تەۋسىيە كىتاب-زامانىمىز قەھرىمانى

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
«زامانىمىز قەھرىمانى» قارىماققا نېپىز، كۆزگە چېلىقمايدىغان كىتاب. ئۇ «بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى پايانىدا قەد كېرىپ تۇرغان يېگانە ئەل

 «زامانىمىز قەھرىمانى» قارىماققا نېپىز، كۆزگە چېلىقمايدىغان كىتاب. ئۇ «بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى پايانىدا قەد كېرىپ تۇرغان يېگانە ئەلئېھرام». بۇنداق رومان ھەرقانداق خەلق ئەدەبىياتىدا مۇھىم ھادىسىدۇر (بېلىنسكىي). ئەدەبىيات پېشىۋاسى تولستوي «ئەگەر لېرمونتوف ھازىرمۇ ھايات بولغان بولسا، دوستويېۋسكىي ئىككىمىز ئارتۇقچە بولۇپ قالاتتۇق» دېگەن. تىلشۇناس بانكوف تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جۈملىنى بۆلەكمۇ بۆلەك تەھلىل قىلغاندەك... لېرمونتوف ئەسەر دېگەننى ئاجايىپ قالتىس يازىدۇ».
رومان كاۋكازنىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرىنى تەسۋىرلەشتىن باشلىنىدۇ. روماندا جىلغا - قىيالار، تاغ - دەريالار، سۈزۈك تاڭ نۇرى، قار - يامغۇرلار يۈرەكنى لەرزىگە سالغۇدەك جانلىق نامايان قىلىنغان. تاغلىق ھارۋىكەشلەر، شەھەرلىك ھەربىيلەر، ئاقسۆڭەكلەر ۋە باشقا بارلىق ئوبرازلار تەبئىي تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا ئاپتورنىڭ «يازغىنىم رومان ئەمەس، يول خاتىرىسى» دېيىشى ئاساسسىز ئەمەس. كىتابتا مەنزىرە تەسۋىرىدىن بەكرەك گەۋدىلەنگىنى ئادەملەر — تاغ يوللىرىدىكى، بۇلاق بويلىرىدىكى، قورغانلاردىكى باش قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىدۇر. ئەسەر پەقەت ئاددىي ساياھەت خاتىرىسى بولماستىن، بەلكى شېئىردەك گۈزەل، رەسىمدەك نەپىس، قۇرۇلمىسى، بەدىئيلىكى يۇقىرى ئېسىل روماندۇر.
روماننىڭ قۇرۇلمىسى قارىماققا چۇۋالچاقتەك كۆرۈنسىمۇ، يازغۇچىنىڭ ساياھىتىنى يىپ ئۇچى قىلغان بەش ھېكايىنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ. يولدىكى سەپەرداش ماكسىم ماكسىمىچتىن بىرىنچى ھېكايە «بېلا» نى ئاڭلايدۇ، ئاندىن قونالغۇدا ئىككىنچى ھېكايە «ماكسىم ماكسىمىچ» نى ئۆز بېشىدىن كەچۈرىدۇ؛ بۇ ھېكايە تۈگەي دەپ قالغاندا، ئۈچىنچى، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ھېكايىلەر، يەنى «تامان»، «كىنەز قىزى مېرى»، «تەقدىرچى» لەر يېزىلغان «پېچورىن خاتىرىسى» گە ئېرىشىدۇ – دە، «خاتىرە» نى رەتلەپ، ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىدۇ. ئوقۇرمەن كىتابنىڭ ۋەقەلىك تەرتىپى ئىلگىرى - كېيىندەك، خۇددى پېلەك بويلاپ خەمەك ئىزدىگەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەن تەرتىپى شۇنداق.
ئىككىنچى ھېكايە ئاخىرلىشاي دېگەندە ئېرىشىلگەن تەييار «خاتىرە» دە يېزىلغاننىڭ ھەممىسى ھەقىقىي بولغان ئىشلاردۇر. پېچورىننىڭ ئەسلىمىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەينى چاغدا پېچورىن قورغاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، «تەقدىرچى» ۋە «بېلا» دىكى ئىككى ۋەقە ئوخشاش ۋاقتتا يۈز بەرگەن. يەنە «كىنەز قىزى مېرى» دە: «N قورغىنىدا تۇرغىنىمغا بىر يېرىم ئاي بولدى... ئەمدى خاتىرەمنى داۋاملاشتۇراي، نۇرغۇن غەلىتە ئىشلار ئۇنى ئۈزۈپ قويدى» دېگەن قۇرلار بار. بۇ قۇرلاردا داۋاملاشتۇرماقچى بولغان خاتىرە دۇئېلنىڭ ئالدىنقى كېچىسىدىكى غەم - ئەندىشىلەر ۋە چېگىش خىياللار يېزىلغان. «كىنەز قىزى مېرى» نىڭ پېچورىننىڭ N قورغىنىدىكى ئەسلىمىسى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز، ئۇنىڭ N قورغىنىغا ئەۋەتىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دۇئېل. ھېسابلاپ كۆرسەك، بۇ يەردىكى ۋاقت دەل بىر يېرىم ئاي چىقىدۇ. «تامان» ئېھتىمال، «خاتىرە» دىكى ھېكايىلەر ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال يۈز بەرگەن ۋەقەلىك بولسا كېرەك. باشقا ھېكايىلەردىن ئايرىم ھالەتتە قىستۇرۇلغان بۇ ۋەقە ئۆزىنى كۆرسىتىشنى خالىمايدىغان يول باشلىغۇچىدەك روماننىڭ سىرلىق قۇرۇلمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىزغا يول باشلايدۇ. بۇ ھېكايىدە ئوفىتسېر پېچورىن تامانغا كېلىپ ئەتكەسچىلەرنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى داۋالغۇتىۋېتىدۇ، ئۆزىمۇ دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. كېيىن ئارىشاڭغا بارىدۇ؛ ئۇ يەردە مارىيە، ۋېرا، گرۇشنىتسكىيلار بىلەن بولغان مۇرەككەپ ئىشلار يۈز بېرىدۇ. دۇئېلدىن كېيىنكى كۈنى ئۇ مارىيە بىلەن خوشلىشىپ قورغانغا بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە «بېلا» پاجىئەسىنى باشلايدۇ؛ بۇ جەرياندا ئۇ ئىختىيارسىزلا لېيتېنانت ۋۇلىچنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ؛ كېيىن قورغاندىن E پولكقا يۆتكىلىدۇ، ۋە E پولك بىلەن پېتىربۇرگقا كېتىدۇ؛ پېتىربۇرگدىن ئىرانغا كېتىۋېتىپ ماكسىم ماكسىمىچ بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ قالىدۇ؛ بۇ قايتا ئۇچرىشىش ئىككىنچى ھېكايە ماكسىم ماكسىمىچنىڭ ۋەقەلىكى بولىدۇ؛ ئاخىرىدا ئىراندىن ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە قازا قىلىدۇ؛ ئاپتور «پىچورىن خاتىرىسى» نى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ھەقتە بىر كىرىش سۆز يازىدۇ. ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان كىرىش سۆز رومان ئىككىنچى قېتىم نەشىر قىلىنغاندا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەيبلەشلىرىگە جاۋاب سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان.
پۈتۈن كىتابنىڭ بايانچىسى «مەن» — يازغۇچى، «پېچورىن خاتىرىسى» نىڭ بايان قىلغۇچىسى پېچورىن. ئاپتور خاتىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزى كىتابتا قايتا كۆرۈنمەيدۇ. ھېكايىلەر ئىچىدە قۇرۇلمىسى ئەڭ مۇرەككەپ بولغىنى «بېلا». ھېكايىنى ئاپتور چەتتە تۇرۇپ بايان قىلىدۇ، ھېكايە باشقا بىر بايان قىلغۇچى ماكسىم ماكسىمىچنىڭ ئەسلىمىسى؛ ئاپتور بۇ يەردە ئاڭلىغۇچى. ئاپتور ئۆزىنىڭ «بېلا» ھېكايىسىنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزگەندە ماكسىم ماكسىمىچ ھېكايىدىكى شەخس، ماكسىم ماكسىمىچنىڭ ئەسلىمىسى ئاپتور ئەسلىمىسى ئىچىدىكى بىر بۆلەك، ماكسىم ماكسىمىچ سۆزلىگەن «بېلا» ھېكايىسى ئاپتورنىڭ «بېلا» ھېكايىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىدۇ. روماندىكى بەش ھېكايىنىڭ ھەر بىرى نىسپىي مۇستەقىللىققا ئىگە؛ ئەمەلىيەتتە ئاپتور «بېلا»، «تەقدىرچى» ۋە «تامان» لارنى دەسلەپتە ئايرىم - ئايرىم ئېلان قىلغان. بۇ ھېكايىلەر ئاخىرىدا باش بايانچى — ئاپتورنىڭ ئەسلىمىسى ئارقىلىق بىر پۈتۈن گەۋدىنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەرقايسى ۋەقەلىكنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان كۈچلۈك نەرسە شۇكى، بىر نەچچە ھېكايە ئوخشىمىغان ئۇسۇل، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئوخشاش بىر ئادەم — زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى پېچورىننى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. كىتابنى قولغا ئېلىپلا، «بېلا» ھېكايىسىدىن ئاپتورغا ئەگىشىپ كونا ھەربىي ماكسىم ماكسىمىچنىڭ بۇرۇن پېچورىن بىلەن بىللە يۈرۈپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىنى ئاڭلايمىز؛ «ماكسىم ماكسىمىچ»تا ئاي، يىللار ئۆتۈپ، پېچورىن بىلەن نەق مەيداندا ئۇچرىشىمىز؛ «تامان»، «مەلىكە مارىيە» ۋە «تەقدىرچى» لەردە پېچورىننىڭ ئۆتمۈشتىكى قىلغان - ئەتكەنلىرىنىڭ ئىقرارىنى ئاڭلايمىز. شۇنداق قىلىپ، باش قەھرىماننىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى ھەمدە قىياپىتى، ئۆزى ۋە ئىچكى دۇنياسى ئاپتورغا ئايدىڭلىشىدۇ. ئاپتور بەش ھېكايىنى باش قەھرىماننىڭ كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىكى بويىچە ئەمەس، بەلكى ماھىرلىق بىلەن باشقىچە تەرتىپكە تىزغان. روماننىڭ ئەڭ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن يېرىمۇ دەل شۇ.
«ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتى بىلەن روھى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل غەلىتە مۇناسىۋەت باردەك، ئادەم بىرەر ئەزاسىنى يوقاتسا، روھىمۇ بىرەر سەزگۈسىنى يوقىتىدىغاندەك ھېس قىلىمەن.» بۇ سۆزنى پېچورىن ئېيتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئاشكارىلايدۇ، شۇڭا ئۇ كىشىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنى بىز پېچورىننىڭ «كۆز يوق يۈزدە نېمە بولاتتى؟» دېگەن گېپىدىن بىلەلەيمىز. ئۇنىڭ دىققەت قىلىدىغىنى كۆزنىڭ چوڭ - كىچىك ياكى كىرپىكنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى ئەمەس، بەلكى كۆزدىكى ئىپادە؛ ئۇ تاشقى قىياپەتنى ئوبيېكتىپ تەسۋىرلەش بىلەنلا قالماي يەنە باھالايدۇ، قۇسۇر ئىزدەيدۇ. پېچورىن ئادەملەرگە شۇنداق قارايدۇ، ئاپتورمۇ پېچورىنغا شۇنداق قارايدۇ. پېچورىننىڭ بىر جۈپ كۆزى دۇنيادا «ئۆزى كۈلگەندە، كۆزى كۈلمەيدۇ» غان بىردىنبىر كۆز بولسا كېرەك. بۇنداق كونكىرىت تەسۋىرلەشلەردىن كېيىن ئابستراكت باھالار بېرىلىدۇ، ئالايلۇق: «يا ئىچىدە توڭگۇز قاترايدىغانلىقنىڭ يا قەلبىگە چوڭقۇر يوشۇرۇنغان غەمنىڭ ئىپادىسى» دېگەن ۋەھاكازالار. «چالا يۇمۇلغان كىرپىك تېگىدىن، ئەگەر مۇنداق سۈپەتلەشكە مۇمكىن بولسا، فوسفور يورۇقىدەك پارقىرايتتى» دېگەن تەسۋىرگە بېرىلگەن « قىزغىنلىق ياكى تەسەۋۋۇرنىڭ ئىنكاسى ئەمەس، پولاتتىن قايتقان كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سوغۇق نۇردەك چاقنايتتى» دېگەن باھالار. بۇ بىر جۈپ كۆز شۇنداق «غەلىتە» دېگەن باھالار بولمىسا، بۇ كۆزلەرمۇ ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كېتەتتى؛ شۇنداق باھالار بېرىلگەچكە جاھاندا مۇشۇنداقمۇ كۆز بولىدىكەن دېگەن ھەيرانلىقتا ئاسان ئەستىن چىقمايدۇ. لېرمونتوفنىڭ قەلىمىدىكى بۇ باش قەھرىمان گيوتىنىڭ «ۋىلھېلم مېيستر»ىدىكى مىنيونىڭ گۈزەللىكى، ھىيۇگونىڭ «پارىژدىكى بۈۋى مەرىيەم چېركاۋى»دىكى قوڭغۇراقچىنىڭ رەزىللىكىدەك كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ. پېچورىننىڭ «غەلىتە» تاشقى قىياپىتىمۇ ئۇنىڭ «روھى سۇنغان» ئىچكى دۇنياسىغا ماس كەلگەن.
ئۇنىڭدىكى قانداق روھ؟ دېگەن سۇئالغا پېچورىننىڭ «دۇنيادا ئاياللاردىن باشقا ھېچنېمىنى ياخشى كۆرمەيدىغان، ئۇلار ئۈچۈن تىنچلىقىمنى، غۇرۇرۇمنى، ھەتتا جېنىمنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان مەندەك ئادەم» دېگەن كۆڭۈل سۆزلىرى جاۋاب بولالايدۇ. ئۇ بېلانى تەلۋىلەرچە قوغلىشىپ يۈرگەن كۈنلەردىكى قىلمىشىلىرىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ. بىراق ئۇنى دەپ مارىيە كېسەل تارتىپ، ئابرويىنى قۇربان قىلىپ يۈرۈپمۇ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىدى؛ ۋېرا ئېغىر كېسەل بولدى؛ بېلا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ، ئاخىرى ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتتى. قارىغاندا ئۇ ئاياللارنىڭ بەخت يۇلتۇزى ئەمەس، قازا يۇلتۇزىدەك تۇرىدۇ. ئەسلىدە چىن ئەقىدە بىلەن باشلانغان مۇھەببەت پاجىئەلىك ئاياغلاشتى، سەۋەبىنىڭ نېمىلىكىگە پېچورىننىڭ «ئۆزۈم ئۈچۈن، قەلبىمنىڭ غەلىتە بىر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن باشقىلارنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن ئىقرارى جاۋاب بولىدۇ. جان پىدا قىلىدىغان مۇھەببەتمۇ «ئۆزى ئۈچۈن»؟ شۇنداق، ئۇ مۇھەببەت قوغلىشىپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ، ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىدۇ؛ قىزلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىۋېلىپلا يەنە يىرتىق كالاچنى چۆرىۋەتكەندەك تاشلايدۇ.

مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈردى؛ ھەمدە ئۇنى تولستوينىڭ بۇ جەھەتتىكى باشلامچىسىغا ئايلاندۇردى.
ئەدەبىي تەنقىدچى بېلىنسكىي ئېيتقاندەك «زامانىمىز قەھرىمانى» ساپ سەنئەتكىلا خاس بولغان بىر خىل ھادىسە: ئەدەبىياتتىكى يېڭىلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىنى جەلىپ قىلىدۇ ۋە زوقلاندۇرىدۇ؛ ئۇ ئەدەبىياتقا سېلىنغان زور مەبلەغ، ۋاقت ئۆتكەنسىرى پايدىسى كۆپىيدۇ. رومان نەشىر قىلىنىپ ھازىرغىچە 150 يىلدىن ئارتۇق ۋاقت ئۆتتى، جاھاندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، لېكىن بىز بۇ دۇنياۋىي داڭلىق بەدىئىي ئەسەردىن زوق ئېلىپلا قالماي، ھېلىمۇ ئۇنىڭدىن ئاز بولمىغان تەربىيە ۋە ئىلھاملارنى تاپالايمىز. ۋاقت ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالغانلار كۆپىيىدۇ، «پايدا» ھەم كۆپىيىدۇ؛ شۇنداق ئەمەسمۇ؟






بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار