راينېر مارىيا رىلكې :بۈۋى مەريەم ئانىنىڭ خىرىستوسقا ھازىسى

يوللانغان ۋاقتى:05-05-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
راينېر مارىيا رىلكې ( ئاۋىستىريە ) بۈۋى مەريەم ئانىنىڭ خىرىستوسقا ھازىسى پەلەكنى باستىغۇ قايغۇ ھەسىرتىم تولدىغۇ ئۆمرۈمگە شۇ تاپتا پ

راينېر مارىيا رىلكې ( ئاۋىستىريە )

بۈۋى مەريەم ئانىنىڭ خىرىستوسقا  ھازىسى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئوسمانجان ساۋۇت

 

پەلەكنى باستىغۇ قايغۇ –ھەسىرتىم

تولدىغۇ ئۆمرۈمگە شۇ تاپتا پۈتۈن .

كۆزلىرىم چەكچەيدى ، تاش ، ياغاچ تېنىم ،

ئىچ –باغىرىم تاش ياغاچ ، ئىچ باغرىم  تۈتۈن .

تاش بولۇپ قاتساممۇ شۇ تاپتا لېكىن

قاي رەۋىش ئۆسكىنىڭ كۆڭلۈمگە ئايان .

قانداقچە ئۆسكىنىڭ ساغلام ئۆسمىر بوپ

ئېسىمدىن چىقمايدۇ ، چىقمايدۇ ھامان .

ئايرىلىش چېغىدا پۈركىدى سايەڭ ،

بۇ ھەسرەت ھەممىدىن ئېغىردۇر ماڭا .

بۇ بىر سىر تېپىشماق قەلبىمگە مەڭگۈ

كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز  بىر يۈكتۇر يانا .

تىزىمدا ئۇزىراپ ياتىسەن ھازىر ،

كۆچىنى كۆرسەتتى بۇ مۇدھىش ھايات .

تۇرىمەن مەن ساڭا بولالماي قادىر ،

بېرىشكە ھاياتتىن چىقىرىپ ھايات .

 




ھالقىلىق سۆزلەر : راينېر مارىيا رىل


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار