تەۋسىيە كىتاب-ئۆلۈم رەزىل ئەمەس
يوللانغان ۋاقتى:30-01-2014
مەنبە: Tarimweb.com
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 2 پارچە
ئۆلۈم رەزىل ئەمەس ناملىق تەرجىمە شېئىرلار توپلىمىنىڭ كىرىش سۆزى ئاپتورى: ئابدۇقادىر جالالىدىن شائىرنى ئىلھامغا ئىگە قىلىدىغان نەر
«ئۆلۈم رەزىل ئەمەس» ناملىق تەرجىمە شېئىرلار توپلىمىنىڭ كىرىش سۆزى
ئاپتورى: ئابدۇقادىر جالالىدىن
شائىرنى ئىلھامغا ئىگە قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ چېكى بولمىسا كىرەك. ئىلھام تاساددىپىي پەيدا بولۇپ، كۈتۈلمىگەندە غايىپ بولىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ قانداقسىگە بىردىنلا لەرزىگە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالىدۇ. ئىشقىلىپ ئۇ ئىلاھىي مۆجىزىلەرنىڭ ئىنساندىكى بىر تەركىبى قىسمى.
باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى مېنىڭ ئىلھام مەنبەلىرىمنىڭ بىرى، مېنىڭ نەزىرىمدە شېئىر ئوقۇش شائىرانە سەزگۈرلۈكنى تاۋلاشنىڭ بىر يولى. يېڭىچە بىر ئوخشىتىش، ئۆزگىچە بىر شەكىل، روشەن خاسلىققا ئىگە بىر سىيما مېنى ھەيران قالدۇرىدۇ. شائىرنىڭ كۆزىتىش سەزگۈرلىكىنى، تىلنىڭ قۇدرىتىدىكى ئاجايىباتىنى يىڭى بىر پەللىدە بايقاش بەختىگە مۇيەسسەر بولغىنىمدىن راھەتلىنىپ كېتىمەن. شائىرنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتىكى يېڭى كەشپىياتلىرى ھەر بىر تىلدا ئۆزگىچە بولىدۇ. ھەر بىر تىلدىكى مەدەنىيەتنىڭ پۇرىقى كۆڭۈلنى مەھلىيا قىلىۋالىدۇ. مەن باشقا تىلدىكى شائىرلارنىڭ ئىپادىلەشتىكى تىل كۈچىدىن يېڭىلىق ھېس قىلغىنىمدا، ئۇنى ئانا تىلىمدا ئىپادىلەپ باقسام قانداق بولار دېگەن خىياللارغا كىلىمەن-دە، تەرجىمىگە تۇتۇنىمەن. ئىككى خىل تىل، ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ نۇقتىسىدا ھەر ئىككى مەدەنىيەتكە بولغان ھۆرمەتنى مۇۋاپىق گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى شۇ چاغلاردا چۈشىنىپ قالىمەن. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تەرجىمە ئىككى خىل تىلنىڭ ئىپادىلەش بەيگىسى، بۇ بەيگىنىڭ ئەۋجى شېئىرنىڭ تەرجىمىسىدە ناھايىتى ئېنىق ئەكىس ئېتىدۇ. بۇ بەيگىگە ئات سالغۇچى ھەمىشە زەپەردىن ئۈمىد كۈتۈشكە ھەقلىق بولالمايدۇ، بەزىدە ئۇ مەغلۇپ بولغۇچىغا ئايلىنىدۇ. دېمەك، شېئىر تەرجىمە قىلىش بىر مەيدان تەۋەككۈلچىلىك.
مەن ئۆگىنىش ئۈچۈنلا تەرجىمە قىلىمەن، ئەسلى تىكىست بىلەن ئانا تىلىم ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقتا قايتا ئىجادىيەت قىلىشقا تىرىشىمەن. مۇشۇ ئېغىر ئەمگەك جەرياندا ئەسلى تىكىستتىكى سەنئەت دۇنياسىنى ئىنچىكە زىيارەت قىلىمەن. مېنىڭچە، بىر شائىرنىڭ ئىستىلى ۋە پىكرىي قۇۋۋىتى مۇئەييەن دەرىجىدە باشقا شائىرلارغا بولغان بايقاشتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەلىشىر نەۋايى «لىسانۇتتەير» («قۇشلار تىلى»)نى قەلەمگە ئالغاندا، روھىي ئالەمگە پەرىددىن ئەتتارنىڭ ئەلپازى بىلەن يۈرۈش قىلغانىدى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر تىلىنى يېڭى ئىبارە، يېڭى ئىپادىلەش شەكىللىرى بىلەن بېيىتقانىدى. تەرجىمە مەيلى شەخسنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارىدا بولسۇن، مەيلى پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئەدەبىيات تەرەققىياتىدا بولسۇن كەم بولسا بولمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىلىمۇ باشقا تىللاردىكى كىلاسسىك نامايەندىلەرنى تەرجىمە قىلىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە، بىر قىسىم چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەرجىمىسىدىن تۈزۈلگەن «خەزىنە گىرۋەكلىرى» ناملىق نىپىز بىر توپلامنى كۆپ ئوقۇغانمەن. بۇ توپلام مېنىڭ شېئىر توغرىسىدىكى ھېسسىي چۈشەنچىللىرىمنى ئاشۇرغانىدى. پۇشكىن، لېرمونتوف، گىيوتېلار بىلەن تەرجىمە ئارقىلىق ئۇچراشقانمەن. ئۇلار ئۇيغۇرتىلى ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىزنىڭ ئەمگىكى ئارقىسىدا مېنىڭ مەنىۋى ئۇستازلىرىمغا ئايلانغانىدى. بۇنىڭدىن مەن بىر شائىر ئۆزىگە ئىلھام ئاتا قىلالىغان باشقا تىلدىكى شائىرلاردىن ئۆرنەكلەرنى كەلتۈرۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئاز-تولا تەرجىمە مىراسلارنى قالدۇرۇپ قويسا، ھامان ئەھمىيىتى بولىدىكەن، دەپ ئويلىغانىدىم.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------