سۈر رىئالىزىم شائىرلىرنىڭ شېئىرلىردىن

يوللانغان ۋاقتى:11-05-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
سۈر رىئالىزىم شائىرلىرنىڭ شېئىرلىردىن تەرجىمە قىلغۇچى : ئارىسلان كومپۇيۇتېر مەشغۇلاتىدا: يالقۇن مەڭگۈ تۇنجى قېتىملىقى بۇ دەپ بۈلىم

سۈر رىئالىزىم شائىرلىرنىڭ شېئىرلىردىن

تەرجىمە قىلغۇچى : ئارىسلان

 كومپۇيۇتېر مەشغۇلاتىدا: يالقۇن

مەڭگۈ تۇنجى قېتىملىقى بۇ دەپ بۈلىمەن

ئاندىرى بىرتون ( فىرانسىيە )

 

مەڭگۈ تۇنجى قېتىملىقى بۇ دەپ بىلىمەن

گوياكى بىز تونۇشقاندەك يېڭىلا شۇ دەم .

كېچىدىكى مەلۇم چاغدا قايتىپ كېلىسەن

پەنجىرەمنىڭ ئالدىدىكى قىسايغان  ئۆيگە .

تەسەۋۋۇرۇم ئىچىدىكى ئۇ ئۆي تامامەن ،

مۇشۇ يەردە مەۋجۇت  تۇرغان ھەر مىنۇت -ھەردەم .

قول تەگمىگەن تۈن قوينىدا قىياس قىلدىممەن .

پەيدا بولار دەپ ئۆزۈمچە يەنە بىر مەرتەم

شۇ جەلىپكار يېرىق ئىشىك ،دىلدا ھەم .

ئەي بىردىن بىر يېرىق ،

ئەمىلىيەتتە يېقىن بارسام قانچىلىك ساڭا .

شۇنچىلىك ياڭرار تونۇش ئۆي ئىشكىدە

ئاچقۇچ ئېيىتقان شادىيەنە ناخشا كۈي راسا .

تۇيۇلىدۇ ئۆيدە غېرىپلىق  باسقاندەك سېنى

دەسلىپىدە چۆمدۈڭ  نۇرغا ئۆزۈڭ تامامەن .

پەردە قايرىپ كۆزنەكتىن  باقتىڭ بىر قىيا

دالا ئىدى  قاپلىغان بۇ تۇتاش ياسىمەن .

تاڭ پەيتىدە

كۆرۈپ قالغان ئىدىم تاماشا

گىراس شەھرى ئەتراپىنىڭ يوللىرىدا مەن .

خۇددى باپكا موكىسىدەك  ئۆتۈشۈپ تۇرغان

گۈلچى قىزلارمۇ بار ئىدى ئۇندا بەك لېۋەن

گۈلسىز شاخلار ئىگىلگەنىدى  ئۇلار كەينىدە

بار ئالدىدا كۆز چاققۇدەك تاختا ئېتىز كەڭ .

تۇيۇقسىزلا كۆتۈرۈلدى ئىشىك پەردىسى ،

چۇۋۇرلۇشۇپ كىرىپ كەلدى  بارچە گۈللەر تەڭ ،

ئاتۇقچىلا سوزۇلغان  بۇ ۋاقىتنى ئۆزۈڭ

ئەپلەپ سەپلەپ ئامال قىلىپ ئۆتكۈزمەكتىسەن

تا ئۇيقۇغا كەتمىگۈنچە  تىنچىنالمايسەن .

ساقلاي دىسەڭ چىرايڭنى بۇزماستىن ئەينەن

كۆرۈشمىسەم بولار مەڭگۈ  قايتا سەن بىلەن .

كۈزتىپ مەن سېنى  تىككەن ئىدىم كۆزۈمنى ،

كۆرمەسلىككە سېلىۋالدىڭ  بولۇپ بىر خۇپسەن .

ئوڭ كەلگىنى مېنىڭمۇ يوق ئىدى  زادى

سەن بىلگەندىن ئارتۇقراق  ئىشەنچىممۇ ھەم .

ھارغىنلىقىڭ

كۆزلىرىمنى  ياشتا قىلدى  نەم

بېرىش مۈمكىن  قولۇڭنىڭ ھەر ئىشارىتىگە

قارا بۇلۇت كەبى بىر توپ چۈشەنجە بەلەن ؟

بۇ شەربەتنى قوغلىششىنىڭ  بىر تۈرى جەزمەن .

بار تەۋرەنمە بىر ئورۇندۇق  كۆۋرۈك ئۈستىدە ،

بار تېرەڭنى تىلماق بولغان پۇتاقلارمۇ ھەم .

رولېت بۈۋى مەريەم ئانا كوچىسدا  بىر

ئەينەك ئىشكاپ دېرىزىسى  ئىچىدە نەكەم

ئۇزۇن يىپەك پايپاق كىيىپ  بىرى بىرىگە

مىنگىشىكلىك تۇرار بىر جۈپ ئاياغ بەك كۆركەم .

يوغان ئاپئاق ئۈچ قۇلاقنىڭ ئىچىدىن چىققان

يىپەك شوتا پىچەكگۈلنىڭ قېشىدا كۆركەم .

بار قىيانىڭ گىرۋىكىدىن  ئېڭىشكەن گەۋدەم

سېنى كۆرۈش ئۈمىدىنىڭ  ئەسلا يوقلىقى

ياكى كۆرمەسلكىنىڭ  مۇجمەل  سەزگۈسىدە مەن

بىلىۋالدىم سېنى ياخشى كۆرۈش ئېپىنى :

مەڭگۈ تۇنجى قېتىملىقى بۇ دەپ بىلىمەن .

ئۈچ شېئىر

پائول ئىلۇئارت ( فىرانسىيە)

 

مۇشۇ يەردە ياشىماق ئۈچۈن

كۆك ئاسمان تاشلىدى  مېنى ، ئوت ياقتىم ،

ئوت ياقتىم  ئوت بىلەن دوسىت بولماق ئۈچۈن .

ئوت ياقتىم كىرەي دەپ قىش تۈنلىرىگە ،

تېخىمۇ ياخشىراق ياشىماق ئۈچۈن .

كۈندۈزنىڭ بەرگەنلىرنى ئوتقا بەردىم مەن

ئۈزۈملۈك ، يەر ، ئورمان ۋە چاتقاللىقنى ،

چاڭگىنى ، چاڭگىدىكى قۇشنى ،ئۆي، ئۆينىڭ

ئاچقۇچى ،قۇرت، گۈل ، توي خوشاللىقىنى .

ئاڭلىنار چاراسلاپ  ئوت ئۈنى پەقەت

ھىدىنى ، مېھىرىنى  ھىس قىلدىم  قەۋەت .

قولۋاقتەك سۇغا غەرق بولۇپ كەتتىم مەن

ئۆلۈككە ئوخشاپلا يىگانە پەقەت .

 

غەرق بولغان ئادەم

 

سۇ ئۈستىدە ئوينىغاندەك  سەكرەر تاش

كىرەلمەيدۇ سۇ ئىچىگە ئىس پەقەت .

سۇ ئوخشايدۇ خۇددى سىلىق تېرىگە

ھىچكىممۇ يەتكۈزەلمەس زىيان –زەخمەت .

قوبۇل قىلار ئادەم بىلەن  بېلىقنىڭ

يېقىنچىلىق قىلىشنى ھەر نۆۋەت .

جان تالىشار ئادەم تۇتۇپ ئالغان بېلىق ،

سۇ داۋالغۇر كىرىچ كەبى بېرىپ سادا .

ئۇ ئۆلمەكتە ،بۇ دۇنيانىڭ ھاۋاسى ۋە

ئاپتىپىنى سۈمۈرەلمەس  ئەمدى قايتا .

لېكىن چۆكتى ئادەممۇ ھەم سۇ تەكتىگە

بېلىقنى كۆزلەپ .

ياكى يۇمشاق ،ھىم تۇرغان سۇ يۈزىدىكى

ئاشۇ مۇدھىش غېرىبلىقنى  دەپ .

 

قېقىنوس

 

قېقىنوس ئاشۇ بىر جۈپ ئاشىق –مەشۇق ئادەم ئەلەيھىسلام بىلەن  ھاۋا ئانىدىن ئىبارەت ئەڭ دەسلەپكى ، لېكىن ، ئەڭ ئاخىرقى  ئەمەس بىر جۈپ –ئاشىق –مەشۇقلاردۇر .

يولۇڭلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكۈنچىسىمەن ،

ئەڭ ئاخىرىقى باھارى ۋە ئەڭ ئاخىرىقى قارى ،

تىرىكلىكنى كۆزلەپ بولغان ئاخىرقى بىر جەڭ .

ئۆتكەنلەردىن تۆۋەن ھەمدە ئىگىز بىز مانا .

ھەممەت نەرسە باردۇر  بىزنىڭ ئوت دۆۋىمىزدە

قارىغايىنىڭ چاكاندىسى ، تەكلەر شۇڭى ھەم

ئېقىن سۇدىن ئېقىپ چۈشكەن گۈللەر بار بىزدە ،

لاي –لاتقا بار ۋە تامچىغان سۈپ –سۈزۈك شەبنەم .

ئايىغىمىز ئاستىدا ئوت ، بېشىمىزدا ئوت

ئۇچۇپ چىقار ئايغىمىز ئاستىدىن تۈگەل

قۇشقاچ ،تورغاي ۋە ئادەملەر ، قوڭغۇز ۋە قۇرت.

ئاسمان ئوچۇق ، زېمىن تۇتۇق قاراڭغۇلاشقان

لېكىن ئۆرلەر قارا تۈتۈن پەلەككە لەرزان .

مەھرۇم بولدى بارچە يورۇقلۇقتىن  كەڭ ئاسمان .

 

ئىنسانلارنىڭ ئارىسدا قالدى ئوت بەلەن .

 

ئوت –يالقۇنلار قەلىبلەرنىڭ  رەڭدار بۇلۇتى ،

ئوت يالقۇنلار قاننىڭ بارلىق ئېقىنلىرى  ھەم

ئۇ كۈيلەيدۇ بىزنىڭ كۈينى ، ناخشىنى ھەردەم ،

ئۇ قوغلىدى قىشتىكى سۇ ھورىنى بەردەم .

كۆيدى قارا تۈن قايغۇسى يېنىپ گۆرۈلدەپ ،

كۈل ئايلاندى خوشاللىقنىڭ گۈلىگە كۆركەم .

بىز قىلىىمىز دۈمبىمىزنى  غەربكە ئەبەد ،

تاڭ رەڭلىرى بولدى بارچە نەرسىگە ھەمدەم .

 

لوئى ئاراگون : شېئىرىيەت ئىلمى

 

ماي ئېيىدا ئۆلۈپ كەتكەن دوسىتلىرىم ئۈچۈن ،

ياڭرار مېنىڭ ناخشا –كۈيۈم ئەمدى ھەر بىر كۈن .

ۋەزىنلىرىم تولدى سېھىرىي قۇدرەتكە شۇنچە ،

يالتىرىدى  قورالىمدا كۆز ياشتىن ئۈنچە .

ۋە كۆز سالدىم شامال، بۇلۇت ئۆزگىرىشىگە

ئەگىشىپلا ياشاۋاتقان بارچە كىشىگە .

نەپرەت تىغى ئۆلگەنلەرنىڭ نام شەرىپىدە

ئۆتكۈرلىشەر مىسرالارنىڭ  بىلەشلىرىدە .

سۆز تىزمىسى ئويغان ھەر بىر جارائەت ئىزى ،

شىكايەتلەر قوزغاتقان ھەر ۋەزىن ئاۋازى .

قايغۇ –ئازاب باسقان  دىلنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا

باردۇر پالاق سۇغا تېگىپ  كۆتەرگەن سادا .

شېئىرلىرىم  يامغۇرسىمان  ياغار تەبىئى

ۋە يالتىرار دەرىزىنىڭ ئەينىكى كەبى .

ئىسكەت تۈزەش ئەينىكىدەك  دەھلىزدە تۇرغان

سولۇشۇپتۇ مەيدىدىكى گۈلمۇ پەرىشان .

شوخ بالىلار ئوينايدىغان  تۆمۈر چەمبىرەك

چۈشۈپ كەتتى نۇرانە ئاي ئېرىققىلا بەك .

ئىشكاپ ئىچىدە  قويۇلغان  ئىپارلارسىمان

لەيلەپ يۈرەر كۆڭۈل ئارا خۇشپۇراق ھامان .

شېئىرلىرىم شېئىرلىرىم  ماڭا بەك ئايان

ھارارتى قانلىرىمنىڭ  دولقۇنلاپ ئاققان .

ئېسىڭلاردا ساقلاڭلاركى ، بىزمۇ ھەرقاچان

باھادىرلار جۈملىسىدىن  ھەيۋەت قەھرىمان .

تومۇرىمىز بوشاشسىلا كۈچ  بىلەن سوققاي

ئويغىتىڭلار ئۇيقۇدىن تىز  غەپلەتتە  قويماي .

لاۋۇلدىسۇن  قايتا يېنىپ ئۆچكەن نۇر چىراغ ،

جىرىڭلىسۇن بوش قەدەھلەر  بىرمۇ بىر ياڭراق .

كۈي ئوقۇيلى بىز ئەبەدىي دوسىتلار ئىشقىدا ،

ماي ئېيىدا ئۆلۈپ كەتكەن دوسىتلار بېشىدا .

 

ئىككى شېئىر

دىلان توماس ( ئەنگىلىيە)

 

يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۈ جەزمەن

يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن ،

قىپ يالڭىاچ  ئادەم ئۆلىكى

بولىدۇ جەزمەن

قوشۇلۇپ بىر گەۋدە  بىر تەن

شامالدىكى ئادەم ۋە

غەرىبىي كۆكتىكى ئاي بىلەن .

ئاجىرتىلار ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرى ،

تازلانغان سۆڭەكلەر يەنە يوقىلار .

بۇلار جەزمەن

ئۇلارنىڭ بىلەكلىرى ، پۇتلىرىدا يۇلتۇزلار ؛

گەرچە ساراڭ بولۇپ قالسىمۇ ئۇلار

سەگەك تۇرۇشار جەزمەن .

گەرچە دېڭىزغا غەرق بولۇپ كەتسىمۇ ئۇلار

قايتىدىن تىرىلەر جەزمەن .

ئاشىقلار كەتسىمۇ ئۆلۈپ

مۇھەببەت مەڭگۈ ياشار جەزمەن .

يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن .

يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن

دېڭىز قولتۇقى ئاستىدا ئۇزاق يېتىپ ،

ئۇلار ھەرگىز شامالدەك بولماس غايىپ ؛

پۇت كوللىرى تالسا

جان تالىشار

تەننى سوزغۇچ غالتەكلەرگە بېسىلىپ .

ماتاپ ئېلىپ ماڭغاندىمۇ كوڭكىدا

يىز پۈكمەيدۇ ئۇلار جەزمەن .

قوش مۈڭگۈزلۈك ھايۋان  يەڭلىغ يامانلىقمۇ

قوسقىنى ئۇلارنىڭ تېشەر جەزمەن .

لېكىن پارچە –پارچە بولۇپ كەتكەن ھالدىمۇ

تىز پۈكمەيدۇ ئۇلار جەزمەن ؛

يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۈ جەزمەن .

يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن ،

چىرقىماس چايكا ئۇلارنىڭ

قۇلاقلىرى تۈۋىدە قايتا

شارقىرىغان ئۇپقانلارمۇ تېگەلمەس قاشتا .

بىر گۈل ئېچىلغان جايدا يەنە بىر گۈل

قىلمايدۇ جەۋلان يەل –يېشىن ئارا ؛

ئۇلار ساراڭ ھەم قاتقان مۇردا بولسىمۇ

ئادەملەرنىڭ ،ھايۋانلارنىڭ باش مۈڭگۈزلىرى

ئۈنۈپ چىقار يۇمران چېچەك ئىچىدىن ئاستا .

قۇياشتىن پارچىلىنىش داۋاملىشىدۇ

تاكى قۇياش بولغىچە گۇمران

يېڭەلمەيدۇ ئۆلۈممۇ جەزمەن .

 

كىرمەڭ قۇتلۇق شۇ كېچىگە مۇلايىم

 

كىرمەڭ قۇتلۇق شۇ كېچىگە مۇلايىملا تاشلاپ قەدەم ،

ياشانغانلار زاۋال چېغى لاۋۇلدىغاي ، ھۆركىرىگەي ؛

يورۇقلۇقنىڭ تۈگىششنى  سۆككەي غەزەپ –نەپرەت بىلەن .

زۇلمەت يوللۇق ئىكەنلكىن چۈشەنسىمۇ ئاقىل ئادەم ،

ئاخىر چاقماق چاقمىغاچقا ئۆز سۆزلىرى ئۇلارمۇ ھەم

كىرمەيدىكەن قۇتلۇق تۈنگە مۇلايىملا تاشلاپ قەدەم .

جىددى ئادەم ئۆلەر چاغدا خىرەلەشكەن سەزگۈ ھەم

كۆرەر نۇرسىز كۆزىنىڭ ئاقار يۇلتۇزدەك شاد چاقنىشنى ،

يورۇقلۇقنىڭ تۈگىششىنى سۆكەر غەزەپ –نەپرەت بىلەن .

ئۆتۈنەي مەن سىز ئەي دادا. شۇ قايغۇلۇق ئىگىزلىكتە

ئىسسىق ياشتا قارغاڭ مېنى ھەمدە ماڭا بەخىت تىلەڭ .

كىرمەڭ قۇتلۇق شۇ كېچىگە مۇلايىملا تاشلاپ قەدەم

يورۇقلۇقنىڭ تۈگىششنى سۆكۈڭ غەزەپ –نەپرەت بىلەن.

 

 






بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار