ئەزىز نەسىن: ساياھەتنامە(7)

يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014   مەنبە: تارىم 2012-8-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
7 شۇنداق بىر ئىللىق قۇياش چىقتىكى، ئىسسىقتىن ئۇچىمىزدىكى قۇرۇپ كەتكەن كىيىملىرىمىز بىزنى تېخىمۇ ئىسسىتاتتى،

7
شۇنداق بىر ئىللىق قۇياش چىقتىكى، ئىسسىقتىن ئۇچىمىزدىكى قۇرۇپ كەتكەن كىيىملىرىمىز بىزنى تېخىمۇ ئىسسىتاتتى، بىئارام قىلاتتى.
يوق سۇ بايرىمى، يوق قۇربانلىق مۇراسىملىرىنى باھانە قىلىپ رېدماۋىس خانىمنى ئېلىپ ئۇ يەردىن يىراقلاشتۇق. ئېگىز - پەس بىر كوچىغا بۇرۇلغان ئىدۇق، بۇ يەردە بالانىڭ ئەڭ چوڭى بېشىمىزغا كەلدى. ئىستانبولنىڭ دۇنيادىكى ئىت سانى ئەڭ كۆپ شەھەر ئىكەنلىكى ھەممە كىشىگە مەلۇم. ئۆيلەردىن ئىشىك ئالدىغا تاشلانغان نەرسىلەر ۋە كوچىغا تۆكۈلگەن ئەخلەتلەرنىڭ دۆۋىلىنىشى بىلەن ئىستانبول ئىتلىرى بىر باشقا چىقالماس بولۇپ كەتكەن ئىدى، ھېلىمۇ كېچىلىرى كوچىلار لالما ئىتلار بىلەن تولۇپ كېتەتتى. ھەر خىل، ھەر رەڭدىكى ئىتلار بىزنىڭ ئىستانبولدىن تېپىلىدۇ. بىز ئىستانبوللۇقلار ئىتلارغا كۆنۈكۈپ كەتكەن، ئەمما مەن ئۇ كۈندىكىدەك بەكمۇ كۆپ، خىلمۇخىل رەڭلىك ۋە بويلۇق ئىتلارنى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم، كۆزى ئېچىلمىغان كۈچۈكلەر، موزايدەك پادا ئىتلىرى، ھەر خىل بويدىكى ئىتلار بار ئىدى، مەن 500 دېسەم، سىز ئۇلارنى 1000 دەيسىز. ئىتلارنىڭ سانىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى، چۈنكى ئىتلار توپلىشىپ قاۋشىپ ھېچ ئىزىدا تۇرماي ئۇيان - بۇيان يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈشەتتى، قېچىشاتتى. ئىتلار قېچىشىپ، قاۋشىپ، توپلىشىپ يۈرگەن ئەسنادا بىر ياندىن مىلتىق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى، بۇ مىلتىق ئاۋازلىرى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتاتتى.
ئەرك ئالغا:
- ھەي، ئەمدى سەن بىچارە ئامېرىكىلىق ئايالغا دۇنياغا مەشھۇر ئىستانبول ئوۋچىلىرى ئىستانبولنىڭ كوچىلىرىغا ئوۋغا چىقتى، دەپ يالغان توقۇ، مەنمۇ سېنىڭ كاللاڭنى ياراي، - دېدىم.
ئەرك ئال ھىجىيىپ تۇرۇپ:
- بەكىر تاغا، سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى خېلىدىن بېرى دەۋاتىمەنغۇ، - دېدى.
ئىتلار توپ - توپ بولۇپ ئۇيان - بۇيانغا چاپاتتى، ئۇ كوچىغا كىرىپلا مەن ئالدى بىلەن بۇ غالجىرلاشقان ياكى كاللىسى بۇزۇلمىغان ئىتلار بىزگە ئېتىلىدۇ، دەپ، قورققىنىمدىن جان غېمىگە چۈشۈپ پاناھ جاي ئىزدەپ قارىسام، بىچارە ئىتلارنىڭ بىزگە ئېتىلغۇدەك ھالى قالمىغان ئىكەن، پەقەت توپ - توپ بولۇپ قېچىشاتتى، ئىت توپىنىڭ بىرسى رېدماۋىس خانىمغا ئۇچرىغاندا، ئۇ ئايال تاس قالدى ئىتلارنىڭ ئاياغ - ئاستىدا دەسسىلىپ كەتكىلى.
نېمىشقا مىلتىق ئاۋازى چىققانلىقىنى مىلتىقلىق ئادەملەر كوچا ئېغىزىدىن ئۇدۇل ئىتلارنى قوغلاپ كەلگەندە چۈشەندۇق. ئۇلار ئىت ئوۋلىغىلى چىققان ھۆكۈمەتنىڭ ئوۋچىلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بىر يۈك ئاپتوموبىلى كېلىۋاتاتتى، ئۇلار ئاتقان ئىتلارنىڭ ئۆلۈكىنى ماشىنىغا سېلىپ، يەنە قەھرىمانلارچە ئىتلارغا ھۇجۇم قىلىشاتتى، مەن بەش - ئالتە ئادەمنى كۆردۈم، بۇلارنىڭ بىرسىگە ئېھتىمال باشلىقى بولسا كېرەك، ئەزەلدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئىتلارغا زەھەرلىك گۆش بېرىپ ئىنسانپەرۋەرلىك قىلىپ ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتىم.
- نېمىشقا ھازىر بۇلارنى زەھەرلىك گۆش بىلەن ئۆلتۈرمەيسىلەر، - دەپ سورىدىم.
ھۆكۈمەتنىڭ ئوۋچىلىرىنىڭ باشلىقى بولغان بىرسى:
- ئەپەندىم، ئالدى بىلەن گۆش قەيەردە، ھازىر گۆشنىڭ كىلوسى 50 لىرادىن ئۆسۈپ كەتتى، بىزلەر ئېلىپ يېيەلمىگەن گۆشنى كوچىنىڭ لالما ئىتلىرىغا تاشلاپ بېرەمدۇق، يەنە بىرسى ھۆكۈمەتتىن پۇل ئالماقچى بولغانلار مەھكىمىنىڭ قارارى بىلەن ھۆكۈمەت بىناسىنىمۇ ساتماقچى بولۇۋاتقاندا، ھۆكۈمەت كىلوسى 50 لىرالىق گۆشنى ئىتقا تاشلاپ بەرسۇنمۇ؟
تارىخ بىلىمى كەڭ بولغان سېلىم خوجا ئۆزىنىڭ قانچىلىك بىلىملىك كىشى ئىكەنلىكىنى رېدماۋىس خانىمغا كۆرسىتىپ قويۇش، ئۇنى ھەيران قالدۇرۇش ۋەسۋەسىسىگە چۈشۈپ، ئەرك ئالنىڭ تەرجىمە قىلىشى بىلەن ئىستانبول ئىتلىرىنىڭ ئۆتمۈشىنى شۇنداق چۈشەندۈرمەكتە ئىدى:
- ئىلگىرىكى زامانلاردا ئىستانبولدا ئىت تېرىسى ناھايىتى ئەتىۋارلىق نەرسە ئىدى. ئىت تېرىسى تېرىچىلىكتە ئىشلىتىلەتتى، خۇرۇم ئىشلەيدىغان تېرىچىلەر ھازىر تېرە ئاشلاش ئۆيى، دەپ، ئاتىلىدىغان ئۆيلەردە خام تېرىلەرنى كۈن بويى ئىت تېرىسى ئىچىدە تۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلەيتتى. ئۇ زامانلاردا بېخىللار كوچىلاردىن ئىت تېرىسى يىغىپ تېرىچىلەرگە ساتاتتى. ھەتتا ھازىرمۇ بەك ئالدىراپ كەتكەنلەرگە، بەك تېز ھەيدىگەن شوپۇرلارغا “تېرە خانىغا پوق توشۇمسەن” دېيىشى شۇ زامانلاردىن قالغان سۆزدۇر. يەنى ئۇ زامانلاردا ئىت تېرىسى قىممەت ئىدى، شۇنداقلا لالما ئىتلار كوچىلارغا تېرە تاشلاپ، تېرە سانائىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى. شۇ سەۋەبتىن ئىستانبولدىكى ئىتلار كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە ئىدى. بىر زامانلار كەلدىكى، ئىستانبول كوچىلىرىدا ئىتنىڭ جىقلىقىدىن يولدىن ئۆتكىلى بولمايدىغان بولدى. ئۇ چاغدا ئىستانبول ھۆكۈمىتى، يەنى ھۆكۈمەت باشلىقى كوچىلارغا تولۇپ كەتكەن لالما ئىتلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغىنىدا، مۇسۇلمان ئىستانبول ئاھالىسى گۇناھ بولىدۇ، دەپ، ئىتلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قاتتىق قارشى چىقتى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئىستانبول ھۆكۈمىتى 1910 - يىلى شەيخۇلئىسلامدىن ئىتلارنى ئىستانبول سىرتىغا ھەيدەش توغرىسىدا پەتىۋا ئېلىپ، كوچىلارغا توپلانغان ئىتلارنى مەرمەر دېڭىزىنىڭ خېنە ئارىلىنىڭ قارشىسىدىكى خەيرسىز ئارالغا ھەيدىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىستانبول بىر مەزگىل ئىتتىن قۇتۇلدى. شەيخۇلئىسلام ھۆكۈمەتنىڭ ئىتلارنى بېقىش شەرتى بىلەن ئىتلارنىڭ ئۇ يەرگە ھەيدىلىشىگە پەتىۋا بەرگەن ئىدى. گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ھەر ۋاقىتقا ئوخشاش ئۇ ۋاقىتتا بىچارە ئىستانبول ھۆكۈمىتى ئۆزىنىمۇ باقالمىغان ئەھۋالدا قالغان ۋە ئۆز جېنىنىڭ غېمىگە چۈشكەن بولغاچقا ئۇ يەردىكى ئىتلارنى قانداقمۇ خىيالىغا كەلتۈرسۇن! بۇ سۈرگۈن ئىتلار بىر مەزگىل بېلىقچى قۇشلارنى ئوۋلاپ، ئۇلارنىڭ تۇخۇملىرىنى يەپ، كېيىنچە بولسا بىر - بىرلىرىنى پارچىلاپ يەپ ياشاشقا باشلىدى، ئاخىرىدا بولسا يوق بولدى، ھەتتا دېڭىزدىن ئۆتكەن، كېمە - قېيىق پاراخوتلارنى كۆرسە، ئۇنىڭدىكى ئادەملەر ئۆزلىرىنى قۇتقۇزىدۇ، دەپ، دېڭىزغا ئۆزىنى تاشلىغان ۋە ئۈزە - ئۈزە ئاخىرىدا سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىتلارمۇ بولغان ئىدى.
سېلىم خوجا پۈتۈن بىلەرمەنلىكىنى بۇلارغا ئاڭلىتىۋاتقاندا، قۇلىقىمنىڭ يېنىدىن ۋىڭىلداپ بىر ئوق ئۆتۈپ كەتتى، ئۆزۈمنى يەرگە ئاتتىم، قارىسام سېلىم خوجىمۇ ئالدى بىلەن رېدماۋىس خانىمنى ئورەككە ياتقۇزۇپ ئۆزىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا ياتقان ئىدى، بىز ئۇ يەردىن قوزغىلىپ تۇرغانىدۇق، ھۆكۈمەتنىڭ ئىت ئوۋلىغۇچىلىرىمۇ ئالدىدا قېچىۋاتقان لالما ئىتلار توپىغا مىلتىق ئېتىپ قەھرىمانلارچە قوغلاپ كېتىشتى. ئىتلارغا قارشى شۇنداق بىر رەھىمسىز قىرغىنچىلىق قىلىۋاتاتتىكى، ئىلغار مەدەنىيلىك ئامېرىكىلىقلارمۇ ئىندىيانلارغا قارشى بۇنداق ۋەھشىي ئاتلانمىغان ئىدى. ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى، كاڭشىشلىرى، مىلتىق ئاۋازى يىراقلاشقاندا:
- ھەي قېرىنداشلار، ماڭايلى، مەھمۇتپاشا دۆڭلۈكىدىن پەسكە چۈشۈپ جېنىمىزنى قۇتۇلدۇرايلى، - دېدىم.
مەھمۇتپاشا دۆڭلۈكى ئادەم كۆپ سودا يېرى بولغانلىقتىن، يا ئىتلار، يا ئىت ئوۋچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماي ئۆتۈپ كېتەلەيتتۇق. ئۆزۈڭ بار خۇدا! بىز بىر بالادىن قۇتۇلدۇق دەپتىكەنمىز، بۇ قېتىم بالالارنىڭ بازىرىغا چۈشۈپتۇق. بۇ كېيىنكى بالا - قازانىڭ ئالدىدا بىچارە لالما ئىتلارغا قارشى ئۇرۇش نېمىگە ئەرزىيتتى... ئۇلار بىچارە رېدماۋىس خانىمنى قولىمىزدىن تارتىۋېلىپ پارچىلىۋەتكىلى ئاز قالدى، دېسەم بەك توغرا بولمىغۇدەك، چۈنكى بىر قانچە قېتىم بىچارە ئايال قولىمىزدىن تارتىۋېلىندى. مەھمۇتپاشانىڭ ياكى ئۆتەر يولۇچىلىرى ياكى دۇكانچى ئېلىپ ساتارلىرى ئامېرىكىلىق ئايالنىڭ بېشىدىن، قولىدىن، بىلىكىدىن، ھەتتا گەۋدىسىدىن، چېچىدىن، ئىشقىلىپ بىچارە ئايالنىڭ قولغا چىققۇدەكلا يېرى بولسا تۇتۇۋېلىپ، تارتىپ، قوغلاپ ماللىرىنى ساتماقچى بولۇپ، بىچارە ئايالنى پارچە - پارچە قىلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئايالغا تۇنجى بولۇپ ئېسىلغان، پەقەت 12 ياشلاردىكى، بويى ئۇ ئايالنىڭ پاچىقىغا تەڭ كېلىدىغان، بوينىغا بىر قۇتا ئاسقان، قۇتىنىڭ ئىچىدە ناچا، يىپ ساتىدىغان بىر بالا ئىدى.
- مەرھەمەت قىلىڭ، ئاچا - ناچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مەندە بار، - دەپ، بالا شۇنداق تارتتىكى، نېمىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلەلمەي قورقۇپ كەتكەن رېدماۋىس خانىم بىر تەرەپتىن بىزدىن ياردەم سورىسا، يەنە بىر تەرەپتىن بالىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرمىشاتتى. ئامېرىكىلىق ئايال بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزغا تىجارەتچى، باشقا خېرىدارلار كىرىۋالغاچقا، بىچارە ئايالنى ناچا ساتىدىغان ئوغۇل بالىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇشىمىز ئانچە ئاسانغا توختىمىدى، بىچارە ئايال ئۇ بالىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشقا، تېخىمۇ توغرىسى ئۇنىڭ يېنىدىن قېچىشىغا، ئۇ بالىنىڭ كىچىك ئالىقانلىرى ئايالنىڭ پېشىگە شۇنداق يېپىشتىكى، ئامېرىكىلىق ئايالنىڭ پېشىدىن دەھشەتلىك بىر چىرتىلغان ئاۋاز چىقىشى بىلەن مەھمۇتپاشادا شۇنداق بىر كۈلكە كۆتۈرۈلدى، ئايالنىڭ پېشى چىرتىلداپ يىرتىلىپ كەتكەن ئىدى، بۇنى قولىدىكى مالنىڭ ئېلانى ئۈچۈن بىر پۇرسەت بىلگەن بالا:
- سېنى نەس باستى خانىم، ئەگەر ناچىنى مەندىن ئالغان بولساڭ بۇنداق بولمايتتى. كىيىملىرىڭنى كونا يىپ بىلەن تىككەندىن كېيىن ئەلۋەتتە يىرتىلىدۇ، - دېدى.
بىز بىچارە ئايالنى ئۇ ئوغۇلنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تۇرۇشىمىزغا ئوڭ تەرەپتىن ئاياغ ساتقۇچى، سول تەرەپتىن رەخت ساتقۇچى رېدماۋىس خانىمنى تارتىپ، ئەسىر ئېلىۋالغان ئىدى، ئىككىسى ئىككى تەرەپتىن تارتىشاتتى. بىرسى:
- خانىم، قاراپ قويۇڭ، قاراپ قويغانغا پۇل ئالمايمىز، قاراپ قويۇپ ئالمىساڭمۇ مەيلى، ئەڭ يېڭى مودا ئاياغلار پەقەت بىزنىڭكىدە بار، پارىژنىڭ مودىلىرى، - دەپ، ئايالنى دۇكانغا ئەكىرىشكە تىرىشسا، يەنە بىرى:
- بىزدە ئاجايىپ رەختلەر بار، ھەقىقىي يىپەك رەختلەر، بىر قاراپ قويۇڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي، ساپ ماللار، - دەپ، ئايالنى تارتا - تارتا دۇكىنىغا ئەكىرىشكە تىرىشاتتى.
ئۇلار ئايالنى ئىككىگە پارچىلاشقا تىرىشاتتى. قانداق قىلسۇن، بىچارە رېدماۋىس خانىمنىڭ پەقەت ئىككى قولى بار ئىدى. بىر قولى بىلەن سىيرىلىپ پاچىقىدىن چۈشۈپ قالغان كۆڭلىكىنىڭ پېشىنى، يەنە بىر قولى بىلەن ئارىدا يالىڭاچ قالماسلىق ئۈچۈن سىرتىدىن كىيىۋالغان چاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغانىدى. يەنە شۇ ئىككى قولى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلارغا قارشى مۇداپىئەلەنمەكتە ئىدى. لېكىن ساتقۇچىلارغا تاقابىل تۇرۇشتا يالغۇزلۇق قىلاتتى، ئايالنى ناچا ساتىدىغان ئوغۇلدىن قۇتۇلدۇرۇش ئاسان بولغان ئىدى، لېكىن يىرتقۇچلار كەبى بۇ ئىككى ساتقۇچى ياشنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلۇش ھېچ مۇمكىن بولمىدى، بۇنى بىر تەرەپ قىلالماسلىقىمىزغا كۆزى يەتكەن ئابباس ئەپەندى:
- بۇ چەت ئەللىك ئايال ئالدىدا سەت تۇرىدۇ، بىچارە ئايالنى قويۇۋەتسەڭ قانداق يىگىت، - دەپ يالۋۇرغان بولسىمۇ ئىككى ساتقۇچىنىڭ تاش يۈرەكلىرى يۇمشىمىدى. مەن دەرھاللا:
- ئەمىسە ئىككى مېتىر كونا رەخت بىلەن بىر جۈپ ئاياغنىڭ پۇلىنى بېرىپ كېتەيلى، ئەرك ئال، ئايالنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرايلى، - دەپ، ۋارقىرىدىم.
ئەرك ئال دېگەنلىرىمنى ئايالغا تەرجىمە قىلىپ بەردى، ئايال پۇل بېرىپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سومكىسىنى ئاقتۇرماقچى بولدى. شۇ ھامان بىر مالىمانچىلىق بولدى، رېدماۋىس خانىممۇ شۇ مالىمانچىلىق ئىچىدە كۆزدىن يىتتى. ئايالنى كىمنىڭ ئېلىپ قاچقىنىنى بىلمەك قىيىن ئىدى. بىر ۋاقىت ئىزدىگەن ۋە ئىسمىنى توۋلىغاندىن كېيىن، رېدماۋىسنى بىر ئىچ كىيىم ساتقۇچى قېرى ئادەم، چاچ قىسقۇچ ساتقۇچى بىر بالا، بىر باغىرداق ساتقۇچى، بىر تۈگمىچى، بىر ئەستەر رەختى ساتقۇچى ئارىسىدا قالغان ۋە ئەسىر ئېلىنغان ھالدا كۆردۇق، ماھمۇتپاشا كوچىسىنىڭ ئايىغىدىن رېدماۋىس خانىمنى تىجارەتچىلەرنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلدۇرغىنىمىزدا، ئايالنى سومكىسىنىڭ سىرتمىسى بۇزۇلغان، پېشى يىرتىلغان، يېڭى سۆڭۈلگەن، ئايىغىنىڭ چەمى ئاجرىغان ھالدا كۆردۇق.
يوقاپ كەتكەن ئايالچە ئاياغنىڭ چەمىنى تېپىپ ئۇنىڭغا بېرىپ:
- قېچىڭ، بۇ يەردىن كېتەيلى، - دەپ تۇرساق، يەنە بىر كىيىم ساتقۇچى مەسخىرە قىلغاندەك رېدماۋىس خانىمنى سۆرەپ، چاچلىرىدىن تارتىپ، خۇددى غارغا تىقىۋېتىدىغاندەك دۇكىنىغا تارتتى، بىچارە ئايال ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلالماي، تەييار كىيىمنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى.
شۇنىڭدىن كېيىن قاچە - قاچە ئۇ يەردىن قۇتۇلدۇق.
- دېگەنلىرىمنى ئايالغا تەرجىمە قىل ئەرك ئال، - دېدىم، - كىيىم يىرتىلدى، دەپ، ھەرگىزمۇ كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن، ئالغانلىرى مال بولۇپ قالسۇن، جېنى قۇتۇلغىنىغا خۇش بولسۇن.
شۇنداقتىمۇ رېدماۋىس خانىمغا ھېچبىر ئىش بولغاندەك ئەمەس ئىدى، قول رادىيوسىنى يەنىلا قۇلىقىغا تۇتۇپ كۈلۈپ تۇراتتى.
- ئەرك ئال، بۇ ئايال يەنە نېمىسىگە كۈلۈپ تۇرىدىكەن، - دېدىم.
- ئەپەندىم، - دېدى ئەرك ئال، - ئاسماندىكى قېرىندىشىدىن يەنە رادىيو خەۋىرى كەپتۇ، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىن ئاكىسى ئۇچۇر يوللاپتۇ، ئۇ يەردىن قارىسا دۇنيا بەك گۈزەل كۆرۈنەرمىش، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولۇپ كۈلۈپتۇمىش.



ھالقىلىق سۆزلەر : چەتئەل، ئەسەر، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار