10 بىر قانچە سائەت پالاقلاپ يۈرۈپ ھاجەت قىلىدىغان يەر تاپالماي، ئاخىرىدا بىچارە ئايال پاراخوت ھاجەتخانىسىنىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا بىز تۆت ئەركەكنىڭ ئالدىدا شىرىلدىتىپ سىيىۋەتكىنىدىن شۇنداق خىجىللىق ھېس قىلدۇقكى، بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ ئايالنىڭ يۈزىگە قارىيالمىدۇق. يەنىلا ئىچىمىزدىن سېلىم خوجا يۈرەكلىك چىقتى: - بولدى، ئەمدى پاراخوتنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، رېدماۋىس خانىمغا ئىستانبولىمىزنىڭ گۈزەللىكلىرىنى كۆرسىتەيلى، - دېدى، ئاندىن قۇلىقىمغا، - پاراخوتنىڭ ئۈستىدە بوغۇزنىڭ قاتتىق شامىلى چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ ئۈستىدىكى ھۆل قۇرۇيدۇ، ئاندىن چۈشۈپ كېتەيلى دېمەكچىمەن، - دەپ، شىۋىرلىدى. شۇنداقمۇ قېرىنداش، بۇ ئامېرىكىلىق ئايالغا ئىستانبولنى كۆرسىتىپ ساياھەت قىلدۇرىمىز، دەپ، ئۇنىڭ بېشىغا كەلمىگەن بالالار كەلدى، ھېچبولمىسا ئەمدى بولسىمۇ پاراخوتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، بوغۇز ئىچىنىڭ قاتتىق شامىلى غۇر - غۇر چىقىۋاتقاندا ئىستانبولغا كەلگەندىن كېيىنكى گۈزەل نەرسىلەرنى كۆرسىتەلىسەك نەقەدەر ياخشى بولاتتى - ھە؟ پاراخوتنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق، پاراخوت ساراي بۇرنى بىلەن قىز قەلئەسى ئوتتۇرىسىغا ئۇدۇل ئىلگىرىلەۋاتاتتى. سېلىم خوجا: - ئەر ئال ئوغلۇم، دېگەنلىرىمنى بىرمۇ سۆز قالدۇرماي رېدماۋىس خانىمغا تەرجىمە قىلىپ بەرگىن، - دەپ سۆزگە كىرىشتى، - خانىم، بۇ پايتەخت ئىستانبول، دۇنيانىڭ مەرۋايىتى ۋە شەھەرلەرنىڭ تۇنجىسىدۇر، شۇنداقلا يەر يۈزىنىڭ جەننىتى بولۇپ، بۇ شۇ قەدەر گۈزەل بىر يەركى، نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى ئۇنى مەينەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىرلىشىپ قولىمىزدىن نېمە ئىش كەلسە شۇنى قىلغان بولساقمۇ يەنىلا ئىستانبولنى مەينەتلەشتۈرەلمىدۇق. ناھايىتى ئەپسۇس، مەينەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن چەككەن جاپالىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىكارغا كەتتى. بۇ ئىستانبول گۈزەل بىر ئايالغا ئوخشايدۇ، بىز ئۇنى مەينەت قىلماقچى بولغانسېرى ئۇ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىۋاتىدۇ. مەينەت، كىر كىيىم كىيىۋالسىمۇ يەنىلا تەڭدىشى يوق ساھىبجامالدۇر بۇ ئىستانبول. تارىخ تارىخ بولغاندىن بېرى، ھەركىمنىڭ كۆزى بۇ گۈزەلگە تىكىلىپ كەلدى، بۇلارنى قوغلاش ئۈچۈن نۇرغۇن قانلار تۆكۈلدى. بۇ مەقسەتتە نۇرغۇن يىگىتلەر قۇربان بولدى. ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق دېگەنىكەن: - لېتۇفتېخانەل كوستانتانىيەتۇ ۋېلەنىمەل ئەمىر ئېمىرۇھا ۋەھېلەنىمىنەل جېيش زالىك - ئەل - جېيش. بىچارە ئەرك ئال گاڭگىراپ داڭ قېتىپ قالدى، ئۇنىڭ يېرىم - يارتا ئىنگلىزچىسى بۇ سۆزلەرنىڭ ھېچبىرسىنى تەرجىمە قىلىشقا يەتمىگەنلىكتىن توختاپ قالغانىدى، شۇڭا سېلىم خوجىنىڭ ئاغزىنىڭ ئىچىگە قارايتتى. سېلىم خوجا بارغانسېرى ھاياجانلىنىۋاتاتتى، پاراخوتنىڭ ئۈستىدە خۇددى مەسچىتتە خۇتبە ئوقۇغان موللامدەك سۆزلەۋاتقان بولغاچقا، ئۇ يەردىكى يولۇچىلار ئۇنىڭ يېنىغا توپلانغانىدى. ھاياجانلانغان خوجا دېگەنلىرىنى بىرمۇ بىر چۈشەندۈرۈپ سۆزلەيتتى: - يەنى ئۇشبۇ ھەدىس شېرىفنىڭ مەنىسى مۇنداقتۇر، ھىم... پەيغەمبىرىمىز شۇنداق دېگەن، “بىر كۈنى كوستانتانىيە فەتھى بولىدۇ، ئۇنى ئىشغال قىلغان قوماندان نېمىدېگەن تەلەيلىك قوماندان، نېمىدېگەن گۈزەل ئەسكەرلەردۇر” دېگەن. بۇ قوماندان فاتىخ سۇلتان مۇھەممەد خان جەننىتى ماكاندۇر. يولۇچىلارنىڭ قايسىدۇر بىرسى سېلىم خوجىنىڭ گەپلىرىنىڭ تەسىرىدىن تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدى. سېلىم خوجا ئۇدۇلىدا ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان، ھېرىپ قالغان ئەرك ئالغا بىردىنلا خاپا بولدى: - ئەرك ئال ئوغلۇم، نېمە ھاماقەتلەردەك ئاغزىڭنى ئېچىپ تۇرىسەن، نېمە ماڭا قاراپ تۇرىسەن، دېگەنلىرىمنى تەرجىمە قىلغىن، - دېيىشىگە بىردىن ئۆزىگە كەلگەن ئەرك ئال: - ھەي، سېلىم تاغا، سەن گەپنى ئەرەبچە دېسەڭ، مېنىڭ ئىنگلىزچەم ئۇلارنى تەرجىمە قىلىشقا يەتمەيدۇ، - دېدى. قىسقىسى، سېلىم خوجا گەپنىڭ شەۋقى بىلەن، ئەرك ئال دېگەنلىرىنى رېدماۋىس خانىمغا تەرجىمە قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، توختىماستىن سۆزلەۋەردى: - فاتىخ سۇلتان مۇھەممەد خانغا كەلسەك، بۇ ئىستانبول شەھىرىنى 11 قېتىم مۇھاسىرىگە ئالغان، كوستانتانىيەنىڭ ھۆكۈمدارى كوستانتىن مۇھاسىرىگە قارشى ئىستانبولنىڭ ئەتراپىنى پۈتۈنلەي قەلئە بىلەن توسۇپ چىقتى. سۈر دېيىلگەن بۇ قەلئە ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە بولۇپ، ئۈچ بۇرجەكنىڭ بىر تەرىپى ئېيۇپ، يەنە بىرسى يەتتە قەلئە، يەنە بىرسى نەق ئۇدۇلىمىزدىكى ساراي بۇرنىدۇر. بۇ قەلئە سېپىلنىڭ دېڭىز تەرىپى ئىچىگە ئىككى قەۋەت تام، قۇرۇقلۇق تەرىپى ئىچى تەرىپىگە ئۈچ قات مەھكەم قەلئە تېمى قوپۇرۇلغان ئىدى. يەنە قەلئە تاملىرىنىڭ ئالدى خەندەك بىلەن ئورالغانىدى، قەلئە تاملىرىنىڭ ئۈستى چىشلىق قىلىپ ياسالغانىدى. سېلىم خوجىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغانلاردىن بىرسى يېنىدىكىسىگە: - قارا، - دېدى، - بۇ ئەبلەخ ياكى ساقال تىغى ياكى كىيىم ئاسقۇچ دېگەندەك بىر نەرسىلەرنى ساتىدىكەن. قارا، بۇنداقلار دەسلەپتە ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان بىر تېمىدا تاتلىق پاراڭ قىلىپ كۆپچىلىكنى ئەتراپىغا توپلىغاندىن كېيىن، دەرھال سومكىلىرىدىن بىر نەرسىلەرنى چىقىرىپ سېتىشقا باشلايدۇ، - دېدى. باشقا بىرسى: - ھېچبىر سېتىقچىدەك قىلمايدۇ، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ساقاللىق كىشى بىر مەسچىت سالدۇرۇش مەقسىتىدە پۇل يىغماقچىدۇر، - دېدى. سېلىم خوجا دېگەنلىرىنى ئاڭلايدىغانلار كۆپەيگەنسېرى ئاۋازىمنى ياخشى ئاڭلىسۇن دەپ بىر تاختاينىڭ ئۈستىگە چىقىپ سۆزلەشكە باشلىدى: - شۇنداق، “شەھەرلەرنىڭ ئېسىلى” دەپ ئاتالغان ئۇشبۇ ئىستانبول شەھىرى تارىخنىڭ باشلىنىشى بىلەن، يەنى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاتىمىزنىڭ يەر يۈزىگە چۈشۈپ 7800 يىل كېيىن تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان ئىدى، ئۇ زاماننىڭ يەر يۈزىدىكى پادىشاھى يەتتە كەرە 100 مىڭ كىشىلىك پىيادىلەر قوشۇنى، ئون كەرە 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنى بىلەن ئون كەرە 100مىڭ ئاتنى قوشۇپ، كوستانتانىيەگە يۈرۈش قىلىپ، ئۆزىگە قارشى چىققان بىر يېرىم مىليون دۈشمەن قوشۇنىنى تامامەن قىلىچتىن ئۆتكۈزۈپ كوستانتانىيە قەلئە سېپىللىرىغا كەلگەندە، ئېيۇپ بىلەن يەتتە مۇنار ئارىسىدىكى چوققىسى كۆكلەرگە تاقاشقان قەلئە سېپىلى ئالدىدا ماغدۇرىدىن كېتىپ جان بەردى. ساناق ساۋاتى 100 مىڭدىن ئېشىپ مىليونغا بارالمىغان سېلىم خوجا گەپ قىلىۋاتقاندا، ھە دېسىلا “ئون كەرە 100 مىڭ”، “بەش كەرە 500 مىڭ” دەپ پو ئېتىشقا باشلىدى، لېكىن ئۇنىڭ دەيدىغانلىرى تۈگەيدىغاندەك قىلمايتتى. ھەيران قالغۇدەك ئىش، سېلىم خوجا ئۆزىنىڭ زادى نېمە دېگىنىنى ئاڭلايدىغاندەك رېدماۋىس خانىمنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ سۆزلەيتتى. رېدماۋىس خانىممۇ خۇددى سېلىم خوجىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندەك ۋە بۇ سۆزلىرىنىڭ تەسىرىدە دەسلەپ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالدى، كېيىن بېرىپ يىغلاشقا باشلىدى. سېلىم خوجىدا قانداق كارامەت باردۇ؟ تىلىنى بىلمەيدىغان بىر ئايالنى يىغلىتىۋېتىدىغان؟ ئابباس ئەپەندى: - مەن بۇ سېلىم خوجىدىن قورقتۇم، تىل بىلمەيدىغان بىر ئايالنى سۆزلەپ يىغلىتىۋەتتىغۇ... قاراپ تۇر، سېلىم خوجا بۇ ئايالنى مۇسۇلمان قىلىۋېتىدۇ، مۇسۇلمان قىلىپلا قالماي يەنە نىكاھىغا ئالىدۇ، - دېدى. سېلىم خوجىنىڭ ئايالى بارلىقىنى دېۋىدىم، ئابباس ئەپەندى: - خوتۇنى بولسا نېمە بوپتۇ، بۇ ئەبلەخمۇ مۇسۇلمان، شۇنداقلا ئىمام، ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ، تۆت خوتۇن ئالسىمۇ بولىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ ئامېرىكىلىقنى مۇسۇلمان قىلسا ساۋابمۇ ئالىدۇ تېخى، قارا، يائاللا، قارا، بىز ئۇنداق قىلساق گۇناھكار بولىمىز، سېنىڭ خوجاڭ بولسا ھەم خوتۇن ئالىدۇ، ھەم ساۋاب ئالىدۇ. شۇنداق، رېدماۋىس خانىم يىغلىۋەتتى، بىز بولساق ئۇ ئايالنى سېلىم خوجىنىڭ تەسىرلىك سۆزلىرىدىن يىغلاۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپتۇق. ئەرك ئال پاراخوت تۇرخۇنىدىن چىققان ئىس - تۈتەكلەر كۆزىگە كىرىپ كەتكەنلىكتىن يىغلىغانلىقىنى ئېيتتى. نەگىلا بارساق تەتۈرلۈك كېلىپ بىزنى تاپىدۇ. ئايالغا بوغۇزنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىپ كۆڭلىنى ئالىمىز دېدۇق، لېكىن كۆزىگە تۈتۈن كىرىپ كەتتى. سېلىم خوجا ئايالنىڭ كۆزىگە تۈتۈن كىرىپ كېتىپ يىغلىغانلىقىنى چۈشەنمىگەندەك، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ گەپلىرىدىن تەسىرلىنىپ يىغلاۋاتىدۇ دەپ قاراپ، رېدماۋىس خانىمغا يۈزلىنىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراپ چۈشەندۈرمەكتە ئىدى، - فاتىخ ئىستانبولنى قورشىغان 11 - قوشۇننى باشلىغان ۋە ئىستانبولنى ئىگىلىگەنىدى. سېلىم خوجىغا گەپ قىلمىساق بولمايتتى. - ئەڭ ئاخىرىدا، بىزنىڭ زامانىمىزدا بۇ ئىستانبول شەھىرى دېموكراتىيە دەپ، 12 - قېتىمدا ئېلىنىپ بۇ ھالغا كەلگەنىدى. بۇ گۈزەل، ئېۋەنسىز گۈزەللەرنىڭ بوينىدىكى مارجانلاردەك مۇھاسىرىگە ئېلىنغان، باشقىدىن مەينەت قىلىنغان. مىڭ نەچچە كەرە ئەپسۇسكى، بۇ گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى ئىستانبول ئەخلەت - پەخلەت، ئىس - تۈتەك، پاسكىنىچىلىق، توپا - چاڭ، لاي - پاتقاقتىن بۇلغانمايدىغان ۋە گۈزەللىكىنى يوقاتمايدىغان شەھەردۇر. شەھەرلىك ھۆكۈمەتمۇ شەھەرنى تازىلىمايدۇ. بولسا “شىر ئۇۋىسىدىن، پادىشاھ تۇرقىدىن، شاھ ئوردىسىدىن مەلۇم” دېگەندەك، ئىسمى - جىسمىغا لايىق شەھەر بولۇپ قالغان، ۋاي، 100 مىڭ كەرە ئەپسۇسكى، ئىستانبولدا كونا ئىستانبوللۇقلار ياشىيالمايدۇ، كونا ئىستانبول تەربىيەسى تېپىلماس دەرىجىدىكى بىر ئەنئەنە بولۇپ، بىر - بىرىگە “رەھمەت سىزگە” دېگىنىنى ئاڭلاپ قالسا، “ھا، رەھمەت ئېيتىدىكەن” دەپ ھەيران قالىدۇ. رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالغانلار بولسا “كونا ئەسەرلەر جەمئىيىتى ژۇرنىلى”غا مەلۇم قىلىنىدۇ. ۋاي ئەپسۇس، 100 كەرە، 500 مىڭ كەرە ئەپسۇس. رېدماۋىس خانىمنىڭ كۆزىگە كىرىپ كەتكەن كۈيە چىقمىدى، ئايال ئەرك ئالغا ئالدىدىن ئۆتمەكچى بولغان قىز قەلئەسىنى كۆرسىتىپ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىدى. سېلىم خوجا بولسا مۇنداق دېدى: - ئاستى تۇزدۇر، - ئۈستى مۇزدۇر. - كېچىسى يۇلتۇزدۇر، - كۈندۈزى قىزدۇر. ئەرك ئال: - بۇ نېمە دېگىنىڭىز، - دەپ سورىسا، سېلىم خوجىمۇ: - بۇ بىر تېپىشماقتۇر، مانا بۇ كۆرگىنىڭىز قىز قەلئەسىدۇر، - دەپ، شۇنداق چۈشەندۈردى، - ئاستى تۇز دېگىنىمىز، ئاستىدىكى تۇزلۇق سۇدۇر، ئۈستى مۇز دېگىنى شامالدا، قىشتا يالىڭاچ كۆرۈنۈشىدۇر، كېچىدە يۇلتۇز دېگىنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ۋىل - ۋىل يورۇپ تۇرۇشىدۇر... كۈندۈزى كۆرگەن قىز قەلئەسى بولسا خۇددى قىزدەك گۈزەلدۇر... - دېۋىدى، بىر سېتىقچى: - ھۆرمەتلىك خانىملار، ئەپەندىلەر، سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ چىرايلىق قۇتىنىڭ ئىچىدە سەككىز خىل يىڭنە بولۇپ، ھەر بىر يىڭنىنىڭ ئايرىم - ئايرىم نەقىش چېكىش...- دەپ، باشلىغان ساتماقچى بولغان يىڭنىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى باشلىغۇچە سەل بۇرۇن سېلىم خوجىنىڭ سېتىش تەشۋىقاتچىسى بولغانلىقىنى سۆزلىگەن ئادەم يېنىدىكىسىگە: - قارا كۆردۈڭمۇ، مەن ساڭا دېمىگەنمىدىم، قارا، بۇ ساقاللىق ئوغرى بۇ يىڭنە ساتقۇچى بىلەن شېرىك، بۇلار داۋاملىق مۇشۇنداق ھەمكارلىشىدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن ماختاپ سۆزلەپ، ھەممە ئادەمنى يېنىغا يىغىپ بولۇشىغا، يەنە بىرسى دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ نەرسىلىرىنى سېتىشقا باشلايدۇ. بۇلارنىڭ بىرسى جار سالغۇچى، يەنە بىرسى مال ساتقۇچىدۇر، بۇ ساقاللىق ئىپلاس ئاۋۇ يىڭنە ساتقۇچىنىڭ جارچىسىدۇر. - يىڭنە ساتقۇچى يىڭنىلىرىنى سېتىۋاتسا، باشقا تەرەپتىن بىر سېتىقچى سودىسىنى باشلىۋەتتى. بۇ بەش - ئون خىل ن−ەرس−ىنى بىراقلا ساتىغاندىلاردىن ئىدى. ساقالغا سوپۇن سۈرتۈش چوتكىسى، شىرە ئەينىكى، ئاۋازلىق بالىلار ھاۋا شارى، رەڭلىك قەلەم قاتارلىق باشقا نەرسىلەر بار ئىدى. ئارقىدىنلا تاغاقچى كەلدى. نىلون خالتىلىرى ئىچىدە ئايرىم ئىشلەنگەن، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئالتە تاغاقنى بىر باغلام قىلىپ ساتاتتى. بۇ يەردە بىر يىگىت يالغۇز ئايلىنىپ يۈرۈپ، ھەر بىر يولۇچىنىڭ قولىغا، ئالدىغا، قۇچىقىغا قەغەزگە ئورالغان شېكەر بىلەن بىر ئالىقانچىلىك قەغەزنى قويۇپ قويدى. سېلىم خوجا: - چوقۇم مەۋلۇت شېكىرى، - دېگىنىچە شېكەرنى ئاغزىغا كاپ ئەتتى. لېكىن باشقا يولۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى شېكەرنى يېمىدى. يىگىتنىڭ قويۇپ قويغان قەغىزىدىكى خەتنى ئوقۇدۇم، ئۇنىڭ يېزىشىچە، ئەسكەرلىك يېشىغا توشۇپ قالغان يىگىت ئاتا - ئانىسىز قالغانلىقى ئۈچۈن، ياخشى نىيەتلىك، ياردەمپەرۋەر يولۇچىلارنىڭ بەرگەن شېكەرگە قارىتا پۇل بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. پاراخوت ئۈستىدىكى يولۇچىلارغا بىر باشتىن شېكەر ئورالغان قەغەزنى بەرگەن يىگىت ئەمدى يەنە بىر قېتىم يولۇچىلارنى ئارىلاشقا باشلىدى. ئىچى ئاغرىپ پۇل بەرگەنلەردىن پۇل ئالاتتى، پۇل بېرىشنى خالىمىغانلاردىن بولسا شېكەر ئورالغان قەغەزنى قايتۇرۇۋالاتتى. بۇ يىگىت بۇ قەغەز بولاقلارنى خېلى ئۇزاقتىن بېرى يولۇچىلارغا بېرىپ قايتۇرۇۋېلىپ يۈرسە كېرەك، قەغەزلەر كونىراپ كىرلىشىپ كەتكەنىدى، ھەتتا سېلىم خوجا شېكەر چاپلىشىپ قالغان بولاق قەغىزىدىن شېكەرنى ئايرىۋېلىش ئۈچۈن خېلى قىينىلىپ، ئاخىر قەغەزنى ئېلىۋېتىشتىن ۋاز كېچىپ، يا بىسمىللاھ دەپلا، قەغەزنى شېكەر بىلەن بىراقلا ئاغزىغا سالغانىدى. شېكەر تارقىتىش باھانىسىدا تىلەمچىلىك قىلغان يىگىت ئابباس ئەپەندىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قولىنى ئۇزاتتى. ئابباس ئەپەندى بولسا شېكەرنى قايتۇرالمايتتى ھەم پۇل بەرگۈسى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن يىگىتكە: - بىز سەندىن شېكەر تەلەپ قىلدۇقمۇ؟ ئاللا رازى بولسۇن، ئۆزۈڭ ئەكىلىپ بەردىڭ، بىزمۇ ھۆرمىتىڭنى قىلىپ يېدۇق، - دېدى. سېلىم خوجا: - بىز سېنى مەۋلۇت شېكىرى تارقاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، رەھمەتلىكنىڭ روھىغا دۇئامۇ قىلدۇق، - دېدى. سېلىم خوجا بىلەن ئابباس ئەپەندىنىڭ شېكەر توغرىسىدا تىلەمچى بىلەن بولغان تالاش - تارتىشىشى يولۇچىلارنى كۈلدۈرەتتى، تۇرۇپلا قارىسام، رېدماۋىس خانىممۇ قوۋۇزلىرىنى كۆپتۈرۈپ، تىلەمچى بەرگەن كونىراپ كەتكەن قەغەزدىكى ئەقىدە شېكىرىنى شوراشقا باشلىغانىدى. سېلىم خوجا بىلەن ئابباس ئەپەندىنىڭ ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ شېكەرنىڭ پۇلىنى بەرگۈسى يوق ئىدى. ئۇ بىزەڭ يىگىتنىڭ پۇل، دەپ رېدماۋىس خانىمغا ئېسىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئارىسىدا تېخىمۇ رەزىللەشمەسلىكى ئۈچۈن پۇل بەردىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۇرۇن يىگىتنى يېنىمىزدىن يوقاتتۇق. - سېتىقچىلاردىن بىرسى كەتسە، بىرسى كېلىپ تۇرغاندا، ياشانغان بىر ئادەم ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنىڭ كونا ۋە بەك ئۇستا سېھىرگەر ئىكەنلىكىنى، ھازىر “ھۆرمەتلىك يولۇچىلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن” بىر قانچە نومۇر كۆرسىتىپ، “سەپەرنىڭ خۇشال بولۇشى ئۈچۈن” تىرىشىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندىن كېيىن ئاغزىنى ئاچتى. ھەممىمىزنىڭ كۆزى ئۇنىڭدا ئىدى، ئۇ ئاق ئورالغان يوغان بىر ناچىنى يۇتتى. يانچۇقىدىن بىر قۇرۇق ناچىنى چىقاردى، ئوڭ قولىنى بۇرنىغا تۇتۇپ، بۇرنىنىڭ تۆشۈكىدىن چىققان يىپنى تارتىپ، پەستىكى بوش ناچىغا يۆگەشكە باشلىدى. ئاندىن يەنە چوڭ بىر ياڭاقنى بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدا يوق قىلىۋېتىپ، چاچلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقاردى، ئاخىرىدا يەنە بىر يولۇچىنىڭ قولىدىكى چاقماقنى ئالدى، ئاندىن بۇ چاقماق ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا غايىب بولۇپ كەتتى. سېھىرگەر ئاندىن “چاقماقنى ئىچىڭلاردىن بىرسى ئوغرىلىۋالدى” دەپ يولۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئۈستبېشىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. ئىزدەش نۆۋىتى سېلىم خوجىغا كېلىشى بىلەن سېلىم خوجا ئاچچىقلاپ ئۇ ئادەمنى قوغلىدى. سېھىرگەر بولسا: - دېمەك سەن ئاپسەن، شۇڭا ئاختۇرۇشتىن قورقۇۋاتىسەن، - دېدى. سېلىم خوجا بولسا چاقچاق ئاڭلار ئەمەس ئىدى، بەلكى سېھىرگەرگە ئېتىلغاندەك قىلاتتى. - دېمەك، سەن ئالمىدىڭ، - دېدى سېھىرگەر، - ئۇنداق بولسا بۇ خانىمنى ئاختۇراي، - دەپ رېدماۋىس خانىمغا يۈزلەندى. - بولدى، ئاختۇرما، توختا... دېيىشىمىزگە باقماي، غىدىقلانغانلىقىدىنمۇ ياكى جىلۋە قىلىشىدىنمۇ، ئىشقىلىپ كۈلۈپ تۇرغان رېدماۋىس خانىمنىڭ ئۈستبېشىنى ئاختۇرۇپ، ئۇ يەر - بۇ يېرىنى تەكشۈرۈپ، مىجىقلاشقا باشلىدى. رېدماۋىس خانىمغا ئاشىق بولۇپ قالغان ئابباس ئەپەندى بىلەن سېلىم خوجا كۈنداشلىقتىن نېمىلەرنىدۇ دەپ غۇدۇرۇشاتتى. ئۇلارنى ناھايىتى تەستە توسۇپ تۇراتتىم. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇ قېرى سېھىرگەر قولىنى رېدماۋىس خانىمنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئاستىغا تىقىپ: - مانا، مانا، بۇ يەردە ئىكەن، - دەپ چاقماقنى رېدماۋىس خانىمنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئاستىدىن چىقاردى، يولۇچىلار قاقاھلىشىپ كۈلۈشۈپ كېتىشتى. - قېرى سېھىرگەر مايلىق، كىرلىشىپ كەتكەن شەپكىسىنى بېشىدىن ئېلىپ ، يولۇچىلاردىن پۇل يىغىشقا باشلىدى. - بىر كىچىك بالىسىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېتىلىۋالغان ئەما خوتۇن كەلدى، بۇ ئەما ئايال تىلەمچىلىكىنى قىلىۋەرسۇن. بۇ قېتىم بىر ئادەم چۈمبۈش چېلىپ، ئىچىملىكتىن بوغۇلغان، تاماكىدىن خىرقىراپ قالغان، توم، يېقىمسىز بىر ئاۋازدا ناخشا توۋلاشقا باشلىدى. يەنە بىر تەرەپتە 10−12 ياشلاردىكى ئىككى بالا شىرە ئورۇندۇقلىرىنى يانلىرىغا قويۇپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان ئوتتۇرىدىكى يەردە جانبازلىق ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. موللاق ئاتتى، بىرسى يەنە بىرسىنىڭ مۈرىسىگە چىقتى. - چۈمبۈش چېلىپ ناخشا توۋلىغانلارنىڭ ئارقىسىدىن جانباز بالىلار ئۆرۈمە پۇل يىغدى. - قىسقىسى، كادىكۆيدىن ئىستانبولغا كەلگەن پاراخوتنىڭ ئۈستىدىكى، يېڭى جامە ھويلىسىدىكى، ئىمىن ئۆنۈ مەيدانىدىكى قالايمىقانچىلىقلار بەك تولا ئىدى. بارلىق تەشۋىقاتچىلار، سېتىقچىلار، كىچىك بىر سېرك مەيدانىغا ئوخشايدىغان پاراخوت ئۈستىدىكى سېھىرگەرلەر، جانبازلار، تىلەمچىلەر، چالغۇچىلار، ناخشىچىلار يەتمىگەندەك، بۇ قېتىم پاراخوتنىڭ خىزمەت كىيىمىنى كىيگەن بىر مەمۇر كېلىپ، ئۇ يەردىكى يولۇچىلاردىن بىرەر لىرادىن پۇل يىغىشقا باشلىدى. - بىزنى بۇنچە تاماشا قىلدۇرغاندىكىن پۇل ئېلىشى ھەقلىق ئىدى. لېكىن يولۇچىلاردىن بىرسى: - بۇ نېمىنىڭ پۇلى، مەن بېلەت ئالغان تۇرسام، - دەپ، پۇل بەرمەسلىكنىڭ قازىنىنى ئېسىۋېدى، ئۇ مەمۇر بۇ يەرنىڭ پاراخوتنىڭ ئالاھىدە يېرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم بېلەت ئېلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىدى. بۇنىڭ بىلەن سېلىم خوجا: - تىلەمچىلەرمۇ كىشىلەرگە شېكەر بەردى، بىرلىرى ناخشا ئېيتتى، بىرلىرى مۇزىكا چالدى، بىرلىرى جانبازلىق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن تىلىگىنىگە تۇشلۇق ھەق ئالدى، سەن تۇرۇپلا ھېچقانداق ماھارەت كۆرسەتمەي تالون بىلەنلا پۇل يىغامسەن؟ - دەپ چېقىشتى. مەمۇرنىڭ بۇ سۆزگە بەك ئاچچىقى كېلىپ، “دۆلەت دېڭىز يولى پاراخوتى” دەپ باشلاپ، بىر قانچە قېتىم بوغۇملىرىنى ئايرىپ تۇرۇپ “دۆلەت” دەۋېتىپ، “ھاقارەت” دەپ ۋارقىرىدى. - شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەرەپتە بىر يولۇچى يۇقىرى ئاۋازدا: - يائاللا، بۇ مەمۇرنىڭ نېمە گۇناھى باردۇ؟ ئەسلىي گۇناھ دۆ... - دەپ، گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋېتىپ، پەس ئاۋازدا: - ھېچكىمنىڭ گۇناھى يوق، - دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتى. - سېلىم خوجىنىڭ ئاغزى بېسىقاي دېمەيتتى: - نېمە ئالاھىدىلىك بۇ، قانداق شەكىلدىكى ئالاھىدىلىك بۇ؟ ئادەملەر بۇ ۋاراڭ - چۇرۇڭغا دۆلەتنىڭ زورلىشى بىلەن قاتنىشامدۇ؟ تۇرۇپلا ئالاھىدە يەر دەپ، بىكاردىن پۇل ئالامدۇ؟ سېلىم خوجىنىڭ “جېنىنى ئالساڭ ئال، پۇلىنى ئالما” دېگىنىگە قاراپ، بۇ قېتىم پۇلنى مەن بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم. - بولدى، رېدماۋىس خانىم بۇ يەرنىڭ ئالاھىدە يەر ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل ئالىدىغانلىقىنى ئاڭلىسۇن. ئايال قالايمىقانچىلىقلاردىن، تالاش - تارتىشلاردىن ھەيران قېلىپ ئەرك ئالدىن: - نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى. ئەرك ئال نېمە دېسەم بولار دەپ قىينىلىپ تۇرۇۋېدى، سېلىم خوجا: - قېنى ئوغلۇم شۇنداق بىر يالغان توقۇغىنكى، بۇ ئايال بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى ناچاركەن، دەپ قالمىسۇن، - دېدى. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ بۇ ئەرك ئال ئەسلىدىنلا ساياھەت مىنسىتىرى بولۇشقا لايىق ئىدى. نېمە دېمەڭ، ياقتۇرۇپ قالىسىز. ئامېرىكىدا ھەر چوڭ ئىشلار كاپىتالىستلارنىڭ ئىلكىدە ئىكەن، ئامېرىكىدىكى مەخسۇس كارخانىچىلار ئارىسىدا كەسكىن رىقابەت باركەن، مەن بىزنىڭ ئەرك ئالمۇ بوغۇز ئىچىدە ماڭىدىغان پاراخوتلارنىڭ بىر قانچە شىركەتلەرنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ يولۇچى توشۇش رىقابەتلىرى بولىدىغانلىقىنى، بىزنىڭ ئولتۇرغان بۇ پاراخوت تەۋە بولغان شىركەتمۇ يولۇچىلارنى جەلپ قىلىمىز دەپ كۆرگەن نومۇرلارنى پىروگرامما قىلىپ تۈزگەنلىكىنى سۆزلەپتۇ. گېپىدە ئۇ بارلىق سېتىقچىلار، تىلەمچىلەر، ناخشىچىلار، سېھىرگەرلەر، جانبازلار ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى يولۇچىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلار دەپ كۆرسىتىلىپتۇ. رېدماۋىس خانىم بىزنىڭ ساياھەت باشلىقى نامزاتىمىز ئەرك ئالنىڭ يالغان گەپلىرىگە ئىشەندىمۇ - ئىشەنمىدىمۇ بىلمىدىم. پەقەت پاراخوت كادىكۆي پورتىغا يېقىنلاشقاندا شۇنداق بىر توۋلىدىكى، يولۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكىگە ئوخشاش مەنمۇ پاراخوت پورتقا يېقىنلاشقاندا بۇ ئايالنىڭ بىر يېرى قىسىلىپ قالدى دەپ ئويلىدىم ياكى بولمىسا ئۇ كىچىك رادىيوسىدىن بىر خەۋەر ئاڭلاپ شۇنىڭغا خۇش بولۇپ ۋارقىراپ كەتتى. ئامېرىكىلىق ئاستىرونوم قېرىندىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالەم سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپتۇ، ئايغا قاراپ كېتىۋېتىپتۇ، ئاينىڭ رەسىمىنى سۈرەتكە تارتىپتۇ. - نېمە بولۇۋاتىدۇ؟ بۇ يەردە بۇنچە خۇشال بولغۇدەك نېمە بار؟ بىزمۇ ئالەم كېمىسىگە مىنىدىغان بولساق، بىزمۇ ئايغا بارالايتتۇق. بىزمۇ ئاللانىڭ بۇيرۇشى بىلەن سەپىرىمىزنى غەلىبىلىك داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. كەينى - كەينىدىن كۆڭۈلسىزلىكلەر بولمىغان بولسىدى، ئامېرىكىلىق ئايالنى سىيگۈزۈۋەتمىگەن بولساق، ھەممە ئىش ئۆز رولىدا ماڭغان بولاتتى. خوش، پاراخوتنىڭ ئۈستىدە شۇنچە شادلىق نومۇرلىرىنى كۆردۇق، ئايالنىڭ سىيىۋەتكىنىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدۇق. ئەتىگەندە پاچىقىدىن ئېقىپ چۈشكەن سۈيدۈكلەرمۇ بوغۇزنىڭ شامىلىدا قۇرۇپ كەتكەنىدى. پەقەت پايپاقلىرى ئاق رەڭدە ئىدى، ئاياغلىرىدا ئاچ سېرىق رەڭلىك سۈيدۈك داغلىرى بار ئىدى. - يەنە رېدماۋىس خانىمنى دېڭىز ساھىلىغا ئاپىرىپ دېڭىزغا چۈمۈلدۈرسەك، ئايغا قاراپ كېتىۋاتقان ئاستىرونوم قېرىندىشىدىنمۇ غەلىبىلىك ئىش قىلغان بولاتتۇق. |