2013-يىللىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
11-ئاينىڭ 29-كۈنى 2013-يىللىق ئۇيغۇر«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»؛قازاق،قىرغىز«دۇلدۇل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ، مۇڭغۇل«ئالتۇن ئۈزەڭگە »مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى ئۈرۈمچى "كوئېنلۇن مېھمانسارىيى"دا داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن،ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسلىرى غەيرەت ئاسىم، ئېركىش قۇرمانبەك، جاڭ جۈنچاۋ، خۇ جوڭپىڭ،دوڭ لىبو ۋە باش كاتىپ ما شۈگو قاتارلىقلار قاتناشتى. رەئىس ئازات سۇلتان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا رەئىس ئازات سۇلتان ئالدى بىلەن يىغىننى ئېچىش نۇتىقى سۆزلىدى، ئاندىن، ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن مۇھىم سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلار، مۇكاپاتنىڭ ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئوينايدىغان رولى، ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. يىغىندا مۇئاۋىن رەئىس غەيرەت ئاسىم ئىسمايىل ئەھمەد، ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرىشىت، ئەسقەت كېرىمباي قاتارلىق دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايۇن رەھبەرلىرىنىڭ تەبرىك خەتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئېركىش قۇرمانبېك ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باھالانغان ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى.
ئاخىرىدا مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىپ، رومانلارغا 30مىڭ يۇەن، پوۋېستلارغا 23مىڭ يۇەن، ھېكايە، شىئېر، ئوبزورلارغا 20 مىڭ يۇەن نەق پۇل ۋە گۇۋاھنامە بېرىلدى.
يىغىنغا "شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنى"غا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئۇرۇمچى ۋە جايلاردىن كەلگەن ئەدىبلەر، ئۇرۇمچىدىكى قىسمەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاخپارات ئورۇنلىرىدىن بولۇپ 360 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەرلەر تىزىملىكى
( جەمئىي 11 پارچە )
1. ‹‹ سالچىلار ››(رومان 1-،2-قىسىم)، ئاپتورى : مەمتىمىن ھوشۇر شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرياتى 2012-يىلى11-ئاي نەشرى
2.‹‹ۋەتەن سۆيگۈسى››(رومان) ،ئاپتورى :تۇرسۇنئاي يۇنۇس، شىنجاڭ خەلق باش نەشرياتى2012-يىلى11-ئاي نەشرى
3.‹‹مەڭگۈلۈك سېغىنىش››(پوۋېست)،ئاپتورى:ئابدۇكېرىم قادىر‹‹قەشقەر››ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق3-سانىدا
|