ئەزىز نەسىن: ساياھەتنامە(3)

يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014   مەنبە: تارىم 2012-8-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
بىز مۇشۇنداق ئىنچىكە پىلانلار بىلەن كېتىپ بارساق، رېدماۋىس خانىم دەسلىپىدە قول ياغلىقى بىلەن بۇرنىنى توستى،

بىز مۇشۇنداق ئىنچىكە پىلانلار بىلەن كېتىپ بارساق، رېدماۋىس خانىم دەسلىپىدە قول ياغلىقى بىلەن بۇرنىنى توستى، ئاندىن چۈشكۈرۈشكە باشلاپ، يېرىم بىھۇش ھالدا تامغا يۆلىنىپ قالدى. لېكىن بىز ئايالنى ھوشىدىن كەتتىمىكىن دەپ دەتالاشقا چۈشتۇق. مەن ئەرك ئالدىن:
- بۇ ئايال نېمىشقا چۈشكۈرىدۇ، - دەپ سورىدىم.
- كېرەك يوق. بۇ نېمىنىڭ پۇرىقى، - دەپ سورىدى ئايال ئەرك ئالدىن.
رېدماۋىس خانىم سومكىسىدىن تەسلىكتە ئەتىر قۇتىسىنى بۇرنىغا تۇتۇپ ئاندىن ئۆزىگە كەلدى. بىز بۇ پۇراقلارغا كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا، بىزگە ئۇ ئايالدەك تەسىر قىلمىغانىدى.
كېتىۋاتقان يولىمىزدا بىر تام بار ئىدى. تامغا باشتىن - ئاخىر ماي سۈركەلگەنىدى. ماي سۈركەلگەن تامنىڭ ئۈستىگە بور بىلەن بۇ يەر “ئېشەكلەر ھاجەتخانىسى” دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى. مانا رېدماۋىس خانىمنى ئايلاندۇرۇۋەتكەن بۇ پۇراق شۇ تامدىن كېلىۋاتقان ئىدى.
سېلىم خوجا رېدماۋىس خانىمنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇپ بۇ پۇراقنى بىلەلمىگىنىگە بەك ھەيران قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئابباس:
- بەلكى ئۇلارنىڭكى باشقىچە پۇرايدىغاندۇ، - دېدى. ئەرك ئال ئايالنىڭ بىزنى يامان كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ پۇراقنىڭ ئەتراپتىكى ئاممىياك زاۋۇتىدىن كەلگەنلىكىنى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىياك ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە 1 - ئىكەنلىكىنى دەپتۇ. ئەرك ئالنىڭ دېگىنىگە قارىغاندا، ئاممىياك قانداقلا بولمىسۇن مۇشۇنداق پۇرارمىش. ھازىرغۇ ئۇ ئايالغا بەك ئېسىل گەپ قىلدى. ئازراق ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ تامنىڭ ئالدىغا ئۆتىمىز، ئۇ چاغدا بۇ ئايالغا نېمە دېيىشىمىز كېرەك. باشقا يولدىن كېتەيلى دېسەك، ئارقىغا يېنىپ، بۇنچە كۆپ يولنى مېڭىشقا كۆزىمىز يەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن خالا - خالىماي تامغا قاراپ ماڭغانسېرى شامال بىلەن ئۇياقتىن بىزگە ئۇدۇل كېلىۋاتقان پۇراقلار تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ئاخىر تامنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدۇق. بىز تامنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئىككى كىشى ئىشتانبېغىنى قوللىرىدا تۇتۇۋېلىپ، تامغا قاراپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۈچ كىشى تام تۈۋىدە تۇراتتى، بىرسى تامنىڭ تۈۋىدە يۈكۈنۈپ تۇرۇپ، شارقىراتمىدىن سۇ چۈشكەندەك ئاۋاز چىقىرىپ سىيىۋات−ات−تى. ب−ەزىلىرى تام تۈۋىدە ھاجىتىنى راۋا قىلىۋاتاتتى. ئىشتانلىرىنى، ئىشتانباغلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ يولىغا كېتىشىۋاتاتتى.
بۇ ئىشقا دۇچ كەلگەن رېدماۋىس خانىم قاتتىق گاڭگىراپ قېلىپ، جامدەك ئېچىلغان كۆزلىرى بىلەن بىزگە قارىغىنىدا، بىزنىڭ ئەقىللىق ئەرك ئال چەت ئەللىك ئالدىدا يۈزىمىزنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق بىر يالغاننى توقۇپ دەپتۇ:
- يەھۇدىيلارنىڭ قۇددىستا يىغلايدىغان قانداق تېمى بار بولسا، بىزنىڭمۇ بۇ يەردە سىيىدىغان تېمىمىز بار. قائىدە بويىچە ھەرقانداق كىشى بۇ يەردىن ئۆتكەندە بۇ تامغا سىيمىسە ئىشلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ، ئىشلىرى تەتۈرىگە يانىدۇ. ھەركىم بۇ يەردىن ئۆتكەندە بۇ تامغا سىيسە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ.
گاڭگىراشنىڭ ئۈستىگە گاڭگىراپ قالغان بۇ ئايال تامغا يېزىلغان خەتنىڭ مەنىسى نېمە ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. بۇ قېتىم يالغاننى توقۇيالمىغان ئەرك ئال سېلىم خوجىدىن ياردەم سورىدى.
- ھە، سېلىم ئاكا، ئەمدى بۇ ئايالغا نېمە دەي؟
- سېلىم خوجا:
- مېنىڭ گەپلىرىمنى ئۇنىڭغا تەرجىمە قىلىپ بەر، - دەپ گېپىنى باشلىدى، - بۇ يەر ئەيسا پەيغەمبەردىن بۇرۇن بىنا بولغان يەر بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ۋاقتىدا ئەسلىسىگە ئاساسەن رېمونت قىلىنغان، پارقىراپ تۇرىدىغان قاراماي بىلەن سۇۋالغان، ئۈستىگە بور بىلەن يېزىلغىنى بولسا بۇ يەرنىڭ رېمونت قىلىنغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تامنىڭ تۈۋىدە 42 سائەت ئۈزۈلمەي شىر - شىر ئاۋاز كېلىپ تۇرغاچقا قەدىمدىنلا بۇ تام “تامى شىر - شىر” دەپ ئاتىلاتتى، بۇ تامغا تارىختىكى ناھايىتى كۆپ كىشىلەر سىيگەنىدى.
سېلىم خوجا قارىسىغا سۆزلەۋاتاتتى. ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇنىڭغا بۇنداق سۆزلەش نۆۋىتى كېلىپ باقمىغانىدى. بۇنىڭغا نۆۋەت كەلدىمۇ بولدى، ھەرقانداق پو ئاتىدىغان ئادەممۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتى.
ئەرك ئال ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئايالغا تەرجىمە قىلىپ بېرىۋاتاتتى. سېلىم خوجا “بۇ تامغا بەك كۆپ تارىخىي ئادەملەر سىيگەنىدى” دېگىنىدە، تارىخقا بەك قىزىقىدىغان رېدماۋىس خانىم دەرھاللا:
- تارىختا كىملەر بۇ تامغا سىيگەن؟ - دەپ سورىدى. سېلىم خوجا سېكۇنت ئۆتمەي ساناشقا باشلىدى.
- جۇل سېزار، بېنلى گۈلىزار، ئارسلان يۈرەك ياشار، جابىر ئىبنى جەببەر، پىيېرلېرمىت دېيىلگەن غازى، بالا - قازا يولىغا ماڭغان يازى...
ئەرك ئال:
- سېلىم خوجا تاغا، گەپلىرىڭىزنىڭ ئەرەبچىلىرىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلالمىدىم، - دېدى. سېلىم خوجا ھاياجانلانغانىدى. ئۇ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، - قاراماي ئۈستىگە بور بىلەن يېزىلغان خەتكە كەلسەك، ئۇشبۇ يېزىلما ناھايىتى كونا زامانلاردىن قالغان بىر شېئىردۇر.
ئامېرىكىلىق ئايال بۇ شېئىرنى يېزىۋېلىش ئۈچۈن سومكىسىدىن دەپتەر، قەلەم ئالدى. سېلىم خوجا تامدىكى “ئېشەكلەر ھاجەتخانىسى” ۋە “بۇ يەرگە سىيگەن ئېشەكتۇر” دېگەن خەتنى خۇددى شېئىر ئوقۇغاندەك ئوقۇشقا باشلىدى.

كەلسە ئەگەر سىيگۈسى،
قىينىلىدۇ ھەر كىشى.
بىرەر تامنىڭ تۈۋىگە
يۈگۈرۈپ بارماق بەس ئىشى.

ئەرك ئال بۇ تۆتلۈكنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن خېلى قىينالدى. خېلى ۋاقىت سەكرەپ، تاقلاپ، پۇت - قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئازراق سۆزنىڭ ياردىمى بىلەن ئايالغا شېئىرنى چۈشەندۈرگەن بولدى.
لېكىن بۇ ھالدا ئامېرىكىلىق ئايالنى سىيىدىغان تامنىڭ يېنىدىن بىراقلا ئېلىپ كېتەلمىدۇق. ئۇ ئايال تامدىكى بارلىق خەتلەرنى بىلىۋېلىشنى ئىستەۋاتاتتى، بولمىسا بەك خەلقئارالىق ۋە يەرلىك بولغان بۇ خەتلەرنى باشقا بىر تىلغا تەرجىمە قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقتى. مەسىلەن، تامغا مىخ بىلەن جىجىپ يېزىلغان شۇنداق بىر بېيىت بار ئىدى، ئۇنى بىزدىن باشقا ھېچكىم چۈشىنەلمەيتتى.

ئېرغاڭلىساڭ ئېرغاڭلا قانچە،
ئىچ كىيىمىڭدە قالىدۇ ئاخىرقى تامچە.

رېدماۋىس خانىم سىيىدىغان تامدىن تارىخىي كىشىلەر قالدۇرغان بىرەر بەلگە ئىزدەۋاتاتتى. ئەرك ئال شۇ ھامان سېزارنىڭ شۇنداق بىر سۆزىنىڭ بۇ تامغا يېزىلغانلىقىنى دېدى.
- كەلدىم، ياشىدىم، كەتتىم!
تەرجىمىنىڭ توغرىسى مۇنداق دېدى:
- بۇنى يازغان پىچىۋېتىلگەن توپاق!
سىيىدىغان تامغا بور، قەلەم، سەرەڭگە تېلى بىلەن يېزىلغان خەتلەردىن باشقا مىخ قاتارلىقلار بىلەن جىجاپ سىزىلغان رەسىملەرمۇ بار ئىدى. رېدماۋىس خانىم بۇ رەسىملەرنى تارىخىي رەسىم دەپ چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھاياسىز رەسىملەرنىڭ رەڭلىك ھالىتىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتاتتى. بىز ئايالنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولساقمۇ جاپايىمىز بىكارغا كېتىۋاتاتتى. ئايال نېمە دېدىكىن، ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئاچچىقى كەلگەن ئەرك ئال: “قەدىرلىك خانىم، نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن، يەنە نېمە ئىشلار بولار، بۇ ئايال ئەخلاقسىزلىق قىلىپ بېشىمىزغا چىقامدۇ نېمە؟ يائاللا نومۇس...” دېگەن بىر گەپلەرنى قىلىپ كەتتى. ئايالنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلانغانلىقىنى سورىدۇق. ئايال ئەرك ئالغا: “ئەنئەنە بويىچە بولغاندا بۇ تامغا سىيگەنلەرنىڭ ئىشلىرى يۈرۈشلۈك بولىدىغان بولسا ئۇنداقتا مەنمۇ بۇ يەرگە سىيىمەن، مەن بۇ يەرگە سىيمەي تۇرۇپ باشقا يەرگە بارمايمەن”، دەپتۇ.
بۇ يەرگە پەقەت ئەرلەر سىيسىلا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئايالغا ناھايىتى تەستە چۈشەندۈردۇق. بۇنىڭچە رېدماۋىس خانىم تېلېكامېرانى ئېچىپ ئۈستىدە “ئېشەكلەر ھاجەتخانىسى” دەپ يېزىلغان تامنىڭ تۈۋىگە سىيىۋاتقان ۋەتەنداشلىرىمىزنى خېلى ئۇزۇن سىنغا ئالدى.
ئابباس:
- قېرىنداشلار، دۆلىتىمىزنى چەت ئەللىكلەرگە ئەسكى قىلىپ كۆرسىتىش خائىنلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئايال تامغا سىيگەنلەرنى سۈرەتكە تارتتى، سىنغا ئالدى. ئەمدى بۇ سن لېنتىلارنى پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ كىنوخانىلىرىدا قويىدۇ. بىزنىڭ قانداق سىيىدىغىنىمىزنى پۈتۈن دۇنيا كۆرىدۇ، ئاندىن بۇ ئىشلىرىمىزنى بۇ يەردىكىلەر بىلىدۇ. ئاخىرىدا بىزنىڭ ھۆكۈمەت بىزنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالىدۇ، - دېۋىدى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە قورقۇنچ چۈشتى. بىز جىممىدە كېتىۋالايلى دەپ تۇرساق رېدماۋىس خانىم يەنە تۇرۇپلا توۋلاپ كەتتى. بۇ ئايال نېمە ئۈچۈن بۇنچە توۋلايدىغاندۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەرك ئالدىن ئاڭلىدۇق. قۇلىقىغا چاپلىۋالغان رادىيودىن ئاڭلىغان خەۋىرىدە قېرىندىشى يىراقتا دۇنيانىڭ چېتىگە چۈشۈپ ماڭغىلى تۇرۇپتىكەن، شۇنىڭغا خۇشال بولۇپ توۋلاپ كەتكەنىكەن. ھەي ئۇلۇغ تەڭرىم! بىز بولساق بۇ يەردىن پوق - سۈيدۈك قاپلاپ كەتكەن، مەينەت، لاي يولدىن قۇتۇلۇپ خاتىرجەم چوڭ يولغا چىقىۋالساق بولاتتى.

4




ھالقىلىق سۆزلەر : چەتئەل، ئەسەر، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار