«يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » ۋە «ئەدىب نەسرۇللا ئابلەت ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئاتۇشتا ئېچىلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ، «تارىم» ژورنىلى نەشىرىياتى ۋە ئاتۇش شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە 19-سىنتەبىر مەرىپەت يۇرتى ئاتۇش شەھرىدە «يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » چاقىردى . «تارىم» ژورنىلى نەشىرىياتىنىڭ باشلىقى ، باش مۇھەرىرى شائىر ياسىن زىلال يېغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى . يىغىنغا قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ، بىر قىسىم ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائىر ، ئوبزورچىلار ، «تارىم» ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ، «شىنجاڭ سەنئىتى» ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ، «كىرورەن» ، «قەشقەر ئەدەبىياتى» ، «يېڭى قاشتىشى» قاتارلىق بىر قىسىم ژورناللارنىڭ مەسئۇللىرى ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىدىن كەلگەن خادىملار ، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ، شىنجاڭ گېزىتى ، قىزىلسۇ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى ، قىزىلسۇ گېزىتى قاتارلىق بىر قىسىم ئاخپارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ھەرقايسى ناھىيە ، شەھەرلەردىن كەلگەن شائىر ، يازغۇچىلار بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى . چۈشتىن بۇرۇن ، «ئەدىب نەسرۇللا ئابلەت ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى .
چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋاقتى 2:30 دا «يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » باشلاندى . مۇھاكىمە يىغىنىدا خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ھوشۇر ، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ دوسسېنتى مەتتۇرسۇن ئېلى ، شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەرىرى ، ئوبزورچى يالقۇن روزى ، تونۇلغان ئەدىپ ، شائىر نەسىرۇللا ئابلەت ، شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ دوكتۇر يېتەكچىسى ، پىرافىسسور ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىقلار يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ھەققىدە ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى ۋە سۆز قىلدى . بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۈچۈن،ئۆزىنى قايتا بىر دەڭسەپ كۆرۈش پۇرسىتى بولۇپ،ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا،بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىشىغا بېسىلغان بىر ئۇتۇقلۇق قەدەم بولغۇسى!
يىغىندىن كۆرۈنۈشلەر
![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() (ئۆركەش جاپپار فوتوسى)
(سۆرەتلەرنى باشقا بېكەت، مۇنبەر ۋە بلوگلارغا رۇخسىتىمىزسىز كۆچۈرمەڭ!)
|