ياسىن زىلال قاراقاش يازغۇچىلىرىغا دەرس سۆزلەپ بەردى

يوللانغان ۋاقتى:03-08-2013   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: {dede:adminname /}   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئۇچۇر

ياسىن زىلال قاراقاش يازغۇچىلىرىغا دەرس سۆزلەپ بەردى

 

«شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى» بىلەن «قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى» بىرلىشىپ 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى» نىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغدىكى ئىجادىيەت بازىسىدا «قاراقاش يازغۇچىلىرى تەربىيىلەش كۇرسى» ئاچقان بولۇپ، بۇ كۇرسقا قاراقاش ناھىيەسىدىن 17 نەپەر ئاپتور قاتناشتى. كۇرسنىڭ 4-كۈنى يەنى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى «تارىم» ژۇرناللار نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئاتاقلىق شائىر ياسىن زىلال «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى» ۋە قاراقاش يازغۇچىلىرىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن تەھرىر مۇختەر تۇردى بىلەن بىرگە بۇ ئورۇنغا بېرىپ قاراقاش يازغۇچىلىرىغا مەخسۇس دەرس سۆزلەپ بەردى. ياسىن زىلال ئاساسلىقى ئۇيغۇر شېئىريىتى ئۈستىدە توختىلىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شائىر مىللەت ئىكەنلىكى، ئەدەبىياتنىڭ ئىنسانىي مۇھەببەتتىن تۇغۇلىدىغان ئەھمىيەتلىك كەسىپ ئىكەنلىكى، ئەدەبىياتنىڭ كىشىلەر ھېس قىلالمىغان، كۆرەلمىگەن ئىشلارنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ۋاسىتە ئىكەنلىكى، ئەدەبىياتنىڭ تەبىرىنى قايتىدىن ئويلاپ كۆرۈش لازىملىقى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقى، بۇ جەھەتتە ئاساسلىقى تىل نامراتلىقى، پىكىر نامراتلىقى ۋە تەقلىتچىلىكنىڭ ئېغىر بولىۋاتقانلىقى، ئىجادىيەتتە ئۆز ئەسىرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنىلا كۆرمەي مۇھىمى باشقىلارنىڭ ئەسىرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنىمۇ كۆرۈش، شۇ ئارقىلىق باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىشكە ئىنتىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ياسىن زىلال ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ئۈستىدە توختالغاندا ھېكايىلەردە ھېسسىي ھارارەت، بەدەئىي ماھارەت ۋە شېئىرىي پاساھەتنىڭ كەم بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. بۇلاردىن باشقا ياسىن زىلال قاراقاش يازغۇچىلىرىنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ ئۇلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولدى. 

 




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار