ئەزىز نەسىن: كاتتا ئەرباب
يوللانغان ۋاقتى:25-01-2014
مەنبە: Tarimweb.com
مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 1 پارچە
كاتتا ئەرباب
كاتتا ئەرباب
ئەزىز نەسىن(تۈركىيە)
خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: باۋۇدۇن ھەسەن
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، فازىل ئەپەندى!
-ھە، ئۆزلىرىمىدىلە... ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! مۇشۇ كۈنلەردە مۇبارەك تەنلىرى ئوبدان تۇرغاندۇ؟
-يامان ئەمەس، يامان ئەمەس... يېقىندىن بېرى ئۆزلىرى ئوبدان تۇرغانلا؟
-ئىنشائاللا، ئۆزۈممۇ ئوبدان تۇرۇۋاتىمەن، ئۆزلىرىنىڭ تەنلىرى سالامەت بولغاي، ئىنشائاللا!
-دېگەنلىرىدەك بولغاي.
-ئاللا ئۆزلىرىگە ئامانلىق بەرسۇن.
-باياتىن كىم بىلەن بىللە بولغانلىقىمنى بىلەملا! ھەي ي، ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ قالىدىغانلىقىمنى زادىلا ئويلىماپتىكەنمەن دېسىلە.
-نېمە، نېمە دېدىلە؟ شۇ كىشىنى كۆردىلىمۇ؟
-ھەئە، كۆرمەك تۇرماق، بەخت-تەلىيم ئوڭدىن كېلىپ، تېخى ئۇ كىشى بىلەن پاراڭمۇ سېلىشتۇق دېسىلە!
-ۋاھ، خۇددى ئىككىمىز يۈز تۇرانە تۇرۇپ سۆزلىشىۋاتقىنىمىزدەك سۆزلەشتىلىمۇ؟
-ئەلۋەتتە شۇنداق... كۆردۇم دېگەندىكىن كېيىن كۆردۈم-دە. ئەپەندىم، بۇ چۈشۈم ئەمەس، قىل سىغماس ھەقىقەت!
-تېخى سۆزلەشتۇق دېسىلە؟
-شۇنداق...
-پاھ، نېمىدىگەن شەرەپ!
-شۇنداق ئەمەسمۇ...
-پېقىر بالىلىق چاغلىرىدا... بالىلىق چاغلىرىم دېگىنىم ئون ئالتە، ئون يەتتە ياشلىق چاقلىرىم ئىدى، بىر كۈنى رەھمەتلىك ئاتام بىلەن بىللە ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىگە بارغانىدۇق. شۇ چاغدا ئۇ كىشىنىڭ ئېيتقان بىر ئېغىز سۆزى ھېلىغىچە قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.
-ئەزىزىم، ئۇ كىشى نېمە دېگەنىدى؟
-ئۇ كىشى بىزگە ۋە ئەتراپتىكى مېھمانلارغا قاراپ:«قىش قانچە سوغۇق بولسا، ھوسۇل شۇنچە مول بولىدۇ» دېگەنىدى.
-نېمە دېدىلە؟ ئۇ كىشى شۇنداق دېدىمۇ؟
-شۇنداق دېدى، مەن بۇ سۆزلەرنىڭ زىر-زىۋەرلىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي، خۇددى مۆھۈر باسقاندەك ئېسىمگە ئېلىۋالدىم دېمەملا!
-نېمىدىگەن دانا ئادەم-ھە!
-ئاندىن ئۇ كىشى مېھمانلارغا:«توڭلىغۇدەك بولساڭلار، مەشكە كۆمۈر سېلىپ ئوتنى ئۇلغايتىڭلار» دېدى.
-پاھ، ئۇ كىشىنىڭ سۆزلىرى نېمىدىگەن پاساھەتلىك ئۇلۇغ ھەقىقەت! ئەپەندىم، بۇ سۆزلەر قارىماققا ئاددىيدەك بىلىنسىمۇ، مەزمۇنى زىيادە چوڭقۇر ئىكەن!
-شۇنداق، بۇ سۆزنى ئۆزلىرى بىلەن مېنىڭدەكلەر دېسەك ئاددىيلا بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭدەك كاتتا ئەربابلار دېسە قىممىتى ئالتۇنغا توختايدۇ، دېسىلە. مەن بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىدىممىكىن...
-چۈشەندىم، چۈشەندىم...
-خوش، ئەمدى سىلەر سۆھبەتتە بولغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئېيتىپ بەرسىلە قانداق؟ ئۇ ئەرباب نېمە دېدى؟ مۇبادا ئەقىللىرىنى جورۇپ ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىنى قويماي ئەستە تۇتۇۋالغان بولسىلا تولىمۇ ئوبدان ئىش بولىدىكەن!
-ھەي ئۇنچىلىك كاتتا ئەرباب بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولۇش چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەنىكەن، ئۇنداق بولمىغاندا، ئالدىنئالا ئۈنئالغۇ ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئالتۇندەك ۋەزنى بار گەپلىرىنى بىر-بىرلەپ خاتىرىلىۋالاركەنمەن...
-ئۇلۇغ تارىخىي قىممەتكە ئىگە سۆزلەرنى خاتىرىلىۋالماي يامان قىلىپلا.
-مەن شۇنچە قىممەتلىك پۇرسەتنى قولدىن بېرەتتىمۇ دەيلا. مەن ئاۋۋال قۇلىقىمنى دىڭ تۇتۇپ، بىرىنىمۇ قالدۇرماي تازا زېھىن قويۇپ ئاڭلىۋالدىم. ئاندىن ئەتراپتىكى كىشىلەر دىققەت قىلماستا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى دەپتەرگە تىركەپ قويدۇم.
-ئاي-كۈنىنى يېزىپ قويغان بولىسىلا ئوبدان بولار ئىكەن...
-ئالدىرىمىسىلا، مەن قايسى ئاي، قايسى كۈن، قايسى سائەت ئىكەنلىكىنىمۇ يېزىۋالدىم. ھەتتا قايسى جايدا سۆزلىگەنلىكىنىمۇ قالدۇرمىدىم.
-بەك ئوبدان قىلىپلا ئەپەندىم. بۇ چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە خاتىرىنىڭ قىممىتى كۈنسايىن ئېشىپ بارغۇسى...
-بۇ قىممەتلىك خاتىرىنى تەۋەررۈك قىلىپ ئەۋلادلىرىمىزغا مىراس قالدۇرىمىز. ئۇلار بۇنىڭدىن ئەبەدىلئەبەد بەھرىمەن بولغۇسى.
-خوش، ئۇ كىشى يەنە نېمىلەرنى دېدى؟
-بۈگۈن ئەتىگەن مەن كاتكاي پرىستانىدا پاراخوت كۈتۈپ تۇرغىنىمدا بىر توپ كىشى دىققىتىمنى تارتتى، توپقا شۇنداق قارىسام كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇ كىشى تۇرۇپتۇ...
-ئاشۇ كىشىمىكەن؟
-شۇ كىشى، دەل ئۆزى...
-شۇ چاغدا ئۆزلىرى... -دەسلەپ چۆچۈپ كەتتىم، سەل ئۆزۈمگە كېلىۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ئالدىغا بېرىپ قولىنى سۆيدۈم. ئاندىن بىللە پاراخوتقا چىقتۇق... پاراخوتقا ھەممە كىشى ماڭا ئوخشاشلا ئۇ كىشىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا تەقەززا بولۇپ ئاغزىغا قاراپلا قالدى.
-پاھ!... -ئاھ... -ئۇ نېمە دېدى؟
-ئۇ پاراخوت بۆلىمىسىگە كىرىپلا: «ۋاي-ۋاي! بەك چارچاپ كەتتىم، بىردەم ئولتۇرۇۋالاي» دېدى.
-يائاللا، يائاللا!... مەنىسى نەقەدەر چوڭقۇر-ھە! بەك چارچاپ كەتتىم، بىردەم ئولتۇرۇۋالاي» قارىسىلا بۇ گەپنى! دۆلەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، بەك چارچاپ كېتىپتۇ ھەييي، بەك چارچاپ كەتكەن...
-ئۇ كىشى سۆزلەۋاتقانداق، ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلاپتىمەن... شۇ يەردە تۇرغان كىشىلەرمۇ... -شۇنداق-تە، كىمنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلمىسۇن دەيلا؟ قارىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ بايانىنى ئاڭلاش بىلەنلا مېنىڭ كۆزلىرىممۇ نەملىشىۋاتىدۇ، ئاندىنچۇ؟
-ئاندىن، مۇلازىمى چاي ۋە قەھۋە سېتىۋېلىۋاتقاندا، بىرەيلەن ئۇ كىشىدىن چاي ئىچەملىكىن دەپ سورىۋىدى...
-ئۇ كىشى نېمە دېدى؟
-ئۇ كىشى «چايغۇ ياخشى نەرسە، بىراق تاماقتىن ئىلگىرى چاي ئىچكەندە ئادەمنىڭ ئىشتىيى تۇتۇلىدۇ» دېدى.
-بۇرادەر، كاتتا ئادەمنىڭ گېپىمۇ كاتتا بولىدىكەن...
-دېگەنلىرى بەرھەق، بەرھەق... ئاندىن ئۇ كىشى بىر يىگىتتىن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سورىدى. ئۇ يىگىت ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكومىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ زات: «جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش يۈكىنى ئىنژېنىرلار زىممىسىگە ئالغان» دېدى.
-نەقەدەر ھېكمەتلىك سۆز-ھە!
-مەن كېيىن ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىسۇن دەپ، ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىر سۆزىنى خاتىرە دەپتىرىمگە تىركەپ تۇردۇم. تازا قىزىق سۆھبەت بولۇپ تۇرغاندا، ئۇ زات بىردىنلا نېمىگىدۇر دەرغەزەپ بولۇپ: «ئەھۋال بەتتەرلىشىپ كەتتى!...» دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
-ئوھۇي!... شۇنداق دېدىمۇ؟
-ھەئە، بەتتەرلىشىپ كەتتى، دېدى.
-راستتىمنى دېسەم، ئۇ بەتتەرلىشىپ كەتتى دەپ ئۆز ئەھۋالىنى دەمدۇ، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى دەمدۇ ياكى دۆلەتنىڭ ئەھۋالىنى دەمدۇ، بۇنى بىلمەيۋاتىمەن. -ئەپەندىم بەتتەرلىشىپ كەتتى دېدىمۇ، چوقۇم مەلۇم نەرسىنى كۆزدە تۇتقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەتتەرلىشىپ كەتكىنىمۇ راست.
-بۇ سۆزنى خاتىرىلىۋالدىلىمۇ؟
-خاتىرىلىۋالمامدىغان...
-خويمۇ ئوبدان قىلىپلا، بەكمۇ ئوبدان قىلىپلا... ئۇ ئەربابنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى پۈتمەس-تۈگىمەس چوڭقۇر مەنە ئالغان... ھەي ئەپەندىم. ھازىر ئەھۋال، دېمىسىمۇ بەك بەتتەر... دېمەكچىمەنكى، ئۇ ئەربابنىڭ ئاغزىدىن چىققانلىكى سۆزىنى قويماي تىركەپ ئالدىم دېسىلە؟
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------