-ھەئە... ھوي-راست. بىر قېتىم خاتىرىلىيەلمەي قالدىم... -نېمىشقا؟ -شۇ كۈنى ئۇ بىرنى كېكىرىۋىدى... ناھايىتى ئۈنلۈك كېكىرگەنىدى... ھەممەيلەن ئاڭلىدى... -يائاللا، كېكىردىمۇ؟ قانداق كېكىرىدىكەن؟ -نورمال... لېكىن، ئەپەندىم، شۇنچە كۆپ يىل جاپا چەككەندىكىن... -چۈشەندىم، دېمەك ئۇ كىشىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى بۇزۇلغان... -توغرا ئېيتتىلا. بىچارىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي بۇزۇلغان. ئۇ زات مىللەت ئۈچۈن يۈرەك قېىنى سەرپ قىلدى ئەمەسمۇ... -شۇنداق... -يەنە نېمىلەرنى دېدى؟ -ئۇ كىشى پاراخوتتا كېيىن... ئاپلا، يەنە نېمىدىگەن بولغىيتتى...ھە، ئېسىمگە كەلدى، پاراخوت پرىستانغا يېقىن كەلگەندە ئەتراپتىكىلەرگە: « ۋەتەن بىزنىڭ ئانىمىز، دۆلەت بىزنىڭ ئاتىمىز، ئۇ سىلەرنىڭ قۇربان بېرىشڭلارنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ...» دېدى. -دۇرۇس، مانا بۇ مەڭگۈلۈك ھەقىقەت... سەل تەخىر قىلغايلا، ھاياجانلانغانلىقىمدىن كۆز ياشلىرىمنى ئاران توختىتىۋېلىۋاتىمەن... -كىشى دائىم ئاشۇ زاتنىڭ يېنىدا بولىدىغان بولسا، قانچىلىك تەلىم ئالار-ھە؟ -ئۇ زاتنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىنى كىتابقا يېزىپ تەۋەرۈك قىلسا ئەرزىيدۇ. -ۋاقىتنڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ قىممىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى... -شۇنداق، شۇنداق... -بىز قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، ئۇ زات ئاسمغانغا قاراپ قويۇپ؛ «ئەتە ھاۋا ياخشى بولغۇدەك» دېدى. -ھىم! بۇ سۆزدە باشقا بىر مەنىمۇ بار... -ئۇنىڭ ھەر سۆزى قوش مەنە بېرىدۇ. قارىماققا ئاددىي... «ئەتە ھاۋا ياخشى بولىدۇ» بۇ نەقەدەر مەنىلىك سۆز! -شۇنداق، بۇ نەقەدەر ئۇلۇغ سۆز... -ئەپەندىم، مېنى چوڭقۇر تەربىيىگە ئىگە قىلدىلا... ئىجازەت بەرگەيلا، پېقىر... -تەكەللۇپ قىلمىسىلا... -خەير-خوش، پېقىر ئالدىلىرىدا كېتىدىغان بولدۇم... -خوش ئەمىسە ئەپەندىم... -يەنە كۆرۈشەرمىز، فازىل ئەپەندىم...
|