«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى 2012-يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت فاڭجېنى ۋە نۆۋەتتىكى ئىجادىيەت ئاساسىي ملودىيەسىنى تەشۋىق قىلىش؛ ئىجادىيەت پىلانى، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى يېڭى يۈزلىنىشلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، ئەدىبلەرنىڭ رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىدىغان دەۋر روھىغا باي نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ساغلام يۆلۈنۈشتە تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە «تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى 2012-يىللىق ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى» ئېچىپ، ژۇرنالنىڭ 2011-يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى، 2012-يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۆزىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ژۇرنالنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ئابدۇكېرىم راھمان قاتارلىق 13نەپەر مۇنەۋۋەر ئەدىبنى ھەم 2نەپەر مۇنەۋۋەر مۇھەررىرنى مۇكاپاتلىدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇپ، شىمالىدىن كەلگەن شائىر يازغۇچىلار، ھەرقايسى ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرى، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، ئۈرۈمچىدىكى پېشقەدەم ئەدىبلەر، ياش، ئوتتۇرا ياش قەلەم ساھىبلىرى بولۇپ 130نەپەر كىشى قاتناشتى.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. تارىم ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال ژۇرنالنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدى قىسقىچە دوكلات بەردى ھەم بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى ئۈستىدە توختالدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرىدىن ئابدۇكېرىم رەھمان، ۋاھىتجان ئوسمان، دولقۇن روزى قاتارلىقلار سۆز قىلدى. (مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى پولات ئاماننۇرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت خەۋىرى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى "رادىيو ژۇرنىلى" پروگراممىسىدا ئاڭلىتىلىدۇ. ئاڭلىتىش ۋاقتى: 2012-يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەتىگەن 11:30دا، كەچ 7:30دا ) (تۆۋەندە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۈن ھۆججىتى تەمىنلەندى)
![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() مەھدى: يىغىن ياخشى ئېچىلسا، تېلېكامىرامۇ بىزنى ئاۋارە قىلماي، ئۆز ئالىدىكەن دېسە... تاھىر: شۇ شۇ، كەينىدە ئولتۇرۇپ يىغىن ئاڭلاشمۇ ياخشىكەن ھە...
|