ئەزىز نەسىن: ساياھەتنامە(10)

يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014   مەنبە: تارىم 2012-8-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
- ھازىر ماڭىمىز، كادىكۇي، ھازىر ماڭىمىز، - دەپ، ۋارقىراپ يەنە شۇنچە ئادەمنى قېيىققا تىقىشتۇرۇپ ئالغاندىن كېيى

- ھازىر ماڭىمىز، كادىكۇي، ھازىر ماڭىمىز، - دەپ، ۋارقىراپ يەنە شۇنچە ئادەمنى قېيىققا تىقىشتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئارغامچىلىرى ئۈزۈلگەن قېيىق پىرىستاندىن ئايرىلدى. قېيىققا شۇ قەدەر كۆپ يولۇچى ئېلىنغانىدىكى، بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ئېغىرلىقتىن قېيىقنىڭ بارا - بارا دېڭىزغا ئۇدۇل پەسلەۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇراتتۇق. لېكىن قېيىقچى ئۇستا بولغاچقا قېيىقنىڭ پالوبىسى دېڭىزنىڭ سۇ يۈزى بىلەن تەڭلىشەي دەپ قالغاندا، يېنى چۆكۈپ كېتەيلا دەپ قالغاندا قېيىقنى پىرىستاندىن ئايرىدى. پورتتىكى بىر قانچەيلەن يەنە موتورلۇق قېيىققا سەكرىمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بوغۇزنىڭ سۈيىدىن ئاتلاپ ئۆتەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتمىگەچكە، قىرغاقتا ئامالسىز تۇرۇپ قالدى. ئەگەر يەنە بىر يولۇچى قېيىققا چىقىدىغان بولسا، دېڭىز يۈزى بىلەن ئوخشاش بىر ھالەتتە ماڭاتتۇق، لېكىن ئۈستىمىزدىن بىر بېلىقچى قۇش چىچىپ قويىدىغان بولسا، شۇنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن قېيىقنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، قېيىق چۆكۈپ كېتەتتى.
گالاتا كۆۋرۈكىنىڭ ئاستىدىكى كېچىكتىن ئۆتۈپ كەتتۇق.
قېيىقنىڭ بېلەتچىسى، بۆلمە خىزمەتچىسى، مېخانىكا ياردەمچىسى ۋە ئىككىنچى ئۇستا:
- ئالدىڭلاردا ئورۇن بار، ئالدىڭلارغا مېڭىڭلار، - دېيىشىگە قېيىقنىڭ ئارقىسىدىكى يولۇچىلار بۇ گەپنى راست دەپ قېلىپ:
- تۇرۇۋالماڭلار، ئالدىڭلارغا مېڭىڭلار، يۈرۈشۈڭلار، - دەپ، ئالدىدىكى يولۇچىلارنى مۈرىدەپ ئىتتىرىشكە باشلىدى. ھ−ەممە ئادەم “ئالدىغا ماڭايلى” دەپ ئالدىدىكى ئادەمنى ئىتتىرگىلى تۇردى. بىز قېيىقنىڭ ئەڭ ئالدىدا بولغاچقا بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئىتتىرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. ئارقىمىزدىكىلەر بىزنى ئىتتىرىپ دېڭىزغا چۈشۈرۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، بىز پۈتۈن جېنىمىز بىلەن تىركىشىپ تۇراتتۇق. شۇنداق، رېدماۋىس خانىم بىلەن قوشۇلۇپ، بىزنى ئىتتىرگەنلەرگە تاقابىل تۇراتتۇق. مانا چۈشتۇق، ئەمدى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتۇق دەپ تۇرساق، ئارقىمىزدىكى يولۇچىلار يەنە ۋارقىرىماقتا ئىدى:
- ئالدىغا مېڭىڭلار، ئورۇن بار، ئالدىغا مېڭىڭلار...
مەن ئەمدى چىدىيالمىغانىدىم.
- ئالدىمىزدا ئورۇن بار، بەك چوڭ... تاكى مەر مەر دېڭىزىغىچە، ئاق دېڭىزغىچە، ئاتلانتىك ئوكيانغا قەدەر نۇرغۇن يەرلەر بار. ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلار بولسا قېنى بۇ ياققا كەلسۇن، قېنى ئالدىغا كەلسۇن، يا ئاللا، ئىتتىرمىسەڭلەرچۇ؟ ماڭغۇدەك يەر قالمىدى، مىدىرلىغۇدەك ئورۇن يوق، پۇت پاتقۇدەك يەرمۇ قالمىدى، ئەمدى دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىمىز، - دەپ ۋارقىرىشىمغا يولۇچىلار ئىچىدىن گۈدۈككە ئوخشاش بىر ئاۋاز كەلدى.
- ئالغا باسماق ئىستىگەن ئىلگىرىلەيدۇ ھەرقاچان، يېتەر ئىنسان ۋىسالغا...
قوڭغۇراقتەك ئاۋازى بار بۇ ئادەمنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن يولۇچىلار قاقاھلىشىپ كۈلۈشۈپ كېتىشتى. بۇنىڭ بىلەن يولۇچىلارنىڭ غەزىپى ۋاقتىنچە پەسەيگەن بولدى.
ساراي بۇرۇننىڭ ئالدىغا كەلگىنىمىزدە كۆتۈرۈلگەن دولقۇننىڭ تەسىرىدە سەگۈنچەكتەك چايقىلىشقا باشلىدۇق ۋە ھۆل بولۇپ كەتتۇق. بۇنى بەك ھۆل بولۇپ كەتتۇق دېگىلى بولمايتتى، چۈنكى ھېچبىر يېرىمىز قۇرۇق ئەمەس ئىدى. ھەر بىر دولقۇن كەلسە تېخىمۇ ھۆل بولۇپ كېتەتتۇق. دولقۇنلارنىڭ چاچرىتىشىغا ئەڭ كۆپ ئۇچرىغىنى رېدماۋىس خانىم ئىدى، ئەرك ئالنىڭ دېيىشىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ فىزىكا دەرسىدە ئوقۇشىچە، دولقۇن كەڭ دائىرىدە ئۇرۇلسا تېخىمۇ شىددەتلىك بولىدىكەن، رېدماۋىس خانىمنىڭ بويى بىزدىن ئېگىز بولغاچقا دولقۇننىڭ ئۇرۇلۇش يۈزى بىزدىن كەڭ بولىدىكەن. شۇڭا ھەر قېتىم دولقۇن ئۇرۇلۇشى بىلەن يىقىلىپ چۈشەتتى. بۇ خىل ئەھۋالدا ئەڭ پاكار ئادەمنىڭ ئالدىغا چىقىشى لازىم ئىدى. بۇ ئادەم مەن ئىدىم. رېدماۋىس خانىمنى ئ−ارقىمىزغا ئ−ۆتكۈزۈپ، مەن قېيىقنىڭ ئەڭ ئۇچىغا بېرىپ، كېمە تۇمشۇقىغا ئورناتقان شىر ھەيكەلدەك تىك تۇردۇم. دېڭىزنىڭ كۈچلۈك شامىلى ۋە دولقۇنىنىڭ زەربىسى يۈزۈم ۋە كۆكسۈمگە غەزەپ، شىددەت بىلەن ئۇرۇلاتتى. سۇ ئۈزۈشنىمۇ بىلمىگەن ھالىمدا تومۇرلىرىمغا دېڭىز سۈيىنىڭ توشۇۋاتقانلىقىنى، ھەممىمىز مەكتەپتە ئۆگەنگەن بار باروسىنىڭ نەۋرىسى بولغانلىقىمغا ئىشىنىشكە باشلىدىم. شۇنداق، بۇ ۋاقىتتا مەن نېمىشقا دېڭىز بۆرىسى كاپىتانى بولمىغانلىقىمغا، ماڭا ئەلەم بولغانلىقىغا ئېچىندىم، شۇ ھامان كۆتۈرۈلگەن بىر قاتتىق دولقۇن بىلەن پالوبىغا يىقىلدىم. قارىسام، رېدماۋىس خانىممۇ يېنىمدا يېتىپتۇ، يائاللا، بىزنىڭ يولداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى مېنى كۆرمىگەندەك قىلاتتى. ھەممىسى رېدماۋىس خانىمنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن قالغانىدى. قانداقلا بولمىسۇن مەنمۇ ئۇ ئايالنىڭ پاچاقلىرىغا ئېسىلىۋېلىپ دېگۈدەك ئۇنىڭ يېنىدىكى يەردە تۇرۇۋالدىم.
بۇنىڭدىن كېيىنكى يولىمىزدا بەك مۇھىم دېگۈدەك بىرەر ۋەقە بولمىدى. پەقەت شۇ بىر قېتىم قېيىق توختاپ قالدى، بۇ قېتىم بىر يۈك پاراخوتى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن ئىدۇق. قېيىق توختىشى بىلەن يولۇچىلار شۇنداق بىر تالاش - تارتىش ۋە ۋەھىمىگە چۈشتىكى، تاس قالدى قېيىق چۆكۈپ كەتكىلى. يولۇچىلاردىن قايسى بىرسى دۇئا قىلىشقا، يەنە قايسىدۇر بىرسى يۇقىرى ئاۋازدا تەگبىر ئېيتىشقا باشلىدى. يەنە كىملەردۇر قارىسىغا قاراپ توۋلاپ ياردەم تەلەپ قىلاتتى. بىرسى تېخى “سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلار دېڭىزغا سەكرىسۇن، بۇنىڭ بىلەن قېيىنىڭ يۈكى يېنىكلىسۇن، ھېچ بولمىسا بىزگە ئوخشاش سۇ ئۈزۈشنى بىلمىگەنلەر بولسىمۇ قۇتۇلۇپ قالسۇن” دېگەن تېپىلماس ئەقىلنىمۇ كۆرسىتىپ ئۈلگۈردى.
بۇ جان غېمىدە قالغاننىڭ ئەكسىچە رېدماۋىس خانىم يەنە كىچىك رادىيوسىنى قۇلىقىغا تۇتۇۋالغان، سۆيۈنۈشتىن ۋىلىقلاپ كۈلەتتى.
- ئوغلۇم ئەرك ئال، بۇ بىچارە ئايال ئۆلۈم قايغۇسىغا پېتىپ تۇرۇپمۇ كۈلۈۋاتىدىغۇ؟ - دېدىم.
ئالەم ئايروپىلانى دۇنيانى چۆرگىلەپ تۇرۇپتۇ، قانچە ئايلانغانسېرى ئوربېتانىڭ دۇنيادىن ئەڭ يىراق يېرىگە بارىدىكەن. ئەمدى رېدماۋىس خانىم رادىيودىن ئاڭلىشىچە، ئاستىرونوم قېرىندىشى فازا ۋاسىتىسى بىلەن ئوربېتانىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق يېرىدىن تېپىلىپتۇ، رېدماۋىس خانىم بۇنىڭغا خۇشال بولۇۋاتقان ئىكەن.
نېمىلا بولمىسۇن قېيىق ئۇزۇنغا قالماي ئورنىدىن قىمىرلىدى، قېيىقمۇ بىر ۋاققىچە قاچىدىكى ئايراندەك شالاقشىپ، يەيدىغان رىزقىمىز بار بولسا كېرەك، كادىكۇي پورتىغا يېقىنلىشىپ ئايىغىمىز يەرگە تەگدى.
خىيالىمىزچە بولغاندا رېدماۋىس خانىمنى تۆپىلىككە ئاچىقىپ، ئۇ يەردىن بوغۇز ئىچىنى، مەرمەر بوغۇزىنى سەيلە قىلدۇرماقچى ئىدۇق. شۇلارنى دېيىشىپ تۇرساق، رېدماۋىس خانىم بىلەن پاراڭلاشقان ئەرك ئال بۇ ئايالنىڭ تەرەت قىلغۇسى بارلىقىنى، بۇ ئەتراپتا قەيەردىن ھاجەتخانا تاپالايدىغانلىقىمىزنى سورىدى. ھاجەتخانا؟ ياخۇدا! ئەمدى قەيەردىن ھاجەتخانا تاپارمىز؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ - بۇنىڭدىن سوراشقا باشلىدۇق. لېكىن ھېچكىم بىلمەيدىكەن.
ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ - دە، دوغاپچىنىڭ ئىستاكان ئوينىتىشىغا خۇشال بولۇپ ئىستاكان - ئىستاكان سوغۇق لىمون سۈيى، قېتىق، گىلاس سۈيى، ئانار سۈيى ئىچكەندىكىن ئەلۋەتتە سىيگۈسى كېلىدۇ - دە، كەلسىمۇ كەلسۇن، لېكىن مۇشۇنداق جايى تېپىلمىغان يەردە كېلەمدۇ؟
ھاجەتخانا سورىغانلاردىن بىرسى پورتتىن تاپالايدىغانلىقىمىزنى دېدى. شۇنداق بولىدۇ. كۈندە بىر قانچە مىڭ يولۇچى پاراخوتقا چىقىپ، چۈشكەندىكىن، بۇنچە ئادەملەردىن ھاجەتخانىغا بېرىشى، مۇقەررەر دەپ پورت ھاجەتخانا سالغان بولىدۇ - دە، مەن بىر پاراخوت خىزمەتچىسىدىن ھاجەتخانىنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىسام، ئۇ شۇنداق ئاچچىقلاندىكى، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى بىر غېرىچ ئېچىلغان ئېغىزىغا تىقىپ:
- مانا بۇ يەردە، - دەپ ۋارقىرىدى.
مەن دەرھاللا:
- ماڭا لازىم ئەمەس، بۇ ئايالغا لازىم، ئوچۇقچىلىقتا ھاجەت قىلالمايدۇ، توساقلىق ھاجەتخانا بارمۇ؟ - دەپ، سورىدىم.
ئۇ ئادەم ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ۋارقىرايتتى. لېكىن ئۇنىڭ نېمە دېگىنىنى چۈشىنەلمىدىم. باشقا پورت خادىملىرىمۇ يېنىمىزغا يىغىلدى. مەن بۇ چەت ئەللىك ئايالنى راھەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ھاجەتخانا ئىزدەۋاتقانلىقىمنى، بۇ يەر پورت بولغاندىكىن، بۇ يەردە ھاجەتخانا بولۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم. يەنە پاراخوتتىن چۈشكەن يولۇچىلارنىڭ ھاجەت ئۈچۈن ئۆيىگە چاپىدىغانلىقىنى ياكى بولمىسا پاراخوت مەمۇرلىرىنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى سورىدىم. ئەلۋەتتە پورتتا ھاجەتخانا بار ئىكەنۇ، لېكىن بۇ پاراخوت خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس سېلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇنى خىزمەتچىلەردىن باشقىلار ئىشلىتەلمەيدىكەن. شۇ ھامان مەنمۇ رېدماۋىس خانىمنىڭ ئامېرىكىدا ئىلگىرى خىزمەتچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىزمەتچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس سېلىنغان ھاجەتخانىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم. لېكىن، بۇ مەخسۇس پاراخوت خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن سېلىنغان ھاجەتخانا ئىكەن. مەندە شۇ ھامان دۆلىتىمىزدە “ئ−ەرلەر ھاجەتخانىسى” ۋە “ئېشەكلەر ھاجەتخانىسى” بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىمنى، ئەمما مەخسۇس خىزمەتچىلەر ئۈچۈن، شۇنداقلا پاراخوت خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ھاجەتخانا بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقانلىقىمنى چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. ناھايىتى ئەپسۇسكى، رېدماۋىس خانىم پاراخوت مەمۇرى بولمىغاچقا، بۇ يەردىكى ھاجەتخانىدا ھاجەت قىلسا بولمايتتى. ھېچكىمدىن قورقماي سۆزلىگەن بۇ ھەقىقەتمۇ كارغا كەلمىدى.
بىچارە رېدماۋىس خانىم ناھايىتى بەك قىينالدى. ئۇ ياققا يۈگۈردۇق، بۇ ياققا چاپتۇق، ئۇنىڭدىن سورىدۇق، بۇنىڭدىن سۈرۈشتۈردۇق. لېكىن ھاجەتخانا تاپالمىدۇق. بىچارە خوتۇن شۇنداق تەرلىدىكى، ماڭا پۈتۈن سۈيدۈكلىرى تەر بولۇپ پۇرقىراپ، تېرىسىدىن سىرتقا سىزىپ چىقىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بەلكىم ئۆزىنى بەك تۇتۇۋالغاچقا سۈيدۈك خالتىسى يېرىلىپ كەتكەندۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، ياخشىلىق قىلىدىغان بىر ئادەم چىقتى، رېدماۋىس خانىمنىڭ قىينىلىۋاتقان ئەھۋالىنى كۆرۈپ، بىزگە ئاممىۋى ھاجەتخانىسى بار بىر مەسچىتنى دەپ بەردى. ئىزدەپ سوراپ ئۇ مەسچىتىنى تاپتۇق، يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ماڭدۇق، يۈگۈرۈپ دېسەم، لاپ سۆزلىگەن بولىمەن، بولمىسا ئۇ ئايالنىڭ يۈگۈرۈش ئەمەس، ئادەتتىكىدەك ماڭغۇدەك ھالىمۇ يوقتى.
بىز مەسچىتنىڭ قورۇسىغا كىرىشىمىزگە، رېدماۋىس خانىمنى مەسچىتنى كۆرگىلى كەلگەن ساياھەتچى، دەپ، قاراپ، مەسچىت خادىمى چاي پۇلى ئېلىش ئۈچۈن ئايالنىڭ پۇتىغا ساپما كەش ئېلىپ كەلدى.
- بولدى، ھاجەتخانا نەدە؟
رېمونت قىلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئىككى ئايدىن بېرى ھاجەتخانا ئېتىكلىك ئىكەن. ياخۇدا، بۇ يەرگە بىكار كەلدۇقمۇ؟ رېمونت قىلىنىۋاتقان مەسچىت ھاجەتخانىسىنىڭ ئەتراپىدا پىرقىراپ يۈرگەنلىكىمىزنى كۆرگەن باشقا بىر ياخشىلىق قىلغۇچى كىشى رېدماۋىس خانىمنىڭ ئىككى قولىنى چاتىرىسىغا قويۇپ، پۈكۈلۈپ قالغان ھالىتىنى كۆرۈپ، بۇ ئايالنىڭ تۇغۇت تولغىقى تۇتۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قېلىپ، بىزگە تۇغۇتخانىنىڭ قەيەردىلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ئايالنىڭ قىينىلىشى تولغاقتىن ئەمەس، سۈيدۈكتىن ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، بىزنى كۆرسەتكەن قورۇغا كىرىشىنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ يەرگە باردۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ھاجەتخانا قەيەردىدۇ دەپ ئىزدىسەك، بۇ يەرنىڭ يەر ئاستى قەۋىتىنىڭ قەھۋە تەييارلايدىغان ئۆي ئىكەنلىكىنى، 1 - قەۋەتتە ھاجەتخانا يوقلۇقىنى، 2 - ، 3 - قەۋەتىكى ھاجەتخانىنىڭ تاقاقلىقىنى، ئالدىغا كەلگەنلەر ھاجەتخانىلارغا كىرىپ، مەينەت قىلىۋەتمىسۇن، دەپ، پەقەت ئۆزلىرىلا ئىشلىتىش ئۈچۈن ھاجەتخانا ئاچقۇچلىرىنىڭ ئىشخانا ئىگىلىرىنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى، پەقەت 4 - ، 5 - قەۋەتلەردىكى ھاجەتخانىلارنىڭ ئوچۇقلۇقىنى، لىفىتقا چۈشۈپ 5 - قەۋەتكە چىقىشىمىزنى ئېيتتى.
ئابباس ئەپەندى بىلەن سېلىم خوجا قوللىرىنى گىرە قىلىپ، رېدماۋىس خانىمنى لېفىتقا چىقاردى. ئەرك ئال بىلەن ئىككىمىزمۇ لېفىتقا چىقتۇق. كۇنۇپكىنى باستۇق، يۇقىرى ئۆرلەۋاتىمىز، 2 - قەۋەتتىن ئۆتتۇق. 3 - قەۋەتكە ئاز قالغاندا لىفىت سىگنال بېرىپ توختىدى. يائاللا، بېشىمىزغا كەلگەن بالا - قازالار ئاز ئىدى... ھېچبىر بالا - قازا ئەمەس، توۋا، ھەممە بالا - قازا بىزنىلا ئىزدەپ تاپىدۇ. ئەمدى لېفىتنىڭ بۇزۇلۇش ۋاقتى كەلگەنمىدۇ؟ رېدماۋىس خانىمنىڭ ئىمىن ئۆنۈ ئالدىدىكى مەيداندا ئىچكەن ئايرانلار، لىمون سۈيى، گىلاس سۈيى، ئانار شەربەتلىرى يۈزىدىن، پېشانىسىدىن تەرگە ئايلىنىپ شىپىلداپ، تەرلەر ئېقىشقا باشلىدى. بۇ ئايال تەرلەش بىلەنلا قالماي يەنە بىر تەرەپتىن يىغلاشقا باشلىدى. مەن ئايالغا تەسەللى بەرگىلى تۇرسام ئابباس ئەپەندى:
- بولدى قىلىڭ، ئايالنى يىغلىغىلى قويۇڭ، سىيىۋەتمەيدۇ، ھېچ بولمىسا يىغلىۋالسۇن - دە، بىراز بولسىمۇ ئىچكەنلىرى كۆزىدىن ياش بولۇپ چىقىپ كەتسىمۇ خېلى بوشاپ قالىدۇ، - دېدى.
ئاخىر ئايال لىفىتنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ قالدى، بىز لىفىتنىڭ تاملىرىغا گۈمبۈرلىتىپ ئۇرۇپ ۋارقىراشقا باشلىدۇق.
تۆۋەندىن، يۇقىرىدىن كەلگەن ئاۋازلاردىن چۈشەنسەك لىفىت بۇزۇلمىغان ئىكەنۇ، تېخىمۇ چوڭ چاتاق چىققان ئىكەن، يەنى توك توختاپ قالغان ئىكەن. شۇڭا لىفىت دەل ئوتتۇرىغا كەلگەندە توختاپ قالغانىكەن. مەن قارىسام ئەھۋال چاتاق، خۇددى رېدماۋىس خانىم تۈركچە بىلىدىغاندەك ئۇ ئايالغا:
− قويۇۋەر، يا ئاللا، قويۇۋەر، بولدى ئەمدى قىينالما، - دەپ ۋارقىرىدىم.
مەن مۇشۇنداق “بولدى، قويۇۋېرىڭ”، دەپ ۋارقىرىسام، سىرتتىكىلەر ئۆزلىرىگە دېدى، دەپ چۈشىنىپ، نېمىشقىكىن لىفىتنىڭ تاسمىسى بىلەن زەنجىرىنى قويۇۋەتتى. لىفىتىمىز ئۇدۇل پەسكە قاراپ تۆۋەنلەشكە باشلىدى. ئېھتىمال توك يەنە كەتكەن بولسا كېرەك. لېكىن رېدماۋىس خانىمنىڭ پەلەمپەيدىن چىققۇدەك ھالى قالمىغانىدى.
بۇ چاغدا ئەرك ئال:
- ئەڭ ياخشىسى بىز رېدماۋىس خانىمغا تۆپىلىكنى كۆرسىتىشتىن ۋاز كېچىپ، دەرھال پاراخوتقا چىقايلى، نېمىلا بولسۇن پاراخوتتا ھاجەتخانا بار، - دېدى.
رېدماۋىس خانىم مېڭىۋاتاتتى، لېكىن قەدەم ئالالايدىغاندەك قىلمايتتى. ئابباس ئەپەندى بىلەن سېلىم خوجا كىچىك بالىلارنى ئۇچتى - ئۇچتى قىلغاندەك ئايالنىڭ ئىككى قولتۇقىغا كىرىپ، ئايالنى پورتقا ئېلىپ يۈگۈردى. دەرھال بېلەت ئېلىپ، پاراخوتقا چىقتۇق. تەلىيىمىزگە پاراخوتمۇ پورتتا تەييار ئىكەن. پاراخوتقا چىقىشىمىز بىلەنلا رېدماۋىس خانىمنى ھاجەتخانىغا ئېلىپ ماڭدۇق. ھاجەتخانىنىڭ ئىچىدە ئادەم بار ئىدى، ھاجەتخانا تاقاقلىق ئىدى، بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، يەنە بىر قانچە ئادەم ئىشىك ئالدىدا قىستىشىپ تۇراتتى. ھاجەتخانا ئىشىكى ئالدى ئۇزۇن بىر ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى. رېدماۋىس خانىم ئۆچرەتكە كىردى، خېلى بىر ۋاقىت تولغاندى، ئېگىلدى، پۈكۈلدى، ئاخىرىدا بىردىنلا يۈزىنىڭ مۇسكۇللىرى بوشىشىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا ئابباس ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ رېدماۋىس خانىمنىڭ پاچاقلىرىنى ئىشارە قىلدى، مەنمۇ خالاپ خالىماي كۈلۈپ تاشلىدىم. بىچارە ئايال خېلى بوشاپ قالغانىدى. ئايىغىدىن شىرىلداپ سۇ ئېقىۋاتاتتى. شۇنداق ئويلىدىم، مۇشۇ ۋاقىتتا ئايال ئۈچۈن دۇنيانىڭ پەرقى يوق ئىدى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن سىيىش رېكورتى بۇزۇلۇۋاتاتتى. چۈنكى رېدماۋىس خانىمدىن چىقىۋاتقان سۇلار پاچىقىدىن خېلى ۋاقىتلارغىچە ئېقىپ تۇراتتى.
نېمە بولسا بولسۇن، بىچارە ئايال ئاخىر بىر راھەتلەندى، يۈزلىرىدىن كۈلكە تەپچىرىدى. يەنە كىچىك رادىيوسىنى قۇلىقىغا چاپلىۋالغانىدى، ئاسترونوم قېرىندىشى ئالەم بوشلۇقىنىڭ مەلۇم جايىدا ئىكەن، يەر يۈزىنىڭ كونتروللۇقىدا ئالەم ئايروپىلانىنى رېمونت قىلغىلى تۇرۇپتۇ.



ھالقىلىق سۆزلەر : چەتئەل، ئەسەر، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار