مۇھەببەت ئەلچىسى دىلدار مۇقاملار
يوللانغان ۋاقتى:16-12-2011
مەنبە: Tarimweb.com
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
باھا: 0 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ئاپتورى: تاھىر تالىپ بەكتۇر
ئاپتورى: تاھىر تالىپ بەكتۇر
1
مۇھەببەت، ئاھ، مۇھەببەتتۇر بۇ دۇنيانى تۇتۇپ تۇرغان،
پۈتۈن ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ مىزاجىنى ئۇقۇپ تۇرغان.
مۇھەببەتتۇر قۇرۇق دىلنى شېرىن شەربەت بىلەن ياشلاپ،
تېخى مۇزدەك كۆڭۈللەرنى بىلىندۈرمەي ئۇتۇپ تۇرغان.
مۇھەببەت ئۇ ئېرىشكەنگە بولۇپ رىغبەت، بېرىپ قۇدرەت،
جاپالار ئۈستىدىن دائىم - داۋام نۇسرەت قۇچۇپ تۇرغان.
جاھاننىڭ ئوتتۇراسىدا مۇقام تەملىك مۇھەببەتلەر
بولۇپ ئەلچى جىمى ئەللەر ئاراسىدا ئۇچۇپ تۇرغان.
مۇقاملاردۇركى دۇنيادا ئىجازەتسىز ئۇچۇپ ياڭراپ،
مۇھەببەتكە لەزىز - شېرىن مۇھەببەتلەر قوشۇپ تۇرغان.
2
«مۇھەببەتسىز كىشىنىڭ كۆڭلى قىشتۇر، ئەسلا ياز بولماس»،
ئۇ تاشتەك تۇرسىمۇ، بەلكىم، ئىچىدە دەردى ئاز بولماس.
ئۇنىڭ دەردى ھەسەتتىندۇر، كىشى ياقماس ئاڭا ھەرگىز،
شۇ دەردتىن قىلسىمۇ نەغمە، بىكاردۇر، سازى ساز بولماس.
«مۇھەببەت» دەپ گۆشى كۈلمەي زورىغا تېرىسى كۈلسە،
مۇقەررەر، باغرى تاشلىق ئۇ، بۇنىڭدىن ساختا ناز بولماس.
كۆڭۈللەردىن كۆڭۈللەرگە راۋان يول بولمىسا ئەلدە،
قۇتۇپتەك مۇزلىغاي بۇ ئەل، بۇنىڭدىن بەك ئاياز بولماس.
قەيەردە پىتنە - تۆھمەت يوق، مۇھەببەت پادىشاھ بولسا،
ئۇرۇش، ماجىرا تۈگۈل، ھەتتا كۆڭۈللەردە ئاراز بولماس.
3
«ساتارىم تارىغا جان رىشتىسىدىن تار ئېشىپ سالسام،
ئۇنىڭكىم نالىسىدىن بىۋاپانىڭ كۆڭلىنى ئالسام.
مۇقام ئالىپ، مۇقام ئىچرە مۇقامنى دىلغاجا قىلسام،
مۇھەببەت كويىغا سالسا، ئۇنىڭ ئالدىدا مەن چالسام»*.
مۇقام شۇنداق: سالار دائىم مۇھەببەت كويىغا خەقنى،
ئاشۇنداق دەر ئىدىم مەنمۇ ئەگەر مەشرەپ بولۇپ قالسام.
شۇڭا دەرھال ساتارىمغا جېنىمدىن تار ئېشىپ سالدىم،
«ئاتا رازى - ئانا رازى» مۇھەببەت دەپ چېلىپ تالسام.
توشۇيدۇ دىلغا، دۇنياغا مۇقاملار چىن مۇھەببەتنى،
پەقەت رازى ئەمەس كارۋانلىقىمدا قىلچىلىك چانسام.
ئۆزۈممۇ قاغجىراق تەكلىماكاندەك، سۆيگۈگە تەشنا،
ماڭا بايرام، ماڭا تويدۇر بۈيۈك مەنزىلدە بىر قانسام.
مېنى قارغاش زۆرۈر بەلكىم، «مۇقام ئەۋلادى» دەپ يۈرمەي،
ئەگەر «ئەۋلاد» بولۇش يولى ئارا مەن بىر قەدەم يانسام.
4
«مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارىغۇ» دېگەنلەر دەل كۆرەلمەستۇر،
ۋەياكى كۆرسىمۇ كۆپنى، سېزەلمەستۇر، بىلەلمەستۇر.
مۇھەببەتنىڭ كۆزى ئۆتكۈر، ساناقسىز شاھۇ سۇلتاندىن،
سۇتۇق، ئابدۇلرەشىت ... لەرگە بېرىپتۇ سۆيگۈدىن دەستۇر.
دىلى تاش شاھ بولۇپ، ئالەمنى مالەم قىلغىنىڭ بىر پۇل،
مۇھەببەت ئالدىدا، ھۆكمىڭ - پاخال، ئالتۇن تېغىڭ - خەستۇر.
يۈسۈف - مەھمۇد تەپەككۇر ئاسمىنى، ئەل - يۇرتنى كەزگەندە،
مۇھەببەت قانچە كۈچ بەرگەن، بۇنى مۆلچەرلىمەك تەستۇر.
مۇقام چاچقان زېمىن ئىشقى ئانا ئىشقى كەبى دەۋرەپ،
مۇھەببەتسىزنى يەر قىلدى، مۇھەببەت، ئۇ يېڭىلمەستۇر.
ھايات دەرياسىدا چۆكمەي، يېڭىلمەي كۆكلىگەن مەردلەر،
مۇھەببەت بىرلە بەرجەستۇر، مۇھەببەتتىن مۇقەددەستۇر.
شۇڭا، ئات ئوينىتىپ جەڭدە، داۋان ئاتلايدۇ باتۇرلار،
ئانا يۇرت ئىشقىدا كۆيگەن شېھىتنىڭ نامى ئۆلمەستۇر.
5
ئەگەر سەن ياقۇتسىتاندىن ماراكەش، غەربىي سەھراغا، −−
سەپەر قىلساڭ، مۇيەسسەرسەن يولۇڭدا نۇرغا - شەھلاغا.
ۋەيا كارۋان تۈزۈپ، بومباي - قازان يولىغا چۈشسەڭمۇ،
ھېرىقمايسەن ئېرىشكەندەك گۈزەل ھۇماغا، ئەنقاغا.
بۇ شەھلا، بۇ ھۇما - دىلنىڭ ئوتى - تەپتى −- مۇقاملاردۇر،
بولۇپ ئەلچى تۇتاشتۇرغان بۇ يوللارنى ئۇ يوللارغا.
ئاشۇ يوللار كېسىشكەن جاي −− بۈيۈك تەكتىماكان - تارىم،
ياراشقان زەر ئۈزۈكتۇركى ئۇلۇغ يەرشارى −− رەناغا.
ئۈزۈكنىڭ كۆزىدىن پارلار ۋە ياڭرار چىن مۇقام - سۆيگۈ،
بېرىپ ھەقدارغا كۈچ - ئىلھام، ئېتىپ مۇشت پىتنە - ئىغۋاغا.
شۇڭا بۇ يول ھەقىقەتتەك سوراقسىزدۇر، توساقسىزدۇر،
چېتىقلىقتۇر ئاشۇ نۇر يوللىرى تەشناغا، شەيداغا.
ئەگەر لوقمان ھايات بولسا، دېگەيتتى: بەك شىپاھ بۇ يول،
جىمى غوۋغا، جىمى لەقۋا، جىمىكى نېرۋا - سەۋداغا.
6
مۇقام −− تارىخ، مۇقام −− قامۇس، مۇقام گوياكى گۈلزاردۇر،
مۇقام ئەندازنى جەننەتتىن ئېلىپ چۈشكەچكە رەڭداردۇر.
مۇقامدا بىز كېچىپ ئۆتكەن كېچىك، ئۈزگەن دېڭىز - دەريا،
جىمىكى ھالقىغان تاغ ۋە داۋان، چۆللەرمۇ ئىزھاردۇر.
مۇقاملاردا شاماللارنىڭ، بۇلاقلارنىڭ، ئېرىقلارنىڭ...
ۋە ھەم بۇلبۇل، تۇمۇچۇق...نىڭ ئۈنى، سايراشلىرى باردۇر.
جۇۋازچى، ھارۋىكەش، تۈگمەنچىلەر...مۇ قالمىغان چەتتە،
يەنە «لاي - لاي» ۋە «ئەللەي»لەر مۇقامغا ئاشىنا - ياردۇر.
جىمى تەقدىرىي قىسمەتتە، مۇقاملار بىزگە چىن ھەمراھ،
مۇقام مەردلەرگە ھەمكاردۇر، جىمى دەردمەنگە دىلداردۇر.
مۇقام بىلگەن، مۇقام ئېيتقان ئەزىزلەر بەك لەزىزدۇركى،
ئۇنىڭ ئاغزىدا لىق ئالتۇن، شۇ ھالدا كاتتا زەرداردۇر.
كۆرۈڭ، مەشرەپتە، ئايەمدە ۋە تويدا... تۆردە كىم باركىن،
مۇقامچى بىزدە بەك مەشھۇر، مۇقامچى سەپكە سەرداردۇر.
ياقا يۇرتتا مۇقام تىلماچ، مۇقام رىشتە مۇھەببەتكە،
ئاڭا ئىنسانىيەت خۇشتار، پۈتۈن يەرشارى ئىقراردۇر.
مۇقام بىزگە غۇرۇر - شۆھرەت، مۇقام بىزگە مەدەت - رىغبەت،
مۇقام −− دىلدار، مۇقام −− گۈليار، مۇقام نۇرانە زۇنناردۇر.
مۇقام مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ، بورانلاردا پۈكۈلمەيدۇ،
ئۇنىڭ ئىقبال چىراغىغا مۇقام ئەۋلادى ھەقداردۇر.
-----------------------
2010- ، 2011- يىللار، قەشقەر
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------