ئاپتورى: ماھىنۇر ئابدىلىم
Warm, novel, fate of books
(پوۋېست)
رەھىمسىز تەقدىر تەرىپىدىن تېڭىلغان غۇربەت، يوقسۇل تۇرمۇش قاينىمىدىن ئەسلىي ساڭا مەنسۇپ بولغان، ئەمما تۇرمۇشنىڭ تەتۈر قويۇنلىرى سەندىن تارتىۋالغان، ئۇزاق يىللار كۈتكەن، ئارزۇ قىلغان راھەت - پاراغەتلىك، مېھىر − مۇھەببەتلىك تۇرمۇش قاينىمىغا قايتىپ كېلىش نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر لەززەتلىك - ھە؟
بائىمە شۇلارنى خىيال قىلغاچ يۇيۇنۇپ بولغان بولسىمۇ مۇنچىدىن چىققۇسى كەلمەي، ئىلمان سۇنىڭ ۋۇجۇدىنى يېنىك غىدىقلاپ ئەركىلىتىشىدىن، زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن تازىلىق ئۆيىنىڭ ئارامبەخش مۇھىتىدىن ھۇزۇرلىنىپ خېلى ئۇزاق تۇرۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇنچىغا چۈشۈپ باقمىغىنىغا 15يىللارچە بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسلىدى. بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بولۇپ كەتكەندۇ. يېرىلغان تاپانلىرى، يىرىك ئالىقانلىرى ئۇنىڭغا ئارقىسىغا تاشلىۋېتىپ كەلگەن جاپالىق تۇرمۇشىنى دەممۇدەم ئەسلىتىپ تۇراتتى. كۆزىگە ھويلا تېمى چۆرۈلمىگەن، ئالدىدا چەللە باراڭ بار ئاددىيغىنە ئۆيى، ئۇنى كۆرسىلا مۆرىشىپ، مەرىشىپ يەم - خەشەك جېدىلى قىلىدىغان قوي - كالىلىرى، ئېشەك ھارۋىسىغا دۆۋىلەپ باسقان ئوت - چۆپ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىراۋلار كۆرۈنگەندەك بولدى. ئاستا - ئاستا بۇ كۆرۈنۈشلەرمۇ خۇددى ئىلمان سۇدا يۇيۇلۇپ كەتكەندەك كۆرۈنمەيلا قالدى.
ئۇ مۇنچىدىن چىقىپ سىڭلىسى تەييارلاپ قويغان مودا كىيىملەرنى قولاشمىغان ھالدا كىيدى. بۇنداق بەدەننى چىڭ قىسىپ تۇرىدىغان تار كۆڭلەكلەرنى، قول تەگسىلا يىرتىلىپ كېتىدىغاندەك نېپىز ئەت پايپاقلارنى، بىگىزدەك ئۇچلۇق پاشنىلىق ئاياغلارنى ئۇ ئەزەلدىن كىيىپ باقمىغانىدى. ئۇ ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تولىمۇ ناتونۇش ھېس قىلدى، ئەمما سىڭلىسى بەك خۇشال ئىدى.
−− ئەمدى بىزنىڭ ئۆينىڭ ئادىمىگە ئوخشىدىڭىز ھەدە، يۈرۈڭ، ئەمدى ھۆسن تۈزەش ئورنىغا بارايلى، يۈزىڭىز ئاپتاپتا كۆيۈپ قۇرغاقلىشىپ كېتىپتۇ، يۈزىڭىزنى ئۇۋۇلاتقاچ چېچىڭىزنى ياسىتىپ كېلەيلى.
بائىمە ئۆزىنىڭ يېزىدىن كىيىپ كەلگەن كىيىملىرىنى قاتلاپ كونا سومكىغا تىقىۋەتتى، ئۇ بۇ ئۆيگە كەلگەندىن بېرى ئاتا - ئانىسى ھەم سىڭلىسى ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغانلىرى ئاز قېلىۋاتاتتى. ئاتا − ئانىسى ئۇنىڭ شۇنچە يىل يېزىدا جاپا تارتىشىغا ئۆزلىرىنى سەۋەبچى دەپ قارايتتى، سىڭلىسى بولسا ئۇ جاپالىق تۇرمۇشنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئۇنى زامانىۋى تۇرمۇش ئىچىگە سۆرەپ كىرمەكچى بولاتتى. ئۇ قىزىغا قارىدى، قىزى بۇ مۇھىتقا ئۇنىڭدىن تېز ماسلاشقان ئىدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئانىسىغا قارار چولىسى يوق، شەھەرلىك نەۋرە ئىنىسى بىلەن كومپيۇتېر ئويۇنىغا دۈم چۈشكەن ئىدى.
ئۇ سىڭلىسى بىلەن ئۆيدىن چىقىپ لىفت بىلەن 15- قەۋەتتىن پەسكە چۈشتى. باغچىلاشتۇرۇلغان ئولتۇراق رايونى شۇنچىلىك پاكىز، ئازادە ئىدى. رەڭلىك خىش ياتقۇزۇلغان تار يوللارغا سايە تاشلاپ تۇرغان مەنزىرە دەرەخلىرى، ياپييېشىل چىملىقلار، شەكىل چىقىرىپ تىزىلغان تەشتەكلەردىكى ھۈپپىدە ئېچىلغان، بائىمە كۆرۈپمۇ باقمىغان، ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان ھەر خىل گۈللەر ئۇنىڭ قەلبىدە ھاياجان ھېسلىرىنى ئويغىتىپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىگە ياش كەلدى. ئۇ ئۆزى ياشاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بۇ مۇھىتقا تولىمۇ ئۇزاقتا، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن يەنە نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەپ ئېرىشكەنىدى، ئۇ كۈنلەرنى ئەسلىمەي دېسىمۇ، لېكىن نېمىنىلا كۆرسە شۇ تۇرمۇش سېلىشتۇما بولۇپ كۆز ئالدىدا زاھىر بولاتتى.
−− كەلدۇق، −− دېدى سىڭلىسى ئۇنى تۈرتۈپ، −− مۇشۇ يەردە مېنىڭ بېجىرگەن كارتام بار.
ئۇلار ئىنتايىن پاكىز، تىنچ، ھەشەمەتلىك بىر پەردازخانىغا كىرىپ كېلىشتى. بىردەمدە ئۈستىگە پاكىز كىرلىكلەر يېپىلغان تارغىنە كارىۋاتتا سوزۇلۇپ يېتىشتى. قىزغىن، ئەدەپلىك مۇلازىم قىزلار بائىمەنىڭ يىرىكلەشكەن يۈزلىرىگە ئاللىقانداق مەلھەملەرنى سۇۋاپ پاختىدەك يۇمشاق قوللىرى بىلەن ئۇۋۇلاشقا باشلىدى.
بائىمەنىڭ تېنى ئاجايىپ راھەتلەندى، مۇلازىم نېرى كەتكەندە ئۇ بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ ئۇدۇلدىكى ئەينەككە قارىدى، كۆز ھەم ئېغىز ئەتراپى قالدۇرۇلۇپ باشقا جايلارغا قويۇق سۈركەلگەن خېمىرسىمان مەلھەم ئۇنى جىن - شاياتۇنلارغا ئوخشىتىپ قويغانىدى. ئۇنىڭغا ھەممىلا نەرسە شۇنچىلىك يات، ناتونۇش بولۇشىغا قارىماي تولىمۇ سۆيۈملۈك تۇيۇلدى.
مۇلازىم ئۇنىڭ بەدىنىنى يېنىك ئۇۋۇلاشقا باشلىدى. بائىمەنىڭ تېنى بوشىشىپ مۈگدەشكە باشلىدى، ئامما ئاچچىق - تاتلىق ئەسلىمىلەر ئۇنى ئۆز قوينىغا سۆرەيتتى.
ئۇ مۇشۇ شەھەردە ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بىراق ئاشۇ قاباھەتلىك يىللار ئۇنىڭ گۈزەل ياشلىق چۈشلىرىنى بەربات قىلىپ، ھېلى ئۇ يەرگە، ھېلى بۇ يەرگە سۈرگۈن قىلىنغان ئاتا - ئانىسىنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈپ كۆرمىگەن كۈنى ئاز قالدى. باياشات ئائىلىدە ئەركە چوڭ بولغان، نازۇك، پۈۋ دېسىلا توزۇپ كېتىدىغان مامكاپ گۈلىدەك ئاجىز بائىمە ئانىسى بىلەن بىللە ئېتىزلاردا ئىشلىدى، مال باقتى، ئاتا - ئانىسى كۈرەشكە تارتىلىپ قاماپ قويۇلغانلىرىدا كىچىككىنە سىڭلىسى بىلەن قېقىندى - سوقۇندى بولۇپ ئاچ - توق كۈن ئۆتكۈزدى. شۇنداقتىمۇ 17- 18ياشلارغا كىرىپ قالغان بائىمە كۈندىن - كۈنگە رەڭ تۈزەپ پەرىدەك گۈزەللىشىپ كېتىپ باراتتى. ئاتا - ئانىنىڭ ئۆز دەردى بىر ياقتا قېلىپ پۈتۈن غېمى بائىمەدە قالدى، بائىمە نەگىلا بارسۇن بارچە كۆز ئۇنىڭغا تىكىلىپ قالاتتى، خۇددى كىشىلەرنىڭ يامان كۆزى يامان تىلى تەگكەندەك بائىمە دائىملا ئاغرىپ قالاتتى، بىچارە ئانىنىڭ قىزىنى داۋالىتىش ئەمەس، ئىسسىق باسقۇدەك بىر قاچا تاماق ئېتىپ بېرىشكىمۇ قۇربى يەتمەيتتى.
بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى شەھەردىن ناھايىتى يىراق، پايانسىز قۇملۇقلار ئارىسىغا جايلاشقان چەت بىر ناھىيەگە سۈرگۈن قىلىندى. سىڭلىسى بەك كىچىك بولغاچقا قايسىبىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇلدى، بائىمە ئاتا - ئانىسى بىلەن تومۇز ئىسسىقتا بىر ئەبجەق ماشىنىنىڭ كوزۇپىدا بىر مۇنچە ئادەملەر بىلەن تىقىلىپ ئولتۇرۇپ ھېلىقى ناھىيەگە ماڭدى. ناھىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۇلار قاقاس چۆللۈكتىكى گەمىسىمان ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئېغىر ئەمگەك باشلىنىپ كەتتى. ئەمگەك ئاۋۋالقىدىن كۆپ ئېغىر، باشقۇرۇش بەكمۇ قاتتىق ئىدى. سەپەردە ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەن بائىمە بېرىپلا قاتتىق ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ھوشىنى بىر بىلىپ، بىر بىلمەي ياتقان بائىمە كۈن - كۈنلەپ گەمىسىمان ئۆيدە يالغۇز قالاتتى، ئەمگەكتىن يانغانلار بۇ بىچارە قىزغا ئوپچە تاماقتىن ئاشقان قوناق مومىسى، پارچە - پۇرات نان دېگەندەكلەرنى ئالغاچ كېلەتتى. ئاتا - ئانىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ھەممەيلەن ئەمگەككە چىقىپ كەتكەندە بائىمەنىڭ ئۆيدە يالغۇز قېلىشى ئىدى. باشقۇرغۇچىلار بىر - بىرىدىن ئۆتە قارا قورساق، لۈكچەك سىياق نېمىلەر بولۇپ، ناۋادا شۇ لۈكچەكلەر بائىمەنى كۆرۈپلا قالغۇدەك بولسا قىزىنى قوغداپ قالالمايدىغىنى ئاتا - ئانىنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ھەر يەر، ھەر يەرلەردىن كەلگەن سۈرگۈنلەر تونۇشۇپ، چىقىشىپ ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن بولۇپ كەتتى، بائىمەنىڭ غېمى شۇ تاپتا ھەممەيلەننىڭ غېمى بولۇپ قالغانىدى.
تۇيۇقسىزلا ئىش تۈزۈمىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەر - ئاياللارنى ئايرىپ ئەمگەككە سالىدىغان، ئاياللار مۇشۇ يەردە قېلىپ، ئەرلەرنى باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكەيدىغان مىش - مىش پاراڭ كۆپەيدى. ئانىنىڭ بېشىغا قاتتىق غەم چۈشتى، بائىمەنى دادىسىغا قوشۇپ قويغىلى ئەسلا بولمايتتى، ئېلىپ قالاي دېسە ھېلىقى لۈكچەكلەرنىڭ دەستىدىن قىزىدىن خاتىرجەم بولالمايتتى. ئەترەتتىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ ئېپىدە لايىقتىن بىرنى تېپىپ بائىمەنى ئىسى - بۇسىنى چىقارمايلا نىكاھلاپ بېرىۋېتىش تەكلىپىنى بەردى. شۇ شارائىتتا ئەڭ ئاقىلانە چارە شۇ بولۇپ قالغانىدى، تەقدىر قىسمەتكە نېمە دېگۈلۈك؟ بائىمەنىڭ نىكاھ قىسمىتى ئاشۇ چەت ناھىيەدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان سۈرگۈنلەرنىڭ كاللا قاتۇرۇشى، پىلانلىشى، شۇنچىلىك قاتتىق نازارەت ئاستىدىمۇ كىملەرنىڭدۇر گەپ ئېيتىشى، تونۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ يەردىنمۇ يېرىم كۈن يىراقلىقتىكى يۇرۇقساي دېگەن يېزىدىكى كەمبەغەللىكتىن 28ياشقىچە ئۆيلىنەلمەي يۈرگەن توختىمەت ئىسىملىك يىگىتكە باغلىنىپ قالدى.
−− بەك كەمبەغەل بولسىمۇ ئوبدان ئادەملەر، −− دېگەن ئىدى لايىق تاپقۇچى، −− بۇ كۈنلەردە بايغىمۇ خاتىرجەملىك يوق، توختىمەت ياخشى يىگىت، بائىمەخانغا ياخشى قارايدۇ.
باشقۇرغۇچىلار مەست بولۇپ كەتكەن بىر كېچىسى ئانا ئاغرىقتىن ئۆرە بولۇپ بولالمىغان قىزىنىڭ چېچىنى تاراپ چىرايلىق تۈگۈپ، بوغچىسىنىڭ تېگىدە ساقلاپ قويغان ئالدىغا گۈللۈك رەشىلىيە تۇتۇلغان ئەترەڭ كوپتا، كۈل رەڭ سارجا يوپكىسىنى كىيدۈردى. بىر دەمدە ئارقا تەرەپتىن شەپە چىقارمايلا بىر ئېشەك ھارۋىسىدا ئىككى ئادەم كەلدى. بولۇۋاتقان گەپ - سۆزلەردىن بائىمە ئۆزىنى ئالىدىغان يىگىتنىڭ دادىسى بىلەن كەلگەنلىكىنى بىلدى، ئۇنىڭدا بۇ ئىشقا قارشى تۇرغىدەك كۈچ - مادارمۇ يوق ئىدى. ئانا يۇم - يۇم يىغلايتتى، دادىسىمۇ يىغلىغان ئىدى، كىمگىدۇر قىزىغا ياخشى قاراشنى قايتا - قايتا تاپىلاۋاتاتتى. ناھايەت بائىمە ھېلىقى ئېشەك ھارۋىسىغا چىقىپ باشقۇرغۇچىلانىڭ سېزىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئاتا - ئانىسى بىلەن ئۈنلۈكرەكمۇ خوشلىشالماي جىمجىتلا ئۇزاپ كەتتى.
قاپقاراڭغۇ جاڭگالدا ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان ئادەملەر بىلەن كېتىۋاتقان بائىمە شۇ تاپتا ھارۋىنڭ ئالدىدىكى چوقچىيىپ ئولتۇرغان ئىككى گەۋدىگە قورقۇمسىراپ قاراپ ئولتۇراتتى. ئالدى تەرەپ تېخىمۇ قاراڭغۇ كۆرۈنەتتى، بائىمەگە ئۆزىنى، مۇشۇ ھارۋىنىمۇ ئاشۇ قاراڭغۇ تۈن يۇتۇپ كېتىۋاتقاندەك، ئەمدى مەڭگۈ تاڭ ئاتمايدىغاندەك تۇيۇلدى. ئۇ دادىسى دەپ قىياس قىلغان چوڭ ياشتىكى ئادەم دەممۇ دەم ئۇنىڭدىن »توڭلىدىلىمۇ بالام؟ ھېرىپ قاللىمۇ؟« دەپ سوراپ تۇراتتى. ياز ئايلىرى بولسىمۇ جاڭگالنىڭ كېچىسى خېلىلا سوغۇق ئىدى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى كېسەل ئازابى، كۆڭۈلنىڭ دەككە - دۈككىچىلىكى بىلەن چارچاپ ھالىدىن كەتكەن بائىمە سوغۇق بولسىمۇ ساپ ھاۋالىق جاڭگالدا نېمىشقىدۇر قورقۇنچلىرى بېسىلىپ خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدى. ئۇيقۇ پەرىسى تۇيدۇرماي ئۇنىڭ كاللىسىدىكى غەم - ئەندىشە، ساراسىملەرنى سۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇنى ئۆز قوينىدا ئەللەيلىتىشكە باشلىدى.
ھارۋىنىڭ بىر نەرسىگە سوقۇلۇپ سىلكىنىشى بىلەن بائىمە ئويغىنىپ كەتتى، بۇ چاغدا جاڭگالنىڭ بىر بۇرجىكى ئاقىرىپ تۈننىڭ ئېغىر پەردىسى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغانىدى. كاتاڭ ھارۋا يولى، يۇلغۇنلۇق جاڭگالدا ئۆسىدىغان ئىسمى نامەلۇم دەرەخلەر مىسكىن ھالدا كۆزگە چېلىقاتتى، بوۋاي پات - پات ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ئۇنى - بۇنى دەپ قوياتتى. يېنىدىكى يىگىت گىرىمسەن يورۇقلۇقتا خۇددى قاتۇرۇپ قويۇلغان تاش ھەيكەلدەك مىدىر - سىدىر قىلماي ئولتۇراتتى، تاڭ يورۇشى بىلەن ئۇنىڭ كېچە قاراڭغۇلۇقىدا ئاندا - ساندا قۇلاققا كىرىپ قالىدىغان ئاۋازىمۇ بىراقلا ئۆچتى.
ئۇلار مەھەللىگە يېتىپ كەلگەندە تاڭ يورۇپ بولغانىدى. ھارۋا ئادەملەر قويۇق ئولتۇراقلاشقان كوچىلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ يەنە جاڭگالغا چىقىپ قالاي دېگەندە، بائىمەنىڭ قۇلىقىغا شارقىراپ ئاققان سۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. قاياقتىندۇ سوزۇلۇپ كەلگەن چوڭ ئۆستەڭ ئەمدى يول بىلەن يانداشقانىدى. ھارۋا ھويلا تېمى چۆرۈلمىگەن پاكارغىنە ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى، قارشى ئالغىلى چىققانلارنى كۆرگەن بائىمە ھودۇقۇپ تەمتىرەپ قولاشمىغان ھالەتتە ھارۋىدىن چۈشتى.
تەتۈر ئۇستىخان، يۈزلىرى ئاپتاپتا كۆيۈپ مىس رەڭگىگە كىرگەن، يىرىك ساقال - بۇرۇتلىرى بىلەن سەل ياۋايى كۆرۈنىدىغان توختىمەتنىڭ ئاغزىدىن گەپ تولىمۇ تەستە چىقاتتى. مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، مۇشۇ يېشىغىچە جاپا - مۇشەققەت، جەبىر - جاپادىن باشقىنى كۆرمىگەن بۇ يىگىت شۇ تاپتىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ نازۇك، يۈزلىرى ئۆمرىدە كۈن كۆرمىگەندەك ئاق - سۈزۈك، قاپقارا ئىككى ئۆرۈمە چېچى تېقىمىغا چۈشكەن، ئۇ بۇ يېزىدا كۆرۈپ باقمىغان قىياپەتتە كىيىنگەن بۇ شەھەرلىك خېنىمنى نىكاھ قىلىپ ئالىدىغانلىقىغا ئەقلى يەتمىگەندەك گاڭگىراپ قالغانىدى.
قارشى ئالغىلى چىققانلار توختىمەتنىڭ ئانىسى، تۆت ئىنىسى ئىدى، ئانا تاڭ سەھەرنىڭ سېھىرلىك قىزغۇچ نۇرىدا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەن قىزنى تارتىنىپ تۇرۇپ پېشانىسىدىن سۆيدى. بائىمە ئۆزىگە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرۇشقان توختىمەتنىڭ ئىنىلىرى بىلەن سالاملىشىپ، ئانىنىڭ باشلىشى بىلەن ئۆيگە كىردى. كۆزلىرىنىڭ نۇرى قاچقان، ھېچقانداق داۋالىنىشقا، كۈتۈنۈشكە ئېرىشەلمىگەن، تېنى ئاجىزلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بائىمەنىڭ ئۆز تەقدىرى توغرىسىدا باش قاتۇرغىدەك، بۇ نىكاھغا قارشى چىققۇدەك كۈچ - مادار يوق ئىدى، پەقەت سۈرگۈنلۈك كۈنىدىن قۇتۇلۇپ خاتىرجەم يېتىپ ئارام ئېلىشنى ئويلايتتى. مەسلىھەت بويىچە داۋراڭ سالماي ئاددىيلا توي بولدى. توختىمەت خۇددى ئىنتايىن قىممەت باھالىق نازۇك لوڭقىنى نەگە قويۇشنى بىلمەي ئاۋايلاپ تۇتۇپ تۇرغان ئادەمگە ئوخشاپ قالغانىدى.
كەمبەغەل يېزا ئائىلىسى دېگەنگە تېگى ئېسىل، تەربىيە كۆرگەن كېلىننىڭ نېمە كېرىكى؟ بەش ئوغۇلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ قورايدەك بولۇپ قالغان ئاجىز ئانا قولۇم - قوشنىلارنىڭ ئېتىزلاردا كەتمىنىنى گۈرسۈلدىتىپ چېپىپ، تونۇرلاردا نان يېقىۋاتقان، لىققىدە ئوت - چۆپ چىڭدالغان تاغارنى يۈدۈپ گۈس - گۈس دەسسەپ كېتىۋاتقان كېلىنلىرىنى كۆرگەندە ئۇھسىناتتى. شۇنداقتىمۇ، قاتىرىسىغا چوڭ بولۇپ كەتكەن بەش ئوغۇلنىڭ بىرىنىمۇ ئۆيلىيەلمەي يۈرگەندە ياراتقۇچى »ئال قولۇم« دەپ تاشلاپ بەرگەندەك كېلىپ قالغان بۇ كېلىننى ئەتىۋارلاپ ئىززىتىنى قىلدى. ئۈزۈلدۈرمەي كاشكاپ قاينىتىپ ئىچۈرۈپ، قىزىق توپىدا يالاڭ ئاياغ ماڭدۇرۇپ، ئوغلاق تېرىسىگە ئېلىپ دېگەندەك ئۆزى بىلىدىغان ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بائىمەمۇ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ كېتىۋاتاتتى.
ئانا كېلىننىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك مىشچان ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە قولى ئىشلىق، دىتلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
كۈرەش - پىپەن يىغىنلىرىدىكى سوراق - قىيناقلار، رەھىمسىزلىك بىلەن تېگىۋاتقان مۇشت - تېپىكلەر، قانغا بويالغان باش - كۆزلەر، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتكۈسىز ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ناتىۋان يۈرىكى مۇجۇلغان بائىمە بۇ يوقسۇل ئەمما خاتىرجەم تۇرمۇشقا، ئەتراپىدىكى ئاددىي ئەمما ئاق كۆڭۈل ئادەملەرگە كۆنۈپ قالغانىدى. ھەممىدىن قىزىقى، ئۇ ئاشۇ ئۆكۈزدەك قاۋۇل بولسىمۇ قويدەك ياۋاش، ئازراق دەلتىدەك كۆرۈنىدىغان ساددا ئېرى بىلەن چىقىشىپ قالدى. ئېرى ھەر ۋاقىت خۇددى تۇنجى كۆرۈۋاتقاندەك ئۇنىڭغا ناھايىتى ھېرىسمەنلىك بىلەن قارايتتى، ئايالىنىڭ ھەر بىر گېپىنى جان - دىل بىلەن بەجا كەلتۈرىدىغان ساددا يىگىت ئاخشاملىرى ھېرىپ - چارچاپ كەلگەندە ئايالىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئالدى بىلەن ئۆستەڭ بويىغا چىقىپ يۈز - كۆزلىرىنى پاكىز يۇيۇپ ئاندىن داستىخان ئالدىغا كېلەتتى.
بائىمەنىڭ تومۇز كۈنلىرىمۇ ئارىلاپ - ئارىلاپ كېچىسى پۇتى مۇزلاپ قېتىپ، پۈتۈن بەدىنى توڭلاپ تىترەيدىغان كېسىلى بار ئىدى. بۇنداق چاغدا ئېرى ئۇنىڭ مۇزلاپ كەتكەن پۇتلىرىنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ئاياغ تەرەپتە تۈگۈلۈپ يېتىپ ئۇخلاپ قالاتتى، ئېرىنىڭ قاۋۇل بەستىدىن كېلىۋاتقان كۈچلۈك ھارارەتنىڭ تەپتىدە بائىمەنىڭ مۇزلاۋاتقان تېنى ئىللىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى ئېرىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولاتتى.
ئەپسۇس، ئۇلار خېلى يىللارغىچە بالىلىق بولالمىدى. توختىمەتنىڭ بالىلىق بولۇش ئارزۇسى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن بائىمەنىڭ مۇڭلۇنۇپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ، گەپ - سۆز قىلمايتتى. ئۆزى بىلگەن تەبىئىي دورىلىقلارنى تەييالاپ بائىمەگە ئىچكۈزۈشنى داۋاملاشتۇراتتى.
ناھايەت، يەتتە يىل ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ قىزى دۇنياغا كۆز ئاچتى، توختىمەتنىڭ خۇشاللىقىغا گەپ توغرا كەلمەيتتى، بالا ئېمىپ بولۇشىغا تالىشىپ ئېلىۋالاتتى، بائىمە بەزىدە ئۇنىڭ بالىنى نەگە كۆتۈرۈپ ئەكەتكىنىنى بىلەلمەي ئەنسىرەپ كېتەتتى.
جاھانمۇ ئوڭشالدى، بائىمەنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ نامى ئەسلىگە كېلىپ يۇرتىغا قايتىدىغان بولدى. ئۇلار بائىمەنىڭ يېنىغا كەلگەندە بائىمە سېپى ئۆزىدىن سەھرالىق كېلىن بولۇپ بۇ ئائىلە بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنىدى، ئانا قىزىنىڭ بۇھالىنى كۆرۈپ يىغلىدى، كېسەلچان ئاجىز قىزىنىڭ مۇشۇ يېشىغىچە تۈزۈك راھەت كۆرۈپ باقمىغىنى، ئەمدىلىكتە توقىناق جاپاغا پېتىپ قالغانلىقى ئانىنىڭ يۈرىكىنى ئەزگەنىدى، نېمە ئامال؟ ئۇلار شال پاخىلى بېسىلغان باراڭ ئاستىدا ياش تۆكۈپ قالغان قىزىغا قىيالماستىن بىر كۆزى ئارقىدا يۇرتىغا قايتتى.
دادا قىزىنىڭ ئۇ ھالەتتە قېلىشىغا چىدىمىدى. بائىمە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنىدى. يۇقىرى - تۆۋەن مېڭىپ يۈرۈپ ئاخىر بائىمەنى شۇ يېزىدىكى خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسىغا كادىر قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. بۇنىڭلىق بىلەن بائىمەنىڭ ئائىلىدىكى ھەم مەھەللىدىكى ئىناۋىتى بىراقلا ئۆسۈپ كەتتى، دېھقانچىلىقتىن ئايمۇئاي كىرىدىغان كىرىم بولمىغانلىقتىن ئۆينىڭ ئاساسلىق چىقىمى يەنىلا ئۇنىڭ مائاشىغا قاراشلىق ئىدى. ئېرى ھەر كۈنى سەھەردە ئۇنى غىچىرلاپ تۇرىدىغان ۋېلىسىپىتىگە مىندۈرۈپ ئىش ئورنىغا ئەكىلىپ قوياتتى، ئىشتىن چۈشكەندە يەنە ئالغىلى باراتتى، ئۇلارنىڭ ۋېلىسىپىتكە مىنگىشىپ قوشماق بولۇپ كېتىۋاتقان ھالىتى بوران - يامغۇرلۇق كۈنلەردىمۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقاتتى.
بائىمە تېجەپ - تۈجۈپىلەپ يۈرۈپ توختىمەتنىڭ ئىككى ئىنىسىنى ئۆيلىدى، ئۆيلەرنى رېمونت قىلدۇرۇپ، يەنە ئىككى ئېغىز يېڭى ئۆي سالدى؛ قوي - كالا، توخۇ - تۇمان قىلدى، يەنە قوشكېزەك ئوغۇل تۇغدى، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى جان سانى كۆپ، جاندار - ئۇلاغلىق ھەقىقىي يېزا ئائىلىسىگە ئوخشىغانىدى.
ئارىلىق يىراق، ئالاقىلىشىشمۇ ئەپسىز بولغاچقا ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلمەيتتى، لېكىن ئائىلىسىدىن خەت - خالتا ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى، خالتىدىكى چىرايلىق بالىلار كىيىملىرى، بۇ يېزىدىن تېپىلمايدىغان نازۇ نېمەتلەر بالىلارنى خۇشال قىلاتتى، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەرسىز سىڭلىسى كەرىمە ئۇنىڭغا ئاتاپ خالتا ئىچىگە نەپىس شارپىلارنى، مەززىلىك پۇرايدىغان ئەتىرلەرنى سېلىپ قوياتتى. بائىمە بەزىدە بۇ نەرسىلەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى، بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاشۇ ئىللىق ئائىلىسىگە بولغان سېغىنىشىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتەتتى، بەزىدە سۈرگۈن قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئاستى تاختايلىق ئازادە ياسىداق ئۆيى، ئۆيدىكى شۇ چاغلاردا باشقىلارنىڭ ئۆيىدە يوق فاتىفون، نەپىس ئاسما چىراغلار، دادىسىنىڭ يېزىق ئۈستەللىرى يادىغا كېچىپ قالاتتى، ئىشىك ئالدىدا ئىشتانسىز يالاڭ ئاياغ ئويناپ يۈرگەن بالىلىرىغا قاراپ كۆڭلى يېرىم بولاتتى.
بائىمەنىڭ سالامەتلىكى يەنىلا ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، پۇتى ئاۋۋالقىدەك ئىسسىق ياز كۈنلىرىمۇ مۇزلاپ تىترەيتتى، كۈندۈزى ئىشلەپ ھېرىپ كەتكەن توختىمەت ئۇنىڭ پۇتىنى ئوتتەك ۋۇجۇدى بىلەن ئىللىتاتتى، ئۇنىڭ پۇتىنىڭ قانداق چاغدا مۇزلايدىغىنىنى توختىمەت بائىمەدىن بۇرۇن سېزەلەيتى. توي قىلىپ چىقىپ كەتكەن ئىنىلىرى ئۆز غېمىدە، پۈتۈن ئۆينىڭ ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنى توختىمەت قىلاتتى، قاچانلا قارىسا ئۈستبېشىدىن توپا تۆكۈلۈپ تۇرغان، جاپاغىلا تۆرەلگەن، ئۆمرىدە غىڭشىپ بولسىمۇ ناخشا ئېيتىپ، قول كۆتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناپ باقمىغان، راھەت نېمە؟ ئويۇن - تاماشا نېمە؟ بىلمەيدىغان بۇ مۆمىن بەندىنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ كۈچلۈك مۇھەببەت ھەم بەختىيارلىق تۇيغۇسى يېلىنجاپ تۇراتتى.
يېقىندىن بېرى بائىمەنىڭ ئىككى كۆكسى چىڭقىلىپ سانجىپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانىدى. بائىمە ناھىيە بازىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈۋېدى، ئۇنىڭغا سۈت بېزى ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلدى ھەم كېسەلخانىغا ئېلىندى. دوختۇر بەرگەن خىلمۇخىل دورىلار، ئوكۇللار ھېچ پايدا قىلمايۋاتاتتى، بائىمەگە قايسىبىر يۇرتتىن بۇ يېزىغا تۇغقان ئىزدەپ كېلىپ قالغان بىر تېۋىپنىڭ رېتسېپى پايدا قىلىپ قالدى، تېۋىپ ئۇنىڭغا يەر يىلىنىنى تۇتۇپ قۇرۇتۇپ، سوقۇپ تالقان قىلغاندىن كېيىن قۇرۇتۇپ سوقۇلغان قىزىلگۈل، سېمىز ئوت، مامكاپلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھەسەلگە قوشۇپ يېيىشنى ئېيتقانىدى. بائىمەگە بۇ رېتسېپ بەكمۇ مۇرەككەپ، تەييارلاش مۇمكىن ئەمەستەك بىلىندى. لېكىن توختىمەت شۇ كۈندىن باشلاپ يىلان تۇتۇش، مامكاپ، سېمىز ئوت يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
توختىمەت ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىدىن بىكار بولۇپ مەھەللىدىن خېلى يىراق يۇلغۇنلۇق چاتقاللىقلارغا بېرىپ يىلان تۇتۇپ كېلەتتى، بائىمەنى ۋېلىسىپىتىگە مىنگەشتۈرۈپ مەھەللە چېتىدىكى كەڭ ئوتلاققا ئاپىراتتى، ئۇنى ئەپلىك يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئۆزى سېمىز ئوت، مامكاپ ئۈزەتتى، مامكاپلار ئېچىلىپ كەتكەن بۇ ئوتلاقنى بائىمە بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى.
كىمدىن ئاڭلىغانلىقى نامەلۇم، ئاتا - ئانىسى بائىمەنىڭ كېسىلىنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلدى، قىزىنىڭ ئاغرىق ھالەتتىمۇ داۋالانماي يەنە شۇ ئائىلىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئانىسى چىدىمىدى:
−− ئاشۇ قارا كۈنلەر بولمىغان بولسا سەن بۇ يەردە يۈرەرمىدىڭ جېنىم بالام، نېمانچە باغرى تاش خەق بۇ؟ ھېلىمۇ شۇنچە يىل بۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلدىڭ، مۇشۇنداق ئاغرىپ قالغاندا ئاۋۇ قوي - كالىلارنى سېتىپ بولسىمۇ داۋالىتاي دېمەپتا؟
چوڭلارنىڭ ئالدىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي قوللىرىنى ئىشقىلاپ تۇرغان توختىمەت خۇددى بارچە ئەيىب ئۆزىدىكىدەك ئامالسىز، بىچارە ھالەتتە ئىدى، ئاتا - ئانىسى تۇيۇقسىز كەلگەچكە، ئۆيدە نان ئۆكسۈپ قالغان، ھەر كۈنى ئۇيۇتۇلۇپ تۇرىدىغان قېتىق - قايماقلار نېمە ئۈچۈندۇر ئۇيۇتۇلماي قالغان ئىدى. شەھەردىن كەلگەن مەنسەپدار قۇدىسىنىڭ ئالدىدا ساددا دېھقانلار خىجىللىقتىن ئۆزىنى قويار يەر تاپالماي قېلىشتى. بائىمەنىڭ ئاتا - ئانىسى بىر كېچە قونۇشنىمۇ رەت قىلىپ شۇ كۈنىلا بائىمەنى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كېسەلخانىغا ئالغۇزدى.
ئۇلار دەسلەپ ئېغىر كۈنلەردە ئەسقاتقان بۇ ئادەملەرگە قارا يۈزلۈك قىلمايلى، دەپ بائىمەنىڭ قېلىشىغا قوشۇلغان ئىدى، بىراق بۇ ئۆيدىكى غۇربەتچىلىك، جاپا - مۇشەققەتكە قاراپ ئانىنىڭ يۈرىكى چىدىمىدى. ئانا قاينىماقتا ئىدى:
−− شۇ چاغلاردا قىزىمىزنى ئۇ خەققە بەرمىسەكمۇ ئۆلۈپ قالماستۇق، ھېلىمۇ قىزىمىز شۇ خەقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى، ئەمدى ئۇلارنىڭ قىزىمدا ھەققىمۇ قالمىغاندۇ؟ ئېرىمۇ بىر كالا كومشا، كۈيۈمى يوق نېمىكەن، قىزىمىز خېتىنى ئالسۇن، بالىلىرىنى باققۇچىلىقىمىز بار، قىزىمنىڭ ئۆمرى بۇ سەھرايى قىيامەتتە جاپا تارتىپلا ئۆتمىسۇن، ئاجراشتۇرۇۋالايلى، خىزمىتىنى يۆتكەشمۇ قولىڭىزدىن كېلىدۇ، نېمىلا بولسا كۆز ئالدىمىزدا تۇرسۇن.
بائىمە كېسەل كارىۋىتىدا ئانىسىنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ياتاتتى، نېمىلا دېگەنبىلەن بائىمە شۇلارنىڭ بالىسىدە.
نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئۇنىڭ كىچىكىدە ئايرىلىپ كەتكەنچە كۆرۈشەلمىگەن سىڭلىسى كەرىمەمۇ كەلدى، ئۇزاق يىل ئايرىلىپ تۇرۇشقان قېرىنداشلار ھۆڭرەپ يىغلاشتى. سىڭلىسى قاۋۇل ھەم سېمىز بولۇپ، چىرايىدىن ياشلىق نازاكىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئانىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇمۇ دەرھال ئانىسى تەرەپكە ئۆتتى:
−− ئۆزۈڭنى ئويلىمىساڭمۇ بالىلارنى ئويلىغىن ئاچا، ھازىر جاھان تەرەققىي قىلىپ نەگە باردى؟ بالىلىرىڭنى ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇڭ، ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەپ چىققۇڭ يوقما؟ بۇ يەردە بالىلىرىڭنىڭ تەقدىرىمۇ شۇ دادىسىدەك بولىدۇ، سەن دېگەن ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئادەم، كېيىنلىكنى ئويلاپ بىر قارارغا كەل، ئەسلىدىمۇ بۇ ئۆزۈڭ تاللىغان يول ئەمەسقۇ؟
كىچىك ناھىيەنىڭ داۋالاش شارائىتى ئۇلارغا يارىمىدى. ئۇلار بائىمەنى ئاجراشتۇرۇۋېلىش، ئاندىن بىر يولىلا شەھەرگە ئەكىتىپ شۇ يەردە داۋالىتىش پىلانىنى تۈزۈشتى. توۋا، ئۇرۇق - تۇغقاننىڭ مېھرى دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن، بائىمە نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۆزىگە تولىمۇ ئۇۋال بولغانلىقىنى، قارا قىسمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي تېڭىلغان بۇ تۇرمۇشنىڭ ئەسلىي ئۆزىگە مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئويلاپ قالدى.
دادىسى نەلەردىندۇ بىر ئادۋوكاتنى تېپىپ كېلىپ سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش توغرۇلۇق ئەرز يازدۇردى، ئىشلارنىڭ بۇنداق چېڭىغا چىقىپ كېتىشىنى بائىمە ئويلىمىغانىدى.
سوت ئېچىلىدىغان كۈنگىچە ئۇ ئېرىنى كۆرمىدى، سوت كۈنى ئۇ زالغا كىرىپ كەلگەن توختىمەتنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭ ئېرىگە بولغان كۆڭلىنى دەڭسەپ باقتى، بائىمەدە »ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغاندەك« تۇيغۇ بولمىدى.
سوت باشلىنىپ ئادۋوكات بائىمەگە ۋاكالىتەن ئەرز خەتنى ئوقۇپ ئۆتتى، ئەرز خەت شۇنچىلىك ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغانكى، ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ئاساسى بولمىغان شارائىتتا تۇيۇقسىز توي قىلىپ قالغانلىقى، شۇنچە يىللاردىن بېرى ئەر ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بائىمەگە سالغان زۇلمى، ھەتتا قاتتىق ئاغرىپ قالغان چاغلاردىمۇ داۋالاتماي ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىغا سالغانلىقى، ئاڭلىغان ئادەمنىڭ غەزىپى تاشقۇدەك قىلىپ يېزىلغانىدى. بىر - بىرىدىن سۆزمەن سوتچى، ئادۋوكاتلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سوئال، تەھلىللەردىكى قانۇنىي ئاتالغۇلاردىن ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىغان توختىمەت يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەي ئولتۇراتتى، ئۇ بائىمەنىڭ شۇنداقلا كېتىپ قېلىشىغا ئىشەنمەيتتى. تۇيۇقسىز قۇلىقىغا كىرىپ قالغان ئاجرىشىش، بالىلارنى بائىمە بېقىپ تەربىيەلەش دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ قەلبىدىكى بەختنىڭ ئالتۇن تەختى غۇلاپ چۈشكەندەك، ئۆزىمۇ تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى.
مانا باش - ئاخىرىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە سوتمۇ تۈگىدى، توختىمەت ئاجايىپ بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىگە جۈرئەت يىغىپ بائىمەنىڭ يېنىغا كەلدى:
−− بائىمە مەن ھېچنېمىنى بىلەلمەي قالدىم، سىز كەتمەكچىما؟ نېمىشقا؟
بائىمە لام - جىم دېمەي جىم تۇرۇۋالدى. توختىمەت يانچۇقىدىن كىچىك بىر لاتا تۈگۈچنى چىقاردى:
−− بائىمە، بۇ يىلان بىلەن قىزىلگۈلنى قۇرۇتۇپ ئېلىپ قويغانىدىم، تېۋىپ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن دېگەن، چوقۇم ئىچىڭ.
توختىمەت تۈگۈچنى ئۇنىڭغا بىر ھازا سۇنۇپ تۇرغاندىن كېيىن ئاستا ئۇنىڭ ناۋات رەڭ پىلاتىسىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدى.
دادىسىنىڭ سالا - سۇلھىسى بىلەن ھۆكۈممۇ ناھايىتى تېز چىقتى، ئۇلار ئاجراشتۇرۇلغان، ئالمىرە ئانىسىغا، نادىر، باھادىرلار دادىسىغا بۇيرۇلغانىدى. ئۇلار بائىمە ھەم نەۋرىسى ئالمىرەنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئالمىرەنى ئالغىلى بارغاندا ئۆيدىكى ھەممە ئادەم خۇددى مۇسىبەت بولغاندەك قايغۇلۇق قىياپەتتە ئىدى، بوۋاي - موماي ئەلەملىك ئۇھ تارتىشاتتى، نادىر، باھادىرلار ئانىسىغا قىيماي يىغلايتتى، شەھەرنى كۆرۈپ كېلىڭلار، ئۆزۈم ئەكىلىپ قويىمەن دېسىمۇ شەھەرلىك بوۋا - مومىسىدىن ياتسىراپ ئۇنىمايتتى. بائىمەگىمۇ ئاسان ئەمەس، توختىمەت كۆرۈنمەيتتى، سىڭلىسىنىڭ تۈرتۈشى بىلەن خوشلىشىپ ماڭغان بائىمە نەچچە قەدەم مېڭىپ نېمىنىدۇ كۆڭلى تۇيغاندەك ئارقىغا ئۆرۈلدى، توختىمەت ئۆستەڭ ياقىسىدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ساددا بەختىيارلىق تۇيغۇلىرى ئەبەدىي يوقالغانىدى...
−− ھەدە، ئۇخلاپ قالدىڭىزما؟ −− كەرىمەنىڭ ئاۋازى ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى، −− ئەمدى تۇرۇڭ، چاچ ياسىتىمىز.
خىياللىرىنى تولۇق يىغىپ بولالمىغان بائىمە ئۆزىنى ساتىراشنىڭ ئالدىدا كۆردى، ئۆتكۈر قايچا كارت - كۇرت قىلىپلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەرگە بىر مۇنچە چاچلارنى دۆۋىلىۋەتتى، چاچلىرىغا ئاللىنېمىلەر سۈركىلىپ، قىسقۇچلارغا قىسىلىپ ئاخىر ئۇنىڭ چېچىمۇ كەرىمەنىڭ چېچىدەك ساغۇچ بويىلىپ بۈدۈر قىلىنىپ دولىسىغا يېيىلدى.
بائىمە تەلتۆكۈس ئۆزگەردى. ئۇنىڭ تەرق - تۇرقىدىن ئۆتكەن جاپالىق تۇرمۇشنىڭ ئىزنالىرى يوقالغان، ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ قالغان يېزا پۇرىقىمۇ مەززىلىك ئەتىر پۇرىقىغا ئالماشقان ئىدى.
سىڭلىسى ئۇنى شۇ يوسۇندا نەچچە كۈن يېتىلەپ يۈردى، كوچا - رەستىلەرنى ئايلاندۇردى، داڭلىق ماگىزىنلارغا ئاپاردى، رېستورانلارنى، ھەتتا غەربچە تاماقخانىلارنىمۇ كۆرسىتىپ كەلدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن بۇ زور ئۆزگىرىشتىن بائىمە گاڭگىراپ قالدى. بۇ گەرچە ئۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەر بولسىمۇ، لېكىن بائىمە شەھەرگە بەكمۇ ياتلىشىپ كەتكەنىدى.
بائىمەنى جاپالىق يېزا تۇرمۇشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ مەدەنىي شەھەر تۇرمۇشىغا ماسلاشتۇرۇش جېڭى بىرەر ئاي داۋاملاشقان بولدى، قىزىنىڭ كۆز ئالدىدا ئوبدان كىيىنىپ، ئوبدان يەپ يۈرۈۋاتقىنىدىن ئاخىر ئاتا - ئانىسىنىڭمۇ كۆڭلى تىندى، سىڭلىسىمۇ خۇددى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندەك ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھەلەكچىلىكىگە چۈشتى.
بائىمەنىڭ خىزمىتىمۇ شەھەرگە قاراشلىق بىر رايوندىكى ئىش بېجىرىش باشقارمسىغا يۆتكەلدى. تەتىلنى تۈگەتكەن ئالمىرەمۇ شەھەردىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىردى. قارىماققا بائىمەنىڭ ئىشلىرى ناھايىتى يۈرۈشۈپ كەتكەندەك ئىدى. ئەمما شۇ تاپتا مودا كىيىنگەن، ساغۇچ چاچلىرىنى قويۇۋەتكەن، سۇس گىرىم قىلىۋالغان بائىمە ئېغىر خىياللارغا پاتقان ھالدا ئىشقا كېتىۋاتتى، روھىي ھالىتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. چۈنكى يېڭى خىزمەت ئورنىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياش ئىشداشلىرى، يۇقىرى كەسپىي بىلىملەرگە ئىگە خىزمەتداشلىرى ئالدىدا بائىمە چېنىپلا قالغانىدى. بارغانسېرى ئەدەپ كېتىۋاتقان سۈت بېزى ياللۇغى كېسىلى ئۇنىڭ تىرىشىپ كەسىپ ئىگىللەش، ياش چاغلىرىدا ئۆگىنىشكە شارائىت بولمىغان بىلىملەرنى تولۇقلاپ ئۆگىنىشتەك ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ۋۇجۇدىدىن سۈرۈپ چىقىرىۋەتكەن ئىدى. قىزى ئالىمىرە بولسا دەرس باشلىغان بىر ئايدىن بېرى ئۇ ھەر كۈنى كۆزلىرى ياش يۇقى ھالدا مەكتەپتىن كېلەتتى. ئۇنىڭ دېيىشچە ئۇ خەنزۇ تىلى دەرسىدە بەك قىينىلىپ كېتىۋېتىپتىمىش، مۇئەللىم ئۇنى تۇرغۇزۇپ تېكىست ئوقۇتۇپتىكەن، ھەممە بالىلار كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن بالىلار ئۇنىڭغا گەپ قىلسا ئۇنىڭ تەلەپپۇزىنى دوراپ گەپ قىلىدىكەن، تەلەپچان مۇئەللىم ئۇنى يېتەكلەش ئۈچۈن ھەر سائەتلىك دەرسىدە تۇرغۇزۇپ ئوقۇتىدىكەن، بۇ ئەكس ئۈنۈم بېرىپ ئالمىرەگە مەكتەپ، سىنىپ زىنداندەك تۇيۇلىدىغان بوپتۇ. بائىمەنىڭ قىزىغا ئىچى ئاغرىپ قىلمىغىنى قالمىدى، ئالمىرەمۇ خېلىلا تىرىشىپ باقتى، ئەمما ئانچە ئۈنۈمى بولمىدى.
يوغان كىتاب ئىشكاپى بىرىكتۈرۈلگەن ئازادە يېزىق ئۈستىلى ئالدىدا روھسىز ئولتۇرغان ئالمىرە يېزىدىكى دەريا بويىدىكى تاشتا ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلاۋاتقان، ئۆيدە توك توختاپ قالغانلاردا جىنچىراغنى ياندۇرۇپ كېچىلەپ مۇزاكىرە قىلغان چاغلىرىنى ئەسلەيتتى. ئۇ چاغلاردا مۇئەللىملەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى، ساۋاقداشلىرى ھەۋەس قىلاتتى، ئۇ مەھەللىدىكى ئويۇنلارنىڭ يولباشچىسى، تەشكىللىگۈچىسى ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ بىرەر دوستىمۇ يوق. شەھەرگە كېلىپ كۆڭلى بىردىنبىر خۇش بولغان نەرسە كومپيوتېر ئىدى. نەۋرە ئىنىسى ئەرافات ئۇنىڭغا كومپيوتېرنى قانداق ئىشلىتىش، ھەم ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناشنى ئۆگىتىپ قويغان ئىدى. ئۇ كەچلىك تاماقتىن كېيىن مۇزاكىرە قىلىمەن، دەپ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋالاتتى. كومپيوتېرنىڭ ئەلمى - تەلمىدىن ئانچە خەۋىرى يوق بائىمە قىزىنىڭ زامانىۋى پەن قوراللىرىدىن پايدىلىنالايدىغان بولغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ئارقىسىدىن قاراپ قالاتتى. مەكتەپتىن كېلىپلا سومكىلىرىنى تاشلاپ ئېتىزغا ئوت ئالغىلى بارىدىغان، مەھەللىنىڭ توپىلىق يوللىرىدا يالاڭ ئاياغ يۈگۈرۈپ يۈرىدىغان نادىر بىلەن باھادىرنى ئويلاپ كۆز يېشى قىلاتتى.
قىش كەلدى، مەكتەپتىن قىشلىق تەتىلگە قويۇۋېتىشى بىلەن ئالمىرە خۇددى باغلاقتىن بوشانغان ئوغلاقتەك ئەركىنلىشىپ كەتتى. ئۇ ھازىر يالغۇز ئەمەس ئىدى. ئۇ سىرتتا نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتى. ئۇنىڭدا يېڭى كەلگەن چاغدىكىدەك ياتسىراش، غېرىبسىنىش تۇيغۇسى يوقالغان، شەھەرنىڭ ئويۇن - تاماشىلىرىغا خېلىلا كۆنۈپ قالغان ئىدى. بائىمەلا ئەمەس، چوڭ ئانا، چوڭ دادىلىرىنىڭمۇ گېپىنى قېتىغا ئېلىپ قويمايتتى. گەپ ئازراقلا ئېغىر كەتسە كۆزۈڭلارغا سىغمىسام يېزىغىلا كېتەي ئەمىسە، دەپ تۇرۇۋالاتتى.
لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان بىر كۈنى ئۆيگە كەل−گەن سىڭلىسىنىڭ يول−دىشى »پ−ەستە يوچۇنلا بىر ئادەم ئىككى بالىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ، بىرەرسىنىڭ تۇغقىنىمىكىن« دەپ كىرىۋېدى، بائىمە نېمىنىدۇ كۆڭلى تۇيۇپ ئالدىراش چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ پەسكە چۈشتى. پەرىزىدىكىدەك بىنا ئالدىدا توختىمەت ئىككى بالىسىنى تۇتۇپ تۇراتتى. ئۇلار ئۆزلىرىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كەلگەن بائىمەنى دەسلەپ تونۇمىدى، بائىمە كېلىپ ئۇلارنى مەھكەم باغرىغا باسقىنىدا ئانىسىنى كۆرگۈسى كېلىپ خەقىش قىلىشقان بالىلار ئانىسىنى تەستە تونۇپ، ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىش - ئاتماسلىقنى بىلەلمەي قالغاندەك تۇرۇپ قېلىشتى. بائىمەنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى. بائىمەنى ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىدۇ دەپ ئۇنى غايىۋانە سېغىنىپ ئۆزىنى بەزلەپ يۈرگەن توختىمەت بائىمەنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپ قەلبىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد يىپىمۇ ئۈزۈلدى. ئۇ ناھايىتى چوڭ ئۈمىد بىلەن غەيرەت قىلىپ كەلگەنىدى، ئەمما توختىمەت كۆردىكى بائىمە ھەممىنى ئۇنتۇپتۇ، توختىمەتنىڭ قەلبى بائىمە كەتكەن چاغدىنمۇ بەكرەك ئازابلاندى. سۆيۈملۈك بائىمەسىنى بىر كۆرۈۋالسا كاشكى، كۆز ئالدىدىكى بۇ ئايال ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سۆيۈملۈك بائىمەسى ئەمەس ئىدى.
بۇنداق تۇرۇۋەرگىلى بولمايتتى، بائىمە بالىلارنى يېتىلىگەچ توختىمەتنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى.
−− مەن كىرمەي، −− دېدى توختىمەت، −− بالىلار سىزنى سېغىنىپ بەك غەلۋە قىلىپ كەتتى، كۆرسىتىپ كېلەي دەپ ئەكەلدىم، كەتكۈسى كەلگەندە بالىلار مېنى ن−ەدىن تېپىشنى بىلىدۇ. ئالمىرە چىقماپتىغۇ؟
−− ئۇ ئۆيدە يوق ئىدى، ھېلىغىچە كېلەرمىكىن.
−− بولىدۇ، خوش ئەمىسە.
توختىمەت شۇنداق دەپلا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ماڭدى، لېكىن بائىمەلەر كىرىپ كېتىشىگە قەدەملىرى چىپپىدە توختىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا ئېگىز بىنا سوغۇق غادىيىپ تۇراتتى.
بائىمە بالىلارنى باشلاپ خۇشال ھالدا ئۆيگە كىردى، ئوغۇللار تولىمۇ قاۋۇل، ساغلام كۆرۈنەتتى. چوڭ ئانىسى ئۇلارنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كۆرۈشكەن بولسىمۇ، كۆرۈشۈپ بولۇپلا ئۇلارنى ئايىغىنى سېلىۋېتىشكە بۇيرۇدى. ئۇلار ئەپسىز ھەم قولايسىز ھالدا ئاياغلىرىنى سېلىشتى، شۇ زامان ئۆينى پۇتنىڭ سېسىق پۇرىقى قاپلىدى. بائىمە بالىلىرىنى يېشىندۈرۈپ ئۈستەلگە باشلىدى، بالىلارنىڭ پوپايكىلىرىنىڭ جەينەكلىرى سۆكۈلگەن، ھەر ئىككىسىنىڭ پايپىقىنىڭ ئۇچى تۆشۈك ئىدى. ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قالغان بالىلار جاپاكەش دادىسىنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈپ ئىش - ئەمگەككە كۆنۈپ كەتكەن، يىرتىلغاننى يامايدىغان، كىر بولغاننى يۇيىدىغان ئانىسى بولمىغاچقا ئۈستباشلىرى كونىراپ مەينەتلىشىپ كەتكەنىدى.
تاماقتىن كېيىن شازادەم ئانا سىرتتىكى سوغۇققا قارىماي ھەممە دېرىزىلەرنى ئېچىۋەتتى ھەم بالىلارنى مۇنچىغا كىرىپ يۇيۇنۇشقا بۇيرۇدى. چوڭ بولۇپ قالغان ئوغۇللار ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىچە مۇنچىغا كىرىشكە ئۇنىمىدى، ئۇلار ھەقىقەتەن يات مۇھىتقا كىرىپ قالغان، ھەتتا نەچچە ۋاقىتلاردىن بېرى سېغىنىپ قوينىغا زار بولغان ئانىسىمۇ كۆزلىرىگە يات كۆرۈنگەن ئىدى. ئۇلار بىلەن تەڭتۇش ئەرافات بۇرنىنى ئەتكەن ھالدا؛
−− بۇلار نېمانچە سېسىق پۇرايدۇ؟ بولدى بۈگۈن مەن بۇ ئۆيدە ھەرگىز قونمايمەن، −− دېدى.
نادىر ئەرافاتقا قاراپ بىر نەرسە دېمەكچى بولدى - يۇ، لەۋلىرى ئۈمچىيىپ گەپ قىلالمىدى. ئاندىن قەتئىي قارارغا كەلگەندەك ئېتىلىپ بارغانچە چاپىنىنى ئېلىپ ئايىغىنى كىيىشكە باشلىدى، باھادىرمۇ شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئاكىسىدىن بۇرۇن بېرىپ ئايىغىنى كىيىپ بولدى. ئۇلارنىڭ كەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلگەن بائىمە ئالدىراپ كېلىپ ئۇلارنى توسۇۋالدى، لېكىن ئۇلار ئانىسىنى كۈچ بىلەن ئىتتىرىۋېتىپ ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. نادىر بىرسىنىڭ پەلەمپەي بىلەن چۈشۈپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ پەلەمپەيگە ئۆزىنى ئاتتى. بالىلار كېيىكتەك تاقلاپ بىردەمدە كۆزدىن غايىب بولدى. ئۇلارغا يېتىشىش ئۈچۈن بائىمە لىفت بىلەن چۈشتى، ئۇ چۈشكەندە بالىلار سىرتقا چىقىپ بولغان ئىدى.
توختىمەت خۇددى بالىلىرىنىڭ يېنىپ چىقىشىنى بىلىدىغاندەك تۇرغان جايىدا قىمىرلىماي تۇراتتى، بالىلار دادىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ پاڭڭىدە يىغلاپ كېتىشتى. ئۇلار يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بائىمەدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ دادىسىنى مېڭىشقا تۈرتۈشتى.
−− نادىر، باھادىر يېنىپ كېلىڭلار! −− دېدى بائىمە يىغلامسىراپ، توختىمەت بىر ھازا تۇرغاندىن كېيىن بالىلىرىنىڭ قولىدىن كاپپىدە تۇتۇپ ئارقىغا ئۆرۈلۈپ مېڭىپ كەتتى. بائىمەدە بالىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرگىدەك كۈچ - مادار قالمىغان ئىدى، ئۇ ئۆزىگە قايرىلىپ قاراپمۇ قويماي كېتىپ بارغان بالىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن قارىغىنىچە لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
بائىمە شۇ كۈندىن باشلاپ شۈكلەپ كەتتى، شۇنچە سېغىنغان يۈرەك پارىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن خۇددى يات ئادەمدەك ئۈركۈشى، كۆڭلى ئاغرىپ كۆزلىرى ياش ھالدا يامانلاپ كېتىشى ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كەلگەنىدى. خىزمەتكىمۇ كۆڭۈلسىز بېرىپ كۆڭۈلسىز قايتاتتى. يېقىندىن بېرى باشقىچىلا بولۇپ قالغان ئالمىرەمۇ ئانىسى بىلەن كەمدىن - كەم سۆزلىشەتتى، ئىچى تولىمۇ سىقىلغان بائىمە ئاخىر ئۇخلاشقا تەمشەلگەن قىزىنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشتى. كەلگەندىن بېرى دەردى ئەھۋالىنى دېيەلمىگەن ئالمىرەمۇ تۇنجى قېتىم دەرد تۆكتى.
−− ئانا، مەن بۇ ئائىلىگە راستتىنلا كۆنەلمىدىم، دادام كەلگەندە مەن يوق بولۇپ قاپتىمەن، بولمىسا ھەرقانچە توسسىڭىزمۇ ئۇلار بىلەن قايتىپ كېتەتتىم. ئۆيدە بولساملا ئىچىم سىقىلىدۇ، تالاغا چىقىپ كەتكۈملا كېلىدۇ. ئانا كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەي، چوڭ ئانام ماڭا ئامراقتەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە مېنى ئەرافاتچىلىك كۆرمەيدۇ، بارغانسېرى كۆزىگە سىغمايۋاتىمەن، باشتا كەلگەندە مەنمۇ قازان - قومۇچلارنى يۇيۇپ ئۆي ئىشلىرىغا قاراشقان، لېكىن چوڭ ئانام مەن يۇغان قاچىلارنى كۆز ئالدىمدا قايتا يۇدى، ياغلىقىنى يۇيۇپ بەرسەم يېيىپ قويغان يېرىمدىن ئېلىپ قايتا چايقىدى، شۇڭا ھازىر ئۆي ئىشلىرىغىمۇ قاراشقۇم يوق. ئىنىملار كەلگەندىمۇ ھەممىسى ياراتمىغاندەك قىلىپ كېتىشىپتۇ، ئويلاپ بېقىڭا ئانا، ئىنىملار مەكتەپتىن كېلىپ دېھقانچىلىققا قارىشىدۇ، قوي - كالا باقىدۇ، خۇددى چوڭ ئادەملەردەك ئىشلەيدۇ، ئەرافاتچۇ؟ تېخىچە كىيىمىنى ئوڭشاپ كىيەلمەيدۇ، ئالدىغا كەلگەن تاماقنى يېمەي بوۋاقتەك غەلۋە قىلىدۇ، ئۇنداق تەييارتاپ ئاقنانچىدىن ئىنىلىرىمنى يۈز ھەسسە ئەلا بىلىمەن. يېزىدىكى بوۋام - موماملارنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى، دوستلىرىمنى سېغىندىم، كېتەي دېسەم سىزنى يالغۇز تاشلاپ كەتكۈم يوق...
بائىمەنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ قىزىنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپ كەتتى، بىر ھازادىن كېيىن بىرئاز پەسكويغا چۈشۈپ دېدى.
−− ۋاقىت ئۇزارغانچە ھەممە ئىشلار ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، ئەڭ مۇھىمى سىز ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، سىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇم بار، يېقىندىن بېرى ئويۇنغا بەك بېرىلىپ كەتتىڭىز، ئۇنداق قىلماڭ، مېنى ئاياڭ.
ئالمىرە ئانىسىغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن چىرايىدىكى ساددا بالىلارچە ئىپادە يوقاپ بىپەرۋا سوغۇق ھالىتىگە قايتىپ ئۆرۈلۈپ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ يېتىۋالدى، بائىمە قىزىنىڭ مۈرىسىگە يېيىلغان قويۇق قارا چاچلىرىنى سىلىغىنىچە خىيالغا چۆكتى.
بائىمەنىڭ ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەلگىنىگە ھەش - پەش دېگۈچە ئىككى يىل بولۇپ قالدى. ئالمىرەمۇ 17ياشقا كىرىپ، بويلىرى ئېگىزلەپ چوڭلا قىز بولۇپ قالدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ غېمى يەنىلا بائىمەدە ئىدى، شۇنداق ئولتۇرۇۋەرگىلىمۇ بولمايدۇ - دە؟ شازادەم ئانا كۆزىنىڭ ئوچۇقىدا قىزىنى ئوبدانراق بىر ئەرگە بېرىپ تۇرمۇشىنى ئىزىغا سېلىپ قويۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، پات - پاتلا بائىمەگە:
−− ئۆمرۈمدە سېنىڭمۇ تويۇڭنى كۆرەي بالام، شۇ يىللاردا ئامالنىڭ يوقىدا سېنى خەقنىڭ ئېشەك ھارۋىسىغا چىقىرىپلا ئۇزىتىپ قويغان، ئۇنى توي دېگىلى بولسۇنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھەرگىزمۇ سەن، بىزنىڭ خىلىمىز ئەمەستى، ياشلىقىڭ شۇ سەھرانىڭ توپىلىرىغا كۆمۈلۈپ ئۆتتى، ئەمدى بولسىمۇ ئۆزۈڭنىڭ يارىشىقىدا لايىقتىن بىرنى تېپىپ ئەل - قاتارى تويۇڭنى قىلساق بولاتتى، −− دەيتتى.
−− توۋا دېسىڭىزا ئانا، ئاران جەم بولدۇق، سىلەرمۇ ياشىنىپ قالدىڭلار، ھالىڭلاردىن خەۋەر ئېلىپ ئالدىڭلاردا تۇراي، بۇ ياشقا كەلگەندە ھەرگىزمۇ ئەرگە تەگمەيمەن.
−− ئۇنداق دېمە بالام، قىزىڭ 71 ياشقا كىرگەن بىلەن سەن ئەمدى تېخ34 ياشقا كىردىڭ. شەھەر دېگەندە سەنچىلىك ئاياللار ئۆزلىرىنى قىز بالىدەك چاغلىشىپ يۈرۈشىدۇ، توي قىلمىساڭ قانداق بولىدۇ؟
دەسلەپ ئۆزئارا دېيىشكەندەك تۇيۇلغان بۇ ئىش بارا - بارا چىڭىغا چىققىلى تۇردى. مالىيە ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان ئايالىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بىر ئەر بائىمەنى نەدە كۆرگەن، قانداق بىلگەن، ئىشقىلىپ يېقىندىن بېرى بائىمەنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە شۇ كىشىنىڭ گېپى بولىدىغان بولدى. شازادەم ئانا بىلەن كەرىمە بۇ ئىشقا خېلىلا قىزغىن ئىدى. بائىمە ئەسلىي شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن كېسىلىم چوقۇم ياخشىلىنىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغان، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقىنىنى ھېس قىلاتتى.
چىرايى گىرىم بىلەن ئانچە - مۇنچە رەڭ تۈزەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن تاتىراڭغۇ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، ئىشقا بېرىپ، كەلگۈچە ئون جېنىنىڭ بىرى قالاتتى. خىزمەت بېسىمى، ئالمىرەنىڭ غېمى ئۇنىڭ ئاجىز يەلكىسىنى تاغدەك بېسىپ تۇراتتى. ئانىسىنىڭ غېمى −− ئۇ شۇنداق ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتىدا بىر ھەمراھ تېپىش ئىدى، ئالمىرەگىمۇ دادا بولغىنى ياخشى ئىدى.
ھېلىقى ئەرنىڭ ئىسمى قۇدرەت ئىدى. ئۇ بائىمە بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى. ئۇ قارىماقتا قائىدە - يوسۇنلۇق، سىلىق - سىپايە كۆرۈنەتتى. ئۇلار سۆزلەشكۈدەك ئورتاق گەپ تېپىلمىدى. شۇنداقتىمۇ قۇدرەت ئۆزىنىڭ ئىدارىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، يۇقىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىرەر چوڭ نەتىجە يارىتىش خىيالى بارلىقىنى دەپ ئۆتتى. بائىمە ئۇنى كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، غايىلىك ئادەم ئىكەن دەپ ئويلىدى. توي، ئەر دېگەنلەر ھازىر ئۇنى قىزىقتۇرالمايتتى، ھەتتا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئولتۇرغانلىقىنى، بۇ كۆرۈشۈشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئويلىغۇدەك مادارى يوق ئىدى.
لېكىن ئۇنىڭ بۇنداق ھالىتى قۇدرەتنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. قۇدرەت خۇددى سەۋدايىلەرچە ئاشىق بولۇپ قالغاندەك ئەلچى كىرگۈزۈپ ھارمىدى. قىزى ئالمىرەمۇ بائىمەنى بۇ توي ھەققىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. ئالمىرە بارغانچە باشباشتاق بولۇپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ ئۆيدە چوڭ ئانا، چوڭ دادىسى بىلەن تولا گەپ تەگىشىپ قالاتتى، ھاممىسى كەرىمە ھەم ئەرافات بىلەنمۇ تازا ئېپى كېلىشىپ كەتمەيتتى. كۆپ ھاللاردا سىرتتا يۈرەتتى. نەدە نېمە ئىش قىلىپ يۈرگەننى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇنىڭغا گەپ يېگۈزەلمىگەن بائىمە ئاخىر قىز بالىغا دادا بولمىسا بولمايدىكەن دېگەن خىيالغا كەلدى، بائىمە ئايرىم ئۆي تۇتسا ئالمىرە ئۆيدىن قاچمايدىغان بولارمۇ؟
بائىمە ئاخىر تويغا ماقۇللۇق بىلدۈردى، توي ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
گەرچە تويى بولۇۋاتسىمۇ بائىمەنىڭ يۈرىكى شادلىق، بەخت تۇيغۇسىدىن مۇستەسنا ئىدى. بوغۇزىغا ئاچچىق بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بىئارام بولاتتى، چۈشىنىكسىز بىر ئاغرىق يۈرىكىنى چىرماپ تۇراتتى، ئالمىرە ئەتىگەندىن كەچكىچە قارىسىنى كۆرسەتمىدى.
تويمۇ ئاياغلاشتى، يېڭى تۇتىدىغان ئۆيى ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن خېلىلا يىراق بىر ئولتۇراق رايوندا ئىدى. بۇ ئۆي گەرچە چوڭ بولمىسىمۇ يېڭىدىن زىننەتلەنگەن، ياشلارنىڭ ئۆيىدەك مودا بېزەلگەنىدى. توي كۈنى نېمىشقىكىن ئېرىنىڭ كەيپىياتىمۇ ئىلمان بولۇپ قالغانىدى، توي كېچىسىمۇ شۇنداق ئىلمانلىق ئىچىدە ئۆتتى.
بائىمەنىڭ تۇرمۇشى شۇنداق ئىلمانلىق ئىچىدە تىپتىنچ بۇرۇقتۇرما ھالەتتە داۋام ئەتمەكتە ئىدى، ئۇلاردا يېڭى توي قىلغان ئەر - خوتۇنلاردەك كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان مۇھەببەتلىك سۆزلەر، ئامراقلىقلار يوق ئىدى. قۇدرەت ئۆيدە بولسا يا تېلېۋىزور كۆرەتتى، يا ئۇخلايتتى، زورۇقۇپ ئانچە - مۇنچە پاراڭلىشىپ قوياتتى، لېكىن يېڭى ئالغان خوتۇنىغا بىرەر قېتىم مېھىرلىك قاراپ قويغىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بەزىدە ھەپتىلەپ كوماندىروپكىغا كېتەتتى، بۇنداق چاغدا بائىمە ياسىداق بولۇشىغا قارىماي مۇڭ يېغىپ تۇرىدىغان ئۆيىدە يالغۇز قالاتتى. ئالمىرە بۇ يېڭى دادىنى تېخىمۇ قوبۇل قىلالمىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ كوماندىروپكىغا كەتكەندە كېلىپ ئانىسىغا ھەمراھ بولاتتى. ئانىسىغا ئىچى ئاغرىيتتى - يۇ، لېكىن ئانىسىنىڭ كىم نەگە باشلىسا شۇ يەرگە ماڭىدىغان مىجەزىدىن ئىچى پۇشاتتى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭمۇ شەھەرگە كەلگۈسى، ئۆزىنى بوينىغا مىندۈرۈپ چوڭ قىلغان دادىسىدىن ھەرگىز ئايرىلغۇسى يوق ئىدى، ئەمما ئاشۇ جان كۆيەر دادىسى ئۇنى بېرىشقا زورلىدى. »بېرىڭ قىزىم، ئانىڭىز ئاجىز، ئۇ يەردە غېرىبسىنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇڭ، مېنى ئۇنتۇپ قالماڭ بالام« دېگەنىدى. ھازىرقى ئەپتىنى دادىسى كۆرسە نېمىمۇ دەر؟ ئاھ خۇدا، ئۇنىڭ قانداق ياشاۋاتقىنىنى دادىسى، ئانىسى ئىشقىلىپ ھېچكىم بىلمىسۇن، بىلسە ئاشۇ قەلبى گۆھەردەك ساپ، ئاق كۆڭۈل دادىسىنىڭ يۈرىكى لەختە - لەختە قان بولىدۇ. ئۇ دادىسىنى شۇنچىلىك سېغىنغانىدى، دادىسىغا خىيالەن يۈز كېلەلمەي ئازابلانغان چاغلىرىدا، ئۇنىڭ ئۆتۈنۈشى بويىچە ئانىسىغا ھەمراھ بولاتتى.
قۇدرەت بائىمە بىلەن ئۇرۇش - تالاشمۇ قىلمايتتى، پۇل لازىم بولسا يېتىپ ئاشقۇدەك بېرەتتى، ئارام كۈنلىرى سوۋغا - سالاملارنى ئېلىپ بائىمەنىڭ چوڭ ئۆيىگە بېرىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىدا بائىمەنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى يېتىپ ئاشقۇچە قىلاتتى، دادىسى بۇ تىرىشچان كۈيۈئوغلىدىن سۆيۈنەتتى، شازادەم ئانا قىزىنىڭ ئارقىسىدىن ھەۋەس ھەم رازىمەنلىك بىلەن قاراپ قالاتتى.
بائىمە قۇدرەتتىن ھېچقانداق مېھىر - مۇھەببەت ھېس قىلمىدى. ئۇنىڭ پۇتلىرى يەنىلا ئاۋۋالقىدەكلا ئاخشاملىرى مۇزلايتتى، دوختۇرغا نەچچە كۆرۈنگەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. دوختۇرنىڭ »كالتسىي كەملىك« دېگىنى بويىچە كالتسىي تولۇقلاپ ئىچمىگەن نەرسە ئاز قالدى، پۇتلىرى يەنىلا ئاخشاملىرى تۇيۇقسىز قاتتىق مۇزلايتتى. ئۇ گىرېلكىغا قايناق سۇ قۇيۇپ پۇتىنى يېقىپ ياتاتتى، گىرېلكا ئۇنىڭ پۇتىنى ئىسسىتالايتتى - يۇ ۋۇجۇدىنى ئىللىتالمايتتى، ئۇنى تېخىمۇ غېرىبسىندۇراتتى. ئۇ بۇرۇن بۇنداق مۇزلاشنىڭ ئازابىنى تارتىپ باقمىغانىدى. توختىمەت ئۇنىڭ پۇتىنىڭ مۇزلايدىغىنىنى ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىلىپ بولاتتى، ئۇنىڭ قوينى ھەر زامان شۇنداق ھارارەتلىك ئىدى، بائىمە پۇتىدىن تاراۋاتقان ھارارەتنىڭ تەپتىدە مەستخۇش بولۇپ ئۇخلاپ قالاتتى...
پۇتىنى گىرېلكىغا يېقىپ تورۇسقا قاراپ ياتقان بائىمەنىڭ توي كۈندىكىگە ئوخشاش بوغۇزىغا ئاچچىق بىر نەرسە كەپلەشكەندەك بولدى. ئېسىل نەقىشلىك كارىۋىتىدا ئۇخلاپ قالغان بائىمە كېچىچە يۇرۇقسايدىكى كېسەك تاملىق ئۆيىنى، ئىسسىق كېڭىنى چۈشەپ چىقتى، ئويغۇنۇپ كېتىپ ئاشۇ كاڭنىڭ راھىتىنى ئەمدى ھېچ يەردىن تاپالمايدىغىنىنى ئويلاپ كۆڭلى بۇزۇلدى.
دوختۇر ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى قايتا تەكشۈرۈپ كېسىلىنىڭ يامان سۈپەتلىككە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلمىسا كېسەللىك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پۈتۈن بەدەنگە تارقاپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. دوختۇرنىڭ ئوپېراتسىيە دېگىنى ئۇنىڭ ئىككى كۆكسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئىدى. ئۇ بۇ ئىشنى ئېرىگە ئېيتىۋېدى، ئېرى چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ »دوختۇر شۇنداق دېگەن بولسا ئامال يوق، ئوپېراتسىيەنى چوڭراق دوختۇرخانىدا قىلايلى، قانچە پۇل كەتسە مەيلى« دېدى. ئۆيىدىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ بائىمەنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىدىغان بولۇشتى. قۇدرەت ئالدىراش بولغاچقا، كەرىمە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارىدىغان بولۇپ، ئېرى خېلىلا جىق پۇل بىلەن ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى. بائىمە ئۈرۈمچىدە 40كۈن داۋالىنىپ قايتىپ كەلدى. ئۇنى نەچچە يىل ئازابلىغان سۈت بېزى ياللۇغى كېسىلى ئۇنىڭ ئاياللىق نازاكىتىنى نامايان قىلىپ تۇرغان ئالمىدەك كۆكسى بىلەن قوشۇلۇپ يوقىدى.
ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئېرىنىڭ مەنسىپى بىر بالداق ئۆرلىگەنىدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ ئىشقا ئۇنىڭ دادىسى ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئىكەن. ئېرى بىلەن دادىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاپ كەتكەن، ئېرى بائىمەنىمۇ بەكلا ۋاي دەيدىغان بولۇپ كەتكەنىدى. بائىمە ئېرىنىڭ ئېغىزىدىن »ئاۋايلاڭ، كۈچىمەڭ، نېمە يېگۈڭىز بار؟« دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتى، بىراق كۆزلىرىدىن ھېچقانداق مېھىر - مۇھەببەت ھېس قىلالمايتتى. شۇنداق چاغدا ئاپتاپتا كۆيۈپ مس رەڭگە كىرگەن، ساقال - بۇرۇت باسقان مىسكىن بىر چىراينى، ئوت يېنىپ تۇرىدىغان، ئۇنىڭغا ھەر زامان چوڭقۇر ئىشتىياق بىلەن تىكىلىدىغان قوي كۆزلەرنى ئېسىگە ئېلىپ ئۇلۇغ - كىچىك تىناتتى.
قىزىغا قارىغىنىدا، ھەر ۋاقىت قىزىنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىنى ئەيىبلەۋاتقاندەك، ئىچ ئاغرىتىۋاتقاندەك، بىر تۇرۇپ نەپرەتلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇنى سېزەتتى. قىزى ئۇنىڭدىن قېچىپ يۈرەتتى، مەكتەپتىكى ئىپادىسى ھەم ئۆگىنىش نەتىجىسى بەكمۇ ناچار بولغاچقا بائىمە نەچچە قېتىم مۇئەللىم تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ تەنبىھ ئىشىتتى، ئاچچىقىغا پايلىماي قىزىنى بىر شاپىلاق سالغاندا، قىزىمۇ ئۇ ئويلىمىغانلا گەپنى قىلدى.
−− سىز قاچان ماڭا، يېزىدىكى ئىنىلىرىمغا كۆڭۈل بۆلۈپ باققان؟ مېنىڭ ھالىمغا يېتىپ باققان؟ بىر بالا ئۈچۈن ئاتا - ئانىسى دەرقەمتە ئائىلىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلمەمتىڭىز؟ ئۆزىڭىز راھەت قوغلىشىپ بىچارە دادامنى، ئۇكىلىرىمنى تاشلىۋېتىپ مېنى بۇ يەرگە ئەكەلدىڭىز. ياسىنىپ تارىنىپ يەنە ئەرگىمۇ تەگدىڭىز. باشقا ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن نى - نى دەرد - ئەلەملەرگە چىداپ بالىلىرىنى يېتىم قىلماي ئۆي تۇتىدىكەن، شۇنچە كۆڭۈللۈك ئوبدان ئائىلىمىزنى سىز ۋەيران قىلدىڭىز، بوينىمىزنى قىستىڭىز، مەن بۇ يەردە نېمىدىن سۆيۈنۈپ، نېمىدىن خۇشال بولۇپ ياشايمەن؟
بائىمەنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ بېشى پىررىدە قايغاندەك بولدى.
−− مەنمۇ شۇ سىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرەي، ئوبدانراق ئوقۇتاي دەپ مۇشۇنداق قىلدىم، سىزنىڭ نېمىڭىز كەم؟ ھەممە نەرسىڭىزنى تەل قىلىپ بېرىۋاتىمەن، ھەممە ئادەم كۆزىڭىزگە قاراۋاتىدىغۇ؟
−− ئادەم دېگەن ئوبدان كىيىنىپ، ئوبدان يېسىلا ھەممە نەرسىسى تەل بولمايدۇ، ئۇنداق بولسا سىزمۇ خۇشال - خۇرام يۈرمەمسىز؟ ئەجەب ئۆزىڭىزمۇ شۈكلەپ، مۇڭلىنىپلا يۈرىيسىزغۇ؟
−− مەن دېگەن كېسەل.
−− سىزنىڭ ھېچقانچە ئېغىر كېسىلىڭىز يوق ئانا، سىزدىن ئېغىر كېسىلى بارلارمۇ بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگەنگە خۇشال بولۇپ ياشايدىكەنغۇ. ئۆزىڭىزنى كېسەل قىلغان ئۆزىڭىز، نېمىدىن خۇشال بولۇپ، نېمىدىن ئازابلىنىشنى بىلمەيسىز، تۇرمۇشنى مېنىڭچىلىكمۇ چۈشەنمەيسىز، ئاجراش دېسە ئاجراشتىڭىز، ئەرگە تەگ دېسە تەگدىڭىز، مۇشۇ ئائىلىنى ئائىلەم بار دەپ يۈرەمسىز؟
−− بولدى، گەپ قىلمىسام ھەددىڭىزدىن بەكلا ئېشىپ كەتتىڭىز، مەن دېگەن ئانىڭىز، نېمانچە بىشەملىك بۇ! بۇ سىزنىڭمۇ ئائىلىڭىز!
−− مېنىڭ بۇنداق ئائىلەم، ئۇنداق دادام يوق، ئۆلسەممۇ ئۇنى دادا دېمەيمەن.
−− ئۇ سىزگە نېمە يامانلىق قىلدى؟
−− ماڭا ھېچنېمە قىلمىدى، سىزگە قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم بولدى، دوستلىرىم بىلەن ئۇنى بىر ئايالنى قولتۇقلاپ يۈرگەن ھالەتتە ئۇچرىتىپ قالدىم. تۈنۈگۈن ئاخشاممۇ ئۇلار رېستوراندا بىللە تاماق يېدى، ئۇنىڭغا نېمىشقىمۇ تەگكەنسىز ئانا؟
−− چوڭلارنىڭ ئىشىنى سىز چۈشىنىپ كەتمەيسىز، ئىشلارغا قالايمىقان باھا بەرمەڭ، ئەر - ئايال خىزمەتداشلار، ساۋاقداشلار بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان ئىشلار دېگەن بولۇپ تۇرىدۇ، شەھەر دېگەندە ئۇنداق ئىشلار نورمال ئىش.
ئالمىرە ئانىسىغا قاراپ ئېچىنغاندەك كۈلۈپ قويدى.
−− ئۇنداق بولسا بۇ ئائىلىڭىزدە سىز تۇرۇڭ، مەن يۇرۇقسايغا دادامنىڭ يېنىغا كېتەي بولامدۇ؟
بائىمە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى.
−− مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ −− بائىمە بىردىن مۇلايىملىشىپ قىزىغا يالۋۇرغاندەك قارىدى.
−− مەن شۇ سىزنى دەپ چىداپ ئۆتۈۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە سىز يالغۇز ئەمەس، ئاتا - ئانىڭىز، سىڭلىڭىز بار. مانا ئەمدى ئېرىڭىزمۇ بار بولدى، نېمىشقا ئۆزىڭىزنى يالغۇز ھېس قىلىسىز؟ كەلگەندىن بېرى ئېچىلىپ - يېيىلىپ باققىنىڭىزنى كۆرمىدىم، بارغانسېرى شۈكلەپ كېتىۋاتىسىز، سىزگە ئىچىم ئاغرىيدۇ ئانا، ئۇ ئادەمگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ، مەن ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەن، جەزملەشتۈرەلمەي نەچچە قېتىم باردىم، ئۇنىڭ سىرتتا تۇتۇۋالغان ئۆيى بار. مەنچە بولسا ئاجرىشىپ كېتىڭا، ئۆزىڭىزگە يەنە ئارتۇق خاپىلىق تېپىۋالماڭ.
بائىمە قىزىنىڭ قويۇق قارا چاچلىرىنى سىلىدى، بەڭباش، بېشەمدەك كۆرۈنىدىغان ئالمىرە ئەمەلىيەتتە كۆيۈمچان ئىدى.
بۇ كۈنلەردە ئالمىرەنىڭ كۈنى ھەقىقەتەن تەس ئىدى. چوڭ ئۆيدە تۇراي دېسە چوڭ دادىسى ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ كىتاب، كونسىپىكلىرىنى تەكشۈرەيتتى، چوڭ ئانىسى ئەرافاتنى ماختاپ ئۇنىڭغا ئۈلگە قىلاتتى، ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇراي دېسە ئۆگەي دادىسىغا ئۆچلۈك قىلاتتى. شۇڭا دائىم سىرتلاردا يۈرەتتى، سىرتتىكى بىر توپ بالىلار نېمىشقىكىن مىجەزى ئوغۇل بالىلاردەك تۈز، مەردانە بۇ قىزنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى. قايسى كۈنى ئۇلار مۇزىكىلىق چايخانىدا ئولتۇرۇپ باشقا بىر توپ بىلەن تۇتۇشۇپ قالدى. بۇلارنىڭ توپىدىكى ئوغۇللار سان جەھەتتە ئاز بولۇپ قېلىپ قارشى توپتىكى ئوغۇللارغا تەڭ كېلەلمەي قالدى، بۇ چاغدا قاتتىق غەزەپلەنگەن ئالمىرە ئوتتۇرىغا چۈشتى. ئۇ نېمىلا دېگەنبىلەن سەھرادا چوڭ بولغان، يوغان تاغارلارنى يۈدۈپ، قوي - كالىلارنى ھەيدەپ يۈرگەن بولغاچقا، بۇ يەردىكى پارنىكتا ئۆسكەن ئاجىز، ئورۇق، ئوغۇللار ئۇنىڭ بىر تېپىكى بىلەن ئوڭدا چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئالمىرەنىڭ توپتىكى ئىناۋىتى بىراقلا ئۆسۈپ كەتتى، ئالمىرە نېمىشقىدۇر بۇ توپىنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇ بۇرۇن نېمقىشقىمۇ ئانامدەك چىرايلىق يارالمىغاندىمەن دەپ ئۆكۈنەتتى. ھازىر بولسا ئۆزىنىڭ دادىسىدەك قاۋۇل، كۈچتۈڭگۈر ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنىدىغان بولدى. ئۇنى ھەممەيلەن ھۆرمەتلەپ »ئاچا« دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىمۇ ئۆزگىرىپ، پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن يوغان تەنھەرىكەت ئايىغىنى كىيىپ يۈرىدىغان، بالىلار ئارىسىدا ئۆزىنى سىرلىق، مەغرۇر تۇتىدىغان بولدى. بۇ ئىشلىرىنى ئانىسىغا بىلدۈرمەيتتى، ئانىسىنىڭ يەنە يىغلاپ بىچارىلەرچە يالۋۇرۇشىنى كۆرگىسىمۇ يوق ئىدى. بىر كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا قۇدرەت تۇيۇقسىز گەپ تېشىپ قالدى.
−− ئالمىرە قىزىم، سىرتتا ئەجەب غەلىتە گەپ ئاڭلايمەنغۇ؟ سىزنى جەمئىيەتتىكى قارا جەمئىيەت شايكىسىغا ئارىلىشىپ يۈرىدۇ دەيدىغۇ؟
بۇ گەپتىن بائىمە داڭ قېتىپ قالدى، ئالمىرە غەزەپ بىلەن چوكىنى قويدى:
−− نېمىدېگەن گەپكەن ئۇ قارا جەمئىيەت دېگەن؟ مەن ئۇنداق گەپنى ئاڭلاپمۇ باقمىدىم.
−− ئاچچىقلانماڭ، −− دېدى قۇدرەت سالماقلىق بىلەن، −− ئەمەلىيەتتە ئۇنى قارا جەمئىيەت دېگىلىمۇ بولمايدۇ، جەمئىيەتتىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردىن تەركىب تاپقان ئوغرىلىق شايكىسى ئىكەن، ئۆزلىرىنى شۇنداق ئاتىۋاپتۇ. سىز نېمىلا دېگەنبىلەن مېنىڭ قىزىم، ئۇنداق ئادەملەرگە ئارىلاشماڭ، بىزگىمۇ يۈز كېرەك.
ئالمىرە ئورنىدىن دەس تۇردى:
−− سىزگە يۈز كېرەكما؟ يۈز كېتىدىغان ئىش قىلغان ئادەم مەن ئەمەس، سىز! ئۆزىڭىزمۇ سىرتتا بۇزۇق خوتۇنلار بىلەن سۆرىشىپ يۈرىيدىكەنسىزغۇ؟ 37- ئولتۇراق رايوندىكى گۈلناز دېگەن خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتۇۋالغىنىڭىزنى مېنى بىلمەيدۇ دەمسىز؟
−− ئالمىرە! −− بائىمەنىڭ قاتتىق ۋارقىرىشى بىلەن ئالمىرە گەپتىن چىپپىدە توختىدى. بائىمە قىزىنىڭ ئاغزىغىلا بىر شاپىلاق سېلىۋەتكىنىنى تۇيمايلا قالدى. بۇنى كۈتمىگەن ئالمىرە شاپىلاق تەگكەن يەرنى سىلىغىنىچە ئانىسىغا قاراپ قالدى.
−− ئالمىرە سەن تېخى كىچىك، −− دېدى بائىمە ئۇنى سەنلەپ، −− داداڭغا ئۇنداق گەپ قىلما!
ئالمىرەنىڭ چوڭ قارا كۆزلىرى غەزەپتىن تېخىمۇ يوغىناپ سوغۇق ئۇچقۇنلار چاچرىدى:
−− مەن جاق تويدۇم، مېنىڭ ئۇنداق داداممۇ، سىزدەك ئاناممۇ يوق!
ئالمىرە چاپىنىنىمۇ، ئايىغىنىمۇ كىيمەستىن ساپما كەش بىلەنلا ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى، بائىمە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن توۋلىدى، پەسكە چۈشكەندە ئالمىرەنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. ئاچچىقى يانغاندا قايتىپ كېلەر دەپ ئويلىغان بائىمە ئۆيىگە قايتىپ كىرگەندە ئېرى ئۇ ھېچقاچان كۆرمىگەن ئەلپازدا بوزىرىپ - تارتىرىپ ئولتۇراتتى. ئۇ بائىمەنى كۆرۈپ:
−− كىچىككىنە بالىدىكى نېمانچە بېشەملىك دەيمىنا؟ ئۇنىڭ گەپلىرىگە چىنپۈتۈپ يۈرمەڭ يەنە، خىزمەتنىڭ جىددىيلىكىدە مېنىڭ بۇزۇق خوتۇنلارنى سۆرەپ يۈرگىدەك نەدە چولام؟ 37- رايوندىن ئۆي تۇتۇۋالدىڭىز دېگىنى قىزىق، نەدىن تاپتىكىنە ئۇنداق ئېغى بىلەن بېغى يوق گەپلەرنى، نېمە تۇتۇلۇپ كېتىپسىزغۇ؟ ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەندىڭىزما؟ −− دېدى.
−− مەن نېمە كويدا، سىز نېمە ئويدا؟ مېنىڭ ئۇ گەپنى ئويلىغۇدەك ھەپسىلىم بارما؟ سىز نەدىن تاپتىڭىز قارا جەمئىيەت دېگەن گەپنى؟
−− سىز بىلمەيسىز، مەن ج خ ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان ئاغىنەمدىن ئاڭلىدىم، بىر توپ ئۇششاق شۇملار ئۆزلىرى توپلىشىپ ھەر خىل ناملار بىلەن ئۆز ئالدىغا قارا جەمئىيەت بولۇۋاپتۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق شايكىسى ئىكەن، ئالمىرەنى ساقچى ئاغىنەم شۇ توپتا كۆرۈپتۇ، ئۇنىڭ دېيىشىچە خېلى غوللۇق ئەزاسى ئوخشايدۇ.
−− توۋا دەڭا، قىزىم ئوغرى، بۇلاڭچىلار بىلەنمۇ ئارىلىشىپ يۈرگەنمىدۇ؟ ئۇنىڭ نېمىسى كەم؟ خاتا كۆرۈپ قالمىغاندۇ؟
−− ھازىرقى بالىلارنىڭ خىيالىنى چۈشىنىپ بولمايدۇ، بىلىپ - بىلمەي ئارىلىشىپ قالغاندۇ؟ ھەي، دادا بولغانكىن تەربىيە قىلىش يولۇم بار دەپ ئويلاپتىمەن.
بائىمەنىڭ يۈرىكى قانداقتۇ بىر ۋەھىمىدىن تىترىدى، ئالمىرە كەلمەيۋاتاتتى. بائىمە جىددىيلىشىپ چوڭ ئۆيگە تېلېفون قىلىپ بولغان ئەھۋالنى ئېيتتى، قېيىنئاتىسىنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن قۇدرەتمۇ مەن چىقىپ ئىزدەپ باقاي، دەپ چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ كېتىپ ھايالشىمايلا كەرىمەمۇ ئاچىسىدىن ئەنسىرەپ ئوغلى ئەرافاتنى ئېلىپ يېتىپ كەلدى.
−− بۇ گەپنى مەنمۇ ئاڭلىغان، −− دېدى كەرىمە بائىمەنى تېخىمۇ يۈرەكئالدى قىلىپ، −− ئەرافاتمۇ نەچچە قېتىم ئۆيگە شۇ گەپنى كۆتۈرۈپ كەپتىكەن. ئۇ ئالمىرە ئاچام قارا جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئاچىسىكەن، دېسە ئىللا - بىللا ئىشەنمىگەن ئىدىم. خۇدايىم ئالمىرەگە بىرەر ئىش بولماس.
شۇ كۈنى كەرىمە بىلەن ئەرافات ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى، بائىمە بۇ زەربىدىن خۇدىنى يوقىتىپ قويغانىدى. كېچىسى پۇتى يەنە مۇزلاپ كەتتى، ئۇ بىرەر پىيالە قايناق سۇ ئىچىشنىمۇ ئۇنتۇپ لاغىلداپ تىترەپ تورۇسقا قاراپ ياتتى. بىرەر سائەتلەردىن كېيىن ئۇنىڭ تىترىكى بېسىققاندەك بولدى، قىزىنى ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن ئېرىگە تېلېفون قىلماقچى بولدى - يۇ، مۇزلاپ ئۇيۇشۇپ قالغان پۇتلىرى بىلەن قوپالمىدى، يانفونىنى نەگە قويغانلىقى ئېسىدە يوق ئىدى. ئۇنىڭ كۆزى يېنىدا ئۇخلاۋاتقان ئەرافاتنىڭ بېشىغا قويۇپ قويغان يانفونىغا چۈشتى، ئۇ يانفوننى ئېلىپ ئېرىنىڭ نومۇرىنى باستى، تېلېفون ئۇلىنىپلا قۇدرەتنىڭ غۇدىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
−− نېمە ئوتتۇرا كېچە بولغاندا ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ، ۋەي، ۋەي، كىما؟
بائىمە ئەمدى ئېغىز ئاچاي دېيىشىگە قارشى تەرەپتىن بىر ئايالنىڭ ئۇيقۇلۇق ئاۋازى ئاڭلاندى؛
−− ئالمىسىڭىز بولمامدۇ؟ سىزمۇ تازا بىر...
بائىمە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ:
−− مەن بائىمە، ئالمىرەنى تاپالىدىڭىزمۇ؟ −− دېدى.
−− ھە، سىز بائىمەما؟ −− قۇدرەت چۆچۈگەندەك قىلاتتى، −− ھە ئىزدەپ تاپالمىدىم، يەنە قاراپ باقاي، سىز ھازىر نەدە؟ بۇ كىمنىڭ تېلېفونى؟
−− مەن ئۆيدە، بۇ ئەرافاتنىڭ تېلېفونى.
−− ھە، مەن تېخى سىزنى سىرتتا ئوخشايدۇ دەپتىمەن، بولدى ئالمىرەنى ئۆزۈم ئىزدەيمەن، سىز خاتىرجەم ئارام ئېلىڭ، ئەنسىرىمەڭ.
قۇدرەت شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. بايىقى ئايالنىڭ ئۇيقۇ ئارىلاش نازلىق ئاۋازى بائىمەنىڭ قۇلىقىغا ئۇيۇپلا قالغانىدى، دېمەك قۇدرەتنىڭ گېپىمۇ، ئالمىرەنىڭ گېپىمۇ راست بولۇپ چىقىدىغاندەك تۇراتتى. بائىمە قايسى گۇناھى ئۈچۈن بۇ قايغۇ - ئەلەملەرگە دۇچار بولىدىغىنىنى ئويلاپ يېتەلمىدى. ئۇنىڭ قايغۇ - ئەلەملىرىگە ئاچچىق پۇشايمانمۇ، يىراقتا قالغان ئۆتمۈشىگە بولغان كۈچلۈك سېغىنىشمۇ، ئۆز - ئۆزىنى ئەيىبلەشمۇ قوشۇلۇپ كەتكەنىدى، ئىچ - ئىچىدىن شۇنداق ئاجىز بىر نىدا شىۋىرلاپ چىقاتتى: بەڭباش قىزىم، قايتىپ كەل، مەن سېنى ئەتىلا يورۇقسايغا −− داداڭ، ئىنىلىرىڭنىڭ يېنىغا يولغا سېلىپ قويىمەن.
شۇلارنى ئويلاش بىلەن بائىمەنىڭ كۆز ئالدىغا پىژغىرىم ياز كۈنلىرى، مەكتەپتىن كېلىپلا كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ يۈگۈرگىنىچە ئۆستەڭگە ئۆزىنى ئاتىدىغان شوخ ئوغۇللىرى، چىرايى ئاپتاپتا قارىيىپ مىس رەڭگىگە كىرگەن، كۆزلىرى يىللار بويى ئۆزىگە بىر خىل ئۆزگەرمەس ئىشتىياق، مېھىر - مۇھەببەت بىلەن تىكىلىپ تۇرىدىغان، مۇزلىغان پۇتلىرىنى ھارارەتلىك قوينى بىلەن ئىللىتىدىغان توختىمەت كۆرۈنگەندەك بولۇپ، بوغۇزىغا ئاچچىق بىر نەرسە كەپلەشكەندەك بولدى.
بىر كېچە شۇنداق ئۆتتى. ئەتىسى بائىمە ئەتىگەندىلا مەكتەپ ئالدىغا كېلىپ ساقلىدى. ئالمىرىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىگەندىن كېيىن ناھايىتى خىجىللىق ئىلكىدە مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشتى. بىلدىكى ئالمىرەنىڭ سەۋەبسىز دەرس تاشلىغان كۈن سانى ئېشىپ كەتكەن، مەكتەپ ھەم ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولغاچقا مەكتەپ ئۇنى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغانىدى.
بائىمەنىڭ بېشى پىررىدە قايغاندەك بولدى. ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئالدىدىن قانداق يېنىپ چىققىنىنى بىلمىدى، مەكتەپ ئالدىدىكى گۈللۈك ئارىسىغا ئورنىتىلغان تاش ئورۇندۇققا ئارانلا كېلىپ ئولتۇرۇۋالدى. قۇياش ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئىللىق نۇرىنى تەبىئەتكە سېخىيلىق بىلەن تۆكمەكتە، ئالمىرە بىلەن تەڭ دېمەتلىك قىزلار رەتلىك مەكتەپ فورمىسى كىيىشىپ ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتەتتى، ئۇلارغا قاراپ تېخىمۇ ئازابلانغان بائىمە تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كەتتى.
ئاشۇنداق دەككە - دۈككە، ساراسىمە، غەم - ئەندىشە بىلەن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئالمىرەدىن ھېچ خەۋەر يوق. بائىمە ئەرافاتنى ئېلىپ ياش بالىلار تولا كىرىدىغان تورخانا، دېسكوخانا دېگەندەك جايلارنى ئىزدەپ چىقتى. ئەمما شۇنچە ئىزدەپمۇ ئالمىرەنى تاپالمىدى.
بائىمە يەنە ئاغرىپ كېسەلخانىدا بىر مەزگىل يېتىپ قالدى. كېسەلخانىدىن چىقىپ ئۆيدە دەم ئېلىۋاتقان بائىمە ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ دېرىزە ئالدىغا كەلدى. پەستىكى تەكشى چىملىقلار، چىملىق ئوتتۇرىسىدىكى فونتان ئىچىگە جايلاشتۇرۇلغان كىچىككىنە سۈنئىي تاغ، ئۇ يەر، بۇ يەرلەرگە ئورنىتىپ قويۇلغان بۇغا، قويلارنىڭ تاش ھەيكەللىرى ئۇنى تېخىمۇ غېرىبسىندۇرۇۋەتتى. بائىمە بۇ مەنزىرىلەرنىڭ ئۆزىدە يورۇقسايدىكى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى يېرىمى ئۆستەڭگە چېلىشىپ تۇرىدىغان دوڭغاق سۆگەتچىلىك سۆيۈنۈش تۇيغۇسى پەيدا قىلالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئۇزاققىچە مەھەللىسى ھەققىدە خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ كەتتى. ئۆزىنىڭ يورۇقساينى ناھايىتى سېغىنىۋاتقانلىقىنى، دائىم بوغۇزىغا كەپلىشىپ قالىدىغان ئاچچىقنىڭ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز پۇشايمان ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىدە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى، بىردىنلا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى.
كەرىمە يېزنىسىنىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلاپ ئۆڭسۈلى ئۆچكەن ھالدا بائىمەنىڭ ئۆيىگە كەلدى:
−− مۇشۇ چاغقىچە شۇنچە ئەلەمنى ئىچىڭگە سىڭدۈرۈپ يۈردۈڭمۇ جېنىم ئاچا، ئۇنىڭ سېنى بوزەك ئېتىشكە بېشى ئونمۇ؟ ئۇنى مۇشۇنچىلىك ئەمەلگە ئېرىشتۈرۈپ تۆتنىڭ بىرى قىلىپ قويغانمۇ دادامغۇ؟ نېمىسىگە يوغانلىق قىلىدۇ؟ ئاجرىشىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇنىڭغا ھەم ھېلىقى خوتۇنغا تېتىپ قويغۇلۇق.
بائىمە لام - جىم دېمىدى، بىر تۇغقان قېرىنداشنىڭ دەردىگە چىدىماق تەسكەن. كەرىمە نەچچە كۈندىلا ھېلىقى خوتۇننىڭ ئىسمى، ئادرېسىنى تېپىپ كەلدى. بائىمە 37- ئولتۇراق رايون، گۈلناز دېگەنلەرنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىدى، ئالمىرەنىڭ دېگەنلىرى راست بولۇپ چىقتى.
كەرىمە ئەلپازىنى بۇزۇپ بائىمەنى تارتقۇچلاپ ئېلىپ ماڭدى:
−− ماڭ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ چاچلىرىنى يۇلۇپ، يۈزىنى مورلاپ ئۆي بۇزغانغا تويغۇزۇپ كېلىمىز.
بائىمە قورقۇپ كەتتى، ئۇنىڭدا مۇنداق قىلغۇدەك يۈرەكمۇ يوق، ھەم ئۇنداق قىلغۇسىمۇ يوق ئىدى.
−− ئاجرىشىمەن دەيسەن، ئېرىڭ سوتتا قىلغان - ئەتكەنلىرىدىن تېنىۋالسا قانداق قىلىسەن؟ يا ھېچقانداق ئىسپاتىڭ بولمىسا؟
−− ھاجىتى يوق سىڭلىم، بۇ ئائىلىنىڭ ئۇلى ئەزەلدىن بوش، بۇزۇلىدىغان چېغى بولۇپ قالغان، قۇدرەتتىن باشقا ئەر بولسىمۇ بەلكىم شۇنداق قىلار بولغىيتتى.
−− سەن بارمىساڭ ئەمىسە مەن ماڭدىم!
كەرىمە شۇنداق دەپلا ئاچىسىنىڭ يېلىنىپ - يالۋۇرۇشىغا قارىماي پەلەمپەيلەردىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ كەتتى. بائىمە سىڭلىسىنىڭ ئۆزىنى دەپ بىرەر كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ دەرھال كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىققاندا كەرىمە تاكسى توسۇپ كەتكەنىدى. بائىمەمۇ تاكسى توسۇپ ئۇنىڭ ئارقىدىن ماڭدى. ئۇ 73 - ئولتۇراق رايونىغا كەلگەندە كەرىمە كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ئۇچرىغان بىر چوكاندىن گۈلنازنىڭ ئۆيىنى سوراپ بىناغا كىرگەندە، ئۈستىدىن كەرىمەنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى. بائىمە ئۈستىگە چىققاندا كەرىمە كارىدوردىلا بىر چوكان بىلەن ھۆرپىيىشىپ تۇراتتى. بائىمە ئېرى بىلەن ئۆي تۇتۇۋالغان ئايالغا ئۆزى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتسىز بىرىگە قارىغاندەك قارىدى، چوكان قاش - كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، چىرايلىق بولسىمۇ، لېكىن يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا سەمرىپ كەتكەنىدى. راسا كۆپتۈرۈپ بۈدۈر قىلىنغان چاچلىرى ئۇنىڭ بېشىنى تېخىمۇ يوغان كۆرسەتتى، ئۇچىسىغا ھايۋانات سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قېنىق رەڭلىك ئۇخلاش كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ، بۇ ھالىتى بىلەن ياش - قۇرامىنىمۇ قىياس قىلىش تەس ئىدى. بائىمە كېلىپلا سىڭلىسىنىڭ پېشىنى تارتتى.
−− ماڭا كېتىمىز.
كەرىمە دەيدىغاننى دەۋالمىغىچە ماڭمايدىغاندەك تۇراتتى.
−− نېمە دەپ كەتكۈدەكمىز؟ مەن بۈگۈن بۇ رەسۋاغا تېتىماي قويمايمەن!
شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىيلەننىڭ ئاغزى ئېچىلىپ قىيا - چىيا باشلاندى، يۇقىرى - تۆۋەن قوشنىلار يۈگۈرۈشۈپ چىقىشتى، بائىمە شۇنچىلىك نومۇس قىلدىكى سىڭلىسىغا قاراپ ۋارقىرىدى:
−− كەرىمە، بولدى قىل!
سىڭلىسىغا گەپ ئاڭلىتالمىغان بائىمە يۈگۈرۈپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى، ۋارقىراشقان ئاۋاز خېلى يەرگىچە ئاڭلىناتتى. بائىمە چوڭ دەرۋازىدىن چىقىپلا يۆنىلىشنى پەرق قىلالمىدى. ئۇ بۇ ئەتراپقا پەقەتلا كېلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەچكە باياتىن قايسى تەرەپ بىلەن كەلگىنىنىمۇ بىلەلمەي ئۇدۇل تەرەپكە قاراپ مېڭىۋەردى. بۇ شەھەر سىرتىغا يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان ئولتۇراق رايون ئىدى. نېرىقى چەتتە تېخى چېقىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن كونا مەھەللە كېچە قاراڭغۇلۇقىدا قارىيىپ كۆرۈنەتتى. ئېگىز - پاكار سېلىنغان ھەر خىل ئۆيلەر، كونا مەسچىتنىڭ ئاي يورۇقىدا ئۆز ھەيۋىتىنى نامايان قىلىپ تۇرغان سۈرلۈك قىياپىتى ئاجايىپ پىنھان، تىنچ بىر گۇگۇمنى ھاسىل قىلغانىدى. كوچا چىراغلىرى دەل مۇشۇ يەردە ئۈزۈلگەن، مەھەللە ئادەمسىز، ۋاراڭ - چۇرۇڭسىز، ئىدى. بائىمەنىڭ ۋۇجۇدى تولىمۇ راھەتلەنگەندەك بولدى، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق تىنچ گۈزەل گۇگۇمنى شەھەرگە كەلگەندىن بېرى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، مۇشۇنداق خاتىرجەم مۇھىتنى نەقەدەر سېغىنغانلىقىنى ھېس قىلدى. مۇڭلىنىپ قالغان بۇ مەھەللە ئۇنىڭ يورۇقسايدىكى مەھەللىسىگە نەقەدەر ئوخشايدۇ - ھە؟ قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى نامەلۇم، قاياقتىندۇ ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ يېتىپ كەلگەن سىڭلىسى بائىمەنى تاكسىغا يۆلەشتۈرۈپ چىقىرىپ ئېلىپ كەتتى.
ئويلىمىغان يەردىن ئېرى نىكاھتىن ئاجرىشىشقا قەتئىي قوشۇلمىدى. چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ بائىمەگە يۈز كېلەلمەيدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمىغىنىنى، سىرتتا تارقالغان گەپ - سۆزلەرنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بائىمەدىن ئايرىلالمايدىغىنىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى تېخىمۇ قەدىرلەپ ئۆتىدىغىنىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. بائىمە ئېرىگە ئەجەبلىنىپ قارىدى. شۇ تاپتا ئېرى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇ ئائىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگىنىنى، گۈلنازنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى ئېيتقان بولسا، سىقىلىۋاتقان يۈرىكى ئازراق بولسىمۇ ئارام تاپاتتى.
ئالمىرەدىن خەۋەر كەلدى! ئۇ ئوغرى، بۇلاڭچىلار شايكىسىغا ئارىلىشىپ قالغان، ئۆزى بىۋاسىتە بۇلاڭچىلىققا قاتناشمىغان بولسىمۇ نەق مەيداندا قاراپ تۇرغان ئىكەن. قانۇن بويىچە بۇمۇ بىرلىشىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش دائىرىسىگە كىرىدىكەن، ئۇ تېخى 81 ياشقا توشمىغاچقا سوئال - سوراقلارغا ئائىلىسىدىن ئادەم قاتنىشىدىكەن، ساقچى ئورۇنلىرىدىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بائىمە جايىغىلا يىقىلدى.
ئۆيدىكىلەر تونۇش - بىلىشلىرىنى ئىزدەپ خېلى مېڭىپ باقتى، لېكىن ساپلا ياشلار - ئۆسمۈرلەردىن تەركىب تاپقان بۇ شايكىنىڭ جەمئىيەتتە تەسىرى يامان، يۇقىرى - تۆۋەن ج خ تارماقلىرى بۇ ئەھۋالغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەھۋالدا ئۇلارغىمۇ ئامال بولمىدى.
بائىمە ئېلەڭ - سېلەڭ يۈرگەندە سوت ئېچىلىپ ھۆكۈم چىقتى. ئالمىرە مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىدىكى ئاياللار تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېتىلدى.
دەرد - ئەلەم يۈرەكنى زەئىپلەشتۈرۈپ، روھنى تۈگەشتۈرگەن بىلەن جاننى ئالمايدىكەن. بائىمە شۇنچىلىك ئېغىر دەرد - ئەلەملەرنى يۈدۈپ يەنىلا ئۆرە يۈرۈۋاتاتتى. ئۇ تېخىمۇ ئورۇقلاپ كەتكەن، پىلدىرلاپ تۇرغان ئۇ كۆزلەردىن ھايات زوقى، شادلىق جىلۋىسى، ئۈمىد - ئىستەك دېگەنلەرنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئۇ دادىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن كېسەللىك پېنسىيەسىگە چىقىشقا ئىلتىماس سۇندى، ئۇنىڭدا خىزمەت ئىشلىگۈدەك ماجالمۇ قالمىغان ئىدى. بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا گۈلنازدىن تېلېفون كەلدى.
−− قۇدرەت سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېسە ئىشىنىپ ئۆي تۇتۇۋاتامسىز؟ ئۇنىڭ سىز بىلەن توي قىلىشتىكى مەقسىتى دادىڭىز ئارقىلىق يول تېپىپ ئەمەل تۇتۇش، ئۇ سىزنى ھەرگىز ياخشى كۆرمەيدۇ، بىز دېگەن بالا چېغىمىزدا كۆيۈشۈپ مۇرادىغا يېتەلمىگەن ئاشىق - مەشۇقلار، بىزنى ئەمدى ھېچكىم ئايرىۋېتەلمەيدۇ.
بائىمە ئەسەبىيلىشىپ ۋارقىراپ كەتتى.
−− قۇدرەت دېگىنىڭنى چېكەڭگە تاڭ ! ئۇ كۆزۈمدىن قانچە بالدۇر يىتسە مەن شۇنچە خۇش بولىمەن، بىلدىڭمۇ؟ مەن ئۇنىڭدىن ئاللىقاچان جاق تويغان!
كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ پۇتلىرى تىترەپ كەتكەن بائىمە سافاغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى.
كېيىنكى ئىشلار ھەرھالدا بائىمەنىڭ كۈتكىنىدەك بولدى، ئۇ ئېرى بىلەن شۇنداق سىلىق - سىپايە خۇددى توختام تۈزۈۋاتقاندەك ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدە مۇرەسسە بىلەن ئاجراشتى.
−− ئۆي سىزگە قالسۇن، −− دېدى ئېرى ناھايىتى چوڭ مەردلىك قىلغاندەك. بائىمە ئۇدۇلدا ئولتۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئۇنى ھېچ بولمىغاندا بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلنىڭ يېرىمىنى تالىشىدۇ دەپ ئويلىغان قۇدرەت ئۇنىڭ ئۈندىمەي ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئوڭايسىزلىنىپ قالدى. ئۇلار ئىشلارنى تېزلا پۈتكۈزۈپ قايتىپ چىقتى، بۇ ئىككى يىللىق تۇرمۇش ھەقىقەتەنمۇ تارتىشقۇچىلىكى، ئۆكۈنگۈچىلىكى يوق تۇرمۇش ئىدى.
قۇدرەت نەرسە - كېرەكلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ئۆي بائىمەگە كېڭىيىپ ھاۋاسى ساپلىشىپ قالغاندەك بىلىندى.
تۇرمۇشتا بىر ئىش ئوڭغا تارتسا قالغان ئىشلارمۇ ئۆزلۈكىدىن ئوڭغا مېڭىپ قالىدىكەن. نىكاھتىن ئاجرىشىش ئىشى بېجىرىلىپلا بائىمەنىڭ كېسەللىك پېنسىيەسىگە چىقىش ئىلتىماسى تەستىقلاندى. ئۇ ئەمدى پۈتۈن دىشۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلغانىدى.
بۇ ئۆي ئۇنىڭ يالغۇز جېنىغا ئارتۇق كېلىپ قالغانىدى. ئۇ ئۆينى ھەم ئائىلە جابدۇقلىرىنى سېتىپ پۇلىنى ئالمىرەگە ئاتاپ بانكىغا قويۇۋېتىپ، لازىملىق نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كەلدى. ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈگەپ خىياللىرى، ئەسلىمىلىرى مامكاپ ۋە ياۋا گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن ئوتلاقتەك رەڭلەندى. سالامەتلىكى خېلى ياخشى بولۇپ قورايدەك تارتىشىپ قالغان بەدەنلىرىگە خېلى ئەت قونۇپ قالدى. قاچانلاردىدۇر بۈدۈر قىلىنىپ ساغۇچ بويالغان چاچلىرىنىڭ پاسونىمۇ، رەڭگىمۇ قالمىغان بولۇپ، بانتىلاپ كەينىگە تۈگۈپ، ياغلىقىنى چىڭڭىدە چىگىۋېدى، يورۇقسايدىكى چاغلىرىغا ئوخشاپ قالدى.
زارىقىپ كۈتكەن كۈنلەر كېلىپ ئالمىرە جازا مۇددىتىنى توشقۇزۇپ قايتىپ كەلدى. بائىمە چوڭلا بولۇپ قالغان قىزىنى باغرىغا بېسىپ بوغۇلۇپ - بوغۇلۇپ يىغلىدى. ئالمىرەمۇ ھەممەيلەن بىلەن يىغلىشىپ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. كەچتە بائىمە قىزىنى پۇراپ يېتىپ مۇڭداشتى.
−− ئەتە ئازراق سودا - سېتىقىمنى قىلىپلا يورۇقسايغا كېتىمەن، −− دېدى ئالمىرە قەتئىيلىك بىلەن.
−− قىزىم مەن ئۆي ساتقان پۇلنى سىز ئۈچۈن ساقلاپ قويغان، شۇ پۇل بىلەن مۇشۇ يەردە بىرەر ئىش - ئوقەت قىلامسىزيا؟
ئالمىرە بىر ھازا جىمىپ كېتىپ پۇسۇققىدە:
−− ئىككىمىز شۇ پۇلنى ئېلىپ يورۇقسايغىلا كەتسەك بولمامدۇ؟ ئانا، پۇلنى ماڭا ئاتاپسىز، ئىككى ئىنىمنى ئويلاپ قويدىڭىزمۇ؟ مەن تۈرمىدىكى چېغىمدا دادام ئىككى ئىنىمنى ئېلىپ مېنى كۆرگىلى بېرىپتۇ، ئىنىلىرىم چوپچوڭلا بولۇپ كېتىپتۇ، نادىر پۈتۈن ئۆينىڭ دېھقانچىلىقىنى قىلىدىكەن، باھادىرنىڭ رېمونتچىلىق دۇكىنى بار ئىكەن، دادامنىڭ... −− ئالمىرە سۆزلەۋېتىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى، −− دادام تىراكتور ھادىسىسىگە ئۇچراپ زەخىملىنىپ بىر پۇتىدىن ئايرىلىپتۇ، بىچارە دادام شۇنچە يىراق جايدىن قولتۇق تاياق بىلەن مېنى كۆرگىلى بېرىپتۇ.... −− ئالمىرە گېپىنى دېيەلمەي ھىقىقداپ يىغلاپ كەتتى. بائىمەنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ تاراملاپ ياش قۇيۇلدى، خىزمەتدىشىدىن توختىمەتنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغىنىنى ئاڭلىغان، لېكىن بىر پۇتىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئالمىرە گېپىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:
−− چوڭ دادام، چوڭ ئاناملارمۇ تۈگەپ كېتىپتۇ، مەن بۇ يەردە ئىش - ئوقەت قىلىمەن دېگۈچە يورۇقسايغا بېرىپ دادام بىلەن ئىنىلىرىمغا قارىغىنىم ياخشى. ئۇ مېنىڭ گۇناھىمنى يۇيىدىغان، روھىمنى پاكلايدىغان ئەڭ ياخشى جاي. ئىككىمىز بۇ يەرگە كەلمىگەن بولساق، مەن ھەم ئىنىلىرىمنىڭ تەقدىرى قانداق بولار بولغىيتتى - ھە؟ ماقۇل دەڭا ئانا، بۇ يەرنىڭ نېمىسىگە تارتىشىسىز؟ بىللە كېتەيلىچۇ؟
−− ئىش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس بالام، دادىڭىز مېنى كەچۈرمەيدۇ، مەنمۇ دادىڭىزغا ھەم ئەل - يۇرتقا يۈز كېلەلمەيمەن، ئەمدى مېنىڭ ئۇ يەرگە بارغۇدەك يۈزۈم يوق.
−− ئەمىسە قانداق قىلىسىز؟ ئۈچ بالىڭىزنى مېيىپ دادىسىغا تاشلاپ بېرىپ، ئۆزىڭىز بۇ يەردە خاتىرجەم يۈرسىڭىز تېخىمۇ قاملاشماس، دادام ماڭا نېمە دېدى بىلەمسىز؟ ئانىڭىزنى ئاياڭ، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، مەن ئۇنى جاپادا قويدۇم، ھېچقانداق راھەت كۆرسىتەلمىدىم، سىز بولسىڭىزمۇ ئۇنىڭ ھالىغا يېتىڭ، دېدى. دادام سىزدىن رەنجىش تۈگۈل سىزگە راھەت كۆرسىتەلمىدىم دەپ ئۆزىدىن ئاغرىنىدىكەن. پۇشايمان قىلغان بولسىڭىز ۋاقتىدا بېرىپ ئورنىنى تولدۇرۇڭ، مېيىپ دادام، ئىككى ئىنىم ئايال كىشى يوق ئۆيدە ئاش - تاماقتىن قانچىلىك قىينىلىدۇ بىلەمسىز؟ مەھەللىدىىلەر كۆڭلى - كۆكسى كەڭ، ئاق كۆڭۈل ئادەملەر، بۇ يەردىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدۇ، بارسىڭىز يەنىلا خۇشال قارشى ئالىدۇ.
بائىمە قىزىنىڭ ئاغزىغا قاراپلا قالدى. يورۇقسايغا، توختىمەتكە بولغان سېغىنىشنىڭ شۇنچە كۈچلۈك بولۇشىغا قارىماي قايتىپ كېتىشنى ئويلىمىغانىدى. ئويلىمىدى ئەمەس، يۈزى چىدىمىدى. شۇ تاپتا قىزىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھازىرلا ئۇچۇپ بارغۇسى كېلىۋاتاتتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا مەجبۇرىي تېڭىلغاندەك تۇيۇلغان ئۇ تۇرمۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن گۈزەل بەختلىك تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى، ئۇ تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان تۇيغۇلىرىنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكنى ئۇ ئايرىلغاندىن كېيىن ھېس قىلغانىدى. بائىمە كېچىچە كىرپىك قاقمىدى. ئەمدى ئويلىسا ئۇ ھازىرغىچە ئۆز قەلبىنى، يۈرىكىنىڭ ساداسىنى تىڭشاپ باقماپتۇ، قىزىچىلىكمۇ كەسكىن بولالماي تۇرمۇش ئاچاللىرىدا كىم نەگە يېتىلىسە شۇ يەرگە مېڭىپتۇ. ئەمدى بەس!
ئەتىسى ئۇ ئاتا - ئانىسىغا قىزى بىلەن يورۇقسايغا كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقىنىدا ئۇلار ھەيرانمۇ قالمىدى، قارشىمۇ تۇرمىدى. دادىسى تەمكىنلىك بىلەن:
−− بۇ خىيالىڭىزنى قوللايمىز قىزىم، ئەينى چاغدا ئەقلىمىزدىن ئېزىپ بەختىڭىزگە ئولتۇرۇپتۇق. كۆپ ئازاب - ئوقۇبەت تارتتىڭىز، ئەسلىي توختىمەت ياخشى بالا ئىدى، ئۇنىڭغا قارا يۈزلۈك قىلدۇق. بېرىڭ بالام، ھەممىڭلار جەم بولۇڭلار، −− دېدى.
ئانىسى ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى. بائىمە ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ئەكىتىدىغان نەرسىلەرنى رەتلەشكە باشلىدى، بىر چاغدا ئۇنىڭ قولىغا شەھەرگە كېلىپ سىڭلىسى بىلەن ساتىراشخانىغا ماڭغان چاغدا پۇرلاپ تىقىۋەتكەن سومكىسى چىقتى، ئۇ سومكا ئىچىدىن يېزىدىن كىيىپ كەلگەن تاجىرەڭ دۇخاۋا كۆڭلەك بىلەن ناۋات رەڭ پىلاتىسىنى ھاياجان بىلەن قولىغا ئالدى، ئۇ بۇ نەرسىلەرنى نەچچە ۋاقىتلاردىن بېرى ئەجەب ئېسىگە ئالمىغانلىقىغا ھەيران بولدى. ئۇلارنى باغرىغا بېسىپ ھىدلىدى، ئاندىن ئۇچىسىغا كىيدى. ئۇ ئۆزىنى يورۇقسايدا يۈرگەن ۋاقىتلىرىغا قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، ئاجايىپ راھەتلەنگەندەك بولدى. ئۇ مەقسەتسىزلا قولىنى يانچۇقىغا سېلىۋېدى بىر تۈگۈچ ئۇرۇلدى، تۈگۈچنى ئېلىپ قاراپلا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يامغۇردەك ياش قۇيۇلدى. بۇ سوت ئاچقان كۈنى توختىمەت يانچۇقىغا سېلىپ قويغان قۇرۇتۇلغان يەر يىلىنى بىلەن قۇرۇتۇپ سوقۇلغان قىزىلگۈل، سېمىز ئوتلار ئىدى.
بازارغا سودىلىققا كەتكەن ئالمىرە جىددىيلەشكەن ھالدا يۈگۈرۈپ كىردى. ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كۆزلىرى چاقناپ كەتكەن، قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەنىدى:
−− ئانا، دادام مېنى ئالغىلى كەپتۇ، −− دېدى ئۇ ھاسىراپ تۇرۇپ، −− ئۆيگە كىرەيلى دېسەم ئۇنىماي پەستە قالدى. دادام بىلەن بۈگۈنلا ماڭىدىغان بولدۇق، دادام يەنە...
ئالمىرە قانداق تېز كىرگەن بولسا گېپىنىڭ ئارقىسىنىمۇ چۈشۈرمەي يەنە يۈگۈرۈپ چۈشۈپ كەتتى. ھاياجاندىن بائىمەمۇ تىترەپ كەتتى، يۈرىكىدىكى كۈچلۈك سېغىنىش، خۇشاللىق ھېسلىرى كۆزلىرىگە تېپىپ، ئۇزاقتىن بېرى خامۇشلۇق، گاراڭلىقتىن مەڭدەپ قالغاندەك كۆرۈنىدىغان كۆزلىرىدە ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى. جىسمىدا خۇددى سېھىرلەنگەندەك كۈچ - قۇۋۋەت، جۇشقۇنلۇق پەيدا بولۇپ قىزىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردى.
|