تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى ئۆزىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى قارلەيلىسى مېھمانسارىيىدا تالانتلىق شائىر، ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان، تۆھپىكار مۇھەررىر ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچتى ھەم تون كەيگۈزدى.تارىم ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە سۆز قىلدى. يىغىندا، ئازات سۇلتان، مۇھەممەت پولات، نەسرۇللا ئابلەت، روزى نىياز، غەيرەتجان ئابدۇراخمان ئۇزغار، خۇدابەردى ئابدۇللا، ئايسىمە ئىدرېس، چىمەنگۈل ئاۋۇتلار ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان تەتقىقات ماقالىلىرىنى ھەم شېئىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئەدىبلەر، ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم ژۇرناللار ۋە ئورۇنلار ئۆز كۆڭۈل سوۋغىسىنى ئوسمانجان ساۋۇت ئاكىغا تەقدىم قىلدى. (مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى پولات ئاماننۇرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت خەۋىرى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى "رادىيو ژۇرنىلى" پروگراممىسىدا ئاڭلىتىلىدۇ. ئاڭلىتىش ۋاقتى: 2012-يىل 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتىگەن 11:30دا، كەچ 7:30دا )
(تۆۋەندە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۈن ھۆججىتى تەمىنلەندى)
![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() (ئۆركەش جاپپار فوتوسى)
|