سېرگىي يېسنىن : پارىس لېرىكىلىرى(1)

يوللانغان ۋاقتى:21-04-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 6 پارچە
ئۇيغۇر خەلىقىغا ئۆزىنىڭ شائىردەك تونۇش بولۇپ كەتكەن سېرگىي يېسىننىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى.

سېرگىي يېسنىن

(سابىق سوۋېت ئىتپاقى)

 

پارىس لېرىكلىرى

1

سەكىنە،سەكىنە مىنىڭ ئامرىقىم،

مەن ئاشۇ شىمالدىن كەلگىنىمئۈچۈن.

سۆزلەيمەن ئۇندىكى كەڭرى ئېتىزنى،

ئايدىڭدا بۇغدايلار ياسايدۇدۇلقۇن.

سەكىنە،سەكىنە مېنىڭ ئامرىقىم.

 

مەن ئاشۇ شىمالدىن كەلگىنىيمئۈچۈن.

سۆزلەيمەن ئاندا ئاي يۈز ھەسسەنۇرلۇق.

ھەر قانچە چىرايلىق بولسىمۇشىراز،

ئاندا كەڭ دالاغا تەڭداش گۈزەليوق.

مەن ئاشۇ شىمالدىن كەلگىنىيمئۈچۈن.

 

سۆزلەيمەن ئۇندىكى كەڭرى ئېتىزنى،

ئۆستۈرگەن چېچىمنى قارابۇغدايلىق.

ئوينىسا بارمىقىڭ بۈدرە چېچىمدا،

سەزمەيمەن ھېچقاچان زەررىچەئاغرىق

سۆزلەيمەن ئۇندىكى كەڭرى ئېتىزنى،

 

ئۇ يەردە ئايدىڭدا دۇلقۇنلاربۇغداي،

ئوخشايدۇ بۇ دۇلقۇن بۈدرەچېچىمغا.

خۇشاللان،كۈل خەندان،قەدىردانجانان،

ۋە لېكىن سالمىغىن ھەرگىزئېسىمگە-

ئۇ يەردە -ئايدىڭدا دۇلقۇنلاربۇغداي،

 

سەكىنە،سەكىنە مىنىڭ ئامرىقىم،

شۇ يىراق شىمالدا يەنە بىرقىزبار.

ساڭا بەك ئوخشايدۇ ئۇمۇ ئېتىمال-

مېنى ياد ئەتكەندۇ بولۇپئىنتىىزار،

سەكىنە،سەكىنە مىنىڭ ئامرىقىم.

 

2

فوسفور بۇغۇزىغا بارمىدىم پەقەت،

سورىما مېنىڭدىن ئۇيەر ھەققىدە.

كۆزلىرىڭ دېڭىزنىڭ دۇلقۇنىسۈپەت،

كۆرىمەن چاقنايدۇ كۈك ئوترەڭگىدە.

 

بارمىدىم باغداتقا سودىگەرلەربىلەن،

توۋار،زىبۇ-زىننەت ئاپارغىنىميوق.

نازۇك بەللىرىڭنى ئەگسەڭ ئىدىڭسەن،

يۈلىنىپ تىزىڭغا چىقارساماردۇق.

 

ھەر قانچە يىلىنىپ-يالۋۇرغانبىلەن،

يەنىلا رايىمغا باقمىدىڭ ھازىر.

شۇ يىراق دۆلەتتە-رۇسىيەدە مەن،

بىلەمسەن نامىم بار،ئۇنتۇلغانشائىر.

 

ياڭرايدۇ قەلبىمدە گارمۇن ئاۋازى

ئاڭلايمەن ئايدىڭدە ئىت ۇۋلىشىنى.

پارس قىز،ئىختىيار قىلمامسەنزادى،

شۇ يىراق ئەلە بىلەن تۇنۇشبولۇشنى؟

 

كەلمىدىم زېرىكىپ بۇ يەرگەبىراق،

چىللىدىڭ،ئىزىڭنى يۇشۇرۇپ جانان.

گەرئاچسا مامۇقتەك جۈپ قۇلۇڭقۇچاق،

سېزىمەن ئاققۇنىڭ قانىتىسىمان.

 

ئەزەلدىن كەلدىم تېنچ ھاياتنىئىزدەپ،

ئۆتمۈشنى سۈكمەيمەن ئالغۇم يوقئەسكە.

سەن بەرگىن مەنىلىك ئىشلارنىسۆزلەپ،

سۆزلىگىن شاد ئىلىڭ ەققىدەقىسسە.

 

ھەيدەلسۇن شۇ مۇڭلۇق كۈيلەردىلىمدىن،

ساپ تىنىقلىرىڭدا روىم مەسبولۇپ.

شىماللىق ئاشۇ قىز چىقسۇنئىسىمدىن،

ئۇ ئۈچۈن رىيازەت چەكمەي ئاھ! ئۇرۇپ.

 

فوسفور بۇغۇزىغا بارمىدىم ئەمما-

سەن ئۈچۈن تەسۋىرلەپ بىرىمەن ئۇنى.

كۆزلىرىڭ دېڭىزنىڭ دۇلقۇنى گويا،

چاقنايدۇ كۈك رەڭلىك ئوت يالقۇنى.

 

3

خۇراسان شەھرىدە بىر ئۆي بارمۇندداق،

ئىشىگى ئالدىدا قىزىل گۈل سانجاق.

تۇرىدۇ بۇ جايدا ئويچان پەرىزات،

خۇراسان شەھىرىدە بىر ئۆي بارشۇنداق،

بۇ يەرگە كىرەلمەي قالدىم مەنبىراق.

 

قۇدرىتىم يەتمىگەن ئۈچۈنئەمەس،ياق،

ئالتۇندەك تاۋلانغان چاچلىرىمغاباق.

كېلىدۇ پەرىزات ئۈنى ھەرياندىن،

قۇدرىتىم يەتمىگەن ئۈچۈنئەمەس،ياق،

بۇ يەرگە كىرەلمەي قالدىم مەنبىراق.

 

سۆيگۈ قەيسەرلىكىم تاپمىدىروناق،

نە ھاجەت،كىم سالغاي ئىشقىمغاقۇلاق؟

سەكىنە كۈندەشلىك قىلمايدۇ ئەمدى،

بۇ يەرگە كىرەلمەي قالدىم مەنبىراق.

سۆيگۈ قەيسەرلىكىم تاپمىدىروناق.

 

قايتىمەن روسىيە،ئەي قدىم تۇپراق،

ئايرىلىپ پارىستىن،تاشلايمەن ئاياق.

يۇرتۇمنى مەجنونچەسۆيگەچكە،بىزنى-

قايتىمەن روسىيە،ئەي قدىم تۇپراق،

 

خەير-خوش پەرىزات،خوش بولئامان-ساق،

ئۆيۈڭگەكىرەلمەي قالدىم مەنبىراق.

شۇندىمۇ ئاتىدىڭ گۈزەل قايغۇنى،

ئېلىمدا شەنىڭگە ئۇقۇيمەن قۇشاق،

خەير-خوش پەرىزات،خوش بولئامان-ساق.

 

4

فىردەۋسى ياشىغان زۇمرەتتەكماكان،

ئەسلەشتە كەچمىشنى بولغىن سۇغۇققان.

ئۇنتۇلسۇن مۇلايىم نازاكەتلىكدوست،

ھەم ئۇنىڭ پاك،ئويچان نىگاھىھامان.

فىردەۋسى ياشىغان زۇمرەتتەكماكان.

 

ئەي پارىس،سەن ئىگە گۈزەلسىياققا،

گۈللىرىڭ ئوخشايدۇ يانغانچىراغقا.

ساپ،نازۇك گۈلۈڭگە باقسامخيالىم-

ئۇچىدۇ شۇ يىراق ئانا تۇپراققا.

ئەي پارىس،سەن ئىگە گۈزەلسىياققا،

 

پۇرايمەن گۈلۈڭنى ئەڭ ئاخىرقى رەت،

ئۆيۈمدە پىۋىدىن مەست بولغانسۈپەت.

قەدىردان سەكىنە،ئۈنۈڭنى بۈگۈن،

ئاڭلايمەن ئاداققى بىر قىتىم پەقەت.

بۇئېغىرھېجرانغا كەلدىپەيت-نۆۋەت.

 

مەن سېنى قانداقچە ئۇنتۇپكېتىمەن،

تۇراقسىز-داۋالغۇپ تۇرغانھاياتتا.

دوست-ياران يېقىنغا ۋە ياكىياتقا،

ھەرتۈرلۈك ھالىڭنى سۆزلەپئۆتىمەن،

مەن سېنى تا ئەبەد ئەستە تۇتىمەن.

 

ئىقبال-تەقدىڭدىن يىمەيمەنۋايىم،

جۇدۇنغا تاقابىل تۇرسۇن دەپسېنى.

قالدۇردۇم روسلارنىڭ بىرناخشىسىنى،

ياڭرايدۇ ناخشىدا ئەكسسادايىم...

 

5

<نىمىشقا ئاي غۇۋا ،نۇر زىياسىدا

يورۇماس خۇراسان بېغى،قەسىرسى؟

سەيلە قىپ يۈرگەندەك روسدالاسىدا،

ئۈستۈمدە شىلدىرلار تۇمانپەردىسى.؟>>

 

ئارچىلار چۈككەندە سۈكۈتكە كەچتە،

سورىدىم بۇ ھالنى قەدىردان لالە؛

ئارچىلار دىمەستىن لام-جىم بۇەقتە،

تۇرۇشتى بوي سوزۇپ ئاسمانپىلەككە.

 

<<نېمىشقا ئاي مۇنچە ھەسرەتلىك -مۇڭلۇق؟>>

دەپ گۈلدىن سورىدىم دەرەخزارئارا.

دېدى ئۇ:<< قىزىلگۈلقايغۇسى تۇلۇق_

سۆزلەيدۇ بۇ ئىشنىڭ تەكتىنىساڭا.>>

 

توزىغان قىزىل گۈل چۈشمەكتەيەرگە،

ئۇ ماڭا پەس ئۈندە ئەيلىدى ئىزار؛

<<سەكىنەڭ كۆڭلىنى بەردى ئۆزگىگە،

سەكىنەڭ ئۆزىگە تاپتى باشقايار>>

 

سەكىنە دەپتۇدەك:<<بۇروسنى بۆلەك-

كۆرمەيمەن...ناخشىغا مۇھتاجدۇريۈرەك

ناخشىغا ھايات ھەم تەن-بەدەنكېرەك..>>

شۇڭلاشقا ئاي غۇۋا،نۇرسىز ۋە ئاپئاق،

نۇرىدا يوق قۇۋۋەت-كۈچتىنئىز-دېرەك.

 

جۇدالىق دەردىنى تارتتىم تالايرەئەت،

بۇندا بار كۆز يېشى ،بۇندا بارەسرەت.

پەرۋاسىز بەزىسى،كۈتەر بەزىسى.

.....................................

ۋە لېكىن ئالەمنىڭ زەڭگەر كېچىسى

يەنىلا مىسىلسىز گۈزەل تا ئەبەت.

 

رۇسچىدىن ئۆزبەكچىگە تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركىن ۋاھىدوۋ

دۇنيا ئەدبىياتى ژورنىلنىڭ 1981-يىللىق 3- ساندىن ئېلىندى .

 ئۆزبىكچىدىن : رەخىم قاسىم تەرجىمە قىلغان .

كومپۇيۇتېر  مەشغۇلاتىدا : يالقۇن ئەزىزى

 






بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار