ئەزىز نەسىن: قاغىلار سايلىغان پادىشاھ
يوللانغان ۋاقتى:25-01-2014
مەنبە: Tarimweb.com
مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
قاغىلار سايلىغان پادىشاھ
قاغىلار سايلىغان پادىشاھ
ئەزىز نەسىن(تۈركىيە)
تۈركچىدىن خەدىچە ئاۋۇت تەرجىمىسى
بارئىكەن، يوق ئىكەن، قەدىمكى زاماندا يۇرتلارنىڭ بىرىدە بىچارە بىر كىشى ئۆتكەنىكەن، كۈندىلىك قورسىقىغا يېگۈدەك ئوزۇق-تۈلۈك، ئۇچىسىغا كىيگۈدەك كېيىم-كىچىكىمۇ يوق ئىكەن،ئەمما يامان نىيەتلىك ئەمەس ئىكەن، پۈتۈن ئەس-يادى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئىكەن،ياخشىلىق قىلىشنىغۇ ئويلايدىكەن،ئەمما شۇ ياخشىلىقنى قانداق قىلىشنى بىلمەيدىكەن.
پات-پات :
-ئاھ بىر قولۇمدىن كەلسە شۇ ئىنسانلارغا بىر ياخشىلىق قىلسام دەيدىكەن.
ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغانلار سورايدىكەن:
-خوش،قانداق ياخشىلىق قىلىسەن؟
-ياخشلىق شۇ ،ھەممە ئادەمگە ياخشىلىق قىلاتتىم،قېنى شۇ كۈن بىر كەلسۇنچۇ،قانداق ياخشىلىق قىلىشىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ كىشى تاغ باغرىدا :«يا رەببىم ماڭا ياردەم قىلساڭ،مەن شۇ ئادەملەرگە بىر ياخشىلىق قىلىۋالسام » دەپ مىشىلداپتۇ.دەل شۇ چاغدا ئارقىدىن كېلىۋاتقان بىر يولۇچى يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ:
-ياخشىمۇسەن يىگىت دەپتۇ.
ياخشىلىق قىلىشنى خالايدىغان ئۇ كىشى قايرىلىپ قارىسا ئاق ساقاللىرى كىندىكىگىچە چۈشكەن،بىر بوۋاي تۇرغانىكەن.
-ياخشىمۇسىز بوۋا دەپتۇ.
-نېمە بولدۇڭ،نىچۈن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گەپ قىلىپ كەتتىڭ،ئاللاھتىن بىر نەرسە تىلەۋاتامسەن يا؟
ئۇ كىشى دەردىنى،كىشلەرگە ياخشىلىق قىلالمايۋاتقىنى ئۈچۈن ئىچ-باغرىنىڭ قانداق كۆيۈپ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
ئاق ساقاللىق ئۇ كىشى دەپتۇكى:
-ساڭا ئوخشاش ياخشىلىق قىلىشنى ئويلايدىغانلار كۇرمىڭ،بۇ ياخشىلىقنى قانداق قىلىدىغانلىقىڭنى بىلسەڭتىڭ،ياخشىلىق قىلىمەن دەپ بۇنچە ئاھ چەكمەس ئىدىڭ،كىشلەرگە ياخشىلىق قىلىش ،يامانلىق قىلىشتىن تەستۇر.دۇنيا قۇرۇلدى،ئەمما ئۇنى قانداق قۇرۇش قانداق تەرەققى قىلدۇرۇشنى بىلىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى.
ساقاللىق كىشى ئەنە شۇنداق كۆپ چۈشەندۈرۈپتۇ ئەمما ئۇ ئادەم قۇلاق سالماستىن:
-ئەمما مەن باشقىلارغا ئوخشىمايمەن،شۇنداق بىر يەر نېسىپ بولسا ئىدى،جاھاندىكى جىمى يامانلىقلارنى سۈپۈرۈپ يوق قىلغان بولاتتىم،ئاچ-يالىڭاچلار،يېتىم-يىسىرلەر مەۋجۇت بولمىغان،ئۇرۇش-جىدەللەر يۈز بەرمىگەن بولاتتى،ھەممە ئىشنى يول-يولىغا سالغان بولاتتىم.
ئاق ساقاللىق كىشى:
-ياخشىلىق قىلىشنى بەك خالايدىكەنسەن،ئەمما شۇ ياخشىلىقنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەيدىكەنسەن،ساڭا ئوخشاشلار كۆپ ئۇچرىدى ،كەتتى.
-ياخشىلىق قىلىشتىنمۇ ئارتۇق ئاسان ئىش يوق بوۋا.
ساقاللىق كىشى :
-ھەي،دېمەك ياخشىلىق قىلىشنى شۇنچىلىك خالايسەن ،ئۇنداقتا بۇ يەردە تۇرما،ھەممە يەرنى كەز،كۆر،شۇنداق بىر يەر ئۇچرايدۇ،شۇنداق بىر ۋاقتى كىلىدۇ،سەنمۇ كۆزلىگىنىڭگە يېتىپ مۇرادىڭنى ئىشقا ئاشۇرالايسەن.
ياخشىلىق قىلىشنى ئويلايدىغان كىشى ،ساقاللىق كىشىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ شۇ ھامان يولغا چىقىپتۇ،مېڭىپتۇ مىڭىپتۇ،تاغ-داۋانلار ئېشىپتۇ،ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتۈپتۇ،قەدىمى يەتكەنلىكى يەردە كىشلەرگە ياخشىلىق قىلغۇسى بارلىقىنى،ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن قەلبىنىڭ بەكمۇ تەقەززا بولىۋاتقانلىقىنى كىشلەرگە جاكارلاپتۇ.
بىر كۈنى مېڭىپ-مېڭىپ يىراقتىن بىر كەنتنى كۆرۈپتۇ،بۇ كەنتنىڭ چۆرىسى ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغانىكەن،ئۇ كىشى مىڭبىر جاپادا كەنتكە كىرىدىغان ئىشىكنى تېپىتۇ،ئىشىكتىن ئاتلاپتۇيۇ ھەيرانۇ-ھەس قاپتۇ،قانداقمۇ ھەيران بولماي تۇرالىسۇن.
مەيدان مىغ-مىغ ئادەم بىلەن تولغان، ئۇ ئادەملەر يۈزمىڭ ۋە ياكى ئۈچ يۈز مىڭدىن ئارتۇق كېلەتتى،ھەر بىر كىشىنىڭ ئاغزىدىن ۋارقىراپ توۋلىغان گەپلەر تۆكۈلەتتى،ئۇ ئادەم گەپ قىلىۋاتقانلارغا قۇلاق ساپتۇ:
-يۇرتداشلار مەن ھەممىڭلارغا ياخشىلىق قىلىمەن،مېنى پادىشاھلىققا سايلاڭلار،مېنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن قاغىلارغا دەڭلار،قاغىلار مېنى پادىشاھ قىلسۇن،قاراپ تۇرۇڭلار،سىلەرگە قانداق ياخشىلىقلارنى قىلىمەنكىن قېنى،بۇ كەنتنىڭ ئېرىقلىرىدىن شەربەت ئاققۇزىمەن، يوللارغا ئالتۇن ياتقۇزىمەن،يامغۇر ئورنىغا ئاسماندىن شاراپ ياغدۇرىمەن،بىر قولۇڭلار مايدا،بىر قولۇڭلار ھەسەلدە بولىدۇ،ئاللاھنىڭ ھەربىر كۈنى تاتلىق-تۈرۈم،پىچىنە-پىرەنىك يېيىشتىن زىرىكىپ زارلىنىسىلەر،شۇنداق راھەت كۈن كۆردۈرىمەنكى شۇ راھەت سىزنى راھەتسىز قىلىشقا باشلايدۇ،ھۆرمەتلىك يۇرتداشلىرىم! قاغىلارغا دەڭلار مېنى پادىشاھ قىلسۇن.
بارچە ئېغىزدىن مۇشۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتقان ھېلىقى كىشى ھەيران بوپتۇ،ھەيران بولۇپ ئالدى كەينىگە قاراپتۇ،قاراپتۇيۇ تېخىمۇ ھەيران بوپتۇ چۈنكى يېنىدا بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئۆزىگە تاغ باغرىدا ئۇچرىغان ھېلىقى ئاق ساقاللىق بوۋاي تۇراتتى.
-ياخشىمۇسىز بوۋا!دەپتۇ.
ساقاللىق كىشىمۇ:
-ياخشىمۇسىز ئوغلۇم،دەپتۇ.
-قاراڭ،بۇ يۇرتتا ھەممە ئادەم ئوخشاشلا گەپ قىلىشىۋاتىدۇ،ئۇنداقتا نېمىگە بۇنچە كۈچەپ ۋارقىرايدۇ؟دەپ ئاق ساقاللىق كىشىدىن سوراپتۇ.
ئاق ساقاللىق كىشى جاۋابەن :
-ھەممە ئادەم ئۆزىنى ياخشىلىق قىلالايدىغان چاغلايدۇ،ئەمما بۇ ياخشىلىقنى قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ،شۇڭا شۇنداق توۋلايدۇ دەپتۇ.
-بۇ ئادەملەر دائىم مۇشۇنداق ۋارقىرىشامدۇ؟
-ياق،سايلام بولغاندا مۇشۇنداق ۋارقىرىشىدۇ،بۇ يەردە يىلدا بىر قېتىم سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ،سايلام بولغاندا ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ تاللىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
-نېمە ئۈچۈن؟
-چۈنكى ھەممە ئادەم مەن ياخشىلىق قىلالايمەن دەيدۇ،ھەم شۇنى خالايدۇ،يامانلىق قىلىشنى ئويلايدىغان ھېچكىم يوق.
بۇ نېمە سايلام،كىم نېمە ۋەزىپىگە سايلىنىلىدۇ؟
-پادىشاھ تاللايدۇ،بۇ دۆلەت باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ،باشقا دۆلەتلەردىكىگە ئوخشاش پادىشاھلىق ھوقۇقى ئاتىسىدىن بالىسىغا مىراس قېلىپ داۋاملاشمايدۇ،ھەر يىلى خەلق ئارىسىدىن يېڭى بىر پادىشاھ سايلىنىدۇ،سايلانغان پادىشاھ ۋەدىسى بويىچە خەلققە ياخشىلىق قىلىپ قۇدرەت تاپقۇزالىسا ھوقۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ،ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا كېلەركى يىلى سايلام ئېلىپ بېرىلىپ قايتا سايلىنىدۇ،ھازىرغىچە بىر يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن پادىشاھ چىقىپ باقمىدى.
-ھە،ئۇنداقتا نېمىشقا قاغا قاغا دەپ توۋلىشىدۇ؟
-بۇ دۆلەتتە پادىشاھلارنى قاغىلار تاللايدۇ شۇڭا كىشلەر شۇنداق ۋارقىرىشىۋاتىدۇ .ساقاللىق كىشى شۇ گەپنى قىلىپ تۇرشىغا ھاۋا بىردىن قارىيىپ ئاسماننى قاپقارا قاغىلار قاپلاپتۇ،قاغىلار شەكىللەندۈرگەن ئۇ قاپقارا بۇلۇتنىڭ دەستىدىن ھەتتا قۇياشمۇ كۆرۈنمەي قاپتۇ،قاغىلار كىشلەرنىڭ ئۈستىدىن قاق قاق قاق! دەپ قاقىلدىغىنىچە ئۇچۇپ ئۆتۈپتۇ،كىشلەرمۇ تەڭلا :
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------