ئۆگىنىش داۋامىدىكى تەرجىمىلىرىمنى مەتبۇئاتقا سۇنۇپ تۇردۇم. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىرەر توپلام بولغۇدەك شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان بوپتىمەن. ناۋادا بۇ تەرجىمىلىرىم (يەنە بىر قىسىم تەييارلىمىلار) كەسىپ ئەھلىللىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ قالسا، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىجابىي ئۆرنەك بولۇپ قالار. ناۋادا ئۇلار كىشىلەرگە ياقماي قالسا، تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن سەلبىي مىسال بولۇپ قالار. تەرجىمە ئەسلىي تىكىستتىكى ئۇسلۇب، شەكىل ۋە مەدەنىيەتنى تەرجىمان مەنسۇپ بولغان مەدەنىيەتنىڭ ئۇرانى بويىچە چۈشۈنۈشتىن خالىي بولالمايدۇ. شۇڭا، بۇ مەنىدە شېئىرنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن نەزەرىيەۋى ھۆكۈممۇ بارلىققا كەلگەن. ئامېرىكا شائىرى روبىرت فىروسىت :«شېئىر دەل تەرجىمە داۋامىدا يوقاپ كەتكەن نەرسە» دېگەنىكەن. كىمدۇر بىرى يۇمۇرلۇق قىلىپ، تەرجىمە شېئىرنى ئوقۇش گۈزەلنىڭ قولىنى قولياغلىقنىڭ ئۈستىدىن سۆيگەندەك بىر ئىش، دېگەنىكەن. قانداقلا بولمىسۇن، تەرجىمە شېئىر ئەسلىي شېئىرنىڭ ئۆزى ئەمەس. تەرجىمە ئەمەلىيىتى ۋە تەرجىمە نەزەرىيەسى تەرجىمىنىڭ ئەسلىي ئەسەردىن مۇئەييەن دەرىجىدە چەتنەش ئىكەنلىكىنى ئاساسەن مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. شائىرنىڭ ئۇسلۇبى پەقەت ئۇنىڭ ئىجادىيەت تىلىدىلا تولۇق كۆرۈلىدۇ. مىللەتلەر ۋە قوۋملارنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىگە بولغان ئېھتىياجى ئەدەبىي تەرجىمىدىكى تەۋەككۈل ئۇرۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شېئرىيەت تەرجىمىچىلىكى ئەسلىدىكى تېكىستكە بولغان ئاشىقلىقنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ھافىز شىرازى ئون خىل تىلدا ئون خىل ھافىزغا ئايلىنىدۇ. بۇلار پارىس تىلىدىكى ھافىزنى ئوربىتا قىلىدۇ. شائىرنىڭ روھى تەرجىمە ئارقىلىق ئۆزۈكسىز كۆچۈپ تۇرىدۇ ۋە يېڭى بىر ۋارىيانتتا ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا خېلى كۆپ تەرجىمە شېئىرلار بارلىققا كەلدى. بۇرۇن چەكلىك تەرجىمە ئەسەرلەرگە قاراپ قالىدىغان ۋەزىيەت ئاللىبۇرۇن كەلمەسكە كەتتى. ئوقۇرمەنلىرىمىز تاللاپ ئوقۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى، شېئىرلارنىڭ تەرجىمىلرىنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇش، سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى روياپقا چىقىپ بولدى. بىراق، تەرجىمە تەنقىدچىلىكى بىز تېخى ئۇلىشالمىغان پەللە بولۇپ قالدى. مەۋجۇتلۇق ۋەسۋەسىدە تۇرۇۋاتقان تىلنىڭ ئۇ دەرىجىدىكى تەتقىقات يۈكسەكلىكىگە يېتىشىنى كۈتۈش ھازىرچە مۇمكىنسىز بولسىمۇ، ئەمما تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆزلىگەن بىر تىل ھامان شۇ خىل پەللىگە ئات چاپتۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، بىزنىڭ شېئىرىيەت تەرجىمىچىلىكىمىز پىشىپ يېتىلگەن باسقۇچقا تېخى كىرگىنى يوق. بىز كۆپ ھاللاردا نۇرغۇن چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى نوقۇل خەنزۇچە نۇسخىلار ئاساسىدا تەرجىمە قىلىش بىلەن چەكلەندۇق. ئەسلىدە بىز لوركانى ئىسپانچىدىن، بودلېرنى فىرانسۇزچىدىن، ئېلىتىسنى گرىكچىدىن تەرجىمە قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. ئۇنداق قىلماي تۇرۇپ يېتىلگەن ئەدەبىي تەرجىمىلىچىكنى مەيدانغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقى بىزگە ئايان. ھازىرچە ئەمەلگە ئاشمىغان ئۇ تەلەپلەرنى يېقىن كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىمىزدىن كۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ. بىزنىڭ تەرجىمىلىرىمىز ئەنە شۇ ئەۋلادلارنىڭ نەزىرىگە قوپال بىر يالدامىدەك كۆرۈنۈشى تۇرغانلا گەپ. ھازىرقى ئەھۋالدا بىز شۇنى مۇئەييەنلەشتەرەلەيمىزكى، مەتبۇئاتلىرىمىزدىكى تەرجىمە شېئىرلار سۆز، جۈملە، قۇرۇلما نوقتىسىدىن يېڭىچە بىۋاسىتە سېزىم، يېڭىچە غىدىق بېغىشلاش بىلەن شېئىرىيىتىمىزگە مۇئەييەن لەززەت ئېلىپ كەلدى. بۇ يەردە پەقەت شېئىرىيەتكە بولغان مۇھەببەتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن، مۇۋەپپىقىيەت كېيىنگە قالدۇرۇلغان. مېنىڭ تەرجىمىلىرىمنىڭ كۆپلىرى خەنزۇچە مەنبەلەرگە تايانغان. بەزەن تۈركچە، ئۆزبېكچە مەنبەلەردىكى قولايلىقلارغا مۇراجەت قىلىندى. مېنىڭ تەرجىمىلىرىم تەرجىمە ساھەسىدىكى كەسپى ئوبراز ئۇرۇنۇشىدىن كەلگەن بولماستىن، پەقەت ئۆگىنىش ھېرىسمەنلىكىنىڭ مەھسۇللىرى، خالاس. |