ئەزىز نەسىن: ساياھەتنامە(8)

يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014   مەنبە: تارىم 2012-8-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
8 مەھمۇتپاشادىن قېچىپ قۇتۇلدۇق، جېنىمىزنى مىسىر بازىرىغا ئاتتۇق. رېدماۋىس خانىم مىسىر بازىرىدا ئايلىنىپ قالد

8
مەھمۇتپاشادىن قېچىپ قۇتۇلدۇق، جېنىمىزنى مىسىر بازىرىغا ئاتتۇق. رېدماۋىس خانىم مىسىر بازىرىدا ئايلىنىپ قالدى، ئابباس ئەپەندى قىسقا يول بىلەن ماڭايلى دەپ، بىزنى يېڭى جامە تەرەپكە باشلىدى. نېمە ئىش بولسا، ئىش يېڭى جامەدە بولدى، چۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك ساياھەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغانىدۇق. ئوڭدىن ئىتتىرىلىپ، سولدىن تۈرتۈلۈپ، ئارقىدىن سوقۇلۇپ، ئالدى تەرەپتىن تېپىلىپ بىر ئادەم كەلكۈنى ئىچىگە غەرق بولۇپ كەتتۇق. بۇ ئادەم كەلكۈنى ئىچىدە ئىككى خىل ئادەم بار ئىدى، بۇلارنىڭ بىرى يالغاندىن خېرىدار پەيدا قىلماقچى بولغان جاكارچى، يەنە بىرى ساتارمەن ئىدى. يەرگە بىر مەينەت رەخت سېلىنغان، رەختنىڭ ئوتتۇرىسىغا توپىسى چۈشۈرۈلمىگەن ئوتلار، تاللار، كۆكتاتلار قويۇلغان ئىدى، جاكارچى بىر قولىغا قەلەمتىراش، يەنە بىر قولىغا كۆكتاتتىن بىر پارچە ئېلىۋېلىپ، شۇنداق دەپ ۋارقىراۋاتاتتى:
- مۆھتەرەم ۋەتەنداشلار، ئاجايىپكى، لوقمان ھەكىم ئەپەندىممۇ قولۇمدىكى بۇ70 دەردكە داۋا بولغان دورىنى ياسىيالمىغان. توۋا قىلدىم، شۇنىسى قەتئىيكى، ياسىغان بولسىمۇ ئەجىلى توشۇپ، بۇ داۋالاشنى كىتابىغا كىرگۈزەلمەي دۇنيادىن كېتىپ قالغاچقا، ئىنسانلار نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بېرى بۇ دورىدىن مەھرۇم قالغان. سەۋەبسىزلا بولۇپ قالغان گېمورروي، ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى، بەزىلەرنىڭ ئاچچىقىغا، بەزىلەرنىڭ دىل يارىسىغا شىپادۇر، ھاسىل كالام، ۋەتەنداشلىرىم، ھەدە قۇشناچلىرىم، ئۇستاز، ھاجىملار، ئۆي ئىگىسى ۋە ئىجارىكەش، يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ئادەملەر بۇ دورىغا موھتاجدۇر. نېمىشقا موھتاج؟ چۈنكى بۇ دورا ھەممە دەردكە داۋا، كېسەلگە شىپا بولىدۇ. ۋەتەنداشلىرىم، گېمورروي، رېماتىزم، بەل ئاغرىقى، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى، يارا، سېرىق، كۆيۈك، چىقىپ قالغان، كىرىپ كەتكەن يەرلەرگە، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، ماغدۇرسىزلىق ۋە... ئىشقىلىپ جىمى كېسەللىكلەرگە، ھەزرىتى لوقمان ھەكىم ئەپەندى كەشپىياتى ۋە ئىجادىيىتى بولغان شىپالىق دورادۇر.
ئەھلىيەلىرىمىز - كەچۈرىسىزلەر- ھەر ئاينىڭ مۇئەييەن كۈنىدە كۆرىدىغان ئادەتلىرىدە تەرتىپسىزلىك بولسا بۇ دورىنى قىزغىنلىق بىلەن تەۋسىيە قىلىمەن، چېھرىڭىزدىكى داغلارغا، چىرىشكە، راكقا داۋا بولىدۇ. ساتقۇچى دورىنىڭ ئېلانىنى قىلىپ:
- ۋەتەنداشلىرىم، سەن ئال، سەنمۇ ئال، ھېلى كەلسەڭ يوق، - دېگەنسېرى ئەتراپىنى ئورىۋالغانلار پۇلىنى ئۇنىڭغا بېرىپ، بەرگەن پۇلىغا تۇشلۇق پىچاق بىلەن كېسىلگەن بىر پارچە توپىلىق كۆكتىن ئېلىشاتتى. ساتقۇچى بۇ كۆكنىڭ قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرمەكتە ئىدى. ھەر بىر كېسەلگە قاراپ ئىشلىتىشمۇ ئوخشىمايتتى، بەزىدە قاينىتىلىپ سۈيى ئىچىلەتتى، بەزىلەر ھاۋانچىدا سوقۇلۇپ كاپ ئېتىلەتتى، يەنە ئۇنداق قىلىناتتى، مۇنداق قىلىناتتى. رېدماۋىس خانىم بەك قىزىقىشلىق ئايال بولغاچقا، ئادەملەرنىڭ نېمىشقا توپلىشىۋالغانلىقىنى سورىدى. ئۇ سوئالنى سوراۋاتقاندا ساتقۇچى شۇنداق دېمەكتە ئىدى:
- ۋەتەنداشلىرىم، كونىلار 70 كە كىردىڭ، ئىشىڭ تۈگەشتى دېيىشىدۇ، يېشىڭ 70 كە كىرسىمۇ ھەر ئەتىگەن بۇ دورىدىن ئالسىڭىز ئىشىڭىز تۈگىمەيدۇ. ئېلىپ يەڭ، 70 ياش ئەمەس، 70 ياشقا كىرسىڭىزمۇ، ئادىتى توختىغانلارمۇ بۇ دورىدىن ئالسا بالاغەتكە يەتكەن بالىلارغا ئوخشاش قىيامىغا كېلىدۇ. ۋەتەنداشلىرىم، بۇ دورا ئاغرىغان چىشىڭىز بىلەن بېشىڭىزغا، ھاسىل كالام ھەر تۈرلۈك ئىشىڭىزغا يارايدۇ، مۆھتەرەم ئەھلىيەلىرىمىز نورمال ۋاقىتتا ئادەت كۆرمىسە، بۇنىڭدىن ئېلىپ ئازابتىن قۇتۇلسۇن.
ھە دېگەندىلا ئىنگلىزچە سۆزلىيەلمەيدىغان بىزنىڭ ئەرك ئال، ئاياللارنىڭ ئادەتلىرىنى ۋە توختاپ قېلىش دېگەنلەرنى تەرجىمە قىلالمىغانسېرى ، ئاچچىقى كەلگەن ئابباس ئەپەندى بارماق، قول ھەرىكەتلىرى ۋە ئىشارەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغانلىقىنى ناھايىتى چىرايلىق ئۇقتۇردى. رېدماۋىس خانىم كۈلۈمسىرەپ ئىنگلىزچە:
- ئاي سى، ئاي سى )چۈشەندىم(، - دېدى.
يولىمىزغا ماڭايلى، دەپ ئادەملەر توپىدىن چىقىشقا تىرىشىپ بىر ھازا قىينالغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىن قۇتۇلۇپ تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ قاينىمىغا غەرق بولدۇق. بۇ قېتىم ساتقۇچىنىڭ نېمە سېتىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلەلمىدۇق. چۈنكى ئۇ بىر سېھىرگەر بولغاچقا، گەپ ئوينىتىپ قولىدىكى تەسۋىيىنى يەرگە سېلىنغان بىر كىر قول ياغلىقنىڭ ئىچىگە قويۇپ قول ياغلىقنى يەرگە قويدى. ئاندىن بىرئازدىن كېيىن قول ياغلىقىنىڭ ئىچىدىكى تەسۋىيىنىڭ يوق بولىدىغانلىقىنى، ئۇنى بىر يىلانغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى، قول ياغلىقىنى ئاچسىلا بىر يىلاننى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەرك ئال ساتقۇچىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى رېدماۋىس خانىمغا تەرجىمە قىلىپ بېرىشىگە ئايال يەنىلا ئاۋۋالقى قىزىقىشى بىلەن:
- ياخشى، شۇ يىلاننى بىر كۆرەيلى، - دەپ تۇرۇۋالغاچقا ساتقۇچىنىڭ توزىقىدىن قۇتۇلالماي، قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالدۇق. ساتقۇچى تەسۋىينى ئىچىگە سالغان مەينەت قول ياغلىقىنى يەرگە قويغاندىن كېيىن شۇنداق دېدى:
- ۋەتەنداشلىرىم، قول ياغلىق ئىچىدىكىسى تەسۋىي، ئۇ يىلانغا ئايلىنىپ تۇرسۇن، بىزمۇ بىكار تۇرمايلى، ئىشىمىزنى قىلايلى.
ئۇ يانچۇقىدىن بىر خالتا ئالدى، ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىن ساقال قىرغۇچ ئېلىپ:
- قاراڭلار، سىلەرگە گېرمانىيە تېخنىكىسى ۋە سانائىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىيىتى ۋە دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرغان بىر مۆجىزىسىنى تەقدىم قىلىمەن. سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ ساقال ئالغۇچنىڭ ئىككىسى ئاستىدا، ئىككىسى ئۈستىدە بولۇپ، تۆت تىغى بار. ھەر بىر يۈزى بىلەن ئەڭ يىرىك ساقاللارنىمۇ ئون قېتىم ئالغىلى بولىدۇ. دېمەك، بىر ساقال ئالغۇچ بىلەن 40 قېتىم ساقال ئالالايسىلەر. خۇددى پۇلسىز ساقال ئالغاندەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئەرزان توختايدۇ. زاۋۇتمۇ مالنىڭ ئېلانى ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق قوشمىدى، زاۋۇت باھاسى، بىزمۇ ۋەتەنداشلارغا خىزمەت قىلىپ قويايلى، دەپ ئۆز باھاسىدا سېتىۋاتىمىز، - دەپ، يانچۇقىدىن چىقارغان ناچىنىڭ يىپلىرىنى ئالدى. يىپلارنى قات - قات قىلىپ گىرە قىلدى، ۋەتەنداشلار بۇ ساقال ئالغۇچ ھەقىقىي پولاتتىن ياسالغان. قاراڭ، مانا بۇ سىز كۆرۈپ تۇرغان، تۆت قات، سەككىز قات، مانا بۇ 16قات، مانا بۇ 32 قات بولغان يىپلارنى ناھايىتى كۈچىمەيلا كېسىۋېتىدۇ. بىر قېپى ئۈچ يېرىم لىرا بولۇپ، بىراقلا ئۈچ قاپ سېتىۋالغانلارغا باھانى چۈشۈرۈپ ئون لىراغا، ئالتە قاپ سېتىۋالغانلارغا مەخسۇس مەھسۇلاتنىڭ ئېلان باھاسىدىكى ئون لىرالىق ساقال سوپۇنى ھەقسىز قوشۇپ بېرىلىدۇ، قېنى ئالىدىغانلار بارمۇ؟ سېتىشنى باشلىدۇق، قېرىنداشلار.
ساتقۇچى ئېلان سۆزلىرىنى قىلىۋاتقاندا رېدماۋىس خانىم خۇددى تەربىيە كۆرمىگەن كىچىك بالىلاردەك “يىلان قەيەردە، يىلاننى كۆرەيلى، يىلان قاچان چىقىدۇ؟”، دەپ، تۇرۇۋالدى.
ساتقۇچى بولسا توختىماي پۇل يىغىپ، قاپ - قاپ ساقال ئالغۇچلارنى سېتىۋاتاتتى. باشقا قىزىققۇچىلار يىلاننى كۆرۈش ئۈچۈن تۇرغىنىدا باشقا ساقال ئالغۇچلار قالمىغاچقا، ئادەملەر توپىنىڭ ئارىسىدا قالغان ساتقۇچى يەردىن ئالغان قول ياغلىقىنى بېلىنىڭ ئاستىغا، پاچاقلىرىنىڭ ئارىسىغا، چاتىرىسىغا قويۇپ، دائىرىنىڭ ئىچىدە بىر چۆرگىلەپ چىققاندىن كېيىن، قول ياغلىقىنى تولغىدى، ئاندىن ئۇنىڭ ئارىسىدىن باش بارمىقىنىڭ ئۇچىنى كۆرسىتىپ:
- مانا، مانا، قاراڭ، قاراڭ، قانداق ئۇسسۇل ئويناۋاتىدۇ، ھە يىلاننىڭ بېشىنى كۆردىڭىز، يىلاننى پۈتۈن كۆرمەكچى بولغانلار بارمۇ؟ - دەپ ۋارقىرىدى.
توپنىڭ ئىچىدىن:
- تۇف، خۇدا جاجاڭنى بەرسۇن...
- ۋاي، نومۇسسىز يەي...
- لەنەت ساڭا، - دەپ، ئۇنىڭغا ھاقارەت ياغدۇرغىچە ساتقۇچىمۇ نەرسە - كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قاچتى. ئۆزىمىزگە كەلسەك ئامېرىكىلىق ئايال:
- يىراقتىن ياخشى كۆرەلمىدىم، - دەپ، تۇراتتى. بىز ئۇنى ساتقۇچىنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن قولىدىن تارتىپ تۇراتتۇق. بىز بىر بىلەيچىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. بىلەيچى:
- پىچاق، ئۇستۇرا، خەنجەر، زۇلپىقار، قەلەمتىراش، پالتا، قىلىچ بىلەيمەن، قېنى كېلىڭ، سىزنىڭكىنىمۇ بىلەپ بېرەي، - دەپ، ئايالنىڭ بىلىكىگە يېپىشتى.
ئۇنىڭدىن تەستە قۇتۇلۇپ، بىر ئەتىر ساتقۇچىنىڭ قولىغا چۈشتۇق. ئەتىر ساتقۇچى قولىدىكى ئەينەكلىك قاچىنىڭ ئىچىدىن چىقارغان پۈركۈگۈچ بىلەن ئېلان بولسۇن دەپ، ئۈستبېشىمىزغا مايلىق بىر نەرسىنى پۈركۈپ، مېلىنىڭ ئېلانىنى قىلىشقا باشلىدى.
- ھاجى ئەتىرلىرى، قەلەمپۇر ئەتىرى، قىزىلگۈل ئەتىرلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى مەندە. تۈرلىرى شۇنداق كۆپ...
بىزگە پۈركەلگەن مايلىق نەرسە شۇنداق بىر پۇراق ئىدىكى، رېدماۋىس خانىم خۇددى زەھەرلىك گازغا ئۇچرىغاندەك ئۆزىنى قاچۇردى. تاس قالدى يىقىلىپ چۈشكىلى. ئۇ پۇراق كىيىمگە چاپلىشىپ قالىدىغاندەك ئۈستبېشىنى قېقىشتۇردى، ئەمما پۇراقتىن قۇتۇلالمىدى، چۈنكى ئۇ ياغلىق پۇراق چاچ، تېرىلىرىگە يېپىشقان، سىڭىشىپ كەتكەنىدى. ئايال قۇيرۇقىغا تۈنۈكە باغلانغان مۈشۈكتەك ئۆزىدىن قاچماقچى بولسىمۇ، ئالدى كەينىمىز لىق ئادەم بولغاچقا ئۆزىنى چەتكە ئالالمىدى، ئاخىرىدا نېمىلا بولسۇن پۇراققا ماسلىشىپ سەل پەسىيىپ قالدى.
بىز بۇ قالايمىقانچىلىقتىن قۇتۇلايلى، دەپ تۇرساق، ناتونۇش بىرسى بىزنىڭ سېلىم خوجىنى قولىدىن تۇتۇپلا بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا تىقىپ، يانچۇقىدىن ئالغان ماشىنا بىلەن سېلىم خوجىنىڭ چاچلىرىنى قىرقىشقا باشلىدى. بىچارە سېلىم خوجا كۈچ بىلەن ساتىراشنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر ھازا جان تالاشقان بولسىمۇ، قانداق قىلىشنى بىلمىگەچكە، ئاخىر بېشىنى ساتىراشقا تۇتۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. ساتىراش سېلىم خوجىنىڭ چاچلىرىنى بىر تەرەپتىن قوينى قىرقىغاندەك قىرقىيتتى، يەنە بىر تەرەپتىن چاچ ئېلىش ماشىنىسىنىڭ ئېلانىنى بېرەتتى:
- توختاڭ يولۇچى، ھەپتىدە بىر ساتىراشخانىغا بېرىپ ساتىراشقا بەش لىرا، ئون لىرا بەرمەڭ، شۇنداقلا ساتىراشخانىدا ئۆچرەت ساقلاپ قىممەتلىك ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماڭ. چۈنكى بۈيۈكلىرىمىز تايىم ئىز مانىي “ynom si emit”، ۋاقىت - پۇل دېگەن ئىدى، قاراڭ، ۋەتەندىشىمنىڭ چېچىنى ئېلىۋاتقان بۇ ماشىنا بىلەن بەش مىنۇتتا چېچىڭىزنى ياساپ بولىسىز، ئېلان بولسۇن ئۈچۈن، كۆز ئالدىڭلاردا ۋەتەندىشىمىزنىڭ چېچىنى ياساپ قويدۇم.
ساتىراش گېپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. چۈنكى سېلىم خوجا قېچىش ئۈچۈن ساتىراشنىڭ بىكار بولۇشىنى ساقلاۋاتاتتى. ئۇ بىر يۇلقۇنۇش بىلەن ساتىراشنىڭ قولىدىن بېشىنى ئاجرىتىپ بەدەر قاچتى. بىز قېرىندىشىمىزنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتۇق. شۇنداق بولسىمۇ خىلمۇخىل سودىگەرلەرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان ئادەملەر توپىدىن قۇتۇلۇپ، ئىمىن ئۆنۈگە يېتىپ بارالمىدۇق. ئاپتوموبىل ئىچىدىن كاناي بىلەن ۋارقىراپ بىر تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقە لاتارىيەسىنى سېتىۋاتقانلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلاردىن قۇتۇلۇپ، بەرەڭگە ئاقلاش ماشىنىسى ساتقۇچىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدۇق. “ئون لىراغا ھەدىيە قىلىۋېتىمىز” دەپ ئايەت لەۋھەلىرى، دىن كىتابلىرى، تاماق دۇئاسى، بەرىكەت دۇئاسى، ئىشق دۇئاسى ساتقۇچىنىڭ قىزىقچىلىقى ئىچىگە كىرىپ قالدۇق. ئەينەك كېسىدىغان، ئالماس ساتىدىغان، يەنە ئاپتوموبىل ئىچىدە كۆڭلەك ساتىدىغان... يا خۇدا بۇ يەردىن چىقىپ بولالماسمىزمۇ؟ شۇ ئاندا بىز رېدماۋىس خانىمنىڭ بىر ئادەم بىلەن بىرگە تۇرغىنىنى كۆردۇق. بۇ ئادەم چاقماققا گاز توشقۇزىدىكەن، ئۇ چاقماققا گاز توشقۇزىمەن، دەپ ئايالنىڭ سومكىسىدىن چاقماقنى ئېلىپ گاز تولدۇرماقچى بولاتتى، ئايال ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيتتى، سومكىدا چاقماق يوق، سىياھ قەلەم بار. بۇ قېتىم بۇ ئادەم بۇ سىياھ قەلەمنى مەجبۇرلاپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا گاز توشقۇزماقچى بولاتتى، ھۇ! قەلەمنى چاقماق دەپ بىلىۋالغان ئەقلىڭگە، بۇ ئارىدا تامنىڭ تۈۋىدىكى سايىدا ئولتۇرغان بىر ئەرز - شىكايەت يازغۇچى:
- خانىم ئەرزىڭىز، ئىلتىماسىڭىزنى يېزىپ بېرىمەن، - دەۋاتاتتى.
كۈنلۈك ياسىغۇچى، مەددە قۇرت دورىسى ساتقۇچى، ھەر خىل ئۈچەي كېسەللىكلىرى دورىسى ساتقۇچىلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن بىر قالايمىقانچىلىق ئارىسىغا سىغدالدۇق، بۇ قېتىم بىر داغ يوقاتقۇچى سوپۇن ساتقۇچىنىڭ توزىقىغا چۈشكەن ئىدۇق. ساتقۇچى شۇنداق سۆزلىمەكتە ئىدى:
- خانىملار، ئەپەندىلەر، ئامېرىكا خىمىيە سانائىتىنىڭ يېڭى ئىجادىيىتى بولغان بۇ دورا نېگىرلارنىڭ تېرىسىنىمۇ ئاقارتىۋېتىدۇ، ياغ، كىر، دات، بوياق، سىياھقا ئوخشاش ھەر خىل داغلارنى ناھايىتى تېزلا چىقىرىدۇ، ھەقسىز سىناپ بېرىمىز، ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ بېقىڭ... ئۇ ئېگىلىپ ئالدىدىكى رېمونت ساندۇقىدىن ھەر خىل كىچىك نەرسىلەردىن توپلانغان سىياھ قۇتىسىنىڭ ئېغىزىنى ئاچقاندىن كېيىن، شۇ ھامان ئالدىدا تۇرغان رېدماۋىس خانىمنىڭ يىپەك كىيىمىگە سىياھ چاچتى. ئايالنىڭ يىپەك كۆڭلىكىنى ئالا - بۇلىماچ قىلىپ بويىدى. ئاندىن كېيىن داغنىڭ قانداق چىقىرىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
- مانا بۇ بىر كونا چىش چوتكىسى، بۇنى بىر ئىستاكاندىكى سۇغا سالغاندىن كېيىن، داغ يوقىتىدىغان سوپۇنغا سورۈپ، ئاندىن ئۇنىڭدا داغنى چوتكىلايمىز.
ئۇ چوتكىلىغانسېرى كۆپۈك چىقىشقا باشلىدى، بىچارە خوتۇن كۆپۈكلەر ئىچىدە قالدى، لېكىن داغ چىقماقتا يوق، بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىدى.
- ئەمدى ئەپەندىم، ئەمدى... داغدىن ئىزمۇ قالمايدۇ، رەختمۇ ئەسلىدىكىدىن يېڭى بولۇپ كېتىدۇ.
بىر مىنۇت، 5، 10، 15 مىنۇت.
ئابباس ئەپەندى يېنىدىكى ئايالغا قىلىنغان قىلمىشنى ئوغۇل بالىچىلىقىغا ئېلىپ بولالماي، داغ سوپۇنى ساتقۇچىنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ، ئۇنى تارتقۇشلاشقا باشلىدى. ساتقۇچى:
- ئازراق تەخىر قىلىڭ، ھەر ئىشنىڭ بىر يولى بولىدۇ، ھازىر داغ - پاغ دېگەن نەرسە قالمايدۇ، - دەپ بىز ۋە ئۇ يەردىكى باشقىلارنىڭ غەزەپلىك قاراشلىرى ئاستىدا قولىغا ئالغان ئۇستىرا بىلەن رېدماۋىس خانىمنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىدىكى سىياھ دېغى بار يەرنى كېسىپ، “بۇ نېمە قىلغىنىڭ” دەپ بولغىچە قېچىپ ئالىماننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
رېدماۋىس خانىم كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولغان ھالدا شۇ يەردىكى چىملىقتا ئولتۇردى. نېمىلا دېسەڭ يىغلاپ تۇراتتى. نېمىشقا يىغلىمىسۇن؟ داغ سوپۇنچىسى كىيىمىنى كېسىۋەتكەنلىكتىن، بىچارە خوتۇننىڭ باغىردىقى كۆرۈنۈپ قالدى، ئەرك ئال ئايالنىڭ قايغۇرۇشىنىڭ بۇ سەۋەبتىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. چۈنكى قۇلىقىغا يېقىپ ئاڭلىغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، ئاسمان بوشلۇقىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسى قېرىندىشىدىن خەۋەر ئالالماپتۇ، چۈنكى ئالەم بوشلۇقىدىكى سۆزلىشىش )ئالاقە( ئەسۋابى بۇزۇلغان ئىكەن، يەنى رېدماۋىس خانىمنىڭ قېرىندىشى ئالەم بوشلۇقىدا غايىب بوپتۇ.
سېلىم خوجا:
- بىزغۇ بۇ يەردە شۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا يىتۈپ كەتتۇق، ئەمما ھېچكىم يوق ئاسماندا ئادەم يوقاپ كەتمەس، - دەپ، ئالەم ئۇچقۇچىسى يوقاپ كەتكىنىگە بەك ھەيران قالدى.
شۇ ئەسنادا ئۇياق - بۇياقتىن ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى:
- قېچىڭلار، قاچ، ھۆكۈمەت...
- ھۆكۈمەتنىڭ ئادەملىرى...
- ھۆكۈمەت قولغا ئالىدۇ، قېچىڭلار.
بىر پالاق - پۇلۇقلۇق باشلاندى. قاچقان، قوغلىغان، سەكرىگەن، تاقلىغان، ئۇ يەر بىر ئاتا - ئانىلار بايرىمى كۈنىگە ئوخشاپ قالدى، شۇنداق ئىشلار يۈز بەردىكى، مەنمۇ ئىتتىرىلىپ سوقۇلۇپ تاس قالدىم باشقلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا قالغىلى، ئىككى گەز يىراقلىققا دومىلاپ كەتتىم. بۇ قوغلاش، قېچىشقا كۆپ رەھمەت. بۇ قېچىش پۇرسىتىدە بىز ئۆزىمىزنى ئىمىن ئۆنۈ ئالدىدا كۆردۇق. رېدماۋىس خانىم يوق ئىدى، دېمەك ئۇ قېچىش، قوغلاش جەريانىدا يوقاپ كەتكەن ئىدى، كىم بىلىدۇ، نەلەردە سوقۇلۇپ يۈرىدۇ، بەلكىم دەسسىلىپ كەتكەندۇ.
ئابباس ئەپەندى ئاھ، ۋاھ قىلىشقا باشلىدى. بىز سېلىم خوجا رېدماۋىس خانىمغا پەلتۇنى كىيگۈزۈپ قويدى دېسەك، ئەسلىدە پەلتۇنى ئابباس ئەپەندى كىيگۈزۈپ قويغان ئىكەن، سېلىم خوجا بەك دەردمەن بولغان ئابباس ئەپەندىنى بەزلەش ئۈچۈن رېدماۋىس خانىمنى چۈشۈرۈشكە باشلىدى:
- ئۇنچە ھەسرەت چېكىپ كەتمە بۇرادەر، ئۇنچە ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ كەتكۈچىلىكى يوقكەن، قېرى ئىكەن، ئورۇق ئىكەن، - دېدى.
ئابباس ئەپەندى بۇنىڭغا قارىتا، ئۆزىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جورىسىز قالغانلىقىنى ۋە بويتاقلىق بېشىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ:
- نېمىلا بولسا خوتۇندە، - دېدى.
سېلىم خوجا ئابباس ئەپەندىنى سۇۋۇتۇش ئۈچۈن:
- لېكىن بويى سەندىن ئېگىز ئىكەن، - دېدى.
ئابباس ئەپەندىنىڭ سۆزلەشتە بىر ئادىتى بار ئىدى، يەنى ئۆز يېزىسىنىڭ ئادىتى بويىچە سۆزلەيتتى. “نېمە بولسا بولسۇن” دېمەي، “نىمبوسا بوسۇن” دەيتتى. سېلىم خوجىمۇ:
- نىمبوسا بوسۇن خوتۇن ئىدى، - دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا تۆۋەندىكىدەك پاراڭلار بولۇپ ئۆتتى.
- پۇللىرى كۆپ، پىخسىق ئىدى، چاچلىرى سېرىق ئىدى.
- سېرىق ئىدى، يىلان ئىدى، لېكىن يەنىلا خوتۇن ئىدى.
كۆزلىرى كۆك، تىنىق ئىدى، لېكىن كۆزى كور ئىدى.
بۇ ئۆمرۈمگە جورا ئىدى، نىمبوسا بوسۇن خوتۇن ئىدى.
جانلىق ئىكەن كۈچلۈك ئىكەن، مومادەك ئېگىز ئىكەن.
ئەقلىمۇ كەمتۈك ئىكەن. نىمبوسا بوسۇن خوتۇن ئىدى.
ئابباس ئەپەندى باشقا گەپ قىلماي “خوتۇن ئىدى” دەپلا قوياتتى.
- خېچىردەك يوغان ئىكەن، ئاقساق ئىكەن، چولاق ئىكەن، پاچاقلىرى توم ئىكەن.
- نىمبوسا بوسۇن خوتۇن ئىدى.
دۆلىتىمىزدىكى چاغدا بەزمىلەردە بېيىت ئېيتىدىغان ئابباس ئەپەندى يېڭى جامەنىڭ پەلەمپەيلىرىگە چىقىپ تۇرۇپ ھەم يىغلاپ، ھەم بېشىغا كەلگەنلىرىنى شېئىر قىلىپ تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا قوشاق قېتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرى شۇ قەدەر تەسىرلىك ئىدىكى، بىردەمدىلا ئەتراپىغا نۇرغۇن ئادەم يىغىلدى.
قېرى ئىدى، ئورۇق ئىدى،
نىمبوسا بوسۇن خوتۇن ئىدى.
بويى مەندىن ئېگىز ئىدى،
نىمبوسا بوسۇن خوتۇن ئىدى.

پۇللىرى كۆپ، پىخسىق ئىدى،
چاچلىرىمۇ سېرىق ئىدى.
سېرىق ئىدى، يىلان ئىدى،
لېكىن يەنە خوتۇن ئىدى.

كۆزلىرى كۆك تىنىق ئىدى،
كۆرەلمەيتتى، يۇمۇق ئىدى.
بۇ ئۆمرۈمگە جورا ئىدى،
نىمبوسا بوسۇن خوتۇن ئىدى.

جانلىق ئىدى، كۈچلۈك ئىدى،
مومادەك ھەم ئېگىز ئىدى.
ئەقلىمۇ شۇ كەمتۈك ئىدى،
نىمبوسا بوسۇن خوتۇن ئىدى.

خېچىردەكلا يوغان ئىدى،
ئاقساق ئىدى، چولاق ئىدى.
پاچاقلىرى ھەم توم ئىدى،
نىمبوسا بوسۇن خوتۇن ئىدى.

خېچىر ئىدى، بەس شوخ ئىدى،
چېكەمدىكى بىر گۈل ئىدى.
ھاياتىمنى ئاتىغان ئىدىم،
نىمبوسا بوسۇن خوتۇن ئىدى.

پەرىشتەيۇ پەرى ئىدى،
جاپاسى بار، جەۋرى ئىدى.
سۆيۈشمەكنىڭ دەۋرى ئىدى،
ماڭا لايىق خوتۇن ئىدى.




ھالقىلىق سۆزلەر : چەتئەل، ئەسەر، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار