ئەزىز نەسىن: ساياھەتنامە(4)

يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014   مەنبە: تارىم 2012-8-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
يولىمىز ماڭغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىپ باراتتى. بىز بۇ ناچار يوللاردىن كېلىپ كېتىشكە كۆنۈپ كەتكەنىدۇق. لېكىن بىچ

يولىمىز ماڭغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىپ باراتتى. بىز بۇ ناچار يوللاردىن كېلىپ كېتىشكە كۆنۈپ كەتكەنىدۇق. لېكىن بىچارە رېدماۋىس خانىم بەك قىينىلىپ كېتىپ باراتتى. ئەمما بىر يىقىلىپ چۈشسە قۇچاقلىۋالسام دەپ ئايالنىڭ پېشىدە يۈرگەن سېلىم خوجا ئىككى قولىنى ئالدىغا سوزۇپ تەييار تۇراتتىكى، بىچارە ئايالنىڭ ئايىغى بىر تاشقا تېگىپ تەۋرىنىپ كېتىدىغان بولسا، سېلىم خوجا يائاللا، شۇ ھامان ئۇ ئايالغا ئېتىلىپ بېرىپ قۇچاقلىۋالاتتى..
بىز مۇشۇ ھالدا يىقىلىپ قوپۇپ، سەنتۈرۈلۈپ كېتىۋاتساق، قانداق بولدىكىن بىلمىدۇق، رېدماۋىس خانىم تۇرۇپلا يوقاپ كەتتى. يا خۇدا نېمە ئىش ئەمدى بۇ. ئۇ ئېگىز خوتۇن ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا كۆزدىن غايىب بولدى، ھەيران قالدۇق.
ئابباس:
- دېمەك، مېنىڭ گېرمانىيەدە ھېس قىلغانلىرىم توغرا ئىكەن، - دېدى.
- گېرمانىيەدە نېمىنى ھېس قىلغان، - دەپ سورىدىم.
- گېرمانىيەدە تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمىزدا شۇنداق ھېس قىلغانىدىم. ئارامغا چىققانلىقى ئۈچۈن ھېچكىم قاراپ قويمايدىغان ئاياللار بۇ يەرگە ساياھەتچى بولۇپ كەلسە، بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئەركەكلەر ئۇلارنى ئېلىپ قېچىپ خۇشال بولىدىكەن...
- يەنى، - دېدىم.
- يەنى شۇكى، - دېدى ئۇ، - رېدماۋىس خانىم بۇ يەرگە تەلىيىم بولسا ماڭىمۇ مېنى قوغلايدىغان بىرسى چىقارمىكىن دەپ كەلگەن گەپ. ئايالنىڭ بەختى بار، دېمەكچى بىز ئۇياق - بۇياققا قاراۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئۇ ئايالنى بىزدىن ئېلىپ قاچتى. تەلىيىم كەلسۇن دەپ تامنىڭ تۈۋىگە سىيگىلى تۇرغاندا مەن ئايالنىڭ نىيىتىنىڭ بۇزۇقلۇقىنى پەقەت چۈشەنمەپتىكەنمەن.
سېلىم خوجا رېدماۋىس خانىم بىر قانچە قېتىم يىقىلىپ چۈشكەندە يۆلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇ ئايالغا بەك يېقىن دەپ ھېس قىلغاچقا ئابباسنىڭ سۆزلىرىدىن خاپا بولۇپراق:
- ئۇ سەن بىلىدىغان ئاياللاردىن ئەمەس، - دېگىنىچە رېدماۋىس خانىمنى قوغدىغان بولدى.
شۇ ئەسنادا بىز يىراقتىن كەلگەن بىر ئىڭرىغان ئاۋازنى ئاڭلىدۇق. ئەرك ئال:
- ئەستاغپۇرۇللا، قاراڭلار، رېدماۋىس خانىمغا ياردەم كېرەككەن، ئورەككە چۈشۈپ كېتىپتۇ، - دەپ توۋلىدى.
بۇ يولغا ھۆكۈمەت يەتتە يىل ئىلگىرى قاراماي ياتقۇزغانىدى. ئاسفالت ياتقۇزۇلۇپ بىر يىلدىن كېيىن يولنىڭ ئاستىغا سۇ تۇرۇبىلىرى ياتقۇزۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى. قارامايلار ئېلىۋېتىلدى، يوللار كولاندى. سۇ تۇرۇبىلىرى ئورنىتىلغاندىن كېيىن يېڭىدىن قاراماي ياتقۇزدى. لېكىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ قېتىم تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى. قاراماي يول قايتىدىن ئېلىۋېتىلدى. يوللار كولىنىپ، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇپ يول تۈزلىنىپ يەنە قاراماي ياتقۇزۇلدى، لېكىن بۇ قېتىم مەينەت سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش تۇرۇبىسىنى دەپ يول يېڭىدىن كولىنىدىغان بولسا، بۇ رايوندا ھېچقانداق ۋاقىتتىن بېرى پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تۇرۇبىلار بولمىغاچقا، بۇنداق تۇرۇبىلار ياتقۇزۇلۇپ قالسا ياكى ئالدىنقى قېتىمقىلاردىكىدەك شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسىلەر ئۇنتۇلۇپ قالسا ئېسىمىزگە كېلەر دەپ يول بىر مەزگىل ياسالمىغان، شۇنىڭ بىلەن يول ئېگىز - پەس، مۈدۈر - چوقۇر بولۇپ قالغانىدى. كىشىلەر ئارىسىدا تارقالغان سۆزلەرگە قارىغاندا، بۇ يولنى ياساشنى ئۈستىگە ئالغىنى بىر بولسا بۇ يولنىڭ ئىشىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارى بىلەن تونۇشۇپ قالغان كونا ئوپېراتسىيە دوختۇرى بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلغاندا قولىدىكى قىزىل پەلەينى ئوپېراتسىيە قىلغان بىمارنىڭ ئىچكى ئورگانىزملىرىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قاراپ، بىر قانچە قېتىم رېزىنكە پەلەينى ئوپېراتسىيە شىرەسىدە قورسىقى ئېچىلىپ ياتقان بىمارنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇپتىكەن. ئاخىرىدا مۇشۇ سەۋەبتىن دوختۇرلۇق خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يول ياساش ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىن خۇشال بولۇپ يۈرگەن بىرسى ئىكەن.
رېدماۋىس خانىمنىڭ بىر ئورەكنىڭ ئىچىدىن كېلىۋاتقان ئىڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. ئەمما پەس چىقىۋاتقان ئاۋازنىڭ قايسى تەرەپتىن كەلگىنىنى بىلەلمىدۇق. بۇ ئەھۋالدا ھەممىمىز ھەر تەرەپكە تارىلىپ، ئورەك، خەندەك، ئويمانلىقلارغا قاراپ رېدماۋىس خانىمنى ئىزدەشكە باشلىدۇق. ئايالنى ھەرقانچە قىلىپمۇ تاپالمىدۇق. ئەرك ئال ئايالغا ئىنگلىز تىلىدا ۋارقىرىدى
- نېمە دەۋاتىسەن ئەرك ئال ئوغلۇم، - دەپ سورىدىم.
- چىشىڭىزنى چىشلەپ تۇرۇڭ رېدماۋىس خانىم، غەيرەت قىلىڭ، ھازىرلا بارىمىز، دەپ مەدەت بەردىم، - دېدى.
ئىزدەۋاتقان يېرىمىز “جىن توپ ئوينايدۇ، شەيتان ئۇسسۇل” دېگەندەك ئادەم ئاياغ باسمايدىغان يەر ئىدى. بۇ شۇنداق يەر ئىدى، بۇ يەردىن يېرىم سائەتتە بىرەر جانلىق يا ئۆتەتتى ياكى ئۆتمەيتتى. ئۆتسىمۇ چوقۇم بىرەر لالما ئىت ئۆتۈپ قالاتتى. ئۇ ئايال بۇ يەردە خۇددى يەر مەدىكى يوقاپ كەتكەندەكلا يوقاپ كەتتى. تۇرۇپلا بۇ يەر شۇنداق قالايمىقان بولۇپ كەتتىكى، ھەيران قالدۇق. بىردەمدىلا بۇ يەرنى ئادەملەر قاپلاپ كەتتى، چوڭ - كىچىك، قېرى - ياش، ئەر - ئايال توپلىشىپ بۇ يەر بايرام تۈسىگە كىرىپ قالدى. بىز پات - پات ئاڭلىنىۋاتقان رېدماۋىس خانىمنىڭ ئاۋازىنىڭ قەيەردىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە، باشقىلار ئايال بار ئورەكنى تېپىپ، ئۇ ئايال چۈشۈپ كەتكەن ئورەك بېشىغا يۈگۈرۈشۈۋاتقان ئىكەن. ئۇلار شۇنداق تېز يۈگۈرۈيتتىكى، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىشىمىزغا ئىمكان بولمىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر قانچىسى خۇددى چۈشۈپ قالغان ياكى يولدىن تېپىۋالغان ياكى بولمىسا ئاپتوبۇستا ئۇنتۇلۇپ قالغان بىرەر خالتا توغرىسىدا گەپ قىلىشىۋاتقاندەك گەپ قىلىشىۋاتاتتى.
- ھەي بۇ ئايالنىڭ ئىگىسى كىم؟
- بۇ ئايالنىڭ ئىگىسى يوقمۇ؟
- بۇ ئايالنىڭ ئېرى نەلەردە يۈرىيدىغاندۇ؟
- ...
سېلىم خوجا چىدىماي ۋارقىرىدى:
- بىز، بىز، ئۇ ئايال بىزنىڭ...
ئۇ ۋارقىرىغاچ ئالغا سىلجىدى. بىز ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىدىغان بولساق، قالايمىقان ئادەملەر توپىدىن ئۆتۈشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنچە جىق ئادەملەر ئارىسىدا بىزمۇ تۈگۈلۈپ قالدۇق، رېدماۋىس خانىمنىڭ يېنىغا بارالمىدۇق. لېكىن ئادەملەرنىڭ ئۇ ئايال توغرىسىدا نېمىلەرنى دېيىشىپ، نېمىلەرنى تالاش - تارتىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇق. بەزىلەر ئۇنى ئىشتان پايپاق كىيمەپتۇ، دېسە، بەزىلەر ئۇنى پايپاقمۇ، ئىشتانمۇ كىيمەپتۇ، دېيىشەتتى. شۇنى دېيىشىۋېتىپ تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكى تۇتۇپ قالدى.
- يائاللا، ئادەم قالماپتىمۇ نېمە؟ شۇنچە ئادەم قاراپ تۇرۇپ بىرسىمۇ بۇ ئايالنى ئورەكتىن تارتىپ چىقىراي دېمەيدىغۇ؟
- تارتىۋالمىسىمۇ مەيلى، تاماشا كۆرۈپ تۇرۇشۇپ كەتكىنىنى.
- نومۇس، نومۇس، خىجىل بولماي ئايالنىڭ پاچاقلىرىنى تاماشا قىلىپ كېتىشلىرىنى.
- ئازراق يول بەرگىن، بىزمۇ كۆرۈۋالايلى.
- ئەڭ ياخشىسى ساقچىغا خەۋەر قىلايلى.
- ساقچىنىڭ نېمە پايدىسى؟ ياكى ئۇ دوختۇر بولمىسا...
- شىپاخانىغا ئېلىپ بارايلى، شىپاخانىغا... ئارىمىزدا بىرەر ياخشىلىق قىلىشنى خالايدىغانلار يوقمۇ؟
- دوختۇر نېمە قىلالايدۇ؟ شىپاخانىدا نېمە ئىش قىلىدۇ؟
- ئوت ئۆچۈرۈشكە خەۋەر قىلايلى، ئايالنى ئورەكتىن قۇتۇلدۇرسۇن، بىرسى تېلېفون قىلسا بوپتىكەن.
كۆپچىلىك ئارىسىدىن بىر ئايال:
تۇز تېپىڭلار، تۇز، يارىسىغا تۇز سېپەيلى، - دەپ، ۋارقىرىدى.
- بولمايدۇ، تۇز يارىنى ئېچىشتۇرۇۋېتىدۇ، كۈل تېپىپ شۇنى باسايلى.
- ياق، ياق، ئەڭ ياخشىسى ئۆمۈچۈك تورى تېپىپ، ئۇنى ئېزىپ يارىسىغا سۈرەيلى.
ھەر كاللىدىن بىر ئەقىل، ھەر ئېغىزدىن بىر ئاۋاز چىقاتتى. لېكىن ھېچكىم كارغا كەلگۈدەك بىرەر ئىش قىلمايتتى. بۇ ئەسنادا بىز ئالدىمىزدىكىلەرنى ئىتتىرىپ يۈرۈپ، ئورەكنىڭ بېشىغا كەلدۇق. ئەرك ئال بىلەن ئورەكنىڭ ئىچىگە چۈشتۇق. ئېگىز بويلۇق رېدماۋىس خانىم ئورەككە شۇنداق يىقىلىپتۇكى، پۇت - قوللىرىنى مىدىرلىتالماي ياتقانىكەن. ئەرك ئال ئىككىمىز بۇ ئايالنىڭ ھېچيېرىنى ئاغرىتماي، ئورەك بېشىدىكى سېلىم خوجا بىلەن ئابباسقا سۇندۇق. رېدماۋىس خانىم سىرتقا چىققاندىن كېيىن بىر ئېگىلىپ قويدى. تاسمىغا ئوخشايدىغان بۇ ئايالغا ھېچنەرسە بولمىغانىدى. بۇ ئايالنىڭ ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئەتراپتىكىلەر چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. بىز ئۇلارنىڭ چاۋاك ساداسى ئىچىدە بۇ يەردىن ئايرىلدۇق.
بىردىنلا ھاۋا تۇتۇلۇپ كەتتى. شۇنداق شىددەتلىك بىر بوران چىقىشقا باشلىدىكى، شامال توپا - تۇپراق، قۇم - شېغىللارنى بېشىمىزغا ياغدۇرۇشقا باشلىدى. رېدماۋىس خانىمنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ چاتاق ئىدى. چۈنكى كۈچلۈك بوران ھە دېگەندىلا ئۇ ئايالنىڭ قىسقا ئېتەكلىرىنى ئۇچۇرۇپ بېشىغا يۆگەپ قوياتتى، ئايال بولسا بۇنى تۆۋەنگە سىيرىپ ئاۋارە بولاتتى، ئايال ئەتراپىنى پەرقلەندۈرەلمەي، ھە دەپ مېڭىشقا ئۇرۇناتتى. بىز شامالدىن دالدا بولىدىغان بىر يەر تېپىشقا تىرىشىۋاتقىنىمىزدا، خۇددى ئاسماننىڭ تېگى تېشىلىپ كەتكەندەك شارىلداپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن بايىقى بوران چىپپىدە توختىدى.
ئەتىگەنكى شۇنداق ياخشى ھ−اۋانىڭ بىردىنلا بۇزۇلغىنىغا ھەيران قالغان رېدماۋىس خانىمغا ھەر ساھەدە بىلىمگە توشقان سېلىم ئەپەندى چۈشەنچە بېرىشكە باشلىدى:
ئىستانبولنىڭ بىر ئۆزگىچىلىكى ۋە گۈزەللىكى بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئىستانبولنىڭ ھاۋاسى ئۆزگىرىشچان دېيىشىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشچانلىق ئادەملەردىن ھاۋارايىغا ئۆتتىمۇ ياكى ھاۋارايىدىن ئادەملەرگە ئۆتتىمۇ بۇنى بىلىدىغانلار يوق. ئىستانبوللۇقلار ئۆزگىرىشچان ھاۋا ئىچىدە ياشىغاچقا ئۇلارنىڭ مىجەزىمۇ ئۆزگىرىشچاندۇر. ئىستانبولنىڭ ھاۋاسى، ھاۋارايى مەلۇماتى چاقچاق قىلىشقا ئامراق. ھاۋارايى مەلۇماتىدا قار ياغىدۇ، دېگەن كۈنى ئىستانبولدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، دېگەن كۈنى قار ياغىدىغان ئىشلار داۋاملىق بولۇپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئىستانبوللۇقلار ئىشىكىدىن چىقىدىغان چاغدا “پەلتۇ كىيەيمۇ - كىيمەيمۇ؟”، “كۈنلۈك - ئالايمۇ ئالمايمۇ” ياكى “قېلىن كىيىنەيمۇ - نېپىزمۇ؟” دەپ ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ئىككىلىنىۋېرىپ شۇ كۈنى پۈتۈن كۈن ئىشقا بارالمايدىغان ئىشلارمۇ دائىم بولۇپ تۇرىدۇ.
سېلىم ئەپەندى سۆزلىرىنى تەۋپىق فىكرەتنىڭ “ئەي، 1000 ئەر بىلەن ئاجرىشىپ، يەنە تۇل قالغان قىز” دېگەن مىسراسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ، بۇنى ئەرك ئال رېدماۋىس خانىمغا تەرجىمە قىلىپ بېرەلمىدى.
رېدماۋىس خانىم يامغۇرغا چىلىنىپ، ئېتەكلىرى ۋە يەڭلىرىدىن سۇ ئېقىپ تۇرسىمۇ يەنىلا مەمنۇندەك كۆرۈنەتتى. چۈنكى رادىيودىن قېرىندىشىنىڭ دۇنيادىن 400 كىلومېتىر يىراقلىقتا يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. لېكىن بىزچۇ، ئەتىگەننىڭ ياقى تۆت كىلومېتىرمۇ يول باسالمىغانىدۇق. ئامېرىكىلىق بۇ ئايال يەنىلا رازى ئىدى. ئۇ ئىستانبولنىڭ ئۆزگىرىشچان ھاۋاسىدىن ھەيران قالغىنىنى دەۋاتقاندا يامغۇر توختاپ كۈن چىققانىدى. ھاۋا تۇرۇپلا شۇنداق قىزىدىكى، ھەممىمىزنىڭ ھۆل كىيىملىرىدىن تۇرۇم - تۇرۇم ھور كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
5




ھالقىلىق سۆزلەر : چەتئەل، ئەسەر، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار