ئەزىز نەسىن: ساياھەتنامە(14)

يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014   مەنبە: تارىم 2012-8-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
- لېكىن ئابباس ئەپەندى، - دېدىم مەن، - ئايالنىڭ بۇنىڭدا گۇناھى يوق، بۇ ئىشلار سېنىڭ نومۇسۇڭنى كەلتۈرگەن بولسا،

- لېكىن ئابباس ئەپەندى، - دېدىم مەن، - ئايالنىڭ بۇنىڭدا گۇناھى يوق، بۇ ئىشلار سېنىڭ نومۇسۇڭنى كەلتۈرگەن بولسا، سەن شۇ گەپ قىلغانلار، قول شىلتىغانلارنى ئۇر.
ئابباس ئەپەندى:
- بۇنچە جىق ئادەملەرنى قانداق ئۇرىمەن، - دېدى، - ھەممىسىنى ئۇرۇپ باشقا چىقىپ بولالمايمەن، بىرسىنى ئۇرۇپ قويسام، باشقىلىرى كېلىپ مېنى بوش قويمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رېدماۋىس خانىم قانداقلا بولمىسۇن ئۆزى يالغۇز ئادەم، ماڭا ئىجازەت قىل، ھېچ بولمىسا ئۇنى ئۇرۇپ بولسىمۇ نومۇسۇمنى يۇياي.
- سەن ئەمدى ئىچىگە كىرىپ يېشىنىپ كىيىمىڭنى ئالماشتۇر. قارىغاندا بېشىڭغا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دېڭىز سۈيىنىڭ سالقىنلىقى بىلەن بەلكىم سەگىدەپ ئۆزۈڭگە كېلەرسەن، - دەپ ئۇنى ئايرىمخانىغا كىرگۈزۈۋەتتىم.
بىرىمىز ئايرىمىخانىغا كىرىپ كەتسەك، قالغان ئۈچىمىز ئايالنىڭ يېنىدا نۆۋەت ساقلاپ تۇراتتۇق.
چاچ - ساقاللىق بىر زامانىۋى ئىمام بولغان سېلىم خوجىنى زادىلا ساھىلغا ماس كەلمەيدۇ، دەپ ئويلايتتىم. لېكىن ئىچىمىزدىن ساھىلغا ئەڭ ماس كەلگىنى شۇ ئىدى، چۈنكى ئۇ ساھىلغا كىرىپلا چاچ - ساقىلىنى ئوينىتىپ ناخشىغا چۈشكەنىدى.
ئەڭ ئاخىرىدا مەن ئايرىمخانىغا كىرىپ، ئىجارىلىك سۇ ئۈزۈش كىيىمى، دەپ ئالغان ئۇ كونا رەخت پارچىسىنى كىيدىم، كىيدىم دېسەم... گەپ دېگەن شۇنداق بولىدۇ، چۈنكى سۇ ئۈزۈش كىيىمى، دەپ بېرىلگەن رەختنىڭ كىيىدىغان بىر يېرى يوق ئىدى. بۇ ئېگىز بويلۇقلارغا ئاساسەن تىكىلگەن بولغاچقا، بۇ پاكار بويۇم بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدە خۇددى خالتىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك تۇراتتىم.
سۇ ئۈزۈش كىيىمىنىڭ بېلىنى باغلىسام پۇچقاقلىرى يەردە سۆرۈلۈپ يۈرەتتى، پۇچقىقىنى مۇۋاپىق يەرگە كۆتۈرسەم، سۇ ئۈزۈش كىيىمىنى بېلىمدە ئەمەس، بوينۇمدىن باغلىۋېلىشىم كېرەك ئىدى. ئۇ چاغدا خالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەندەك بولساممۇ، لېكىن بېشىم خالتىنىڭ سىرتىدا قالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئەڭ يامان بولغىنى، سۇ ئۈزۈش كىيىمىنى بېلىمدىن باغلىسام، ئۇنىڭ ئالدىدىكى تۆشۈكى ئەڭ بىئەپ يېرىمگە كېلىپ قالاتتى، ئەگەر بوينۇمدىن باغلىۋالىدىغان بولسام ئۇنىڭ ئارقىدىكى تۆشۈكى يەنە بىر بىئەپ يېرىمگە كېلىۋالاتتى. بۇ سۇ ئۈزۈش كىيىمى ئەمەس، بىر ئاۋارىچىلىك ئىدى. ئەڭ ياخشىسى ئۇنى زادىلا كىيمەسلىك كېرەك ئىدى. ساھىلدىكى ئادەملەر شۇ قەدەر قىستا - قىستاڭ ئىدىكى، كىمنىڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىپ، كىمنىڭ كىيمىگەنلىكىگە قارىغۇدەك ھالى يوق ئىدى. ھەتتا سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيمىسەممۇ مېنى ئەترەڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىۋاپتۇ، دەيدىغاندەك قىلاتتى. لېكىن ئالدى ھەم كەينىدىن ئەڭ مۇۋاپىق بولمىغان يېرىدىن تۆشۈك ئېچىلغان بۇ مەينەت كىيىمنى كەيسەم، خۇددى جانلىق يىلاندەك ساھىلدىكى ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتاتتىم. لېكىن نېمىلا بولسۇن، ئۇنىڭ كۆيۈپ كېتىدىغان يەرلىرىمنىڭ قۇياشقا ۋە شامالغا ئوچۇق قېلىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، شەكىل ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇنى كىيدىم.
مەن تېشىغا چىقىشىم بىلەن سېلىم خوجا:
- ئاچلىقتىن ئۆلەي دېدىم، دېڭىزغا بىر چۆمۈلەيلىدە، دەرھال بىر نەرسە يەيلى، - دېدى.
- ھەممىمىزنىڭ نىيىتى شۇنداق ئىدى. لېكىن دېڭىز قەيەردىدۇ؟ بۇ ئوتتۇرىدا دېڭىزغا ئوخشايدىغان ھېچبىر نەرسە كۆرۈنمەيتتى. بىر ئادەمدىن دېڭىزنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىدۇق. ئۇ ئادەم خېلى ئالدىمىزدا ئىكەنلىكىنى دېدى. تىقما تالاڭ يەرلەردە يان يېنىغا سوزۇلۇپ ياتقان ئەر - ئاياللارنىڭ بەدەنلىرى، قوللىرى، پاچاقلىرىغا دەسسەپ دېگۈدەك دېڭىز دەپ كۆرسىتىلگەن تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدۇق. ماڭە ماڭ، دېڭىز يوق، ماڭە ماڭ، يەنە دېڭىز يوق. بىز دېڭىزنى ئىزدەپ كېتىۋاتقاندا رېدماۋىس خانىم قۇلىقىغا تۇتۇۋالغان كىچىك رادىيوسىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئايالنىڭ يەنە بىر قېتىم قاتتىق ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلاپ، يا خۇدا، بۇ قېتىم ئايالنىڭ شۇ ئۈزۈش كىيىمىنى كېسىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن يانچۇقچىلار بىرەر نەرسىنى ئېلىۋالغانمىدۇ، دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشۇمغا، ئەرك ئال ئايالنىڭ خۇشاللىقتىن ۋارقىرىغىنىنى، چۈنكى ئاسترونۇم قېرىندىشىنىڭ ئايغا قەدەم باسقانلىق خەۋىرىنى رادىيودىن ئاڭلىغانلىقىنى دېدى. بىز ئۆيدىن چىققان چاغدا ئاسترونوممۇ يەر يۈزىدىن ئايغا قاراپ يولغا چىققانىدى.
لېكىن ئۇ ئايغا چىقىپ بولغانىدى، بىز بولساق ئىستانبولنىڭ ئىچىدە ساياھىتىمىزنى ساق - سالامەت تۈگىتىپ ئۆيىمىزگە كېلىپ بولالمىغان ئىدۇق.
رېدماۋىس خانىم خۇشاللىقتىن ۋارقىراپ ئىنگلىزچە بىر نەرسىلەرنى دەۋاتقاندا، قۇمدا ياتقان تۆت − بەش ئەركەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۇ ئايال بىلەن ئىنگلىزچە سۆزلىشىشكە باشلىدى. بۇ چاغدا بۇ پاراڭغا باشقىلارمۇ قېتىلدى. ئىنگلىزچە بىلىدىغانلار شۇنداق كۆپ ئىكەن! رېدماۋىس خانىم بىلەن ئىنگلىزچە پاراڭلىشىدىغانلار ناھايىتى تېزلىكتە كۆپىيىشكە باشلىدى. بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭا - ماڭا ئاخىرىدا دېڭىزنى تاپتۇق. ئالدىمىزدىن ئۆتكەنلەر بولسا رېدماۋىس خانىم بىلەن ئىنگلىزچە پاراڭلىشىپ قالمايلا يەنە ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناش، چاقچاقلىشىشقا باشلىدى. بۇلاردىن ئىككىسى رېدماۋىس خانىمنى تۇيۇقسىز تۇتۇۋېلىپ ئېلىپ قاچىدىغاندەك، بالىلارنىڭ ئالتۇن بۆشۈك ئويۇنىغا ئوخشاش قوللىرىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۇدۇل دېڭىزغا قاراپ يۈگۈردى. بۇ قىلىقلارغا مەنمۇ چىداپ بولالماي ئابباس ئەپەندىگە:
- قېنى سەن، تېخى بايىلا ئۇرىمەن، سوقىمەن دەپ سۆزلەۋاتاتتىڭ، ئەگەر گېپىڭ گەپ بولسا، مانا ھازىر ئۇ ئايالنى ئۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى، - دېدىم.
- توغرا دەيسەن بەكىر ئەپەندى، - دېدى سېلىم خوجا، - پىچاقنى ئايرىمخانىغا قويۇپ چىقىپتىمەن، يېنىمدا بۇ ئايالنى ئۇرىدىغان ھېچنەرسە يوق، بۇ ئايالنى نېمە بىلەن ئۇرىمەن؟
ھەق گەپكە نېمىمۇ دېگىلى بولىدۇ؟
بۇ ئىككى ئەركەك بىردەم بىزنىڭ ئالدىمىزدا رېدماۋىس خانىم بىلەن بىللە غەۋۋاسلاردەك سۇغا شۇڭغۇپ، بېلىقلاردەك ئۈزۈشەتتى، سۇ ئۇزمىسە دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرىدا يۈگۈرۈشەتتى. ئۇ ئايال بارغانسېرى ئېچىلىپلا كەتتى، يەنە كېلىپ توۋلاشقا باشلىدى.
- قېنى بۇرادەرلەر، بۇ ئىككى قاراقچى ئايالنى ئېلىپ قاچماقچى، مەلۇمكى ئايال شۇڭا ۋارقىراۋاتىدۇ، - دېدىم.
سېلىم خوجا:
- بۇ ئايال خۇشاللىقتىنمۇ ۋارقىرايدۇ، بېشىغا دەرد كەلسىمۇ شۇنداق، لېكىن ھازىرقى توۋلىشى قاراقچىلارنىڭ ئېلىپ قېچىشىدىنمۇ ياكى خۇشاللىقتىنمۇ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ، - دېدى.
لېكىن ئۇ ئىككى قاراقچىنىڭ رېدماۋىسنى ئېلىپ قاچقانلىقى مەلۇم بولدى، تۆتىمىز ئايالنى قۇتۇلدۇرۇش قارارىغا كەلگەن بولساقمۇ، ئىچىمىزدىن پەقەت ئەرك ئال يېرىم ياتا سۇ ئۈزەلەيتتى. ئۇمۇ پۇتىنى يەردىن ئالماي دېڭىزغا ئاران ئون قەدەم كىرەلەيتتى. بىز ئۈچىمىز بولساق دېڭىزدا ئىككى پۇتىمىز بىلەن دەسسەپ ناھايىتى تەستە تۇراتتۇق. بىچارە رېدماۋىس خانىمنى كۆز ئالدىمىزدىلا قاچۇرۇپ قويدۇق. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئېلىپ قاچقىنى مۇقىملاشتى، چۈنكى ئۇلار دېڭىزدىن خېلى ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن، بىر توختاقلىق كېمىگە چىقىپ، پالاق ئۇرۇپ تېخىمۇ يىراقلارغا كېتىپ كۆزدىن غايىب بولدى. ئاستا - ئاستا رېدماۋىس خانىمنىڭ ئاچچىق ۋارقىراشلىرىمۇ ئاڭلانماس بولدى، لېكىن ئۇنىڭ ئاچچىق ۋارقىرىشى خۇشاللىقتىنمۇ ياكى مەجبۇرلۇقتىنمۇ بۇنى بىلەلمىدىم.
بىز بىر - ئىككى ئايلىنىپ ئارقىمىزغا ياندۇق. بىز يېشىنگەن ئايرىمخانىنىڭ سايىسىدا سوزۇلۇپ يېتىپ بىر - بىرىمىزگە گەپمۇ قىلماي، لېكىن بىر - بىرىمىزنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاچ بىر - بىرىدىن يامان خىياللارنى قىلىشقا باشلىدۇق. بۇ جىمجىتلىقنى تۇنجى قېتىم سېلىم خوجا بۇزدى:
- ئۇ ئايال بېشىمىزغا تاج ئىدى.
- بىلمىدۇق، نېمىشقىكىن قاچتى، - دېدى ئابباس ئەپەندى.
ئەرك ئال دېدى:
- چەت ئەللىك مېھمان ئىدى، بىزگە موھتاج ئىدى.
سېلىم خوجا رېدماۋىس خانىمنىڭ بوينىدىكى يىتكەن نەرسىنى كىرېست، دەپ بىلىپ:
- بوينىدىكى ھاچتى )كىرېست(، - دېدى.
پۈتۈن كۈن ئايالغا تاماق يېگۈزەلمىگەنلىكىمىز ئېسىمگە كېلىپ دېدىم:
- يا ئاللا، قورسىقىمۇ بەك ئاچتى.
ئابباس ئەپەندى دېدى:
- جان قايغۇسىدا قېلىپ قولىمىزدىن قاچتى.
ئەرك ئال:
- دېڭىزنى مۇسادەك كەچتى، - دېيىشىگە، سېلىم خوجا دېدى:
- ئەيسا كەبى ئۇچتى، - دېدى.
بىچارە سەۋدايى ئابباس ئەپەندى:
- لېكىن ئۇ بىزنىڭ نېمە قىلغىنىمىزغا ئەركىنلىككە قاچتى؟ - دەپ سورىشىغا، ناھايىتى بىلىملىك بولغان سېلىم خوجا:
- بەلكىم بىر ئىش قىلمىغانلىقىمىز ئۈچۈن قولىمىزدىن قاچتى، - دېدى.
خەلق قوشىقى ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئابباس ئەپەندى ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش بۇ پاراڭلاردىن بىر قوشاق توقۇپ، ياڭراق ئاۋاز بىلەن ئوقۇشقا باشلىغاندا، ساھىلدىكى ئادەملەر ئەتراپىمىزغا يىغىلدى. ئابباس ئەپەندى سۆزلىگەنچە ھاياجانلىناتتى، ھاياجانلانغىنىچە سۆزلەيتتى.
بېشىمىزغا تاج ئىدى،
نە قىلغانغا قاچتى.
چەت ئەللىك مېھمان ئىدى،
ئۇ بىزگە بەك موھتاج ئىدى.

ئاشىق ئۈچۈن ئىلاجتى،
بىزگە دەردنى چاچتى.
ئوتىغا سېلىپ قويۇپ
ئۆز يولىغا قاچتى.

بوينىدىكى ھاچتى،
قورسىقىمۇ ئاچتى.
جان قايغۇسىدا قېلىپ،
قولىمىزدىن قاچتى.

مۇسا كەبى كەچتى،
ئەيسا كەبى ئۇچتى.
نېمە قىلدۇق ئۇنىڭغا؟
ئەركىنلىككە قاچتى.

ئابباس ئەپەندى بىلەن سېلىم خوجىنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلۇۋاتاتتى. ئۇلار باشقىلارغا كۆز ياشلىرىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئايرىمخانا تەرەپكە شۇڭغۇدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى. نېمە بولدىكى دەپ ئايرىمخانىغا كىردىم. شۇنداق، بولار ئىش بولۇپ بولغانىدى.




ھالقىلىق سۆزلەر : چەتئەل، ئەسەر، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار