• چالا ئۆي (پوۋېست)

    يوللانغان ۋاقتى:09-01-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 1-سان   مۇھەررىر: admin   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 3 پارچە
    1 −−بالام، ئالتە بالا ئىچىدە ھۆكۈمەتتىن لەڭ يەيدىغان بىردىنبىر بالام مۇشۇ دەپ، ئىچىمدە ئالەمچە خۇشلۇقۇم بار ئىدى. چوڭ ئاكاڭ بەيدۇل

     


     

    ئاپتورى: تۇرسۇنجان مۇھەممەت

    (پوۋېست)

    1
    −−بالام، ئالتە بالا ئىچىدە ھۆكۈمەتتىن لەڭ يەيدىغان بىردىنبىر بالام مۇشۇ دەپ، ئىچىمدە ئالەمچە خۇشلۇقۇم بار ئىدى. چوڭ ئاكاڭ بەيدۇللا مېنىڭ كەينىمدىن يۈرۈپ پىشقان دېھقان بولۇپ كەتتى. ئۇ ھازىر ئون مو يەرنىڭ خوجايىنى بولۇپ، تۆت بالىسىنى كەينىگە سېلىپ، رىزقىنى يەردىن تېپىپ يەۋاتىدۇ. ئىككىنچى ئاكاڭ ئەستۇللا بولسا تۇتقان - قويغىنىنى بىلمەيدىغان بالا بولدى. ئاشۇ چاغدا قىزىل چىقىپ، بىر قىزىغان باھانە بىلەن ئوڭ - تەتۈرىنىڭ پەرقى يوق چوڭ بولدى. ئەتىدىن كەچكىچە كۈيلىگەن بۇغرىدەك ئېغىزىدىن شالىسىنى ئېقىتىپ يول بويىدا سالتا - سۇلتۇڭ يۈرگىنى يۈرگەن. يېشى 50قا بېرىپ قالغىنى بىلەن خوتۇن زاتىنىڭ قانداقلىقىنى، ئۆي دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. ئاناڭ رەھمىتى بىلەن ئۇنى ئۆيلەپ قويساق دېگەن ئويدا قىز سوراپ بارمىغان مەھەللە - كوي، بويۇن قىسىپ ئاتلىمىغان بوسۇغا - داۋان قالمىدى. ئەقلى - ھوشى جايىدا بولمىغان بالىغا قىز بېرىدىغان ئاتا - ئانا نەدە تۇرۇپتۇ؟ ئۇنى يارىتىپ بىر تەكىيەگە باش قويۇشنى خالايدىغان قىز - چوكان نەدە يۈرۈپتۇ؟ مانا، ئاكاڭ تېخىچە سالتاڭ پېتى ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئاچاڭ بىلەن سىڭىللىرىڭ ئۆز ئۆيىدە، ئەرلىرىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ، بالىلىرىنىڭ دەردى - پىراقىدا سەدپارە بولۇپ مورىدىن ئەمەس، چوققىسىدىن تۈتۈن چىقىرىپ جېنىنى ئاران جان ئېتىۋاتىدۇ. مانا ئەمدى سەنمۇ بويۇن قىسىپ ئالدىمغا كەپسەن. ئاڭلىسام سەن ئىشلەيدىغان زاۋۇت ۋەيران بوپتۇ، ئىشلىگەن ماللىرى سېتىلماي تاقىلىپ قاپتۇ، بۇمۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى بالام. مۇشۇ كۈنلەرگىمۇ 100مىڭ قەترە شۈكۈر.
    −−زاۋۇتتىن ئىشلىگەن ئىستاژىمىزغا ھېسابلاپ 12مىڭ يۈەندىن پۇل بېرىدىكەن، دادىكا.
    −−شۇنداق ھېسابلىغاندا ئەر - خوتۇن ئىككىڭلىغا 20مىڭ يۈەندىن ئوشۇقراق بىر نېمە تەگكۈدەك. بۇنىڭغىمۇ شۈكۈر، ئەمدى شۇ پۇل بىلەن بىرەر ئىگىلىكنى ماڭدۇرۇۋالارسىلە بالام.
    −−بىز ئاينىساخان بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يولۇچىلار بېكىتى ئەتراپىدىن بىر ئاشخانا ئاچايلى دېيىشكەن. بېكەت دېگەن ئۆتكەن - كەچكەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ئاۋات يەر ئەمەسمۇ؟ بىراق زاۋۇتتىن ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بىكارلاڭلار، بولمىسا پۇلنى بەرمەيمىز دەۋاتىدۇ. ئۆينى ئېلىۋالسا تالادا قالىدىكەنمىز، بىزغۇ مەيلى، بار بىلەن يوقنىڭ دەردىنى تارتىپ باققان ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىن كۈتىدىغان ئالاھىدە تەلىپىمۇ يوق، ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا قىلىپ بىر مەزگىل ياشاپ كەتكىلى بولاتتى. لېكىن بالىلار چوڭۇپ قالدى، ئۇلار مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇزاققا قالماي ئىمتىھان بېرىپ ئالىي مەكتەپلەرگە جۆنىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تەۋىنى چىگىپ، كۆڭلىنى بىسەرەمجان قىلساق ئوقۇشىغا تەسىر يېتىپ قالامدىكىن دەپمۇ ئەنسرىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش بۇ يەرگە يەتكەندە ئادەم دېگەننىڭ ئۆزىنىڭ قونالغۇسى، ئۆزىنىڭ ئىشىكى ۋە ئۆزىنىڭ قۇلۇپ - ئاچقۇچى بولمىسا بولمايدىكەن. شۇڭا ئۆينى بىكارلاپ، پۇلنى قولغا ئېلىپ، بىرەر يەردىن زېمىن سېتىۋېلىپ ماكان تۇتساقمىكىن دېيىشتۇق، دادىكا.
    −−تولا ئوبدان ئويلاپسىلە بالام، ئادەم دېگەننىڭ ئۆزىگە تەۋە بىر تاپانلىق يېرى بولمىسا بولمايدۇ، ئەتراپىڭغا قاراپ باق، ئېرىق بويلىرىدا ئۆسىدىغان قامغاق، يانتاق، ئاق تىكەنلەرنىڭمۇ يىلتىز تارتىدىغان تۇپرىقى بار. زېمىن يۈزىدە ئۆمىلەپ يۈرىدىغان چۈمۈلىنىڭمۇ ئۆزىگە تەۋە ئۇۋىسى بار. شۇڭا زېمىن ئىگىلەپ ماكان تۇتىمىز دېگەن مەسلىھەتىڭلار ئوبدان بوپتۇ. بالام، مەن قېرىدىم، بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى، نەچچە يىل ئۆمرۈم بار، بۇ ئاللانىڭ ئىلكىدىكى ئىش، كۆزۈمنىڭ ئوچۇقچىلىقىدا ھەر قايسىڭلارنىڭ قاناتلىققا سوقۇلماي، تۇمشۇقلۇققا چوقۇلماي خاتىرجەم ياشاپ ئۆتكىنىڭلارنى كۆرسەم، بۇ دۇنيادىن ئارمانسىز كەتكەن بولاتتىم. ئوغلۇم، ئاققاش دۆڭنىڭ يان تەرىپىدە ماڭا قاراشلىق ئۈچ پۇڭ يەر بار، ئەسلىدە ئۇ يەرگە ئۆي سېلىپ، ئاكاڭ ئەستۇللانى ئولتۇرغۇزارمەن دېگەن نىيەتتە ئىدىم. بىراق ئاكاڭنىڭ ھال كۈنى ئاشۇ، قورسىقىنىڭ ئاچقان - تويغىنىنىمۇ بىلمەي تىكەندەك يالغۇز ئۆتۈۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ يەر ئاق پېتىچە تۇرۇۋەردى. ناۋادا خالىساڭ ئاشۇ يەر مەندىن ساڭا قالغان مىراس بولسۇن بالام، »دادامدىن قالغان يەر« دەپ ئۆي سېلىپ، ماكانلىق بولۇۋېلىڭلار. بۇ يەر شەھەرگىمۇ يىراق ئەمەس، بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىشىگىمۇ قولاي، بېشىڭلار بىراقلا ساقىيىدۇ ئوغلۇم.
    −−رەھمەت دادىكا، زاۋۇتتىن بەرگەن پۇلغا يەر ئالسام، ئۆينى نېمىدە ئۆرە قىلارمەن دەپ بېشىم قاتقانىدى. مانا ئەمدى يەر ئىشى ھەل بولدى، پۇل قولغا تەگسىلا ئۆينىڭ ئۇلىنى تۇتىمەن.
    −−بەندە ئۆي سېلىشقا تۇتۇش قىلسا ئاللا ئىگەم ئۇنى ھەر تەرەپتىن يۆلەيدۇ ئوغلۇم...
    مانا بۇ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، كۈز ئاپتىپى چۈشۈپ تۇرغان، مەن كىچىكىمدىن توپا كېچىپ ئوينايدىغان ھويلىمىزدا دادام ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەت. ئاشۇ قېتىم دادامنىڭ ئۇچتەك ئاقارغان ساقىلى تىترەپ، كۆزىنى توسۇپ تۇرغان كۈل رەڭ قاشلىرى ھىمىرىلگەن، مەندەك ئۆمرىنىڭ يېرىمى تۈگەپ بولغان ئوغلىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتكە ئېچىنغانلىقتىن يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا پەيدا بولغان ئاغرىق چىرايىدا ئەكس ئەتكەن تۇرقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن. دادام شۇ قېتىم سۇپىنىڭ لېۋىدە ئولتۇرۇپ، ئۈجمە ياغىچىدا ياسىۋالغان ھاسىسىنى ئۇ قولىدىن بۇ قولىغا يۆتكەپ، ئاپپاق ساقال - بۇرۇتلىرى ئارىسىدىكى قارامتۇل لەۋلىرىنى توختاۋسىز ئۆمەللىگەنىدى. ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرىگە يۈگۈرگەن يېشىنى مەندىن يوشۇرۇش ئۈچۈن بەكمۇ كۈچىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېغىر خورسىنىشلىرىدىن پەملىگەنىدىم. »بالىنىڭ تاپىنىغا سانجىلغان تىكەن ئاتا - ئانىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدۇ« دەيدىكەن كونىلار. ئاشۇ چاغدا دادامنىڭ كۆڭلى مېنىڭكىدىنمۇ ئۆتە بىسەرەمجان بولغانىدى.
    −−قوپ بالام، يەرنى كۆرۈپ كېلەيلى، −− دېگەنىدى ئۇ شۇ چاغدا.
    ئۇ چاغ كۈزنىڭ مەئىشەتلىك ۋاقىتلىرى ئىدى، ئاسمان بېتىدە كۈز قۇياشى پارلاپ تۇراتتى. كىنولاردا چىقىدىغان دېڭىزنىڭ سۈيىدەك كۆكىرىپ تۇرغان ئاسماندا جىممىدە يېتىپ ئۇيقۇغا كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان ئاپپاق شالاڭ بۇلۇتلار قېتىپ قالغانىدى. ئاشۇ بۇلۇتلاردىن سەل پەسرەك بىر يەردە بىر قارا قۇش قانىتىنى كېرىپ ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ كەڭ يېيىلغان قانىتى يا لەپىلدىمەيتتى، يا ئۆزى بىر چالما بولۇپ يەرگە چۈشۈپ كەتمەيتتى. ئۇ ئەتىيازنىڭ شاماللىق كۈنلىرى بالىلار يىپىنى ئۇزۇن قويۇپ بېرىپ ئۇچۇرۇۋاتقان لەگلەكتەك ھېچبىر تىۋىشسىز بىر دائىرىدە ئايلىنىپ ئۇچاتتى. بەلكىم بۇ قۇش ئۆزى يالغۇز ھاكىملىق قىلىۋاتقان ئاسماندا تۇرۇپ ئېغىر غەم - تەشۋىشكە چۆمگەن دادا - بالا ئىككىمىزنى تاماشا قىلىۋاتسا كېرەك. مۇشۇ خىيالغا كېلىپلا ئۇنىڭغا تىكىلگەن كۆزلىرىمنى ئاسماندىن يەرگە ئاغدۇردۇم. ئەمدى كۆز ئالدىمدا مېۋىلىرى سارغىيىپ پىشقان باغلار، ئاققاش دۆڭگە بارىدىغان چىغىريولنىڭ بويىدىكى قۇرۇغان لالىلەر، سەلكىن شامال ئەركىلىتىپ سۆيۈپ ئويناۋاتقان قومۇش پۆپۈكلىرى، يازنىڭ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغىنىنى ئۇقۇشماي يېڭىدىن بىخ چىقىرىپ، ئەمدى كۈنىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى پەملىگەن چۈجگۈن ئوتلار پەيدا بولدى. ئەتراپتىن پىشقان مېۋىلەرنىڭ خۇش پۇرىقى دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. بىراق بۇ مەنزىرە ۋە خۇشبۇي ھىدلارنىڭ ھېچقايسىسى دادامنىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە تارتالمىغانىدى.
    ھازىر ئويلىسام دادامنىڭ شۇ چاغدىكى ئاۋازى ماڭا بەش قولدەك ئايان بولىدۇ. ئۇ ئاققاش دۆڭنىڭ يانباغرىدىكى ئاشۇ يەرگە، −− ماڭا ئۆي سېلىۋېلىش ئۈچۈن بېرىشنى ۋەدە قىلغان ئۈچ پۇڭ يەرگە بارغاندا ئېغىر خورسىنغان ھالدا، »خۇدا، ئالدىڭدا نېمە گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالغان بولغىيتتىم؟ قايسى گۇناھىم ئۈچۈن بالىلىرىم بەندىلىرىڭنىڭ ئالدىدا خار ۋە زەبۇن بولىدۇ؟« دېگەنىدى. ھازىر ئويلىسام دادام ئاشۇ چىغىريولدا ھاسىسىنى يۇمشاق توپىلارغا چوقۇپ كېلىۋېتىپ بىز ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىنىڭ قايسىبىر گۇناھى ئۈچۈن ئۆكۈنگەن ئىكەن. بەيدۇللا ئاكامنىڭ رىزقىنى يەردىن تېپىپ يېيىش ئۈچۈن يىلبويى پالاقلاپ يۈرۈشى، يەر تۈپەيلى ئاللىكىملەرنىڭ ئالدىدا يېتىم بالىدەك بويۇن قىسىشى، بىر ناننى ئىككى قىلىش، چاپاننى تىزدىن ئاشۇرۇش ئۈچۈن تارتقان خورلۇقلىرى؛ ئەستۇللا ئاكامنىڭ ئۆزىدەك بەردەم، ئەقلى كامىل ئادەم بولالماسلىقى، ئاچا - سىڭىللىرىمنىڭ بىر مورىدىن تۈتۈن چىقىرالماي قولىنى كۆسەي، چېچىنى سۈپۈرگە قىلىپ تارتىۋاتقان جاپالىرى مانا ئەمدى دەرد ئۈستىگە دەرد بولۇپ مېنىڭ ئىشسىز، ماكانسىز قېلىشىم... مۇشۇ كەلگۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى دادام ئۆزىنىڭ قايسىبىر گۇناھى ئۈچۈن ئاللا بەرگەن جازا دەپ چۈشەنگەنىدى.
    بىز ئاققاش دۆڭنىڭ باغرىدىكى ھېلىقى ئۈچ پۇڭ يەرگە بارغان چېغىمىزدا كۈن غەربكە باش قويغىلىۋاتاتتى. بارغانسېرى ئۇزىراپ، تەپتى سوۋۇپ كېتىۋاتقان قۇياشنىڭ قىزغۇچ شولىسى دادامنىڭ يۈزىنىڭ يېرىمىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئاشۇ كۈن چۈشكەن يەر −− ئالتە بالىنى قاتارغا قوشۇپ بولغىچە كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان دادامنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىك چىرايى مىستەك پارقىراپ تۇراتتى. ئۇ ئاققاش دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىدىغان چىغىريولغا چۈشۈپ، ئاجىز قولىدىكى ھاسىسىغا تايىنىپ دۆڭگە يامىشىشقا باشلىدى. مەن ئىتتىك بېرىپ ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلىدىم. ئاھ خۇدا، مېنىڭ قولۇمغا دادامنىڭ ئىسسىق، يۇمشاق بەدىنى ئەمەس، لاتا - پۇتا بىلەن چۈمكەپ قويۇلغان جىگدىنىڭ قۇرۇق شېخى زايا بولدى... دادام كىيىم بىلەنلا ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈنۈپ يۈرۈپتۇ. ناۋادا ئۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا كىيىمىنى سېلىپ تاشلىسا مېنىڭ كۆز ئالدىمدا قۇرۇغان دەرەخنىڭ شاخ - پوتاقلىرى نامايان بولىدىكەن... نېمىشقىدۇر شۇ چاغدا كۆزلىرىمگە مۆللىدە ياش كەلگەن، بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ئېچىشقان، يۈرىكىم كۆكرەك قەپىسىمگە قىلتاققا چۈشكەن قۇشتەك ئۇرۇلغانىدى...
    −−مانا بالام، مۇشۇ يەر شۇ، −− دېگەنىدى دادام ھاسىراپ تۇرۇپ، −− چاقماق قەندەكلا يەر، ھال - كۈنۈڭ ياخشى بولۇپ قالغاندا دۆڭنى تۈزلىسەڭ بۇ يەرنى يەنىمۇ كېڭەيتەلەيسەن. »دادام بەرگەن يەر ئىدى«، دەپ خاتىرجەم ئۆي سال، ئاكا - ئاچا، سىڭىللىرىڭغا مەن لەۋزى قىلىمەن. ئۇلارمۇ سەندىن بۇ يەرنى تالىشىپ ئولتۇرمايدۇ بالام.
    يەر دېگەننى ئۈستىدىن كۆرسە باشقىچە بولىدىكەن. دۆڭنىڭ يانباغرىدا تۇرۇپ قارىغاندا ئادەمگە ئالىقانچە كۆرۈنگەن بۇ يەر دۆڭنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغاندا ئادەمگە بىر پادىشاھلىقنىڭ زېمىنىدەك بولۇپ كۆرۈنىدىكەن. مەن شۇ چاغدا باش ئۈستىمىزدە تېخىچە قانات كېرىپ ئۇچۇۋاتقان قارا قۇشقا ھەۋەسلىنىپ قارىغانىدىم. بەلكىم ئاشۇ قۇش ئاسماندا بولغىنى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭرى، پايانسىز زېمىنلارنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى...
    −−رەھمەت دادىكا، مېنى بىر باش قېتىنچىلىقىدىن چىقاردىلا، ئەمدى پۇل قولغا تەگسىلا ھايال قالماي ئۆينىڭ ئۇلىنى تۇتىمەن.
    −−مېنىڭ چامام يېتىدىغىنى مۇشۇنچىلىك ئىكەن، بالام، −− دېگەنىدى دادام ئېغىر تىنىپ، −− ئەسلىدە ئوغۇلنى ئۆيلۈك - زېمىنلىق قىلىش ئاتىنىڭ قەرزى ئىدى. مەن بۇ قەرزنى ئادا قىلالمىدىم. يەر مۇشۇ، تاپقان - تەرگىنىڭگە يارىشا ئۆي قىلىۋالارسەن بالام، مەندىن رازى بول.
    −−سىلىدىن ئىككىلا ئالەم رازىمەن دادىكا، ئۆزلىرىمۇ مەندىن رازى بولسىلا، ئەسلىدە قېرىغان چاغلىرىدا سىلىنى يونۇپ يېيىش ئەمەس، تاپقىنىمىزنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھاللىرىدىن خەۋەر ئالساق ئوبدان بولاتتى، ئوغۇللىرى يارامسىز ئىكەن، مۇشۇ كۈنگە قالدىم.
    −−بالا دېگەن ئاتىغا بېقىپ بولىدۇ بالام، بىز ھەممىمىز يارامسىز ئىكەنمىز...
     
    2
    پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ قاپاق تېرەكلەر غۇچچىدە سايە تاشلاپ تۇرغان كەڭرى مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. مەيدانغا يىغىلغان ئالامان ھاياجان ئىلكىدە گۈرۈلدىشەتتى. كىمنىڭ كىمگە نېمە دېگەنلىكىنى ئۇققىلى بولمىسىمۇ، ھەركىم بۈگۈنكى يىغىلىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى يان - يېنىدا تۇرغان تەقدىرداشلىرىغا ۋارقىراپ تۇرۇپ بايان قىلىشاتتى.
    −−مەن ئۇقۇشتۇم، يۇقىرىدىن زاۋۇتنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى تەستىقلاپتۇ. ئەمما ھازىر ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچلەرنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى ئويلاپ كۆرۈپ، ئادەم بېشىغا نۇرغۇن راسخوت ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.
    −−ھەئە، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچىلارنى ئوبدان رازى قىلىڭلار، ئىستاژىغا بېرىلىدىغان راسخوتنى ئۇلار رازى بولغۇدەك بېرىڭلار دەپتۇ.
    −−ئەسلىدە خىزمەت ئىستاژىنىڭ ھەر بىر يىلىغا 1200يۈەندىن بېرىشنى تاپىلاپتىكەن، ئەممازە، زاۋۇت باشلىقلىرى بۇ پۇلغا كۆز قىزارتىپ، كۆنگەن ئادىتى بويىچە خېلىلا يونۇپ ئېلىشنىڭ كويىدا بولۇۋاتقانمىش.
    −− 1200يۈەننى 380گە قىسقارتقاندا ئاشۇ باشلىقلارنىڭ پىشىپ ئۆتۈپ كەتكەن پولۇدەك يۈزلىرى قەتئىي قىزارماپتىمىش.
    −−ھارامغا كۆنگەن ئادەمنىڭ يۈزى قانداقمۇ قىزارسۇن؟ ئىگەكىم، بىزنىڭ ھەقنى يېگەن ئاشۇ نائىنسابلارنىڭ پوكىنىغا ھونناق چىقسۇن.
    −−بۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ؟ ئىشچىلارنىڭ ھەققى دېگەن يالماپلا يۇتۇۋېتىدىغان مۈشۈكنىڭ ئېغىزىدىكى بەز ئەمەسقۇ؟
    −−تېخى بەزدىن چۈشۈۋاتامسىلە؟ بىزنىڭ زاۋۇت باشلىقلىرىمىزنىڭ پوكىنىدىن ئىتنىڭ ئېغىزىدىكى ئۇستىخانمۇ بىمالال ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ...
    بۇمۇ خېلى يىللار ئىلگىرى بولغان بىر قېتىملىق يىغىلىش. ئۇ چاغدا رەھمەتلىك دادام ھايات ئىدى. ئۇ بىزنىڭ زاۋۇتتىن تارقىتىپ بېرىدىغان پۇلنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۆزى بەرگەن ئاققاش دۆڭنىڭ يېنىدىكى ئۈچ پۇڭ يەرگە ئۆي سېلىۋېلىشىمىزنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرغانىدى.
    مەن ئاشۇ يىغىلىشتا ئېغىزىمىزدىن غەلەت گەپ - سۆز چىقىپ كەتسە، قولغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئازغىنە پۇلدىن قىسسىي قالماسلىق ئۈچۈن لەۋلىرىمنى چىشلەپ جىممىدە تۇرغانىدىم. راست ئەمەسمۇ؟ ياڭاقنىڭ تاشقا تەڭ كەلگىنى نەدە بار؟ توخۇمنىڭ چىشقا تەڭ تۇرغىنى نەدە بار؟ ھەركىم ئۆز گېپىنى يورغىلاتقان بىلەن، »ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ئىستاژىنىڭ ھەر بىر يىلىغا 1200يۈەندىن بېرىڭلار« دېگەن قىزىل باشلىق ھۆججەتنى ھېچكىم كۆرمىگەنىدى. ھەممەيلەن ئۈششۈك تەگكەن ھەرىدەك غۇڭشۇپ، بىر - بىرىگە دەرد تۆكۈپ زاۋۇت باشلىقلىرىنى »نائىنساب!« دەپ تىللىغىنى بىلەن، ۋاقتانى ۋاق كېلىپ سۈرۈشتۈرمىسى بولۇپ قالسا، بۇ گەپنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئەمەس، يېنىدا تۇرغان بىرىنىڭ ئېغىزىدىن چىققانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆز گېپىنى تىڭشىغۇچىنى تۇتۇپ بېرىشنىڭ كويىغا چۈشىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا مەن يېنىدا تۇرغان بىرىگە ھال ئوقۇش ئۈچۈن لېۋىنى ئۆمەللەۋاتقان ئايالىم ئاينىساخاننى جەينىكىم بىلەن بوشقىنە تۈرتۈپ قويۇپ، رەھبەرلەر ئالدىراش چېپىپ يۈرگەن سەھنىگە تىكىلدىم. ئايالىممۇ مەقسىتىمنى بىلىپ جىم بولدى ۋە ماڭا قاراپ بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ قويغاندىن كېيىن يېنىمغا كېلىپ، ماڭا سۈركىلىپ دېگۈدەك تۇرۇۋالدى.
    سەھنىدە بىزنىڭ ئۇزاق يىللىق پېشقەدەم زاۋۇت باشلىقىمىز قاپىقىنى سېلىپ، تاماكىسىنى ئۈزمەي شوراپ، كىمدىندۇر خىجالەت بولغاندەك بېشىنى تۆۋەن قىلىپ قاراپ تۇراتتى. زاۋۇت پارتكومىنىڭ شۇجىسى نېمىگىدۇر تاقەتسىزلىنىپ، پات - پات سائىتىگە قاراپ قوياتتى. ئۇنىڭ كەينىگە تارالغان سىپتا چاچلىرى تېرەك غازاڭلىرى ئارىسىدىن شۇڭغۇپ كىرگەن قۇياش نۇرىدا ئالاھىدە پارقىراپ كەتكەنىدى. سەھنىدە يەنە ئاللىكىملەر رەھبەرلەر سۆزلەيدىغان مىكروفوننىڭ چاتقۇلىرىنى چېتىش، يۇقىرى قۇۋۋەتلىك كانايلارنىڭ زۇۋانىنى تەڭشەش بىلەن پايپېتەك بولۇۋاتاتتى.
    بىر چاغدا دەرۋازا تەرەپتىن ماشىنىنىڭ سىگنال ئاۋازى كەلدى. گۈرۈلدەپ تۇرغان ئالامان قاينىغان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ، سەھنىدە چېپىپ يۈرگەنلەرمۇ دەرۋازا تامان بويۇندىدى. ھەممەيلەن كۆردىكى، بىر - بىرىدىن ئېسىل، سىرلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئۈچ ماشىنا سەپ بولۇپ زاۋۇت قورۇسىغا كىرىپ كەلدى. زاۋۇت باشلىقىنىڭ تۈرۈلگەن قاپىقى بىردىنلا ئېچىلدى. سائىتىگە دەممۇدەم قاراپ تېپىرلاۋاتقان شۇجىنىڭ ئۇششاق قەدەملىرى ھەرىكەتكە كەلدى. سەھنىدىكى مۇلازىمەتچىلەرمۇ قوللىرىنى قېقىپ، رەھبەرلەر ئۈچۈن لازىم بولىدىغان بارلىق تەييارلىقلارنىڭ تامام بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
    ماشىنىلار مەيداننىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى. ئىشىكلەر ئېچىلىپ، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان رەھبەرلەر بىر قولىدا چاي قۇتىسى، يەنە بىر قولىدا ئېغىر ھۆججەت سومكىلىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە ماشىنىدىن چۈشتى. شۇجى باش بولۇپ رەھبەرلەرنىڭ قىممەتلىك پايىقەدىمى ئۈچۈن چاۋاك چالدى. بىزمۇ كۈچلۈك ھاياجان ئىلكىدە ئالىقانلىرىمىزنىڭ قىزىرىپ، ئېچىشىپ كەتكىنىنى تۇيماي چاۋاك چالدۇق. زاۋۇت قورۇسى كۈچلۈك گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىغا كۆمۈلۈپ كەتتى.
    ماشىنىدىن چۈشكەن رەھبەرلەر سالماق قەدەملەر بىلەن سەھنىگە چىقتى ۋە بىزگە تېخىچە چاۋاك چېلىۋاتقان ئالامانغا ئېگىلىپ سالام قىلدى. مەن تېخىمۇ ھاياجانغا چۆمدۈم، چۈنكى مۇشۇ چاغقىچە بىز زاۋۇت باشلىقلىرىغا ئېگىلىپ سالام قىلاتتۇق، ئۇلار مەيلى سالىمىمىزنى ئىلىك ئالسۇن - ئالمىسۇن، مەيلى خالىسۇن - خالىمىسۇن، بوينىمىزنى ئېگىپ، قەددىمىزنى پۈكۈپ تۇرۇپ سالام بېرىش بىزنىڭلا ئادىتىمىز ئىدى. ئەمدى بۇ نېمە ھالدۇ؟ بىزنىڭ شۇجى ۋە زاۋۇت باشلىقلىرىمىزنى يۈگۈرتۈۋەتكەن چوڭ باشلىقلار بىزگە ئېگىلىپ سالام قىلماقتا ئىدى. تاغدىن زەرب بىلەن چۈشۈۋاتقان سەلنىڭ بىردىنلا ئېقىن ئۆزگەرتىپ، قايتىدىن تاغ بېشىغا ئېقىۋاتقاندەك ھالىتىنى كۆرگەندە كىممۇ ھاياجانلانماي تۇرالىسۇن؟ كۆزلىرىمىزگە مۆللىدە ياش كەلدى. ۋۇجۇدۇم خۇددى دادام بەرگەن ئۈچ پۇڭ يەرنى كۆرگەن چاغدىكىدەك تىترەپ كەتتى.
    −−يولداشلار، −− دېدى زاۋۇت پارتكومىنىڭ شۇجىسى، رەھبەرلەر ئۆز ئورۇنلىرىغا جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن، −− بۈگۈن زاۋۇتىمىزدا ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچىلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە يىغىن ئېچىلىدۇ. يىغىنغا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش ۋاڭ چىڭبو، ناھىيەنىڭ ھاكىمى يولداش سىدىق سامساق قاتارلىق رەھبەرلەر ئاتايىن كېلىپ قاتناشتى. بۇمۇ رەھبەرلەرنىڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بىز كۈچلۈك ئالقىشلىرىمىز بىلەن رەھبەرلەرنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىزنىڭ بۈگۈنكى يىغىنىمىزغا قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتايلى!
    زاۋۇت قورۇسىدا يەنە ئۇزاققىچە گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
    −−تۆۋەندە ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى يولداش ۋاڭ چىڭبونى مۇھىم سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلايلى!
    زاۋۇت پارتكومى شۇجىسىنىڭ بۇ تەكلىپىمۇ جاۋابسىز قالمىدى. مەيدانغا يىغىلغان ئالامان ئۆز تەقدىرى ھەققىدە بىرەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلاش تاماسىدە يەنە كۈچلۈك ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.
    −−يولداشلار، −− ياش شۇجى ئورنىدىن تۇرۇپ، بىزگە ئېگىلىپ تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم سالام بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ۋەزمىن تۈردە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، −− مەن ئالدى بىلەن ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنى ئارقىلىق ناھىيەمىزنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقان بارلىق ئىشچىلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ پاراۋان، ئائىلەڭلەرنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن. كۆپچىلىككە رەھمەت!
    بۇمۇ بىز ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان، خىيالىمىزغا كەلتۈرۈپمۇ قويمىغان گەپلەر ئىدى. بىز بۇ يەردە پەقەت ئۆز ئەمگىكىمىز ئارقىلىق مائاشقا ئىشلەپ، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمىنى ئۈزۈپ قويماي جاننى جان ئېتىۋاتىمىز دەپلا ئويلايتتۇق. ئەمەلىيەتتە بىز ناھىيەمىزنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇپتىمىز، بۇ دېگەن كىچىك ئىش ئەمەس.
    مەن شۇ خىيال بىلەن كۆڭلۈمدە ئاجايىپ بىر پەخىرلىك تۇيغۇنىڭ قوزغالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇجى قېنىق دەملەنگەن چېيىدىن بىر ئوتلاپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
    −−ئۇزاق يىللاردىن بۇيان زاۋۇت پارتكومى يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، تۈرلۈك تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى يەنىلا ۋەيران بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىدى. بۇ ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ. مەن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنى جاكارلايمەنكى، يولداشلارنىڭ يېرىم بولغان كۆڭلى ئەمەلىيەتتە مېنىڭ يېرىم بولغان كۆڭلۈمدۇر، يولداشلارنىڭ قايغۇسى مېنىڭمۇ قايغۇمدۇر.
    ئەتراپىمدىن خىتىلدىغان، ئېسەدەپ يىغلىغان تاۋۇشلار كېلىشكە باشلىدى.
    −−بىز ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، −− دېدى شۇجى، ئۇمۇ بەك ھاياجانلىنىۋاتسا كېرەك. قىپقىزىل چېيىدىن يەنە بىر قېتىم ئوتلىدى، −− يولداشلارنىڭ ئىش ئورنىدىن قېلىش سەۋەبلىك تارتقان زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئارقىلىق قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغۇچە تۇرمۇشىنى قامداپ تۇرۇش ياكى بولمىسا ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستاژ پۇلى تارقىتىشنى بېكىتتۇق.
    مانا ئەمدى ھەممەيلەن زور ئۈمىد بىلەن شۇجىغا تىكىلدى. مەنمۇ تىنىقىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى قۇلىقىمنى سەھنىگە ئۇدۇللىدىم.
    −−بىز ناھىيەمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، مالىيەنىڭ كۆتۈرۈش سەۋىيەسىگە ئاساسلىنىپ، يولداشلارنىڭ ھەر بىر خىزمەت يىلى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئىستاژ پۇلىنى 480يۈەن قىلىپ بېكىتتۇق. بۇ يولداشلارنىڭ زاۋۇت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ئالدىدا ئېغىزغا ئالغۇدەك پۇلغۇ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ يولداشلارنىڭ يارىسىغا ئاز - تولا مەلھەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    مەيداندىن ئېغىر خورسىنىش، ئەلەم بىلەن پۇشۇلداش ئاۋازى كەلدى.
    مەن مۇشۇ ئاددىي كاللام بىلەن ئۆزۈمگە تېگىشلىك پۇلنى ئەڭ ئاۋۋال ھېسابلاپ چىقتىم. مەن مۇشۇ زاۋۇتتا پاختىنىڭ ئاچچىق توپىسىنى يەپ بىر كەم 30يىل ئىشلەپتىمەن. ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ گېپى بويىچە بولغاندا ماڭىمۇ 13مىڭ 920يۈەن پۇل كېلىدىكەن. بۇ بايا مۇشۇ مەيداندا خەقلەر ئېغىزىنى ئۈششۈتۈپ تىلغا ئالغان پۇلدىن خېلىلا كۆپ ئىدى. ئەلۋەتتە مەن ئۆز تەگمىشىم ھەققىدىلا ھېساب - كىتاب قىلمىدىم. ئايالىم - بالىلىرىمنىڭ مېھىرلىك ئانىسى ئاينىساخاننىڭ ئىستاژ پۇلىنىمۇ ھېسابلاپ ئۈلگۈردۈم. ئايالىم مەندىن تۆت ياش كىچىك، ئىستاژىمۇ مەندىن ئۈچ يىل ئاز ئىدى. ئۇ تۆت يىل كەم 30يىل زاۋۇتتا ئىشلىدى. شۇڭا ئۇنىڭغىمۇ 12مىڭ480 يۈەن تېگىدىكەن. بىز بىر قېتىمدىلا 26مىڭ 400يۈەن پۇلغا ئېرىشىدىكەنمىز. پاھ، بۇ ئاز پۇلمۇ؟ مەن، ماڭا مۈرىسىنى تەگكۈزۈپ دېگۈدەك تۇرغان ئايالىمنىڭ يىرىك ئالىقىنىنى چىڭ قىستىم...
    زاۋۇتتىن بېرىلگەن ئۈچ ئېغىزلىق ئۆينى بىكارلاپ بېرىپ ئەتىسىلا بىزگە تېگىل بولىدىغان پۇلنىڭ چېكىنى قولغا ئالدىم. ئالىقانچىلىك قەغەزگە بىزنىڭ بارلىق ئۈمىد - ئارزۇلىرىمىز پۈتۈلگەنىدى. راستىنى دېسەم مەن مۇشۇ ئۆمرۈمدە بىراقلا مۇنچىلىك پۇلنىڭ ئىگىسى بولۇپ باقمىغانىدىم. چەككە يېزىلغان پۇلنىڭ قانچە باغلام، قانچىلىك ئېغىر ۋە ھەجىمىنىڭ قانچىلىك كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم. ئاينىساخانمۇ ھەم شۇنداق ئىدى. شۇڭا بىز يوغان بىر چار سومكىنى قولتۇقلاپ بانكىغا باردۇق. ئاشۇ پۇلنىڭ سومكىغا پاتماي قېلىشىدىن ۋايىم يېگەن كۆڭلىمىز دەككە - دۈككە بولاتتى. بانكىغا بېرىپ بىر ھازا ئۆچىرەتتە تۇرغاندىن كېيىن، كۆزئەينىكىنى بۇرنىنىڭ ئۇچىغا قوندۇرۇۋالغان ئورۇققىنە بىر چوكان چەكنى قولۇمدىن ئالدى.
    −−كەينىگە ئىمزا قويۇڭ، −− دېدى ئۇ مېنىڭ سالتا - سۇلتا تۇرقۇمغا گۇمان بىلەن قاراپ قويۇپ، −− سالاھىيەت كىنىشكىسىنىڭ نومۇرىنى ماۋۇ كاتەككە يېزىڭ.
    ئاھ خۇدا، بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟ مەن ئەزەلدىن ئىمزا قويۇش دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئىلگىرى زاۋۇتتىن مائاش تارقاتقاندا ئىتنىڭ تىلىدەك ئۇزۇن بىر دەپتەرگە بارمىقىمىزنى باستۇراتتى. ئىمزا قويۇش دېگەن زاۋۇت باشلىقلىرىنىڭ ئىشى ئىدى. ئۇلار بۆلۈم باشلىقلىرى كۆتۈرۈپ يۈرىيدىغان دەپتەرلەرگە بىر نېمىلەرنى يېزىپ بولۇپ ئۈستىدىن يەنە جىجىۋېتەتتى. شۇڭا مەن ئىمزا قويۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۇقالماي بانكىر ئايالدىن ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا سورىدىم:
    −−خا...خانىم ... ئىمزا دېگىنى...
    −−ماۋۇ يەرگە ئىسمىڭىزنى يېزىڭ، −− دېدى ئۇ ماڭا كۆزئەينىكىنىڭ ئۈستىدىن قاراپ قويۇپ، −− ئىسمىڭىزنى يازسىڭىز ئىمزا بولىدۇ.
    −−مۇنداق دېمەمسىز ئەمىسە؟
    مەن تىترەپ تۇرغان سول قولۇم بىلەن ئۇ كۆرسەتكەن يەرگە ئىسمىمنى يازدىم. قولۇم زىيادە تىترەپ كەتكەنلىكتىن يازغان خېتىمنى ئۆزۈممۇ ئوقۇيالماي قالدىم. ئايال چەكنىڭ مەن ئىمزا قويغان يېرىگە لەپپىدە قاراپ قويۇپ، دىمىقىنى قاقتى.
    −−ئاكا، بۇنى نېمە دەپ ئوقۇيمىز؟ خەت يازىمەن دەپ ئاۋارە بولغۇچە بىرەر ئۆمۈچۈكنى سىياھقا مىلەپ چەكنىڭ مۇشۇ يېرىگە قويۇپ بەرسىلە بولمامدۇ؟ ھېساب ئىشىدا بىر چېكىت ياكى بىر ھەرپ ئۇيان - بۇيان بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، ئالدىرىماي تۈزۈك يازسىلا ئىمزانى.
    يۈزۈمنىڭ پوكاندەك قىزىرەپ كەتكىنى ئۆزۈمگە مەلۇم بولدى. مەن ئۈنلۈكرەك تىنىشقىمۇ پېتىنالماي چەكنىڭ ھېلىلا ئىسمىمنى يازغان يېرىنىڭ ئاستىغا ھەر بىر ھەرپنى دانىمۇدانە قىلىپ يېزىپ چىقتىم. ئايال ئۇنى ئېلىپ بىر ھازا قاراپ چىققاندىن كېيىن ئىسمىمنى تەستە ئوقۇدى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە چەككە جاڭڭىدە قىلىپ تامغا باستى. ئاشۇ كۈچەپ ئۇرۇلغان پولات تامغا چەككە ئەمەس، يۈرىكىمنىڭ قاق ئۈستىگە ئۇرۇلغاندەك بولۇپ تولغىنىپ كەتتىم.
    چوڭ ئىككى باغلام، ئاندىن پارچە - پۇرات بولۇپ بىر تۇتام پۇل ئالدىمغا تاشلاندى.
    ئايالىم بىلەن ئىككىمىز مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، بارماقلىرىمىزغا تۈكۈرۈپ پۇلنى بىرمۇبىر ساناپ چىقتۇق. گەرچە بىر - ئىككى قېتىم ئېزىپ كەتكەن بولساقمۇ ھەر ھالدا پۇل ساناپ بولۇندى ۋە توغرىلىقىغا قىياس قىلىندى. ئاندىن ئۇنى چار سومكىغا سالدۇق، ھەي...! كۈلكىلىك ئىشتە بۇ، مەن يوغان بىلگەن 26مىڭ 400يۈەن بىز ئەكەلگەن چار سومكىنىڭ بىر بۇرجىكىگىمۇ كەلمىدى. بۇنى كۆرۈپ ئاينىساخاننىڭ چىرايىغا ئازابلىق كۈلكە يامرىدى. مېنىڭ چىرايىممۇ يەنە بىر قېتىم پوكاندەك قىزاردى. بىز خەقنىڭ كۈلكىسىگە قالماسلىق ئۈچۈن ئالمان - تالمان بانكىدىن چىقىپ كەتتۇق.
     
    3
    ھەرھالدا مۆلچەردىكىدىن ۋە كوچا - كويلاردا ئېقىپ يۈرگەن مىش - مىش پاراڭلاردىكىدىن خېلىلا جىق پۇل قولغا تەگكەنىدى. يۈرىكىم ئاللىقانداق ھاياجان ئىلكىدە تېپىرلايتتى. كۆزلىرىم ئايالىم باغرىغا بېسىپ ماڭغان سومكىغا تىكىلەتتى. گەرچە بۇ پۇل سومكىغا ئاز كېلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەل ئۆمرۈمدە بۇنچىلىك پۇلنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ باقمىغىنىم ئۈچۈن ئىچىم قىزىپ، گاللىرىم دەممۇدەم قۇرۇيتتى. ئاينىساخاننىڭمۇ ئىتتىك - ئىتتىك نەپەس ئېلىشلىرىدىن، مۈرىسىنىڭ بىلىنەرلىك سىلكىنىپ، قوڭغۇزدەك قاپقارا كۆزلىرىنىڭ چاقناشلىرىدىن ئىچىدە ئالەمچە خوشلۇقنىڭ كېزىۋاتقانلىقىنى پەملىمەك تەس ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاشۇ چاقناق كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ، ماڭا پات - پات قاراپ قوياتتى.
    −−بۇ پۇلغا ئۆيىمىز پۈتەرمۇ دادىسى؟ −− بىر چاغدا ئۇ غاراڭ - غۇرۇڭ ئاۋازدا سورىدى.
    −−گەپ يوق پۈتىدۇ، −− دېدىم ئىشەنچ بىلەن، −− چۈنكى يەرگە پۇل خەجلىمەيمىز، ياغاچ - تاشلارمۇ ئۆزىمىزدىن چىقىپ قالار، شۇ خىش بىلەن سېمونت ئالساق، تامچىلارغا ئىش ھەققى بەرسەك، بەلكىم بۇ پۇل ئېشىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
    −−شۇنداق بىر كۈن كەلسە، −− دېدى ئۇ ئېغىر خورسىنىپ قويۇپ، −− مەنمۇ ئۆز ئۆيىمىزنى چىنىدەك تۇتاتتىم، ھەر كۈنى ئۆيلەرنى قايتا - قايتا تازىلاپ، ھويلا ئالدى، يول بويلىرىنى قايتا - قايتا سۈپۈرۈپ، سۇ چېچىپ، كىمنىڭ ئۆيىكەن دېسە پەيزۇللاخۇننىڭ ئۆيىكەن دېگۈدەك قىلىۋېتەتتىم. خۇدايىم، مانا بۇ مېنىڭ ماكانىم، ماۋۇسى مېنىڭ ئۆيۈم! دەيدىغان كۈنلەرمۇ كېلەر - ھە، دادىسى؟
    −−كېلىدۇ، كېلىدۇ، خۇدايىم بۇيرۇسا بۇ كۈنمۇ ئۇزاققا قالمىدى. پۇل قولىمىزدا بار، يەر ئاققاشنىڭ باغرىدا تۇرۇپتۇ. ئەمدى ئاللا خالىسا خەيرلىك بىر كۈننى تاللاپ ئىش باشلىۋالساقلا بولدى. مەن مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە بىرەر ئۇستام بىلەن ئۇقۇشىمەن، ئىشنى قانچە بۇرۇن باشلىساق شۇنچە ياخشى.
    ئاينىساخاننىڭ چىرايى كۈن نۇرى تىك چۈشكەندەك پارقىراپ كەتتى. ئۇ ئۆز خىيالىدا سېلىنماقچى بولغان ئۆيىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتسا كېرەك، ئۇنىڭ كۆزلىرىلا ئەمەس، ئۇششاق دەسسەپ كېتىۋاتقان پ−ۇتلىرى، ھەر قەدىمىگە ماس ھالدا مۈرىسىدە سويلاپ تۇرغان ئىككى ئۆرۈم چاچلىرى، سەل ئۆڭگەن بولسىمۇ پاكىز كۆرۈنىدىغان گىرىپ كۆڭلەك ئىچىدىكى قاتاڭغۇ بەستى ۋىلىقلاپ كۈلۈۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ خۇشلۇقىغا ھېچنەرسە توغرا كەلمەيتتى. ئايالىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ نەچچە كۈندىن بېرى قاراڭغۇلۇققا چۆككەن قەلبىمگە قايسىبىر يوچۇقتىن كۈن نۇرى چۈشكەندەك يورۇپ كەتتى.
    مەن ناھىيەلىك پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا 17يېشىمدا ئىشچىلىققا كىرگەنىدىم. ئۇ چاغ دېگەن شاش يۈرەك ھەممىگە ئىنتىلىپ تۇرىدىغان ئاساۋ ئاتتەك چاغلار ئىدى. ئۇ چاغدا ئىشچىلارنىڭ ئىناۋىتى دۆلەت كادىرلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى ئىدى. »ئىشچىلار سىنىپى رەھبىرىي سىنىپ، ئۇ ھەممىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ« دەپ ئۆز - ئۆزىمىزگە تەمەننا قوياتتۇق. پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا ئىشچى بولۇپ كىرمەكمۇ ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس، ئىشچى بولۇپ كىرگەنلەر تەلپەكنى ئۆرۈپ كىيىپ، مەيدىمىزنى تىك تۇتۇپ، گويا بۇ دۇنيادا بىزدىن ئۆتە ئەتىۋار كىشى يوقتەك مەغرۇر يۈرەتتۇق. ئايدا قولىمىزغا مۇقىم ئىش ھەققى كىرىپ تۇراتتى، ئۇ چاغدا بىزنى ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەككە ئوخشاتسا تامامەن بولاتتى.
    مېنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا ئىشچى بولغىنىم دادامنى قەۋەتلا خۇشال قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ شۇ چاغدا مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ كۆز يېشى قىلغان، ئاللادىن بەختىمنى تىلەپ ئۇزاقتىن - ئۇزاق دۇئا قىلغانىدى. كېيىن مەن زاۋۇتتا بىر نەچچە يىل ئاكتىپ ئىشلىدىم. ھەر يىللىق باھالاشتا ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولدۇم، ھەتتا مەيدەمگە گۈل تاقاپ ۋىلايەتتە ئېچىلغان ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنلىرىغىمۇ قاتناشتىم. رەسىملىرىم گېزىتلەرگە بېسىلدى. زاۋۇتتىكى شەرەپ تاختىلىرىغا چىقىرىلدى. مېنىڭ قازانغان بۇ ئۇتۇقلىرىم دادامنى يەنە بىر قېتىم كۆز يېشى قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئۇ مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
    −−بالام، ئەلمىساقتىن بېرى ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق بولۇپ كەلگەن. ئىشتىن قېچىش، ئۆزىگە نان بەرگەن كەسىپنى قەدىرلىمەسلىك ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى ئەمەستۇر. زاۋۇتتىكى ئىشلىرىڭ ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ ھەممىگە چىدىغىن. ئادەم دېگەننىڭ كۈچى ھالال دەيدىغان گەپ بار. ئىشلىگەنگە ئادەم بالىسى ھېچنەرسە بولۇپ قالمايدۇ. قانچە جىق تەر تۆكسەڭ شۇنچە شەرەپكە نائىل بولىسەن، ئوغلۇم ! −− دېگەنىدى.
    ئۇ چاغدىكى قىزلار نېمانچە گولدۇ؟ نېمانچە ئەخمەقتۇ؟ مەندەك يىغىنلاردا بوينىغا تاقىغان گۈل ۋە يوغان - يوغان تامغا بېسىلغان شەرەپ گۇۋاھناملىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق بىر يىگىتكە زاۋۇتتىكى خېلى كۆپ قىزلارنىڭ كۆڭلى چۈشۈپ قالغانىدى. ھەر قېتىم رەسىمىم چاپلاپ قويۇلغان تاختىنىڭ يېنىدىن ئۆتسەم، ئۇ يەردە ئۇزاقتىن ئۇزاق تۇرۇپ، رەسىمىمگە تويماي قاراۋاتقان قىزلارنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىنى ئاڭلايتتىم. ئۇ چاغدا ھەممە ئادەمنىڭ يانچۇقى بابباراۋەر، كىرىم پەرقى ئۇنچە چوڭ بولمىغاچقا، قىزلار شەرەپ قۇچقان يىگىتلەرنى ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىپ تاللاشقا خۇشتار بولسا كېرەك.
    ئاشۇ قىزلار ئارىسىدىن يۈزلىرى قارا قۇمچاق، كۆزلىرى كۈلۈپ تۇرىدىغان، قۇندۇزدەك قاپقارا ئىككى ئۆرۈم چېچىنىڭ بىرىنى يەلكىسىگە، بىرىنى مەيدىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئادەمگە ئىللىق باقىدىغان بىرى تولىراق كۆزۈمگە چېلىقاتتى. دەسلەپتە ئۆزۈمگە زىيادە تەمەننا قويۇپ قىزلارنىڭ يۈرەك تىۋىشىگە، سېغىنىشلىق ئاھلىرىغا، پىغانلىق خورسىنىشلىرىغا ئۇنچە پەرۋا قىلماي يۈرۈۋەردىم. ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشى، كاللىدىكى خىيالنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كەپسىز كۆڭۈللەر ئەتراپقا، توغرىسى رەڭ تۈزەشكە باشلىغان قىزلارغا ئىنتىلىدىغان، كۆزلەرمۇ ئۇنى - بۇنى ئىزدەپ يۈگۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى.
    بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ، سېختىن ياتاققا كېتىۋېتىپ بىر جېدەلنىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالدىم. قارىسام ئىككى قىز چاچ - ماچتىن ئېلىشىپ ئۇرۇشۇۋېتىپتۇ. نېمە جېدەل ئىكەنلىكىنى دەماللىققا چۈشىنەلمەي، ئەتراپتا تاماشا كۆرۈۋاتقانلارغا قوشۇلۇپ بىردەم قاراپ تۇردۇم. كۆردۈمكى ئۇستىخانلىق، سېمىز، ئاق سۈزۈك بىر قىز دائىم كۆزۈمگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ھېلىقى قارا قۇمچاق قىزنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ، ئاغزىدىن قار - يامغۇر تىل ياغدۇرغىنىچە ئۇرۇشقا باشلىدى، بىردەمدە ئۇنىڭ بۇرنى قاناپ، يۈز - كۆزلىرى تونۇغۇسىز ھالەتكە يەتتى.
    نېمىشقىدۇر قارا قۇمچاق قىزغا ئىچىم ئاغرىدى. يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن ئۇرغۇپ چىققان بىر ئىللىق ئېقىم كۆزلىرىمگە جەم بولۇپ، ئاشۇ ئادەمگە مېھىرلىك باقىدىغان قىزنىڭ خورلۇق ئىچىدە تېپىرلاۋاتقان بەستىگە ئاغدۇرۇلدى. مەن قەدەملىرىمنىڭ قانداق يۆتكەلگەنلىكىنى، جېدەلنىڭ يېنىغا كېلىپ، قوللىرىمنىڭ ھېلىقى ئاق سۈزۈك قىزنى قانداق تارتقانلىقىنى ئۆزۈممۇ تۇيمايلا قالدىم. سېمىز، خۇددى قوناق سوقىدىغان غۇلدىدەك كۆرۈنىدىغان قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاستىدا ياتقان قارا قۇمچاق قىزنىڭ يۈزىگە ئۇرۇشقا تەمشەلگەن قىز مېنى كۆرۈش بىلەنلا بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ تۇرۇپ قالدى. مەن ئۇنى كۈچەپ تارتىپ قىزنىڭ ئۈستىدىن تۇرغۇزدۇم ۋە بۇرنىدىن قان ئېقىۋاتقان قارا قۇمچاقنى ئاستا يۆلىدىم. ئۇمۇ مېنى كۆرۈپ ھۈپپىدە ئېچىلغان چۇغلۇق گۈلىدەك قىزىرىپ كەتتى.
    ئەتراپتىن پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. قىزلارنىڭ ئۇرغىنىمۇ، تاياق يېگىنىمۇ يۈزلىرىنى تۇتقىنىچە بەدەر قېچىشتى. مەن بۇ قېچىش ۋە ئەتراپتىن تېخىچە ئاڭلىنىپ تۇرغان كۈلكە ئاۋازىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمەي بىر پەس تۇرۇپ قالدىم. باياتىن بېرى تاماشا كۆرۈۋاتقانلار تېخىمۇ قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىغانىدى. ھېلىلا قىيا - چىيا ئاڭلىنىپ تۇرغان مەيداندىن كۆتۈرۈلگەن بۇ كۈچلۈك كۈلكە ئاۋازى مېنىمۇ ھودۇقتۇرۇپ قويغانىدى.
    كېيىن بىلدىمكى، ھېلىقى ئىككى قىزنىڭ جېدىلى مېنى دەپ بولغان جېدەل ئىكەن. ئۇلار دەسلەپ شەرەپ تاختىسى ئالدىدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ. مېنىڭ رەسىمىم ئالدىدا چوڭقۇر ئۇھ تارتىشىپتۇ. يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن چىققان بۇ تاۋۇش قىزلارنىڭ سەزگۈر قۇلاقلىرىغا يېتىپتۇ. ئاندىن بىر - بىرىگە ھەيران بولۇپ قارىشىپتۇ. كۆزلەر رەشك ئوتىدا قىزىرىپتۇ. نېمىگە بۇنچە خورسىنىپ ئۇھ تارتقانلىقىنىڭ تېگىگە يەتكەندە ئۇلار بىر - بىرىگە قوپال تېگىپتۇ. گەپ گەپنى تۇغۇپ جېدەل ئاۋۇپتۇ، ئاندىن ئۇلار چاچ - ماچتىن ئېلىشىپتۇ...
    شۇ كۈندىن كېيىن ئاشۇ قارا قۇمچاق قىزغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ تايىقىغا قالغانىدى. ئۇنى كۆرسەملا يۈرىكىم سېلىپ، قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالىدىغانمۇ بولدۇم. كېيىنچە ئالدىغا بېرىپ ئەھۋال سوراپ، ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدىم. قىزمۇ ماڭا ھەرقاچانقىغا ئوخشاشلا كۈلۈپ بېقىپ، يۇمشاق ئاۋازدا سورىغانلىرىمغا جاۋاب بېرەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىلدىمكى، قىزنىڭ ئىسمى ئاينىساخان ئىكەن. توقۇش سېخىدا ئىشلەيدىكەن. بىزنىڭ بارلىق ياشلارغا نېسىپ بولىدىغان گۈزەل چاغلىرىمىزنى يەنە قايتىلاپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتمەيلا تويىمىزنى قىلىۋالدۇق. زاۋۇتتىن بىزگە ئىككى ئېغىزلىق بىر ئۆينى ھەل قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز باشلىنىپ كەتتى. بالىلار ئارقا - ئارقىدىن تۇغۇلدى. بىر - بىرىنى يېتىلەپ يۈرۈپ چوڭ بولدى. كېيىن ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيگە كۆچكەنمۇ بولدۇق. ئەمما، قۇش بالىلىرى چوڭۇپ قالسا ئۇۋىسىغا پاتمىغاندەك، بالىلارنىڭ يېشىنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ بىر قولايسىزلىق، قانداقتۇر بىر ئەپسىزلىك ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. توخۇ كاتىكىدەك ئۈچ ئېغىزلىق ئۆينىڭ بىرى ئاشخانا، بىرى مېھمانخانا، ئاندىن قالغان بىرى ياتاق ئۆي بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى ھەممە جان ئاشۇ ياتاق ئۆيدە سولىنىپ يېتىش بىزنىلا ئەمەس، بالىلارنىمۇ بىئارام قىلاتتى. شۇڭا ھەممەيلەن بىر خىل سىقىلىش ئىچىدە كۈننى كۈنگە ئۇلايتتۇق.
    مانا، بىر كەم 30يىل ئىشلىگەن زاۋۇتتىن ئايرىلدىم. 20يىلدىن ئارتۇق ئولتۇرغان ئۆينى قايتۇرۇۋەتتىم. ئىشلىگەن ئەجرىمگە يارىشا قولۇمغا خېلى كۆپ پۇلمۇ كىردى. ئەمدى نېمىلا بولمىسۇن چوقۇم ياخشىراق، كەڭرىرەك ئۆي سېلىپ، بالىلارنىمۇ، ئاينىساخاننىمۇ خۇش قىلىشىم كېرەك.
    يېنىمدا كېتىۋاتقان ئاينىساخاننىڭ چار سومكىنى تۇتقان قوللىرى كىرىشىپلا كەتكەنىدى. ئۇ ئۇششاق قەدەملەر بىلەن چامداپ، ئاجايىپ شېرىن خىياللارغا بېرىلىپ كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ تاتلىق خىياللىرى ھەمىشە كۈلۈمسىرىگەندەك كۆرۈنىدىغان چىرايىدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. مەن نېمىشقىدۇر ئۇنى قولتۇقلىۋالدىم. تا مۇشۇ كۈنگىچە بىرەر قېتىممۇ كوچىدا ئاشكارا قولتۇقلىشىپ باقمىغانلىقىمىزغا قارىماستىن، بۇ ھەرىكىتىم بەكمۇ تەبىئىي چىقىپ كەتتى. ئاينىساخان ماڭا قاراپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى ۋە بېشىنى مەن تەرەپكە قىيسايتتى. بىز گويا يېڭىدىن مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولغان ياشلاردەك كوچىدا بىمالال مېڭىپ كەتتۇق.
     
    4
    بىزگە ئالەمچە خۇشاللىق ۋەدە قىلىۋاتقان پۇلنى كۆتۈرۈپ دادامنىڭ ئالدىغا بارغىنىمىزدا ئۇ بىزدىنمۇ ئۆتە خۇش بولۇپ كەتتى. بالىنىڭ بەختى دادىنىڭ تەختى ئىكەنلىكىنى بۈگۈن دادامنىڭ خۇشالىققا چۆمگەن ۋۇجۇدىدىن يەنە بىر قېتىم كۆردۈم.
    −−ئىنشائاللا، بالام، مەن ساڭا دېگەنغۇ؟ بەندە ئۆي سېلىشقا قوپقاندا ئاللا ئۇنى ھەر تەرەپتىن يۆلەيدۇ دەپ. دېمىسىمۇ خۇدا سېنى يۆلەپتۇ ئوغلۇم، ئەجرى ئەزىم دەپتىكەن، ئاللا ئاجرىڭلارنى بەرسۇن. ئەمدى تېزرەك ھۈنەرۋەن ئۇقۇشۇشنىڭ ئامالىنى قىلىڭلار.
    شۇنىڭ بىلەن بىز پۈتمىگەن ئۆي ئۈچۈن توي تارتقۇدەك بولۇپ بايرام قىلدۇق. بالىلىرىم قىن - قىنىغا سىغمىغان ھالدا سەكرەپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ يىللارنىڭ مۇشەققىتى تېخى ئىز سېلىپ ئۈلگۈرمىگەن غۇبارسىز چىرايىغا بەختنىڭ ھاياجانلىق كۈلكىسى تەپچىرەپ چىققان ئىدى، ئوغلۇم كۈلەتتى. قىزىم تېلىقاتتى. ئۇلار ھېلىتىن ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان ئايرىم ياتاقلىرىنىڭ قانداق پاسوندا بېزىلىدىغانلىقىنى كۆڭۈللىرىدە دىتلاشقا باشلىغانىدى.
    −−مەن ئۆزۈمنىڭ ياتىقىغا كارىۋات قويىمەن. كارىۋاتنىڭ بېشىغا پۇتبول شاھى بىكخامنىڭ رەسىمىنى ئاسىمەن، −− دەيتتى ئوغلۇم يۇلتۇزدەك كۆزلىرىنى چاقناتقان ھالدا.
    −−مېنىڭ ياتىقىمغىمۇ كارىۋات قويىمەن، كارىۋاتنىڭ بېشىغا ھىندىستان كىنو خانىشى ئاشۋارىيە راينىڭ رەسىمىنى چاپلايمەن.
    بالىلار دەۋاتقان ئادەملەر كىملەر؟ ئۇلارنىڭ رەسىمىنى بالىلار نېمىشقا كارىۋىتىنىڭ بېشىغا چاپلايدۇ؟ بۇ تەرىپى ماڭىمۇ، ئۇلارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىۋاتقان ئانىسىغىمۇ قاراڭغۇ ئىدى. شۇڭا مەن چۈشىنەلمەي كۆزلىرىمنى چىمچىقلىتىپ تۇرۇپ سورىدىم:
    −−بالام، سىلەر رەسىمىنى كارىۋىتىڭلارنىڭ بېشىغا چاپلىماقچى بولغان ئادەملەر نەدە؟ نېمە ئىش قىلىدۇ؟
    −−دەپ بەرسەكمۇ سىز چۈشەنمەيسىز، دادا، −− دېدى ئوغلۇم پۇتىنى ئالدىغا چىقىرىپ، قانداقتۇر بىر نەرسىنى تەپمەكچى بولغاندەك بىر ھەرىكەت قىلىپ.
    −−راست، سىز ئۇلارنى بىلمەيسىز، −− دېدى قىزىممۇ چۇڭۇلداپ تۇرۇپ.
    −−سىلەر مەن تونۇمايدىغان ئادەملەرنىڭ رەسىمىنى تامغا ئاسىمىز دېمەي، ئەڭ ياخشىسى دادىكامنىڭ رەسىمىنىلا ئېسىڭلار تامغا! ئۇ ئاققاش دۆڭنىڭ يېنىدىكى يەرنى بەرمىگەن بولسا بىزگە ئۆي سېلىش دېگەن نەدە تۇرۇپتۇ؟
    −−پاھ، ماۋۇ دادامنىڭ دېگەن گېپىنى، −− دېدى ئوغلۇم قاقاقلاپ كۈلگىنىچە، −− بوۋام دېگەن يېنىمىزدىلا، كۆرىمىز دېسەك قاچان بولمىسۇن كۆرەلەيمىز. لېكىن بىكخام بىلەن ئاشۋارىيە راينى كۆرۈش بىزگە نېسىپ بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ رەسىمىنى بولسىمۇ تامغا ئېسىپ، كۆرگىمىز كەلگەندە ئۇنىڭغا قارايمىز، بۇ دېگەن ئىككىسى ئىككى ئىش.
    −−ئاكام توغرا دەيدۇ. ھەر كۈنى يېنىمىزدا يۈرگەن ئادەمنىڭ رەسىمىنى تامغا ئاسقاننىڭ نېمە پايدىسى؟
    بالىلار بىز ئويلىغاننى ئويلىمايدىكەن. شۇڭا مەن بېشىمنى چايقاپ، ئېغىر خورسىنىپ قويدۇم.
    −−ئۇلار بىلەن تالاشما، −− دېدى دادام كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، −− بالا دېگەن بالىلىقىنى قىلىدۇ. ئەقلىگە توشقاندا نېمە قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىش قىلىدىغان بولىدۇ. »بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باق، قازىنىڭنىڭ قاينىشىغا« دېگەننى ئاڭلىمىغانمۇ سەن؟
    شۇنىڭ بىلەن ھەر تەرەپكە قاتراپ تامچى ئۇقۇشۇشقا باشلىدىم. كىم بىلسۇن، »تەلەيسىز سۇغا چىقسا ئۆستەڭگە كالا تېزەكلەپتۇ« دېگەندەك، ئاران بىر ئۆي سېلىش نىيىتىگە كەلگەندە ماڭا لازىملىق ئۇستاملارنىڭ قولى ئالدىراش چىقىپ قالدى.
    مۇشۇ كۈنلەردە مەھەللىدە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش دولقۇنى قوزغىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۆي - ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا دۆۋىلەپ قويۇلغان خىش، تاش، سېمونتلار، چوقچىيىپ تۇرغان ياغاچلار كۆزگە چېلىقاتتى. ھەممەيلەن بىراقلا يېڭى ئۆي سېلىشقا قوپقان بولغاچقا يۇرتتا ھۈنەرۋەن يېتىشمەي قالغانىدى. مەن ھەر تەرەپكە قاتراپ، ياغاچچى، سۇۋاقچى دېگەنلەر بىلەن ئۇقۇشتۇم. داداممۇ ھاسىسىنى سۆرەپ، ئۆزى بىلىدىغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قاتىرىنى بىر قۇر ئارىلاپ چىقتى. ھەممىسى ئىش تۇتۇپ بولغاچقا، بىزنىڭ ئۆينى سېلىش ئۈچۈن يەنە يېرىم يىل كۈتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يېلى چىقىپ كەتكەن كامېردەك لاسسىدە بولۇپ قالدىم، بالىلارنىڭمۇ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.
    −−ھېچقىسى يوق بالام، −− دېدى دادام كەڭ ئالىقىنى بىلەن يەلكەمگە بوشقىنە ئۇرۇپ قويۇپ، −− كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، يېرىم يىل دېگەنمۇ ئۇچقۇر شامالدەك تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۆينىمۇ سېلىپ ئۈلگۈرىسەن تېخى. شۇنىڭغىچە بىزنىڭكىدە يېتىپ - قوپۇڭلار.
    دېمىسىمۇ شۇ كۈنلەردە زاۋۇتتىكى ئۆيىمىزنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن، بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەكتىپىنىڭ يېنىدىنراق ئىككى ئېغىزلىق ئۆينى ئىجارىگە ئالغان ئىدۇق. ھەر كۈنى مېھمان كۈتىدىغان ئىش بولمىغاندىكىن ئىككى ئېغىزلىق ئۆينىڭ بىرىنى ئاشخانا، يەنە بىرىنى ياتاق قىلىۋالغانىدۇق. ياتاق دېگىنىمىز 20كىۋادرات مېتىردىن سەل ئاشىدىغان ئۆي بولۇپ ئۇنىڭغا ئىككى سۇپا چىقىرىلغانىدى. ئەدەپ يۈزىسىدىن سۇپىنىڭ بىرىدە ئوغلۇم بىلەن مەن، يەنە بىرىدە ئاينىساخان بىلەن قىزىم يېتىۋاتاتتى. گەرچە بىز زاۋۇتتىكى ئۆيدىن كۆچكەن بولساقمۇ يەنىلا تۇرمۇشتىكى سىقىلىشلاردىن قۇتۇلالمىغانىدۇق، شۇڭا يېڭى ئۆيىمىزگە باغلانغان ئۈمىد بەكمۇ زور ئىدى.
    مەن دادامنىڭ تەكلىپىگە نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي ئاينىساخانغا قارىدىم. ئۇ سۇس كۈلۈمسىرەپ ئۈندىمىدى. ئەمما ئوغلۇم بىلەن قىزىمنىڭ باشلىرى ئىككى تەرەپكە چايقىلىپ، »ياق!« دېگەن ئىشارىنى بەردى. ئۇلار دادامنىڭ تار، قاراڭغۇ، تاملىرىغا زەي مېڭىپ كەتكەن كونا ئۆيىنى ياراتمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرنى مەكتىپىگە يىراق كۆرگەن ئىدى. مەن بالىلارنىڭ رايىغا بېقىپ، دادامنىڭ تەكلىپىنى سىلىق رەت قىلدىم.
    −−رەھمەت دادىكا، بولسا يانلىرىغا چىقىپ، ئەتىسى ئاخشىمى تاپقان بىرەر پىيالە چاينى بىللە ئىچكەن بولساق تولا ئوبدان بولاتتى. شۇغىنىسى مەن ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ بىر يىللىق ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرۇپ بولغان ئىكەنمەن. قايتۇرۇۋالغىلى ئادەمنىڭ يۈزى چىدىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىمىز بالىلارنىڭ مەكتىپىنىڭ يېنىدىلا، بالىلار ئۇسساپ قالسىمۇ دىككىدە ئۆيگە چىقىپ ئۇسسۇلۇق ئىچىپ كېتەلەيدۇ. شۇڭا ئاشۇ ئۆيدە ئولتۇرۇۋېرەيلى.
    −−بۇ دېگىنىڭمۇ راست ئوغلۇم، ئەر كىشى دېگەننىڭ لەۋزى ھالال دەپتىكەن، پۈتۈشۈپ بولغان ئىشنى بۇزماق ئەر كىشىنىڭ ئىشى ئەمەس، −− دېدى دادام ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ قويۇپ، −− نەنى كۆڭلۈڭلار تارتقان بولسا شۇ يەردە تۇرۇڭلار، بالىلار جاپادا قالمىسۇن.
    شۇنداق قىلىپ شەھەردە يەنە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدۇق.
    دادام دېگەندەك، ياز مەۋسۇمى بەكمۇ تېز ئۆتۈپ كەتتى. ھەش - پەش دېگۈچە كۈز كەلدى. تەبىئەتتە يېشىللىقنىڭ ئىزناسى ئۆچۈپ، ھەممە يەردىن ئالتۇن كۈزنىڭ سارغۇچ رەڭلىرى جىلۋە قىلىشقا باشلىدى. باغلاردا مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ، دالىلاردا كۈزلۈك ھوسۇلنىڭ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان خامانلىرى ئېلىنىشقا باشلىدى.
    مەن ياز بويى شەھەردە تىمىسقىلاپ، قىلىدىغان بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتماق بولدۇم. لېكىن ھەرقانچە قاترىساممۇ مەن قىلغۇدەك مۇۋاپىق ئىش تېپىلمىدى. ئاقىۋەت باققاللىق قىلدىم. ئەرزان باھادا سېتىۋالغان كونا ھارۋامغا سېۋەت - پۇلۇقلىرىمنى بېسىپ، تاڭ ئېتىپ تورغاي چۇچۇلىماستا مېۋە - چىۋە توپ بازىرىغا قاترايمەن، ئۇ يەردە تالىشىپ يۈرۈپ، ئېغىزىمنىڭ مىڭ قات تېرىسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋالغان مېۋىلىرىمنى ھارۋىغا باسىمەن - دە، شەھەر كوچىلىرىغا، ئەدەملەر جىقراق ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يول ئېغىزلىرىغا بېرىپ خېرىدار كۈتىمەن. دەسلەپ بۇ ئىشنىڭ ئاز - تولا پايدىسى كۆرۈلگەندەك قىلغانىدى، كېيىنچە نېمە بولغىنىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن، ئالغان مېۋىلىرىم خېرىدارلارنىڭ نەزىرىگە ئېلىنمىدىمۇ ياكى ئەرزان ئالىمەن دەپ بەك ناچىرىنى تۇتۇپ قالدىممۇ ۋە ياكى توپ ساتىدىغان باققاللار مېنىڭ ئىش بىلمەسلىكىمدىن پايدىلاندىمۇ، ئەيتاۋۇر ھارۋامدىكى مېۋىلەر خېرىدارسىز قېلىپ ئۆزلۈكىدىن سېسىپ تۈگەيدىغان بولۇپ قالدى. بىرەر ھەپتىگە قالماي 1000يۈەندەك زىيان تارتتىم. شۇ چاغقىچە تارتقان تۈرلۈك زىيانلىرىمنىڭ ھېساباتىنى قىلىپ باقمىغان بولساممۇ، ئەمما بىرنى ئىككى قىلىمەن دەپ قوپۇپ تارتقان بۇ زىيىنىم ئىچىمنى ھەرە چاققاندەك ئېچىشتۈرۈۋەتتى. ئۆزۈمچە تېرىككەك، ئاچچىقى يامان، سەپرا بولۇپ قالدىم.
    بىر كۈنى تەۋەككۈل دەپ يەنە بىر ھارۋا تاۋۇز سېتىۋالدىم. بۇ مېنىڭ تىجارەتكە باغلىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىم ئىدى. ناۋادا بۇنىڭدىن پايدا كۆرسەم بۇ تىجارەتنى يەنە داۋاملاشتۇرىمەن، زىيان كۆرسەم، بولدى بەس! ئەمدى تىجارەت دېگەننىڭ يېنىغىمۇ يولىمايمەن. شۇنداق خىيالنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ھارۋامنى ئىتتىرىپ شەھەر كوچىلىرىدا كېتىپ بارىمەن. »تاۋۇز... تاۋۇز... ھەسەلدەك شېرىن، قەنتتەك تاتلىق، تىلنى يارىدىغان قۇم تاۋۇز...!« يولبويى شۇنداق ۋارقىرايمەن، ھارۋىدىكى تاۋۇزلارنى ماختاپ ئېغىزىم قۇرۇپ كەتتى. شۇغىنىسى ماڭا ئىچى ئاغرىپ بولسىمۇ بىرەر كىم بىرەر تاۋۇزنىڭ نەرخىنى سوراپمۇ قويمىدى. بۇ ھال مېنىڭ تىجارەتكە باغلىغان ئۈمىدىمنى يىراق - يىراقلارغا قوغلىماقتا ئىدى.
    كۈن چۈش بولاي دېگەندە ئالدى تەرەپتىن مېۋە - چىۋە باسقان ھارۋىلىرىنى ئىتتىرىپ باققاللار قېچىشقا باشلىدى. ئۇلار سارنى كۆرگەن چۈجىدەك چۇكۇلدىشىپ، ھارۋىدىكى مېۋىلىرىنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا پەرۋا قىلماستىن تەرەپ - تەرەپكە قېچىشقا باشلىغانىدى. مەن نېمە بولغىنىنى، ئۇلارنىڭ نېمىگە بۇنچە پىتىراپ قاچىدىغانلىقىنى چۈشەنمەي ھاڭۋېقىپ تۇرغان ئاشۇ دەقىقىدە ئۈستىدە قىزىل - كۆك چىراغلىرى بار بىر ماشىنا يېنىمغا كېلىپ پۇسسىدە توختىدى. ماشىنىدىن قاسقان شەپكىلىك ئۈچ كىشى خۇددى مەن ھېلىلا قانات ياساپ ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك ئالدىراش چۈشۈپ مېنى ئۈچ تەرەپتىن قورشىدى.
    −−پاھ، ماۋۇ قاپ يۈرەكنىڭ بىزنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ھېچبىر ھولۇقماستىن قاراپ تۇرغىنىنى كۆرمەمدىغان؟ −− دېدى بۇرۇتىنىڭ ئۇچى ئاقىرىشقا باشلىغان بىرى سوغۇق ھىجىيىپ قويۇپ، −− تىجارەت قىلىش چەكلەنگەن يول ئېغىزىدا شاپاق سېتىپ يۈرۈشكە كىم رۇخسەت قىلدى ساڭا؟
    ئېغىزىمغا زۇۋان كەلمىدى. چىرايىمنىڭ ئاق خەسىدەك تاتىرىپ كەتكىنى ئۆزۈمگە ئايان بولدى. مەن بىر كېلىشمەسلىكنىڭ شەپىسىنى تۇيغاندەك، ھارۋىنىڭ شوتىسىنى چىڭڭىدە قاماللىدىم.
    −−نېمىشقا چوڭ كوچا ئېغىزىدا تاۋۇز ساتىسەن؟
    −−بۇ... يەردە... ئا... ئادەم جىقراق ئىكەن، ئاز - تولا سودا بولارمىكىن دەپتىمەن.
    −−تاۋۇزۇڭنى يىغىشتۇر، ھارۋاڭ مۇسادىرە!
    −−ئۇنداق قىلىشمىسىلا... ھارۋا بولمىسا تاۋۇزنى نېمىدە يۆتكەپ ساتىمەن؟
    −−ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئىشىمىز يوق، چەكلەنگەن رايونغا ھارۋا ئىتتىرىپ كىرىپ تاۋۇز ساتقىنىڭ ئۈچۈن ھارۋىنى مۇسادىرە قىلىمىز.
    −−مەن ئەمدى ئىككىنچىلەپ بۇ يەرگە كەلمەي، تاۋۇزمۇ ساتماي، ھارۋامنى بېرىشسىلە.
    −−قېنى يىگىتلەر، تاۋۇزنى يول بويىغا چۈشۈرۈۋېتىپ ھارۋىنى ماشىنىغا بېسىڭلار!
    بۇرۇتىنىڭ ئۇچى ئاقارغان ھېلىقى كىشى مېنىڭ يېلىنىپ يالۋۇرۇشلىرىم قۇلىقىغا كىرمىگەندەك ھەمراھلىرىغا بۇيرۇق قىلدى. قالغان ئىككىيلەن جەڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ قالغان لەشكەر بېشىدەك ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەش - پەش دەپ بولغىچە تاۋۇزلارنى يول بويىدىكى سېمونت پەشتاقنىڭ يېنىغا چۈشۈردى ۋە ھاسىراپ - ھۆمۈدىگىنىچە ھارۋىنى ماشىنىنىڭ كوزۇپىغا باستى.
    −−ئۇنداق قىلىشمىسىلا، جەرىمانە قويسىلا تۆلەي، نېمە ئالسىلا مەيلى، ھارۋامنى بېرىشىسلە.
    ماشىنا ئىشىكىنىڭ گۈپ - گۈپ يېپىلىشى مېنى تولغاندۇرۇۋەتتى. ئۇلار مېنىڭ نالە - پەريادىمغا پىسەنت قىلىشمىدى. ھارۋا بېسىلغان ماشىنا كۆزۈمچىلا ئورنىدىن قوزغالدى. مەن ھارۋىدىن قۇرۇق قېلىپ، بىر دۆۋە تاۋۇزنىڭ يېنىدا بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم. نېمىشقىدۇر كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى يالاپ ئېقىشقا باشلىغانىدى.
    −−ھەي، نېمە قىلغىنى ئۇلارنىڭ؟ بىرەر 100يۈەن جەرىمانە قويۇپ، ھارۋىسىنى بېرىپ كەتسە نېمە بولىدۇ؟
    −−شەھەرگە يېڭى كىرگەن باققال ئىكەندە؟ شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ تۇتۇۋالىدىغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك، بولمىسا قېچىپ كېتەر ئىدى.
    −−يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ دېگەن شۇدە.
    −−خۇددى خەقنىڭ نەرسىلىرىدە ھەققى باردەك ئېلىپ كېتىدۇ زادى.
    −−ماۋۇ خەقمۇ شەھەر كوچىلىرىدا ھارۋا سۆرەپ يۈرمەي كۆرسىتىپ بېرىلگەن يەردە تىجارەت قىلسا بولىدۇ.
    −−ھەي، ئۇنى دەيمىز، بۇنى دەيمىز، جان ساقلاش بەك تەس.
    قۇلىقىمغا كىرىۋاتقان بۇ گەپلەر پىغانىمنى تېخىمۇ ئۆرلىتىپ، كۆزلىرىمدىن ئېقىۋاتقان ياشلارنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. مەن بىر دۆۋە تاۋۇزنىڭ يېنىدا بېشىمنى تۇتقىنىمچە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدىم.
    −−ئاكا، تاۋۇزنى بېسىپ كېتىدىغان ھارۋىلىرىمۇ يوق بولدى، ئەمدى ئۇنى ماڭا دۈڭ سېتىپ بېرەمدىلا؟
    قۇلاق تۈۋۈمدىلا ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن ئىتتىكلا بېشىمنى كۆتۈردۈم. توپ ئىچىدىن 20ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت چىقىپ، يول بويىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان تاۋۇزلارغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن نەزەر سېلىشقا باشلىغانىدى.
    −−ساتسام ساتتىم، −− دېدىم ئېسەدەپ تۇرۇپ، −− ساڭا يارىغان بولسا ئېلىپ قال ئۇكام.
    −−ھارۋىسى يوق ئىكەن، ئەمدى يۆتكىيەلمەي دېگىنىمگە بېرىدۇ دەپ ئويلىدىمىكىن، دېگەن خىيالنى كاللىلىرىدىن چىقىرىۋەتسىلە، قارىغۇنى تار يەردە قىستاش مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس، −− دېدى يىگىت بىر تاۋۇزنى قولىغا ئېلىپ چېكىپ باققاندىن كېيىن، −− مۇشۇ تاۋۇزلارنىڭ ھەممىسىنى قانچىگە بېرىدىلا؟
    −−چاغلاپ ئال ئۇكام.
    −−ئاۋۋال ئېتىنى قويۇپ بەرسىلە.
    −−ھەممىسىگە 500يۈەن بەر ئەمىسە.
    −−يىگىت تاۋۇزنىڭ ئەتراپىنى يەنە بىر چۆرگىلەپ چىقتى.
    −− 350نى بېرەي.
    −−كەم بولا.
    −−كېمىنى خۇدايىم بەرسۇن.
    −−دېگىنىڭ كەلسۇن ئۇكام، ئەمما مەن بۇ تاۋۇزلارنى 410يۈەنگە ئالغان. ھارۋىدىن قۇرۇق قالغاننى ئاز دەپ، يەنە بۇ تاۋۇزلاردىنمۇ زىيان كۆرسەم بولماس.
    −−دېگەنلىرى راستمۇ ئاكا؟
    −−ئىللا - بىللا راست، ئۈستىمىزدە ئاللا تۇرۇپتۇ، بىر دېھقان بىلەن بىر ھازا تالىشىپ 410يۈەنگە ئالغىنىم راست، ئۇكام. تاۋۇز پۇلىغا بىر سىنت قوشۇۋالغان بولسام تاپقان پۇلۇم ھارام بولۇپ كەتسۇن.
    −−بوپتۇ، لەۋزىلىرىگە ئىشەندىم، −− دېدى يىگىت بېشىنى لىڭشىتىپ، −− ئۇنداقتا ماڭا خۇدايىم بەرسۇن، 450نى بېرىمەن، رازى بولامدىلا؟
    بۇ باھا دىتىمغا ياققان ئىدى، گەرچە ھارۋامنى ئېلىپ كېتىشكەن بولسىمۇ تاۋۇزدىن 40يۈەن پايدا ماڭا ئالدىنى قىلدى. شۇڭا رازىمەنلىك مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.
    −−ئال ئۇكام، مەن رازى.
    بالا ماڭا پۇل ساناپ بەردى، ئاندىن ئوڭ ئالىقىنىنى يەرگە تەگكۈزۈپ بولۇپ مېنىڭ سول ئالىقىنىمغا كۈچەپ ئۇردى:
    −−نان تەگسۇنما ئاكا؟
    −−نان تەگسۇن، ئاللا رىزقىڭنى بەرسۇن ئۇكام.
    پۇلنى يانچۇققا سېلىپ بولۇپ خېلىلا يېنىكلەپ قالدىم. يىگىتكە رازىمەنلىك بىلەن باش لىڭشىتىپ قويغاندىن كېيىن، كىشىلەر توپىنى بېرىپ ئۆتۈپ ئۆي تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم.
     
    5
    دادامنىڭ ئۆيىگە قايتقان ۋاقتىمدا كۈن ئاللىقاچان غەربكە باش قويغان بولۇپ، شەپەق قىزارتقان بۇلۇتلار ئاستا - ئاستا سوۋۇغان تۆمۈردەك قارىداپ، ئاسمانغا گۇگۇم پەردىسى يېيىلىشقا باشلىغانىدى. مەھەللە ئاسمىنىدا دانلاپ يانغان قۇشقاچلار چۇرۇقلاپ ئۇچۇشاتتى. ئېتىز - دالالاردىن، خامانلارنىڭ كەينىدىن ئوقۇرىدىكى يۇمشاق ساماننى سېغىنغان ھارغىن ئېشەكلەرنىڭ ھاڭرىغىنى، قومۇشلۇقلاردىن موزىيىنى سېغىنغان كالىلارنىڭ مۆرىگىنى ئاڭلىناتتى. كوچىلاردا پادىسىنى ئالدىراپ ھەيدەپ ئۆيىگە ماڭغان چوپان بالىلار كۆزگە چېلىقاتتى. مەھەللە ئاسمىنىدا قايسىبىر ئانىنىڭ كەپسىز ئوغلىنى چاقىرغان سوزۇق ئاۋازى، قايسىبىر ئۆيدىن بالىنىڭ قىيقاس سېلىپ يىغلىغىنى ئاڭلىناتتى.
    ھويلىغا ئېغىر ئادەملەر بىلەن قۇرۇق قول كىرىپ كەلگىنىمدە، دادام ھويلىنىڭ بىر بۇرجىكىدە ئولتۇرۇپ كىچىك بولقىسىنى توكۇلدىتىپ ئېشەكنىڭ نوختىسىدىكى بوشاپ قالغان مىخلارنى چىڭىتماقتا ئىدى. ئۇ مېنىڭ ئۆمسۈلە چىرايىمغا بىر قاراپلا بۈگۈن بىر كېلىشمەسلىكنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى پەملىۋالدى ۋە ئورنىدىن ئىتتىك تۇرۇپ كەتتى.
    −−نېمە بولدى بالام؟ بازاردا بىرەرىدىن ئازار يەپ قالدىڭمۇ؟
    −−ھارۋامنى تارتىۋالدى.
    −−كىم؟
    −−شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى.
    −−نېمىشقا؟
    −−شەھەر كوچىسىغا كىرىۋاپسىنەي، سودا قىلىش چەكلەنگەن يەردە تىجارەت قىپسىنەي دەپ، ئۇلار ئارتىمەن دېسە بىزدە گۇناھ تېپىلىدىكەن دادىكا.
    نېمىشقىدۇر بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلەشتى. مەن دادامغا ئېسىلىپ يىغلىۋەتتىم. مونچاقتەك تۆكۈلگەن ياشلىرىم دادامنىڭ خەسە يەكتىكىنىڭ يەلكىلىرىنى بىردەمدىلا يامغۇردا قالغاندەك ھۆلدىۋەتتى. دادام مېنى مېھرى بىلەن باغرىغا بېسىپ، گويا مېنى يىغلاپ ئىچىنى بوشىتىۋالسۇن، دېگەندەك بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى. ئاخىر يىغاممۇ ئازراق بېسىقىپ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشتىم.
    −−ھېچقىسى يوق بالام، ئوغۇل بالىنىڭ بېشىغا نېمە كۈن كەلمەيدۇ دەيسەن؟ سەۋر قىلغىن.
    −− 500يۈەنگە ئالغان ھارۋا تۇرسا، قىپقىزىل زىيان ئ−ەمەسمۇ دادىكا؟ ئ−ۇلار ھارۋىنى كۆزۈمچىلا ماشىنىسىغا بېسىپ ئەكەتتى.
    −−سەۋرلىك بول بالام، ئادەممۇ ئۆلۈپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ساڭا زىيان ئۇرغان بولسا ھېچقىسى يوق، ھەممىنى خۇدايىم تەڭشەپ قويىدۇ. بولدى، ئەمدى يىغلىما، بالىلار كۆرۈپ قالسا سەت تۇرىدۇ.
    مەن كۆز يېشىمنى قولۇمنىڭ كەينى بىلەن سۈرتۈۋەتتىم.
    −−ئوغۇل بالا دېگەن بىر تال بۇغداينى كۆرگەندە سەمرىپ، بىر تال قوناقنى كۆرگەندە ئورۇقلاپ قالسا بولمايدۇ، پايدا بار يەردە زىيانمۇ بار. پايدىمۇ ئاللا تەرەپتىن، زىيانمۇ ئاللا تەرەپتىن. ھەممىگە شۈكۈر قىلماق لازىم بالام، بەك ئىچىڭگە ئېلىپ كەتمە. خۇدايىم بىر يەردىن زىيان بەرگەن بولسا يەنە بىر يەردىن پايدىمۇ بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئىشەن.
    مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. نېمىشقىدۇر دادامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىمدىكى ئاچچىق كۈن نۇرى چۈشكەن كۆكتاتتىكى شەبنەم تامچىسىدەك تاراپ كەتتى. مەن بولقىنى قولۇمغا ئېلىپ دادام تېخى چىڭىتىپ بولالمىغان مىخلارنىڭ بېشىغا ئۇرۇشقا باشلىدىم.
    دادام بىلەن مۇڭدىشىپ، ئىش - كۈشلىرىگە قارىشىپ بېرىپ كۆڭلۈم خېلىلا تەسكىن تېپىپ قالغانىدى. ئۆزۈمنى خېلىلا يەڭگىل ۋە راھەت سەزدىم. ئەتراپ قاراڭغۇلۇق ئىچىگە غەرق بولغاندىلا دادام بىلەن خوشلىشىپ، شەھەردىكى ئىجارە ئۆيۈم تامان يول ئالدىم.
    شۇ كېچە كۆزۈمگە زەررىچە ئۇيقۇ كەلمىدى. دادامنىڭ گەپلىرى ماڭا زور تەسەللى بولغان بىلەن، بىر يازنىڭ ئىچىدە تىجارەت قىلىمەن دەپ يۈرۈپ كۆرگەن زىيانلىرىم ئىچىمنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام قىلماقتا ئىدى. ھېسابلاپ كۆرسەم قولدا قالغان پۇل 20مىڭدىن كەملەپ كېتىپتۇ، تىجارەتتە نان تېپىپ يېيەلمىگەندىكىن، يانچۇقتا بارنى ئىشلەتمەي ئامال يوق ئىكەن. بىر يازنىڭ ئىچىدە قورساق بېقىش ۋە تىجارەتتە بىرنى ئىككى قىلالماي تۆت مىڭ كويدەك پۇل تۈگەپ كېتىپتۇ. ئەمدى ئېشىپ قالغان پۇلغا قانداقمۇ ئۆي سالغىلى بولسۇن؟ ئۇياق - بۇياققا ئۆرۈلۈپ ياتقىنىغا قاراپ ئاينىساخاننىڭمۇ كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بىراق كېچە تەڭدىن ئېشىپ كەتكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ يېنىمدا ئوغلۇم، ئۇنىڭ يېنىدا قىزىم ياتقىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىشقا پېتىنالمىدىم. ئېغىر خورسىنىپ قويۇپ تام تەرەپكە ئۆرۈلدۈم. نېمىشقىدۇر ئۇستىخانلىرىم غىچىرلاپ كەتكەندەك بولدى.
    ئەتىسى ۋاقچە ئورنۇمدىن تۇردۇم. كۆزۈمنى ئاچسام كۈن ئاللىقاچان نەيزە بويى ئۆرلەپتۇ، بالىلار مەكتەپكە كەتكەن، ئاينىساخان قاچا - قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇۋاتقان ئىكەن. ئۇ بېشىمنى كۆتۈرگىنىمنى سېزىپ ئىتتىكلا مەن تەرەپكە بۇرۇلدى.
    −−ئويغاندىلىمۇ؟
    −−ھەئە، ئويغاندىم.
    −−كېچە تۈزۈككىنە ئۇخلىيالمىدىلا.
    −−شۇنداق، ئەمما سەھەر ۋاقتىدا كۆزۈم ئىلىنىپ قاپتۇ.
    −−سىلىنى ئازراق ئۇخلىۋالسۇن دەپ ئويغاتمىدۇق.
    مەن ئېغىزىمنى چوڭ ئېچىپ بىرنى ئەسنىۋەتكەندىن كېيىن ساپما كەشنى پۇتۇمغا سېپىپ تالاغا چىقتىم. ئىجارە ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى شەھەرگە تۇتىشىدىغان ئاسفالت يولغا ئېچىلاتتى. بوسۇغا ئاتلىساقلا يولنى كۆرەتتۇق. بۇ يولدىن سىرلىرى كۆزنى چاقىدىغان ئېسىل ماشىنىلارمۇ، بوينىغا ئېسىلغان كولدۇرمىلىرىنى بوغۇق ئۈندە جاراڭلىتىپ ئوتۇنچىلارنىڭ تۆگىلىرىمۇ، سايىۋەن ئورنىتىلغان مەپىلەرمۇ، ئات - قېچىر قوشۇلغان ھارۋىلارمۇ ئۆتەتتى. بۈگۈن نېمىشقىدۇر بۇ يولنىڭ شاۋقۇن - سۈرەنلىرى خېلىلا بېسىقىپ قالغانىدى.
    −−ناشتا قىلىۋالامدىلا؟
    ئۆي ئىچىدىن ئاينىساخاننىڭ يۇمشاق ئاۋازى ئاڭلاندى.
    −−مانا ھازىر، −− دېدىم يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىغا ئۆمتۈلگىنىمچە، −− چاينى تەييارلاپ قوي، ھازىرلا كىرىمەن.
    تاشتىدىن كېيىن ئەمدى نېمە قىلسام بولار دېگەندەك خىيالغا چۆمۈپ ئۇزاق ئولتۇردۇم. ئەمدى تىجارەت دېگەننىڭ يېنىغىمۇ يولىمايمەن، قۇرۇپ كەتسۇن ئۇششاق سودا - سېتىق دېگىنى! »بورىچى ھالۋىچى بولسا كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ« دېگەندەك، بۇ ئوقەتنى مەن قاملاشتۇرۇلمىغۇدەكمەن. ئەمدى دەسمايە كەتمەي كۈچ كېتىدىغان بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتمىسام بولمىدى.
    شۇ خىيال بىلەن ئېغىر خورسىنىپ قويۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.
    −−ئەمدى نېمە قىلاي دەيدىلا؟ −− سورىدى ئاينىساخان بەكمۇ قىسىلغان ھالدا.
    −−نېمە قىلسام بولىدىكىن تاڭ؟ ھېچبىر ئىشنىڭ ئېپى يوققۇ خوتۇن.
    −−بەك ئىشنىڭ تايىنى بولمىسا ھۈنەرۋەن ئۇقۇشۇپ باقامدىلا - يا؟ ئۆينىڭ ئۇلىنى بولسىمۇ تۇتۇۋالساق دەيمىنا؟
    −−قولدا قالغان پۇل يەتمەسمىكى؟
    −−يەتكەن يېرىگىچە ئىشلەپ قويايلى دادىسى، ئۆينىڭ ئۇلىنى بولسىمۇ تۇتۇۋالساق، كۆڭۈل توقراق تۇرامدىكىن دەيمىنا. ئۆينىڭ ئىشى چالا قالسا تېپىشىمىزغا بېقىپراق بىر نېمە قىلارمىز.
    ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ دېگىنىمۇ توغرا ئىكەن، شۇڭا بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۆڭۈشكە باشلىغان كونا چاپىنىمنى يېپىنچاقلاپلا ئۆيدىن چىقتىم. ئەمدى مەن ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىمدىن ئىزدەپ بارغان ھېلىقى ئۇستىلارنى يەنە ئىزدىمەك بولدۇم.
    −−ئەمدى ئىش باشلىساق بولىدۇ، −− دېدى بىرىنچى بولۇپ ماڭا ئۇچرىغان تامچى تىلىنىڭ ئاستىغا ناسۋال ئۇرغىنىچە، −− قولدىكى ئىشنىمۇ تۈگەتتۇق، ئەمدى شۇ خاماننىڭ ئىشىنى بىر ياقلىق قىلىۋالساقلا سوغۇق ئۆزىنى كۆرسىتىپ بولغىچە سىلىنىڭ ئۆينىمۇ سېلىۋېتىمىز.
    −−خاماندىن قاچانلاردا بىكار بولارلا ئۇستام؟
    −−ئىككى - ئۈچ كۈنگە قالمايلا.
    −−مەن نېمە ئىشنى پۈتكۈزگەچ تۇرىمەن؟
    −−ئاۋۋال يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىش باشلاش ئىجازىتىنى ئالسىلا، ئاندىن ئۆينىڭ ئۇلىغا بېسىش ئۈچۈن تاش، چۆرۈمە لىم قۇيۇش ئۈچۈن قۇم، سېمونت، پولات چىۋىق دېگەنلەرنى تەخ قىلسىلا، خىشنىڭ ئىشىدىن غەم قىلمىسىلا، مېنىڭ بىر ئىنىم خۇمدان ماڭدۇرغان، شۇنىڭغا ھايت دەۋەتسەكلا تىراكتورلىرى كېرەكلىك خىشلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
    −−تولا ئوبدان!
    ئۇستام بۇرنىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئاسمانغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن قاتتىق بىرنى چۈشكۈردى - دە، ئەمىسە گەپ شۇنداق بولسۇن دېگەندەك ماڭا لاپپىدە قاراپ قويۇپ يولىغا ماڭدى. ئۇنىڭ بىلەن ئىش باشلاش خۇسۇسىدا ئاغزاكى كېلىشكىنىمىز ئۈچۈن ئۆي سېلىش ئىشىمنىڭ خەيرلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا دادامنىڭ ئۆيى تامان يول ئالدىم.
    −−ئىش باشلىماق بولغىنىڭ بەك بەلەن بوپتۇ بالام، −− دېدى دادام مەندىنمۇ ئۆتە خۇش بولۇپ، −− بىسمىللا دەپ ئىشنى باشلىماق تەس، ئەممازە ئىشنى باشلاپلا ئالساق خۇدايىمنىڭ مەدىتى بىلەن تام دېگىنى بىردەمدىلا ئۆرە بولىدۇ.
    −−شۇغىنىسى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش ئىشخانىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماق لازىم بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئىجازەت بولمىسا ئۇستاملار ئىشنى قولغا ئالالماسمىش.
    −−بۇنىڭ چارىسى ئاسان بالام، −− دېدى دادام ھاسىسىنى يەرگە توك - توك ئۇرۇپ قويۇپ، −− ئىش گەپ بىلەن پۈتىدۇ، ئۇنىڭغا بولمىسا بىرەر كاپام سامان ئۇرۇۋېتەرمىز، گەپكە ئۇنىمىغاننىڭ قېتىقى گالدا. شۇ يەرنى بېسىقتۇرۇۋەتسەك، ئىجازەت دېگەن تۆت ئاياغ بولۇپ ئالدىمىزغا ئۆزى كېلىدۇ.
    دادامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىش باشلاشقا بولغان ئىشەنچەم تېخىمۇ ئاشتى.
    −−ئاياغ مەھەللىدىكى ئىمىن پوستەكنىڭ ئوغلىنى مۇشۇ ئىشقا پالاقلاپ يۈرىدۇ دەپ ئاڭلىغانمەن، ئىمىن پوستەك بىزگە دادا جەمەت تۇغقان كېلىدۇ. ھايال قالماي شۇ پوستەكنىڭ ئوغلىنى ئىزدەپ باق بالام، تۇغقان بولغاندىنكىن ياتنىڭ قىلىقىنى قىلماس. قولمۇ ئىچىگە ئېگىلىدۇ ئەمەسمۇ؟
    شۇ كۈنى كەچتە ئىمىن ئاكامنىڭ ئۆيىگە كەلدىم. بۇ ئۆي چوڭ يول بويىغىلا جايلاشقان ھەشەمەتلىك قورۇ بولۇپ، قوش قانات دەرۋازا ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان تىراكتور ۋە چاتمىلار بۇلارنىڭ ھاللىق ئائىلە ئىكەنلىكىنى سۆزسىز ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئەتراپىغا قۇچاق يەتمەس تېرەكلەر سايە تاشلاپ تۇرغان ئۆينىڭ ئاپپاق تاملىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى. ھويلىغا ئەيمىنىپ دېگۈدەك كىرىپ كەلدىم. رەڭلىك خىش ياتقۇزۇلغان ئازادە ھويلا سالقىن ۋە ساپ ھاۋالىق ئىدى. كۈز كېلىپ قالغىنىغا باقماي تام بويلىتىپ قويۇلغان تەشتەكلەردە ھەر خىل گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ تۇراتتى، گۈللەردىن تارىغان خۇشبۇي ھىد دىماقلارغا گۈپۈلدەپ ئۇرۇلاتتى.
    ۋاسا جۈپ قىلىپ ئىشلەنگەن پېشايۋان ئاستىغا تاملىرىغا چاقچۇق چاپلانغان سۇپا چىقىرىلغان بولۇپ، سۇپىدىكى قات - قات كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ئىمىن ئاكام ئەسنەپ ئولتۇراتتى. ئون ياشلاردىكى بىر بالا )ئېھتىمال نەۋرىسى بولسا كېرەك( ئۇنىڭ سېمىز ۋە چىڭ بىلەكلىرىنى يۇمشاق تۇتۇپ قويماقتا ئىدى. ئاللىقانداق لەززەتتىن ئۇنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، پات - پات »خۇدايىم رەھمەت قىلسۇن تاتلىق بالام« دەپ قوياتتى. مەن ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئازراق تۇرۇۋالغاندىن كېيىن گېلىمنى قىرىپ، بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ كەلگەنلىكىمدىن شەپە بەردىم. ئىمىن ئاكام ئىتتىكلا كۆزىنى ئاچتى ۋە مېنى كۆرۈپ چىڭ يەل بېرىلگەن توپتەك قاڭقىپ ئورنىدىن تۇردى.
    −−ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىمىن ئاكا، −− دېدىم ئۇنىڭغا ئىككى قولۇمنى ئۇزۇن سوزغىنىمچە، −− سالامەت ئوبدان تۇردىلىمۇ؟
    −−ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، −− دېدى ئۇمۇ مەن بىلەن ئىككى قوللاپ كۆرۈشۈۋېتىپ، −− ھوي، سەن غىلاجىدىن پوستەكنىڭ ئوغلى پەيزۇللاخۇن ئەمەسمۇ؟ قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى سېنى؟ بېشىڭدىن يۇلغۇن چىۋىقى ئوشتۇۋېتەيمۇ يا؟ ئەل ئۆمرۈڭدە ئاياغ بېسىپ قويمايتتىڭ، مانا ئەمدى خۇدانىڭ مېھمىنى بولۇپ بوسۇغامدىن ئاتلىدىڭ، قېنى يۇقىرى ئۆت، ھوي سەلىمىخان، قېنى سىلە؟ پەيزۇللاخۇننىڭ ئاستىغا كۆرپە تاشلاڭلار.
    ئىمىن ئاكامنىڭ بۇ قەدەر قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ مەندىكى ئىشەنچ يەنىمۇ چىڭىدى. مەن ئۆزى سېمىز، مېھرى ئىسسىق كۆرۈنىدىغان بۇ ئادەمگە كۆزلىرىم ئارقىلىق مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈردۈم. ئۇنىڭغىچە بېشىغا ئاق لېچەك سالغان بىر موماي ئۆيدىن چىقتى. ئۇ مېنى كۆرۈپ كىچىك كۆزلىرىنى ھەيرانلىق بىلەن چىمچىقلاتتى:
    −−ۋاي خۇدايىم، غىلاجىدىن ئاخۇننىڭ كىچىك ئوغلى پەيزۇللاخۇن ئەمەسمۇ ئۆزلىرى بالام؟ نېمانچە قېرىپ كەتتىلە؟ ئەمدىكى بالىلارنىڭ ساقىلىغا قىروۋ قونۇپتىغۇ خۇدايىم؟ دادىلىرى ئوبدان تۇرۇۋاتامدۇ - ھە؟
    مەن موماينىڭ خاتىرىسىدىن سۆيۈندۈم، ھەم ئۇنىڭ »نېمانچە قېرىپ كەتتىلە؟« دېگەن گېپىدىن راستلا قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ ئېغىر خورسىنىپ قويدۇم. ئۇ چۆرىسىگە زىغزىق چىقىرىپ تىككەن تاۋار كۆرپىسىنى ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي ئاستىمغا سالدى. مەن كۆرپە ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرغاندىن كېيىن دۇئاغا قول كۆتۈردۈم. دۇئادىن كېيىن يەنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇ مويسىپىتلاردىن قايتىدىن ئېسەنلىك سورىدىم.
    −−سېنى شەھەردە، قايسىبىر زاۋۇتتا ئىشلەيدۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم، −− دېدى ئىمىن ئاكام كەكە ساقىلىنى سىيپاپ قويۇپ، −− ھېلىمۇ شۇ يەردە جاھاندارچىلىق قىلىۋاتامسەن؟
    −−يوقسۇ، −− دېدىم بوينۇمنى پۈكۈپ، −− مەن ئىشلەيدىغان ئۇ زاۋۇت ۋەيران بولۇپ تاقىلىپ قالدى. ھازىر ئىش ئورنىدىن قالدۇق، قىلىدىغان ئىشنىڭ تايىنى يوق، تەمتىلەپ كۈن ئېلىۋاتىمىز، ئىمىن ئاكا.
    −−شۇنداق يوغان زاۋۇتمۇ تاقىلىپ قالامدىكەن، −− ھەيران بولۇپ سورىدى ئۇ.
    −−پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلۈپ قالىدىغۇ مۇسۇلمان؟ −− گەپكە لوقما سالدى سەلىمىخان ئاچام خىر - خىر كۈلگىنىچە، −− زاۋۇت - پاۋۇت دېگەننىڭ تاقىلىپ قېلىشى دېگەن ھېچ گەپ ئەمەسقۇ؟
    −−ئەستاغپۇرۇللا، مۇشۇ خوتۇن خەقنىڭ ساقال تارىشىغا نېمە دەي ئەمدى؟ ماڭ جادى، بۇ يەردە كاسىلداپ تۇرماي قازان بېشىڭنى تاپ، مېھمانغا لايىق بىر نېمە قىل.
    سەلىمىخان ئاچام ھەييارلىق بىلەن كۈلۈپ قويۇپ يەنە ئۆيگە كىرىپ كەتتى، ئارىنى بىر پەس سۈكۈت قاپلىدى.
    −−بىزنىڭكىگە تەرەپباللا كەلمىگەنسەن ھەقىچان، −− دېدى ئىمىن ئاكام ماڭا سىنچى كۆزلىرى بىلەن قاراپ قويۇپ، −− بىزگە چۈشكەن بىرەر ھاجىتىنىڭ بولمىسۇن يەنە؟ شۇنداق يېرى بولسا قىسىنىپ - تارتىنىپ ئولتۇرماي ئېغىز ئاچ، ھەرقانداق ئىش بولسا چامامنىڭ يېتىشىچە خىزمىتىڭدە بولىمەن.
    مەن ئىككى قولۇمنى تىزىمنىڭ ئۈستىدە قويۇپ، بوينۇمنى پۈككەن ھالدا بۇ يەرگە كېلىش مەقسىتىمنى ئۇنىڭغا دېدىم.
    −−ياش بۇ يەرگە كەلگەندە تالادا قاپسەندە، −− دېدى ئۇمۇ ئېغىر خورسىنىپ، −− بىزنىڭ كەنجى ئوغۇل شۇنداق بىر ئىشنىڭ يېنىدا يۈرىمەن دەپ يۈرگەن. بەلكىم ئۇنىڭ ياردىمى تېگىپ قالار. بولدى، ئۆزۈڭنى قويۇپ بېرىپ ئازادە ئولتۇر. ئۇنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولدى، ئۆيگە كەلسىلا مەن لەۋزى قىلاي.
    −−رەھمەت ئىمىن ئاكا، −− دېدىم كۆزلىرىمگە ياش ئېلىپ، −− ئادەم بۇ كۈنگە قالسا ھەممىدىن ۋاز كېچىپ بىراقلا ئۆلۈۋالغۇسى كېلىپ قالىدىكەن. ئىشسىز قالغىنىم ماڭا بەك ئەلەم قىلدى. يا بىرەر ئوقەتنىڭ يولىنى تاپالمىدىم، بەگىلا بارسام بۇرنۇمغا يەپ نۇرغۇن زىيان تارتتىم. ھەر نېمە بولسا دادىكامنىڭ بىر پارچە يېرى بار ئىكەن، بىزگە ئىچى ئاغرىپ ئۆي سېلىۋالغىن بالام دەپ بەرگەنىدى. ئېغى بىلەن بېغىنى تېپىپ بولالماي ھېلىغىچە خەقنىڭ ئۆيىدە ئىجارە ئولتۇرۇۋاتىمىز، بىزگە بەك تەس بولدى.
    −−كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، −− دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا.
    شۇ ئەسنادا يول تەرەپتىن موتوسىكلىتنىڭ غارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
    −−ئوغلۇم كەلدى، −− دېدى ئىمىن ئاكام ئورنىدىن تۇرۇپ، −− بۇ بەڭباشنىڭ ساڭا قانچىلىك پايدىسى بولاركىن پەيزۇللا ئۇكام؟ قاچانلا قارىسام ئالا گەپ قىلىپ ئىچىمنى پۇشۇرىدۇ. بۇ بالىنىڭ قولىدىن بىرەر ئىش كېلىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ. ھېچقىسى يوق، ئۇنىڭغا لەۋزى قىلىپ باقاي. بەلكىم كۆزگە ئىلمىغان چىغ تۈۋىدىن توشقان چىقىپمۇ قالار.
    شۇ گەپنىڭ ئۈستىگە يىگىرمە ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت كېلىپ قالدى. ئۇ ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنى موتوسىكلىتنىڭ چاقى بىلەن تۈرتۈپ ئېچىپ، ھويلىغا تاتاتلىغان جانىۋىرىنى مىنگەن ھالدا كىرىپ كەلدى. چاچلىرىنى مايلاپ تاراپ، چاقماق كۆڭلىكىنىڭ پەشلىرىنى كەمىرىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالغان يىگىتنىڭ كۆزلىرىدىن شوخلۇق چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئازراق قىزىرىپ قالغان چىرايى سەھنىگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئارتىسنىڭ گىرىم قىلغان يۈزىنى ئەسلىتەتتى، ئۇ موتوسىكلىتتىن چۈشتى، ئەمما ئىككى تەرەپكە دەلدۈگۈنۈپ كېتىپ ئۆزىنى ئاران رۇسلىدى.
    −−يەنە شۇ ئېشەك سۈيدۈكىگە يېقىن بارغان گەپما ئۆزى؟
    ئىمىن ئاكام مەندىن ئىزا تارتىپ بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى. ئۇ ئوت يېنىپ تۇرغان كۆزىنى ئوغلىغا مىختەك قادىدى.
    −−ھە دېسە ئېشەك سۈيدۈكى دەيدىكەنسەن دادا، بىر قېتىم بولسىمۇ چىرايلىق گەپ قىلساڭ نېمە بولىدۇ؟ بىلىپ قال، مېنىڭ ئىچكىنىم ئېشەك سۈيدۈكى ئەمەس، قوناقنىڭ، ھە، جەننەتتىن چىققان قوناقنىڭ سۈيى، ھەقىقىي ھالال نەرسە ئۇ.
    −−ۋاي بىلىمەن، يوغان نەرسە ئىچىسەن سەن، −− دېدى ئىمىن ئاكام چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، −− ئالدىڭدا مېھمان تۇرسىمۇ ھېچ ئۆزۈڭنى بىلمەي قالدىڭ، قارىغىنا، بىزنىڭكىگە كىم كەپتۇ؟
    يىگىت ئىككى تەرەپكە ئىرغاڭلىغىنىچە ماڭا قاراپ ئازراق تۇرۇپ قالدى. بىراق ئۇنىڭ بەقەمدەك قىزارغان كۆزلىرى مېنى تونۇمىدى بولغاي، ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىر ئىپادە ئەكس ئەتمىدى.
    −−پەيزۇللا ئاكاڭنى تونۇمىدىڭ ھە كىسپۇرۇچ؟ ئۇ بىزنىڭ ئاتا جەمەت تۇغقىنىمىز غىلاجىدىن پوستەكنىڭ كىچىك ئوغلى پەيزۇللاخۇن بولىدۇ. كەل، ئۇنىڭ بىلەن مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ كۆرۈشكىن بالام.
    يىگىت گويا خالىمىغاندەك، ئەمما دادىسىنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلىماي ئامالى يوقتەك بىر قىياپەتتە ئالدىمغا كەلدى. ئۇنىڭ قىيسىيىپ تۇرغان لەۋلىرى ئارىسىدىن گۈپۈلدەپ ئىسپىرت پۇراپ تۇراتتى. ئۇ ماڭا لەپپىدە قاراپ قويۇپ بىر قولىنى سۇندى. مەن ئىتتىك بولمىسام ئۇ پۇشايمان قىلىپ قولىنى تارتىۋالىدىغاندەك ئالدىراپ يىگىتنىڭ قولىنى ئىككى قوللاپ تۇتتۇم.
    −−ئوبدان تۇرۇۋاتامسىز ئۇكام؟
    −−مۇشۇنچىلىك، −− يىگىت ماڭا مەغرۇر قاراپ تىلىنىڭ ئۇچىدىلا جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ بۇ مۇئامىلىسىنى كۆرۈپ نېمىشقىدۇر ئىچىمگە بىر يەرلەردىن سوغۇق شامال كىرىپ كەتكەندەك ئەندىكتىم. ئىمىن ئاكام پوستەك ئوغلىدىكى بۇ كەيپسىزلىكنى چۈشەندى ۋە مېنىڭ ئالدىمدا خىجالەت بولۇپ بېشىنى قاشلىدى.
    −−ئەستا، ماۋۇ بالىنى، مېھماننىڭ ئالدىدا ئۆزىنى قانداق تۇتۇشنىمۇ بىلمىگەن، مەن ئادەم بالىسى چوڭ قىلماي بىر ھايۋاننى قاتارغا قوشقان ئوخشىمامدىمەن؟
    يىگىت دادىسىغا ئالىيىپ قاراپ قويغاندىن كېين يەرگە شىرتتىدە بىرنى تۈكۈردى.
    −−بۇياققا كەل، −− دېدى ئىمىن ئاكام ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ، −− يېنىمدا ئولتۇر، ساڭا دەيدىغان گەپ بار، −− ئۇ ئوغلىنى تارتىپ دېگۈدەك يېنىدا ئولتۇرغۇزدى، −− پەيزۇللا ئاكاڭ ئۆي سالماقچى ئىكەن، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش ئىشخانىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماق بولۇپ سەندىن ياردەم سوراپ كەپتۇ. بۇنىڭ ئامالىنى قىلالامسەن؟
    −−ئامال قىلالامسەن دېگەنمۇ گەپمۇ؟ −− يىگىت دادىسىغا نارازى بولغاندەك بويۇن تولغىدى، −− سەن مېنى نېمانچە كۆزگە ئىلمايدىغانسەن دادا؟ مەن دەل مۇشۇ ئىشنى قىلىمەن ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭ ئامالىنى قىلىدىغان نېمىسى بار؟
    −−ياخشى گەپ، −− دېدى ئىمىن ئاكام چىرايىغا سۇس كۈلكە يۈگۈرتۈپ، −− ئەمىسە سەن پەيزۇللا ئاكاڭغا بىر ياردەم قىلىۋەت بالام، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىنىڭ ماڭا ياردەم قىلغىنىڭ بولسۇن، ئاسمان - زېمىن پەيدا بولۇپ ئالدىمىزغا ئاران بىر ھاجەتمەن بولۇپ كەپتۇ، ئۇنىڭ ئىشىنى يولداپ بەر.
    يىگىت ماڭا سىنچى كۆزلىرىدە يەنە بىر قېتىم قارىدى. ئۇنىڭ نېمىگە بۇنچە تىكىلىپ قارىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ھېچبىر چۈشىنەلمىدىم.
    −−ياردەم قىلسام بولىدۇ، −− دېدى ئۇ »گارت« قىلىپ كېكىرگەندىن كېيىن، −− بىراق بۇ ھە - ھۇ بىلەنلا پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئازراق رەسمىيىتى بار. شۇنى ئادا قىلماي تۇرۇپ مەنمۇ ياردەم قىلالمايمەن.
    −−ھۆكۈمەت ئىشىدىن مېنىڭمۇ ئاز - تولا خەۋىرىم بار ئۇكام، ھازىر چىش تارتىدىغان ئىشنىڭمۇ رەسمىيىتىنى ئۆتىمىسە بولمايدۇ. قانداق رەسمىيەت بولسا مەن ئۆتەي، ئۆي سېلىش ئۈچۈن بىر ئىجازەت ئېلىپ بېرىڭ. مەن سىزدىن ئىككى ئالەملىك خۇش بولۇپ كېتەي جېنىم ئۇكام.
    −−رەسمىيەت ھەققى توغرىسىدا ئىككىمىز ئايرىم سۆزلىشەيلى، −− دېدى ئۇ ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ، −− قېنى بۇياققا چىقىڭا.
    ئىمىن ئاكام ئوغلىنىڭ مېنى نېمىگە چاقىرغىنىنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ئېغىزىنى ئاچقىنىچە تۇرۇپ قالدى. مەن ئىتائەتمەنلىك بىلەن يىگىتنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ دەرۋازا ئالدىغا چىقتىم. يولدا بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ قىيا - چىيالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
    −−مەن سىزنى تونۇمايمەن، −− دېدى يىگىت يەنە بىر قېتىم ھاراق بۇخسىتىپ كېكىرگىنىچە، −− لېكىن دادام سىزنى بىزنىڭ ئاتا جەمەت تۇغقانلاردىن دەيدۇ. بوپتۇ تۇغقان بولساق بولدۇق، ئەمما ھەر ئىشنىڭ ئۆز يولى بار، بەزى ئىشلارنى تۇغقاندارچىلىققا تايىنىپلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. مەنمۇ سىزنىڭ ئۆي ئىشىڭىزدا باشقىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتمىسەم، بىزنىڭ باشلىقلارغا ئاز - تولا سىلىقلاش مېيى بەرمىسەم بولمايدۇ. شۇڭا نېرى - بېرىسى، شۇپى - شالتىقىنىڭ گېپىنى قىلماي، 1000يۈەننى شاققىدە چىقىرىڭدە، خۇداغا ئامانەت دەپ كېتىۋېرىڭ. تەستىق قەغىزىنى ئەتە - ئۆگۈننىڭ ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىمەن.
    يىگىتنىڭ مېنى تالاغا چاقىرىپ مۇنداق دەيدىغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن. شۇڭا دەماللىققا ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنىمۇ بىلمىدىم. نېمىشقىدۇر ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالغان كۆزلىرىم دەرۋازىنىڭ ئىچىگە لىپپىدە يۈگۈردى. بەلكىم مەن يىگىتنىڭ دادىسى بىزنىڭ ئاتا جەمەت تۇغقىنىمىز ئىمىن ئاكامدىن مەدەت تىلەپ شۇنداق قارىغاندىمەن. يانچۇقتىكى پۇل ئۆي سېلىشقا يەتمەيدۇ دەپ يۈرىكىم سىرقىراپ تۇرغاندا، مۇنۇ تۇغقىنىمىزنىڭ مەندىن 1000يۈەن سورىشى يىقىلىپ چۈشكەن ئادەمنىڭ بېشىغا دەسسىگەندەكلا بىر ئىش بولغانىدى.
    −−ئۇ... ئۇكام، رەسمىيەت ھەققىنى يەنە ئازراق تۆۋەنلەتكىلى بولماسمۇ؟
    −−قەتئىي بولمايدۇ، −− دېدى يىگىت بايىقىدەك يەرگە شىرتتىدە بىرنى تۈكۈرگەندىن كېيىن، −− مەن تېخى سىزگە تۇغقاندارچىلىق يۈزىسىدىن گەپ قىلىۋاتىمەن. ئەسلىدە سىز بىزنى بىرەر رېستورانغا باشلاپ، بىرەر 1000يۈەننىڭ بېشىغا سۇ قۇيۇپ مېھمان قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆي سېلىش ئىشى خۇسۇسىدا گەپ ئېچىشىڭىز، يەنە نەچچە مىڭ يۈەن رەسمىيەت ھەققى تۆلەپ ئاندىن تەستىق قەغىزىگە ئېرىشىشىڭىز كېرەك ئىدى. مەن دادامنىڭ لەۋزى ئۈچۈنلا نېرى - بېرىسىنىڭ گېپىنى قىلمىدىم. بۇنچىلىك پۇلنى چىقىرالمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى مېنى ئاۋارە قىلماي قانداق كەلگەن بولسىڭىز شۇنداق كېتىڭ. سىز مېنى، مەن سىزنى كۆرمىگەن بولاي.
    −−ياق ئۇكام، مەن سىزنى ئۆز بىلگىنىم ئۈچۈن رەسمىيەت ھەققىنى ئازراق چۈشۈرگىلى بولارمۇ دەپ سورىشىم. سىزنى ھەرگىزمۇ تەڭلىككە سالمايمەن. بوپتۇ، رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن شۇنچىلىك پۇل كېتىدىغان بولسا كېتىۋەرسۇن. مانا ئۇكام، لازىم بولۇپ قالسا دەپ يانچۇقۇمغا سېلىپ يۈرەتتىم. ئوبدان قىپتىكەنمەن، ئىش يۈزىدە سانىۋېلىڭ، ساپمۇساق 1000يۈەن.
    يىگىت خۇددى ئەرزىمىگەن بىر نېمىنى تۇتقاندەك پۇلنى بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەنلا قىسىپ قولىغا ئالدى.
    −−ھە راست، رەسمىيەت ھەققى توغرۇلۇق دادامغا بىر نېمە دېمەڭ، −− دېدى ئۇ پۇلنى ھاپىلا - شاپىلا يانچۇقىغا سېلىپ، −− ياشانغان ئادەملەرگە ھازىرقى ئىشنىڭ يولىنى چۈشەندۈرۈپ بولمايدۇ. نېمىشقا پۇل ئالدىڭ دەپ تەتۈرلۈك قىلىپ تۇرۇۋالسا سىزگىمۇ، ماڭىمۇ ياخشى ئەمەس، ئەتە - ئۆگۈننىڭ ئىچىدە سىزگە خەۋىرىنى بېرىمەن. يانفونىڭىزنىڭ نومۇرىنى دەپ بېرىڭا.
    −−مەندە يانفون يوق ئۇكام، ھازىرغىچە شۇنداق بىر نېمىگە چىقىش قىلالمىدىم.
    يىگىت ھەيرانلىق تەپچىرەپ چىققان كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى. ئۇنىڭ مۇغەمبەرلىك چىقىپ تۇرغان لەۋلىرىدە مەسخىرە كۈلكىسى پەيدا بولدى.
    −−سىز قايسى دەۋردە ياشاۋاتىسىز ئاكا؟ −− سورىدى ئۇ چىشلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ، −− ھازىر يانفون دېگەن ئېشەكنىڭ چىشىنى سانايدىغان بېدىكتىمۇ بار.
    −−شۇنداقلىقى شۇنداق ئۇكام، ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ شەرت - شارائىتى ئوخشىمايدۇ. بېدىك ئېشەكنىڭ چىشىنى سانىسىمۇ پۇل تاپالايدۇ، تاپقان پۇلىغا يانفون ئالالايدۇ. شۇغىنىسى مېنىڭ بېدىكچىلىك تاپاۋىتىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يانفون بىلەن بېجىرمىسەم بولمايدىغان ئالاھىدە ئىشىممۇ يوق، شۇڭا ئۇ بىر نېمىنىڭ كويىغا كىرمىدىم.
    يىگىت مېنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىمنى ئاڭلىغۇسى كەلمىگەندەك قولىنى سىلكىدى.
    −−بولدى، ئەتە - ئۆگۈننىڭ ئىچىدە خۇش خەۋىرىمنى كۈتۈڭ. باشقا تەييارلىقلار بولسا قىلغاچ تۇرۇڭ بولمىسا.
    −−رەھمەت ئۇكام، ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن، تۇغقان ئىكەنمىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنمۇ تۇغقاندارچىلىقنى يەتكۈزۈپ خىزمىتىڭىزدە بولارمەن، رەھمىتىمنى شۇ چاغدا ئېيتىۋالارمەن جېنىم ئۇكام.
    يىگىت ماڭا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويدى. ئۇ يەنە بىر قېتىم شىرتتىدە تۈكۈرگەندىن كېيىن ماڭا خوشمۇ دېمەستىن ھويلىغا كىرىپ كەتتى. مەن ئارىسالدى بولۇپ دەرۋازا ئالدىدا ئازراق تۇرغاندىن كېيىن بىسمىللا دەپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ھويلىغا كىردىم.
    −−يولغا چىقىپ نېمە دېيىشتىڭلار؟ −− سورىدى ئىمىن ئاكام تېخىچە ھەيرانلىقىنى باسالماي، −− مەندىنمۇ سىر تۇتىدىغان بىرەر تۈگۈنى بار ئىشمىدى ئۇ؟
    −−ياقەي، −− يىگىت ئالدىراپ ئېغىز ئاچتى، −− مەن شۇ تەستىق قەغىزى ئېلىشنىڭ يولىنى مۇنۇ ئاكامغا ئۆگىتىپ قويدۇم، باشقا گەپ يوق.
    −−بايا مەيدەڭگە مۇشتلاپ، بۇ ئىشنى مەن بېجىرىمەن دەۋاتاتتىڭغۇ؟ سەن بېجىرگەندىكىن يولىنى ئۆگىتىمەن دېمەي تەستىقنى ھەل قىلىپ بەرسەڭلا بولمىدىمۇ؟
    −−ۋاي - ۋۇي دادا، سەن ئىشنىڭ يولىنى بىلمىگەندىكىن ھەممىگە ئېسىلىۋالمىغىنا، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشنىڭ رەسمىيىتى مەن بىر ئادەمنىڭلا قولىدىن چىقىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇنى قاتلاممۇقاتلام يول مېڭىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەن ماۋۇ تۇغقىنىمىزغا شۇ يول ھەققىدە ئەقىل ئۆگىتىپ قويدۇم. بولماپتىما؟
    يىگىت تاپپۇر - تۇپپۇر دەسسەپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
    −−بۇ بالىنىزە، −− دېدى ئىمىن ئاكام بېشىنى چايقاپ، −− زادى دۇرۇس ئىش قىلمايدۇ ئىگەكىم، بىر ئىشلارغا پۇتاق چىقىرىشقا بەك ئۇستا. ئۇكام پەيزۇللاخۇن، مۇنۇ دەيۈز سىزنى تالاغا قىچقىرىپ بىرەر ئىشقا ئاۋارە قىلمىغاندۇ؟
    −−ياق، ياق، ئىمىن ئاكا، ئارىدا باشقا گەپ بولمىدى. بۇ ئىنىم ماڭا تەستىقنى قانداق ئېلىشنىڭ يولىنى ئۆگەتتى. باشقىچە ئويلاپ قالمىسىلا.
    −−ھەممە بالىلىرىم بىر سىڭىر، مۇشۇ ئوغۇل بىر سىڭىر، ئۇنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى كۆزۈمگە زىنھار سىغمايدۇ ئۇكام. بۇ ھارامدىن قورقمايدىغانراق بالا بولدى. بىر بالاغا قالمىغىيتتى دەپ يۈرىكىم سۇ، بالىنىڭ تېنى كۆيسە ئاتا - ئانىنىڭ يۈرىكى كۆيىدىكەن.
    −−ئەنسىرىمىسىلە ئىمىن ئاكا، ئارىدا سىلىنى ئەندىشىگە سالغۇدەك ھېچ ئىش بولغىنى يوق. ئەتە - ئۆگۈننىڭ ئىچىدە تەستىقنى قولۇمغا ئەكېلىپ بېرىدىغان بولدى.
    −−ئۇنداقتا ياخشى، ئەلدىن ئەلگە نەپ دەپتىكەن، قوۋمى قېرىنداش دېگەننىڭ ھاجىتىدىن چىقساق ئاللامۇ بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدۇ ئۇكام، بۇ دېگەن ئۆتنە ئالەم.
    شۇ ئارىدا سەلىمىخان ئاچام تاماقنىڭ تەييار بولغىنىنى ئېيتىپ، داستىخاننى نەگە سالسا بولىدىغانلىقىنى سورىدى.
     
    6
    ئەتىسىمۇ ئۆتتى، ئۆگۈنىمۇ ئۆتتى، ئىمىن ئاكامنىڭ ئوغلىدىن ھېچبىر خەۋەر يوق، ئارىدا مەن دېيىشكەن ئۇستام تەييارلىقنىڭ پۈتكەن - پۈتمىگەنلىكىنى، تەستىق قەغەزنىڭ قولغا تەگكەن - تەگمىگەنلىكىنى سوراپ بىر قېتىم كەلدى. مەن خەۋەر كۈتۈپ يەنە بىر كۈن ساقلىغاندىن كېيىن ھېلىقى يىگىتنى ئىزدەپ يەنە ئىمىن ئاكامنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. كاللام زىددىيەتلىك خىياللار بىلەن تولغان، پۇلنىڭ بارغانسېرى ئاز قالغىنىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىشقا باشلىغانىدى. قاراپ تۇرۇپ 1000يۈەن پۇل ئۇچۇپ كەتتى. ناۋادا ئۇ يانچۇقۇمدا بولغىنىدا ئىدى، ھېچ بولمىسا ئۆينىڭ ۋاسىلىرى، بورا - قومۇشلىرى بولسىمۇ كېلەر ئىدى. ئويلىغانسېرى ئىچىم ئاچچىققا تولدى. كىمگىدۇر غۇدۇراپ، كىملەرنىدۇر ئېغىز چىشىمغا ئېلىپ چايناپ - چايناپ پۈركۈۋەتمەك بولاتتىم. پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە ھەممەيلەن ئالساملا دەيتتى. ئۇرۇق - تۇغقان، قوۋمى - قېرىنداش، قولۇم - قوشنا دېگەننىڭ نەچچە يىل كىيىپ تاشلىۋەتكەن كۆڭلەكچىلىك يۈزى، پۇچۇق تىيىننىڭ پارچىسىچىلىك قەدرى قالمىغانىدى.
    تازا جىلە بولۇپ كېتىۋاتسام كەينى تەرەپتىن موتوسىكلىتنىڭ تاتاتلىغىنى ۋە سوزۇپ سىگنال بەرگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن دىككىدە چۆچۈپ ئۆزۈمنى يولنىڭ قىرىغا ئالدىم ۋە ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قارىدىم. ھەيھات! مەن ئىزدەپ ماڭغان ئىمىن ئاكامنىڭ ماڭا تەستىق ئېلىپ بېرىشنى ۋەدە قىلغان ئوغلى موتوسىكلىتىنى يولنىڭ ھەممە يېرىدە ھەيدەپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنى يېرىم يولدا ئۇچرىتارمەن دەپ زىنھار ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئۇنى كۆرۈپ ئىمىن ئاكام سوراپ قالسا نېمە دەرمەن، دېگەن ئەندىشىلىرىممۇ يوققا چىقتى. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ غۇلىچىمنى ئېچىپ يىگىتنىڭ يولىنى توستۇم.
    −−ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇكام، ئوبدان تۇرۇۋاتامسىز؟ شۇ تۇرقىدا سىزنى ئىزدەپ ئۆيىڭىزگە ماڭغان ئىدىم.
    يىگىت ھېلىمۇ كەيپ بولسا كېرەك، قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ ئازراق تۇرۇپ قالدى.
    −−سىز...؟
    ئۇنىڭ مېنى تونۇماسلىقى بىردىنلا نېرۋامغا تەگكەن بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ھاجەتمەن بولغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم.
    −−مەن دادىڭىزنىڭ ئاتا تەرەپ تۇغقىنى، قايسى كۈنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش توغرىسىدا تەستىق ئېلىپ بېرىشنى ئېيتىپ ئالدىڭىزغا بارغان پەيزۇللا ئاكىڭىز بولىمەن.
    −−ھە... ھە... ئەمدى ئېسىمگە كەلدى، −− دېدى يىگىت يېگەن - ئىچكىنى قارنىغا پاتمىغاندەك »گارت!« قىلىپ كېكىرىپ قويۇپ، −− ئۆي سېلىشنى باشلىدىڭىزمۇ؟
    ئۇنىڭ بۇ گېپى مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىرىۋەتتى.
    −−تەستىق بولمىسا نەدىكى ئۆينى سالىمەن ئۇكام؟
    −−نېمە، تېخىچە ئىش باشلىمىدىڭىزما؟ نېمانداق سۆرەلمە ئادەمسىز؟ تام دېگەننى شاق - شۇق كۆتۈرۈپ ئۆينى پۈتكۈزمىگۈلۈكما؟
    −−ئۇكام، شۇ تەستىقنىڭ گېپى بىلەن ئىش باشلىيالمىدۇق، شۇڭا بۈگۈن سىزنى ئىزدەپ ئاتايىن كېلىشىم ئىدى.
    يىگىت موتوسىكلىتنىڭ تىرىكىنى تىرىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىدە پۇتلىرىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇردى. ئۇ ھەدەپ شىرت - شىرت قىلىپ تۈكۈرۈپ، قولىنىڭ كەينى بىلەن ئېغىزىنى سۈرتەتتى.
    −−ماڭا قارا، ئاكا، −− دېدى ئۇ مېنى بىراقلا سەنلەپ، −− ساڭا ئۆي لازىم بولسا ئىشنى باشلاۋەر، ئۆيۈڭنى تېزرەك پۈتكۈز، مۇنداق كەلسە - كەلمەس لاغايلاپ يۈرسەڭ بولمايدۇ.
    −−مېنىڭ خىيالىممۇ ئۆينى تېزرەك پۈتكۈزۈش، ئۇكام، ھېلىمۇ خەقنىڭ كەپىسىدە قىسىلىپ بىر كۈننى مىڭ قىيامەت بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. تەستىقنى ئېلىپ بەرسەڭلا...
    −−نېمە تەستىق؟ مېنىڭ باياتىن بېرى ساڭا دېگىنىم تەستىق ئەمەسما؟ −− يىگىت كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقاردى، −− سەن تولا بېشىمنى ئاغرىتماي ئىشنى ئۆز قەرەلىدە باشلاۋەر، بىر كىم كېلىپ تەستىق قېنى دېسە، ئىگەمبەردى ئاخۇندا دەپ قويساڭلا بولدى. مېنىڭ ئىسمىمنى ئاڭلىسا سېنىڭ ئىشىڭنى توسىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. ئۇقتۇڭما؟
    مەن كۆزلىرىمنى پارقىرىتىپ ئۇنىڭ ئېغىزىغا قاراپلا قالدىم. ئەسلىدە مەن تەستىق دېگەننى ھۆكۈمەتنىڭ تامغىسى بار، كىملا كۆرسە تەپتارتىدىغان قەغەز دەپ ئويلاپتىمەن، مۇنۇ تۇغقىنىمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھورنىڭمۇ تەستىق بولىدىغانلىقىنى خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن.
    −−كېيىن بىرەر چاتىقى چىقىپ قالماس ھە ئۇكام؟ −− مەن بارلىق ئېھتىياتچان، ئالدىدىن جىق ئىش ئۆتمىگەن، ساددا ئادەملەرنىڭلا تىلىدا جارى بولىدىغان بۇ سوئالنى بەكمۇ تەستە ئېغىزدىن چىقاردىم.
    −−نېمە چاتىقى چىقاتتى؟ خاتىرجەم بول ئاكا، چاتىقى چىقسا مانا مەن ئىگە!
    1000يۈەن خەجلەپ ئالغان تەستىقىم شۇ بولدى. بېشىم ئاچچىق ياغ ئىچىۋالغان ئادەمنىڭ بېشىدەك پىرقىراپ، ئۆزۈمنى يەتتە قات يەرنىڭ تېگىگە چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. موتوسىكلىت ئۈستىدە قىڭغىر ئولتۇرغان ئىگەمبەردىگە خوشمۇ دېمەستىن كەينىمگە ياندىم.
    ئەتىسىدىن باشلاپ ئاققاش دۆڭنىڭ يانباغرىدىكى ئۈچ پۇڭ يېرىمىزدە ئىش باشلىنىپ كەتتى. ھۈنەرۋەنلەرمۇ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش ھەققىدىكى تەستىقنىڭ ئىگەمبەردى ئاخۇندا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىسا نېرى - بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئىش باشلىۋالىدىكەن. مەن سۆزلەشكەن ھېزىم ئۇستاممۇ ئىگەمبەردى ئاخۇننىڭ ئېتىنى ئاڭلاپلا دەرھال ئىش باشلاشقا ماقۇل بولدى.
    بۈگۈن ئاققاش دۆڭنىڭ يېنىغا ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان ئىدى. چوڭ ئاكام بەيدۇللاخۇن، ئىككىنچى ئاكام ئەستۇللاخۇن، ئاچام رىسالەتخان، سىڭىللىرىمدىن گۈلئەنبەرخان بىلەن شەمسىيەخانلار بالىچاقىلىرى، ئەر - خوتۇنلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۈچ پۇڭ يەرنىڭ بېشىغا تەخ بولغاندا بىزنىڭ جەمەتنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. دادام بىر توقلىنى يېتىلەپ كېلىپ، ئىشىمىزنىڭ خەيرلىك، سالىدىغان ئۆيىمىزنىڭ بىزگە مەڭگۈلۈك پاناھگاھ بولۇشى ئۈچۈن قان قىلدى. ھەممەيلەن ئۇزاقتىن - ئۇزاق دۇئا قىلىشىپ مېنىڭ بۇ ئۆيۈمنىڭ تېزرەك پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئۆز تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
    −−قانچە ئېغىز ئۆي پىلانلىدىلا ئۇكام؟ −− سورىدى بەيدۇللا ئاكام يەرگە ئوڭ ۋە سول تەرەپتىن كۆزىنى قىسىپ قاراپ قويۇپ.
    −−شۇ باش پاتقۇدەك بولسا، پۇت - قول يىغىلىپ قالمىسا بولدى ئاكا، ئۈچ - تۆت ئېغىز ئۆي سالسام، شۇ يېتىدۇ.
    −−ئۇكام، ئۆزلىرى ئۆي خاپىلىقىنى ئاز تارتمىدىلا، ھېيت - ئايەملەردە پەتىلەپ بارساقمۇ توخۇ كاتىكىغا سولىنىپ قالغاندەك بولۇپ، ئىچكەن چېيىمىزمۇ چاي تېتىماي يېنىپ كېلەتتۇق. ئۈچ - تۆت ئېغىز ئۆيگىمۇ بىر ئاۋارە بولىدىلا، ھامىنى ئۆي سالغاندىكىن ئۇلىنى كەڭرەك تۇتۇپ، يەتتە - سەككىز ئېغىز سالىلى ئۆي دېگەننى. خوتۇن - بالىلارمۇ بىر راھەتكە چىقسۇن ئىگەكىم.
    −−شۇنداق قىلسامغۇ گۈل ئۈستىگە گۈل كەلگەندەك ئوبدان ئىش بولاتتى ئاكا، لېكىن يانچۇقنىڭ مادارى بوش، ھېلىمۇ تاپقىنىم بۇ ئۆينى پۈتكۈزۈشكە يەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ. ئىشنى باشلىۋالساق تېپىشىمىزغا بېقىپراق پۈتكۈزۈۋالارمىز ئاكا.
    −−شۇنداق بولغاندىكىن ئۆينى كەڭرىرەك سال، ئوغلۇم، −− دېدى داداممۇ بەيدۇللا ئاكامنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ، −− ھامىنى بۇ ئۆيۈڭ بىر قېتىمدىلا پۈتمەيدۇ. شۇنداق بولغاندىكىن توخۇ كاتىكىدەك بىر نېمىلەرنى ئۆي سالدىم دەپ ئۆرە قىلامسەن؟ ئاۋارە بولغاندىكىن چوڭراقىنىڭ ئاۋارىچىلىكىنى تارتايلى، قېنى، ھېزىماخۇن ئۇستام، تاناپلىرىنى بۇياققا تارتسىلا، بالىلار، سىلەرمۇ قاراپ تۇرماي تاناپنى جوڭشاپ بېرىڭلار، بىكار تۇرغان شەيتانغا قۇل دەپتىكەن، قېنى، ئۆينىڭ ئۇلىغا قولۇڭلىنى ئەگرى قىلىڭلا ئوبدان بالىلىرىم.
    ھە - ھۇ بىلەن سەككىز ئېغىز ئۆي، بىر ئاشخانا ۋە بىر ھاجەتخانىنىڭ ئۇلى تۇتۇلدى. گەرچە يانچۇقنىڭ ھالىدىن ئەنسىرەپ يۈرىكىم سىرقىراپ تۇرسىمۇ، ئاكامنىڭ پىكرىنى ئورۇنلۇق ھېس قىلغىنىم ئۈچۈن ئۆينىڭ شۇ پىلان بويىچە ئۇل تۇتۇشىغا مەنمۇ قوشۇلدۇم. قارىسام ئاينىساخاننىڭ چىرايىمۇ ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كېتىپتۇ. ئۇ كىچىك سىڭلىم شەمسىيەخانغا قاراپ:
    −−مۇشۇ ئۆي پۈتۈپ، بىر كۈن ياشىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى، −− دېدى. ئايالىمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئارمىنى ئۈچۈن بۇ ئۆينى قانداق قىلىپ بولمىسۇن تېزرەك پۈتكۈزۈشنى نىيەت قىلدىم.
    ھېزىم ئۇستامنىڭ شاگىرتلىرى كەتمەن، گۈرجەكلىرىنى ئوينىتىپ ئۆينىڭ ئۇلىنى بىر كۈندە كولاپ بولدى. ئاندىن كولانغان كاتەكلەرگە تاش بېسىپ، سېمونت لاي بىلەن قاتۇردى. ئۈستىگە پولات چىۋىق بىلەن چۆرۈمە لىمنى قۇيۇپ چىقتى، ئەمدى خىشگەرلىكى باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.
    −−خىشنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كېتىپتۇ، −− دېدى ھېزىم ئۇستام كىيىمىگە يۇقۇپ قالغان سېمونت لاينى ئەندۇۋىسى بىلەن قىرىپ تۇرۇپ، −− باش ئەتىيازدا دانىسىنى بىر مو ئىككى پۇڭدىن ئالاتتى، ھەممە ئادەم يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالىمىز دەپ قوپقاندىكىن، بازاردا خىش يېتىشمەيدىكەن، ھازىر دانىسىنى بىر مو سەككىز پۇڭدىن ساتىدىكەن. شۇنداق بولسىمۇ ئالامدۇق پەيزۇللاخۇن؟
    −−مۇشۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىگە قانچىلىك خىش كېتەر ئۇستام؟
    خىش باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ دېمىم يەنە بىر قېتىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى. ھازىر ماڭا بىر پۇڭنىڭ ئۈستىدە تىك تۇرىدىغان چاغلار يېتىپ كەلگەنىدى. شۇڭا يۈرىكىم ئاسىققان، ئۆپكەم ئۆرۈلگەن ھالدا ئۇنىڭدىن سورىدىم.
    −− 60مىڭ ئەتراپىدا خىش كېتىدۇ، −− دېدى ئۇ بۇرۇتىنىڭ ئۇچىنى چىشلەپ قويۇپ، −− ھويلا تېمىنى چۆرىسەك بەلكىم 70مىڭ دانىدەك كېتىشى مۇمكىن. يەنە دەرۋازىغىمۇ ئۈچ - تۆت مىڭ دانە كېتىدۇ ئۇكام.
    −−ئاھ خۇدا، −− نېمىشقىدۇر تولغىنىپ كەتتىم. مەندە بار پۇل بىلەن ئىشنىڭ يېرىمىلا پۈتىدىكەن. قالغان يېرىمىنى قاچان پۈتكۈزەلەرمەن؟ مەن پۇل يىغىپ بولغۇچە ماتېرىيالنىڭ باھاسى يەنە قانچىلىك ئۆسەر؟ ئۆينى جىق سالىمەن دەپ بېشىمغا پىت سالدىممۇ نېمە؟ بۇنداق بولارىنى بىلگەن بولسام دەسلىپىدىلا ئۆينى ئازراق، پەقەت باشنى پاتۇرغۇدەكلا نەچچە ئېغىز سالماسمىدىم؟ ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن؟ ئۆينىڭ ئۇلىنى تۇتۇپ بولغاندا ئۇنى چۇۋىغىلى بولمىسا - يا؟
    لەۋلىرىمنىڭ تىترەپ، ئۈنۈمنىڭ ئىچىمگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھېزىم ئۇستام مېنى بىر چەتكە تارتتى.
    −−ئۇكام پەيزۇللاخۇن، ئۆي ئىشىدا تاھارەت بوشمۇ نېمە؟
    −−ئەمدى سىلىدىن يوشۇرمايمەن ئۇستام، قولۇمدا جىق بىر نەرسە يوق، ئۆينى مۇشۇ بويىچە سالىمەن دېسەم قوۋۇرغامدا بارى يېتىشمەيدىكەن. بېشىمنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ قاتتى شۇ تۇرقىدا.
    −−ھازىر سىلىدە قانچىلىك بىر نېمە بار؟−− سورىدى ھېزىم ئۇستام ئازراق تۇرۇۋالغاندىن كېيىن.
    −−تاش ئاپتىمەن، سېمونت، پولات چىۋىق ئاپتىمەن، ئەمدى شۇ 10مىڭ يۈەنچە بىر نېمە قالدى.
    −−بۇنچىلىك پۇل دېگەن ھۈننىگە سۈننە بولمايدۇ، بىر يەردىن قەرز ئالامدىلا - يا؟
    −−قەرز ئالساممۇ بولاتتى، شۇغىنىسى بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە كىمدىن جانغا ئەسقاتقۇدەك بىر نېمە چىقىدۇ دەيدىلا؟ ھەممە ئادەمنىڭ يېغىرى ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدۇ.
    −−ئاكىلىرى بەيدۇللا ئاخۇن...
    −−ئاكام پات يېقىندا ئوغلىنى ئۆيلىمەكچى، رىزقىنى يەرگىلا باغلاپ ئولتۇرىدىغان ئادەمدىن پۇل سوراش سەكراتتىكى ئادەمدىن جان سوراش بىلەن تەڭ ئەمەسمۇ ئۇستام؟
    −−بۇ دېگەنلىرىمۇ راست، دادىكىلىرى...
    −−دادىكامنىڭ ئەھۋالىمۇ ماڭا ئايان، 70قا بېرىپ قالغان ئادەمنىڭ قانچىلىك كىرىمى بار دەيدىلا؟ ھېلىمۇ مۇشۇ يەرنى بېرىپ تۇردى. ئەمدى يەنە دادىكامغا ئېغىرىمنى سالسام بولمايدۇ. دادىكام بۇ ياشقا كەلگەندە ئۇنى ئوبدانراق بېقىۋالساق بولاتتى. ھېلىمۇ ئۇنى سېغىپ ئىچىپ ئارام بەرمەيۋاتىمىز.
    −−ئاچا - سىڭىللاردىن بىر نەرسە چىقماسمۇ؟
    −−ئۇلارمۇ قازىنىنى ئاران قاينىتىپ يۈرۈۋاتقان بىچارىلەر، ئاشۇ مەزلۇملارغا ئېغىرىمنى سالغۇم يوق ئۇستام.
    −−ئەمدى قانداقمۇ قىلارلا ئۇكام؟
    −−ئۆزلىرى ھەممىدە بار ئۇستام، كۆڭۈللىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ۋە شاگىرتلارنىڭ ئىش ھەققىنى، كەتكەن خىشلارنىڭ باھاسىنى دىتلاپ ماڭسىلا، يانچۇقتىكى پۇل قەيېرىگە يەتسە ئىشنى شۇ يەردە توختاتسىلا، چالا قالغىنىنى تېپىشىمغا بېقىپ ئىشلەپ بېرەرلا.
    −−شۇنداق قىلمايمۇ ئامال بولمىغۇدەك، −− دېدى ھېزىم ئۇستام ئېغىر خورسىنىپ قويۇپ، −− ئۆينى ئىشلەۋېرەيلى دېسەك، شاگىرت بالىلارغىمۇ نان بولمىسا بولمايدۇ. ئەستا...
    −−خىجالەت بولمىسىلا ئۇستام، پۇل قەيېرىگىچە يەتسە ئىشنى شۇ يەردە توختاتسىلا، قالغىنىنى خۇدايىم بەرگەندە پۈتكۈزۈۋالارمىز.
    دېگىنىمدەك، بىرەر ھەپتە بولا - بولمايلا، تام ئادەم بويى كۆتۈرۈلە - كۆتۈرۈلمەيلا پۇلنىڭ يېلى چىقتى. يانچۇق چاشقان كىرسە يامانلاپ چىققۇدەك قۇرۇقدالدى. بىر خۇشلۇقنىڭ بىر قايغۇسى بار دېگەندەك، ئۆي سېلىشقا قوپقاندا ھاياجاندىن تىترىگەن يۈرەك بىردىنلا جۇدۇندا قالغاندەك مۇزلىدى. ھېزىم ئۇستام »رەنجىمىسىلە، پەيزۇللاخۇن، ئىش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، قوللىرىغا پۇل كىرگەندە بىزنى چاقىرسىلا، ئىشنى كۆڭۈللىرىدىكىدەك پۈتكۈزۈپ بېرىمىز« دەپ لاقا - لۇقىلىرىنى يىغىشتۇردى. مەن ئۇرۇش مەيدانىدىكى خارابىلىكلەردەك كۆرۈنىدىغان ئۆيىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ياغاچ - تاش، خىش - كېسەك پارچىلىرى ئارىسىدا قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. مېنى بىردىنلا يىغا تۇتتى. سانجىپ ئاغرىۋاتقان يۈرىكىمنى تۇتقىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم. بىر كەمدە داستىخانغا ئورالغان كورىنى كۆتۈرۈپ ئاينىساخان پەيدا بولدى. ئۇ ئۇستاملارنىڭ كەتكەنلىكىنى، ئىشنىڭ مۇشۇ يەردە توختىغانلىقىنى، مېنىڭ چارىسىزلىق بىلەن مۇڭلىنىپ ئولتۇرغىنىمنى بىر قاراشتىلا بىلىۋالغان بولسا كېرەك، ئەلەم بىلەن لېۋىنى چىشلەپ قېشىمغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرىدىمۇ ياش تامچىلىرى لىغىرلاپ قالغانىدى.
    بىز بۇ يەردە خېلى ئۇزاق ئولتۇردۇق، كۆڭلىمىزدە نېمە ئويلارنىڭ كەچكىنى پەقەت ئېغىر نەپەسلىرىمىز ئارقىلىقلا بىر - بىرىمىزگە يېتىپ تۇراتتى. ئاينىساخانمۇ زۇۋان سۈرۈپلا سالسا يۈرىكىدىكى ھەممە ھەسرەت - پىراقلىرى پارتلاپ چىقىدىغاندەك لەۋلىرىنى چىڭ چىشلەپ ئۈندىمىدى. ئۇ بىر چاغدا ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپىدا چېچىلىپ ياتقان خىش پارچىلىرىنى، قالايمىقان تاشلاپ قويۇلغان ياغاچ - تاشلارنى رەتلەشكە تۇتۇندى. مەن قايغۇلۇق كەيپىياتتا ئۇنىڭغا قاراپ پەس ئاۋازدا دېدىم:
    −−بولدى، ئۆزۈڭلىنى بىھۇدە ئۇپراتماڭلا، بۇ نەرسىلەر بىر يەرگە قېچىپ كەتمەيدۇ. ئۇنى رەتلەيمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلا خوتۇن.
    ئاينىساخان بىردىنلا ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ تۆكۈلۈپ تۇرغان مونچاق - مونچاق ياشلىرى قارا قۇمچاق مەڭزىدە پارقىرايتتى. مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم ۋە تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ئۇنى باغرىمغا باستىم. ئاينىساخاننىڭ يىغىسى تېخىمۇ ئەدەپ كەتتى.
    −−مەن يارىماس ئىكەنمەن خوتۇن، سىلەرنى مۇشۇ كۈنگە قويدۇم، ئالدىڭلىدا ئەيىبلىكمەن.
    −−ئۇنداق دېمىسىلە، −− دېدى ئۇ يىغىدىن بوغۇلۇپ، −− بىزنىڭ پېشانىمىزگە مۇشۇ كۈن يېزىلغان. سىلىدىن ھەرگىزمۇ رەنجىمەيمەن. سىلىنىڭمۇ ياخشىراق كۈن كۆرەرمىزمىكىن دەپ قىلمىغانلىرى قالمىدى. شۇغىنىسى تارتقان ئەجرىمىزگە يارىشا كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈش نېسىپ بولمايۋاتىدۇ.
    مەن گەپ قىلماستىن ئۇنى تېخىمۇ ئۆزۈمگە تارتتىم.
    −−مەنمۇ بىرەر يەردە ئىشلەي، دادىسى، −− دېدى ئۇ بىر ھازا يىغلىۋالغاندىن كېيىن، ئىچى بوشىغاندەك يەڭگىللىشىپ، −− ھېچ بولمىسا بىرەر ئاشخانىدا قاچا - قۇچا يۇساممۇ ئېيىغا 600- 500يۈەن بېرىدىكەن. يوقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقاندا بۇنچىلىك پۇلمۇ يىرتىقىمىزغا ياماق بولار. بىكار نان يەپ تاغار بىكارلاپ يۈرسەممۇ شۇ كۈن ئۆتىدىكەن، ئۇنىڭدىن كۆرە بىرەر ئاشخانىدا ئىشلەي دادىسى.
    −−مەنمۇ ئىشلەيمەن، −− دېدىم ئۇنىڭ چاچلىرىنى پۇراپ تۇرۇپ، −− تىجارەت قىلسام ئاقمىدى، ئەمدى مەدىكار ئىشلىسەممۇ مەيلى، قانداق قىلىپ بولسىمۇ پۇل تېپىپ، مۇشۇ ئۆينى پۈتكۈزگىنىم پۈتكۈزگەن. ھەرقايسىڭلىنى يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈۋالسام مېنىڭ كۆزۈممۇ ئارمانسىز يۇمۇلىدۇ.
    كەچ كىرىپ دادامنىڭ ئالدىغا بارغاندا بىرەر يەردىن ئىش تېپىپ قىلىش ئويىمىزنى ئۇنىڭغا ئېيتتۇق. دادام ئىچىگە تىنىپ ئازراق ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن قايغۇلۇق بىر كەيپىياتتا ئېغىز ئاچتى:
    −−بوپتۇ بالام، ھەرىكەتتە بەرىكەت دەپتىكەن، مىدىراپ بېقىڭلا، ئاللا ئەجرىڭلارنى بېرىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، −− ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئازراق تۇرۇۋالغاندىن كېيىن قوشۇپ قويدى، −− ئۆينىڭ ئىشى يامان چاغدا توختاپ قالدى. مەن سىلەرگە ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم. ئەپۇ قىلىڭلا بالىلىرىم. دادام بىزگە ئەسقاتالمىدى، دەپ مەندىن رەنجىمەڭلا. شۇ تۇرقىدا يۈزۈڭلارغا قانداق قاراشنىمۇ بىلمەيۋاتىمەن. داداڭلار چارىسىز قالدى بالىلىرىم.
    −−ئۇنداق دېمىسىلە دادىكا، ھېلىمۇ قوللىرىدا يەر باركەن، بارنى بىزدىن ئاياپ ئولتۇرمىدىلا. سىلىدىن ھېچبىر رەنجىشىمىز يوق.
    −−ئىشلەيمەن دېسەڭلا بوپتۇ، ئىشل−ەۋې−رىڭلا بالىلىرىم، مەن بۈگۈنلا ئاققاش دۆڭگە بېرىپ ئۆي ئورنىدىكى نەرسىلەرگە قاراپ بېرەي. مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغىنى مۇشۇ ئىكەن. ئۆيدە ياتساممۇ ياتىمەن، سىلەرگە شۇنچىلىك ئىش قىلىپ بېرەلىسەم كۆڭلۈممۇ ئارام تېپىپ قالىدىكەن. ئۆي ئورنىدىكى ياغاچ - تاشلاردىن غەم قىلماڭلا. ئالا كۈچۈكنىڭ ئورنىدا ساقلاپ بېرىمەن بالام.
    شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئاينىساخانمۇ، مەنمۇ ئۆز ئالدىمىزغا ئىش ئۇقۇشتۇق. شەھەر دېگەندە نېمە تولا دېسە ماشىنا بىلەن ئاشخانا، ئاندىن قالسا بىنا تولىكەن. ئاينىساخانغا ھەر ھالدا بىر ئاشخانىدىن ئىش چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ، بۇ ئائىلىنىڭ تىرناقچىلىك بولسىمۇ يۈكىنى ئۈستىگە ئالالىغىنى ئۈچۈن بەكمۇ خۇشال بولغانىدى. مەنمۇ ئىدارىلەرگە باردىم، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا قاترىدىم، دەرۋازىغا قارايدىغان، لاي پىشۇرۇپ كېسەك يۆتكەيدىغان ئىش بولسىمۇ مەيلى، قولغا ئاز - تولا پۇل كىرىدىغانلا ئىش بولسا قىلاي دەپ ئويلىدىم. بىراق قېرىشقاندەك مېنىڭ يا تامچىلىقتىن ياكى بولمىسا باشقا بىرەر ھۈنەردىن قىلچىلىك خەۋىرىم يوق ئىدى. ئىدارىلەرنىڭ دەرۋازىسىغا قاراش ئۈچۈنمۇ قوغداش ئورۇنلىرى تارقاتقان ئىشقا چىقىش گۇۋاھنامىسى بولمىسا بولمايدىكەن، شۇنداق قىلىپ ئايال كىشىچىلىك بولسىمۇ ئىشقا يارىمىدىم.
    −−كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا، −− دەپ ماڭا تەسەللى بېرەتتى ئاينىساخان كەچ تەرەپلەردە ئىشتىن چۈشۈپ، مېنىڭ سالپىيىپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ، −− ئاللا خالىسا بىر يەردىن شۇنداق بىر خىزمەت چىقىدۇ، ھاكىمدەك، ۋالىيدەك ئىشلەپ كېتىدىلا، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر.
    ئاينىساخان ئىشقا چۈشۈپ بىرەر ھەپتىلەردىن كېيىن، شەھەرنىڭ غەربىدىكى كوچىلارنىڭ بىرىگە جايلاشقان ماشىنا يۇيۇش ئورنىدىن ئىش تاپتىم. خوجايىن 40ياشلار چامىسىدىكى سېمىزغىنا بىر چوكان ئىدى. ئۇ ماشىنا يۇيۇش ئورنىنىڭ ئالدىغا قويۇۋالغان ئورۇندۇقتا پۇتلىرىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ بىزنى ئىشقا بۇيرۇيتتى. مېنىڭ قىلىدىغان ئىشىم ماشىنىلارغا سۇ چېچىش، ئاندىن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن سوپۇنداش، ماشىنا تەگلىكلىرىنى خېرىدارنىڭ كۈتكىنىدەك يۇيۇپ بېرىش ئىدى. ماشىنىنى سۈرتۈش، پەردازلاش دېگەنلەر باشقا بالىلارنىڭ ئىشى بولۇپ، بىرىمىز تۇتقان ئىشقا يەنە بىرىمىز ئارىلاشمايتتۇق. ئىش - كۈشلەر جايىدا بولسىلا خوجايىننىڭ خۇيى تۇتۇپمۇ قالمايتتى.
    كۈنلەر ئالدىراشلىق ئىچىدە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈۋەردى. ھەش - پەش دېگۈچە ئاي توشۇپ، قولىمىزغا تەگمىش بولغان پۇلنى ئالدۇق. ئاينىساخانغا 600يۈەن، ماڭا 800يۈەن ئىش ھەققى تەگكەنىدى. پۇللارنى ساناپ 1400دېگەن رەقەمنى جەملىگەندە ئاينىساخاننىڭمۇ، مېنىڭمۇ چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈردى. بىز ھېسابلىدۇق. مۇشۇنداق ئىشلەپ ئون ئاينى توشقۇزۇۋالساق بۇ پۇل ساپمۇ ساق 14مىڭ كوي بولاتتى. ئەپسۇس، ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەي قالىدىغان ئىشلار بولىدىكەن. ئارىدا بولغان بىر ئىش بىزنىڭ بارلىق شېرىن خىياللىرىمىزنى، ئۆيىمىزنى پۈتكۈزۈشكە بولغان ئارزۇ - ئارمانلىرىمىزنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇۋەتتى.
     
    7
    ئاخىرقى كۈز باشلانغانىدى. ئەتىگەن - ئاخشىمى سوغۇق كۈچىيىپ، ئېغىز - بۇرۇنلاردىن ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلەتتى. يالىڭاچلانغان دەل - دەرەخلەر ئىزغىرىن شامالدا تولغىنىپ، ئۇشقىيتقان ئاۋاز چىقىراتتى. ئەتىگەنلىك قۇياش قېلىن بۇلۇتلار توپىنى يىرتىپ ئېچىشقا مادارى يەتمىگەندەك خىرە ۋە ھارارەتسىز كۆرۈنەتتى. توڭلاشقا باشلىغان يەر قاتلىمى بارغانسېرى سوۋۇپ، ئۆگەي ئانىنىڭ باغرىدەك قېتىشقا باشلىغانىدى. ھاۋا سوغۇق، ئاسمان بەترەڭ، ئەتراپ ھۇۋۇلداپ قالغانلىقتىن كوچا - كويلاردىمۇ ئادەملەر شالاڭلاپ قالغانىدى. بىزنىڭ ئىشىمىز سۇ بىلەن پۇتىدىغان، ئەتىگەندىن كەچكىچە سۇدىن قول تارتقىلى بولمايدىغان خىزمەت بولغاچقا ھاۋانىڭ ئىللىشىنى كۈتۈپ ۋاقچىرەك ئىشقا چۈشۈشكە توغرا كېلەتتى. شۇڭا بەزىدە ئاققاش دۆڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، چالا قالغان ئۆيىمىزنى چۆرگىلەپ كېلىشكىمۇ پۇرسەت چىقاتتى.
    ئىزغىرىن شامال كۈچەيگەن، يەرلەر قېتىشقا باشلىغان، يالىڭاچلانغان شىۋاقلارغا قىروۋ چۈشكەن بىر ئەتىگىنى يەنە ئاققاش دۆڭنىڭ يېنىغا كەلدىم. نېمىشقىدۇر تاملار بارغانسېرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەندەك چالا قالغان ئۆيىمىز سوغۇقتا شۈمشىيىپ قالغاندەك كۆرۈندى. يۈرىكىم سىرقىراپ، پۇت - قوللىرىمدا جان دېگەندىن ئەسەر قالمىدى. مەن ئىتتىك - ئىتتىك مېڭىپ ئۆينىڭ ئالدىغا، −− ھويلىغا پىلانلاپ قالدۇرۇلغان بوش يەرگە كەلدىم. بىچارە دادام... كونا تەلپىكىنى چۆكۈرۈپ كىيىپ، قەيەرلەردىندۇر تېرىپ كەلگەن تەمەچلەردە ئوت قالاپ، قورايدەك قېتىپ كەتكەن قوللىرىنى ئىس بۇخسۇپ چىقىۋاتقان ئوتقا قاقلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ مۇز يېغىپ تۇرغان ئاسماننى يېپىنچا، چويۇندەك قېتىشقا باشلىغان يەرنى سېلىنچا قىلىپ داق يەردە يېتىپ - قوپۇۋاتقانلىقى مۇشۇ مەنزىرىنى كۆرمىگۈچە خىيالىمغا كەلمىگەن ئىكەن. سوغۇق ئىچ - ئىچىگە ئۆتۈپكەتكەن دادامنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، لەۋلىرى قارا گەز باغلاپ كەتكەنىدى. مازلىرى چۇۋۇلۇپ تۇرغان كونا چاپىنى ئۇنىڭغا ھېچقانچە ئىسسىق بېرەلمەيتتى. تىزلىرى سۈزۈلگەن كاجى ئىشتىنىنىڭ يىرتىقلىرىدىن توخۇ ئەت بولۇپ كەتكەن يوتىلىرى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. دادام ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. ئەمما ئۇنىڭ قېتىشىپ كەتكەن لەۋلىرىدە كۈلكىگە ئوخشىمايدىغانراق بىر ئىپادە ئەكس ئەتتى.
    −−كەلدىڭمۇ بالام؟ −− دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرماق بولۇپ، لېكىن ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئۆرە قىلالمىدى. مەن ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاران دېگەندە ئورنىدىن تۇرغۇزدۇم.
    −−سىلىنى جاپادا قويدۇم، دادىكا، −− دېدىم بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بوغۇلۇپ، −− قىش كىرىۋاتىدۇ، سوغۇقمۇ ئەدەپ كەتتى. ئەمدى ئاق يەردە يېتىۋەرسىلىمۇ بولماس. لاقا - لۇقىلارنى ئوغرى ئالسا ئېلىۋەرسۇن. ئۆيگە كەتسىلە دادىكا!
    −−ياق بالام، −− دېدى ئۇ قورايدەك قېتىپ كەتكەن بارماقلىرى بىلەن يۈزىنى سىيپاپ قويۇپ، −− سېنىڭ تاملارنى مۇشۇنچىلىك ئۆرە قىلمىقىڭمۇ ئاسانغا چۈشمىدى. ئەمدى ئۇنى خۇدانىڭ يولىدا تاشلاپ قويساق بولمايدۇ. بۇ ئالەم ياخشىلارنىڭ كۈلكىسى بىلەنمۇ كۆكلەيدۇ، يامانلارنىڭ يىغىسى بىلەنمۇ كۆكلەيدۇ. ئالىمادىس خىش - كېسەك، ياغاچ - تاشلارغا ياماننىڭ كۆزى چۈشۈپ قالسا كېيىن پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق. مەن دېگەن نى - نى سوغۇقلارنى كۆرۈپ مۇشۇ ياشقا كەلگەن ئادەم. لەپىلدەپ قار يېغىپ، كۆك مۇزلار چاراسلاپ يېرىلغاندىمۇ ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا قىلىپ يېتىۋېرەتتۇق. بۇنچىلىك سوغۇق دېگەن مېنىڭ ئالدىمدا نېمىتتى بالام؟ بولدى، مېنىڭ غېمىمنى يېمەي ئۆزۈڭنىڭ ھالىڭ بىلەن بول. قارىغىنا، قوللىرىڭ، يېرىلىپ قان تەپچىرەپ چىقىپتۇ. بەكمۇ جاپادا قالغان ئوخشايسەن جېنىم بالام.
    ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. دادىكامنىڭ شۇ ھالدا تۇرۇپمۇ مېنىڭ غېمىمنى يېيىشى، يېرىلغان قوللىرىمغا قاراپ ئىچىنىڭ سىيرىلىپ كېتىشى ماڭا ھەقىقەتەن قاتتىق تەسىر قىلغانىدى. مەن ئۇنى يۆلەپ سەل نېرىدىكى بىر كۆتەكنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزدۇم.
    −−بالىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بالام؟ −− دېدى ئۇ ئېغىزىدىن قويۇق ھور چىقىرىپ ئۇھ تارتقىنىچە، −− ئۇلارنى كۆرمىگىنىمگە نەچچە كۈن بولدى. ئاينىساخان بالاممۇ ئىشلەۋاتامدۇ؟
    −−ھەئە، −− دېدىم كۆز يېشىمنى ئىچىمگە سىڭىرىپ تۇرۇپ، −− بالىلار ھەر كۈنى مەكتىپىگە جۆنىشىدۇ. ئۇلار ئوقۇشى بىلەن ئالدىراش. ئاينىساخانمۇ تورغاي چۇچۇلىماستا ئىش ئورنىغا كەتسە ئاخشىمى ئەلياتقۇدا بېلىنى سۆرەپ ئاران قايتىپ كېلىدۇ، ئاشخانا دېگەننىڭ ئىشى تولا ئىكەن، بىردەممۇ ئارامچىلىق يوق ئۇنىڭغا.
    −−بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر بالام، جاھاننىڭ ئاپتىپىنى ئەل قاتارى كۆرىدىغان كۈنلەرمۇ كېلەر، −− دېدى دادام قىسقا يۆتىلىپ، −− ئەمدى ئىشىڭغا ماڭ بالام، خەقنىڭ قولىدىن بىر موچەن پۇل ئېلىش ئوڭاي ئىش ئەمەس، تېزرەك بارمىساڭ خوجايىننىڭ ئالدىدا تىلىڭ قىسقا بولۇپ قالىدۇ، مەندىن ئەنسىرىمە.
    بىر كۆزۈم كەينىمدە يولغا چىقتىم. يولبويى دادامنىڭ تەمەچ تېرىپ ئوت قالاپ، تۈتۈن يەپ قېقىلىپ يۆتىلىشلىرى، قورايدەك بارماقلىرىنى رۇسلىيالماي چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈشى، قېتىپ كەتكەن بېلىنى ئۆرە قىلالماي قىينىلىشلىرى كۆز ئالدىمدىن نېرى بارمىدى. ئويلىغانسېرى دادامغا ئېچىندىم. ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ كۈنگە قالغىنىمغا ئېچىندىم. ئاينىساخاننىڭ خەقنىڭ يۇندىسىغا چىلىنىپ ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىگە ئېچىندىم. تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقى بىزنى ھەر تەرەپتىن قىستاتتى. يۈرەكلەرنى ھەرە چاققاندەك ئېچىشتۇراتتى. چالا قالغان ئۆيىمىزنىڭ خارابىلىكنى ئەسلىتىدىغان ۋەيرانە تۇرقى كۆڭۈللەرنى غەش قىلاتتى.
    −−ئىلاھىم، گېلىڭغا سۆڭەك تۈرۈپ ئۆلەرسەن ئىگەمبەردى، مەندىن ئالغان 1000يۈەن پۇل بۇرنۇڭدىن بۇلاق بولۇپ ئاققاي! ئاشۇ پۇلنى ئېلىۋالمىغان بولساڭ، ھېچ بولمىسا ھويلا تېمىنى چۆرۈۋالغان بولاتتىم، ئىشىكنى ئورنىتىپ، بىر تال قۇلۇپ بىلەن ھەممىنى ئىچىگە سولىۋالغان بولسام، داداممۇ بۇ يەردە تۈتۈن يەپ، سوغۇققا تالىنىپ ئولتۇرماس ئىدى. ئىسىت، ئالتۇنغا بەرگۈسىز ئىمىن ئاكامنىڭ سەندەكمۇ بالىسى بولۇپ قاپتۇ. ھارامغا كۆنگەن شۇ گېلىڭغا بىر ئەمەس، مىڭلارچە ھونناق چىققاي! يېگەن - ئىچكىنىڭ زەھەر بولۇپ كەتكەن ئىلاھىم!
    شۇ كۈنى ئەس - ھوشۇم جايىدا بولماي خوجايىندىنمۇ بىر نەچچە قېتىم دەشنام يەۋالدىم. گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرسا كىمدىن ئاغرىنىمەن؟ ھەممىگە ئەلھۆكمىلىللا دېمەي ئامال بولمىدى. كەچ كىرىپ ئىشتىن چۈشتۈم ۋە خوجايىندىن ئون يۈەن قەرز سورىدىم. سېمىز ئايال قاشلىرىنى ھىمىرىپ، چىرايى ئۆمسە ھالدا، خۇددى چىشىنى يۇلۇپ بەرگەندەك بولۇپ ئون يۈەننى سۇندى. گەرچە ئۇنىڭ بۇنداق قىلغىنىدىن ئىچىمدە خاپا بولساممۇ، يەنىلا پۇلنى ئېلىشقا مەجبۇر ئىدىم. رېزىنكە ئۆتۈكنى سېلىپ، كىيىم ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئۇدۇل بازارغا باردىم. ئاھ خۇدا، ئون يۈەن دېگىنىگە ئارانلا بەش زىخ كاۋاپ كېلىدىكەن ئەمەسمۇ؟ تۈكۈرۈكۈمنى يۇتۇپ ئولتۇرۇپ كاۋاپنى پىشۇرتتۇم. يانچۇقۇمنى بىر ھازا مالتىلاپ، ئاللىقاياقلاردا تېنەپ قالغان بىر يۈەننى تاپتىم ۋە بەش زىخ كاۋاپنى بىر ناننىڭ ئارىسىغا ئورنىتىپ دادامنىڭ ئالدىغا ماڭدىم.
    −−پۇلنى بۇزۇپ نېمىمۇ قىلارسەن بالام؟ −− دېدى چالا ئۆيىمىزنىڭ ئورنىدا بىر نېمىلەرنى قىلىپ يۈرگەن دادام نانغا ئورالغان كاۋاپنى كۆرۈپ، −− ئىسراپتە، ئىسراپ! كۆڭلۈڭ ماڭا تېگىل بولدى بالام، ئۇنى بالىلارغا ئالغاچ بار، ئوقۇش دېگەنگە كاللا كېتىدۇ. ق−ۇۋۋەت−لىك يېمىسە بىر نېمە ئۆگىنەلمەيدۇ ئۇلار.
    −−بالىلارمۇ سىلىچىلىك بولغۇچە كاۋاپ دېگەننى بۇرنىدىن چىققۇدەك يەۋالىدۇ دادىكا، −− دېدىم ئۇنى ئەتىگەنكى كۆتەكنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ، −− ئەمدى تاقاراشماي كاۋاپنى قولۇمدىن ئالسىلا، چىشلىرىنىڭ كاۋىكىدا قالىدىغان ئازغىنا كاۋاپ بۇ. نېرى - بېرىسىنى ئويلىمايلا يەۋەتسىلە بولدى.
    دادام ئېغىر ئۇھ تارتقىنىچە كاۋاپنى قولۇمدىن ئالدى. ناننى ئېچىۋېدى، كاۋاپتىن سۇس ھور كۆتۈرۈلدى. نېمىشقىدۇر ئېغىزىمغا سېرىق سۇ يۈگۈردى. مەن ئىتتىكلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، سەل نېرىدا چېچىلىپ ياتقان خىش پارچىلىرىنى تېرىشكە تۇتۇندۇم.
    −−بۇياققا كەل، بالام، −− دېدى دادام مېنى يېنىغا شەرەتلەپ، −− قېنى ئال، سەنمۇ ئېغىز تەگ، تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر دەپتىكەن، بىللە يەيلى بالام.
    ئۇ شۇنداق دەپ بىر زىخ كاۋاپنى ماڭا سۇندى.
    −−بولدى دادىكا، مەن بايا كاۋاپخانىدا قورسىقىمنى تويغۇزۇپ كەلگەن. بۇ دېگەن سىلىنىڭ نېسىۋىلىرى، ماڭا قارىماي بېقىۋەرسىلە.
    دادام مېنىڭ شور ئۆرلەپ تۇرغان لەۋلىرىمگە قاراپ، گېپىمگە ئىشەنمىدى بولغاي، بېشىنى چايقاپ قويدى.
    −−سەن يېمىسەڭ مەنمۇ يېمەيمەن بالام، مېنىڭمۇ قورسىقىم توق. بولدى، بۇنى بالىلارغا ئالغاچ كەت.
    دادامنىڭ قەتئىيەت چىقىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ مەنمۇ يېمىگۈچە ئۇنىڭ گېلىدىن بىر نەرسە ئۆتمەيدىغانلىقىنى پەملىدىم ۋە ئاستا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ماڭا چىنەپ تۇرغان كاۋاپنى قولۇمغا ئالدىم. دادام سۇس كۈلۈمسىرەپ قويۇپ يەنە بىر زىخ كاۋاپنى قولىغا ئالدى ۋە كاۋاپ دانىلىرىنى زىختىن سۇغۇرۇپ، نەچچە تال چىشى قالغان كاماك ئېغىزىغا سېلىشقا باشلىدى.
    دادامنىڭ زورى بىلەن بەش زىخ كاۋاپنىڭ ئىككىسىنى مەن يېدىم. قالغىنىنى دادام يېدى، كاۋاپنى يەپ بولۇپ مېنىڭ ھەققىمگە ئاتاپ ئۇزاقتىن - ئۇزاق دۇئا قىلدى.
    −−شۈكرى خۇدايىم، ماڭا بەرگەننى بالىلىرىڭدىن كۆرەرسەن بالام، ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭنى ئاللا ئىگەم بالىلىرىڭدىن ياندۇرار، ھەر ئىككى ئالەم ئەزىز قىلار ئوغلۇم...
    ماشىنا يۇيۇش بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتكەنىدى. ئادەم تۈكۈرسە مۇز بولۇپ چۈشىدىغان تاڭ - تاڭ سوغۇقتا ماشىنىلارغا چاچقان سۇ قىروۋ بولۇپ قېتىۋالاتتى. يۇيۇش سۇيۇقلۇقىمۇ مۇزلاپ قېلىپ ئاسانلىقچە چۈشكىلى ئۇنىمايتتى. ماشىنىلارنى سوپۇنداپ بولۇپ قايتىدىن چاچقان سۇ مازغاپلارنى ئېقىتىشقا ئاجىزلىق قىلاتتى. ئىشنىڭ تەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ خوجايىننىڭ مىجەزىمۇ قوداڭشىپ قالغانىدى. شۇنچە كۈچەۋاتقان بولساقمۇ ئۇ يەنىلا ئىشىمىزدىن قۇسۇر چىقىرىپ تۇراتتى. بەزىدە »ئالە شەرىڭنى، قىلماي ئىشىڭنى!« دەپ پەشنى قېقىپ كېتىشنىمۇ ئويلايتتىم، ئەمما بۇ يەردىن كەتسەم يەنە نەدىن ئىش ئىزدەيمەن؟ ئىش تاپماقنىڭ تەسلىكىنى ئويلاپ يەنىلا ئۆزۈمگە ھاي بېرەتتىم، كۈنلەر خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك غەشلىك ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى.
    بىر كۈنى قاتتىق قار ياغدى. قار توختاپ ئەتىسى يۇيىدىغان ماشىنىلار بىراقلا كۆپىيىپ كەتتى. قارا پاتقاق چاچراپ، قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن ماشىنىلارنى ئاللىكىملەر ھەيدەپ كېلىشەتتى ۋە بىزنىڭ ھايال قىلماي يۇيۇپ بېرىشىمىزنى ئۆتۈنەتتى. ئايال خوجايىننىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، قار ياغقاندا قۇشقاچ تۇت دېگەندەك، مۇشۇنداق ياخشى كۈنلەردە جىقراق تاپاۋەت قىلىۋېلىشنى ئويلايتتى. شۇڭا مىخلاپ قويغاندەك ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقىدىن تۇرۇپ، بىزنى ھەدەپ ئالدىرىتاتتى.
    ئىش تازا قاينىغان، ئىككى قولنى تۆت قىلالماي تۇرغان بىر چاغدا ئۆڭسۈلى ئۆچكەن ئاينىساخان ھاسىراپ - ھۆمىدەپ كېلىپ قالدى. ئۇنىڭ بىمەھەل كېلىپ قالغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بىردىنلا ئۆيدى. شارقىراپ سۇ پۈركۈۋاتقان شىلانكىنى يەرگە تاشلىدىم - دە، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك باردىم.
    −−نېمە بولدى؟
    −−دا... دادىكام... ئۇ...
    كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. تىلىمغا زۇۋان كەلمەي بىر پەس تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭغىچە ئاينىساخان ئۆزى ئېغىز ئاچتى:
    −−تېز بولسىلا، »يېڭى ھايات« دوختۇرخانىسىغا بارسىلا، بەيدۇللا ئاكام دادىكامنى شۇ يەرگە ئېلىپ كەتتى.
    −−دادىكامغا زادى نېمە بوپتۇ؟ −− تىت - تىت بولۇپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
    −−بىزنىڭ چالا ئۆيىمىزنىڭ ئورنىدا يىقىلىپ قاپتۇ. بەيدۇللا ئاكام بارغاندا دادىكامنىڭ بەدىنى قېتىپ قالغانىكەن، ئېغىز - بۇرنىدىن قان كېتىپتۇ دەيدۇ، نېمە بولغىنىنى مەنمۇ ئۇقمىدىم دادىسى، بەيدۇللا ئاكامنىڭ چوڭ ئوغلى شىرمانجان شۇ خەۋەرنى كۆتۈرۈپ ئاشخانىغا بېرىپتىكەن، ئاققاش دۆڭگە بارسام ئۇنى بىر ھارۋىغا ياتقۇزۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ، سىلىنى چاقىرىپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بېرىشنى ئېيتتى، مەنمۇ نېرى - بېرىسىنى ئۇقمايلا بۇياققا يۈگۈردۈم.
    −−ۋاي دادىكام... ۋاي دادىكام... مەندەك شور پېشانە ئوغۇلنىڭ دەردىگە كەتكەن دادىكام...
    مەن ئۈن سېلىپ يىغلىغىنىمچە تامدىكى قوزۇققا ئىلىپ قويۇلغان چاپىنىمنى ئېلىپ دوختۇرخانا تەرەپكە يۈگۈردۈم. كەينىمدىن خوجايىن ئايالنىڭ چىرقىراق ئۈنى ئاڭلاندى:
    −−نەگە؟ ھوي پەيزۇللا، نەگە بارىسىز؟ تازا ئىش باسقاندا چۈلۈكتىن قۇتۇلغان تۆگىدەك كېتىپ بارىسىزغۇ؟
    ئۇنىڭ يەنە نېمىلەرنى دېگىنى قۇلىقىمغا كىرمىدى. مەن يادىن ئېتىلغان ئوقتەك دوختۇرخانا تەرەپكە ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئاينىساخاننىڭ ماڭا يېتىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس. مەيلى، ئەقلى - ھوشى جايىدا ئايال بولغاندىكىن دوختۇرخانىنى تېپىپ بارار. يولدا ماڭا نېمىلەر ئۇچرىدى؟ كىملەرنىڭ سالىمى ئىلىكسىز قالدى؟ دوختۇرخانىغا قانداق كېلىپ قالدىم؟ ھېچنېمە ئېسەمدە يوق، مەن تېز يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىسىدەك بىردەمدىلا ئۆزۈمنى دوختۇرخانىدا كۆردۈم. كارىدوردا شىرمانجان ماڭا ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. قارىسام كۆزلىرى قىزىرىپ قاپتۇ. يىغلىغان بولسا كېرەك. مېنى كۆرۈپلا گەپ - سۆز قىلماستىن قولۇمدىن تارتىپ 2 - قەۋەتتىكى بىر ياتاققا باشلاپ كىردى. دوختۇرلار ئاللىقانداق ئەسۋابلىرىنىڭ سىملىرىنى يىغىشتۇرۇۋېتىپتۇ. بەيدۇللا ئاكام ئۆپكىدەپ تۇرۇپ دادامنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىۋېتىپتۇ. بىر سېسترا دادامنىڭ ئۈستىگە ئاپپاق رەختنى يېپىپ قويدى.
    −−دادىكا!
    ئۆزۈمنى زادىلا تۇتۇۋالالمىدىم. دادام ياتقان كارىۋاتنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ كەلدىممۇ، تاقلاپ كەلدىممۇ، بۇمۇ يادىمدا يوق. مەن ئاق رەخت يېپىلغان دادامنىڭ جەسىتىگە ئۆزۈمنى ئېتىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ ھەسرەت بىلەن يىغلىدىم، ياتاق ئىچى قىيا - چىياغا توشتى.
    −−ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىت كەبى خارلانغان دادام!
    −−سوغۇقنى سوغۇق، ئىسسىقنى ئىسسىق دېمەي ئۆي باققان دادام!
    −−خەقنىڭ زۇلمىغا كەتكەن دادام!
    −−جان ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغاندا قايسى بالام ئېغىزىمغا بىر يۇتۇم سۇ تېمىتاركىن دەپ ئارماندا كەتكەن دادام!
    −−ئىتنىڭ كۈنىمۇ سېنىڭكىدىن ياخشىراق ئىدىغۇ دادام!
    قۇلىقىمغا ئاكام بەيدۇللاخۇننىڭ بۇقىنىڭكىدەك ياڭراق، قاپاق ھەرىنىڭكىدەك بوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى. قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتكەن ئەس - ھوشۇم ئاستا - ئاستا قايتىپ كېلىپ، ئاكام ئوقۇۋاتقان ھازا قوشىقىدىكى تەنىنى سېزىشكە باشلىدى. ئاكام ئاشۇ نالىلىرى ئارقىلىق دادامنى ئىتنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈپ، ئاققاش دۆڭدىكى پۈتمىگەن ئۆيۈمنى ساقلاشقا قويغان گۇناھىمغا ئاچچىق قىلىۋاتاتتى. ئاكامنىڭ بۇ قوشاقلىرى يۈرىكىمگە قىزىتىلغان تۆمۈردەك پېتىپ، بىر پىغانىمنى مىڭ قىلدى. ئۇنىڭسىزمۇ ئۆز - ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ تۇرغان ۋىجدانىم مېنى تېخىمۇ قاتتىق قىستاققا ئالدى. راست، نېمىشقىمۇ دادامنىڭ بۇنداق تاڭ - تاڭ سوغۇقتا قېلىشىغا يول قويغاندىمەن؟ نېمىشقىمۇ ئۇنىڭ توڭلاپ قالىدىغانلىقىنى، بىز بىلەن مۇشۇنداقلا ئادا - جۇدا بولىدىغانلىقىنى خىيالىمغا كەلتۈرمىگەندىمەن؟ دادام مەن سەۋەبلىك كۆز يۇمسا، باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ ئالدىدا، ئاكا، ئاچا - سىڭىللىرىم ئالدىدا گۇناھكار بولىدىغانلىقىمنى، ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدىغانلىقىمنى ھېس قىلمىغاندىمەن؟ دادامنى ئاشۇ داق يەردە ئۆي ساقلىغىلى قويغۇچە بىرەر لالما ئىت تېپىپ، شۇنى باغلاپ قويساق بولماسمىدى؟ ئەمدى ماڭا ھەق! نېمە دەپ ئىزا ئاڭلىماي، ئاكىلىرىمنىڭ، ئاچا - سىڭىللىرىمنىڭ نېمە دەپ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماي، ھەممىسىگە ئەلھۆكمىلىللا دېمەي ئامالىم يوق.
    −−نېمە غەلۋە - غۇدۇر بۇ؟ نېمىشقا يىغلايسىلە؟ بۇنداق ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتۈرسەڭلا باشقا بىمارلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتمەمدۇ؟ بولدى قىلىڭلار، يىغلىغۇڭلار كەلسە ئۆيۈڭلەرگە بېرىپ يىغلاڭلا. بۇ يەردە ۋارقىراپ - جارقىراپ دوختۇرخانىنىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇشقا بولمايدۇ!
    دوختۇرخانا باشلىقى بولسا كېرەك، ئېگىز بويلۇق، چاچلىرىغا ئاق كىرگەن، سېمىز بىر كىشى ئاستا، ئەمما ئۇرغۇلۇق قىلىپ بىزگە تەنبىھ بەردى. ئاكامنىڭ قوشاقلىرى بېسىقىپ، ياتاق ئىچىدىن مىشىلداپ يىغلىغان ئاۋازلار كېلىشكە باشلىدى.
    −−جىددىي قۇتقۇزۇش ھەققىنى تۆلىۋېتىپ مېيىتنى ئېلىپ كەتسەڭلا بولىدۇ، −− دېدى يەنە بىر دوختۇر ئۇھ تارتقىنىچە.
    ئاكام ماڭا ئالىيىپ قارىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ قارىشىدا دادامنىڭ ئۆلۈمىگە سەن سەۋەبچى، شۇڭا پۇلنى سەن تۆلە! دېگەن ئىپادە شۇنداق ئېنىق ئەكس ئەتكەنىدى. مەن يىغلاپ تۇرۇپ بېشىمنى لىڭشىتتىم. شۇنداق قىلمايمۇ بولمايتتى. ئاينىساخاننىڭ قاچانلاردا ياتاققا كىرگىنىنى سەزمەپتىمەن، ئۇمۇ ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن ئېغىزىنى توسۇپ بۇقۇلداپ يىغلىماقتا ئىدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۆز ئىشارىسى قىلدىم. سەزگۈر ئايال مەقسىتىمنى چۈشەندى بولغاي، پۇل ئەكېلىش ئۈچۈن ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.
    دادامنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدۇق، جامائەتنىڭ ھە - ھۇسى بىلەن يەرلىككىمۇ قويدۇق. ئۇنىڭ ئۈچ نەزىرىسى، يەتتىسى، 20نەزىرىسى ۋە 40نەزىرىسى دېگەنلەر يۇرتنىڭ ئادىتى بويىچە جايىدا بېرىلدى. دادامنىڭ ئۆلۈمىگە بىزنىڭ چالا ئۆيىمىز سەۋەبچى بولغىنى ئۈچۈن نەزىرىلەرگە كېتىدىغان ھەممە چىقىم مەندىن بولدى. ئۆيىمىزنىڭ چالىسىنى ئىشلەش ئۈچۈن چىشىمىزنىڭ كاۋىكىدا يىغقان نەچچە ئايلىق ئىش ھەققىمىز شۇنىڭ بىلەن پاك - پاكىز تۈگىدى. لېكىن مەندە قىلچىلىك ئەپسۇسلىنىش، پۇشايمان يوق، ناۋادا بار دېيىلسە دادامنى ئاشۇ سوغۇق يەردە ياتقۇزۇپ قويغىنىمغا بولغان ئۆكۈنۈشلا بار. دادامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەزىرلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك بېرىۋالغىنىم ئۈچۈن يىغقان - تۈگكىنىمنىڭ پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتكىنىگە بەزىدە خۇشال بولۇپمۇ قالىمەن. ھەر نېمە بولسا شۇنچىلىك بىر نەرسە يىغىپ قويۇپتىكەنمەن، بىرەرىگە چىراي سارغايتماي، ئاللىكىملەرگە بويۇن قىسماي دادامنى جايىدا ئۇزىتىۋالغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلغاندەكمۇ ھېس قىلىمەن.
     
    8
    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە باھار كەلدى. قىشنىڭ غالجىر ئىتتەك ئادەمنى تالايدىغان سوغۇقلىرىنىڭ پەيلى بوشىدى. ئېرىقلاردا شۈرمەللەر ئېقىپ، ئېتىز - قىرلارنىڭ كۈنگەي تەرىپىدە يېڭى ھاياتلىقنىڭ بىخلىرى يىڭنە قۇلاق بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
    ئاز ئۆتمەي مامكاپلار چېچەك ئاچتى، سۇگەتلەر بىخ چىقاردى. ئەتراپتا باھارنىڭ يېشىل لىباسى سەزدۈرمەي پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ھۆپۈپلەر كامارلىرىدىن چىقىپ ئەسكى تاملار ئۈستىدە كۇشۇلداشقا، پاختەكلەر قېرى جىگدىلەرنىڭ، ئاسمانغا بوي سوزغان چىنارلارنىڭ ئۈستىدە »بىر كۈن ئاچ، بىر كۈن توق« دېگەندەك سايراشقا باشلىدى.
    ئەمدى بىزنىڭمۇ ئۆچەكتىن چىقىدىغان ۋاقتىمىز بولغانىدى. قىشىچە دادامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى بىلەن بولۇپ، ئاينىساخانمۇ، مەنمۇ ئىشقا بارالمىغان ئىدۇق. يانچۇقتا پۇل، ئۆيدە ئۇن - ياغلار تۈگىگەن، بالىلارنىڭ خەجىمۇ كۆپىيىپ قالغانىدى. مەكتەپلەردىن ھېلى ئۇنىڭغا، ھېلى بۇنىڭغا پۇل ئەكېلىڭلار دېگەن بۇيرۇتمىلىرى ھېچ تۈگەي دېمەيتتى. ئۆي ئىگىسىمۇ ئىجارە ھەققىنىڭ ئۆسىدىغانلىقى ھەققىدە پۇرىتىپ تۇراتتى. ئەمدى يەنە خەقنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ ئۆيدە ئولتۇرۇشقا، دادىسىنى كۆمۈۋېتىپلا ئوقەتنىڭ كەينىگە كىرىپتۇ، دەپ گەپ تېپىشىدىن ئەنسىرەپ قايغۇغا چۆمۈپ يۈرۈشكە بولمايتتى. شۇڭا ئاينىساخان بىلەن مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ، بىر ئەتىگىنى بىسمىللا دەپ ئۆيدىن چىقتۇق. ئۇ ئىلگىرى ئىشلىگەن ئاشخانىغا، مەن ماشىنا يۇيۇش ئورنىغا قاراپ يول ئالدىم، كىم بىلسۇن، مەن ئىشلەيدىغان يەرگە ئادەم تولۇقلاپ بوپتۇ.
    −−ئۆزلىرىنى قاچان كېلەركىن دەپ ساقلاپ ئولتۇرغىلى بولمىدى، −− دېدى خوجايىن ئايال مەسخىرە تەلەپپۇزىدا، −− ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرىمۇ بىر كەتكەنچە قۇمغا چۈشكەن يىڭنىدەك يوقاپ كەتتىلە. شۇڭا ئادەم تولۇقلاپ بولدۇق. ئەمدى باشقا يەرگە بېرىپ باقسىلا!
    كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. پۇت - قولۇم بىلىنەرلىك تىترىدى. لېۋىمنىڭ بوش مىدىرىغىنى ئۆزۈمگە ئايان، ئايالغا رەھمەت دېدىممۇ، ماقۇل دېدىممۇ، ئۇقمايمەن، قانداق كەلگەن بولسام شۇنداق كەينىمگە ياندىم.
    شۇ كۈنى كەچ كىرگىچە شەھەر كوچىلىرىدا ئايلىنىپ يۈردۈم. ئۆيگە قايتقۇم كەلمىدى. نەدە دوسكا چىقىرىپ ئېلان چاپلانغان بولسا شۇ يەرگە دوقۇرايمەن. تۈرلۈك شىركەتلەرنىڭ، ئاشپۇزۇل - رېستورانلارنىڭ، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ھەققىدىكى ئېلانلىرىغا تولا قاراپ كۆزۈممۇ تالدى. ئەپسۇس ئاشخانا - رېستورانلارغا تاماق چىقارغۇچى، قورۇما قورۇغۇچى لازىم ئىكەن. قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا كەپشەرلەش ئۇستىسى، تامچى ئۇستاملار كېرەك ئىكەن. شىركەتلەرگە بولسا باشقۇرغۇچى، بوغالتىر، دىرېكتور لازىم ئىكەن، كومپيۇتېر ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى ئالغان بولسا، قوش تىل بىلسە ئالاھىدە ئېتىبار قىلىنىدىكەن. ھەممىسى كەسىپنى شەرت قىلىدىغان ئىش ئورۇنلىرى بولغاچقا مېنىڭ شەرتىم توشمايدىكەن. ئەمدى ماڭا جاننى باققۇدەك بىرەر خىزمەت تېپىلمايدىغاندەك روھىم چىقىپ كەتتى.
    كەچ كىردى. ئەتىگەن كۈلۈپ چىققان باھار قۇياشى ئەتراپنى شەپەق رەڭگىگە چۆمدۈرۈپ بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى ۋە قايسىبىر تاغ كەينىدىكى ماكانىغا ئالدىراپ باش قويۇشقا باشلىدى. ئاسمان بېتى بىرى كۈل چېچىۋەتكەندەك قارىداپ، ئەتراپقا گۇگۇم پەردىسى يېيىلماقتا ئىدى. ئەمدى يەنە چۆرگىلەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق، ئۆيگە قايتمىسام بالىلار ئەنسىرەپ قالىدۇ.
    كۈنبويى ئېغىزىمغا گىياھ سالمىغىنىم ئەمدى يادىمغا يەتتى. قورسىقىم كوركىراپ، ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ كەتكەنىدى. مەن بوشاپ قالغان كەمىرىمنى چىڭىتقاندىن كېيىن بالىلارنىڭ كەچلىك تامىقى ئۈچۈن بىر نەچچە نان سېتىۋالدىم ۋە بەكمۇ روھسىز كەيپىياتتا ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم.
    ئۆيگە كەلسەم بالىلار ئاللىقاچان مەكتەپتىن كېلىپ بوپتۇ. ئوغلۇم تاپشۇرۇق ئىشلەۋېتىپتۇ، قىزىم ئۆيلەرنى سىيرىپ سۈپۈرۈۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ قولىنىڭ ئىشقا تەگكەنلىكىنى، ئانىسىنىڭ يوقلۇقىنى چاندۇرماي ئۆينى سۈپۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ۋىللىدە يورۇپ قالدى.
    −−دادا، قورسىقىم ئاچتى، −− دېدى ئوغلۇم مېنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇرۇپ، −− كەچلىككە نېمە يەيمىز؟
    −−نان ئەكەلدىم بالام، سىڭلىڭ بىر چەينەك چاي دەملىسۇن، قىزىق چاي بىلەن نان يەيلى.
    −−يەنە نانمۇ؟ −− ئوغلۇم تۇمشۇقىنى ئۇچلىدى، −− قاچانلا قارىسا نان كۆتۈرۈپ كەلگەن. چۈشتە بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە بارغان، ئاتا - ئانىسى بىلەن تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پولۇ يەيدىكەن، ماڭىمۇ ئاش بەردى. بىزمۇ قاچان بىر شۇلاردەك بولىمىز دادا؟
    ئوغلۇمنىڭ ئەيىبلەش، تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسى چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراشقا پېتىنالمىدىم. راست، مەنمۇ بەزىدە قاچان بىر خەقلەردەك ھايات كەچۈرەرمەن؟ بالىلىرىمنى باشقىلارنىڭ بالىلىرىدەك بەختكە ئېرىشتۈرەرمەن؟ باغچىلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ، ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ يايلىتىپ كۆڭلىنى ئالارمەن دېگەنلەرنى ئۆز - ئۆزۈمدىن سوراپ قالاتتىم. لېكىن ئۇنىڭغا مېنىڭ تۇرقۇمدىن، ۋۇجۇدۇمدىن ھەم قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن ھېچبىر جاۋاب تېپىلمايتتى. بۈگۈن ئوغلۇم قەلبىمدىكى ئاشۇ داۋاسى يوق جاراھەتنى ئاخىر تاتىلىدى. يۈرەك - باغرىم ئوتقا چۈشكەندەك پىژىلدىدى. ئېغىرلاشقان بېشىم گۇناھكارلارچە ساڭگىلىدى. تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ قالغان تىلىم زۇۋان سۈرمىدى. مەن ئۈندىمەستىن ئۆزۈمنى سۇپىغا تاشلىدىم. ئىككى تامچە ياش مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىپ، قۇلىقىمنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
    شۇ كۈنى ئاخشىمى بالىلار كۆڭۈلسىزلا نان يېدى. ئۇلارنىڭ غۇدۇراپ، چىنىلىرىنى دوق - دوق قىلىپ قاتتىق قويۇشلىرى، ئانچىكىم ئىشلار ئۈچۈن بىر - بىرىنى ئەيىبلەپ تىللىشىشلىرى قۇلىقىمغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قورسىقىم شۇنچە ئاچ بولسىمۇ گېلىمدىن بىر نەرسە ئۆتۈشىگە ئىشەنچ قىلالمىدىم. شۇڭا ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ نان يېيىشتىنمۇ ۋاز كەچتىم. پەقەت تورۇسقا قاراپ ياتقىنىم ياتقان. ئاينىساخاننىڭ قايتىپ كەلمىگىنىگە قاراپ ئۇنىڭ ئىشقا چۈشكىنىگە ئىشەنچىم ئاشتى. ئۇنىڭ تېزرەك قايتىپ كېلىشىنى، يۈرەك ئاغىرىقىمغا مەلھەم بولۇشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلدىمكى...
    ئېغىر ئەلياتقۇ بولغاندا مەن تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ئايالىم قايتىپ كەلدى. ئۆيدە بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى كۆڭلى تۇيدىمىكىن، ئاشقان - تاشقان تاماقلاردىن خېلى جىق كۆتۈرۈپ كەپتۇ. بىر چىشلەپ تاشلاپ قويۇلغان مانتىلار، چۇۋۇلغان يۇتازىلار، ھېچقانچە يېيىلمىگەن قورۇما چۆپ، سوۋۇپ قالغان پولۇلار، تېخى نەچچە زىخ كاۋاپمۇ بار ئىدى. ئانىسىنىڭ يولىغا قاراپ ئولتۇرغان بالىلار بۇ يېمەكلىكلەرنى كۆرۈپ داستىخانغا دۈم چۈشتى.
    −−سىلىمۇ كەلسىلە، −− دېدى ئاينىساخان بالىلارغا چاي سۇنۇۋېتىپ، −− بالىلار بىلەن دەرقەمتە ئولتۇرۇپ بىللە غىزا يەۋالسىلا.
    ئوغلۇمنىڭ بايا دېگەن گەپلىرى تېخىچە يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئەيىبلەش نەزىرى ئۇچقۇنداپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ سېلىشتىن قورقۇپ داستىخاننىڭ يېنىغا كېلەلمىدىم. قىزىم سۇنغان بىر مانتىنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىرەر نەرسىنىڭ چىقىپ كېلىشىنى كۈتكەندەك ئولتۇرۇپ قالدىم. ئاينىساخان مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپلا ئىشىمنىڭ سۇغا چىلاشقىنىنى سەزگەن بولسا كېرەك، ئاستا يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئېغىر خورسىنىشلىرى قۇلىقىمغا كىردى.
    −−ھېچقىسى يوق دادىسى، كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا، مەن چوڭ بىر رېستوراندىن ئىش تاپتىم، ئايلىقىمغا 1000يۈەن بېرىدىغان بولدى، يەنە تېخى مۇشۇنداق ئاشقان - تاشقان تاماقلارنى يىغىپ قويۇپ ئۆيگە ئەكەتسەكمۇ بولىدىكەن. ئۇزاق مۇددەت ئىشلەشكە توختاممۇ تۈزۈپ بولدۇق. ئۆزلىرىنى ئەيىبلەپ كەتمىسىلە، خۇدايىم بۇيرۇسا سىلىگىمۇ مۇۋاپىق ئىش چىقىپ قالار.
    −−ئىنشائاللا، دېگىنىڭلا كەلسۇن، −− دېدىم ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا بېقىپ.
    بالىلار قورسىقىنى تويغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆيىمىزدىكى بىردىنبىر ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى ھېسابلىنىدىغان 14دىيوملۇق رەڭسىز تېلېۋىزورنى ئاچتى. تېلېۋىزور بىرئاز گىژىلدىغاندىن كېيىن قاناللىرى ئۇدۇللىنىپ سۈرەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئوغلۇم ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋېلىپ تېلېۋىزورنىڭ قاناللىرىنى كۈچ بىلەن باسماقتا ئىدى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭدا ئاڭلىتىلىۋاتقان بىر ئېلانغا دىققىتىم ئاغدۇرۇلدى. ئوغلۇمغا قانالنى كەينىگە بۇراشنى ئېيتتىم. ئۇ ئەجەبلەنگەندەك ماڭا لەپپىدە قاراپ قويۇپ ئېلان بېرىۋاتقان قانالغا ياندۇردى.
    »مەلۇم بىر ئامانلىق شىركىتىگە 20نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ، يېشى چەكلەنمەيدۇ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇش تارىخى بولسا، ئىش ئورنىدىن قالغانلىق ئىسپاتى بولسا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىش ھەققى 1000يۈەن، ئىشلەشنى خالايدىغانلار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمىگە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ...«
    ئېلاننى ئاڭلاپ نېمىشقىدۇر يۈرىكىم سېلىپ كەتتى. خۇددى ھازىرلا ئىشقا چۈشۈش ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋالغاندەك ھاياجانغا چۆمدۈم. ئاينىساخانمۇ بۇ كەيپىياتىمنى تۇيغاندەك ئاستا قولۇمنى تۇتتى. قانداقتۇر بىر ئۈمىد ئىچىدە ئولتۇرۇپ قولۇمدىكى مانتىنى قانداق يەۋەتكەنلىكىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. كۆز ئالدىم بىردىنلا پاللىدە يورۇپ كەتكەنىدى. بەلكىم غايىبتىن بىرى مۇشۇ يەردە ئىشلەپ قېلىشىم ھەققىدە كۆڭلۈمگە پىچىرلاۋاتقاندۇ؟
    بىر كېچىنى ئاچچىق - تاتلىق خىياللار بىلەن تاڭغا ئۇلىدىم. ئاينىساخان سەھەر تۇرۇپ بىزگە ناشتىلىق تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئالدىراپ ئىشىغا ماڭدى. بىز ئۇ دەملىگەن قىزىق چاي بىلەن ئاخشام ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەردە قورساقنى ئەستەرلىۋالغاندىن كېيىن بالىلار مەكتەپكە، مەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە قاراپ يول ئالدۇق.
    ئىشنىڭ مۇنداق ئوڭ كېلىشىنى كىم ئويلىغان؟ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنىغا كەلسەم دەپتەر تۇتۇپ تونۇشلا بىرى ئولتۇرىدۇ. سەپسېلىپ قاراپ ئۇنىڭ ئىلگىرى مەن بىلەن بىر سېختا ئىشلىگەن كامالىدىن ئىكەنلىكىنى تونۇدۇم. ئۇ ساقچى فورمىسى كىيىپ باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغانىدى. كامالىدىنمۇ مېنى تونۇدى ۋە ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ، مەن بىلەن ئىككى قوللاپ كۆرۈشتى.
    −−قانداق ئەھۋالىڭ؟ −− دېدى ئۇ مېنى ئىشخانىسىدا تۇرغان بوش ئورۇنغا ئولتۇرغۇزۇۋېتىپ، −− ئايالىڭ، بالىلىرىڭ ئامان - ئېسەن تۇرۇۋاتامدۇ؟ بۇياققا قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى سېنى؟
    كامالىدىن بىلەن بەك ئىچەكىشىپ، ئاخشىمى - ئەتىسى سىر چېكىشىپ ئۆتمىگەن بولساقمۇ، ئۇ يەنىلا ماڭا خىزمەتداشلىقنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى.
    −−يامان ئەمەس، −− دېدىم بىر ئىچكى ھاياجاندا بوغۇلۇپ، −− ئۆزۈڭنىڭ ئەھۋالىچۇ؟ ساھىبجامال، بالىلار ئوبدان تۇرۇۋاتامدۇ؟
    −−ھەرھالدا ياخشى، −− ئۇ ماڭا بىر ئىستاكان قايناق سۇ قۇيۇپ بەردى، −− خوش قېنى، بۇ يەرگە نە ۋەجىدىن كېلىپ قالدىڭ؟ شۇنچە يىلدىن بېرى سېنى ھېچيەردە كۆرمىدىم، نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ دەپ پات - پات ياد ئەتتىم بولمىسا.
    −−ئاخشام تېلېۋىزوردا ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى قوبۇل قىلىش ھەققىدە بىر ئېلان بېرىپتىكەنسىلەر، تەۋەككۈل دەپلا تىزىمغا ئالدۇرغىلى كېلىشىم ئىدى.
    −−تېخىچە بىرەر يەردىن ئىش تاپالمىغانمىدىڭ؟ −− سورىدى ئۇ. مەن لېۋىمنى چىشلىگىنىمچە بېشىمنى تۆۋەن قىلدىم. ئۇنىڭ ئاشۇ گېپىدىن كارغا كەلمەس ئادەم بولمىغان بولساڭ بەلكىم ھېلىغىچە ماڭا ئوخشاش بىرەر ئورۇندۇقنى ئىگىلەپ بولاتتىڭ، دېگەن مەنە چىقامدۇ ياكى ئۆزۈم شۇنداق خۇدۈكچان بولۇپ قالغاچقا ئاشۇنداق چۈشىنىۋالدىممۇ بىلمەيمەن، ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرگۈم كەلمىدى. كامالىدىنمۇ بۇ تەرىپىگە بەك ئېتىبار قىلىپ كەتمىدى. ئۇ ئۈستىلىدىكى قېلىن بىر دەپتەرنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا مېنىڭ ئىسمىمنى يازدى.
    −−ئىش ئورنىدىن قالغانلىق كىنىشكاڭنى ئالغاچ كەلگەنسەن؟ −− سورىدى ئۇ.
    −−ھەئە، ئېلىپ كەلدىم، −− مەن قويۇن يانچۇقۇمدىن سالاھىيەت كىنىشكىسى، ئىش ئورنىدىن قالغانلىق كىنىشكىسى دېگەندەكلەرنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم. كامالىدىن كىنىشكىلەرگە قاراپ - قاراپ قويۇپ بىر كاتەكچىنى تولدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى.
    −−بىر نەچچە كۈن كۈتىسەن، −− دېدى ئۇ ماڭا ئىللىق بېقىپ، −− ھازىر تىزىمغا ئالدۇرغان ئادەم 15گە يەتتى، سەن 15- سى، يەنە ئون نەچچە ئادەم تىزىمغا ئالدۇرسىلا ئىمتىھان ئېلىپ، لاياقەتلىك بولغانلىرىنى قوبۇل قىلىمىز.
    −−ئىمتىھان ئېلىپ؟ −− ك−ۆزلىرى−منىڭ قانداقسىگە بۇنچە چەكچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن، ئىلگىرى مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن چاغلاردىمۇ ئىمتىھان دېگەننى ئاڭلىسام پۇت - قولۇمدا جان قالمايتتى. جىددىيلىشىپ كېچىلىرىمۇ تۈزۈكرەك ئۇخلىيالمايتتىم. مانا ئەمدى يەنە شۇ ئىمتىھان! قارىغاندا ماڭا جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە بىرەر ياخشى ئىش ئۇچرىمايدىغان ئوخشايدۇ.
    −−ئىمتىھاندىن خاتىرجەم بول، −− دېدى ئۇ مېنىڭ روھىمنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، −− بۇ يەردە مەن بار، ساڭا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ بۇ قېتىم قوبۇل قىلىدىغان ئوبيېكتلىرىمىزمۇ ئىش ئورنىدىن قالغانلارنى ئاساس قىلىدۇ. سېنىڭ شەرتىڭ گەپ يوق توشىدۇ، بەك ئەنسىرەپ كەتمە.
    مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم، يۈرىكىم ئازراق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندەكمۇ بولدى.
    −−مەن بەك تەس كۈنگە قالدىم، كامالىدىن، −− دېدىم ئۇنىڭغا راست گېپىمنى قىلىپ، −− بولسا مۇشۇ قېتىم ماڭا ياردىمىڭنى ئايىمىغىن. مەندىن يانمىسا خۇدادىن يانار، بەرگەن خىزمىتىڭنى جان دەپ قىلىمەن، سېنى ھەرگىزمۇ يەرگە قاراتمايمەن جېنىم ئاداش. قولۇڭدىن كەلسە مېنى بىر يۆلەپ قوي!
    خۇددى ئىشىك تۈۋىدە ساپايى چېلىپ سەدىقە تىلەۋاتقان سائىللاردەك ئەلپازدا دېگەن گەپلىرىم ئۇنىڭغا قىزىق تۇيۇلغان بولسا كېرەك، يېنىمغا كېىپ مۈرەمگە قولىنى قويدى.
    −−نېمە دېگىنىڭ بۇ؟ ئۆزۈڭنى شۇنچىمۇ تۆۋەن كۆرەمسەن؟ مەن ساڭا ئىشىنىمەن، چوقۇم ياخشى ئىشلەپ كېتەلەيسەن، بۇنچە قىلىپ كەتمە، قەددىڭنى تىك تۇتۇپ، ئادەمنىڭ كۆزىگە دېدىل قاراشنىمۇ ئۆگىنىپ قوي. سەن ئىشلىسەڭ باشقىلارنىڭ سەدىقىسىگە ئەمەس، ئۆزۈڭنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەيسەن، ئالساڭ ئۆزۈڭنىڭ ھەققىنى ئالىسەن ئاداش. بۇنداق گەپنى ئەمدى قىلما!
    كۆز جىيەكلىرىمدە يەنە ياش لىغىرلاپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق نەزىرىمدە قاراپ، بېشىمنى ماقۇل دېگەندەك لىڭشىتتىم.
    −−يان تېلېفون نومۇرۇڭنى قالدۇرۇپ قوي، −− دېدى ئۇ قولۇمنى دوستلارچە سىقىپ، −− ۋاقتى كەلگەندە ساڭا ئۆزۈم خەۋەر قىلىمەن.
    −−مە... مەندە شۇ نەرسىمۇ يوق ئاداش، −− دېدىم خىجالەت ئارىلاش بېشىمنى ئېگىپ، −− نېمىشقىدۇر ئاشۇ يانفون دېگەنگىمۇ چىقىش قىلالمىدىم، ھازىرغىچە ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنىمۇ ئۇقمايمەن.
    كامالىدىن ماڭا باشتىن - ئاياغ قاراپ چىقتى. ئۇنىڭ يۈزىگە تەپكەن ھەيرانلىق، ئېچىنىش ئىپادىسىنى شۇنداق ئېنىق ھېس قىلدىم. ئۇ ماڭا قاراپ ئازراق تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تارتمىسىنى ئېچىپ، پارقىراپ تۇرغان بىر يانفوننى چىقاردى.
    −−بۇنى ئىشلەت، −− دېدى ئۇ يانفوننى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ، −− ئەسلىدە ئوغلۇمغا ئېلىپ قويغانىدىم، ئۇنىڭغا ئەمدى كېيىنچىرەك ئېلىپ بېرەرمەن، يېنىڭدا بۇ نەرسە بولسا ئالاقىلىشىشقا قولاي بولىدۇ. بېرىپلا كارتا بېجىرگىندە، نومۇرىنى ماڭا دەپ بەرگىن.
    ئۇنىڭ ماڭا چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ ياردەم بېرىۋاتقىنى ئېنىق ئىدى. شۇڭا ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلىپ ئولتۇرماستىن يانفوننى ئالدىم. بىراق كارتىنىڭ نەدە بېجىرىلىدىغانلىقىنى ئۇقمايتتىم. تىلىمنىڭ ئۇچىدا ئېسىلىپ تۇرغان بۇ گەپنىمۇ ئۇ بىلىپ قالدى.
    −−ناھىيەلىك پوچتا - تېلېگراف شىركىتىنىڭ يېنىدا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمۇ، كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمۇ بار. قايسىسىنى بېجىرىش ئ−ۆزۈڭنىڭ ئىخ−تىيارى، سالاھىيەت كىنىشكاڭنى بېرىپلا كارتا بېجىرىمەن دېسەڭ ئۇلار ھەممىنى ت−ەخلەپ بېرىدۇ. ئېسىڭدە بولسۇن، بېجىرگەن كارتا نومۇرىنى ماڭا دەپ بەر، بولمىسا ۋاقتى كەلگەندە سېنى تاپالماي قالىمەن.
    −−رەھمەت، كامالىدىن، −− مەن ئۇنىڭ قولىنى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا چىڭ سىقتىم. ئۇمۇ يەلكەمگە بوش ئۇرۇپ قويدى.
     
    9
    شۇنداق قىلىپ كامالىدىننىڭ ياردىمى بىلەن ئامانلىق ساقلاش خادىملىقىغا قوبۇل قىلىندىم ۋە ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ دەرۋازىسىغا قاراشقا قويۇلدۇم. بۇ يەردىكى ئىشىم ماشىنا يۇيۇش ئورنىدىكىگە قارىغاندا كۆپ ئاسان ئىدى. ھەر كۈنى دەرۋازا يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئىدارىگە كىرىپ - چىققانلارنى تىزىملايتتىم، بەزىدە مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى بۇيرۇغان ئاللىقانداق ئىشلارغا چاپاتتىم، خىزمەت بىناسىنى تازىلاش، مەيدانلارغا سۇ چېچىش، قورۇدىكى گۈللۈكلەرنى سۇغىرىش، ئاندىن دەرۋازا ئالدىدا كۈن - كۈن ئولتۇرۇپ كىرىپ - چىقىۋاتقان ماشىنىلارغا دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىش دېگەنلەر ماڭا ئويۇننىڭ ئورنىدىكى ئىش ئىدى.
    كامالىدىن بۇ يەردىمۇ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى. مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى بىلەن ئاتايىن سۆزلىشىپ، مېنىڭ ئىش ھەققىمنىمۇ باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا خېلى يۇقىرى قىلىپ بەرگەنىدى. تۇنجى ئايلىق ئىش ھەققىم ئۈچۈن ئالغان 1200يۈەن پۇلنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە بارغىنىمدا، ئاينىساخان خۇشاللىقىدىن كۆز يېشى قىلىپمۇ ئۈلگۈرگەنىدى.
    كۈنلىرىمىز ھەرھالدا ئىزىغا چۈشۈپ قالغانىدى. ھەر ئەتىگىنى بالىلار مەكتەپكە، ئاينىساخان رېستورانغا، مەن مەدەنىيەت يۇرتىغا جۆنىشەتتۇق. بەزىدە نۆۋەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئىدارىدە قونۇپ قالىدىغان چاغلارمۇ بولاتتى. بۇنداق چاغدا مەن يانفونۇم بىلەن ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە تېلېفون ئۇرۇپ، ئاينىساخانغا خەۋەر قىلىپ قويۇشنى تاپىلايتتىم، كۈنلىرىم ھەرھالدا ئۆز رىتىمىنى تېپىۋالغانىدى.
    كونىلارنىڭ بىر كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى، بىر خۇشلۇقنىڭ بىر قايغۇسى بار، دېگىنى نېمىدېگەن دانالىق بىلەن ئېيتىلغان سۆز - ھە؟ دادام ۋاپات بولۇپ ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتكەندە، مېنىڭ ئىشقا چۈشكىنىمگە توپتوغرا ئۈچ ئاي بولغاندا، تۇرمۇشىمىزدا يەنە بىر ئېگىز - پەسلىك يۈز بەردى. كۈنلەر كۈنلەرنى قوغلاپ، ئايلار ئايلارنى سۈرۈپ قولىمىزمۇ خېلى پۇل كۆرگەن چاغلار ئىدى. ھېسابلاپ كۆرسەك مۇشۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە 4000يۈەن پۇل يىغىپتىمىز. يەنە مۇشۇ تەرزدە تۆت - بەش ئاي ئۆتسە يىغقان پۇلىمىزمۇ 10مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن. پۇل 10مىڭ يۈەنگە بارسىلا چالا ئۆيىمىزدە يەنە ئىش باشلاشنى كۆڭلىمىزگە پۈككەنىدۇق. بەلكىم شۇنچىلىك پۇلغا تام قوپۇرۇلۇپ، ئۆگزىمۇ يېپىلىشى مۇمكىن ئىدى. پۇلنى 10مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئايلارنىلا ئەمەس، ھەتتا كۈنلەرنىمۇ ساناشقا باشلىغانىدىم. تۇرمۇشىمىزدا ئالاھىدە بىر ئۆزگىرىشبولمىسا، كۈنلەر مۇشۇ تەرزدە تىپتىنچ ئۆتۈۋەرسە، بۇ پۇلنىڭ يىغىلىشىدىمۇ گەپ يوق ئىدى.
    بىر كۈنى مەدەنىيەت يۇرتىدا دەرۋازا ساقلاپ ئولتۇراتتىم. ئۇشتۇمتۇت يانفونۇم سايراپ قالدى. ئالاھىدە بىر ئىش بولمىسا ئادەتتە بۇ نەرسە ئۇيقۇغا كەتكەن مۈشۈكتەك كۈنبويى زۇۋان سۈرمەيتتى. ماڭا تېلېفون بېرىدىغان، ئاللىقانداق بىر ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىشىمنى ئۆتۈنىدىغان بىرەر ئادەممۇ يوق ئىدى. كۆڭلۈم ئۆيگەن، يۈرىكىم سىرقىرىغان ھالدا يانفوننى ئاچتىم.
    −−ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    −−ۋەي، پەيزۇللامۇ سەن؟ دەرھال چوڭ ئۆيگە بىر كەلگىنە!
    بۇ ئاكام بەيدۇللا ئاخۇننىڭ ئاۋازى ئىدى. بۇيرۇقنىڭ كەسكىن بېرىلگىنىگە قاراپ ئۆيدە بىرەر ئىش چىققانلىقىغا جەزم قىلدىم. نېمە بولغاندۇ؟ يەنە نېمە كېلىشمەسلىك يۈز بەرگەندۇ؟ تەپسىلىي سوراي دەپ بولغۇچە ئاكام تېلېفوننى ئۈزۈۋەتكەنىدى. مەن پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تېپىرلاپ قالدىم. ئالمىشاي دېسەم مېنىڭ يەنە بىر كەسىپدىشىم تېخى ئىشقا كەلمىگەنىدى. قانداق قىلىش ھەققىدە ئويلىنىپ تۇرغىنىمدا مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى كونا ۋېلىسپىتىنى يېتىلەپ دەرۋازىدىن كىرىپ قالدى.
    −−نېمە بولدى؟ چىرايلىرى باشقىچە تۇرىدۇ - يا؟ −− سورىدى ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈۋېتىپ.
    −−ئاكام تېلېفون قىپتۇ، دەرھال چوڭ ئۆيگە كەل دەيدۇ، قارىغاندا چوڭراق بىر ئىش چىققان ئوخشايدۇ.
    −−ئەمىسە تېز بولمامدىلا؟ نېمىگە ھاڭۋېقىپ قالدىلا؟
    −−نۆۋەتچىلىكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانغا ئادەم يوق، بېشىم قېتىپ تۇرىمەن.
    −−بولدى كېتىۋەرسىلە، بىردەملىككە ئالاھىدە بىر ئىشمۇ چىقماس، مەن ھېلى ئىپارگۈلنى سىلىنىڭ ئورۇنلىرىدا بىردەم نۆۋەتچىلىك قىلىپ تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىمەن.
    −−رەھمەت، −− دېدىم ئۇنىڭ ئالىقىنىنى ئىككى قوللاپ چىڭ قىسقىنىمچە، −− ئەمسە مەن دىككىدە بېرىپ باقاي، نېمە ئىش بولدىكىن زادى؟
    −−بېرىۋەرسىلە.
    چوڭ ئۆيگە ئۇچقاندەك يېتىپ كەلدىم. خېلى نېرىدىن يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. يۈرىكىم تېخىمۇ ئاسىقتى. ئوڭ - سولۇمنى بىلمىگەن ھالدا قەدىمىمنى تېخىمۇ تېزلەتتىم. دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلسەم بىر مۇنچە ئادەم قول قوۋۇشتۇرۇپ، قايغۇلۇق كەيپىياتتا غاز قانىتى بولۇپ تۇرۇشۇپتۇ. ئۆي ئىچىدىن ئاياللارنىڭ سۈرەن سېلىپ يىغلاشقىنى ئاڭلىناتتى. شۇ ئەسنادا بېلىگە ئاق باغلىغان ئاكام بەيدۇللاخۇن ئۆيدىن ئالدىراش چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ كەينىدىن چىققان ئىككى ساقچىمۇ كۆزگە چېلىقتى. ساقچىنى كۆرۈپ كاللام پىررىدە قايغاندەك بولدى. ئاكام مېنى كۆرۈپ كۆزىنى ئالايتىپ قويغاندىن كېيىن ساقچىلارنى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن يولغا چىقىپ كەتتى.
    مەن يا ئالدىمغا ماڭالماي، يە كەينىمگە يانالماي ۋە ياكى نېمە بولغىنىنى ئۇقالماي ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم. سەپ بولۇپ تۇرغانلار بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغان بولۇپ، قايغۇلۇق كەيپىياتتا بىر - بىرىگە ئۈنسىز قاراپ قويۇشاتتى. مېنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى.
    −−بۇياققا كەلسىلە، −− تونۇشلا بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئاق كۆڭلەك، قارا پېرىجە كىيگەن، بېشىغا كىچىك قارا كۆرپە تەلپەك قوندۇرۇۋالغان ئاينىساخان مېنى چاقىرىۋاتاتتى. مەن ئىتتىكلا ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.
    −−نېمە بوپتۇ؟ −− سورىدىم ئالدىراش.
    −−ئە... ئەستۇللا ئاكامنى ما... ماشىنا... سۇ... سوقۇۋېتىپتۇ.
    −−نېمە؟ ھازىر ئەھۋالى قانداقراق؟
    −−ھېلىلا ئېڭىكىنى تېڭىپ، پۇتىنى چېتىپ بولدى!
    قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. تېخى قايسى كۈنى چوڭ ئۆيگە ئۇنى يوقلاپ كەلگىنىمدە ئەستۇللا ئاكام ماڭا قاراپ كۈلگەن، بىر قولىنى پۇلاڭلىتىپ، تىلىنى چىقىرىپ، ھەييارلىق بىلەن بىقىنىمنى چىمداپ قويغانىدى. گەرچە ئۇنىڭ خاتىرىسى ياخشى ئەمەس، باشقىلارنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا ساراڭ قېتىش ئادەم بولسىمۇ، ھېچكىمگە قارىمۇقنىڭ دانىچىسىلىك زىيىنى تەگمەيتتى. ئۇ يول بويلىرىدا، كۆل ئەتراپىدا، بازاردىكى دەڭ، سودا - سارايلىرى، ساتىراش ئۇستاملارنىڭ دۇكىنى ئەتراپىدا كۈن - كۈن ئايلىنىپ يۈرەتتى. كىشىلەر ئۇنى - بۇنى تەڭلىسە ئالاتتى. لېكىن ئۆزى چاغلاپ ھېچكىمنىڭ بىر نەرسىسىنى ئېلىپ قاچمايتتى، بۇزۇۋەتمەيتتى. ئۇ خۇدانىڭ بۇ دۇنيادىكى بەندىلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاتايىن يارىتىپ قويغان مۆمىن بەندىسى ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ كېتىپتۇ. بۇ دۇنياغا بىرەر نەسىل - ئەۋلاد قالدۇرماي، تىكەندەك كېلىپتىكەندەك كېتىپتۇ. ئاكامنىڭ ئۆلۈمى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتىم. شۇ چاغدىلا ھويلىدا سەپ بولۇپ تۇرغانلار مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمگە دىققەت قىلىشتى.
    ئەستۇللا ئاكامنىمۇ دادامنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدۇق. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىزنىڭ ئۆيدىن ئىككى ئادەم ئۇزىدى. زاراتگاھلىقتا ئىككى قەبرە يانداشتى. بۇ قېتىم بەيدۇللا ئاكام شۇنچىلىك ئاكتىپ بولدىكى، ئەستۇللا ئاكامنىڭ بارلىق ئاخىرەتلىك چىقىملىرىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالدى. ھېچكىمگە بىر تال جىگدىگە چاغلىق بىر نەرسە ئالدۇرمىدى. ئاكامنىڭ يەتتىسىنى بېرىپ بولۇپ بىزمۇ ئۆز ئىشىمىزغا جۆنىدۇق. ھەممىمىز يەنە ئۆزىمىزگە تېگىشلىك ئىشلارنى بېرىلىپ ئىشلەشكە باشلىدۇق.
    بىر كۈنى يانفونۇم يەنە سايراپ قالدى. كونىلار ھۇۋقۇشنىڭ ئاۋازىنى شۇملۇق چىللايدۇ دەپ ياقتۇرمايدۇ. مەنمۇ مۇشۇ كۈنلەردە يانفوننىڭ ئاۋازىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالغانىدىم. ئەندىشە بىلەن يانفوننى ئاچتىم.
    −−ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    −−ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! −− بەيدۇللا ئاكامنىڭ ناھايىتى يۇمشاق، سىلىق ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ھەيرانلىق بىلەن يانفوننىڭ ئېكرانىغا لەپپىدە قاراپ قويدۇم.
    −−ئۆزلىرى نەدە ئۇكام؟ −− سورىدى ئۇ بايىقى قايماقتەك يۇمشاق ئاۋازى بىلەن.
    −−مەدەنىيەت يۇرتىدا، −− دېدىم مەنمۇ يۇمشاق ئاۋازدا، −− ئىشلەۋاتىمەن.
    −−قاچانلاردا ئىشتىن چۈشىدىلا ئۇكام!
    −−يەنە ئىككى سائەتتىن كېيىن.
    −−ئىشتىن چۈشۈپلا چوڭ ئۆيگە دىككىدە بىر كېلەمدىلا، قىلىدىغان مەسلىھەت بار ئىدى.
    −−ماقۇل.
    بەيدۇللا ئاكام تېلېفوننى قويۇۋەتتى. مەن ئۇنىڭ ناماز كۈنى ماڭا ئالايغان كۆزلىرىنى خىيالىمغا كەلتۈردۈم. ئۇ ئاشۇ كۈندىن بېرى ئاكاڭ بىلەن پەقەتلا كارىڭ يوق، ئۆز كۈنۈڭ بىلەنلا قالدىڭ، مانا ئەمدى ئەستۇللاخۇنمۇ كەتتى، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە سېنىڭمۇ ھەسسەڭ بار، دېگەندەك ئەلپازدا ماڭا ھۈرپىيىپ يۈرەتتى. بۈگۈن ئۇنىڭغا نېمە بولغاندۇ؟ ياكى شىۋە قەدرى ئۇچرىدىمىكىن؟ بىردىنلا ئۇنىڭ مۇئامىلىسى يۇمشاپ، ئاۋازى سىلىقلىشىپ قالغانىدى.
    سائەتنىڭ تېزرەك توشۇشىنى، ئىشتىن بالدۇرراق چۈشۈشنى خالاپ قالدىم. ئاكامنىڭ ماڭا بۇنچە سىلىق مۇئامىلە قىلىشىدا چوقۇم بىر گەپ بار، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، قانداقتۇر بىر ۋەسۋەسە ئىچىمنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام قىلىشقا باشلىدى. ئاكامنى بۇنچە تېز ئۆزگەرتىۋەتكەن نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش تەقەززاسى مېنى ئارامسىزلاندۇراتتى.
    ئاخىر سائەتمۇ توشتى. نۆۋەتچىلىكنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان يەنە بىر ھەمراھىممۇ كېچىكمەستىن ئىدارىدە پەيدا بولدى. مەن ئۇنىڭغا ئىشلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ چوڭ ئۆيگە قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتىم.
    ئۆيگە كەلسەم ئاچام رىسالەتخان، سىڭىللىرىم گۈلئەنبەرخان بىلەن شەمسىيەخانلارمۇ كېلىپ بولغانىكەن. تۇغقانلارنىڭ مۇنداق جەم بولغىنىغا قاراپ مەسلىھەتنىڭ ئادەتتىكى بىر پاراڭ ئەمەسلىكىنى جەزم قىلدىم. بەيدۇللا ئاكامنىڭ قۇشناچىمى چوڭ قازاندا پولۇ ئېتىپ، تاۋاقلارغا ئۇسۇۋاتقان ئىكەن. مېنىڭ كېلىشىم بىلەنلا داستىخان سېلىنىپ ھەممەيلەنگە ئاش تارتىلدى.
    −−قېنى ئۇكىلىرىم، −− دېدى ئاكام يىغلامسىراپ، −− مەن بالىلارنىڭ چوڭى بولغاچقا سىلەرگە ئاتا يوللۇق بولمىسام بولمايدۇ. ھېلىغىچە ھەرقايسىڭلىنى مۇشۇنداق بىر جەم قىلىپ، دادام بار چاغدىكىدەك دەرقەمتە ئولتۇرۇپ غىزالىنىشقا پۇرسەتمۇ بولمىدى. ئاللا سائىتىنى بېرىپ بۈگۈن ھەممەيلەن جەم بوپتىمىز. ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام دەپتىكەن، قېنى، ئاۋۋال ئاشقا بېقىڭلا، قالغان گەپ - سۆزلەرنى ھېلى دېيىشىۋالارمىز.
    ئاچام بىلەن سىڭىللىرىم مىشىلداپ يىغلاشتى. ئۇلارغا بۇ يىل ئاق كۆڭلەڭنى سېلىۋېتىش نېسىپ بولمىغانىدى. ئارقا - ئارقىدىن كەلگەن مۇسىبەت بۇ بىقۇۋۇل مەزلۇملارنىڭ ھالىنى قويمىغانىدى.
    ئېغىر ئۇھسىراش، ھەسرەتلىك تىنىقلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئۆزىمىزگە تەگمىش ئاشلارنى يەپ تاۋاقلارنى بىكارلىدۇق. دادامنىڭ، ئەستۇللا ئاكامنىڭ روھىغا سېغىنىپ، يېگەن ئېشىمىزنىڭ ساۋابىنى شۇلارغا ئاتاپ دۇئا قىلدۇق. ئاندىن بەيدۇللا ئاكام گېلىنى قىرىپ قويۇپ بۈگۈنكى جەم بولۇشىمىزنىڭ ۋەجى ھەققىدە سۆز باشلىدى:
    −−ئۇكىلىرىم، −− دېدى ئۇ يەنىلا قايماقتەك يۇمشاق ئاۋازدا، −− دادام رەھمىتى كۆز يۇمغاندىن بېرى ھەممىمىز ئۆز تىرىكچىلىكىمىز بىلەن بولۇپ، مەرھۇم ئىنىم ئەستۇللاخۇننىڭ ھالى بىلەن جىق كارىمىز بولالمىدى. مەرھۇم دادام ياغقان چىراغنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەي، تاپسا يەپ، تاپالمىسا بىزلەرنىڭ يولىمىزغا قاراپ ئولتۇرۇپ كۈننى كەچ قىلاتتى. ئۇنىڭ ئاھى ئاللانىڭ دەرگاھىغا يەتكەن بولسا كېرەك، ئىگىمىز ئۇنىڭدىن ئامانەتنى سورىدى. بىراق بەكمۇ قىيىن، ئادەم ئويلىسا تېنى شۈركۈنگۈدەك ئۇسۇلدا سورىدى. ئەستۇللاخۇننىڭ بېشى چوڭ چاتمىلىق يۈك ماشىنىسىنىڭ ئاستىدا قېلىپ تاۋۇزدەك يېرىلدى. بەزىلىرىڭلار ئۇنىڭ مۇردىسىنى كۆرۈپ باقمىدىڭلا، كۆرگەن ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلىدۇ. خەيرىيەت، تەقدىر شۇنداق ئىكەن، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ھېچقايسىمىزنىڭ ئامالى يوق. كەتكەنلەر كەتتى، قالغانلار ياشىمىساق بولمايدۇ. شۇڭا قاتناش ساقچىلىرى مەسئۇلىيەتنى ئايرىپ، مەرھۇم ئىنىمىز ئەستۇللاخۇننىڭ ئۆلۈمى ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن ۋەقە سادىر قىلغۇچىدىن 08 مىڭ يۈەن تۆلەم ئېلىپ بەردى. پۇل بۈگۈن قولۇمغا تەگدى، −− ئۇ شۇنداق دەپ، قۇشناچىمغا شەرەت قىلىۋېدى، ئۇ بىر پەتنۇسقا قويۇلغان سەككىز باغلام پۇلنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلدى، −− پۇل مۇشۇ، −− دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى بەيدۇللا ئاكام قىسقا يۆتىلىپ قويغاندىن كېيىن، −− مەرھۇمنىڭ بۇ پۇلغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بىرەر ۋەسىيسى بولمىغىنى ئۈچۈن، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش خۇسۇسىدا ھېكىم داموللامدىن پەتىۋا ئالدىم. داموللامنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئادەم بولمىسا ئۇرۇق - تۇغقانلار بۆلۈشسەك تامامەن دۇرۇس بولىدىكەن. شۇڭا ھەر قايسىڭلارغا ك−ەلگەن ي−ېرىدە تارقىتىپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ھەممەيلەن بىلىسىلەر، مەرھۇم كۆز يۇمغاندىن كېيىن بارلىق ئاخىرەتلىك چىقىملىرىنى مەن ئۈستۈمگە ئېلىپ ئۇنى يەرلىككە قويدۇم، نەزىرىنى بەردىم، ھايات ۋاقتىدا دادامنىڭ گېپىگە كىرىپ ئۇنى بىر نەچچە قېتىم داۋالىتىپمۇ قويغانىدىم، شۇ چىقىملارنى ھېسابلىسام 10مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىكەن، ئاشقىنى ماڭا ھېساب بولسۇن. كىم مېنى ئۇنىڭغا ئاكا بولسۇن دەپتىكەن؟ ماۋۇ بىر توقماق پۇل شۇ چىقىمغا ئۇرۇلدى، −− ئاكام شۇنداق دەپ پەتنۇستىكى پۇلدىن بىر باغلامنى ئېلىپ قۇشناچىمغا سۇندى، −− قالغان 70مىڭ يۈەننى بەش تۇغقانغا بۆلسەك، −− ئۇ كۆڭلىدە ھېساب قىلىپ ئازراق تۇرۇۋالدى، −− ھەر بىرىمىزگە 14مىڭدىن تېگىدىكەن، مۇشۇنداق بۆلۈشۈشكە رازىمۇ سىلە؟
    رىسالەتخان ئاچام ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى.
    −−ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلماي كەتكەن ئاكام!
    −−ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي كەتكەن ئاكام!
    −−ئۆز پۇشتى ھېسابىدا بىر تال گۈل ئېچىلدۇرالماي كەتكەن ئاكام!
    رىسالەتخان ئاچامغا سىڭىللىرىممۇ جور بولدى، ئۆي ئىچىنى بىر پەس يىغا - زار قاپلىدى.
    −−ئۆزلىرى نېمە دېسىلە شۇ، −− دېدىم كۆڭلۈم بۇزۇلغان ھالدا، −− ھېلىمۇ رەھمەتلىكنىڭ ھەققىنى كۆزىمىزنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يەۋاتىمىز. ئاللا ئىگەم بىزنىڭ قىلمىشىمىزنى كەچۈرەر.
    −−يەنە بىر گەپ، −− دېدى بەيدۇللا ئاكام يېنىك تىنىپ قويۇپ، −− بۇ چوڭ ئۆي رھمەتلىك دادامدىن ئەستۇللاخۇن ئىنىمغا مىراس قالغان، ئەمدى مىراس ئىگىسى قارا تۇپراقنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتتى. شۇڭا ئۆينى بىر تەرەپ قىلماي بولمايدۇ. مېنىڭچە دادامنىڭ ئاققاش دۆڭنىڭ يېنىدىكى ئۈچ پۇڭ يەرنى پەيزۇللاخۇنغا بەرگىنىدە مەلۇم سەۋەب بار. قىزلىرىم ئەرنىڭ ئۆيىدە، چوڭ ئوغلۇم ئاللىقاچان ئۆي - ماكانلىق بولغان، بۇ ئۆي ئاجىز ئوغلۇم ئەستۇللاخۇنغا قالسۇن، يەرنى پەيزۇللاخۇنغا بېرەي، ئۇ تەندۇرۇس ئادەم بولغىنى ئۈچۈن، بۇ يەرگە ھامىنى ئۆي سېلىۋالالايدۇ، دەپ قارىغان بولسا كېرەك. بىر قېتىم ئىككىمىز يالغۇز قالغاندا ماڭىمۇ شۇنداقراق بىر ۋەسىيەت قالدۇرغان. دادام شۇ قېتىم ماڭا »ناۋادا ئەستۇللاخۇن بىر نېمە بولۇپ قالسا بۇ ئۆي چوڭ نەۋرەم شىرمانجانغا قالسۇن« دېگەنىدى. ئەمدى ئەستۇللاخۇنمۇ يوق، بۇ ئۆي ئادەمسىز قالسا بولمايدۇ، دادامنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالسا ھەممىمىزگە ياخشى ئەمەس، شۇنداقتىمۇ مەن ئاتا يوللۇق بولغىنىم ئۈچۈن ھەممە تەرەپلەرنى ئىنچىكە ئويلىشىپ، ئىككى ئېغىز ئۆينى ئايرىم جابدۇپ قويۇش نىيىتىگە كەلدىم. قىز بالا دېگەن ئاجىز كېلىدۇ. ناۋادا سىڭىللىرىم ئېرىدىن ئازار يەپ قالسا، باش تىققۇدەك بىر ماكان بولمىسا بولمايدۇ، قالغان ئۆيلەرنى مەرھۇم دادامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئوغلۇم شىرمانجانغا بەرسەكمىكىن دەيمەن؟ سىلەرنىڭچە قانداق قىلىمىز ئۇكىلىرىم؟
    يەنە دەيدىغان نېمە گەپ - سۆز بولسۇن؟ ئاكام ئۆز سۆزىدە ماڭا بېرىلگەن ئۈچ پۇڭ يەرنىمۇ تىلغا ئېلىپ، سەن ئۆز ئۈلۈشۈڭنى ئېلىپ بولغان، ئەمدى بۇ ئۆيدە ھەققىڭ يوق! دېگەننى پۇرىتىپ بولغانىدى. شۇڭا مەن بېشىمنى سېلىپ، لام - جىم دېمەستىن ئولتۇرۇپ كەتتىم. ئاچام بىلەن سىڭىللىرىم بۇرنىنى تارتىپ، تېخىچە خىتىلدىشىپ يىغلاپ ئولتۇراتتى. ئۇلارمۇ ئاكامنىڭ دېگىنىگە كۆنمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقانىدى.
    −−بىرەر گەپ - سۆزلىرىڭلار بارمۇ؟ −− ئاكام يەنە شۇنداق يۇمشاق ئاۋازدا سورىدى. مەن ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ قويۇپ بېشىمنى چايقىدىم. ئاچام بىلەن سىڭىللىرىممۇ ماڭا قاراپ قويۇپ »يوق!« دېگەندەك قىلىپ بېشىنى چايقىدى.
    −−ئەمىسە شۇنداق كېلىشتۇق، −− دېدى ئاكام ئاللىقانداق بىر ئىشى ھەل بولغان ئادەمدەك يېنىك تىنىپ قويۇپ. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئۆز غەلىبىسىدىن سۆيۈنگەن سانغۇننىڭ كۆزلىرىدىن ئوقچۇغان ئۇچقۇنغا ئوخشاش بىر نۇر يالت قىلىپ چاقناپ ئۆتتى.
    −−مېنىڭچە، −− دەپ سۆز قىستۇردى ئاچام رىسالەتخان بىر دەم سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، −− ئىنىم پەيزۇللاخۇننىڭ بالىلىرى ئىجارە ئالغان توخۇ كاتىكىدەك تار ئۆيدە بەكمۇ تەس كۈنگە قالدى. ئۇنىڭ ئاققاش دۆڭگە سالغان ئۆيلىرى پۈتۈپ بولغۇچە دادىكامنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇرسۇنمىكىن؟ شىرمانجاننىڭ بېشىنى ئوڭشايدىغانغا تېخى خېلى ۋاقىت بارغۇ؟
    −−بىز توي ئىشىنى بېكىتىپ بولدۇق، −− دېدى ئاكام ئالدىراپ، ئۇنىڭ لەۋلىرى تىترەپ، ئاۋازىمۇ بايىقى يۇمشاق، سىلىق ئاۋازغا ئوخشىماي قالدى، −− ئەمدى ئۆيلەرنى ئاقارتىپ، دېرىزىلىرىگە ئەينەك سېلىپ، زامانغا لايىق بېزىمىسەك بولمايدۇ.
    ئاكامنىڭ چىرايىنىڭ بىر قىزىرىپ، بىر تاتارغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. شۇڭا بېشىمنى چايقاپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلىشقا ئالدىرىدىم:
    −−بولدى، بۇ ئۆي شىرمانجانغا قېلىۋەرسۇن. ئۆتكەندە دادىكام بىزنى مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرۇڭلا دېگەندىمۇ بالىلار ئۇنىمىغان. بۇ يەرنى مەكتىپىگە يىراق كۆرىدۇ، مەن يەنىلا ئاشۇ ئىجارە ئۆيدە ئولتۇراي.
    ئاكامنىڭ چىرايىغا سۇس كۈلكە يۈگۈردى. ئۇ ماڭا لەپپىدە قاراپ قويۇپ ئېغىز ئاچتى:
    −−ئەمىسە پۇلنى بۆلىمەن، سىلەرنىڭ باشقىچە پىكرىڭلار يوق، ھە؟
    −−يوق!
    ئاكام ئاۋۋال ھەر بىرىمىزنىڭ ئالدىغا بىر توقماقتىن پۇلنى مەردانىلىك بىلەن تاشلىدى. ئۇنىڭ ھەرىكىتىدە بۇ پۇلنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ بىزگە بېرىۋاتقاندەك بىر مەردلىك تۇيغۇسى ئەكس ئەتكەنىدى. ئۇ بەش توقماق پۇلنى تاشلاپ بولغاندىن كېيىن، قالغان ئىككى توقماقنى بارمىقىغا تۆكۈرۈپ ئولتۇرۇپ بىر - بىرلەپ ساناپ، ھەر بىرىمىزگە يەنە 4000دىن پۇل بۆلدى. ئۇ نېمىنىدۇر ئويلاپ ئازراق تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆز تەگمىشىدىن يەنە 1000يۈەننى سانىۋېلىپ مېنىڭ ئۈلۈشۈمگە قوشتى.
    −−بۇ پۇل، −− دېدى ئۇ ماڭا ئىللىق بېقىپ، −− ئۆيۈڭنى تېزرەك پۈتكۈزۈۋېلىشىڭ ئۈچۈن ئاكاڭنىڭ ساڭا بەرگەن ياردىمى بولۇپ قالسۇن! ئېلىپ قوي ئۇكام!
    مەن ھېچنەرسە دېمىدىم. ئەسلىي ئاكامنىڭ بۇنداق مەردلىكىگە ھەشقاللا ئوقۇسام توغرا بولاتتى. شۇغىنىسى تىلىمغا زۇۋان كەلمىدى. بەلكىم قانداقتۇر بىر ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ بىر نېمە دېمىگەندىمەن ياكى تۇغقاندارچىلىققا زەرەر يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندىمەن ياكى بولمىسا ئاكامنىڭ ئويۇنلىرىغا سۈكۈت قىلغاندىمەن! دادامنىڭ كىرپىكىگە توپا قونۇپ بولغۇچە مىراس تالىشىپ جېدەل ئويناشنى خالىمىغاندىمەن.
    ئاكام بۈگۈنكى تەقسىماتتىن قەۋەتلا خۇش بولغاندەك قىلاتتى. ئۇ ھەدەپ قولىنى ئىشقىلاپ، بىزنىڭ ئالدىمىزدا قىلغىلى قىلىق تاپالمايلا قالغانىدى. مەن، ماڭا تېگىل بولغان 15مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ، ئاچا - سىڭىللىرىمغا خۇش دېگىنىمچە ئۆيگە ماڭدىم. ئۇلارمۇ كۆزلىرى ياش ھالدا مەن بىلەن خوشلاشتى. بۇ خوشلىشىش خۇددى جۇدالىق مۇراسىمدەك، ئەمدى تۇغقانلارنىڭ بىر يەرگە كەلمىكىمىز مەڭگۈ مۇمكىن بولمايدىغاندەك بىر كەيپىيات مېنى تۈگەشتۈرۈۋەتتى. ئاچام بىلەن سىڭىللىرىمنىڭ ئالدىدا يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن لەۋلىرىمنى قاتتىق چىشلىدىم ۋە بېشىمنى سالغىنىمچە قەدىمىمنى چوڭ - چوڭ ئېلىپ يۈرۈپ كەتتىم.
     
    10
    چالا ئۆيىمىزنىڭ ئورنىدا يەنە ئىش باشلاندى. ئەستۇللا ئاكامدىن تەگكەن پۇل بىلەن ئۆزىمىز يىغقان پۇلنى قوشۇپ، ھېزىم ئۇستامنى يەنە چاقىردىم، ئۇ پۇلنىڭ سانىنى ئۇققاندىن كېيىن شۇ كۈنىلا شاگىرتلىرىنى يىغىپ ئىش باشلىۋەتتى.
    −−بىر ئىشنى سەمىلىرىگە سېلىپ قوياي، ئۇكام، −− دېدى ئۇ مېنى بىر چەتكە تارتىپ، −− يېقىندىن بېرى ماتېرىياللا ئەمەس، ئىش ھەققىمۇ ئۆسۈپ كەتتى، ئادەتتىكى شاگىرتلارغىمۇ كۈنىگە 50يۈەندىن پۇل بەرمىسە ھېچكىم ئىشلىگىلى ئۇنىمايدۇ. پىشقان تامچىلارنىڭ كۈنلۈكى 100يۈەندىن تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا كۆڭۈللىرىدە سان بولسۇن، كېيىن پىياز گىچ - گىچ چىقىپ قالسا ھەممىمىزگە ياخشى ئەمەس، بۇنى ئالدىن دەپ قويمىسام بولمايدۇ.
    دېمىسىمۇ مۇشۇ كۈنلەردە مال باھاسى كۈچلۈك شامالغا دۇچ كەلگەن لەگلەكتەك ئۆرلىمەكتە ئىدى. ئۆتكەن قېتىم بىر مو سەككىز پۇڭدىن سېتىۋالغان خىشنىڭ دانىسى ئىككى مو ئىككى پۇڭغا چىققانىدى. مەن مەيلىلا، بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن، ئىشنى پۇل تۈگىگىچە قىلىپ تۇراي، پۈتمىسە يەنە خۇدايىمنىڭ بېرىشى باردۇر دەپ ئويلاپ بېشىمنى لىڭشىتتىم.
    يانچۇقتىكى پۇل بىر ھەپتىگە ئاران پايلىدى. تاملار قوپۇپ، ئۆيگە بالا - ۋاسا سېلىنغان بىر مەھەلدە پۇل تۈگەپ ئىش يەنە توختىدى. ھېزىم ئۇستام كۆڭلىدە ھېسابلاپ، يەنە 10مىڭ يۈەن پۇل بولسا، ئۆگزىلەرنى يېپىپ، قارا سۇۋىقىنى تۈگەتكىلى ۋە ھاك بىلەن تاملارنى ئاقارتىپ، ئۆينى ئولتۇرغىلى بولغۇدەك سىياققا كىرگۈزگىلى بولاتتى دېدى.
    لېكىن مەندە ئاشۇ 10مىڭ يۈەن پۇل يوق ئىدى. ئۇنى بىرەر يەردىن ئۆتنە ئېلىشنىمۇ خالىمايتتىم. بوپتۇ، ئىش توختىسا توختاۋەرسۇن، پۇل تاپقاندا سىلىنى يەنە چاقىرىمەن، −− دېدىم ئۇستامغا. ئۇ بۇرۇتىنىڭ ئۇچىنى شۈمۈپ ئازراق تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئىش ھەققىنى ھېسابلاپ، ئۆزىگە تەگمىش پۇللارنى ئېلىپ كېتىپ قالدى.
    ئۆي ھەرھالدا ئۆي سىياقىغا كىرگەنىدى. تاملار كۆتۈرۈلگەن، ئۆگزىلەرگە بالا - ۋاسا سېلىنغان، ئىشىكلەرنىڭ كېشىكى ئورنىتىلىپ، ئىشىك قاناتلىرى تەخلەپ قويۇلغانىدى. ئاشۇ 10مىڭ يۈەن بولغىنىدا ئىدى، بەلكىم يەنە ھەپتىگە قالماي بۇ ئۆيمۇ ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىنغۇدەك ھالغا يەتكەن بولاتتى.
    ئۇستاملارنى يولغا سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپىنى يەنە بىر قېتىم چۆرگىلەپ چىقتىم. پۈتەي دەپ قالغان ئۆيىمىزنى كۆرۈپ ھاردۇقۇم بىراقلا چىققاندەك بولدى، لېكىن يەنە شۇ ئازراق چالىسى قالغانىدى. ئىشنىڭ ئۆپكىسى تۈگەپ كانىيى قالغاندا يانچۇقنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغىنى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۇراتتى.
    ئەمدى بۇ يەردە يەنە ئادەم ياتمىسا بولمايتتى. تەخلەپ قويۇلغان ئىشىك قاناتلىرى، تاملارنىڭ ئارىسىغا ئېلىنغان كېشەكلەر، ئۆگزىگە ئېلىنغان بالالار، زىغزىق چىقىرىپ ئىشلەنگەن دېرىزىلەر ھەر ۋاقىت يوقىلىپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا ئىدى. قەھرىتان قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇقلىرى ھەرىدەك چاققان چاغلاردا بۇ يەردە دادام يېتىپ، مېنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىمنى ساقلاپ بەرگەنىدى. ئەمدى قولۇمغا قول، پۇتۇمغا پۇت بولىدىغان دادام بۇ دۇنيادا يوق، بېشىمنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ قاتتى. قانداق قىلسام بولار؟ كۈندۈزلىرى ئىشقا بارسام، كېچىلىرى بۇ يەردە ئۆي باقسام بەرداشلىق بېرەلەرمەنمۇ؟ قىلىۋاتقان ئىشىمغا تەسىر يەتمەسمۇ؟ مەن كامالىدىنغا ئۇنى ھەرگىز يەرگە قاراتماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەن، مەدەنىيەت يۇرتىدىكىلەرمۇ ماڭا ياخشى قاراۋاتاتتى، شۇنداق ئىكەن، ئىشنى ئاقسىتىپ قويۇپ بۇ يەردىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتىم. بېشىم قېتىپ ئولتۇرغىنىمدا ماڭا غىزا ئېلىپ ئاينىساخان كېلىپ قالدى.
    −−ئىش توختىدىمۇ؟ −− سورىدى ئۇ ئەتراپقا بىر قۇر قاراپ چىقىپ، −− ئۇستاملارمۇ كېتىپتۇ - دە؟
    −−ھەئە، كەتتى، −− دېدىم مەيۈس ئاۋازدا. ئاينىساخان رېستوراندىن ئۇدۇللا كەلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ قولىدا خېلىلا ئېغىر بىر سولياۋ خالتا ئېسىلىپ تۇراتتى.
    −−قېنى، قورساقلىرىنى ئەستەرلىۋالسىلا، −− دېدى ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ، −− بىر ئىشقا تىت - تىت بولۇۋاتقان ئوخشىمامدىلا؟
    −−شۇنداق، −− دېدىم تام تۈۋىدىكى كۆتەكنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغاچ، −− ئۆينىغۇ خېلى بىر يەرگە ئاپىرىپ بولدۇق، ئەمدى ئىشىك - دېرىزە كېشەكلىرىنى، ئۆگزىدىكى بالا - ۋاسىلارنى ساقلاشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. كۈندۈزى ئىشقا بارمىسام تېخى! بۇ يەردە ئادەم بولمىسا بولمايدۇ.
    −−راست، بىر ئىشنى خام قىپتۇق دادىسى، −− دېدى ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئازراق ئولتۇرغاندىن كېيىن، −− ئەسلىدە ھويلا تېمىنى بۇرۇنراق چۆرۈپ، دەرۋازىنى قويۇۋالغان بولساق، ئىشىككە قۇلۇپ سېلىۋەتسەك، بەلكىم بۇ نەرسىلەر تۇرۇپمۇ قالار ئىدى.
    −−ھېزىم ئۇستام قالغان ئىشلارنى 10مىڭ يۈەن كۆردى، ناۋادا شۇنچىلىك پۇل بولغان بولسا بۇ ئۆيمۇ پۈتۈپ قالاركەن خوتۇن.
    ئۇ دېمى ئىچىگە چۈشكەن ھالدا بىر پەس ئولتۇرۇپ قالدى.
    −−قانداقمۇ قىلارمىز؟ كىمدىنمۇ پۇل سورارمىز؟ بىزگە كىممۇ پۇل بېرىپ تۇرار؟
    ئۇ ئەلەم بىلەن ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلىدى. مەنمۇ ئىندىمەي ئۇ ئېلىپ كەلگەن قاتلىمىدىن يېيىشكە تۇتۇندۇم. راستىنى دېسەم مېنىڭمۇ بېشىم قاتقانىدى. بىر چاغدا ئۇ ئىختىيارسىز يەنە پىچىرلىدى:
    −−ئېسىت، ئەستۇللا ئاكامنىڭ ئۆلۈمىگە 80مىڭنى ئەمەس، 160مىڭنى بەرگەن بولسا... يەنە... بىرەرىمىزنى شور پېشانە شوپۇرلاردىن بىرى ۋاققىدە بېسىۋەتكەن بولسا... بەلكىم بۇ ئۆيىمىزمۇ پۈتۈپ قالغان بولاتتى...
    −−نېمە دەۋاتىسەن؟
    ئاينىساخان ۋارقىرىغان ئاۋازىمنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى. ئۇ كاللىسىدىن كەچكەن ئۇياتلىق خىيالىنى ئويلاپ قۇلاقلىرىغىچە قىزاردى.
    −−بۇنداق ناشۈكۈر خىياللاردا بولما، −− دېدىم ئۇنىڭغا قاتتىق ئاۋازدا، −− ئۆيىمىز ئۇنىڭسىزمۇ ھامان پۈتىدۇ. ئىشنىڭ يولىنى يامانلىق تەرەپتىن ئەمەس، ياخشىلىق تەرەپتىن ئويلا! بولمىسا كۇپۇرلۇق بولىدۇ.
    ئاينىساخان دالادا ئېچىلغان چۇغلۇقتەك قىزىرىپ كەتتى. ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلغان ھالدا ئاستا دېدى:
    −−ماقۇل دادىسى، ئاللا ئىگەم ھەممىمىزنى ئامان - ئېسەن قىلسۇن، ئۆي پۇل تاپقاندا پۈتەر.
     
    11
    شۇ كۈندىن باشلاپ مېنىڭ ئالدىراش ۋاقتىم باشلاندى. ئەتىگىنى ئىشقا بارىمەن. سائەتنى مىنۇت - سېكۇنت ساناپ توشقۇزىمەن، ئىشتىن چۈشۈپلا ئاققاش دۆڭنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈيمەن، ئۆيى چۆرگىلەپ، نەرسە - كېرەكلەرنىڭ جايىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ يېنىك تىنىمەن. كېچىلىرى ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا قىلىپ ئۆي باقىمەن. ئەتىسى ئىشقا مۇشۇ يەردىنلا ماڭىمەن، مۇشۇنداق پالاقلاپ يۈرۈپ بىر ئىلىك ئېتىمدىن قالدىم. بىر كۈنى مېنىڭ ئەبگا تۇرقۇمنى كۆرۈپ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى سوراپ قالدى:
    −−بىرەر يەرلىرى ئاغرىمدۇ؟ ئىشتىھالىرى قانداق؟ بىراقلا ئورۇقلاپ قالغاندەك كۆرۈنۈۋاتىدىلىغۇ ماڭا؟
    −−كۆڭۈل بۆلگەنلىرىگە رەھمەت، مېنىڭ ھېچيېرىم ئاغرىمايدۇ، ئىشتىھايىممۇ ئوبدان، ئۆي سېلىۋاتقان ئىدىم، شۇ ئازراق چارچاپ قالدىم بولغاي، بولمىسا ھېچيېرىم ئاغرىمايدۇ.
    −−شۇنداقمۇ؟ −− دېدى باشلىق يېنىمدىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، −− دېمىسىمۇ ئۆي سالدىم دەيمىز، ئەمەلىيەتتە بىز ئۆينى ئەمەس، ئۆي بىزنى سالىدىكەن، بىر ئۆينى ئۆي قىلىپ بولغۇچە ئادەم بالىسىنىڭ تارتمىغان ئازابى قالمايدۇ زادى.
    مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن ئىسىنى ھالقا قىلىپ پۈۋلىگىنىچە مەندىن سورىدى:
    −−بىز ياردەملىشىدىغان ئىش بارمۇ؟
    −−باشقا ئىشقۇ يوق، −− دېدىم ئۇنىڭ ماڭا بۇنچە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ھاياجانغا چۆمۈپ، −− تاملار قوپۇپ، بالا - ۋاسىلار سېلىپ بولۇنغانىدى، يانچۇقتا پۇل قالماي ئىش توختاپ قالدى. ئەمدى شۇ ئىشىك - دېرىزە كېشەكلىرىنى، بالا - ۋاسىلارنى ساقلاش تەس چۈشۈۋاتىدۇ. كۈندۈزى بۇ يەردە خىزمەت قىلسام كېچىلىرى ئۆي ئورنىدا ماتېرىيال ساقلاۋاتىمەن. ۋاقىت چىقسىلا ئۆينى چۆرگىلەش لازىم بولىدىكەن، يېتىشەلمەي ئون جېنىمنىڭ بىرى قالمىدى.
    −−سىلىگە ھەقىقەتەن تەس بوپتۇ، −− دېدى باشلىق ماڭا ئېچىنىش نەزىرىدە قاراپ، −− ئاز - تولا قەرز بېرىپ تۇرايلى دېسەك ئىدارىنىڭ ھالىمۇ تايىنلىق، توك - سۇ پۇلىنى تۆلىيەلمەي، تېلېفون ھەققىنى تاپشۇرالماي ئۇ ئايدىن بۇ ئايغا قەرز بولۇۋاتىمىز. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭمۇ ئايلىقى قورساقتىن ئاشماي يانچۇقىدا تۈزۈككىنە بىر نەرسە يوق.
    −−كۆڭۈل بۆلگەنلىرىگە ھەشقاللا، −− دېدىم ئۇنىڭ قولنى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا سىقىپ، −− ھېلىمۇ ماڭا جىق ئاتىدارچىلىق قىلىۋاتىدىلا، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. ئەمدى يەنە بىزاۋىتە بولمىسىلا.
    شۇ پاراڭ بولۇپ ئەتىسى كۈتۈلمىگەنلا بىر ئىش يۈز بەردى.
    كەچ كىرىپ ئەتراپقا گۇگۇم پەردىسى يېيىلىشقا باشلىغان چاغ ئىدى. نېمە سەۋەبتىندۇر نۆۋەتچىلىكنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ھەمراھىم كېچىكىپ قالدى. ئادەم ئەنسىرىگەنسېرى كۆڭۈلدىكى تەشۋىش كۈچىيىپ كېتىدىكەن، مۇشۇ مەھەلدە بەلكىم بىرەر ئۇياتسىز ئوغرى ئۆيىمىزنىڭ قوش قاناتلىق ئىشىكىنىڭ كېسىكىنى قومۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن! بەلكىم ئۇ تامغا ئېلىپ بولۇنغان خەنى، قاتىرىغا تىزىلغان بالالارنى يەرگە تاشلاۋاتقاندۇ؟! ھارۋىسىغا بېسىپ ئېلىپمۇ كەتكەندۇ؟ مۇشۇنداق يامان خىياللار بىلەن تىت - تىتلىقىم تېخىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتاتتى. سائەتكە دەممۇ دەم قارايتتىم. ھەمراھىم كەلمىگەنسېرى جىددىيلىشىپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلايتتىم. ئاقىۋەت ئۇ بىرەر سائەتچە كېچىككەندىن كېيىن كونا ۋېلىسىپىتىنى تاراقلاتقىنىچە يېتىپ كەلدى.
    −−ئەجەب كېچىكىپ قالدىلىغۇ؟ −− دېدىم تەئەددى بىلەن.
    −−بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئېشى پىشماي، −− دېدى ئۇ خىجالەت بولغىنىچە، −− كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال دېگەندەك، ئىشىك تۈۋىگە چىقسام بىر تۇغقىنىمىز كېلىپ قېلىپ بىر مۇنچە گەپكە تۇتتى. شۇڭا كېچىكىپ قالدىم، خاپا بولمىسىلا بولدى، ئەتە بىرەر سائەت كېچىكىپرەك كەلسىلە بولمىسا.
    −−ئاققاش دۆڭدىكى ئۆيدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىش ئىدى، كۆڭلۈم بىر نەرسىدىن ئۆيۈپلا تۇرىدۇ، ھېلىغىچە ئوغرى كىرمىگەنلا بولسا مەيلى ئىدى. شۇنىڭغا ئالدىرايمەندە!
    −−خۇدايىم ساقلىغاندۇ، ئەنسىرىمىسىلە، −− دېدى ئۇ ئالدىمدا ئەيىبكارلارچە بېشىنى پۈكۈپ، −− بەك بولمىسا مېنىڭ ۋېلىسىپىتىمنى مىنىپ كەتسىلە، ئەتە ئالغاچ كەلسىلە بولدى.
    شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ئىدى. پىيادە ماڭسام بەلكىم ئوغرى ئاللىقاچان كېتىپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. ۋېلىسىپىت بىلەن ماڭسام بىردەمدىلا يېتىپ بارىمەن. ئوغرىمۇ كەتمەي تۇرار، كەتسىمۇ جىق يىراقلاپ كەتمەس، ئۇنى ۋېلىسىپىت بىلەن قوغلاپ بىردەمدىلا تۇتۇۋالىمەن. ئاندىن ئۇنى ئوغرىلىق قىلغىنىغا بۇرنى - قۇلىقىغىچە تويغۇزمىسام ھېساب ئەمەس! شۇ خىيال بىلەن ئۇنىڭ قولىدىن ۋېلىسىپىتنى ئالدىم ۋە ئالدىراپ مىنىپ، ئۇچقاندەك ھەيدەپ ئۆي تامان يول ئالدىم.
    كونىلار »ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن«، دېيىشىدۇ. شۇ تۇرقىدا شەيتىنىم مېنى بەكمۇ ئالدىرىتىپ باراتتى. سەللا كېچىكسەڭ ھەممىدىن قۇرۇق قالىسەن دەپ ۋەسۋەسىگە سالاتتى. مەن پىدالنى جەھلىم بىلەن كۈچەپ تېپىپ، ئاشۇ نەس باسقۇر ئوغرىنى تۇتۇۋالماق بولۇپ چاپاتتىم. كۆز ئالدىمدىن ئوغرىنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنى قانداق ئەدەپلىگەنلىكىم ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىغانىدى.
    −−جاڭ ...!
    تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭلا بوشلۇققا قاڭقىپ چىقىپ كەتتىم. ئۆزۈمنىڭ نەدە، نېمە بولغىنىمنى بىلمەيتتىم. بىر چاغدا يولغا ئاسماندىن چۈشكەن تاشتەك گۈپپىدە قىلىپ يىقىلدىم. كۆزلىرىمدىن ئۇچقۇن چىقىپ كەتتى. قاڭشىرىمدىن كىرگەن بىر ئاغرىق مېڭەمگە كېلىپ توختىدى. بۇرنۇمدىن ئاققان ئىسسىق شىلىمشىق بىر نەرسە ئوڭ مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى.
    −−ئاپلا، نېمىگە ئالدىرىغان بولغىيتتى؟ ئالدىدا كېتىۋاتقان ماشىنىغا ئەجەب قاتتىق ئۈسۈۋالدىغۇ؟
    −−بۇرنىدىن قان ئېقىۋاتىدۇ، ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارمىسا بولمايدۇ.
    −−راست، بەكلا قاتتىق چۈشتى، ئۆلۈپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ.
    −−شوپۇر بالىمۇ يېڭىياچى بىر نېمە بولسا كېرەك، ماشىنىنى ئەجەب قاتتىق تورمۇز قىلدى، بولمىسا مۇنچە قاتتىق ئۈسىمەس ئىدى.
    ئەتراپىمىزغا ئولاشقان كىشىلەرنىڭ دېيىشكەن بۇ گەپلىرى يىراقتىن، خۇددى يەرنىڭ تەكتىدىن كېلىۋاتقاندەك بوش ئاڭلىناتتى. مەن كۆزۈمنى قىيا ئېچىپ، ماڭا ئېچىنىپ قاراۋاتقان بىر نەچچە كىشىنىڭ ئەنسىزلىك چىقىپ تۇرغان چىرايىنى غۇۋا كۆردۈم. قارىغاندا ھايات ئوخشايمەن، پۇت - قولۇمنى ئاستا مىدىراتتىم، ھېچبىر ئاغرىق يوق! بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇشنى ئويلىدىم - يۇ، ئىختىيارسىز ئاينىساخاننىڭ دېگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە ئاڭلانغاندەك بولدى.
    »بىرەرىمىزنى شور پېشانە شوپۇرلاردىن بىرى ۋاققىدە بېسىۋەتكەن بولسا... بەلكىم بۇ ئۆيىمىزمۇ پۈتۈپ قالغان بولاتتى...«
    شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېغىزىدىن سائەت چىققانمىدىكىنە؟ ئەجەب ئۇدۇل كېلىپ قالدىغۇ بۇ ھادىسە؟ بولىدىغان ئىش بولدى، ماشىنىغىمۇ سوقۇلدۇم، ئەمدى كۆزۈمنى ئاچماي يېتىۋېرەي، بەلكىم شوپۇر مېنىڭ داۋالىنىشىم ئۈچۈن 5 −10مىڭ يۈەن پۇل بېرىپ قالسا، ئۆيىمىزنىمۇ پۈتكۈزۈۋالارمىز...
    شۇ خىيال بىلەن بوش ئىڭراپ، كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ يېتىۋالدىم.
    −−پوش - پوش، نېرى تۇرۇڭلا، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭلا، ئەتراپقا ئولىشىۋالغانلار يولنىڭ چېتىگە چىقىپ كېتىڭلا، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلا!
    شۇنداق دېگىنىچە بىر نەچچە قاتناش ساقچىسى پەيدا بولدى. ئۇلار ئاۋۋال يىغىلىپ قالغان ئادەملەرنى تارقاقلاشتۇردى. ئاندىن ئۈزمەي سىگنال چېلىپ ئالدىراۋاتقان شوپۇرلارنى تەرتىپكە كىرگۈزدى. يولنى ئازراق بىكارلىغاندىن كېيىن، مېنى، ماكچىيىپ ياتقان ۋېلىسىپىتنى، يېنىمدا تۇرغان ماشىنىنى سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدى.
    −−قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئورۇنلىرىدىن تۇرالامدىلا؟ −− باش ئۈستۈمدە بىر ساقچى ماڭا ئېڭىشىپ قاراپ ئەھۋال سوراۋاتاتتى. مەن تېخىمۇ ئىڭراپ، كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇۋالدىم. ھېلىقى قاتناش ساقچىسى سەل چەتتە تۇرغان بىرىنى يېنىغا چاقىردى.
    −−سەن مۇشۇ ماشىنىنىڭ شوپۇرىمۇ؟
    −−ھەئە.
    مەن ماشىنا ئىگىسىنىڭ قانداقراق ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن ماڭا بىرەر نەپنىڭ تېگىدىغان - تەگمەيدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش نىيىتىدە كۆزۈمنى يەنە قىيا ئېچىپ، قاتناش ساقچىسى گەپ سوراۋاتقان ئادەمگە سىنچىلاپ قارىدىم. ئۇ بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقان، بەيدۇللا ئاكامنىڭ چوڭ ئوغلى شىرمانجانچىلىك ياشتىكى بالا ئىدى. بەكلا قورقۇپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ چىرايى زەپىراندەك سارغىيىپ كەتكەنىدى. بالىنىڭ لەۋلىرى يېڭى سويۇلغان قوينىڭ گۆشىدەك تىترەپ، ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك دەلدۈگىنەتتى. نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا بەكلا ئىچىم ئاغرىدى. لېكىن ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئۈندۈرمىسەم، ئاز - تولا پۇل ئېلىپ ئۆينى پۈتكۈزمىسەم بولمايتتى. شۇڭا كۆڭلۈمدە پەيدا بولغان ئىچ ئاغرىتىش ھېسسىياتىنى يىراققا قوغلاپ، تېخىمۇ قاتتىق ئىڭراشقا باشلىدىم.
    −−پىراۋاڭ بىزدە قالىدۇ، −− دېدى قاتناش ساقچىسى جىددىي تەرزدە، −− سەن دەرھال ھادىسىدە زىيانغا ئۇچرىغان مۇنۇ كىشىنى دوختۇرخانىغا يۆتكە، تەكشۈرتۈپ، پۇت - قولى سۇنغان بولسا داۋالات، مەسىلە بولمىسا دوختۇرنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىپ قاتناش ساقچىلىرى ئەترىتىگە بار. قالغان گەپنى شۇ يەردە قىلىشىمىز.
    −−ما... ماقۇل...!
    بالا شۇنداق دەپ ياردەم تەلەپ قىلغاندەك ئەتراپىغا قارىدى. بىر نەچچە كىشى ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ ياردەمگە كەلدى ۋە مېنى قولمۇقول كۆتۈرۈپ ماشىنىغا سالدى. بالىنىڭ چىشلىرىنىڭ كاسىلداپ تۇرغىنى ماڭا شۇنداق ئېنىق ئاڭلاندى.
    ماشىنا قوزغالدى. مېنىڭ يۈرىكىممۇ قوزغالدى. مەن ئەسلىدە ئاققاش دۆڭدىكى ئۆيىمىزگە چۈشكەن ئوغرىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئالدىرىمىغانمىدىم؟ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بولغۇچە ئوغرى مېنىڭ كېلىپ تۇتۇۋېلىشىمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ - دە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇت - قولۇمنى مىدىراتسام ئالاھىدە بىر ئاغرىقمۇ يوق. ناۋادا دوختۇر تەكشۈرۈپ ھېچقانداق مەسىلە يوقكەن، دەپ ئىسپات قىلىپ بەرسە، مېنىڭ ماشىنىغا سوقۇلغىنىمنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟ مەن ئاستا بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ماشىنىدا لاغىلداپ تىترەپ ئولتۇرغان يىگىتكە قارىدىم. ئۇ رولنى ئىككى قوللاپ چىڭ تۇتۇۋېلىپ، يۈرەكسىزلىك بىلەن تەمتىلەپ كېتىپ باراتتى، ماشىنا خۇددى مەست تۆگىدەك يولنىڭ ئىچىدە چايقىلاتتى.
    −−ئۇ... ئۇكام، بىر چەتكە ئۆتۈپ ماشىناڭنى توختاتقىنە، −− دېدىم ئۇنىڭغا.
    يىگىت مېنىڭ كۆزۈمنى ئېچىپ، بېشىمنى كۆتۈرگىنىمنى كۆرۈپ قارا كۆزلىرىنى چوڭ ئاچقىنىچە ماشىنىسىنى يولنىڭ چېتىگە تارتتى، ئۇ بەكمۇ ھودۇقۇپ كەتكەنىدى.
    −−سا... سا... ساقمۇسىز؟ −− دېدى ئۇ كېكەچلەپ، −− ئۇھ، ئادەمنى ئەجەبمۇ قورقۇتتىڭىز ئاكا، مەن تېخى سىزنى...
    −−ھە، ئۆلۈپ قالىدۇ دېگەنمىدىڭ؟
    −−شۇ... شۇ... شۇنداقراق...
    −−مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىمەن دېمە، بەك ئالدىرايمەن، بولسا ماڭا ئازراق پۇل بەر، ئالدىراش ئىشىم تۈگىگەندە دوختۇرغا ئۆزۈم كۆرۈنۈۋالىمەن.
    مۇشۇ گەپلەرنىڭ قانداقسىگە ئېغىزىمدىن چىققانلىقىنى ئۇقمايمەن. كۆڭلۈمدە بۇ بالا مېنى پۇل ئۈچۈن ئۇششۇقلۇق قىپتۇ دەپ ئويلاپ قالغانمىدۇ؟ دېگەن خىيال باش كۆتۈردى. شۇنداقتىمۇ ئەمدى بوش تۇرسام بولمايتتى. ئوق ئېتىلىپ بولدى، ئۇنى قايتۇرماق مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭدىن پۇل ئېلىپ، ئۆيۈمنى پۈتتۈرۈۋالسام، كېيىن بىرەر يەردىن مەسىلە چىقىپ مېيىپ بولۇپ قالساممۇ رازى ئىدىم. شۇڭا ئۇنىڭغا بايىقى گەپلىرىمنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدىم.
    −−ئۇلار پىراۋامنى ئېلىپ كەتتى. سىزنى تەكشۈرتۈپ، ئىسپات ئېلىپ بارمىسام، قاتناش ساقچىلىرىدىن ئاسانلىقچە قۇتۇلالمايمەن.
    −−شۇ تۇرقىدا مېنى ساقچىلارنىڭ ئالدىغا باشلاپ بار، مېنىڭ ھېچقانداق دەۋا - دەستۇرۇم يوق، پىراۋاڭنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېلىپ بېرىمەن، ئەمما مېنىڭ داۋالىنىشىم ئۈچۈن پۇل بەرمىسەڭ بولمايدۇ. قانداق، شۇنداق قىلساق بولامدۇ؟
    يىگىت ماڭا سىنچى كۆزلىرىدە بىر پەس قارىغاندىن كېيىن پەس ئاۋازدا سورىدى:
    −−قانداق بېرىمەن ئاكا؟
    مەن ئازراق ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن بەش بارمىقىمنى چىقاردىم. بۇ پۇل بىلەن ئۆينىڭ ھويلا تېمىنى چۆرۈپ، دەرۋازىسىنى ئورنىتىۋالغىلى بولاتتى. دەرۋازا ئورنىتىلسىلا ئىشىككە قۇلۇپ سېلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بۇنچە پالاقلاشلىرىمنىڭمۇ ئورنى قالمايتتى.
    −− 500!
    مەن بېشىمنى چايقىدىم.
    −−بە... 5000؟
    مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.
    بالا رولغا بېشىنى قويۇپ خېلى ئۇزاق ئويلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ چىرايى بايىقىدىنمۇ بەتتەر تاتىرىپ كەتكەندەك ئىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا بۇرۇلغىنىدا كۆز جىيەكلىرىدە ياش پەردىسىنىڭ لىغىرلاپ قالغانلىقىنى كۆردۈم.
    −−ئاكا، ئازراق بەرسەم بولماسمۇ؟
    −−مەن ھېلىمۇ شۇنداق ئازنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىمەن، ناۋادا مەن ئۆلۈپ كەتكەن بولسام ياكى ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولغان بولسام، سەن بۇنچىلىك پۇل بىلەن مەندىن ئاسانلا قۇتۇلالمىغان بولاتتىڭ ئۇكام.
    −−لېكىن ماشىنىغا ئۆزىڭىز كېلىپ سوقۇلدىڭىزدە؟
    −−سەن جىددىي تورمۇز قىلمىغان بولساڭ مەنمۇ سوقۇلمايتتىم.
    يىگىت يەنە جىم بولدى. ئەمدى 5000نى بەرمەي مەندىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن بولسا كېرەك، گەپ قىلماي ماشىنىنى كەينىگە ياندۇردى.
    بىز قاتناش ساقچىلىرى ئەترىتىگە بارغان چېغىمىزدا بايىقى ساقچىلار ئىشتىن چۈشۈشكە تەمشىلىپ تۇرغان ئىكەن. بىزنىڭ تېزلا قايتىپ كەلگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ ئالدىراپ سورىدى:
    −−قانداق بولدى؟ دوختۇر نېمە دېدى؟
    −−دوختۇرخانىدىكىلەر ئىشتىن چۈشۈپ كېتىپتۇ، −− دېدىم ساقچىغا ئەندىشە بىلەن قاراپ، −− شۇڭا تەكشۈرتەلمىدۇق. مەندە چوڭ چاتاق يوق، ھېچيېرىم ئاغرىمايدۇ، بۇ ئۇكام ماڭا ئازراق پۇل بېرىدىغان بولدى، ئەتە ئۆزۈم بېرىپ تەكشۈرتىمەن. شۇڭا ئۇنىڭ پىراۋىسىنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز.
    −−بۈگۈن شۇنداق دەپ قويۇپ، ئەتە كېلىپ يېتىۋالسىڭىز بىز ئامال قىلالمايمىز. ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىدا بىر قېتىم تەكشۈرۈتۈپ كۆرۈڭلا، مەسىلە بولمىسا پىراۋا دېگەن قېچىپ كەتمەيدۇ.
    −−مېنىڭ ھېچقانداق دەۋا - دەستۇرۇم يوق، ئىشەنمىسىڭىز تىلخەت يېزىپ بېرەي، ئۇنىڭ پىراۋىسىنى بېرىڭ ئۇكام.
    −−بۇ گەپنى سىز دېدىڭىز - ھە؟ ئەتە كېلىپ يېتىۋالسىڭىز سىزنى تونۇمايمەن.
    −−ئىللا - بىللا ئۇنداق قىلمايمەن، مەن دېگەن لەۋزى ھالال ئەركەك! دېگەن گېپىمدە تۇرىمەن.
    ساقچى ماڭا ئېچىنغاندەك بىر پەس قارىغاندىن كېيىن قول سومكىسىنى مالتىلاپ يىگىتنىڭ پىراۋىسىنى چىقاردى.
    −−بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىپ ھەيدە، يەنە ھادىسە چىقارساڭ پىراۋاڭنى بىكار قىلىۋېتىمىز.
    −−ما... ماقۇل!
    پىراۋىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ماشىنىسىغا يەنە چىقتۇق.
    −−قېنى ئۇكام، بايا دېيىشكەن پۇلنى بەر - دە، يولۇڭغا ماڭ. مەنمۇ ئۆز يولۇمنى تېپىۋالاي.
    يىگىت يەنە رولغا بېشىنى قويۇپ ئازراق تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ، ئاپلا، بايا پۇلنى ئېلىپ بولۇپ ئاندىن پىراۋىسىنى ئېلىپ بەرسەم بوپتىكەن، ئەمدى يېنىۋالسا قانداقمۇ قىلارمەن؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. يىگىت ئاستا بېشىنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ مەڭزىدە ياش تامچىلىرى پارقىراپ تۇراتتى.
    −−بوپتۇ ئاكا، پۇلنى بېرەي، −− دېدى ئۇ يانچۇقىنى مالتىلاپ، −− شوپۇرلۇق مەكتىپىنى مىڭبىر قىيىندا پۈتكۈزۈپ، پىراۋىنى ئالغىنىمغا ئىككى يىل بولغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى ھېچ يەردىن ئىش تاپالماي سەرسان بولۇپ بۇ كۈنگىچە كەلدىم. ئاللانىڭ يېتىم ئوغۇل، تۇل خوتۇنغا ئىچى ئاغرىغانمىدىكىن، ئاخىر بىر ھاجىمنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان ئىش تاپتىم. بۇ ماشىنىنى قولۇمغا ئالغىنىمغا تېخى بىر ئايمۇ بولمىغانىدى. قارىغاندا مېنىڭ ئايىغىم ياراشمىغان ئوخشايدۇ. دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ئانامنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن بايا ھاجىمدىن 5000يۈەن قەرز ئالغان، بۇ مېنىڭ كېيىنكى ئىككى ئايلىق ئىش ھەققىم ئىدى. قېنى ئېلىڭ، ئۈستىمىزدە خۇدا تۇرۇپتۇ، كىمنىڭ ھەق بولسا ئۇ شۇ تەرەپتە. خەجلىگىلى نېسىپ قىلسۇن ئاكا!
    يىگىتنىڭ كۆز ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلەتتى. ئۇ ئاشۇ كۆز ياشلىرىدا نەمدەلگەن پۇلنى ئالىقىنىمغا تۇتقۇزدى، مەن پۇل ئەمەس، بىر پارچە چوغنى تۇتقاندەك ئەندىكىپ كەتتىم.
    قولۇمدا 5000يۈەن! مەن ئۇنىڭدىن دېگەن پۇلنى ئالالىدىم. لېكىن قىلچىمۇ خۇش بولالمىدىم. يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە يىگىتكىمۇ، ئۆزۈمگىمۇ ئوخشاشلا بىر ئېچىنىش ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىغانىدى. ئاشۇ يىگىتنى يىغلىتىپ، ئۇنىڭ ئانىسىنى داۋالىتىشقا ئاتىغان پۇلنى ئېلىۋېلىپ مەن قانچىلىك راھەت كۆرەرمەن؟
    »ئۈستىمىزدە خۇدا تۇرۇپتۇ، كىمنىڭ ھەق بولسا ئۇ شۇ تەرەپتە...«
    يىگىتنىڭ بۇ گېپى قۇلاق تۈۋۈمدە يەنە بىر قېتىم جاراڭلىدى. مەن پۇلنى تۇتقىنىمچە سەسكىنىپ كەتتىم. روھىمدىن ئاللىقانداق بىر نەرسە غۇلاپ چۈشكەندەك بولدى. قولۇمدىكى بىر باغلام پۇل ئالىقىنىمنىلا ئەمەس، پۈتكۈل روھىي دۇنيايىمنى ۋاژىلدىتىپ كۆيدۈرۈشكە باشلىدى. مەن كۈچلۈك يانغىننىڭ ئىچىدە قالغاندەك تولغىنىپ كەتتىم.
    يىگىت ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇردى. ئۇنىڭ ئېغىر تىنىقى، بەكمۇ ئېغىر خورسىنىشلىرى قۇلىقىمغا كىردى. مەن چىداپ تۇرالمىدىم. كۆز ئالدىمدا ئۆزۈمنىڭمۇ ئىش ئىزدەپ قاترىغان كوچىلىرىم، باشقىلارغا خۇشامەت قىلىپ يالغان كۈلۈشلىرىم، يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ بېلىمنى پۈككەنلىرىم پەيدا بولدى. خەقكە ئۇۋال قىلسام بولمايدۇ!
    مەن يىگىتنىڭ مۈرىسىنى ئاستا نوقۇدۇم. ئۇ تېخىچە ياش ئېقىپ تۇرغان كۆزىنى ماڭا ئاغدۇردى. ئۇنىڭ ئاشۇ ياشلىق كۆزىگە قايسى يۈزۈم بىلەن قاراي؟ قولۇمدىكى پۇلنى ئۇنىڭغا تاشلاپ بەردىم - دە، ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئاققاش دۆڭدىكى ئۆيىمىز تامان يۈگۈردۈم...
    »خەقكە ئۇۋال قىلسام بولمايدۇ، خەقنى بىكاردىن يىغلاتسام بولمايدۇ، ئۆيىمىز پۈتمىسە مەيلى، پۈتىدىغان چېغىدا پۈتەر! خۇدا، مېنى شەرمەندە قىلما، كىشى ھەققىدىن يىراق قىل! قەلبىمدىكى شەيتان ۋەسۋەسىلىرىنى قوغلاپ چىقار، مېنى ئادەملىك مۇقامىدا ياشىغىلى قوي
    يولبويى ئۆزۈمگە شۇنداق پىچىرلىدىم. نېمىشقىدۇر بايا پۇلنى ئالغاندا تاپالمىغان خۇشلۇقۇم ئەمدى پەيدا بولۇشقا باشلىغانىدى. ئاشۇ خوشلۇق بىلەن تەڭ قايسىبىر يوچۇقتىن كىرگەن ئالتۇن نۇرلار كۆڭلۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلۇقلىرىنىمۇ يورۇتۇشقا باشلىغانىدى.

     




    ھالقىلىق سۆزلەر : ئۆي، پوۋېست


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار