خوتەندە 1000 كىشىلىك ئەنجۈمەن

يوللانغان ۋاقتى:11-12-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇن

 ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشىدا 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى قاشتېشى ماكانى خوتەن شەھىرىدە بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە شائىر ئابدۇللا سۇلايمان ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ياسىن زىلال رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى، شائىرلار، ژۇرنالىستلار، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ مىڭدىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى.

يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل ئەھمەد ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەتلەر تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس ئازاد سۇلتان، «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ياسىن زىلال قاتارلىقلار مۇھىم سۆز قىلدى. خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئابدۇللا سۇلايماننىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. بىرقىسىم ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ئابدۇللا سۇلايماننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىندا شائىر ئابدۇللا سۇلايماننىڭ ئومۇمىي ئىجادىيىتىگە ئەتراپلىق باھا بېرىلدى ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، تەرەققىيات يۈزلىنىشى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىنىپ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

(مۇتەللىپ مەتتوختى، نەبىجان قۇربان، ئەخمەتجان مەتقۇربان، ئابلىمىت سەمەت فوتوسى)

(سۆرەتلەرنى بېكىتىمىزنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا بېكەت، مۇنبەر ۋە بلوگلارغا كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ)




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، ئەدىبلەر، ئەنجۈمەن


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار