• تىكەنگۈل

    يوللانغان ۋاقتى:02-02-2012   مەنبە: تارىم 2002-يىل 1-سان   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 30 قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    تىكەنگۈل

    تىكەنگۈل

     
    ساداقەتجان ھاجى
     

    (1)

    تارام-تارام ياش تۆكتۈم كىچىككىنە دەرت كەلسە،
    كۆتۈرەلمەي مۈكچەيدىم تاغنى ئەمەس، تامچىنى.
    تىترەپ كەتتى ۋۇجۇدۇم تەمكىنلىكىم يوقۇلۇپ،
    كۆرگىنىمدە چېقىمچى تەڭلەپ تۇرغان قامچىنى.

    دار ئالدىدا تىك تۇرغان قامەتلەرگە قايىلمەن.
    ئوق ئالدىدا ئۆڭمىگەن چىرايلارغا ئاپىرىن.
    تۇتۇپ باقماي يۈرەكنى قىلغان بىلەن يوغان گەپ،
    قىيىن ئىكەن قەسەمگە ئەمەل قىلماق. ياپىرىم!
     

    (2)

    قوقاق بارمۇ راست گەپتە؟ ئاڭلىغانلار ئالايدى.
    ئاق بۇلۇتتەك چىرايلار قىزارماستىن قارايدى.
    سۇۋاداندەك قامىتىم سۇندى قېچىپ ئامىتىم،
    باشقىلارغا كەڭرى يول مەن ماڭغاندا تارايدى.

    سايرا دىسە سايرىدىم، ئېچىل دىسە ئېچىلىپ،
    ئاپتاپ بولدۇم، نۇر بولدۇم ئۆز كۆڭلۈمدە چېچىلىپ.
    تونغا ئىشتەي ساقلىدىم ئۆلچىگەندە بويۇمنى،
    لېكىن تېنىم قورۇلدى ماڭا كېپەن پىچىلىپ.
     
    ئېيتىڭلارچۇ كۆكتىكى دىيانەتلىك پەرىلەر،
    نىمە ئۈچۈن چاقىدۇ ھەسەل بەرمەي ھەرىلەر؟
    نىمە ئۈچۈن يۆتكەيدۇ پەدىسىنى سەنەمگە،
    يەرگە چۈشكەن چېغىدا ئاسماندىكى نەرىلەر؟!

     
    (3)

    ھەرە چاقسا چىدىدىم، چايان چاقسا چىدىدىم.
    چىدىمىدىم ۋە لېكىن چاققان چاغدا چېقىمچى.
    بىلمەي تۇرۇپ كۆڭلىنى، كۆڭلىمىزنى يېقىن دەپ
    ئويلاپتىمەن ھىجىيىپ باققان چاغدا چېقىمچى.
    چىدىمىدىم شۇڭلاشقا ئاغرىقىغا بېشىمنىڭ،
    ماڭا تۆھمەت تېشىنى ئاتقان چاغدا چېقىمچى.
     
    تىلى يۇمشاق بولسىلا بولمايدىكەن يۇمشاق دىل،
    كۆكلەيدىكەن نەشتەردەك بەزىلەرنىڭ ئېزىقى.
    يالاپ تۇرۇپ تۇيدۇرماي چاقىدىكەن يۈرەكنى،
    بۇ ئىبرەتلىك دۇنيانىڭ شۇنداق ئىكەن قىزىقى.
    پاشا بولۇش، پىت بولۇش تېخى مودا ھەۋەسكەن،
    شۇ ئوخشايدۇ خۇدانىڭ سىزغان ئەگرى سىزىقى...
     

    (4)

    «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» دەپ ئېيتىپتىكەن كونىلار.
    شۇڭا تۈلكە مىجەزلەر ئەلگە بالدۇر تونۇلار.
     
    كۈلكە بىلەن يوشۇرۇپ بولماس ئەگرى نىيەتنى،
    كىم كولىسا شۇنىڭغا گۆر بولىدۇ ئورىلار.
     
    ئادەم قېنى ئادەمگە ئۇنداق ئاسان سىڭمەيدۇ.
    ئاغرىتىدۇ قوساقنى ھارام يىگەن غورىلار.

    قانىتىغا ئىشىنىپ غادايمىسۇن رەزىللەر،
    چوققا تولا ئالەمدە، ھامان يولى تورىلار.
     
    سورالمىسا ئۇلارنىڭ ئەگەر بۈگۈن قىلمىشى،
    تارىخ دىگەن رەھىمسىز، ئەتە چوقۇم سورىلار.
     
    ★★★★★
    (2001-يىل 7-ئاي. قەشقەر)
    (بۇ شېئىرلار «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2002-يىل 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان)

    ★★★★★




    ھالقىلىق سۆزلەر : ساداقەتجان، كەتمە


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ساداقەتجان ھاجى تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 19:02 02-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 06:02 12-02-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    • سۆيگۈ تىنىقلىرى...

      ئاپتورى: ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا 1 خاكىراھتىن بىر مۆجىزە قىلدى پەيدا، سۆيگۈ شۇ، يارىلىپلا تۇ...

    • ئۈمىد تۇغقان ناخشىلار...

      ئاپتورى: يۈسۈپجان ئەخمىدى ئۈمىد ئادەمنىڭ غول يىلتىزى ئۈمىد دېگەن دېمەككى، كۆكلەر ئادەم ئ...

    • باھار كۈيى(غەزەل)...

      ئاپتورى: ئەكبەر نىياز پەتتارى 1 باھاردىن كۆپ بېشارەتلەر زېمىننى گۈل قۇچاقلايدۇ، چىرايلىق...

    • ئا.تالىپ: غەزەللەر...

      ئاپتورى: ئابلىكىم تالىپ 1 سېنىڭ ئۈچۈن بىر شېئىر يېزىپ چىقتىم ئايدىڭدا، سۈرىتىڭنى قەلبىمگ...

    • نەزمگاھ بىر تەختىگاھ...

      ئاپتورى: ياسىن زىلال نەزمگاھ بىر تەختىگاھ ھەر قېتىم شائىرلىقىم قۇچسا لاۋا، كېلىدۇ يادىمغ...

    • يامغۇرلۇق كېچە(شېئىرلار)...

      ئاپتورى: ساداقەتجان ھاجى يامغۇرلۇق كېچە يامغۇر ياغقان ئاشۇ كېچىنى ئەسكە ئېلىپ سۈرىمەن خى...

    • ياغقاندا كۆڭۈلنىڭ سىم-سىم يامغۇرى...

      ئاپتورى: ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە بارىدىغان يول سۆيگۈنى ئاتايمەن تاتل...

    • سۆيگۈ تېشى...

      ئاپتورى: قاسىمجان ئوسمان غازى سۆيگۈ تېشى چىمەننىڭ كۆزلىرى رەڭلەندى رەڭدە، سەنمۇ ئاچ كۆزۈ...

    • باھار غەزەللىرى...

      باھار كەلسە كۈلۈپ خۇشخۇي ئېچىلغاي گۈل دىيارىمدا، ناۋا ئەيلەر چىمەن باغلار ئارا بۇلبۇل د...

    • بەشنامە(غەزەللەر)...

      كۆيۈملۈك دىلبىرىڭ بولسا باھار كۆكلەيدۇ باغرىڭدا، جاھالەت كۆكسىنى تىرناپ ناھار كۆكلەيدۇ...

    تەۋسىيە كىتابلار