• قايتا كېپەنلەنگەن ئادەم(پوۋېست)

    يوللانغان ۋاقتى:10-07-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 3 پارچە
    ئەسىلدىكى تەستىقلانغان ئەسەرنىڭ خەت شەكلى ئۆزگۈرۈپ كەتكەچكە قايتا يوللاندى ...

    قەھرىمان تۆمۈر تەۋەككۈل

    قايتا كېپەنلەنگەن ئادەم

    ( پوۋېست )

                         

    مۇقەددىمە

     

         تۇيۇقسىز يىتىپ كەلگەن خەۋەر قادىرنى چۆچىتىۋەتتى ، تەنلىرى شۈركۈنۈپ ، ۋۇجۇدىدا قورقۇنۇچلۇق ئالامەتلەر قۇتراشقا باشلىدى...

    ‹‹ ...بۇ مۇمكىنمۇ ؟ چولپانئاي  ، تۇرانىسالار تۈگەپ كەتتى .بۈگۈن تۇردى ئۇ ،ئۇ كەتتى .ئەتە ،ئۆگۈن يەنە قايسىبىرلىرىمىز كىتىپ قالىمىز .ئەدىناسى،ياش ئەللىككە ئۇلاشقان بولسىدى كاشكى ... ››

       قادىر تەگسىز خىياللار قاينىمىدا ، مەرھۇم ساۋاقدىشى تۇردى ۋە شۇ قاتارى دەۋىرداش ئۆتكەن دوست – يارەنلىرىنى سېغىنىش ئىلكىدە ئەسكە ئالدى .ئۇلار بىلەن بىرگە ئۆتكەن ھايات مۇساپىسىدىكى ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنى ئۈچبۇ قۇرلارغا پۈكمەك بولۇپ،قولىغا قەلەم ئالدى .

                     

    1

     

         ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا چۆمۈلگەن چاغ . قادىر شال كارىۋاتنىڭ كۈن چىقىش تەرەپ ،پىرامىك ئۇدۇلىدىكى رەتلىك قاتلانغان ئورۇنغا يۆلەنگىنىچە، ئۈن ئالغۇدىن چىقىۋاتقان لەرزان مۇزىكا رېتىمىغا تەڭكەش قىلىپ غىڭشىماقتا ئىدى .ئۇنىڭ بۇنداق ياتقىنىغا ئالاھەزەل 2-3 سائەتچە بولغان بولۇپ ،بۇ ھال ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تەكرارلىناتتى .

    ئىلىكتىرون قوڭغۇرىقىنىڭ كۈچلۈك سىگنالى قادىرنى جىددىيلەشتۈردى . ئۇ، ئۈنئالغۇنى ئەكرەمنىڭ ساندۇقىغا جايلاشتۇرۇپ ، ئىشىكتىن چىققىچە قوڭغۇراقىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق  سىگنالى ئاڭلانغانىدى .بۇ كەچلىك مۇزەكىرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى .قادىر نەچچە - ئون قەدەم مېڭىشى، بىرسىنڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .

    ــ قادىر ، ھوي قادىر ،ــ ياتاقدېشى مامۇت دەرۋازا تەرەپتىن ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى،ــ مىنىڭ ئاچقۇچۇم ياتاقتا ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ ،ياتاقنىڭ ئاچقۇچىنى بىرىپ تۇرساڭلار.

     قادىرنىڭ قولىدا تېخى يانچۇقىغا سېلىپ ئۈلگۈرمىگەن ئەكرەمنىڭ ئاچقۇچى بار ئىدى .

    ــ مانا ،تۇتىۋېلىڭلار ئەمىسە ، ــ قادىر قولىدىكى ئاچقۇچنى مامۇتقا قارىتىپ ئاتتى ،ــ ئاچقۇچ ئەكرەمنىڭ .ئۈنئالغۇسىنى ئارىيەتكە سورىغاندا بەرگەن .ناچادا ئۇ ئۇچراپ قالسا ئۆزىگە بېرىۋەتسەڭلەرمۇ بولىدۇ .

    ــ ماقۇل .ئۇچراپ قالسا ئۆزىگە بېرەي ، بولمىسا سەل تۇرۇپ ئۆزەڭلىگە يەتكۈزۈپ بېرىمەن .

    ــ شۇنداق بولسۇن ئەمىسە .

    قادىر ئوقۇتۇش بىناسى رايۇنىغا كىرىپلا ،كۆز ئالدىدىكى مەنزىردىن ھەيران قالدى . ئادەتتە ، مۇزەكىرە باشلىنىشتىن بۇرۇنلا  چىراقلار ياندۇرۇلۇپ ،ھەممە يەر ئاپئاق ئايدىڭچىلىققا چۆمۈلىدىغان، سىنىپ ،مەيدانلاردا ساۋاقداشلارنىڭ ئۆزئارا بەس – مۇنازىرىسى قىزىپ كېتىدىغان  قايناق ھالەتتىن ئەسەرمۇ يوق بولۇپ ، يول بويلىرىدىكى يىگىرمە –ئوتتۇز مىتىرچە ئارلىققا بىردىن ئورنىتىلغان كوچا چىرىغىنىڭ سۇس نۇرى ئاستىدا خىرە يۇرۇپ تۇرغان مەلۇم دائىرىنى يىساپقا ئالمىغاندا ئەتراپ قاراڭغۇ ئىدى . جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرگەن دالا سۈرلۈك كۆرۈنەتتى .

    ‹‹ئەسلى مۇزەكىرە يوقكەندە .ھەي ! قوڭغۇراقنىڭ بىر توغۇرلاپ قويۇلغىنىچە ، شەنبە ، يەكشەنبە ، ھېيت – بايرام ، تەتىللەردىمۇ ئارام ئالماي ، كۈنبۇيى سايراپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمنى ...›› قادىر ئارقىسىغا يېنىپ ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىشى ، مامۇت ياتاقتىن چىقىپ كەلدى ۋە سورىدى :

    ــ سىنىپقا كىرىپ چىقتىڭلىما ؟

    ــ ھەئە ، مۇزەكىرىگە قوڭغۇراق چېلىنىۋىدى ، يۈگۈرەپ چىقسام بىرمۇ ئادەم يوق .

    ــ بۈگۈن دېگەن ئىختىيارى پائالىيەت كۈنى ،قوڭغۇراقنىڭ تىنماي سايرايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قاپسىلەردە ؟

    ــ شۇنى دەڭلا .

    ــ مانا ئاچقۇچ ،ــ مامۇت ئاچقۇچنى قادىرغا سۇنىۋېتىپ ،ــ  زالدا تانسا ئويۇشتۇرۇپتۇ ، ئوبدان بىر ئويناپ چىقمامسىلەر ؟ ــ دېدى .

    ــ ئۆزەڭلىچۇ ؟ تانسىدىن زىرىكىپ قالمىغانسىلەر ؟

    ــ سىرتتا ئازراق ئىشىم بار ئىدى ،بولمىسا راسا ئوينىۋالغان بۇلاتتىم .

    ــ بىرەرسى بىلەن تېپىشىۋالمىغانسىلەر ؟

    ــ ياقەي ،بىزگە نەدە تۇرۇپتۇ ئۇنداق ئامەت . خوش ، مەن ئىشىمغا مېڭىۋېرەي ،ئوبدان ئويناڭلا .

    ــ خوش ، كەچتە كۈرىشەيلى ...

    ياتاق بىناسى بىلەن زالنى ئاشخانا رايۇنى ۋە يىنىك ئاتلىتكا مەيدانى ئايرىپ تۇراتتى .باغچىلاشقان مەكتەپ مەيدانى ، گۈل – گىياھ ۋە دەل دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ ، گۈللەرنىڭ خۇشبۇي ھىدى ھەممە يەرگە تارالغانىدى .قادىر  ئىگىز ئۆسكەن تۈخۇمەك دەرخلەر بىلەن قاپلانغان يولدىن ئۈتۈپ ، يىنىك ئاتلىتكا مەيدانىغا يىتىپ كەلگەندە ، زال تەرەپتىن كېلىۋاتقان مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىدى .مۇزىكىنىڭ لەرزان رېتىمى ئۇنىڭ يۈرەك ھەركىتىنى تىزلەتكەندەك قىلاتتى .شۇ تاپ  ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىپ، نەپسى ئىشتىكلەشمەكتە  ، تومۇرلىرىدىكى قانلار كۆپۈشكەندەك ، بەدەن تېرىسى تارتىشىۋاتقاندەك ، يەنە تۇرۇپ ، پۇت – قوللىرى قوللاشماي قېلىۋاتقاندەك سىزىم پەيدا بولماقتا ئىدى . زالنىڭ ئالدى يىگىرمە موچە كېلىدىغان كەڭرى مەيدان ،مەيداننىڭ ئەتراپى ئون نەچچە مېتىر كەڭلىكتە ئايلاندۇرۇپ ئېلىنغان گۈللۈك ئىدى .گۈللۈككە تەتۈر سۈگەت ، مەجنۇنتال ، قارىياغاچلار  سېلىنىپ  ئارىسىغا گۈل – گىياھلار تېرىلغان بولۇپ ، ياپ –يېشىلچىلىققا ئورالغانىدى .

    قادىر يول قاسناقلىرى ۋە گۈللۈكلەرگە قۇيۇلغان ئورۇندۇقلاردا جۈپ – جۈپى بىلەن ئولتۇرۇشقان ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ ، ھەر خىل خىياللاردا بولدى . بىر بېسىپ –ئىككى بېسىپ   زال ئالدىغا كىلىپ قالغانلىقىنى تۇيمايلا قالدى . زالغا كىرىپ – چىقىۋاتقان ساۋاقداشلارنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرىدىن ئۆزىگە كېلىپ ، قەددىنى رۇسلىدى . پۇتىنىڭ ئۇچىدا دېگۈدەك دەسسەپ زالغا ئاياق باستى .

    زالدا ئادەم جېق ئىدى .قادىر زال ئىچىگە كۆز يۈگۈرتىۋېتىپ ، ئەكرەمنى كۆرۈپ قالدى .توۋلىماق بولۇپ تۇرىۋىدى ، ئەكرەم ئۇنىڭغا قاراپ قول ئىشارىسى قىلدى .

    ئەكرەم ، قادىر بىلەن پارالىل ئوقۇيتتى .گەرچە ئۇلار بىر سىنپتا بولسىمۇ ، بىر ياتاقتا بولۇپ ، مىجەزى ئوبدان كېلىشىدىغانلاردىن ئىدى . كۆپىنچە ،دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بىرگە بولۇپ قالاتتى .شۇنداق كۈنلىرىنى كىتاب ئوقۇش ، دەرس تەكرار قىلىش ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ياكى سەيلە – ساياھەت قىلىش دېگەندەك پائالىيەتلەر بىلەن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىشەتتى .

     ئەكرەم زالنىڭ كىرىش ئىشىكىنىڭ ئودۇلىدىكى رام تۈۋىدە بولۇپ ، ئۇنىڭ يېنىدا بىرقانچە قىزلار تۇرغاندەك قىلاتتى . قادىر ئەكرەم تەرەپكە سىلجىشى ، ئەكرەممۇ قادىر تەرەپكە قاراپ كەلدى .

    ــ مەن تېخى سېنى كىنو كۆرگىلى كەتتىمىكىن دەپتىمەن ،ــ قادىر ئەكرەمگە كۆرۈشۈش ئۈچۈن قول سونىۋېتىپ  شۇنداق دېۋىدى ، ئەكرەممۇ ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالغاچ دېگەنلىرىگە سۆز بەردى :

    ــ يالغۇز كىنو كۆرگەننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن . ئىلپىتىمىز بولسىدى ، بۇ يەردە باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرمايتتۇق .

    ــ ھاھ ،ھاھ ،ھاھ...ــ ئۇلار تەڭلا كۈلۈشتى .

    ــ يۈر ئاۋۇ تەرەپكە ئۈتۈپ كېتەيلى ،ــ دېدى ئەكرەم .

    ــ ھېلىتىن سەن تۇرغان ئورۇنغىمۇ ؟

    ــ شۇنداق .

    ــ ئۇ يەردە قىزلار بارمۇ نېمە ؟

    ــ ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ ؟! ھەممىسى سەن تۇنۇيدىغانلار ، ئايگۈزەلمۇ بار تېخى .

    ــ ئايگۈزەل ؟!

    ــ شۇنداق ، يۈرە .

    رام تەرەپتىكى ئىككى – ئۈچتىن جۈپلەپ قۇيۇلغان ئورۇندۇقتا ئايگۈزەل ،ئاسىمە ، مېھراي ، يار ئېلى قاتارلىق ساۋاقداشلار گازىر چاققاچ  پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشقانىدى.ئۇلار  قادىرنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشتى ، سالام – ساھەت قىلىشىپ ، ئورۇندۇققا تەكلىپ ئەتتى .قادىر ساۋاقداشلار بىلەن قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن، ئايگۈزەلنىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى ،ئاندىن ئايگۈزەلگە قاراپ سۆز ئالدى :

    ــ سىزنىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن ھە ؟!

    ــ نېمە ؟ ماڭا سىزىك بولۇپ قالمىغان بولغۇيتىڭىز ؟ ــ ئايگۈزەلنىڭ دېگەنلىرىدىن ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى . قادىر ھۆپپىدە قىزىرىپ جىم بولىۋالدى . ئايگۈزەل ئاۋازىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈپ سۆزىنى داۋام ئەتتى ،ــ قاراڭ ! ئىشىنچىلىك گەپكىمۇ قىزىرىپ كەتكىنىڭىزنى  .

    ــ قىزارمىدىم ،چىراق شولىسىدا شۇنداق كۆرۈنۈپ قالغان چېغىم .

    ئارىدا كۈلكە كۆتۈرۈلدى .شۇ ئەسنادا، ئىلىكتىرۇنلۇق رىيالدىن شوخ ئۇسۇل مۇزىكىسى ياڭرىۋىدى  ئەكرەم ئوتتۇرغا چۈشۈپ ئاۋال مېھراينى، ئاندىن،  يار ئېلىنى ئۇسۇلغا تارتتى . يار ئېلى بىرقانچىنى پىقىرىغاندىن كېيىن ئاسىمەنى تارتتى . ئورۇندۇقتا پەقەت ئايگۈزەل بىلەن قادىرلا قالغان بولۇپ ، قادىر ئايگۈزەلگە پات – پاتلا قاراپ قۇياتتى .ھەئە ، ئۇنىڭ قاراشلىرى قانداقتۇر ناتۇنۇشلىقتىن بولماستىن ،بەلكى ، ئىككى كۈندىنياقى يۈز كۆرۈشەلمىگەنلىك ۋەجىدىن ، كۆڭلىدە يىغىلىپ قالغانلىرىنى دەۋېلىشقا ئالدىرىغانلىقتىن ئىدى . ئايگۈزەلمۇ خۇددى قادىرنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا ئېغىز ئېچىپ ،ئۇنىڭدىن سورىدى:

    ــ ئىككى كۈندىن نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟

    ــ ياتاقتا  ئۈنئالغۇ ، رادىئو تىڭشاپ ، كىتاب ئوقۇپ دېگەندەك .

    ــ كىتاب مەستانىسى بولدىڭىزمۇ نېمە ؟

    ــ نېمە ئامال ، سىلەر شەھەرلىكلەر ھە دېسە ئۆيۈڭلەرگە چاپىسىلەر ، بىزچۇ ؟ بارىدىغان ئۆيىمىز ،پاراڭلىشىدىغان  ئادىمىمىز بولمىغاندىكىن، ياتاققا بېكىنىپ ،ئىچ – پۇشىقىمىزنى كىتابتىن ئېلىپ ، رادىئو ،ئۈنئالغۇدىن چىقىرىدىكەنمىز .

    ئايگۈزەل ئاغزىنى ئۆمەللىدىيۇ ، چىش يېرىپ بىرنېمە دىمىدى .پەقەت ، قادىرغا قاراپ گۈدەكلەرچە ئالىيىۋىدى ، قادىرنىڭ بەدەنلىرىدىكى قانلار جانلىنىپ كەتكەندەك بولۇپ ، پىشانىسىگە سوغاق تەر تەپتى .

    ئايگۈزەل ئوچۇق – يۇرۇق، خۇشپىچىم قىز بولۇپ ، بوي – تۇرقى ، يۈرۈش – تۇرۇشلىرىمۇ جايىدا ئىدى . قاراشتىلا سەھرا پۇرىقى كېلىدىغان بۇ  قىزنى شەھەردە چوڭ بولغان دېسە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى .ئەدىناسى، ئۇنىڭ تېقىمىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن چېچى ،ئوشۇققىچە تاشلانغان كەڭ ئېتەكلىك كۆڭلىكى ، ئۈچيۈز ئاتمىش باش كۈن ئايرىمايدىغان باش ياقلىقى ،ئاندا – ساندا چېلىقىپ تۇرىدىغان ئوسما ، يىلىم يۇقى قاش ، چاچلىرى ، ئىش –ئەمگەككە ھېرىسمەنلىكى دېگەندەك قىياپەت ۋە ئالامەتلەر ئۇنىڭدا سەھرادا چوڭ بولغان بەردەم قىزلارنىڭ تىپىك خاراكتىرىنى يىتىلدۈرگەنىدى . بولۇپمۇ ، ئۇنىڭ جۈپ ئۆرىمە قىلىۋالىدىغانئۇزۇن ، قارا ھەم توم چېچى ھەممىنىڭ دېققىتىنى تارتاتتى . ئەمەلىيەتتە ،ئۇنىڭ ئائىلىسى مۇشۇ شەھەرنىڭ مەركىزىدە بولۇپ ،مەكتەپ بىلەن بولغان ئارىلىقى نەچچە كىلومىتىرلا كېلەتتى .

    قادىر بىلەن ئايگۈزەل بىر قېتىملىق تاسادىپى پۇرسەتتە تونۇشۇپ قالغانىدى . ئۇ قېتىمدا ، قادىر  ئەكرەم بىلەن مەكتەپ مەيدانىدا ۋالىبول ئويناۋاتاتتى .توپنى كۈچەپ كۆكلەتكىنىچە گارغا قاراپ يۈگۈرگەن ئەكرەم تۇيۇقسىز يېقىلىپ چۈشتى -دە ، پۇتىنى چاڭگاللىغىنىچە ۋايساشقا باشلىدى . قادىر  ئەكرەمنى يۈلەشتۈرگىنىچە جىددىيلىشىپ تۇراتتى،بىر قىزنىڭ ئەندىشلىك ئاۋازى ئاڭلاندى :

    ــ ۋۇي ! ئەكرەمغۇ بۇ ،يارىلاندىمۇ نېمە ؟

    ــ ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ چۈشتى .

    ــ چوڭ مەسىلە يوق ئايگۈزەل ، پۈتۈم قايرىلىپ كەتسە كېرەك ،ــ دېدى ئەكرەم .

    ــ چوڭ مەسىلە يوق دېگىنىڭ نېمىسى ، قارا بىردەمدىلا ئىشىپ چىقىپتۇ ،ــ دېدى قادىر ئەكرەمنىڭ پاقالچەكلىرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ ،ــ مەيلى نېمىلا بولمىسۇن دوختۇرغا كۆرسەتمىسەك بولمايدۇ ،ئالىمادىس سۆڭەككە دەز كەتكەن بولسا ...

    ــ بولدى ، بولدى .تۈگمىنى تۆگە كۆرسەتكەندەك ،كىچىك ئىشنى چوڭايتىپ ،ئايگۈزەلنى قورقاتما .مەكتەپكە پۇر كەتسۇن دەمسەن يە ــ دېدى ئەكرەم .ئايگۈزەل ئەكرەمنىڭ دېگەنلىرىگە نارازى بولغاندەك، تۇمشۇقىنى ئۇشلاپ تۇرۇپ دېدى  :

    ــ مىنى نېمىگە ئوخشۇتۇپ قالدىڭىز ئەكرەم ، گەپ كۆتۈرۈپ يۈرۈيدىغان شاتۇت بولمىسام يە .

    ــ ياز بولغاندىكىن شاتۇت بولمىسىمۇ سېغىزخان ياكى ...

    ــ ھە ياكى نېمە ؟ھۆپوپمۇ ؟ توغاي ، پەختەكمۇ ؟ ئىچىڭىزگە يۇتماڭ ... ــ ئايگۈزەل سەل چىڭقىلىپ سۆزلىگەنىدى ، ئەكرەم دېگەنلىرىنىڭ ئۇنىڭغا سەل ئېغىر كەتكەنلىكىنى پەم قىلىدى ، ھۇزۇرخالىق ئورنىدا :

    چاقچاق قىلىپ قويدۇم ،ــ دەپ كۈلۈپ تۇرىۋالدى .

    ــ ۋاي ۋۇي ، مۈشۈككە قىيىن چاچقانغا ئۇيۇن دېگەندەك، مەن قۇپۇپ پۇتۇڭنىڭ دەردىدە ئولتۇراي ، سەن بولساڭ  قىزلار بىلەن چاقچاققا چۈش ،ــ قادىرنىڭ سۆزىدىن  ئايگۈزەلمۇ پەسكويغا چۈشتى .ئەكرەم تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن ھاۋارايىدەك تۇتۇلدى ، پۇتىنى چاڭگاللىغىنىچە ۋايساشقا چۈشتى  .

    بىزنىڭكىگە ئاپىرايلى، ئاپام كۈرۈپ قويسۇن .

    ــ ئاپىڭىز ؟!  ــ قادىر ئايگۈزەلگە مەنسىتمەسلىك تەرزدە قاراپ قويۇپ، ئۆز ئىشى بىلەن ،يەنى ،ئەكرەمنى يۈلەشتۈرۈش بىلەن ئىدى ، ئايگۈزەل تەكرارلاپ :

    ــ ئاپام دوختۇر ، يەنە كىلىپ تاشقى كېسەل دوختۇرى  ،ــ دېدى .

    ....

    قادىر ئايگۈزەلنى ئەكرەم ئارقىلىق تۇنىغان ،ئۇنىڭ ئەكرەم بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلگەن،بىرقانچە قېتىم يىراقتىن كۆرگەن ۋە ئۇ توغۇرلۇق بەزى گەپلەرنىمۇ ئاڭلىغانىدى ،ئەمما ،بۈگۈنكۈدەك يېقىن ئارلىقتا كۆرۈشۈپ ، پاراڭلىشىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى . بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش قادىرغا ئايگۈزەلنىڭ ئۆز نەزىرىدىكى ھاكاۋۇر ، ئەركىنايناق قىز بولماستىن ، بىر ئىشقا نىسبەتەن مەسئۇليەتچان پوزۇتسىيەدە بولىدىغان ، كىچىك پىل ،ئوچۇق – يورۇق ئىكەنلىكىنى يۇرۇتقانىدى ... ئايگۈزەلنىڭ ئانىسى شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللەر دوختۇرى بولۇپ ، مۇدەتتىن بۇرۇن پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ،قورو جايىنىڭ يېنىدىكى بىر يۈرۈش تاۋار ئۆينى ئىجارە ئېلىپ خۇسۇسى ئامبۇلاتۇرىيە ئېچىۋالغانىدى .ئامبۇلاتۇرىيە ئانچە چوڭ بولمىغىنى بىلەن مۇھىتى پاكىز ، ئىش تەرتىپلىرى رىتىملىق ئىدى . رېنتىگىن ، بىچاۋ  قاتارلىق بىرقىسىم زۈرۈر تەكشۈرۈش ئۈسكۈنلىرى سەپلەنگەن بولۇپ ، ئانچە ئېغىر بولمىغان بىمارلارغا قارىتا ئۆزلىرى دىئاگىنۇز قۇيۇپ داۋالاش قىلاتتى . ئەكرەمنىڭ پۇتىنى ئايگۈزەلنىڭ ئانىسى بىر قوللۇق تەكشۈرۈپ چىقتى . نىگاتىپنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ، قايرىلىپ كىتىش ۋە تومۇر چۆچىگەنلىك سەۋەبىدىن پۇت ئىشىغى كىلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى . دورا سۈرتۇپ تاڭدى ، ئاسما ئاستى . دوختۇرنىڭ تەلىپى بويىچە ،ئەكرەم بىرقانچە كۈن مىدىرلىماي يېتىپ داۋالىنىشى كېرەك ئىدى ،ئەمما، ئامبۇلاتۇرىيەدە كارۋات كۆپ ئەمەس ، ئىككى ئېغىزلىق كېسەلخانىنىڭ بىرسى سۇنۇق بىمارلىرى بىلەن ، يەنە بىرسى تۇغۇت ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرى بىمارلىرى بىلەن تۇشۇق بولغاچ ،ئەكرەمگە كۈندۈزى داۋالىنىپ ، كەچتە ياتاققا قايتىپ كېتىشكە توغرا كېلەتتى . قادىر ئەكرەمنى ئامبۇلاتۇرىيەگە تۇنجى ئاپارغان كۆنىدىن باشلاپ ، پۇتى ياخشىلانغانغا قەدەر بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، مەكتەپنىڭ كىچىك قول ھارۋۇسىدا توشۇپ يۈردى .كۈندۈزى دەرس بىلەن بولغاچ ،دوختۇرخانىغا  ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىككى سائەت دەرستتىن كېيىنكى ئىختىيارى تەكرار ۋاقتىدا بېرىشقا توغرا كېلەتتى .قادىر ئەكرەمنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ،ئوكۇلى چۈشۈپ بولغانغا قەدەر ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلاتتى .بۇ كۈنلەردە ئايگۈزەلمۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆيىگە قايتىپ كەلدى ،ئانىسىغا ياردەملىشىپ  ئەكرەمنىڭ پۇتىنى تېڭىش ، ئاسمىلارنى ئالماشتۇرۇش دېگەندەك ئىشلار بىلەن پايپىتەك بولدى.بۇ جەريانلار قادىر بىلەن ئايگۈزەلنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا ناھايتتى ياخشى سورۇن ھازىر قىلغان بولۇپ ، خېلىلا چوڭقۇر چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقانىدى.  شۇ ئىشتىن كېيىنكى نەچچە ئايدىن بېرى ،قادىر بىلەن ئايگۈزەل ئۆگىنىشتە ، ئوپچى پائالىيەتلەردە دائىم ئۇچۇرشۇپ تۇرغان بولۇپ ، ئۇچۇرۇشىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشى، ئۇلارنىڭ قەلبىگە يېڭى سىزىم  ،ئۆي –پىكىرلەرنى ھەدىيە قىلغانىدى . مانا بۈگۈنمۇ ئەمدىلا ئېغىز ئېچىشىپ ، دېمەكچى بولغانلىرىنىڭ چوڭقۇرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى سىزىشتى .شۇنداق ، شۇ تاپ ئۇلار  قىز – يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىكى شەرم – ھايا ، پەدىشاپ تۈپەيلى كۆڭلىدىكىلىرىنى ئۇدۇللا ئېيتىشالماي ، ھېسياتىنى چىرايىغا زورلىماقتا ،بالىلارچە قىلىقلىرى بىلەن بىشارەت بەرمەكتە ،  گاھ قىزارسا ، گاھ سوغاق تەرگە چۆمۈلمەكتە ئىدى .

    ــ قېنى ئىكىڭلارمۇ ئۇينىمامسىلەر .

    ئەكرەمنىڭ ئاۋازى قادىر بىلەن ئايگۈزەل ئوتتۇرسىدىكى قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى .ئىلىكتۇرۇنلۇق رىيالدىن يىنىك ۋالىس مۇزىكىسى چىقىۋىدى ، قادىر ئايگۈزەلنى تانسغا تارتتى . زال ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرغان رەڭگا – رەڭ بىزەك چىراقلار ،خۇددى ئۇلار ئۈچۈن پىنھان مۇھىت ھازىرلاشقا ئورۇنىۋاتقاندەك گاھ نۇرلانسا ، گاھ خىرەلىشىپ گۇڭگا يۇرۇيتتى .نەچچە مىنۇتلۇق قىسقىغىنە ۋاقىت قادىر ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىدى . ئۇ ،پەقەت مۇشۇنداق پۇرسەتتىلا ئايگۈزەلگە ئۆز كۆڭلىدىكىنى تارتىنماي ئېيتالايتتى .قادىرنىڭ كۆڭلى بۈگۈنكى بۇ پۇرسەتنى ، ئىلگىركىدەك بوش ئۆتكۈزىۋېتىشكە يول قويمايدىغاندەك قىلاتتى .ھەئە ،قادىر ئايگۈزەل بىلەن ئىلگىرىمۇ بىرقانچە دورام تانسا ئوينىغان ، مەكتەپ مەيدانلىرىدا ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى يول ،ئورمان بەلباغلىرىدا كۆرۈشكەن ، پاراڭلاشقان ، قەلبىنى چولغاپ كەلگەن ئىچ سىرلىرىنى تۈكۈپ كۆڭلىنى بوشۇتۇشقا كۆپ تىرىشقان ئىدى ، ئەمما ، ئويلىغانلىرىنى ئۇدۇل ئېيتالماي ، نەچچە كۈنگىچە ئاھ ئۇرۇپ يۈرگەن ،ئايگۈزەل توغرىسىدىكى تالاي ئەسلىمە ، شىرىن خىياللار قاينىمىدا مەسخۇش بولۇپ ئۆتكەنىدى .قادىر ئەڭ ئاخىرقى غەيرىتىنى يىغىپ ،ئۇزۇندىن بىرى كۆڭلىدە ساقلاپ كەلگەن ،ئەمما، ئايگۈزەلگە ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان سۆزلىرىنى ئاخىرى ئېيتتى:

    ــ ئايگۈزەل بىز يۈرەيلى ،ــ دېدى ئۇ مۇزىكا رېتىمىغا تەڭكەش يىنىك قەدەم ئېلىۋېتىپ ،ــ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن .

    ئايگۈزەلنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈمۈت ئۇچقۇنلىرى يېلىنجايتتى .ئۇ قادىرغا قاراپ جاۋاب ئورنىدا تەبەسسۇم قىلدى-دە ،نەزىرىنى دەرھال باشقا ياققا ئاغدۇرۇشقا ئورۇندى .

    ــ مىنى ياراتمايۋاتامسىز يە ؟ــ دېدى قادىر گۇيا ئايگۈزەلنىڭ قولىقىغا پىچىرلاۋاتقاندەك پەس ئاۋازدا .

    ــ ياق.

    ــ ئۇنداقتا تەلىپىمگە قۇشۇلۇپسىزدە ؟

    ئايگۈزەل ئۈندىمىدى ، ئەمما ،ئىچ سىرىنى ئانچە ئۇزۇن يوشۇرۇپ قالالمىدى . ئەپقېچىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن كۆزىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا چەكسىز خۇشاللىق ۋە ئىپتىخارلىق نۇرلىرى يېلىنجىغانىدى .قادىر ھېلىتىن دېگەنلىرىنى يەنە بىر رەت تەكرالىغانىدى ،ئايگۈزەل قادىرغا يەر تېگىدىن قاراپ تۇرۇپ :

    ــ ھەممە ئادەم بىزگە قاراۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ ،سىرتقا چىقىپ پاراڭلىشايلى ،ــ دېدى .

    ئاۋال ئايگۈزەل ،ئاندىن قادىر ساۋاقداشلىرى بىلەن خوشلاشتى .ئايگۈزەل ئۆيىگە قايتىدىغانلىقى ، قادىر بولسا ئايگۈزەلنى ئۆيىگىچە يەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قايتىپ چىقىشقانىدى .يېرىم ياي شەكىلدە تىكلەنگەن ئاينىڭ سۇس نۇرى ،بىنا پەشتىقىغا شولا تاشلىغان بولۇپ ، ئەتراپنى خېلىلا ئۇچۇق يۇرۇتۇپ تۇراتتى . بىنا ئالدىدىكى مەيدانغا ئورنىتىلغان چىراق خادىسى تۈۋىگە بىرقانچە ساۋاقداش توپلاشقان بولۇپ ، قىزغىن پاراڭغا چۈشۈشكەنىدى .قادىر بىلەن ئايگۈزەل  مەيداندىن ئىلگىرى -كېيىن ئۆتۈشۈپ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى چىملىققا كىلىپ توختىدى .چىملىق  تەتۈر سۈگەت ۋە قارىياغاچلار بىلەن ئورالغان بولۇپ ، يول پاسىلىغا ۋە چىملىقنىڭ ئۇ يەر – بۇ يەرلىرىگە تاش ئورۇندۇق ئورنىتىلغانىدى .ئۇلار ، چىملىقنىڭ سەل ئىچكىرىسىدىكى تاش ئورۇندۇققا كىلىپ جايلاشتى .

    ــ نەچچە ئايدىن بېرى خىيالىمنى ئەسىر قىلىپ كەلدىڭىز ئايگۈزەل ،ــ قادىر شۇلارنى دەپ ئايگۈزەلگە قارىۋىدى ،ئايگۈزەل دەرھال يەرگە قارىۋالدى ، گويا ئۆز – ئۆزىگە  سۆزلەۋاتقاندەك پەس ئاۋازدا شىۋىرلىدى :

    ــ مەندە خىيالىڭىزنى ئەسەر قىلىۋالغۇدەك ئارتۇقچىلىق بارمۇ ؟

    ــ ئارتۇقچىلىق ،ــ قادىر دەقىقىلىك سۈكۈتتىن كېيىن داۋام قىلدى ،ــ سۆزلەپ كەلسەم گەپ تۇلا ،سىزنىڭ خۇشخۇي مۇئامىلىڭىز ، يېقىملىق سۆزلىرىڭىز مىنى دائىم ئويغا سالىدۇ ئايگۈزەل .

    ــ بۇ سىزنىڭ يۈزەكى چۈشەنچىڭىز ، ھېسيات تۇيغۇڭىز قادىر .ئارلاشقىنىمىزغا تېخى ئەمدىلا ئۈچ ئايچە بولۇپ ، ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىش ئادەم ئەقلىگە سىغمايدۇ .

    ــ بۇنداق دېسىڭىز ئادالەتسىزلىك بولىدۇ ،كۆڭۈلنىڭ ئىشىغا بىر نېمە دېمەك تەس .سىز كونىلارنىڭ :كۆڭۈلنى ۋاقىت بىلەن ، مۇھەببەتنى سۆز بىلەن ئۆلچىگىلى بولماس ، دېگىنىنى ئاڭلىمىغانىدىڭىز .بىزنىڭ ئارلاشقىنىمىزغا ئەمدى ئۈچ ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ ، كۆڭۈل رېشتمىز ئۈچ يىل مۇقەددەم چىگىشلىنىپ بولغاندەك تۇيۇلىدۇ ماڭا .ئەمەلىيەتتىمۇ ، بىر كۆرۈپ ئاشىق بىقارار بولىدىغان ئىش رىياللىقتا مەۋجۇتقۇ ؟

    ــ ئۇغۇ شۇنداق ، بىراق ،بۇ ئىشلار بىز ئۈچۈن سەل بالدۇرلۇق قىلامدۇ- قانداق ؟

    ــ ئېيقانلىرىڭىزغۇ ئورۇنلۇق ،ئەمما،ــ قادىر سەل تۇرىۋېلىپ داۋام ئەتتى ،ــ  سىنىپىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق ، مۇھەببەتلەشمىگەنلەردىن قانچىلىكى بار دەيسىز .يەنە كىلىپ، بىرسىنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ،ۋىسالىدا پۇچلىنىپ يۈرۈش بەك ئازابلىق ئىكەن ، بىلىمەن ، مەندە سىزنى جەلىپ قىلغۇدەك ئالاھىدىلىك يوق . ئاتام يوق ،ئانام بولسا ئائىلە ئايالى،شۇڭا مىنى ياراتمايسىز .

    ــ نېمە دېگىنىڭىز بۇ ،دېگەنلىرىڭىز  مىنى پۇل ، مال – دۇنيا ،ئابروي ئۈچۈن ياشايدىغان كۆڭلى پەسلەرگە ئوخشاتقانلىق ئەمەسمۇ قادىر . مىنىڭچە ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مېھرى – مۇھەببەتنى ماددى ۋە مەنىۋى بايلىق بىلەن ئەمەس ،ساپ ۋىجدان ، ئەقىدە بىلەن ئۆلچەش كېرەك ...

    ئۇلار ،خېلى ئۇزاق پاراڭلاشقاندىن كېيىن قايتىشتى . ئايگۈزەل، بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە  ئۆيىگە قايتمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى ،قادىر ئۇنى ياتاق ئالدىغىچە ئاپىرىپ قويدى.

     

    *            *             *

     

    مەۋسۈملۈك سىناق ۋاقتى يېقىنلاپ قالغاچ ،ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئىمتېھاننىڭ تەييارلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى .قادىر كەچلىك تاماقتىن كېيىن ،ئۆز ئادىتى بويىچە مەكتەپ ئارقىسىدىكى باغنى كېسىپ ئۆتىدىغان توپىلاڭ ،ئەمما، ئەتراپى بۈك – باراقسان ئورمان ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلانغان پىنھان يولغا كىرىپ كەلدى .دەرسلىرىنى تەكرار قىلغاچ يولنىڭ ئۇ چېتىگە چىقىشى، كۆز ئالدىدا ئايگۈزەل زاھىر بولغاندەك تۇيۇلدى .

    ــ ئايگۈزەل !؟ ــ ئارلىقنىڭ يىقىنلاپ بېرىشى، قادىر ئۆز سىزىمىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنچ قىلدى . ئايگۈزەل يۈز مېتىرچە يىراقلىقتىكى ئۆستەڭ قاپتىلىدا يىگانە چوقچۇيۇپ تۇرغان سۈگەت تۈۋىدە ئۆزى كېلىۋاتقان تەرەپكە قاراپ تۇراتتى .ئۇلار قېرى سۈگەت تۈۋىدە ئۇچراشتى .                                                             

    ــ يىراقتىنلا سىز ئىكەنلىكىڭىزنى جەزىم قىلغانىدىم ،ــ دېدى قادىر .

    ــ ئىمتېھاننىڭ تەييارلىقى بىلەن دەرس تەكرار قىلغىلى چىققانىدىم ،ــ دەپ جاۋاب بەردى ئايگۈزەل .

    ــ كۆڭۈل كۆڭۈلنى تۇيىيدۇ ، دېگەن گەپ راست ئوخشايدۇ ،يار ئېلىلار بوستان شاتلىقى تەرەپكە ئۈتۈپ تەكرار قىلىمىز دېيىشىۋىدى، رايىم پەقەتلا تارتمىدى ،مۇشۇ تەرەپلەردە سىزنى ئۇچۇرتىدىغاندەكلا قىلىۋىدىم ، دېگەندەك ...

    ــ بوستان شاتلىقى ،ــ ئايگۈزەل شۇنداق دېگىنىچە ئىختىيارسىز ھالدا قادىرغا قاراپ سالدى .بىر نوقتىدا ئۇچراشقان ئىككى كۆزدىن يېلىنجاۋاتقان ئوتلۇق ھارارەت تەپتى ، تەنلىرى تىترىگەندەك ،يۈزى ئوت بولۇپ يانغاندەك بولدى .كۆڭۈل خەستىلىكىدە ،بۈك باراقسان ئورمان بىلەن قاپلانغان يېشىل كارىدۇر ــ بوستان شاتلىق ، ئاشۇ پىنھانلىقتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر زاھىر بولدى .

    مەكتەپ قوروسىدىن بىر كىلومېتىرچە يىراقلىقتا ، يىراقتىنلا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئورمانزارلىق بار بولۇپ،ئۇ يەر ھەقىقەتەن ئىسمى – جىسمىغا لايىق يېشىل كارىدور ئىدى .نەچچە يۈز موچە دائىرگە سۇزۇلغان ،رەت – رېتى بويىچە سېلىنغان ئورمانلارنىڭ ئەتراپىدا ئېرىقچىلار بولۇپ ، سۈپ – سۈزۈك سۇلىرى كۈۋەجەپ ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىقنىڭ قاپتاللىرى ياۋا ئوت – چۆپ ، گۈل – گىياھلار بىلەن تولغانىدى. بۇ جاي ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياز ئايلىرىدا  دەرس تەكرارلىغاچ ئارام ئالىدىغان ،سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينايدىغان كۆڭلىدىكىدەك ماكانى بولۇپ ،ئوقۇغۇچىلار ، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ، بۇلۇپمۇ ،ئارام ئېلىش كۈنلىرىدە ئەدىياللىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە مۇشۇ جايغا قاراپ چېپىشاتتى ،دەرس تەكرار قىلاتتى ،مۇڭدىشاتتى ،سازلىرىنى چېلىپ ، ناخشا توۋلىشاتتى .‹‹بوستان شاتلىق ›› دېگەن نامنىڭ بۇ جايغا قايسى زامانلاردا ، كىملەر تەرىپىدىن قۇيۇلغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمىسىمۇ ،ئارام ئېلىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ماكان ئىكەنلىكىگە قاراپ ، بۇ نامنىڭ ناھايتتى توغرا قويۇلغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىشاتتى .قادىر بىلەن ئايگۈزەل بۇ جايغا بىر ئاي ئىلگىرى، بىئولوگىيە مۇئەللىمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە  كەلگەنىدى .ئۇ قېتىمدا ،بىر قاراردىكى پارالىل ئۈچ سىنىپنىڭ بىر يۈز يىگىرمە ئوقۇغۇچىسى بىراقلا كەلگەن بولۇپ ،نىشانى ، ئۆسۈملۈك ۋە بىرقىسىم ھاشارەت ، پاقا ، ئىلان قاتارلىق جانلىقلارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى يىغىشش ئىدى. يىتەكچى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئاۋال بۇ جاينىڭ يەر تۈزلىشىنى تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى ،ئاندىن ، قىز – ئوغۇل بويىچە ئوندىن ئوقۇغۇچىنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ تەشكىللەپ ،ئەۋرىشكە يىغىشقا ئاتلاندۇردى . ئايگۈزەل بىلەن قادىر بىر گۇرۇپىغا ئايرىلغان بولۇپ ، بۇ گۇرۇپىنىڭ يىتەكچىلىك ۋەزىپىسىنى قادىر ئۈستىگە ئالغانىدى.گۇرۇپپىدىكىلەر قادىرنىڭ باشچىلىقىدا ئورمانلىققا ئىچكىرلەپ كىردى .قادىر ئۆسۈملۈكتىن بەكرەك جانلىقلارغا ، بولۇپمۇ ، ئىلان ، پاقا ، كېپىنەك دېگەندەكلەرنىڭ ئەۋرىشكىسىنى يىغىشقا قىزىقاتتى .كىم بىلسۇن ئايگۈزەلنىڭ قىزىقىشىمۇ قادىرنىڭ بىلەن ئوخشاش بولدى .قادىر گۇرۇپىدىكىلەرگە :‹‹ نەچچە سائەت ۋاقىت تولىمۇ قىس ،شۇڭا بىز ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلايلى ، بىر گۇرۇپپا ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسىنى ، يەنە بىر گۇرۇپپا ھاشارەت ۋە جانلىقلار ئەۋرىشكىسىنى يىغايلى . مەن كىچىكىمدىن يېزىدا چوڭ بولغاچقا ، ئېتىز – ئېرىق ،دالا- قىشلاقلاردا بېلىق ،ئىلان ، پاقا دېگەنلەرنى كۆپ كۈرۈپ ،تۇتۇپ چوڭ بولغان ،شۇڭا مەن ھاشارەت ۋە جانلىقلار ئەۋرىشكىسى گۇرۇپپىسىغا ئايرىلاي ،مەن بىلەن بىر  گۇرۇپپىغا ئايرىلدىغانلار ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن ماڭا ئەگىشىڭلار ، قالغانلار ئېرىق قاپتاللىرى ، دەرەخ غوللىرى ، زەيكەشلىك،نەغدەي ، باغ چىتلاق ۋە چىملىقلاردىن ياۋا گۈل ، يالپۇز ، موگو ،پاقا يۇتمىقى ، چېقىر تىكەن ، قاغا تامىقى ، سېرىق ئوت ، ئىت ياڭىقى ...دېگەندەكلەرنىڭ ئەۋرىشكىسىنى يىغىڭلار ›› دېدى . ئايگۈزەل، سادىق ،زەينۇرە قاتارلىق ئۈچ ئوقۇغۇچىدىن باشقىلار ،ئىلان ، پاقىلاردىن قورقىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى يىغىدىغان گۇرۇپپىغا ئايرىلدى .سادىقمۇ يېزىدا چوڭ بولغان ، ئىلان ،پاقىلارنىڭ سۈرىدىن قورقمايدۇ ، ئايگۈزەل بىلەن زەينۇرە بولسا بۇ جانلىقلارنىڭ تولىمۇ سۈرلۈكلىگىنى بىلىدۇ ،ئۆلگۈچە قورقىدىيۇ ، قاراشتىنلا جەسۈرلىكى ،قورقۇمسىزلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئىككى نەپەر دېھقان ئوغلىنىڭ ئۆزىگە باشپاناھ بولدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ .ئۇلار شۇ سەۋەپ بۇ ئىككىسىگە ئەگەشكەنىدى ...

    گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن ئەۋرىشكە كولاش ،يىغىش ۋە سۈزۈش ئەسۋابلىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە ئۆز مەنزىلىرىنى نىشانلاپ سەپەرگە ئاتلاندى .قادىر گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئورمانزارلىقنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدىكى ئالتە – يەتە مىتىر كەڭلىكتە ، بەلگە چىققىدەك سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان ئېقىن بېشى ــ ئۆستەڭ بويىغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن ،ئىككىدىن بۆلۈندى .قادىر بىلەن ئايگۈزەل ئۆستەڭنىڭ ئىككى يۈز مېتىرچە ئۈستۈنكى باشلىمىدىن، سادىق بىلەن زەينۇرە ئۆستەڭنىڭ تارماق ئېقىنلارغا ئايرىلىش قىسمىدىن ئۆز ئىشىغا كىرىشمەكچى ،ئاخىرىدا بىر نوقتىدا ئۇچۇرشۇپ ، يىغقان ئەۋرىشكىسىنى بىرلىكتە ئوراپ قايتىشماقچى بولۇپ مەسلىھەت قىلىشتى .ئۆستەڭنىڭ ئىككى تەرىپى توپ ئورمانلىق بولۇپ،قاپتال ۋە ئورمانلىقلار يۇلغۇن ،قىياق ، چاتقاللار بىلەن ئورالغانىدى ، قۇشقاچ ، سۇندۈك ،كېپىنەك ، يىڭناغۇچلار ئۇچۇپ يۈرىشەتتى. قادىر بىلەن ئايگۈزەل ئۆستەڭنىڭ باش قىسمىغا يىتىپ بارغۇچە ،كىپىنەك ۋە يىڭناغۇچنىڭ ھەرخىل تۈرلىرىدىن تۇتۇپ ،ئەۋرىشكە يىغىش قۇتىسىغا سالدى .ئۆستەڭنىڭ غول ئۆستەڭدىن ئايرىلىش قىسمىغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن ،سۇ جانلىقلىرى تۇتۇشقا تەييارلاندى .قادىر شىمىنى يوتۇسىغىچە تۈرۈپ ، كۆڭلىكىنى بىلىگە باغلىدى ،ئايگۈزەلگە ئەۋرىشكە قۇتىسى ، چېلەك ۋە تور خالتىسىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە ئەگىشىشنى تاپىلىغاندىن كېيىن،سۈزگۈچنى كۆتۈرۈپ ئۆستەڭ ياقىلاپ ماڭدى .بىرقانچە پاقا ۋە بېلىقلارنى سۈزۈپ ئېلىپ تور خالتا ۋە چىلەككە سالدى .ئايگۈزەل پاقا تۇرماق بېلىقتىنمۇ قورقاتتى ، تۇتۇپ بېقىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، تىكىلىپ قاراشقىمۇ پېتىنالمايتتى .پاقا ، بېلىقلار سېلىنغان تور خالتا ۋە چېلەكنى كۆتۈرۈشكە پېتىنالمىغانىدى ،قادىر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پاقىنى ئالقىنىغا ئېلىپ ، پۇت قوللىرىنى سۇزۇپ ، ئاغزىنى بارماقلىرى بىلەن كەرىپ كۆرسەتتى ،بېلىقنىڭ ئاغزىغا بارمىقىنى تىقتى .

    ــ قاراڭ ،بۇ جانلىقلار سۈرلۈك كۆرۈنگىنى بىلەن چىشلىۋالىدىغانغا چىشى ، چاقىدىغانغا زەھەرلىك تىلى يوق .ئىلانمۇ شۇنداق ، سۇ ئىلىنى ئاساسەن ئادەمگە ھۇجۇم قىلمايدۇ ، زەھىرىمۇ يوق دېيەرلىك ، تۇمشۇقىدىنلا تۇتىۋالساق تۈگەشكىنى شۇ .

    قادىر ئايگۈزەلنى غەيرەتلىك بولۇشقا ئۈندەيتتى .ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىرى  ۋە چۈشەندۈرۈشلىرىدىن ئايگۈزەلنىڭ قورقۇشلىرى پەسكويغا چۈشكەندەك بولدى .ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ  نەچچە – ئون قەدەم مېڭىپ تۇرىشى ، توشقان چوڭلىقىدىكى ، تۈكلىرى پارقىراق بىر جانىۋار قارشى قىرغاقتىكى سۈگەت تۈۋىدىن بۇ  قىرغاققا قاراپ ئۈزۈپ كەلدى .

    ــ قادىر ئاۋۇ نېمە ؟

    ــ بوشراق ،ئاۋازىڭىزنى بوش قىلىڭ ، چۆچۈتۈپ قويمايلى ، ــ قادىر قەدىمىنى ئاستىلىتىپ ، جانىۋارنىڭ ھەركىتىنى كۈزەتتى ،ــ ئۇ دېگەن سۇ چاچقىنى ،چۇقۇم مۇشۇ ئەتراپتا ئۇۋىسى بار . ئۇۋىسىغا كىرگەن پۇرسەتتە تۇتىمىز .

    ــ تۇتىمىز ؟

    ــ ھەئە .

    ــ سۇ چاچقىنى ئادەم چاقمامدا ؟

    ــ ئۇنىڭ زەھىرى يوق .

    ــ چىشىغۇ باردۇ ؟

    ــ بار ، لېكىن ، چىشلەپ قويسۇن دەپ قاراپ تۇرمايمىزدە .

    ئايگۈزەل قورقاندەك قىلاتتى .ئۇ ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دېگۈدەك پەم بىلەن دەسسەپ كېتىۋاتقان قادىرنىڭ ئارقىسىدىن ئاستا قەدەم ئېلىپ ئەگەشتى .سۇ چاچقىنى قاپتالنىڭ لايداپ كەتكەن كۈنگىيىدىن ئىچكىرسىگە يېرىم مىتىرچە سۇزۇلغان ئۆرەك بويىدا كۆزدىن غايىپ بولدى .

    ـــ تېز ، تېز بولۇڭ تىشاڭنى ئەپكىلىڭ ،ــ قادىر ئايگۈزەلنىڭ قولىدىكى تىشاڭنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ،يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ئۆستەڭ قاپتىلىغا سەكرەپ چۈشتى -دە، ئۆرەك ئاغزىغا لاي – پاتقاقلارنى يىغىشقا كىرىشتى .

    ــ تۇنجۇقتۇرۇپ ،ئۆلگەندە تارتىپ چىقىرىمىزمۇ ؟

    ــ ياق ، چاچقاننىڭ كاماردا تۇنجۇققىنى نەدە بار ،بۇ يەرنى كۆمۈۋېتىپ ، سەل نېرىسىدىن كوللايمىز ، بايقىغان ھامان بېشىغا ئۇرۇپ ئايلاندۇىۋېتىپ ،ئاندىن  تۇتىمىز ،بولمىسا باشقا تۈشۈگىدىن قېچىپ كېتىدۇ .

    ــ گىپىڭىزچە  سۇ چاچقىنى ئۇۋىسىغا نەچچە يەردىن تۈشۈك ئاچىدىكەندە ؟

    ــ شۇنداق .

    ــ ھاھ ، ھاھ ، ھاھ ...

    ــ نېمىگە كۈلىسىز ؟

    ــ ئويلاپ قالدىم .

    ــ نېمىنى ؟

    ــ سۇ چاچقىنىنىڭ رەقىبلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشىمۇ ، خۇددى سىزنىڭ ئىمتېھانغا تەييارلىق قىلغىنىڭىزغا ئوخشايدىكەن ھاھ ،ھاھ ،ھاھ ...

    ــ تولا قاملاشمىغان گەپ قىلماڭ .

    ــ ئۆزىڭىز شۇنداق دېگەنغۇ ؟

    ــ نەدىكى گەپنى دەيسىز ؟

    ــ ئۆتكەندە ، ئىمتېھان دېگەننى كىتابنى ئوبدان كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ،مۇھىم يەرلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇش ، نوقتۇلۇق مەزمۇنلىرىنى سىزىش ، يادقا ئېلىش ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن تەكرار قىلغانلىرىنى بىر قېتىم ئەسكە ئېلىش دېگەندەك پۇختا تەييارلىقلارنى قىلغاندا ، ئاندىن ، يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ دەۋاتقانئىدىڭىزغۇ ،ھاھ ،ھاھ ،ھاھ...ــ ئايگۈزەل تېقىمىغا ئۇرۇپ تېللىققۇدەك كۆلۈۋىدى ، قادىر :

    ــ چاچقان ،ــ دەپ ۋاقىرىدى .

    چۈچۈپ كەتكەن ئايگۈزەل ئارقىسىغا نەچچە قەدەم داجىپ سۇغا يېقىلدى . ئۇ، سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيتتى .شۇ سەۋەبلىك بولسا كېرەك ، كۆكرەك قىسمىغىمۇ چىقمايدىغان سۇ ئورنى ،ئۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە مىتىر چوڭقۇرلۇقتەك بىلىنگەنىدى.ئايگۈزەل پالاقلىشىغىنىچە ھەپشەرەپ تۇرغان پەيتتە ، قادىر ئۆزىنى سۇغا تاشلىدى ،ئايگۈزەلنى قىرغاققا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن ،يۆلەشتۈرۈپ ،ئۆستەڭ قېشىدىن بەش مېتىرچە نېرىسىدىكى سۈگەت دەرىخى تۈيىگە ئەپكىلىپ ئولتۇرغۇزدى . قورقۇپ كەتكەنلىكتىن ،ئايگۈزەلنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ كەتكەنىدى .كىيىملىرى ئىتىگە چاپلىشىپ قالغاچ ،ئالما چوڭلۇقىدىكى كۆكسى مانا مەن دەپلا چىقىپ قالغانىدى .ئايگۈزەل بۇ ئالامەتلەردىن ناھايتتى خىجىللىق ھېس قىلىپ ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ...

     

    ‹‹ شۇ قېتىمدا ، قادىرنى زاڭلىق قىلدىم دەپ ، كۈلكىگە قالغىنىم بەك يامان بولدى .بۇنىسى ئاز كەلگەندەك ، قادىرنىڭ كىيىملەر چاپلىشىپ كەتكەن ئۈستىباشلىرىمغا ئاچكۆزلۈك بىلەن  قاراشلىرىچۇ .كونىلارنىڭ ، بەز يىمەيدىغان مۈشۈك يوق ،دېگىنى شۇ بولسا كېرەك ،ئۇنداق بولمىغاندا ، شۇنچە ئەخلاقلىق بىر ئادەم ، خىجالەتچىلىكتە ئۆزىنى نەگە قۇيۇشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان بىراۋغا ئاچكۆزلۈك بىلەن قاراپ كېتەمتى ...››

    ئايگۈزەل قادىرغا يەر تېگدىن قارىۋىدى ، قادىرنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپلا تۇرغان ھالىتىنى كۆردى .شۇ تاپ ئۇنىڭ سەزگۈسىى قادىرمۇ خۇددى ئۆزى ئويلىغاننى ــ شۇ كۈندىكى كۈلكۈلۈك ئىشلارنى، كىيىملەرنى قۇرۇتۇپ ئاندىن قايتىمىز  دېيىشىپ ، قورساقلىرىنىڭ ئاچقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ تاكى كۈن ئولتۇرغىچە پاراڭلاشقانلىقلىرىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزىۋاتقاندەك  سىزىملەشكەنىدى .

    ــ گەپ قىلسام خىيالىڭىزغا كىرىپ چىقمىدى .نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز ؟

    قادىرنىڭ سۇئالىدىن ئايگۈزەلنىڭ خىيالى بۇزۇلدى .

    ــ ھېچنىمىنى ئويلىمىدىم ،ئەتىكى ئىمتېھاننىڭ غېمى شۇ ،ــ دەپ جاۋاب بەردى ئايگۈزەل دۇدۇقلىغىنىچە .

    ــ قانداق قىلسام يۇقۇرى نومۇر ئالارمەن دەپ ئەندىشە قىلىۋېتىپسىزدە ؟

    ــ شۇنداق ،ئاڭلىسام بۇ قېتىمقى ئىمتېھان نەتىجىسى يىللىق خۇلاسىنىڭ ئاتمىش پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن .سىزچە قانداق قىلسام بۇلار ؟

    ــ مىنىڭچىما ؟ مىنىڭچە سۇ چاچقىنىدىن ئۆگۈنۈڭ ، ھاھ ...ھاھ ...ھاھ...

    قادىر شۇنداق دەپلا كۈلۈپ كىتىۋىدى ،ئايگۈزەلمۇ كۈلۈپ سالدى . كۆڭلىگە تۇيۇقسىز بىر ئىش كىچىشى ،كۈلكىدىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ سەل – پەل ھۇدۇققاندەك بولۇپ قالدى .ئۇنىڭ كۆڭلىدىن كەچكىنى ،بىر ھەپتە ئاۋال كەچلىك مۇزەكىرىدىن قايتاشىدا، قادىر قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغان بىر پارچە سالام خەت ئىدى .

    قادىر ئۇ كۈنى ئايگۈزەلنى ئوقۇتۇش بىناسى بىلەن ياتاق بىناسىنىڭ ئارلىقىدىكى گۈللۈكتە ساقلىغان ،ئايگۈزەل يىتىپ كېلىشى بىلەن ، سىزگە دەيدىغان مۇھىم گىپىم بار ئىدى ،دەپ گۈللۈك رېشاتكىسىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا تەكلىپ ئەتكەنىدى .ئۇلار ، دەسلەپ پىزىكا دەرسىدىكى بىر مەسىلە ئۈستىدە ،ئاندىن، نۆۋەتتىكى سىنىپلاردا بولىنىۋاتقان بەزى ئىشلار : بىر قىسىم ساۋاقداشلارنىڭ ئۆزئارا دوست تارتىشىپ يۈرۈشكەنلىكلىرى،كىملەرنىڭدۇر ماي تارتىشىپ ، يەنە كىملەرنىڭدۇر ئاپاق – چاپاق بولۇشۇپ كېتىشكەنلىكلىرىنى تىلغا ئېلىشقانىدى .ئۇلار، خېلى ئۇزاق پاراڭلاشقاندىن كېيىن خوشلاشتى .قادىر ئايگۈزەلنى قىزلار ياتىقىنىڭ ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ كەلدى ،قايتىش ئالدىدا ھېلىتىن قولىدا كۆتۈرىۋالغان بىر بولاقنى ئايگۈزەلگە سۇندى:

    ــ بۇ كىتاب ياخشى يېزىلىپتۇ ،ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن .

    ــ سىزگە شۇنچە ياراپ كەتكەن قايسى كىتاب بۇ؟

    ــ كۆرۈپ باقسىڭىز ئۇقىسىز ،ــ قادىر شۇنداق دەپلا كېتىپ قالدى .

     ئايگۈزەل تاقەتسىزلەندى ،دۈجۈرنىخانىنىڭ يېنىدىكى چىراق تۈۋىگە كېلىپ بولاقنى ئاچقانىدى كۆز ئالدىدا ئادەتىكى بىر دەرسلك كىتاب ــ ‹‹ تىل -ئەدەبىيات ›› ئوقۇشلۇقى نامايەن بولدى . ھەيرانلىق ئىلكىدە كىتابنى ۋاراقلىشى ،قېتىدىن بىر پارچە خەت سۇغۇرلۇپ چۈشتى . ناھايتتى قىسقا،ئەمما، مەقسەت روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن بۇ خەتتە تىلغا ئېلىنغىنى قادىرنىڭ ئايگۈزەلگە قويغان مۇھەببەت تەكلىپى ئىدى . ئايگۈزەل خەتنىڭ جاۋابىنى تۆت كۈن ئەۋەل تەييارلاپ قويغان بولسىمۇ ، قادىرغا يەتكۈزۈپ بىرش ياكى بەرمەسلىك ھەققىدە ئېنىق بىر قارارغا كىلەلمىگەچ ، ئارىدا ئۇچراشقان ئىككى – ئۈچ قېتىملىق پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتكەنىدى . ھېلىتىن ئۇنىڭ كەيپىياتىدا نورمالسىز ئالامەتلەرنىڭ بولىشىمۇ ، قادىرنىڭ ئۆز قولىدىكى كىتابقا نەزەر سالغانلىقىدىن بولغانىدى .ھەئە ، ئايگۈزەلنىڭ  كۆتۈرۋالغىنى دەل قادىر خەت قىستۇرۇپ بەرگەن ھېلىقى كىتاب ئىدى . تۆت كۈندىن بېرى ئەتىگەن ، چۈش ۋە كەچتە، ياتاقتىن سىنىپقا - سىنىپتىن ياتاققا ،خۇددى قىممەتلىك بۇيۇمنى قوغداپ كېلىۋاتقاندەك، قولىدىن چۈشۈرمەي يۈرگەن بۇ ئادەتتىكى ئوقۇشلۇقنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغىنى دەل ئايگۈزەلنىڭ قادىرغا يازغان جاۋاب خېتى ئىدى .

    ‹‹ئۆزىنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتسە كېرەك .ئەمدى قايتۇرۇپ بەرمىسەم بولمىدى ›› دەپ ئويلىدى ئايگۈزەل ئۆز ئىچىدە .ىيالغا ئۇلاشلا ئايگۈزەلنىڭ پۇت – قوللىرى تىترەپ كەتتى ، شۇنداقتىمۇ بار غەيرىتىنى يىغىپ ئېغىز ئاچتى :

    ــ كىتابىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي ،ــ كىتاب قادىرنىڭ قولىغا ئۆتىشى ، ئايگۈزەل چوڭ يول تامان يۈگۈرگىنىچە كىتىپ قالدى .قادىر خەتكە كۆز يۈگۈرتتى .

     

    سالام  

     

    قادىر ! خېتىڭىزنى قايتىلاپ ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ، جاۋاب ئورنىدا ئۇشبۇ قۇرلارغا قەلەم تەۋرىتىشنى لايىق تاپتىم . يازغانلىرىم دەماللىققا ئىدىيىڭىزدىن ئۆتمەسلىكى مۇمكىن ، ئەمما ،مەن سىزنىڭ مەقسىدىمنى چۈشىنىپ يىتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن ھەم شۇنداق بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

     گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك : خېتىڭىزنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ، كېچىچە كۆپ ئويلىنىش ئىچىدە كىرپىك قاقماي دېگۈدەك تاڭغا ئۇلاشتىم. ئۆزەم ھەققىدىكى تالاي خىياللارغا ئەسەر بولدۇم . ئۆز – ئۆزەم ھەققىدە مۇلاھىزە كەسكىن بولدى . مەن كىم ؟ ھازىرقى ۋەزىپەم ، مەسئۇلىيىتىم نېمە ؟ كەلگۈسىدىكى مەسئۇلىيىتىمچۇ ؟ ...دېگەنلەر ئۈستىدە توختاۋۇسىز پىكىر بايان قىلىپ ئۆز - ئۆزەمگە ئۈنسىز خىتاب قىلدىم ...‹‹ بىزنىڭ ھازىرقى نىشانىمىز ،مۇھەببەت كوچىسىدا سەبدايىلارچە گاڭگىراپ يۈرۈش ئەمەس  ، بەلكى ،ئىلىم – ئىرپان يولىدا ئاداقىچە كۈرەش قىلىپ ، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن تۆھپە قۇشالايدىغان ئىقتىساست ئىگىلىرىدىن بولۇپ چىقىش مەقسىتىدە تىرىشىپ ئۆگىنىش ، ھەر تەرەپتىن ئىزدىنىش ›› دېگەنلەرنى تەكرار تىلغا ئالدىم .بۇ مىنىڭ قايتا – قايتا ئويلىنىشتىن كېيىنكى يەكۈنۈم ، ئوقۇغۇچىلىقتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ ئالدىدىكى ئىلمىي خۇلاسەم .

    قادىر مەن قايسىبىر پەيلاسوپنىڭ :‹‹ ئادەم ئۆز مەنزىلىگە ، مىرات – مەقسىدىگە يىتىش يولىدا ئاز تولا قۇربان بېرىشتىن باش تارتماسلىقى كېرەك ›› دەپ يازغانلىرىنى ئوقۇغان ئىدىم ، شۇڭا، بىزمۇ كەلگۈسىدىكى ئاشۇ ئۇلۇغۋار نىشانىمىز ئۈچۈن، ئاز -تۇل قۇربان بېرىشىمىز ،بەدەل تۆلەشتىن قورقماسلىقىمىز ، ئارزۇ ھەۋەسلار قاينىمىدا گاڭگىراپ قالماسلىقىمىز لازىم . ئۈمۈدۈم ،مۇھەببەت تېمىسى ھەققىدە ھازىرچە ئېغىز ئاچمىساق .مىنىڭچە ، ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى كەلگەندە، ئۆز يولىدا ھەل بولغىنى ياخشى .بىز يەنىلا يېقىن  دوستلاردىن بولۇپ ئۆتەيلى .

    كۆڭۈل تەشنالىقىڭىزنى قاندۇردىغان دۇردانىلارنى ئەمەس ، بەلكىم ، ئىلىم- ھېكمەت ئۈستىدە گەپ ساتقانلىقىمنى كەچۈرۈڭ .

                                                     ـــ ئايگۈزەلدىن .

     

    قادىر ئايگۈزەل غايىپ بولغان چەكسىز بوشلۇققا تىكىلگىنىچە ، چوڭقۇر خىياللار قاينىمىغا غەرىق بولدى .

     

    *           *            *

     

    قىشلىق تەتىل ئاخىرلىشىپ ئىككىنچى مەۋسۈملۈك ئوقۇشنىڭ باشلانغانلىقىغىمۇ نەچچە كۈن بولۇپ قالدى .بۇ بىرقانچە كۈن ئىچىدە قادىر خېلىلا ئالدىراش ئۆتتى .ئۇنىڭ ئالدىراشلىقى تەتىلدىن كەلگەن كۈنىدىن باشلانغان بولۇپ ،ھەركۈنى دەرستىن چۈشۈپلا دەرۋازا ئالدىدا ئايگۈزەلنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئىدى .

    ئايگۈزەل يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ ئائىلىسىدىن چىقىپ ئوقۇيدىغان بولدى .بۇ خەۋەر قادىرنى بەكلا خوش قىلغان بولۇپ ، ئىلگىرى ئايگۈزەل بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن نەچچە سائەتلەپ ياتاق مارلاپ ،باشقىلارنى چاقىرۋىتىشكە ئۈندەيدىغان خىجىلچىلىقتىن قۇتۇلغانىدى .ئەمما ، ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق جەبرى – جاپاسى بولغىنىدەك ، دەرۋازا تۈۋىدە كۈتۈشمۇ ياتاق مارىلاپ ، باشقىلارنى چاقىرىپ بېرىشكە تەكلىپ ئەتكەنگە ئوخشاشلا قىيىن ئىدى .بەزى كۈنلىرى ئايگۈزەل قادىردىن بۇرۇن مەكتەپتىن چىقىپ كېتەتتى ، بەزى كۈنلىرى بولسا ھەرخىل ئىشلار تۈپەيلى خېلىلا كەچ ياناتتى،بۇلارنىڭ ھەمىسى، يەنىلا قادىرنىڭ سۈكۈت ئىچىدە كۈتىشىنى تەلەپ قىلاتتى،شۇنداقتىمۇ قادىر ئايگۈزەلنى نەچچە سائەت ئەمەس ، نەچچە كېچە كۈتۈشكە رازى ئىدى .

    كەچلىك مۇزەكىرىدىن چۈشۈش قوڭغۇرۇقى چېلىنىشى، قادىر سىنىپتىن ئالدىراپ چىقتى – دە ، يۈگۈرۈپ دېگۈدەك دەرۋازا ئالدىغا يىتىپ كەلدى .تەققەززا بولىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە، ئايگۈزەلنىڭ سىيماسى كۆرۈنىۋىدى، ئورنىدا تۇرالماي قالدى . ئايگۈزەل دەرۋازىدىن چىقىشى ئېغىز ئاچتى :

    ــ مەن تېخى سىزنى مۇزەكىرىگە كەلمىگەن چېغى دەپ ئويلاپتىمەن .

    ــ مەكتەپ تۈزۈمىگە رىئايە قىلماسلىققا ھەددىممۇ مىنىڭ . ئەتە ئۈتۈلدىغان دەرستىكى بىر مەسىلە ئۈستىدە تۇرسۇنئاي بىلەن مۇلاھىزە قىلىشىپ ، ۋاقىت ئۇزۇراپ كەتتى .

    ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى گەپ – سۆزلەر ئوقۇتۇش ،ئۆگىنىش توغرىسىدىكى تېمىلاردا ئىدى .قادىرنىڭ ئايگۈزەلگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى ، يۈرەك سۆزلىرى بار بولسىمۇ ، ئاغزىدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى .بۇمۇ ئايگۈزەلنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ كۈچىدىن ئىدى .قادىر شۇ بىر پارچە خەتتىن كېيىن ،گەپنىڭ ئۇرامىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىدىغان ،ئامال بار مۇھەببەت تېمىسىدا سۆز ئاچمايدىغان بولغانىدى .ئۇنىڭ پەمىچە ،ئايگۈزەلگە يەنە مۇھەببەت توغرىسىدا ئېغىز ئاچسا ،ئۇ خاپا بولىشى ، ھەتتا ، بۇندىن كېيىن ئارلاشماسلىقىمۇ مۇمكىن ئىدى .ئۇلار  پاراڭ بىلەن بولۇپ ،مەنزىلگە يىتىپ كەلگەنلىكىنى تۇيمايلا قېلىشقانىدى .موتىسىكىلىتنىڭ كۈچلۈك سىگنالى ئۇلارنى سەگىتتى .

    ــ كەلدۇق ،ــ دېدى ئايگۈزەل ئەتراپقا قاراپ .

    ئۇلار ئايگۈزەلنىڭ ئۆيىگە قايرىلدىغان يول دوقمۇشىغا كەلگەن بولۇپ ، ئىستۇلبىغا ئورنىتىلغان چىراق ئەتراپقا سۇس يۇرۇقلۇق تارقىتىپ تۇراتتى . 

    ــ ئەتە ھەپتىنىڭ بەشى ،كەچلىك مۇزەكىرە يوق ،كۆرۈشەلمەيدىغان بولدۇقتە ،ــ قادىر شۇنداق دېگىنىچە ئايگۈزەلگە تىكىلىۋىدى. ئايگۈزەل قادىردىن كۆزىنى ئەپقاچتى ۋە تىرنىقىنى جىجىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى :

    ــ جۈمە ،شەنبە كۈنلىرىدە مۇزەكىرە يوقلىقىنى ئۆيدىكىلەر بىلىدۇ ، شۇڭا، ئالاھىدە بىر سەۋەب بولمىغاندا ئۆيدىن چىقمىقىم تەس .

    ــ ئۇنداقتا ...

    ئايگۈزەل تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كىرپىكلىرىنى بالىلارچە چىمىلدىتىپ ،ئارقىدىن كۆزىنى قىسىپ قويدى ،پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلۈپ ،نازنىلىق بىر قىلىق بىلەن قېشىنى لىككىدە كۆتەردى-دە :

    ــ خوش قادىر ، ئىككى كۈن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاننىڭ ئارلىقىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ ،ــ دېگىنىچە تېز – تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ ،قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىڭىپ كەتتى .

     

    2

     

    ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا چۆمۈلگەن چاغ . قادىر شال كارىۋاتنىڭ كۈن چىقىش تەرەپ ،پىرامىك ئۇدۇلىدىكى رەتلىك قاتلانغان ئورۇنغا يۆلەنگىنىچە، ئۈن ئالغۇدىن چىقىۋاتقان لەرزان مۇزىكا رېتىمىغا تەڭكەش قىلىپ  غىڭشىماقتا ئىدى .ئۇنىڭبۇنداق ياتقىنىغا ئالاھەزەل 2-3 سائەتچە بولغان بولۇپ ،بۇ ھال ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تەكرارلىناتتى .

    ياتاقتا قادىردىن باشقا يەنە مامۇت ، يار ئېلى ،ئەزىمەت قاتارلىق بىرقانچە ساۋاقداش بار بولۇپ ،ئۇلار قارتقا تەگكەن ئىدى .

    ــ قادىر مۇشۇ ياتاقتىما ؟

    ــ شۇنداق .

     كىملەرنىڭدۇر ئاۋازى قادىرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.ئۇ ،ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تۈۋىگە ئەمدىلا كىلىپ تۇرىشى، بىرسى :

    ــ قادىر ،ھوي قادىر ،ــ دەپ توۋلىدى .

    ــ مانا مەن ، نېمە ئىش ؟

    قادىر سىرتقا چىقىپ كەلگەندە ، پارالىل سىنىپتىكى ساۋاقداش ئەركىن ئۇنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغانىدى .قادىر  ئەركىنگە كۆرۈشۈش ئۈچۈن قول بەردى ، ئەركىنمۇ ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالغاچ سۆز  ئالدى :

    ــ  ئەكرەم سىلىنى قۇلۇپنىڭ ئالدىغا چىقسۇن دەيدۇ .

    ــ قايسى قۇلۇپنىڭ ؟

    ــ قىشلىق قۇلۇپ بولمامدۇ، بەك تېز كەلسۇن دېگەن .

    ــ بولىدۇ .

    ....

    قۇلۇپ ئالدىدىكى مەيداندا ئەكرەم ،مېھراي ۋە ئايگۈزەللەر قادىرنى ساقلاپ تۇرغانىدى .

         ــ سىنى يالغۇز قالدى  دەپ ئايگۈزەلنى چاقىرتىپ چىقتۇق ،ــ دېدى ئەكرەم قادىر بىلەن كۆرۈشىۋېتىپ .

    ــ شۇنى ئويلاپ يتەلىگەن بولساڭ بەك ياخشى بوپتۇ .

    ــ مېھراي تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزمەكچى ئىدىم، دەپ ئۆيگە كىرىپتىكەن ئانام رۇخسەت قىلدى ،مەن تېخى بۇنى سىزنىڭ ئۇيۇنىڭىز دەپ ئويلىغان ئىدىم ،ئەپسۇس...

    ئايگۈزەل سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ قادىرغا تىكىلىۋىدى قادىر قۇلاققىچە قىزىرىپ كەتتى ۋە دۇدۇقلىغىنىچە جاۋاب بەردى :  

    ــ مەن ... مەن شۇ يالغاننى ئانچە قاملاشتۇرالمايمەن .

    ــ ئوغۇل بالا دېگەن ھەر ئىشقا سەۋەب قىلالمىسا قانداق بولغىنى . ئۈژمە پىش ئاغزىمغا چۈش، دەپ ئولتۇرساڭ خۇددى ئاسماندىكى غازنىڭ شوۋىسىغا نان چىلاپ يەيمەن دېگەندەك ئىش بولمامدۇ .ئەزمىلىك قىلىپ يۇرۇپ ئايگۈزەلنى قولدىن بىرىپ قويما يەنە ...

    ــ نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز ئەكرەم ،ــ ئايگۈزەل نارازلىق كەيپىياتتا شۇنداق دەپ تۇرىشى قادىر يەنە سۆز ئالدى :

    ــ قايسى كىنوكەن ؟

    ــ ئەينەك !

    ــ ئەينەك ؟!

    ــ قىزلارغا سوۋغا قىلغان ئەينىكىڭ يادىڭغا كىچىپ قالمىغاندۇ ھە ؟! ــ  ئەكرەم شۇنداق دېدى – دە ، تېقىمىغا ئۇرغىنىچە تېللىققۇدەك كۈلۈپ كەتتى .قادىرنىڭ چىرايلىرى شەلپەردەك قىزارغان بولۇپ ، ئۆز گېپىنى چۈشەندۈرۈشكە ئالدىرايتتى :

    ــ سىنى چاقچاق قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپتىمەن .

    ــ چاقچاق قىلغنىم يوق ، راست ئېيتىۋاتىمەن .پاكىستاننىڭ ئەينەك دېگەن سىنارىيەسىكەن .

    كىنونىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى چىقىۋىدى، ھەممەيلەن زالغا قاراپ چېپىشتى ...سىنارىيە باشلىنىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەستىنلا ئايگۈزەلنىڭ كۆزى ياشلاندى .قادىر ئايگۈزەلنىڭ ياش تۆككەنلىكىنى سەزدى ۋە :‹‹كۆڭلى راستىنلا يۇمشاق بۇنىڭ ›› دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى .ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۆزىمۇ ياشلانغانىدى .زال ئىچى شۇنچىلىك تەرتىپلىك بولۇپ ، ھەممە ئادەم پۈتكۈل ئەس يادى بىلەن كىنو كۈرىۋاتاتتى .قايسىبىرياقلاردىن كىمدۇر بىرسىنىڭ ھۇ تارتىپ يىغلاشلىرى ئەتراپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى .ئايگۈزەل ، مېھراي ،قادىر ،ئەكرەملەرمۇ بىر – بىرسىگە قاراشتى .ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدا بىرخىل مىسكىنلىك ۋە ئىچ ئاغىرتىشنىڭ ئالامەتلىرى ئۇچقۇندايتتى ،ئەلۋەتتە ...

    ــ پاھ ! بەك تەسىرلىك ئىكەن ،ــ سىنارىيە ئاخىرلىشىشى بىلەن مېھراي شۇنداق دېۋىدى ، ھەممەيلەننىڭ ئاغزى ئېچىلدى . ئۇلار ،بەس – بەستە پىكىر بايان قىلىشاتتى :

    ــ شۇنداق ، ھازىرقى دەۋىر رىياللىققىدىكى ، كىشىلەر ئوتتۇرسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم يامان ئىللەتلەر قامچىلانغان كىنوكەن .

    ــ بۇنداق كىنونى قانچە قېتىم كۆرسىمۇ ئەرزىگۈدەك . دېمىسىمۇ، رىياللىقتا پۇل ، مال – دۇنيانى دەپ بالىلارنى دوۋزاق ئوتىدا كۆيدۈردىغان ئاتا – ئانىلار يوق ئەمەس .بۇ كىنونى ئەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ كۆرگەن بولسىدى كاشكى .

    ــ بىز ياشلار كونا ئىدىيە ئۈستىدىن غالىپ كېلەلىسەك ، ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ، چىن دىلىمىزدىن سۆيگەن مۇھەببىتىمىزنى قەدىرلەپ، جەمئىيەت ئەزالىرىغا مۇھەببەتنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى ھەقىقى مەناسى بىلەن يۇرۇتۇپ بېرەلىسەك ، ئاندىن، بۇ خىل نامۇۋاپىق ئىشلارغا خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ ،ــ دېدى قادىر ھاياجان بىلەن .

    ــ شۇنداق ،ــ قادىرنىڭ ئېيتقانلىرىنى ھەممەيلەن بىردەك تەستىقلاشتى ...

    ئۇلارنىڭ كىنو ۋەقەلىكىگە جىپسىلاشتۇرۇلغان رىياللىقتىكى كۆرگەن ،ئاڭلىغانلىرى  ھەققىدىكى بەس مۇنازىرىسى  تاكى ئايگۈزەلنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگۈچە داۋاملاشقان بولۇپ ، ئايگۈزەل بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىنلا ئۆز گىپىگە كىلشكەنىدى .

    ــ سىنىڭ ئەھۋالىنىڭ سىنارىيە باش قەھرىمانى ئەكبەرنىڭكىگە يېقىنلاپ قالىدىكەن ،ئېھتىيات قىل جۇمۇ قادىر ، كېيىنلىكتە يەنە ئەكبەرنىڭ كۈنىنى تارتىپ قالما ،ــ ئەكرەم قادىر بىلەن قەستەن چېقىشىپ شۇنداق دىۋىدى ، قادىر ھازىر جاۋاب بولدى :

    ــ سەن سىنارىيەدىكى داۋۇت ئەپەندىگە كۈيئوغۇل بولىدىغان،ھېلىقى مال – دۇنيانى پەش قىلىپ باشقىلارغا زورلۇق ئىشىلتىدىغان، بولۇمسىز يىگىتنىڭ رولىنى ئېلىپ قالمىساڭلا بۇ ئىشلاردىن خۇدا ساقلايدۇ .

    نېمە ئۈچۈندۇر ھەممەيلەن جىمىپ كەتتى . ئادەتتە بىر ئېغىز گەپتىن قالمايدىغان ئەكرەممۇ ، تۇمۇچۇقتەك سايراپ تۇرمىسا ئىچى پۇشۇپ قالىدىغان مېھرايمۇ لام – جىم دىمەي كىتىپ باراتتى . قادىرنىڭ كۆڭۈل بېغىدىن كىملەردۇر بىرسىنىڭ سىيماسى غىل – پال ئۆتكەندەك بولىۋىدى، ۋۇجۇدىدا خىيال كەپتەرلىرى تىپچەكلەشكە باشلىدى . شۇ تاپ ئۇ، سىنارىيەدىكى ئەكرەم بىلەن لىدا تىراگدىيەسىنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشى بىلەن باغلىماقتا ئىدى :

    ‹‹... ئايگۈزەلنىڭ ئانىسى دوختۇر ،ئاتىسى بولسا بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى ، قول ئىلكىدە بار ، جەمىيەتتە يۈز تاپقان كىشىلەر ، مەن بولسام نامرات ، ئاددى بىر ئائىلە ئايالىنىڭ ئوغلى. كېيىنچە، توي ئىشىمىزغا ئايگۈزەلنىڭ ئۆيىدىكىلەر قوشۇلماي قالسا ، لىدا بىلەن ئەكبەر تىراگدىيەسى قايتىلىنىپ  قالارمۇ ؟ - ياق ،ئۇنداق بولمايدۇ ، ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ ....››

    قادىرنىڭ خىيالى تاكى يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشتى. ئەتىسى ھەممىدىن كىيىن ئورنىدىن تۇردى . ئورۇن – كۆرپىلىرىنى چىرايلىق قاتلاپ يىغقاندىن كېيىن ، يۈزىنى يۇماق بولۇپ ياتاقتىن چىقتى . ئۇ، سۇخانىغا كىرىپ كەلگىنىدە، ئەكرەم ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ قايتىشقا تەمشەلگەنىدى :

    ــ قانداق ،ئوبدان تۇرۇپسىلەرمۇ ؟ــ سورىدى ئەكرەم قادىر بىلەن كۆرۈشۈۋېتىپ .

    ــ بېشىم سەل ئاغرىغاندەك قىلىدۇ .

    ــ كېچە ئوبدان ئوخلىمىغان گەپ ،خىيال سۈرىۋەرگىچە بالدۇراق ئارام ئالساڭلار ئۇنداق بولمايتتى  ، ــ ئەكرەم سۇخانىدىن چىقىپ كېتىۋىتىپ شۇنداق دېدى .

    قادىرنىڭ كۆڭلىگە ئەكرەمنىڭ ئاچقۇچى كەچتى. يېنىنى سىلاشتۇرۋىدى ئاچقۇچ كۆرۈنمىدى . قايتۇرۇپ بەردىممۇ نېمە؟  ئۇ،شۇنداق ئوي بىلەن ئەكرەمنىڭ ئارقىسىدىن توۋلىدى :

    ــ ئەكرەم ئاچقۇچىڭلىنى قايتۇرۇپ بەردىمما ؟

    ــ ياقەي ، يوق تۇرامدۇ ؟

    ــ شۇنداق ، سىلىنى كۆرۈپ ئىسىمگە كىچىۋىدى، قارىسام يېنىمدا يوق تۇرىدۇ.

    ــ ئالدىرماي ئىستەڭلار ،چىقىپ قالار .

    قادىر تۇربىنىڭ مۇزدەك سوغاق سۈيىدە يۈز – كۆزلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ، چىشىنى ئاندا – مۇندا چوتكىلىدى– دە ، دەرھال ياتاققا چاپتى . تاپسىدىن ئەمدىلا ئاتلاپ تۇرىشى، ئەكرەم ئېغىز ئاچتى :

    ــ مەستانە بايقۇش ،ئاچقۇچ ساندۇقتا تۇرۇپتۇ .

    ــ ۋوي ! ھە تۆنۈگۈن ئەخمەت خەۋەر قىلىپ كەلگەندە ياتاقتا ناخشا تىڭشاۋاتاتتىم ،ئەسلىدە، ئۈنئالغۇنى ساندۇقتىن ئالغاندا ئاچقۇچنى ئېلىۋالماپتىكەنمەندە . ئەكرەم چاقىردۇ دېگەننى ئاڭلاپ ھەممىنى ئۇنتۇپتىمەن ئەمەسمۇ ،ــ قادىر نەرسىلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ،تاماققا چىقماق بولدى ،ئەكرەمنى تاماققا تەكلىپ ئىتىپ ،ــ يۈرۈڭلار بىرگە ناشتا قىلىپ كېرەيلى ،ــ دېدى .

    ــ سىلى چىققاچ تۇرۇڭلار ،مەن ساندۇقنى يىغىشتۇرۋېتىپ ئارقاڭلىدىن چىقاي ،ــ دېدى ئەكرەم ساندۇقتىن بېشىنى كۆتەرمەي .

    ــ تاماق بۇيرۇتۇپ قويىمەنمۇ ؟

    ــ ...

    قادىر ياتاققا قايتىپ كىرگىنىدە ،ئەكرەمدىن باشقىلار تەل بۇلۇپ ، قارتقا تەككەن ئىدى .قادىر ئۇلاردىن ئەكرەمنى سۈرۈشتۈرۋىدى، كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىشتى . ‹‹بىر بولسا تاغىسىنىڭ ئۆيىگە ، بىر بولسا قىزلاردىن بىرەرىنى ئەگەشتۈرۈپ ‹‹ بوستان شاتلىق ›› قا چىقىپ كەتتى ...ئاچقۇچنى ئېلىۋالسام بولغان ›› دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە .

    مەيداندا ۋاراڭ –چۇرۇڭ ئاڭلانغانىدى قادىر سىرتقا چىقتى . بىر توپ ساۋاقداش ۋالىبول ،ۋاسكىتبوللارنى كۆلەتكىنىچە تەنتەربىيە مەيدانىغا قاراپ مېڭىشقانىدى .ئۇلار ،قادىردىن بىر قارار يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيدىغانلار بولۇپ، نىمىلەرنىدۇر مەسلىھەت قىلىشىپ كېتىۋاتاتتى .قادىر بىر بېسىپ – ئىككى بېسىپ تەنتەربىيە مەيدانىغا يىتىپ كەلدى .ۋالىبول ، ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى مۇسابىقە باشلىنىپلا قىزغىن كەيپىياتقا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ، مەيداندىكى ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۈستۈنلۈك تالىشىش جېڭىغا ئاتلانغانىدى .قادىر بىر سائەتچە مۇسابىقە كۆرگەندىن كېيىن ، ياتاققا قايتىپ كىردى .بۇ چاغدا ياتاقتىكى قەرت خۇمارلىرىمۇ نەلەرگىدۇر يۇقاشقانىدى .قادىر ئورۇنىغا يۆلەنگىنىچە خىيالغا چۆمدى . خىيالىدا ،نەچچە كۈن ئەۋەلقى بىر كۈنى تاڭ سەھەردە كۆرگەنلىرى ئىدى. ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى شىرىن ھەم قاباھەتلىك چۈش بولۇپ ، ئازغىنە نەچچە كۈن ئىچىدە، كۆڭلىگە ئايان بولغانلىرىنى تالاي قېتىم ئەسلەپ ،قىسمەت چىگىشلەر بىلەن تۈمەنمىڭ باغلاپ كۆرگەن ، گويا بىر كېلىشمەسلىك ئۆزىنى ئەگىپ يۈرۈيدىغاندەك خاۋاتىرسىزلەنگەنىدى .

    سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىققان قادىر ئايگۈزەل بىلەن دېدارلاشتى . رەتلىك كىيىنىپ ،چىرايلىق تارانغان ئايگۈزەل شۇنچىلىك لاتاپەتلىك ئىدىكى ،قارىغانسېرى قارىغۇسى كېلەتتى  .

    ــ ئايلىنىپ كېرەيلىمۇ ،ــ دېدى ئايگۈزەل قادىرغا .

    ــ جېنىم بىلەن .

    ئايگۈزەل قادىرغا قاراپ شۇنچىلىك يېقىملىق جىلۋىلەندىكى ، قادىرنىڭ يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى .

    ياپيېشىل ئوت – چۆپ ۋە رەڭگا – رەڭ گۈل – گىياھلار بىلەن ئورالغان تۇپىلىق يولدا،بىر جۈپ گەۋدە بىر – بىرسىگە بېقىشقىنىچە كۆڭۈل سىرلىرىنى تۆكۈشۈپ كىتىپ باراتتى ...

    ــ ۋۇي ! بۇ قەيەر ؟ ــ ئايگۈزەلنىڭ ھەيرانلىق بىلەن ئېيتقانلىرىدىن قادىر چۆچۈپ كەتتى . ناتۇنۇش يول ، ناتۇنۇش مەنزىرە ،ئۆمرۈدە كۈرۈپ باقمىغان ھەشەمەتلىك دەرۋازا .ئۇلار تېخى ھېلىلا مەكتەپ مەيدانىدىن چىقىپ ،مەكتەپنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى توپىلىق يولغا كىرىپ كەلگەن ئەمەسمىدى ؟! قانداقسىگە بۇ يەرگە كېلىپ قالدى ؟ بۇ قەيەر ؟

    قۇيۇق ئۆسكەن جىگدە دەرىخى ،ئازغان ،قارقات ،چېقىر تىكەن ، يۆگىمەش قاتارلىق دەل – دەرەخ ۋە ئوت - چوپلەر بىلەن قورىشالغان باغ چىتلاقلىرى تولىمۇ مۇستەھكەم بولۇپ ،ئادەم تۇرماق بىرەر جۇغى كىچىك جانىۋارنىڭ ئۈتۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن بولمايتتى . دەرۋازا ھەر خىل نەقىشلەر بىلەن بىزەلگەن بولۇپ ،ئالتۇن رەڭلىك ھەل بېرىلگەن دەرۋازا ھالقىسى كۈن نۇرىدا پارقىراپ نۇر چاچاتتى .قاراشتىنلا ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئىدى .

    ــ بۇ قەيەردۇ ؟ئىلگىرى بۇ ئەتراپتا بۇنداق ھەيۋەتلىك قورو دەرۋازىسىنى ئۇچراتمىغان ئىدىم ،ــ قادىر دەرۋازا ھالقىسىنى كۈچەپ شاراقشىتقان بولسىمۇ ھېچقانداق بىر شەپە كەلمىدى،ــ  بىر ئامال قىلىپ ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ باقايلى ،ــ دېدى قادىر دەرۋازا ئۈستىگە يامىشىۋېتىپ .شۇ ئەسنادا دەرۋازا ئېچىلدى :

    ــ ئېھتىيات قىلىڭ ،ــ ئايگۈزەل قادىرنىڭ چۈشىۋېلىشىغا ياردەملەشمەك بۇلۇپ قول سۇزىشى ، قادىر ئايگۈزەلنىڭ قۇچىقىغىلا چۈشتى . يوغان ئېچىلغان جۈپ كۆزلەر بىر – بىرسىگە دەقىقىلىك بېقىشقاندىن كېيىن ،نىشانىدىن ئاداشتى .

    ــ غەلىتىلىكقۇ بۇ ، ــ قادىر ھەيرانلىق  نەزىرىدە ئەتراپقا قارايتتى ،ــ دەرۋازىغۇ ئېچىلدى ، بىراق ،دەرۋازىنى ئېچىپ بەرگەنلەر قېنى ؟

    ــ تىلسىم !؟ ــ ئايگۈزەل دەرھال قادىرنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋالدى.

    ــ تىلسىم ؟نەدىكى تىلسىم ئۇ ؟!

    ــ كىنولاردا كورمىگەنمىدىڭىز ؟ تىلسىملارنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق ئاجايىپلار بار ، يەنە تېخى يۇشۇرۇن خەۋىپ دەڭا .

    ــ ئۇ دېگەن كىنو ، توققۇزى رەڭ بىرسى جەڭ .رىياللىقتا نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن .مىنىڭچە دەرۋازا تاقالمىغان .دەسلەپتە چىڭراق ئىتتىرىپ كۆرمىگەن بولىشىمىز مۇمكىن .يۈرۈڭ ،ــ قادىر ئايگۈزەلنى يىتلىگىنىچە باغ ئىچىگە ئاياق باستى . ئەتراپقا قىزىقسىنىپ قارىغىنىچە ،ــ قاراڭ بۇمۇ ئادەتتىكىدەك بىر باغكەنغۇ،ــ دېدى .

    ــ شۇنداقتەك قىلىدۇ ، بىراق ...

    ــ نېمىگە  بىراق ؟

    ــ ئادەتتىكى باغدەك كۆرۈنگىنى بىلەن قانداقتۇر بىر غەيرىي پۇراق كېلىۋاتقاندەك قىىلىدۇ . شۇنچىلىك مىزىلىك ،گۇيا ئىپار ئەمبەرنىڭ پۇرىقى .

    ــ توغرا ، توغرا ،ئىپارنىڭ ھېدى ، ئىپارنىڭ ...

    ئالما ، نەشپۇت ، ياڭاق ، بادام ، ئالۇچا ،زىرىق ...قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخنىڭ ھەرخىل سورتلىرى ۋە گۈل – گىياھلار بىلەن قاپلانغان باغنىڭ ئىچى شۇنچىلىك رەتلىك ۋە گۈزەل بولۇپ ،باغنى چاسا شەكىلدە نەچچە ئون تاختىغا ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك ئېرىقچىلاردا زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇراتتى .ئۇلار باغقا ئىچكىرلەپ كىرىۋىدى  ، بىر توپ  كېپىنەكلەر نەلەردىندۇر ئۇچۇپ كېلىشىپ ،ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇشتى . باغنىڭ كۈن چىقىش تەرەپ، تاغ باغرىدىن جەنۇپ تەرەپىدىكى ئۆستەڭ بويلىرىغچە سەپ بولۇپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كېپىنەكلەر ، گويا تور تارتىپ كىلىۋاتقان ئۆمۈچۈكلەردەك سەپ تارتقانىدى.

    ــ پاھ ! نېمىدىگەن گۈزەل مەنزىرە ،ــ ئايگۈزەل تاقىلدىغىنىچە كېپىنەكلەر توپىغا قاراپ يۈگەردى .قاراڭ ! ھەممىسى قىزىل كېپىنەكلەركەن .

    ــ شۇنداق ، ھەممىسى قىزىل رەڭدىكەن ،خۇددى ئەتلەسنىڭ ئۆزى .

    ھاياجانلىق مەنزىرە ئانچە ئۇزۇن داۋام قىلمىدى .قادىر ئايگۈزەلگە تۇتۇپ بىرىمەن دەپ،توپ ئىچىدىكى بىر دانە كېپىنەككە قول سۇزىشى ،كىپىنەكلەر توپى قۇيۇن كەبى چۆرگۈلەپ ئاسمانغا ئۆرلىرىدى ،ئارقىدىنلا ،دەھشەتلىك ھۇۋۇلىغان ئاۋاز چىقىپ قارا بوران كۈتۈرۈلدى .

    ــ قادىر ...قادىر ...مىنى تۇتىۋېلىڭ .

    ــ ئايگۈزەل ...ئايگۈزەل قېنى سىز ،ـــ پۈتكۈل جاھاننى قارا قۇيۇن قاپلىغان بولۇپ ، ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايتتى ، ــ ئايگۈزەل سىز نەدە ...سىز نەدە ...

    ئاسمان گويا چاقماق چېقىلىپ ،چېقىلدىغان چۈشكەندەك ۋال – ۋۇل قىلىپ يۇرۇپ كەتتى ...

    ــ  نېمە قىلىۋاتىسەن .

    بېقىنىغا تەككەن قاتتىق مۇش قادىرنى ئويغاتتى .ئۇ ، كۆزىنى ئاچقىنىدا ،يېنىدىكى ئورۇندا ياتقان ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا ھۈرپىيىپ قاراپ تۇراتتى ... قادىر ئەتراپقا ئەندىكىپ قارايتتى. گۇگۇم پەرىدىسىنى يېرىپ كېلىۋاتقان تاڭ نۇرى ياتاق ئىچىنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇرغان بولۇپ ،سەھەر سۈبھىنىڭ مەيىن شامىلى ئادەم يۈزىنى سۈيۈپ ئۆتەتتى  ...

     

    ــ قادىر سىزنى مۇئەللىم چاقىرىدۇ ،ـ قادىر چۈشىگە يەنە بىر قېتىم تەبىر بەرمەك بولۇپ تۇرىۋىدى ،بىرسىنىڭ چاقىرىشى بىلەن خىيالى بۇزۇلدى .

    ــ قەيەردە ؟

    ــ يىنىك ئاتلىتكا مەيدانىدا .

    گىمناستىكا مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىدىن ئېلىنغان ،يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە مەجنۇنتال سېلىنغان بولۇپ ، ياپيېشىل كۆكەرگەن تال چىۋىقلار سىكىلەك قىزنىڭ چاچلىرىدەك يۇقۇردىن پەسكە ساڭگىلاپ چۈشكەن ، مەجنۇنتالنى چۆرىدەپ تۇرغان قارياغاچلار ئۇچىدىن تەكشى قىرقىلغان بولۇپ ،مۇستەھكەم يېشىل قورغان ھاسىل قىلغانىدى .قادىر گىمناستىكا مەيدانىنىڭ كۈن پېتىش تەرەپتىكى ۋالىبول ، ۋاسكىتبول مەيدانىغا تۇتىشىدىغان يولنى بويلاپ نەچچە مىنۇتچە ماڭغاندىن كېيىن ، يىنىك ئاتلىتكا مەيدانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى يولدا پاراڭلىشىپ تۇرغان ئىككى كىشىنى كۆردى . ئۇلار، ئەكرەم بىلەن سىنىپ مەھسۇلى مەخسۇم ئەمەر ئىدى .

    مەخسۇم ئەمەر ئوتتۇرا بوي ،چىرايىنىڭ ئۈڭى ئاققا مايىل، ئات يۈز كىشى بولۇپ ،بېشىغا دائىم شەپكە ئارتىۋالاتتى . بىر ئىشقا ئىنىچكە قارىغاچقىمۇ ، ئوقۇغۇچىلاردىكى كىچىككىنە سەۋەنلىكمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى .بىرەرسىدىن تېرىقچىلىك سەۋەنلىك بايقىغان ھامان نەچچە كۈنگىچە زىغىرلاپ يۈرۈپ جاق تويغۇزاتتى .بىر ئىشتىن ئاسان كۆڭلى ئاغرىنىدىغان مىجەزى بولۇپ ،ئادىناسى ، بىركىمنىڭ سىرتلاردىكى رەسىمخانىغا بېرىپ بىرەر پارچە سۈرەتكە چۈشكىنى قولىقىغا كىرىپ قالسىمۇ ، شۇ كىشىگە خېلى كۈنگىچە تەتۈر قاراپ قالاتتى . دەم ئېلىش كۈنلىرىدە قاپلىرىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن كونا ئاپراتىنى بوينىغا ئاسقىنىچە ،دەرۋازا تۈيىدە ئولتۇرۋېلىپ ، سىرتقا چىقىپ كېتىۋاتقانلاردىن ،ئۆزلىرىنىڭ نەلەرگە مېڭىشقانلىقلىرىنى بىر – بىرلەپ سوراپ چىقاتتى .رەسىمخانىغا ماڭغانلىقى بايقالغان ھامان ،ئۆزىنىڭ سىرتتىن بىر يۈەن ئەرزان ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،ئاپراتنى توغۇرلاپ بۇلاتتى .ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئۇياتسىرىغان ئوقۇغۇچىلار ،مۇئەللىمنىڭ كۆڭلى رەنجىتىپ يۈرگۈچە بوپتىلا،  دېگىنىچە مەخسۇم ئەمەرنىڭ تامغا تارتىپ تەييارلاپ قويغان ئۈڭى ئۆچكەن قىزىل پەرتۇق لاتىسى ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بۇلاتتى .مەخسۇم ئەمەر قادىرغا سىنىپ مەھسۇلى بولغان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرىمۇ ، ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى كەلگەندىكى خاتىرە سۈرەت ، ئۆكتەبىر بايراملىق ،يېڭى يىللىق ، رېجىستىۋا بايرىمىلىق ، چاغانلىق ، نوۋرۇزلۇق ...دېگەندەك تۈرلۈك سەۋەب بىلەن نەچچە پارچىدىن سۈرەتكە تارتىپ بولغانىدى .مانا تېخى نەچچە ئون كۈن ئەۋەل ،ماي بايرىمىلىق سۈرەت ئۈچۈن ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن بەش يۈەندىن پۇل يىغقىنى قادىرنىڭ ئېسىدە شۇنداق ئېنىق .ئۇ كۈنى قادىرنىڭ يېنىدا پۇل يوق ، ساۋاقدىشى ياسىندىن ئالتە يۈەن ئۆتنە ئېلىپ بەرگەن ،ئۆتنىنى تېخىچە قايتۇرمىغانىدى .

    قادىر ئۇلارنىڭ قېشىغا يېقىنلاپ كىلىشى ئەكرەم كىتىپ قالدى .

    ــ سىز بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان ئىش بار ، ــ دەپ گەپ باشلىدى مەخسۇم ئەمەر،ــ سىز تۆنۈگۈن ئەكرەمنىڭ ئاچقۇچىنى سوراپتىكەنسىز شۇنداقمۇ ؟

    ــ شۇنداق مۇئەللىم ،ئۇنىڭ ئۈنئالغۇسىنى ئارىيەتكە ئالماق بولۇپ سورىغان .

    ــ كېيىنچۇ ؟ ئاچقۇچنى قاچانلاردا قايتۇرۇپ بەرگەنىدىڭىز ؟

    ــ بۈگۈن ،بۈگۈن ئەتىگەندە يۈزۈمنى يۇيماق بولۇپ سۇخانىغا كىرگەن ئىدىم ،ئەكرەم بىلەن دىدارلىشىپ قالدۇق ، شۇ چاغدا ئاچقۇچ ئىسىمگە كەچتى ،يېنىمنى ئاقتۇرسام ئاچقۇچ يوق ، كېيىن، ياتاققا قايتىپ كىرسەم ،ئەكرەم ئاچقۇچنىڭ قۇلۇپتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . تۆنۈگۈن ئالدىراشچىلىقتا قۇلپىنى بېسىۋېتىپ ئاچقۇچنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپتىمەن .

    ــ ئۇنداقتا ئەكرەم سىزگە بىرنەرسە دېدىمۇ ؟

    ــ ياق ،ناشتا قىلىپ كېرەيلى دېسەم ئەكرەم ئۇندىمىدى ، مەن تاماققا چىقىپ كەتتىم .قايتىپ كىرسەم  ياتاقتا يوق ئىكەن .ئىشنىڭ جەريانى شۇ ، بىرەر ئىش بوپتىمۇ ؟

    ــ بۇنىسى ئۆزىڭىزگە ئايان،كەچكىچە ئوبدان ئويلۇنۇپ جاۋاب بېرىڭ ،ــ مەخسۇم ئەمەر شۇلارنى دەپ كىتىپ قالدى .

    قادىر تۇرغان جايىدا قاققان قۇزۇقتەك خېلى بىرمەھەل قېتىپ قالدى .نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ يىتەلمەيتتى ،شۇنداقتىمۇ، كۆڭلىدە ئۆزىنى بىرەر كىلىشمەسلىكنىڭ سايىسى ئەگىپ يۈرىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى ...

    ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تاڭ ئاخىرى يۇرۇپ ،كۈن چىقتى .ئەتىگەنلىك تاماققا ئۇرۇلغان قوڭغۇراقىنىڭ زىل ئاۋازى تەدرىجى كۈچەيمەكتە ئىدى .ساۋاقداشلار تاماق قاچىسىنى كۆتەرگىنىچە ئالدىراش  چىقىپ كېتىشكەن بولسىمۇ ،كېچىچە كىرپىك قاقماي دېگۈدەك تاڭنى ئاتقۇزغان قادىر، تېخىچە ئۆز ئورنىدىن قىمىر قىلماي، قېتىپ قالغان كىشىدەك ئولتۇرماقتا، بىر كېچە ئويلىنىپمۇ تېگى ماھىيىتىگە يىتەلمىگەن ئىشنى كىمدىن ، قايسى يول بىلەن بىلىشنى خىيال قىلماقتا ئىدى .ئۇ ،ئاخىرى بۇ ئىشنى ئەكرەمنىڭ ئۆزىدىن سوراشنى لايىق تاپتى . ئەكرەم يۈزىنى يۇيۇپ ئەمدىلا ياتاققا كىرىشى ئېغىز ئاچتى :

    ــ ئەكرەم بىز يېقىن دوستلاردىن ، قانداقلىكى ئىش بولسا ئوچىغىنى ئېيتساڭ .

    ــ بۇنىڭ زۈرۈرىيتى بارمۇ ؟ ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دەپتىكەن ، ھەممە ئىش ئۆزەڭگە بەش قولدەك ئايدىڭ تۇرۇپ، يەنە مەندىن گەپ ئالماقچى بولغىنىڭنى قارا !ــ ئەكرەم قۇپاللىق بىلەن شۇنداق دېدى ۋە لۈڭگە ، چىش چوتكىسى دېگەنلەرنى ساندۇق ئۈستىگە تاشلاپ قويۇپ ، تاماق قاچىسىنى كۆتەرگىنىچە سىرتقا ماڭدى . چىقىپ كېتىۋېتىپ ،ــ گىپىڭ بولسا مۇئەللىم بىلەن ئەھۋاللاش ،ــ دېدى .

    قادىر سىنىپقا كىرىپ كەلگىنىدە، دەرس ئاللابۇرۇن باشلانغانىدى .ئۇ دەرس ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن ورنىغا بېرىپ ئولتۇردى ،ئەمما، ئەس – خىيالى سىنىپتا بولمىدى .بۇ زادى قانداق ئىش ؟ ئەكرەمنىڭ بىرەر نەرسىسى يۈتۈپ كەتتىمۇ يە؟شۇنداق دېگەندە، زادى نېمىسى يۈتۈپ  كەتكەندۇ ؟پۇلىمۇ ؟ ئەتىۋارلىق بۇيىمىمۇ ؟ئۈنئالغۇ ياكى بولمىسا ...ئەمما، ياتاقتا ئادەم كەم بولمىسا ،قانداقسىگە ...كىممۇ مۇشۇنداق پەسكەش ئىشنى قىلار ؟! ...

    ئۆز نوۋىتى ،ۋاقتى سائىتى بويىچە ئورۇلغان قوڭغۇراق ئاۋازىلا قادىرنىڭ دىققىتىنى ئانچە – مۇنچە بۇراپ تۇرغان بولۇپ ، ساۋاقداشلارنىڭ قىقاس – چوققان سېلىپ قىزىقارلىق پاراڭغا ، بەس – مۇنازىرىگە چۈشۈشلىرى ئۇنىڭ تېگىى يوق خىياللىرىنىڭ چېچىلىشىغا سەۋەب ئىدى .

     كەچ كىردى .بىر كۈنلۈك پائالىيەت ئاخىرلىشىپ ،كەچلىك تاماققا داڭ ئورۇلدى ،قادىر تاماق قاچىسىنى قولىغا ئېلىپ تۇرىشى بىرسى توۋلىدى :

    ــ قادىر بۇياققا چىققان بولسىڭىز ،سىز بىلەن دېيىشىدىغان گەپ بار ئىدى .

    ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەر لىتىپ،بوسۇغۇدىن بىر چامدام مېڭىپلا، شۇلارنى دەپ ،يەنە كەينىگە ياندى .

    ئەسقەر لىتىپ قادىر بىلەن بىر يۇرتلۇق ، يېزا مەركىزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ  ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ، ئالدىنقى يىلى، ئالى تەخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش يۈزىسىدىن بۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگەن ئىدى . مىجەزى ئۇچۇق – يۇرۇق ،باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ،چىرايىدىن كۈلكە تۈكۈلۈپلا تۇرىدىغان بۇ مۇئەللىم ، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، قادىرغا ھەر تەرەپتىن ياردەمدە بولۇپ كەلگەن ئىدى . قادىرمۇ ئۇنى ناھايتتى چوڭ بىلگەچ، ئەسقەر مۇئەللىم ،ئەسقەر ئاكا دېسە ئېغىزغا بىر كېلەتتى .ئۇلار مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشما ئىشخانىسىدا پاراڭلاشتى .

    ــ ئاڭلىسام ئەكرەمنىڭ ئاچقۇچىنى سوراپ ئاپتىكەنسىز ،ــ دەپ سۆز ئاچتى ئەسقەر لىتىپ بىر ئىستاكان چاينى جۇزىغا كەلتۈرۈپ ، قادىرنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويغاندىن كېيىن ،ــ ساندۇقىدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمىدى ؟

    ــ ياق ،ئۇنئالغۇسىنى سورىسام ئاچقۇچنى تاشلاپ بەرگەن ،ئىلگىرىمۇ نەچچە قېتىم ئۈنئالغۇنى ئارىيەتكە سورىغاندا شۇنداق قىلاتتى .نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۆزەممۇ ئاڭقىرالمىدىم ،تۆنۈگۈن سىنىپ مەسئۇلىمىز چاقىرتىپتۇ ،لىكىن، گەپنى ئۇچۇق ئېيتمىدى ،ئەكرەمدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام، ئۇمۇ بىرنەرسە دەپ بەرمىدى .

    ــ ئۇنداقتا نېمە ئىش بولغانلىقىدىن راستىنلا خەۋىرىڭىز يوقكەندە ؟

    ــ شۇنداق .

    ئەسقەر لىتىپ بىرئاز ئويلانغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋام قىلدى  :

    ــ  ئەكرەمنىڭ ساندۇقىدىن پۇل يۈتۈپتۇ .

    ــ پۇل يۈتۈپتۇ ؟!

     قادىرنىڭ كاللىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى :

    ــ بۇ مۇمكىنمۇ ؟ ئاچقۇچقۇ قۇلۇپتا قاپتۇ ، بىراق، مەن ياتاقتىن ئايرىلغاندا ياتاقتتا خېلى كۆپ ساۋاقداشلار قالغانىدى ...

    ئەسقەر لىتىپ ئىشنىڭ جەريانى ، ئاقىۋىتى ۋە ئۆزىنىڭ پەرەزلىرى ھەققىدە خېلى ئۇزاق توختالغان بولسىمۇ ، قادىر ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇردى .خېلى ۋەز – نەسىھەتلەر قىلىپمۇ ، ھېچ ئىلگىرلەشكە ئىرىشەلمىگەن ئەسقەر لىتىپ ،ئاخىرى قادىرنى مەسىلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا ئۈندىدى . گىپىنىڭ ئۇرامى شۇ بولدىكى ، قادىردەك تۇرمۇشى غورۇگۈل، نامرات بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن، بۇنداق خاتالىقنىڭ سادىر بولۇش ئېھتىماللىقى يوقۇرى ئىدى .سەۋەنلىكىنى ۋاقتىدا تۇنۇپ ،مەسىلىنى تاپشۇرسىلا قالدى ئىشلار سۈرۈشتۈرۈلمەي ،ئىش تامام ۋەسسالام بۇلاتتى . ئۇنداق بولمىغاندا ،بۇ ئىش قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق ھەل قىلىناتتى ...

     

    *            *               *

     

    ئەسقەر لىتىپ بىلەن قادىر ئوتتۇرسىدىكى كۆڭۈلسىز سۆھبەتنىڭ بولۇنغىنىغىمۇ ھەش – پەش دېگۈچە ھەپتە بولغان بولۇپ ، بۇ ئشنىڭ تەپسىلاتىدىن ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەۋەردار بولغانىدى .گەرچە ئۇلار قادىرغا بۇ ئىش توغرىسىدا چش يېرىپ بىر نەرسە دېمىگەن بولسىمۇ ،ئەمما ، گەپ – سۆز ، يۈرۈش تۇرۇشتىكى بىنورمالسىزلىقتىن چاندۇراتتى . ئايگۈزەلمۇ قادىردىن ئۆزىنى ئەپقېچىپ يۈرگەندەك قىلاتتى . قادىر ئايگۈزەلدىكى بۇ خىل بىنورمالسىزلىقنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى سۆز – چۆچەكلەر بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەچ ، ئايگۈزەل بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپمۇ ئولتۇرمىغانىدى . شۇ تەرىقىدە بۇ بىر ھەپتىمۇ ئۈتۈپ كەتتى . ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كەچتە،قادىر دەرستىن چۈشۈپ ياتاققا ئەمدىلا  كىرىپ تۇراتتى، ئەسقەر لىتىپنىڭ ئۇنى توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قادىر ئەسقەر لىتىپنىڭ ئارقىسىدىن ئويۇشما ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى . ئىشخانىدا مېھراي ئولتۇراتتى .

    ــ بىز ئۈچىلىمىز بىر يۇرتتىن ،ــ دەپ گەپ باشلىدى ئەسقەر لىتىپ ،ــ كونىلار قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە دەپتىكەن ،ھەرقانداق گەپ بولسا ئۈچىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا قالىدۇ ،ــ ئەسقەر لىتىپ قادىرغا بىرپەس تىكىلگەندىن كېيىن ،سۆزىنى داۋام ئەتتى ،ــ بۇ ئىشقا خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ ئىشتىن مەكتەپ رەھبەرلىرىمۇ خەۋەر تاپقان ئوخشايدۇ،شۇڭا، مەسىلىنىڭ ۋاقتىدا ئايدىڭلاشقىنى ياخشى . ئالدىنقى مەۋسۈمدە بىر ساۋاقداشنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىش تۈپەيلى ئوقۇشتىن قوغلانغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بولسا كېرەك ،ــ ئەسقەر لىتىپ گېلىنى قىرىپ قويغاندىن كېيىن، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ داۋام قىلدى ،ــ مەكتەپ رەھبەرلىرى سىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالىڭىزنى نەزەردە تۇتۇپ ،ئىشنى ئاددى يول بىلەن ھەل قىلىشنى ، يەنى ،سىنىپ ئىچىدىلا بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلۇشۇپتۇ . سىزنى مېھراي ئىككىمىزنىڭ گېپىنى ئالىدۇ دېگەن ئۈمۈد بىلەن سۆھبەتلىشىپ بېقىشقا بىزنى ئورۇنلاشتۇردى .بۇ سىزگە بېرىلگەن ئاخىرقى پۇرسەت . قېنى قانداقلىكى گەپ بولسا ئۇچىغىنى ئېيتىڭ .

    ــ شۇنداق ، مەكتەپ سىزگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ قادىر ،قانداقلىكى گەپ بولسا بىزگە ئېيتىڭ ،بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز ،ــ مېھراي ئەسقەر لىتىپنىڭ گېپىنى تۇلۇقلاپ بولغاندىن كېين ، سومكىسىدىن قەغەز قەلەم ئېلىپ جوزا ئۈستىگە قويدى ۋە قېنى گىپىڭىزنى باشلاڭ ، دېگەندەك تەرزدە قادىرغا تىكىلدى .

    ــ دېدىمغۇ ،پۇلنى مەن ئالمىدىم دېدىمغۇ ، قانداق قىلسام ئاندىن ماڭا  ئىشىنىسىلەر ،ــ قادىر ئەسقەر لىتىپقا تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېۋىدى ، مېھراي سۆز ئالدى :

    ــ سىزگە ئىشەندۇقمۇ دەيلى ، بىراق، دېگەنلىرىڭىزنىڭ راستلىقىغا گوۋاھلىق بېرىدىغان ئادەم بولمىسا ، پاكىتسىز ئىشنى قانداق بىرياقلىق قىلغىلى بولسۇن.

    شۇ تاپ مېھرايمۇ قادىرغا ئوخشاشلا ئازاپلىنىۋاتاتتى .ئۇچىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ، قادىرنىڭ مۇشۇ نەچچە كۈندىنبېرى ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق پاكىتلارنى توپلاشنىڭ ئورنىغا ، ھېچقانداق بىر ئىشنى سۈرۈشتۈرمەي خراممان  يۈرگەنلىكىدىن ئېچىنغانىدى ، ئەمما، ئىش مېھراينىڭ ئويلىغىنىدەك ئاددى ئەمەس . قادىر ئۇنچىۋالا گالۋاڭ ، بىغەرەزلەردىن ئەسلا ئەمەس ئىدى .ئۇ ، بۇ ئىشنى ئۇققان شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ،ئىشنىڭ تېگى- ماھىيىتىنى ئېنىقلاشقا كىرىشكەن بولۇپ،  ياتاقتىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن تەپسىلى ئەھۋال ئىگەللەپ ، يۈرۈش – تۇرۇشلىرىنى ئىنچكە كۈزەتكەنىدى.ھەئە،قادىر ياتاقداشلىرىنىڭ ئىسپات بېرىشى ئارقىسىدا، شۇ كۈنى ياتاقتا ئەڭ ئاخىردا يالغۇز قالغان كىشىنىڭ مامۇت ئىكەنلىكىنى ،ئۇنىڭ ئەتىسىلا بىرقانچە دوستلىرىغا داستىرخان  ھازىرلىغانلىقىنى پاكىتى بىلەن ئىگەللىدى .ئەھۋالنى سىنىپ مەسئۇلىغا يۇرۇتقان ئىدى ،ئىش ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى .سىنىپ مەھسۇلى قادىرنىڭ ئاغزىدىن مامۇتنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا چىچاڭلاپ كەتتى :

    ــ مامۇت كىمنىڭ بالىسى بۇنى بىلەمسىلەر ،ــ دېدى مۇئەللىم زەردە بىلەن ،ــ ئۇنىڭ ئاتىسى نوپۇزلۇق بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى ،ئاپىسى ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى .باشقىلارنىڭ ساندۇقىنى ئاختۇرمىسىمۇ ،خەجلەي دېسە پۇل كاممىتى ئۇنىڭغا ، قالايمىقان سۆزلىمەي ئويلۇنۇپ ئىش قىلىڭلار ...

    ئەھۋال ئەنە شۇنداق ئىدى .قادىر شۇ ئىشلارنى يەنە بىر قېتىم خىيالەن ئەسلەپ، كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى . كۆزنى ياشلاپ دەردىنى ئىچىگە يۇتماقتىن باشقا نېمە چارە . ئوغۇرلۇق قىلغان مەن ئەمەس ، پالانى دەي دېسە قولىدا ئىسپات بولمىسا ... ئۇ يىغلىماي كىم يىغلىسۇن .يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ دېگەن شۇدە .ئۇ ئۆزىنىڭ تولىمۇ بىتەلەيسىزلىگىنى ،تۇرمۇشتا تارتقان كۈلپەتلىرىنى ،مۇشۇ دەقىقىدە بېشىغا كەلگەن دەرد – ئەلەملەرنى خىيال قىلدى ،مېھرىبان ئانىسىنى ئەسلىدى . ئانام بۇ سەتچىلىكلەرنى ئاڭلىسا قانداق بولۇپ كېتەر ؟ ئۇنىڭغا نېمە دەرمەن ؟ مىنى توغرا چۈشىنەرمۇ ؟ بۇ ئازاپقا بەرداشلىق بېرەلەرمۇ ؟ ... دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەنىدى ...

    قادىر ئۈندىمەيتتى . بىر نوقتىغا قادالغىنىچە خىيال باغلىرىدا سەيلانە قىلماقتا ئىدى.بۇ قېتىمقى سوھبەتمۇ  نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى . ئەتىسى بىرىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا ،ئۇ ،مەكتەپ ئامانلىق بۆلۈمىگە چاقىرتىلدى .ئىشخانىدا ساقچى پورمىسى كىيگەن ئىككى كىشى بولۇپ ، قادىر ئۇلار بىلەن نەچچە كۈن ئەۋەل بىر قېتىم كۆرۈشكەن ، قىسقىچە ئەھۋاللاشقانىدى .ئۇلارنىڭ بىرى ئاقپىشماق  پورسېمىز ،يەنە بىرى بولسا، ۋىجىككىنە كەلگەن پىستان كۆز ،يۈزلىرى چوقۇر ۋە قارمۇدۇق ئىدى .

    ــ ھە قېنى كىلىڭ ئۇكام ،ــ دېدى پىستانكۆز شىرە ئالدىدىكى ئورۇندۇقنى قادىرغا ئىشارەت قىلىپ ،ــ ئۆتكەندە بىر قىسىم مەسىللەرنى ئىگەللەپ كەتكەنىدۇق ، بۇ دورام مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلماق بولۇپ كەلدۇق ، شۇڭا، بىزگە ئوبدان ماسلاشمىساڭ بولمايدۇ ، سەنچە قانداق ؟ ــ قادىر ئۈندىمىگەنىدى ،ئۇ سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى ،ــ ۋاقىت بەك قىس ، شۇڭا ، بىز نېمىنى سورىساق شۇنىڭغا جاۋاب بەر . ئىسمىڭ نېمە ؟

    ــ قادىر .

    ــ بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭ ؟

    ــ ئون توققۇزغا .

    پىستان كۆز ساقچى قادىرنىڭ ئائىلە ئادرىسى ،ئائىلە ئەھۋالى ، مەكتەپكە قاچان ئوقۇشقا كەلگەنلىكى ۋە ۋەقە سادىر بولغان كۈندىكى ئەھۋاللارنى بىر – بىرلەپ سوراپ، خاتىرە قالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ،يېنىدىكى پور سىمىز ساقچىغا قارىۋىدى ،ئۇ زۇۋان سۈردى :

    ــ دېمىسەممۇ ئۆزەڭگە ئايان ، ئون توققۇز ياش گىراجدانلىق يېشى ،قانۇن بويىچە جازالاشقا بولىدۇ .ئەمما ، بىز سىنىڭ ئەھۋالىڭنى كۆزدە تۇتۇپ ، مەكتەپ مۇدىرى بىلەن سۆزلەشتۇق . تەكىتلەيدىغىنىمىز شۇكى :پۇزۇتسىيەرىڭ ياخشى بولۇپ ، مەسىلىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرساڭ، كەڭچىلىك قىلىپ ئىشنى سىنىپ ئىچىدىلا بىر تەرەپ قىلماقچى ، ئۇنداق بولمايدىكەن، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىپ  جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلدىغان گەپ ،ئۇ چاغدا، ئوقۇشۇڭ بىكار بولۇپلا قالماي ، يەنە ،ئارخىپىڭغىمۇ داغ چۈشىدۇ .

    ....

    ــ مەن ھەممە گەپنى ئەسقەر لىتىپقا ئەينەن ئېيتتىم ،ئەھۋالنى شۇنىڭدىن ئىگەللەپ كۆرسەڭلار بولىدۇ ،ــ قادىر ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .ئۇنىڭ گۈرەن تۇمۇرلىرى كۆپۈشۈپ ، بۇرۇن تۈشۈكلىرى كېڭەيگەن بولۇپ ، بوغۇلۇپ سۆزلەيتتى ،ــ  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دېگۈدەك نېمە ئىش بولسۇن .گىپىڭلارچە ئالمىغان پۇلغا ئىگە بولسام بولىدىكەندە . گومانلىق ئادەملەرنى ئۆتكەن نۆۋەت سۆھبەتلەشكەندە سىلەرگە ئېيتتىمغۇ ،نېمىشقا شۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ كۆرمەيسىلە .

    ــ ئولتۇرۇپ سۆزلە ،ــ دېدى پىستان كۆز قادىرغا قول شىلتىپ ،ــ مامۇتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ كۆردۇق .ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى بار ،دەلىل ئىسپاتلار تۇللۇق .گۇۋاھچىلارنى چاقىرتساق ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلامتىڭ يە ،ــ پىستان كۆزنىڭ ئەلپازى يامان ئىدى .ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ نەچچە قەدەم ئالدىغا داجىپ كەلگەن بولۇپ ، مۇشتۇملىرىنى چىڭ يومغىنىچە قادىرغا ھۆمۈيەتتى ،ــ يەنە جايىللىق قىلساڭ، قۇلۇڭغا كويزا سېلىپ ، ساقچىخانىغا ئېلىپ كىتىمىز .قاچان ئىقرار قىلساڭ، شۇ چاغقىچە سولاققا چۈشىسەن .ئۇ چاغدا ،بۇ مەكتەپكە قايتا پۇت دەسسەيمەن دەپ ئويلىمىساڭ بولىدۇ .

    قادىر ئۈندىمەيتتى .ئۇچىغىنى ئېيتقاندا ،شۇ تاپ ئۇ ،پىستان كۆز ساقچىنىڭ ئىشتان بېغىغا ئېسىۋالغان كويزىغا تىكىلگىنىچە، نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلماقتا ئىدى .قانچە خىيال قىلغانسېرى، مېڭىسى قۇپقۇرۇق بولۇپ ، تېخى ھېلىتىن نېمىنى ئويلىغانلىقىنى جەزىم قىلالمايتتى ، بەدەنلىرىگە تىترەك ئولىشاتتى .قادىر مىڭبىر تەسلىكتە خىيالىدىن ھالقىپ ئۆز ئەسلىگە قايتتى ، نېمىلەرنىدۇر دېمەك بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىدىيۇ زۇۋان سۈرمىدى .شۇ پەيتتە پورسىمىز ئېغىز ئاچتى :

    ــ بىزنىڭمۇ ۋاقتىمىز قىس ، ئىشىمىزغا ماڭمىساق بولمايدۇ ، ئەڭ ياخشىسى شايتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ئېزىپ ئاپتىمەن ،دەپلا ئىمزا قۇيىۋەتسەڭ، بىزمۇ بۇ ئىشلارنى باشقا يەردە كۆتۈرۈپ يۈرمىسەك ، خاتىرىمۇ قالدۇرمىساق ، پۇلنى قايتۇرۋەتسەڭلا ئىش تۆگىمىدىمۇ .شۇنداق قىل ، شۇنداق قىلساڭلا ھەممە ئىش ئاخىرلىشىدۇ . سەن ئوقۇشۇڭنى داۋاملاشتۇرىسەن ، بىزمۇ ئۆز ئىشىمىزنى قىلىمىز .تۈرمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق يەر ،قاراڭغۇ ھەم زەي بولغىنىدىن باشقا ، ئەتىدىن كەچكىچە ئېغىر ئەمگەك قىلىدىغان گەپ .

    ــ نېمىشقا ئىمزا قويغۇدەكمەن ، ئىمزا قويمايمەن ،ـــ قادىر ئورنىدىن تۇرىشى، پورسىمىز بىلەن پىستان كۆز تەڭلا ئېغىز ئاچتى :

    ــ ئولتۇر ،ــ جاڭڭىدە تەككەن بىر شاپلاق بىلەن قادىرنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت ياندى . پىستان كۆز پۇخادىن چىقمىغاندەك بىر ئەلپازدا دىۋىنىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى ،ــ قاچان ئىمزا قويساڭ شۇ چاغدا چىقىسەن .

    ــ ئويلاپ باقمامسەن ،ئاچقۇچنى سەن ئالغان تۇرساڭ ،يۈتكەن مالنىڭ ئىگىسى سەن بولماي يەنە كىم بولىدۇ .باشقا بىرسىنى ئالدى دېسەك پاكىت ،ئىسپات بولمىسا . يەنە جاھىللىق قىلىپ ئۆزەڭنىڭ پۇتىغا ئۆزەڭ كەكە چاپما ،ــ پورسىمىز  سوراق خاتىرسىنى قادىرنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قۇيۇپ، سۆزىنى داۋام قىلدى ،ــ قېنى ئىمزا قۇيىۋەت .

    بەس مۇنازىرە ، تالاش – تارتىش ، پوپوزىلار خېلى ئۇزاق داۋام ئەتتى . قادىرنىڭ ئەمدى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزىنى ئاقلىيالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ، بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بەرىبىر ئۆز يەلكىسىگە يۈكلىنىدىغانلىقىنى كۆڭلى تۇيۇپ يەتكەنىدى . شۇنداق ،ساقچىلار بۇ ھەقتە ئېنىق پوزۇتسىيە بىلدۈرگەن ، ئىشنىڭ جەريانى مەيلى قانداق بولسۇن ،پەقەت، قادىر ئاكتىپ پوزۇتسىيەدە بولۇپ ،سوراق خاتىرسىگە ئىمزا قويىۋەتسىلا ئوقۇشىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقى ، ئۇنداق بولمىغاندا ، مەكتەپتىن ھەيدىلدىغانلىقىنى ئوچۇق قىلىپ ئېيتقانىدى .يىغىپ ئېيتقاندا ، قادىرغا سوراق خاتىرسىگە ئىمزا قۇيۇشتىن باشقا يول يوقتەك قىلاتتى .يەنە كەينىگە سۆرىسە قاماقخانىغا سولىنىدۇ ياكى تاياقنى بولۇشىچە يەيدۇ .ھېلىھەمدىمۇ ،پىستان كۆزنىڭ بىر شاپلىقىنىڭ زەربىسى ئۇنىڭ ئېڭىكىدە ، يۈرىكىدە بار .ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققىلى بولىدىغانلىكى ئىش بولىدىكەن ،ھەرقانداق تاياق – تۇقماق ،ئازاب –ئوقۇبەتنىڭ كارى چاغلىق ئىدى ،ئەمما  ئۇ، قايسى يول ، قايسى ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنى ئاقلايدۇ ،ئۇنىڭغا كىممۇ ياردەم قىلىدۇ . ئۆي يەكلىگەننى تالامۇ يەكلەپتۇ ،دېگەندەك ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۇستازىمۇ ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە پىسەنت قىلمىغان تۇرسا ،يەنە كىملەر ياردەم قىلسۇن ...

    قادىر گۇناھسىز بولغىنى بىلەن ، گۇۋاھچىسىز ئىدى .قانۇن ئېڭى بولغىنى بىلەن، تېخى گۈدەك بولغاچ، ساقچىلارنىڭ قۇرۇق پوپوزىسدا گاڭگىراپ قالغانىدى .ئۇ ئاخىرى ‹‹نېمىلا دېسەم بەرىبىركەنغۇ ،ئالمىدىم دېسەممۇ ئالغان ھېسابلىنىدىكەنمەن ، ئاقمىغان گىپىمدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى كەينىگە سۆرەپ ، مەكتەپتىن ھەيدەلگۈچە، ئاكتىپراق بولۇپ، ئوقۇشۇمنى ساقلاپ قالغىنىم تۈرۈككەن ، ئىمزا قۇيۇپلا قۇتۇلاي ›› دېگەن ئويغا كەلدى . خاتىرىنى قولىغا ئېلىۋىدى ،قوللىرى تىترەپ كەتتى . كۆزى قاراڭغۇلۇققا تىقىلدى . نەچچە ئون دەقىقىدىن كېيىن  ھوشىغا كەلگەندەك بولدى   . خاتىرە قۇرلىرىغا كۆز يۈگۈرتىيۇ، ئىختىيارسىز توۋلاپ سالدى :

    ــ سەكسەن بەش يۈەن ؟

    ...ئىمزا قويۇلدى .نەچچە ھەپتىگە سۇزۇلغان تەكرار سوراق ئاخىرلىشىپ ، ساقچىلار ئۆز يۇلىغا راۋان بولۇشتى ، ئەمما ،قادىر ئۇنداق قىلالمىدى ، ئەركىن ئازادە بولماقتىن تۆگۈل ، چوڭراق نەپەس ئېلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيۋاتقاندەك ، پۇت – قوللىرى كاللەكلىشىپ ھەركەتكە كەلمەيۋاتقاندەك بىر سىزىم بىلەن ،ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە ئىلەڭ – سەلەڭ يۈرۈپ ياتاققا قايتىپ كىردى . قاباھەتلىك چۈش كۆرگەن كىشىدەك سوغاق تەرلەشكە باشلىدى . بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ زادى نېمە ئۈچۈن ؟ دېگەننى تەكرار تىلغا ئېلىپ ، بىر نوقتىغا باغلانغىنىچە  خىيال قاينىمىغا غەرىق بولدى .

     

    3

     

      قاباھەتلىك بىر كۈن ئاخىرلىشىپ يەنە تاڭ ئاتتى . ئىشلار ئۆز رېتىمىدا داۋاملىشىپ ، كۈندۈلۈك ئوقۇ – ئوقۇتۇش تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتېھان ۋاقتىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقى مەكتەپ ئىچىدە جىددىي كەيپىيات قوزغىغانىدى . ساۋاقداشلار ئىمتېھانىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىغا جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئاتلانغان بولسىمۇ،قادىر ئۆز خىيالى بىلەن بولۇپ ، خىيال دۇنياسىدا ئىمتېھاندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. روھى كەيپىياتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ ، ئەس – يادىدا ئانىسىلا بار ئىدى . ئۇ ئانىسى بىلەن نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئۆيىگە بارغاندا كۆرۈشكەنچە قايتا كۆرۈشمىگەن ، پەقەت، بىر ئاي بۇرۇن يۈرتىدىن كەلگەن بىر كىشى بىلەن رەستىدە دىدارلىشىپ قالغاندا ئانىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغانىدى . قادىر ئانىسىدىن بەكلا ئەنسىرىدى .ئۇنىڭ ئەنسىرەشلىرى ھەرگىزمۇ ئورۇنسىز ئەمەس بولۇپ ، تېپىپ بەرگۈچىسى يوق ، كېسەلمەن بىر ئانىنىڭ كېسەل ئازابى ، يالغۇزچىلىق دەردى، بىر ئائىلىدىكى نەچچە جاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتەك قاتمۇ – قات قىيىنچىلىق ئاز كەلگەندەك ، ئۈستىلەپ كەلگەن بۇنداق ئېغىر ئەلەمنى كۆڭلىگە سىغدۇرۇپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى .

    ‹‹ سەكسەن بەش يۈەن ... تەتىل بولغان بولسىدى مەدىكار ئىشلىسەم ئىككى ئايغا قالماي تۈگىگەن بۇلاتتى .ناۋادا مەكتەپ بۇ ئىشنى ئانامغا ئېيتسا ،ئۇ قانداقمۇ قىلار ،نەلەردىن ،كىملەردىن پۇل ئۆتنە ئالىمەن دەپ يۈرەر .مىنى توغرا چۈشىنەرمۇ ؟ ــ قادىر سوراق خاتىرسىگە ئىمزا قويغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان يىدى ،ــ ئىلاھىم بۇ ئىشلارنى ئانام ئۇقماي تۇرسا ،تېزراق تەتىل كەلسە، جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ ئىشلەپ قايتۇرغان بولاتتىم ...››

    قادىرنىڭ خىيالىغا ئەكرەم كىرىۋىدى گۈرەن تومۇرلىرى كۆپۈشۈپ ، بورۇن تۆشۈكلىرى كەڭىيىپ كەتتى . ئەكرەمنىڭ ئۆزىنى كۆرگەن ھامان قېچىپ يۈرگەنلىرى ،پورسىمىز ساقچىنىڭ : ‹‹ ئەكرەمنىڭ ساڭا قارىتا گۇمانى كۈچلۈك ›› دېگەنلىرى كۆڭلىدىن كېچىۋىدى غەزەپ پىغانى ئۆرلەپ كەتتى . ئۇ ،ئەكرەمنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى مۇدىئاسىنى زادىلا چۈشىنىپ يىتەلمەيتتى .

     ‹‹ ئۇ راستىنلا ھەق سۆزلىگەنمىدۇ ؟ ياكى باشقا بىر سەۋەب بىلەن ، بۇ ئىشنى ئويدۇرۇپ چىققانمىدۇ ؟ ››دەيتتى ئۆز – ئۆزىگە ھەسرەت بىلەن.قادىرنىڭ خىيالىدا يەنە ، بىر قېتىم كەچلىك مۇزەكىرىدىن قايتاشىدا ئەكرەم بىلەن سۆھبەتلەشكەن دەقىقىلەردىكى مۇنۇ سۆزلىرى زاھىر بولۇپ ئۆتتى .

    شۇ قېتىمدا ئەكرەم ئۇنىڭغا : سەن نىمانداق تەلەيلىك ، ئايگۈزەلدەك نەسەبىلىك بىر ئائىلىنىڭ گۈزەل قىزى ساڭا نىسىپ بولۇپ قالغىنىنى قارا ! پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆگەلدى دېگەن شۇدە ... دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان ،ئارقىدىن يەنە، چاقچاق قىلىپ قويدۇم جۇمۇ ،ناۋادا بىر كۈنلەردە ئايگۈزەلدىن ئايرىلىپ قالساڭ مەندىن كۆرۈپ قالمىغىن ، دېگەنلەرنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەنىدى .

    قادىر شۇلارنى ئويلاپ، بىر ئىشنى سەزگەندەك بولدى .ئېغىپ تۇرغان كۆڭۈل تۆرىدە ئەكرەمنىڭ بەزى ھەركەتلىرى سايە تاشلاپ تەدرىجى كېڭەيدى . ئەكرەم ئايگۈزەلنى كۆرسە پەقەتلا تۇرالماي قالاتتى . قادىر بىلەن ئايگۈزەلنىڭ بىرەر يەردە بىرگە تۇرغىنىنى كۆرگەن ھەر قېتىمدا ،ئىپادىسىدە تېزلا ئۆزگۈرۈش بولۇپ ،قادىرنى گەپتە چېقىۋالاتتى ياكى بىرنەچچە ۋاقىت زۇۋان سۈرمەس بولۇپ قالاتتى . قادىر بۇ ئەھۋاللارغا ئىلگىرى ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن ، ئەكرەمنىڭ مىجەزى شۇنداق دەپلا ئۈتۈپ كەتكەن ئىدى ، بىراق ،ھازىر ئۇ ئىشلارنى ئويلىغانسېرى ئويلىغۇسى ،ئۆز رىياللىقىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئاشۇ بىرقاتار ئىشلار بىلەن باغلىغانسېرى باغلىغۇسى كىلەتتى ...

    بۇ ئىشلار راستىنلا قادىر ئويلىغاندەك شۇنچە مۇرەككەپمۇ ياكى ئەھۋال راست بولۇپ ، توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلىغان بىرسى بارمۇ ،بۇنىڭغا كىسىپ بىرنېمە دېمەك تەس ئىدى ...

    ئەجداتلار ھېكمىتىدە تىلغا ئېلىنغىنىدەك ،دۇنيادا ئاشكارلانمايدىغان سىر بولمايدۇ .ئىنسان ھاياتىدىكى بەزى ئىشلار تامامەن ئۇچۇق – ئاشكارا بولۇپ كەتمىسىمۇ ،ھامان بىر كۈنى، شۇ ئشىتىن خەۋىرى بار ، ئەقلى كامىل سەگەك ئىنسانلار ئۆتكەن ئىشنىڭ تەكتى - ماھىيىتىگە يىتەلەيدۇ ، ھەق – ناھەقنى ، راست – يالغاننى پەرىق ئىتىپ ،كىمنىڭ چىن ئىنسان ، كىمنىڭ چاكىنىلىقىغا توغرا باھا بېرەلەيدۇ ،بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدۇ، ئەلۋەتتە .

    پۇل يۇقاش دىلوسى ئاخىرلاشتى .قادىر سەۋەنلىكنى ئۈسىتىگە ئالغاندىن كېيىن، مەكتەپ مەمۇرىيتى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە خەۋەر يەتكۈزۈپ ،ئانىسىنى مەكتەپكە چاقىرتىپ كەلدى .قادىرنىڭ ئانىسىنى مەكتەپكە چاقىرتىلغانلىقىدىن  ئەسلا خەۋىرى يوق ئىدى .ئۇ، ياتاق ئالدىدا ئانىسىنىڭ سىيماسىنى كۆرگىنىدە داڭ قاتتى .ئانىسىنىڭ ئالدىغا قانداق بېرىشنى ، نېمە دېيىشنى بىلمەي گاڭگىرىدى .مەن ئېزىپتىمەن دىسۇنمۇ ؟ مەكتەپ مىنى قىستىدى ، ئامالسىزلىقتىن تەن ئالدىم دىسۇنمۇ ؟ ...باشقا بىر سەۋەب تاپسۇنمۇ ؟ نىمىلا دېمىسۇن بەرىبىر .ھەر قېتىم ئۆيگە بېرىپ قايتاشىدا ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا دەيدىغان بىردىنبىر نەسىھېتى :‹‹ئوغلۇم قولىمىز قىسقا بولسىمۇ نىيىتىمىز دۇرۇس بولۇشى كېرەك .ئىنسىجىن كۆرمىدى دەپ قىلغان – ئەتكەنلىرىمىزنى ياراتقۇچى كۆرىدۇ .ئادەم نىسىۋىسىگە شۈكرى قىلىپ ،تىرىشىپ ئىشلىسىلا ھەممىگە ئېرىشەلەيدۇ .ئاچكۆزلۈك ئىنساننى قېلىپتىن چىقىرىپ، يەرگە قارىتىدىغان ئەڭ يامان كۈشەندىدۇر .سىنىڭدىن كۈتىدىغىنىم، دۇرۇس ياشا ›› دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى .بىچارە ئانا شۇ تاپتا ئۆز ئەقىدىسىنىڭ بىر يولدىلا بەرپات بولغۇنىدىن ئۆكۈنمەي قالسۇنمۇ ؟ يىمىگەننى يىگۈزۈپ ، كەيمىگەننى كىيدۈرۈپ ،پەپىلەپ چوڭ قىلغان ئارزۇلۇق ئوغلىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرغان بۇنداق جاۋابىدىن قانداق ھېسياتقا كېلىپ قالغاندۇ ، قانچىلىك ئازابلانغاندۇ ھە ؟ گەرچە ، ئانا سۈتىدەك پاك بولسىمۇ، كىشىلەر ئارىسىدا ناپاك سانالغان بىچارە ئوغۇل ، بۇ ئىشلارنى ئانىسىغا چۈشەندۈرۈپ بولسۇنمۇ ؟ ئانا ئالدىغا قايسى يۈزى بىلەن بارسۇن؟ ...

    ــ قادىرجان بالام ،ــ تۇنۇش ھەم يېقىملىق ئاۋاز قادىرنى سەگىتتى .موماي تېز –تېز قەدەملەر بىلەن قادىرغا قاراپ كېلىۋاتاتتى ،ــ ئوغلۇم .

    ــ ئانا ،ــ قادىر يۈگرەپ بېرىپ، ئانىسىغا ئۆزىنى ئاتتى ،ــ جېنىم ئانا ،باغرىم ئانا ،ــ قادىر گويا كىچىك بالىدەك بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ،ــ سىنى ئۇۋالغا قويدۇم ئانا ،كۆڭلۈڭگە ئازار بەردىم ،خاپا قىلدىم ، رىيازەت چەكتۈردۈم ...

    ئۇلار بىرھازا كۆز يېشى قىلىشتى .ئانا ئۆزىنى مىڭبىر تەسلىكتە تۇتىۋېلىپ ،ئوغلىغا باقتى . ئوغلىنىڭ يۈزلىرىنى بارماقلىرى بىلەن سىلىدى ،مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشكەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ دېدى :

    ــ بولدى ئۆزەڭنى بېسىۋال ئوغلۇم .ئوغۇل بالا يىغلىسا ياراشمايدۇ . دېدارلىشىش خوشاللىقنىڭ بىشارىتى بالام ، ھەرگىز كۆز يېشى قىلما ، ئاتاڭنىڭ روھى قورىنىدۇ .

    ــ ئانا ! مەن ... مەن ...

    ــ قەلبىڭنى ،سىنى چۈشىنىمەن بالام . سەن ھېچ ئىشنى خاتا قىلمىدىڭ ،دۇرۇس ياشىدىڭ ،بىراق ، گۈدەكلىك قىلدىڭ شۇ ،ــ ئانا ئوغلىنىڭ يىرىك چاچلىرىنى پەپىلەپ سىلىدى ،ــ قارا بوپ كەتكىنىڭگە. چاچلىرىڭ كىرلىشىپ كېتىپتۇ .چاچنى پاكىزە تۇتۇش كېرەك ،دەپ ساڭا تالاي قېتىم دېسەممۇ يەنە ئەستە تۇتماپسەن .

    ــ ئانا! مەن .

    ــ ھەممە ئىشتىن خەۋەر تاپتىم ھەم تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ كۆردۈم .خاتىرجەم بول بالام ، ئاناڭ ساڭا ئىشىنىدۇ .

    ــ بىراق ...

    ــ ھېچ ۋەقەسى يوق ،ــ ئانا ئوغلىنىڭ گىپىنى بۈلۈپ شۇنداق دېدى،ــ ناھايتتى بىر پاقلاننىڭ مەرىدىن كەچسەك ھەل بولىدىغان ئىشكەن .قشىنچى نەچچە كىلو گۆشنى كەم يىسەكلا بولمىدىمۇ .ساڭىمۇ ئامال قانچە بالام .كونىلاردا ،گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن ، دەيدىغان گەپ بار .قارىغاندا ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى باراۋەرلىكنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا خېلى جەريان كەتسە كېرەك .مەن سېنىڭ ئۇنداق شەرمەندە ئىشلارنى قىلمايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن .ساڭا ئۇۋال قىلىنغىنى راست ،بىراق ، ئۆزەڭنى ئاقلاشقا ئاجىزسەن ،ئەمما ،ــ ئانا سەل ئىككىلىنىشتىن كېيىن داۋام ئەتتى ،ــ  بىر ئىشنى تازا ئوبدان قىلماپسەن ئوغلۇم. گۈدەكلىك قىلىپسەن دېگىنىم شۇ ئىدى ، قول قويماسلىقىڭ كېرەك ئىدى .

    ئانىنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق ئىدى . نەدىمۇ سەۋەنلىكنى مەجبۇرى تاڭىدىغان ئىش بولسۇن .بۇ ھەقىقەتنى ئانا ئوبدان چۈشىنەتتى ،چۈنكى ئۇ، ئائىلە ئايالى بولغىنى بىلەن 60-يىللاردىلا توللۇقسىزنى تۇللۇق تاماملىغان ، كۆزى كۆرگەنلىكى گېزىت – ژورناللارنى كۆرۈپ ،سىياسەتلەردىن ۋاقتى – قەرەلىدە خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغان ،گەپ – سۆزلىرى ئورۇنلۇق ئايال ئىدى  .

    ــ يۈر سىرتقا چىقىپ تاماق يەيلى ،ــ دېدى ئانا ئوغلىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ .

    ئۇلار غىزالانغاچ ۋە غىزادىن كېيىن خېلى كۆپ ئەھۋاللاشتى ،ئاشخانىدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن ،بىر – بىرسىگە قىيمىغان ھالەتتە خوشلاشتى .خوشلۇشۇش ئالدىدا، ئانا ئوغلىغا ئوتتۇز يۈەن پۇلنى تۇتقۇزدى، سەكسەن بەش يۈەن پۇلنى مەكتەپكە تۆلەپ بولغانلىقىنى ئېيتتى .ئوغلىدىن ،بۇندىن كېيىن بۇ ئىشلارنى كۆڭلىدىن چىقىرۋېتىپ ،تىرىشىپ ئوقۇشنى تەلەپ قىلدى .

    قادىر ئانىسى بىلەن خوشلۇشۇپ نەچچە قەدەم  مېڭىپ تۇرىشى، ئايگۈزەل پەيدا بولدى ۋە قادىردىن سورىدى :

    ــ ئانىڭىز بولامدۇ ؟

    ــ شۇنداق .

    ــ قايتىپ ماڭدىما ؟

    ــ....

    قادىر لام – جىم دېمەستىن كىتىپ قېلىۋىدى ، ئايگۈزەل تۇرغان جايىدىلا داڭ قاتتى .ئۇنىڭ قادىرغا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بار ئىدى . مۇشۇ پۇرسەتتە قادىردىن ھال – ئەھۋال سوراشنى ، كۆڭلىدە تۈگۈش بولۇپ كەلگەن مەسىللەر ئۈستىدە پىكىرلىشىشنى ،قانغۇدەك بىر مۇڭدىشىۋېلىشنى ئارزۇ قىلغانىدى ، بىراق ، قادىرنىڭ سۈكۈت قىلمايلا كېتىپ قېلىشى  ئارمانلىرىنى توزغاقتەك تۈزىتىۋەتتى .ئايگۈزەل قادىرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق يولسىزلىق قىلغانلىقى ئۈستىدە پىكىر – مۇلاھىزە يۈرگۈزەتتىيۇ ، ئۆزى ھەققىدە توختالمايتتى . ئۆزىدىن سەۋەنلىك ئىزدەشنى خالىمىغانسېرى كۆڭۈل غەشچىلىكى ئېشىپ باراتتى...

     ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغاندا  ئۆزىنى تارتقان ، دەردى ھالىغا يەتمىگەن كىشىنى قانداقمۇ دوست ھېسابلىغىلى بولسۇن .ھەقىقىي دوست ھەرۋاقىت بىر – بىرسىگە ھەمدەمدە بولىشى ،جاپادىمۇ – راھەتتىمۇ بىرگە بولۇپ ، بىر تىنىقتا نەپەسلىنىشى كېرەك ئىدى ،بىراق، ئايگۈزەل ئۇنداق قىلالمىدى .ئادىناسى، پۇل يۈتكەننىڭ گىپى چىققان كۈندىن باشلاپلا ، قادىرغا بولغان مۇئامىلىسىدە ئۈچيۈز ئاتمىش گىرادۇس بورۇلۇش ھاسىل بولدى .قادىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللاشماقچى بولغاندا ،ئۇ ئۆزىنى قاچۇردى .قادىرنى يىراقتىن كۆرگەن ھامان، خۇددى مۈشۈكنى كۆرگەن چاچقاندەك غىپپىدە قىلىپ باشقا ياقتىن يول ئالدى . قادىرغا ئەسلا بىر ئېغىز تەسەللى بەرمىدى . مانا بۇ ئىشلار قادىرنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن  ئىدى . قادىر ئايگۈزەلنى بۇ ئىشلارغا چېتىلىپ قېلىپ  نام –ئابرويىغا تەسىر يىتىشىدىن ئەنسىرىسە كېرەك ، دېگەنلەرنى خىيالىدىن كەچكۈزگەن ، شۇ سەۋەب، ئايگۈزەلدىن ئاغىرنىشىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلىپ يەتكەن ،ھەمدە ئايگۈزەل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توختۇتۇشنى قارار قىلغان ئىدى . شۇ ۋەجىلىك ئايگۈزەلنىڭ سۆزلىشىگە پۇرسەت بەرمىگەن ،سورىغانلىرىغا ئۇدۇللا جاۋاب بېرىپ ئۆز يولىغا ماڭغانىدى.

     قادىر بۇنىڭلىق بىلەن يىنىكلەپ قالمىدى .ئەكسىچە ،كۆڭلى ئۆرتۈنۈپ ئىچ – ئىچىدىن يىغا قاپسىدى . نەچچە ئون قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ،ئىختىيارسىز ھالدا ئارقىسىغا ئۆرۈلدى .ئايگۈزەلنىڭ ئۆزى ماڭغان تەرەپكە قاراپ، قېتىپ تۇرغان تۇرقىغا كۆزى چۈشىۋىدى ، تومۇرلىرىدىكى قان ئۆركەشلەپ ئاققاندەك بولدى ، قەلىب ئالىمىدە ئەكىس – ئەتكەن ئۈنسىز سادا بىلەن تەڭ ئىككى تامچە ياش كۆز جىيىكىدە زاھىر بولدى .

     

    4

     

         ياز يۇرىدى . تەبىئەت يېشىل تونغا ئورالغانىدى . ئېتىز- ئېرىق، دالىلاردا دېھقان تاغىلارنىڭ ئالدىراش كۈنلىرى باشلانغان بولۇپ ،پۈتكۈل كائىنات قاينام – تاشقىنلىققا چۆمۈلگەن ، دېھقان ناخشىلىرى ، پادىلارنىڭ مۆرەش ،مەرەشلىرى ، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى ھەممە يەرنى قاپلىغانىدى . گۇگۇم چۈشىشى بىلەن قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى غايىپ بولدى. سۈرەن شاۋقۇنلۇق بىر كۈن ئاخىرلىشىپ ، جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرۈشكە باشلىدى . قاراڭغۇ ئاسمان ئاي نۇرى ئاستىدا ئاقىرىشقا باشلىغان بولۇپ ،ھەممە نەرسە ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىغانىدى .مەكتەپ مەيدانىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى پاسىل تامدىن  ئون مىتىرچە ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان سېدە دەرىخىنىڭ يۇپۇرماقلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغانىدى . قاياقلاردىندۇر ئۈچۈپ كەلگەن ھۇقۇشنىڭ دەرەخ ئۈستىگە قۇنىشى ،ئارقىدىنلا، بىرقانچىنى ئۈنلىشى كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزغان ، كىشى كۆڭلىنى ساراسىمىگە سالغانىدى .  سېدە دەرىخىدىن ئون مېتىرچە نېرىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا، بىر جۈپ گەۋدە ئولتۇرغان بولۇپ ،ئۇلار قادىر بىلەن ئەكرەم ئىدى .بۈگۈن كەچلىك مۇزەكىرە بولمىغاچ بىرقانچە ياتاقداش شەھەر مەركىزىدىكى كۈڭۈل ئېچىش ئورنىغا بارغان ، پىۋە ئىچىشكەچ قانغىچە تاماشا قىلىشقانىدى . مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ،ئەكرەم قادىرنى چاقىرىپ ، بىرئاز ھال – مۇڭ بولۇش ئۇيىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدى . ئەكرەم بىلەن قادىر ھۇقۇشنىڭ ئەنسىز ئاۋازدىن جىمىپ قالدى ،نەچچە دەقىقىلىك سۈكۈتتىن كېيىن سۆھبىتىگە قايتتى :

       ــ سەن يەنە مەندىن رەنجىپ يۈرىۋاتامسەن ،ــ دېدى ئەكرەم .

       ــ خاتا چۈشىنىپ قاپسەن . سەندىن ئەمەس ،ئۆزەمدىن رەنجىيمەن ،نادانلىقىمغا ، دۆتلۈكۈمگە ئېچىنىمەن .

       ــ ئۇنداقتا نېمىشقا ماڭا گەپ قىلمايسەن ؟

       ــ سەن بىلەن يەنە ئارلىشىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى بارمۇ ؟!

       ــ قانداق دەيسەن ؟

       ــ قېنى ئېيتتە ، ئەينى ۋاقىتتا ساندۇقىڭدىن پۇل يۈتكەندە نېمە ۋەجىدىن ماڭا خەۋەر قىلمايسەن .باشقا ئالاھىدە بىر غەرىزىڭ بارمىدى يە ؟ مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ماڭا ئىشەنمىگەنلىكىڭنىڭ ئىپادىسى بولماي نېمە ؟ ئۆزئارا ئىشەنچ بولمىغانلار ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇنمۇ ؟

       ــ بەك چوڭقۇرلاپ كېتىپسەن قادىر .مىنىڭ ساڭا خەۋەر قىلمىغىنىم راست ، بىراق ، غەرەزلىك ئەمەس، يالغاننى – راستقا توقۇغان ئىشمۇ  يوق .

       ــ غەرەزلىك ئەمەس ؟! ــ قادىر ئەكرەمگە تىكىلىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى ،ــ ھېچقانداق بىر غەرىزىم يوق دېمەكچىمۇ سەن ؟ ــ ھوقۇشنىڭ ئەنسىز ئاۋازى يەنە ئاڭلانغانىدى قادىر نەچچە قەدەم نېرى بېرىپ، ئورمانلىق بىلەن مەيدان پاسىلىغا ياتقۇزۇلغان يېرىم خىشتىن بىرنى سۇغۇرۇپ ئالدىدە ، دەرەخگە قارىتىپ كۈچەپ ئاتتى ، ــ بېشىنى يەيدىغان شۇم ئېغىز ، مەكتەپنى چۆلدەرەپ كەتسۇن دەمدىكىنا ،ــ دەرەخ ئۈستىدە پالاقشىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ ، بىر پەستىن كېيىن جىمىپ قالدى، ــ سەن پۇلنى راستىنلا مىنى ئالدى دەپ ئويلامسەن ئەكرەم ،ــ ئاينىڭ سۈتتەك يۇرۇقى ئەكرەمنىڭ چىراي ئىپادىلىرىنى ئاشكارلاپ تۇراتتى ، قادىر ئەكرەمنىڭ دۇلىسىدىن قاماللاپ تۇرۇپ داۋام ئەتتى ،ــ كۆڭلىڭدىكىنى دەرە ، شۇنداق ئويلايمەن دېگىنە ؟  ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېگىنە؟!

         ــ بولدى ...بولدى قىلايلى . بۈگۈن كۆپ ئىچىۋالدۇق ، قالدى گەپ بولسا ئەتە پاراڭلىشايلى .يۈر ياتاققا كىرىپ كىتەيلى ،ــ ئەكرەم  قادىرنى قولىدىن يىتلىگەن ئىدى ،قادىر سىلكىۋەتتى ۋە بار ئاۋازىدا :

        ــ قۇلۇمنى قۇيۇۋېتىپ ، گىپىمگە جاۋاب بەرمەمسەن ،ــ دەپ توۋلىدى ،ــ ئۆز ۋاقتىدا مەن مەخسۇم ئەمەرگە ئىشنىڭ جەريانىنى شۇنچە چۈشەندۈرگەن ،ئالدىراشچىلىقتا ساندۇقنىڭ قۇلپىسىنى بېسىۋەتمەيلا سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىمنى ،ئاچقۇچنىڭ بىر كېچە قۇلپىدا قالغانلىقىنى ، مەن كىنوغا كەتكەن پۇرسەتتە يەنە بىرسىنىڭ ساندۇقنى ئېچىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى يۇرۇتقان بولساممۇ ، ئۇ ئەكرەم ئۇنداق قارىمايدىكەن ، ئاچقۇچنى ئۇ  سىنىڭ قولۇڭدىن ئاپتۇ دېدى ،بۇ گەپ راستمۇ ؟!

    ــ بولدى ،ھەرقانداق گەپ بولسا ئەتە دېيشەيلى . يەنە بىر ئايدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرىمىز ،شۇڭا يۇقىلاڭ ئىش بىلەن تەگىشىپ ئولتۇرمايلى ،ئۈتۈپ كەتكەن ئىشنى تىلغا ئېلىپ كۆڭۈلنى غەش قىلمايلى .يۈز ياتاققا كىرىپ كېتەيلى ،ــ ئەكرەم قادىرنى ياتاق تەرەپكە يىتلىۋىدى ، قادىر ئۇنى يەنە سىلكىشلىدى :

    ــ ئۆتەپ بارە ،ــ قادىر ئەكرەمگە قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى ،ــ سەن دوست بۇلۇشقا مۇناسىپ ئەمەس ،سېپى ئۆزىدىن قىزىل كۆز ،ئالدامچى، قارانىيەت، ــ قادىرنىڭ ئاۋازى ئەكىس سادا بولۇپ ، يىراق – يىراقلارغا تارالدى ، ــ مەقسىتىڭگە ئاخىرى يەتتىڭ ؟ يوقال ، كۆزۈمدىن يوقال ...

     قادىر ئەكرەمنىڭ قىلغانلىرىنى ، ئايگۈزەلنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن دەپ بىلەتتى .ساندۇقتىن پۇل يۈتكەنلىكىگە تازا چىن پۈتكۈسى كەلمەيتتى . بۇنىڭ سەۋەبى  ناھايتتى ئاددى بولۇپ ، قادىر ئىگەللىگەن دەلىل ئىسپاتلار پۇلنى مامۇتنىڭ ئالغانلىقىنى دەلىللەشكە يىتەرلىك ئىدى . قادىر بۇ ئەھۋالنى ئەكرەمگە يۇرۇتقان ، سىنىپ مۇدىرى مەخسۇم ئەمەرگىمۇ ئېيتقان ئىدى . ئۇنداقتا مامۇت نېمە ئۈچۈن ئەيىپلەنمىدى ؟  ئەكرەمنىڭ مەقسىدى پۇلدا ئەمەس ، بەلكى، قادىرنىڭ يۈز - ئابرويىنى تۆكۈپ ،ئايگۈزەلنى ئۆزىگە قارىتىش ئىدى . شۇ ۋەجىلىك ئۇ ، مامۇتنى تارتىپ چىقىشتىن باش تارتقان ئىدى .

        دەرۋازا تەرەپتىن قول چىرىقىنىڭ نۇرى كۆرۈنىۋىدى ، ئەكرەم قادىرنى يۈلەشتۈرۈپ  ياتاققا ئېلىپ ماڭدى ...

    قادىر خېلى بىرمەھەل ئۆز – ئۆزىگە سۆزلەپ ، باش تۇخا بىلەن جىمىپ قالدى .بۇ چاغدا ئەكرەم تېخى ئۇخلىمىغانىدى .شۇ تاپ ئۇ، قادىر بىلەن بىرگە ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئويلىماقتا، ئۆز قىلمىشلىرى ئۈستىدە توختالماقتا ئىدى ...ئەكرەم خىيالىنىڭ ئاخىرىدا ھېلىتىن قادىرنىڭ دېگەنلىرىنى ئەسكە ئالغان بولۇپ ،قايتا – قايتا ئويلۇنۇش ئارقىلىق ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىغا رەن ئالغانىدى .ناۋادا،ئەكرەم ساندۇقتا پۇل يۈتكەنلىكىنى سەزگەن ھامان قادىرغا ئەھۋالنى يۇرۇتقان ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بەزى ئەھۋاللارنى ئىگەللەپ كۆرگەن بولسىدى ، ئىش ھازىرقىدەك مۇرەككەپلىشىپ كەتمەيتتى .

    ئەكرەم دوستى قادىرغا ــ ئۇنىڭ بۇنداق ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، بىراق ، نېمىشقىدۇر پۇل يۈتكەنلىكىنى جەزىم قىلغان دەقىقىلەردە ،كۆڭلىدە قانداقتۇر بىر شۇملۇق سايە بولغاندەك بولىۋىدى ، قادىرغا بولغان ئىشەنچى بىراقلا يوقىدى .قادىرنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكى سەمىمىي ، راستچىل ، دۇرۇس  ئوبرازى بىردىنلا خۇنۇكلەشتى . ساندۇقتا پۇلنىڭ زادى بار – يوقلىقى ، بار دېگەندە قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەي  تۇرۇقلۇق ، ئەھۋال مەلۇم قىلدى . مۇئەللىمگە بىرلا  تىنىۋىدى ئىش ناھايتتى تېزلا ھەل بولدى .ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ ، ئاچقۇچنى قادىر ئالغانكەن ئاقىۋىتىگە شۇ جاۋاب قىلىدۇ ،دېگەن ئىدى مەخسۇم ئەمەر ئۇنىڭغا . قادىر ئوغۇرلۇق قىلغان دەپ ئەيىپلىنىشى ئايگۈزەلمۇ ئۇنىڭدىن دەرھاللا يۈز ئۆرىدى .مانا بۇ ئەكرەمنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ، خېلى ئۇزۇندىن بېرى باش قاتتۇرۇپ ،ىڭبىر جاپادا تېپىپ چىققان ئەپچىل چارىىسى ئىدى .  ئەكرەم قادىرنىڭ ئالدىدا كەچۈرگۈسىز گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن بولسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە، ئۆز سەۋەنلىكىنى ئېتراپ قىلىشنى خالىمايتتى .سەۋەبى ، ئۇ قادىرنىڭ ئايگۈزەل بىلەن قايتا يارىشىپ قېلىشىنى كۆڭلىگە سىغدۇرالمايتتى ...

        ۋاقىت ئۆز رېتىمى ،قانۇنىيىتى بويىچە ئۆتىۋاتقان بولسىمۇ ، قادىر ئۈچۈن تولىمۇ ئاستا ئۆتىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى.چۈنكى ، ئۇنىڭغا مەكتەپتىكى ھەممە نەرسە ، ئادىناسى ، مەيدانىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن ئايلاندۇرۇپ ئېلىنغان ،گۈللۈكلەردىكى ئۈچ تارتىپ تازا غوللىغان ئەتىرگۈللەر ،قارغاي ،ئارچا دەرەخلىرىمۇ ، ياتاق بىناسى بىلەن ئوقۇتۇش بىناسى ئارلىقىدىكى بوشلۇقتىن قارىغاندا، ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى ياشارغان سالا ئېتىزلىقلار ۋە ئېتىزلىقنىڭ ئۇ قىرغىقىدىكى چەكسىزلىكتە كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ياپ – يېشىل چىمەنلەرمۇ،  تەنھالىق كوچىسىدىكى غېرىبانىلىقىغا جۆر بولۇپ ،قەلىب چۆللىگىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرغۇچى  مەشۇقى بولغان ئايگۈزەلمۇ يېقىمسىز ئىدى . ھېچكىم بىلەن ھال – مۇڭ بولغۇسى كەلمەيدىغان،ئولتۇرسا - قوپسا بۇ يەردىن تېزراق ئايرىلغۇسى كېلىدىغان بولۇپ قالغانىدى .

    قادىرنىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنغاندەك، ۋاقىتمۇ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلۇشۇپ ناھايتتى تېز ئۈتۈپ كەتتى . ھەش – پەش دېگۈچە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتېھانى ۋاقتى يىتىپ كەلدى . ساۋاقداشلار بىر تەرەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتېھانىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇشسا ،يەنە بىر تەرەپتىن يۈرەك سۆزلىرىنى خاتىرە بەتلىرىگە پۈتۈش ،كەلگۈسى ئۈچۈن يالداما بولغۇدەك ئەسلىمە سۆزلىرى قالدۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى . قادىر دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ، ئىككى نەپەر ساۋاقدىشىنىڭ خاتىرىسىگە ئەسلىمە سۆزىنى يېزىپ پۈتتۈردى .خاتىرىنى ئەپچىقىپ بەرمەك بولۇپ ئىشىك تۈۋىگە ئەمدىلا كىلىپ تۇرىشى، ئەكرەم كىرىپ كەلدى .

    ــ خاتىرە سۆزىنى يېزىپ بولدۇم ،ــ ئەكرەم قولىدىكى خاتىرىنى قادىرغا سۇنۇپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچقانىدى،ــ سىنىپتا قۇيۇپ قۇياي دەپمۇ ئويلىغانىدىم ، قارىسام خېلى نۇرغۇن ۋاراقلىرى بوش ئىكەن ، باشقا ساۋاقداشلار خاتىرە سۆزى يېزىپ قالسا دەپ ياندۇرۇپ چىقتىم  .

    ــ رەھمەت ، سىنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم ، ــ قادىر خاتىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋېتىپ مىننەتدارلىق يۈزىسىدىن شۇنداق دېۋىدى،ئەكرەم  :

    ــ ئۇنداق دېسەڭ قانداق بولىدۇ .مۇشۇ بىر ئايرىلغانچە قاچان ، قەيەردە كۆرۈشەلەيمىز بۇنىسى نامەلۇم ،شۇڭا ، يۈرەك سۆزىمىزنى ئىزھار قىلغاننىڭ زېيىنى يوق ،يەنە كىلىپ ، ياخشى ئۈتۈشكەن دوستلار بىر – بىرسىمىزگە ئەسلىمە بولغۇدەك سۆز قالدۇرمىساق بولمايدۇ – دە .خاتىرەمنى قىزلار ياتىقىغا ئەپكىرىپ بەرگەنىدىم ، تولدۇرۇپ بولدىمۇ – يوق چىقىپ باقاي  ،ــ دەپ ئارقىغا ياندى .

    قادىر خاتىرە دەپتىرىدىكى ئەكرەم قەلەم تەۋرەتكەن قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتتى .

    ئايرىلغاندا ئەسلەپ قوي

       

    دوستۇم قادىر! مەرىپەت بۆشۈكىگە تۇنجى ئاياق باسقىنىمدا ،ئوقۇش ۋاقتى تولىمۇ ئۇزۇن بىلىنگەن، تۆت يىل توشۇپ بولغۇچە زامان ئاخىرى بولۇپ كېتىدىغاندەك ھېسياتقا كەلگەن چاغلىرىممۇ بولغانىدى ، بىراق ،ئەمدىلىكتە تۆت يىلنىڭ، گويا تۆت ئايدەك ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى سېزىۋاتىمەن .

    قادىر ئىلگىرى مەن ئوقۇش ۋاقتىنىڭ ھامان توشىدىغانلىقىنى، بىر كۈنلەردە ھەممىمىزنىڭ گويا توزغاقتەك تەرەپ – تەرەپكە توزۇيدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلغان بولساممۇ ،ۋاقىتنىڭ مۇنچە تېز توشۇپ كېتىدىغانلىقىنى ، ئايرىلىشنىڭ بۇنداق قېيىن ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن. ئايرىلىش ھەقىقەتەن تەس ئىكەن ... مەن ھازىر ئۆزەمچە بىر خىل ئازابلىنىشنى ھېس قىلىۋاتىمەن .بەلكىم بۇ ھەممە ساۋاقداشلار ئۈچۈن ئورتاق بولسا كېرەك ...ئۈتۈنىدىغىنىم : بەزى ئىشلارنى ، بولۇپمۇ ،ئارىمىزدا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشىڭنى ،كېيىنكى ھاياتلىق مۇساپەڭدە مىنىمۇ باشقا ساۋاقداشلار قاتارىدا ئەسلەپ تۇرىشىڭنى  ئۈمۈد قىلىمەن .مەنمۇ سىنى مەڭگۈ ئەسلەپ ئۆتىمەن .

    ـــ  دوستۇڭ ئەكرەمدىن .

                        مىلادىيە 1991-يىل 10- ئىيون

     

    قادىر خاتىرىنى يېنىشلاپ ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئايگۈزەلنىڭ يازغانلىرىغا نەزەر تاشلىدى .

     

    ئەسلەپ قۇيارسىز

     

    قادىر مەن سىزنىڭ بىر ئىشنى ئالدىنئالا كۈرەلەيدىغان ئۆتكۈرلىگىڭىزنى ،دائىم كۈلۈپلا تۇرىدىغان شوخ مىجەزىڭىزنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن ،ئەمما ،مۇشۇ دەقىقىلەردە بۇ دوسلۇق خاتىرىڭىزگە زادى نىمىلەرنى يېزىشىمنى بىلمەيمەن .ئارلىشىپ ئۆتكەن خوشال كۈنلەرنى يازايمۇ ياكى ئاشۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنىمۇ ؟...

    بىز دەسلەپتە ياخشى ئارلاشقان ، بىر – بىرىمىزنى ھەقىقى چۈشەنگەن ئىدۇق ،لېكىن، نېمە ئۈچۈندۈر كېيىنچە ياخشى ئارلىشالمىدۇق  ، ئارىمىزدا بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىپ چىقتى،ئەمەلىيەتتە ،بۇنچىلىك كۆڭۈلسىزلىكلەر قانچىلىك ئىش ئىدى .ئويلاپ باقسام كۆپ ھاللاردا مەن سىزنى رەنجىتىپ قويۇپتىمەن ، ئوڭۇشسىزلىقلارغا يۇلۇققىنىڭىزدا دەردى – ھالىڭىزغا يەتمەستىن، سىزدىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ يۈرۈپتىمەن .بىۋاشلىقىمنى كەچۈرىشىڭىزنى سورايمەن ،رەنجىمىگەيسىز .

    قادىر بىز ئارلىشىپ ئۆتكەن قىسقىغىنا نەچچە يىل ئىچىدىكى، بەزى ئىشلارنى ئۇنتۇلۇپ كەتسەممۇ ، يەنە بەزى ئىشلارنى ئۇنتىيالمايمەن . خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ،ئامان بولساقلا يەنە كۆرۈشىمىز ، شۇ چاغدا ....

     

    ئايرىلىش پەيتلىرى كەلگەندە بىر چاغ ،

    كۆڭۈللەر ماتەمگە تۇلۇپ تاشىدۇ .

    ئايرىلماس دوستلاردىن ئايرىلسا شۇ چاغ ،

    كۆزلەردىن تاراملاپ ياشلار ئاقىدۇ .

     

       x     x     x

     

    ئايرىلغاندا ھەسرەتتە ،

    تۈگىمەيدۇ گەپ – سۆزلەر .

    يىللار ئۈتۈپ ئۇچرشساق ،

    ھېتىرقايدۇ جۈپ كۆزلەر .

     

    ئاخىرىدا سىزنىڭ مىنى ساۋاقداشلار قاتارىدا ئەسلەپ ئۆتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئۆزىڭىزگە چەكسىز بەخىت تىلەپ ئايگۈزەل .

    1991-يىلى 9-ئىيۇن

     

    ‹‹شۇ چاغدا ...›› قادىر خاتىرە بەتلىرىدىكى ئاخىرىنى تۇللۇق چۈشۈرمىگەن بۇ قۇرىغا تىكىلگىنىچە ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلايتتى :

    ــ ئاخىرىنى نىمىشقا تۇللۇق چۈشۈرمىگەندۇ ؟! زادى نېمە دېمەكچى بولغۇيتى....

     

                          

     

    ئاخىرقى بىرئاي ناھايتتى تېز ئۈتۈپ ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش پەيتتى يىتىپ كەلدى . ئوقۇش پۈتتۈرۈش مىراسىمى كۈنى ساۋاقداشلار بىر – بىرسىگە چوڭقۇر مېھرى بىلەن بېقىشىپ ، كۆڭۈل ئىزھارى قىلىشتى .رەنجىتىپ قويغان يەرلىرى بولسا ئەپۇ قىلىۋېتىشنى ، كېيىنكى كۈنلەردىمۇ چوقۇم ئىزدىشىپ ئۆتۈشنى ئۆتۈنۈشتى . سىنىپ مۇدىرى مەخسۇم ئەمەرمۇ يۈرەك سۆزلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ،كۆز يېشى قىلدى .

     ئەتىگەندىلا باشلانغان مۇراسسىم پائالىيىتى مەكتەپنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ  چۈشكە يېقىن ئاخىرلاشتى . مۇراسسىم پائالىيىتىدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مەيدانىغا يىغىلىشقان بولۇپ ، بەزىلىرى سەككىز – ئوندىن ، بەزىلىرى ئىككى – ئۈچتىن بولۇشۇپ ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشماقتا ،بىر – بىرسىگە ھۇزۇرخالىق ئېيتىشىپ ، بۇندىن كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ خوشال – خورام ئۈتىشى ، كەلگۈسى تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى تىلەشمەكتە ، مەڭگۈ ئىزدىشىپ يۈرۈشكە قەسەم ئىچىشمەكتە ، كۆز يېشى قىلىشماقتا ئىدى .پەقەت قادىرلا بۇنىڭ سىرتىدا ــ يىگانە ھالدا ،مەيداننىڭ سەل چېتىدىكى ئورۇندۇقتا، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە تىكىلگىنىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرماقتا : گاھ شىرىن ئەسلىمىلەرگە پاتسا ، گاھ ئازاب ئىلكىدە تولغانماقتا ئىدى . ئۇ مەكتەپ ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى غۇبارسىز چاغلىرىنى ،دوستلىرى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن مەنىلىك كۈنلىرىنى ، ئايگۈزەل  بىلەن تۇنۇشقاندىن كېيىنكى مۇھەببەتلىك ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە بۇ بىلىم باغچىسىدىن ئايرىلىشقا كۆڭلى قۇيمايتتى ،ئەمما، ئاخىرقى بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇش ھاياتىدىكى كۆڭۈلسىز كۈنلەر خىيالىغا كەچكىنىدە بولسا، يۈرەك باغرى زەرداپ بولۇپ ، ئەلەم ئىچىدە ئىڭرايتتى ،ئۆزىگە يۈكلەنگەن بەتنام دەستىدىن خوشاللىقىدىن مەھرۇم قېلىپ چەككەن پىغانى ،دەرد – ئەلەملىرىنى ئويلاپ قاتتىق ئىزتىراپ چىكەتتى . قادىر ئىزچىل تۈردە « ئۈچتە ياخشى ›› ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇپ كەلگەن ، ئۆگىنىشتىلا ياخشى بولۇپ قالماي ، ئەخلاقتىمۇ ئالدىدا تۇرۇپ كەلگەچ ، ساۋاقداش ، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار ئالدىدا ھۆرمىتى چوڭ ئىدى .ئەمما، بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرگەن كۈندىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ روھىيىتىدە ، يۈرۈش – تۈرۈش ، گەپ – سۆزلىرىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ، كىشلىك قارىشىدا بورۇلۇش ھاسىل قىلىندى . كۆڭلىدە ئەڭ يېقىن دەپ ساناپ كەلگەنلەر گويا سۇ ئۈستىدىكى كۈپۈكتەك ، ھايت – ھۇيتنىڭ ئارلىقىدا كۆزدىن غايىپ بولۇشتى . بولۇپمۇ ، سىنىپ مەسئۇلى مەخسۇم ئەمەرنىڭ ئۇنى خاتا چۈشىنىشى ، قوپال مۇئامىلىدە بولىشى ئۇنىڭغا ئېغىر ھار كەلگەنىدى. شۇ ۋەجىلىك ئۇ ، ھاياتقا سوغاق تەرزدە قارايدىغان بولۇپ قالغانىدى . مانا مۇشۇ دەقىقىدىمۇ ئۇ ، بۈگۈنكى بۇ ئايرىلىشقا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەندەك كۆرۈنەتتى . ئەمما ئۇ ، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە تىكىلگىنىچە چوڭقۇر خىيالغا ئەسىر بولماقتا ، ئىچ – ئىچىدىن ئۆكسۈپ چىقىۋاتقان پىغانىنى سەزمەكتە ئىدى . شۇ تاپ ئۇنىڭ ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلىۋالغۇسى ، بار ئاۋازى بىلەن توۋلىۋالغۇسى كەلگەنىدى.ئىختىيارسىز سىرغىغان كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ تارام ھاسىل قىلغانىدى .

    قادىر ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتلىق پىلانى ئۈستىدە ئويلىنىش قىلدى . خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى جان تەسەرۇپ بىلەن بەجا كەلتۈرۈپ ، تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكچى ،شان – شەرەپ قۇچۇپ ئۆزىنىڭ كېرەكسىز دېتال ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى ئىدى . ئەمما ، بېشىغا كەلگەن بۇ كۈلپەتلەرنىڭ كېيىنكى ھايات مۇساپىسىدىمۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاز بولمىغان دىشۋاچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى .

    قادىر كېيىنكى كۈنلەردە راستىنلا  خىزمەتلەردە يۈكسۈلۈش ھاسىل قىلالامدۇ – يوق ؟ بىز ئاۋال ئۇنى مەكتەپ بوسۇغۇسىدىن ئۇزۇتۇپ ، يېڭى بىر تۇرمۇش قاينىمىغا باشلاپ بارايلى .

    قادىر نەرسە - كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ مەكتەپتىن ئايرىلىشنى قارار تاپتى ، ئورنىدىن قوزغۇلۇشى مامۇت بىلەن يارئېلى يىتىپ كەلدى .

    ــ ھەممەيلەن ئۆزئارا خوشلۇشىۋاتساق ، بۇ يەردە نېمىگە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭلار.

    ــ شۇ ئەمەسمۇ ،خۇددى تۇنۇشمايدىغانلاردەك ئۆز خىيالى بىلەن ئولتۇرۇپ كەتكىنىنى ما ئاداشنىڭ ،ــ دېدى يار ئېلى مامۇتنىڭ دېگەنلىرىگە قۇشۇمچە قىلىپ.

    قادىر ئارتۇق گەپ قىلمىدى . ھەربىرەيلەن بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشۈپ چىققاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ قايتماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى ،مامۇت يەنە گەپ ئاچتى :

    ــ سىلىدە ساۋاقداشلارغا قارىتا ھېچقانداق بىر مېھرى – مۇھەببەت يوق ئوخشىمامدۇ ھە ؟!

    ــ مېھرى – مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى سىلە بىلەمسىلەر ،ــ دېدى قادىر چىراي ئاچماستىنلا ،ــ سىلىچۇ ھەق بىلەن ناھەقنى ، توغرا بىلەن خاتانى ،ئادىمىيلىك بىلەن رەزىللىكنى پەرىق ئەتمەيسىلە ،پەرىق ئەتتى دېگەندىمۇ ،ئۆز مەنپەتىڭلار ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربان قىلىشتىن باشقىسى خىيالىڭلارغا كەچمەيدۇ .

    ــ ۋوي ! نېمە دېگىنىڭلار بۇ ،گەپ يورغۇلاتماي ئۇچۇق قىلمامسىلەر گىپىڭلارنى ھە ،ــ قادىرنىڭ گىپى مامۇتقا تەگكەنىدى .شۇ تاپ، مامۇت غەزىپىنى باسالمايۋاتاتتى ،ــ سىلى شۇ كونا گەپنى تەگۋاتامسىلەر نېمە ؟ ھەممە ئىش ئۈتۈپ كەتتى .ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئارىدىكى ئوقۇشماسلىقنى  تۈگۈتۈپ، بۇندىن كېيىن ئوبدان ئارلىشىپ ئۆتەرمىز، دەپ ئالدىڭلىغا كەلسەك مۇشۇنداق سېسىق گەپ قىلامسىلەر ؟

    ــ سىلى ئۈچۈن ئازلىق قىلىدۇ بۇ .مىنىڭ بېشىمغا كەلگەن كۈن سىلىنىڭ بېشىڭلىغا كەلسۇن قېنى ،قانداق بوپ كېتىدىغانلىقىڭلىنى ئاندىن بىلەتتىڭلار. قادىر ئىگەم ئۆزەڭلىگە كۆپ شەپقەت قىلدى ، شۈكرى دەپ يۈرسەڭلا بولىدۇ .

    ـــ بولدى تەگەشمەڭلار، ماي تارتىشىپ يۈرگىلىمۇ خېلى بولدى سىلەرگە ،زادى نېمىنى تالىشىدىغىڭلارنى بىلگىلى بولمايدۇ . كونىلار ، ھەممە ئىشنىڭ سورىقى بولىدۇ ،بۇ دۇنيادا قۇتۇلغان بىلەن ئۇ دۇنيادا تۇتۇلمىقى ،بار دەيدىكەن ، كىمنىڭ ئاق ،كىمنىڭ قارىلىقى كېيىنكى ئىش ، بۈگۈن چىرايلىقچە خوشلۇشۇڭلار .

    يارئېلىنىڭ گېپى بىلەن ئۇلار جىمىپ قالدى .قادىر يەنە ھايال بولۇپ قالسا ئابتۇبۇستىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يارئېلى بىلەن خوشلاشتى .نەچچە قەدەم ماڭدىيۇ، يەنە ئارقىغا بۇرۇلدى ،قەلبى ئۆرتەنگەندەك بولۇپ ،كۆز ياشلىرى يامغۇردەك قۇيۇلۇپ تارام ھاسىل قىلدى . ساۋاقداشلىرىغا قىيالماسلىق نەزىرىدە ئاخىرقى رەت كۆز تاشلىغاندىن كېيىن ، ياتاق بىناسىغا قاراپ تېز –تېز قەدەملىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى .

     مانا بۇ ساۋاقداشلىق مېھرىنىڭ چوڭقۇرلىقى ، ئايرىلىمەن دەپلا ئايرىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلى ،قىيالماسلىقنىڭ جانلىق شاھىدى ئىدى . بىلىم باغچىسىدا ئۆتكەن ھايات ھەرقانداق بىر بىلىم تەشنالىرى ئۈچۈن شۇنداق مەنىلىك .بۇ ئىمتىياز ئوقۇغۇچىلىق مۇساپىسى شانۇ – شەۋكەت ، ئۈتۈقلار بىلەن نەتىجىلەنگەنلەر بولسۇن ياكى ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە نام –نىشانسىز ، نەتىجىسىز ئۆتكەنلەر بولسۇن ھەممە ئۈچۈن ئورتاق . ئۇلار ساۋاقداشلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇققەددەس سۆز ئاستىدا ھەرۋاقىت بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ ،ئۆزىنىڭ ئارزۇ –ئارمانلىرى يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىپ ئۆچمەس ئابىدىلەرنى ،ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرلەرنى قالدۇرىشىدۇ .ھاياتلىق مۇساپسىدىكى ھەربىر قەدەملىرىدە بىر – بىرسىنى سېغىنىپ ئۆتىشىدۇ .مانا بۇ، ساۋاقداشلىق مېھرى – مۇھەببىتىنىڭ سېھرى كالامى خالاس .

    قادىر

     

    5

         

         بۇ يۇرتتا ‹‹7- 8- ئايلار يامغۇر ئېيى ، 9- ئاي چامغۇر ئېيى ›› دەيدىغان گەپ ئەلمىساقتىن ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ كەلگەنىدى .دەرۋەقە ،تەبىئەت بىپايان ئېتىكىگە باش قويۇپ ، پەپىلەپ ، سۈيۈپ كەلگەن جاپاكەش دېھقانلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈرۈپ كەلگەن  بۇ سۆزىنى  ئەمەلدە كۆرسىتىشكە ئالدىراۋاتقاندەك قىلاتتى .

         ئاۋغۇستنىڭ كىرىشىگە يەنە نەچچە كۈن بولسىمۇ ، كەچ كىرىشى بىلەن ئاسماننىڭ ئۇرايى بۇزۇلدى .ئاسمان پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى . گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ چاقماق نۇرى ھاسىل بولۇپ ،كېچە ئاسمىنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرىۋەتتى. دېزىرە قاپقاقلىرىنىڭ تاراقشىشىدىن سىرتقا چىققان نۇرانىخان ئانا ، تەبىئەتنىڭ بۇ ئۆزگۈرىشىدىن سەل نارازى بولغاندەك قىلاتتى .

    ‹‹ ھەي ! سەل بالدۇر يېغىۋالدىدە .بۇغدايغا ئاپەت بولدىغۇ بۇ ...›› ئانا دېزىرە قاپقاقلىرىنى يېپىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۆيگە قايتىپ كېرىۋېتىپ شۇلارنى ئويلىدى ، ئۇچاقنىڭ ئۇتىنى تارتىۋەتكەندىن كېيىن ، كاڭنىڭ تاپسىدا ئولتۇرۇپ ئوغلىنى ساقلىدى .

    ‹‹بىچارە ،يامغۇردا قالىدىغان بولدى .تەتىل قىلىپ كەلگەندىن بېرى بىركۈنمۇ ئارام ئېلىپ باقمىدى .پۇل تېپىپ ئۆينىڭ خەجىنى قىلىمەن ، دەپ كۈنبۇيى ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلىپ كۆپ جاپا تارتتى .ئاتىسى رەھمەتلىك بولغان بولسىدى ، بۇنچە جاپا تارتىپ ئولتۇرماس ئىدى ...››

    ــ ئانا ! مەن كەلدىم .

    قادىرنىڭ ئاۋازى نۇرانىخان ئانىنى سەگىتتى .ئانا ئوغلىنىڭ چىلىق – چىلىق ھول بۇلۇپ كەتكەن ئۈستىباشلىرىغا قاراپ جىددىيلەشتى :

    ــ يامغۇرغا راۋرۇس چىلىنىپسەن . سوغاق ئۈتۈپ قالمىغاندۇ ؟ كېيىملىرىڭنى ئالماشتۇرىۋال .

    ــ ھېچقىسى يوق ئانا ، ئوچاقنىڭ ئالدىدا بىردەم ئوتقا قاقلانسام قۇرۇپ كېتىدۇ .

    ــ شۇنداقتىمۇ ئالماشتۇرىۋال ئوغلۇم ،ــ ئانا ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كىتىپ، ھاياللاشمايلا قادىرنىڭ بىرقۇر كىيىمىنى كۆتەرگىنىچە قايتىپ چىقتى  ،ــ مانا تېز ئالماشتۇرىۋال ...

    ــ بىر كارىز لاينى ئەمدىلا چىلاپ بولۇشۇم ، تاراسلاپ يېغىپ كەتتى دېسە ،ــ قادىر كىيىملىرىنى ئالماشتۇرىۋېتىپ شۇنداق دېدى ۋە ئانىسىدىن ئىنى – سىڭىللىرىنى سورىدى ،ــ ئۇكىلىرىم قېنى ،ئانا !

    ــ ھەدەڭنىڭكىگە كەتكەن .

    ...ئانا ئوغلىنىڭ سورىغانلىرىغا ئۇدۇللا جاۋاب بەردى .قادىرنىڭ لاي – پاتقاققا مىنەلگەن شىمىنى قولىغا ئېلىۋىدى ، كۆڭلى بۇزۇلدى .شۇ تاپ، نۇرانىخان ئانىنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولغىنى يامغۇر زەربىسىدىن ماكچايغان كېسەك دۆۋىسى ئىدى .

    ــ كېسەكلىرىڭ خېمىر بولدى- دە ، ھەي ! نەچچە كۈندىنياقى تارتقان جاپالىرىڭ نېمە بولدى ئەمدى .

    ــ ئۇنداق بولمايدۇ ئانا ! ھازىر بوران چىقتى ، يامغۇر ھاياللاشمايلا توختايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەكلەرنىڭ ھەممىسىنى تىزىپ بولغان .

    دېگىنىڭدەك بولسۇن ئىلاھىم ،ــ ئانا تۈۋاقنى ئېچىۋىدى ، قازاندىن كۈتۈرۈلگەن ھور بىلەن تەڭ تاماقنىڭ مەزىلىك پۇرىقى ئۆي ئىچىگە تارىدى .

    ــ ئاش پىشتىما ئانا !

    ــ ئاز قالدى ، ئۈلەشتۈرىۋەتتىم . نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇسۇپ ئەپكىلىمەن .

    ــ يولدىلا پۇراپ كەتكەن بۇرنۇمغا .

    ــ يولدا ؟! توغرا بولمىدى ،كېسەكلىكتىلا پۇرىغان دېمەمسەن تايىنلىق .

    ــ ھاھ ...ھاھ ...ھاھ ...ــ سەنمۇ زە قېرىغانچە قىزىقچى بولۇپ كېلىۋاتىسەن جۇمۇ ئانا ! ــ ئانا – بالا تەڭلا كۈلۈشتى .

    ــ ئەمدى بولدى قىل ، كېسەك قۇيما ئوغلۇم .

    ــ چىلىغان لاينى قۇيىۋەتسەم يىگىرمە مىڭغا يېقىنلىشىدۇ ، يىگىرمە بەش مىڭ بولغاندا توختىتىمەن .

    ــ يىگىرمە مىڭ ؟! ئون  مىڭ بولغاندىلا بولدى قىلساڭ بۇلاتتى ، شۇنچە دېسەم پىسەنتىڭگە ئالمىدىڭ ، باشقا ساۋاقداشلىرىڭ ئويۇن بىلەن يۈرسە، سەن ئېغىر ئەمگەكتە ئۆتىۋاتىسەن .

    ــ ھېچقىسى يوق ئانا ، مەن ئەمدى چوڭ بولدۇم .قارىسام، بىرقىسىم ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدى  بىرەردىن بالىلىق بولۇپ بوپتۇ ،ئۇلارمۇ، نەچچە ئون مۇ يەرنى ئونچىباشقا باشقۇرۇپ كېتىۋاتمامدۇ ،بۇنچىلىك جاپا تارتقانغا ھېچنېمە بولۇپ قالمايمەن .ئۇلاردىن نەرىم كەم مىنىڭ .مىنى چىدىماس ، قۇڭى بوشلاردىن كۆرۈپ قالمىغانسەن ھە !

    ــ ياق ...ياق ، ئۇنداق ئويلىغىنىم يوق ،ئەممازە، كېسەك قۇيماق بەكمۇ ئېغىر ئىش بالام ، دېمەكچى بولغۇنۇم ،ئازراق قويساڭمۇ بۇلاتتى ، شۇنىڭ پۇلىنى خىراجەت قىلساممۇ كەڭتاشا يىتەتتى ئەمەسمۇ ؟

    ــ بىر ماشنا كۆمۈرنى بىراقلا ئالايمىكىن دەيمەن، ئانا !

    ــ شۇڭا كېسەكنى جېق قۇيغانمىتىڭ ،ــ ئانا قوپال ئاۋازدا شۇنداق دېۋىدى ، قادىر سەل ئىككىلىنىشتىن كېيىن جاۋاب بەردى :

    ــ ھە ئە ، پارچە – پۇرات سېتىۋالغان كۆمۈرنىڭ بەركىتى بولمايدىكەن ،شۇڭا ماشىنىسى بىلەنلا سېتىۋالالايمىكىن دەيمەن .بۈگۈن چىلاپ قويغان لاينى تۆكۈۋەتسەملا ، كېسەكنى سېتىپ چىقىرىپ ، كۆمۈرنى سېتىۋالىمەن .

    ــ بىرەر كىم بىلەن ئۇقۇشۇپ باقتىڭمۇ ؟

    ــ ئۇقۇشقان ، ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچىلار ياتىقى سالماقچىكەنتۇق ، شۇلارغا ئۆتكۈزىدىغان بولغان .

    ــ ئۇنداقتا ياخشى .ئىشىڭنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، باشقا ئىش قىلماي خىزمىتىڭنىڭ تەييارلىقىنى قىل .

    ــ خىزمەتنىڭ ؟

    ــ شۇنداق ، خىزمەتنىڭ تەييارلىقىنى قىل .تۆنۆگۈن مائارىپ ئىشخانىسىغا كىرگەن ئىدىم ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن بالىلارنىڭ ئالدىغا چاقىرىپ كەپ بولدى، دەيدۇ . ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ،سىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىڭمۇ نەچچە  كۈن ئىچىدە كەلگۈدەك .ئۇلار، چاقىرىق كەلسىلا ئۇقتۇرمىز ، شۇ چاغدا بالىلىرى ناھىيەگە كىرىپ رەسمىيەت ئۆتىۋالسا بولىدۇ ، دەيدۇ ...

    نۇرانىخان ئانىنىڭ تال –تال قورۇقلار باسقان چىرايى باشقىچە نۇرلىنىپ كەتكەن بولۇپ ،كۆزلىرىدە كۈلكە جىلۋىسى ئىدى .ئانا تۆرگە داستىرخان سېلىپ ، تاماق كەلتۈرگەندىن كېيىن ئوغلىنى تائامغا تەكلىپ ئەتتى :

    ــ كەل ئوغلۇم ،ئاۋال تائام ،ئاندىن كالام دەپتىكەن ،ئاۋال قورساقنى ئەستەرلەيلى ،ــ ئانا – بالا تائامغا بېقىشتى ...

    ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتمەستىنلا ،ئوقۇغۇچىلارنى تەقسىم قىلغانلىق خەۋىرى ھەر تەرەپكە تارقاشقا باشلىدى .قادىر مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ تەقسىمات قەغىزىنى ئەپكىلىۋېلىش توغرىسىدىكى خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنى شەھەرگە كىرىۋىدى ،پاساژىرلار بېكىتىدە يار ئېلى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدى .يار ئېلى تەقسىمات قەغىزىنى ئېلىپ قايتماق بولۇپ بېكەتكە كەلگەنىدى .ئۇ ،ئەكرەمنىڭ ناھىيە بازىرىدىن ئون نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى چاشئېرىق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ، مامۇت بىلەن ئۆزىنىڭ ناھىيە بازىرىغا ئەڭ يېقىن بولغان شور باغ يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزدى .قادىر ئۆزىنىڭ نەگە تەقسىم قىلىنغانلىقىى سۈرۈشتۈرىۋىدى ،يارئېلى ئۇقالمىغانلىقىنى ئېيتتى .قادىر يار ئېلى بىلەن خوشلۇشۇپ مائارىپ ئىدارىسىگە يىتىپ كەلدى ،مائارىپ ئىدارىسىدىن تونۇشتۇرۇش قەغىزىنى ئالغاندىن كېيىن، كادىرلار ئىدارىسىگە كىردى .ئانچە ھايال بولماستىن كېسىلگەن تەقسىمات قەغىزىدە ئۆزىنىڭ باغ ئېرىق يېزا باشلانغۇچ مائارىپىغا تەقسىم قىلىنغانلىقى يېزىلغان بولۇپ ، قادىر قەغەزگە كۆز يۈگۈرتۈپلا بېشى پىقىراپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى .شۇنداق ، قادىر ئۇ ،ئۆز يۇرتىدا ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ، قاشمىلىق يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسى ۋە يېزا رەھبەرلىرىنى ئىزدەپ ئۇلارغا مەقسىدىنى ئۇقتۇرغانىدى . رەھبەرلەرمۇ ئانىسىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ،قاشمىلىق يېزىسىغا تەقسىم قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە يازما ئالاقە يېزىپ بەرگەنىدى ، ئەمما ، ئىش ئۇ ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە بولدى .گەرچە باغ ئېرىق يېزىسى بىلەن قاشمىلىق يېزىسىنىڭ ئارىلىقى ئاران ئون نەچچە كىلومىتىر يول بولسىمۇ يول ناچار بولغاچ ۋېلىسپىتلىق بىر سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى .ناۋادا تەشكىل ئۇنى يېزىنىڭ شەرىق تەرەپلىرىدىكى يېزا مەركىزىدىن چەت مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلدى دېگەندە ،گەپ يوق ئىككى – ئۈچ سائەت يول يۈرمىسە بولمايتتى . بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەكتەپلەردىكى تۈرلۈك تۈمەن ئىشلار بىلەن كۈندە قاتراپ ئۈلگۈرسۈنمۇ ؟ ...

    ــ ئىشقا بارغۇم يوق ئانا ،ــ قادىر ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، تەقسىمات قەغىزىنى ئانىسىغا كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ شۇنداق دىۋىدى ،ئانا قەتئىي رەت قىلدى :

    ــ بولمايدۇ ،تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بوي سۇنمىساڭ بولمايدۇ .قانداقلىكى بولمىسۇن خوشنا يېزىغا تەقسىم قىپتۇ .ئاۋال ئىشقا چۈش ، قالدى گەپنى كېيىن دېيىشەيلى ،ــ نۇرانىخان ئانىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان بولسىمۇ ئوغلىنىڭ شۇ تاپتىكى تۇراقسىز كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن شۇنداق دېگەنىدى ،ــ باغ ئېرىق بىلەن قاشمىلىق بورۇنىسىدا بىر يېزا ئىدى ، سەكسىنىنچى يىللارنىڭ بېشىدا ئايرىلغان ،بۇنى سەنمۇ بىلىسەن ئوغلۇم ، يەنە كىلىپ باغ ئېرىقنىڭ ئوي – چۇققۇرى ساڭا قاراڭغۇمۇ ئەمەس .ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئانچىكى جاپا تارتساڭمۇ كۆنۈكۈپ قالىسەن . بىر ئىشنىڭ پىشىغا ئېسىلالماي يۈرگەن نى نى ئادەملەر بار ، شۇڭا ، خىزمەتنىڭ قەدرىگە يىتىپ ،ئوبدان ئىشلە ئوغلۇم ...

    ئانا – بالا خېلى ئۇزاق پاراڭلاشتى .ئانا ئوغلىغا تەشكىلنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىشنى ، ئۆزىدىن ئەنسىرمەسلىكنى ، ئارىلىق يىراق بولمىغاندىكىن ئايدا بىرەر - ئىككى دورام كەلسىلا كۇپايە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ، خىزمەتكە  ۋاقتىدا چۈشىشىنى ئۇقتۇردى...

     

    *              *               *

     

     ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تۇپىلىق يول ،ئويدۆڭگۈل بولۇپ ، شامالدا كۈتۈرۈلگەن چاڭ تۇزانلار بىلەن يېقىمسىز ئىدى .پوركوپ تۇپا دەستىدىن ۋېلىسپىتنى كۈچەپ تىپىشكە توغرا كېلەتتى .ۋېلىسپىت ئالدى چاقىدىن ئېتىلىپ چىققان تۇپا ئىشتاننىڭ پۇشقاقلىرىغا چاچرايتتى .يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئورمان بەلبىغىدىن يەتتە – سەككىز مىتىرچە ئىگىز كەلگەن دوڭلۈككە كەلگەندە ۋېلىسپىتنىڭ سۈرئىتى بىردىنلا ئاستىلاپ قالدى . ئەللىك – ئاتمىش مىتىرچە ئارلىققا سۇزۇلغان دوڭلۈك نەچچە چى قېلىنلىقتىكى تۇپا بىلەن تولغان بولۇپ، قادىر ئۈچۈن ئەمدى ۋېلىسپىتنى يىتلەپ مېڭىشتىن چارە ئامال يوق ئىدى .ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچى بىلەن دەسسەپ ۋېلىسپىتتىن چۈشتى -دە ، شىمىنى يوتىسىغىچە تۈرگەندىن كېيىن ،ئاۋايلاپ قەدەم ئالدى .

     ‹‹ھەي شۇمۇ يول بولدىمۇ .ھەممە ئەتراپى تۈپتۈز بىر يەردە بۇنچە ئىگىز دوڭلۈكنى پەيدا قىلىپ قۇيۇشنىڭ نېمە ھاجىتى ئەمدى .ناۋادا ،تاش يىراق بولغان بولسا ئىش بار ئىكەندۇق ...ــ قادىرنىڭ كۆز ئالدىدا  يېزا مەركىزىدىن ئون نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغا سۇزۇلغان قاقىر سايلىق نامايەن بولغانىدى . سايلىق شۇنچە بىپايان بولۇپ ،ئۇ چېتىگە كۆز يەتمەيتتى ، ئاخىرقى چېتىنىڭ نەگە بېرىپ توختايدىغانلىقىى پەرەز قىلىشمۇ قىيىن ئىدى .قادىر ئۇ سايغا نەچچە يىل ئاۋال ،ھازىرقى ئولتۇرىۋاتقان ئۆينىڭ تېگى ئۇلىنى چىڭداشقا تاش ئەپكېلىش ئۈچۈن ئاتىسى بىلەن بارغان ، ساينىڭ تاش قاتلىمىنىڭ نەچچە مىتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىدى ،ــ شۇ سايدىن تاش ئەپكىلىپ تۆكسە بولمامدىكىنا ؟! تاش ھەقسىز بولغاندىكىن ، دېھقانلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ھارۋا ، تەرەكتۈرلاردا توشىسا بۇلاتتىغۇ ؟!››

    دۆڭنىڭ ئۇ تەرىپىمۇ تۇپۇلۇق ئىدى . تۇپىلىق بولغاندىمۇ نەچچە كىلومىتىر  مۇساپىنىڭ ھەممىسى غىچ تۇپا . تېخى ئەتىگەندە ئالماشتۇرۇپ كىيگەن كىيىملىرىنىڭ ساپلىغى نەگە كەتتى ئەمدى ، چاچلىرىچۇ ؟ قادىر چېچىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكىنىنى كۆرەلمىسىمۇ ، ئۆز كۆڭلىدە تەسسەۋۋۇر قىلىپ ئۈلگۈرگەنىدى .يېزا دېگەن بەرىبىر يېزا دە ...

    كونىلار ،يول ئازابى گور ئازابى دەپ توغرا ئېيتقانىكەن . قادىرنىڭ پۇت بۇلجۇڭ گۈشلىرى ئاغرىيتتى .  ئۇ، يېزا خىزمەت بىناسىغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان ــ ئەتراپى قورشاۋ تام بىلەن ئورالغان بىر يۈرۈش ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ۋېلىسپىتنى تۇرمۇزلىدى . دەرۋازا ئۈستىدىكى ‹‹ باغ ئېرىق يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسى ›› دېگەن چوڭ خەت يېزىلغان تاختايغا نەزەر سالدى .

    ــ قادىرمۇ كەپتۇ .قادىر ...

    ناھايتتى تۇنۇش ئاۋاز . قادىر كۆزىنى تاختايدىن ئۈزۈپ قارىۋىدى ، كۆز ئالدىدا مېھراي ،ئاسىمەلەر پەيدا بولدى .

    ــ ۋوي ! سىلەرمۇ بۇ يەردە ئىكەنسىلەرغۇ ؟

    ــ بىزنىمۇ مۇشۇ يېزىغا تەقسىم قىپتۇ ،ــ دېدى ئاسىمەدىن سەل ئىلگىرى كېلىۋاتقان مېھراي ئاۋال ئېغىز ئېچىپ.

    ــ شۇنداقمۇ ؟! سىلەر قاچانلاردا كېلىۋالغاندىڭلار ؟!

    ــ تېخى ھېلىتىن كەلدۇق .

    ــ رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشەلىدىڭلارمۇ ؟

    ــ ئۇلار يىغىندىكەن، ساقلاپ تۇرۇڭلار دەيدۇ ...

    شۇ دەقىقە ئىشخانا تەرەپتىن چىقىپ كەلگەن بىرسى توۋلىدى :

    ــ يېڭى تەقسىم قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىغا كىرىڭلار .

    ــ بىزنى چاقىرۋاتىدۇ .قادىر تېز بولۇڭ .

    ئىچكىرى – تاشقىرى ئىشخانىنىڭ تاشقارقىسىدا توت دانە جوزا بىر – بىرسىگە ئىككىدىن ئۇدۇل قىلىپ جۈپلەشتۈرۈپ قۇيۇلغان بولۇپ ،ئىش ئۈستىلىدىن باشقا كۆزگە چېللىققۇدەك ئەسلىھەلىرى بولمىغاچقا، قارىماققا تولىمۇ ئاددى كۆرۈنەتتى .رام تەرەپ كۈن ئولتۇرۇشقا قارىتىپ قويۇلغان جوزىدا ئوتتۇز بەش ياشلار چاممىسىدىكى بىر كىشى ئەسيادى بىلەن چوت سوقماقتا ، ئۇنىڭ يېنىدىكى جوزىدا ئولتۇرغان ياغاق يۈز كىشى بولسا تۇتام پۇللارنى ساناش بىلەن ئاۋارە بولماقتا ئىدى .

    ــ ئىچكىرى ئۈتۈڭلار ،ــ دېدى ياغاق يۈز كىشى جوزا ئۈستىدىكى پۇللارنى شىرە تارتمىسىغا جايلاشتۇرىۋېتىپ  .

    تاشقارقىسىغا قارىغاندا خېلىلا چوڭ ، ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان سافا،چاي ئۈستىلى ۋە دېرىزە تەكچىسىگە تىزىلغان گۈللەر بىلەن ھەشەمەتلىك كۆرۈنىدىغان، ئىشخانىنىڭ ئىشىك يېنىدىكى بىر كىشلىك سافادا، قىرىق بەش ياشلار چاممىسىدىكى سېمىزغىنە كەلگەن  بىر كىشى ئولتۇرغان بولۇپ ، ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان سافادا ئۆزىگە قاراپ ئولتۇرغان، ئون نەچچە كىشىگە قاراپ سۆزلىمەكتە ئىدى .ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، كۆزئەينىكىنى ئېلىپ ئالدىدىكى چاي ئۈستىلىگە قويدى ،ئارقىدىن، مېھراي قاتارلىقلارغا قاراپ ئېغىز ئاچتى :

    ــ كەلدىڭلارمۇ ؟ بىز يۇلۇڭلارغا قاراپ ئولتۇرغان .

     سېمىز كېشى سەمىمىيلىك بىلەن شۇنداق دېدى ۋە ھېلىتىن ئۆزىگە ئىتائەتمەنلىك بۈلدۈرۈپ ئولتۇرۇشقانلارنى تۇنۇشتۇرۇپ چىقتى. ئولتۇرغانلار يېزا تەۋەسىدىكى ئون نەچچە مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرى ، سېمىز كىشى بولسا يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىدى .مائارىپ ئىشخانىسى مۇدىرى ئۆزى ۋە مەكتەپ مەسئۇللىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاسىمەلەرنىڭ ئىسمىنى ، پۈتتۈرگەن مەكتىپى ، كەسپى ، يۇرتى دېگەنلەرنى سورىدى ...ــ بۇ يىل تەقسىم بولغانلار توققۇز نەپەر ئىدى ،ــ دەپ سۆزنى داۋام قىلدى مائارىپ ئىشخانىسى مۇدىرى ،ــ  ھازىرغىچە ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرغانلار ئالتە نەپەر ،ئاڭلىسام يەنە ئۈچ نەپەر يولداش يېزىمىزنى چەت ، نامرات يېزىكەن، دەپ كەلمەپتىمىش .يېزىمىز نامرات بولغىنى بىلەن مائارىپقا كۆڭۈل بۈلۈشتە باشلامچى . مەكتەپ شارائىتىمۇ باشقا يېزىلارغا قارىغاندا ياخشى ،ــ مۇدىر شۇلارنى دەپ تۇرىشى، مەكتەپ مەسئۇللىرىدىن بىرقانچەيلەن يېڭى تەقسىم بولغانلاردىن ئۆزلىرىنىڭمۇ نېسىۋى بار – يوقلىقىنى سوراشتى .

    ــ ئالدىرماڭلار ھازىرلا شۇ گەپنى دېيىشىمىز . تەقسىم بولغان يولداشلارنىڭ ھەممىسى كەلگەن بولسىغۇ ھەربىرىڭلارغا بىردىن سەپلەپ بېرىشكە بولاتتى ،ــ مائارىپ ئىشخانا مۇدىرى شۇلارنى دېگەچ يانغا بۇرۇلدى ۋە مېھرايلارغا قاراپ ،ــ سىلەر سىرتتىكى ئىشخانىدا مۇھەممەت بۇغالتىرغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ تۇرۇڭلار ،بىز گىپىمىزنى دېيشىۋالايلى ،ــ دېدى .

    چارەك ۋاقىت ئىچىدە مېھراي ،ئاسىمە ،قادىرلارنىڭ تەقسىمات ئىشى پۈتكەن بولۇپ ، ھەممەيلەن بىر مەكتەپكە ، يەنى ،يېزا مەركىزى مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنغانىدى ...

    مەركىزى مەكتەپنىڭ ئورنى يېزا مەركىزىدىن ئۈچ كىلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ ، مەكتەپ مۇدىرى 50 ياشلار چاممىسىدىكى چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان خۇشپىچىم كىشى ئىدى .60-يىللاردىلا ئوتتۇرا تەخنىكومنى پۈتتۈرۈپ ،  قوشۇنغا كىرگەن بۇ كىشى ئۇزۇن يىللىق باشقۇرۇش مىتودى ۋە بەلگىلىك كەسپى قابىلىيەتكە ئىگە بولۇپ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى . تۆتيۈزچە ئوقۇغۇچىغا ئىگە، سەككىز سىنىپلىق بۇ مەكتەپ كەڭرى بېغى ، كۆركەم ،ئازادە ئوقۇ – ئوقۇتۇش سىنىپلىرى ، يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە ۋە ئۆلچەملىك تەنتەربىيە مەيدانى ، لابراتىيە سىنىپى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن پۈتكۈل يېزا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەردىن سانىلاتتى .تەقسىماتنىڭ جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، قادىرنىڭ باش قېتىقچىلىقى بولغان تاماق مەسىلىسىنى بىراقلا ھەل قىلغان بولۇپ ، مەكتەپتە ئۇلاردىن باشقا يەنە ئالدىنقى يىلى تەقسىم قىلىنغان ئۈچ نەپەر بويتاق ئوقۇتقۇچىمۇ بار ئىدى .ئۇلار ئىشقا چۈشكەن كۈنىسىنىڭ ئۆزىدىلا كوللىكتىپ تاماق تۈزىمىنى ئورنۇتۇپ ، ھەربىرەيلەن ئايدا 50 يۈەندىن تاماق جۇغلانمىسى تاپشۇرۇش ۋە گۇرۇپىلارغا بۆلۈنۈپ نۆۋەت بويىچە تاماق ئىتىشنى قارار تېپىشتى .قادىر رائىلە ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن بىر گۇرۇپىغا بۆلۈندى .

    رائىلە ئالدىنقى يىلى كادىرلىق ئىمتېھانىدىن ئۆتۈپ خىزمەت تەقسىماتى بويىچە مۇشۇ مەكتەپكە ئىشقا چۈشكەن بولۇپ ، خاراكتىرىدىكى ئۇچۇق – يۇرۇقلۇق ، گەپ – سۆزدىكى ئىلمىيلىكى ،خىزمەتتىكى تىرىشچانلىقى بىلەن ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلار ئارىسىدا ھۆرمەت تاپقانىدى . قاراشتىنلا كىشىگە ئىللىق تۇيغۇ بېرىدىغان بۇ قىز بىلەن قادىر ناھايتتى تېزلا چىقىشىپ قالغان بولۇپ ،رائىلەنىڭ تۈجۈپىلەپ قىلغان ھەربىر ئىشلىرى ،چىن سۆزلىرى قادىرغا پەللىمۇ – پەللە تەسىر قىلماقتا ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سېڭىشىپ ،ئەسلىمە تۈگۈچلىرىنى ھاسىل قىلماقتا ئىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قادىر ئۆزىدە رائىلەگە بولغان ئىنتىلىشنىڭ كۈچىيۋاتقانلىقىنى سەزگەنىدى . بۇ ھال قادىر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ۋاقىتلىق ياردەمگە يۆتكۈلۈش ئۇختۇرىشىنى تاپغۇرۇپ ئالغان مىنۇتلاردا تېخىمۇ روشەن ئىپادە تاپقانىدى .قادىر شۇ چاغدا ئۆزىدە رائىلەگە بولغان چوڭقۇر بىر باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى تۇنۇپ يەتكەنىدى .

    قادىر مەركىزى مەكتەپكە ئىشقا چۈشۈپ ئۈچ ئايدىن كېيىن ، خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن  يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكەلدى . بۇ ھەرقانداق بىر كىشى ئۈچۈن خوشاللىنىشقا تىگىشلىك ئىش بولسىمۇ ، ئەمما، قادىر ئۈچۈن ئۇنداق بىلىنمىگەنىدى . بىر يەرلىرىدىن كەملىك ھېس قىلىپ ، ئىچى تىت تىت بولاتتى ، ۋاقىت بولسىلا مەركىزى مەكتەپكە چاپقۇسى كېلەتتى .ئۇ ،ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتىكى، بۇ خىل بىنورمالسىزلىق ئۇنىڭ رائىلە بىلەن باغلانغان قەلىب رېشتىسىنىڭ تەسىرىدىن ئىدى .شۇنداق ، رائىلە بىلەن كۆرۈشكەن ھەربىر مىنۇت ئۇنىڭ ئۈچۈن بەخت ۋە خوشاللىقتىن دېرەك بولۇپ ، پەقەت رائىلەلا ئۇنىڭ روھىيىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەپ تۇراتتى،كۈچىگە كۈچ قۇشۇپ غەيرىتىنى ئاشۇراتتى.. .

    قادىر بىر دەم ئېلىش كۈنلىكى چۈشتە مەركىزى مەكتەپكە يىتىپ كەلدى .تەلىيىگە رائىلە ياتىقىدا يالغۇز ئىدى .

    ــ دەم ئېلىش كۈنى دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە يۈرمەي ، بۇياققا ئاياق بېسىپ قاپسىزغۇ ،ــ دەپ ئېغىز ئاچتى رائىلە قادىر بىلەن يۈز كۈرۈشكەن شۇ دەقىقە .

    ــ سىزنى كۆرگىلى كەلدىم ،ــ قادىر رائىلەنىڭ شەلپەردەك قىزارغان يۈزلىرىگە ،خىجىللىق ھېسلىرى مۇجەسسەم بولغان بۇلاقتەك كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ داۋام ئەتتى ،ــ سىزنى بىركۈن كۆرمىسەم چىدىمايمەن دەڭا !

    ــ قېلىن .

     رائىلەنىڭ نازنىلىق ھالەتتە ئېيتقانلىرى قادىرنىڭ يۈرىكىگە ئوت بۇلۇپ تەگدى .شۇ تاپ ئۇنىڭ يۈرەكلىرى تىپچەكلەپ كەتكەن ، كۆز نۇرىنىڭ تەگسىز چوڭقۇرلىقىدا بولسا رائىلەنىڭ ۋىلىقىىدە كۈلگەن تۇرقى قېتىپ قالغانىدى .

    ــ كونىلاردا ئەسلىسە چۈشىگە كىرىدۇ ،سېغىنىپلا تۇرسا دىلىغا، دېگەن گەپ بار ئىكەن ،سىزنىڭ دىلىڭىزغىمۇ كىرىپ بولغاندىمەن تايىنلىق .

    رائىلە يەرگە قادالغىنىچە زۇۋان سۈرمەيتتى . قادىر سورىغانلىرىنىڭ جاۋابىنى رائىلەنىڭ ۋىللىدە قىزىرىپلا، ئارقىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن جېھرىدىن كۆرۈپ ئالغاندەك بولدى .

    ....

    ئۇلار ئۇ كۈنى كەچكىچە ياتاقتا تاماق ئىتىپ يىدى ،پاراڭلاشتى .ئۆزىنىڭ بالىلىق ،ئۆسمۈرلۈك ،ياشلىق مەزگىلىدىكى سەزگۈزەشتلىرى ئۈستىدە توختالدى...

    رائىلە شەھەردە چوڭ بولغان بولۇپ ،كىچىكىدىن خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ،تۇللۇق ئوتتۇرنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقىۋاتقان يىلى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا بىر شىركەتكە ئىشقا چۈشكەن ،كېيىن كادىرلىق ئىمتېھانى ئالىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئىمتېھانغا قاتناشقان ، ئىمتېھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن ، خىزمەت تەقسىماتى بويىچە بۇ مەكتەپكە ئىشقا چۈشكەنىدى ...

    قادىر بىلەن رائىلە تۇنۇشقان قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدە، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ، دوستانە ئۆتتى . خىزمەت ،ئۆگىنىش ، تۇرمۇشتا بىر - بىرىگە ياردەمدە بولۇپ خېلى چوڭقۇر چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقانىدى .نەچچە كۈن ئەۋەل خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلى ئايرىلغانىدى ،ئوتتۇردىكى مېھرى – مۇھەببەتنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكىدىن خېلىلا چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى . مۇشۇ نەچچە كۈن قادىرغا تولىمۇ مەنىسىز بىلىنگەندەك ، رائىلە ئۈچۈنمۇ نەچچە ئايدەك ئۇزۇن بىلىنگەن ،كۆڭلى غەشلىككە تولغانىدى . قادىرنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇشى رائىلەنىڭ كۆڭۈل غەشلىكىنى نەلەرگىدۇر ئۇچۇرتۇپ ، ۋۇجۇدىغا ئالەمچە خوشاللىق ئاتا قىلدى . مانا ئەمدى قادىر رائىلەگە ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى . خوشلۇشۇش ئالدىدا قادىرغا ۋاقىت چىقسىلا كەپ تۇرۇشنى تاپىلىدى .قادىرمۇ ھەركۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا بۇ ياققا چاپىدىغانلىقىنى  ئەسكەرتىپ ،كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۆز يولىغا راۋان بولدى .

     

    6

     

    ۋاقىت بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلۇشۇپ ،ھەش – پەش دېگۈچە بىر يىل ئۈتۈپ كەتتى .بىر يىل زاكىدىكى بوۋاق ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئانا توپراققا تەمتەك قەدەملىرى بىلەن ئىز قالدۇرۇپ ،ھاياتلىق ھەركىتىنىڭ تۇنجى خەرىتىسىنى سىزىدىغان ،ئۆز ئەركىسى بويىچە مەلۇم نىشاننى چەنلەپ قەدەم ئالىدىغان ۋاقىت . قەدرىنى بىلگۈچىلەر ئۈچۈن تولىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت .مۇھەببەت ئىشقىدا چېپىپ يۈرگۈچى ئاشىق – مەشۇقلار ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ، قەلىب تۆرىگە سانسىز ئەسلىمىلەرنى يالداما قىلىپ ، كەلگۈسى تۇرمۇشنىڭ شانلىق كارتىنىسىنىڭ ئاساسىي ئۇلىنى تىزىپ ئۈلگۈرىدىغان مۇھىم ۋاقىت .قادىر بىلەن رائىلە ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق .شۇنداق ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ بۇ قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە گەۋدىلىك تەرەققىي قىلدى .ئۆزئارا چۈشىنىش ، ئۆزئارا ياردەمدە بولۇش ، ئۆزارا كۆيىنىش ، ئۆزئارا سېغىنىش دېگەنلەر ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مېھرى – مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى ، كۈچىيىپ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنىڭ شاھىدى ئىدى .بىراق ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت يۇقىرى چەككە يىتىپ ،بىر – بىرسىنى كۆرمىسە چىدىشالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن شۇ كۈنلەردە ، ئۇلارنىڭ مۇھەببەت گۈللىرىگە قايناق سۇ تۆكۈشكە ئورۇنىدىغان قارا نىيەتلەرمۇ پەيدا بولۇپ ئۈلگۈرگەنىدى . قادىر بىلەن رائىلە بۇنىڭدىن بىخەۋەر بولۇپ ،ئۆزگىگە ھېچقانداق بىر دەخلى – تەرۈزى بولمىغان بۇ ئىشىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچۇرىشىنى ئەسلا خىيال قىلمايتتى ئەلۋەتتە ...

    تەبىئەت رەڭلىك لىباسىنى پۈتكۈل كائىناتقا يايغان ، ھەممە جاي  يېشىللىققا پۈركەنگەن گۈزەل ياز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى كەچتە،بىر جۈپ ئاشىق – مەشۇقلار ئۆزلىرى دائىم جەم بولۇپ مۇڭدىشىدىغان ئورۇندا ، يەنى ،يېزا بىلەن مەركىزى مەكتەپ ئارلىقىدىكى كەنت بىلەن كەنت تۇتاشتۇرۇلمىسىغا ئېلىنغان،ئىككى تەرىپى قاتار كەتكەن سۆگەت دەرىخى بىلەن ئورالغان شېخىللىق يول كېسىشمىسىدىكى تۆت كۇچا ئاچىلىدا گىگانىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يۇغان بىر تۈپ قاپاق تېرەك تۈۋىدە جەم بولۇشقانىدى .تۇلۇن ئاينىڭ كۈچلۈك نۇرى كائىناتتى سۈتتەك يۇرۇتقان بولۇپ ،تېرەك يوپۇرماقلىرى كۈمۈشتەك يالتىراپ تۇراتتى .

    ــ رائىلە ،ــ دەپ سۆز ئالدى قادىر ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ،ــ بىز توي قىلايلى .

    ــ توي قىلايلى ! ــ رائىلەنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى .

    ـــ نېمە ؟! رايىڭىز يوقمۇ قانداق ؟ ــ قادىر رائىلەنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆزىگە قاراتتى ،ــ سىزگە نېمە بولدى ئەمدى .رائىلە قادىرغا لاپپىدە بىر قاراپلا يەنە يەرگە باقتى ، بوش ئاۋازدا پىچىرلاپ :

    ــ مىنى كەچۈرۈڭ قادىر ، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن ،ــ دەپ جاۋاب بەردى .

    ــ نىمىشقا ئەمدى ؟ بىز تېخى ئۈلۈشكۈنلا ...

    ــ ئۈلۈشكۈن شۇنداق ئىدى ، بىراق ،ھازىر  ئۇنداق ئەمەس ،ــ رائىلە قادىرنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ شۇنداق دېدى،ــ مەن ...مەن ...

    ــ ئۇچىغراق قىلىپ ئېيتىڭە ، سىزگە زادى نېمە بولدى ؟

    ــ ئاسىمە ئۇ ،ــ رائىلە گىپىنىڭ ئاخىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ قادىرغا تىكىلدى .قادىرنىڭ كۆزلىرى چەكچەيگەن بولۇپ ، غەزەپ ئۇچقۇندايتتى :

    ــ ئاسىمە ؟!  بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى ؟

    ــ سىز ھەقىقى ئەھۋالنى ماڭا ئېيتماپسىز قادىر . مەندىن سىز ساقلاپسىز ، شۇڭا مەن ...

    قادىرنىڭ كۆز ئالدىدىن، ئاسىمەنىڭ شاپتۇل قېقىدەك پۇرلۇشاڭغۇ چىرايى غىل – پال ئۈتكەندەك بۇلۇپ ،ئارقىدىن ،كىملەرگىدۇر توختىماي بىلجىرلەۋاتقان ھالىتى كەچتى . ‹‹ھەي شۈم ئېغىز ، سۆز خالتىسى .كونا كىسىلىنىڭ يەنە قوزغۇلۇپتۇ- دە سىنىڭ ...››

    ــ قېنى دەڭا ؟ ئۇ ، سۆز خالتىسى ، كاسىگە سىزگە نېمىلەرنى دېگەنىدى ؟

    ــ بولدى ،ئۇ گەپلەرنى تەگەشكەننىڭ ئورنى يوق .ھەمىمىز ئۆز يۇلىمىزغا ماڭايلى قادىر .

    ــ ياق ، قانداقلىكى ئىش بولسا ئۇچۇق قىلىۋىتەيلى . ئارىمىزدا زادى نېمە سىر بار ئىكەن .

    ...

    ئۇلار مۇشۇ بىر تېمىنى چۆرىدەپ خېلى بىرمەھەل تالاش – تارتىش قىلىشتى .رائىلە ئويلىماي ئېيتىپ قويغان بىر جۈملە سۆزىگە پۇشايمان قىلغاچ ، قادىرغا بۇ ئىشنى كېيىن بىرنېمە دېيىشىش ،توغرىسىدا كۆپ يېلىنىپ كۆرگەن بولسىمۇ ئۈنىمى بولمىدى . قادىر رائىلەدىن ئاسىمەنىڭ دېگەنلىرىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىپ گىپىدە چىڭ تۇرىۋالغانىدى .ئۆزىنى قاچۇرۇپمۇ ئامال قىلالمىغان رائىلە ئاخىرى ئاسىمەنىڭ دېگەنلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچتى :

    ــ ئۇنداقتا كۆڭلىڭىزگە تېگىپ كەتمىسۇن .

    ــ دەۋېرىڭ ،كۆڭلۈمگە تىگىپ كەتكۈدەك ئالاھىدە ئىش يوق .

    ــ ئاسىمەنىڭ دىيىشىچە ، سىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بىر كىلىشمەسلىك يۈز بېرىپتىكەن ،شۇنداقمۇ ؟

    ــ مۇنداق دەڭا ، مەن تېخى يەنە قانداق پىتنە – پاساتلار تېرىلىپ كەتكەندۇ ، دەپ ئويلاپ كىتىپتىمەن . ئاڭلاشنى خالىسىڭىز ، ئىشنىڭ جەريانىنى تەپسىلى سۆزلەپ بىرەي ، توي ئىشىغا ئاندىن بىرنېمە دەڭ ...

    قادىر ئۆز كەچمىشلىرىنى تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتتى : بالىلىقتىكى كەپسىزلىكى ،ئەمدىلا ئۆسمۈرلۈك يېشىغا قەدەم باسقان مىنۇتلاردا ئاتىسىدىن ئايرىلىپ تارتقان خورلۇق ۋە ئازاب – ئوقۇبەتلىرى ، جاپا – مۇشەقەتلىرىنى ، ئالى مەكتەپ بوسۇغۇسىغا ئاياق باسقاندىن كېيىنكى تىرىشچانلىقلىرى ، ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ، مەكتەپ ھاياتىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار ، ئايگۈزەل بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ، ئاسىمەنىڭ مەكتەپ ھاياتىدىكى بىمەنە ئىشلىرى ، ئۆز بېشىغا كەلگەن ئۇنتۇلماس خورلۇق ۋە كۈلپەتنى تەپسىلى ئوتتۇرغا قويدى .ئۇنىڭ كەچمىشلىرى ھەقىقەتەن تەسىرلىك بولۇپ ،ئاڭلىغان كىشىنىڭ يۈرەك باغرى ئىزىلەتتى ،بولۇپمۇ، ئاتىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى كۈنلەردە تارتقان ئازاب – ئوقۇبەتلىرى بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى . شۇنداق ئۇ ، ئاتىسىدىن ئاران 12 ياش ۋاقتىدا يىتىم قالدى .ئائىلىسىدە ئۆزىدىن كىچىك يەنە ئۈچ ئىنىسى ،  بىر سىڭلىسى ۋە ئىككى ھەدىسى ، جەمئى ئالتە جان ئادەم  بار بولۇپ ،كېسەلجان ئانىسىنىڭ قولىغىلا  قاراشلىق ئىدى . ئەمدىلا قىرىققا ئاياق باسقان ،ئەمما، كېسەلمەن ئانا، ياش تۇرۇپ تۇل قالغاننىڭ دەردى ئازلىق قىلغاندەك، يەتتە جاننىڭ يىمەك – ئىچمەك ، كېيىم – كېچەك ۋە ئوقۇش خىراجىتىنىڭ ھۆدىسىدىن چىقىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغانىدى .قادىرغا ئەڭ تەسىر قىلىدىغىنى، ئىنىلىرى باشقا بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا ، ئۇلارنىڭ ئىنىلىرىنى يىتىم ئوغلاق ، تۇل خۇتۇننىڭ بالىسى، دەپ ھاقارەت قىلىشى ئىدى . مۇشۇنداق چاغلاردا ئۇ ، ئىچى – ئىچىدىن دەرغەزەپلىنىپ ،ئىنىلىرىنى ھاقارەتلىگەن بالىلارنى قاتتىق ساۋاب كېتەتتى . شۇ ۋەجىلىك، بىرقانچە قېتىم بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن تاياق يىگەن ، يەتكۈچە تىل – ئاھانەت ئىشتقان چاغلىرىمۇ بولغانىدى .‹‹ ھېچكىمگە ئاتا – ئانا باقى – بەقشەندە بولمىسا، نېمىشقا باشقىلارنى ئۇنداق يامان تىل بىلەن ھاقارەت قىلىدۇ . ئاتا – ئانىسى بارلار شۇنداق چوڭ بۇلامدۇ .ئاتا – ئانا بولغۇچىمۇ نېمە ۋەجىلىك بالىلىرىغا بۇ توغرىسىدا تەربىيە بەرمەيدۇ ...›› دېگەنلەر ئۇنى دائىم ئازابلايتتى .قادىرنىڭ بۇ ئىشلار توغرىسىدىكى ھېكايىسى كۆپ ،ئاڭلىغان كىشىنىڭ يۈرەك – باغرى ئىزىلىدۇ . شۇ تاپ رائىلەمۇ ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە چىداپ بۇلالماي ئۈنسىز ياش تۆكتى .نۇرانىخان ئانىغا بەكمۇ ئىچ ئاغىرتتى . رائىلە نۇرانىخان ئانىنى كۆرگەن ،بىرقانچە قېتىم قادىر بىلەن بىرگە يوقلاپمۇ بارغانىدى . قارىماققا شۇنداق تىتىك كۆرۈنسىمۇ ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە دەم سىقىلىش كىسىلىنىڭ ئاسارىتىدە كۆپ ئازاب چەككەچكە چىرايى تېگى – تېگىدىن تاتراڭغۇ ، كالپۇكلىرى كۆكەرگەنىدى .ئاجىز بولىشىغا قارىماي كۈنبويى بالىلارنىڭ غېمىدە يۈرەتتى .بالىلارغا ئوبدان ئوقۇش ھەققىدە نەسىھەت قىلاتتى . ئۆزى يىمەي ، كىيمەي ، بالا ئۈچۈنلا ياشاپ كەلگەن بۇ جاپاكەش ئانىنىڭ چېھرىدە خوشاللىق ئىزنالىرىنى ئانچە كۆپ ئۇچراتقىلى بولمىسىمۇ ، تىنىم تاپماي كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس ئىدى . ئۇ تاڭ يۇرىشى بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ بىردىن – بىر كىرىم مەنبەسى بولغان ،چارۋۇلارنى سىرتقا ھەيدەپ چىقىپ  تاكى ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا چۆمۈلگەنگىچە ئېتىز تىرگەنلىرى ، ئورمانلىقلارنى كېزىپ يۇرۇيتتى ، ئۆيگە قايتىپ كىلىپ بالىلار ئۈچۈن تاماق راسلايتتى ، بالىلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىنى  يۇياتتى، تاراندۇراتتى .شۇنداق جاسارەت ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن بالىلارنىڭ ھەممىسىىنى تۇلۇق ئوتتۇردىن يۇقۇرى مەلۇماتقا ئىگە قىلغانىدى ...

    ــ دەيدىغاننىڭ ھەممىسىنى دەپ بولدۇم ،ئۆزەمنىڭ ۋە ئائىلەمنىڭ ئەھۋالى سىزگە بەش قولدەك ئايان .ئاخىرقى تاللاش ئۆز ئىلكىڭىزدە ،ــ دېدى قادىر مەيۈس ھالەتتە .

     رائىلە ئۈندىمىدى . ۋېلىسپتىنى يىتلىگىنىچە چوڭ يول تامان يول ئالدى . قادىر رائىلەگە ئۈنسىز يانداشتى .ئۇلار يول بۇيى بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدى، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە ۋېلىسپىتتىن چۈشۈشۈپ بىر پەس سۈكۈتكە پاتتى .

    ئەتراپ تىپ –تىنىچ بولۇپ ، باغ تەرەپتىن كېلىۋاتقان، چىكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرى بىلەن، مەھەللە چېتىدىكى شاللىقتىن كېلىۋاتقان پاقىلارنىڭ بىرخىل رېتىمدىكى تىنىمسىز كۇرۇلداشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ،ھېچقانداق بىر تىۋىش يوق ئىدى . تۇلۇن ئاي ئۇلارغا تەلمۈرەتتى .گويا ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەركىتىنى تەپسىلى كۈزۈتۈپ ، سۆز ئىبارىلىرىگە  ئىشتىراك قىلماق بولغاندەك، كۆك قەھرىدىن زىمىنغا ــ ئۇلار دەسسەپ تۇرغان شۇ تۇپراققا تەلمۈرەتتى ، ئۇلارنىڭ جىسمىنى لىنتىغا ئېلىۋاتقاندەك ئاستا – ئاستا سىلجىيتتى .

    ــ خەيرى خوش ،ــ دېدى رائىلە قادىرغا ئاخىرقى رەت چوڭقۇر مېھرى بىلەن قاراپ .

    ــ سىز ...

    ــ خوش ،ئامان بولۇڭ، ــ قادىر ئەمدىلا ئېغىز ئېچىشى رائىلە شۇنداق دېدى- دە ،تېز – تېز قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتى ...

     

    يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلاندى . قادىرمۇ بىر يىللىق ئارىيەت ۋاقتى توشۇپ ئەسىلدىكى مەكتىپىگە قايتتى .قادىرنىڭ ئەسىلدىكى باغ ئېرىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىگە قايتىپ كىلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن رائىلە بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ،ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت ئىدى .ئەمما ، ئوقۇش باشلانغىلى بىر ئايدىن كۆپرەك بولغان بولسىمۇ ،ئۇلار ئوپتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت يەنىلا قاتمال ھالەتتە بولغاچ ،ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىچە ئارامىغا چۈشمىگەنىدى . قادىرنىڭ كۆڭلى پەرىشان يۈرگەن شۇ كۈنلەردە ،شور باغ باشلانغۇچ مەكتىپىدە يۈز بەرگەن بىرقاتار ئىشلار ئۇنىڭ كۆڭۈل جارائىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغانىدى .يار ئېلى بىلەن مامۇت شورباغ باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا خىزمەتلەردە ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ ،تەشكىل ۋە خىزمەتداشلىرى ئارىسىدا خېلىلا ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى :يار ئېلى ئۆز كەسپىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ ، بېرىلىپ ئىشلەپ كەلگەچكە كەسىپداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ، تەشكىلنىڭ مۇئەيەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشىپ ،مەكتەپ پېئۇنىرلار ئەترەت يىتەكچىسى ، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە قۇيۇلدى. مامۇت ئوقۇ – ئوقۇتۇش جەھەتتە خېلىلا ئالدىدا تۇرۇپ كەلگەچكە ئىلغار سىنىپ مۇدىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى . ئەمما ،يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندىن بېرى يار ئېلى بىلەن مامۇت ئىككى دۇنيا بولۇپ ئايرىلدى .يار ئېلى خىزمەت بىلەن ئالدىراش ، مامۇت بولسا پۇلدىن ئىبارەت ئېزىتقۇ شايتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن خاتالىقى تۈپەيلى كەسىپداشلىرى ۋە تەشكىلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ ،قىلمىشىغا تۇشلۇق بەدەل تۆلىمەكتە ئىدى .

    مامۇتنىڭ ئىدىيەسىدە پۇل ھەممىگە قادىر بولۇپ ،پۇللا بولسا ھەرقانداق ئىشنى قىلغىلى ، يۈز ئابرۇيغا ، مەرتىۋىگە ئىگە بولغىلى بۇلاتتى . ئۇزۇندىن بېرى بىر يولىدىلا باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن مامۇتقا ئاخىرى پۇرسەت كەلدى .تەتىل كۈنلىرىنىڭ بىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۈن – سىن شىركىتىنىڭ خوجايىنى بىلەن تاسادىپى پۇرسەتتە تونۇشۇپ ،شىركەتنىڭ يېڭىدىن بازارغا سالماقچى بولغان نەچچە يۈرۈش پىلاستىنكىسىنىڭ نەشىر ھوقوقىنى سېتىۋېلىپ بازارغا سېلىش ئىشىغا تۇتۇش قالدى . بىرقانچە ئۇن يۈرۈش VCD پىلاستىنكىسىنى ،ھەربىر يۈرىشى نەچچە ئون مىڭ تالدىن بازارغا سالدى . پىلاستىنكىلار بازارغا سېلىنغان دەسلەپتىكى مەزگىلدە سېتىلىشى ھەرھالدا ياخشى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ ، كېيىنچە ،بازىرى كاساتلىشىپ قالدى . داڭلىق ناخشا چولپانلىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن بازارغا سېلىنغان نەچچە يۈرۈش پىلاستىنكىلىرى ئالدىدا يەنىلا ئىستىمال بازىرىدىن چۈشۈپ قالماقتا ئىدى .مامۇتنىڭ بىر يولىدىلا نەچچە ئون تۈمەن پايدىغا ئىرىشىش چۈشى ناھايتى تېزلا بەرپات بولۇپ،خېلى كۆپ قەرزگە بۇغۇلدى .ئايدا ئالىدىغان نەچچە يۈز يۈەن مۇئاش بىلەن بۇ قەرزنى بىر ئۆمۈر تۈلەپمۇ قايتۇرۇپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى .

     پىلاستىنكا شىركەتلىرى قەرزنى قىستاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرى ،كەچقۇرۇن ،مامۇت ئىشتىن چۈشۈپ مائارىپ ئىشخانىسىغا يىتىپ كەلدى . مائارىپ ئىشخانىسىغا كىلىشىدە، بىر ھەپتىلىك رۇخسەت ئېلىپ ،ئۈرۈمچىگە بېرىپ ،شىركەت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قايتۇردىغان قەرز سومىسسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىشىنى پۈتتۈرۈپ كېلىشنى  مەقسەت قىلغان ئىدى .

    ئىشخانىدا كاسىر مۇھەممەت توختى يالغۇز بولۇپ ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق مۇئاشىغا ئىشلەۋاتاتتى .ئۇ ،مامۇتنى كۆرۈپ قولىدىكى ئىشنى تۇختاتتى، تىنىچ – ئامانلىق سوراشتى .مامۇتنىڭ كىلىش مۇددئاسىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن ، باشقىلارنىڭ ئىشتىن چۈشكەنلىكىنى ،ئۆزىنىڭ بولسا ئەتە تارقاتماقچى بولغان مۇئاشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى ، قانداقلىكى ئىش بولسا ئەتە كىلىشنى ئېيتتى .مامۇت مۇھەممەت توختى بىلەن خوشلۇشۇپ ، ياتاققا قايتىپ كەلدى .ياتاقتا يارئېلى بىرقانچە دوستلىرى بىلەن ئىچىشىۋاتاتتى .

    ــ قېنى بىر رومكا ئوتلاپ قويمامسەن ،ــ يارئېلى بىر رومكا ھاراقنى مامۇتقا تۇتىۋىدى ،مامۇت رەت قىلدى . روھىي كەيپىياتىنىڭ بىنورمال، سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ھۇزۇرخالىق سورىدى .ئەمما، يارئېلى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭغا يول قويمىدى  .

    ــ يە ھاراققا تۇر ،يە بولمىسا زاكۇسكۇسىغا ،ــ يارئېلىنىڭ دېگەنلىرى قىزىق ماي ئۈستىگە سۇ سەپكەندەك ئىش بولغاچ قالغانلارمۇ ئۇنىڭغا بولۇشۇپ چۇقۇراشتى.

    ــ شۇنداق ،شۇنداق ،ياتاق يالغۇز يارئېلىنىڭ ئەمەس ،شۇنداق ئىكەن سەنمۇ ساھىپخان سانىلىسەن . يە ئىچ ، يە بولمايدۇ بىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىل.

    ئولتۇرغانلارنىڭ بۇ ياتاققا تۇنجى قېتىم ئاياق بېسىشى ئەمەس ئىدى .ئۇلار ،يېزا ئورگانلىرى ، بانكا ۋە پۇنكىتلاردا ئىشلەيدىغانلار بولۇپ ،ئايدا بىرەر قېتىمدىن دېگۈدەك نۆۋەت بىلەن ئايلىنىپ مېھمان بۇلىشاتتى .مامۇتمۇ ئۇلارنىڭ ياتىقىغا كىرگەن ،سورۇنغا داخىل بولۇپ يەپ ئىچكەنىدى .ئەل – ئاغىينە ، تۇنۇش – بۈلۈش ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت مەيلى قايسى دەرىجىدە بولسۇن، يەنىلا، شەخسى مەنپئەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ .ئېلىشنى بىلىپ ، بىرىشنى بىلمىسەڭ باشقىلار بىلەن باردى – كەلدىدە بولۇشۇڭ مۇمكىن ئەمەس . مۇمكىن بولدى دېگەندىمۇ بىر –ئىككى دورام بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ،ئەلۋەتتە .قانداق قىلىش كېرەك ؟ مامۇتنىڭ بېشىنىڭ ئىچىمۇ – تېشىمۇ قاتقانىدى . ئىچەي دېسە تېخى ، زاكۇسكۇسىغا تۇراي دېسە تېخى .ھەممىسى پۇلدىن ئىبارەت نىجىسنىڭ كاساپىتى- دە . شۇتاپتا مامۇتنىڭ يانچۇقىدا بىرەر تۇخا ياكى بىرەر تەخسە سەيگە دال بولغۇدەك پۇل بولغان بولسىدى ، بۇنچە تەڭقىسلىقتا قالمىغان، زاكۇسكۇسىغا تۇراي ،دەپ سىرتقا چىقىپ سەي –پەيلەردىن كەلتۈرۈپ بۇ قىيىن ئۆتكەنلدىن ئۈتۈپ كەتكەن بۇلاتتى.

    مامۇت ئارىسالدا بولىۋاتقان شۇ دەقىقە ئولتۇرغانلار يەنە بەس – بەستە ئېغىز ئاچتى :

    ــ بىز ئارلاشقىلىمۇ خېلى بۇلۇپ قالدى . يا بىرەر قېتىم سورۇن تۈزگىنىڭنى ، يا بىز بىلەن بىرەر قېتىم ھە – ھۇ دېيىشكىنىڭنى بىلمەيمىز.ھەر قېتىمدا مۇشۇنداق خوتۇن كىشىدەك غىلجىڭشىپلا ئولتۇرىسەن ،ئوغۇل بالا بولغاندىكىن بىرەر قېتىم چىدىساڭ بولماسمىدى .

    ــ  نېمىمۇ قىلارسەن ئەسكى قەغەزنى يىغىپ .ئەل – ئاغىينە ئۈچۈن ئەس قاتمىغان پۇلنىڭ يەنە نېمە ئەتىۋارى بولسۇن ھە ! قېنى بىر رومكا ئۇتلاپ قۇيە .

    مامۇت ئېغىر – بېسىق كۆرۈنگىنى بىلەن ئىچى ئوتلۇق ئىدى ، بۇنداق ياپما گەپلەرگە چىداپ تۇرالمايتتى ، بولۇپمۇ، يارئېلىنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ شۇنداق . ئۇ ،يارئېلىنىڭ مەسخىرلىك ھېجىيىشلىرىغا قاراپ پەقەتلا چىداپ تۇرالمىدى .چاچراپ چىقىپ ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئالسۇنمۇ ؟ مۇشت بىلەن كىلىشتۈرۈپ سالسۇنمۇ ؟ ــ ياق بۇنداق قىلىش چىدىماسلىقنىڭ ئىپادىسى، دورۇس ئادەم ئۈچۈن تولىمۇ ئەخمىقانىلىق ...

    ‹‹ يار ئېلى دېگەن پىستەك ،ھەجەپ كۆرەڭلەپ كەتىڭغا ،ھامان بىر كۈنى ئۆزەمنى ئوبدان كۆرسۈتۈپ قويمىسام . قېنى كۈرەرمىز ...››

    مامۇت ئىچ – ئىچىدىن خورلۇق ھېس قىلدى .يا يىغلاشنى ، يا كۈلۈشنى ئەسلا بىلمىدى . بارلىق دەرد - ئەلىمىنى ئىچىگە يۇتۇپ ،ئورنىدىن دەرس تۇردى- دە، يار ئېلىغا قاراپ چەكچەيگىنىچە زەردە بىلەن دېدى :

    ــ ھاراق دېگەن قانچىلىك نىمىتى . ناھايتى بىر سۇغۇ .ھاراق دېگەن سۇ ، بىز دېگەن بېلىق ،ــ مامۇت يارئېلىنىڭ قۇلىدىكى رومكىنى شارتتىدە يۇلۇپ ئالدى-دە ، گۇپپىدە كۆتەردى .

    ــ ھە بەللى ،بەللى ئەمدى ھەقىقى ئوغۇلبالىداچىلىقىڭنى قىلدىڭ .ئەل – ئاغىينە دېگەن بىر – بىرسىگە ھە-ھۇ، دەپ ئۆتسە ياخشى ، يەنە كىلىپ سىلەر دېگەن ساۋاقداش ، دوست ، خىزمەتداش ھەم ياتاقداش ...

    مامۇت دەسلەپتە بىرئاز قىينالغاندەك بولدى ، بىرقانچە رومكا ئوتلىغاندىن كېيىن ، ھاراقنىڭ قاڭسىق بۇسىمۇ ،ئاچچىقلىقىمۇ ئانچە بىلىنمىدى ، ئىشكەنسېرى -ئىچكۈسى ، سۆزلىگەنسېرى  - سۆزلىگۈسى كەلدى ،يۇمۇر ئېيتتى ، ناخشا توۋلىدى .

    سورۇن ئېغىر ياتقا بىلەن ئاخىرلاشتى . يارئېلى دوستلىرى بىلەن قەرت ئويناشقا ماڭدى .مامۇتنىڭ قەرت بىلەن خۇشى بولمىغاچ ھەقەمسايىتلىرى بىلەن ياتاقتىلا خوشلاشتى . ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىغىنىچە تېگى يوق خىياللارغا غەرىق بولدى . ئۇنىڭ خىيالىدا، يەنىلا ئۈن – سىن شىركىتىگە تۆلەيدىغان قەرز پۇلى ئىدى .

    ‹‹ شىركەتتىكىلەر قەرز سوممىسىنى تۈۋەنلىتىشكە ، كېچىكتۈرۈپ تۆلەشكە قۇشۇلارمۇ ؟ ناۋادا، قەرزنى سۈرۈك ئىچىدە قايتۇرالمىسام سوتقا ئەرز قىلىپ مەجبۇرى ئىجارا قىلىشنى تەلەپ قىلىشىدۇ .مەكتەپكە ئىزدەپ كېلىشى تۇرغانلا گەپ . شۇنداق ئىش بولۇپلا قالسا يۈزۈم تۈكۈلىدۇ ...››

     كىمدىنمۇ ياردەم سورارمەن ؟ مامۇتنىڭ خىيالىغا ئاتىسى كېچىۋىدى ،كۆز ئالدىدا نەچچە كۈن ئەۋەل ئاتىسى بىلەن راسا بىر قەپەز ئېلىشقان كۆرۈنۈشلەر زاھىر بولدى .

    ئۇ كۈنى مامۇت ئۈرۈمچىدىكى ⅹⅹⅹ ئۈن – سىن چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتى بىلەن تۈزۈشمەكچى بولغان توختامىنى ئېلىپ ئۆيىگە بارغانىدى . كۆڭلىدە ،ئاتام بىر يولىدىلا بېيىش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدىغان، بۇنداق ئۇبدان پۇرسەتنى چۇقۇم قوللايدۇ ، ئاز – تۇلا دەسمىي  بېرىپ ،ئىشىمنىڭ يۈرۈشىشىگە مەدەت بېرىدۇ ، دېگەن ئوي ئىدى ، ئەمما ،ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە بولدى .

    ــ ئەقمىقانە ئىش ،ــ  دېدى ئاتا توختامنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىققاندىن كېيىن .

    ــ ئەخمىقانە ئىش ؟ ــ مامۇتنىڭ چىرايى تامدەك تاتارغانىدى ،ــ قانداقسىگە ئەخمىقانلىق بولغۇدەك ؟

    ــ ھەممە يەردە چەتنىڭ مۇزىكىلىرى مۇددا بۇلىۋاتقان بۇ كۈندە ،بۇنداق پىلاستىنكىلارنى سېتىۋېلىپ ئاڭلايدىغانلار قانچىلىك .خەلق ناخشىلىرىنى جېنىدىن ئېزىز كۈرۈپ كەلگەن دېھقانلىرىمىز جېنىدا باشقىلارنىڭكىگە يۈرۈش قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، بۇ ناخشىلارغا دەسمىي سالساڭ ،ئاقىۋەتتە ھالاك بولمامسەن .ھازىر دېگەن بازار ئىگىلىكى دەۋرى .بازاردا نېمە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى ساتقۇلۇق ...

    ــ سىنىڭچە خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلايدىغانلار قالمىدىما ؟

    ــ مىنىڭ ئۇنداق دېگىنىم يوق .خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلايدىغانلار يەنىلا كۆپ ،ئەمما ،ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇنداق ئەمەس . رېستۇران ،تاماقخانا ، ناۋايخانا ، بېكەت ، مېھمانساراي ،ئاپتۇبۇسلاردا ھەتتاكى يايما ، دوقمۇشلاردىمۇ تىلىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان چەتئەل ناخشىلىرىنىڭ ئەدەپ كەتكىنىنى كۆرمەيۋاتامسەن .بۇغۇ ۋاقىتلىق ھادىسە : بىر قېتىملىق غەرىپ مەدەنىيىتى قىزغىنلىقى ، باشقىلارنىڭكىگە قارغۇلارچە چۇقۇنۇش ، دورامچىلىق .ئەمدىلا قۇرساق توق ، كىيىم پۈتۈن بولۇش داۋىنىدىن ھالقىغان خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئېڭى ئانچە تەرەققىي قىلىپ بۇلالمىدى ، شۇڭا ، ئۇلار نېمىنىڭ ھەقىقىي مەدەنىيەت ، نېمىنىڭ مەدەنىيەت ئەخلىتى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ بۇلالمايۋاتىدۇ .ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئېڭى يۈكسەلگەنسېرى يەنە ئۆزىنىڭكىنى ئەتىۋارلايدۇ ،لېكىن، بۇنىڭغا بىر جەريان كېرەك ،جەريان .شۇڭا ھازىر بۇ ناخشىلارغا دەسمىي سېلىپ ، سىن پىلاستىنكىلىرى ئىشلەپ بازارغا سالساڭ ،بېسىلىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ ، قارغۇلارچە ئىش قىلما .

    ــ دېمەك ، سەن بۇ ئىشىمنى قوللىمايسەن شۇنداقمۇ ؟

    ــ سەن يەنە خاتا چۈشەندىڭ .

    ــ سىنڭچە مەن ئۆزەمنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەپتىمەندە . ئۈچ يۈەن دەسمىي سېلىپ ،يەتتە يۈەن پايدا ئالىدىغان بۇنداق ياخشى سودىدىن يەنە قانچىلىكى بار ؟!

    ــ پايدىنىلا كۆزلەپ ، خېيىم – خەتىرى بىلەن ھېسابلاشمىساڭ ئاقىۋىتىڭ نېمە بۇلىدۇ .مەيلى قانچىلىك پايدا ئال ،يەنىلا سىنى قۇللايدىغان ، مەھسۇلاتىڭنى سېتىۋالدىغان ئادەم بولمىسا بىكار .ئۆيدىكى ھېساۋاتىڭ بازارغا ماس كەلسە بۇلىدۇ .

    ــ ....

    ئاتا – بالا خېلى كەسكىن دېيىشتى . مامۇت ئاخىرىدا ئاتىسىدىن قەرز ئالماق بولىۋىدى ،ئاتىسى رەت قىلدى :

    ــ مىنىڭ بۇنداق ئەخمىقانە ئىشقا دەسمىي قىلىدىغان، بىر تىيىنمۇ پۇلۇم يوق .

    ــ مەن تېخى سىنى مىنى قوللايدۇ، دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، ئەمدى بۇ ئىش توغۇرلۇق سىنى ئىككىنچى ئىزدەپ كەلمەيمەن ،ــ مامۇت ئىشىكنى جالاققىدە ياپقىنىچە ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى .

     

    ‹‹ ھەي ! چوڭنىڭ ئەقلى چوڭچە، دېگەن راستكەن .ئاتامنىڭ دېگەنلىرىگە ئازراقمۇ قۇلاق سالماي ،ئاخىرى بۇلغۇلۇق مۇشۇ بولدى ،ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن ...››

     مامۇت شۇ قېتىمدا ئاتىسىنىڭ نەسىھىتىىگە قۇلاق سالمىغانلىقىدىن پۇشايمان يىگەن ،ئەمدى ھەرقانداق قىلسىمۇ ئۇرنىغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا ئىچى ئاچچىق بولۇپ ،ئازاب چەككەنىدى .ھېلىتتىن سۇدەك ئۈتۈپ، قۇمغا سىڭگەندەك سېڭىپ كەتكەن ھاراق ئەمدىلىكتە كارامىتىنى كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلاتتى .شۇ تاپ مامۇتنىڭ بېشى قېيىپ ،كۆڭلى ئىلىشەتتى .ياتاقنىڭ تۇرۇسىغا تىكىلۋىدى ، تۇرۇس چۆرگۈلەۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى .ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇردى- دە ، ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى .

     مامۇت  باش – ئايىقى يوق تەگسىز خىياللارغا ئەسىر بولغىنىچە نىشانسىز ماڭاتتى . بار ئاۋازى بىلەن توۋلىغۇسى ، ھۆڭگۈرەپ يىغلىغۇسى كىلەتتى . خىيال قىلىۋېتىپ، ھېلىتىن مائارىپ ئىشخانىسىدىكى كاسىر يولداشنىڭ دېگەنلىرى كۆڭلىگە كېچىۋىدى كۆزلىرى يۇرۇپ ،يۈرەكلىرى تىپچەكلەپ كەتتى .شۇ تاپ ،ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولغىنى باغلام، باغلام پۇللار ئىدى .

    ‹‹ توۋا ماۋۇ ھاماقەتلىكىمنى ، بېشىمغا قونغان ئامەت قۇشىنى تۇتماقتا تۈگۈل، نەدىكى ئەبجەش خىياللار بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ يۈرۈپتىمەن دېسە .مانا ھازىر تۈن نىسپى ،ھەممە ئادەم شىرىن ئۇيقۇدا ...››

    مامۇتنىڭ كۆڭۈل بېغىدىكى غەم – ئەندىشىلەر تۇمان كەبى تارىغانىدى.ئۇ ،بىردىنلا تېتىكلىشىپ كەتتى ،تېز – تېز قەدەملەر بىلەن ياتاققا كىرىپ كەلدى- دە ، ئامبۇر ،كەكە ۋە ئەتىركە قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى تەقلەپ يېزا تامان يول ئالدى .

    يېرىم ئوغاق شەكىلدە تىكلەنگەن ئاي ، ئەتراپنى خىرە يۇرۇتۇپ تۇراتتى .تاغ تەرەپتىن چىقىۋاتقان كۈز شەماللىرىنىڭ زەربىسىدە، دەرەخ شاخلىرى لەرزان تەۋرىنىپ ،بىر خىل رېتىمدا ئاۋاز چىقىرىشاتتى .ئەتراپ تىمتاس . مەھەللە تەرەپتىن ناگا – ناگا ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان، ئىتلارنىڭ ئەنسىز قاۋاشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا پۈتكۈل كائىنات ئۇيقۇ ھالىتىگە ئۆتكەنىدى ...

    ئىشىك ھالقىسىنىڭ ‹‹ تاراققىدە ›› قىلغان ئاۋازى مامۇتنى چۆچىتىۋەتتى .شۇ دەقىقە، ئۇنىڭ مەسلىكى تامامەن يىشىلگەنىگەندەك قىلاتتى :

    ــ مەن نېمە قىلىپ قويدۇم ،ــ دەيتى ئۇ، تەشۋىش ئىلكىدە ئەتراپقا ئەندىكىشلىك بىلەن قاراپ ، ــ ياق ، قىلغىنىم ئېغىر جىنايەت ، دەرھال ئارقامغا يېنىشىم كېرەك ..

     مامۇت ياتاققا قايتماق بولۇپ ، نەچچە قەدەم چېكىندىيۇ ،يەنە ئىككىلەندى، دەرەخ تۈۋىگە مۈكۈنۈپ بىرھازا ئولتۇردى .ئەتراپ يەنىلا ئاۋالقۇدەك تىنىچ ،بىراق ،ئۇنىڭ كۆڭلى تىنىچ ئەمەس ئىدى .ئۇنىڭچە ، بۇنداقلا قايتقىنىدا ،قولغا كەلگەن تەييار ئولجىدىن مەھرۇم قالاتتى ،ئالقىنىغا قونغان ئامەت قۇشىنى كۆككە قۇيۇپ بەرگەندەك ئىش بۇلاتتى .

    ھاياتلىق مۇرەككەپ بىر جەريان .ئىنسان ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئەنە شۇ مۇرەككەپ جەريانلار سىنىقىدىن، خۇددى، تىلسىمات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندەك بىر بىرلەپ ئۈتىدۇ ،بۇنىڭغا كۈچ مادار ، پەم – پاراسەت ،سەۋر – چىدام ، غەيرەت – شىجائەت كېرەك بولىدۇ ،ئەلۋەتتە .بىر قىسىملار ئۆمۈر مەنزىلىدىكى ھەر دەقىقىنى قەدىرلەپ ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلرنى قىلىدۇ . بارلىقىنى ئائىلە ، بالا ، قۇۋۇم – قېرىنداش ،ئەللىمەھەللە ئۈچۈن بېغىشلاپ ،ئۆزىنىڭ ھالال مېھنىتى بىلەن ئۆزگۈلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ ، مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش يولىدا تىنىمتاپماي ئىزدىنىدۇ ، ھەرقەدەمدە ياخشى ئىزلارنى قالدۇرۇپ ،ئەل ، ۋەتەن قەلبىدە ئۆچمەس ئابىدە تىكلەيدۇ .يەنە ئاز ساندىكى بىرقىسىملار باركى ،ئۇلار ، ھايات مۇساپىسىدە ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ ، توغرا يول بىلەن ياشاشنى مەقسەت قىلىدىيۇ ، دەقىقىلىق تىڭىرقاشتىن ئۆز خۇددىنى يۇقۇتۇپ نامۇۋاپىق ئىشلارنىڭ سادىر بولىشىغا يول قۇيىدۇ ــ ئەنە شۇ خاتا بېسىلغان بىر قەدەم بەدىلىگە ئۆمۈر مەنزىلىدىكى ھايات كارتىنىسىغا ئۆچمەس داغلارنى ھەدىيە قىلىدۇ ، ئاقىۋەت ،بىر ئۆمۈر پۇشايمان يەپمۇ قىلمىشىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۋالالمايدۇ .بۇ خۇددى، مەلۇم نىشاننى كۆزلەپ يولغا چىققان شوپۇرنىڭ، نەچچە مىڭ كىلومىتىر مۇساپىنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ، مەنزىلىگە يېقىنلاپ قالغنىنى جەزىم قىلغىنىدا ، ئۆز سەزگۈرلىكىنى يۇقۇتۇپ ، بىخۇتلۇق ئىچىدە كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە يۇلۇققانلىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ .شۇڭا، ئىنسان ھايات مۇساپىسىدىكى ھەربىر قەدىمىدە، ئۆز – ئۆزىنى قاتتىق كونتۇرۇل قىلىشى ، ئەقىدە ، ئېتىقاد ، پەزىلەت بىلەن دۇرۇس ياشىشى ، مۇۋەپپەققىيەت ۋە نەتىجە ئالدىدا كۆرەڭلىك قىلىپ خۇددىنى يوقاتماسلىقى ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ،مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا تىڭىرقاپ ئەسلىنى يۇقاتماسلىقى ، چىقىش يۇلىنى رەزىللىك ھەم قانۇنسىزلىقتىن ئەمەس  ،ئەكسىچە ،  قەددىنى رۇس تۇتۇپ ، ئىزدىنىش ۋە توغرا يول بىلەن كۈرەش قىلىشتىن ئىزدىشى كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ،ئۇ كىشىنىڭ مۇۋەپپەققىيەت دەرۋازىسىنى ئوڭۇشلۇق قاقالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .بۇ ھەرقانداق بىر ئىنسان زاتى، جۈملىدىن ،بىز كەچمىشلىرى ئۈستىدە زىكرى بايانلار ياغدۇرىۋاتقان مامۇت ئۈچۈنمۇ ئورتاق قانۇنىيەت ئىدى ، ئەمما ،ئۇ ،ئەنە شۇ بىر قېتىملىق سودا تىجارىتىدىكى مەغلۇبىيىتى  ئالدىدا ئۆز خۇددىنى يۇقۇتۇپ ،بولمىغۇر قىلمىشتىن بىرنى ، يەنى، ئوغۇل زاتى ئۈچۈن كىشىلەر ئالدىدا مەڭگۈ باش كۆتۈرۈپ بۇلالماس كەچۈرگۈسىز گۇناھتىن بىرنى سادىر قىلدى .ئۇ ،شۇ گۇناھى بەدىلىگە قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ ؟ نەزىرىمىز كېيىنكى مەزمۇنلاردا  بولسۇن .

    بىر  سومكىغا لىقمۇ – لىق قاچىلانغان پۇل ،مامۇتنىڭ ئەندىشىسىنى پەيدىن – پەي ئاشۇرۇپ بارماقتا ئىدى .شۇ تاپ ئۇنىڭ يۈرەك رېتىمى تىزلىشىپ ، نەپسى بۇغۇلغانىدى . بەدەنلىرى چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈلگەن بولۇپ ، مېڭىشلىرى گالدا – گۇلدۇڭ ... ئۆز تىنىقىدىن ئۆزى ھۈركۈيتتى .ئورمانلىق ياقىلاپ كېتىپ باراتتى ،كۆز ئالدىدا يوغان بىر قارا گەۋدە ئەرشىدىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولدى .مامۇت ماڭغان ئورنىدا چىپپىدە توختىدى –دە ،قاققان قۇزۇقتەك قاتتى ، كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ،نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇراتتى ، قارشى تەرەپتىن سادا كەلدى :

    ــ كى ...كىم سەن ھوي ، قۇ ...قۇ ...قۇژمام  ...

    ــ مە ... ن ،ــ مامۇتنىڭ تىللىرى كاللەكلىشىپ ،زۇۋانى گەپكە كەلمەيتتى .ئارقىغا بىر – ئىككى قەدەم داجىپ تۇرىشى ، ‹‹ گۈپپىدە ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قارا كۆلەڭگە كۆزدىن غايىپ بولدى .

    ‹‹ئۆلمىگۈر ، ھەجەپ قورقاتتىيا ئادەمنى ›› مامۇت پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ قارا گەۋدىدىن ئۆتۈپ كەتتى .ياتاققا كىرىپلا ئىشىكنى مەھكىم تاقىدى .

    ئاي  نۇرىدا غۇۋا يۇرۇپ تۇرغان ياتاق ئىچى شۇنچىلىك سۈرلۈك ئىدى .گۇيا ھازىرلا بىرسى ياتاققا ئۈسۈپ كىرىدىغاندەك ، ياقىسىدىن سۆرەپ چىقىپ  سومكىنى تاپشۇرۇشقا قىستايدىغاندەك قىلاتتى .مامۇت سومكىنى كارۋات ئاستىغا دەرھال يۇشۇردى – دە ،ئالاقزادىچىلىك ئىچىدە ئەتراپقا زەن سالدى . ياتاقنىڭ بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىغىچە تەپسىلى كۆز يۈگۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن ،، دېرىزە ئالدىغا كىلىپ سىرتنى تىڭشىدى .مامۇتنىڭ قارا تەرگە چۆمۈلگەن بەدەنلىرى پەللىمۇ – پەللە مۇزلىماقتا ئىدى ،ئۇ،خېلى بىرمەھەل ئۆزىنى تىڭشاشتىن كېيىن، كارۋاتقا چىقىپ ، يوتقاننى يېپىنچاقلىغىنىچە تۈگۈلۈپ ياتتى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆڭۈل ۋەسۋەسىسى بىرئاز ئارامىغا چۈشىۋىدى ، خىيالىغا سومكا كىرىۋالدى .

    ‹‹ قانچىلىك پۇلدۇ ؟ 50 مىڭ ، 60، 70 مىڭ ،ـ ياق بۇنىڭدىنمۇ جېقراق بولسا كېرەك . زادى قانچىلىك ؟! ...››

     مامۇت كارۋاتتىن ئاستا چۈشتى- دە ،سومكىنى سۇغۇرۇپ ئالدى . ئاۋايلاپ ئاچقاندىن كېيىن ،پۇللارنى جوزا ئۈستىگە تۆكتى.ياتاق ئىچى قاراڭغۇ بولسىمۇ ، پۇللارنىڭ رەڭگىنى پەرىق ئەتكىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى .مامۇت پۇللارنى تۈرى بويىچە ئايرىغاندىن كېيىن ،تەخمىنى ھېسابلاپ كۆرىۋىدى،ئاز -كەم قىرىق بەشمىڭ يۈەنلىكى مۆلچەرلەندى .

    ‹‹قىرىق بەش مىڭ ، قىرىق بەش مىڭ . پاھ ! ئۆمرۈمدە كۈرۈپ باقمىغان ، نەچچە ئون – يىل تەر تۈكۈپ ئىشلىسەممۇ نىسىپ بولمىغى تەس بولغان شۇنچە كۆپ پۇل ...›› مامۇت ئىچ – ئىچىدىن خوشاللىناتتىيۇ ، يەنە دەكە – دۈكىگە چۈشەتتى .ياتاق ئىچى سەل – پەل يۇرىغاندەك بولۇپ ،تاڭ خورىزىنىڭ چىللاشلىرى ئاڭلىنىۋىدى ،ئۇنىڭ ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچەيدى :

    ‹‹ھايال قىلماي تاڭ يۇرىسا ، ئىشلار ئاشكارلىنىدۇ .ساقچىلار دىلۇ تۇرغۇزۇپ تەرەپ – تەرەپكە قاترىشىدۇ،گۇمانلىق دەپ قارالغانلاردىن ئايرىم – ئايرىم گەپ ئالىدۇ ،دەلىللەيدۇ ...››

    مامۇت كۆپ ئويلىنىشتىن كېيىن ،پۇللارنى مۇۋاپىق بىر يەرگە يۇشۇرۇشنى لايىق تاپتى .ئۇيان ئويلاپ - بۇيان ئويلاپ، ياتاقنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كونا باغنى خىيالىدىن كەچكۈزدى . غول قىسمىدا كىچىك بالا پاتقۇدەك كامار شەكىللەنگەن قېرى سۆگەت دەرىخى  كۆز ئالدىغا كەلگىنىدە ،چىرايىغا كۈلكە تەپتى .

    توغرا ! پۇللارنى شۇ يەرگە يۇشۇرسىا بىخەتەرلىك ئىشكابىغا سېلىپ قويغاندەك ئىش بولمامدۇ . غازان – غۇسسىدىن باشقا ھېچنىمە يوق بۇ باققا كىممۇ ئاياق باسسۇن .ئاياق باستى دېگەندىمۇ،يېقىنلاپ بېرىشقا قانداقمۇ پېتىنالىسۇن دەيسىز .ھەئە،كىىشىلەر ‹‹ جىن سۆگىتى ›› دەپ نام ئالغان بۇ قېرى سۈگەتكە يېقىن يولىماق تۈگۈل ،نەچچە يۈز مىتىر ئارلىقتىن تىكىلىپ قاراشقىمۇ پېتىنالمايتتى . ھەممە ئادەم بۇ سۆگەتكە جىن بار ،دەپ يېقىنلىشىشتىن قورقاتتى ، ھەتتا ،بۇ سۆگەت ھەققىدە بىرەر يېرىم ئېغىز گەپ – سۆزنى تىلغىمۇ ئالمايتتى...

     

    7

     

    كىچىككىنە ناھىيە بازىرىدىكى چوڭ – كىچىك ئىشلار ناھايتتى تېزلا تارقىلاتتى .شور باغ يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسى غەزىنىسىگە ئوغرى چۈشكەنلىك ئىشى  باشقا كونا - يېڭى خەۋەرلەرگە ئوخشاشلا ناھايتتى تېز تارقىلىپ ، ھەممە يەرگە پۇر كەتكەن بولۇپ ،كاسىرنىڭ ساقچىخانىغا ئېلىپ كىلىنىپ سوراققا تارتىلغانلىقى ، يەنە كىملەرنىڭدۇر گۇمان بىلەن چاقىرتىلغانلىقى ، مائارىپ ئىشخانىسى مۇدىرىنىڭ بولسا ۋەقە بىر تەرەپ بولغۇچە خىزمىتىدىن توختۇتۇپ قۇيۇلغانلىقى ، يىپ ئۇچىنىڭ چىقىش ئېھتماللىقى ...دېگەندەك ياخشى – يامان سۆزلەر ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرمەكتە ئىدى .جۈملىدىن، بۇ خەۋەر ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنىنىڭ ئەتىسىلا باغئېرىق مەركىزى مەكتىپىگىمۇ يىتىپ ئۈلگۈرگەن بولۇپ ،قادىر قايسىبىر نائەھلىنىڭ مۇشۇنداق بولمىغۇر ئىشنى قىلغىنىغا قاتتىق نەپرەتلىنىپ،بولمىش ئىشنىڭ سەۋەپكارى ، جىنايەتكار ئوغۇرنىڭ تېزراق قولغا چۈشىشىنى تىلىگەن ، لەنەتلەر ياغدۇرۇپمۇ ئۈلگۈرگەنىدى .ئەمما ، بۇ ئىش تۈپەيلى ئۆز كۆڭلىنىڭ ئازار يىيىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ،تۇيۇقسىز يىتىپ كەلگەن بۇ زەربىدىن خۇددىنى يۇقۇتۇپ قويغىلى تاسلا قالغانىدى .ھەئە ، ئۇ كۈنى قادىر دەرستىن چۈشۈپ ئىشخانا كارىدۇرىغا ئەمدىلا ئاياق بېسىشى ،ئىشخانە ئىچىدە كىملەرنىڭدۇر ئوغۇرلۇق ئەنزىسى ئۈستىدە پاراڭغا چۈشكەنلىكى قۇلىقىغا كىرىپ قالدى :

    ــ ئەنزە پاش بولمىغۇچە مۇئاش تارقاتمىغۇدەك .

    ــ مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىدىم .

    ــ قانچىلىك پۇل بولغۇيتتى ھە ؟

    ــ ئەللىك مىڭچە ئوخشايدۇ .

    ــ شۇنچە كۆپ پۇلنى ئىشخانىغا قويغان بولغۇيمىتى .

    ــ ئەتىسىلا تارقىتىۋېتىمىز ، دەپ بانكىدىن نەق پۇل ئەپچىققان چېغى .

    ...

    ــ مىنىڭ بىرسىدىن گۇمانىم بار .

    ــ كىمدىن گۇمانىڭ بار ، ئاسىيە .

    ــ قادىردىن گۇمانلىنىمەن .

    ــ قادىردىن ؟! قانداقسىگە ئەمدى ؟

    قادىرنىڭ غەزىپى تاشقىن بولدى .ئىشخانىغا ئۈسۈپ كىرىپلا تازا ببىر قەپەز دىيىشمەك ، ھېساب ئالماق بولدىيۇ ، يەنە ئۆزىنى زورىغا بېسىپ گەپنىڭ ئاخىرىغا قۇلاق قاقتى .

    ــ شورباغ مائارىپ ئىشخانىسىغا ئوغرى چۈشكەن كۈنى كەچتە قادىر ناھىيە بازىرىغا بېرىپتىكەن . ئەتىسى بىر كۈن يۇقاپ كەتتى ،سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەم ساقچىلار ئۇنى سوراق قىپتۇدەك .

    ــ بۇ گەپنى سەن نەدىن بىلدىڭ ؟

    ــ ئەكرەم شۇنداق دېدى .ئۇنىڭ ئېيتىشىچە : ساقچىلار شۇ كۈنى سىرتتىن كەلگەنلەردىن گۇمانلىق دەپ قارالغان نۇرغۇن كىشىلەرنى سوراق قىپتۇدەك . سوراق قىلىنغانلار  قاتارىدا قادىرمۇ باركەن .

    ــ بۇنداق گەپنى ئالدىراپ سۆزلىمىگۈلۈك ، ھۆددىسىدىن چىقمىقىڭ تەس بولۇپ قالمىسۇن يەنە .

    ــ ۋوي ، مەن يە قادىرنى ئوغۇرلۇق قىپتۇ دېمىسەم . ئاڭلىغاننى دېدىم شۇ .

    ــ رائىلە ئۇقسا چېچىڭنى يۇڭداپ سالمىسۇن يەنە .

    ــ نەدىكى گەپنى دەيدىكەنسەن . رائىلە بىلەن قادىر ئادا – جۇدا بۇلۇشتى .

    ...

    ــ ۋوي ! سوغاقتا ئىشخانىغا كىرمەي سىرتتا تۇرۇپسىزغۇ ؟

    مېھراينىڭ ئاۋازى بىلەن ئىشخانىدىكىلەر جىمىپ قېلىشتى .قادىر ئۈندىمىدى .ئىشخانىغا كىرىپ كەلگىنىدە ئاسىمە ، نۇرگۈل ۋە سانىيەلەرنىڭ ئۆزىگە يەر تېگدىن قارىشىپ ئولتۇرغان تۇرقىنى كۆردى .بىرنېمە دېمەك بولدىيۇ ،يەنە  ئۆزىنى زورىغا باستى . شۇنداق ، شۇتاپ قادىرنىڭ ئاسىمەگە ئۆزىنىڭ ناھىيە بازىرىغا بىر دوستىنىڭ توي ئىشى بىلەن كىرىپ، بىر كېچە قۇنۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقۇسى ،ھېلىتىن دېگەنلىرىگە ئوبدان بىر رەدىيە بەرگۈسى كەلدىيۇ ، يەنە ‹‹ ئوسۇرۇپ قويدۇڭ دەپ كىشى بىلەن ئازارلاشقان بارمۇ ؟! قوڭ ئۆزىنىڭ ، زىمىن تەڭرىنىڭ بولغىنىدەك ، ئېغىز ئۆزىنىڭ بولغاندىكىن سۆزلىسە سۆزلىمەمدۇ .ئاچچىق ئۈرۈككە ئېغىز توشىماپتۇ ،دەيدۇ كونىلار .ئىتلار قاۋايدۇ ، كارۋانلار يولدا ،دەپتىكەن  ۋاقتى – سائىتى كەلگەندە ھەممە ئىش ئايدىڭ بولىدۇ ›› دېگەنلەرنى ئويلاپ دېمەكچى بولغانلىرىنى ئىچىگە يۇتقانىدى .شۇنداقتىمۇ يۈرەكلىرى ئېچىشىپ ، ئىچ – ئىچىدىن ئاچچىق ئىزتىراپ چەكتى...

     دۇنيادا ئېتى – سورىقى بولمايدىغان ئىش يوق .ھەممە كىشى قىلغان ،ئەتكەنلىرى بىلەن ھامان باشقىلار ئالدىدا جاۋاپكار بولىدۇ ، قىلمىشلىرىغا تۇشلۇق نام ئاتاققا ، يەنى، ياخشى – يامانغا ئىگە بولىدۇ .ياخشى نامغا ئىگە بولىدىكەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ ،ئىش – ئىزلىرى تارىخ بېتىگە يېزىلىدۇ ،ئۆزى ئۈلۈپ كەتسىمۇ ، نامى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ .ئەكسىچە بولغىنىدا، خەلىقنىڭ لەننىتىگە ئۇچۇرايدۇ ،نام – نىشانسىز ھالدا مەڭگۈلۈككە يوقۇلىدۇ .شۇنداق ، بىرقىسىم كىشىلەر ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىم مىنۇتلىرىدا نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ، خەلىقنىڭ ھېمايىسىگە ، ياخشى كۈرىشىگە مۇيەسسەر بولسىمۇ ،بىر قېتىملىق سەۋەنلىكى بەدىلىگە ھەممە ئىشىنى يوققا چىقىرىپ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشىدۇ ، لەنەتكۈرگە ئايلىنىدۇ . شۇڭا ، ئادەم ھەر ۋاقىت ئۆز ھۇشيارلىقىنى يوقاتماسلىقى ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ ،ئوڭۇشسىزلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كىلىشى ، ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشى ،باشقىلارغا قارا سانىماسلىقى ، مال – دۇنيا ،نام – ئاتاققا بېرىلمەسلىكى ، سەمىمىيەت بىلەن ئىش كۆرۈپ قولىدىن كەلگەنلىكى ياخشىلىقلارنى باشقىلاردىن ئايىماسلىقى كېرەك .ئايانكى ، خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ياخشى نىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ خۇي – پەيلى ئوبدان بولۇپ ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى ، پەيتكە قاراپ ئىش كۆرۈشنى بىلىدۇ ،ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا خۇددىنى يوقاتمايدۇ ، تەمكىنلىك بىلەن ئىش كۆرىدۇ ،ئاقىۋەت مەغلۇبىيەت ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ ،ئىرىشمەكچى بولغانلىرىغا نائىل بولىدۇ .قادىر دەل شۇلار جۈملىسىدىن بولۇپ ، ئۆز بېشىغا كەلگەن خورلۇق ۋە ئەپقاچتىلارغا ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمىدى .ئۆزىنى تاشلىۋەتمىدى . ھەقىقەت نۇرىنىڭ ھامان رەزىللىك ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىدى . ئۆز ئىشىغا پىشىق بولۇپ ، ھەربىر قەدەمنى پۇختا باستى .پىتنە – پاساتلار ئۇنىڭ دىلىگە ئازار بولۇپ ،غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغىيالىسىمۇ ، مەنىۋىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن ئادىمىيلىك خىسلىتىگە نوقسان يەتكۈزەلمىدى .ئاسىمەگە ئوخشاش گەپنىڭ ئۇچىنى ئاڭلىۋالسىلا ، جاھاننىڭ ئوڭ – تەتۈرىدىن ئېغىز ئاچىدىغان شۈك ئېغىزلار قانچە كۆپەيگەنسېرى ،ئۇنىڭدىكى غەيرەت – شىجائەت شۇنچە ئېشىپ باردى ، زىممىسىدىكى ئىشلارنى جان پىدالىق بىلەن ئورۇندىدى ، سەمىمىيىتى بىلەن باشقىلار قەلبىدىكى ياخشى ئوبرازىنى ياراتتى . كۈتكىنى ئاخىرى رىياللىققا ئايلاندى ...

    ئارىدىن ئىككى كۈن ئۈتۈپ ،گۇماندار دەپ قارالغان سىيتاخۇن كېپەك ئىسىملىك بىرسى يېزىلىق ساخچىخانىدا سوراققا تارتىلدى .

    ــ مەن ئۇ كۈنى بازاردا بوتكىمۇ – بوتكا قوغلۇشۇپ يۈرۈپ ھاراق ئىچكەنىتىم ،ــ دەپ گەپ باشلىدى سىيتاخۇن ،ــ بىر ۋاقىتتا كۆزۈمنى ئاچسام ئورمانلىقتا يېتىپتىمەن .ئورنۇمدىن مىڭبىر تەسلىكتە تۇرۇپ ، چىراق يۇرىغان تەرەپنى نىشان قىلىپ ماڭدىم .ئەسلىدە چىراق يۇرىغىنى دوختۇرخانىنىڭ بالنىس ياتىقى ئىكەن . ئارقامغا يېنىپ چوڭ يولغا چىقتىم .ھەممە يەر قاپقاراڭغۇ ھەم تىمتاس بولۇپ ، بازارنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى ساۋۇت لەڭپۇڭنىڭ ئۆيىدە غۇۋا چىراق يۇرۇقى كۆرۈندى . ساۋۇت لەڭپۇڭنىڭ ئۆيىنى نىشان قىلىپ ماڭدىم .بىر بېسىپ ،ئىككى بېسىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاز قالغاندا بىرنەرسىگە پۇتلۇشۇپ كەتتىم . قارىىسام بىردانە سومكا .سومكىنى ئاچتىمدە قول سېلىپ كۆرىۋىدىم، قۇلۇمغا باغلام – باغلام پۇل ئورۇندى .ھەر نېمە بولسا خۇدانىڭ بەرگىنى ،دەپ سومكىنى قولتۇقۇمغا تىقتىمدە، ئۆيگە كەتمەك بولۇپ ماڭدىم ،ــ گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە سىيتاخۇن كېپەكنىڭ بېشى يەرگە چۈشۈپ كەتتى ،تۇيۇقسىز زۇۋانىدىن قالغان كىشىدەك ئاۋازىنى ئىچىگە يۇتۇپ ،يانچۇقلىرىنى سىلاشتۇرغىنىچە ئىككى يانغا توختىماي تەۋرىنەتتى .

    ــ ھە گەپنىڭ ئاخىرىنى دېمەمسەن .

    ــ ئا...ئا ... ئاخىرى تازا ئىسىمدە يوق . بىر ۋاقىتتا ئورمانلىققا سىيگىلى كىرگىنىم ئىسىمدە ،يەنە بىر ۋاقىتتا ئورنۇمدىن تۇرسام ئالدىمدا بىرسى  پەيدا بولدى .جىن كۆردۈممۇ نېمە ، دەپ قورقۇپ كەتتىم .نىمىگىدۇر بىرنەرسىگە پۇتلۇشۇپ يېقىلىپ چۈشكىنىمنى بىلىمەن ،ئەتىسى قوپسام ئورمانلىقتا يېتىپتىمەن ،ــ سىيتاخۇن كېپەك ساقچىخانا باشلىقىغا يەر تېگىدىن قارىغىنىچە پىشانىسىدىكى تېڭىقنى سىلاپ قۇيدى .

    ــ ئۇنداقتا سومكا قېنى ؟

    ــ بىل ...بىل ... مەيمەن .

    ــ نېمە ؟! شۇنچە كۆپ پۇلنى تېپىۋېلىپ يەنە يۈتتۈرۈپ قويدۇڭما ؟

    ــ مەن دېدىمغۇ ،ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرغاندا كۈن ئاغامچا بۇيى ئۆرلەپ ، يوللاردا كىشىلەر ئالدىراش مېڭىشىپتىكەن ، نومۇستىن ئۆزەمنى قۇيىدىغانغا يەر تاپالماي تام ياقىلاپ ،باغ ئارىلاپ دېگەندەك ئۆيگە يىتىپ بېرىۋالدىم .نەچچە سائەتتىن كېيىن ،ھېلىقى بىر سومكا پۇل ئېسىمگە كەچتى .ئۆيگە قانداق بارغان بولسام ،يەنە شۇ يول بىلەن ئورمانلىققا كەلدىم .ئورمانلىق ئىچى پاك – پاكىز تازلانغان بولۇپ ، ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى .ئىچ – ئىچىىمدىن ئاچچىق بولدۇم ...

    ــ تولا كېپەك تاسقىماي مەسىلىنىڭ ئۆزىگە جاۋاب بەر ،ــ ساقچىخانا باشلىقى سىيتاخۇننىڭ سورىغانلىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان سۆزلەرنى قىلغىنىدىن خاپا بولۇپ شۇنداق دېۋىدى ، سىيتاخۇن نارازلىقىنى بىلدۈردى :

    ــ سوجاڭ ئەپەندى ئۆزلىرى گەپ سورايدىكەنلا ، جاۋاب قايتۇرسا تىللايدىكەنلىيا .مەن نېمە گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن  بۇنچە قىلىپ كەتكىلى .

    ــ تۇلا گەپ يورغۇلاتماي ، سومكىنى تاپشۇر .

    ــ سومكا ، سومكا يوقاپ كەتتى دېدىمغۇ .

    ــ تۇلا خۇپسەنلىك قىلما ؟

    ــ بىرنەرسە تېپىۋالدىم دېگەنمۇ گۇناھمۇ ؟

    ــ مەسىلە سەن ئويلىغاندەك ئاددى ئەمەس ،ــ ساقچىخانا باشلىقى ئۇيان – بۇيان ماڭاتتى ،ــ  شۇ كۈنى كېچىدە ئوغۇرلۇق ئەنزىسى يۈز بەردى .

    ــ ئوغۇرلۇق ئەنزىسى ،ــ سىيتاخۇن ئورنىدىن چاچراپ تۇردى ،ــ ئو ...ئوغۇرلۇق ئەنزىسى يۈز بەردىما ؟

    سىيتاخۇننىڭ ئۆيى شورباغ يېزىسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى كەڭ ساينىڭ بەش – ئالتە كىلومىتىرچە ئىچكىرسىدىكى موھاپىزەت ئورمانلىقىغا جايلاشقان بولۇپ ،بۇنىڭدىن ئۈچ يىل مۇقەددەم يېزا رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىھاتتە ئورمانلىقىنىڭ بىر تەرىپىگە قوتان سېلىپ ، بورداقچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى .ئارزۇلۇق يالغۇز قىزى شەھەردە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۆيىدە ئايالى بىلەن ئۆزىدىن باشقا ئادەم بولمىغاچ ، يەنە كىلىپ نەچچە كۈندىنياقى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىچىلگەن ھاراقنىڭ كاساپىتىدىن بىتاپ بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاچ سىرتلارغا چىقمىغان ، ئىدى .ئايالىمۇ ئۇنىڭ ھالىغا قاراش بىلەن مەھەللە كويلارغا ئۆتمىگەندى ، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ئىشلاردىن پەقەتلا خەۋىرى يوق ئىدى . ئەتىگەندە ساقچىخانىدىكىلەر ئۆيىگە يىتىپ كەلگەندىمۇ مەھەللەكويلاردا نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى تازا ئاڭقىرالمىغان ، پەقەت ، ساقچىلار ئكزىنىڭ ئۈلۈشكۈن بازاردا خېلى كېچىگىچە ھاراق ئىچكەنلىكىنى يۇرۇتقاندىلا ئىشنىڭ جەرياننى تىلغا ئېلىپ ، شۇ كۈنى كېچىدە بىر سومكا پۇل تېپىۋالغانلىقى ، لېكىن يەنە يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتقان ،مانا شۇ ۋەجىلىك ساقچىخانىدا سوراققا ئولتۇرغانىدى ، ــ كىمنىڭ ئۆيىگە ئوغرى چۈشۈپتۇ ؟

    ــ مائارىپ ئىشخانىسىغا .

    ــ مائارىپ ئىش ...خا ... نىسىغا ؟ــ سىيتاخۇن سوغاقتا قالغان كىشىدەك تىترەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى .

    ــ ھەئە ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىگە تارقىتىدىغان ئايلىق پۇل يۈتۈپتۇ ، بىر سومكا پۇلنى ئوغرى ئاپتۇ ،ــ ساقچىخانا باشلىقى سىيتاخۇن كېپەككە تېخىمۇ قادىلىپ تۇرۇپ داۋام ئەتتى ،ــ سىنىڭ تېپىۋالغىنىڭ دەل مائارىپ ئىشخانىسىدىن يۈتكەن پۇل بولسا كېرەك .

    ــ بۇ مۇمكىنمۇ ؟ ئوغرى قانداقسىگە پۇلنى يول بويىغا تاشلاپ قويىدۇ ؟! مەن تېپىۋالغىنى باشقىلارنىڭ پۇلى . بىرەر مەسنىڭ بولىشى مۇمكىن ، شۇنداق بولسا كېرەك ...

    سىيتاخۇن ئاران توللۇقسىز مەلۇماتىغا ئىگە بولغىنى بىلەن ، گەپ – سۆزدە قاۋۇل ئىدى . كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن  بۇ كىشىنىڭ ئوقىغانلىرى كۆپ بولغاچ،  تىل قىسىقچىلىقى تارتمايتتى ،نەدە گەپ بولسا شۇ يەردە بار ،ئاغزى بىرلا ئېچىلسا  توختىمىغى تەس  ئىدى ، گەپ دېگەننى زىر – زىۋەرسىگىچە ئىزىۋېتىدۇ ،دېگۈچىلىكى بار بولغاچ كىشىلەر ئۇنىڭ شۇ مىجەزىگە ئاساسەن، ئۇنىڭغا ‹‹ كېپەك ›› دېگەن لەقەمنى سىڭدۈرۈپ قويغانىدى .مانا ھازىرقى مۇشۇ دەقىقىدىمۇ ئۇ ،توختىماي سۆزلەيتتى ، ئۆزىنى ئاقلاشقا ــ بۇ ئىش بىلەن ھېچقانداق بىر مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇناتتى ... شۇ ئەسنادا، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا، تۈن نېسپىدە ئۇچرىغان‹‹ كۆلەڭگە›› قايتا زاھىر بولدى .ناھايتتى تۇنۇش كىشى .سىيتاخۇن كۆز ئالدىدا نامايەن بولغانلىرى ئۈستىدە ئېغىز ئاچماق بولدىيۇ ، يەنە ،ئاۋارچىلىقتا قېلىشتىن قورقۇپ زۇۋان سۈرمىدى .

    ــ يەنە قانداق مەسىلىلەر بار ئوبدانراق ئويلۇنۇپ باق،ــ ساقچىخانا باشلىقى رام تەرەپ جۇزىدا ئولتۇرغان پۈتۈكچى ساقچىغا بۇرۇلۇپ ،ــ سىز خاتىرە قالدۇرۇپ تۇرۇڭ ، مەن سىرتقا چىقىپلا كىرەي ،ــ دېدى – دە ئىشخانىدىن ئايرىلدى .كارىدورغا چىقىشى ئالاقزادە بولۇپ تۇرغان يار ئېلىنى كۆرۈپ زورىغا كۈلۈپ قويدى ۋە تىنىچ ئامانلىق سوراپ ،ــ يار مۇئەللىم بۇ ياقلارغا قەدىمىڭىز يىتىپ قاپتىغۇ ،ــ دېدى .

    ــ ھى..ھى ...ھىھ ...ــ ساقچىخانىغا خېلى بالدۇرلا كەلگەن بولسىمۇ، شورباغ مائارىپ ئىشخانىسىدا يۈتكەن پۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەرنىڭ سېھرى كارامىتىدىن قۇلاقنى دىڭ تۇتقىنىچە ئىشىك تۈۋىدە گەپ تىڭشاپ تۇرغان يار ئېلى ،ساقچىخانا باشلىقىنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتى ، چىرايىغا دەرھال كۈلكە ئېلىپ ،ــ شۇنداق ،مۇھىم بىر ئىش بىلەن كىلىشىم ئىدى ،ــ دېدى .

    ــ قانداق ئىش ئىدى ؟

    ــ ھەدەمنىڭ ئوغلىنىڭ نوپۇسىنى شەھەرگە يۆتكىگىلى بۇلارمۇ ، دەپ كېلىشىم ئىدى .

    ــ شەھەردە ئوقۇتماقچى بولغانمىدىڭلار ؟

    ــ شۇنداق .

    ــ خېلى بالدۇر كەلگەنمۇ قانداق ؟

    ــ ھەئە ، يېرىم سائەتچە بولدى .

    ــ كەلگىنىڭىزگىمۇ خېلى بىر ۋاق بوپتۇ ، سىرتتا تۇرغىچە ئىچكىرى ئۆتسىڭىز بولماسمىدى .

    ــ قارىسام بەك ئالدىراشتەك شۇڭا ،ھى ...ھى ...ھى ...

    يارئېلى ساقچىخانىدىكى ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپلا مەكتەپكە چاپتى . ئاڭلىغانلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي سۆزلىگىلى تۇردى :

    ــ سىتاخۇن كېپەك بىر سومكا پۇل تېپىۋاپتۇ ، قارىغاندا شورباغ مائارىپ ئىشخانىسىدا يۈتكەن پۇل شۇ بولسا كېرەك ،بىراق، سىيتاخۇن كېپەك پۇلنى يەنە يۈتتۈرۈپ قويدۇم دەپ تۇرۇۋاپتۇ .

    بۇ خەۋەر مامۇتنىڭ قولىقىغا يەتكىنىدە ،ئۇ ، بىرئاز جىددىيلىشىپ قالدى . يارئېلىدىن ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى چوڭقۇرلاپ سوراشقا كىرىشتى :

    ــ نەدىن تېپىۋاپتۇ ؟

    ــ ئورمانلىق دەمدۇ ياكى باغدىنمۇ ، ھېچقىلىپ بىر يەردىن تېپىۋاپتۇ .

    ــ قانچىلىك  پۇلكەن ؟

    ــ پۇلنى تېخى تاپالمىغان ئوخشايدۇ .

    ــ ئوغرى قولغا چۈشۈپ مالنى تاپشۇرماپتىما ؟

    ــ تېپىۋالغان سومكىنى يەنە يۈتتۈرۈپ قويۇپتۇ .

    ــ يۆتتۈرۈپ قويۇپتۇ ؟!

    ــ شۇنداق ، سىيتاخۇن كېپەك پۇل سېلىنغان بىر سومكىنى تېپىۋالغانلىقىنى ،ئەمما ، يەنە يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىنى ، كىملەرنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئېيتىپ تۇرۇۋاپتۇ .

    ــ مەستمىكەنتۇق ؟

    ــ خۇددىنى بىلمىگىچە ئىچكەن چېغى ، كېچىچە ئورمان باققان ئوخشايدۇ ...

    دەرس قوڭغۇرىقىنىڭ زىل ئاۋازى سۆھبەتنى ئۈزۈپ قويدى. ھەممەيلەن ئالمان – تالمان بولۇشۇپ سىنىپلارغا چېپىشتى .

     مامۇتنىڭ ئۆزى سىنىپتا بولسىمۇ ،خىيالى باشقا جايدا ، قېرى سۈگەتتە ئىدى . پۇلنىڭ ئۆزى يۇشۇرۇپ قويغان ئورۇندا بار – يوقلىقى ھەققىدىكى ئەنسىز خىياللىرى بىلەن كۆڭلى دەككە – دۈككىگە چۈشكەن بولۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەۋغا ، پاراڭلىرىمۇ قۇلىقىغا كىرمەيتتى .

    ‹‹پۇل جايىدا بارمىدۇ ؟...يار ئېلىنىڭ گىپىدىن قارىغاندا پۇل جايىدا ،قېرى سۈگەتنىڭ كامىرىدا ...ئىلاھىم شۇنداق بولغۇيتتى ، مىڭبىر جاپادا قولغا كىرگەن ئولجا باشقىلارنىڭ نىسىۋىسىگە قېتىلىپ كەتمىگىدى ... ››

    ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرسمۇ ئاخىرلاشتى .مامۇت ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ،كۈننىڭ بالدۇرراق پېتىشىنى كۈتۈپ ،مەكتەپ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردى . تۇتام – تۇتام پۇللارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىنىدە يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى ،ھازىرقى ئېلىۋاتقان مۇئاشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 30 يىلدىمۇ تاپالمايدىغان شۇنچە كۆپ پۇلنىڭ، بىر كېچىدىلا قولغا كىلىپ قالغانلىقىدىن دىلى سۈيۈندى . ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئېشىپ ، غەيرىتى تاشقىن بولدى .ئۇ ، بۇ پۇللار بىلەن ئۈن سىن شىركىتىنىڭ قەرزىنى قايتۇرالايدۇ ، بولىشىغا خەجلەپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىيدۇ ،ئۆزىگە چوڭچىلىق قىلغان ،ئۆزىنى پايسىندۇرغانلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرالايدۇ ...

    قورسىقىنىڭ كورۇلداپ ئىچىگە تارتىشىدىىن ئۆزىگە كەلگەن مامۇت ، تاغ باغرىغا پېتىش ئالدىدىكى قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرىغا ئىرەنسىزلىك بىلەن قاراپ قويغاندىن كېيىن ،ئاشخانا تامان يول ئالدى .

    تار توپا يولنىڭ ئىككى تەرىپى ئاسمان پەلەك ئۇچ تارتقان سەگە تىرەكلەر بولۇپ ، بەش – ئالتە قۇردىن تىكىلگەن قۇيۇق ئورمانلىقنىڭ ئۇ تەرىپى يول بىلەن پارالىل قىلىپ سېلىنغان دوكان – سارايلار ئىدى . يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رەت – رەت سېلىنغان ئاشۇ دۇكانلار بىلەن قايناق كۆرۈنىدىغان يېزا بازىرى بۈگۈن باشقىچە جانلىنىپ كەتكەن بولۇپ ، سەيپوڭخانا ، ساتراچخانا ، ناۋايخانا ، قاۋاق ، كاللا – پاچچاق ، زاسۈيخانا ، لەڭپۇڭ ، گازىر يايمىلىرى ۋە دوغاپ ، ئاشخانىلارغىچە ھەممە يەر دېگۈدەك يۇرۇپ كەتكەنىدى .

    مامۇت يول ياقىسىدىكى ‹‹ ئەشكەن لەغمەن ›› خانىغا ئەمدىلا ئاياق بېسىشى ، خوجايىن توۋلىدى :

    ــ ھە ، شوجاڭغا چاي كەلتۈرۈڭلار ،ــ ئاشخانا خوجايىنى مامۇتنىڭ ئالدىغا كۈلۈپ كەلدى ،ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مۇئەللىم ،مۇشۇ كۈنلەردە كەمدىدار بولۇپ قالدىلا ، ئىشلىرى سەل ئالدىراشمۇ قانداق ؟

    ــ شۇنداق ، شۇنداق ، يۇقۇردىن تەكشۈرۈش كېلىدۇ ، دەپ ئالدىراش قېلىۋەتتى دېسىلە .يوقۇردىن تەكشۈرگىلى كېلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ ، بىزمۇ تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتۇق : بالىلارنىڭ دەپتەر – قەلەم ، كېيىم – كېچەك ، قول ، پۇت، بويۇنلىرىدىن تارتىپ ئولتۇرۇپ – قوپۇشلىرىغىچە تەكشۈرىمىز ، يەنە تېخى كىتاپ – ماتىريال ،تاپشۇرۇق دەپتەر ،قەلەم ، ئوچۇرگۈچلىرىگىچە ھەممىنى تەكشۈرۈپ  بار – يوقىنى ئېنىقلايمىز ،ئائىلىمۇ ئائىلە قاتراپ سۆھبەت قىلىپ ، ئىزىپ ئىچۈرىمىز ...

    ــ يائاللا ، يائاللا ،ئەپەندى خەقسە گەپ دېگەننى يىپقا مارجان تىزغاندەك تىزىۋىتىدۇ جۇما .

    ــ ھاھ ...ھاھ ...ھاھ ،ــ ھەر ئىككىيلەن قاتتىق كۈلۈپ كىتىۋىدى ، ئاشخانىدىكى خېرىدارلارمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ كۈلدى .

    ــ ۋوي ! يار ئېلى مۇئەللىم كەلمەپتىغۇ ؟ ــ خوجايىن كۈلكىدىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ شۇنداق دەپ سورىۋىدى ، مامۇت چايدىن بىر يۇتۇم ئوتلىغاندىن كېيىن ، ئالدىرماي ئېغىز ئاچتى :

    ــ ئازراق ئىشىم بىلەن دەرستىن چۈشۈپلا سىرتقا چىقتىم ، ئىشنى تۈگۈتۈپ ئۇدۇللا بۇ يەرگە كېلىشىم . راست ! ياتاقتا بار بولغۇيمىتى ئۇ ئاداش .

    ــ ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ، دېگەن شۇ دە .

    مامۇت شۇ كۈنى تۈرلۈك خىياللار بىلەن ئېغىر ياتقىغىچە كۆز يۇممىدى .كارۋاتقا تاشلانغىنىچە دېرىزە ئەينىكىگە قادالدى .قارشىسىدىكى ياتاقتىن چۈشىۋاتقان چىراق يۇرۇقى بىر خىل رېتىمدا تەكرار لىپىلداشتىن كېيىن ئۈچىۋىدى  دېلى قاراڭغۇلۇققا تىقىلغاندەك بولۇپ قالدى .يار ئېلىنىڭ نەچچە كۈندىنياقى يىغىلمىغان رەتسىز ئۇرۇنىغا نەزىرىنى ئاغدۇرىۋىدى يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى . ھەئە ، شۇتاپ ئۇ، يار ئېلى ياتاققا قايتمىغان مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،پۇلنى ياتاققا ئەپكىرىۋېلىشنى ، ئوبدان جايلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن ، ئەتە سەھەردە رەھبەرلەردىن سوراپ ئۈرۈمچىگە يولغا چىقىشنى ، قەرزلىرىنى تۆلەپ، ئاشقان پۇللارنى ئۈرۈمچىدە بانكىغا ئامانەت قويۇپ ، كېيىن پۇرسەت بولغاندا، ئاندىن، ئاغدۇرۇپ ئىشلىتىشنى خىيال قىلغانىدى .ئۇ، شۇنداق بىر نىيەت بىلەن ئورنىدىن تۇرماق بولدىيۇ ، نېمە سەۋەپتىندۇر ۋۇجۇدىنى قورقۇنۇچ بېسىپ ، يۈرەكلىرى رەتسىز سۇقۇپ كەتتى ...

    مامۇت ئاستا قەدەملەر بىلەن باققا ئۆتتى . ئۇ، قېرى سۆگەتنى نىشانلاپ بىر قەدەم ، بىر قەدەمدىن ئىلگىرلەيتتى ، ھەر بىر چامدىشىدا ئاياق تاپانلىرىدا يەنچىلىشتىن ئەلەم چىكىۋاتقاندەك ئاۋاز چىقىرىۋاتقان غازاڭلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدىن ئۆزىنى خېلى ئۇزاققىچە تىڭشاپ تۇراتتى . نەچچە ئون مىتىر ئارلىق ، نەچچە ئون كىلومىتىردەك يىراق بىلىنگەنىدى . سۆگەت كامىرىدىن سومكىنى ئالغىنىدا يۈرەك رېتىمى تېخىمۇ تىزلىشىپ ،ئاغزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك نەپسى بۇغۇلدى . يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ياتاققا قايتىپ كىردى – دە ، ئىشىكنى مەھكەم يېپىپ ، دەم سالدى .پۇللارنى چامىدانغا ئورۇنلاشتۇرىۋاتاتتى، ئىشىك قاتتىق چىكىلدى ،ئارقىدىنلا، يارئېلىنىڭ غاراڭ – غۇرۇڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :

    ــ ئىشىكنى ئاچە ۋە ...

    ــ مانا ھازىر ، ــ مامۇت چامىداننىڭ ئاغزىنى ياپتىدە ، ئالدىراپ – تىنەپ كىيىملىرىنى سالدى ، ئۇيقۇلۇقتىن ئەمدىلا ئويغانغان كىشىدەك ، ئەسنىگىنىچە ئىشىكنى ئاچتى ۋە دەرھال يوتقانغا كىرىۋالدى .

    ــ نېمە ،خۇتۇنكىشىدەك ئىشىككە دەم سېلىپ ياتتىڭ ئادىچوي ، سىنى بىرسى ئوغۇرلاپ كىتەمتى يە ،ــ يار ئېلى خېلىلا تەڭشىلىپ قالغان بولۇپ ، ئۇياقتىن – بۇياققا توختىماي ماڭايتتى ،ــ مۇشۇ كۈنلەردە سىنى تاپماقمۇ تەس بولۇپ كەتتى مامۇت ، ياسىن بانكا چاقىرىپتىكەن ، ئىشتىن چۈشۈپلا نەگە غايىپ بولدۇڭكىنتاڭ ، خېلى ساقلاپمۇ قاراڭنى كۆرمىدۇم .

    مامۇت غەرق ئۇيقۇغا كەتكەن كىشىدەك جىممىدە ياتاتتى . يار ئېلى ئۆز – ئۆزىگە سۆزلەپ تىرىكتى بولغاي ،  مامۇتنى بىلەكتىن تۇتۇپ تارتتى :

    ــ قۇپە ئاداش ، ساڭا دەيدىغان گەپ بار .

    ــ ئوھۇش ،ھەرقانچە مۇھىم گىپىڭ بولسىمۇ ئەتە تاڭ يۇرىغاندا دىمەمسەن ،ــ مامۇت يار ئېلىنىڭ قۇلىنى بىرلا قايرىپ بوشىتىۋىدى ،يار ئېلى ئارقىغا داجىغىنىچە ئىككى كارۋاتنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشتۇرۇپ قۇيۇلغان جوزىغا زەرب بىلەن سۇقۇلدى .

    ‹‹ گۈلدۇراس ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ جوزا ئۈستىدىكى چامىدانلار يەرگە ئۆرۈلۈپ ، نەرسە – كېرەكلەر چېچىلدى . ھېلىتىن مامۇت پۇل جايلاشتۇرغان چاققانغىنە چامىدان يار ئېلىنىڭ ئۈستىگە تۈكۈلگەنىدى .مامۇت كارۋات بېشىغا چىگىپ قويغان توك چىراق يىپىنى شۇنداقلا تارتىشى، يار ئېلى توۋلاپ سالدى :

    ــ پۇل ! ئەجەپ جېق بۇلغۇ بۇ ؟!

    مامۇت نېمە قىلاىنى بىلمەي داڭ قاتتى ...

     

                             

     

    مامۇتنىڭ شىرىن چۈشلىرى بەربات بولدى . ساقچىخانىدا سوراق قىلىنغىنىدا ، ھەممە ئىشلىرىنى بىر – بىرلەپ ئوتتۇرغا قويدى . ئايان بولدىكى ،مامۇتنىڭ بۇ خىل قانۇنسىز ھەركىتى تۇنجى قېتىملىق ئەمەس ئىدى .ئۇ، ئىلگىرى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندىمۇ ساۋاقداشلىرىنىڭ دەپتەر ، قەلەم ،كىتاب – ماتىريال ، پۇل – پىچەكلىرىنى ئېلىۋالغان ،ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىمۇ ھەم شۇنداق بولۇپ ،ئەكرەمنىڭ ساندۇقىدىكى پۇلنىمۇ شۇ ئالغانىدى .

    ئەنزە ئەھۋالى يېزىلىق ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا يەتكۈزۈلدى . يېزا باشلىقى مامۇتنىڭ ئاتىسى بىلەن ئوبدان تۇنۇشاتتى ، شۇڭا ساقچىخانىدىكىلەرگە مامۇتنىڭ ئاتىسىنى چاقىرتىشنى بۇيرىدى .

    ــ نېمەڭدىن – نېمەڭ يىتىشمەي شۇنداق قىلغانسەن ھە ! ــ ئوغلىنىڭ قىلمىشىدىن قاتتىق نومۇس قىلغان ئاتا ،ئۆزىنى قۇيارغا يەر تاپالماي قالغانىدى،ـــ مەن ساڭا ،ئۆمرۈڭدە بىر تۇخا ئېلىپ – سېتىپ باقمىغان ئادەم تىجارەت قىلساڭ زىيان تارتىسەن ، دېگەننى نەچچە رەت دېدىم .دېگەنلىرىم بۇ قۇلاقتىن كىرىپ ،ئۇ قۇلاقتىن چىقىپ كەتتى . ئەمدىلىكتە قىلغان ئىشىڭنى قارا ...

    مامۇت كۆزىنى مۆلدۈرلەتكىنىچە لام – جىم دېمەي تۇراتتى . ئاتا خېلى كۆپ كايىشتىن كېيىن ئۆزىنى مىڭتەستە بېسىۋالدى ، چوڭقۇر ئۇھ تارتتى .

    ‹‹ ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە ،غىزلەت قىلغان ، ئۇرۇپ – تىللاپ ، تەنبىھ بەرگەننىڭ نېمە پايدىسى .ئۇنىڭ بۇنداق تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىدا مىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم باردە.ناۋادا كىچىگىدىن كۆپ نەسىھەتلەر بىلەن ئوبدان باشقۇرۇلۇپ كەلگەن بولسا ، بۇ ئىشلارمۇ يۈز بەرمەيتتى ...››

     ئاتا ئوغلىنى كىچىگىدىن ئەركە ئۈگۈتۈپ قويغانلىقىدىن ، ئۇنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى ۋاقتى – ۋاقتىدا كۈزۈتۈپ تۇرمىغانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈندى ، كۆز يېشى قىلدى . ساقچىخانا باشلىقى ۋە يېزا مەسئۇللىرىغا قايتا – قايتا يېلىنىپ ، ئوغلىنى خەلق رىجىمى ئاستىدا تەربىيەلەشكە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئۈتۈندى ...

    يېزا ۋە ساقچىخانىدىكىلەر، شۇنداقلا، يېزا مائارىپ ئىشخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ ئورتاق كۈچىشى بىلەن مامۇتنى خەلق رېجىمى ئاستىدا تەربىيەلەشكە تاپشۇرۇپ بېرىش ئىشى ئوڭغا تارتتى .شۇنداق، كېسەلنىڭ ساقايغۇسى كەلسە تىۋىپ ئۆزى كەپتۇ ، دېگەندەك مامۇتنىڭ ئىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە قاتتىق مۇنازىرە بولىۋاتقان شۇ دەقىقىدە، ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سىياسى كومۇسارى نۇر تىيىپ جىددىي بىر ئىش بىلەن ساقچىخانىغا يىتىپ كەلگەن بولۇپ ،مامۇتنىڭ ئىشىنى بىر يولىدىلا ھەل قىلغانىدى .

    ــ ئون مىڭ يۈەن كېپىللىك پۇلى تاپشۇرغاندىن سىرت، مەزكۇرنىڭ ئاتىسى ۋە مائارىپ ئىشخانە مەسئۇلى كېپىللىك يېزىپ بەرسۇن ، قالدى ئىشلارنى ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بىرياقلىق قىلايلى ،ــ دېدى سىياسىي كومىسار ساقچىخانا باشلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇش ، تەلەپلىرىنى تەپسىلى ئاڭلاپ چىققاندىن كېيىن ...

    دىلو پاش بولۇپ ،مامۇت كېپىللىككە قۇيۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ ،ئەمما ،سىيتاخۇن كېپەكنىڭ تېپىۋالغان بىر سومكا پۇلى توغۇرلۇق ھېچقانداق يىپ ئۇچى بولمىغاچ ،مەسىلە يەنىلا چىگىش ئىدى .پۇل يوقاتقان ياكى تېپىۋالغان بېرەرمۇ ئادەم ساقچىخانىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلمىغاچقا،سىيتاخۇن كېپەك ئىزچىل سوراق قىلىنىۋاتاتتى :

    ــ بىر سومكا پۇلنى تېپىۋالغىنىڭ راستمۇ – يالغان ؟

    ــ راست دېسەڭلار راست ــ يالغان دېسەڭلار يالغان ،ــ سېيتاخۇن كېپەك ساقچىخانا باشلىقىغا سوس ھېجايغىنىچە ،شۇنداق دەپ جاۋاب بېرىۋىدى ، ساقچىخانا باشلىقى غەزەپتىن ۋاقىرىدى:

    ــ نېمە دېگىنىڭ بۇ ،مەن سەندىن سوراۋاتقاندىكىن سەن جاۋاب بەرمەمسەن ؟

    ــ تېپىۋالمىدىم دېيىشكە تىلىم كۈيىدۇ ،تېپىۋالدىم دېسەم قۇلۇمدا سومكا يوق .

    ــ ئۇنداقتا مەسىلە ئايدىڭ بولغۇچە ساقچىخانىدىن ئايرىلما .

    سىيتاخۇن كېپەك شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ساقچىخانىنىڭ كۈزەتچىلىك ئۈيىدە يېتىپ – قۇپۇپ يۈردى .پائالىيەت دائىرسى ساقچىخانا بىلەن چەكلەندى . شۇ تەرىقىدە ئارىدىن ئىككى كۈن ئۈتۈپ ، كۈن چۈشتىن قايرىلغان چاغدا ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالاقىچىسى بىر دانە قارا سومكىنى كۆتەرگىنىچە ساقچىخانىغا كىرىپ كەلدى :

    ــ ئايالىم يېزىنىڭ تازلىقىنى قىلاتتى .بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇ، ئورمانلىقنى تازىلاۋېتىپ بۇ سومكىنى ئۇچۇرتۇپ قاپتۇ ، قارىسا تالۇن تۇرغۇدەك ، كىمگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى بىلەلمەي ئۆيگە قايتۇرۇپ كىرىپتىكەن ،نەچچە كۈندىنياقى سىرتلاردا يۈرۈپ سومكىنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە ۋاقىت بولمىدى . ھېلىتىن يېزا باشلىقىدىن، سىيتاخۇننىڭ بىر سومكا تېپىۋېلىپ  يەنە يۈتتۈرۈپ قويغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ  شۇئان بۇيەرگە قاراپ چاپتىم .

    سومكىدا لىپمۇ – لىق تالۇن ئىدى .بىر سومكا پۇلنىڭ تالۇنغا ئالمىشىپ قالغانلىقى ساقچىلارنىڭ گۇمانىنى ھەسسىلەپ ئاشۇراتتى .ئىشنىڭ تېگى – ماھىيىتىنى تېزراق ئېنىقلاپ چىقىش ئىشتىكىنى ئۇلغايتقانىدى .ئۇلار ،بۇ ئىشنى ، باشقىلار تەرىپىدىن تېپىۋېلىنغان بىر دانە قارا سومكىنىڭ ساقچىخانىغا تاپشۇرۇلغانلىقى ، مال ئىگىسىنىڭ ساقچىخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ سومكىنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋېلىشىنى رادىئۇ ئارقىلىق پۈتۈن يېزىغا ئۇقتۇرغان ئىدى، سومكا يوقاتقان كەنت بۇغالتىرىمۇ تېپىلدى . مال ئىگىسىگە قايتۇرۇلۇپ ، سىيتاخۇنمۇ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلدى .

    ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ،بىز سىيتاخۇندىن خاتىرجەم بولغان شۇ دەقىقىلەردە ،شورباغ يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىدا يۈز بەرگەن ئوغۇرلۇق ئەنزىسىمۇ پاش بولۇپ،مامۇتنىڭ ئەپتى بەشىرسى ئېچىلىش بىلەن بىرگە يەنە ،قادىرىنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرغانلىقىمۇ ئايدىڭ بولدى .ئەمدىكى گەپ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھايات مۇساپىسىدىكى رەڭگا –رەڭ تۇرمۇش كارتىنلىرىدا .ئۇلار يەنە قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ  ؟ ئۆز بەختىنى تاپالامدۇ- يوق ؟... نەزىرىمىز كېيىنكى مەزمۇنلاردا بولسۇن .

     

    8

     

    تېخى قىش كىرمەستىنلا ھاۋا تۇتۇلۇپ ، جۇدۇن باشلاندى .كېچىچە ياققان قار قۇياش نۇرىدا ئىرىگەن بولۇپ ،ئاسفالىت يول بۆلەكلىرىگە يىغىلغان قار ئېرىندىلىرى سۇ كۆلچەكلىرىنى ھاسىل قىلغان بولسا ، تۇپا يەرلەر پاتقاققا ئايلانغانىدى .تېمپۇراتۇرا ئادەتتىكىدىن سەل سوغاق بولسىمۇ ، كوچىلاردا ئادەم كۆپ ئىدى .ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۈتۈشۈپ تۇرغان ماشىنلارنىڭ كۈچلۈك سىگناللىرى ، كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ شەھەر شاۋقۇنىغا يېڭى كۈچ قۇشقان ئىدى .

    بۇ ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىنكى، كەچ كۈزنىڭ بىر كۈنى چىڭقى چۈش مەزگىلى ئىدى . قادىر چۈشلۈك تاماقنى ئالدىراپ يەپلا ئىشخانىسىغا يىتىپ كەلدى .كېيىنكى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلماقچى بولغان يىغىن ماتىرياللىرىنى ئەسلى ئارگىنالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئولتۇراتتى، يانفۇنى سايرىدى .

    قارشى تەرەپ قادىرنىڭ ساۋاقدىشى ئەكرەم ئىدى .قادىر نەچچە يىللاردىن بېرى ئانچە قۇيۇق ئارىلاشمىغان ، پەقەت ،يىل ئارىلاپ بىرەر - يېرىم قېتىم توي – تۆكۈن ،نەزىر – چىراق  سورۇنلىرىدا ئاندا – ساندا ئۇچۇرۇشۇپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ئاي – يىللاپ تېلفۇنلاشمايدىغان ،ئەمما، ئاسان ئەستىن چىقىرىش مۇمكىن بولمايدىغان بۇ ساۋاقدىشىنىڭ ،بۇنداق جىددىي بىر پەيتتە تېلفۇن ئۇرغانلىقىدىن بەكلا ھەيران قالغانىدى .ئۇ ،ئەمدىلا سۆز ئالماق بولۇپ تۈرىۋىدى ، ئەكرەم داۋام ئەتتى :

    ــ ساۋاقدىشىمىز تۇردى قازا قىپتۇ ،ــ نامىزىغا بىرگە بېرىپ كىلەرمىزمىكىن، دەپ تېلفۇن ئالغان ئىدىم .

    قادىرنىڭ ئىچى ئاچچىققا تولدى ، ئۆزىنى سەل بېسىۋېلىپ ئېغىز ئاچتى :

    ــ قاچان قازا قىپتۇ ؟

    ــ ئەتىگەندە تېلفۇن نومۇرۇڭنى دەماللىققا تاپالمىغاچ ، ساڭا ۋاقتىدا خەۋەر قىلشقا ئامالسىز قالدۇق .

    ــ بۈگۈن ئەتىگەندىما ؟

    ــ شۇنداق ، سەھەردە .

    ــ كېسەلمىدى .
        ــ يۈرەكنىڭ دەردى بولسا كېرەك ، تەرەپپالا جان ئۈزۈپتۇ .

    ــ ياتقان يېرى جەنئەت بولسۇن ئىلاھىم . قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىلەر ؟

    ــ ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرسەك ، نامازنى پىشىنگە ئۈلگۈرتۈپ ئەپچىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى .ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك خەۋەر قىلدۇق . ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىدىكى مەيدانغا  يىغىلىپ ،شۇ يەردىن يولغا چىقىدىغان بولدۇق .

    ــ ئوبدان  بوپتۇ ، مەن ھازىرلا يىتىپ باراي ...ــ قادىر ئىشخانىدىن ئەمدىلا چىقىپ تۇرۇشى، يانفۇنى يەنە سايرىدى .

    ــ ...مىنى تۇنىيالىدىڭمۇ ؟ــ دېدى قارشى تەرەپ .

    ــ خاتالاشمىسام ئەزىمەتقۇ دەيمەن .

    ــ توغرا ، ئۇنتۇلۇپ قالماپسەن ھە !

    ــ قانداقمۇ ئۇنتۇلۇپ قالاي .

    ــ تۇردىنىڭ ئىشىدىن خەۋەر تاپتىڭ ھەقاچان ؟

    ــ شۇنداق ، بايىلا خەۋەر تاپتىم .

    ــ نامىزىغا بىرگە بېرىپ كىلەمتۇق .

    ــ بولىدۇ ،مەنمۇ شۇ ئىش بىلەن ئىشخانىدىن چىقىپ تۇرغان ئىدىم .

    ــ ئۇنداقتا مىنى ئىدارەڭنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇر ،سېنى ئالغىلى باراي .

    ــ بولىدۇ...

    قادىر ئەكرەمگە تېلفۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەزىمەت بىلەن بىرگە ماڭماقچى بولغانلىقىنى ،قالغانلارنىڭ ئۆزىنى ساقلىماي مېڭىۋېرىشىنى ، نامازدا كۆرۈشۈشنى ئۇقتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ،ئەزىمەتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇاتتى قۇيۇندەك يىتىپ كەلگەن كۈمۈشرەڭ پىكاپ قادىرنىڭ يېنىدا چىپپىدە توختىدى . ماشىنىدا ئەزىمەت ئولتۇراتتى.قادىر ماشىنىغا چىقىپلا داڭ قاتتى .ئايگۈزەلنىڭ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇشى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان  بولۇپ ، شۇ تاپ ئۇ، ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيۋاتقاندەك قىلاتتى .

    ــ سىزمۇ باركەنسىزدە ؟

    قادىرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەن ئايگۈزەل ، دەرھاللا :

    ــ قانداق ، مەن بولسام بولمامتى ، ئەجەپمۇ يولۇقۇپ قالدىم دېمەكچىمۇسىز؟ ــ دېدى .

    ئايگۈزەلنىڭ قاشلىرىنى ئويناتقىنىچە ، پەردازلاپ ئېيتقان بۇ سۆزى قادىرنىڭ كۆڭۈل باغلىرىغا ئۈسۈپ كىرىپ ، ئون نەچچە يىل ئەۋەلقى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى ئويغاتقانىدى . قادىر ئايگۈزەلگە يېنىش – يېنىشلاپ قارىدى .ئاپئاق ئايدەك يۇمىلاق ،خۇشپىچىم چىراي ،بەئەينى ئون نەچچە يىل ئەۋەلقىدەكلا نۇرلۇق ھەم نوقسانسىز ئىدى .ئۇنىڭ قىلىقلىرىمۇ شۇ پېتى بۇلۇپ ،يۈزىنىڭ ئازراق ئەت ئالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قىلچە ئۆزگەرمىگەنىدى . قادىر ئايگۈزەلگە شۇنداقلا بىر ئۆرۈلۈپ قارىدىيۇ ، يەنە دەرھال ئالدىغا قارىۋالدى .ھېلىتىن ۋۇجۇدىنى ئىسكەنجىگە ئالغان شىرىن بىر سىزىم ئۇنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغان بولسا ،ھېلىتىن ۋۇجۇدىنى ئەسىر قىلغان سىزىمنىڭ دەقىقە ئىچىدە چاقماقتەك تېزلا غايىپ بولىشى قادىرنى شۇنداق قىلىشقا ئۈندىگەنىدى . شۇ دەقىقە قادىرنىڭ بەدىنلىرى توك تەپكەندەك سىزىملەشكەنىدى .

    ــ نۇرغۇن يىللار بوپتۇ ، بىر – بىرسىمىزنى يىراقتىن كۆرگەن بولساقمۇ ، بۈگۈنكىدەك يېقىن ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ باقماپتىمىز .

    ــ بۇنى بىر دەيسىز ،ــ ئايگۈزەل چوڭقۇر بىرنى تىندى ،ــ ئوغۇل بالا بولغان ئادەم قېچىپ يۈرسە ، قوغلاپ يۈرۈپ كۆرۈشۈشنىڭ ئورنى بولمايدىكەن ، شۇڭا ... ــ ئايگۈزەل سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئىچىگە يۇتقانىدى ،ئەزىمەت سۆز ئالدى :

    ــ قانداق ، كونا خامانغا ئۆت كەتمىگەندۇ ھە؟

    ــ نېمە دەيدىغانسىز ئەزىمەت ، ئۇ دېگەن ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ، ــ ئايگۈزەل سەل تىرىككەندەك بولۇپ شۇنداق دېدى ،ــ بالىلىقتىكى ئىشلار دەڭا .

    ــ شۇنداقتىمۇ دەيمىنا .

    ــ ئۇنداق گەپ يوق ، بىز دېگەن ھازىر ئوي ئۇچاقلىق ، بالا چاقىلىق بولغان ئادەم ..

    ــ شۇنداقمۇ قادىر ،ــ ئەزىمەت كۆزىنى يېرىم يۇمغىنىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان قادىرىنى دۆشكەللەپ سورىدى ،ــ شۇنداقمۇ دەيمەن ؟

    ــ ياق ،ئۇنداق ئەمەس .

    ....

    ئەزىمەت ماشىنا ھەيدەش  بىلەن ، ئايگۈزەل تېلفۇندا كىملەر بىلەندۇر سۆزلۈشۈش  بىلەن ئالدىراش، قادىر بولسا ئۆز خىيالى بىلەن بەنت ئىدى .

    قادىر خىيال قېلىۋىتىپ رائىلە بىلەن تويلۇشۇش ئالدىدىكى ، بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ئىشنى ئەسكە ئالدى .

     

     ياز ئايلىرىنىڭ بىرىدە قادىر رائىلە بىلەن تويلاشتى . قادىر تويلۇق ئېلىنىپ بۇلۇنغان كۈنى باغاق باستۇرۇش ئۈچۈن ۋېلىسپىت بىلەن رەستىگە كېتىۋاتاتتى ، پىيادىلەر يولىدا بىر قىزنىڭ قول ئىشارىسى قىلغاچ ئۇنى توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى :

    ــ قادىر سىزگە دەيدىغان مۇھىم ئىش بار ئىدى .

    قادىر ئۇ قىزنىڭ ساۋاقدىشى ئاسىمە ئىكەنلىكىنى تۇنىدى ۋە ئاسىمەگە  يېقىنلاپ كەلگەندىن كېيىن :

    ــ نېمە جىددىي ئىش ئىدى ،ــ دەپ سورىدى .

    ــ نەگە ماڭدىڭىز ؟

    ــ باغاق باستۇرغىلى .

    ــ نېمە باغاق ئۇ ؟

    ــ توي باغىقى بولمامدۇ .

    ــ كىمنىڭ ؟

    ــ ئەلۋەتتە ئۆزەمنىڭدە.

    ــ غىپپىدە قىلىۋالاي دەپسىزدە ،ــ ئاسىمە چاقچاققا ياڭزاپ شۇنداق دېدى ۋە ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كېيىن ، داۋاملاشتۇردى ،ــ ئايگۈزەل بىلەن كۆرۈشۈپ باقتىڭىزمۇ ؟

    ــ قانداق دەيسىز ؟

    ــ ئۇ سىزنى مەن بىلەن بىر كۆرۈشۈپ كەتسۇن ، دەيدىغان مۇھىم گەپ بار ئىدى دېگەن .

    ــ ئىككىمىز كۈرۈشمىگىلىمۇ ئۈچ يىلچە بولۇپ قالغان تۇرسا ،نېمە جىددىي گەپ بولسۇن ؟!

    ــ بىلمىدىم . شۇنداقتىمۇ بىر كۆرۈشۈپ باقارسىز ...

    ‹‹ مۇشۇنداق جىددىي بىر پەيتتە ئۇنىڭ ماڭا دەيدىغان يەنە قانداق گېپى بار بولغۇيتتى .ھەدەمنىڭ ئىشىمىدۇ يە . ياق ، بۇ ئىش توغۇرلۇق ئۇنىڭ ئېغىز ئېچىشى مۇمكىن ئەمەس .قادىر ھەدىسىنىڭ ئايگۈزەلنىڭ نەۋرە ئاكىسى بىلەن تويلۇشۇپ يەنە يېنىشقانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ شۇنداق ئويلىغان -يۇ ، يەنە بۇ ئىشلارغا ئايگۈزەلنىڭ ئارىلىشىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەنىدىن كېيىن ، ئويلىغانلىرىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلغانىدى .زادى نېمە ئىش بولغۇيتتى .... ››

     قادىرنىڭ خىيالى چىگىش ئىدى .شۇنداقتىمۇ ئۇ ئايگۈزەلنىڭكىگە بىر بېرىپ بېقىشنى تايىن تاپتى .

      قادىر ئايگۈزەلنىڭ ئۆيىگە يىتىپ بارغىنىدا ئايگۈزەل كۆرۈنمەيتتى .ئۇنىڭ ئالدىغا ئايگۈزەلنىڭ ھەدىسى چىقتى . ئۇنى ئۇنمىغىنىغا قويماي مېھمانخانىغا باشلاپ كىردى .داستىرخان سېلىپ، چاي قويدى ،يىمىشلەردىن كەلتۈردى  .

    قادىر ئايگۈزەلنىڭ ھەدىسى بىلەن ئىلگىرىتىن تۇنۇشاتتى .ئۇلار ئۆز پاراڭلىرى بىلەن خېلى بىرمەھەل ساقلىغان بولسىمۇ ئايگۈزەلدىن سادا بولمىدى . قادىر كۆزى قىيمىغاندەك بىر ھالەتتە ئويدىن قايتىپ چىققانىدى ...

     

    قادىرنىڭ كۆڭۈل ئەستىلىكىدە ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئايگۈزەل ماڭا نېمە دېمەكچى بولغۇيتتى ؟ دېگەنلەر ئىدى .مۇشۇ دەقىقىدە ئۇ ئايگۈزەلدىن شۇ ئىشنى سورىماق بولدىيۇ ، يەنە ، ئۈتۈپ كەتكەن ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىشنى لايىق كۆرمىگەچ  ،گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى :

     ــ ھە ! ئۆزىڭىزنى نەدىن سورايمىز ؟

    ــ ئۇقۇپ تۇرۇپ ئادەم كولدۇرلىتىۋاتامسىز نېمە ؟

    ــ راستنلا بىلمەيمەدىكەنمەن .

    ــ كېيىن بىلىپ قالىسىز .

    ــ شۇنداقمۇ ؟

    ئايگۈزەل گەپنىڭ تېمىسىنى قادىرغا يۆتكىدى :

     ــ ھە راست بالىڭىز قانچە ؟

    ــ  ئىككى . چوڭى ئوغۇل ، تۇلۇقسىز ئوتتۇردا ، كىچىكى قىز،  باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ .

    ــ سىزنىڭچۇ ؟

    ــ بىر .

    ــ تولۇقسىزدا ئوقۇمدا ؟

    ــ شۇنداق ...

    قادىر ئايگۈزەلنىڭ ئەكرەم بىلەن توي قىلىپ ، ئىككى يىلچە ۋاقىتتىن كېيىن ئاجىرشىپ كەتكىنىدىن خەۋەردار بولغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىدىن بىخەۋەر ئىدى . كۆڭلىدە ئايگۈزەلنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ سورىماقنى كۆڭۈل ئەستىلىكىگە پۈككەن بولسىمۇ ،ئەمما ، ئايگۈزەلنىڭ خىيالغا پاتقان ئويچان كۆزلىرىگە قاراپ نىيىتىدىن ياندى .چۈنكى ،ئايگۈزەلنىڭ رەت – رەت قورۇقلارغا ئىز قالدۇرۋاتقان كۆز جىيەكلىرىدىكى سىرغىشقا ئاران تۇرغان ياش تامچىلىرى ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى جەبرى – جاپا ، كۈلپەت – نادامەتلىرى ،خورلۇقلىرىنى ...ھەممىنى ئاشكارلاپ تۇراتتى .

    ــ سىز شەھەرگە قاچان يۆتكۈلۈپ كەلدىڭىز ،ــ ئايگۈزەل ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ يەنە سۆز ئالدى  .

    ــ ئۈچ يىل بولدى ،ــ دەپ جاۋاب بەردى قادىر .

    ــ ئايالىڭىزمۇ يۆتكىلىپ كەلدىغۇ دەيمەن ؟

    ــ شۇنداق ، ھەر ئىككىلىمىز بىرلا ۋاقىتتا يۆتكۈلۈپ كەلگەن .

    ــ تۇرمۇشۇڭلار ياخشىدۇ ؟
    ــ شۇنداق ، ئۆزئارا ئىناق ھەم ئىجىل ،خىزمىتىمىز ئوبدان ، تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم ...

    ئۈچ ساۋاقداش ئۇزاقتىن – ئۇزاق پاراڭغا چۈشىشتى ،پاراڭ ئارلىقىدا قادىر مامۇتنى تىلغا ئېلىۋىدى ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەل شۈكلەپ كەتتى .

    ــ نېمە ، مامۇتنىڭ گېپىنى قىلسام شۈكلەپ كەتتىڭلىغۇ ؟

    ــ مامۇت ئۈلۈپ كەتكىلى بەش يىل بولۇپ قالدى ،ــ ئايگۈزەل شۇنداق دېۋىدى ،ئەزىمەت سوز قاتتى :

    ــ ياققەي ئۈچ يىلچە بولدى .

    ــ توۋا بىر دەڭلا ،ــ قادىر ھەيرانلىق بىلەن شۇنداق دېۋىدى ،ئەزىمەت ئەپسۇسلانغان بىر ئاھاڭدا  :

    ــ ۋوي سىنىڭ تېخى مامۇتنىڭ ئۆلۈم ئىشىدىن خەۋىرىڭ يوقما ؟ــ دەپ سورىدى .

    ــ سىرتتا يۈرۈپ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بولسۇنمۇ ،ــ ئايگۈزەلنىڭ سۆزلىرى كىنايىلىك ئىدى  ،ــ ئەمەلدار بولۇپ كەتكەندە ئۇششاق ئىشلارغا ئارلاشقۇدەك ۋاقتى نېمە قىلسۇن.

    ــ نەچچە يىل باشقا ناھىيىدە ئىشلىگەچكە ، نۇرغۇن ئىشلاردىن بىجەۋەر  ئىكەنمەن .بۇ ئىشتىن راستىنلا خەۋەرسىز ئىكەنمەن .مامۇت زادى نېمە سەۋەپتىن ئۈلۈپ كەتتى .

    مامۇتنىڭ سىرلىق ئۈلۈمى ،خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن سىرتقى ناھىيلەردە يۈرۈپ مەزكۇر شەھەردىكى نۇرغۇن ئىشلاردىن بىخەۋەر قالغان قادىرغا راستىنلا قاراڭغۇ ئىدى. ئەزىمەت  مامۇتنىڭ ئايالى گۈلئايىم ۋە ئاخىرقى دەقىقىلەردە مامۇتقا ھەمراھ بولغانلاردىن ئاڭلىغانلىرى بويىچە مامۇت ھەققىدىكى ھېكايىسىنى ئۆز تىلى بويىچە بايان قىلىشقا كىرىشتى :

     

    مامۇت خەلق رېجىمىغا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن ،ــ دەپ سۆزىنى باشلىدى ئەزىمەت ،ــ  مەكتەپنىڭ ئارقا سەپ ئىشلىرى زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ ، ئۈچ يىللىق تەربىيەلىنىش مۇددىتىنى ئىككى يىلدا تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ،ئاتىسى يول مېڭىپ يۈرۈپ ئۇنى شەھەرگە قاراشلىق بىر يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىگە يۆتكىتۈپ قۇيىدۇ . ئۇ يېڭى ئىش ئورنىدا كەسپى جەھەتتىكى تالانتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ، خىزمەتداشلىرىدا ناھايتتى ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ ، شۇ مەكتەپتە ئىشلەيدىغان گۈلئايىم ئىسىملىك بىر قىز توي قىلىپ ، بالىلىق بولىدۇ ،ــ ئەزىمەت دەقىقىلىق سۈكۈتتىن كېيىن داۋام قىلدى ،ــ  تۇرمۇشى ناھايتتى كۆڭۈللۈك ئۈتىىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۈتۈلمىگەن بىر ئىز يۈز بېرىدۇ .ساۋاقدېشى ئاسىمەنىڭ تويى بولغان كۈنى ،ئۇ ئايالىنى ئېلىپ تويغا قاتنىشىدۇ،ــ ئەزىمەت قادىرغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قۇيىۋىدى ،قادىر قىزىرىپ كەتتى . چۈنكى ، قادىر سىرتقى ناھىيلەردە ئىشلىگەن مۇشۇ بىرقانچە يىل ئىچىدە ئاسىمە ئەمەس ، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىنىڭ توي – تۆكۈن ۋە چايلىرىغا ، چوڭ – كىچىك يىغىلىشلىرىغا قاتنىشالمىغانىدى .ئەزىمەت مىنرال سۇدىن بىر ئوتلام كۈتىرۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى ،ــ تويغا ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كەلگەن بولۇپ ، ئاسىمەنىڭ تەلىۋى ،قادىرنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا تويغا كەلگەن بارلىق ساۋاقداشلار توينىڭ كەچلىك ئولتۇرۇشىغا قاتنىشىشقا پۈتۈشكەن ئىدۇق. توينىڭ كەچلىك ئولتۇرۇشى داغدۇغىلۇق باشلاندى. مامۇت ، مەن ،ئەكرەملەر بىر جوزىدا ئولتۇردۇق. ئەكرەم ساقى بولدى .نېمە سەۋەپتىندۇر ئەكرەمنىڭ جىدىلى مامۇت بىلەن قالدى. دەسلەپتە مامۇتنىڭ ئۈتىنىشى بىلەن بىرقانچە رومكا ھاراق نۆۋىتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن ، سورۇن ياخشى كەيپىياتتا داۋاملاشقان بولسىمۇ ،كېيىن ئەكرەمنىڭ يولسىزلىقى تۈپەيلى ئۇلار ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ ، كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى .

    مامۇت خەلق رېجىمىغا  تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن ھاراق ئىچمىگەن ، يۈز – ئابرويىنى تۈكۈشكە سەۋەب بولغان بۇ نىجىس مەخلۇقاتقا يېقىن يولىماسلىققا قەسەم ئىچكەن بولۇپ ، سورۇن باشلانغان دەسلەپكى مىنۇتلاردا ئەكرەم ئۇنىڭ تەلەپلىرىگە كۆنگەنىدى ،ئەمما ،كېيىنچە ئەھۋالدا ئۆزگۈرۈش بولدى. كىم بىلسۇن ئەللىك نەچچە گىرادۇسلۇق ھاراقنىڭ ئوتتەك قىزىق تەپتىدىن تازا قىزىپ شىركەيىپ بولغان ئەكرەم ئۇنىڭغا لىپمۇ –لىق بىر پوكال ھاراقنى سۇنۇپ ئېغىز ئاچتى  :

    ــ قېنى ساۋاقدىشىمىزنىڭ قۇتلۇق تويىنىڭ ھۆرمىتىگە بىر رومكا كۆتۈرۋەت .

    ــ مەن ئىچەلمەيمەن .

    ــ نېمىشقا ئەمدى ، قەسەم ئىچكەنمىدىڭ يە .

    ــ شۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ ،ــ مامۇت ئەكرەمنىڭ قولىنى چىرايلىق ياندۇرۇپ شۇنداق دېيىشى ،ئەكرەم ئاۋازى بولۇشىغا قۇيۇپ بېرىپ سۆزلەپ كەتتى  :

    ــ ھەي قۇتباش ئوغرى ،نېمىلا بولمىسۇن بىرگە ئوقىغان ساۋاقدىشىم ئىكەن، دەپ ھۆرمىتىڭنى قىلىپ ھاراق سۇنسام نېزىرقاپ كەتكىنىڭنى قارا .

    مامۇتنىڭ كۈچەپ ئۇرغان شاپلىقى ئەكرەمنىڭ قولىدىكى پوكالنى جوزا ئۈستىگىلا چۈشۈرگەن بولۇپ، سەيلەرگە تۈكۈلگەن ھاراق ئاستا – ئاستا سېڭىشمەكتە ، ئەكرەم بولسا ئورنىدىن چاچراپ تۇرغىنىچە باشقىلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي ھەپشەرىمەكتە ئىدى .جىدەل ئۇچىغا چىقتى . مامۇت بىلەن ئەكرەم گەرچە مۇشت – پەشۋا ئېتىشمىغان بولسىمۇ ، تىلغا ئالغۇسۇز گەپلەر بىلەن بىر – بىرسىگە ھاقارەت كەلتۈرىشەتتى .ئەتراپتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇلارنى بېسىقتۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولسا ، يەنە بەزىلىرى گۈلئايىمنى ئاڭلىسۇن دېگەندەك، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولۇشۇپ  ھەر خىل ، ھەرياڭزا ئۆسەك سۆزلەرنى قىلماقتا ئىدى :

    ــ قاراڭلار ئەپتىگە، قىلغۇلۇقنى قىلىپمۇ يەنە يوغان سۆزلىگىنىنى .

    ــ شۇ ئەمەسمۇ ، سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار دېگەن راستتە .

    ــ ئىزا تارتىشتىن تۈگۈل يەنە گېپىنىڭ چوڭلىغىنى قاراڭلار ...

    گۈلئايىم چىداپ بۇلالمىدى .ياشلانغان يۈزىنى ئالقاندىغىنىچە سىرتقا ئۆزىنى ئاتتى .

    ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ مامۇت ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەملىكى بۇزۇلدى .كۈنبۇيى ئۈزلمەيدىغان جەڭگى – جىدەل بۇ ئائىلىنى گويا دوۋزاققىلا ئوخشۇتۇپ قويغان بولۇپ ،مامۇتنىڭ ئۈيىگە پەقەتلا ئاياق باسقۇسى كەلمەيتتى .ئاياق باسقان تەقدىردىمۇ ئايالى بىلەن بىر ئېغىز ئېچىلىپ – يېيىلىپ پاراڭلاشمايتتى .ئۇ ئەمدى ئىچ – پۇشىقىنى ھاراقتىن ئالدىغان بولىۋالغانىدى .نەدە سورۇن بولسا شۇ يەردە ،پۇلى بولمىسا نېسىگە ئىچەتتى .ئازغىنە ئايلىق مۇئاش بۇزۇپ چېچىشىغا دال بولالىسۇنمۇ ؟ ئۇ ئاخىرى ئايالىنىڭ زىببۇ – زىننەتلىرىنى ساتتى ، باشقىلاردىن ھەرخىل سەۋەب بىلەن قەرز ئالدى .دەسلىۋىدە كاتتا سورۇن قۇراشتۇرۇپ ئىچكەن بولسا ،كېيىنچە قاۋاقلارغا كۈنۈككەنىدى .پۇلى بار چاغدا چىۋىن ئولاشقاندەك گۈررۈدە يىغىلىپ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇشقان ئەل -ئاغاينىلىرى ئەمدىلىكتە يېقىن يۇلاشمايتتى .

    بىر كۈنى مامۇت ئايالى بىلەن خېلى قاتتىق سۇقۇشۇپ قالدى . سۇقۇشۇشنىڭ سەۋەبى ناھايتتى ئاددى بولۇپ ،ئۇ كۈنى ئايالى ئانىسىنىڭ مۇئاشىنى ۋاكالىتەن ئالغان ،كەچ بوپ كەتكەچكە ئانىسىغا ئەتىسى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغانىدى . بىركۈن ئۈتۈپ ئەتىسى چۈشتە يانچۇقىنى ئاقتۇرغانىدى ، پۇل كۆرۈنمىدى .جىدەل باشلاندى ...

    ــ بۇ ئۆيدە باشقىلارنىڭ نەرسىنى ئالىدىغان يەنە كىم بار؟  ــ دەيتتى ئايال ئېرىنىڭ مەن ئالمىدىم  دېگەنلىرىگە جاۋابەن .

    ــ راستىنلا مەن ئالمىدىم ،خۇدا ھەققى مەن ئالمىدىم .

    ــ سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ ، سەن ئالمىساڭ جىن ئەپقاچتىما ؟! ئانامنىڭ ھەققىگە قول ئۇزارتقىچە ئۈلىۋالساڭ بولماسمىدى .

    ــ ...

    مامۇت شۇ چېققىنىچە چوڭ ئۆيگە باردى .ئانىسغا :‹‹ئوغلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ، دوختۇرغا ئاپىرىش ئۈچۈن ئازراق پۇل لازىم بولغانلىقى ›› نى ئېيتىپ مىڭ  يۈەن پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ، ئاۋات رەستىگە قاراپ يول ئالدى . ئۇ رەستىنىڭ قايناق كوچىسىغا جايلاشقان قاۋاققا كىرىپ كەلگىنىدە ئىلگىرى بىرگە ئولتۇرۇشقان بىرقانچە ھەققەمسايىتلار گويا ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇشقاندەك دەرقەم بولۇشقانىدى .

    ــ ۋوي ، مامۇتقۇ بۇ .

    ــ بۇرنىغا پۇرىغان گەپ .

    مامۇتنىڭ كۆڭلى ئارامىدا بولمىغاچ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى بىلەن ئانچە ھېساپلىشىپ ئولتۇرمىدى .يانچۇقىدىكى پۇلنى پوكەيگە پاققىدە قويدى – دە ،ئەتراپىدىكىلەرگە تەكشى قاراپ ، لىككىدە قاش ئېتىپ قويدى  .

    ــ ۋوي ، بۈگۈن باشقىچىغۇ ،ــ دېيىشتى مامۇتنىڭ ئەتراپىدىكىلەر .

    ــ يۈرىڭلا ئوبدانراق بىر يەرنى تېپىپ قانغىچە ئىچىشەيلى .

    ــ شۇنداق قىلايلى ، نى زامان  سەي – پەي بىلەن ئولتۇرۇشمىغىلى ...

    ئۇلار تاكىسىغا چۈشۈپ خېلى ئۇزاق يول يۈرگەندىن كېيىن ،شەھەرنىڭ چەت – چېتىدىكى خالتا كۇچىغا جايلاشقان ساماۋەرخانىغا يىتىپ كەلدى .

    ئىككى يۈز يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە بۇيرۇتۇلغان زاكۇسكا يوملاق ئۈستەلنى بىر ئالغان بولۇپ ، ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان لەرزان مۇزىكا بىلەن كىشىگە كاتتا بىر سورۇندىن بىشارەت بېرەتتى .

    ــ قېنى بۈگۈن يۈرەك چىلاشقۇچە ئىچەيلى ،ــ مامۇت سورۇننىڭ باشلىنىش سۆزىنى شۇنداق باشلىدى ،ــ ھېچكىمنىڭ ئىچمەسلىكىگە، يېرىم يولدا قېچىشىغا روخسەت يوق ، ھەممە چىقىم مەندىن .

    ھاراق جۈپ قەدەھتە توختىماي ئايلاندى. ئۇسۇل ،تانسلارغا دەسسەلدى، يومۇر ئېيتىلىپ ، ناخشىلار توۋلاندى ...

    تۈن  نىسپى .ئاپئاق لىباسقا ئورالغان كائىنات قاتتىق ئۇيقۇدا ئىدى .لىگەن چوڭلىقىدا كۈتۈرۈلگەن ئاينىڭ سۈتتەك نۇرى ئاستىدا ھەممە يەر كۈمۈشتەك پارقىرايتتى .ساماۋەرخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدىن ئايىقى ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان ناخشا ئاۋازى تەدرىجى پەسلەپ ،ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قالدى .ئايرىمخانىدا مامۇتتىن باشقا ئادەم قالمىغان بولۇپ ،ئۇ خوجايىننىڭ :‹‹ بەك ئېغىرلىشىپ قاپسەن ئۇكا ،بىزنىڭكىدە قۇنۇپ ئەتە سەھەردە قايتىپ كەت ›› دەپ تۇتقىنىغا ئۇنماي سىرتقا چىقتى .

    سوغاق ھاۋا ئادەمنىڭ يۈزىگە نەشتەردەك ئۇرۇلاتتى .يەرلەر مۇز تۇتقاچ ، تېيىلغاق بولۇپ ، مەس كىشى تۇرماق ساق ئادەممۇ سەللا دېققەت قىلمىسا يېقىلىپ چۈشەتتى .

    ــ دېققەت قىل ئۇكا .

    ــ خا...تىر ... جەم بۇلۇڭ ، يەنىغۇ ئۆيكەن باشقا بىر يەرلەر بولسىمۇ تېپىپ كې ... تە...لەيمەن .

    ــ شۇنداقتىمۇ ، يول بەك مۇز تۇتۇپ كېتىپتۇ .

    ــ مۇز ،ئەينەك تۇتقان بولسىمۇ چاتاق يوق دەيمەن ،ھاھ ...ھاھ ..ھاھ..

    مامۇتنىڭ كۈلكىسى يىراق – يىراقلارغا تاراپ  ، تۈن نىسبىدە ئەكىس سادا پەيدا قىلدى . خوجايىن خېلى بىر مەھەل قاراپ تۇرۇپ ،ئۇنىڭ قارىسى يۈتكەندىن كېيىنلا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .

    مامۇت گاھ تېيىلىپ ، گاھ مۈدۈرلۈپ ، دەلدەڭشىگىنىچە قەدەممۇ – قەدەم ئىلگىرلىمەكتە .ئاسمانپەلەك ئۇچ تارتقان ئىگىز ئىمارەتلەر گويا ئاپئاق چوققىلار ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان گىگانىت تاشلاردەك سان ساناقسىز بولۇپ ، تولىمۇ ھەيۋەتلىك ئىدى . ئەنە شۇ ئىگىز چوققىلار مامۇتنىڭ غەيرىتىگە – غەيرەت ، كۈچىگە – كۈچ قۇشاتتى .ئۇ ئاشۇ چوققىلارنى نىشان قىلىپ تەدرىجى ئىلگىرلىمەكتە ، ئىسىق ئائىلىسىدە خاتىرجەم ئۇخلاشقا تەققەزا بولماقتا ئىدى .شۇنداق ،مامۇت ئائىلىنىڭ نەقەدەر ئىللىقلىغىنى تۇنجى رەت ھېس قىلغانىدەك بولدى .ئۇ ھەربىر قەدىمىنى يۆتكىشىدە ئائىلىسى  ، ئايالى ۋە ئوغلى  كۆز ئالدىدا زاھىر بۇلۇپ پۈتكۈل ۋۇجۇدىدا ئائىلىسدىكىلەر ئۇنى چاقىرۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ سىزىملىشكەن  ھەم شۇنداق بىر سىزىم بىلەن ئوغلى ۋە ئايالىنىڭ ئىسمىنى تەكرار تىلغا ئالغانىدى :

    ــ مۇ...ساجان ئوغلۇم ، گۈل ...ئايىم ...ىم ،ــ مامۇتنىڭ قەدىمى بارغانسېرى تېزلەشمەكتە ئىدى، ــ مىنى كەچۈرۈڭ گۈلئايىم . مەن سىزگە كۆپ ئازارلارنى سالدىم ، ئالدىدىم ، خورلۇقتا قويدۇم ، نام – شەرىپىڭىزگە داغ يەتكۈزدۈم .

    نېمىدۇر بىرنەرسىنىڭ شىپىرلىغان ئاۋازى مامۇتنىڭ دىققىتىنى تارتتى ، دەرھاللا كەينىگە ئۆرىلىشى بېشىغا قاتتىق تەككەن زەربە بىلەن تىكمۇللاق چۈشتى .كەينى – كەينىدىن تەككەن زەربە ئۇنىڭ ئاغزى – بۇرنىنى قان قىلغان بولۇپ ،نەپسى بۇغۇلاتتى .ئۇ دەسلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ قېچىشقا كۈچەپ باقتى ، ئەمما ئۈنىمى بولمىدى ، بارا – بارا مىدىر – سىدىر قىلالمىدى .شۇنداق ، باش ، كۆكرەك ۋە قۇرساق قىسملىرىغا كۈچەپ ئۇرۇلغان زەربە ئۇنى ھۇشسىزلاندۇرۇپ نىمجان قىلغانىدى .ئەمدى ئۇ ھېچنىمىنى سەزمەيتتى ...

    مامۇت كۆزىنى ئاچقىنىدا ئۆزىنىڭ تۇغما ھالەتتە ئىكەنلىكىنى پەم ئەتتى .ئورنىدىن تۇرماق بولدىيۇ، ھەرقانچە قىلىپمۇ تۇرالمىدى . شۇ تاپ ئۇنىڭ روھى تىنىدىن چىقىپ كەتكەندەك قىلاتتى .ئۇ يەنە بىر مەرتەم ئايالى ،ئوغلى ۋە ئىسسىق ئائىلىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈدى، بار كۈچى بىلەن ئالغا قاراپ ئۆملىدى .ئاشۇ ئىللىق ماكانىغا يېتىۋېلىش ئىستىكى بىلەن ئاخىرقى تىنىقىغىچە كۈرەش قىلدى ،ئۆمىلىدى ، توۋلىدى . بىراق ئۇنىڭ ئاۋازى سىرتقا چىقمايتتى ، بىلەكلىرى جانسىز بولۇپ ،ئۆز تىنىنى سۆرەپ ماڭالمايتتى .ئەمدى ئۇنىڭ بەدەنلىرى تەدرىجى قېتىشقا باشلىدى ...

    سەھەر گۇگۇم . قارا قىشنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك دەھشەت سوغۇقى پۈتكۈل كائىناتقا قارا قولىنى سۇنغان بولۇپ ، ئاپئاق پوتلىلىرىنى ساڭگىلاتقان دەرەخلەر گويا كۆز ئالدىدىكى دەھشەتكە ماتەم تۇتىۋاتقاندەك تىپ – تىنىچ ھالەتتە ئىدى . بامدات نامىزىنىڭ غۇسلى تاھارىتى ئۈچۈن قورو سىرتىغا چىققان بوۋاي ،ئانچە يىراق بولمىغان تاش يولنىڭ قاق ئوتتۇرسىدا ياتقان قارا گەۋدىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى .بوۋاينىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولغىنى ، چىرايى پوتۈنلەي بۇزۇلغان ،ئانا تۇغۇلما ھالەتتىكى بىر كىشى ئىدى .بۇۋاي نېمە قىلارنى بىلەلمەي بىرمەھەل تىڭىرقاشتىن كېيىن، قورو ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەلدى- دە ، ئايالىنى توۋلىدى :

    ــ ئانىسى تېز بول ،ئادەم ئۆلدى .

    ئەر – ئايال بىڭگوردەك قاتقان مامۇتنى مىڭبىر تەسلىكتە كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كىردى ، يوتقان بىلەن قاتمۇ – قات بۈركەپ ، كاڭلىق ئۇچاققا زەپلەپ ئوت قالىدى . مەزكۇر ئۈچۈن نىجاتلىق تىلەشتتى ، بىچارىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىگە قاراپ كۆز يېشى قىلىشتى ...

    تاڭ ئاتتى . ئەھۋال كەنت كادىرلىرى ئارقىلىق ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىندى ...تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچۇراپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ، ھايات ۋاقتىدا ئېغىر ھاراق ئىچكەنلىكى ، زەخمىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ،ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشكە خېلى ھەركەت قىلغان بولسىمۇ ، مەقسىتىگە يىتەلمىگەنلىكى ...دېگەنلەر دەلىللەندى .بۇمۇ نەق مەيدان ۋە ئۆلگۈچىنىڭ شاڭ جىرائەتلىرى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە چىقىرىلغان ھۈكۈم ئىدى، ئەلۋەتتە .

    مامۇت كەتتى . بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈككە كەتتى .ئەمما ،ئۇنىڭ چىرايى بۇزۇلغان ،ئۆزىنىڭ كىملىكىگە ئىسپات بولالايدىغان ، كىېيىم – كېچەك ، ھەتتا يىڭنە چاغلىق يىپ ئۇچى قالمىغاچقا ،ئۇ كىم ؟ قەيەرلىك ؟ دېگەنلەر سۇئال پېتى قالدى .

    ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۈتۈپ كەتتى .گېزىت ۋە تېلۋۇزۇرلاردا قىرىق بەش ياشلار چاممىسىدىكى بىر كىشىنىڭ قاتىللىق دىلوسى بىلەن ئۈلگەنلىكى خەۋەر بېرىلگەن  بولسىمۇ ، بۇ شەھەردە ، يەنە كىلىپ شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر خالتا كۇچىدا ، ئانا تۇغما ھالەتتە ئۆلگەن بىر كىشىگە نىسبەتەن ھېچكىمنىڭ دېققەت ئېتىبارى قوزغالمىدى .ئەيتاۋۇر ،بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ، ئۆلگۈچىنىڭ چىرايى بۇزۇلغانلىقتىن ، ئېلانغا باش سۈرىتى بېرىلمىگەنلىك بولسا كېرەك ...

    ــ ئايالىمۇ تۇنىماپتىما ؟ ــ ئايگۈزەل شۇنداق دەپ سورىۋىدى ، ئەزىمەت سەل ئويلىنىشتىن كېيىن  جاۋاب بەردى :

    ــ ھەپتىدىن بېرى ئېرىنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغان گۈلئايىم ،نەچچە كۈن ئاۋال تېلۋۇزۇردا بېرىلگەن ئېلانى قايتىلاپ ئېسىگە ئاپتۇ –يۇ ، ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەپتۇ ، چۈنكى ئۇ ،ئېرىنىڭ ئۆيدىن بىر چىقىپ كەتكىنىچە ھەپتە ئون كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىدىغان ئادىتىگە خېلىلا كۈنۈپ كەتكەنكەن . ئارىدىن يەنە بىر ھەپتە ئۆتۈپتۇ ، مامۇتتىن خەۋەر بولمىغاچ ،گۈلئايىم دەرھال قېيناتا – قاينانىسىنى ئىزدەپ چىقىپتۇ ، ئۇلارغا مامۇتنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىگە ئىككى ھەپتە بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن ،ئۇلار چۆچۈپ كىتىپتۇ :

    ــ ئۆلۈشكۈن سىلەر تۇرۇشلۇق شەھەردە بىرسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم ، مامۇت شۇ بولۇپ قالمىسۇن يەنە ،ــ مامۇتنىڭ ئاتىسى تەشۋىشلىك بىر ئاھاڭدا شۇنداق دېگەن ئىكەن ، مامۇتنىڭ ئانىسى :

    ــ ئاغزىڭلىنى ئۈشۈتمەڭلار ، ــ دەپتۇ- يۇ ، ئارقىدىنلا ھۆڭگۈرەپ يىغلاشقا ،ــ باغرىم ، پارەم، نەلەردە يۈرۈيدىغانسەن .سەن كەتكىچە ، مەن كەتسەم بولماسمىدى ...ــ دەپ قوشاق قېتىپ ھازا ئېچىشقا باشلاپتۇ .

    ساقچىخانىدا ھەممە ئىش ئايدىڭ بوپتۇ .گەرچە ئۆلگۈچىنى چىرايىدىن پەرىق ئەتكىلى بولمىسىمۇ ، ئۇنىڭ تەن قۇرۇلۇشى ۋە بەدىنىدىكى مەڭلەردىن پەرىق ئىتىش تامامەن مۇمكىن ئىدى . بولۇپمۇ توققۇز ئاي، توققۇز كۈن قورساق كۈتۈرۈپ ، ئاچچىق تولغاق ئازابى يەپ تۇغقان ،بىر قوللۇق بېقىپ چوڭ قىلغان مېھرىبان ئانىلار ئۈچۈن  تېخىمۇ شۇنداق .بالىنىڭ بىرتال موي ، بىر تال مەڭ ،ھەتتا بارماقلىرىدىكى بىر تال سىزىقمۇ ئانىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتىلالىسۇنمۇ ؟!  ئانا جەسەتنىڭ ئارقا قىسمىدىن تارتىلغان سۈرەتكە شۇنداقلا قاراپ ھۇشۇدىن كەتكەنىدى. شۇنداق ،ئۇ ئوغلىنى گەجگىسىدىكى جۈپ مەڭدىن تۇنىۋالغانىدى .

    مامۇت كەتتى . قارا قىشنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك سوغاق كۈنلىرىنىڭ بىرى ،ئەنە شۇنداق ئېچىنىشلىق ھالدا بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈككە كېتىپ قالدى .بۇ دۇنيانىڭ خوشاللىق ۋە خاپىلىقلىرى ، دىيانەت ۋە زەرىللىكلىرى ،پىتنە – پاسات ۋە ھەققانىيەتلىرىنى ،خورلۇق ،ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنى ،جۈملىدىن ،جىمىكى ئىشلىرىنى كۆڭلىگە پۈككىنىچە ئارمان بىلەن كىتىپ قالدى .نام – نىشانسىز قەبرىسى ،يېرىم ئايدىن كېيىن ئېچىلىدى ، زىممىننى مۇسۇبەت قاپلىدى ،جىسمى يۇيۇپ تارالغاندىن كېيىن ، قايتتا كېپەنلەندى ...

    ــ كەپمۇ قالدۇق ،ــ دېدى ئەزىمەت ،ــ ھەي ھايات دېگەن ئەنە شۇنداق نەرسىكەن . ئادەم ئۆزىنىڭ قاچان ، قايسى يەر ، قايسى ئۇرۇندا ، قانداق سەۋەب بىلەن ئۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن . جان ھەلقۇمغا يەتكەندە ھاياتلىقتىن چارە نەرسە بولمىسا كېرەك .ھاياتلىقىمىزدا قەدىرلىمىگەنلىرىمىز شۇ دەقىقىلەردە بىزنى ئازاب ئىسكەنجىسىگە ئېلىشى تۇغانلا گەپ ، شۇڭا ھاياتلىقىنى قەدىرلەش بەكمۇ مۇھىمكەن . ياشقىمۇ ، قېرىغىمۇ ، باي ، كەمبەغەلگىمۇ ــ ھەممىگە بىر ئۈلۈم ، دېگەن شۇ بولسا كېرەك ... بىچارە ياپ – ياش تۇرۇپ ئىككى نارىسىدە بالىنى تاشلاپ كىتىپ قالدى ...

        ئەزىمەت ، قادىر ۋە ئايگۈزەللەر ساۋاقدىشى تۇردىنىڭ نامىزىدىن يانغاندىن كېيىنمۇ يول بۇيى مامۇت ھەققىدە توختالدى . مامۇتنىڭ تۇپراق بېشىنى پەتىلەپ كەتمەكچى بولۇشتى... 

    ماشىنا شەھەر مەركىزىدىكى تۆت كۇچا ئېغىزىدىن شەرىققە قاراپ بۇرۇلۇپ ، سۈرئىتىنى تېزلەتتى – دە ،شەھەر سىرتىدىكى قەددىمىي قەۋرىستانلىققا قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى .

     

     

     

    2012-يىل 8- يانۋار ،ئاقسۇ .

     

     

     

     

     

    ئاپتۇر : قەھرىمان تۆمۈر .卡合尔曼.吐木尔   

    ئادرىسى : ئاقسۇ شەھىرى شىمالىي چوڭ كۇچا 42-نومۇر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى.

    地址 :阿克苏市北大街42号阿克苏地区财政局

    ئالاقىلىشىش نومۇرى :          13179889865        

     

      邮政编码:843000               

     






    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    قەھرىمان تۆمۈر تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 17:02 14-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 11:06 26-06-2013
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار