ئاپتوبۇس بېكىتىگە كەلدۇق، رېدماۋىس خانىمغا پۈتۈن بىر كۈن ئىستانبولنى ساياھەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى. ساياھەتنىڭ قىممەت بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تاكسىغا ئولتۇرالمىدۇق. ئەرك ئال ئوقۇغۇچى بولغاچقا يېرىم بېلەت ئالالايتتى، بىزگە ئاپتوبۇس ئەڭ مۇۋاپىق ئىدى. قاراڭ ئىشنىڭ تەتۈرلۈكىنى، تاكسىلار، مىنىبۇسلار ئالدىمىزدىن ۋىژىلداپ ئۆتۈشۈپ تۇراتتىيۇ، لېكىن بىرمۇ ئاپتوبۇس كەلمەيتتى. بىز كەلمەي جاھىللىق قىلىۋاتقان ئاپتوبۇستىن بەكرەك جاھىل بولغاچقا، ئەڭ ئاخىرى بېكەتكە كىرگەن ئاپتۇبۇسقا ئولتۇردۇق. شوپۇر ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئوخشاش بىر ئاپتوبۇس، ئوخشاش بىر يولدا مېڭىۋەرگەچكىمىكىن، ئىچى سىقىلىپ، ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇراي، دەپ، ئاپتوبۇسنى بىر قوزغاپ، بىر توختىتىپ، يولۇچىلارنى خۇددى بىليارت تاشلىرىنى بىر - بىرىگە سوققاندەك سوقۇشتۇرۇپ يۈرەتتى. ئاپتوبۇس بىر قوزغىلىپ بىر توختىغاندا، يولۇچىلار بىر - بىرىگە سوقۇلاتتى، بۇرۇن - بۇرۇنغا، كاللا - كاللىغا ئۇرۇلاتتى، بىر - بىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلاتتى، پۇتلىرىغا دەسسىشەتتى. يولۇچىلار ۋارقىرىشىپ، بىر - بىرى بىلەن يۈز - كۆزلىرى تېگىشىپ، گەپ تالىشىۋاتقاندا ئوخشاش يولنى مېڭىپ، ئىچى سىقىلغان شوپۇرنىڭمۇ ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەك بولاتتى. ئۈچ ياكى تۆت بېكەت ماڭغاندىن كېيىن، شوپۇرنىڭ قاتتىق بىر تورمۇز قىلىشى بىلەن ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلار بىر - بىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىشتى. بۇرنى قارشى تەرىپىدىكى تاقىرباشنىڭ بېشىغا تېگىپ قاناپ كەتكەن بىر يولۇچى تەتۈرلۈكى تۇتۇپ، تاقىرباش بىلەن مۇشتلىشىپ كەتتى. بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كەتكەنلەر ئوتتۇرىسىدا جېدەل - ماجىرا باشلاندى، ئۇلار بىر - بىرىنى ئەيىبلىشەتتى، بۇرۇن قانىغاننى كۆرگەن شوپۇر ئاپتوبۇسنى توختاتتى. بېلەتچى بىر ساقچىنى چاقىردى، ساقچى كەلگەندە ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەۋاگەرلىكى مەلۇم بولدى. بىر - بىرى بىلەن دەۋالاشقۇچىلار دەۋالاشمىغان يولۇچىلارنى گۇۋاھلىققا تارتاتتى. ئىككى غەۋغاچى ئىككىمىزنى ساقچىغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كۆرسىتىپ قويدى. - قېنى ئەمىسە، گۇۋاھلىق بېرىڭ، ئىشخانىغا، - دېدى ساقچى رېدماۋىس خانىم بىلەن ئىككىمىزنى ئاپتوبۇستىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۈپ. بىز چۈشكىچە ئەرك ئال بىلەن سېلىم خوجىلارمۇ ئاپتوبۇستىن چۈشتى. مەن: - ياخشىمۇسىز، ساقچى ئەپەندىم، بىز بارالمايتتۇق، - دەپ، ئىجازەت سورىغۇچە ساقچى: - گۇۋاھلىق بېرىش پۈتۈن خەلقنىڭ مەجبۇرىيىتى، ئىشخانىغا مېڭىڭ، - دېدى. يالۋۇرۇشقا باشلىدىم: - ناھايىتى توغرا دېدىڭىز، لېكىن بىز باشقا بىر مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان. بىز بۇ ئامېرىكىلىق ئايالغا دۆلىتىمىزنى تونۇشتۇرۇۋاتىمىز ۋە تەشۋىق قىلىۋاتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستانبولنى ساياھەت قىلدۇرۇۋاتىمىز. - نېمىشقا بارالمايسىز، گۇۋاھلىق بېرىش مەجبۇرىيەت، ئىختىيارىڭىز ئەمەس، - دېدى ساقچى. - بۇ خانىم ئامېرىكىلىق، تۈركچە بىلمەيدۇ، قانداقسىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ... بىز ساقچىغا يالۋۇرۇپ، يېلىنىپ تۇرۇۋاتساق ئاپتوبۇس كېتىپ قالدى. بېشىغا نېمە قىسمەتلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلمىگەن رېدماۋىس خانىم قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. مەن ئەرك ئالدىن: - يائاللا ماۋۇ خوتۇن نېمىگە كۈلىدۇ، بىزنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈۋاتامدۇ، يا، - دەپ، سورىدىم. - ئۇنداق ئەمەس، بەكىر تاغا، - دېدى ئەرك ئال، - ئۇ ئۆز ھالىدا، رادىيودىن يەنە بىر خەۋەر ئاڭلاپ شۇنىڭغا خۇشال بولۇۋېتىپتۇ، ئالەم ئۇچقۇچىسى قېرىندىشى ئالەمدە ئىككىنچى قېتىم ئايلانغىلى تۇرۇپتۇ. ساقچى بىزنى ئىشخانىغا ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندا، ئابباس ئەپەندى قۇلىقىمغا: - بىز ئىككى - ئۈچىمىز سالا - سۇلىھ قىلىپ باقساق، ساقچى بىزنى قويۇۋەتمەسمۇ، - دەپ پىچىرلىدى. شۇ ئەسنادا سېلىم خوجا: - دەۋاگەر قېنى، جاۋابكار قېنى؟ بىز كىمگە گۇۋاھلىق بېرىمىز؟ - دېدى. ساقچىمۇ بىزنىڭ ياقىمىزنى قويۇۋېتىشكە مەجبۇر ب−ولغ−انلىق−ىدىن ئ−اچچىقى كېلىپ غۇدۇڭشىغىنىچە ئاغزىنى بۇزۇپ كېتىپ قالدى. ئاقسارايغىچە پىيادە ماڭدۇق. سېلىم خوجا: - ئەمدى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرمايلى، يەنە بېشىمىزغا بالا تېپىۋالمايلى، نېمە بولسا بولسۇن، تىراللىبۇسقا ئولتۇرايلى، - دەپ تۇرۇۋالدى. بىر قېتىم دېدى، گەپ قىلمىدىم، ئىككى قېتىم دېدى، گەپ قىلمىدىم ياكى تىراللىبۇس ئاپتوبۇستىن ئەرزان بولسىچۇ كاشكى. - تىراللىبۇسقا چىقايلى، - دېدى سېلىم خوجا يەنە قايتىلاپ. - كاللىڭىزنىڭ دەردى بارمۇ سىزنىڭ، تىراللىبۇسنىڭ ئاپتوبۇستىن قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ - دەپ ۋارقىرىدىم. سېلىم خوجا ئۆزىنىڭ چوڭقۇر بىلىمى بىلەن ئاپتوبۇسنىڭ بېنزىن بىلەن ماڭىدىغانلىقىنى، تىراللىبۇسنىڭ توك بىلەن ماڭىدىغانلىقىنى، دەۋرىمىزنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان توكنىڭ نېفىتتىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى شۇنداق ئۇزاقتىن - ئۇزاققا چۈشەندۈردىكى، بىزمۇ ئۇنىڭ تەلىملىرىگە قوشۇلۇپ، ئاقسارايدىن تىراللىبۇسقا ئولتۇردۇق. ئەمەلىيەتتە تىراللىبۇستا بىز خۇددى ھاراق ئېچىتىش ساندۇقىدەك سىلكىنىپ ئولتۇردۇق. بىز بېكەتتىن ئەمدى قوزغىلىشىمىزغا تىراللىبۇس بىر سىگنال بېرىپ توختاپ قالدى. ئۆزىنى باسالمىغان سېلىم خوجا ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە كىرىپ تىراللىبۇستا كېتىۋاتقانىمىزدىمۇ بىزگە توكنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى چۈشەندۈرمەكتە ئىدى، چۈشەندۈرۈپ توختىمايتتى، نېفىت ياسالمىلىرى ئىشلىتىدىغان قاتناش قوراللىرى مۇھىتنى بۇلغايدىكەن، نېفىت ياسالمىلىرى پاكىز ئەمەس ئىكەن، بۇلارنىڭ دەۋرى ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ھازىر ئۇلارنىڭ ئورنىنى توك ئالىدىكەن. نېمە سەۋەبتىنكىن تىراللىبۇس قوزغىلاي دېمەيتتى. ھەممە ئادەم بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىر - بىرىدىن سورىشاتتى. شوپۇر: - توك ئۈزۈلدى! - دەپ ۋارقىرىدى. سېلىم خوجا توكنى شۇنداق مەدھىيەلەشكە چۈشكەن ئىدىكى، ئۇ شوپۇرنىڭ ۋارقىرىغىنىنىمۇ ئاڭلىمىدى، شۇ ھالدا ئۇ تىراللبۇسنىڭ توختاپ قالغىنىنىمۇ تۇيمىغاندەك قىلاتتى. ئابباس ئەپەندى: - ھەي سېلىم خوجا، توك ئۇنداق، توك مۇنداق، ئۇ نېفىتتىن ئەۋزەل دەۋاتاتتىڭ، - دەپ ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى. سېلىم خوجا بولسا ئىچى پۇشۇپ غۇدۇرۇشۇۋاتقان يولۇچىلارغا شۇنداق بىر قاراپ قويۇپ دېدى: - توك ئەۋزەل بولماي يەنە نېمە ئەۋزەل؟ ئەمما نېمىشقىكىن بىچارە توك بىزنىڭ قولىمىزغا ئىلاجىسىز چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇنداقتا توكنىڭ نېمە گۇناھى بار؟ بىزدە بۇنداق قالايمىقانچىلىق باركى، قولىمىزغا ئاتوم بومبىسى چۈشۈپ قالغۇدەك بولسا، ئۇنىمۇ خۇددى بالىلار بايرىمىدىكى بالىلار يەرگە ئاتسا ياكى دەسسىسە پارتلايدىغان پوجاڭزىدىن بەتتەر قىلىۋېتىمىز بىچارە ئاتومنى، - دەپ ناھايىتى جىددىي تەرىزدە چالۋاقىغىلى تۇردى. يولۇچىلار شوپۇر بىلەن بېلەتچىدىن: - بۇ نەس باسقان تىراللىبۇس قاچان قوزغىلىدۇ؟ - دەپ ئۇلارغا بېسىم پەيدا قىلىۋېدى، يولۇچىلارنىڭ سوئال - سوراقلىرىدىن ئىچى پۇشقان شوپۇر: - توك ئىدارىسى بىلمىگەن يەردە، مەندەك بىر شوپۇر بۇنى قەيەردىن بىلەي؟ بۇ دېگەن توك تۇرسا، ئۇنىڭ قاچان كېلىپ، قاچان كېتىدىغىنىنى كىم بىلىدۇ؟ بىر قارىسىڭىز كېلىدىغاندەك، بىر قارىسىڭىز كەلمەيدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، - دەپ تۇرۇشىغا، بىر يولۇچى: - توغرا دەيدۇ، - دەپ، شوپۇرنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىدى. لېكىن بېلەتچىنىڭ: - تەلىيىڭىز بولسا يېرىم سائەتكىچە توك كېلىپ قېلىشى مۇمكىن، تەلىيىڭىز بولمىسا كەچكىچە ساقلايسىز، - دېيىشى بىلەن يولۇچىلار تىراللىبۇستىن چۈشۈشكە باشلىدى. بىزمۇ خالار - خالىماس تىراللىبۇستىن چۈشتۇق. مەن سېلىم خوجىغا: - ماڭ، ئاپتوبۇسقا چىقايلى، - دېدىم. بىز بېكەتتىكى ئاپتوبۇسقا قاراپ يۈگۈردۇق. ئۇ ئاپتوبۇستا لىق يولۇچى بولغاچقا ئۇنىڭغا چىقالايدىغاندەك ئەمەس ئىدۇق. ئاپتوبۇسقا چىقىشتىن ۋاز كەچمەكچى بولدۇقيۇ، لېكىن ئاپتوبۇسقا چىقماقچى بولۇپ ئارقىمىزدىن ئىتتىرگەنلەر بىلەن ئاپتوبۇس ئارىسىدا قېلىپ، يا ئاپتوبۇسقا چىقالمىدۇق، يا ئارقىمىزغا يېنىپ جېنىمىزنى قۇتۇلدۇرالمىدۇق. بىز ھېچقانداق ئامال قىلالماي، ئۆزىمىزنى كۆپچىلىكنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق. مەن رېدماۋىس خانىمنىڭ قورقۇنچلۇق ئاۋازىنى ئاڭلاپ: - ئەي مۇسۇلمانلار، دۆلىتىمىزنى كۆرۈشكە، بىزنى تونۇشقا كەلگەن بىر خىرىستىيان ئايالنى قىستىماڭلار، نومۇس قىلىڭلار، گۇناھ بولىدۇ، - دەپ بار ئاۋازىم بىلەن ۋارقىراشقا باشلىدىم. مەن بۇنداق ۋارقىرىسام، قانداقلا بولمىسۇن باشقا يولۇچىلار ئاپتوبۇسقا چىقىشتىن ۋاز كېچەتتى. - قېنى ئۇ ئايال، قەيەردە ئۇ خوتۇن؟ - دەپ سوراشقا باشلىدى يولۇچىلار. مەن بۇ ۋار - ۋۇر ئاۋازلار ئىچىدىن ئەرك ئالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم: - بەكىر تاغا، ئەنسىرىمە، رېدماۋىس خانىم بۇ يەردە، ھېچكىم ئۇنى قىستىمىدى، رادىيودىن يەنە بىر خەۋەر ئاڭلاپتىكەن، شۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئارقىدىن ئىتتىرىشەتتى، ئالدىمىزدا ئادەملەر بولغاچقا ماڭالمايتتى، پۇت قويغۇدەك يەر يوق. مۇشۇنداق تۇرۇۋېرىپ ھەممىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقاندەك بولۇپ قالدۇق. دەۋرەپ تۇرغان ئادەملەر توپى ئالدى - كەينى ۋە ياندىن قىستاپ مېنى بارغانسېرى يۇقىرىغا ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى بوينۇمنىڭ ئۇزىراپ كەتكىنىدىن بىلدىم. بۇ ۋاقىتتا ئادەملەر توپىغا خۇددى بۈركۈتتەك قاراپ تۇرغان رېدماۋىس خانىمنىڭ بېشىنى كۆردۈم. پۇتلىرىم يەرگە تەگمەيتتى، ئادەملەر توختىماي قىمىرلاپ تۇرغاچقا، مەن بىردە ئېگىزلەپ كېتەتتىم، بىردە پەسلەپ كېتەتتىم. بەزىدە باشقىلارنىڭ مۈرىسىگە چىقىۋېلىپ سۆزلەۋاتقان سىياسىيونلاردەك باشقىلارنىڭ قوللىرىدا، مۈرە - باشلىرىدا لەيلەپ يۈرەتتىم، بەزىدە يەرگە چۈشۈپ كېتىپ دەسسىلىپ كېتەتتىم. شۇ ئارىدا ئەرك ئال بىلەن رېدماۋىس خانىم ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالدى. ئەرك ئال ئاپتوبۇسقا ئېسىلدى، مەنمۇ رېدماۋىس خانىمنى ئاپتوبۇسقا چىقىۋالسۇن، دەپ ئىككى قولۇم بىلەن ئارقىسىدىن ئىتتىردىم. بىچارە ئايال ناھايىتى تەسلىكتە بىر قەدەم ئالدى، ئىككىنچى قەدىمىنى ئەمدى ئالاي دېيىشىگە ئاپتوبۇسنىڭ ئاپتوماتىك ئىشىكى يېپىلىپ ئايالنى قىسىۋالدى. ئىشىك ئېتىلمىدى، چۈنكى رېدماۋىس خانىمنىڭ ئىنچىكە بوينى ئاپتوماتىك ئىشىكنى توسۇۋالغانىدى. بىچارە رېدماۋىس خانىم خۇددى توزاققا چۈشكەن تۇرنىدەك بوينىدىن قىسىلىپ قالدى. دەل شۇ چاغدا ئاپتوبۇس قوزغالدى. بۇ چاغدا رېدماۋىس خانىمنىڭ بېشى ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدە، بوينى ئىككى قانات ئارىسىدا، بەدىنىنىڭ قالغان قىسمى ئاپتوبۇسنىڭ تېشىدا سىلكىنىپ كېتىپ باراتتى، سېلىم خوجا، ئابباس ياكى مەن ئاپتوبۇسقا چىقالمىدۇق. ئاپتوبۇس ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى سىگنال بەرگىنىچە قوزغالدى. رېدماۋىس خانىمنىڭ بەدىنىنىڭ ئاپتوبۇسنىڭ سىرتىدا قالغان قىسمى بولسا ئاپتوبۇسنىڭ سىلكىشىگە ئەگىشىپ چايقىلىپ تۇراتتى. ئاپتوبۇسقا چىقالماي بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان كۆپچىلىك بولسا رېدماۋىس خانىمنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ قاقاھلاپ كۈلۈشمەكتە ئىدى. خۇدا مېنى كەچۈرگىن، مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈۋەتتىم. چۈنكى رېئاللىقتىكى بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قىستايتتى. مەن كىشىلەرنىڭ كۈلۈشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم. بىز تۇرغان بېكەتنىڭ ئارقىسىدا بىر ئۈن - سىن دۇكىنى بار ئىكەن. دۇكان ئىگىسى دۇكىنىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ياڭراتقۇدا شۇنداق يۇقىرى ئاۋازدا پوپ مۇزىكىسى قويۇۋاتاتتىكى، چىقىۋاتقان مۇزىكا ئاۋازىنى ئىككى سائەتلىك يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى. رېدماۋىس خانىم بولسا ئاپتوبۇسنىڭ ئاپتوماتىك ئىشىكى ئارىسىغا بېشى قىسىلىپ قالغان ھالدا چايقىلىپ كېتىۋاتقاندا، ئۈن - سىن دۇكىنىدىن ئۇ خانىمنىڭ سىلكىنىشىگە تەڭكەش قىلغاندەك مۇزىكا ياڭراۋاتاتتى. بۇ شۇنداق ياڭراق ۋە جۇشقۇن مۇزىكا ئىدىكى، بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقانلارنىڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكىنىنى دېمەي تۇرايلى، يولدا كېلىپ كېتىۋاتقانلار، ھەتتا ئالدىراش ئىشلىرىغا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرمۇ ئۆزىنى تۇتالماي بۇ ياڭراق مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا مەپتۇن بولۇپ كېتىپ، خۇددى ئۇسسۇل ئوينىغاندەك بەللىرىنى تولغاپ، ساغرىلىرىنى تاشلاپ، مۈرىلىرىنى باشلىرىدىن ئۈستۈن چىقىرىپ ئۇيان بۇيان ئۆتۈشمەكتە ئىدى. ھەممە ئادەم - يولۇچىلار، بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقانلار، دۇكان ئىگىلىرى، دۇكاندىكى خېرىدارلارمۇ بۇ شادىمان، ياڭراق، جۇشقۇن مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ ئىزىدا تۇرالماي ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى. يالغۇز ئادەملەرلا ئەمەس، جىمى جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەر، دەل - دەرەخ، دۇكان - ساراي، ئۆي - ئىمارەت... ھەممىسى ئۇسسۇلغا چۈشكەندەك، چۈشمەكچى بولغاندەك كۆرۈنەتتى. بۇ كەيپىياتتىن تەسىرلەنگەن ئاپتوبۇسنىڭ شوپۇرىمۇ ئاپتوبۇسنىڭ سىگنالىنى بۇ مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ ئۇرۇپ، ئاپتوبۇسنىمۇ ئۇسسۇلغا سالغانىدى. رېدماۋىس خانىمنىڭ ئاپتوبۇسنىڭ ئاپتوماتىك ئىشىكى ئارىسىغا بېشى قىسىلىپ قالغان ھالدا چايقىلىپ كېتىۋاتقان بىچارە ھالىتىمۇ كۆزىمىزگە خۇددى مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. كىشىلەر شۇنداق جۇشقۇنلۇق ئىلكىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندا بىچارە رېدماۋىس خانىم ئۆلۈم شەرىپىگە خاس رىتىمدە جان تالىشىۋاتاتتى. ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بۇ يول خۇددى بىر بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. ئەھۋال شۇ دەرىجىدە كۈلكىلىك ئىدىكى، ئاپتوبۇسنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ، قىلىق چىقىرىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلاردىن بىرسى شوپۇرغا: - توختات، توختات، ئاپتوبۇسنى توختات. بىر ئايال بوغۇلۇپ قالاي دېدى، - دېگىنىدە مەنمۇ بىر تەرەپتىن كۈلۈپ بوغۇلۇپ قالاي، دەپ قالغانىدىم. مۇزىكىنىڭ تەسىرىدە ئاپتوبۇسمۇ خېلىلا قىزىپ قالغاچقا، ھېچبىر توختايدىغاندەك قىلمايتتى. ئابباس، سېلىم خوجا، مەن ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىراپ، قوغلىشىپ ماڭدۇق. بەزىدە ئاپتوبۇسقا يېتىشىۋېلىپ، دېرىزىگە ئۇردۇق. بىزنىڭ ئەينەكلەرگە ئۇرۇشىمىزنى كۆرگەن ئاپتوبۇس ئىچىدىكىلەر قىلىقىمىزنى جۇشقۇن مۇزىكىنىڭ تەسىرىدىن دەپ قاراپ ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدىن بارماقلىرى بىلەن ئەينەككە ئۇرۇپ، بىز بىلەن بىرگە مۇزىكىغا تەڭكەش قىلغىلى تۇردى. بۇنداق دەۋرەپ تۇرغان، كۈلكىلىك، ھەيران قالارلىق ئەھۋالدا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتساق، يېنىمدىكى سېلىم خوجا: - ئىلاھىم، رېدماۋىس خانىمدىن بېلەتنىڭ پۇلىنى ئالىمەن دەپ قوپمىسا بولاتتى، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا... بۇ بىر نومۇسسىزلىق بولىدىغۇ؟ - دېدى. - ساراڭمۇسەن خوجا، بىز ئۇ ئايالنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرىمىز دەپ يۈگۈرۈپ يۈرسەك، سەن بېلەتنىڭ پۇلىنىڭ غېمىنى قىلىپ يۈرەمسەن؟ - چېچىلدىم مەن. مەنغۇ چېچىلدىم، لېكىن ھەر ساھەدە چوڭقۇر بىلىمى بار سېلىم خوجا بولسا بۇ قېتىم بىر قانۇنشۇناس قىياپىتىدە: - بېشى ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈنلا بېلەت ئېلىشى كېرەكمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ - دەپ قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. - بېلەت، مېلەت دېگەنلىرىڭنى قوي، ئايالنى قۇتقۇزايلى... - بەدىنى سىرتتا قالسىمۇ، ئادەمنىڭ بېشى تېخىمۇ مۇھىم بولغانلىقى، يەنە كېلىپ ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدە ئايالنىڭ بېشى بارلىقىغا ئاساسلانغاندا... ئەمدى ئابباسمۇ بىلەرمەنلىك قىلىشقا باشلىغانىدى. - شۇنداق، لېكىن خوجا، ئايالنىڭ بەدىنىنىڭ كۆپ قىسمى ئاپتوبۇسنىڭ سىرتىدا تۇرسا، قانۇنغا ئاساسەن بېلەت ئالمايدىغاندۇ؟ - ئاپتوبۇسنىڭ خىزمىتى ئادەم توشۇش، ئۇ ئايالنىڭ بېشى مەيلى ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدە ياكى تېشىدا بولسۇن، يەنىلا ئاپتوبۇس توشىيدىغۇ، شۇنداق ئىكەن بېلەت ئېلىش كېرەك. ئاپتوبۇس بېكەتكە كىردى، ئاپتوبۇسنىڭ ئاپتوماتىك ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن بىچارە رېدماۋىس خانىم خۇددى بېسىلىپ كەتكەن ئۇن خالتىسىدەك يەرگە يىقىلىپ چۈشتى - دە، جېنىنى قۇتۇلدۇرغان بولدى. بۇ ئايال مۇشۇنداق قۇتۇلغىنىغا خوش بولسا بولاتتى، ئىشىك قىسىۋالغان باشلىرى قانىمىغانىدى، يۈزلىرى قەغەزدەك ئاقىرىپ كەتكەنىدى. بۇ قەغەزدەك ئاقىرىپ كەتكەن يۈزلىرىدە لەۋلىك سۈرگەن قىزىل لېۋى سېلىشتۇرما بولۇپ تۇراتتى، بۇ ئايال ھازىر خۇددى كونىراپ كەتكەن قونچاققا ئوخشاپ قالغانىدى. بىردەم سېلىم خوجىنىڭ تۇتۇپ ئۇۋۇلىشى، بىردەم مېنىڭ تەسەللى بېرىشىم بىلەن بۇ ئايال ئۆزىگە كەلگەندەك بولدى. ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلدى، ھوشىغا كېل−ەر كەلمەيلا تۇنجى قىلغان ئىشى كىچىك رادىيوسىنى قۇلىقىغا تۇتۇش بولدى، چىرايىدىن بىر خىل سۆيۈنۈش ئىپادىسى چىقىپ تۇراتتى. - ئەرك ئال بۇ ئايال نېمە بولدى؟ كاللىسى ساقمۇ يا؟ - دېدىم مەن. - شۇنداق، بەكىر تاغا، ئالەم ئۇچقۇچىسى قېرىندىشى ئالەم بوشلۇقىدا يەنە بىر ۋەزىپە ئورۇنلاپتۇ، شۇنىڭغا خۇشال بولۇۋاتىدۇ، - دېدى ئەرك ئال. سېلىم خوجا: - بىزمۇ خۇدانىڭ ھەققى ھۆرمىتى بىلەن ئامان - ئېسەن كاراكۆيگە بېرىۋالغان بولساق، - دېدى. |