەن نىيەتتە سىنى ياردەم قىلار دەپ سەن تەكلىپ قىلغاچقا كەلگەنمەن، سەن مىنى مۇشۇنداق قارشى ئالامسەن، مەن يېقىندا قاسىمجان ھەم ئاسىمجاننى ئىزدەيمەن، ئۇلارغا ئۆز دادىسى ئىكەنلىگىمنى بىرسىگە دەپ بولدۇم، يەنە بىرسىگىمۇ دەيمەن ....ئالىمجان ئايتىللاخاننىڭ قۇلىدىكى نۇغۇچنى ئېلىۋالدى.
ئايتىللاخان ئالىمجاننىڭ قولىدىكى نۇغۇچقا ئېسىلدى.
-قۇيىۋەت ....
ئالىمجان نۇغۇچ بىلەن ئايتىللاخاننى بىر قانچىنى سالدى، نۇغۇچ سۇنۇپ كەتتى.
-سىرتتا ماشىنا سىگنال بىرىشنى توختاتمىدى....
ئالىمجان ئايتىللاخاننىڭ گېلىنى تۇتۇپ تامغا داقىدى.
-قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا، سەن بىر ئالۋاستى، بالىلار مىنىڭ، قاراپ تۇر يېنىمغا ئەكىلىۋالىمەن: ئالىمجان ئايتىللاخاننى بىر قانچىنى سالدى.
- مىنى ئاۋارە قىلغۇچى بولما، سەندەك قېرى خۇتۇننىڭ پەيزىمۇ يوق.
-ئاڭلىدىڭمۇ، سىرتتا تۇمۇچۇقتەك خۇتۇنۇم مىنى سىگنال بىرىپ چاقىرىۋاتىدۇ....ئالىمجان ئايتىللاخاننىڭ گېلىنى بىر قۇلىدا سىقىشقا باشلىدى.
ئايتىللاخاننىڭ قولى شىرەنىڭ يان تەرىپىدىكى پىچاققا ئۇزىدى-دە، پىچاقنى ئېلىپ كۈچەپ بىرنى تىقتى، ئالىمجان جىمىپ قالدى-دە، كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.
-ئەبلەخ، سەن ئۆلۈمگە مەھكۈم ...
ئايتىللاخاننىڭ قوللىرى قىپقىزىل قانغا بويالدى، ئالىمجان ئىشىك تۈۋىدە سىيرىلىپ ئولتۇرۇپ قالدى.
-سەن، سەن .... ماڭا پىچاق تىقتىڭغۇ ...
-پۇخادىن چىقتىم ، سەن ئۆلىشىڭ كىرەك، ....ئوغۇللىرىم سىنى مەڭگۈ كۆرمىسۇن ... بىلەمسەن سەن قاراپ تۇرۇپ زەھەر يۆتكىگىلى سېلىپ ئوغلۇڭ بىلەن مىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتىڭ ....مەن سىنى دەپ تۈرمىدە 15يىل ياتتىم ...سەن بىر ھايۋان مىنىڭ كۆزۈم كوركەن، ئىسست ساڭا ئۆز ۋاقتىدا كۆيگىنىم، سىنى سۆيگىنىم....مەن باللىرىمنىڭ سەندەك ھەمدە مەندەك ئاتا-ئانىسى بۇلىشىنى خالىمايمەن ....
ئايتىللاخان ئىشكنى ئاچتى، قولىدا پىچاق ... قان .... سىرتقا چىقىشىغا ئىشىك ئالدىدا بىر ئايال تۇراتتى.
شوپۇر بالا ماشىنىدىن چۈشتى.
-بالام، تېلىفۇنۇڭدا 110غا تېلىفۇن قىلىپ بەرگىن ....
شوپۇر بالا قورقۇپراق تېلىفۇننى ئۇلىدى، تىلىفۇننى ئايتىللاخانغا سۇندى.
-مەن ئادەم ئۆلتۈردۈم....
ئايتىللاخان شوپۇرنىڭ يېىندىكى ئايالغا قارىدى.
چاچلىرىنى غەلىتە بۇيىۋالغان بۇ ئايال دىر-دىر تىترەيتتى.
ئايال ئۆي ئىچىگە قارىدى.
-مىنىڭ ئېرىم .... ۋاي مىنىڭ ئېرىم ئالىمجاننى ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ.
بىردەمدە ساقچى ماشىنىسىنىڭ ياڭراق سىگنالى كىشلەر ئولىشىۋالغان بۇ ئىجارە بىرىدىغان ھويلىنى بىر ئالدى. ئايتىللاخاننىڭ قولىغا مۇزدەك كويزا سېلىندى ....
-12-
سولاقخانىنىڭ سوراق ئۆيى.
قاسىمجان كۈندىكى ئادىتىگە ئوخشاش بۈگۈن سوراق قىلىپ قايتىپ ماڭدى. بۈگۈن بىز ئايالنىڭ بۇرۇنقى ئېرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن دىلو ئەھۋالنى خىزمەتداشلىرىدىن ئاڭلىغان ئىدى. ياندىكى سوراق ئۆيدە ئايتىللاخاننى ساقچىلار سوراق قىلماقتا ئىدى. سوراقتىن ساقچىلار چىققاندىن كىيىن قاسىمجاننىڭ كۆزى بىلەن ئايتىللاخاننىڭ كۆزى ئۇچراشتى، ئايتىللاخان ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى. ئاڭغىچە تۈمۈر رىشاتكا يېنىغا بېرىپ بولدى.
-سىز مىنىڭ ئاناممۇ ....
-ياق ....-دېدى ئايتىللاخان كەسكىنلىك بىلەن ....
-ئالىمجان مىنىڭ داداممۇ ....
-ياق ....خاتا تۇنۇپ قاپسىز ....ئايتىللاخان ساقچىلارنىڭ ھىمايىسىدە ئالدىغا قاراپ ماڭدى.ساقچىلار قاسىمجاننى تۇنىغاچقىمىكىن توختىدى. قاسىمجاننىڭ بۇ سۆزى ساقچىلارنىمۇ ھەيران قالدۇرغان ئىدى.
-سىزنىڭ بالىڭىزنى بىر ئايال ئۇغرلاپ كىتىپتىكەنغۇ .... ئوبدانراق ئويلاپ بېقىڭ بۇ راستمۇ ..... سورىدى قاسىمجان.
-ياق ئۇنداق ئەھۋال يوق ....-دېدى ئايتىللاخان.
-سىز راسىتىنلا مىنىڭ ئانام ئەمەسمۇ، مەن ھەممىنى بىلدىم، ھازىرقى ئانام مىنى ئوغۇرلاپتىكەن .....
-جۆيلىمە، ھازىرقى ئاناڭ سېنىڭ ئۆز ئاناڭ....مەن بىر ئالۋاستى ئانا، كۆرمىدىڭمۇ ساقچى تۇرۇپ شۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ يۈرەمسەن، زادىخان بىر پەرىشتىدەك ئانا، ئۇ سىنىڭ ئۆز ئاناڭ، ئىنىڭ ئاسىمجانغا ئوبدان قارا، مەن سىنىڭ ئاناڭ ئەمەس.... ئۇنداق جۆيلۈپ يۈرمە ....
ئايتىللاخان كامىرغا كىرىپ كەتتى.
شۇ تاپتا ئايتىللاخاننىڭ يۈرىگى مۇجۇپ ئاغرىماقتا ئىدى.
-13-
زارىخاننى خانساجىتخان بىلەن ئاسىمجان كۆل بۇيىدىن تېپىپ ئۆز ئۈيىگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۆيدە ئاسىمجان خانساجىتخانلار زارىخانغا تەسەللى بىرىپ تۇرىۋاتاتتى.
-خانساجىتخان ھەدە ....
خانساجىتخان ھويلىغا چىقتى .....
-ھوي، قاسىمجان ساقچى بالام ئۇدۇل تېپىپ كەپسەنغۇ، ساقچى دىگەن يامانكەن ئەمەسمۇ، مەن تېلىفۇندا مەھەللىنى دەپ بەرسەم بىردەمدە تېپىپ كەپسەن ....دىدى خانساجىتخان.
قاسىمجان ئاستا ئۆيىگە ماڭدى.
-ئانام بارمۇ ....
-بار، يۈرە تىز كىرىپ كەچۈرۈم سورا ....
-ئانا، جېنىم ئانا ......
قاسىمجان زارىخاننىڭ بوينىغا گىرە سالدى، زارىخانمۇ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى، ئاسىم بىلەن قاسىم خانساجىتخاننىڭ ئۆيىدە مانا مۇشۇنداق شارائىتتا تۇنۇشتى، ئۇلارنىڭ چىرايى خۇددى قوشكىزەكلەرگە ئوخشايىتتى.
ئۇلار قۇچاقلاشتى.
-مەن سەندەك ئىنىم بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.....
- مەنمۇ سەندەك ئاكام بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن .....
خانساجىتخاننىڭ ئائىلىسى بۈگۈن ئىللىقلىقتا چۆمدى.
ھەممەيلەن ئۆتكەن كەچكەن ئىشلار توغۇرلۇق ئىرىنمەي پاراڭ سېلىشتى، بىردەم يىغلىسا بىردەم كۈلىشەتتى.
ئايتىللاخانغا سوت مەھكىمىسى مۇددەتلىك11يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى. ئادەم ئۆلتۈرسىمۇ شۇنچە ئاز ھۈكۈم قىلىشنىڭ سەۋەپلىرىمۇ بار ئىدى ئەلۋەتتە.
ئايتىللاخان زەخمىلەندۈرۈپ ئۈلۈشنى كەلتۈرگەن، ئۈزىنى مەلۇم قىلغان، ۋاھاكازا سەۋەپلەر ...بۈگۈن ئايتىللاخان ئۆزگەرتىش مەيدانىنىڭ ئاياللار ئوتتۇرا ئەترىتىگە يۆتكەپ كىلىنىپ جازا ئىجرا قىلىنۋاتقىنىغا بىر ئاي بولغان كۈن ئىدى. ئايتىللاخان ئەمدىلا چاچلىرىنى يۇيۇپ تاراپ تۇرىشىغا سىمىز ئايال گۇندىپاي ئىشىكنى شاراقشىتىپ كىردى.
-جىنايەتچى ئايتىللا، دەرھال كۈرۈشۈش ئۆيىگە ماڭ، سىنى تۇققانلىرىڭ يوقلاپ كەپتۇ ... ئايتىللاخان ھەيران قالدى.
«كىم بولغىيدى، زارىخان بولمىسۇن يەنە، زارىخان بىلەن خانساجىتخان ھېلىمۇ ماڭا ھۈكۈم ئېلان قىلىنغۇچە شۇنچە كۆپ يوقلاپ نەرسە-كىرەكلەرنى ئەكىلىپ بىرىپ تۇردى.... »ئايتىللاخان چېچىنى چىرايلىق تاراپ ئالدىراپ كۈرۈشۈش ئۆيىگە كىردى.
ئاھ .... ئايتىللاخان يۈرىگىنى تۇتتى، كۈرۈشۈش ئۆيىدە زارىخان، خانساجىتخان ئاسىمجان، قاسىمجانلار تۇراتتى.
-بىز ئىككى ئائىلە كىشىلىرى، ياق بىر ئائىلە كىشىلىرى ... سىزنى يوقلاپ كەلدۇق سىڭلىم .... ئوبدان تۇرىۋاتقانسىز ....-دېدى زارىخان. كۆزىدىكى كۆز ئەينىگىنى سۈرتىۋېتىپ .
-ئاۋارە بۇلۇپسىز،سىزگە رەھمەت، ئۇغۇللىرىڭىزمۇ بىللە كەلدى-دېدى خانساجىتخان قاسىمجان بىلەن ئاسىمجاننى كۆرسىتىپ.
-ياق، مىنىڭ باللىرىم يوق، مەن دىگەن ئادەم ئۆلتۈرگەن، ئۆتمۈشۈم قاراڭغۇلۇقتا ئۆتكەن ئادەممەن. بالام بارلىقى ئىسىمدە يوق، كۈرۈپ تۇرۇپسىلەرغۇ، ئۇنداق گەپنى قىلماڭلار، سىلەر بۇ بالىلارنىڭ ھەقىقى ئانىلىرى ....مەن بۈگۈن ئۆزەمنى بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتىمەن ....خوش بۇ يەرمۇ شۇنداق ياخشىكەن ....نۇرغۇن قىز-ئاياللار بىلەن تۇرىمىز، ساقچى قىزلارمۇ بىزگە شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ... ئەمدى مىنى يوقلايمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار ئاچىلار خوش ....
ئايتىللاخان كامىرغا قايتماقچى بۇلۇپ ماڭدى.
-ئانا ....
قاسىمجان بىلەن ئاسىمجان زارىخاننىڭ شەرەت قىلىشى بىلەن تەڭلا توۋلىدى.
-ئانا ....
ئايتىللاخان كەينىگە قارىدى-، يۈگۈرگەن پېتى رىشاتكىنى قاماللاپ تۇتقۇسىى ،ئىككى قولىدا قاسىمجان بىلەن ئاسىمجاننىڭ بېشىنى سىلىغۇسىى كەلگەن بولسىمۇ ئۇ ئوزىنى تۇتىۋىلىپكامىرغا قاراپ ماڭدى .
زارىخان بىلەن خانساجىتخانمۇ كۆز يېشى قىلدى.
- مەن ئەسكى ئايال،... مەن سىلەرنى تاشلىۋەتكەن .... مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭلار .... مەن سىلەرنىڭ مىنى يوقلىشىڭلارغا ئەرزىمەيمەن.؛ئايتىللاخان ھەسرەتلىك ياشلىرنى توكوپ تومۇررىشاتكىلىق ئىشىكلەر ئارسىدا غايىپ بولدى.
-ئۆزىڭىزنى ئۇنداق ئەيىپلىمەڭ ئايتىللا .... ياخشى ئۆزگىرىڭ، بىز يەنە كىلىمىز......
-تەقدىر-پىشانە شۇنداق ئوخشايدۇ، كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشمايلى خەير-خوش...-دېدى خانساجىتخان.
-ئانىلار ئەنە شۇنداق باللىرىم.ئانىلار ھەر دوقمۇشتا، ئانا بولماق ئاسان ئەمەس قايتايلى.
ئايتىللاخاننى يەنە يوقلاپ كىلىمىز، ئايتىللاخان تىزراق تۈرمىدىن چىقىشىڭىزنى كۈتىمىز خوش........زارىخان ئايتىللاخان بىلەن خوشلاشتى.
زارىخان قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغۇنۇپ خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك بولسىمۇ لېكىن پۇتۇن ھۇجۇدى،ھەسرەتلىك ئەسلىمىلەر ئىسكەنجىسىگە پېتىپ قالغاندەك قىلاتتى .
ئەنە، زارىخان بىلەن خانساجىتخان قاسىمجان بىلەن ئاسىمجاننىڭ كەلگۈسى ئىشلىرى توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ بازار ئايلانماقتا.
بەلكىم ئۇلار بولغۇسى كىلىنلىرى ئۈچۈن نەرسە-كىرەك سېتىۋېلىۋاتقاندۇ.........
زارىخاننىڭ چىھرىدە ھەسرەتلىك ئىزنالار يۇقالغان بۇلۇپ كۈلكە جىلۋىلنەتتى.........
قاراقاش ج خ ئىدارىسىدىن تۇدىمەمەت سەئىدى |


