ئەزىز نەسىن: ساياھەتنامە(13)

يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014   مەنبە: تارىم 2012-8-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
- شۇنداق، شۇنداق، پويىزدا كېتىۋاتقاندا بىز بۇ ئايالنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلالمىغاچقا، بىرەرسى شوخلۇق قىلىپ، كۆ

- شۇنداق، شۇنداق، پويىزدا كېتىۋاتقاندا بىز بۇ ئايالنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلالمىغاچقا، بىرەرسى شوخلۇق قىلىپ، كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ ئايالنىڭ كىيىمىنىڭ مەيدىسىدىن قولىنى تىقىپ، ئايالنىڭ كۆكسىنى مىجىقلاپ، تارتىشتۇرۇپ تېشىغا چىقارغان گەپ، بۇنداق بولغانلىقىنى بىچارە ئەمچەكنىڭ لىغىرلاپ، سوزۇلۇپ تۇرغىنىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ، - دېدى.
- ئايالغا سول كۆكسىنىڭ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى دېيىشىمىز كېرەكمۇ، دېمەسلىكىمىز كېرەكمۇ؟ ئاخىرى ئۇنى دېيىش قارارىغا كەلدۇق. رېدماۋىس خانىم نۇرغۇن يەرلىرىگە داغ، مەڭلەر چۈشكەن قۇلىقىغا ھېلىقى كىچىك رادىيوسىنى تۇتۇۋېلىپ دىققەت بىلەن خەۋر ئاڭلاۋاتاتتى. ئەرك ئال ئايالغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ ئوچۇق قالغان كۆكسىنى كۆرسىتىشى بىلەن رېدماۋىس خانىم شۇنداق بىر ۋارقىرىۋېدى، يولدا كېتىۋاتقانلارمۇ توختاپ ئۇنىڭغا قارىشىپ قالدى، قېرىنداشلىرىمىز ئۇ ئايالنىڭ نېمىشقا بۇنداق ۋارقىرىغىنىنى چۈشىنەلمىدى.
- تېخى چۈشەنمىدىڭلارمۇ بۇ ئايالنىڭ خۇيىنى، - دېدىم مەن، - قېرىندىشى ئاسترونومدىن بىرەر خەۋەر ئاڭلىسا مۇشۇنداق ۋارقىراپ كېتىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ قېرىندىشى ئايغا قونۇۋاتقان بولسا، ئايال ساراڭلاردەك ۋارقىراپ قويدى.
- گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ئايالنىڭ ۋارقىرىشى ھېچبىر خۇشاللىقتىن بولىدىغان ۋارقىراشقا ئوخشىمايتتى. ئايالنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان گەپنى ئەرك ئال بىزگە دەپ بەرگەندىن كېيىن بىزمۇ ھەيران قالدۇق، ئايالنىڭ كۆكسى تەرەپتىكى ياقىسىدا ناھايىتى قىممەتلىك كىرېست شەكىللىك بىر زىننەت بۇيۇمى بار ئىكەن. بىز پويىزدا كېتىۋاتقاندا بىر يانچۇقچى كىرېستنى ئېلىۋالماقچى، قىسىپ تارتىپ ئالماقچى بولغان، لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، بىرىتىۋا بىلەن ئايالنىڭ كوپتىسىنى كېسىپ، كىرېستنى بىللە ئېلىۋالغان، دەپ ئويلايدىكەن، ئۇ بىرىتىۋانى شۇنداق چوڭقۇر سالغان بولۇپ، ئايالنىڭ كوپتىسىدىن باشقا ئىچ كىيىمى ۋە باغىردىقىنى قوشۇپ كېسىۋەتكەن، بىچارە ئايالنىڭ سول كۆكسى شۇنىڭ بىلەن سىرتىغا چىقىپ قالغانىدى. ساڭگىلاپ، لىغىلداپ قېلىشى بولسا ئىسسىقتىن بولغان. ھېچكىمدە بېشىنى كۆتۈرگىدەك ھال قالمىغاچقا، ئۇ بىچارىمۇ ئېزىلىپ، ساڭگىلاپ قالغانىكەن. رېدماۋىس خانىم شۇنىڭ ئۈچۈن ۋارقىراپ كەتكەنىكەن.
رېدماۋىس خانىمنىڭ ئاھۇ پەريادى بېسىلمايلا بىز ئارقىمىزغا بىراقلا ئېتىلدۇق، ئەرك ئال ئوغرىنىڭ ئايالنىڭ كىرېسىتىنىلا ئېلىۋېلىپ قالماي، يەنە ئايالنىڭ سومكىسىنى ئېچىپ پۇللىرىنى ئوغرىلاپ كەتكىنىنى دېدى. بۇ چاغدا سېلىم خوجا:
- ئۇھ، خۇداغا شۈكۈر، مەن پويىزدا رېدماۋىس خانىمنى باشقىلار ئەخلاقسىزلىق قىلىپ سىيپاپ يۈرىدۇ، دەپ ئويلاپ بەك ئاچچىقىم كەلگەنىدى. بولمىسا ئۇلارنىڭ ئەخلاققا مۇخالىپ نىيەتلىرى يوقتەك قىلاتتى، - دېدى.
خېلى بىر ۋاقىت ئوغرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ئەرزىمىزنى ئاڭلايدىغان بىر ساقچى ئىزدەپ يۈردۇق، ئاخىرىدا ساقچىنى تاپتۇق، قىسقىسى ساقچى بىزدىن كىمدىن گۇمانلىنىدىغىنىمىزنى سورىغاندا ياكى بىز ياكى رېدماۋىس خانىم قىستىلىپ يۈرگەن ۋاقىتتا يېنىمىزدىكى يولۇچىلارنىڭ چىرايىغا قاراشنى خىيالىمىزغا كەلتۈرەلمىگەچكە، ساقچىنى ھېچقانداق بىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىيەلمىدۇق. بۇ خىل ئەھۋالدا ساقچى ئامانلىق بۆلۈمىگە بېرىپ، كونا جىنايەتچىلەرنىڭ ئالبومدىكى رەسىملىرىگە قاراپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى. لېكىن بىز يا دېڭىزغا كىرىپ سالقىندىيالمىدۇق ياكى قورسىقىمىزنى تويغۇزالمىدۇق.
بېلەتلىرىمىزنى ئېلىپ ساھىلغا كىردۇق، ساھىل بولسا يالىڭاچ ئەر - ئاياللار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يا قۇمنى ياكى دېڭىزنى كۆرەلمىدۇق.
ئابباس ئەپەندى:
- خاتا يەرگە كېلىپ قالدۇقمۇ نېمە؟ - دېدى.
- نېمىسى خاتا، ئىشىكتىكى ساھىل دەپ يېزىلغان لەۋھەنى كۆرمىدىڭمۇ؟ - دېدىم.
- ئابباس ئەپەندى:
- مەن بىلىدىغان ساھىللاردا دېڭىز بولىدۇ، بۇ يەر ساھىل بولسا، بۇ ساھىلنىڭ دېڭىزى قەيەردە؟
ئۇنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى.
- نېمىلا بولسۇن ئالدى بىلەن بىر ئايرىمىخانىغا كىرىپ يېشىنەيلى، ئاندىن دېڭىزنى ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن سوراپ تېپىۋالىمىز، - دېدىم.
يېشىنىشنى يېشىنىمىز، لېكىن مېنىڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمىم يوق ئىدى. رېدماۋىس خانىمنىڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمىمۇ سومكىسىدا ئىدى، باشقىلار سۇ ئۈزۈش كىيىمىنى كېلىشىدە ئالغاچ كەلگەنىدى. پەقەتلا مېنىڭ يوق ئىدى، يولدىن سېتىۋالىمەن دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن ئۇ ئالدىراش سەپەر ئارىسىدا كىيىم ئېلىشنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم. ساھىلدا سۇ ئۈزۈش كىيىمى ئىجارىگە بېرىلىدىكەن، سۇ ئۈزۈش كىيىمى دەپ قولۇمغا بەرگىنى رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن، نۇرغۇن يەرلىرىگە داغ يۇقۇپ قالغان، مەينەت بىر رەخت پارچىسى بولۇپ، ئۇنى كوچىغا تاشلىۋەتسەڭ ئەسكىپۇرۇشمۇ ئېگىلىپ يەردىن ئېلىشقا ھۇرۇنلۇق قىلاتتى. يەنى بۇ ئەسكىپۇرۇشمۇ ئېلىپ قاچمايدىغان بۇ كونا رەختنى ماڭا ئۈچ يېڭى سۇ ئۈزۈش كىيىمىنىڭ پۇلىنى زاكالەت پۇلى قىلىپ ئېلىپ، سائەت بەشكىچە يۇقىرى ھەق بىلەن ئىجارىگە بەردى.
بەشىمىز بىراقلا ساھىلغا كىرىش ۋاقتىمىزدا ئاچقۇچى بېرىلگەن ئايرىمخانىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. بىز ئۇ يەرگە كېلىشىمىز بىلەنلا بىر توپ بىكارچىلار رېدماۋىس خانىمنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى. سېلىم خوجا بىزگە:
- سىز، - دېدى ماڭا، - دەريادىن ئۆتكۈزۈلىدىغان قوزا، ئوت، بۆرە تېپىشمىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇلارنى بىر - بىرىگە يېگۈزمەي، بىر بۆرە، بىر قوزا، بىر باغلام ئوتنى قارشى تەرەپكە قانداق ئۆتكۈزىسىز؟ قىرغاقتا ئوت بىلەن قوزىنى قويۇپ قويساڭ، قوزا ئوتنى يەپ كېتىدۇ. قوزا بىلەن بۆرىنى قويساڭ، بۆرە قوزىنى يەپ كېتىدۇ. قاراڭ، بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئەھۋالىمىز شۇ تېپىشماققا ئوخشاپ كېتىۋاتىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپسىز، ئالدى بىلەن يېشىنىپ، كىيىمىنى ئالماشتۇرۇۋالسۇن، دەپ رېدماۋىس خانىمنى ئايرىمخانىغا كىرگۈزۈپ قويساق، ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكلىرى ئۆتمە - تۆشۈك بولغاچقا، بۇ ئىتنىڭ بالىلىرى كۆزىنى ئىشىكنىڭ تۆشۈكلىرىگە تىقىشىپ، ئايالنى تاماشا قىلىدۇ. ئەگەر ئاۋۋال بىز كىرىپ يېشىنىپ كىيىم ئالماشتۇرساق، ئايال سىرتتا يالغۇز قالىدۇ - دە، بىكار تەلەپلەر ئايالنى ئاۋارە قىلىدۇ.
- ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟ - دېدىم مەن.
- مۇنداق قىلىمىز، - دېدى سېلىم خوجا، - رېدماۋىس خانىم بىلەن ئىككىمىز ئايرىمخانىغا بىرگە كىرىمىز.
- نېمىشقا؟
- سەۋەبى شۇكى، رېدماۋىس خانىم يېشىنىۋاتقاندا ئىچىدىكى ئىككى ئادەم رېدماۋىس خانىمنى مۇنچا لۆڭگىسى بىلەن توسۇپ تۇرىدۇ، سىرتتىن مارىلايدىغانلارمۇ ھېچ نەرسە كۆرەلمەيدۇ.
بۇنىڭغا ئابباس ئەپەندى تاقەت قىلالمىدى:
- ھەي، كۆرسە كۆرمەمدۇ، لېكىن نېمىنى كۆرىدۇ، بولىدۇ، كۆردىمۇ دەيلى، سېنىڭ قولۇڭ ئاياللارنىڭ چاترىقىنى كۆزەت قىلىشقا بەلگىلەنگەنمۇ؟ ساڭا نەدە تۇرۇپتۇ، - دەپ ۋارقىرىدى.
- يېنىمىزدا بىر ئايالنى ئېلىپ يۈردۇق، ئۇنىڭ نومۇسىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار، بىز بەكىر ئەپەندى بىلەن ئىچىگە كىرىپ، لۆڭگە تۇتۇپ بەرسەك ياخشى بولىدۇ، دەپ، ئويلىدىم، - دېدى ئۇ چىڭ يېرىگە تاقاپ.
- نېمىلا بولسۇن، يېشىنىۋالسۇن، دەپ ئايالنى ئىچكىرىگە كىرگۈزۈۋەتتۇق، ئايال ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىشى بىلەن مەن 02 دېسەم، سىز 04 دەيسىز، بىكار تەلەپلەر بىراقلا ئايرىمخانىنىڭ ياغاچ توسۇقلىرىغا يېپىشىپ، كۆرەلەيدىغان تۆشۈكلەردىن ۋە ياغاچنىڭ ئارىلىقلىرىدىن ئىچىدىكى ئايالنى ماراشقا باشلىدى. بىز سىرتتا تۇرغان تۆت ئەركەك، خۇددى قوناقلىققا كىرگەن كالىنى ياكى ئامبارغا كىرىۋالغان توخۇلارنى قوغلىغاندەك، “ھوش”، “تۈ، تاخ” دەپ بۇ ئەخلاقسىزلارنى قوغلاۋاتساق، ئۇلار خۇددى ھازىر بۇ يەردىن ئۈركۈتسە يەنە شۇ يەرگە قونۇۋالىدىغان چىۋىنلەردەك قىلىق قىلغىلى تۇردى. بۇلارمۇ بىز باشقىلارنى قوغلىغىلى ماڭساقلا يەنە جايىغا كېلىپ ماراشقا باشلايتتى. بىز، “ھوش، تاخ” دەپ ئۇلارنى قوغلىغان بولساقمۇ، لېكىن بىز تۆت كىشى، ئۇلار 40 بولغاچقا بۇلارنى قوغلاپ بىر باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قوغلاش جەريانىدا بىز بەك كۈلۈپ كەتكەچكە، قۇملاردا سۇنايلىنىپ ياتقانلار بىزنىڭ بۇ نومۇسنى قوغداش ئۈچۈن قىينىلىۋاتقانلىقىمىزدىن قاقاھلىشىپ كۈلەتتى.
بىز ماراقچىلارنى ئىشىكنىڭ تۆشۈكلىرىدىن ھەيدەش ئۈچۈن ئۇ ياقتىن بۇ ياققا قوغلاشتىن تەرلەپ، چارچاپ كەتكەن ئىدۇق. ئاخىرىدا ئابباس ئەپەندى “كۆرۈۋەرسۇن، نېمە كۆرگۈسى بولسا كۆرسۇن، كۆرگۈدەك نېمە بولسۇن” دېيىشى بىلەن ئەقلىمىزگە كەلگەندەك بولۇپ تۇرساق، ماراقچىلار ئەمدى يۇيۇنۇشقا باشلىغانىدى. ئۇلارنىڭ يۇيۇنۇشتىكى مەقسىتى شۇ ئىدىكى، ئايرىمخانىنىڭ توساق تاختايلىرىدىكى تۆشۈكلەر بىزنىڭ يەرلىك ئاياللارنىڭ بويلىرىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ئېچىلغانلىقى ئۈچۈن بۇلار ئېگىلىپ قارىسىمۇ، ئېگىز بويلۇق ئامېرىكىلىق ئايالنىڭ لېپىكىنىلا كۆرەلەيدىكەن، ئۇلارنىڭ يۇيۇنماقچى بولۇشلىرى مۇشۇ سەۋەبتىن ئىكەن. بۇ تۆشۈكلەرنىڭ تۈركلەرنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن ياسالغىنىغا ئاچچىقلىرى كېلىشكەنىدى. بۇ تۆشۈكلەرنىڭ پەستىن ئېچىلىشىغا غەزەپلەنگەنلەردىن بىرسى:
- ھەي، سەن كۆرمەكچى بولغان نەرسىگە ئەمەس، ئۆزۈڭنىڭ نىيىتىگە قارا، لېپىكى بولامدۇ، پېپىكى بولامدۇ، نېمە كارىڭ، ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۇ نىيەت بىلەن قارىمىدىم، لېكىن سەن نېمە دەپ ئۇنىڭ لېپىكى دەپ يۈرۈپ، مېنىڭ خىيالىمنى بۇزىسەن، - دەپ ۋارقىرىدى.
ئايرىمخانىدىن چىققان رېدماۋىس خانىم خۇددى زىراپىدەك تۇغۇلغان چىشى ئىنسان بالىسىدەك كۆرۈندى. ئۇنىڭ سىرتقا چىقىشى بىلەن گەپ قىلىۋاتقانلار، قولىنى شىلتىۋاتقانلار، ئىشنى ئۇلغايتىپ جېدەل قىلىۋاتقانلار، بىر - بىرىگە قولىنى چېنەۋاتقانلار ئايالنىڭ يېنىغا يېپىشتى. بۇ ئەھۋالدا قاتتىق كۈنداشلىقتا قالغان ئابباس ئەپەندى:
- مەن بۇ ئايالنى ئۇرىمەن، - دەپ قوپتى.
- قايسى ئايالنى؟
- مانا بۇ ئامېرىكىلىقنى.
- ساڭا نېمە بولدى؟
- ماڭا نېمە بولدى، دېگەن قانداق گەپ؟ ئايالنى يېنىمىزدا ئېلىپ يۈردۇققۇ، جىمىقتۇراي دەيمەن.



ھالقىلىق سۆزلەر : چەتئەل، ئەسەر، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار