6 تېخىچە ئۆزىگە كېلىپ بولالمىغان رېدماۋىس خانىمنىڭ بىر قولتۇقىغا مەن، يەنە بىر قولتۇقىغا سېلىم خوجا كىرىپ، ئىككىمىز ئۇنى بېكەتكە ئېلىپ ماڭدۇق. لېكىن سېلىم خوجىنىڭ بويىمۇ مېنىڭكىگە ئوخشاش پاكار بولغاچقا بىز بۇ خانىمنى ئېلىپ ماڭغۇچە بۇ ئېگىز خانىم ئىككىمىزنى خۇددى ئىككى سېۋەتتەك قولتۇقىغا قىستۇرۇپ ئېلىپ ماڭدى. بېكەتكە كېلىشىمىزگە يەنە سېلىم خوجا ئالدىراپ تىراللىبۇسقا چىقايلى، دەپ تۇرۇۋالدى. ئاپتوبۇسقا ياكى تىراللىبۇسقا چىقىشنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر ھازا تالاش - تارتىش قىلغاندىن كېيىن، بىز سېلىم خوجىنى يېڭىپ، ھەممىمىز ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشقا كېلىشتۇق. چۈنكى تىراللىبۇسنىڭ توكى كېتىپ قېلىپ، يولدا قېلىپ، ئېغىزىمىزنىڭ بىر قات تېرىسى سويۇلۇپ كەتكەنىدى. گېپىمىزگە كەلسەك، بىز چىققان ئاپتوبۇس بىر - ئىككى مىنۇت ماڭا - ماڭمايلا بېكەتكە كىرمەستىن سىگنال بېرىپ توختىدى. بېلەتچى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ دېدى: - خانىملار، ئەپەندىلەر ئاپتوبۇس مۇشۇ يەرگىچە ماڭىدۇ... - خانىملار، ئەپەندىلەر، مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قېلىڭلار، - دەپ ۋارقىرىدى شوپۇر. - نېمىشقا بۇ يەردە چۈشۈپ قالىمىز، بىز كاراكۆيگە بارىمىز، - دېدىم. خۇش بولۇپ كەتكەن شوپۇر: - ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، خالىسىڭىز كاراكۆيگە بېرىڭ، خالىسىڭىز تاختالىكۆيگە بېرىڭ، مېڭىۋەرسىڭىز يېتىپ بارىسىز. ھاۋامۇ شۇنداق ياخشى، بۇ ئاپتوبۇس بارالمايدۇ، چۈنكى ئاپتوبۇس بۇزۇلدى، - دېدى. يولۇچىلار ئاغرىنىشقا باشلىدى، لېكىن بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈپ قالغاچقا ھېچكىم بەك كۈچەپ كەتمىدى. ھەتتا يولۇچىلاردىن بىرسى: - شېھرىمىندىن باشلاپ بۇزۇلغان، ئىككى ئاپتوبۇس ئالمىشىپ بۇ يەرگە كەلگەن، ئىلگىرىكى زامانلار بولسا بەش ئاپتوبۇس ئالمىشىپ ئاندىن كېلەتتۇق، - دەپ چاقچاق قىلدى. بېلەتچى: - باشقا ئاپتوبۇسقا ئالمىشىڭلار، باشقا ئاپتوبۇسقا، - دەپ، ۋارقىرىدى ۋە باشقا ئاپتوبۇسلاردا بېلەتلىرىمىزنىڭ ئۆتمەي قالماسلىقى ئۈچۈن بېلەتلىرىمىزگە كۆك رەڭلىك قەلەمدە بەلگە ئۇرۇپ قويدى. بەلگىلىك بېلەتلەر بىلەن ئاپتوبۇستىن چۈشتۇق. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى بېكەتكە بېرىپ ئاپتوبۇس ساقلىدۇق. سېلىم خوجا ئاپتوبۇسنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى كۆرۈپ: - سىلەرگە تىراللىبۇستىن ئايرىلمايلى دېگەنىدىم، - دېدى. بېكەتتە ئادەم شۇنداق كۆپ ئىدىكى، بۇلارنى بىر - ئىككى پويىز بىلەن توشۇپ بولغىلى بولمايتتى. يا كەلگەن ئاپتوبۇسقا، يا تىراللىبۇسقا چىقالمىدۇق. ئابباس: - ئاپتوبۇس، تىراللىبۇسنىڭ ناچارلىقى بىزگە تاكسىدىن بەكرەك قىممەت توختىدى. يا باشتىلا تاكسىغا ئولتۇرماپتۇق، - دېدى. گەپ بولسۇن دەپلا قىلغان گەپتە بۇ، تاكسىغا مىنمەك ئاسانمۇ؟ گەپ ئۇنىڭ پۇلىدىلا ئەمەس، ئادەتتە بىز تەرەپتىكى ئادەملەر تاكسىغا ئولتۇرۇشتىن قاچىدۇ. نېمىشقا دەمسىز؟ ئاڭلاپ تۇرۇڭ. بىر مۇنچىغا چۈشۈش ئۈچۈن قانچە پۇل كېتىدۇ؟ باھا جەدۋىلىگە قاراپ باقايلى. بۇنىڭدا ئۈچ لىرا دېيىكلىك. قېنى كۆرۈپ باقاي، ئۈچ لىرا بىلەن مۇنچىغا چۈشۈپ چىققىلى بولامدۇ؟ مۇنچا لۆڭگىسى ئېلىپ بەرگىنى پۇل دەيدۇ، كەش ئەكەلگىنى پۇل دەيدۇ، ئاياغ سالدۇرغىنى پۇل دەيدۇ، ئىشىكنى ئاچقىنى پۇل دەيدۇ. ئاخىرىدا ئۈچ لىراغا يۇيۇنماقچى بولىسەن. لېكىن تۇزلۇق يۇيۇنغىنىڭغا ئۈچ لىرا تۆلەيسەن. سوپۇننىڭ پۇلى ئايرىم، سۇنىڭ پۇلى ئايرىم، كىيىم ساقلاش پۇلى ئايرىم، ۋاننا پۇلى ئايرىم، ئۈچ لىراغا يۇيۇنىمەن دەپ مۇنچىغا كىرسەنۇ، 15 لىرا بىلەن چىقالىساڭ ناھايىتى چوڭ ئىش قىلغان بولىسەن. ئەگەر ئۇنچىلىك پۇلۇڭ بولمىسا، رەسۋا بولغىنىڭنىڭ ئۈستىگە... ئاشخانىلاردىمۇ شۇنداق. ئاشخانىغا كىردىڭ دەيلى، ئەڭ ئەرزان تاماقلانغىن، شورپا قاچىسى بىر لىرا، ئىككى لىراغا پۇرچاق شورپىسى بولدى، ئۈچ لىرا بىلەن چىقالمايسەن. %10 كۈتكۈچىگە بېرىسەن. باجنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. كىيىم ساقلىغۇچىغا يەنە شۇنچىلىك بېرىسەن، پەلتۇيىڭنى سالماي ئاشخانىغا كىرمەكچى بولساڭ، ئىشىكتىلا پەلتۇيىڭنى مەجبۇرىي سالدۇرۇۋالىدۇ. ئۈچ لىرالىق تاماق يەيسەن، 15 لىرا تۆلەيسەن، قاراڭ. شۇڭا بىز تاكسىغا ئولتۇرۇشتىن قورقىمىز. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا بولسا جىددىي ئىشىم بولغاچقا باكىركۆيگە مىنىبۇس بىلەن كېتەتتىم، ئۇنىڭ شوپۇرى: - نېمە ئىشلىكىنى پەقەت بىلەلمىدىم، نېمىشقىكىن بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى مىنىبۇسقا ئولتۇرمايدىكەن. ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتقا ئولتۇرمايدىكەن. سائەتلەپ بېكەتتە قىستىلىشىپ مىنىبۇس ساقلايدىكەن. مەن بولسام “مىنىبۇس پۇلىغا ئەكىتىمەن، مىنىبۇس پۇلىغا” دەپ ۋارقىرىساممۇ يەنىلا ئولتۇرىدىغان ئادەم يوق... لېكىن ئۇنىڭغا تىقىلىشىپ ئولتۇرىدۇ، - دېگەنىدى. ئەلۋەتتە ئولتۇرمايمىز، قورقۇپ كەتكەنمىز، بىر لىرا بەرسەك تاكسىغا ئولتۇردۇقمۇ بولدى، يانچۇقىمىزدىكى ھەممە پۇلنى ئېلىۋالىدۇ. ئۇچىمىزدىكى كىيىملەرنى سالدۇرۇۋېلىپ، بىزنى يالىڭاچ كوچىغا تاشلىۋەتكۈدەك بولۇپ كېتىدۇ. ئاشخانىدا، مۇنچىدا باشقا يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە شۇنداق قىلىشىدۇ. تاكسىنىڭ لازىمى يوق، ئاپتوبۇسنى ساقلايمىز، شوپۇر پۇل ئالمىسىمۇ تاكسىغا ئولتۇرمايمەن. چۈنكى بۇنىڭ بىر قائىدىسى بار، ئاۋۋال ھەقسىز، ئەرزان دەپ سېنى كۆندۈرىدۇ. گېپىگە كىردىڭمۇ تۈگەشكىنىڭ شۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قاراپ باقايلى. سەن تاكسىغا پۇل يېتىشتۈرۈپ بولالمايسەن. بىز ھەرقانچە سەۋرلىك بولغان بولساقمۇ ئاپتوبۇس، تىراللىبۇس بار يەردە تاكسى، مىنىبۇسقا ئولتۇرمىساقمۇ، لېكىن بۈگۈن يېنىمىزدا بىر چەت ئەللىك مېھمان ئايال بولغاچقا، شۇنداقلا ئاپتوبۇس ياكى تىراللىبۇسقا چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاچقا، تاكسىغا بولسىمۇ، مىنىبۇس ياكى ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتقا ئولتۇرۇش قارارىغا كەلدۇق. بىزنىڭ بۇنداق بىر قارارغا كېلىشىمىزدىكى سەۋەب، بېكەتكە كەلگەن ئاپتوبۇس ياكى تىراللىبۇسقا چىقىمىز دەپ ئىتتىرىشىپ، تۈرتۈشۈپ، قىستىلىشىپ كىيىملىرىمىزدە تۈگمە چاغلىق بىر نەرسىلەرنىڭ قالماسلىقىدىن ئىدى. بۇ قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرساق، ھەمىشە تۈگمىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سۆكۈلۈپ كېتەتتى. شۇنداق بولدى، ئەگەر ئەرك ئال كەمەر باغلىمىغان بولسا ئىشتىنى پاچىقىغا چۈشۈپ قالغان بولاتتى. ئابباس: - ئۈستۈمدە تۈگمە ئاتلىق بىر نەرسە قالمىدى. ئاپتوبۇس، تىراللىبۇس دېگەندىن ۋاز كەچتىم، ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتقا ئولتۇرايلى، - دېدى. قالتىس بىر بەتخەجلىك قىلىپ ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتقا ئولتۇرۇش قارارىغا كەلگىنىمىزدە، بىز بارماقچى بولغان كاراكۆيگە بارىدىغان ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت تاپالمىدۇق. خۇددى قاناتلىرى يارىلانغان چايكىلارغا ئوخشاش قوللىرىمىزنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ، “كاراكۆيگە، كاراكۆيگە” دەپ ۋارقىراپ، يولنىڭ ئىككى يۆنىلىشىگە كېتىپ بارغان ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتلاردىن باشقا، توختاپ تۇرغان بىر ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتقا ئىنتىلىپ تۇراتتۇق. ئۇنىڭ شوپۇرى ئىستانبولنىڭ قانچە يولى، قايسى يېرىگە بارسا بارىدىكەنۇ، كاراكۆيگە بارغۇسى يوق ئىكەن. بىزنىڭ بۇ يەردە قىينىلىپ تۇرغىنىمىزنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىغان بىر ياشانغان ئەپەندى: - ئىستانبولدا ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت بىلەن بارماقچى بولغان يېرىڭلارغا بارمىقىڭلار مۈشكۈل، شۇنداقلا بارىدىغان يەرگە ئاپىرىدىغان ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت تېپىش چوڭ ئامەتتۇر، - دېدى. سېلىم خوجا: - ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟ - دەپ سورىدى. ئۇ ئەپەندى: - بارىدىغان يېرىڭلارغا بارالمىغاندىن كۆرە، ھېچ بولمىسا شوپۇر ئاپىرىپ قويالايدىغان يەرگىچە بارمامسىلەر، - دېدى. چاقچاق قىلىۋاتامدىكى دەپ ئۇ ئادەمنىڭ چىرايىغا قارىدىم، لېكىن ئۇنىڭدا ھېچ چاقچاق قىلغان ئالامەت يوق ئىدى. - شوپۇر ئاپىرىپ قويالايدىغان يەردە نېمە ئىش قىلىمىز، بىز كاراكۆيگە بارىمىز، - دېدىم. ئەپەندى: - ياخشى، بۇ يەردىن بىر ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، خالىغان بىر يەرگە بېرىڭلار، ئاندىن ئۇ يەردىن باشقا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ كاراكۆيگە بېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار قانداقلا بولمىسۇن كاراكۆيگە بارىدىغان بىر ئاپتوبۇسقا ئۇچرايسىلەر، - دېدى. سېلىم خوجا: - توغرا دەيدۇ، ھەرىكەتتە بەرىكەت، - دەپ بىزنى تاكسىمغا بارىدىغان بىر شوپۇرنىڭ ئاپتوبۇسىغا سالدى. خوجا: - تاكسىمدىن قانداقلا بولمىسۇن كاراكۆيگە بارىدىغان بىر ئاپتوبۇس تاپارمىز، - دېدى. ئەمەلىيەتتە ئاپتوبۇس تاپالايتتۇق، لېكىن يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى، تاكسىم بېكىتىدىكى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خېرىدار چاقىرغۇچىلىرى: - كاراكۆيگە، كاراكۆيگە بىر، ئىككى، - دەپ ۋارقىرىشىپ تۇراتتى. بىز ئازادە ئاپتوبۇس بېكىتىگە كىرىۋېتىپ، بېكەت ئىچىدىن ئولتۇرماقچى بولغان ئاپتوبۇسلارغا ھەۋەسلەنمەكتە ئىدۇق. ئەرك ئال قېنىق يېشىل رەڭلىك پارقىراپ تۇرىدىغان بىر ئاپتوبۇسنى تاللىغانىدى. - مۇشۇنىڭغا ئولتۇرايلى، مۇشۇنىڭغا. سېلىم خوجا: - نۆۋەت قايسىغا كەلسە شۇنىڭغا ئولتۇرىمىز، - دەپ، بىزنى ئالدىدىكى بىر ئاپتوبۇسقا باشلىۋېدى، ئابباس: - نۆۋەت - پۆۋەتلىرىڭنى قوي سېلىم خوجا، ئۇ ئاپتوبۇس بەك كونا ئىكەن، جالداقشىپ كېتىدۇ. رېدماۋىس خانىمنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدۇ، شۇ نۆۋەتتىكىسىگە ئولتۇرايلى، - دېدى. مەن قارا رەڭلىك ئاپتوبۇسنى ياقتۇرۇپ قالغانىدىم. چۈنكى ئۇ بۇ يەردىكى ئاپتوبۇسلارنىڭ ئەڭ يېڭىسى ئىدى. بىز بۇنىڭغا ئولتۇرايلى، ئۇنىڭغا ئولتۇرايلى. دەپ، بېكەتكە ئۇدۇل كېتىۋەردۇق. ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى بولسا ئاپتوبۇسقا كىم چىقسا “كاراكۆيگە، كاراكۆيگە، 1، 2” دەپ يولۇچى چاقىرىۋاتقاندا، يېنىك، بەكمۇ يېنىك يامغۇر سىمىلداشقا باشلىدى. شۇنداق يېنىك سىمىلداشقا باشلىدىكى، بىلمەي قالىسەن. ئەڭ ئالدىدىكى ئاپتوبۇسنىڭ شوپۇرى راستتىنلا يامغۇر تامچىلىغان ياكى تامچىلىمىغانلىقىنى بىلمەك ئۈچۈن بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆككە باقتى، قولىنى ئېچىپ ئالدىغا سوزۇپ باقتى، شەيتان تۈكۈرۈپ قويغاندەك بىر تامچە چۈشۈش بىلەن شوپۇرنىڭ يۈزى سۆيۈنۈشتىن نۇرلىنىپ كەتتى: - يامغۇر! - دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئاپتوبۇسقا چىقىپ، ئىككى قولى بىلەن رولنى تۇتتى. باشقا ئاپتوبۇسلارنىڭ شوپۇرلىرىمۇ ئاپتوبۇسلىرىغا چىقتى، پېشانىلىرىنى كۆككە تۇتۇپ، بۇرۇنلىرىدا ھاۋا سۈمۈرۈپ، خۇددى ھەيكەلدەك تۇرۇپ قېلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ھېچكىمگە كاراكۆيگە ماڭىمىز دەپ ۋارقىرىمىدى. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئاپتوبۇسلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياقتۇرغان ئاپتوبۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ شوپۇردىن: - كاراكۆيگە! - دېدىم. شوپۇر ئورۇندۇقىدا باتۇر سۇلتان سېلىمنىڭ تەختتە ئولتۇرغىنىدەك ئولتۇراتتى. رولنى خۇددى تۆتىنچى مۇراتنىڭ قىلىچىنى تۇتقاندەك تۇتۇپ ئولتۇراتتى. بىزگە قاراپمۇ، گېپىمىزنى ئاڭلاپمۇ قويمىدى. ئۇنىڭدىن جاۋاب ئېلىشتىن ئۈمىد ئۈزۈپ، باشقا ئاپتوبۇسنىڭ شوپۇرىغا: - كاراكۆيگە، - دەپ ئىلتىجا قىلدۇق. ئەستا، ئادەملەردە ئاۋاز يوق، يامغۇر كۈچىيىشكە باشلىغاندىن كېيىن بىز شوپۇرلارغا: - كاراكۆيگە بارىمىز، - دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدۇق. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىنسابقا كېلىپ بىرسى: - تاكسى بارىدۇ، - دېدى. شۇنداق ھۆل بولۇپ كەتتۇقكى، تاكسى بولسىمۇ رازى ئىدۇق. تاكسىغا ئولتۇردۇق، لېكىن شوپۇر بىزنى قويۇۋەتمىسۇن، دەپ: - سائەتنى ئاچ، - دېدىم. ئادەتتە شوپۇرلارنىڭ سائەتنىڭ بۇزۇقلۇقىنى ئېيتىپ، ئالماقچى بولغان پۇلىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن بىز ئولتۇرغان تاكسىنىڭ شوپۇرى مەسخىرىلىك بىر كۈلۈپ قويۇپ: - باش ئۈستىگە، - دەپ، سائەتنى ئاچتى. سېلىم خوجا: - بايىلا كاراكۆيگە، دەپ، ۋارقىراۋاتاتتىڭىز، نېمىشقا تۇرۇپلا ۋاز كەچتىڭىز، - دەپ سورىدى. شوپۇر: - يائاللا قارىغىنا، يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. يامغۇر ياغقاندا ئاپتوبۇس نېمە ئىش قىلىدۇ. مەن ئىنساب قىلىپ سىلەرنى ماشىنامغا ئېلىۋالدىم، يېنىڭىزدا ئايال كىشى بار ئىكەن. دۇئا قىلىڭ، ئايالغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئەگەر سىز بولسىڭىز يامغۇردا قالاتتىڭىز، - دېدى. - نېمىشقا، يامغۇردا كىرا قىلمامسىلەر؟ - ھە ياردەم دېسە، بىزمۇ ئۇنچىلىك ئىشنى قىلىمىز، ئولتۇرغىنىڭىز 100 مىڭ لىرالىق ماشىنا، سىز بولسىڭىز بىر لىرا ئاپتوبۇس كىراسى بېرىسىز، بىر لىرا بىر لىرادىن 100 مىڭ لىرا يىغماق ئاسانمۇ، ھاۋا ياخشى كۈنلىرى بولدى، ۋارقىراپ خېرىدار چاقىرغىنىمىز چاقىرغان، لېكىن ھېچكىم تاكسىغا ئولتۇرمايدۇ. يامغۇر ياغدىمۇ ھەممىسى ئاپتوبۇسقا چاپىدۇ. سىزمۇ ئولتۇرمايسىز، ھاۋا ياخشى بولسا ئولتۇرما. يامغۇر ياغسا ئولتۇر. ھە... بۇ ماشىنا كىشىلەر يامغۇردىن پاناھلىنىدىغان سودا ساراي بولمىسا. رېدماۋىس خانىم ئەرك ئالغا بىر نەرسىلەرنى، دەپ شوپۇرنىڭ نېمە دېگەنلىرىنى ئاڭلىدى، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ئۇ ئايال ئىستانبولدا ھاۋانىڭ بۇ قەدەر ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكى توغرىسىدا پاراڭ قىلىۋاتاتتى. سېلىم خوجا: - ھېچ بىلىپ بولمايدۇ، بىر ئازدىن كېيىن ئاپتاپ چىقىدۇ. يەنە بىر ئازدىن كېيىن ئاسماندىن بېشىمىزغا تاش ياغىدۇ، - دېدى. ئەرك ئال شوپۇرغا: - قەيەرگە كېتىۋاتىسىز؟ - دەپ سورىدى. چۈنكى شوپۇر كاراكۆينىڭ قارشى تەرىپىگە كېتىپ باراتتى. شوپۇر: - ئۇ يولدىن ماڭالمايمىز، ئۇ يولدا قاتناش قامال قىلىنغان. يول ئوچۇق ئەمەس، - دېدى. - لېكىن بىز كاراكۆيگە باراتتۇق، - دېدىممەن. - يائاللا، بۇ مىللەتكە ئىچ ئاغرىتقاننىڭ ھېچ پايدىسى يوق، - دېدى شوپۇر، - يامغۇردا قالمىسۇن، دەپ ماشىنامغا ئېلىۋالدىم، يەنە نېمە سۆزلەيسىز؟ - لېكىن بىز كاراكۆيگە بارىدىغان تۇرساق، - مەن بايىقى گېپىمنى تەكرارلىدىم. - بارالايسىز. - لېكىن سىز ئاقسارايغا كېتىۋاتىسىزغۇ؟ - ئاقسارايدىن كاراكۆيگە بارغىلى بولمامدۇ؟ سېلىم خوجا: - بىز بايا ئۇ يەردىن كەلدۇق، - دېدى. شوپۇرنىڭ ئاچچىقى كەلدى: - يائاللا، سىلەرگە ئۇچراپ قالغىنىمنى، ماشىنىدىن چۈشۈڭلار. - ياق، ياق، دېگەن يولۇڭ بىلەن ماڭ، قېرىندىشىم، - دېدىم. ئاقسارايغا كەلگەندىن كېيىن، كاراكۆي تەرەپكە پەقەت ماڭمىدى. بىز ئىشىكنى چېكىپ: - ئۆتۈنەيلى ئەپەندىم، بىز كاراكۆيگە باراتتۇق، - دېدۇق. - يائاللا، ئاڭلىدىم، - دېدى شوپۇر، - ئۇ يولدىمۇ ماشىنىلارنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. ماشىنامنىڭ ئىجازەتنامىسى يوق، يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن. ماشىنىلار ئىستانبولنىڭ ئىچىدە ھەر تەرەپكە پىر - پىر قاتنايتتىيۇ، لېكىن كىراكەشلەر تەكشۈرىدۇ، دەپ تۇرۇۋالغاچقا كاراكۆيگە ماڭالمىدۇق. تاكسىنىڭ پۇل كۆرسەتكۈچى توختىماستىن سەكرىمەكتە ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇلار بىزنى پۈتۈن كۈن ئىستانبولنى ئايلاندۇرۇپ، خىيالىغا كېلىپ قالسا ئاندىن كاراكۆيگە چۈشۈرۈپ قوياتتى. بىزمۇ پۈتۈن پۇللىرىمىزنى يىغساق، تاكسىنىڭ پۇلنى تۆلىيەلمەيتتۇق. بۇ چاغدا شوپۇرنىڭ كۈلۈمسىرەپ سائەتنى ئېچىپ قويغىنىنى چۈشەنگەنىدىم. بېكەتتىن تۇنجى قېتىم ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغان يەرگە كەلگەندە شوپۇرغا: - رەھمەت، بىزنى مۇشۇ يەرگە چۈشۈرۈپ قوي، بىز پىيادە ماڭساقمۇ تېز بېرىپ بولىدىكەنمىز، - دەپ ئۆتۈندۈم. شوپۇر بىر نەرسىلەرنى غۇدۇڭشۇپ ماشىنىنى توختاتتى، قارىسام بىزگە دوق قىلىۋاتاتتى. رېدماۋىس خانىمنىڭ ئالدىدا غوۋغا قىلماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭ غۇدۇڭشىشلىرىنى ئاڭلىمىغان بولۇپ ئولتۇرماقتا ئىدۇق. سائەتكە چىققان 12 لىرانى بېرىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇق. يامغۇر توختىغانىدى، لېكىن پىيادە كەتمەكتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. مۇزتاپا پاشادىن تۆۋەنگە قايرىلمايلا، كاراكۆيگە تېزلا يېتىپ بارالايتتۇق. كوچىلارنىڭ بىرسىگە قەدەم بېسىشىمىز بىلەنلا بىر ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى. بىز رېدماۋىس خانىمنى ئىستانبولنىڭ پالاكەتچىلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلىغانسېرى ئاۋايلىغان كۆزگە توپا كىرىپ كېتىپتۇ، دېگەندەك، ھەر قېتىم غوۋغانىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا چۈشەتتۇق. بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى. رېدماۋىس خانىم: - نېمە، نېمە بوپتۇ، - دەپ سورىدى. نېمە بولغانلىقىنى بىزمۇ ئۇقالمىغانىدۇق. ئەمما ئازراق سوراپ نېمە ئىشلىقىنى ئۇقۇۋالدۇق. ئەھۋال مۇنداق ئىدى. يانمۇيان ئۈچ قاتار ئادەملەر ئۆچرەتتە تۇرغانىدى. ئۆچرەتنىڭ بىر بېشى بۇلاق بويىدا، يەنە بىر بېشى چوڭ يولغا تۇتاشقانىدى. بۇ 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۈچ قاتار ئۆچرەتتە قېرى، ياش، ئەر - ئايال، ئېگىز - پاكار، ئوغۇل - قىز، يالاڭباشتاق، يالاڭ ئاياغ، ئىشقىلىپ ئىستانبوللۇقلارنىڭ ھەر خىلىدىن ئادەم يىغىلغانىدى. بۇلاق بويىغا يىغىلغان بۇ ئادەملەر ئارىسىدىن تۇرۇپ - تۇرۇپ: - رەھمەت، كەلدى. - ئەستا، كەتتى. دېگەن ئاۋازلار كۆتۈرۈلەتتى. بىر ئاز قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، بۇ ۋارقىراشلارنىڭ سەۋەبىنى بىلدۇق. كوچىدىكى بۇلاقنىڭ جۈمىكىدىن ئاق قۇشقاچنىڭ بارمىقى توملۇقىدا سىزىپ چىققان سۇ تۇرۇپ ئېقىپ، تۇرۇپ توختاپ قالاتتى، سۇ توختاپ قالسا بۇلاق يېنىدا توپلىشىۋالغانلار يىغلىغاندەك ئاۋازدا ھەممىسى بىر ئېغىزدىن: - ئاللا، يەنە توختىدى، - دەپ، ئاھ ئۇرۇشاتتى. ساقلاۋېرىپ بۇلاقتىن يەنە سۇ چىقسا سۆيۈنۈشتىن: - يائاللا، كەلدى، - دېيىشىپ ۋارقىرىشاتتى. بۇ ناچارلىقىمىزنى بولسىمۇ كۆرمىسۇن دەپ، بىردىن رېدماۋىس خانىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ قولىنى تۇتتۇم. ئەمما ئارقىغا ياندۇرالمىدىم. ئايال بولسا تارتىشىپ ئەرك ئالدىن: - نېمە ئىش، نېمە ئىش بوپتۇ، - دەپ سورىدى. ئەرك ئال: - ئەمدى بۇ خوتۇنغا نېمىمۇ دەرمەن، ئاسماندىن شارىلداپ يامغۇر ياغقاندا جۈمەكتىن سۇ چۈشمەيدۇ، دەيمەنمۇ، - دەپ، تولغىنىشقا باشلىدى. سېلىم خوجا: - توغرىسىنى ئېيت، بۇ ئايالغا بىزنىڭ بۇ يەردە ئىككى كۈندە بىر قېتىم سۇ كېلىدۇ، ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن توختىشى ئوخشاش، شۇڭا كىشىلەر بۇلاق بېشىغا توپلىشىۋالغان دېگىن، - دېدى. مەن شۇ ھامانلا: - ئۇنداق دېيىشكە بولمايدۇ، چەت ئەللىك ئايالنىڭ ئالدىدا ئۇيات بولىدۇ. ئەرك ئال ئوغلۇم، سەن ھازىرغىچە چىرايلىق يالغان گەپلەرنى توقۇپ چەت ئەللىككە ئۆزىمىزنى قانداق چۈشەندۈرگەن بولساڭ، يەنە بىر قېتىم يالغان گەپ قىل، - دېدىم. سېلىم خوجا: - يالغان گەپ قىلسا بولمايدۇ، راستىنى ئېيت، - دەپ، قوشۇپ قويدى. - نومۇس قىل خوجا. دۆلىتىمىزنى چەت ئەللىكلەرگە ئەسكى قىلىپ تونۇشتۇرۇشتىن مەقسىتىڭ نېمە سېنىڭ؟ - دەپ، ۋارقىرىدىم. سېلىم خوجا: - يا خۇدا، ئۇنداق ئەمەس. ئەسكى قىلىپ تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، ياخشى قىلىپ تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن. ئامېرىكىلىق ئايالغا بىر مۆجىزە كۆرسىتىپ قويۇش ۋاقتى كەلدى، - دېدى. - نېمە مۆجىزە، ساراڭ بولدۇڭمۇ خوجا. - يائاللا، ئەرك ئال، ئايالغا دېگىن، بىز تارىختىن بۇيان غايەت ئىدارىلىك ئادەملەر بىز، بىز شۇ دەرىجىدە ئىدارىلىك ئادەملەرمىزكى، بار - يوق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىدارە قۇرىمىز، مىسال، ئىستانبولدا سۇ يوق. لېكىن كوچىلارنىڭ ھەممىسىدە سۇ ئىدارىسى بار، ئىستانبولدا توك بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا، لېكىن غايەت ياخشى بىر توك ئىدارىسى بار. دېموكراتىيە دەپ ھېچبىر ئىش يوقكى، ئەمما مۇكەممەل بىر دېموكراتىيە ئىدارىسى بار. يوق نەرسىلەرنى قانداق باشقۇرغىنىمىزنى چەت ئەللىكلەر كاللىسىغا سىغدۇرالمايدۇ. بۇلارنى رېدماۋىس خانىمغا ئاڭلات، - دېدى. - نومۇس قىل، - سەن ئەسلىدىنلا بىر بۇزغۇنچى ئىكەنسەن، - دەپ، سېلىم خوجىنىڭ ئالدىغا ماڭدىم. سېلىم خوجا يەنە كاسىلداشقا باشلىدى: - ئەرك ئال قېرىندىشىم، دېگەنلىرىمنى بىرمۇبىر تەرجىمە قىلىپ بۇ ئايالغا چۈشەندۈر، - دەپ، توختىماي سۆزلەشكە باشلىدى. سېلىم خوجىنىڭ دېگەنلىرىگە قارىساق، ياۋروپالىقلار بىزگە سۇ توشۇشقا مەجبۇرمىش. ھاياتىنى ئويلاشمىسا، سۇ توشۇماي ياشاپ باقارمىش. ئەگەر ياۋروپالىقلارنىڭ ئەقلى بولسا شۇ ھامان مىنۇت ئۆتكۈزمەي، ماي توشۇش ماشىنىسى بولامدۇ، يۈك پاراخوتى بولامدۇ ياكى تۇرۇبا ئورنىتامدۇ، قانداقلا قىلسۇن قىلىپ بىزگە سۇ توشۇپ، ئۇسسۇزلۇقىمىزنى قاندۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بىزنى سۇسىز قالدۇرغان ياۋروپالىقلارمىش. بۇ ياۋروپالىقلار تارىختىن ساۋاتسىزمىش، ئەگەر ياۋروپالىقلار بىزگە سۇ ياردەم قىلمىسا، ياۋروپالىقلارنىڭ ئىشى تۈگەرمىش. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ دەپ ھەممىمىز ئۇنىڭ سۆزىگە قىزىقتۇق. يالغۇز بىزلا ئەمەس، رېدماۋىس خانىممۇ قىزىقىپ سەۋەبىنى سورىسا، سېلىم خوجا خۇددى مەسچىتنىڭ مۇنبىرىدە ئ−ەرزان ت−وۋلىغان−دەك ئ−ۇزۇن بىر “چۈنكى...” دەۋېتىپ، سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىگە قارىغاندا، بىزنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىز بىر زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئىكەن. ئۇ زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا سۈيى ئەلۋەك، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان، ئوت - چۆپلىرى بولۇق يەرلەر ئىكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ يەردىكى سۇلار سىزىلىپ ئاستا - ئاستا قۇرغاقچىلىق قاپلاشقا، كۈيدۈرگۈچ ئىسسىق شامال چىقىشقا باشلاپتۇ. يەنى بۈيۈك ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سۈيىنى قۇرۇتۇۋېتىپتۇ. سۇ بىزدىن ياراقلاشقانچە، بىز سۇنى قوغلىشىپ مېڭىپتۇق. سۇ قېچىپتۇ، بىز قوغلاپتۇق. شۇنىڭ بىلەن سۇ قېچىپ بىز قوغلاپ مېڭىۋېرىپ، تا ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇغا كېلىپ توختاپتۇق. ئاشۇ ئەھۋالدا بىز يول تېپىپ ئانادولۇغا كەپتۇق. نېمىشقا كەلدۇق؟ سۇ قوغلىشىپ. ئەمدى نېمە ئىش قىلىمىز؟ ئانادولۇنىڭ سۈيىنى قۇرۇتامدۇق؟ يا ئاللا قاقىر، بوستانسىز كۆرۈنگەن ئانادولۇ تۇپرىقىدا ئۇسسۇزلۇقتىن چاكىلداپ تۈگىشىپ كېتەمدۇق... ئەجدادلىرىمىز سۇ تېپىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچكىرىدىن ئانادولۇغا كەلسۇنۇ، بىز ئەمدى تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بۇ يەردىن مېڭىپ سۈيى مول ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىمىز، ياۋروپاغا يەرلەشتۇقمۇ بولدى، ئۇ يەرنىڭمۇ سۈيىنى قۇرۇتۇۋېتىمىز، بىزدە يالغان ئىش يوق، تارىخقىمۇ شۇنداق يېزىلىپتۇ، ياۋروپالىقلار يا بىزگە سۇ بېرەرمىش، بولمىسا قالغىنىنى ئۆزى بىلەرمىش. سېلىم خوجىنىڭ كاسىلداشلىرىغا مىللىي ھېسسىياتى ئۇرغۇغان ئابباس ئەپەندىنىڭ شۇنداق ئاچچىقى كەلدىكى، تاس قالدى سېلىم خوجىنى گېلىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ ئېتىۋەتكىلى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن سېلىم خوجا “يائاللا، چاقچاق قىلىپ قويدۇم”، دەۋالدى. ئەرك ئال بۇ ئارىدا سېلىم خوجىنىڭ ئەخمىقانە گەپلىرىنى رېدماۋىس خانىمغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال بۇ ئەخمىقانە گەپلەرگە قاقاھلاپ كۈلگەچ، بۇلاق بېشىدىكى سۇنىڭ غوۋغاسىغا خېلىلا قىزىقىپ قېلىپ، تېلېكامىرا ۋە فوتو ئاپپاراتىنى توغرىلاپ غوۋغانى سۈرەتكە ۋە سىنغا ئېلىشقا باشلىدى. دەسلەپتە ئېغىز ئۇرۇشى بولدى. شۇ ئارىدا ئېغىز ئۇرۇشى ئىتتىرىشىش، تۈرتۈشۈشكە ئۆتتى. شوينا توملۇقىدا ئېقىۋاتقان بۇلاق كۆزىنىڭ بېشىدىكىلەر تۇرۇپ - تۇرۇپ پۇت - قوللىرىنى ھەرىكەتكە سېلىپ تۇردى. ئېغىز ئۇرۇشى ئاستا - ئاستا ھاقارەتكە ئۆتتى. ھاقارەت جېدەلگە ئايلاندى. ھەي، بۇلارنى ئامېرىكىلىق ئايالغا كۆرسەتمىسەك بولاتتىغۇ؟ ئەمما جېدەل بولۇۋاتقاندا، رېدماۋىس خانىم رادىيوسىنى قۇلىقىغا چاپلاپ ئۇيان - بۇيانغا ئايلىنىشقا، رادىيونىڭ ئاۋاز كۇنۇپكىسىنى ئۇياق - بۇياققا تولغاشقا باشلىغان ئىدى، نېمە بوپتۇ دەپ سوراشتۇق، ئايال رادىيوسىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئامېرىكىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى دەۋاتسا، بىزنىڭ سېلىم سۆيۈنۈش ئىچىدە كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بارماقلىرىدىن قارس چىقىرىپ قىلىقلانغىلى تۇردى. - نېمىگە خۇشال بولۇپ كەتتىڭ سېلىم خوجا، - دېدىم. - خۇداغا شۈكۈر، بىزنىڭلا نەرسىلىرىمىز بۇزۇلمىسۇن، ئۇلارنىڭمۇ بۇزۇلسۇن، بىز ئۇلاردەك بولالمايمىز، ھېچ بولمىسا ئۇلار بىزگە ئوخشاش بولسۇن، - دېدى. ئابباس ئەپەندى ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئىچىدە فابرىكىدا ئىشلىگەندە، ئۇ يەردە بىرەر نەرسە بۇزۇلۇپ قالسا، بىزدىكى بۇزۇقلۇقلاردىن ئاۋۇنىدىكەن، خۇشال بولىدىكەن. بىر كېچە ئۆيىدە ئۈزچاتنى بېسىپ توك ياندۇرالمىسا “خۇداغا شۈكۈر، نېمىدېگەن ياخشى، بۇ يەردىمۇ توك كېتىدىكەن” دەپ شۇنداق خۇشال بولۇپ كېتىدىكەن. لېكىن بىر ئازدىن كېيىن، توكنىڭ ئۈزۈلمەي لامپۇچكىنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولۇپ كېتىدىكەن. بىز نېمىدېگەن ياخشى، ئامېرىكىلىقلارنىڭمۇ رادىيوسى بۇزۇلىدىكەن دەۋاتقىنىمىزدا، ئايال رادىيوسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۈلۈمسىرىدى، نېمە ئىشكەن دەپ ھەيرانلىقتىن سورىدۇق، رېدماۋىس خانىمنىڭ رادىيوسىدىن ئاڭلىغىنىدىن قارىغاندا، بوشلۇقتىكى بىر توسقۇنلۇق ئوڭشالغاندىن كېيىن، ئالەم كېمىسى دۇنيانىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىۋېتىپتۇ. بۇلاق بېشىدىكى غوۋغا خېلى چىڭغا چىققان ئىدى، قولىدىكى تۈنىكىسىدە سۇنى قالقاندەك توسۇۋالغان بىر ئايال ئۈچ ئەرگە قارشى ئەپسانىلاردىكى قەھرىمانلاردەك يىگىتلەرچە ئۇرۇشماقتا ئىدى، كەينىدىن بېشىغا تەگكەن نوگاي دەستىسى بىلەن ئايال يەرگە يىقىلىپ، بېشىدىن ئوقتەك قان ئېقىشقا باشلىدى. ئەرك ئال ئايالنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆرۈپ: - ھە، ئەمدى ياخشى بولدى، - دەپ، ھاياجانلىنىپ بىر نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. - بۇنىڭ نېمىسى ياخشى ئەرك ئال؟ - دېدىممەن. رېدماۋىس خانىم غوۋغاچىلارنى، بۇلاق بېشىدىكى قالايمىقانچىلىقنى، ئۆچرەتنىڭ ئاخىرىدىكىلەرنى سۈرەتكە ۋە سىنغا ئېلىۋاتقان چاغدا ئەرك ئال ماڭا رېدماۋىس خانىمغا يالغاندىن توقۇپ دېگەنلىرىنى چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دەپتۇ: قەدىمدىن، تارىختىن، ئەيسادىن بۇرۇنقى يىللاردىن تارتىپ، ئۇلۇغ بىلىنگەن بۇلاق بېشىدا سۇنىڭ مول بولۇشى ئۈچۈن ھەر يىلى شۇ كەنتتىن ئەڭ گۈزەل بىر تۈرك قىزنى تەڭرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىمىز، بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ ئۇ كونا قائىدىگە ماسلىشىپ، يىلدا بىر قېتىم سۇ تەڭرىسىگە بىر قىزنى قۇربانلىق قىلىپ مۇراسىم ئۆتكۈزىمىز، بىز ھازىر بۇ مۇراسىمغا كەلدۇق. ئەلۋەتتە قىزنى راستتىنلا قۇربانلىق قىلمايدۇ، قەدىمدىن كېلىۋاتقان ئادەت بويىچە... يالغاندىن بېشىدىن قان ئاقتۇرىمىز، ۋەھاكازا دېگەندەك بىر گەپلەرنى توقۇپتۇ، دەل شۇ چاغدا ئايالنىڭ تاياق تەگكەن بېشىدىن شۇرقىراپ قان ئېقىۋاتاتتى. رېدماۋىس خانىم سۇ تەڭرىسىگە ئاتالغان قىزنى قۇربانلىق قىلىش مۇراسىمىنى بەك ياقتۇرغانلىقى ئۈچۈن ھەممە نەرسىنى تولۇق سۈرەتكە ۋە سىنغا ئالدى، بىز ئامېرىكىلىق ئايالنى ئۇ يەردىن ئېلىپ بىر ئارا كوچىغا ماڭدۇق. |