كوچىنىڭ بېشىغا چىقاي دېگەندە رېدماۋىس خانىم ھېچبىر چۈشەنچە بەرمەي تۇيۇقسىزلا ۋارقىراپ قوپال بىر ھەرىكەت قىلدى. بىز بىرەر يېرى بىر نەرسە بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدۇق. كېيىن ئەرك ئالدىن نېمە ئىشلىقىنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدۇق. ئەسلىدە ئالەم ئۇچقۇچىسى قېرىندىشىنىڭ ئالەم كېمىسىنىھەرىكەتلەندۈرۈپ يىراققا ئۇچقىنىنى رادىيودىن ئاڭلىغان ئىكەن، شۇڭا خۇشاللىقتىن بايىقى ھەرىكەتنى قىپتۇ. ھاۋا ھۆلچىلىك بولسۇن ياكى قۇرغاق بولسۇن، ھەر زامان سۇ ئىچىدە تۇرىدىغان بۇ كوچىمىزدىن خۇددى تاقلاشماق ئوينىغاندەك تاشلاردىن - تاشلارغا، ئۇ دۆۋىدىن بۇ دۆۋىگە ئاتلاپ، خۇدانىڭ ياردىمىدە بالا - قازاسىز كېتىۋاتقىنىمىزدا، بۇنداق ناچار يوللاردا مېڭىپ باقمىغان رېدماۋىس خانىم بىر قانچە قېتىم سەنتۈرۈلۈپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى. كېتىۋېتىپ بىر چاغدا ئۆيلەردىن چىقىپ يىغىلىپ قالغان مەينەت سۇغا يىقىلىپ چۈشتى. بۇ شۇنداق بىر بولۇمسىز ئايال ئىدىكى، ئادەمدەك مېڭىشنىمۇ بىلمەيدىكەن. بىر چاغدا ئۈستىمىزگە بىر نەرسىلەر چۈشۈشكە باشلىغان ئىدى، رېدماۋىس خانىم “قار ياغىدىغان ئوخشايدۇ” دېمەسمۇ، ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق، يازنىڭ ئوتتۇرىسىدا قار ياغارمىش. بۇلارنىڭ پەقەت كاللىسى ئىشلىمەيدۇ. بىز ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقان بىر ئۆينىڭ 2 - قەۋىتىدىن ئۆيىنى تازىلاۋاتقان بىر ئايالنىڭ قاققان پالىسىدىن ئۈستىمىزگە چۈشكەن سۈپۈرۈندىلەر بىلەن ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرگەن تۈكلىرىنى كۆرگەن ئامېرىكىلىق خانىم قار ياغىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالغانىدى. بۇنداق قىلغۇچە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ باقسا بولمامدۇ؟ رېدماۋىس خانىم دەل بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراۋاتقان چاغدا پالاس قاققان دېرىزىنىڭ يېنىدىكى قوشنا ئۆيدىن بىر ئايال لىق بىر داس سۇنى پەسكە تۆكۈۋەتتى. بېشىدىن ئايىغىغىچە پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ كەتكەن رېدماۋىس خانىم رەڭگارەڭ پارقىراق يازلىق كىيىمى بىلەن خۇددى يۇيۇنۇپ چىققان ئىتنىڭ كۈچۈكىگە ئوخشاپ قالغانىدى. ئۇ خۇددى كۈچۈككە ئوخشاش سىلكىنىپ بەدىنىدىكى مەينەت سۇلارنى سىلكىۋېدى، بۇ سۇلار بېشىمىزغا، ئۈستىمىزگە چاچرىدى. بۇ ئىشلارغا بەك ئاچچىقى كەلگەن ئابباس بىر داس سۇنى دېرىزىدىن سىرتقا تۆككەن ئايالغا: - ھەي، خىجىل بولمامسىز، بىز بولساققۇ مەيلى ئىدى. بۇ چەت ئەللىك ئايال، ئامېرىكىدىن كەلگەن تۇرسا، ئادەم بولغاندىكىن سۇنى تۆككىچە دىققەت قىلمامسىز، - دەپ ۋارقىرىدى. ھۆل بولۇپ كەتكەن ئايالنىڭ ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكىگە كۆڭلى يېرىم بولغان دېرىزىدىكى ئايالمۇ ئابباسنىڭ ئېغىر گەپلىرىگە لايىقىدا جاۋاب قايتۇردى: - مەن ئۇنىڭ چەت ئەللىك ئايال ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلەي. بىلگەن بولسام ھەرگىزمۇ ئۈستىگە سۇ تۆكمەيتتىم. ھەر قېتىم كوچىغا سۇ تۆككىنىمدە ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن ئادەمنىڭ چەت ئەللىك ياكى ئەمەسلىكىنى سوراپ يۈرەمتىم، - ئايال مۇشۇ گەپلىرى بىلەن ئابباسنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىدى. لېكىن بىچارە ئايال شۇنداق خىجىل بولدىكى، ئۇ رېدماۋىس خانىمغا: - ئەنسىرەپ كەتمەڭ. ئۈستىڭىزگە تۆكۈلگەن سۇ داغ پەيدا قىلمايدۇ. پاسكىنا سۇلارنى سىز كېلىشتىن بۇرۇن تۆككەنىدىم. بۇ ئۈستىڭىزدىكى چاڭ - توزانلارنى تازىلىۋېتىدۇ، - دېدى. لېكىن ئىچكىرىدىن ئاڭلانغان بىر ئاۋاز بۇ ئايالنىڭ سۆزلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى. - ئانا، تۆككەنلىرىڭ پاكىز سۇ ئەمەسقۇ، ئىسراپ بولۇپ كەتمىسۇن دەپ پاكىز سۇلارنى گۈللەرگە قۇيغان ئىدىڭغۇ؟ سېنىڭ ھازىر تۆككىنىڭ ئۇكامنىڭ زاكىسىنى يۇيغان سۇغۇ؟ ئايال: - ھەي، سېنىڭ ئەقلىڭ گەجگەڭگە ئۆتۈپ قالدىمۇ، كۆزۈڭ كۆرمىدىمۇ سېنىڭ، نانكور، - دەپ دېرىزىدىن يىراقلاشتى. سەزگۈر يىگىت ئەرك ئال بولغان بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالغان ئامېرىكىلىق ئايالغا بىزنى ئەسكىكەن دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن، كاللىسىنى ئىشلىتىپ شۇنداق بىر گۈزەل يالغاننى توقۇپ مۇنداق دەپتۇ: - بۇ بىزدىكى بىر قائىدە - يوسۇن، خەلقىمىز بەك مېھماندوست بولغانلىقتىن، كوچىدىن بىرەر چەت ئەللىك ئۆتۈپ قالسا شۇنداق خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. شۇنداق خۇشال بولۇشىدۇكى، خۇشاللىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يەنى خۇددى سىلەرنىڭ ئۇ يەردە خۇشاللىقتىن كەمپۈت، گۈل - چېچەك ئاتقىنىغا ئوخشاش بىزنىڭ بۇ يەردە چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۈستبېشىغا پالاس قېقىلىپ، سۇلار چاچىدۇ. رېدماۋىس خانىم بۇنىڭغا جاۋابەن: - كىشىنى نەقەدەر ھەيران قالدۇرىدىغان يوسۇنلار بار ھە سىلەردە، مەن شۇڭا دۇنيانى ئايلىنىش ئۈچۈن ئاتلاندىم، - دەپتۇ. ئەرك ئالمۇ ياخشى تىلەكلەردىن خاتىرجەم بولغان رېدماۋىس خانىمغا خەلقىمىزنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۈستىگە سۇ سېپىشنىڭ بۈيۈك بىر پىداكارلىق ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئىستانبولدا تۇرۇبىدىن پەقەت ئىككى كۈندە بىر قېتىم سۇ كېلىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىچىملىك سۈيىدىن بىر تېمىم، بىر تېمىمدىن يىغقان سۈيىنى ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىغان چەت ئەللىكلەرگە چاچىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. كېيىنكى كوچىدىنمۇ ئۆتتۇق. ئۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ ھېچبىرىدە باغچە، بوشلۇق دېگەندەك كىر - قات ئاسىدىغان يەر بولمىغاچقا، ئۆيلەرنىڭ بالكونلىرىغا، دېرىزىلەرگە قۇرۇتۇش ئۈچۈن يۇيۇلغان كىر - قاتلار ئېسىلغانىدى. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىگە، بالكونلىرىغا، پېشايۋانلىرىغا ئېسىلغان خىلمۇخىل ئىچ كىيىملەر، ئەرلەرنىڭ تامباللىرى، يۇڭلۇق، پاختىلىق كىيىملەر، روباشكىلار، بالىلارنىڭ زاكىلىرى، ياماقلىق كىيىملەر، سېرىق، شاپتۇل چېچىكى رەڭگى، كۆك، قارا، يېشىل، ھەر خىل رەڭدىكى بىر خىل كىيىملەر، بىر خىل رەڭدىكى ھەر خىل كىيىملەر، بەزىسىنىڭ رەڭگى ئالا - بۇلىماچ، يىپەكتىن، نىلوندىن، باشقا رەختلەردىن تىكىلگەن ئاياللارنىڭ ھەر خىل پاسوندىكى كىيىملىرى، ئىشقىلىپ ئىنسان كىيىدىغان كىيىملەرنىڭ ھەر خىللىرى شامالدا لەپەڭشىپ تۇرۇشاتتى. كىيىم - كېچەكلەرنىڭ بۇ خىل لەپەڭشىپ تۇرغان ھالىتى بەئەينى رەڭگارەڭ قۇشلار ئۇچۇپ يۈرگەندەك كۆرۈنەتتى. ھەر بىر ئۆي خۇددى بايراملاردا تۈۋرۈكلەرگە ھەر خىل رەڭدىكى، ھەر خىل شەكىلدىكى بايراقلار ئېسىلغان كىيىملەرگە ئوخشاش زىننەتلەنگەنىدى. رېدماۋىس خانىم بۇنداق ھەرىكەتكە كەلگەن رەڭلىك مەنزىرىنىڭ ئەكسىچە خۇشال كۆرۈنەتتى، ئۇمۇ خۇددى قۇشلارغا ئوخشاش ۋىچىرلاپ توختىماي گەپكە چۈشكەنىدى. مەن ئەرك ئالغا بۇ ئايالغا بىزنىڭ بۇ يەردە يىلدا بىر كۈن كىيىم - كېچەك بايرىمى بولىدىغانلىقىنى، بۇ كۈنى پۈتۈن ئاياللارنىڭ كىيىم - كېچەكلەرنى يۇيۇپ، قانداقلا بولمىسۇن ئۆيلىرىنىڭ سىرتىغا ئاسىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى دېدىم. رېدماۋىس خانىم شۇ ھامان سۈرەت ئاپپاراتىنى ئېچىپ سۈرەت تارتىشقا باشلىدى. كىيىم - كېچەكلەر ئارىسىدا ئۆزى سۈرەتكە چۈشۈشنى خالىغانلىقى ئۈچۈن، 1 - قەۋەتتىكى بىر دېرىزىگە يۆلەكلىك ياغاچقا ئېسىلغان ئۇزۇن ئەرەنچە چاپاننىڭ ئاستىدا تۇردى. ئاندىن چاپاننىڭ ئىككى پېشى ئوتتۇرىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سۈرەتكە تارتىشقا ئىشارەت قىلدى. ئەرك ئال دەرھال سۈرەتكە تارتتى. رېدماۋىس خانىم بۇ مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىش بىلەنلا بولدى قىلماي، كىيىم - كېچەك بايرىمى قۇتلۇقلىنىۋاتقان بۇ كوچىنى يەنە تېلېكامېرا بىلەن سىنغا ئالدى. ئابباس تېلېكامېرا سۈرىتىنىڭ رەڭلىك ياكى رەڭسىز ئىكەنلىكىنى سورىدى. ئەگەر تېلېكامېرا سۈرىتى رەڭلىك بولسا كۆرۈنۈشنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چاپىنىنىمۇ سۈرەتكە ئالدۇرماقچى ئىكەن. تېلېكامېرادىكى سۈرەت رەڭسىز ئىكەن. لېكىن فوتو - ئاپپاراتتىكى سۈرەت رەڭلىك ئىكەن. چوڭ يولغا چىقىۋالساق، بىزنىڭ بۇ ئەگرى - بۈگرى كوچىلىرىمىزدىن قۇتۇلاتتۇق. تېزرەك مېڭىپ چوڭ يولغا چىقىپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش ئۈچۈن كېسىپلا ماڭايلى دېيىشكەن ئىدۇق. بىز ئۈچ يىلدىن بېرى ياسالمىغان، ھەر تەرىپى چاشقان ئۇۋىسىغا ئوخشاش ئويمان - دۆڭ يوللاردا مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇق. يولدا ئۇزۇنىغا، كەڭرىسىگە خېلىلا چوڭقۇر بىر خەندەك پەيدا بولغانىدى. بەزى ئويمانلار، خەندەكلەرنىڭ ئۈستىدە قېلىن ۋە ئۇزۇن بەلگە تاختايلار بار ئىدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قىشىچە قالاش ئۈچۈن ياكى باشقا ئىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئوغرىلانغانىدى. چوڭقۇرلۇقلاردىن ئۆتۈش ئۈچۈن قويغان تاختايلار ئوڭ - سول تەۋرىنەتتى ۋە يۇقىرى - تۆۋەن لىڭشىپ تۇراتتى. چوڭقۇرلۇقلارغا چۈشۈپ بىر يەرلىرىمىزنى زەخىملەندۈرۈۋېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىككى قولىمىزنى ئىككى يانغا ئېچىپ، خۇددى دارۋازلاردەك تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلاشقا تىرىشىپ تاختايلار ئۈستىدىن ماڭاتتۇق. رېدماۋىس خانىم مەندىن خۇشال بولغاندەك، خۇددى بەك كونا بىر ئاغىنىلەردەك بىر قولىنى مۈرەمگە قويۇۋالغان پېتى يېنىمدا مېڭىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ بەك ئېگىز، مەن بەك پاكار بولغاچقا مېنى ھاسا ئورنىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن قولىنى مۈرەمگە قويۇۋالدىمۇ ياكى دوستانىلىقتىن شۇنداق قىلىۋاتامدۇ ئۇنىڭ نېرىسىنى بىلمىدىم. بىز مۇشۇ ھالەتتە كېتىۋاتقاندا بېشىمنى بۇراپ بۇ ئايالغا قارىسام، بېشى مېنىڭ بېشىم بىلەن تەڭمۇتەڭ ئېگىزلىكتە تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئابباسقا: - يائاللا، بۇ ئايالنىڭ بويى ئېگىز ئىدى، مەن بۇ ئايالنىڭ رەڭگىرويىنى كۆرۈپ باقاي دەپ قارىغانىدىم، چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ شەپكەمنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا قارىغانىدىم، قارا، ھازىر قانداق بولدى، ئىككىمىزنىڭ بويى تەپمۇتەڭ بولۇپ قالدىغۇ، - دېدىم. ئابباس ئېغىزىنى ئېچىشقا ئۈلگۈرمەيلا رېدماۋىس خانىمنىڭ بويى يەنە بىر غېرىچ پەسلەپ كەتتى. بېشى مېنىڭ مۈرەمگە تېگىپ قالاي دېگەنىدى. بۇ قېتىم ئەمدى مەن قولۇمنى بۇ ئايالنىڭ مۈرىسىگە قويدۇم. ئەرك ئال بىلەن ئابباس كەينىمدىن كېلىۋېتىپ قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. رېدماۋىس خانىم ئوڭغۇل - دوڭغۇل يولدىكى كۆلچەككە كىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ كۆلچەك ئىچىدە مېڭىۋاتقان بولغاچقا، بويى مەن بىلەن تەڭ بولۇپ قالغانىكەن. بۇ ئايال تىزىغىچە مەينەت سۇ كېچىپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ بىزنى خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دەپ، بىزگە بىر نەرسە دېمىگەن ئىكەن. تۆتىمىز بىر بولۇپ بىچارە ئايالنى سۇدىن، خەندەكتىن تارتىپ چىقاردۇق. رېدماۋىس خانىم قۇلىقىغا چاپلىۋالغان كىچىك رادىيودىن يېڭى بىر خۇش خەۋەر ئاڭلىغان بولسا كېرەك، بەلگىچە ھۆل بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي يېنىك - يېنىك كۈلۈمسىرەپ قوياتتى. قېرىندىشى چەكسىز ھاۋا بوشلۇقىدا يۇقىرى ئۆرلەۋېتىپتىمىش. رېدماۋىس خانىم شۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولۇۋېتىپتۇ. بىز يىقىلىپ قوپۇپ چوڭ يولغا جېنىمىزنى ئۇلاشتۇرالمايۋاتساق، ئۇ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۆزىنى بوشلۇققا قويۇپ بېرىپ، يەر يۈزىنىڭ مەينەتچىلىكىدىن قۇتۇلغان ئىدى. لاي - پاتقاق كېچىپ، كۆلچەكلەردە يىقىلىپ قوپۇپ، شەيتىنىم كۈلكىگە قىستاپ كېتىۋاتقاندا، بىر ئىش دىققىتىمنى تارتتى. بىزنىڭ سېلىم خوجا رېدماۋىس خانىمنىڭ ئېتىكىنى مەھكەم تۇتۇۋالغانىدى. بۇ ئايال شۇنداق بىر يىقىلىپ چۈشىدىغان بولسا ياكى مۈدۈرۈپ كەتسە، ئۇ ھەممىمىزدىن بۇرۇن تەۋرىنىپ كېتىپ، ھە دېگەندىلا بۇ ئايالنى قۇچاقلىۋالاتتى. ئايالنى قۇچاقلىۋالغاندىن باشقا كىنولاردىكى تويلاردىكى ئەركەك ئارتىس كېلىنچەكنى قۇچاقلىغاندەك كۆتۈرۈپ قوياتتى. رېدماۋىس خانىممۇ جىلۋە قىلغىنىچە گەپ - سۆزلەردىن غىدىقلانغاندەك قاقاھلاپ كۈلۈپ قوياتتى. ئارىدا بىز ئايالغا ياردەم قىلىش خىيالىدا يىقىلىپ چۈشسە قولىدىن، بېلىدىن تۇتماقچى بولساق، بۇنى سېلىم خوجا بىز بىلەن شەرقچە تالىشىش دەپ بىلگەنلىكتىن، بىزگە نەشتىرىنى سانجىپ، بىزنى يىراققا ئىتتىرەتتى - يۇ، يەنە ئايالغا يۈگۈرۈيتتى. بىر دېگىن، ئىككى دېگىن... بۇ ئىشقا ئاچچىقى كەلگەن ئابباس ماڭا: - بۇرادەر، يولغا چىققان ئىكەنمىز بۈگۈنكى چىقىمنى ھەممىمىز تەڭ چىقىرىمىز دېيىشتۇق. لېكىن مەن ۋاز كەچتىم، چىقىمنى ئۈستۈمگە ئالمايمەن، - دېدى. - نېمىشقا، - دېدىم مەن. - نېمىشقا بولاتتى، قارىغىنە سېلىم خوجىدىن بىزگە ھېچقانداق پۇرسەت ئاشمىغىدەك، ئۇ ئايالنى بىزمۇ قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك. - دېگىنىڭ توغرا بۇرادەر، ئۇ ئايالنى كىم قۇچاقلىسا پۇلنى شۇ چىقىم قىلسۇن. يائاللا، بىز مېيىت نامىزىغا ماڭمىدۇق، بىز بۇ خوجىنى ئارقىمىزغا سېلىۋېلىپ بېشىمىزغا بالا تاپتۇقمۇ نېمە، - دەپ، سۆزلەشكە باشلىدى ئابباس ئەپەندى. مەن ئابباسقا سېلىم خوجىنىڭ ئىستانبولغا مۇناسىۋەتلىك بىلىدىغانلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇ ئايالغا ئىستانبولنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئارىمىزغا قوشۇۋالغانلىقىمىزنى ئېيتتىم. ئاستا - ئاستا سېلىم خوجىنىڭ ئىشقى چېكىدىن ئاشقىلى تۇردى، خۇددى ئۇ ئايال ماڭالمايدىغاندەكلا ئۇ ئايالغا يېپىشتى. ھە دېگەندىلا ئايالنى قۇچاقلاشقا ئاران تۇراتتى. رېدماۋىس خانىم بولسا “كەچۈرۈڭ” دەپ ھېرىپ قالدى. ئاراندا بىز ئۇلارنىڭ قاتارىغا كىرىپ قالغۇدەك بولساق، سېلىم خوجا بىزنى مۈرىدەپ يېقىن كەلتۈرمەيتتى. ئاخىر يۈزىنى قىزارتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بۇنداق قىلماسلىقنى، ئامېرىكىلىق ئايالنىڭ تۈرك ئەرلىرىنى خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقىنى ئېيتتىم. بۇنىڭغا قارىتا سېلىم خوجا نېمە دېدى دېمەمسىلەر؟ بىز ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدىكەنمىز، بۇ چەت ئەللىك ئايال بىزنىڭ ئاياللارغا ئوخشاش يىقىلىپ چۈشسە ئۆزى ئورنىدىن تۇرالمايدىكەن. بىر يەرگە يىقىلدىمۇ، خۇددى ئوڭدىسىغا يېتىپ قالغان تاشپاقىغا ئوخشاش تىپىرلاپ ئۆزىنى ئوڭشىيالماسمىش، شۇڭا ئۇنى تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇش كېرەكمىش. مەن سېلىم خوجىغا. - سەن دېگەن ئالىيجانابلىقنى بىزمۇ بىلىمىز، ئۇلار ماشىنىغا چىققاندا، ماشىنىدىن چۈشكەندە ئاياللارنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ياردەم قىلىدۇ، لېكىن سەن پات - پاتلا ئايالغا ئېسىلىۋالىسەن، - دېدىم. سېلىم خوجىنىڭ دېگەنلىرىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى بىزمۇ بىلىمىز، قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئىشنىڭ چېكى بولۇشى كېرەكتە. بۇنىڭغا ئاچچىقى كەلگەن ئابباس سېلىم خوجىغا ۋارقىرىدى: - ئايالغا بولغان ئالىيجانابلىقنىڭ ھەممىسىنى سەنلا كۆرسىتەمسەن. سەن ئالىيجاناب بولساڭ بىز نېمە؟ بىز تاغدىن چۈشكەن ياۋايىلارمۇ؟ - ئەرك ئال بىلەن ئىككىمىز ئارىغا كىرىپ ئۇلارنى ئاجراتتۇق، رېدماۋىس خانىم ئالدىمىزدا كېتىۋاتقاچقا غەۋغامۇ قىلىشمىدۇق. بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقىنىمىزدا، رېدماۋىس خانىم ھە دېسىلا يىقىلغىلى تۇردى. بىزگە ئۇ ئايال خۇددى يالغاندىن يىقىلغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. چۈنكى ئۇ ئايال يىقىلغان يېرىدە جىلۋە قىلىپ سېلىم خوجىغا قارايتتى. سېلىم خوجا بولسا ئامېرىكىلىق ئايالنىڭ نېمىشقا ھە دېگەندە يىقىلىپ چۈشكىنىنى چۈشەنگەندەك قىلىپ بىزگە شۇنداق دېدى: - بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ئۇنداق ئاسانلا يىقىلىپ چۈشمەيدۇ. ناۋادا يىقىلىپ چۈشسىمۇ ھە دېگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ، قەددىنى رۇسلىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار پاكار ۋە ساغرىسى يەرگە يېقىن بولغاچقا خۇددى ئېغىر كىيىملەر ئاسان چۆكۈپ كەتمىگەندەك. بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنىڭ ئېغىرلىقى تەڭپۇڭ بولغاچقا داۋاملىق يىقىلىپ چۈشمەيدۇ. بۇ رېدماۋىس خانىمغا قاراڭلار، بىچارە خوتۇن بىر ئۇچۇملا ساغرىسى بار. ئۇ مۈرىسىگە يېقىن خۇرجۇندەك دۈمبىسىگە يېقىن يەردە تۇرىدۇ. ھە دېگەندىلا تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ يىقىلىپ چۈشۈشى مۇشۇ سەۋەبتىن. 3
|