11 پاراخوتتىن چۈشۈشىمىزگىلا ئەرك ئال ئەقلىگە كېلىپ قورسىقىمىزنىڭ ئاچقانلىقىنى دېدى. خېلىدىن بېرى قورسىقىمىز ئاچ ئىدى، لېكىن ئارىمىزدىن بىرەر قارا كۆز يىگىتنىڭ ھەمياندىن پۇل چىقىرىپ ھەممىمىزگە تاماق بۇيرۇتقىسى يوق ئىدى. شۇڭا بۇنداق مەردلىكنى بىر - بىرىمىزدىن ئۈمىد قىلىپ، بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچمايتتۇق، تاماق بۇيرۇتۇشنىڭ ئۆزىمىزگە ئارتىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئاچلىق توغرىسىدا گەپ قىلمايتتۇق، يولغا چىقىشتا قانداقلا بولمىسۇن بۈگۈنكى كېتەرلىكلەرنى ھەممىمىز تەڭ ئۈستىمىزگە ئالىدىغانغا كېلىشكەن بولساقمۇ، يەنىلا پۇل چىقىرىشنى خالايدىغان مەرد بىرسىنىڭ چىقىشىنى ساقلاۋاتاتتۇق. ئامېرىكىلىق ئايالنىڭ ئاچلىقتىن تولغىنىپ كەتكىنىنى كۆرگەن ئەرك ئال خۇددى بىز ئۇنى بىلمىگەندەك، قورسىقى ئاچلىقتىن ئاچچىقى كېلىپ، بۇ ئىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ چاغدا ئابباس ئەپەندى بۇ يەردىن مېڭىپ گۈلخانا باغچىسىغا پىيادە كېتىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ تەكلىپكە ئاچچىقى كەلگەن سېلىم خوجا ئۇنىڭغا: - ھەي، ئەخمەق ئابباس ئەپەندى، گۈلخانا باغچىسىدا بىزگە بىكاردىن زىياپەت بېرىلىدىغاندەك بىزنى ئۇ يەرگە ھەيدەيسەنغۇ، - دېدى. ئابباس ئەپەندىمۇ بۇ تەكلىپنىڭ تۆت سەۋەبى بارلىقىنى، بىرىنچى گۈلخانا باغچىسىغا پىيادە كەتسەك كىرا پۇلىنى تېجەپ قالىدىغانلىقىمىزنى، ئۇ يەرگە بارغۇچە رېدماۋىس خانىمغا ئىستانبولىمىزنىڭ ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان جايلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىمىزنى؛ ئىككىنچىسى، گۈلخانا باغچىسىنىڭ ئىستانبولنىڭ ئەڭ گۈزەل يەرلىرىنىڭ بىرى بولغاچقا سېلىم خوجىغا بىلىمىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى بېرىدىغانلىقىنى، ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك سەۋەبنىڭ گۈلخانا باغچىسىدا ۋاقىتلىق ئۇششاق تىجارەتچىلەر بولغاچقا، قورسىقىمىزنى ئەرزانلا تويغۇزالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. بۇنىڭغا قارىتا سېلىم خوجا: - ئەقلىڭگە بارىكاللا ئابباس ئەپەندى، بۇنچىلىك كاللام ئىشلەيدۇ دېگىن. نېمىشقىكىن گېرمانىيەدە يوقاپ كەتمەي، يەنە ئايالىڭنىمۇ يوقىتىپ قويغىنىڭنى ھېچ چۈشەنمىدىم، - دېدى. مېڭىپ گالاتا كۆۋرۈكىنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق. كۆۋرۈكتە كېتىۋاتساق ئەمەلىيەتتە بەك چوڭقۇر بىلىمى بار سېلىم خوجا: - ئوغلۇم ئەرك ئال، دېگەنلىرىمنى بىر سۆزمۇ چۈشۈرۈپ قويماي رېدماۋىس خانىمغا تەرجىمە قىلىپ بەر، - دەپ، سۆزلەشكە باشلىدى، - بۇ ئوڭ تەرىپىمىز قەدىمدىن بېرى دېڭىز ئىدى، لېكىن ھازىر بولسا چاتما كېمىلەردىن، تاشلاندۇق قېيىقلاردىن، ھەر خىل دېڭىز قاتنىشى تاشلاندۇقلىرىدىن، شۇنداقلا ئەخلەتلەر بىلەن كۆرۈنمىگەن يەرلەر قولتۇق دېيىلىدۇ، سول تەرىپىمىز بولسا بوغۇز ئىچى دېيىلىدۇ. بوغۇز ئىچىنىڭ فىرانسۇزچىسى بوسفور بولۇپ، قولتۇقنىڭ فىرانسۇزچىسى ئالتۇن مۈڭگۈز دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ بىر كىچىك دېڭىز پارچىسى، بۇنىڭ كەڭرى ئېغىزى بۇ گالاتادا بولۇپ، قەغەزخانا دەرياسىغا سوزۇلۇپ بىر مۈڭگۈز شەكلىدە بولغانلىقىدىن ۋە كۈنپېتىشتىكى سۇلايمانىيە ئۈستىدىن قوياشنىڭ سېرىق نۇرلىرى قولتۇقنىڭ سۇ يۈزىگە سېپىلىپ، سۇلارنى سېرىق ئالتۇن رەڭگىگە كىرگۈزگەن، بۇ رەڭ غايەت زور قولتۇقنىڭ ئاستىدىن پۈتكەن بۇ مۈڭگۈزنىڭ ئۈستىگە يېيىلغاندىكى گۈزەللىكنى كۆرگەن چەت ئەللىكلەر ئاغزىنى ئېچىپ قېلىپ، ئەقلى لال، تىلى گال بولۇپ ۋە قوللىرىنى پېشانىسىگە ئۇرۇپ، “بىزدە ئالتۇن رەڭلىك دېڭىزلار بەك ئاز” دېيىشىپ بۇ يەرگە ئالتۇن مۈڭگۈز ئىسمىنى قويۇشقانىدى. سېلىم خوجا ئات ھارۋىسىنىڭ تۆمۈر چاقى بالونسىز ماڭغاندا غاچۇر - غۇچۇر ئاۋاز چىققاندەك سۆزلەرنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ شۇنداق تېز سۆزلىدىكى، بۇلارنى تەرجىمە قىلىپ ئۈلگۈرەلمىگەن ئەرك ئال: - خوجا ئاكا، قۇربان بولاي، ئىككى ئېغىز سۆز ئارىسىدا بىر تىنىۋالغىن، بولمىسا مەن سېنىڭ دەسلەپتە نېمە دېگىنىڭنى چۈشىنىپ ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىشقا پۇرسەت بولمايدىكەن، - دېسىمۇ بىرئاز سۈرئەت ئاستىلىتىشنىڭ ياكى توختاپ تۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. ئۇ داۋاملىق سۆزلەيتتى: - قاراڭ، بۇ بوغۇز ۋە قارشى تەرەپتىكى ئالتۇن مۈڭگۈز، دەپ ئاتالغان زېمىندىكى گۈزەللىككە قاراڭ. مىليونلارچە ئەپسۇس، بىزدەك قەدرىگە يەتمەيدىغانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ ۋەيران بولدى، بىچارە ئالتۇن مۈڭگۈز گەندە ئورىكىگە ئايلانغىلى تۇردى. قولتۇق دېيىلىدىغان بۇ يەر يۈزىدىكى جەننەتنىڭ ئەتراپلىرىغا ھەر خىل زاۋۇتلارنى قۇردى، گۈزەل دېڭىزنى زاۋۇت چىقىرىندىلىرى، سۈرۈندىلەر، قۇشخانىلاردىكى ھايۋانلارنىڭ پوق - سۈيدۈكلىرى، قان ۋە تېرىلىرى بىلەن توشقۇزۇپ بولدى. يەنە ئۆيلەرنىڭ، زاۋۇتلارنىڭ مەينەت سۇلىرىنى چىقىرىدۇ. ئىنساننىڭ چىقارغىنى ۋە ھايۋاننىڭ قىغ - تېزەكلىرىنى تۆككىنى ئاز كەلگەندەك، كېمە - قېيىقلارنىڭ تاشلاندۇقلىرىنىمۇ چۆكتۈرۈۋېتىشىدۇ. قولتۇقنىڭ سۈيىدە بېلىقلارنى، ھاۋاسىدا قۇشلارنى زەھەرلەپ، ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچ بىر جانلىقنىڭ ياشىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بىر زەھەرلىك گاز بۇلىقىغا ئايلاندۇرغىنىمىزغا كۆپ رەھمەت. ئۇنىڭ مەملىكىتىمىزنى بۇنداق پەسلەشتۈرۈپ دېگەن سۆزلىرىگە چىدىماي، قىزىغان قانلىرىم بېشىمغا تەپتى، مىللىيەت تۇيغۇم ئۇرغۇپ: - ھەي خوجا، دېگەنلىرىڭنى قارا، ھەي خائىن خوجا، مانا خائىنلىقىڭ ئاشكارىلاندى، بولدى قىل، ئاغزىڭنى يۇم، - دەپ ساقىلىدىن نومۇس قىلمىغان بۇ نامەرتنىڭ ئالدىغا ئېتىلسام، ھاقارەتلەنگەن سېلىم خوجا داۋاملىق سۆزلەشكە باشلىدى: - قولتۇقنى شۇ قەدەر مەينەت قىلدۇقكى، بىچارە قولتۇقنىڭ سۇلىرى يىرگىنىپ، مەينەت بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن پېشىنى قېقىپ كەتكەنسېرى قولتۇق ئىچىدە سۇلار سېسىشقا، يەر يۈزى ئارال بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى، پەيدا بولغان بۇ ئاراللار نامراتلارنىڭ كەپىسى بىلەن تولۇشقا باشلىدى. قەيەرگىلا بارساق شۇ يەرنىڭ سۈيىنى قۇرۇتۇۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن پات ئارىدا بىچارە قولتۇقنىڭ سۈيىنى تولۇق قۇرۇتۇپ، ئۇ يەرنىمۇ پارچىلاپ سېتىش مۇقەررەرلىشىپ قالدى. ئەرك ئال سېلىم خوجىنىڭ دېگەنلىرىنى يېرىم - ياتا بولسىمۇ ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندا، رېدماۋىس خانىم دېڭىز قولتۇقىنىڭ بولغىنىشىغا قارشى قانداق تەدبىر قوللىنىلغانلىقىنى سورىدى. بۇنىڭغا قارىتا سېلىم خوجا مۇنداق دېدى: - بىز قولتۇقنى بىكارغا بۇلغىمىدۇق، ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز بار. چۈنكى نوپۇسىمىزنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىنى چەكلەش ئۈچۈن بۇ قولتۇقنى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بىز بۇ دېڭىزنى بۇزۇپ ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرمىغان بولساق، ھازىرقى بىزنىڭ نوپۇسىمىز 40 مىليون ئەمەس، خۇدايىم ساقلىسۇن، 400 مىليون بولۇپ كېتەتتى. بۇ 40 مىليوننى باقالماي تۇرغاندا، ئۇ چاغدا قانداق قىلاتتۇق؟ چۈنكى بىزنىڭ ئاياللىرىمىز بەك تۇغۇمچان، ئەرلىرىمىز بەك ئۇرۇقلۇق بولغاچقا، ئەخلەتخانىدىن تارقىتىلىدىغان ئەرلەرنىڭ ئەركەكلىكىنى كېسىدىغان ۋە ئاياللارنى ھامىلىدار قىلمايدىغان بىر زەھەرلىك گازلار بولمىسا، يىلىغا مىليونلاپ نوپۇس كۆپىيىپ كېتەتتى. شۇڭا ئەخلەتخانىلىرىمىز ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە قولتۇقتىن تارقالغان گازلار سەۋەبىدىن نوپۇسىمىز پەقەت يىلدا %3 كۆپىيىۋاتىدۇ. بىزمۇ بۇنىڭ يېرىمىنى گېرمانىيەگە، ئاۋسترالىيەگە، چەت ئەللەرگە يولغا سېلىپ، قالغىنىنى يېرىم ئاچ، يېرىم توقلۇققا ئۇلاشتۇرۇپ كېتىۋاتىمىز. يەنى بۇ قولتۇق بىزنىڭ نوپۇسىمىزنى چەكلەپ تۇرىدۇ. قولتۇق دېيىلىدىغان بۇ دېڭىز بۇلغىنىش ئەخلەتلىرىدىن شۇنداق بىر گاز چىقىرىدىكى، بۇ قىرغاقلاردا ۋە ئەتراپلاردا كۆپ ئەمەس، ئۈچ كۈن ئىچىدە بۇ گازلاردىن نەپەسلەنگەن ئەرلەر ئەرلىكىدىن قېلىپ، ئاياللار تۇغماس بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئەيۇب قەبرىستانلىقىنىڭ ئىگىسىز قالغانلىقىنى ۋە پەرىشانلىقىنى كۆرۈپ، ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ساياھەتچىلەر بۇ يەرلەرنى بىر - ئىككى سائەت ئايلىنىدۇ. ئاللا تائالا خالىسا، ئۇلارمۇ ئەڭ ئۇزاق بولغاندىمۇ بەش يىل ئۆتسە جىنسىي ئىستەكتىن قېلىپ، خوتۇنلىرى بىلەن ئاچا - سىڭىل، ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇق - تۇغقان بولۇپ قالىدۇ. ئەرك ئال سېلىم خوجىنىڭ سۆزىنى تەرجىمە قىلىۋېتىپ، “ئانتىسېكس” )جىنسىي پەرقى يوق( دېگەن بىر گەپنى چىقىرىشى بىلەن رېدماۋىس خانىم كۆۋرۈكنىڭ قولتۇق تەرىپىدىن ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماقچى بولغاندەك قارشى تەرەپكە ئاتتى. ھەممىمىز بىرلىكتە گالاتا كۆۋرۈكىنىڭ بوغۇز ئىچى يېنىدىكى پىيادىلەر يولىغا ئۆتكۈچە تېشىلا ئەمەس، ئىچى غۇچچىدە بىلىم بىلەن تولغان سېلىم خوجا بۇ قېتىممۇ بوغۇز ئىچىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. - ئەپەندىم، بوغۇز ئىچىنى چەت ئەللىكلەر بوسفۇر دەيدۇ. نېمىشقا شۇنداق دەيدۇ؟ چۈنكى تارىخ ئاتىسى ھېرودىت كىتابىنىڭ بېشىدا بۇنى چۈشەندۈرىدۇ. ھېلىن تەڭرىلەرنىڭ چوڭى بولغان زېۋىستۇر، ئۇ ھەر نوچى يىگىتلەرگە ئوخشاش خوتۇنىدىن قورقىدىغان بولغاچقا، ئايالى ھېرادىن بەك قورقىدىكەن. تەڭرى ھېرامۇ دۈشمەنلەرگە قارشى مەيدانى روشەن بىر ئايالدۇر... زېۋىس ئايالىدىن قورقىدىكەنۇ، لېكىن خوتۇنپەرەسلىكتىن بېرى كەلمەيدىكەن. خوتۇنىدىن يوشۇرۇنچە ئاشنا - ئاداش ئوينايدىكەن، پادىشاھ ئىناكۇسنىڭ قىزى گۈزەللەر گۈزىلى ئىئوغا كۆڭلى بار ئىكەن. ئاخىرىدا قىزنى قەپەسكە سولاپ ئۆزى خالىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدىكەن. كۈنلەمچى ئايالى ھېرا بولسا نىيىتىنى بۇزۇپتۇ، بىچارە ئىئونى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بوپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىئومۇ تەڭرىلەر شاھى زېۋىستىن ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ. تەڭرىلەر شاھى بولغان زېۋىس ئايالىنىڭ قىلمىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىئونى بىر ئىنەك ھالىتىگە كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ. زېۋىسنىڭ ئايالى بۇنىڭغىمۇ بولدى قىلماپتۇ، بۇ بوغاز ئىنەكنىڭ ئارقىسىغا بىر كۆكۈيۈن كىرىۋاپتۇ. كۆكۈيۈن چاقسا بۇ بوغاز ئىنەك ئۆزىنى ئۇياقتىن بۇياققا ئاتىدىكەن، بولمىسا موزىيى بويىدىن ئاجراپ كېتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەردىن قاچا - قاچا، ياۋروپادىن بوغۇز ئىچى ئارقىلىق ئاسىياغا، ھازىرقى كادىكۆينىڭ ئورنىدىكى يەرگە كېلىپ توختاپتۇ. ئىنەك بوغازدىن ئۆتۈپتۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يەر “ئىنەك ئۆتكەن” دېگەن مەنىدە بوسفۇر دەپ ئاتىلىپتۇ. بىزنىڭ ئەرك ئال سېلىم خوجىنىڭ دېگەنلىرىنى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلالىغانمىدۇ، قىلالىغان بولسا رېدماۋىس خانىم بۇلاردىن بىرەر نەرسىنى چۈشىنەلىگەندىمۇ؟ بۇلارنى بىلەلمىدىم، لېكىن توغرىسىنى ئېيتقاندا، مەن سېلىم خوجىنىڭ ھەر ساھەدىكى بىلىمىدىن ھەيران قالدىم. سېلىم خوجا ئۆز گەپلىرىنىڭ ھاياجېنىغا چۆكۈۋاتقىنىدا رېدماۋىس خانىم پەرياد ئېتىپ ۋارقىراشقا باشلىدى. يەنە باشقا ۋاقىتتىكىگە ئوخشاشلا خۇشال بولغان ياكى قايغۇرغانلىقى ئېنىق بولمىغاچقا نېمىشقا پەرياد ئەيلىگەنلىكىنى بىلەلمىدۇق. ياكى قېرىندىشى ئايغا يېتىپ بارغاچقا ۋارقىرىدىمۇ ياكى قورسىقى ئاغرىپ كېتىپ ۋارقىرىدىمۇ، بۇنى بىلەلمىدۇق. ئۇ ئايال ۋارقىراۋاتقان يېرىدە پىرىلداپ چۆرۈلەتتى. بۇنىڭ نېمە ئىشلىقىنى كېيىن ئابباس ئەپەندىدىن ئاڭلىدۇق. كۆۋرۈكنىڭ قىرىدىكى تۆمۈر رېشاتكىلارنىڭ بويىغا بىر قاتار ئادەملەر تىزىلىپ كەتكەنىدى. ئۇلار ئۇ يەردىن دەرياغا قارماق تاشلاپ بېلىق تۇتۇۋاتاتتى، كۆۋرۈك بۇ باشتىن ئۇ باشقىچە بېلىق تۇتقۇچىلار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. بىرلىرى قارماقلىرىنى سۇدىن تارتىشسا، بىرلىرى قارماققا يەم تاشلايتتى، يەنە بىرلىرى بولسا قارماققا چۈشكەن بېلىقلارنى ئاجرىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. قارماق بىلەن دېڭىزدىن تارتىلغان بېلىقلار ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندە يالت قىلىپ بىر پارقىراپ ئۆچۈپ كېتەتتى. سېلىم خوجا بوغاز ئاق ئىنەك ۋە بوسفۇرنى چۈشەندۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى. كۆۋرۈك ئۈستىدىكى بېلىقچىلارنىڭ ھالىتى ۋە قارماقتىكى بېلىقلارنىڭ ئۇچۇشىدىن بەك ھاياجانلانغان رېدماۋىس خانىم توختىماي سۈرەتكە تارتاتتى ۋە سىنغا ئالاتتى. نېمىلا بولغان بولسا مۇشۇنداق چاغدا بولاتتى. بىچارە رېدماۋىس خانىم يەرگە يېيىقلىق قارماق يىپلىرى ئارىسىغا كىرىپ قالغانىدى، بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشنى خالىغانسېرى تېخىمۇ بەك قىيىنلاتتى، بىر يىپلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ يەنە بىر يىپلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالاتتى، بىز يىراقتىن بۇ ئايالنىڭ نۇرلۇق يىپلار ئارىسىغا كىرىپ قالغانلىقىنى پەرق ئېتەلمىگەچكە، نېمىشقا پەرياد ئېتىدىغاندۇ دەپ ھەيران قالدۇق. لېكىن ئۇ يەردىكى بېلىق تۇتقۇچىلارنىڭ قارماق يىپلىرىنى بىر - بىرىنىڭكىگە كىرىشىپ قالدى دەپ، رېدماۋىس خانىمغا قىلغان تاپا - تەنىلىرىدىن ئەھۋالنى چۈشەندۇق. بىچارە ئايال قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنغانسېرى زاكىلانغان بالىغا ئوخشاش قارماق يىپلىرىغا تېخىمۇ بەك يۆگىشىپ قالاتتى، بېلىقچىلارنىڭ قايسىدۇر بىرسى: - ئىت بېلىقى قارماققا ئىلىندى، - دەپ خىر - خىر كۈلۈشەتتى. خېلى بىر ۋاقىت ھەپىلىشىپ رېدماۋىس خانىمنى يۆگىشىپ قالغان قارماق يىپلىرى ئارىسىدىن قۇتۇلدۇردۇق. لېكىن قارماق يىپلىرى بىچارىنىڭ يالىڭاچ پاچاقلىرى، قوللىرىنى كېسىپ تىلىۋەتكەنىدى. سېلىم خوجا بوغۇز ئىچى توغرۇلۇق ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەيتتى. ئامما ۋاقىت ق−المىدى، ئۇنىڭ ۋەزلىرىگە قۇلاق سالمايلا گالاتا كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ ئىمىن ئۆنۈگە كەلگەنىدۇق. سىركېجىدىن گۈلخانا باغچىسىغا كەلگىنىمىزدە كاتلېت ساتىدىغانلارنىڭ ئوچاقلىرىدىن تارقالغان ئېغىزىمىزغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدىغان كاتلېت پۇراقلىرى بۇرنىمىزغا ئۇرۇلدى، كاتلېت پۇراقلىرىدىن تەرەپنى پەرقلەندۈرۈپ بۇرۇلۇشىمىزغا بىرسى داپ، بىرسى سۇناي چالغان، يەنە بىرسى بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن ئېيىقنى يېتىلىۋالغان سىگان ئالدىمىزغا كېلىپ يولىمىزنى توستى. ئۇلار بىزدىن پۇل ئېلىپ ئېيىق ئويناتماقچىدى. بىز ئۇلارنى ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇپ گۈلخانا باغچىسىغا ماڭماقچى بولغان بولساقمۇ، رېدماۋىس خانىم سۇناي ۋە داپنىڭ دۇم - تاراڭلىرىدىن خۇشال بولۇپ ۋە بۇلارنىڭ ناخشىلىرىغا ماس ھالدا ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئېيىقنى كۆرۈپ ھاياجانغا چۆمۈپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ۋە رەسىم تارتىشقا، سىنغا ئېلىشقا باشلىدى. قانداق قىلىمىز، ئايال بىر ھازا رەسىم ۋە سىنغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈچ سىگانغا بىر مۇنچە پۇل بەرگەندىن كېيىن، يولىمىزغا ماڭماقچى بولساقمۇ، كىيىملىرى خىلمۇ خىل گۈللۈك رەختلەردىن، بېشىدىكى رومىلى باھار چېچەكلىرىدەك ئېچىلىپ كەتكەن، قاپقارا چاچلىرى قىزىل بويالغان، زەيتۇندەك پارقىراپ تۇرىدىغان تېرىسى ئەشلىنىپ كەتكەن تېرىدەك كۆرۈنىدىغان، كۆزلىرى قارا ئوت يالقۇنىدەك پارىلداپ تۇرىدىغان، چىشلىرى تولىمۇ ئاق، قارىمۇچتەك پۇرايدىغان، ئاپتاپتەك كۆيدۈرىدىغان بەدەنلىك، ئاجايىپ بېقىشلىق، تەننازلىق، قارا كۆزلۈك، قارا قاشلىق، ئالۇچا لەۋلىك، تىرناقلىرى لاكلانغان بىر سىگان قىزى، يەنى بىر يۇپقا كىيىنگەن قىز ئىرغاڭلاپ كېلىپ رېدماۋىسقا: - كەل ساڭا بىر پال سېلىپ قوياي گۈزەلىم، - دەپ ھېجايسا، رېدماۋىسمۇ خۇددى قىزنىڭ ماختاشلىرىنى چۈشەنگەندەك بوشاپ كەتتى. بۇ سىگان پالچىلار ئامېرىكىلىق ئايالنى چەت ئەللىك دەپ قارىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۇلارنى بەك كۆپ كۆرۈپ كەتكەنلەردۇر. - سىگان پالچى ئايال پۇرچاق تاشلاپ شۇنداق بىر چىرايلىق پال سالدىكى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يا ئىنگلىزچىگە يا باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلغىلى بولمايتتى. - پالچى ئايال رېدماۋىس خانىمغا پات يېقىندا ئىككى ئەركەكنىڭ بىرسىنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىدىغىنىنى، بۇلارنىڭ بىرسىنىڭ ساقاللىق، يەنە بىرسىنىڭ بولسا يۈزىنىڭ ناھايىتى قېلىنلىقىنى دېيىشىگە، ئامېرىكىلىق ئايالغا كۆڭۈل بەرگەن سېلىم خوجا بىلەن ئابباس ئەپەندى - بۇ ئىككى ئىشق رەقىبلىرى مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مېڭىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشتى. يەنە پالچى ئايال ئامېرىكىلىق خوتۇننىڭ يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى دېۋىدى، مەن قورقۇنچقا چۈشۈپ ئابباس ئەپەندى بىلەن سېلىم خوجىغا: بۇرادەرلەر، بۇ پالچى ھەممىنى بىلىدىكەن، سىلەرنىڭ ئۇ ئايالغا ئاشىقلىقىڭلارنى بىلدى، ئەمدى بۇ خوتۇننى يوقاپ كېتىدۇ دەۋاتىدۇ، شۇنداق بولغانىكەن، بۇ خوتۇننى يىتتۈرۈپ قويساق پۈتۈن دۇنياغا پۇر كېتىمىز، شۇڭا ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋېلىڭلار، ئېغىزىڭلارغا، پۇت - قولۇڭلارغا ئىگە بولۇڭلار، - دېدىم. - پالچىنى يېنىمىزدىن سۈرۈپ، يېمەكلىك بار تەرەپكە ماڭماقچى ئىدۇق. لېكىن ئامېرىكىلىق خوتۇن پۇل بەرگەنسېرى پالچى قانائەت قىلمايۋاتاتتى. يېڭىدىن يېڭى پاللارنى سېلىپ پۇل تەلەپ قىلىۋاتاتتى. پالچىنى ئىتتىرىۋېتىپ دېگۈدەك يولىمىزنى ئېچىپ گۈلخانا باغچىسىنىڭ ئالدىغا كەلسەك، خۇددى ئانا - بالا بايرىمى بولغاندەك ئىدى. بۇ يەرگە بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان سېتىقچىلارنىڭ ھەممىسى توپلانغانىدى. ئەرك ئال: - مېنىڭچە باغچىغا كىرمەيلى، بۇ ئايال ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقنى كۆرسە خىجىل بولۇپ قالىمىز، شۇڭا يېڭى يالغان گەپلەرنى توقۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز، مەندە ئەمدى قىلغۇدەك يالغان گەپ قالمىدى، - دېدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا پۇلىنىڭ يانچۇقىدا قېلىپ بىرئاز بولسىمۇ روھلۇق تۇرۇشنى خىيال قىلغان سېلىم خوجا: - توغرا دەيدۇ، بىر چەت ئەللىك مېھمان ئايالنى بۇ يەردە ئاشقان - تاشقان تاماق يېگۈزسەك بولماس، ئەڭ ياخشىسى فىلورياغا كېتەيلى. ئۇ يەردە راھەتلىنىپ تۇرۇپ بىر نەرسە يېمەمدۇق، - دېدى. - گۈلخانا باغچىسىنى رېدماۋىس خانىمغا كۆرسىتىشتىن ۋاز كېچىپ سىركېجىغا كەلدۇق. سىمىتچىلەرنىڭ تەخسە - پەتنۇسلىرىدىكى سىمىتلەرنى، تاتلىق بولكىلارنى خۇشخۇيلۇق بىلەن ئېلىپ يۇتۇشلىرىغا قارىغاندا، رېدماۋىس خانىمنىڭ قورسىقى بىزدىن بەكرەك ئېچىپ كەتكەندەك قىلاتتى. - بېلەتلىرىمىزنى ئېلىپ پويىزغا چىقتۇق، جىق ساقلىمايلا پويىز قوزغالدى. ئېلېكتىروۋوزدا مېڭىش بەك كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى. لېكىن نېمىشقىكى، 40 كىشىلىك ۋاگونغا 240 ئادەم تىقىلىپ، خېلىلا چىڭقىلىپ قالغاچقا، سۈرمەكچى بولغان ئېلېكتىروۋوزلۇق كەيپىنى سۈرەلمىدۇق، ھەتتا ئادەتتىكى پويىزدىن پەرقىنى بىلەلمىدۇق. ھەممىدىن يامان بولغىنى، پويىزنىڭ ئىچى چىدىغۇسىز ئىسسىق ئىدى. ئېلېكتىروۋوز بەك تېز ماڭغانلىقتىن، توغرىسى تېز ماڭىدىغانلىقتىن دېرىزىنى ئېچىش چەكلەنگەنىدى. ھەممىمىز تەرگە چۆمۈپ كەتكەنىدۇق، ئاققان تەرلەر رېدماۋىس خانىمنىڭ يۈزىدىكى پۈتۈن گىرىملىرىنى بىر بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋەتكەچكە، بىچارە خوتۇن قىزىقچىلارغا ئوخشاپ قالغانىدى. ياخشى يېرى بۇ ئايال بولۇچىلارنىڭ ھەممىسىدىن ئېگىز بولغاچقا، قىستىلىشىپ تۇرغان يولۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرەلمەيتتى. - بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى ئەڭ ئاچ كۆزى سېلىم خوجا بولغاچقا، يالغۇز شۇلا ئولتۇرىدىغان ئورۇن تاپقانىدى. يەنە كېلىپ دېرىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانىدى. سىرتنى تاماشا قىلالايتتى. سېلىم خوجا ئايالغا ئورنىنى بوشىتىپ بەرمىدىمۇ دەمسىز؟ شۇنداقلا قىمىرلاپ قويىدىغان بولسا، شۇ ھامان تۆت - بەش كىشى دەرھال ئېتىلىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئورنىنى تارتىۋالاتتى. - بىز مۇشۇنداق قىستىلىشىپ پويىزدا كېتىۋاتساق، سېلىم خوجا ئەرك ئالغا: - رېدماۋىس خانىمدىن سوراپ باق، ئامېرىكىدىمۇ ئېلېكتىروۋوز بارمىكەن؟ - دېدى. بۇ سوئالغا بىزلا ئەمەس، پۈتۈن ۋاگوندىكى كىشىلەر قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىشتى. بۇنچە بىلىمى بار سېلىم خوجىنىڭ بۇ ساھەدىكى بىلىمسىزلىكىگە ئەڭ ھەيران قالغىنى مەن ئىدىم، ئابباس ئەپەندى سېلىم خوجىدىن بىر ئۈستۈنلۈك پۇرسىتىنى تارتىۋالغانىدى. - ھەي سېلىم خوجا، سەن بەك ھەيران قالما، ئېلېكتىروۋوزنىڭ ئانا يۇرتى ئامېرىكا تۇرسا، شۇنچە چوڭ ئامېرىكىدا ئېلېكتىروۋوزنىڭ بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ گەپنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى، بەزى يولۇچىلارمۇ دەرھال ئېڭىشىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالغۇچە مەن پىلىموت ئېتىشىشىغا ئۇچرىغان ئوخشايمىز دەپ ئويلىدىم. سېلىم خوجا “ئاھ” دەپ پەرياد چەكتى، بۇ نېمە ئىش، بۇ قانداق بولغىنى دەپ سورىساق، پويىزدا كۈندە ئولتۇرىدىغانلار كۆنۈپ قالغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ھېچقانداق خۇشاللىق تاپالمىغان مەكتەپ بالىلىرى پويىز يولىنى بويلاپ توپ - توپ بولۇپ، ئالدىدىن ئۆتكەن ئېلېكتىروۋوزنى تاش ئاتىدىغان نىشان قىلىپ ئوينايدىكەن، بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپىدىكەن. بۇ تاشلاردىن بىرى سېلىم خوجا ئولتۇرغان دېرىزىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ كىرىپ، سېلىم خوجىنىڭ پېشانىسىنى سۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى. - ئېلېكتىروۋوز ئۆزىگە تاش ئاتقان بالىلارنىڭ ئالدىدىن ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. ئۈچ بېكەتتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تاش ھۇجۇمىغا ئۇچرىدۇق. رېدماۋىس خانىم بولغان ئىشلارنىڭ نېمە ئىشلىقىنى سورىدى. مەن ئۇ چاغدا: - قېنى ئەرك ئال، - دېدىم، - نەچچە ۋاقىتتىكىدەك يالغاندىن بىرنى توقۇ، “بىزدە بۇ بىر قائىدە، مېھماندوستلۇقىمىزدىن خەلقىمىز سېنى تاشقا تۇتىدۇ” دېگىن، بۇ ئامېرىكىلىق ئايال ئايلىنىپ كەتسۇن، - دېدىم. ئايالنىڭ گېپىگە جاۋاب بېرىپ بولغۇچە پويىز گۈدۈك چېلىپ توختىدى. يولۇچىلارنىڭ بەزىلىرى بېكەتكە كەلدۇق دەپ ئويلىشىپ چۈشۈشكە تەمشەلگەن بولسىمۇ ئىشىكلەر ئېچىلمىدى. يولۇچىلاردىن “توك كەتتى، توك توختاپ قالدى” دېگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى ياكى پويىز ماڭمايتتى ياكى ئىشىكلەرمۇ ئاپتوماتىك بولغاچقا ئېچىلمايتتى. بىز سولىنىپ قالغانىدۇق. ۋاگون ئىچى پار مۇنچىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئىچى سىقىلغان يولۇچىلاردىن بىرسى: - بۇ نېمە بولغىنى، بىز ئەمدى قانداق قىلارمىز؟ - دەپ سورىسا، يەنە بىر يولۇچى: - باشقا ئامالىمىز يوق، توك كەلسۇن دەپ دۇئا قىلىمىز، - دېدى. ئەمەلىيەتتىمۇ دۇئا قىلىۋاتقانلار بار ئىدى. يولۇچىلار خۇددى يامغۇر تىلەپ دۇئا قىلغىنىغا ئوخشاش، توك تىلەش دۇئاسىغا چۈشكەنىدى. دۇئانىڭ سەۋەبىدىنمۇ ياكى نېمە سەۋەبتىن بىلمىدىم، توك كېلىپ پويىزىمىز مېڭىپ كەتتى. سىركېجىدىن قوزغالغاندىن بېرى ئۈچ قېتىم توك ئۈزۈلۈپ ساقلاپ قالدۇق. خېلى قىيىنچىلىقلارغا چىدىدۇق، مەيدىمىزنى كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتۇق، شۇنداقتىمۇ رېدماۋىس خانىمنىڭ نومۇسىنى قوغداش بىزگە خېلى تەسكە توختىدى. بىچارە خوتۇننى ئالدىدىن، ئارقىدىن، ئوڭدىن، سولدىن قىستىشاتتى. بۇنى قانداقتۇر ئادەتتىكى قىستاشنى دەۋاتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ. بىچارە ئايال ئالدىدىن، كەينىدىن تۈرتۈلەتتى، بەزىدە شۇنداق قىستىلاتتىكى، چىدىيالماي ئېگىز بويى تېخىمۇ ئۇزىراپ كېتەتتى. ئەرك ئال، مەن ۋە ئابباس ئەپەندى رېدماۋىس خانىمنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، خوتۇنپۇرۇش ئەبلەخلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاشقا تىرىشاتتۇق. لېكىن ئۇلار يەنە پۇرسەت تېپىپ ئايالنى ئۇ تەرەپ، بۇ تەرەپتىن قىستايتتى. بۇ ئورۇق ئايالنى بىز ئۈچ ئەر كىشى بىرگە بولۇپ قوغدىيالماي، ئاخىر سېلىم خوجىنى ياردەمگە چاقىردۇق. تۆتىمىز ئايالنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ تۇرساقمۇ يەنە بىكارغا كەتتى... ئارىمىزدىن بىر قول، بىر پۇتلار كىرىپ تۇراتتى، قانداقلا بولمىسۇن بىر ئاماللار بىلەن پۇت - قولىنى كىرگۈزۈپ ئايالنىڭ ئۇ يەر - بۇ يېرىنى تۇتاتتى. يائاللا! بىز تۆت ئەركەك تۇرۇپ بىر ئورۇق ئايالنى قوغدىيالمىدۇققۇ ئاخىر... - ھەي، تارت قولۇڭنى، قىلىۋاتقان قىلىقىنى قارا بۇنىڭ، ئەيىبتۇر، نومۇس قىل، ئايال كىشىنى كۆرۈپ باقمىغانمۇ، يىراق تۇر، - دەپ ئۇنىڭ، بۇنىڭغا ۋارقىراپ، توك كەلسە قوزغىلىپ، توك توختىسا توختاپ دېگەندەك فىلوريا ئىستانسىسىغا كەلدۇق. چارچاش ۋە ئاچلىقتىن رېدماۋىس خانىممۇ، بىزمۇ تۈگىشىپ كەتكەنىدۇق. ئابباس ئەپەندى: - يەنىلا ئاۋۋال دېڭىزغا كىرىپ، بىر سەگىدەپ ئۆزىمىزگە كېلىۋالايلى، ئاندىن كېيىن تاماق يەيلى، - دېدى. - ئۇنىڭ پۈتۈن بىر كۈن ئىچىدە قىلغان گەپلىرىنىڭ ئەڭ توغرىسى شۇ ئىدى. ئاۋۋال پۇل خەجلىمەي دېڭىزغا كىرىدىغان بىر قېيىق ئىزدىگەن بولدۇق. دېڭىزنى قويۇپ تۇر، بىكارغا دېڭىزنىڭ رەسىمىنى ھەقسىز كۆرۈش ئىستانبولدا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولغاچقا، دېڭىز قىرغىقىغا تىزىپ قويۇلغان قېيىقلارنىڭ ئەڭ ئەرزىنىنى قايتا - قايتا ئىزدىدۇق. قېيىققا چىقىش بىلەنلا سېلىم خوجا مېنى تۈرتۇپ قاش، كۆزى، پېشانىسى، كاللىسى بىلەن بىر ئىشارەتلەرنى قىلىپ ماڭا بىر نەرسىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتى. تۇرۇپلا ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىسام نېمىنى كۆردۈم؟ بىزنىڭ رېدماۋىس خانىمنىڭ يۇپقا، لىغىلداپ تۇرىدىغان كىيىمىنىڭ مەيدىسىدىن سول كۆكسى كۆرۈنۈپ قالغانىدى. يەنى بۇ ئايالنىڭ بەدىنى كۆرۈنۈپ قالغان ۋە سول كۆكسى چىقىپ قالغان، سوزۇلۇپ لىغىلداپ تۇراتتى. يا خۇدا نېمە ئىش بۇ ئەمدى؟ - ئابباس ئەپەندى رېدماۋىس خانىمنىڭ ئوچۇق سول كۆكسىنى بىزدىن قىزغىنىپ: - قارىماڭلار، يامان بولىدۇ، - دېيىشىگە، سېلىم خوجا: - خىجىل بولمامسەن ئەخمەق، قارا ئۇ تەرەپكە، ھازىر پۈتۈن مىللەت توختاپ ئايالنىڭ كۆكسىگە قاراۋاتىدۇ، ئۇلارغا يامان بولماي، بىز قارىساق يامان بولامدىكەن، - دېدى. - تۆتىمىز بىردىنلا قانداق بولۇپ ئايالنىڭ كىيىمىنىڭ سول يېنىنىڭ ئېچىلىپ كەتكىنىنى، باغىردىقىنىڭمۇ يىرتىلىپ، كۆكسىنىڭ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى ئويلىنىشقا باشلىدۇق. ئەجابا بۇ ئايال بۇلارنى بىلىدىغانمىدۇ؟ ھېچ بۇلارنى بىلىدىغاندەك قىلمايتتى. سوزۇلۇپ، لىغىلداپ تۇرغان كۆكسى ھەريان تاشلىناتتى، ئۆزى بولسا كۆكسىنى تاماشا قىلىۋاتقانلارغا قاراپ قويۇپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە ئالدىمىزدا كېتىپ باراتتى. ئەرك ئال: - مېنىڭچە ئايال پويىزدىكى ئىسسىقتىن بىئارام بولۇپ كەتتى، شۇڭا بىرئاز نەپەس ئېلىۋالاي دەپ كۆكسىنى ئېچىۋەتتى، - دېدى. - سېلىم خوجا: - ھەي ئوغلۇم، بىئارام بولسا يالغۇز ئۇنىڭ سول كۆكسى بىئارام بولدىمۇ؟ ئەگەر ھەقىقەتەن بىئارام بولغان بولسا بارلىق كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ يالىڭاچ يۈرەتتى، - دېدى. - ئابباس ئەپەندىمۇ: |