قاغا دوستۇم،ئەي قاغا دوستۇم ماڭا قارا،مېنى تاللىغىن،مېنى كۆرىۋال دەپ ئۇ قاغىلارغا يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ. قاغىلار ئۇچۇشنى،ئادەملەر ۋارقىراشنى داۋام قىپتۇ،بىر يوغان قاغا پەسكە قاراپ شۇڭغۇپ ياخشىلىق قىلىمەن دەپ تاغۇ-تاش،يۇرت-باغلار ئارا كېزىپ يۈرگەن ھېلىقى ئادەمنىڭ بېشى ئۈستىدە ئەگىپ ئۇچۇپتۇ،ئەگىپتۇ،ئەگىپتۇ ئاخىرىدا قاق! دەپلا ئۇنىڭ بېشىغا چىچىپ قويۇپلا يۇقىرغا كۆتۈرلۈپتۇ. -ئۈچتە بىر پادىشاھ بولدۇڭ،ئۈچتە بىر پادىشاھ بولدۇڭ دېگىنىچە كىشلەر ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ۋارقىراشقا باشلاپتۇ. نېمە ئىشلار بولىۋاتقىنى بىلەلمەي قالغان ئۇ ئادەم يېنىدىكى ساقاللىق كىشىگە: -نېمە بولىۋاتىدۇ؟ دەپتۇ. -بۇ يەردە پادىشاھ مانا مۇشۇنداق سايلىنىدۇ،بىر قاغا بىرسىنىڭ بېشىغا ئۈچ قېتىم چىچسا ئۇ كىشى بۇ دۆلەتكە پادىشاھ بولىدۇ،سەن ھازىر ئۈچتە بىر پادىشاھ بولدۇڭ،دۇئا قىل،قاغا يەنە سېنىڭ بېشىڭغا چىچسۇن. دېگەندەك قاغا بىر ئەگىپ يەنە شۇ ئادەمنىڭ بىشىغا چىچىپتۇ. مەيداندىكى كىشلەر يەنە : ئۈچتە ئىككى پادىشاھ بولدۇڭ دەپ توۋلاشقا باشلاپتۇ.قاغىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم يەنە ئۇ ئادەمنىڭ بېشىغا چىچماسلىقى ئۈچۈن ھەممەيلەن بەس-بەستە باشلىرىنى چىقىرىپ : -قاغا دوستەك،مېنىڭكىگە چىچ،مېنىڭكىگە ،قارا بۇ يەرگە ! دەپ قاغىغا يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ. -قاغا بۇ سۆزلەرگە پىسەنت قىلماستىن ئۈچىنچى قېتىم يەنە شۇ ئادەمنىڭ بېشىغا چىچىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇ ئادەمنى :«پادىشاھ بولدۇڭ!» دەپ مۈرىسىگە ئېلىپ سارايغا ئېلىپ مىڭىشىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ ئادەم پادىشاھ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى پادىشاھ قىلغان قاغىلارنىڭ بۇ ياخشىلىقىنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ.پۈتۈن گۈلزارلىق ۋە ئېتىزلىقلارنىڭ چۆرىسىدىكى رىشاتكىلارنى قومۇرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن پەرمان چىقىرىپتۇ،قاغىلارغا تاش ئاتقان،قوغلىۋەتكەنلەر سوتقا تارتىلىپ جازالىنىپتۇ،بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي ھەر ئائىلىنى قاغىلارغا بىر چاڭگالدىن يەم بىرىشكە بۇيرۇپتۇ. خەلق غودوڭشىشقا باشلاپتۇ،ئەمما پادىشاھنىڭ كۆزى قاغىلاردىن باشقىنى كۆرمەپتۇ،مۇشۇنداق قىلىپ بىر يىل ئۆتۈپتۇ،يېڭى سايلام باشلىنىپتۇ. كەنتتىكى كىشلەر يەنە مەيدانغا توپلىنىپتۇ،يەنە ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ تاللىنىشى ئۈچۈن قاغىلارغا يالۋۇرۇشقا ،خەلققە قانداق ياخشىلىقلارنى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلىرىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ.قاغىلار توپ-توپ بولۇپ ئۇچۇپ كىلىشكە باشلاپتۇ ،كۆك يۈزىنى يەنە قارا بولۇت قاپلاپتۇ.قاغىلارنىڭ قاقىلداشلىرى قۇلاق-مېڭىنى يەپتۇ.ھەر يىلى پادىشاھنى پەقەت بىر قاغا تاللىغان بولسا بۇ يىل،پادىشاھنىڭ ئىلتىپانىنى كۆپ كۆرگەن قاغىلار ئۇنىڭغا رەھمەت ئىيتىش ئۈچۈن ئون قاغا بىر گورۇپ بولۇپ كېلىپ پادىشاھنىڭ بېشىغا ئۈچ قېتىمدىن چىچىشىپتۇ.شۇنداق قىلىپ ئۇ ئادەم يەنە بىر نۆۋەت پادىشاھ بوپتۇ،قاغىلارنىڭ بۇ ياخشىلىقىغا تېخىمۇ ئوبدان جاۋاب قايتۇرۇش نىيىتىگە كەپتۇ.ھەر بىر ئائىلىگە يىگىرمە قاغىنى بېقىش ۋەزىپىسىنى بېرىپتۇ،قاغىلارنىڭ سوغۇقتىن،شامالدىن قوغدىنىشلىرى ئۈچۈن ئۇۋىلارنى ياسىتىپتۇ.قاغىلار بېقىلغانچە سەمىرىپ يوغىناپ توخۇدەك بوپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ يەنە بىر يىل ئۆتۈپ يەنە بىر سايلام يېتىپ كەپتۇ،پادىشاھنىڭ بۇ قىلىقلىرى كۆزىگە سىغمىغان خەلق غودۇراپتۇ،غودۇراپتۇ،ئەمما ئۇلار نېمىمۇ قىلالىسۇن؟بۇ قېتىم توخۇ چوڭلۇقتىكى يۈز قاغا ئۈچ قېتىمدىن كونا پادىشاھنىڭ بېشىغا چىچىپتۇ.ئۈچىنچى قېتىم پادىشاھ بولغان ئۇ ئادەم بۇ قېتىم قاغىلارنىڭ ئۈستىدە بىر تالمۇ پىت بولۇشقا يول قويماسلىق،قاغىلارنى يۇيۇپ تازىلاش،ئۇلارنىڭ پۇتلىرى پارقىراپ تۇرۇش،تىرناقلىرىنى ياغلاش بۇيرۇقىنى بېرىپتۇ.بۇ ئېسىل كۈتۈشلەر ئارقىسىدا قاغىلار قوي چوڭلۇقىدا يوغىناپ،كۈندىن كۈنگە تىز سۈرەتتە كۆپىيىپ كەنتكە پاتمىغىدەك ھالغا كەپتۇ.يەنە سايلام ۋاقتى كەپتۇ.بۇ قېتىم پادىشاھقا بولغان ۋاپادارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش ئۈچۈن بەش يۈز قاغا ئۈچ قېتىمدىن كونا پادىشاھنىڭ بېشىغا ھەدىيەلىرىنى تۆكۈپتۇ. پادىشاھمۇ ئۇلارغا شۇنداق ياخشى مۇئامىلىدە بوپتۇكى، قاغىلاردىن ئۆزىلىرىگە يەر ئاشمىغان خەلق ئۆيىنى،يۇرتىنى قاغىلارغا كەڭرىچە تاشلاپ بېرىپ تاغ-باياۋانلارغا ماكانلىشىپتۇ.كۆڭۈل قويۇپ بېقىلغان قاغىلار يوغىناپ كالا بىلەن تەڭلىشىپتۇ.يەنە بىر سايلام ۋاقتى كەپتۇ،ھاۋادا كالا چوڭلۇقىدىكى يوغان قاغىلار قاقىلداپ ئۇچۇشقا باشلاپتۇ،ئۇلارنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىدىن يەر –زىمىن تىترەپ قۇلاقلار پاڭ بوپتۇ.قاغىلار پادىشاھقا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ قېتىم ھەممىسى بىراقلا كېلىپ،پادىشاھنىڭ ئۈستىگە رەھمىتىنى تۆكۈپتۇ. كىشلەر پادىشاھنى سارايغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يېقىنلاشقىنىدا كۆرۈپتۇكى قاغا پوقلىرى ئېگىز بىر تاغنى ھاسىل قىلغان،پادىشاھ بولسا بۇ تاغنىڭ ئاستىداتۇنجۇقۇپ،مىجىلىپ ياتقان. كىشلەر خۇشاللىقتىن دوپپىسىنى ئاسمانغا ئېتىپ : -قاغا دوستەك مېنى تاللا،مېنى ! دەپ تالىشىپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ. ئەزىز نەسىننىڭ «يۇرتلارنىڭ بىرىدە» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 1- سانىدىن ئېلىندى |