كۈن تاش(داستان)

يوللانغان ۋاقتى:16-04-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
بۇ ئوكتاۋىئو پازنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى.« تارىم» ژۇرنىلنىڭ ماتىريال ئامبىردا ساقلانسا ھەم تورداشلار پايدىلانسا دەپ يوللىدىم.تەل
  • كۈن تاش
    (داستان )

ئوكتاۋىئو پاز (مېكسىكا)

باتۇر روزى تەرجىمىسى

ئون ئۈچۈنجىسى كەلدى يېتىپ ... ماھىيەتتە ئۇ بىرىنجىسى
ھامان ئۇ ئۆزىدۇر –ياكى بىردىن بىر زامان :
چۈنكى سەن خانىشسەن ،تۇنجىسىمۇ سەن
ياكى كەنجىسى؟
سەن بىردىن بىر ياكى ئاداققى ئاشىق بولغان سۇلتان ؟
-گىرارى دى نېرۋالنىڭ(2)
  «ئارتىلىمىس» دىن


يالتىراق مەجنۇن تال ،قارا سۇ تېرەك ،
بىر فۇنتان شامالدا يەلپۈنەر يۈكسەك ،
تىك ئۆسكەن بىر دەرەخ نازغىشىپ ئوينار ،
تولغىماچ بىر ئېقىن ئىلگىرلەپ بارار ،
ئارقىغا چېكىنەر قايتا باشلىنار .
يېتىپ بارار مەنزىلگە ھامان :
باھار ياكى يۇلتۇزلار تامان
قەدەملەر جىمغىنە ئەمەس ئالدىرىاش ،
دەريالار كۆزىنى يۇمماقتا تۇتاش
تۈن ئەيلەر بىشارەت مەۋجىنى راۋان ،
ھەممە تەڭ مەۋىج ئۇرار ئۆركەشلەر ئارا
دولقۇنلار تۇتاشقان دولقۇنلارغا ھەم ،
مۆكتۈرۈپ ئالغۇچى ھەممنى ھەتتا ،
يېشىل رەڭ تۇتۇق بەرىگ سارغايماس ھەردەم ،
كۆز باغلار قاناتنى يايغاندەك ئاسمان .


قويۇق كەلمىشتە
بەدبەخ نۇر ئارا
گۇڭگا شاختا كۈيلىگەن
بىر قۇشقىلا ئوخشايدۇ سەپەر ؛
كۈيلەر ۋە خەتەرلىك ئامەتلەر بىلەن
ئورمانلارغا مەست
  ئەيلەر
تاڭ نۇرىنى دانلايدۇ قۇشلار
بىر سىما توساتتىن كۈيلىگەنسىمان ،
يالقۇنلاردا كۈي –كۈيلەر شامال ،
بوشلۇق ئارا ئېسىلغان نىگاھ
دۇنيا،تاغ ۋە دېڭىزلارغا سىنچىلار ،
ھېقىقلار سۈزگەن نۇر بەدىنى تىمسال
نۇر پاچاق ،نۇر كۆكرەك ،دېڭىزدىكى قولتۇقلار .
قۇياش خادا تېشى ،بۇلۇترەڭ بەدەن ،
ئۇچقاندەك سەكىرىگەن كۈندۈز رەڭگى ھەم
پىلىلداپ چاقنىغان بەدەنلىك زامان ،
دۇنيادا كۆرنىدۇ بولغاچ سەندە تەن ،
تۇرغاچ سەن يالتىراپ سۈزۈكتۇر جاھان .
ئۇن دالانلىردا قىلدىم
  مەن سەپەر ،
ياڭراق چىنبارلىقتا داۋالغۇدۇم ھەم ،
ئەمادەك نۇر ئارا تاشلىدىم قەدەم ،
بىر شولا يوقىتار ،بىر شولا تۇغار ،
ئېزىتقۇ بەلگىلەر تۈزگەن ئەي ئورمان ،
كىردىم مەن ئەگمە نۇر قاپقىلار بىلەن
كۈزگى سۈزۈك
  دەھلىزگە  شۇئان .


بويلىدىم گەۋدەڭنى كەزگەندەك جاھان ،
باغرىڭ ئاپتاپ چاقنىغان مەيدان ،
كۆكسۈڭدە جۈو چىركاۋ تىكلىمەكتە قەد –
تەڭداش ۋە سىرلىق ھال سۆھبەت قۇرغاي قان ،
كۆز نۇرۇم پىلەكتەك چىرمايدۇ سېنى ،
مەن دېڭىزغا ئورالغان ،ئورالغان شەھەر
نۇر ئىككىگە بۆلگەن شاپتۇل رەڭ سېپىل ،
دىققىتى يىغىلغان بىر چۈشكە تەۋە
دېڭىز تۇزى ،خادا تاش
ۋە قۇچقاچلار ماكانلىغان يەر .


شەھۋىتىم رەڭگىنى يېپىنماقتىسەن
ماڭماقتىسەن ئېڭىمدا ساياق ،
كۆزۈڭدە ئۈزدۈممەن ،ئۈزگەندەك سۇدا ،
يولۋاسلار كۆزۈڭدە ئوتلار چۈش شاراپ ،
ئۇندىكى يالقۇندا ئۆرتىنەر ھەرە ،
ماڭلىيىنى بويلىماقتىسەن
  ئاينى ئەگىپ ماڭغاندەك گويا ،
بۇلۇتلار ئويۇڭدا قىلغاندەك جەۋلان ،
ماڭىمەن باغرىڭدا ،چۈشلىرىڭىنى كەزگەندەك شۇئان .


كۈي كۈيلەر ،ئوينار قوناق كۆڭلىكىڭ ،
سۇ كۆڭلىكىڭ ۋە خىروستال كۆڭلىكىڭ ،
لەۋلىرىڭ ،چاچلىرىڭ نىگاھلىرىڭ ھەم
تۈن بويى يامغۇر بوپ تۇردۇڭ تامچىلاپ ،
سۇ
  بارماقتا كۆكرىكىمنى ئاچتىڭ كۈن بويلاپ ،
سۇ لەۋلىرىڭدە كۆزلىرىمنى يۇمدۇڭسەن ،
يامغۇر بوپ ياغدىڭ سۆڭەكلىرىمگە ،
سۇيۇق دەرەخ كۆكسىم ئارا تۇرار يىلتىزلاپ .


بەللىرىڭنى بويلىماقتىمەن
ماڭغان كەبى دەريانى بويلاپ،
بەدنىڭنى ئەگىمەكتىمەن
ئايلانغادەك ئورماننى شۇ تاپ ،
سەگەك ئاڭغا كىرىپ كەلدىم ،تىك ھاڭلارغا ئۇلاشقان –
يىلان باغرى تاغ يولىنى بويلىغانسىمان ،
ئاپپاق چىكەڭ سۈڭگۈچىدە كۆلەڭگەم
دۈم چۈشۈپ يىقىلدى .يىغىۋالدىم ھەم ،
قالمىدى گەۋدەڭ ئەمدى يەنە
  يۈرمەككە سىپاپ .


ئەسلىملەر –بېشى يوق دالان ،
ھېچنىمەيوق سارايسىرى ئېچىلغان ،
ئۇندا يازلار چىرىيدۇ تامام ،
تەشنالىق مارجانلىرى ياتىدۇ پىنھان .
بايىلا يادلنىپ ئۇنتۇلغان چىراي ،
بىلەكلەر سىلاندى ئەمدى ئاجىرغان ،
چۇۋۇق چاچلار ئۆمۈچۈكلەر تۈزگەن تورسىمان ،
ئۆتمۈشتىكى تەبەسسۇمغا يېيىلغان .


ئىزدەپ يۈردۈم سۆڭگۈچىدە چېكەمنىڭ ھەر ھان ،
ئۇچۇرمىدى مەن ئىزدىگەن بىرلا دەم ،
تۈندىكى ئورماندا چاپچىغان
  چاقماق
بوران –چاپقۇندىكى چىراي ھەم ،
قاراڭغۇ ئورماندا
  يامغۇردىكى يۈز ،
بەڭباش ئېقىن سۇلار يېنىمدا ئاققان .


ئىزلىسەم كۆرۈنمەس ياتىمەن تەنھا ،
يىل –يىللاپ ھىچكىممۇ بولمايدۇ ھەمرا ،
چۆكۈمەن تەكتىڭگە شۇ بىردەم بىلەن ،
ئەينەكلەر ئۈستىدە شەكىلسىز يوللار ،
چېقىلغان ئوبرازىم كۆرۈنەر تەكرار ،
دەسەيمەن دەملەرگە ،ئاي –يىللارغا ھەم ،
سايەم ئويلىغا باسىمەن قەدەم ،
سايەمنى دەسسەپ
  ئىزدەيمەن بىردەم .


تىرىك بىر پۇرسەتنى ئىزدەيمەن بىدار ،
چۈشتىن كىيىن سائەت بەشتىكى
  قۇياشنى ئىزدەپ يۈرگەندەك قۇشلار
يانار تامنىڭ قۇرۇق تېغى ئاپتاپنى تاۋلار :
ئۇنىڭ سانجاق مىۋىسنى پىشۇرغان زامان ،
ئېچىلسا قاپقىلار ،ئۇ يەردىكى گۈلگۈن يۈرەكتىن
چىقىپ كېلەر توپ قىزلار ،
مەكتەپنىڭ تاش قوتراسىدا تارقىلار ،
تەققى –تۇرقى ئىگىز كۈزسىمان
پۈركەنگەنچە شەپەق نۇرىغا
  كۆك ئاستىدا مېڭىشار
باغاشزلايدۇ ئۇنى بوشلۇقلار ،
سىرلىق سۈزۈك تۈننى ياپقۇچلار ،
رەڭدار يولۋاس ،قوڭۇررەڭ كىيىك ،
تۆت ئەتراپتا كېچە بىپايان ،
قىز يامغۇردا ،يىشىل رەڭلىك پىشايۋاندا
  قۇچماقتا ۋىسال.

 

ئىسمىڭ ئۇنتۇلغان :
مىروسسىنا (3)
  لورا (4 ) ئىلزابىر
پىرىسفونى (5) ،مارىيە
سەندە بار ھەممە ۋە ھىچكىمدە يوق چىراي ،
سەن ھەممە ئەمەس ھەم ھەرقانداق زامان ،
ئوخشايسەن بۇلۇتقا ،دەرەخلەرگە سەن ،
ھەممە قۇشسەن ،ھەمدە بىر يۇلتۇز ،
ئوخشايسەن ئۇچۇىغا قىلىچنىڭ
ۋە جاللات جامىغا قان تولغان
ئىلگىرلەتكەن ،چىرمىۋالغان روھلارنى
ۋەتىندىن ئاجراتقۇچى پىلەكلەرسىمان .


قاشتىشىدا ئوت خەتلەر ،
يىلانلارنىڭ ئايال شاھى ،خادا تاشلاردەز ،
ھور تۈۋرىكى ،قورام تاشلار مەنبەسى ،
ئاياللارنىڭ رىقابەت مەيدانى ،چىۋىن دۆڭلىرى ،
بىديان ئۇرۇقى ،يىڭنە ئۇچى ئىنچىكە –
ھايات چەكلىك ،بىراق ئىنسانغا بەخىش ئەيلەر
  مەڭگۈلۈك ئازاپ ،
دېڭىزلىق جىلغىدىكى ئايال چولپان ،
ئەرۋاھ جىلغىسدا كۈزەتچى قىز ،
باش قايدۇرار تىك ھاڭلارغا
  ئېسىلغان پىلەك
زەھەرلىك چىرماشقان ئۆسۈملۈك ،
تىرىگەن چىچەكلەر ،ياسىمەن گۈللۈك ،
نەي ۋە چاقماق خانىمى ،
ھاياتلىق ئۈزۈمى ،يارىسدىكى تۇز ،
جازالانغان شېھىتلەرگە ئىنئام بولمىش گۈلدەستە ،
ئاۋغۇسىتىكى قار ،جادۇدىكى ئاي ،
دېڭىزلارنىڭ يانار تاققا يازغان خەتلىرى
شاماللارنىڭ باياۋانغا يازغان خەتلىرى ،
باشاق ئانار ۋە قۇياشنىڭ ۋەسىيەتلىرى .

يالقۇن يۈزى يالماپ تاشلانغان ،
ۋەيران قىلىنغان نەۋقىران يۈزلەر
دەۋىرلىنىش ئاي يىللار چۈشى
ئوخشادش قورۇ ئوخشاش تامغا يۈزلەنگەن ،
شۇ بىر پۇرسەت كۆيمەكتە
بىرلا يۈزدۈر كەينىمدىكى يالقۇنلارنىڭ يۈزلىرى پەقەت
بار ئىسىملار بىرلا ئىسمدۇر
بارچە يۈزلەر بىرلا يۈز ،
بار ئەسىرلەر بىرلا دەم ،
تالاي دەۋى

رلەرنى بىر جۈپ كۆز ،
تۇتاشتۇرار كەلگۈسنىڭ چۈشۈرگىسگە .
ئالدىمدا يوق ھېچىنىمە، پەقەت ،
بۈگۈن ئاخشام ئوبراز باي چۈشلەردىن
قايتۇرۇپ ئالغان بىرلا دەم
قەيسەرلىك ئۇيۇپ چىقارغان بىرلا چۈش ،
يۈكسەك نەيزەڭ خەتمۇ –خەت
بۇ ئاخشامقى بوشلۇقلاردىن تېرىلغان چۈش ،
سىرىتتا تىز –تىز ئۆتمەكتە زامان ،
يۈرۈكمنىڭ قاپقىسدىكى ھالقىلارنى تاراقلاتماقتا
ئادەم يەر زاماندا بۇ جاھان ،
پەقەت بىرلا دەم
شەھەر ،ئىسىم پۇراق ۋەھايات
ئەما پىشانەمدە توزۇيدۇ بۇدەم
تۈ بۇرۇقتۇمى
ۋۇجۇدۇمنى چاچىرتار قەۋەت ،
سۈرلىك بوشلۇقنى دۆۋلەيدۇ يىللار ،
چىشلىرىم بوشاپ كۆزۈم تورلىشار ،
قانلارنىڭمۇ ئايلىنىشى ئاستىلاپ قالار .


زامان سۇنغان قانىتىنى جىپىسلار ،
بۇ ئوبرازنىڭ كەينى قاراڭغۇ ،
ئەزرائىل قورشاپ قاپسىۋالغان دەم
قاينامغا يىقىلار ئۈستىگە لەيلەر ،
خىرىس قىلار ئاڭا زۇلمەت ئەسنىكى بىلەن
باشلىرى نىقاپلىق ئەزرائىل ئېيىتقان
  چۈشۈنۈكسىز سۆزلەر ھەم
چۈشەر قايناملارغا چۆكۈپ
  كېتەر ھەم
چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتىسىمان ،
تېشىدىن ئىچىگە قاراپ پىشقان مىۋىدەك
ئۆزىنى يەر ھەم ئۆلەشتۈرەر ،
يېرىم سۈزۈك دەم ئۆز –ئۆزىنى پىچەتلەر
پىشار ئىچىدىن تېشىگە قاراپ ،
بارلىقمنى ئىگەللەپ ئالار
يۈرۈكۈمدە يىلتىزلاپ ئۆسەر ،
ھەيدەر مېنى شاخ ۋە باراقسان ياپراقلار ،
ئويۇم پەقەت قۇشتۇر ئۇلارغا ،
كۆڭۈل دەرىخى زامان پۇرار مىۋىلەر ،
ئۇنىڭ سىماپلىرى تومۇرۇمدا ئايلىنار .


ياشاپ بولغان ھەم ياشايدىغان ئاي يىللار ،
تاشقىنلارغا ئايلىنار
قايتىپ كەلمەس باشتىنمۇ زامان ،
ئۆتكەن تارىخ ئېنىق بولمىغان
بىراق ھازىر روشەنلىشىپ غىپپىدە
يىغماقتا ئۆزگە گۇڭگا بىر دەمگە :
خادا تاش ۋە ھاكقا دەرقەم بۇ كەچ –
غايىۋانە تىغلارغا تولغان ،
ئاتەش قىيىن قىزىل خەتلەرنى
يازارسەن تىرەمگە
ئوخشار ئاتەش كىيمگە جارائەتلەر ،
بەدەلسىز يانىمەن ،ئىزدەيمەن بۇلاق ،
كۆزلىرىڭدە سۇيۇق ،كۆزلىرىڭ ،
كىندىك ئاستىڭ ،ساغراڭ ،ئەمچىكىڭ
خادا تاشتىن يېتىلگەن تامام ،
ئاۈزىڭدا نەپەسلەر گويا توزاڭ ھەمدە زەھەرلىك زامان ،
سۇسىز قۇدۇق پۇرايدۇ تېنىڭ ،
چاڭقاق كۆزلىرى چاقنايدۇ تىنماي
سۈزۈك –سۈزۈك كارىدورىسىمان ،
بېشىغا قايتىپ تۇرار ئۇ ھامان ،
قارىغۇلارچە تارىتماقتىسەن بىلەكلىرىمنى
بويلاپ تەرسا كاردورنى
  ماڭدىڭ چەمبەر مەركىزى تامان،
تىك تۇردۇڭسەن كۆتەرگەنچە باش ،
پالتىغا يىغىلغان يالقۇنغا ئوخشاش ،
قاماشتۇردۇڭ كۆزلەرنى نۇردەك ،
تۇتۇقانلارنىڭ جادۇسىدەك مۇزلاتتىڭ يۈرەك ،
ئەۋىرشىمسەن تېرە تاسمىدەك ،
قوش كېزەك قىىزلاردەك
  خۇشپىچىم لىۋەن ،
ئۆتكۈر تىلىڭ
قازار كۆكسۈمنى
يوق ئەيلەر مېنى خاتىرەمنى تارقىتار ،
ئۇنتۇپ قالدىم ئىسمىمنى ،
دوستۇم ۋايسار چوشقىلار ئارا ،
ياكى قۇياش يالمىغاچقا بىخسىماقتا تاغلاردا .

باردۇر مەنىسدە سوزۇنچاق يارا
ھىچكىم ئاياغ باسمىغا نبىر غار ،
روجەكسىز ھازىر ،
تەكرارلانماق ۋە قايىتماق ئىنكاس
ھەم سۈزۈكلىكىدە يوقالغان خىيال ،
بار يوقى بىر كۆزگە ئايان بولغان ئاڭ –
بۇ كۆز ئۆزگە باقار ،ئۆزگە سىنچىلار ،
چۆمۈلگەنچە ئاپتاقا تا :
مىروسسىنا
كۆرغدۈم كېلەڭسىز قاسنىقىڭنى مەن
يىشىل نۇر چاقنىتار سۈھبىدەم ،
تۈگۈلۈپ ئۇخلايسەن ئەدىيال ئىچرە
ئويغانغاندا سايرايسەن قۇشتەك ،
تېگى يوق قاينامغا يىقىلدىڭ ،يارىلانغان قاسرىق تامام ،
قالدى پەقەت ۋاقىراشلىرىڭ ،بايقىدىم ئۆزۈمنى مىليون يىل كىيىن .
يۆتەلدىم تىنماي ،كۆزۈم تورلاشقان
  قەدىم سۈرەتنى
ئەيلىدىم گىچماچ :
يوق ھىچكىم ،ئەمەسسسەن ھىچقانداق ئادەم ،
بىر دۆۋە كۈل بىر تال سۈپۈرگە ،
بىر دانە گال پىچاق ،بىر تال پەي قاققۇچ ،
نەچە تال سۆڭەكلا تىقىلغان تولۇم ،
بىر قارا ئازگال .قۇرۇق ئۈزۈم بىر ساپاق ،
بار ئازگال تېگىدە مىڭ يىل ئىلگىرى
چۆكۈپ ئۆلگەن قىزچاقتىكى مىڭ چاناق .


قۇدۇققا كۆمۈلگەن نىگاھلار ،
ئېچىلىپلا بىزگە باققان نىگاھلار ،
ياشانغان ئانىدىكى قىزچاقسىمان نىگاھلار
كۆرەر بىر نەۋقىران ئاتنى ياشانغان ئوغلىنىڭ ۋۇجۇدى ئارا ،
تەنھا قىزچاقتىكى ئانىسمان نىگاھلار
كۆرەر بىر نەۋقىران ئوغۇلنى ياشانغان ئاتنىڭ ۋۇجۇدى ئارا ،
ھايات چوڭقۇرلۇقىدىن بىزگە باققان نىگاھلار
ئەزرائىلنىڭ سىرىتمىقىدۇر دەل –
ياكى ئەكىسچە :
بۇ بىر جۈپ كۆزگە پاتقاندا
قايتىپ كېلەررمۇ ھەقىقى ھايات ؟


يىقىلىش ،قايتىش ۋە چۈش كۆرۈش ،
كەلمىشتىكى ئۆزگە كۆزلەر ئۆزگە بىر ھايات
ئۆزگە بۇلۇت ،چۈشەر باشقا ئۆلگىنىمنى دەل !
يېتەر ماڭا بۇ دەم ،بۇ كېچە ،
يېيىلماي قويسىمۇ بولمىسىمۇ باش
بارغانمەن قەيەرگە بولغان ئىدىم كىم
بولغانمۇ نام ساڭا بۇ ئىسىم :
كىرىستوف( 5 )
  كوچىسدا ئون يىل ئىلگىرى
يازغا –ھەممە يازغا تۈزدۈممەن پىلان
( فىلىمىز بىلەن ئىككمىز بىرگە
بار ئىدى ئۇنۇڭدا قوش زىناق –
قۇشقاچلار ئۇندا رائەتلىنەر ئىدى نۇرلاردىن ؟ )

ئىسىلىھات كوچىسدا (7) كامۇن داھىم ئېيىتقانمۇ ماڭا :
« بۇ يەردە ئەبىدى ئۆكتەبىر ،ھاۋا خويمۇ يەڭگىل » دەپ
ياكى ئۇ ئېيىتقانمۇ مەن يوقاتقان ئۆزگە بىراۋغا :
ياكى يالغان ئېيىتتىمۇ مەن ،قىلمىدىمۇ ھىچكىم گەپ ؟
ئايلانغاندا
  ۋاخاككادا (8) تۈنلەرنى ،
دەرەخسىمان ،چەكسىز يېشىل تۈنلەرنى ،
ئەسەبىي شامالدەك ئۆز –ئۆزۈمگە سۆزلىگەچ
بارغىنمدا ئۆزگەرەتىمىگەن ھوجرامغا
مېنى تونۇيالماي قالدىمۇ ئەينەك ؟
كۆرگەندە بىر سارايدا ۋىرنانىڭ
كاشتان بىلەن چۈشكىننى ئۇسۇلغا سەھەر
ئېيىتقاندا سەن« كېچىكتۇق » دەپ ،ياسىنىپ تۇرۇپ
ئۈن- تىنسىز
  سۈكۈتكە چۆمىدىمۇ  كۆرگىنىمدە تاملاردا داغنى ؟
بىر بىرلىكتە ياماشقاندا راۋاققا
كۆرۈندىمۇ خادا تاشقا ياماشقان گۇگۇم ؟
بىز بىر دالىدا يىدىۇقمۇ ئۈزۈم ؟
پىروت ( 9 ) تا بىز شاتارى گۈل سىتىۋالدۇقمۇ ؟
ئىسىملار ،يەرلەر
رەستىلەر ،كوچىلار ،يۈزلەر ،مەيدانلار ،
بىكەتلەر ،باغچىلار ،تەنھا ئۆي ،
تامدىكى داغ ،تارانغان بىراۋ
بىراۋ كىينەر ، ناخشا ئېيتار يېنىمدا بىراۋ
ئىسىمىم ،ئۆي جاي كوچىلار .

  • مادىرىد ،1937 –يىلى ،
    ئانھىل مەيدانىدا ،كىيىم يامار ئاياللار
    بالىلارغا قوشۇلۇپ كۈيلەر ،
    ئاڭلىنار سىگنال ،چۇقان –سۈرەنلار
    ئىس توزانىدا ئۆرۈلگەن ئۆيلەر ،
    يېرىلغان راۋاقلار ،تۈكرۈلگەن چىرايلار ،
    ماتۇرلارنىڭ چاپقۇن كەبى گۆرۈلدەشلىرى ،
    كۆردۈم : ئىككىيلەن كىيمنى سېلىپ ،سۆيۈشمەكتە يالىڭاچ
    بىزدىكى مەڭگۈلۈك ھوقۇقنى قوغداپ ،
    ئەشۇ بىر دەۋرىمىز ۋە جەننەت ،
    سىلاش ئۈچۈن يىلتىزمىزنى ،تۇغما خاراكتىرنى تىرىلدۈرمەككە
    يىغىۋالدى مىڭ ،مىليون يىللاپ
    تۇرمۇش قاراقچىسى بۇلاپ كەتكەن مىراسىمىزنى ،
    ئىككىيلەن سۆيۈشەر يالىڭاچلىنىپ
    گىرەلەشكەن
      يالىڭاچ تەنلەر
    زەخىمىلەنمەس ھالقىپ كېتەر زامندىن ،
    قۇرۇپ قالماس قايتىپ تۇرار ئەسلىگە ،
    سەن يوق ،مەن يوق ،يوق ئىسىم ،يوق تۈنۈگۈن ئەتە ،
    قوش مەنبە بىرىكسە ھەقىقى بولار بىر روھ ۋە بىر تەن
    ئاھ ! شۇقەدەر تاپقاي كامالەت ...
    لەيلەيدۇ ئۆيلەر
    چۆكۈپ كەتمىش شەھەرلەر ئارا ،
    ئۆيلەر كوچىلار ،جارائەتتەك ئىسىملار ،
    بۇ ئۆيدە رۇجەك ئۆزگە ئۆيگە قاراپ ئېچىلغان ،
    رۇجەككە چاپلانغان ئوپ –ئوخشاش رەڭگى ئۆڭگەن قەغەزلەر ،
    قەغەزلەرگە كۆز يۈگۈرتەر كۆينەك كىيگەن ئەر
    ياكى ئايال كۆينەكلەرگە سالماقتا دەزمال ؛
    يالتىراق ئۆيگە ساپتۇل شېخى سالامغا كەلگەن ،
    يەنە بىر ئۆي : تاشقىرىدا تامچىلار يامغۇر،
    دات باسقان ئۈچ بالاۋە بىرقورا جاي ؛
    رەت –رەت ئۆيلەر نۇر بەھرىدە چايقالغان كېمە ،
    ياكى سۇغا چۆكەر پاراخوت : يىشىل دولقۇنلارغا يامرار سۈكۈنات ،
    بىز ئۇچراشقان ھەممە شۇ دەم فوسفۇر نۇرى چاقنىتار ،
    نۇرانە قەبرىستان ،يىرتىلغان سۈرەت ،
    بۇزۇلغان داستىخان سىرىتماق ۋە قوتان
    ئېزىتقۇ غارلار ،
    قەپەزلەر ۋە نومۇرلۇق ئۆيلەر ،
    ئۇچماقتا ھەممە ئۆزگەرمەكتە ھەم ،
    ئويما گۈللەر بۇلۇتتۇر تامام ،ئېچىلغاندۇر ئىشىكلەر
    دالىلارغا ،دېڭىزلارغا ،ئاسمانلارغا قاراپ ،
    ھەر بىر مىۋە دېڭىز زىياپەت ؛
    يىغلار ھەممە سەدەپ قاپچۇقتەك ،
    ئۇلارنى بىھودە چىرمايدۇ زامان ،
    زامان بولمىسا ،بولماس قۇرۇق تام : بوشلۇق ،ئاھ بوشلۇق ،
    ئالقىنىڭنى ئاچ ،بۇ بايلىقنى تۇتۇۋال ،
    مىۋىلەرنى قىرقىۋلاي ،يانپاشلىغىن دەرەخ تۈۋىگە
    ئاچچىق –ئاچچىق سۇ ئىچكىن ، ھاياتڭىنى تويۇندورىۋال !
     

 
بۇ بارچە مۇقەدەس ئۆزگىرىشتە ھەم
دۇنيانىڭ مەركىزى بۇنداق ھەر بىر ئۆي ،
ھەممە تۇنجى ئاخشام ،ھەممە كۈندۈزدۇر ،
ئىككەيلەن سۆيۈشسە تۇغۇلار دۇنيا ،
يالتىراق ئىچ ئۆچكىنىڭ يامغۇر تامچىسى ،
ئۆي يېرىم ئېچىلغان مۇۋىدەك گويا ،
پارىتلىغان سۈكۈتكە چۆككەن يۇلتۇزدەك
ۋە چاشقان ئوغىرلاپ يىگەن قانۇندەك ،
بانكا ۋە تۈرمىنىڭ رىشاتكىلىرى ،
قەغەز رىشاتكىلار ،سىم تورلار ،
توك قوڭغۇراق ،ساقچى كالتىكى ،ئوغرى تىكەن ،
بەتتام سۆزلەرنى يايغۇچى قورال ،
كۇلا كەيگەن مۇلايىم چايان ،
قالپاق كەيگەن يولۋاسلار ،
كىلوپ ۋە داشقازان غاجىغان رەئىس ،
بار ۋۇجۇدى پىداگوك ئىشەك ،
دۇنيا ساقلار ،ئەل قۇتقۇزار
  ئاتالمىش تىمساق ،
دۆلەت بېشى، لەھەڭ، ئىقبال باسار
  بىناكار ،
مۇنتىزىم كىينگەن كالاڭپاي چوشقا ،
قارا چىشلىرنى زەمزەمدە يۇيغان
ئىنگلىز تىلى دىمگۇراتىيدىن
ساۋاق ئېلىۋاتقان
  ئەركە چىركاۋ بالىسى ،
شەكىلسىز تام ،
چىرىگەن
  نىقاپ –
ئايرىيدۇ ئىنساننى ئىنسانىيەتتىن
ئايرىيدۇ ئىنساننى ئۆز –ئۆزىدىن ھەم ،
بۇلار ھەممىسى
سوزۇنچاق دەم ئارا بولىدۇ ۋەيران
كۆرۈمىز يوقاتقان بىرلكنى غىل –پال ،
باشپاناھسىز ئىنساننى ،ئۇ بۆلىشىپ ئالغان
ئۆلۈم شانى ،قۇياش ھەمدە نان ،
تىرىكلەر ئۇنتۇلغان بولغىدەك ھەيران .

سۆيگۈ ئۇرۇش ،ئىككى ئادەم سۆيۈشسە ئەگەر
ھەۋەسلەر بېسىقار ،دۇنيا ئۆزگىرەر ،
چىنبارلىققا ئايلىنار دۇنيا ، مەي دەل مەي ، سۇ دەل سۇلار ،
نانمۇ خوش ھىد تارقىتار ،
سۆيگۈ ئۇرۇش ، قاپقىدۇر راۋان ،
بەلگىسى بار كىيم كەيمەس خىيالى سىما
ئۈن دىدارى يوق دۇنياۋى خاقان
مەڭگۈلۈك ئىشكەلدە قۇلۇپلاپ قويۇلغان ؛
ئىككىيلەن ئەگەر
سىنچىلاپ قاراشسا دۇنيا ئۆزگىرەر ،
سۆيگۈ ئۆز ئىسمنى يۈتۈرەر ؛ « بولۇپ قالاي پاھىشەڭ زىنھار »
بۇ سۆزلەرنى ئىللوزا ( 10 )
  ئېيىتقان ،
ئەي قانۇنغا ئەگگەچكە باش ،ئۇلار توي قىلغان ،
ئاق بەتتە چىرىش جازاسى
بولدى ئەرگە « ئارمىغان » ؛
جىنايەتكە ئوخشىماس ،
ئۆلىۋالغان مەشۇققە ئوخشىماس ، ئاكا –سىڭىل نىكاھسى –
ئىككى يۈزگە ،ئوخشاش ئەينەك سۆيۈشكەنگە ئوخشىغان ،
يىگەنلىك ئەمەس ، ئۇ زەھرى بار نان ،
بۇزۇقچىلىق قىلغانلىق ئەمەس توپا باسقان كارۋاتتا پىنھان .
ئەمەس ئۇ ياۋايى سۆيگۈ ،مەجنۇنلۇق
بىلەك ئەمەس زەھەرگە تولغان ،
ئەر ئەمەستۇر يەڭلىرىدە چىنە گۈلى يوق
تۈكرۈكلا بار شەرمەندە بۇزۇق ،
ھايات شىرنىسنى يىغىۋالغان چىغرىق ھەم
ئۇ ئوخشىماس مەڭگۈلۈكنى غار ئەيلىگەن سائەتكە
ئۆزگەرتىمىدى مىنۇتلارنى سائەتكە
ئۆزگەرتمىدى مىنوتلارنى تۈرمىگە
ۋە زامانىۋى مىس تەڭگىگە ، مەۋھۇم چوڭ تاھرەتكە
ئوخشىماس ھەم
  مەيدانلاردا باغلىنىپ
تاشلار ئارا ئۆلگەنگە ؛
گۈزەل ئىپپەت شەكىلسىز چېچەك
جىملىق شاخلىرىدا تەۋىرنىپ تۇرار ،
پەيغەنبەرگە كەم ئۇچرار گۆھەر –ئۇ زاماننى قىلالار خۇرسەن
تاسقار ھەۋەسلەرنى ،جىملىق بىلەن ھەركەتنىڭ تويى
گۈلدار تاجىدا تەنھالىقنى كۈيلىتەر ،
بارلىق دەملەر بىغۇبار بەرگىدۇر ،
نىقابىنى ئاچقاندا دۇنيا
مەركىزى يالتىراپ كۆرۈنەر ،
ئىسىمسىز زات ،ئاتالمىش تەڭرى ،
يوقلۇق ئارا ئۆز –ئۆزىدىن زوقلىنار ،
چىھرى يوق ئادەم ئۆزىدە بالقار ،
ئوبرازلار ۋە ئىسىملار شۇندا تولۇق نامايان بولار ،
ئۇ قۇياشنىڭ قۇياشى زىنھار ؛
داۋاملاشتى گىچماچ خىيال ،ئۆيلەر كوچىلار ،
سىپاپ يۈرمەكتىمەن دەھلىزدە زاماننىڭ ،
پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشتۈم ،تاملارنى تۇتتۇم
قالدىم ئەسلى جايىمدا توختاپ
ئەڭ بۇرۇنقى جايىمغا قايتتىم ، چېھرىڭنى ئىزدەپ ،
يېشى بولمىغان قۇياش ئاستىدا ،
يۈرمەكتىمەن كوچامنى بويلاپ ،
يېنىمدا تۇرۇسەن دەرەخقە ئوخشاپ ،
دەريا كەبى ئاقماقتىسەن يېنىمدا ،
ئىچ باغىرىڭنى تۆكمەكتىسەن
  دەريادەك ،
قولۇمدا كۆكلەيسەن مايسىنى دوراپ ،
تىنىدەك سەكرەيسەن ئالقىنىمدا ھەم ،
مىڭلىغان قۇش كەبى قىلارسەن پەرۋاز ،
كۈلكەڭ بۇژغۇنلاردەك تېنىمگە يامرار ،
ئەپلىسىن يەپ كۈلۈمسىرىسەڭ ،
دۇنيا تېخىمۇ يېشىلققا پۈركىنەر ،
ئىككى ئادەم گەر
يوتىلارنى كىرىشتۈرۈپ ، مەسىت بولغانچە يانپاشلىسا چىملىققا
ئۆزگىرەر دۇنيا : ئاسمان ئۆرىلەر ،دەرەخلەر سەكرەر ،
ماكان پەقەت بوشلۇق بىلەن نۇر
قانات يايار جۈپ كۆزدىكى بۈركۈتلەر ،
ئاق بۇلۇتلار لەيلىشىپ ئۆتەر
تەن زەربىدە تىتلغاي تورلار ،
روھلار لەڭگەر تاشلاپ يىراققا ئۈزەر ،
ئىسىمسىز يوقار
چايقىلىمىز كۆك ۋە يىشىل رەڭلەر ئارىلاپ ،
يۈز بەرمىدى ھىچقانداق ۋەقە
تولۇق گۈزەل قۇتلۇق دەملەر ئۇچقاندەك ئۆتەر ،
ھىچ ئىش بولمىدى سادىر ، سەن سۈكۈتتە چىمچىقلاتتىڭ كۆز ،
(چىملىق : بىر پەرىشتە كېزىپ چىقتى ئۇزۇن بۇ دەمنى
يۈز قۇياش ئۆمىرنى ياشىغان سىياق )
ھىچ ئىشمۇ
  بولمىدى ،كۆز قىستىڭمۇ بىر مەرتەم پەقەت ؟
-سۈرگۈن، تۇنجى گۇناھ، كۆركەم زىياپەت ،
ئىشەكلەرنىڭ چاش سۆڭىكى ،غەمكىن ئاۋازلار ،
كۆلرەڭ دالىلارغا يىقىلغاندا ئۆلگەنلەر
ئىشىنشكە قىيمىغان كۆزلەر ،
ئاگامىمنون(11 ) ئۇ تارتىقان نەرە ،
كاساندىرا ( 12 ) تىنماي سالغان چۇقانلار
تاشقىنلاردىن كەلگەندۇر غالىپ ،
سوقرات ( 13 ) ئىشكەللەنگەن ( تۇغۇلار قۇياش
ئۆلۈمدۈر ئويغىنىش : كىرتون ( 14 ) خوراز
ئاسىكىلىپئوس بەردى ئۇلارغا ساغلام جان )
نىنىۋىردا (15 ) ئايلانغان چىلبۆرىلەر
بىلوتتۇ (16 ) ئۇرۇشتىن بالدۇر كۆرگەن كۆلەڭگە ،
موكتىسوما (17 ) تىكىنى بار كارۋاتتا كېچىلەرنى ئۆتكۈزگەن بىدار
ئولتۇرۇپ مەھبۇسلار ماشىنىسدا
ئۆلۈمگە قىلىنغان توختاۋسىز سەپەر ،روپىسبىل (18 )
يارىدار ئىڭەكنى قولىدا تىرەپ ، سانىماقتا :
مىنوتلارنى بىر بىرلەپ ،
قىزىل تەخىتتەك ياغاچ چېلەكتە ئولتۇرىدۇ جىروككا ( 19 )
ئۆيدىن كىلوپقا بارغانچە لىنكان
باستى قەدەم بارماق بىلەن سانىغىدەكلا ،
تىروستىكى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغان جان
ئۇ ياۋا چوشقىدەك ئىڭرىغان ،مادلو ( 20 )
ۋە ئۇندىكى چۈشۈنۈكسىز قاراشلار :
نىچۈن مېنى ئۆلتۈرمەك كېرەك ؟
قاتىل ،مۇرىتلار ، قورقۇنۇچلۇق جىنلار قىلغان ھاقارەت ،
خۇرسىنىش ،سۈكۈت ،
سۆز –ئىبارە قوغلاشقۇچى لالمىلار قازغان
تىل ، تارىختا يوق ۋەقەلەت قەبىرىستانلقى ،
سەكراتتىكى جۆيلىشلىرمىز
چىقىراش ۋە جىمىققان ئاۋاز ،
ھاياتلىق تۆرەلگەن دەملەردىكى ھالسىراش ،
ئېلىششتا سۆڭەكلەرنىڭ سۇنغان ئاۋازى ،
رەمباللارنىڭ بەلغەم پۈركەر كالپۇكلىرى ھەم
جاللات بىلەن شېھىتلەرنىڭ ۋاقىراشلىرى ...
يالقۇندۇر كۆزلەر ،
يالقۇندۇر كۆرگەنلەر ،يالقۇندۇر قۇلاق ،يالقۇندۇر ئاۋازلار ،
يالقۇندۇر لەۋلەر ،تىللار كۆيۈپ پۈتمىگەن قوقاس ،
سەزگۈلەر ئۇچراشقان ،ئويلار ئويلىغان ،
ئوي –ئويلار ئادەملەر ھەممىسى يالقۇن ،
كۆيمەكتە ھەممە ،يالقۇندۇر ئالەم ،
يوقلۇقمۇ كۆيمەكتە
ئۇ يالقۇننىڭ بىر ئوينى ئويلايدۇ پەقەت ،
قىسقىسى جاللات يوق ،شېھىتلەرمۇ ھەم :
ھەممە كۈل ۋە تۈتەكلەرگە ئايلىندۇ ئاقىبەت
جۈمە
چۈشتىن كىيىنكى توۋلاشلارچۇ ؟ سۈكۈناتچۇ سىگنالغا تولغان ؟
ئۈن –تىنسىز جىملىقچۇ ؟
ئېيىتمىدىمۇ ھېچىنىمە ؟
ھېچنىمە ئەمەسمۇ توۋلاشلار ؟
بولمىدىمۇ ھېچ ئىش سادىر ،ئۆتكەندە زامان ؟!

 
ھېچ ئىشمۇ ھەم بولمىدى سادىر ،
خىرە –شىرە كۆز قىسار قۇياش ،
مۇمكىن ئەمەس قايتۇرماق ،تەتۇر مېڭىشنى بىلمەيدۇ زامان ،
ئۆلگەنلەر ئۆلىمىدە جايلىشىپ قالار ،
ئۇچراشماققا ۋە چېھرىنى ئۆزگەرىتمەككە يوق
  ئىمكان ،
ئۆلۈم ۋە يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۇلار
بىزلەرگە سىنچىلار كۆرەلمەس بىراق ،
ئۆلۈمدۈر ئۇلارغا ھاياتى ھەيكەل ،
ئەبەدى بارلىق ھەم ئەبەدى بوشلۇق ،
مىنوتلاردا قىلچە مەنە يوق
تومۇرۇڭ لەرزى ۋە كەنجى ئىپادەڭ
تىزگىنلەر شەيتان ،
قاققان نىقاپ ئۆزگىرىشچان چېھرىڭنى ياسار :
بىر خاتىرە تاش –
مەنسۇپتىرمىز ئۆزگە ھاياتقا .

 
-بىزگە قاچان مەنسۇپ بولغان چىن ھايات ؟
ھەقىقى ئۆزىمىز بولغانتۇق قاچان ؟
سىنچىلاپ قارا ،بىز ئەزەلدىن قۇرۇق ۋە قايغان
ئەينەكتە جىن چىراي ،ۋەھىمە تۈكرۈك
ھايات بىزگە مەنسۇپ بولمىغان ،مەنسۇپ بولغان ئۆزگىگە ھار ھان ،
ھېچكىمنىڭمۇ ئەمەستۇر ھايات ،
يات قۇياش نېنىنى ياشايمىز ئاۋام ،
بىزدۇر يەنە بارچە ئۆزگىلەر –
مەن مەن بولغان دەم ،ئۆزگە بىراې ھەم ،
ھەركىتىم ھەممنىڭ بولغنىدا گەر
تېخىمۇ مېنىڭ ھەركىتىم بولار ،
مۇپەسسەل مەن ئۈچۈن ئۆزگە بىراۋ مەن ،
قۇتلۇمەن ئۆزۈمدىن ،ئۆزۈمنى ئىزدەيمەن ئۇلار ئارا ،
مەن ئۇندا مەۋجۇت بولمىسام ئەگەر ،
تەۋە مەن سىللەرگە بارلقىم تولۇق ،
سىللەرمۇ بولمايمەن ئارقىدىن يەنە ،
مەن مەن ئەمەس ، مەن يوقتۇرمەن بىزلەردۇر ھامان ،
  
ھايات ئۆزگە بەك يىراقتا ھەر زامان ،
سېنىڭ ئەمەس ،مېنىڭ ئەمەس ، ئۇپۇقتا ئەبەت ،
تاشلاپ سەۋدا ئېزىقتۇرار بىزلەرنى ھايات ،
بىزگە بىر يۈز تارتۇق ئەيلەر قىلغانچە ئىجات ،
-ئەي ئېچىرقاش
-ئەي ئۆلۈم
-ئەي ئاۋامدىكى نان !

 
ئىللويزا ،پرىىسفونى، مارىيە
بالقىپ چىقار يۈزلىرىڭگە ئاقىبەت ،
كۆرمەككە ھەقىقى چېھرىمنى روشەن
ئۇنىڭ چېھرى ، مېنىڭ چېھرىم ئاۋامدۇر ھامان ،
ئەي دەرەخ ۋە ناۋاينىڭ چېھرى ،
توپلانغان تەنھالار چېھرى
ئويغات مېنى تۇغۇلدۇم شۇئان :
ھايات ۋە ئۆلۈم
كېچە خانىم ،ۋۇجۇدۇڭدا مۇرەسسەلىشەر ،
پارلاق راۋاق سۈھبىدىكى ئايال شاھ،
ئانسىنىڭ ئانىسى سۇنىڭ ،ئايدىڭدىكى قىزچاق ،
دۇنيا گەۋدىسى ،ئەزرائىلنىڭ ماكانى ،
تۇغۇلغاندىن بېرى مەن چۈشىمەكتىمەن
  توختىماي ،
ۋۇجۇدۇمغا يىقىلدىم
  تېگىپ سالماي يۈرەككە ،
كۆزلىرىڭگە سىغدۇرغىن مېنى ،
يىغىۋالغىن توزىغان تۇپراقنى ، سۆڭىكمنى چېتىپ چىق تەكرار ،
باغلا تارقاق سۆڭەكلىرىمنى، بەدىمدىن پۈۋلىۋەت ،
مېنى تۇپىرىقىڭغا كۆمۈۋال ،
جىملقىڭ غەزەپ تارقىتار ،
خىياللارغا بېرىدۇ ئارام ؛
بىلەكلەرنى ئاچ ،
ئۇرۇق ، ئاي يىللارغا
  خوجايىن  ئايال ،
ئاي يىللار ئۆلمەس ،ئۆسەر كۆك تامان ،
ھەر كۈنى يىڭى ھايات ، ھەر بىر تۇغۇلۇش
بىر سەھەردۇر ، مەن سەھەر تۇغۇلغان ،
قۇياش چېھرى بىلەن ئۆرلەيدۇ سەھەر ،
خۇئان چېھرى بىلەن يەنى ئاۋام چېھرى بىلەن تۇغۇلار ،
روھ قاپقىسى، ئويغات مېنى ،يورىدى ئاسمان ،
بۈگۈننىڭ چېھرىنى كۆرسەتكىن ماڭا ،
بۇ تۈننىڭ چېھرىنى كۆرسەتكىن ماڭا ،
ئۆزگىرىپ باغلىنىپ تۇرۇدۇ ھەممە ،
قاننىڭ ئەگمە قاپقىلىرى ، تۆمۈر كۆۋرۈكى ،
مېنى بۇ تۈنگە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگە بىر تەرەپ ،
ئۇ يەردە سەندۇرمەن ، بىزدۇرمىز سەن ،مەن ،
ئۇ يەردە ئادەملەر گىرەلىشىپ كەتكۈچى ماكان .

 
روھ قاپقىسى : روھىڭنى ئاچ ، ئاچ ،
ئويغات ھەمدە ئۈگەت روھىڭغا چىرايىڭنى ياساشنى ،
يۈزۈڭنى تۈزۈۋال ، كۆرسەت بىر چىراي ،
كۈزتىپ تۇرايلى ئۆز ئارا
كۈزتەيلى ھاياتىمىز تۈگۈگۈچە تا ،
دېڭىز ،نان ،خادا تاش ، بۇلاقتىكى يۈز ،
ئىسىمسىز يۈزلەرگە سىڭسۇن يۈزىمىز ،
چىرايسىز روھلارغا قوشۇۋەت ئۇنى
سىماسى كۆرۈنمەس يۈزلەرگە ...
تۇراي دەيمەن ئىلگىرلەپ يەنە ، باراي دەيمەن يىراقلارغا
لېكىن يوق ئامال :
بۇ دەم تەكرار ئۈزەر
  ئۆزگە دەملەرگە قاراپ ،
چۈشىگەنمەن تاش چۈشىنى - چۈشەشنى بىلمەس ،
بېشىغىچە تاشقا ئوخشىغان
قامالغان قان كۈيلىرنى ئاڭلىغان ،
نۇر ئاۋازدا دېڭىز كۈي -كۈيلەر
سېپىللار چىكىنىپ ئورۇن بېرىشەر ،
ۋەيران بولغان قاپقىلار تامام ،
چېكەمدىن باشلايدۇ تاراشنى قۇياش ،
چىڭ يۇمۇلغان كۆزۈمنى ئاچار ،
ھاياتىمنىڭ پوستىنى سويار ،
قۇتۇلدار مېنبى مەندىن ، ئۆزۈمدىن
مىڭ يىللاپ ئۇخلىغان تاشلارنىڭ چۈشى
ئۇنىڭ سۈزۈك ئەينەك چېھرى
  نۇرلىنا تەكرار ،
نۇرانە مەجنۇن تال ، قاراسۇ تېرەك ،
فۇنتانلار شامالدا يەلپۇنەر
  يۈكىسىەك  ،
تىك ئۆسكەن بىر دەرەخ قىزغنىپ ئوينار
تولغىماچ بىر ئېقىن ئىلگىرىلەر بارار
ئارقىغا چېكىنەر
  قايتا باشلىنار
يېتىپ بارار مەنزىلگە ھامان .

 


ئىزاھاتلار:

(1) "كۈن تاش" 1970-يىلى مېكسىكا شەھىرىدىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىق. مىلادى 15-ئەسىردە ئازتىكلار ياسىغان تاش كالېندار...  (قىسقارتىلدى)
(2) نېرۋال (1855-1808) فرانسىيىنىڭ رۇمانتىك شائىرى ۋە نەسر يازغۇچىسى. ئۇنىڭ "خىيالىي مەنزىرە" ناملىق چاتما شېئىرى 12 پارچە سۇنىتتىن تەركىپ تاپقان. ئۇنىڭدا سىرلىق تىل بىلەن كائىناتنىڭ خىيالىي مەنزىرىسى ئىپادىلەنگەن... (قىسقارتىلدى)
(3)مروسسىنا ئوتتۇرا ئەسىر رىۋايەتلىرىدىكى بىر پەرىزات (ساھىپجامال بېلىق) نىڭ ئىسمى. جازاغا ئۇچراپ ھەر شەنبە كۈنى بەدىنىنىڭ تۆۋەن قىسمى يىلانغا ئايلىنىپ قالىدۇ.، كېيىن بۇ ئەھۋالنى ئىرى بايقاپ قېلىپ مروسسىنانى ھەيدىۋېتىدۇ.
(4) لورا ئىسپانىيىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئىسىم (قىزلارنىڭ ئىسمى) بۇ يەردە لورا دى. نوۋىس (1348-1308) نى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر ئاتىلىشى "ساھىپجامال لورا" ئىتالىيە شائىرى پىتراركا (1374-1304) "ناخشىلار توپلى" دا كۈيلىگەن قىز.
(5) پېرىسېفونى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئاخىرەتلىك خانىش، رېم ئەپسانىلىرىدىكى پورسېفىنا، زىۋىس ۋە زىرائەت ئىلاھەسى دىمىتىرنىڭ قىزى.
(6) كىرىستۇف كوچىسى ــــ ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئۇنىۋېرسىتېت شەھىرىدىكى بوكرى بازىرىدا.
(7) ئىسلىھات كوچىسى ـــ مېكسىكا شەھىرى مەركىزىي رايونىدىكى كەڭ، باراقسان كوچا ...
  (قىسقارتىلدى)
(8) ۋاخاككا ـــ مېكسىكىنىڭ بىر شىتاتى ... ئالبان چوققىسى شۇ ئەتراپتا.
(9) پروت ـــ مېكسىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ۋىراكلىئۇس شىتاتىغا قاراشلىق دېڭىز بويى شەھىرى.
(10) ئىللويىزا (1164-1101) فرانسىيىلىك كاتولىك دىن پەيلاسوپى ئابراتو (1142-1079) نىڭ ئوقۇغۇچىسى...
  (قىسقارتىلدى)
(11) ئاگامىمنۇن ـــ يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئارگوس ۋە مېكىناي پادىشاھى...
  (قىسقارتىلدى)
(12) كاساندىرا ـــ يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ترويا مەلىكىسى، ئۇ ئاپوللونىڭ ياردىمى بىلەن ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى ئالدىن بىلەلەيدىغان بولغان...
  (قىسقارتىلدى)
(13) سوقرات ــــ (مىلادىدىن بۇرۇنقى 469- 399) يۇنانلىق پەيلاسوپ...
  (قىسقارتىلدى)
(14) كىرتون ــــ سوقراتنىڭ شاگىرتى...
  (قىسقارتىلدى)
(15) نېنۋىر ـــ
  غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمىي دۆلەت، سوقرات دەرياسى بويىدا.
(16) بىلوتتو ـــ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 42-85-يىللار) قەدىمقى رىم ئىمپىراتۇرى قەيسەرنىڭ بېقىۋالغان بالىسى ھەم قەيسەرنىڭ قاتىلى.
(17) موكتىسوما ـــ (1520-1466) ئىسپانىيە ئىستىلاسىدىن ئىلگىرىكى ئازتىك شاھى...
  (قىسقارتىلدى)
(18) روبسېبىل (1758-1794) 18-ئەسىرنىڭ فرانسىيە پرۇلتارىيات ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى
  ياكۇنچىلارنىڭ داھىسى.
(19) جىروككا ـــ ئىسپانىيە دېڭىز ئارمىيىسىدىكى گېنرال...
  (قىسقارتىلدى)
(20) مادلو (1913- 1873) 1910-يىللىرى مېكسىكا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى سىياسىئون. كېيىن مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن.
(21) سىپترو، پابلو، خۇئان ـــ ئىسپان تىلى دۆلەتلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەرلەر ئىسمى.
ئەسلى داستاننى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تورغا يوللىغۇچى:
يالقۇن ئەزىزى

 






بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار