ئانىكاۋۇ شۈنتارۇ : شېئىرلار

يوللانغان ۋاقتى:05-05-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئانىكاۋۇ شۈنتارۇ ( ياپونىيە) تەرجىمان : ئوسمانجان ساۋۇت قېرىپ چۈرۈش تۇغقان بوپ قالىدۇ بىللە ئۆسكەنلەر ھازىرغا كەلگەن بۇ قاچاممۇ شۇند

ئانىكاۋۇ شۈنتارۇ ( ياپونىيە)

تەرجىمان : ئوسمانجان ساۋۇت

 

قېرىپ –چۈرۈش

تۇغقان بوپ قالىدۇ بىللە ئۆسكەنلەر

ھازىرغا كەلگەن بۇ قاچاممۇ شۇنداق .

باللىق چاغدىكى كۆپ –كۆك سىزىقتا

ئەستىلىك يوق ئىدى  ئەسلىدە بۇنداق ،

ئىشلتىپ كۆنگەنلىك بۇ ئۇنى ئەمەس ،

ئاتىسى –ئانىسى تۈگىگەن ئۆيلەر

كىرىدۇ يېپيىڭى تۆشەكلىك ئۆيگە .

ئۇندىكى خوشاللىق يېڭىدۇر ھەممە ،

خانىملار –قىزلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .

چېرىگەن –بىخسىغان  ئەسكى –تۈسكىنى

ۋە لېكىن بىز ئەمدى قالدۇق ئېسىركەپ .

كىرمەيدۇ بۇنىڭغا نەۋرە قىزىمىز

ئەمدىلا ئىككى ياش  يېڭى ئۇ پەقەت .

بىراۋلار ياش دىسە يايرايمىز كۈلۈپ ،

رەنجىپمۇ قالىسەن  تۇتۇلۇپ گاھى .

مورتىسارتمۇ يېشىنى ياشاپ تۈگەتتى

مەن تېخى تويمۇدۇم ھاياتقا زادى .

مەن شۇنداق ئويلايمەن : شېئىرنى ئەگەر

قىرىماس –چۈرىمەس  دەيدىغان بولساق ؛

ئۇ چاغدا بولمىدى دېگەن چاغدىمۇ

تېخى ئۇ ئەخلەتكە ئايلانماي تۇرۇپ

بولىدۇ ياش –يۇمران ،بولىدۇ شۇنداق .

ئورمانغا بېرىش

ئورماننىڭ ئىچىگە قاراپ يول ئالدۇق ،

تېخىمۇ ئىچىگە ماڭىمىز ئۇزاق .

چىرىگەن ياپراقلار ، چىرىك ماياقلار

تارىتار ئەتراپقا بەدبوي –بەدپۇراق .

تۆۋەنگە يېيىلىپ چۈشمەكتە كۈندۈز

شاخلارغا چېچىلىپ تۇرىدۇ ئاپتاپ .

دىيەرلىك يەتمىدى نۇر تېخى يەرگە ،

ئادەمنىڭ سۆڭىكى تۇرىدۇ چاقناپ .

دات باسقان ماددا ۋە غەيرى ماددىلار

قىسايغان غايەت زور ئەزىم ئىنشائات .

قىيالماي ئاسماننى كۆرۈستۈپ تۇرار

ئۇچالماس كېمىسى ئالەمنىڭ ھەيھات ؛

قايتۇرغان كېمە ئۇ يۈكسەك كائىنات !

مەغلۇپلا بولىمىز سەپەردە دايىم

غەلبىنى بىلمەيمىز ئېنىقراق ھەتتا .

مەڭگۈلۈك زەررىلەر يېڭىدۇ بىزنى

ئاسماننىڭ باغرىدا لەيلىگەن تەنھا .

بىلىنەر –بىلىنمەس  بەدەلدۇر شېئىر

بىر لەھزە بىردەملىك غەلبىدۇر ھەم .

ئۇ ئەمەس خاتىرە ،توختام بىشارەت ،

ناۋاسىز ناخشىدۇر يېرىم پارالىچ ،

يوللاردا يىراققا  قويالماس قەدەم .

 






بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار