«ئاخىرقى نىكاھ» ناملىق رۇمان ھەققىدە مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقتى:15-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 3 پارچە
ئادىل ئابدۇرېھىم

 

قەشقەر گېزىتى مۇخبىرى ئەنۋەرجان مەتنىياز خەۋىرى، فوتوسى: مەكىت ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، دولان قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، «دولان مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن 11- ئاينىڭ 16- كۈنى ياش ياز يازغۇچى ئادىل ئابدۇرېھىم(چوڭقۇرچاق)نىڭ «ئاخىرقى نىكاھ»ناملىق رومانىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسى، «قەشقەر» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى، يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى قاتارلىق ئورۇنلار تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ يىغىننى تەبرىكلىدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەر قايىسى ناھىيە(شەھەر)لىرىدىن كەلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى، مەكىت ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ 200گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىندا ياسىنجان سادىق چوغلان، رىزۋانگۈل يۈسۈپ، تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس، قاتارلىق ئون نەچچە يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى ئادىل ئابدۇرېھم(چوڭقۇرچاق)نىڭ «ئاخىرقى نىكاھ»ناملىق رومانى ھەققىدە ھەر خىل تېمىلاردا ماقالە ئوقۇپ، بۇ روماننىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئالاقىدار ئورۇن ۋە بىر قىسىم شەخسلەر يازغۇچى ئادىل ئابدۇرېھىمغا گۈل ۋە خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلدى.

يازغۇچى ئادىل ئابدۇرېھىم چوڭقۇرچاق 1971-يىلى 11-ئايدا مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1994-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، مەكىت ناھىيەلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە مۇخبىر، تەرجىمان، دىكتور ۋە مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىنى ئاساسەن جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا سەرپ قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «قەشقەر» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئىجتىمائىي تېمىدىكى بىر تۈركۈم ماقالىلىرى، بىرقىسىم ئەدەبىي ئوبزورلىرى ۋە «ئاينىش»، «قىزلار ئارخىپى»، «چۇۋۇلۇش»، «بىر كۈنلۈك ئايرىلىش»، «بىر يۈز بىرىنچى ھېكايە»، «تارىخنىڭ تاللىشى» قاتارلىق ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان. يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئاخىرقى نىكاھ» نامىلىق رومانى نەشر قىلىنىپ كىتابخانلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ نەشرگە تاپشۇرغان «قەشقەرگە كەتتىڭمۇ جېنىم»،«پەرىزاتنىڭ گۈلزارلىقى»،«مەن ھۆرمەتلەيدىغان ئايال» قاتارلىق توپلاملىرى كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ يەنە ھازىر «مۇدھىش كېچىلەر»ناملىق تىرىلوگىيەسى ئۈستىدە جىددىي ئىشلىمەكتە.
 




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار