ئەزىز نەسىن: ساياھەتنامە

يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014   مەنبە: تارىم 2012-8-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئاپتورى: ئەزىز نەسىن(تۈركىيە) تۈركچىدىن مۇھەممەد ئەيسا ئۆزئەرك تەرجىمىسى 1 ھېچ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ بىر شەنبە كۈنى ئىدى. بىز ئەمدىلا

 

ئاپتورى: ئەزىز نەسىن(تۈركىيە)

تۈركچىدىن مۇھەممەد ئەيسا ئۆزئەرك تەرجىمىسى

1


ھېچ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ بىر شەنبە كۈنى ئىدى. بىز ئەمدىلا ناشتا قىلىپ بولغانىدۇق. مەن دېرىزە ئالدىدىكى كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ گېزىت كۆرۈۋاتاتتىم. دەرۋازا ئالدىدىن كىچىك قىزىمنىڭ چىر - چىر چىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم:
- دادا، دادا، بىر خوتۇن كەپتۇ، سېنى ئىزدەيدىكەن.
قىزىم بىر قانچە قېتىم توۋلىغاندىن كېيىن ئايالىم ئاشخانىدا تۇرۇپ قىزىمغا ۋارقىرىدى:
- ۋارقىرىما، ئىشىكتە تۇرۇپ ۋارقىرىماي، ئۆيگە كىر.
ئايالىم قىزىمغا شۇنداق دېگەن بىلەن چەت ئەللىك ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چىدىيالماي، قىزىقىپ دەرۋازا ئالدىغا چىققىنىنى دەرۋازىنىڭ غىچىلداپ ئېچىلغىنىدىن بىلىپ تۇراتتىم.
- كىمنى ئىزدەيسىز خانىم؟ - ئايالىم سورىدى.
چەت ئەللىك ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم:
- بېيكىر، بېيكىر، بېيكىر ئەپەندى، - چەت ئەللىك ئايال پەقەت شۇنىلا دەپ تۇراتتى.
- ھە، قاراڭلار بۇ ئايالنىڭ دۆتلۈكىنى بۇ دېگەن ئۆي، غاز بويۇن، بۇ يەردە ئات نېمە ئىش قىلىدۇ، - ئايالىم خاپا بولدى.
چەت ئەللىك ئايالنىڭ بىر قانچە قېتىم “بېيكىر مەمەت، بېيكىر مەمەت” دېگىنىنى ئاڭلاپ، يېنىمدىكى دېرىزىنى ئېچىپ بېشىمنى چىقىرىپ تۆۋەنگە قارىدىم. دەرۋازا ئالدىدا بىر ئايال تۇراتتى. ئايالنىڭ بويى شۇنداق ئېگىز، ئۆيىمىز شۇنداق پاكار ئىدى. مۇشۇ تۇرقىدا ئۇ ئايال دېرىزىدىن بوينىنى سوزسىلا، 2 - قەۋەتتىكى مەن بىلەن پاراڭلىشالايتتى. تۇرقىدىن ساياھەتچى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. بوينىغا تاسمىلىق دۇربۇن، فوتو ئاپپاراتى، سىنئالغۇ دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېسىۋالغانىدى. قولىدا بىر رادىيو بار ئىدى. ئۇ سۆزلىشىۋاتقاندىمۇ رادىيونى قۇلىقىغا چاپلاپ تۇراتتى. مەھەللىمىزدىكى ئۇششاق بالىلارنىڭ ھەممىسى بۇ چەت ئەللىك ئايالنىڭ يېنىغا ئولاشقانىدى. مەھەللىنىڭ ئۇششاق بالىلىرى دېسەم، 5 -10، 20 -30 مىكى دەپ قالماڭ. مەن بىرەر يۈزى بارمىكى دېسەم، سىز 300 دىن كەم ئەمەسكەن دېيىشىڭىز مۇمكىن. مەھەللىمىزدىكى بىر ئۆيدە ئەڭ ئاز دېگەندە 5 -10 بالا بار. بەزى ئۆيلەر باركى، ئاتا - ئانىسىدىن بالىلىرىنى سورىسىڭىز، ئۆيدىكى بالىلىرىنىڭ سانىنى دېيەلمەي، بارماقلىرى بىلەن ھېسابلاشقا باشلايدۇ. چەت ئەللىك ئايالنى ئارىغا ئېلىۋالغانلار بىر قانچە يۈز بالا دېسەم يەنە ئازلىق قىلىدۇ.
قىزىمنىڭ چىرقىراشلىرىنى، ئايالىمنىڭ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىغان قوشنا ئاياللار ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىلىرىدىن بىراقلا باشلىرىنى چىقىرىشقا باشلىدى. ئېگىز بويلۇق چەت ئەللىك ئايال قولىدىكى قەغەزنى ئايالىمغا سۇنغانچە. بېيكىر ئەپەندى، دەپ تۇراتتى.
- مەرھەمەت، ئىزدىگەن ئادىمىڭىز مەن، - دېدىم.
كۈنداشلىقتىن كۆزىگە قىزىللىق تىقىلغان ئايالىم قوشنا ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىدىن بەدىنىنى بەللىرىگىچە چىقىرىپ تۇرغان ئاياللارغا دېدى:
- ھەي، نېمە ئىش بۇ ئەمدى. خۇدايىم ساقلىسۇن، بۇ خوتۇن ئات ئىزدەيدىكەن، بىزنىڭ ئادەممۇ دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ، ئەپەندىم، مەرھەمەت دەۋاتىدۇ. ۋاييەي، بۇ خوتۇن ئايغىر ئەمەس ئات ئىزدەيدىكەن، ئات. بۇ ئايال ئىزدىگەن ئات سەنمۇ؟
ئايالىمنىڭ ئالىجوقا سۆزلىرىدىن قوشنا ئاياللار قاقاھلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
- سەن نېمىنى بىلەتتىڭ، يۈسۈپنىڭ ئامېرىكىچىسى جوزىف، ئادەمنىڭ ئامېرىكىچىسى ئادىم، بەكىرنىڭ ئامېرىكىچىسى بېيگىردۇر، - دېدىم.
دەرۋازا ئالدىغا چۈشتۈم. چەت ئەللىك ئايال سۇنغان قەغەزدە مېنىڭ ئىسمىم، ئۆينىڭ ئادرېسى يېزىلغانىدى، ما ئىشنى كۆرۈڭ.
چەت ئەللىك ئايال تىلىمىزنى بىلمەيتتى. بىز ئۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيتتۇق. نېمىلا بولمىسۇن، پۇت - قول ئىشارىتى بىلەن ئايالنى ئىچكىرىگە باشلىدۇق. ئايالىم كەلگەن ئايالنىڭ ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قىزىشىپ سۆزلىگىلى تۇردى.
- ئۆز ئەرلىرىنى ۋىيېتناملاردا ھالاك قىلىپ ئەرسىز قېلىپ، ئەمدى ئايغىر ئەمەس، ئات لازىم دەپ يۈرۈشىدۇ بۇلار، - ئايالىم سۆزلە - سۆزلە ئاخىر قەھۋە ئەكىردى.
قوشنىلىرىمىزدىن بىرسى ئابباس ئەپەندى ئىدى، ئۇ گېرمانىيەدە پۇل تاپىمەن دەپ بەش - ئون يىل تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ يۈرۈپ، ئايالىنىمۇ قاچۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن، چەت ئەلدە تاپقان پۇللىرىنىمۇ، بۇزۇپ خەجلەپ قاق سەنەم بولۇپ قالغانىدى. بالىلىرىمىزدىن بىرىنى ئابباس ئەپەندىنىڭ يېنىغا ئەۋەتتىم. بۇ ئايالنىڭ نېمە دەردى بارلىقىنى ئاڭلاپ باقسۇن دەپ ئويلىدىم. ئابباس يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كەلدى.
- ياخشىمۇ سەن ئابباس، نەچچە يىل چەت ئەللەردە يۈردۈڭ، چەت ئەل تىلىنى بىلىسەن، بۇ ئايال بىلەن پاراڭلىشىپ باق، نېمە ئىش بارلىقىنى بىلىپ باقايلى، - دېدىم.
- مەن يېرىم - يارتا تۈركچىدىن باشقا چەت ئەل تىلى بىلمەيمەن، بىلىدىغان تۈركچەم بىلەنمۇ چۈشىنىشلىك ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن.
- ھىم، ياپىر، سەن بەش - ئون يىل گېرمانىيەدە بولدۇڭغۇ؟
- شۇنداقلىقى شۇنداق، - دېدى ئابباس ئەپەندى، - ئىشلەشتىن باشقا بىزدە نەدىمۇ پاراڭلىشىشقا ۋاقىت بولسۇن. سەن گېرمانچىنى قويۇپ تۇر، مەن ئۇ يەردە يەنە ئۇزاقراق تۇرۇپ قالسام يېرىم - يارتا بىلىدىغان تۈركچىنىمۇ ئۇنتۇپ، خۇددى شاتۇتىلاردەك زاۋۇتتىكى ماشىنىلارنىڭ غىچىرلىغان، يادا بولۇپ كەتكەن ئاۋازىنى چىقىرىشقا باشلايتتىم. گېرمانىيەلىك سودىگەرلەر بىزگە پاراڭلاشسۇن دەپ ئەمەس، ئىشلىسۇن دەپ پۇل بېرىدۇ.
- ھە، ئەمىسە قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇ ئايال ماڭا قىزىقىپ قالدى. ئۇ ئايالنىڭ يەنىلا رادىيونى قۇلىقىغا چاپلىۋالغىنى نېمىسى؟ ھېچ چۈشىنەلمىدىم.
ئايالىم خۇددى مەن بىر كىچىك خوتۇن ئېلىۋالغاندەك ئۇ ئايالغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى.
- ھەمدىنىڭ ئوغلى ئەرك ئال مەكتەپتىن قايتقان بولسا ئۇنى چاقىرتايلى، - دېدى ئابباس، - ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. تەتىللەردە ئامېرىكىلىقلارنىڭ يېنىدا ئىشلىگەچكە ئىنگلىزچىسى بەك ياخشىمىش.
بالىلاردىن بىرنى ئەۋەتىپ ئەرك ئالنى چاقىرىتىپ كەلدىم. ئۇ كېلىپ ئايال بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى. ئەرك ئالنىڭ پاراڭ قىلىشى قىزىق ئىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن كولدۇر - كولدۇر بىر گەپلەرنى قىلاتتىيۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆينىڭ ئىچىدە سەكرەپ - تاقلاپ، يېتىپ - ئېغىناپ، پۇتلىرىنى ئېچىپ، قوللىرىنى ھەريان ياياتتى. بېشىنى خۇددى پىرقىرىغۇچتەك ھەريان چۆرۈيتتى. ئۆزىنى تامغا ئۇرۇپ، ئۇياققا - بۇياققا ئاتاتتى. بىچارە بالا ئۇ ئايال بىلەن سۆزلىشىمەن دېگىنىگە قان - تەر بولۇپ كەتتى.
- بولدى ئوغلۇم، ئۇنداق تىپىرلاپ جان تالاشما، ساڭا قاراپ مەن ھېرىپ كەتتىم - دېدىم.
- بەكىر تاغا، ئىنگلىزچەم بوش بولغاچقا، شۇ پۇت - قوللىرىمنى ئىشقا سېلىپ پاراڭلىشالايمەن، - دېدى ئەرك ئال.
قانداقلا بولسۇن ئەرك ئال ئۇنداق قىلىپ، مۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئۇ ئايال بىلەن پاراڭلاشقان بولدى.
مەھەللىمىزدىكى ياشلاردىن پەقەت ئۈچىلا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيالىدى. ئۇلاردىن بەك سۆيۈنىمەن. قاراڭ، ھازىر ئۇلارنىڭ بىرسى تۈرمىدە، يەنە بىرسىنى ساقچىلار ئىزدەپ يۈرىدۇ. يەنە بىرى ئامېرىكىغا كەتتى. ئۇنىڭ ئىسمى تۇنجى ئەر. تۇنجى ئەر ئادرېسىمىزنى بۇ ئايالغا يېزىپ بېرىپ، بۇ يەرگە يولغا سالغانىكەن. ئۇ بىزگە بىر ئاي بۇرۇن بۇ ئايالنىڭ بۇ يەرگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىر پارچە خەت سالغانىكەن. لېكىن ئۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالالمىغانىدۇق. ئۇ ئايال خەتنىڭ بىر ئايدىمۇ بىزگە تەگمىگەنلىكىدىن ھەيران قالدى. ھىم، ھېلىغۇ خەتكەن، يوللىغان تېلېگراممىمۇ بىر ئايدا جايىغا تەگمەيدىغان تۇرسا بۇ يەردە.
ياخشى ئادەملەر گەپنىڭ ئۈستىگە كېلىدۇ دېيىشىدۇ. بىز پوچتا، پوچتالىيون توغرۇلۇق سۆزلىشىپ تۇرساق پوچتالىيون كېلىپ قالدى. كونۋېرتتىكى تامغىغا قارىدۇق. شۇنداق، بۇ ئامېرىكىدىن ئايروپىلان بىلەن سېلىنغان خەت بولۇپ قولىمىزغا تېگىشكە بىر ئاي ۋاقىت كەتكەنىدى:
تۇنجى ئەر خېتىدە ھاسىل كالام قىلىپ بۇ يەرگە كەلگەن بۇ ئايالدىن ئامېرىكىدا كۆپ ياخشىلىق كۆرگەنلىكىنى، ئىستانبولدا بىر كېچە - كۈندۈز تۇرۇپلا كېتىدىغانلىقىنى. ئىستانبولنىڭ ئەڭ گۈزەل يەرلىرىنى بۇ ئايالغا كۆرسىتىپ ساياھەت قىلدۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلغانىكەن. بۇ ئايالنىڭ ئىسمى رېدماۋىس ئىكەن.
مەن چەت ئەللىك ئاياللارنىڭ يېشىنى ئۆلۈپ كەتسەممۇ زادىلا پەرقلەندۈرەلمەيمەن. مەن رېدماۋىس خانىمنىڭ 30 ياشقا ياكى 60 ياشقا كىرگەنلىكىنى زادىلا بىلەلمىدىم.
كىيىم - كېچەك، يۈرۈش - تۇرۇش، گىرىم - پىرىملىرىغا قارىساڭ 30 ياشتىمىكىن دەپ قالىسەن. قارا كۆك كىيىملەرگە ئوخشاش كۆككە بويىۋالغان ئاق چاچلىرى، تاشپاقىنىڭ بوينىغا ئوخشاش سېمىز تېرىلىرىنىڭ پۇرلىشىپ كەتكىنىگە قاراپ 60 ياشتا دەيسەن. جىلۋە قىلىشى، قىلىقلىرىغا قاراپ 30 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئوخشايدۇ دەپ قالىسەن.
رېدماۋىس خانىمنىڭ رادىيونى نېمىشقا قۇلىقىغا چاپلىۋالىدىغانلىقىغا قىزىقىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئەرك ئالدىن بۇنى سورىغۇزدۇم.
ئەرك ئالنىڭ بىزگە تەرجىمە قىلىپ بېرىشىچە، ئۇ ئايال مۇنداق دەپتۇمىش:
مېنىڭ بىر يېقىن تۇغقىنىم ئالەم ئۇچقۇچىسى. بۈگۈن راكېتا بىلەن ئۇچىدۇ. ئايغا بېرىپ كېلىدۇ. مەن بۇنىڭغا قىزىققاچقا، رادىيودىن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئىزدەۋاتىمەن.
رېدماۋىس خانىم تۈنۈگۈن كېچە ئىستانبولغا كېلىپ مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىپتۇ. بۈگۈن ئەتىگەن بىر تاكسىغا ئولتۇرۇپ، شوپۇرغا بىزنىڭ ئۆينىڭ ئادرېسىنى بېرىپتۇ. بىزنىڭ كوچىغا 300 - 400 مېتىر يولغىچە بولغان ئارىلىقتا ھېچقانداق چاقلىق قاتناش كېلەلمەيدىغان بولغاچقا، شوپۇر “ئىستانبول مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ” دەپ ئايالنى ماشىنىسىدىن چۈشۈرۈۋېتىپ، پۇلىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن كېتىپ قاپتۇ. بىچارە ئايال قولىدىكى ئادرېس يېزىلغان قەغەزنى ئۇنىڭغا، بۇنىڭغا كۆرسىتىپ بىزنىڭ ئۆينى تېپىپتۇ.
بۇ ئايال ئىستانبولدا بىر قانچە كۈن تۇرسىمۇ جىق ئىشلارغا قولاي بولاتتى. لېكىن پەقەت بىر كۈنلا تۇرۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، بۇ ئايالغا ئىستانبولنىڭ ئەڭ گۈزەل يېرىنى كۆرسەتكىنىمىز تۈزۈك. بۇ خۇسۇستا بىز ئۆزئارا تالاش - تارتىش قىلغاندىن كېيىن مەھەللىمىزنىڭ زىيالىيسى سېلىم خوجىدىن مەسلىھەت ئېلىپ، ياردەم سوراش قارارىغا كەلدۇق. سېلىم خوجىنى چاقىرىتتۇق. بىر چەت ئەللىك ئايالغا ياردەم قىلىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، زىيالىي ئىمام يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كەلدى.
- پىلان تۈزەيلى، - دېدى سېلىم خوجا. ئۇنىڭ تۈزگەن پىلانىغا ئاساسەن بىزنىڭ ئۆيىمىز بولغان مەۋلانا ئىشىكىدىن ھەممىمىز بىرلىكتە يولغا چىقىدىكەنمىز، ئاندىن كاراكويغا بارىدىكەنمىز، ئۇ يەردىن پاراخوتقا ئولتۇرۇپ رېدماۋىس خانىمغا بوغۇز ئىچىنى كۆرسىتىپ، كادىكۆيگە بويىغا ئۆتىدىكەنمىز. ياز ئىسسىقى بولغاچقا ئۇ يەردىن پاراخوت بىلەن يۈرۈپ، ئايالنى پويىز بىلەن فىلوريا ساھىلىغا ئېلىپ بېرىپ سۇغا چۆمۈلدۈرۈدىكەنمىز.
“رېدماۋىس خانىمنى فىلوريادا دېڭىزغا چۆمدۈرىمىز” دېيىشىگە بىزنىڭ سېلىم خوجا ئاۋغۇستنىڭ ئىسسىقىدىن قىينىلىپ، يېرىقىدىن شەربەتلەر ئېقىپ تۇرغان پىشقان ئەنجۈرگە ئوخشاش تەرلىرى ئېقىپ تۇرغان گۆشلۈك لەۋلىرىنى يالاپ ئاغزىنى ئۆمەللەشكە باشلىدى. ئايالىم ناھايىتى قىزغىنىپ تۇرۇپ دېدى:
- مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە بارىمەن.
بولمايدۇ دېسە ئايال خەق دېگەننى غەرەز ئۇقىدۇ دەمسىز؟ يائاللا، بىز بۇ رېدماۋىس خانىمنى دېڭىزدا سۇغا چۆمدۈرسەك بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ بىرلىكتە دېڭىزغا چۆمۈلگىنىنى، بىزدىمۇ ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن ۋە بىزنىڭمۇ ئۇلاردىن ھەر قايسى جەھەتلەردىن كېيىن قالمىغانلىقىمىزنى بىلسۇن. بىزمۇ تەشۋىقاتىمىزنى قىلىۋېرەيلى. ھىم، مېنىڭ ئايالىممۇ مەن بىلەن بىللە بارسا، رېدماۋىس خانىم دېڭىزدا چۆمۈلۈۋاتقاندا ئۇ نېمە ئىش قىلار؟ مەنغۇ قانداقلا بولمىسۇن مېنىڭ نىكاھلىق ئايالىمنى دېڭىزدا چۆمۈلۈشكە قويمايدىغانلىقىمنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. مەنغۇ بۇ مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق دەپ دېڭىزدا چۆمۈلۈشكە ئىپادە بىلدۈرمىدىم دەپ تۇراي، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئايالىمنى زورلاپ ئۆلتۈرۈۋەتسەممۇ دېڭىزغا چۈشمەيدۇ. ئاغرىپ قالغاندا دوختۇر “دېڭىزدا يۇيۇنمىسىڭىز بولمايدۇ” دېگەن ۋاقىتتىمۇ دېڭىزغا كىرمىگەن ئىدى: ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچ ئىككى قېتىم دېڭىز دولقۇنى تاشقىن پەيدا قىلغاندا دېڭىز سۈيى توشۇيتتۇم. ئۆي بىلەن دېڭىزنىڭ ئارىلىقى ئىككى سائەتلىك يول ئىدى. قارىسام ئىش قاملاشمىدى، يۇيۇنۇۋالسۇن دەپ ئاخىر دېڭىز سۈيى ئورنىغا تۇزلۇق سۇ ياسىدىم.
قانداقلا بولمىسۇن بىز ئالىيجاناب سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ يولغا چىقتۇق. بىز يولغا چىقىپ بولغۇچە ئايالىم ئارقىمىزدىن ئەگىشىپ ۋارقىراپ - جارقىراپ، ھازا ئېچىپ يىغلاشقا باشلىدى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن رېدماۋىس خانىم ئايالىمنىڭ نېمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقىنى سوراپتۇ. بىزنىڭ ئەرك ئال كاللىسىنى ئىشلىتىپ بىزنىمۇ ئاقلاپ تۇرۇپ ئۇستاتلىق بىلەن:
- بىزنىڭ ئاياللىرىمىز بەك مېھماندوست. سىزگە ئامراق بولۇپ قالغاچقا ھاياجانلاندى. ھازىر سىزدىن ئايرىلىشقا چىدىمايۋاتىدۇ. شۇڭا يىغلاۋاتىدۇ، - دەپ ئىشنى ئوڭغا بۇراپتۇ.
بۇ مەنزىرىدىن ھاياجانلانغان رېدماۋىس خانىم، - مەن بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقلىكلەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن، بىزنىڭ ئادەملىرىمىز بەك ھېسسىياتسىز، - دەپتۇ.
بىز ئۆيدىن خېلى ئۇزاپ كەتكەن بولغاچقا، ئايالىم پۇتىدىكى بىر پاي ئاياغنى بىزگە ئاتقان بولسىمۇ، بىرىمىزنىڭ بېشىغا تەگمىدى. بىزدىن خېلى ئارقىمىزغا چۈشكەن ئاياغنى رېدماۋىس خانىم كۆرۈپ قالدى.
ئەرك ئال رېدماۋىس خانىمغا دېدى:
- مېھماننىڭ ئارقىسىدىن ئاياغ ئېتىش بىزدىكى ئادەت، ئارقىدىن ئاياغ ئېتىلغان مېھمان ئۇ ئۆيگە يەنە مېھمان بولۇپ كەلسۇن، دېگەن مەنىگە ئىگە.
رېدماۋىس خانىم بىزنىڭ بۇ ئادەتلىرىمىزدىن شۇ قەدەر ھاياجانلاندىكى، ئەمدى بىر نەرسە دېسەك يىغىلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى.

2




ھالقىلىق سۆزلەر : چەتئەل، ئەسەر، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار