ئەزىز نەسىن: ساياھەتنامە(15)

يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014   مەنبە: تارىم 2012-8-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
سېلىم خوجىنىڭ كىيىملىرى بىلەن بىزنىڭ سومكىلىرىمىز ئوغرىلانغان ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇنىڭ بىلەن سا

سېلىم خوجىنىڭ كىيىملىرى بىلەن بىزنىڭ سومكىلىرىمىز ئوغرىلانغان ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇنىڭ بىلەن ساھىلغا مەسئۇل ئىشخانىغا كىرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ بولغۇچە، باشقۇرغۇچى بىردىنلا ئۆڭدى:
- ھەي، نېمە دېمەكچىسىلەر؟ بىزنىڭ بۇ يەرگە نوكچا ئالتۇن قويۇپ قويساڭلارمۇ بىرەر ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ قويمايدۇ، بۇ شۇنداق ئىشەنچلىك يەر، سىلەر كىيىم - كېچەك، سومكىلىرىمىز يىتۇپ كەتتى، دەپ تەھدىت سېلىپ، بىزدىن پۇل ئۈندۈرۈۋالماقچىمۇ؟ ھە، سىلەر بۇ يەرگە خوتۇن ساتقىلى كەلمىگەنسىلەر؟ قېنى، يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرگەن خوتۇننى نېمە قىلدىڭىز؟ خوتۇن قېنى؟ كىمگە ساتتىڭىز؟ ۋاي خوتۇن گۆرۈچىلىرى... ۋاي سولامچىلار، نومۇس قىلىشمامسەن، بىزگە تۆھمەت قىلىشامسەن، دەپ، سەككىز - ئون كىشى بىلەن خۇددى قاراقچىدەك بىزگە يوپۇرۇلۇپ كېلىشىگە قاراپ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلدىم - دە:
- ئاكا، ئالدىرىماي تۇرۇڭە، بەلكىم ياخشى قارىمىغاندىمىز، كەچۈرۈڭ، بۇ قېتىم تېپىۋېلىشىمىز مۇمكىن، خۇدايىم بۇيرۇسا، - دەپ بۇرادەرلەرنى ئېلىپ ماڭدىم. بولمىسا بېشىمىزغا بۇنچە بالا كەلگەندىن كېيىن، يەنە بىزنى بۇ يەردە ئۇرۇپ - دۆشكەلەپ يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا تاشلاپ قوياتتى.
تاياقتىنغۇ قۇتۇلدۇق، لېكىن ئۆيگە قانداق كېتىمىز؟
- بۇرادەرلەر، - دېدىم مەن بىر ئىش يادىمغا كېلىپ، - بېشىمىزغا كەلگەن بۇ ئىشلارنى ئۆمۈربويى ئۇنتۇيالمايمىز، ھازىر ئۆيگە قانداق كېتىشنىڭ ئامالىنى قىلايلى، بىز تۆت ئادەم، لېكىن بۇ يەردە ئۈچ كىشىلىك كىيىم بار، ئۇنداق بولسا ئۈچ كىشىنىڭ كىيىمىنى تۆت ئادەم بۆلۈشۈپ كىيەيلى.
شۇنداق قىلىشنىغۇ قىلايلى، لېكىن قانداق قىلىمىز؟ سېلىم خوجىنىڭ چاپىنى ئۇزۇن ئىدى. بىز ئۇنىڭ چاپىنىنى كېسىپ، بىچارە ئەرك ئالغا كالتە ئىشتان قىلىپ بەردۇق، باشقا ئىشتانلارنىمۇ بىر نەرسە قىلىپ كىيىۋالغان بولدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئاۋازىمىزنى ئۆچۈرۈپ، خۇددى كۆلەڭگىلەردەك ئۇ يەردىن چىقتۇق. كېچە بىر چاغ بولغاندا ئۆيگە كەلسەم، پۈتۈن كۈن بېشىمغا كەلگىنى يەتمىگەندەك ئايالىم كۈنداشلىق قىلىپ تاكى تاڭ سەھەرگىچە ئۇخلاتمىدى. ئەتىسى سېلىم خوجىدىن ئاڭلىسام، ئۇنىڭ ئايالىمۇ مېنىڭ ئايالىمدىن بوش كەلمەپتۇ.
رېدماۋىس خانىمغا بىزنىڭ ئۆينىڭ ئادرېسىنى بەرگەن ئامېرىكىلىق تۇنجى ئەردىن بىر خەت تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ خەتنى رېدماۋىس خانىمنى دېڭىز ساھىلىدا يىتتۈرۈپ قويۇپ بىر يېرىم ئايدىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئالدىم. تۇنجى ئەر خېتىدە بىزنىڭ ئىستانبولدا بۇ ئايالنى نېمىلەرنى قىلىپ، شۇ قەدەر خۇشال ۋە رازى قىلغىنىمىزنى سوراپتۇ. رېدماۋىس خانىم تۇنجى ئەرگە پۈتۈن ھاياتىدا تاپالمىغان خۇشاللىقىنى ئىستانبولدىن تاپقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. تۇنجى ئەر خېتىدە بىزدىن قايتا - قايتا سىلەر رېدماۋىس خانىمغا نېمە قىلدىڭلار، دەپ سورىغانىدى.
سېلىم خوجا، ئابباس ئەپەندى، ئەرك ئال بىر يەرگە يىغىلىپ، بۇ ئايالنى بۇنچە خۇشال قىلغۇدەك زادى نېمە ئىش قىلدۇق، دېگەننى ئويلاشتۇق. بىز ئۇ ئايالنىڭ قورسىقىنىمۇ تويغۇزالماي ئاچ قويدۇق، بىر ھازاغىچە ئۇ ئايالنى تاپالماي يىتتۈرۈپ قويدۇق، كۆكسىدىن كىرېستىنى، سومكىسىدىن پۇلىنى ئوغرىغا بەردۇق، ئانىسىدىن ئەمگەك سۈتىنى بۇرنىدىن بۇلاق قىلدۇق. ئەلۋەتتە، خۇشاللىقى بۇلار سەۋەبىدىن ئەمەس ئىدى.
رېدماۋس خانىمنىڭ ئىستانبولدا نېمىشقا بۇنداق خۇشال بولغانلىقىنى بىلەلمىدۇق. چۈنكى بىز ئۇنىڭغا بىر ئىش قىلمىدۇق، قىلىپ بېرەلمىدۇق. كېيىن ھەممىمىز شۇنداق بىر پىكىرگە كېلىشتۇق: ئۇنى خۇشال قىلىدىغان بىرەر ئىش بولغان بولسا، بىزدىن كېيىن بولغان، يەنى بىزنىڭ قولىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلغاندا بولغانىدى.

 




ھالقىلىق سۆزلەر : چەتئەل، ئەسەر، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار