كىتامۇلا تارۇ : بۇلۇتنىڭ كۆزى

يوللانغان ۋاقتى:05-05-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
كىتامۇلا تارۇ ( ياپونىيە) تەرجىمە قىلغۇچى: ئوسمانجان ساۋۇت بۇلۇتنىڭ كۆزى كەچكى شەپەق غايەت زور بىر سايە ، ھەيران قال ،مۆجىزە ئۇندىكى

كىتامۇلا تارۇ ( ياپونىيە)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئوسمانجان ساۋۇت

 

بۇلۇتنىڭ كۆزى

كەچكى شەپەق غايەت زور بىر سايە ،

ھەيران قال ،مۆجىزە ئۇندىكى سۈرەت .

قىزىلۇ –سۆسىنۇ ،زەڭگەر نىلرەڭنى

ئاسمانغا چاچىدۇ ئۇندىكى سۈرەت .

تېخىمۇ قويۇقلاپ كەتتى سايىلار ،

بەلكىم ئۇ قويۇلغان سىياھغا چىلاپ .

كۆزلەرنىڭ ئىچىدە دەۋرەيدۇ ئۇيقۇ ،

قويۇمەن گاھىدا تۈگمەمنى سىلاپ .

ماشىنا كېلىدۇ گېزىتنى يۈكلەپ ،

تىڭشايمەن ئۈنىنى سالىمەن قۇلاق .

ھەممىگە تىقىلغان بىر سايە بولدى ،

بىردىنلا قىزارغان بۇ كەچكى شەپەق .

يۈزىنى سالدى ئۇ دېرىزىلەرگە

تىۋىشسىز  جىمجىملا ،ئەپچىل نەقمۇ –نەق .

شۇنداقتى تۈنۈگۈن ھەمدە بۇرناكۇن

جىلۋىدار رەڭلىرى  ھامان نەقمۇ نەق .

قىشتىكى قىياغا چىققان ئادەمنى

مەن كۆرۈپ تۇراتتىم ،كۆرەلمەيتىم ھەم .

ئەپلەشمەي قالغىنى شۇ بولدى بۈگۈن

سۈر بۇلۇت ھەريانغا سوزۇلدى بۇدەم .

كۆرگىلى بولىدۇ كەچكى شەپەقنى

ئۇندىكى سۈزۈلگەن  تەرەپتىن پەقەت .

بۇلۇتقا  بار ئىدى بىر كىچىك كامار

كۆزلەرنىڭ شەكلىگە ئوخشايتى ئەجەپ .

ئۇ يەردە ئاق بېلىق سىڭارى نۇرلار

يىغاتتى سايىنى قويماستىن ھە دەپ .

 






بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار