• ئۈچىنچى سوتتا(پوۋېست)

    يوللانغان ۋاقتى:09-06-2011   مەنبە: تارىم 2007-1-سان   مۇھەررىر: admin   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
    سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تۇتقىنىمچە جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم. خۇددى مۇشۇ قەغەز مېنىڭ بارلىقىمنى يوق قىلىۋېتىدىغاندەك يۈرىكىم ئېغىپ ك

     


     
    ئاپتورى:تۇرسۇنگۈل تۇردى
      
    (پوۋېست)
    سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تۇتقىنىمچە جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم. خۇددى مۇشۇ قەغەز مېنىڭ بارلىقىمنى يوق قىلىۋېتىدىغاندەك يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى. مەن ئېرىمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بىلسەممۇ، لېكىن ئۇنى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلىدۇ، دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ ئېرىمنىڭ ئەرزنامىسىنى ئوقۇدۇم. ئېرىمنىڭ دېيىشىچە، مەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلماپتىمەن. ئائىلىمىزدە جېدەل-ماجرا ئۈزۈلمىگەچكە ۋە بىر-بىرىمىزگە مۇھەببىتىمىز قالمىغانلىقى ئۈچۈن سوتنىڭ ئاجراشتۇرۇۋېتىشىنى تەلەپ قىپتۇ.
    ئىشخانىدىن قانداق چىققىنىمنى بىلمىدىم. خۇددى باشقىلار مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك، مېنىڭ يارىماسلىقىمدىن كۈلۈۋاتقاندەك بىر خىل ھېسسىيات ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى.
    ئۆيگە كېلىشكە ئالدىرىمىدىم. مېنى نۇرغۇن شېرىن ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە سالغان، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن شادلاندۇرغان، ناتىۋان بىر قىزدىن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئانىغا، ئانا بولغاندىمۇ ئائىلە ئۈچۈن، بالا ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىۋەتكەن ئانىغا ئايلاندۇرغان ئاشۇ ئۆي تۇنجى قېتىم ماڭا ناتونۇش بىلىندى. ئۆزۈمنى خۇددى ئۇ ئۆيگە بىر قېتىملىق مېھماندارچىلىققا كېلىپ، ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. توي قىلغان يىگىرمە يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم يېگانە قالغاندەك، بارىدىغان يېرى يوق بىر ساياققا ئايلىنىپ قالغاندەك مېنى شۇنچىلىك غېرىبلىق باستى. يىغلىغۇم كەلدى لېكىن يىغلىيالمىدىم. ئېغىرلاشقان قەدەملىرىم يەنىلا مېنى ئۆيۈم تەرەپكە تارتتى. شۇ تاپتا ئۆيدە ئالتە ياشلىق قىزىم قەلبىنۇر بىلەن ئون ئالتە ياشلىق قىزىم ئىلمىنۇر مېنىڭ ئىسسىق تامىقىمنى ساقلاپ ئولتۇراتتى. بالىلىرىمنى ئويلاپ ئۆيگە ئالدىرىدىم.
    كىچىك قىزىم قەلبىنۇر ئىشىك ئالدىدا ئويناۋاتقان ئىكەن. مېنى كۆرۈپ چىرايىنى بىر قىسمىلا قىلدى:
    — ئاپا، قىز بالا يالغان ئېيتسا بولمايدۇ دەيتتىڭىز، ئۆزىڭىز يالغانچى ئىكەنسىزغۇ؟ ساۋاقدىشىم كېلىپ كېتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا >ئاپام كەچتە پولۇ ئېتىدۇ، ئاپام سېنى ئەكەل دېگەن< دەپتىكەنمەن. بەك خىجىل بولدۇم، — دېدى دومسايغان ھالدا.
    — پولۇنى ئەتە چوقۇم ئېتىپ بېرەي، قىزىم. بۈگۈن ئىدارىدە ئىش چىقىپ قالدى، — دېدىم قىزىمنى بەزلەپ.
    مەن دەرھال چاپىنىمنى سېلىپ، ئاشخانىغا كىردىم. ئىلمىنۇر كۆكتات ئاداۋالاتقانىكەن.
    — ئەكەل بالام، ئۆزۈم قىلاي، سەن سىڭلىڭنى يۇيۇندۇرۇپ قويغىن، — دېدىم ئۇنىڭ قولىدىنى ئىشنى ئېلىۋېلىپ.
    — كەچ قالدىڭىزغۇ، ئاپا، قەلبىنۇر پولۇ دەپ غەلۋە قىلىپ بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى. يا مەن پولۇ ئېتىشنى بىلمەيدىكەنمەن. مىڭ تەستە ئالداپ سىرتقا ئوينىغىلى چىقىرىۋەتكەنتىم.
    — ئىدارىدا ئىش چىقىپ قالدى، قىزىم، بولمىسا ئېسىمدە بار ئىدى.
    شۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ يىغلىۋېتىشكە تاسلا قالدىم. ئەمەلىيەتتە بۈگۈن ئىدارىدە ھېچ ئىش چىقىپ قالمىغان، گاراڭلىقتا قىزىمغا بەرگەن ۋەدەمنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم.
    مەن تېزلا تاماقنى تەييار قىلدىم. بالىلار بىلەن تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، قاچىلارنى يۇيۇپ جايىغا سېلىۋەتتىم. ئادىلنى ساقلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئۇ بىر بولسا تاڭ ئاتقاندا، بىر بولسا يېرىم كېچىدە كېلەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئۆيدىن تاماق يەيدىغان كۈنلىرى ناھايىتى ئاز ئىدى. قىزلىرىم تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن تېلېۋىزور كۆرمەكچى بولۇشتى. شۇ تاپتا بىر-بىرىدىن چىرايلىق بۇ ئىكى قىزىمغا قاراپ، يۈرىكىم ئېزىلىپ كەتمەكتە ئىدى.
    — ئاپا، نېمە بولدىڭىز؟
    چوڭ قىزىمنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سوئالىدىن چۆچۈپ كەتتىم. تاراملاپ تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىمنى ئېرتىۋېتىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدىم.
    — ساڭا نېمە دېسەم بولار، جېنىم قىزىم، — دېدىم ئىسەدەپ تۇرۇپ، — ناۋادا داداڭ بىلەن ئىككىمىز ئاجرىشىپ كەتسەك، سەن كىمنى تاللار بولغۇيتتىڭ، قىزىم؟
    — ئۇنداق دېمەڭ، ئاپا، سىز ھەرقانچە >خورلۇق تارتساممۇ ئاجراشمايمەن< دەيتتىڭىزغۇ، دادام ئىككىڭلار ياخشى ئۆتمىسەڭلەرمۇ مەن بىر پۈتۈن ئائىلىمىز بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بىلىمەن ئاپا، سىز ئازابلىنىۋاتىسىز...
    قىزىم شۇنداق دەپلا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. بىزنىڭ يىغلىشىۋاتقىنىمىزنى كۆرگەن قەلبىنۇرمۇ ئۈمچەيگەن پېتى كېلىپ بوينۇمغا ئېسىلدى. مەن دەرھال ياشلىرىمنى سۈرتۈپ، ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ قارىدىم.
    — بولدى بالىلىرىم، ھېچ ئىش يوق، — مەن قىزلىرىمنىڭ باشلىرىنى سىلىدىم، — مەن مۇنداقلا دەپ قويدۇم، قىزىم، — دېدىم ئىلمىنۇرنىڭ يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزىگە قاراپ، — ئەمەلىيەتتە داداڭلار ئۇنچە ئەسكى ئەمەس، ئادەم يېشى چوڭايغانچە سەپرا مىجەز بولۇپ قالىدىغان گەپكەن. قېنى ياخشىراق قانالنى قويۇڭلار، تېلېۋىزور كۆرەيلى، — دېدىم ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن.
    قىزلىرىمنىڭ چىرايى خېلى ئېچىلدى. مەنمۇ سەل يېنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم. كۆز ئالدىمدا ئادىل ئىككىمىزنىڭ يېڭى توي قىلغان چاغلىرى كېلىۋالدى.
    ئۇ چاغلار ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك ئىدى. ئىككىمىز خىزمەتكە چىقىپ، ئۇزاق قالمايلا تونۇشقان ھەم ئىختىيارسىز بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشقان بولغاچقا، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرمەيلا تويىمزنى قىلغان ئىدۇق. ئادىل تېخنىكوم مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تەقسىم قىلىنغان ئىدى. ئىككىمىزنىڭ مائاشى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، تويدىن كېيىنكى كۈنلىرىمىز خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى. ئادىل ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈشەتتۇق. خىزمەت ئارىلىقىدا بىر-بىرىمىزنىڭ ئىشخانىسىغا چىقىپ، بىرەر-يېرەمدەم پاراڭلىشىۋالمىساق كۆڭلىمىز ئۇنىمايتتى. ئىدارىدىكى ھەممەيلەننىڭ ئىككىمىزگە مەستلىكى كېلەتتى. توي قىلىپ ئۇزۇنغا قالماي ھامىلىدار بولدۇم. بۇ ئىش ئائىلىمىزگە تېخىمۇ چوڭ خۇشاللىق ئاتا قىلدى. ئادىل ئىككىمىز بىكار قالساق بالىمىزنى قانداق تەربىيىلەش توغرۇلۇق سۆزلىشەتتۇق، بالىغا ئىسىم تاللاپ ھارمايتتۇق. ئادىل ئەمدىلا يوغىناشقا باشلىغان قورسىقىمنى سىلاپ، بالىنىڭ تىنىقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن قۇلىقىنى قورسىقىمغا ياققان چاغلىرىدا ئۆزۈمنى چەكسىز بەخت قوينىدا ئەللەيلىنىۋاتقاندەك، دۇنيادا مەندىن باشقا بەختلىك ئىككىنچى بىر ئىنسان يوقتەك ھاياجانلىناتتىم. ئادىلنىڭ تەبىئىي بۈدۈر چاچلىرىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ماڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولۇشىنى تىلەيتتىم.
    ئاي كۈنۈم توشۇپ چوڭ قىزىم تۇغۇلغاندا ئائىلىمىز تېخىمۇ شادلىققا چۆمدى. مەن ئارزۇ قىلغىنىمدەك قىز بالىلىق بولغىنىم ئۈچۈن خۇش بولسام، ئادىل دادا بولغىنى ئۈچۈن خۇش ئىدى. مەن ئۆزۈمنى باشقىچە ئادەمدەك سېزەتتىم. ئەمدى مەن بىر ئانىغا ئايلانغان ئىدىم. زىممەمدىكى ۋەزىپە تېخىمۇ ئېغىر ھەم بۈيۈك ئىدى. ئەمدى مەن ئاياللىق بۇرچۇمدىن باشقا ئانىلىق بۇرچۇمنىمۇ تولۇق ئادا قىلىشىم، ئائىلىدە ساداقەتمەن ئايال، مېھرىبان ئانا بولۇشۇم كېرەك ئىدى. بۇلارنى ھەربىر ئويلىسام ئۆزۈمنى چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغاندەك ھېس قىلاتتىم. ھەش-پەش دېگۈچە بالىمىز ئۈچ ئايلىق بولدى. قائىدە بويىچە ئەمدى ئىشقا بېرىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن ئادىلنىڭ تەلىپى بويىچە ئىشتىن بىر مەزگىل توختاپ بالىغا قارايدىغان بولدۇم. بالىمىز بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن بالىنى ئاپامنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويۇپ ئىشقا چۈشتۈم. مائاشىم ئاز بولسىمۇ يۈكىمىز خېلى يەڭگىللەپ قالدى. بالىمىز ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى ئىدارىمىزغا ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەرنى ئوقۇشقا ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارنى رەسمىي كادىرلىققا ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش كەلدى.
    — ئىمتىھان بېرىپ بېقىڭ، — دېدى ئادىل مېنىڭ ئىككىلىنىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ، — ئىككى يىل دېگەن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۆتۈپ قالسىڭىز، كېيىن رەسمىي كادىر بولىسىز ئەمەسمۇ؟
    — مېنىڭغۇ ئوتتەك ئوقۇغۇم بار، لېكىن بالا تېخى كىچىك تۇرسا، — دېدىم ئۈزۈمنىڭ ئەندىشىسىنى ئېيتىپ.
    — خاتىرجەم بولۇپ ئىمتىھان بېرىپ بېقىڭ. ئۆتۈپ قالسىڭىز بىر ئامال قىلارمىز. بالىغائاپام قاراپ تۇرغاندىن كېيىن نېمىدىن ئەنسىرەيسىز، — دېدى ئۇ مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ. دادام، ئاپاملارمۇ مېنى ئىمتىھان بېرىشكە رىغبەتلەندۈردى. شۇنداق قىلىپ ئىمتىھانغا قاتناشتىم. ئىمتىھاننى ياخشى بەرگىنىم ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىشكە ئىشەنچىم بار ئىدى. لېكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئىككى يىل ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇشقا بەرداشلىق بېرەلەرمەنمۇ دېگەن ئەندىشە بار ئىدى. دەل شۇ كۈنلەردە ئىدارىمىزغا يەنە بىر ھۆججەت چۈشۈپ ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر خىزمەتتىن ئايرىلىپ، مەخسۇس كۇرس سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇسا بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئادىل بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىمتىھانغا قاتناشتى. ئىككىمىزنىڭ ئوقۇشقا بېرىش ئۇقتۇرۇشىمىز ئارقا-ئارقىدىن قولىمىزغا تەگدى.
    — ئادىل مەن ئوقۇمايمىكىن، — دېدىم بىر كۈنى ئۇنىڭغا، — ھەر ئىككىمىز كەتسەك بالىمىز يالغۇز قالغۇدەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالغۇدەكمىز، شۇڭا سىز بارسىڭىز، كېيىن يەنە پۇرسەت كەلسە مەن بارسام بولارمىكىن.
    — بولمايدۇ، — دېدى ئۇ قەتئىي قىلىپ، — مەن بارمىسام بولىدۇ، مېنى ھېچكىم بۇ ئىدارىدىن چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. لېكىن سىز دېگەن ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتقان ئادەم. ئالىمادىس ئۆيۈڭگە كەت، دېسە كەتمەي ئامال يوق، شۇڭا كېيىنلىكىمىزنى ئويلىغاندا سىز بېرىپ ئوقۇڭ. مەن مۇنداقلا ئىمتىھان بېرىپ باققان.
    مەن ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. چۈنكى ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار غايىلىرىنىڭ بارلىقىنى، مۇشۇنداق پۇرسەت ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىدا ئىزچىل ئۆگىنىش قىلىپ كېلىۋاتقىنىنى بىلەتتىم.
    ئىككىمىز ئوقۇش توغرۇلۇق نۇرغۇن قېتىم تالاش-تارتىش قىلغاندىن كېيىن بۇ مەسىلىنى يەنىلا ئاتا-ئانام ھەل قىلدى. ئۇلار بالىنى بىز ئوقۇش پۈتتۈرگەنگە قەدەر بېقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ ھەر ئىككىمىزنى ئوقۇشقا دەۋەت قىلدى. بالامغا قىيالمىغان بولساممۇ، لېكىن مەندىكى ئوتتەك ئوقۇش ئىستىكى يەنىلا ئۈستۈن كەلدى. شۇندا قىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلدۇق. ئادىل ئىككىمىز ئىككى سىنىپتا ئىدۇق. بىزگە ئوخشاش ئەر-ئايال ئوقۇشقا كەلگەنلەردىن سىنىپىمىزدا يەنە بىر جۈپ بار بولۇپ، بىز مەسلىھەتلىشىپ مەكتەپكە يېقىنراق جايدىكى كونا بىنادىن بىر يۈرۈش ئۆينى بىرلىشىپ ئىجارىگە ئالدۇق. مەكتەپتە ئوقۇش ماڭا شۇنداق مەنىلىك بىلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادىل ئىككىمىز بىللە ياشاۋاتقان بولغاچقا كۈنىمىز تېخىمۇ مەنىلىك ئىدى.
    — سىنىپىمىزدىكى بىرقانچەيلەن بەك زېرىكىپ كەتتۇق، كەچتە ئۆيۈڭلارغا بارىمىز، دەيدۇ، — دېدى بىر كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن بىللە تۇرۇۋاتقان ئايال ساۋاقدىشىمىز مەخپىزە، — دېمىسىمۇ بىرقانچە ئايدىن بېرى بىزغۇ ئەر-ئايال بىلەن تۇرۇۋاتىمىز، ئۇلارغا تەس دەڭە، ئائىلىسىنى سېغىنىپ بىر بوپ كەتتى ئۇلار.
    — ياخشى بوپتۇ، — دەپ سۆز قاتتى ئېرى تاشپولاتمۇ، — بىزمۇ گۇڭۇر-مۇگۇر پاراڭلاشمىغىلى ئۇزاق بولدىغۇ ئادىل-ھە؟
    — شۇنداق، كەچتە مەخپىزە ئىككىڭلار بارلىق ھۈنىرىڭلارنى چىقىرىپ ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇۋېتىڭلار، — دېدى ئادىلمۇ قوشۇلۇپ. شۇنداق قىلىپ مەخپىزە ئىككىمىز چۈشتىن كېيىنكى بىر سائەتلىك دەرسنى تاشلاپ، كەچلىك ئولتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدۇق. ھەرھالدا بىر ئائىلىنىڭ ئادەتتىكى قورۇمىلىرىغا بىرقانچە خىل خام سەيلەرنى قوشۇپ ئاددىيلا بىر ئۈستەل قورۇما تەييارلىدۇق. كەچتە ئۇلار كېلىپ، مەخپىزە ئىككىمىزنى داڭلاپ ئۇچۇرۇپلىۋەتتى.
    ئولتۇرۇش باشلىنىپ سورۇن بىردەمدىلا قىزىپ كەتتى. ئەرلەر ئىچىۋاتقان ھاراق كاللىسىغا تەپكەندىن كېيىن بىزنىمۇ ئىچىشكە زورلاپ تۇرۇۋالدى. ئەزەلدىن ھاراق ئىچىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن مەن ئىچمەيمەن، دەپ تۇرۇۋالدىم. باشقا ئاياللار باشتا ئىچمەيمىز دەپ تۇرۇۋېلىشتى، كېيىن سالا-سۇلھى بىلەن ئانچە-مۇنچە ئىچىشتى.
    — قاراڭە سىزنى، — دېدى ئادىل مېنى نېرى تارتىپ، — باشقىلارمۇ ئىچىۋاتقاندىكىن سىزمۇ ئىچىڭە. سىزنىڭ ئۇلاردىن كەم يېرىڭىز بولمىغاندىكىن.
    — بىراق سىز ھاراق ئىچكەن ئاياللارنى ياقتۇرمايتتىڭىزغۇ؟
    — قاراڭە ئاۋۇلارنىڭ شوخلىشىپ كەتكىنىنى، كېلىڭە، مەن سىزگە ئۆزۈم بىر رومكا تۇتاي!
    ئادىل مېنى سۆرىگەندەك قىلىپ ئۈستەلنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ بىر رومكىغا قىزىل ھاراق قۇيۇپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. ئۇنىڭغا ئاچچىقىم كېلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىچىۋەتتىم. كېيىن تانسا ئويناشتۇق. ئادىل ھە دېسە سىنىپىدىكى ماھىبەر ئىسىملىك قىزنى تانسىغا تارتىپ ئوينىدى. ھاراقنىڭ كۈچىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى چەكتىن ئېشىپ كەتتىمۇ كۈنلىكىم تۇتۇپ كەتتى. سورۇن تارقاپ كەتكىچە چىشىمنى چىشلەپ ئولتۇردۇم. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئادىل بىلەن سوقۇشۇپ قالدىم.
    — تومپاي، — دېدى ئادىل قاپىقىنى تۈرۈپ، — باشقا خوتۇنلارنىڭ ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەنسىز، سىزنىڭ چىرايىڭىزنىڭ ئوساللىقىغا قاراپ مەن خىجىل بولۇپ كەتتىم. ئۇ دېگەن تېخى قىز بالا. ياخشى ئۆتكەندىكىن دەپ چاقىرىپ قويغان، سىزنىڭ بۇنداق قارا قۇرساقلىقىڭىزنى بىلگەن بولسام ئۇنى چاقىرماسكەنمەن.
    شۇ كۈنى ئىككىمىز ماي تارتىشىپ ياتتۇق. كېيىن مەن بەك ئارتۇق ئويلاپ كەتكەن ئوخشايمەن دەپ، ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم. كېيىنچە ئۆيىمىزدە بۇنداق ئولتۇرۇشلار پات-پات بولىدىغان بولدى. ھەرقېتىمدا ئادىلنىڭ سىنىپىدىكىلەردىن ماھىبەر كەلمەي قالمايتتى. ئوقۇشىمىز ئىككىنچى يىلىغا قەدەم قويغاندا مەن سىنىپىمىزدىكى بەزى ئاياللاردىن ماھىبەر بىلەن ئادىل توغرۇلۇق بەزى مىش-مىش پاراڭلارنى ئاڭلاشقا باشلىدىم. ئاياللىق كۆڭلۈم بىلەن ئېيتقاندا ئادىلنى باشقىلاردىن قىزغىناتتىم. بولۇپمۇ ماھىبەردەك چىرايلىق قىزلار ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك ئىدى. مەن بۇ ھەقتە ئادىلغا گەپ قىلسام ئۇ قاتتىق رەنجىپ كەتتى. مەن ئادىلغا ئىشىنەتتىم، شۇڭا باشقىلارنىڭ گەپلىرىنى بەكمۇ راستقا چىقىرىۋەتمىدىم، لېكىن ئۇلارنى يوشۇرۇن كۆزىتىپ باقتىم. ماڭا ئۇلارنىڭ باشقا مۇناسىۋىتى باردەك بىلىنمىدى. نېمىلا دېگەنبىلەن ئادىل ئىككىمىز تۇرمۇشنىڭ قىيىن ئۆتكەللىرىدىن بىللە ئۆتۈۋاتقان ئىدۇق. شۇڭا ئۇنى تەتۈر قىينىسام بولمايدۇ، دەپ قارايتتىم.
    ھەش-پەش دېگۈچە ئىككى يىللىق ئوقۇشىمىز تۈگەپ، قايتىپ كېلىپ ئىشقا چۈشتۇق. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىكى ئىشلار بىر كۆڭۈللۈك ئەسلىمىگە ئايلىنىپ قالدى.
    شۇ كۈنلەردە ئائىلىمىز يەنىلا شۇنداق خاتىرجەم ئىدى. لېكىن مەن ئادىلدا بىر يېڭىلىقنى بايقىدىم. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيتتى. بارلىق زېھنىنى خىزمەت ۋە ئۆيگە قارىتاتتى. ھازىر ئۇ ھەر كۈنى ساقىلىنى پاكىز قىرىپ، رەتلىك كىيىنىپ يۈرىدىغان بولدى. بەزىدە ئۆزىگە يېڭى كىيىملەرنى سېتىۋالاتتى. ئىلگىرى مەن ئېلىپ بەرمىگۈچە پايپىقىنىمۇ يەڭگۈشلىمەيدىغان ئادىلدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەردىن بەزىدە كۆڭلۈمدە ھەرخىل گۇمانلارنى قىلىپ باقاتتىم. لېكىن رەتلىك كىيىنىپ يۈرسە ياخشى ئەمەسمۇ، دەپ ئۆز-ئۆزۈمنى بەزلەيتتىم. ئىككىنچى قىزىمغا ئېغىر ئاياغ بولغاندا ئۇ ئىدارىمىزنىڭ رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولدى. ئۇ تولا ھاللاردا ھەر خىل دېلولار بىلەن سىرتتا يۈرەتتى، بەزىدە بىرقانچە كۈن ئۆيگە كەلمەيمۇ قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ بارلىق ئېغىر-يېنىك ئىشلىرى مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەندى. بالىنى تۇغۇپمۇ تۈزۈك ئارام ئالالمىغاچقا سالامەتلىكىممۇ بارغانچە ناچارلىشىپ كەتتى. بىز شۇنداق قىلىپ ئون تۆت يىلنى بىللە ئۆتكۈزدۇق. دەل مۇشۇ ئون تۆت يىل توشقان كۈنى بىزنىڭ باراقسان كۆكلەۋاتقان ئائىلىمىزگە كۈز كېلىپ، يوپۇرماقلار سارغىيىپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى. مەن ئېرىمنىڭ باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ قالغانلىقىنى سەزدىم. بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىمدا مەن تولىمۇ كېچىككەن ئىكەنمەن. ئۇ كۈنى ئادىل ئىشلەيدىغان بولغاچقا كەچلىك تاماق ئاپارغان ئىدىم. دىجورنىلىك ئۆيىدە ئادىل بىر قانچە خىزمەتدىشىمىز بىلەن قارتا ئويناپ ئولتۇرغان ئىكەن. مېنى كۆرۈپ باشتىن-ئايىغىمغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن قولۇمدىكى تاماق قاچىسىنى خۇشياقمىغاندەك ئېلىپ ئۈستەلگە »جاققىدە« قويۇپ قويدى.
    — ئىسسىقىدا يەۋېلىڭ، — دېدىم ئۇنىڭغا تاماقنىڭ سوۋۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ.
    — ئۆيدىن تاماق كۆتۈرۈپ كەلگىنىڭ نېمىسى، — دېدى ئۇ زەردە بىلەن، — تاماق دېگەن بازاردا تۇرسا.
    مەن چۆچۈپ كەتتىم، ئون تۆت يىلدىن بېرى ئۇ مېنى تۇنجى قېتىم »سەن«لەۋاتاتتى. مەن ئەتراپتىكىلەردىن خىجىل بولۇپ گەپ قىلمىدىم. باشقىلار مېنىڭ چىرايىمنىڭ باشقىچە بولۇپ كەتكىنىنى بىلدىمۇ بىر-بىرلەپ چىقىپ كېتىپ، دىجورنىلىك ئۆيىدە ئىككىمىزلا قالدۇق.
    — تاماقنى يېمىسىڭىز ئەكىتەيمۇ؟ — دەپ سورىدىم ئۇنىڭ تاماققا قاراپمۇ قويمىغىنىدىن كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ.
    — ئەكەت! — دېدى ئۇ تېخىمۇ قوپاللىق بىلەن.
    — نېمە بولدىڭىز، ئەجەب سەنلەپ كەتتىڭىزا؟ بىر ئىشنى خاتا قىلمىغاندىمەن، — دېدىم مەنمۇ ئاچچىقىم كېلىپ.
    — سەن دېدىمما؟ — دېدى ئۇ خۇددى ئەمدى ئېسىگە كەلگەندەك، — ھېلىلا تاماق يەۋالغان، باشقا ئىش يوق.
    — ئەمىسە شۇنداق دېسىڭىزلا بولاتتىغۇ؟
    — لېكىن قاراڭا ماۋۇ كىيىملىرىڭىزگە، سىز مۇشۇنداق كىيىنىپ، سۆرىلىپ يۈرسىڭىز، خىزمەتداشلار نېمە دەر؟
    مەن دەرھال كىيىمىمگە قارىدىم. كەچ بولغاندىكىن دەپ ئۆي ئىچىلىك ئاددىي كىيىمىم بىلەن سۆرىمە كەشىمنى كىيىپلا چىققان ئىدىم. لېكىن كىيىمىمنى ئۇنچە رەتسىز دەپ كەتكىلى بولمايتتى.
    — شۇنىڭغا خاپا بولغانمىدىڭىز، كېچە بولغاندىكىن خەق قاراپ يۈرمەس دەپتىكەن، — دېدىم ئۇنىڭ ئەسلىي كىيىمىمگە خاپا بولغىنىنى بىلىپ.
    — سىز كېچە-كۈندۈز ئوخشاش، كۈندۈزى پەقەتلا ئايىغىڭىز ئالمىشىدۇ. ئىدارىدىكى خوتۇنلار ماڭا نەچچە قېتىم ئايالىڭىز بەك ئاددىي-ساددا، دەپ كەتتى. سىزمۇ بىر ئايال بولغاندىكىن ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپراق يۈرۈڭ!
    مەن گەپ قىلماي تاماق قاچىسىنى ئېلىپ يېنىپ چىقتىم. مەن خاتا قىلدىممۇ؟ توۋا، مېنىڭ ئەينى چاغدىكى ئېرىم شۇمىدۇ؟ مەن ئۇنى خاتىرجەم خىزمەت قىلسۇن دەپ، بارنىمۇ، يوقنىمۇ چاندۇرماي مۇشۇ ئۆينى، بالىلارنى دەپ ئاددىي-ساددا ئۆتۈۋاتىمەنغۇ؟ مۇشۇ بىرقانچە يىلدىن بېرى ئۇ بالىلارنى ئەركىلىتىپ باقتىمۇ، بىرەر قېتىم ئوينىتىپ ئەكىلىپ باقتىمۇ؟ بىرەر قېتىم سېنىڭ ھالىڭ قانداق دەپ سوراپ باقتىمۇ؟ قايسى بىر ھېيت-بايرامدا مەندىن نېمەڭ كەم؟ دەپ سوراپ باقتىمۇ؟
    شۇ خىيال بىلەن ئۆيگە قانداق كەلگىنىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن. كېچىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى. ئادىلنىڭ سۆزلىرىنى ھەر بىر ئويلىسام، يۈرىكىمنى بىرى مۇجۇغاندەك ئاغرىپ، بىر خىل ۋەھىمەم ئىچىدە قالاتتىم. تۇيۇقسىز كاللامغا بىر ئوي كەلدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ، كىيىم ئىشكاپىدىكى كىيىملەردىن تارتىپ، بارلىق تارتمىلارنى بىر قۇر ئاختۇرۇپ چىقتىم. خىيالىمدا ئۇنىڭ يانچۇقىدىن بىرەر ئايالغا مۇناسىۋەتلىك نەرسە تېپىۋالىمەن دەپ ئويلايتتىم. لېكىن شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ ھېچنېمە تاپالمىدىم. بىر تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئەخمىقانە ئىش قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلسام، بىر تۇرۇپ چوقۇم شۇنداق قىلىش زۆرۈردەك ئويلايتتىم. تۇيۇقسىز كۆزۈم كىتاب ئىشكاپىغا چۈشتى. ئىشكاپنىڭ ئالدىغا بېرىپلا ئادىل تولا قولىغا ئېلىۋالىدىغان »ئويغانغان زېمىن« ناملىق روماننى قولۇمغا ئېلىپ ۋاراقلىدىم. كىتابنىڭ ئارىلىقىدا بىر كونۋېرت بار ئىدى، كونۋېرتنى ئېچىپ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم. كونۋېرت ئىچىدە ئادىلنىڭ ئون يىل ئىلگىرىكى ساۋاقدىشى ماھىبەرنىڭ سۈرىتى تۇراتتى. سۈرەتنىڭ ئاستىدىكى چېسلادىن ئۇنىڭ بۇلتۇر ئەتىيازدا چۈشكەن رەسىم ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن باشقىچە ئادەم بولۇپ قالدىم. ئادىلنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدىن گۇمان قىلىدىغان بولدۇم. بىر كۈنى ئۇ يىغىن ئېچىۋاتقان پۇرسەتتە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. ئۇنىڭ تارتمىلىرىنى ئاختۇرۇپ، ئۇ يەردىن بىرقانچە پارچە خەت تېپىۋالدىم. بۇ ماھىبەرنىڭ ئادىلغا يازغان خەتلىرى ئىدى. ئۇ خېتىدە ئادىل ئىككىسىنىڭ ئوقۇۋاتقان چاغدىكى شېرىن مىنۇتلىرىنى ئېسىدىن چىقارمىغانلىقىنى، ئىككىسىنىڭ بىللە بولغان چاغلىرىنى مەڭگۈ قەدىرلەيدىغانلىقىنى، ئادىلنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىدىغانلىقى ھەم يېقىندا ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى، پۇرسەت بولسا ئادىل بىلەن يەنە بىللە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى يازغان ئىدى. خەتلەرنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇشقا بەرداشلىق بېرەلمىدىم. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. دېمەك ئۇلار نەچچە يىلدىن بېرى ئالاقىلىشىپ تۇرۇپتۇ. مەن خەتلەرنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. نېمە قىلىشىمنى بىلمەيتتىم. كېچىچە خىيال قىلىپ، خەت توغرۇلۇق گەپ قىلماي بىر مەزگىل قاراپ باقماقچى بولدۇم. مەن بۇ ئىشتا تەنتەكلىك قىلسام بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادىلنىڭ بۇ ئىشنى شۇنچە يوشۇرۇن قىلغىنىغا قارىغاندا، ئۇ بۇ ئىشنى مېنىڭ بىلىپ قېلىشىمدىن ئەندىشە قىلغان ئىدى. بۇ يەنىلا ئادىلنىڭ قەلبىدە مېنىڭ ئورنۇم بارلىقىنى ئىسپاتلايتتى، ئۇ بۇ ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى خالىمىغان ئىدى. شۇڭا مەن بېشەملىك قىلسام، ئەكسىچە ئاقىۋەت يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. مەن چىشىمنى چىشلەپ دەردىمنى ئىچىمگە يۇتتۇم. مەن ئائىلەمنىڭ پۈتۈنلىكى ئۈچۈن نېمىلا قىلسام رازى ئىدىم. ئۇ كۆڭلىدە بىر ئىشنى مەندىن يوشۇرۇۋاتقاندەك ماڭا تىكىلىپ قارىمايتتى. مېنىڭ بەختىمنى تارتىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقان ماھىبەرگە نەپرىتىم شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، ئۇ يېقىن بولسا بېرىپ ئەدىپىنى بەرگۈم كېلەتتى. بىراق ئارىلىقىمىز نەچچە يۈز كىلومېتىر كېلەتتى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى بىلىپ باققۇم كەلدى. شۇ خىيال بىلەن تېلېفون دەپتىرىمنى ۋاراقلاپ، غۇلجىلىق ساۋاقدىشىمنىڭ ئادرېسىنى تاپتىم. تېلېفون بېرىپ ئۇلاردىن ئەھۋال سورىغان بولدۇم، ئاندىن ماھىبەرنىڭ گېپىنى چىقىرىۋېدىم، ئۇنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى دەپ بەردى. ماھىبەر توي قىلىپ ئۇزاق قالماي ئاجرىشىپ كەتكەنچە قايتا ياتلىق بولماپتۇ. ھازىر قىزى بىلەن بىللە تۇرىدىكەن. تۇغقانلىرى لايىق تونۇشتۇرسىمۇ قايتا ياتلىق بولۇشقا ئۇنىماپتۇ.
    مەن بۇلارنى ئاڭلاپ ماھىبەرنىڭ ئادىلنى راستتىنلا ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلدىم. بەلكىم ئۇ ئادىلنى ساقلاۋاتقان بولۇشى ياكى ئادىل بىلەن بولغان ئاشۇ شېرىن مىنۇتلىرىنى بىر ئۆمۈر ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشىنى خالاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئويلىغانچە ئۇنىڭغا شۇنچە ئۆچلۈكۈم كەلدى.
    بىر كۈنى ئىشتىن كېلىپ، ئۆيگە كىرسەم ئۆي ئىچى تاماكا ئىسىغا توشۇپ كېتىپتۇ. ئادىل ساپادا ياتقىنىچە ئۈزمەي تاماكا چېكىۋاتاتتى. ئۇ مېنىڭ كىرگىنىمنى تۇيمىدىمۇ ياكى تۇيسىمۇ قارىغۇسى كەلمىدىمۇ جىمجىت ياتاتتى. چاي ئۈستىلىدە قايسى كۈنى مەن تېپىۋالغان ھېلىقى خەتلەر چېچىلىپ ياتاتتى. ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ ھېچنېمە بولمىغاندەك ئاستا ئۈستەلنىڭ ئالدىغا بېرىپ، خەتلەرنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم. ئادىل سەل ئۆرە بولۇپ، مېنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىمگە جىمجىت قاراپ تۇردى. نېمىشقىكىن كۆز يېشىمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم. كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى. مەن خەتلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئىشكاپقا سالدىم. ئاندىن گەپ قىلماي تاماق ئەتتىم. ئادىل خۇددى مېنى ھازىرلا كۆرۈۋاتقاندەك، ماڭا ھاڭۋاقتىلارچە قاراپ قالدى. ئۇمۇ خەت توغرۇلۇق ماڭا بىر ئېغىز چۈشەنچە بەرمىدى. مەنمۇ ئۇ ئىشلارنى قايتا تىلغا ئالمىدىم. بىر ھەپتە شۇنداق بىر-بىرىمىزنى مارىشىپ ئۆتتۇق. ئادىل ئەمدى سىرتتا تولا تاماق يېمەيدىغان بولدى. ئۇمۇ، مەنمۇ سىپايىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بارلىق ھەرىكىتىمىز بىر-بىرىمىگە سۈنئىي مۇئامىلە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. بۇ خىل بۇرۇقتۇرمىچىلىققا ئادىل بەرداشلىق بېرەلمىدى بولغاي، گەپنى ئۆزى ئاۋۋال تەشتى.
    — ماھىبەرنىڭ خېتىنى سىز ئېلىۋالغان تۇرۇپ نېمىشقا ماڭا دېمەيسىز؟ — دېدى ئۇ بىر كۈنى.
    — ناھايىتى بىرنەچچە پارچە خەتنىڭ ئىشىكەنغۇ؟ — دېدىم پەرۋاسىز قىياپەتكە كىرىۋېلىپ.
    — سىز مېنى نېمە قىلسۇن دېمەكچى؟ — دېدى ئۇ بىردىنلا تېرىكىپ، — ھەممە ئىشنى بىلگەن تۇرۇپ، بەخىرامان يۈرۈۋېلىشىڭىز... سىز تولا ئۆزىڭىزنى ئالىيجاناب قىلىپ كۆرسەتمەڭ، مېنىڭ زادى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.
    — قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرۈپتۇ دېگەندەك، سىزنىڭ بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئەمدى؟
    — مېنىڭ سىزگە ئۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىم يوق. مەن نەچچە يىلدىن بېرى ئائىلەمگە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىدىم دېيەلەيمەن.
    — توغرا، سىز ئائىلىڭىزگە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىدىڭىز، لېكىن مېنىڭ مۇھەببىتىمگە، سىز ئۈچۈن بەرگەن بەدەللىرىمگە يۈز كېلەلەمسىز؟ سىزنى خاتىرجەم خىزمەت قىلسۇن، دەپ مەن نېمە كۈنلەرنى كۆرمىدىم؟ قىينالساممۇ بار-يوقنى چاندۇرماي كەلدىمغۇ، نېمىشقا بۇ ئىشلارغا كۆزىڭىزنى يۇمۇۋالىسىز؟
    — ئۇنى ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ. باشقىلارمۇ سىزگە ئوخشاشلا بالا بېقىپ، بىر ئۆينىڭ يۈكىنى ئەرلىرى بىلەن تەڭ كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتىدۇ. مېنىڭ ئالدىمدا ئۇ ئىشلارنى پەش قىلماڭ. ئۇ دېگەن بىر ئايال قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. لېكىن ئۆزىڭىزگە قاراپ بېقىڭ، مايەرگە كېلىڭ!
    ئۇ مېنىڭ بىلىكىمدىن تۇتۇپ تام ئىشكاپىنىڭ ئەينىكى ئالدىغا ئەكەلدى.
    — قاراڭ تۇرقىڭىزغا، سىزنىڭ نەرىڭىز بىركادىرغا، يەنە كېلىپ بىر باشلىقنىڭ ئايالىغا ئوخشىسۇن. مەن بولمىسام سىزنىڭ مۇشۇ كۈنىڭىزمۇ بولمايتتى. مەن سىزنى ئوقۇتمىسام بۇ چاققىچە توپا-چاڭغا مىلىنىپ ئائىلە ئايالى بولۇپ ئولتۇراتتىڭىز، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىزگە مەن بەرگەن. سىز ئەمدى ئەينەككە قارىغاچ ياخشى ئويلىنىڭ، مېنىڭ بۇنداق بۇرۇقتۇرما ئۆيدە تۇرغۇدەك يېرىم قالمىدى.
    ئادىل چاپىنىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. بۇ خورلۇق، بۇ ھاقارەت، بۇ تەڭسىزلىك مېنى بۇ دۇنيادا بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدىكى ئادەمدەك بىردەمدىلا نىمجان ھالەتكە ئەكىلىپ قويدى. مەن ئەينەكتىكى ئەكسىمگە سەپسېلىپ قارىدىم. مېنىڭ ئاددىي-ساددا تۇرقۇم ئەينەكتە، ئەينەك مېنىڭ كۆزۈمدە، دۇنيا مېنىڭ كۆزۈمدە پىرقىرىماقتا ئىدى. مەن ئاخىر بەرداشلىق بېرەلمەي جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم. شۇ كۈندىن باشلاپ ئائىلىمىزدىكى خاتىرجەملىك راستتىنلا يوقىلىپ كەتتى. مەن كۈندە يالغۇز ئاچچىق يۇتۇپ ئولتۇراتتىم. ئىشخانىغا بارغاندا ئادىل ئىككىمىز خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن پاراڭلاشمىساق، ئۇ ماڭا چىش يېرىپ گەپ قىلمايتتى. خىزمەتداشلىرىمدىن نومۇس قىلىپ، ئارىمىزدىكى ئىشلارنى ھېچكىمگە تىنالمايتتىم.
    — ئاپا، ئۇخلىمامسىز؟
    چوڭ قىزىم ئىلمىنۇرنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ سائەتكە قارىدىم. سائەت بىر بولاي دېگەنىدى.
    — ماقۇل بالام، سەن ئۇخلاۋەرگىن مەن سىڭلىڭنى ئوڭشاپ ياتقۇزۇپ قويۇپ ياتاي، — دېدىم ئۇيقۇدىن كۆزىنى ئاچالمايۋاتقان قىزىمغا قاراپ. ئاندىن كىچىك قىزىمنى جايىغا ئەكىلىپ ياتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ياتتىم. كۆزۈمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. يەنە ئاشۇ كۆڭۈلسىز ئىشلار كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى.
    شۇ چاغلاردا ئادىلنى ئىدارىدىن يىراقراق بىر تارماق ئىدارىغا ئىدارە باشلىقى قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ پات-پات ئىدارىغا يىغىنلارغا كېلەتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۆيگە بېرىپ بالىلارنى كۆرۈپ، ئۇلارغا پارچە-پۇرات يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن، لازىمەتلىك نەرسىلىرىنى ئېلىپ كېتەتتى. ئەتىيازنىڭ بىركۈنى ئۇ ئەمدىلا ئۆيگە كېلىپ تۇرۇشىغا ئۇنىڭ تېلېفونى سايرىدى. ئۇ تېلېفونىغا قاراپلا ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەن ئاشخانىدا ئىدىم. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن ياخشىراق پاراڭلىشىپ باقماقچى ئىدىم، شۇڭا ئۇنىڭ گېپىگە دىققەت قىلدىم. ئۇ >ماقۇل، سەل تۇرۇپ باراي< دېگەن گېپىنىلا ئاڭلىيالىدىم. ئۇ چاپىنىنى ئېلىپ ماڭماقچى بولۇۋېدى، كىچىك قىزىم ئەگەشتى.
    — قىزىم، يىراقتىن بىر ئاغىنەم كېلىپ مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ، مەن بېرىپ كېلەي، سىزگە ياخشى نەرسىلەردىن جىق ئالغاچ كېلەي بولامدۇ؟ — دېدى ئۇ خۇددى مېنى ئاڭلىسۇن دېگەندەك. لېكىن قىزىم ئۇنىڭ پۇتىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
    — ياق، ياق، مېنىمۇ ئاپىرىسىز. مەن سىز بىلەن بىللە بارىمەن.
    ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ بالىنى ئۆزىدىن ئاجرىتالمىغاندىن كېيىن ئۇنى سىلكىۋەتتى.
    — مەن دېدىمغۇ، ئۇ يەرگە كىچىك بالا بارسا بولمايدۇ دەپ، ئۆتە بۇياققا، بىكار مەندىن تاياق يەيسەن!
    قىزىم مىشىلداپ يىغلىغىنىچە بارمىقىنى چىشلەپ تۇرۇپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلاي دېگۈچە ئۇ بىنادىن چۈشۈپ كەتتى.
    مەن قىزىمنى ئۇنى-بۇنى دەپ ئاران گوللىدىم. بالىلارغا تاماق بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئادىلنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ باققۇم كەلدى. ئۇنىڭ ئۆزىگە تېلېفون بېرىشتىن ئەنسىرەپ قالدىم. ناۋادا يېنىدا باشقا ئادەم بولسا، ماڭا قوپاللىق قىلىپ قويسا، ئائىلىمىزدىكى سەتچىلىك بىلىنىپ قالاتتى. شۇڭامەن ئۇ دائىم بىللە يۈرىدىغان دوستىغا تېلېفون قىلدىم.
    — ئابايا كۆرۈشكەن. ئۇ بىر دوستۇم كەلگەن دەپ ئەتىرگۈل مېھمانخانىسىغا كەتتى، — دېدى ئۇ ماڭا، — بۈگۈن ئىدارىغا قايتىمەن دېگەندەك قىلغان.
    نېمىشقىدۇر پەقەت خاتىرجەم بولالمىدىم. تۇيغۇم مېنى ئاشۇ مېھمانخانىغا بېرىپ بېقىشقا ئۈندەيتتى. خۇددى ئۇ يەردە ماھىبەر ئىككىسى باردەكلا بىر خىل كۈچ مېنى شۇ ياققا سۆرەيتى. مەن تاكسى توسۇپ، ئۇ يەرگە كەلدىم. مېھمانخانا ئىشىكىگە كىرىپلا بىر قىسما بولۇپ قالدىم. ئۇ يەرگە كىرىپ، ئۇلارنى نەدىن تاپارمەن دېگەن ئوي بىلەن قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ يەنە توختاپ قالدىم. كىنولاردىكىدەك باش مۇلازىمەت سۇپىسىدىن سۈرۈشتۈرمەكچى بولۇپ، زالغا كىردىم. مۇلازىمەتچى قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىر مېھماننى ئىزدىمەكچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم.
    — ئادىل بەكرى، 502-ئۆي، — دېدى مۇلازىمەتچى قىز كۈلۈمسىرەپ، — ئۇ ئەپەندى ئايالى بىلەن ھېلىلا ياتىقىغا كىرىپ كەتتى.
    مېڭەمگە بىرى زىخ تىققاندەك ئاغرىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي مۇلازىمغا رەھمەت ئېيتتىم.
    — بولدى، ئەتىلا ئىزدەي، كەچتە ئۇلارنى ئاۋارە قىلىپ قويغۇدەكمەن، — دېدىم-دە، كەينىمگە ياندىم. سىرتقا چىقىپ ئاممىۋى تېلېفوندىن باش مۇلازىمەت سۇپىسىغا تېلېفون بېرىپ 502-ئۆينى ئۇلاپ بېرىشنى ئېيتتىم. تېلېفون ئۇلىنىپ ئۇزاق قالماي قارشى تەرەپتىن ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
    — ۋەي! كىمنى ئىزلەيسىز؟
    تىلىم ھەرىكەتكە كەلمەي، بوغۇزۇمغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. ئارقىدىن ئادىلنىڭ »كىمكەن؟« دېگەن گېپى، ئايالنىڭ >ۋاي تاڭ، گەپ قىلمىدى< دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. تېلېفون تۇرۇپكىسى قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى. تېلېفون بوتكىسىغا يۆلىنىپ قانچىلىك ئولتۇردۇمكىن، ئېسىمگە كەلگىنىمدە سائەت ئاللىقاچان ئوندىن ئاشقان ئىدى. مەن مېھمانخانا ياتىقىغا يەنە تېلېفون قىلدىم، بۇ قېتىم تېلفوننى ئادىل ئالدى. گەپ قىلمىدىم، ئۇ غۇدۇرىغىنىچە تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئۆيگە قانداقلارچە يېنىپ كەلگىنىمنى بىلمەيتتىم. شۇ كۈنى كېچىچە كىرپىك قاقمىدىم. بۇ كېچە مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئۇزۇن ۋە ئازابلىق بىر كېچە بولدى. بالىلارنى مەكتەپكە ماڭغۇزۇۋېتىپ، ئىشقا ماڭغاچ مېھمانخانىغا يەنە تېلېفون قىلدىم.
    — ۋەي سىز پەرىدىمۇسەن؟ — دېدىم مەن قەستەن ئۇ ئايالنىڭ كىملىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن،.
    — خاتا ئۇرۇپسىز، — دېدى ئايال سىپايىلىق بىلەن.
    — باش ئاپپارتتىن سورىسام پەرىدەنىمۇ شۇ ياتاقتا دېگەنىدى. — دېدىم مەن يەنە.
    — ياق مەن پەرىدە ئەمەس، ئۇلار خاتا كۆرۈپ قالغان ئوخشايدۇ، قايتا سوراپ باقامسىز؟
    مەن ئۇنىڭغا رەھمەت دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. ئىشقا بارماي، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ كۆرۈشۈشنى ئويلىدىم. لېكىن، يەنىلا سەۋر قىلىشنى لايىق تاپتىم. چۈنكى ئادىل ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ھەرقانچە يامان بولغاندىمۇ تېخى ئۆيىمىز بۇزۇلۇش ھالىتىگە يەتمىگەنىدى. ناۋادا مەن ئىككىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئۆتۈۋاتقان مەزگىلىدە جېدەل چىقارسام، ئادىل چوقۇم ماڭا ئاجرىشىش تەلىپىنى قويماي قالمايتتى. ناۋادا بىر مەزگىللىك ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىپ كەتكەن بولسا، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن تۈزۈلۈپ قېلىشى، مېنىڭ سەۋرچانلىقىمدىن تەسىرلىنىپ، ئۇ يولدىن يېنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇ ئارقىلىق مەن ئائىلەمنى ساقلاپ قالاتتىم.
    بىر يەكشەنبە كۈنى يۇيۇلغان كىيىملەرگە دەزمال سېلىۋاتقان ۋاقتىمدا بىر تېلېفون كېلىپ قالدى. قولۇم ئىشتا بولغاچقا ئىلمىنۇرنى تېلېفون ئېلىشقا بۇيرۇدۇم.
    — ئاپا، سىزنى ئىزلەيدىكەن، — دېدى قىزىم تۇرۇپكىنى قويماي تۇرۇپلا.
    — ۋەي، ياخشىمۇسىز؟ — دېدىم قارشى تەرەپكە.
    — پەرىما؟ — قارشى تەرەپنىڭ ئىنچىكە ئاۋازىدىن كىچىك قىزدەك قىلاتتى.
    — ئۆزىڭىز كىم؟ — دېدىم مەنمۇ قايتۇرۇپ.
    — مېنىڭ كىملىكىمنى سورىماي، ۋاقتىدا خېتىڭنى ئېلىپ، ئۆينى بوشات، يۈزى قېلىن خوتۇن! يار يېلىمىدەك ئادىلغا چاپلىشىپ نېمە قىلىسەن ئىززىتىڭنى ساقلىماي، نەچچە يىل بولدى، مانا قوپار، ئەنە قوپار دەپ كۈتكىلى، چاشقاندەك مۆكۈپ ياشاشتىن تويۇپ ساڭا دەۋاتىمەن. مېنىڭ ئادىل بىلەن ئۆي تۇتۇۋاتقىنىمغا ئىككى يىلدىن ئاشتى. مېنى تولا كولدۇرلىتىمەن دېيىشمە. مەن ئۇنداق ئەخمەق ئەمەس!
    بېشىم پىرقىراپ يىقىلىپ كېتىشكە ئاز قالدىم. مۇشۇ ياشقىچە مەن ھېچكىمدىن بۇنداق ھاقارەت ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. مەن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم.
    — ماڭا قاراڭ، سىڭلىم، — دېدىم ئۇنى كىچىك قىز دەپ پەرەز قىلىپ، — نېمە ئىش بولسا ئالدىرىماي دەڭ، بۇ مېنىڭ ئۆيۈم، بىراۋنىڭ مېنى كەت دېيىشىگە ھەققى يوق. بۇنداق بىشەملىك بىلەن ئادەم تىللىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ ئاۋۋال ئىززىتىڭىزنى سىز ساڭلاڭ!
    — كىم بىشەمكەن؟ ئادىل ئاجرىشايلى دېسەم بىشەملىك قىلىپ ئۇنىمىدى، دېدىغۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالىسىز؟
    — نېمە، ئادىل ماڭا ھېچقاچان ئاجرىشىش توغرۇلۇق گەپ قىلىپ باقمىدى. ئۇ سىزنى ئالداپ قويۇپتۇ. مېنىڭچە ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالغان مەن ئەمەس، سىزدەك قىلىسىز. سىزگە دەپ قوياي، مەن ئادىل بىلەن ھەرگىز ئاجراشمەن!
    — ئەمىسە، ئەمىسە مەن قانداق قىلىمەن؟ — قىز يىغلاشقا باشلىدى.
    — قانداق قىلاتتىڭىز، ئايالى بار ئەردىن ئۆزىڭىزنى تارتىسىز شۇ، بولمىسا ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىمەن.
    — بىراق مېنىڭ... مېنىڭ بالام بار تۇرسا... ھۇ... ھۇ...!
    مەن تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. ئۇ كىم؟ ئادىل راستتىنلا ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇۋالغانمىدۇ؟ بىراق ئۇ تېخى يېقىندىلا ماھىبەر بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىغۇ، ياق، ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئادىل ئاجرىشىشقا ئېغىز ئاچالماي ئويۇن ئويناۋاتقان گەپ.
    خىياللىرىم چىگىشلىشىپ ئاخىرىنى چىقىرالمىدىم. مەن ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ھېلىقى قىز بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەھۋالنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كېلىشنى نىيەت قىلدىم. بىراق ئۇ قىزنىڭ يا ئىسمىنى، يا تۇرالغۇسىنى بىلمەيتتىم. مەن دەرھال ھېلىقى كەلگەن نومۇرغا قايتۇرۇپ تېلېفون ئۇردۇم. تېلېفوننى بىر ئەر كىشى ئالدى.
    — خاپا بولماي بايا تېلېفون بەرگەن قىزنى چاقىرىپ قويغان بولسىڭىز، — دېدىم ئاۋازىمنى ئامال بار يېقىملىق چىقىرىشقا تىرىشىپ.
    — ۋاي خېنىم، بۇ دېگەن ئاممىۋى تېلېفون، بايىدىن بېرى نۇرغۇن ئادەم تېلېفون بەردى، قايسىبىرى سىلى ئىزدەيدىغان قىزدىكىن، — دېدى ھېلىقى كىشى خۇشياقمىغاندەك قىلىپ.
    — بايا بىر قىز مۇشۇ تېلېفوندا تېلېفون ئۇرغان. ئۇ قىز تېخى يىغلاپ كەتتىغۇ؟ ئۇ مېنىڭ تۇغقىنىم ئىدى، قىيىنچىلىققا ئۇچراپتۇ، سىلىنى مالال قىلدىم، خاپا بولماي بىر چاقىرىپ قويغان بولسىلا.
    — ھە، ئىبادەتنى دېسىلە بولمامدۇ؟ ئۇ بۇ تاپتا ئۆيىگە بېرىپ بولدىمىكىن، — دېدى ئۇ كىشى.
    — بولمىسا ماڭا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئادرېسىنىلا دەپ بىرەملا-يا، ئۆزۈم ئىزدەپ باراي، — دېدىم مەنمۇ قاملاشتۇرۇپ.
    — ناھىيە بازىرىدىكى »ئالتۇن دەۋر« سودا سارىيىنىڭ يان تەرىپىدە مېنىڭ دۇكىنىم بار. كەلسىلە سىلىنى ئۆزۈم باشلاپ ئاپىرىپ قوياي، — دېدى ئۇ كىشى قىزغىن ھالدا. مەن ئۇنىڭغا قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتىم. شۇ كۈنى ئىدارىدىن روخسەت سوراپ يولغا چىقتىم. يول بويى يۈرىكىم سېلىپ، خۇددى ئوغرىلىق قىلىۋاتقان ئادەمگە ئوخشاش ئەندىشە ئىچىدە قالدىم. ئىككى سائەتتىن كېيىن مەن مەنزىلگە يېتىپ كەلدىم. كىچىككىنە ناھىيە بازىرىدىن ھېلىقى دۇكاننى تېزلا تاپتىم. دۇكاندارغا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، مېنى يۈز مېتىر يىراقلىقتىكى چوڭ بىر دەرۋازا ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى. مەن ھويلىغا كىردىم. ھويلىدا ئىككى ياشلاردىكى بىر قىزلا ئويناۋاتاتتى. قىز شۇنداق چىرايلىق ئىدىكى، خۇددى سىزىپ قويغان سۈرەتكىلا ئوخشايتتى. مېنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىمنى كۆرگەن قىز يۈگۈرگەن پېتى بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەن قىز كىرىپ كەتكەن ئۆينىڭ نېپىز پەردىسىنى قايرىپ، ئۆي ئىچىگە قارىدىم.
    — كىمۇ؟
    قۇلىقىمغا تېلېفوندا ئاڭلىغان ئىنچىكە ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۆيدىن 02 ياشلار چامىسىدىكى بىرەيلەن چىقتى. ئۇنىڭ ئاق سۈزۈك چىرايى، قايرىلىپ تۇرىدىغان كىرپىكلىرى ھەم مۇلايىم قوي كۆزلىرىدىن بىر خىل سەبىيلىك چىقىپ تۇراتتى. ھېلىقى قىز ئۇنىڭ كۆڭلىكىگە ئېسىلىپ قاراپ تۇراتتى. ئىككىسىنىڭ چىرايىنىڭ قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىغا قاراپ مەن ئۇنىڭ قىزى ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم.
    — ئىبادەتنىڭ ئۆيى مۇشۇمۇ؟ — دېدىم ئامال بار ئاۋازىمنى سىلىق چىقىرىپ.
    — ھەئە، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ — دېدى ئۇ قىزىنى قۇچىقىغا ئالغاچ.
    — مەن پەرىزات.
    ئۇ شۇنداق چۆچۈپ كەتتىكى، كۆزلىرى كېرىلىپ، چىرايى باشقىچە تۈس ئالدى. كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ، قىزىنىڭ مەڭزىگە يۈزىنى يېقىۋالغاندىن كېيىن، مېنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. مەن ئۆيگە كىرىپ، ئىككى كىشىلىك كونا ساپادىن ئورۇن ئالغاندىن كېيىن ئۆيگە سەپسالدىم. ئۆيگە ئىككى كىشىلىك كونا ياغاچ كارىۋات، مەن ئولتۇرۇۋاتقان ساپادىن باشقا تۇرمۇشقا لازىمەتلىك نەرسىلەر ھەم كىچىك بالىنىڭ ئويۇنچۇقلىرى بولۇپ، ئاددىي بىر ياتاققا ئوخشايتتى.
    — چاي ئىچىڭ، — دېدى ئۇماڭا بىر پىيالە چاي قۇيۇپ. ئۇ كۆزۈمگە شۇنچە بىچارە كۆرۈنۈپ كەتتى. چاي قۇيۇۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
    — بۇ ئۆيدە ئۆزىڭىز يالغۇز تۇرامسىز؟ — دېدىم مەن ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.
    — ھەئە، قىزىم ئىكىكمىز تۇرىمىز.
    — نېمە خىزمەت قىلىسىز؟
    — ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئىشلەيمەن.
    ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانچە پەسلەپ كەتتى.
    — ئىككىمىز پاراڭلشىپ باقساق بولامدۇ؟ ماڭا ئۇرغان تېلېفونىڭىزدىن سىزنى يولدىن چىققان بىرى ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان، مېنىڭچە سىز ياخشى قىزدەك تۇرىسىز. مەن سىزىڭ ئاچىڭىزنىڭ ئورنىدا ئىكەنمەن. ئىشلارنى ماڭا بىر قۇر سۆزلەپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟ — دېدىم مەن ئۇنىڭغا.
    بىردىنلا ئۇ مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى. ئاپىسىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن قىزمۇ ئۈمچەيدى.
    — سىڭلىم، مەن سىز بىلەن ئۇرۇشقىلى كەلمىدىم. پەقەت ئادىل ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ زادى نەدىن نەگىچە ئىكەنلىكىنى بىلسەملا بولدى. قارىسام سىزمۇ قىيىن ئەھۋالغا قالغاندەك تۇرىسىز.
    — راست دەيسىز، مەن ھەقىقەتەن قىينىلىپ قالدىم. مەن بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان بولسام ھەرگىز سىزگە تېلېفون ئۇرمىغان بولاتتىم، — دېدى ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، — ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە سىزدىن يوشۇرۇپ ئولتۇرمايمەن. مەن ئەسلىي شەھەردە ھاممامنىڭ ئۆيىدە تۇراتتىم. بۇ يەرگە كەلگىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى.
    — ئاتا-ئانىڭىز يوقمۇ؟
    — يوق، سىزگە قوپاللىق قىلىپ قويغىنىمغا، تېلېفون بەرگىنىمگە پۇشايمان قىلدىم. سىزگە ھەممە ئىشنى باشتىن سۆزلەپ بېرەي.
    ئۇ مۈگدەشكە باشلىغان بالىسىنى كارىۋاتقا ئاۋايلاپ ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن، پىيالەمدىكى چاينى قايتا يەڭگۈشلەپ قويدى. ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
    — مەن ئېسىمنى بىلسم ئاتا-ئانام تۈگەپ كېتىپتىكەن. مېنى ھامماملار بېقىپ چوڭ قىلدى. ھاممامنىڭ ئۆيىدە مەندىن باشقا تۆت بالا بار ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ بالىسىغا قاراپ، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ئوقۇشسىز قالدىم. كېيىن ھامماملار مېنى يىراق بىر يېزىدىكى تۇغقىنىمىزنىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلىدىغان بولدى. مەن ئاق-قارىنى بىلىپ قالغاچقا، بۇ تويغا رايىم يوق ئىدى. لېكىن مەن كىچىكىمدىن ئۇلارنىڭ دېگىنىنى قىلىپ چوڭ بولغاچقا، نارازىلىقىمنى ئاشكارا دېيەلمەيتتىم. بۇ ئىشلارنى مەن قوشنىمىزنىڭ قىزىغا دېدىم. ئىككىمىز ياخشى ئۆتەتتۇق. ئۇ بىر كۈنى ماڭا بىر يەرگە بېرىپ ئويناپ كېلىدىغانلىقىنى، بىللە بېرىشىمنى ئېيتتى. مەن ھاممامدىن تەستە رۇخسەت سوراپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتىم. ئۇ مېنى بىر رېستورانغا ئەكەلدى. ئۇ يەردە بىرقانچە ئەرلەر، قىزلار بار ئىكەن. مەن ئادىل بىلەن شۇ يەردە تونۇشۇپ قالغان، كېيىن ئۇ دوستۇم بىلەن ئىككىمىزنى بىرقانچە قېتىم مېھمان قىلدى. بىز ئوبدانلا چىقىشىپ قالدۇق. نېمىشقىكىن كۆڭلۈمدە ئۇنى خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. لېكىن ئۇنىڭ ئائىلىسى توغرۇلۇق بىرنەرسە بىلمەيتىتم. بىر كۈنى مەن گەپ ئارىلىقىدا ئۇنىڭدىن ئائىلە ئەھۋالىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا ئايالىم ئىككىمىز ئاجرىشىپ كەتكەن، دېدى. كېيىن ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۆزۈمنى خۇددى بەختىمنى تاپقاندەك ھېس قىلدىم. ئۇ ماڭا كۆيۈنەتتى، شۇڭا ئۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنەتتىم. ھامماملار يېزىغا تۇغقان يوقلاشقا كەتكەن بىركۈنى مەن ئۇنىڭ دىجورنىلىك قىلىدىغان ئۆيىگە بېرىپ قونۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن بىز پۇرسەت تاپساقلا بىللە بولىدىغان بولدۇق. كېيىن مەن ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىزلەپ بۇ ئىشنى ئېيتتىم.
    — مەن سىزنى دوختۇرغا ئاپىراي. بالىنى چۈشۈرۈۋېتىپ تۇرايلى، تويدىن كېيىن بالىلىق بولساقمۇ ئۈلگۈرىمىز، — دېدى. ئاندىن مېنى شەھەرنىڭ چېتىگىرەك جايلاشقان بىر شەخسىي ئامبۇلاتورىيىگە ئېلىپ باردى. لېكىن دوختۇر بالىنىڭ دورا بىلەن چۈشۈرۈش ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، ئالتە ئايغا توشقاندا ئاندىن چۈشۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    — قورقماڭ، مەن چوقۇم ئامالىنى قىلىمەن، — دېدى ئۇ مېنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ.
    — بۇ ئىشنى ھاممام ئۇقۇپ قالسا مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، — دېدىم مەن ئەندىشە بىلەن.
    — ھاممىڭىز ئۇقمايدۇ، بىر ئامال قىلىپ يوشۇرۇڭ، مانا قاراڭ، ھازىر ئۈچ ئاي بوپتۇ. يەنە ئۈچ ئاي دېگەندە ھېچكىم بىلىپمۇ يۈرمەيدۇ، ئاندىن مەن سىزنى دوختۇرغا ئاپىرىمەن، — دېدى ئۇ مېنى بەزلەپ.
    مەن ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ خاتىرجەم بولدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن ئادىل بىرنەچچە ئايلىق سىرتقا خىزمەت كەتتى. ئۇزاققا قالماي بۇ ئىشنى ھامماملار بىلىپ قالدى. ئۇلار مېنى قاتتىق ئۇردى ھەم بالىنىڭ دادىسىنى سۈرۈشتۈردى. مەن ئۇلارغا بالىنىڭ ئادىلنىڭ ئىكەنلىكىنى قەتئىي دېگىلى ئۇنىمىدىم. مېنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقاردى. مەن بىر مەزگىل بىر ئاشخانىدا ئىشلەپ جېنىمنى باقتىم. كېيىن ئادىل قايتىپ كەلدى. ئەمدى مېنىڭ ئادىلدىن باشقا ھېچقانداق يېقىن كىشىم قالمىغانىدى، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا توي قىلىشنى ئېيتتىم، ئۇ مېنى ياخشى كۆرگەچكە، مېنىڭ ئۇنىڭغا قارىماسلىقىمدىن ئەندىشە قىلىپ ئايالى ۋە بالىلىرى بارلىقىنى ئېيتمىغانلىقىنى، ئايالى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، بىر مەزگىل چىداپ تۇرسام، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ ئاندىن مەن بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالغان ئىدىم. شۇڭا يەنىلا ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇ مېنى بىر تونۇشى ئارقىلىق بۇ ناھىيىگە كېلىپ، ماي قاچىلاش پونكىتىغا ۋاقىتلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. قورسىقىمدىكى بالا ئالتە ئايلىق بولدى. بالا ھەر بىر قېتىم يېنىك تەۋرىگەن ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭغا چىدىمايتتىم. بالىنى تۇغقۇم بار ئىدى. ئۇ كۈنلەردە مەن ئادىلنىلا ئويلايتتىم، ئۇنىڭ ئائىلىسى توغرۇلۇق، كېيىنكى تۇرمۇشۇم توغرۇلۇق ھېچنېمە خىيالىمغا كەلمەپتىكەن. كېيىنكى كۈنلەردە ئادىل ماڭا ئاز-تولا تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتىپ تۇردى. بېشىمدىن ئىش ئۆتمىگەچكە ئىككىلىنىپ يۈرۈپ، ئاي كۈنۈم توشۇپ قالدى. قوشنامنىڭ ياردىمىدە بالىنى تۇغدۇم. ئادىل مېنى يوقلاپ تۇردى. مەن نېمىلا بولمىسۇن ئادىلنىڭ مېنى تاشلىۋەتمىگىنىگە خۇش ئىدىم. مەن ئۇنىڭدىن قاچان توي قىلىدىغانلىقىمىز سورىسام، ئۇ >ئاز قالدى، چىداپ تۇرۇڭ بۇ مەخپىيەتلىكنى بىز توي قىلىشتىن ئىلگىرى ھېچكىم بىلمىسۇن< دەيتتى. مەن ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلاپ يۈرۈپ بالا بىر ياشقا كىرىپ قالدى. بارا-بارا ئۇ مېنى بەك ئىزلىمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىرقانچە قېتىم تېلېفون قىلدىم. ئۇ ماڭا >بۇندىن كېيىن مېنى ئىزدىمە، ئايالىم ئاجراشقىلى ئۇنىمىدى. ناۋادا قاچان ئاجراشقىچە ساقلايمەن دېسەڭمۇ ئىختىيارىڭ، ئايالىم ئاللىقاچان ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىپ بولدى. ئەمدى سېنى ئىزلىيەلمەسلىكىم مۇمكىن< دېدى. شۇ سەۋەبتىن سىزگە ئۆچلۈكۈم كېلىپ ھېلىقى تېلېفوننى ئۇرغان...
    ئىبادەتنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانچە قۇلاقلىرىمغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. ئادىلنىڭ يۈرىكىنىڭ بۇنچە يوغىناپ كەتكىنىگە ئىشەنمىسەممۇ پولاتتەك پاكىت ئالدىمدا ئىدى. يۈرىكىم خۇددى بوراندا قالغان كەچ كۈزدىكى يوپۇرماقتەك تىترەيتتى. مەن بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى مېنىڭ بەختىمگە چاڭ سالغان بۇ ئايالغا ھېچبولمىسا جېنىدىن ئۆتكۈدەك بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلىۋالارمەن دەپ ئويلىغان، ھەم شۇ ئايالنى كۆرگەندە ئۆزۈمنى قانداق ھالدا تۇتارمەن دەپ ئەندىشە قىلغان ئىدىم. ئالدىمدىكى خۇددى يولۋاسقا ئۇچرىغان قوزىدەك تۈگۈلۈپ كەتكەن قىزغا قاراپ بىردىنلا ئىچىم ئاغرىدى.
    — سىڭلىم، مانا، مەن ئالدىڭىزدا ئولتۇرۇپتىمەن. مېنىڭمۇ سىزنىڭكىگە ئوخشاشلا بالام بار، يەنە كېلىپ ئىككى قىز. مەيلى سىز ئىلگىرى نېمە مەقسەتتە ئادىل بىلەن ئارىلاشقان بولسىڭىز ئەڭ ئاۋۋال كېيىنكى ئاقىۋەتنى ئويلىشىپ ئىش قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى. مانا ئەمدى بىر بالىلىق بوپسىز، سىز مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتمەكچىمۇ؟ سىز زادى نېمە قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز، — دېدىم مەن قىزنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ.
    — مەن باشتا ئۇنىڭ ئايالى بارلىقىنى بىلگەن بولسام ھەرگىز بۇ يولدا ماڭمايتتىم. مەن پەقەت ھامماملار تاپقان يىگىتكە تېگىشكە رازى بولمىغانلىقىم ئۈچۈن ئادىل بىلەن ئارىلىشىپ قالغان. بۇنداق ئاقىۋەتكە قېلىشىمنى ئويلىماپتىمەن. قايسى كۈنى مەن ئادىل بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم. ئۇ >بالىنى كىمدىن تاپقىنىڭنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ< دېدى. شۇڭا مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي سىزگە تېلېفون قىلغان. ئەمدى مېنىڭ ھېچقانداق چىقىش يولۇم قالمىدى. بۇ بالا بىلەن پونكىتتىن ئالىدىغان تۆت يۈز كوي پۇل تۇرمۇشۇمنى قامداشقا يەتمەيدىكەن. كۆڭلۈم خاتىرجەم بولمىغاچ بۈگۈن ئىشقىمۇ بارمىغان... ئۇ ئالىقانلىرى بىلەن يۈزىنى تۇتۇۋېلىپ ئېزىلىپ يىغلاپ كەتتى.
    ئاياللىق ئورنۇمدا تۇرۇپ، بۇ قىزنىڭ ئاجىزلىقىغا ئىچىم ئاغرىيتتى. مۇھەببەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ بۇ قىزغا ئاچچىقىم كېلەتتى. نېمىلا بولمىسۇن، ئائىلەمنىڭ نورماللىقىنىڭ بۇزۇلۇشىدا بۇ قىزنىڭمۇ مەلۇم مەسئۇلىيىتى بار ئىدى. ئاخىرى مەن قىزغا ھېچنېمە دېمەسلىك قارارىغا كېلىپ قايتىپ كەتتىم.
    شەھەرگە كەلگەن ۋاقتىمدا ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى. كوچىدا كوچا چىراغلىرى جىمىرلايتتى. دۇكانلار، ئاشخانىلاردىن چىقىۋاتقان ھەر خىل مۇزىكا ئاۋازى، كېچىلىك بازاردىكى تەنزىچىلەرنىڭ خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلىرى كېچە مەنزىرىسىگە ئۆزگىچە ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتكەن ئىدى. مەن كوچا ئايلىنىشتىنمۇ زېرىكتىم. نېمىشقىدۇر بىرەر جاينى تېپىپ ئۈنلۈك توۋلىغۇم، ياكى يىغلىغۇم بار ئىدى. بەلكىم شۇنداق قىلسام ئىچىم بوشاپ، يەلكەمنى بېسىپ تۇرغان دەردلىرىم يېنىكلەپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق يەنىلا يىغلىيالمىدىم. بەزىدە ئۆزۈمگە ھەيران قالاتتىم. ئىلگىرى ئادىلنىڭ كۆزىنى يوغانراق ئېچىپ قاراپ قويۇشى ياكى ئۈنلۈكرەك گەپ قىلىشىمۇ ماڭا ھار كېلىپ يىغلاپ كېتەتتىم. ئۇ چاغلاردا ئادىل نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالاتتى. كېيىنچە ھەرقانچە دەرد تارتساممۇ يىغلىيالماس بولۇپ قالدىم. تۈگىمەس خورلۇق، سوغۇق نەزەرلەر، جاننى ئالىدىغان بۇرۇقتۇرمىلىق باسقان تۇرمۇش ئىچىدە تۇرۇپمۇ دەردلىرىمنى چىقارغۇدەك مۇۋاپىق ئامال تاپالمايتتىم. ھەممە نەرسە مەندىن ياتلاشقاندەك، كۆز ياشلىرىممۇ چىقماس بولۇپ كەتكەن ئىدى.
    ئادىل بىر ھەپتىدىن كېيىن قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ چىرايى باشقىچە نۇرلىنىپ كەتكەن بولۇپ، خۇشاللىقى كۆزىدىن چىقىپ تۇراتتى. ئۇ قايتىپ كەلگەن كۈنى ئۆيدە بالىلار يوق ئىدى.
    — بالىلارچۇ؟ — دەپ سورىدى ئادىل كېلىپلا.
    — ئاناملارنى يوقلاپ كېلىڭلار دېگەن، ئەتە قايتىپ كېلىدۇ، — دېدىم مەنمۇ ئادەتتىكىچىلا، — ھازىر كېلىشىڭىزمۇ يا ئىدارىغا بېرىۋېتىپ كەلدىڭىزمۇ؟
    — ھازىرلا كېلىشىم، ئىدارىغا ئەتىلا باراي دەيمەن، — دېدى ئۇ خۇشياقمىغان ھالدا.
    — ئادىل، بالىلارنىڭ يوق ۋاقتىدا بىز ياخشىراق پاراڭلىشىپ باقساق بولماسمۇ؟ — دېدىم مەن.
    — نېمىنى؟
    ئۇ ھېچنېمىنى بىلمىگەن قىياپەتتە ماڭا لەپپىدە قارىدىيۇ، كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچتى.
    — ئارىمىزدا دېيىشىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. سىز ئىبادەتنى قانداق قىلماقچى؟
    — قايسى ئىبادەتنى؟
    — مېنى بىلمىدى دەپ قالماڭ. ئەر كىشى دېگەن قىلغان ئىشىغا ئىگە بولۇشى كېرەك!
    — نېمە دەيسىز؟ مەن قايسى ئىشىمغا ئىگە بولغۇدەكمەن؟ مەن ئارام ئالىمەن.
    ئۇ شۇنداق دەپلا ياتاق ئۆيگە ماڭدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ياندىشىپ ئۆيگە كىردىم.
    — ماڭا قاراڭ ئادىل، — دېدىم ئامال بار ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، — كېيىنكى تۇرمۇشىمىز مۇشۇنداق ئۆتەمدۇ؟
    — مېنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىمدا ئويلىغىنىم بار، سىز تولا ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماي سىڭگەن نېنىڭىزنى يەڭ!
    — توغرا، مەن ھېلىمۇ ئارىلاشمىدىم. ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە ياشاپ كەلدىڭىز. ھەتتا سىرتتا باشقا ئاياللار بىلەن ئۆي تۇتۇپ، بالا تېپىپمۇ ئۈلگۈردىڭىز، نېمىشقا ئارىلاشمىغۇدەكمەن؟ ئالدىمىزدىكى بالىلار سىزنىڭ بالىلىرىڭىزدۇ. ئۇلار ئۈچۈن تۇرمۇشىڭىزغا كۆڭۈل بۆلگىنىم خاتا بوپتىما؟
    ئەمدىلا يېتىشقا تەمشەلگەن ئادىل ئورنىدىن شاققىدە تۇرۇپ كەتتى.
    — نېمە ئۆي، نېمە بالىكەن ئۇ؟ بايقاپ گەپ قىلىڭ جۇمۇ!
    — ئەمىسە ئىبادەت بىلەن ئۇنىڭدىن بولغان قىزىڭىزنى نېمە دەيسىز؟
    »چاڭ« قىلىپ تەگكەن تەستەكتىن يېقىلىپ چۈشۈشكە ئاز قالدىم.
    — سەن تولا ھازازۇللۇق قىلما! — دېدى ئۇ غەزەپتىن تىرەپ تۇرۇپ، — ئىككى بالىنى دېمىسەم، مەن بۇنداق ئۆيدىن جاق تويغان. سەن مېنى ئىبادەت ئارقىلىق قورقاتماقچى بولساڭ خاتالىشىپسەن. ئۇ بالا مېنىڭ ئەمەس، ئىبادەت بىلەن قانداق ئۆتسەم ئۇنىڭغا ئارىلىشالمايسەن!
    — ئىست، سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنۈم. سەندەكمۇ ئەر بولامدۇ؟
    — رازى بولمىساڭ خېتىڭنى ئال!
    ئادىل ئاخىرى كۆڭلىدىكى گېپىنى قىلىۋەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئارىمىزدا جېدەل-ماجىرا باشلىنىپ كەتتى. ئىدارە ئۇنى يىراق يېزىدىن قايتۇرۇپ ئەكىلىپ، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قىلىپ قويدى. بۇ كۈنلەردە ئۇ تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئىدارىدا ماڭا ئارىمزىدا ھېچ ئىش بولمىغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى. مەنمۇ ئائىلىمىزدىكى سەتچىلىكنى خەققە دېيىشنى خالىمايتتىم. بارا-بارا قىزلىرىمىزمۇ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالدى. ئۇ بىرقانچە قېتىم بالىلارنىڭ ئالدىدا مېنى قەستەن ئۇرۇپ كەتتى. بالىلارمۇ دادىسى بار يەردە چوڭراق تىنالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى. شۇ كۈنلەردە ئادىل ئۆيگە كەمدىن-كەم كېلەتتى، كەلگەن چاغلىرىدا يوق باھانىلەر بىلەن جېدەل چىقىراتتى. قىزلىرىمنىڭ ئالدىدا بەزى گەپلەرنى دېيىشتىن ئۆزۈمنى تارتىپ دەردىمنى ئىچىمگە يۇتاتتىم. ناۋادا ئىككى قىزىم بولمىسا، مۇشۇ ئۆيدىن بېشىمنى ئېلىپلا چىقىپ كەتسەم، بۇرۇقتۇرمىچىلىقتىن قۇتۇلسام دەيتتىم. لېكىن ئاشۇ بالىلار مېنى مۇشۇ ئۆيگە مەھكەم باغلاپ تۇراتتى. پات-پات ئىبادەتنى ئويلاپ قالاتتىم. ئۇنىڭ ئاشۇ ئاجىز ياپراقتەك تىترەپ تۇرغان سېيماسى ئېسىمگە كېلەتتى. ئۇنىمۇ ئۆزۈمگە ئوخشاش بىچارە ھېس قىلاتتىم. شۇنداق كۈنلەردە ئادىلنىڭ سوتقا سۇنغان ئەرزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.
    — ئەرزىڭىزنى قايتۇرۇۋېلىڭ بولامدۇ؟ — دېدىم ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ، — بالىلارنىڭ ئالدىدا سەتلەشمەيلى.
    — ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟ ئۆزۈڭ بىر نېمە دەپ باقە قېنى؟
    — بالىلارنى بولسىمۇ ئويلاڭ. بالىلار چوپچوڭلا بولۇپ قالغاندا ئۇلارغا نېمە دەپ چۈشەندۈرىمىز. مەن بىلەن بەك بىللە ئۆتكۈڭىز بولمىسا مەن سىزنى زورلىمايمەن. بىز ئۆي ئايرىپ تۇرساقلا بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئاجراشمايلى.
    — سەن ماڭا بىر ئۆمۈر ئەسكى پايتىمىدەك سۆرۈلۈپ ئۆتمەكچىمۇ؟ مەن قوشۇلمايمەن. ھېلىمۇ مەن ئاشۇ سۆرۈن چىرايىڭغا قاراپ نەچچە يىلنى ئۆتكۈزدۈم. ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. ئۇنىمىساڭ ئىختىيارىڭ، سوتتا كۆرۈشەيلى!
    ئادىلنىڭ قاتتىق تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە بىز ئاخىرى ئاجرىشىپ كەتتۇق. بىزنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىمىز ئىدارىدە بىر بولدى. ھەممەيلەن كۈتۈلمىگەن بىر ئىشقا دۇچ كېلىپ قالغاندەك ھەيرانلىق بىلەن قارايتتى، مەندىن نېمىشقا ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىمىزنى سوراپ كېتەتتى، مەن ئۇلارغا ھېچنېمە دېمەيتتىم. پەقەت ئاجراشقىنىمىز راست دەپلا قوياتتىم. بەزى چاغلاردا مەن راستتىنلا ئائىلەمنىڭ بۇزۇلۇشىدا مېنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم باردەك ئويلايتتىم. ئەينەككە قاراپ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. سۈيى قاچقان ئالمىدەك سولاشقان يۈز تېرەم، پېشانە ۋە كۆز جىيەكلىرىم ئەتراپىغا چۈشكەن قورۇقلار ھەم ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئۈستۈمدىكى ئاددىي كىيىملەر مېنى ئادىلنىڭ ئاچىسىدەك كۆرسىتىپ تۇراتتى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىمنى شۇندىلا ھېس قىلدىم. مەن ئۆي تۇتۇشقا، بالا بېقىشقا زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزۈمگە ئازراقمۇ ئەھمىيەت بەرمەپتىمەن. مەن ئەسلىي مېنىڭ بۇ ئىشلىرىمدىن ئادىل خۇش بولىدۇ، مېنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ كەينىدىكى ۋاپادار ئايال دەپ چوڭ بىلىدۇ، ماڭا ئۆز مۇھەببىتى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىدۇ، دەپ خاتا ئويلىغان ئىكەنمەن. لېكىن ئەمدى تامامەن كېچىككەن ئىدىم. ئەمدى ھەرقانچە قىلساممۇ بۇزۇلغان ئائىلەمنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيتتىم، ھەرقانچە ياسانساممۇ ئادىلنىڭ نەزىرىدىكى گۈزەللەرنىڭ ئورنىنى ئالالمايتتىم. ئەينەككە قارىغانچە كۆڭلۈمنى بىر خىل مىسكىنلىك قاپلايتتى. لېكىن كۆز ئالدىمدا بىر-بىرىدىن چىرايلىق ئىككى قىزىم بار بولغاچقا، ئۇلار ماڭا تەسەللى بولاتتى، ئۇلار مېنىڭ خۇشاللىقىم ھەم بارلىقىم ئىدى.
    بىر ئايدىن كېيىن ئىلمىنۇرغا ئالىي مەكتەپ ئۇقتۇرۇشى كەلدى. خۇشاللىقتا بېشىم كۆككە يەتكەندەك بولدى. ئەمدى ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي خاتىرجەم ئىدىم. ئۇنى ھەرقانچە سېغىنساممۇ، قىيىنچىلىق تارتساممۇ ئۇنى چوقۇم ئوقۇتىمەن. كىچىك قىزىممۇ خېلى بىر ئىشلارنى بىلىپ قالغانىدى. ئۇ مېنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ، يالغۇزلۇقۇمنى بىلىندۈرمەيدىغان بولدى. شۇ كۈنلەردەمەن ۋاقتىمنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولۇپ قالغانىدىم. شۇڭا تۇرۇپلا مەندىمۇ بوش ۋاقتىمدا ئانچە-مۇنچە ئۆزۈمگە ئەھمىيەت بېرىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ئۆزۈممۇ بەزى يىغىنلاردا ئىدارىغا بېرىپ قالسام، ئادىلنىڭ سىنچى كۆزلىرى بىلەن قاراشلىرىدىن ئەيمىنەتتىم. ئۆزۈمنى ياساپ ئۇنىڭ ئالدىدا باشقىچە قىياپەت بىلەن كۆرۈنگۈم كېلەتتى. بولۇپمۇ ئادىلنىڭ تويىدىن كېيىن مەندە ئۆزۈمنى ياساپراق يۈرۈش قەددىمنى رۇسلاش تۇيغۇسىنىڭ روشەن ئىپادىسى كۆرۈنۈشكە باشلىغانىدى.
    ئادىل تويىغا ئىدارىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر، ئىدارە تارمىقىدىكى ساقچىخانا خىزمەتچىلىرىنى تولۇق چاقىرغان ئىدى. بىر سىستېمىدا بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بارمىسام ئىدارىدىكىلەر مېنى ئىچى تاركەن دەپ قالاتتى. شۇڭا چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ تويغا باردىم. گەرچە ئادىلدىن شۇنداق نەپرەتلەنسەممۇ، ئۇنى كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋەتكەن بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ توي باغىقىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقتىمدا كۆڭلۈم بىردىنلا يېرىم بولدى. توي ئاخىرلاشقىچە چىرايىمغا ئامال بار كۈلكە ياغدۇرۇپ، ئۆزۈمنى خۇددى باشقا يات بىر ئادەمنىڭ تويىدا ئولتۇرۇۋاتقاندەك قىياپەتتە تۇتتۇم. لېكىن كۆزۈم پات-پات ئادىلنىڭ يېنىدا بارلىق خۇشاللىقىنى زەڭگەر كۆزلىرىگە يىغىپ، بەخت شادلىقىدىن پارقىراپ كەتكەن ماھىبەرگە چۈشۈپ قالاتتى. شۇ كېچىسى پەقەت ئۇخلىيالمىدىم. ھەرقانچە قىلسام ئادىل بىلەن ماھىبەرنىڭ بىر-بىرىگە مېھىر بىلەن تىكىلىپ قاراشقانلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. ئادىلنىڭ قاچانلاردىدۇر ماڭىمۇ شۇنداق مۇھەببەت بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىنى، شۇ چاغدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ئەسلەشكە تىرىشاتتىم. ئامما ئۇ چاغلار تولىمۇ يىراقتا قالغان ئىدى. تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمغا ئىبادەت كەلدى. كۆڭلۈمدە ماھىبەر ئۆزى سۆيۈۋاتقان ئاشۇ ئەرنىڭ باشقا بىرەيلەندىن بىر بالىسى بارلىقىنى ھەم ئانا-بالا ئىككىسىنى رەھىمسىزلىك بىلەن سەرسان قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلەرمۇ، دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئىبادەت ۋە ئۇنىڭ ئاشۇ بىر يەرلىرى ئاپىسىغا، بىر يەرلىرى ئادىلغا ئوخشايدىغان چىرايلىق قىزى ئېسىمگە كېلىۋالىدىغان بولدى. ئىبادەتنىڭ مەن ئىزدەپ بارغاندىكى تىترەپ تۇرغان ھالىتىنى ھەر ئويلىسام ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيتتى. ئۇنىڭ ھازىر نەدە، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگۈم كېلەتتى. بىچارە بىتەلەي قىزنىڭ رەھىمدىل بىرەر كىشىگە ئۇچراپ بەختىنى تېپىشىنى تىلەيتتىم.
    ئۇزۇن ئۆتمەي ئىلمىنۇر تەتىلگە كەلدى. ئۇنىڭ بويى ئۆسۈپ تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى. ئىككى قىزىمنى ئېلىپ كوچا ئايلانغان چاغلىرىمدا باشقىلارنىڭ بىزگە ھەۋەس بىلەن قارىغىنىنى كۆرسەم، ئۆزۈمنى شۇنداق بەختلىك سېزەتتىم. قىزىمنىڭ تەتىل ۋاقتى توشقىچە شۇنداق خۇشال ئۆتتۇق. ئۇ ماڭا سودا سارىيىدىن بىر يۈرۈش گىرىم بۇيۇمى ئېلىپ بەردى. ئىلمىنۇر ماڭىدىغان كۈنى ئۇ تاللاپ ئېلىشىپ بەرگەن يېڭى كىيىمىم بىلەن ياراشتۇرۇپ گىرىم قىلىۋالدىم. مەقسىتىم، قىزىمغا ئۆزۈمنىڭ قەيسەرلىكىنى بىلدۈرۈش ئىدى. راست دېگەندەك قىزىم مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ سەل ھەيران قالدى ھەم خۇشال ھالدا كېلىپ مېنى قۇچاقلىۋالدى:
    — ئاپا، سىز بەك چىرايلىقكەنسىز. مەن سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دائىم مۇشۇنداق يۈرۈشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن — دېدى.
    — بۇنىڭدىن كېيىن چۇقۇم شۇنداق بولىدۇ، قىزىم. مېنىڭ پەرىزاتتەك ئىككى قىزىم بار تۇرسا، مەندىنمۇ خۇشال كىم بار دەيسەن، — دېدىم كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىپ، — لېكىن مېنىڭ مۇشۇ تۇرقۇمدىن بىرنەرسىنى ھېس قىلىشىڭنى، مەكتىپىڭگە بېرىپ تۇنجى قېتىم تېلېفون ئۇرغان ۋاقتىمدا ماڭا ھېس قىلغانلىرىڭنى دېيىشىڭ كېرەك بولامدۇ؟
    قىزىم رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق ياسىنىپ، داداملارنىڭكىگە بېرىپ خۇشلاشقاندىن كېيىن، ئۇنى بېكەتكە ئاپىرىپ، يولغا سېلىپ قويدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ھەر كۈنى ئۆزۈمگە كۆڭۈل قويۇپ گىرىم قىلىدىغان بولدۇم. نېمىشقىكىن كۆڭلۈم شۇنداق خۇشال، روھىم كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. چىرايىممۇ ئۆزۈمگە بارغانچە پارقىراپ تۇرغاندەك، قورۇقلىرىم ئازلاپ قالغاندەك بىلىنەتتى. ئىلگىرىكىدەك تۇتۇق رەڭدىكى كىيىملەرنى كىيمەيدىغان بولدۇم. بۇنىڭ بىلەن ئىدارىدىكىلەرنىڭمۇ دىققىتى ماڭا بۇرۇلدى.
    — بارغانچە چىرايلىق بولۇپ كېتىپ بارىسىز جۇمۇ، پەرىزات.
    — ئەمدى راستتىنلا پەرىزاتقا ئوخشاپسىز.
    ئىدارىدىكىلەرنىڭ چاقچاقلىرىغا مۇۋاپىق چاقچاق بىلەن جاۋاپ قايتۇراتتىم. بىر كۈنى مۇھىم ئىش بىلەن ئىدارىغا بېرىپ قايتاشىمدا ئادىلغا ئۇچراپ قالدىم.
    — نەگە ماڭدىڭ؟ — دېدى ئۇ كېرىلىپ تۇرۇپ، — قايسى قىزدۇ بۇ دەپ تۇنۇمىغىلى تاس قاپتىمەنغۇ سېنى.
    — بىر سان بار ئىدى، شۇنى يوللاپ بېرىپ چىقىشىم، — دېدىم مەن ئۇنىڭ ئالدىدا قىلچە تەمتىرىمەي، — قىرىق ياشلىق موماينى قىزغا ئوخشاتقىنىڭىزغا رەھمەت.
    — راستلا ياش قىزلاردەك بولۇپ كېتىپسەن. ئىلمىنۇر كەتتىمۇ؟
    — كەتتى.
    — يېقىندا كاماندىرۇپكىغا بارىمەن، يوقلاپ قويارمەن.
    مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ پاراڭلىشىشنى خالىماي، خوشلىشىپ يولۇمغا ماڭدىم. بىز ئاجراشقاندىن بېرى تۇنجى قېتىم مۇشۇنچىلىك پاراڭلىشىشىمىز ئىدى.
    ھەش-پەش دېگۈچە ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ قېتىمقى يازلىق تەتىلدە مەن قەلبىنۇرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە باردىم. ئىلمىنۇر ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تەتىلدە ئۆيگە قايتمىغان ئىدى. ئۈرۈمچىنىڭ مەنزىرىلىك جايلىرىنى ساياھەت قىلدۇق. قەلبىنۇرنىڭ خۇشاللىقى ئىچىگە سىغمايتتى.
    — ئاچا، ئاپا، تورت يەيلىچۇ؟ — دېدى ئۇ ئەركىلەپ تۇرۇپ، — بەك تورت يېگۈم كەپكەتتى.
    — ماقۇل سىڭلىم، مەن سىلەرنى بىريەرگە باشلاپ باراي، تورتلىرى شۇنداق تەملىك.
    بىز ئىلمىنۇرنىڭ باشلىشى بىلەن چىرايلىق بېزەلگەن بىر تورتخانىغا كىردۇق. ئىلمىنۇر تورت ۋە پارچە-پۇرات يېمەكلىكلەرنى بۇيرۇتتى.
    — بىز بىرەرسنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولسا، مۇشۇ يەردىن ئەرزان باھادا تورت ئاپىرىمىز، — دېدى قىزىم، — بۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئايالنىڭ بىر قىزى بار، ئۇ قىزنى ھەر قېتىم كۆرسەم قەلبىنۇر ئېسىمگە كېلىدۇ. دېسەم ئىشەنمەيسىز، ئاپا، ئۇ قىزنىڭ كۆزى قەلبىنۇرنىڭ كۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ.
    — شۇنداقمۇ؟ — دېدىم پەرۋاسىزلا، — بەزىدە شۇنداق ئوخشايدىغان ئادەملەرمۇ ئۇچراپ قالىدۇ.
    بىز پاراڭلاشقاچ خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالدۇق. ئەمدى ماڭايلى دەپ تۇرساق، يان ئىشىكنىڭ پەردىسى قايرىلىپ بىر ياش چوكان بەش ياشلاردىكى قىزنى يېتىلەپ چىقىپ كەلدى.
    — قاراڭە ئاپا، راست قەلبىنۇرغا ئوخشامدىكەن؟ — دېدى ئىلمىنۇر مېنىڭ يېڭىمدىن تارتىپ پەس ئاۋازدا. مەن قىزىغا ئەمەس ئاپىسىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇ چوكانمۇ سەل ھۇدۇققان ھالدا تۇرۇپ قالدى. ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن مەن ئاۋۋال ئېغىز ئاچتىم.
    — ۋۇي، ئىبادەتكەنسىزغۇ، قانداق، ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟ — دېدىم قىزغىن ھالدا، — ئىلمىنۇر ھەيران بولۇپ بىر ئىبادەتكە بىر ماڭا قارىغىنىچە تۇرۇپ قالدى.
    — ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟ — دېدى ئىبادەتمۇ سەل ئۆزىگە كېلىپ، — بۇياققا ئۆتۈپ قاپسىز.
    — قىزىمنى يوقلاپ چىققان. بۇ مېنىڭ چوڭ قىزىم بولىدۇ، ئۇ تېخى ھېلىلا سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.
    مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم بولسىمۇ نەگىدۇر ئالدىراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ خوشلاشتىم. ئىبادەتنىڭ چىرايىدىن قانداقتۇر بىر خىل مىسكىنلىكنى كۆرگەندەك، ئاشۇ چوڭ قوي كۆزلىرىدە قانداقتۇر بىر تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان مۇڭ-ھەسرەت سايە تاشلاپ تۇرغاندەك قىلاتتى.
    — ئاپا، سىز ئۇنى قانداق تونۇيسىز؟ — دېدى ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىلمىنۇر مەندىن.
    — ئۇ بىر بىتەلەي ئايال، بالام. ئۇنىڭ بىلەن تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغان، كېيىن مەن ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئىدىم، — دېدىم مەن ئىلمىنۇرغا ئۇ توغرىسىدىكى ئىشلارنى دېگۈم كەلمىگەچ.
    — قىزى راستتىنلا قەلبىنۇرغا ئوخشامدىكەن؟ — دەپ سورىدى ئۇ يەنە مەندىن.
    — ئوخشايدىكەن.
    مەن ئىلمىنۇرنىڭ ئارتۇقچە سوئاللارنى سوراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھېرىپ كەتتىم دەپ يېتىۋالدىم. خېلى ئۇزۇنغىچە ئىبادەتنىڭ چىرايىدىكى مىسكىنلىك كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. رۇخسەت سورىغان ۋاقتىم توشۇپ قالاي دېگەنىدى. شۇڭا نەرسىلەرنى بىر قۇر جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قەلبىنۇر ئىككىسىنى ياتاقتا قالدۇرۇپ، ئىبادەتنىڭ يېنىغا ماڭدىم. تاكسى مېنى بىردەمدىلا ھېلىقى تورتخانىغا ئەكىلىپ قويدى. مەن كەلگەن ۋاقتىمدا ئۇ ئانچە ئالدىراش ئەمەسكەن. شۇڭا ئۇ خوجايىندىن رۇخسەت سورىدى. ئىككىمىز تورتخانىنىڭ كىچىككىنە ئايرىمخانىسىغا كىرىپ ئولتۇردۇق.
    — سىزنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن، ھەر ھالدا ياخشى تۇرۇپسىز، — دېدىم ئۇنىڭ تېخىچە ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، — نېمىشقىكىن سىز بىلەن پاراشقۇم كېلىپ قالدى.
    — مەنمۇ سىزنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم. كىشىنىڭ يۇرتىدا ھەرقانچە ياخشى تۇرغان بىلەنمۇ تونۇش چىراينى كۆرسە ئادەم يېقىنىنى كۆرگۈدەك بولۇپ قالىدىكەن. لېكىن سىز بىلەن نېمە توغرۇلۇق پاراڭلىشىشنى بىلمەيۋاتىمەن، — دېدى ئىبادەت سەل ئۆزىگە كېلىپ.
    — بۈگۈن ئىككىمىز ھېچنېمىنى ئويلىماي، ئاياللىق سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ گېپىنى قىلىشايلى، — دېدىم مەن كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىپ، — قىزىڭىزمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قاپتۇ، پات- پات سىزنى قانداق تۇرۇۋاتقاندۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم، قارىسام خېلى ياخشى ئۆتۈۋاتقاندەك قىلىسىز، توي قىلدىڭىزمۇ؟
    — ھەر ھالدا يامان ئەمەس دېسەم بولىدۇ. توي قىلغان، مەن بىكار ئولتۇرغىچە تورتخانىدا ئىشلەپ يۈرۈپ بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىپ قالدىم. ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، بىر ئايال بىر بالا بىلەن باشقىلارنىڭ كۆزىگە ئاسان سىغمايدىكەن. شۇڭا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىشلەۋاتىمەن. سىزچۇ ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
    — ياخشى، ئاجرىشىپ كەتكىلى بىرقانچە يىل بولدى. ھازىر ئىككى قىزىم بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىمەن.
    ئىبادەت چۆچۈگەندەك ماڭا لەپپىدە قاراپ قويغاندىن كېيىن گۇناھكارلارچە بېشىنى ئەگدى.
    — باشقىچە ئويلاپ قالماڭ. بۇ ئىش سىز بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز. ئۇمۇ ھازىر باشقا ئايال بىلەن تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا كېرەك.
    مەن ئۇنىڭ مۇلايىم كۆزلىرىدە لىغىرلاپ قالغان ياشنى كۆردۈم. ئۇ يېشىنى يېڭى بىلەن سۈرتۈۋېدى، بۇ تۇرقى ماڭا شۇنداق ئوماق كۆرۈنۈپ كەتتى.
    — سۆزلىسەم گەپ بەك ئۇزۇن، ئاچا، — دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا، — شۇ چاغدا سىز كەتكەندىن كېيىن ناھايىتى ئۇزاق ئويلاندىم. مەن شۇ چاغدا ھەقىقەتەن ئامالسىز قالغانىدىم، نېمە قىلىش، نەگە بېرىشنىمۇ بىلمەيتتىم. بۇ ئەھۋالىمنى كۆرگەن خوجايىن ئايال ماڭا ئادىلنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنى ئېيتتى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلالمايتتىم. ئۇنىڭ سىزدەك بىر ياخشى ئايالى بار تۇرسا، مەن ئۆزۈمنى دەپ سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنى خالىمىدىم. ئادىل بالىدىن تاندى. مەن ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدىم. چۈنكى ئۇ بالىنى ئېتىراپ قىلمىغان يەردە، مەن ئۇنىڭغا ھەرقانچە بېسىم قىلساممۇ بەرىبىر ئىدى. شۇڭا ھەممىنى ئۆزۈمدىن كۆرۈپ، تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلاش نىيىتىگە كەلدىم. مەن ئىشلەيدىغان پونكىتتىن ماشىنىسىغا ماي قاچىلايدىغان بىر شوپۇر بار ئىدى. ئۇ ماڭا بىرقانچە قېتىم تەلەپ قويغان بولسىمۇ ئۇنىمىغان ئىدىم. بۇ قېتىم ئامالسىز ھالدا ئۆزۈم ئۇنىڭغا ماڭا باشپاناھ بولۇشنى ئۆتۈندۈم، ئۇ دەرھال قوشۇلدى. كېيىنكى كۈنلىرىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. پەقەت ماڭا شۇ چاغدا يۆلەك بولىدىغان بىرئادەم بولسىلا بولاتتى. شۇڭا ئارتۇق ئىشلارنى قىلچە ئويلىماي ئۇنىڭ ئىجارىگە ئالغان كىچىككىنە ئۆيىگە كېلىپ ئورۇنلاشتىم. ئۇ تولا سىرتلاردا يۈرەتتى. ماڭا يامان ئەمەس مۇئامىلە قىلاتتى. لېكىن قىزىم زۆھرەگە مۇئامىلىسى ئانچە ياخشى بولمىدى. بىر قېتىم بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىپ قايتىپ كېلىپ قىزىمنىڭ بەش بارماقنىڭ ئىزى چۈشكەن مەڭزىنى تۇتۇپ، ھېقىقداپ يىغلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم. مەن ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىسام، مىڭ تەستە >دادام ئۇردى< دېيەلىدى. مەن قانداق خورلۇققا چىدىسام چىدايتتىمكى، قىزىمنىڭ خورلىنىشىغا ھەرگىز چىدىمايتتىم. شۇنىڭ بىلەن قىزىمنى ئېلىپ ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. نەگە بېرىشىمنى بىلمەي، كوچىدا ئايلىنىپ يۈردۈم. شۇ كېچىسى بىر بىنانىڭ دالدا يېرىدە تۈنەپ چىقتىم. ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىمنى يەنىلا ئۆزۈمدىن كۆرەتتىم. بەلكىم تۇرمۇشۇمدا ئادىل پەيدا بولمىغان بولسا ياكى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغان بولسام، مۇشۇ كۈنگە قالمىغان بولاتتىم، دەپ ئويلاپ ئۆزۈمدىن نەپرەتلەندىم. ئاشخانىغا كىرىپ ناشتىلىق قىلىۋېتىپ خىيالىمغا ئاشخانىدا ئىشلەش ئويى كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خوجايىندىن ئادەم كېرەك ياكى كېرەك ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتە قىلدىم. ئۇلارغا ھەق ئالمىساممۇ، بالام ئىككىمىزنىڭ قورسىقى تويسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇردۇم. خوجايىن مېنىڭ بىر مەزگىل ئىشلەپ بېقىشىمغا قوشۇلدى. ئۇ خېلى ئىنساپلىق ئادەم ئىكەن، ماڭا باشقىلاردىن تۆۋەنرەك بولسىمۇ ئىش ھەققى بېكىتىپ بەردى. مەن ھەرھالدا ياتاق، تاماقنىڭ غېمىدىن قۇتۇلغىنىمغا خۇش ئىدىم. شۇڭا ئىشلارنى جان-دىلىم بىلەن قىلدىم. كېيىن ئاشخانا ئورنى قۇرۇلۇشقا توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاشخانا ئىشتىن توختىدى. مەن ئىشداشلىرىمنىڭ ياردىمىدە بىر ئېغىزلىق ئۆي ئىجارە ئالدىم. قىزىممۇ خېلى غەرەز ئۇقۇپ قالغان ئىدى. مەن ئۇنى ئۆي ئىگىسىگە قاراشقا بېرىپ، ئىش تېپىپ ئىشلىدىم. مەيلى ھاجەتخانا تازىلاش بولامدۇ ياكى سائەتلىك ئىش بولامدۇ ھەممىنى قىلدىم. مەن قىزىم ئۈچۈن پۇل تېپىشىم، ئۇنى باشقىلارنىڭ قولىغا قاراتماسلىقىم كېرەك دەپلا ئويلايتتىم. شۇڭا قىلمىغان ئىشىم قالمىدى. بىرقانچە تونۇش قىزلار مېنىڭ جاپا تارتىپ ئېغىر ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىمنى، كىچىك قىز ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ، تانسىخانا دېگەندەك يەرلەردە ئىشلەشنى، ئۇنداق يەرلەردە ئىشلىسە پۇلى ياخشى ھەم جاپا تارتمايدىغانلىقىمنى ئېيتىشتى، لېكىن مەن ئۇنىمىدىم. مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىم ئۆزۈمگە يېتەرلىك ئىدى. جاپا تارتساممۇ، پۇلنى ئاز تاپساممۇ ئۆزۈمنىڭ ھال ئەمگىكى بىلەن ياشاشنى ئۇنداق يەرلەردە خېنىم بولۇشتىن ئارتۇق كۆرەتتىم. كېيىن بۇرۇن ئىشلىگەن ئاشخانىنىڭ خوجايىنى مېنى مۇشۇ تورتخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. بۇ يەرنىڭ ئىشى يېنىك ھەم ئاياللارغا ماس كېلىدىكەن، بۇ يەردە ئىشلىگىلىمۇ بىر يىلدىن ئاشتى. ئىشقىلىپ مېنىڭ تارتمىغان كۈنۈم ئاز قالدى. بەزى چاغلاردا ئۆلۈۋالماقچىمۇ بولدۇم. بىراق قىزىم ئۈچۈن ياشىشىم كېرەك، ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر دادا ھەم ئاپا بولۇپ ئۆتۈشۈم كېرەك. شۇڭا تىرىشىپ-تىرمىشىپ تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈۋاتىمەن.
    مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى جىممىدە ئولتۇرۇپ ئاڭلىدىم. شۇ تاپتا ئۆز سىڭلىمغا ئىچىم سىيرىلگەندەك بىر خىل ئازاب ئىچىدە كۆز چاناقلىرىمغا تولغان ياشنى تەستە تۇتۇپ تۇرۇۋالدىم.
    — كېيىن قايتا تۇرمۇشلۇق بولمىدىڭىزمۇ؟ — دېدىم مەن ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلمەك بولۇپ.
    — ياق، تۇرمۇشلۇق بولۇشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم. ئاۋۋال قىزىمنى قاتارغا قوشۇۋالاي، ئاندىن بىر گەپ بولار، ھازىرچە تۇرمۇشۇم يامان ئەمەس، تاپقان پۇلۇم بىلەن ئۇنى ئوقۇتۇپ، تۇرمۇشىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىكەنمەن. شۇڭا قايتا تۇرمۇشلۇق بولۇشنى خالىمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىمگىلا قارىسام ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە قانداقتۇر بىر خىل شۇملۇق باردەك ھېس قىلىدىغان، قورقىدىغان بولۇپ قاپتىمەن.
    — قارىسام چىرايىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەس تۇرىدۇ، سالامەتلىكىڭىزگىمۇ دىققەت قىلىڭ، — دېدىم ئۇنىڭ تاتىرىپ، پارقىراقلىقىنى يوقاتقان چىرايىغا قاراپ، — قىزىڭىز ئۈچۈن سىز ساق-سالامەت بولۇشىڭىز كېرەك.
    — رەھمەت سىزگە، — دېدى ئۇ يېشىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، — سىزنىڭ مەندىن نەپرەتلەنمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن مەن بەك خۇشال. مەن سىزگە تېلېفون قىلغان ئىشىمدىن تا ھازىرغىچە پۇشايمان قىلاتتىم. ئۇزاق بوپتىكەن بىرسىگە دەردىمنى ئېيتمىغىلى، ھازىر خېلى يەڭگىللەپ قالدىم.
    — يۇرتقا قايتىپ دۇكان ئاچسىڭىزمۇ بولاتتىكەن، مۇشۇنداق ھۈنىرىڭىز بولغاندىكىن، — دېدىم ئۇنىڭ بۇ يەردە يەككە-يېگانە يۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلغاندەك.
    — مەنمۇ ئويلىغان، كېيىنچە يا شۇنداق قىلارمەن.
    مەن خۇددى سىڭلىمغا نەسىھەت قىلغاندەك ئۇنىڭغا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدىم. ئۇنى دادىل ياشاشقا ئۈندىدىم. خوشلىشىدىغان چاغدا ئۇ مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ >خوش< دەپ قويدى. ئىلمىنۇرمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدى، مېنىڭ بىراقلا ھاردۇقۇم چىققاندەك يەڭگىللەپ قالدىم. لېكىن پات-پات ئىبادەت ئېسىمگە كېلىپ قالاتتى. مەن ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرۇپ قايتىپ كېلىپ دۇكان ئېچىشىغا دەۋەت قىلدىم. بىرقانچە ئاي ئۆتۈپ ئىبادەتمۇ مېنىڭ تەلىپىمگە قوشۇلدى. ئىلمىنۇرمۇ ئىبادەتكە ئامراق بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ گېپى چىقسىلا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتاتتى. ئىبادەت قايتىپ كەلگەندە ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدۇق. ئۇ ئۆزى قوغلىنىپ چىققان ھاممىسى بىلەن كۆرۈشنى خالىمىغاچ، بىرقانچە كۈن بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ قالدى. بۇ جەرياندا ئىلمىنۇر ئۇنىڭ ئۆي ئىزدىشىگە ياردەم قىلدى. ئۇنىڭغا ھەم ئەرزان ھەم ئازادە دۇكان ئاسانلا چىقىپ قالدى. ئۇ دۇكاننىڭ كىچىككىنە بىر تەرىپىنى توسۇپ ياتاق قىلدى. ھەپتىگە قالماي دۇكاندا ئىش باشلىدى. ئۇنىڭ قىزى قەلبىنۇر بىلەن بىر مەكتەپكە ئورۇنلاشتى. شۇ چاغدىلا مەن نېمىشقىدۇر مۇھىم بىر ئىشنى تۈگەتكەندەك يېنىك تىندىم. نېمىلا بولمىسۇن ئىبادەت سەرسانلىقتىن قۇتۇلغان ئىدى.
    — يەكشەنبە كۈنى ھاممامنى ئىزدەپ بېرىپ باقاي دەيمەن. بىللە بېرىشىپ بېرەمسىز؟ — دېدى ئۇ بىر كۈنى ماڭا، — مەن ئاخىرى سىزنىڭ گېپىڭىزنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۆتكەن ئىشلارنى بىراقلا ئۇنتۇپ كېتەي دەيمەن. نېمىلا بولمىسۇن، ئۇلار مېنى بېقىپ قاتارغا قوشقان. ھاممام قېرىپ قالدى، يوقلاپ تۇراي دەيمەن.
    — بەك ياخشى ئويلاپسىز، — دېدىم خۇشال بولۇپ، — ئۇنداقتا يەكشەنبە كۈنى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىڭ، شۇ يەردىن بارايلى.
    ئىككىمىز دېيىشكەن كۈنى ئىبادەتنىڭ ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ھاممىسى ئۇنى كۆرۈپ بىر ھازا كۆز يېشى قىلدى. چۈشتىن كېيىن موماي بالىلىرىنى چاقىرىپ كەلدى. ئىبادەتنىڭ نەۋرە تۇغقانلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشتى. ئىبادەتنىڭ چىرايىدىكى خۇشاللىقنى كۆرۈپ، مەنمۇ بۇ ئۇچرىشىشتىن خۇشال بولدۇم. ئەمدى ئىبادەت يالغۇز ئەمەس ئىدى. ئۇ يەردىن كۆڭلۈم خاتىرجەم ھالدا قايتىپ كەلدىم. شۇ كۈنلەردە ئادىل ئۆسۈپ شەھەرلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا باشلىق بولغانىدى. شۇڭا ئۇنى بەك ئۇچرىتىپ كەتمەيتتىم. ئۇنىڭ يېشى چۇڭايغانچە بىر ئىشلارنى ئويلاپ قالغانمۇ ياكى بالىلارنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالغانمۇ پات-پات بالىلارنى كۆرگىلى كېلەتتى. بەزىدە ئىككى قىزنى ئاپىرىپ مېھمان قىلاتتى. مەنمۇ بالىلارنىڭ دادىسىنى ئۆچ كۆرۈشىنى خالىمايتتىم. شۇڭا ئامال بار دادا-بالا ئۈچەيلەننىڭ كۆپرەك بىللە بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. لېكىن ئىلمىنۇر دادىسىنى ئۆچ كۆرەتتى. ھەر قېتىم بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ بىر يەرلەرگە بىللە بارغىلى ئۇنىمايتتى. تەستە باراتتى. ھازىر نېمىلا بولمىسۇن مېنى جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ھۆرمەتلەيتتى. يولدىن ئۆتكەن چاغلىرىمدا باشقىلارنىڭ ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىغىنىنى كۆرسەم ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ كېتەتتىم. ماڭا مۇشۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئىدى. بەزىدە ئويلاپ كېتەتتىم. ئىلگىرى خاپىلىق تارتقان كۈنلىرىمدە ھەممە نەرسە ماڭا مەنىسىز بىلىنەتتى. ھازىر بولسا ھەممە نەرسە شۇنداق گۈزەل ھەم سۈيۈملۈك بىلىنەتتى. شۇڭا بىكار قالغان چاغلىرىمنىمۇ بوش ئۆتكۈزۈۋەتكۈم كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. خىزمەت ۋاقتىدا ياكى ئۆيدە بىكار بولساملا ھەر خىل ماتېرىياللارنى كۆرەتتىم، ئۆگىنەتتىم. ئۆزۈمنى بارغانچە مۇكەممەللىشىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. ئىدارە مېنىڭ تىرىشچانلىقىمنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىشخانا مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە يۆتكەپ ئەكەلدى. ئىشلار بۇرۇنقىدىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، ئىبادەت بىلەن كۆرۈشىدىغان چاغلىرىممۇ ئازلاپ كەتكەنىدى. ئىدارىغا قايتىپ كېلىپ ئۇزاق قالمايلا، مەن ئۈرۈمچىگە ئۈچ ئايلىق تەربىيىلەش كۇرسىغا كەلدىم. كۇرس تۈگەشكە ئازلا قالغان بىر كۈنى دادامدىن ماڭا جىددىي تېلېفون كېلىپ قالدى. — قاچانراق كېلەرسەن، قىزىم؟ — دېدى دادام بىر ئىشقا ئالدىراۋاتقاندەك، — ئاپاڭنىڭ قازاقىستاندىكى ئاچىسى كەلگۈدەك. ئۆزۈڭ بىلىسەن، ئاپاڭ ئاچىسى بىلەن ئالتە ياش چېغىدىلا ئايرىلىپ كېتىپتىكەن. ئۇلارنىڭ كېلىدىغان گېپىنى ئاڭلاپ ئولتۇرالمايلا قالدى. ئۇ سېنى كەلسە ياخشى بولاتتى دەپلا ئولتۇرىدۇ. باشقا بالىلارنىڭ قولى بىر ئىشلارغا ئەپلىك ئەمەس، شۇڭا تېزراق قايتىپ كەلسەڭ بولاتتى.
    شۇ كۈندىن باشلاپ مەنمۇ جىددىيلىشىپ قالدىم. بۇرۇن مەن ئاپامدىن ئاچىسىنىڭ گېپىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. چوڭ دادام رەھمەتلىكنىڭ بالىلىرى كۆپ، تۇرمۇشى قىيىن بولغاچقا، ھاممام تۇغۇلغاندا ئۇنى بىر يېقىن تۇغقىنىغا بېرىۋەتكەنىكەن. ئۇلار ھاممام ئالتە ياشقا كىرگەن چاغدا غۇلجىغا كۆچۈپ كېتىپتۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەنىكەن. ئاپاممۇ ئۇلارنىڭ قازاقىستانغا چىقىپ كەتكىنىنى ئاڭلىغىلى خېلى يىللار بولغانىكەن. بىرقانچە يىل ئىلگىرى ھامماملار سۈرۈشتە قىلىپ يۈرۈپ، ئاپاملارنىڭ ئادرېسىنى تاپقان ھەم ئۇلارغا خەت يازغانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئاپام ئاچىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بىرقانچە كۈن كۆز يېشى قىلغان ئىدى. ئاپام دائىم ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئاچام بىلەن بىر كۆرۈشسەم دەپ ئارزۇ قىلاتتى، مانا ئەمدى ھاممام راستتىنلا كەلگىلىۋاتقاندا پۈتۈن جەمەتىمىز جىددىيلەشمەي قالمايتتى. بىر ھەپتىدىن كېيىن يۇرتقا قايتىپ كەلدىم. ئاپام قويغان-تۇتقىنىنى بىلمەيلا قالغانىدى. بىز ھامماملارنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقىنى باشلىۋەتتۇق. ئاپام قاچانلاردىدۇر چۈشكەن ئاچىسى بىلەن ئىككىسىنىڭ رەڭسىز ئىككى سۇڭلۇق سۈرىتىگە قاراپ ئۇنى تاقەتسىزلىنىپ كۈتمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى ئاخىرى توشتى. ئايرودرومغا ئىككى سائەت ئىلگىرى كەلدۇق. ئايروپىلان قونۇش سۇپىسىغا كىرمەي تۇرۇپ ئاپام كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى. بىز ھەممىمىز چەت ئەللىك ھاممىمىزنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغاندەك بويۇنداپ قارايتتۇق. ئايروپىلان قونۇپ، يولۇچىلار زالغا كىرىشكە باشلىغاندا مەنمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. ھاممامنى ئاپامغا ئوخشايدۇ، دەپ پەرەز قىلغاچقا، يېشى چوڭراق ئايال چىقسا دىققەت بىلەن قارايتتىم. ئاخىرى ياشانغان بولسىمۇ تېتىك كۆرۈنىدىغان، چىرايى راستتىنلا ئاپامغا ئوخشايدىغان بىرئايال ھەم ئۈچ ئەرگە كۆزۈم چۈشتى-دە، يۈرىكىم سېلىپ كەتتى.
    — قاراڭلار، ئاۋۇ كېلىۋاتقانلار شۇمىكىن؟ — دېدىم مەن باشقىلارغا. ھەممەيلەن مەن كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراشتى. كېلىۋاتقانلارمۇ ئۇيان-بۇيان بويۇنداپ قارىغاندىن كېيىن، بىر-بىرىگە بىز تۇرغان تەرەپنى شەرەتلىشىپ، ئۇدۇل بىز تەرەپكە كېلىشتى. ئاپامنىڭ >ئاچا< دېگەن ئاۋازى بىلەن ئىككىسى بىر-بىرىنىڭ باغرىغا تاشلاندى.
    — مېنىڭ يۇرتۇمنى، تۇغقانلىرىمنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن، — دېدى ھاممام كۆز يېشى قىلىپ، — ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە تۇغقانلىرىم بىلەن دىدار كۆرۈشسەم دەيدىغان ئازۇيۇم بار ئىدى. خۇدايىم مانا بۈگۈن بۇ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزدى.
    — ھېلىمۇ تەلەي پېشانىمىزگە كۆرۈشۈش پۈتۈلۈپتىكەن. بولمىسا قېرىنداشلار ئارماندا كېتەركەنمىز. مېنىڭ كېچە-كۈندۈز ئويلايدىغىنىممۇ مۇشۇ كۆرۈشۈش ئىدى. ئاللاغا مىڭ شۈكۈر، — دېدى ئاپاممۇ كۆز يېشى قىلىپ. ھاممام ناھايىتى ئوچۇق مىجەزلىك ئايال ئىكەن. تېزلا ئۆزلىشىپ كەتتۇق. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قازاقىستانغا چىققاندىن كېيىنكى كۆرگەن كۈنلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئاپاممۇ ئۆلۈپ كەتكەن تۇغقانلاردىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن-نۇرغۇن ئىشلارنى سۆزلەپ، يېرىم كېچىنى قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇخلىدۇق. ئەتىسىدىن باشلاپ ئۆيدە مېھمان ئۈزۈلمىدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن چوڭ داداملارغا ئاتاپ چوڭ نەزىر قىلدۇق. نەزىرنىڭ جامائەتلىرى تارقاپ ئىشلار بېسىققاندىن كېيىن، ئاپام مېنى ھاممام بار ئۆيگە چاقىرتتى.
    — ھامماڭنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتە تۇغقانلارنى يوقلاشتىن باشقا يەنە بىر چوڭ ئىشى بار ئىكەن، قىزىم، — دېدى ئاپام مېنى ھاممامنىڭ يېنىغا باشلاپ، — بۇ ئىشتا سەن بەكرەك كۈچەپ بەرمىسەڭ بولمىغۇدەك.
    — نېمە ئىش بولسا دېسىلە، ھامما، — دېدىم ئەدەپ بىلەن.
    — جۇدالىقنىڭ دەردى يۈرىكىمنى لەختە-لەختە قان قىلىۋەتتى، قىزىم، — دېدى ھاممام كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ، — ئاۋۋال تۇغقانلىرىمدىن، ئاندىن پەرزەنتىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. يىراقتا بولسىغۇ ئۆزىمىزنى بىر ئاماللار بىلەن گوللاپ ئۆتىدىغان گەپكەن. شۇ تاپتا قىزىمنىڭ مۇشۇ يەردىلىكىنى ئويلىساملا قىزىم يېنىمدا پەيدا بولۇپ قالىدىغاندەك ئۈمىدلىنىۋاتىمەن. بالام مېنىڭ مۇشۇ ئارزۇيۇمغا يېتىشىمگە ياردەم قىلىڭ. بۇ ئىشنى سىز قىلالايسىز. بىز بولسا يات ئەللەردە قېرىدۇق. جاھان ئۆزگىرىپ، نۇرغۇن يېڭىلىقلار بولدى. بۇ يەردىكى ئىشلارنى بىزگە قارىغاندا بەكرەك بىلىسىز. ئاشۇ قىزىمنى يىراقتىن بولسىمۇ كۆرۈپ، شۇ جايدا جان بەرسەممۇ ئارمىنىم يوق ئىدى.
    ھاممام ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى. بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىنى تامامەن چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم. ئاپام ئىككىمىز ھاممامغا تەسەللى بېرىپ، ئۇنى يىغىدىن توختاتتۇق. ھاممام كۆز ياشلىرىنى يىپەك ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتۈۋېتىپ گېپىنى باشلىدى:
    — سىلەرگە بۇ ئىشلارنى يەنىلا باشتىن سۆزلەپ بېرىشىمگە توغرا كېلىدۇ. ئەينى يىللاردا مەن بېقىۋېلىشقا بېرىلگەندىن كېيىن بېقىۋالغان ئاتا-ئانام مېنى ناھايىتى ئەتىۋارلىدى. ئۇلارنىڭ قىزى بولمىغاچقا، ئۇلار ماڭا ئۆز بالىلىرىدىن بەكرەك كۆيەتتى. كېيىن بىز دادامنىڭ بىر تونۇشىنىڭ قىزىتىشى بىلەن غۇلجىغا كېتىپتىكەنمىز. مەن ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇردۇم. مەن ئون ياشقا كىرگەن يىلى باققان ئانام كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئىككى ئىنىم بىلەن دادامغا قالدۇق. تۇرمۇشىمىز ئەسلىدىلا نامرات بولغاچقا، دادام بىزنى بېقىشتا خېلى قىينالدى. كېيىن ئۇ بىر ئايال بىلەن توي قىلدى. دەسلەپ ئۆگەي ئاپىمىز بىزگە خېلى ياخشى قارىغان بولسىمۇ، كېيىن يوق ئىشلارغا بىزنى تىللايدىغان ھەم ئۇرىدىغان، ئېغىر ئىشلارغا سالىدىغان بولۇپ كەتتى. دادام سىرتلاردا ئىشلەمچىلىك قىلغاچقا، بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر ئدى. بىزمۇ ئۆگەي ئانىمىزدىن قورقۇپ، دادامغا بىر نەرسە دېيىشكە پىتىنالمايتتۇق. شۇنداق قىلىپ بىز ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ دېگۈدەك چوڭ بولدۇق. مەن دەل ئون يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى ئۆگەي ئاپام دادامنىڭ قۇلىقىنى تولغاپ يۇرۇپ، مېنى ئۆزىنىڭ ئىنىسىغا ياتلىق قىلدى. ئۇ كىشى مەندىن ئون نەچچە ياش چوڭ ئىدى. ھۇرۇن ھەم ھاراققا ئامراق بولغاچقا تېخىچە توي قىلمىغان ئىكەندۇق. توي بولغاندىن كېيىن ئۇ مېنى كىچىك دېدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ماڭا خېلى كۆيۈندى. گەرچە كۆپ پۇل تېپىپ كېلەلمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كەلدى. لېكىن بىر كۈن ئىشلىسە ئىككى كۈن مەست بولۇۋېلىپ جاپا سالاتتى. كېيىن مەن ئېغىر ئاياغ بولۇپ بىر قىز تۇغدۇم، ئىسمىنى ماھىنۇر قويغان. بۇ چاغدا ئېرىم خېلىلا تۈزۈلۈپ قالدى. ئۇ بالىغا ئامراق ئىدى. بالا يەتتە ئايلىق بولغاندا جاھان قالايمىقانلىشىپ جان باقماقمۇ تەسكە توختاشقا باشلىدى. داداملارمۇ تۆت جان ئادەم ئاران-ئاران كۈن ئېلىۋاتاتتى. كىشىلەر ئارىسىدا نەدىدۇر ئۇرۇش بولۇۋاتقانلىقى، بۇ ئۇرۇشنىڭ يۇرتىمىزغىمۇ كېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئاڭلاپ ئەندىشىگە چۆكۈپ كېتەتتۇق. كېيىن بىز كىشىلەردىن چېگرا ئېچىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سوۋېتقا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۇ يەرگە چىققانلارنى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقى، چىققانلارنىڭ كۈنىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مىش-مىش پاراڭلارنى ئاڭلايدىغان بولدۇق. بىر كۈنى دادام بىزنى چاقىرىپ چېگرىدىن چىقىپ كېتىش توغرىسىدا بىزگە مەسلىھەت سالدى. بىزمۇ چىقىپ كەتسەكلا بۇ ئېغىر كۈنلەردىن قۇتۇلىدىغاندەك، چېگرىنىڭ ئۇ تەرىپىدە گۈزەل بىر ماكان بىزنى كۈتۈۋاتقاندەك ئىچىمىزگە ئوت كىرىپ كەتتى. بىز دېيىشكەن كۈنى ئائىلە بويىچە جەم بولۇپ، لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ چېگرا تەرەپكە ماڭدۇق. بىزمۇ ئادەملەر توپىغا قوشۇلۇپ چېگرا ئېغىزىغا يېقىنلاشقاندا بىردىنلا ئالدى تەرەپتىن پاتىپاراقچىلىق بولۇپ كەتتى. كىشىلەر >چېگرا تاقالغۇدەك، تېز بولايلى، تېز ماڭ، بولە چاققان< دېيىشىپ بىر-بىرىنى ئىتتىرىشىپ ۋارقىراشقىلى تۇردى. بىزمۇ ئالدىراپ قالدۇق. بىر-ئىككى قەدەم ماڭمايلا قىستاڭچىلىقتا يەرگىمۇ دەسسىيەلمەي قالدۇق. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېرىم ئىككىمىزنى بىر توپ كىشىلەر ئىتتىرىپ ئايرىۋەتتى. مەن بالامنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. بالامنىڭ، ئېرىمنىڭ ئىسمىنى توختىماي چاقىراتتىم. قانداقلارچە چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىمنى بىلمەي قالدىم. چېگرىدىن ئۆتۈۋالغان كىشىلەر ھەدەپ ئۆز تۇغقانلىرىنى ئىزلەشكە باشلىغان ئىدى. مەن ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرۈپ بالام ۋە ئېرىمنى ئىزدەيتتىم. قىزىمنىڭ يىغا ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتتى. بىر چاغدا مېنىڭ يېنىمدا ئۆگەي ئاپام، ئىككى ئىنىم ۋە دادام كەلدى. ئۇلارمۇ ئىزدەشكە باشلىدى. بىز ئۇلارنى تاپالمىدۇق. ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر چېگرىنىڭ تاقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆتەلمەي قالغانلىقىنى دېيىشىۋاتاتتى. تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر ئاھۇزار قىلىشماقتا ئىدى. مەن شۇ چاغدىلا بۇ يولدا ماڭغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. قىزىمنىڭ ئېتىنى چاقىرىپ، تولا يىغلاپ ئاۋازىممۇ پۈتۈپ كەتتى. دادام مېنى مىڭ تەستە پەسكويغا چۈشۈردى. شۇنداق قىلىپ چەت ئەلدىكى تۇرمۇشىمىز باشلاندى. بىز ئۇ يەر، بۇ يەردە ئىشلەمچىلىك قىلدۇق. بۇ يەردىمۇ كىشىلەرنىڭ كۈنى ئۇنچە ياخشى ئەمەس ئىكەن، قالايمىقانچىلىق مۇشۇ يەردىمۇ يامراپ كەتكەنىكەن. بىز ياشاش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلدۇق. كېيىن قازاقىستانغا بېرىپ ئۇ يەردە ئىشلەمچى بولدۇق. يىللار كەينى-كەينىدىن ئۆتۈپ كەتتى. كۈنىمىزمۇ ياخشىلاندى. كېيىن دادام مېنى بىر سودىگەرگە نىكاھلاپ قويدى. شۇ كۈنلەردىمۇ بالامنىڭ يىغا ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمىدى. كېيىن چېگرا ئېچىلدى، دادام ۋە ئۆگەي ئاپام ئارقا-ئارقىدىن قازا قىلىپ ھازىدار بولۇپ قالدۇق. داداملارنىڭ نەزىر-چىراغلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئىنىلىرىم غۇلجىغا بېرىپ، ئېرىمنىڭ دېرىكىنى قىلدى، لېكىن ھېچقانداق بىر خەۋەرگە ئېرىشەلمەي قايتىپ كەلدى. ئىككى يىل ئىلگىرى چوڭ ئىنىمنىڭ غۇلجىدىكى بىر سودىگەر دوستى ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىپتۇ. خەتتە دېيىلىشىچە ئېرىم شۇ قېتىم چېگرىدىن ئۆتەلمەي قېلىپ قايتىپ كەلگەن، بالا تېخى كىچىك بولغاچقا مەھەللىمىزدىكى كىچىك بالىسى بار گۈلسۈمخان ئىسىملىك ئايالغا بالىنى بېقىپ بېرىشكە بېرىپ، ئۆزى بىر كۆمۈركاندا ئىشلىگەن، بالا ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇ كان ھادىسىسىدە قازا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بالا گۈلسۈمخاننىڭ قولىدا قالغان. كېيىن گۈلسۈمخان بالىنى يەنە بىر تۇغقىنىغا بېرىپ، ئۆزى قەشقەرگە ياتلىق بولۇپ كەتكەن. بىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال ئىنىمنى ئەۋەتتۇق. ئۇ بىر ئايدەك ئىزدەپ ھېچكىمنى تاپالماي قايتىپ باردى. ئىككى ئاي ئىلگىرى ئىنىمنىڭ ھېلىقى دوستى گۈلسۈمخان دېگەن ئايالنىڭ قەشقەر مارالبېشىنىڭ بىر يېزىسىدا بار ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەت يېزىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز تۇغقانلارنى يوقلاش ھەم شۇ قىزىمنى ئىزدەشنى مەقسەت قىلىپ بۇ يەرگە كەلدۇق. شۇ بالامنى بىر قېتىم يىراقتىن بولسىمۇ كۆرۈپ، ئۆلۈپ كەتسەممۇ رازى ئىدىم. ماڭا مۇشۇ ئىشتا ياردەم قىلىڭ، جېنىم بالام!
    ھاممام توختىماي يىغلايتتى. مەن ئۇنىڭ ماڭا ئۈمىد بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ بۇ ئىش ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ ئۇرۇنۇپ باققۇم كەلدى. بۇ ئىشنى ئىدارە باشلىقىمىزغا دېۋىدىم، ئۇ ماڭا غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن ساۋاقداش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ بەردى ھەم نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇنىڭغا تاپىلاپ بەردى. مەن رۇخسەت سوراپ ھاممامنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن غۇلجىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. بىزنى غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى كۈتۈۋالدى. مەن ئۇ كىشىنى تونۇيتتۇم، بىر چاغدا كۇرستا ئىككىمىز بىللە ئوقۇغان ئىدۇق. شۇڭا ئۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ، مۇناسىۋەتلىك جايلاردىكى ساقچىخانا ھەم نوپۇس تارماقلىرىغا تونۇشتۇرۇش قىلىپ بەردى. بىز ئەتىسىدىن باشلاپ ئىزدەشنى باشلىدۇق. بەزى كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەن، بەزىلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئادرېسى نامەلۇم بولۇپ چىقتى. بىز ئاخىرى نەچچە كۈن نوپۇس دەپتەرلىرىنى ۋاراقلاش، يېزىلارغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ھامماملار ئىگىلىگەن ئەھۋال بىلەن ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشتۇق. ئەمدى قەشقەرگە بېرىپ گۈلسۈمخاننى تېپىشىمىز زۆرۈر ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدىن تۇرۇشلۇق ئورنىنى ئېنىقلاپ قەشقەرگە باردۇق. بۇ ئايالنى تېپىشىمىزمۇ ئاسانغا چۈشمىدى. ئۇ ئىسمىنى گۈلەمخان دەپ ئۆزگەرتىۋالغان بولغاچقا، بۇ يەردىمۇ بىرقانچە كۈن ئىزدەپ، ئاران دېگەندە تاپتۇق. ئۇ ئايالمۇ ياشىنىپ قالغان بولۇپ، بەزى ئىشلار ئېسىدە يوق ئىكەن، پەقەت بىز ئۇ باققان يەتتە ئايلىق بوۋاقنىڭ گېپىنى قىلغاندىلا ئاندىن ئېسىگە ئېلىپ، كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى.
    — ئۇ شۇنداق ئوماق قىز ئىدى. مەن توي قىلىدىغان بولۇپ قالمىغان بولسام، ئۇنى ئۆزۈم باققان بولاتتىم. لېكىن ئىككى بالىنى ئېلىپ باشقىلارنىڭ يۇرتىغا كەلسەم نېمە بولارمەن دەپ ئويلاپ ئۇنى مايسەمگە بەرگەن، — دېدى ئۇ كۆزلىرىنى قىسىپ.
    — مايسەم دېگەن سىزنىڭ نېمىڭىز ئىدى؟
    — يىراق تۇغقان كېلەتتۇق. ئۇنىڭ بىر قىز، ئىككى ئوغلى بار ئىدى. مەن ئۇنى مايسەمگە زورلىغاندەك قىلىپ بەرگەن. ئۇزۇن يىللار بولدى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى، بەلكىم ئۆلۈپمۇ كەتكەندۇ.
    بىز مومايغا پۇل بېرىپ خوشلىشىپ چىقتۇق. قولىمىزدا ھېچبولمىسا بىر ئادرېس پەيدا بولغانىدى. بىز غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ مايسەم دېگەن ئايالنى ئىزلىدۇق. بىرنەچچە كۈن ئىزلەپ، ئۇنى يىراق بىر چارۋىچىلىق رايونىدىن تاپتۇق. موماي بەك قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ قۇلىقىمۇ ئېغىر بولۇپ كېلىشتىكى مەقسىتىمىزنى مىڭ تەستە ئۇختۇردۇق.
    — مەن ئۇنى قۇشقاچتەك چېغىدا باققان، — دېدى موماي ئۈمچەرەپ تۇرۇپ، — ئۇ ئۆزىمۇ بېقىۋېلىنغانلىقىنى بىلمەيتتى.
    — ئۇنى بېقىۋالغان چاغدىكى ئىسمى نېمە ئىدى؟ — دەپ سورىدىم يەنە خاتا بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ.
    — ماھىنۇرخان ئىكەن، مەن ئۇنى ماھىبەرخان دەپ ئۆزگەرتكەن. موللاممۇ ئەزان توۋلاۋېتىپ بۇ بالىنىڭ بەخت تەلىيى ئوڭ ئىكەن دېگەن. لېكىن بىچارە قىزىم بىتەلەي چىقىپ قالدى. موماي كۆز يېشىنى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن ئېرتىۋەتكەندىن كېيىن، — سىلەر قىزىمنى ئەپكەتمەيدىغانسىلەر؟ — دېدى.
    — بىز قىزلىرىنى ئېلىپ كەتكىلى كەلمىدۇق، پەقەت ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاپىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويساقلا بولىدۇ. ئۇنى سىلى نەچچە ئون يىل باققان تۇرسىلا. شۇ تاپتا ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاپىسى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇپ تۇرۇپتۇ. بۇمۇ بىر ساۋابلىق ئىش دېسىلە.
    — ئۇنىڭ ئاپىسىنى چەت ئەلدىكەن دەپ ئاچام دەپ بەرگەن. ئۇ قايتىپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟
    موماي بىزگە گۇمان بىلەن قاراپ تۇراتتى. مەن مومايغا بىزنىڭ ئۇلارنى ئىزدەش جەريانىمىزنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن ئۇ بىردىنلا جىمىپ كەتتى.
    — ماھىبەرخان قىزىم نېمە دەركىن، ئۇ ھازىرغىچە ئۆزىنى مېنىڭ قىزىم دەپ بىلەتتى، — دېدى بىر ھازادىن كېيىن.
    — مۇنداق قىلايلى، — دېدىم مەن، — ئاۋۋال قىزلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بەزى ئىشلارنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا دەپ باقايلى. قالغان ئىشلارنى كېيىن ئۆزلىرى دەپ بەرسىلىرىمۇ بولىدۇ.
    — مەيلى ئەمىسە، لېكىن قىزلىرىمنىڭ ئىككىلىسى باشقا شەھەرلەرگە ياتلىق بولغان. ماھىبەرخان بالام ئالتە يىلدەك بولدى ئاقسۇدا ئىدى.
    موماي ئاخىرى ماقۇل بولدى. مەن ئۇنىڭ قىزىنىڭ بىز تۇرۇۋاتقان جايدا ئىكەنلىكىدىن بىر خىل يەڭگىللىك ھېس قىلدىم.
    — قىزلىرى ئۇ يەردە نېمە ئىش قىلاتتى؟
    — توي قىلغان، ئېرى نەنىڭدۇر باشلىقى دەيدۇ. بۇ ئىدارىلەرنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچە دېگەچكە تۇتۇپ بولالمايدىكەنمەن. ئۆزى سىپاجۈ دېگەندەك بىر ئىدارىغا يۆتكىلىپ بارغان.
    يۈرىكىم >قارت< قىلدى. ئادىلنىڭ ئايالى ماھىبەردىن باشقا ئەدلىيە ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان ئۇنداق ئىسىملىك ئايال يوق ئىدى.
    — كۈيئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئادىلمۇ؟
    — ھەئە، سىلى ئۇنى تونۇملا؟
    موماينىڭ گېپىگە بېشىمنى لىڭشىتىپلا قويدۇم.
    — نېمە كارامەت بۇ، — دەيتتىم ئىچىمدە، — ئۆزۈمنىڭ بىر نەۋرە ئاچىسى مېنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپ ئېرىم بىلەن توي قىلغان بولۇپ چىقتىمۇ ئەمدى. ئۆيدىكىلەرگە ئادىلنىڭ خوتۇنى ھاممامنىڭ قىزىكەن دېسەم، ئۇلار بەلكىم ھوشىدىن كېتەر. توۋا، بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى نېمە دېگەن قىزىق. ئەمدى بۇ ئىشلارنى ھاممامغا قانداق دېيىش كېرەك؟ ماھىبەرگە سەن ئەسلىي مېنىڭ بىر نەۋرە ئاچامكەنسەن دېسەم، ئۇ قايسى ھالغا كېلىپ قالار، ۋىجدانى ئازابلىنارمۇ؟
    خىياللىرىمنىڭ باش-ئايىغى يوق ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن ھاممامنىڭ قىزىنى تاپقاندىكىن ئۇنىڭغا ئەھۋالنى دېيىشىمىز كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماھىبەرنىڭ تېخى يۈز كۆرۈشمىگەن ئىككى ئاكىسى شۇ تاپتا سىڭلىسى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە تەقەززا بولۇۋاتقانىدى. بۇ ئەھۋالدا ماھىبەرگە ھەقىقىي ئەھۋالنى دېمەي بولمايتتى. لېكىن ئۇنىڭغا قانداق دېيىشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە ئىدى. بىز قايتىپ كېلىپ ھەممە ئەھۋالنى ھاممامغا ئېيتىپ بەردۇق. ھاممام شۈكلەپلا كەتتى. بىز ھاممامنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بۇ ئىشنى ئاۋۋال ماھىبەر ئۇققاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى لايىق تاپتۇق. بۇ ئويىمىزغا ھامماممۇ قوشۇلدى ھەم تونۇشۇشتىن ئىلگىرى قىزىنى يىراقتىن بولسىمۇ كۆرگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن بىر كۈنى ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدا ھاممامغا ماھىبەرنى كۆرسىتىپ قويدۇم. ھاممام لەۋلىرىنى چىڭ چىشلىگىنىچە ماھىبەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ يىغلاپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھاممام پات-پات ماھىبەرنىڭ ئۆتەر يولىدا ئۇنى كۆرۈپ كېلىدىغان بولدى. نېمىلا بولمىسۇن، ھاممامنىڭ يۈرەك يارىسى خېلى ساقايغان بولۇپ كەيپىياتىمۇ ياخشى ئىدى. ماھىبەرنى كۆرگەن كۈنلىرى ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كېتەتتى. بىز سوۋغات تەييارلاپ ھاممامنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئىككىنچى قېتىم ماھىبەرنىڭ ئاپىسىنى يوقلاپ باردۇق. بۇ قېتىم موماي بىزنىڭ مەقسىتىمىزنى ئاسانلا چۈشەندى. ئۇ ماھىبەرنى چاقىرىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى دەيدىغان بولدى. لېكىن ئۇ يەنىلا ماھىبەرنىڭ ئاپىسى ئۇنى ئەكىتىمەن دېسە ئۇنىمايمەن، دەپ تۇرۇۋالدى. بىز ئۇنىڭغا قايتا-قايتا چۈشەنچە بېرىپ، ئاخىرى قايىل قىلىپ قايتىپ كەلدۇق. ئەمەلىيەتتە ھامماممۇ ئۇنداق قىلالمايتتى. پەقەت ئۆز قىزى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ قانداق تۇرغانلىقىنى بىلسىلا، قالغان ئىشلار يەنىلا ماھىبەرنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىدى. بىز قايتىپ كېلىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن ماھىبەرنىڭ يۇرتىغا كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئاپىسى ئۇنى چاقىرتقانىكەن. بىز ماھىبەرنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتتۇق. شۇ مەزگىللەردە ئادىلنى تولىمۇ ئاز ئۇچرىتاتتىم. بالىلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولسا تېلېفون قىلىپ چاقىرىپ ئەچىقاتتى. بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ قەلبىنۇرنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويۇپ قايتاشىدا ئىشىك ئالدىدا ئۇچرىتىپ قالدىم.
    — قانداق تۇرۇۋاتىسەن؟ — دېدى ئۇ، كۆزلىرىنى مەندىن ئېپقاچقاندەك قارا كۆزەينىكىنى تاقىغاچ، — تۇغقانلار كەپتۇ دەپ ئاڭلىغان، كەتتىمۇ؟
    — ياق تېخى، ئۇلار بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ. ئايالىڭىز كۆرۈنمەيدىغۇ؟ — دېدىم مەن ئۇنىڭمۇ بىر ئىشلاردىن خەۋىرى باردەك ھېس قىلىپ.
    — قېينانام چاقىرىپ ئەكەتكەن. بىرقانچە كۈندىن كېيىن كەلگۈدەك. قەلبىنۇرغا پۇل بەردىم، كىيىم ئېلىپ بەر. ئىلمىنۇرنىڭ بەك بوينى قاتتىق چوڭ بوپتۇ، پۇل بەرسەممۇ ئالمايدۇ.
    — ئىشلەۋاتقاندىكىن دەپ ئالمىغاندۇر ھەقىچان.
    ئادىل بىر-ئىككى قەدەم مېڭىپ توختاپ قالدى.
    — سەندىن بىر گەپنى سوراي دېگەن.
    — ئۇنداق بولسا بۇ يەردە تۇرماي ئۆيگە كىرەيلى، — دېدىم مەن چوقۇم ماھىبەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ. ئۇمۇ تارتىشمايلا ئۆيگە كىردى. مەن داستىخان سېلىپ تاتلىق-تۇرۇملارنى تىزىپ ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
    — قازاقىستاندىن كەلگەن ھامماڭنىڭ قىزى يىتىپ كېتىپتىكەنمۇ؟ — دېدى ئۇ گەپنى ئۇدۇللا قىلىپ.
    — شۇنداق، بىز بىرقانچە ئايدىن بېرى ئىزلەۋاتىمىز، — دېدىم مەن ئىزلەپ تاپقانلىقىمنى يوشۇرۇپراق.
    — بۇ ئىشنىڭ ھەممىسىنى سەن قىپسەن-ھە؟
    — ھاممام ماڭا ھاۋالە قىلغان. نېمىلا بولمىسۇن ھاممامنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇراي دەپ خېلى جاپا تارتتىم.
    ئادىل گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.
    — بۇ ئىشنى ماھىبەردىن ئاڭلىدىم. ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟ — دېدى ئۇ ئېغىز ئېچىپ.
    — مەن قانداق قىلاتتىم. ناۋادا ماھىبەر ئۆز ئاپىسىنى ئېتىراپ قىلسا ھاممام بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ھاممامنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ.
    — ئۇنداقتا ماھىبەر سېنىڭ ئاچاڭ بولىدىكەندە؟
    — شۇنداق. ئۇ مېنىڭ نېمەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ئاپىسى بىلەن كۆرۈشۈشى كېرەك. ھاممام قىزى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بولسىلا قايتىدۇ. كېيىنكى ئىشلار ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ.
    — لېكىن ماھىبەر ئاپىسى بىلەن كۆرۈشمىسىچۇ؟
    — مېنىڭچە مۇمكىن ئەمەس.
    بىز بۇ توغرۇلۇق ئۇزاق پاراڭلاشمىدۇق. ئادىل خۇددى بۇ ئىشلارنى قەستەن مەن كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك خاپا ئىدى.
    — ئەتە ماھىبەرنى ئەكەلگىلى ماڭىمەن. ئۇ مېنى ئۆزىڭىز كېلىڭ دەپتۇ، — دېدى ئۇ قايتىدىغان چاغدا. نېمىشقىدۇر يۈرىكىمنىڭ بىر يېرى چىممىدە قىلىپ قالدى. مەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇپ كىرىپ، خېلى بىر كەمگىچە خىيال سۈردۈم. تۇرۇپلا خىيالىمغا ئىبادەت كېلىپ قالدى. ھاممامنىڭ ئىشى بىلەن يۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. مەن ئۇنى يوقلاپ كەلمەكچى بولۇپ، ئىلمىنۇرغا تېلېفون قىلدىم. ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇللا ئىبادەتنىڭ دۇكىنىغا بارىدىغان بولدى. قەلبىنۇرمۇ زۆھرە سىڭلىمنى كۆرىمەن، دەپ بەكلا خۇش بولۇپ كەتكەنىدى. بىز دۇكانغا كەلگەندە ئىبادەتمۇ ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرۇپتىكەن، بىزنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.
    — مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟ چىرايىڭىزدا قان يوقتەكلا ساغىرىپ كېتىپسىز.
    — راستتىنلا مىجەزىم يوق، ئاچا، تۈنۈگۈن دوختۇرخانىغا بارغان، بالنىستتا يات دەيدۇ، — دېدى ئۇ سولغان قىياپەتتە.
    — ئۇنداق بولسا يېتىپ داۋالىنىڭ، زۆھرەگە مەن قاراي، ئاچىسى بىلەن بىللە مەكتەپكە بېرىپ كەلسىمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ، پۇل دېگەننى قاچان تاپسىڭىز بولۇۋېرىدۇ، سالامەتلىك مۇھىم.
    مەن ئاخىر ئۇنى بالنىستتا يېتىشقا قايىل قىلدىم. مەن ھەر كۈنى بالىلارنى مەكتەپكە يولغا سېلىۋېتىپ ئىشقا باراتتىم، ئىشتىن قايتقاچ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئىبادەتنى يوقلايتتىم. بىر كۈنى كەچتە مەن دوختۇرخانىغا كېلىپلا، بىر قانچە دوختۇرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدىن ئىككىيلەننى كۆتۈرۈپ ئەكىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
    — ئادىل شۇجىكەن، — دېدى بىرى، — ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپتۇ. ماشىنىدا ئايالى، قىزى، ئۆزى ھەم يەنە بىرەيلەن باركەنتۇق. ئاقسۇغا ئەللىك كىلومېتىر قالغاندا يول ياقىسىغا توختىتىپ قويغان يۈك ماشىنىسىغا ئۈسۈپتۇ. بىرى قازا قىلغان ئوخشايدۇ. بۇلار بەك ئېغىر يارىلىنىپتۇمىش.
    — مۇشۇ باشلىقلارمىزە، شوپۇرنى بەرگەندىكىن نېمە قىلىدۇ رولغا ئۆزى چىقىپ.
    ئەتراپتىكىلەرنىڭ گېپى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. مەن دەرھال ئۆيگە قايتىپ ئىلمىنۇرغا ئەھۋالنى ئېيتتىم. بىز دوختۇرخانىغا كەلگەندە ئادىلنىڭ يېنىدا ئىلمىنۇر، ماھىبەرنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ ئاپىسى بار ئىكەن. موماي بىزنى كۆرۈپ ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى. ماھىبەرنىڭ مېڭە قىسمى ئېغىر يارىلانغانلىقتىن تېخىچە ھوشىغا كەلمىگەنىكەن. ئادىلنىڭ پۇتى ئىككى يەردىن سۇنۇپ، ئۇمۇرتقىسى ئاجرىغانلىقتىن، ئۇمۇ ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، كۆزىنى ئارانلا ئاچقۇدەك بوپتۇ. خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ماھىبەرنىڭ قىزى ساق قالغان ئىدى. ئۇ قىزنىڭ جەينىكى ئازراق سۈرۈلگەندىن باشقا، قورقۇپ كەتكەنلىكتىن مىشىلداپ يىغلاپ ئولتۇراتتى. بىز ئاۋۋال ماھىبەرنىڭ يېنىغا كىردۇق. ھاممام ماھىبەرگە تاشلىنىپ يىغلايتتى.
    — قىزىم كۆزىڭىزنى ئېچىڭ. مەن سىزنى ئىزلەپ ئاران تاپقاندا ماڭا بىر قاراپ قويۇڭ، قىزىم، مېنىڭ ئۇتىڭىزدا كۆيگەن يۈرىكىمگە، ئاران قالغان قېرى جېنىمغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن. كۆزىڭىزنى ئېچىڭ!...
    ھاممام سېسترالارنىڭ »ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماڭلار، بىمارغا زىيانلىق« دېگەن گېپىدىن كېيىن جىم بولۇپ ئىچىدە يىغلايتتى. ئۇنىڭ توختىماي >خۇدا، مېنى كەچۈرگىن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، قىزىمنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىنى كۆزۈمگە سۈرتۈۋالاي، ئۇنى باغرىمغا بېسىۋالاي< دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. بۇ قىسمەتلەرگە نېمە دېيىشىمنى بىلمەيتتىم. بۇ بەختسىزلىككە قاراپ، كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمايتتىم. مەن ھاممامنى ماھىبەرنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ، ئادىلنىڭ يېنىغا چىقتىم. ئۇ مېنى كۆرۈپلا كۆزلىرىنى يۇمۇپ يېتىۋالدى. مەن ئىلمىنۇرنى كەتكۈزۈۋېتىپ، ئادىلنىڭ يېنىدا ئۆزۈم قالدىم. ئادىلنىڭ بىردىنبىر يېقىن تۇغقىنى بولغان ئىنىسى بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ باشقا تۇغقانلىرى بەك ئىزدىشىپ كەتمەيتتى. ئۇلار بىرقانچە كۈندە بىر كېلىپ، يوقلاپ تۇرغىنى بىلەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىزچىل تۇرۇپ قارىيالمايتتى. شۇڭا مەن يەنىلا ئۇلارغا ئۆزۈم قاراشنى توغرا تاپتىم. ماھىبەرنىڭ ئاپىسىمۇ قېرىپ قالغاچقا، كېسەل بېقىشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى. شۇڭا ماھىبەرنىڭ قىزىنى ھاممام ئۆزى ئېلىپ كەتتى. مەن ئىدارىدىن روخسەت سوراپ بۇ ئىككى بىمارغا قاراشقا باشلىدىم. ھاممام ۋە ئۆيدىكىلەر ھەر كۈنى تاماق ئەكىلىپ بەرگەچ، ئۇلارنى كۆرۈپ كېتەتتى. ماھىبەر ئون كۈندىن كېيىن كۆزىنى ئاچتى. لېكىن ئۇ ھېچكىمنى تونۇمايتتى. ئۇ ھەتتا قىزىنىمۇ تونۇمىدى. ھاممام بىلەن ماھىبەرنىڭ ئاپىسى توختىماي كۆز يېشى قىلاتتى. گەرچە ئالدىمدا ياتقان ئايال مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى تارتىۋالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىم يوقاپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم. مەن دوختۇردىن ماھىبەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلدىم. دوختۇر بۇنىڭ نورمال ئەھۋاللىقىنى، بىر مەزگىلدىن كېيىن ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن دوختۇرنىڭ گېپىنى ھامماملارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدىم. بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتە ئىبادەتنىڭ يېنىغا كىردىم. ئۇ نەرسە-كېرەكلىرىنى جايلاشتۇرۇۋاتقانىكەن.
    — دوختۇردىن چىقىپ كېتەي دەيمەن، ئاچا، سىزمۇ جاپا تارتىۋاتىسىز، زۆھرەنىمۇ سىلەر بېقىۋاتىسىلەر، — دېدى ئۇ خىجىل بولغان ھالدا، — بەرىبىر ياخشىلىنالمايدىغان بولدۇم. شۇڭا بۇنداق ياتقاندىن مەنمۇ چىقىپ سىزگە قارىشىپ بېرەي. ئىلمىنۇرمۇ خىزمەت قىلىدۇ، ئەتىدىن باشلاپ قەلبىنۇر بىلەن زۆھرەگە مەن قاراي.
    — ساقايماي چىقىپ كەتسىڭىز بولماس، بالىلارغا ئاپاملار بىر ئوبدان قاراۋاتىدىغۇ؟ — دېدىم مەن ئۇنىڭدىن نارازى بولۇپ.
    — مەندىكى بۇ كونا كېسەل، ئاچا، بىر كۈنى سىز ئالدىرىمىغان ۋاقىتتا سىزگە دەپ بېرىمەن. يەنىلا چىقىپ كېتەي. كېرەكلىك دورىلارنى ئۆيدە ئىشلەتسەممۇ بولىدۇ.
    ئىبادەت بالنىستتىن چىقىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئورۇقلاپ بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان گەۋدىسىگە قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. مۇشۇ كۈنلەردە ئادىل خېلى ياخشى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا خىجىل بولدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ماڭا بىر ئېغىز گەپ قىلىپ باقمىغانىدى. بىر كۈنى ئۇ تۇنجى قېتىم مەندىن ئىنىسىنى سورىدى. ئۇنىڭغا دېمەي دەپ تۇرۇپ يىغلاپ سالدىم. ئۇ بۇنىڭدىن بولغان ئىشنى ئاللىقاچان بىلىپ يەتتى. ئۇنىڭ ياشلىرى مەڭزىگە ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭغا لۆڭگىنى سۇنۇپ بەرگەچ تەسەللى بەردىم.
    — بولدى، ئادىل، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. بولىدىغان ئىش بولدى، رەھمەتلىكنىڭ روھى قورۇنۇپ قالىدۇ.
    — ھەممىنى قىلغان مەن، — دېدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ، — ئۇنىڭغا مېنى ساقلا، مەن ئەكىتىمەن دېمىگەن بولسام بۇ ئىش بولمايتتى.
    — پېشانىسىگە شۇ قىسمەت پۈتۈلگەن بولسا، ئۇنىڭغا ئىنساننىڭ قولىدىن ھېچقانداق بىر داۋا يوق، ئادىل. يەنىلا خاتىرجەم داۋالىنىپ چىقىشىڭىز كېرەك.
    مەن ئۇنىڭغا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدىم. ئۆزۈم دېگەن گەپلەردىن ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم. مەن قاچانلاردا يۈرۈپ بۇنچىلىك گەپدان بولۇپ كەتكەندىمەن. دېگەنلىرىم شۇنچىلىك ئورۇنلۇق ئىدىكى، ئۆزۈمنى نۇرغۇن ئىش كۆرگەن مومايلاردەك ھېس قىلىپ قالدىم. نېمىلا دېگەنبىلەن گەپلىرىم ئەتراپىمدىكىلەرگە تەسەللى بولدى. ھاممام، ئاپام، ماھىبەرنىڭ ئاپىسىمۇ ھەممە ئىشتا مېنىڭ ئېغىزىمغا قارايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ماھىبەر ماڭغۇدەك بولسىمۇ ئۇنىڭ تېخىچە ئېسى يوق ئىدى. كېيىن ئۇلار ماھىبەرنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ كېلىشكە بۇيرۇدى. ئۇلارنى ئىلمىنۇرئېلىپ كېتىپ، ئۈچ كۈندە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئېپكەلگەن خەۋەر ئادەمنى ئەندىشىگە سالاتتى. ماھىبەرنىڭ كېسىلى ئادەتتىكى ئېسىنى يوقىتىش بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ كېيىنچە ئىلىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. ئۇنىڭغا باشقىچە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىمۇ يوقكەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەمممىز بىئارام بولدۇق. ئىككى ئايدىن كېيىن ئادىلمۇ بالنىستتىن چىقتى. لېكىن ئۇنىڭ پۇتىدا گىپىس بولغىنى ھەم ئۇمۇرتقا ئوپېراتسىيىسى قىلىنغانلىقتىن بىرقانچە يىل چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشى كېرەككەن. مەن ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە ئەپكەلدىم. ماھىبەرنىڭ ئاپىسى كىچىك قىزىنىمۇ چاقىرتقان بولۇپ، ئۇلار ماھىبەرنى يەنىمۇ مۇكەممەل داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتتى. ھامماممۇ ئىككى ئوغلىنى كەتكۈزۈۋېتىپ، ئۆزى ئۇلار بىلەن بىللە كەتتى.
    بىر كۈنى ئەمدىلا ئىشخانىغا بېرىپ تۇرۇۋېدىم، ئىبادەتتىن تېلېفون كېلىپ قالدى. تېلېفۇندا ئۇ مەن بىلەن جىددىي كۆرۈشمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىۋېدى، جىددىيلىشىپ قالدىم. قولۇمدىكى ئىشلارنى ئالدىراپ تۈگىتىپ، ئۇنىڭ دۇكىنىغا كەلدىم. ئۇ خېلىدىن بېرى دۇكىنىنى ئاچمىغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ يان تەرەپتىكى ياتاق ئۆيىگە كىرگەن ۋاقتىمدا ئۇ كارىۋاتتا ئىكەن.
    — ئولتۇرۇڭ، ئاچا، — دېدى ئۇ مېنى يېنىدىكى ساپاغا تەكلىپ قىلىپ، — بىرقانچە كۈن بولدى بەك مىجەزىم يوق. شۇڭا سىزگە دەيدىغان گەپلىرىمنى دەۋالاي دەپ چاقىرتقان.
    — نېمە دەيدىغانسىز، سىز تېخى ياش تۇرسىڭىز، ئۆتكەندە دوختۇردىن ئالدىراپ چىقىپ كەتتىڭىز ئەمەسمۇ؟ — دېدىم مەن يەنىلا ئۇنىڭدىن نارازى بولۇپ.
    — سىز بىلمەيسىز، ئاچا، مېنىڭ كېسىلىم پىشىپ قالغان كېسەل. ھەرقانچە داۋالانساممۇ بەرىبىر. شۇڭا مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئويلاپ يۈرگەن بىر ئىشنى سىزگە دېمەكچى، ئاۋۋال ماقۇل بولۇڭ.
    مەن ئۇنىڭ گەپلىرىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا ماقۇل بولغانلىقىمنى باش لىڭشىتىپ بىلدۈرگەن بولدۇم.
    — قىزىمنى سىز بېقىۋېلىڭ، بولامدۇ؟
    مەن چۆچۈپ كەتتىم. ئەمدىلا گەپ قىلماقچى بولۇپ، ئېغىزىمنى ئۆمەللىشىمگە ئۇ گېپىنى باشلىدى.
    — نېمە دەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. سىزگە راست گەپنى دېسەم، مەن ئادەتتىكى ئاياللار كېسىلى ئەمەس. سىز بىلەن ئۈرۈمچىدە كۆرۈشكەن مەزگىلدە ماڭا داس بوشلۇقى راكى دەپ دىئاگنوز قويۇپ بولغان. ئوپېراتسىيە قىلىش مەزگىلىدىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، بىر مەزگىل داۋالىنىپ بولدى قىلغان ئىدىم. كېيىن مەن قىزىمنى ئويلاپ يەنىلا بىرقانچە قېتىم خېمىيىلىك داۋالانغان، خېلى ياخشى بولغان. لېكىن دوختۇرمۇ ماڭا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۆمۈرنى مەلۇم مەزگىل ئۇزارتالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ كۈنلەردە ئۆلۈپ كەتسەم، بالامنى قانداق قىلارمەن، ئۇمۇ مەندەك كۈنگە قالارمۇ دەپ ئەندىشە قىلاتتىم. كېچىلىرى قىزىمنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كېتەتتىم. كېيىن مەن سىز بىلەن ئۇچرىشىپ، نېمىشقىدۇر ئۈمىدۋار بولۇپ قالدىم. بۇ مەزگىللەردە مەن ئىزچىل دورا ئىشلىتىپ كەلدىم. مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىممۇ قىزىمنى ئىشەنچلىك ئادەمگە، سىزگە تاپشۇرۇش ئىدى. مانا ھازىر ئۆمرۈم ئازلا قالدى. قايسى كۈنى دوختۇر ماڭا ئەمدى داۋالانغاننىڭ پايدىسى يوق، دېدى. شۇڭا قايتىپ چىققان، بىر قانچە كۈن بولدى، بەك ئاجىزلاپ كەتتىم. شۇڭا كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا سىزگە بۇ گەپلەرنى دەۋالغۇم كەلدى. ھەرگىز رەت قىلماڭ. دۇنيادا مەن سىزدەك ئاق كۆڭۈل، سىزدەك كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ئايالنى كۆرۈپ باقمىغان. سىز بولغاچقىلا مەن ئىشەنچ بىلەن ياشاپ كەلدىم. ناۋادا بالامنى سىزگە تاپشۇرۇۋالمىسام، خاتىرجەم كۆزۈم يۇمۇلاتتى.
    ئۇ گەپلىرىنى دەپ بولغىچە كۆزىدىن بىرتېمىم ياش چىقارمىدى. شۇنداق سالماق ھالدا گەپلىرىنى دەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلۇغ-كىچىك تىندى. مەن ئۇنىڭ شۇنچە قەيسەرلىكىگە ھەيران قالدىم. بىر تۇرۇپ بۇ ئىشلارغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى بىلگەندەك ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.
    — بەلكىم ئىشەنسىڭىز، مەن قىزىمغا ئاتاپ يىغقان پۇللىرىمنى كارتىغا سېلىپ قويدۇم. ئۇنىڭغا ئوتتۇز مىڭ يۈەن بار. مەن بۇ پۇللارنى يىغىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، ئۆزۈمنىڭ تۇيۇقسىز ھېچكىم بىلمەي كېتىپ قېلىشىمدىن ئەندىشە قىلاتتىم. ھېلىمۇ دوختۇرلارنىڭ دېگىنىدىن ئۇزاق ياشىدىم. مەن شۇنىڭغا شۈكۈر دەيمەن.
    نېمىشقىدۇر كۆز يېشىمنى تۇتالماي قالدىم.
    — ھەرگىز يىغلىماڭ. مەن سىزدەك بىر ئاچام بولغىنى ئۈچۈن خۇش، مەن سىزگە ھېچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم، لېكىن سىز ماڭا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بەردىڭىز، ماڭا ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگەتتىڭىز. ماڭا ماقۇل بولۇڭ، قىزىمنى ئېلىپ قېلىڭ، بولامدۇ؟
    مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. تىلىمغا گەپ كەلمەيتتى، ئىبادەتنىڭ خوۋلۇق كۆرمەي ئۆتكەن ھاياتىغا ئېچىناتتىم. بەختسىزلىكىگە ئېچىناتتىم. كۆڭلۈمدە ئۇنى ھېچبولمىسا بىر بەختلىك ئائىلىنىڭ مېھرىنى بىرەر قېتىم ھېس قىلغان بولسا ياكى بىرەر ۋاپادار يىگىتنىڭ مۇھەببىتىدىن شادلانغان بولسا تېخىمۇ ئۇزۇنراق ياشىغان بولارمىكىن دەپ ئويلايتتىم. قىسقىسى، بۇ شور پېشانە قىزنىڭ ھاياتىغا ھەممىدىن بەك ئېچىناتتىم. مەن ئۇنىڭ بالىغا ياخشى قارايدىغانلىقىم توغرىسىدا ۋەدە بەردىم. ئۇنىڭغا چىرايى بىردەمدىلا ئېچىلىپ كەتتى. ئۇنى ئۆيگە ئەكىتەي ياكى دوختۇرخانىغا ئاپىراي دېسەم قەتئىي ئۇنىمىدى. ئۆزىنىڭ بىرەيلەننى تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. لېكىن مەن ئۇ ياللىغان ئادەم كەلگۈچە كەتمىدىم. ئۇ ياللىغان قىزغا تېلېفون نومۇرۇمنى بېرىپ، قايتا-قايتا تاپىلاپ خوشلىشىپ قايتىپ كەتتىم. شۇ تاپتا ئەتراپىمدا ماڭا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلارغا ئەقلىم يەتمەيتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈنى ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ تۇرىدىغان بولدۇم. ئون كۈندىن كېيىن مەن ئىبادەتنىڭ ياتىقىغا تېلېفون قىلغاندا باققۇچى قىز ئەھۋالى ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. مەن دەرھال يېتىپ باردىم. ئىبادەتنىڭ گەپ قىلغۇدەك مادارى قالمىغانىكەن. ئۇ مېنى كۆرۈپ بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرىدىن تارتىپ، بۇرنىنىڭ ئۇچىغا سوزۇلغان سېرىقلىققا قاراپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال دادامنى چاقىرتتىم. دادام ئۆزى بىلەن بىللە قوشنىمىزنى ئالغاچ كەلگەنىكەن. ئۇ كىشى ئايەت سۈيى قىلىپ، ئىبادەتنىڭ ئېغىزىغا تېمىتتى. بىر-ئىككى سائەتلەردىن كېيىن ئۇ يېرىم ئوچۇق تۇرغان كۆزىنى ئاستا يۇمدى. يۈرىكىم ئەنسىز سېلىپ كەتتى. دادام ئۇنىڭ بويۇن تومۇرىنى تۇتۇپلا، ماڭا ئۈمىدسىز نەزەردە قارىدى. مەن ئۇنىڭ چىرايىدىكى خاتىرجەملىكنىڭ ئۆچمىگەنلىكىنى كۆردۈم. مەن ئۇنىڭ ئىشكاپىدىن ئېڭىكىنى چىگىدىغان لاتا ئىزدەپ ھەيران قالدىم. ئىشكاپتا ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ھەممىسى تەييار ئىدى. ئۇ ھەتتا كېپەنلىكىنىمۇ تىكتۈرۈپ قويغانىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قانۇن ئورۇنلىرى ئەنگە ئالغان ۋەسىيەتنامىسىنى كىپەنلىكنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويغانىكەن. كۆز ياشلىرىمنى تۇتالمىغان ھالدا ئالدىن تەييارلانغان نەرسىلەرنى ئالدىم. ئاندىن ئۇنىڭ تۇغقانلىرىغا خەۋەر بەردىم. ئۇلار كېلىپ يىغلىشىپ كەتتى. ئاندىن ئۇنى بىر نەۋرە ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە يۆتكىدۇق. مەن مەكتەپكە بېرىپ زۆھرەنى ئەكەلدىم. ئاپىسىنىڭ چىرايىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىۋەتمەكچى بولۇۋېدىم، ئۇ ئاپىسىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ تۇرۇۋالدى. مەن ئۆيگە بېرىپ ئىشلارنى بىر قۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كەلدىم. ئەتىسى ئىبادەتنىڭ نامىزى داغدۇغىسىزلا ئۇزىتىلدى. مەن زۆھرەنى ئەكەتتىم. ئاپىسىنىڭ قىرىق نەزىرى بولغان كۈنى مەن ئىبادەتنىڭ قەبرە بېشىغا سالاسۇن قويدۇردۇم. گەرچە ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ھېچنېمىسى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئىزى ئۆچۈپ كەتسە بولمايتتى. زۆھرەگە ئاپىسىنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشنى ئۆگەتتىم. ئادىل نېمىشقىدۇر زۆھرەگە قىلغان كۆيۈمچانلىقىمنى چۈشەنمىگەندەك قىلاتتى. مەن بىرقانچە قېتىم ئۇنىڭغا زۆھرە توغرۇلۇق گەپ قىلاي دەپ يەنىلا دېيەلمىدىم. زۆھرە بۇرۇندىن بىزنىڭ بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەچكە تېزلا كۆنۈپ كەتتى. ئادىلنىڭ پۇتىدىكى گىپىسلار ئېلىۋېتىپ، خېلى ياخشى بولۇپ قالدى. ئۇ ھاسا تاياق بىلەن ئاستا مېڭىشنى مەشىق قىلاتتى. ماھىبەرنىڭ كېسىلىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغاچ، ئۇلار ئۇنى دوختۇرخانىدىن قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ كېسىلى بۇرۇنقىدىنمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بىر نېمىلەرنى دەپ سۆزلەيتتى، بەزىدە يىغلاپ كېتەتتى. قىزىنى كۆرسە جىن كەلدى، دەپ قاچاتتى. ھەممىمىز ئامالسىز قالغانىدۇق.
    — مەن ئۇنى ئېلىپ كېتەي دېدىم، قىزىم، — دېدى بىر كۈنى ھاممام كۆز يېشى قىلىپ، — ئۇنىڭ ئاپىسىمۇ قوشۇلدى. شۇ يەردە داۋالاتسام ساقىيىپ قالسىمۇ ئەجەب ئەمەس.
    — ئاۋۋال ئادىلغا دەپ باقايلى، ئۇ ئۇنىمىسا يەنە بولماسمىكىن، — دېدىم مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنى بويىچە، — ئاچا، سىلەر ماھىبەرنىڭ ئاپىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ قايتۇرۇۋېتىپ تۇرۇڭلار. ئۇلار قارىغان بىلەنمۇ بەرىبىر ئۇنىڭ كېسىلى ياخشىلىنىپ قالمايدۇ.
    ئەتىسى مەن ئادىلغا بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئاچتىم.
    — ھامماملار ماھىبەرنى ئاپىرىپ ئۆزىمىز داۋالاتساق، ياخشى بولۇپ قالسا ئاندىن ئەكىلەرمىز دەيدۇ. سىز قانداق قارايسىزكىن؟
    — قېيناناملار نېمە دەپتۇ؟ — دېدى ئادىل، — مەن بۇ ھالدا تۇرسام نېمىمۇ دېيەلەيمەن.
    — لېكىن سىز دېگەن ئۇنىڭ ئېرى، ئاۋۋال بۇ ئىشقا سىز قوشۇلۇشىڭىز كېرەك.
    — مەيلى، ھېلىمۇ سىلەرگە كۆپ ئېغىرلىق سالدۇق. ئۇنىڭغا قارايدىغانمۇ ئادەم كېرەك. قېيناناملارنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۇلار رازى بولسا مېنىڭمۇ باشقا پىكرىم يوق.
    مەن ئادىلنىڭ گېپىنى ھاممامغا يەتكۈزدۈم. ئۇ ئوغۇللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دەرھال رەسمىيەت بېجىرىدىغان بولدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن ھاممامنىڭ چوڭ ئوغلى كېلىپ، ھاممام بىلەن ماھىبەرنى ئېلىپ كەتتى. ئادىلنىڭ ماھىبەرنىڭ قىزىنى ئېلىپ قالغۇسى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنى قالسۇن، كېيىن ئەۋەتىپ بېرەيلى، دەپ ئېپقالدىم. مەن خىيالىمدا ئادىل ماھىبەرنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن قىزىنى ئېلىپ قالدى دەپ ئويلىدىم.
    »ئىنسان دېگەنگە ئامەت مەڭگۈلۈك ئەمەس« دېگىنى راست بولسا كېرەك، ئادىل ھادىسىگە ئۇچراپ سەككىز ئاي بولغاندا بىرىنلا ئۇنى يوقلاپ كېلىدىغان ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ، سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. مېنى كۆرسە ۋاي ئادىل شۇجىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ دەپ ئېگىلىپ كېتىدىغان بەزىلەر كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان بولۇپ كەتتى. بالا كەلسە قوش كەپتۇ، دېگەندەك ئادىلنىڭ ئىدارىسى ئادىلنىڭ ئۈستىدىن ئىدارىغا كەلتۈرگەن زىياننى تۆلەش توغرىسىدا ئەرز قىلغانىكەن. بىز بېكىتىلگەن كۈنى سوتقا باردۇق. ئادىل چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئادىلنى رەھبىرىي كادىرلار ماشىنا ھەيدىمەسلىك، دېگەن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان، شوپۇرنى ئالماي سىرتقا چىققان، سىرتقا چىققانلىقىنى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىككە ئۇقتۇرمىغان، شۇنىڭ بىلەن ھادىسىگە ئۇچراپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە ھەم بەش يۈز مىڭ يۈەن ھۆكۈمەت پۇلىغا زىيان سالغان. قاتناش تارماقلىرىنىڭ دەلىللىگەن ئىسپاتىدا ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ يەتمىش پىرسەنت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەم كېلىپ چىققان زىياننىڭ يېرىمىنى تۆلىشى كېرەك، دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. ئادىل ئەيىبنامىغا ھېچقانچە نارازىلىق بىلدۈرمىدى. مەن ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالدىم. قايتىپ بارغاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم.
    — نېمىشقا نارازىلىق بىلدۈرمەيسىز، ھېچبولمىسا نارازىلىق ئەرز بەرسەكمۇ بولاتتى ئەمەسمۇ؟
    — پايدىسى يوق، — دېدى ئۇ غەمكىن ھالدا، — بۇنىڭغا ئۆزۈم ئەيىبلىك، مېنىڭ ئىلگىرى بىرقانچە ئەمەلدار بىلەن ئېتىشىپ قالغان يېرىم بار ئىدى. بۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئۇلار مەندىن ئۆچ ئېلىۋاتقان گەپ. ھەرقانچە قىلغان بىلەن زىيان مانا مەن، دەپ كۆرۈنۈپ تۇرسا نېمە دېگىلى بولىدۇ؟
    لېكىن مەن قايىل بولمىدىم، ئادۋوكاتلارنى ئىزدەپ، ھەر خىل قانۇنلارغا تەتبىقلاپ يۈرۈپ نارازىلىق ئەرز بەردىم. قايتا سوت ئېچىلغاندا مەن تاللىغان ئادۋوكات ھەر خىل پاكىتلار ئارقىلىق سوتچىلارنى قايىل قىلدى. شۇنداق قىلىپ زىياننىڭ يىگىرمە پىرسەنتىنى تۆلەيدىغان بولدۇق. بۇمۇ ئادىل ئۈچۈن ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ باشقىچە شۈكلەپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. مەن قىلچە چاندۇرماي، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋەردىم. بىر يىل ئۆتكەن بىر كۈنى مەن ئادىلنىڭ زۆھرەنى ئەركىلىتىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا زۆھرە توغرۇلۇق گەپ قىلغۇم كەلدى.
    — زۆھرە قەلبىنۇرغا ئوخشايدۇ-ھە؟ — دېدىم گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمىگەندەك.
    — راستلا ئوخشايدىكەن، بەزى قىلىقلىرىمۇ ئوخشايدىكەن، — دېدى ئۇمۇ.
    — قەلبىنۇر سىزنى تارتقان. زۆھرەنىڭ ئاپىسىنىڭ كىملىكىنى دەپ بەرسەم بەلكىم ئىشەنمەيسىز. بەلكىم ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، سىز ئىلگىرى ئىبادەت ئىسىملىك قىز بىلەن ئارىلاشقان. ئۇ قىز ئېغىر ئاياغ بولۇپ قالغاندا >ك< ناھىيىسىگە ئاپىرىپ قويغان ئىبادەت دەل زۆھرەنىڭ ئاپىسى بولىدۇ.
    ئادىل توك تەپكەندەك چۆچۈپ ماڭا تىكىلىپ قالدى.
    — ئۇ... ئۇنداقتا ھېلىقى ئايال شۇ ئىبادەتمۇ؟
    — شۇنداق، تۇرمۇشنىڭ رەھىمسىزلىكى ئۇنى شۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان. لېكىن شۇ ئىبادەت ئەينى چاغدا سىز تاشلىۋەتكەن قىز شۇ.
    ئادىل جىمىپ كەتتى. ئارىنى چىۋىن ئۇچسا ئاڭلىغۇدەك جىمجىتلىق قاپلىدى.
    مەن زۆھرەگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم. ئۇ تۇرۇپلا يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى بىلىشى ھەق دەپ ئويلايتتىم.
    — ئۇنداقتا سىز ھەممە ئىشلارنى بىلىدىكەنسىز، شۇنداقمۇ؟
    — شۇنداق.
    مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمىدىم. ئۇ بىر ھازا يىغلاپ جىمىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ زۆھرەگە تىكىلىپمۇ قارىمايدىغان بولۇپ قالدى.
    — زۆھرە تېخى كىچىك، ئۇ بىلمىسىمۇ سىز ئۇنىڭ ئۆز قىزىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىز، ئۇنىڭغا كۆپرەك مېھرىبانلىق قىلىڭ. دادا مېھرىنىڭ قانداقلىقىنى ئۇمۇ بىلىپ باقسۇن، — دېدىم بىر كۈنى ئۇنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم قىلىۋېتىپ.
    — مېنىڭغۇ شۇنداق قىلغۇم بار. لېكىن بىلەمسىز؟ مەن دېگەن بىر گۇناھكار ئىنسان. ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيمەن. ھەممەڭلارغا يۈز كېلەلمەيمەن. زۆھرەگە ھەر قېتىم قارىسا يۈرىكىم بىر قېتىم تىترەيدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن نۇرغۇنلىغان سوئاللارنى كۆرگەندەك بولىمەن. مەن راستتىنلا ھەممەڭلارغا يۈز كېلەلمەيمەن، — دېدى ئۇ راست گېپىنى قىلىپ.
    — لېكىن كېچىكىپ تونۇغان بولسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىڭىز كېرەك. بىز قانداق گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولايلى، بالىلاردا گۇناھ يوق، ئۇلار بەھرە ئېلىشقا تېگىشلىك ھەممە نەرسىدىن بەھرىلىنىشى كېرەك.
    ئادىل خۇددى مېنى ئەمدى تونۇغاندەك بىردەم ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئاندىن مېنى تارتىپلا چىڭڭىدە قۇچاقلىدى. مەن ھودۇقۇپ كەتتىم. ئىشىك ئوچۇق ئىدى.
    — نېمە قىلىۋاتىسىز، مېنى قويۇۋېتىڭ، بالىلار كىرىپ قالسا سەت بولىدۇ، — دېدىم ئارانلا نەپەسلىنىپ.
    — مېنى كەچۈرۈڭ بولامدۇ، پەرى.
    يۈرىكىم باشقىچە تېپچەكلەپ كەتتى. ئىلگىرى ئۇ مېنى ئەركىلىتىپ شۇنداق چاقىراتتى. بىردىنلا ۋۇجۇدۇمغا ئىللىق ئېقىم تارىغاندەك بوشاپ كەتتىم. لېكىن دەرھال ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. ئۇ مېنى قويۇۋەتتى.
    — بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق، ئادىل، سىز بالىلىرىمنىڭ دادىسى بولغاچقا سىزگە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ھازىر مېنىڭ ئاچامنىڭ ئېرى. ناۋادا ئۇ ساق بولغان بولسا ھەرگىزمۇ بۇ ئىشلار بولمايتتى. سىز ساقىيىپ بولغۇچە بىز ھېچنېمە دېيىشمەيلى.
    شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىز ئانچە پاراڭلىشىپ كەتمىدۇق. ئۇمۇ بارا-بارا ياخشىلىنىشقا باشلىدى.
    ھەش-پەش دېگۈچە ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئادىلمۇ ئاۋايلاپ ماڭغۇدەك بولدى. ھەر كۈنى بالىلار بىلەن كوچا ئايلىناتتى. مەن زۆھرەگە دەپ يۈرۈپ، ئۇنى دادا، دەپ چاقىرىدىغان قىلدىم. ئۇمۇ بالىلارغا باشقىچە ئامراق بولۇپ كەتتى. شۇ كۈنلەردە ھامماملاردىنمۇ ماھىبەرنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. ئۇمۇ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان ئىكەن. ھامماملار بارلىق ئىشلارنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. مەن ھاممامدىن شۇ خەۋەرنى ئېلىپ ئۇزاق قالماي ماھىبەردىن خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. خەتنى ئاچقان ۋاقتىمدا ئىچىدە ئادىلغا ئاتاپ يېزىلغان ئاغزى پېچەتلەنگەن بىر كىچىك كونۋېرتلىق خەت چىقتى. مەن ئۆزۈمنىڭ خېتىنى ئوقۇشقا باشلىدىم.
    »سىزنى نېمە دەپ ئاتاشنى بىلمەيۋاتىمەن، — دەپ باشلانغانىدى خەت، — بۇ ئىشلارنى ئۇققاندىن كېيىن مەن بەكلا ئازابلاندىم. قانچە كېچىلەرنى خىيال بىلەن ئۆتكۈزگىنىمنى بىلمەيمەن. ئويلىغانلىرىمنى خەت ئارقىلىق دېيىش ئەڭ مۇۋاپىقتەك ھېس قىلدىم. بىلەمسىز، سىزنىڭ سىڭلىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇققان ۋاقتىمدا مەن بۇ رېئاللىققا ئىشەنگۈم كەلمىدى. ئاكىلىرىم سىزنىڭ مېنى ئىزدەش جەريانىڭىزنى بىرمۇ بىر دەپ بەردى. مەن خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك ھالغا كېلىپ قالدىم. نېمىسىنى دەي، مەن ئۇ چاغلاردا ئادىلنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. ئۆزۈمنى بەختكە ئىنتىلگۈچى ھەم شۇ يولدا كۈرەش قىلغۇچى دەپ ساناپتىكەنمەن. شۇڭا ئادىلنىڭ تۇرمۇشىدا سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى بىلسەممۇ ئادىلغا يېپىشىۋالغان ئىدىم. مەن ئادىلنى ئۆزۈمگە قارىتالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. سىزنى شۇ ئاددىي-ساددا قىياپىتىڭىز بىلەن ياراتمايتتىم. ئاخىرى ئادىلمۇ ماڭا مايىل بولۇپ قالدى. لېكىن ئۇنىڭ مېنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان، سۆيمەيدىغانلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن. ئىشقىلىپ مەن ئۇنى ئۆزۈمگە قارىتالىغىنىم، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىللە بولغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى غالىب سانايتتىم. بىز ئادىل بىلەن بىرقانچە يىل ئارىلاشقاندىن كېيىن نېمىشقىدۇر ئادىل مەندىن ئۆزىنى تارتىپ قالدى. بۇنى مەن سىزنىڭ بارلىقىڭىزدىن دەپ بىلەتتىم. شۇڭاسىزگە ئۆچمەنلىك قىلاتتىم. مەن ئادىلنى چىدىماي مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ دەپ قارىغاچقا، قەستەن باشقىلار بىلەن توي قىلماقچى بولدۇم، لېكىن ئادىل مېنى ئىزدەپ كەلمىدى. مەن ئويناشقاندەك قىلىپ توي قىلىپ قالدىم. بۇ چاغدا ئادىلدىن قورسىقىمدا قالغىنىمغا ئىككى ئاي بولغانىدى. توي قىلىپ بالا تۇغۇلماي تۇرۇپ ئاجرىشىپ كەتتىم. مەن يەنىلا ئادىلدىن مېھرىمنى ئۈزەلمىدىم. ئۇنىڭغا قايتا-قايتا خەت يېزىپ يۈرۈپ يەنە ئارىلىشىپ قالدۇق. مەن بۇنداق يوشۇرۇنچە ئارىلىشىشتىن قانائەت ھاسىل قىلمايتتىم. ئادىل ھامان مېنى تاشلىۋېتىدىغاندەك بىلىنەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىزدەپ باردىم. كۆرۈشۈش قېتىم سانى كۆپىيىۋەرگەچكىمۇ ياكى باشقاسەۋەب بارمۇ ئادىل مەن بىلەن توي قىلدى. كېيىن مەن ئادىلنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئازابلاندىم. لېكىن ئۇنى يەنىلا كەچۈرەتتىم. چۈنكى ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىمكى، ئۇ بولمىسا ھاياتنىڭ مەنىسى يوقتەك ھېس قىلاتتىم. بۇ قېتىم ئاپامدىن ھەممە ئىشلارنى ئاڭلىدىم. ئۆزۈمنىڭ بېقىۋېلىنغانلىقىمنى، مېنى تۇغقان ئاپامنىڭ سىزنىڭ ھاممىڭىز ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈمنىڭ سىزنىڭ بىر نەۋرە ئاچىڭىز ئىكەنلىكىمنى بىلگەن چېغىمدا ئېلىشىپ قالايلا دېدىم. ئاندىن نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئادىلنى چاقىرتتىم. شۇ چاغدا چاقىرغىنىمغا بەك پۇشايمان قىلىمەن. بىز يۇرتقا يېقىنلاشقاندا ئۇرۇشۇپ قالدۇق. ئۇنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولمىغاچقا شۇ قېتىملىق ھادىسە كېلىپ چىقتى. شۇ تاپتا ئاشۇ قېتىمقى ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن بولسام قانچە ياخشى بولار ئىدى، دەپ ئويلايمەن. لېكىن خۇدا مېنى مۇشۇ كۈنلەرنى تارتىشقا ئېلىپ قالغان ئوخشايدۇ. شۇ تاپتا پۇشايمان قىلساممۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. مەن سىزگە، سىزنىڭ بالىلىرىڭىزغا يۈز كېلەلمەيمەن. مەن ئۇزاق ئويلىنىپ، قايتىپ كەتمەسلىكنى قارار قىلدىم. شۇ تاپتا مەن ئۇ يەردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ماڭا تەۋە ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئەمدى مۇشۇ يەردىلا ئۆز قىلمىشىمغا توۋا قىلالايدىكەنمەن. ناۋادا مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز ئادىل بىلەن ياخشىلىشىپ قېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ مېنىڭ سىزگە قىلغانلىرىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرەلمىسىمۇ، چىن يۈرىكىمدىن چىقىرىپ ئېيتىلغان سۆزلەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىڭىزنى سورايمەن. قولىڭىزدىكى خەتنىڭ يەنە بىرىدە مەن قارارىمنى ئادىلغا يەتكۈزدۈم، بەلكىم ئۇمۇ مۇشۇنداق بولۇشىنى خالايدىغان بولۇشى مۇمكىن... قىزىمغا قارىغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن.«
    خەتنى ئوقۇپ ئۇنىڭ ئەخمىقانە قارارىدىن كۈلگۈم كەلدى. ماھىبەر ئادىلنى تاشلاپ كەتكەن تەقدىردە ياكى ئادىل ماھىبەر بىلەن ئاجرىشىپ، مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ ئادىل ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا كەتكەن دەز پۈتمەيتتى. مەن ئىبادەتنى ئۇنتۇيالمايتتىم. ئۈچىمىزنىڭ ئىچىدە ئىبادەت ئەڭ بىچارە ئىدى. ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ۋەسلىگە يەتمەي تۇرۇپ، بۇ دۇنيادىن ئارمان بىلەن كەتكەن ئىدى. مەن ئادىلنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى كەچۈرسەممۇ ئىبادەتكە قىلغان ئادالەتسىزلىكىنى، رەھىمسىزلىكىنى كەچۈرەلمەيتتىم. ماھىبەر بىلەن ئىككىمىزنىڭ تارتقان كۈنلىرى ئىبادەتنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ھېچقانداق ئەمەس ئىدى. كۆز ئالدىمدا ئىبادەت پەيدا بولسىلا ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى تىترەپ تۇرغان ھالىتى كېلەتتى.
    — ماھىبەر قايتىپ كەلمەيدىكەن، — دېدى ئادىل خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئەتىسى.
    — مېنىڭچە ئۇنىڭ قايتىپ كەلگىنى ياخشى ئىدى، — دېدىم مەن.
    — ئۇ سىزگىمۇ شۇ گەپنى قىپتىمۇ؟
    — ھەئە.
    — مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن، — دېدى ئادىل ئۆزىگە سۆزلىگەندەك، — مەن ئۆزۈمنى خۇددى بىر قاباھەتلىك چۈش كۆرۈپ، چۆچۈپ ئويغانغاندەك سېزىۋاتىمەن.
    — سىز ھەممىدىن بەك ئىبادەتكە يۈز كېلەلمەيسىز، سىز ئۇنىڭ بارلىقىنى يوقاتقان، بەختىنى توزۇتقان، ئۇنىڭ يىغىسىدىن كۈلگەن ئىنسان، — دېدىم مەن سەل قوپال بولسىمۇ.
    — شۇنداق، مەن ئۇ چاغدا راستتىنلا ئۇنىڭغا رەھىمسىزلىك قىلغان، مانا ئەمدى شۇ قىلغانلىرىمنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتىمەن. شۇ تاپتا گۇناھىمنى يۇيىدىغان يەر بولسا، يۇيۇپ باشقىدىن ئادەم بولسام دەيمەن. بىراق بەك كېچىكتىم. ئىنسان ئۈچۈن ۋىجداننىڭ سوتىدىن قاتتىق نەرسە يوقكەن. مۇشۇ سوتتا ئۆزۈمنى مەڭگۈ ئاقلىيالمايدىغان ئوخشايمەن.
    — ئىنسانلار شۇنداق ئازغۇن مەخلۇق. خاتالىقنى قايتا-قايتا ئۆتكۈزۈپمۇ يەنە تۈزەلمەيدىغان. ئەمدى قايتا باشلاي دېگەندە، ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولىدۇ. شۇڭا ھەر مىنۇت، ھەر سائەتنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ ياشايدىغانلار پۇشايمانسىز ئۆتىدۇ.
    — توغرا دەيسىز. مەن سىزدىن بىر ئىشنى سوراي دېگەن. سىز ماھىبەرگە ئۆچمەنلىك قىلامسىز؟
    — ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئۆچلۈك قىلغان. ھەتتا بىر ئۆمۈر ئۆچمەنلىك قىلىشىممۇ مۇمكىن ئىدى. لېكىن ھازىر ئويلىسام ئادەمنىڭ تەبىئىتى ھەممىسى ئوخشاش بولىدىكەن. ئۇ سىزگە ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. مەن بولسام سىزنى تۇتۇپ قالىمەن دەپ تىرىشتىم. ھەتتا ماڭا كۆڭلىڭىز قالمىغاندا ئاجراشمايمەن، دەپ تۇرۇۋېلىپ بولسىمۇ سىزنى تۇتۇپ قالماقچى بولدۇم. ئەمەلىيەتتە مەن بىلەن ماھىبەر ئىكىمىزنىڭ مەقسىتىمىز ئوخشاش — شەخسىيەتچىلىك. بەلكىم مېنىڭ تىرىشچانلىقىم يېتەرلىك بولمىغاندۇ. ياخشى شەخسىيەتچىلىكنى ۋايىغا يەتكۈزەلمىگەن بولۇشىم مۇمكىن. شۇڭا ئۇ سىزنى تارتىپ كەتتى. بۇ يەردە ئىككىمىزگە توغرا باھا بېرەلەيدىغان ئادەم سىز ئىدىڭىز. لېكىن سىزمۇ شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆز كۆڭلىڭىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتىڭىز.شەخسىيەتچىلىك بىزنىڭ قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. كېيىنكى ئىشلار تەقدىرنىڭ شۇنداق بىر ئورۇنلاشتۇرۇشى، بىزگە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك. مەن سىزدىن سوراپ باقاي، سىز ماھىبەرنى ياخشى كۆرەمسىز؟
    ئادىل گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدى.
    — مەن سىزنى بەك ئاددىي چاغلاپ قاپتىمەن، پەرى، — دېدى يىراققا تىكىلىپ تۇرۇپ، — سىز راستتىنلا قالتىس ئايالكەنسىز.
    — ياق، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بىر ئاددىي ئايال، تۇرمۇش ماڭا شۇنداق ئۆگەتتى. مەن ئىلگىرى بارلىقىمنى سىزگىلا ئاتاپ ئۆتكەن. تۇرمۇشۇمدا سىزنىڭ مەۋجۇت دەپ قاراپ خاتا قىلغانىكەنمەن. سىزدىن ئايرىلغاندىلا مەن ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سەزدىم. مۇشۇ مەۋجۇتلۇق ماڭا نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگەتتى. ئۆزۈمنى قەدىرلەشنى، باشقىلارنى قەدىرلەشنى، كەڭ قورساقلىقنى، ئىشقىلىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاشۇ مەۋجۇتلۇقتىن تاپتىم.
    — ئۇنداقتا ھازىر تۇرمۇشىڭىزدا مېنىڭ مەۋجۇتلۇقىمنى ئويلاپ باقسىڭىز بولامدۇ؟
    — ياق. سىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭىز مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. مەن ئادىمىيلىكىم بىلەن بىر مەزگىل سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالدىم. سىز بۇنى باشقا مەنىدە چۈشەنمەي. سىز ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆز ۋۇجۇدىڭىزدىن ئىزدەپ بېقىڭ. سىزگە دېسەم، بالىلار سىزگە موھتاج. بولۇپمۇ زۆھرە، ئۇنىڭ سىزدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق. ناۋادا سىز ماھىبەرنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنى تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىرقىسمى دەپ قارىسىڭىز، ئۇنى ئېپكىلىۋېلىڭ!
    مەن ئادىلنىڭ كۆزىدىن سىرغىپ چىققان ياشنىڭ مەڭزىدە قېتىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇپ ئاسمانغا قارىدى. ئىككى كۈندىن كېيىن ئادىل ئۆيىگە كەتمەكچى بولدى. ئۇ كېتىدىغان چاغدا زۆھرەنى قۇچاقلاپ پېشانىسىگە قايتا-قايتا سۆيدى. ئادىلنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان گەۋدىسىگە قاراپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىدى. ئۇ قەدەملىرىنى تەستە ئالاتتى. ئۇ شۇ كېتىشىدە مېنىڭ نۇرغۇن ئەسلىمىلىرىمنى ئېلىپ كەتتى. شۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدە سۆيۈشمۇ-سۆيۈلۈشمۇ، ئازابمۇ-خۇشاللىقمۇ، مۇھەببەتمۇ-نەپرەتمۇ بار ئىدى.
     



    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار