ئەزىز نەسىن: ساياھەتنامە(9)
يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014
مەنبە: تارىم 2012-8-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
9 بىچارە ئابباس ئەپەندى رېدماۋىس خانىمغا شۇنداق قارىغۇلارچە ئاشىق بولغان ۋە بىھوش بولغان ئىدىكى، ئىمىن ئۆنۈ م
9
بىچارە ئابباس ئەپەندى رېدماۋىس خانىمغا شۇنداق قارىغۇلارچە ئاشىق بولغان ۋە بىھوش بولغان ئىدىكى، ئىمىن ئۆنۈ مەيدانىدىكى پىيادىلەر كۆۋرۈكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ، ئىككى قولىنى كاناي قىلىپ ئېغىزىغا قويۇپ، ئىستانبولنىڭ ئادەم ئەڭ كۆپ تەرىپىگە يۈزلىنىپ، يېرىم يىغلاپ، يېرىم قاقشىغىلى تۇردى.
- جانىم تەسەددۇق، رېدماۋىس خانىم، پۇت - قولۇڭمەن رېدماۋىس خانىم، قەيەرلەرگە كەتتىڭ، قەيەرلەردە يىتتۈڭ رېدماۋىس خانىم، - ئابباس ئەپەندى شۇنداق دەپ ئاۋازىنىڭ چىقىشىچە دەردلىك - دەردلىك يىغلاشقا باشلىدى، شۇ ئەسنادا مەيداندىن ئۆتۈۋاتقان مىڭلىغان ئادەملەر قىلىۋاتقان ئىشىنى، ھەيدەۋاتقان ماشىنىلىرىنى توختىتىپ قويدى. ھەممە ئادەم بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرۇپ ۋارقىراۋاتقان، ئىشق ئوتى بېشىغا تەپكەن بۇ تەلۋىگە قاراپ قېتىپ قالغان ئىدى.
بىز ئەقلىدىن ئازغان بۇرادىرىمىز ئابباس ئەپەندىنى ھوشىنى تاپمايدۇ، دەپ كۆۋرۈك ئۈستىدە قويۇپ قويدۇق، ئابباس ئەپەندى ئەلەملىك ئاھلاۋاتقاندا قالغان ئۈچىمىز ھەر تەرەپكە مېڭىپ، رېدماۋىس خانىمنى ئىزدەيدىغانغا، مەيلى ئۇ ئايالنى تاپايلى ياكى تاپالمايلى، دېيىشكەن ۋاقىتتا كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە ئۇچرىشىشقا كېلىشتۇق.
ئۇزاق ئۆتمەي ئەرك ئال رېدماۋىس خانىمنى يېڭى جامە ئالدىدىكى كەپتەرلەر ئۈچۈن قوناق، تېرىق ساتىدىغان سېتىقچىلار ئارىسىدا تالاش - تارتىشتا قالغان ھالدا كۆرۈپتۇ. بۇلارنىڭ بىرلىرى يەكچەشمە، بىرلىرى ئەما، بىرلىرى ئالغاي، بىرلىرى توكۇر، بىرلىرى ئاقساق، بىرلىرى چولاق، قىسقىسى، كۆپلىرى ئەيىبناق ئىكەن. ئەيىبناق بولمىغانلىرىنىڭ تۆشى ئوچۇق، چاچلىرى چىگىش، يالاڭ ئاياغ، ئۈستبېشى جۇل - جۇل قىز - ئوغۇللار، ئەر - ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان بۇ سېتىقچىلار قوللىرىدا يەم سالىدىغان قاچا - قۇچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، رېدماۋىس خانىمنى خېلى ئوبدانلا مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىپ، پېشىدىن، قولىدىن تارتىپ، يان يېنىدىن تۈرتۈپ، قوناق، تېرىق سېتىۋېلىپ جامەنىڭ كەپتەرلىرىگە چېچىپ بېرىپ ساۋاب ئېلىشقا زورلاۋاتقان، تارتىپ سىلكىشلەۋاتقان ئىكەن، تىل بىلمەيدىغان، يول بىلمەيدىغان بىچارە رېدماۋىس خانىم ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىرىنى نەدىن بىلسۇن دەيسىز؟ بىر قاچا ئەمەس، بىر تاغار بولسىمۇ قوناق، تېرىق سېتىۋېلىپ جېنىنى قۇتۇلدۇرالىسىمۇ، لېكىن بىچارە ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىشىنى بىلەلمەيلا ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتقان ئىكەن.
ئەرك ئال ئۈمىدىنى تەڭرىگە باغلاپ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئايالنىڭ قولىدىن تارتىپ چىقىپ، ئايالغا نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندۈرگىنىدە، ئايال ھەر بىر سېتىقچىدىن بىر - ئىككى، ئۈچ - بەش قاچا تېرىق ياكى قوناق ئېلىپ، كەپتەرلەرگە چېچىپ بېرىپ ھۇزۇرلىنىپتۇ، ئايال شۇنداق ھۇزۇرلانغىنىدىن، خۇشال بولغانلىقىدىن كەپتەرلەرنى، يەم ساتقۇچىلارنى سۈرەتكە تارتىپتۇ ۋە سىنغا ئاپتۇ.
كېلىشكەن ۋاقتىمىزدا دېگەن يېرىمىزگە كەلگىنىمىزدە، يېڭى جامەنىڭ مۇنارلىرىدىن مەزىننىڭ ئاغزى بىلەن ئەمەس، ياڭراتقۇدىن ئەزان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتقاندا ئابباس ئەپەندى يەنىلا:
- رېدماۋىس خانىم، - دەپ ۋارقىراۋاتاتتى.
ئەزاننىڭ “ھەييى ئالېس سالاھ” دېگەن چاغدىكى ئاۋازى بىلەن بىزنىڭ ئابباس ئەپەندىنىڭ ئوتلۇق قىلىپ “خانىم رېدماۋىس” دېگەن ئاۋازىنىڭ كىرىشىپ كېتىشى ئۇ يەردىكىلەرنىڭ بەك ئاچچىقىنى كەلتۈرگەچكە، ئۇلار خۇددى چەتنىڭ رادىيوسى ئارىلىشىۋالغاندەك ئەزاننىڭ ئاۋازىنى بۇزغان ئابباس ئەپەندىگە:
- ئاغزىڭنى يۇم ئەبلەخ! - دەپ يوپۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ، ئەرك ئال رېدماۋىس خانىمنى قولىدىن يېتىلەپ بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلدى. بارلىق ئاشىق قەلبلەرگە ئوخشاش رېدماۋىس خانىمنى كۆرۈشى بىلەن ئابباس ئەپەندىمنىڭمۇ خىجىللىقتىن يۈزى قىزاردى، يۈزلىرى ئالىيېشىل بولۇپ چىرايى بەكلا بۇزۇلۇپ كەتتى، تىلى تۇتۇلۇپ، بىر ۋاقىتقىچە ئۆزىگە كېلەلمەي گەپمۇ قىلالمىدى، بۇ چاغدا ئەرك ئال بىزگە كەپتەر يېمى ساتىدىغانلار بىلەن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى، كۆرگەنلىرىنى سۆزلىدى.
پىيادىلەر ماڭىدىغان كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە چاقماق تاش، ئوچاقنىڭ چاقمىقى، تۈگمە، ئىزناك، ئەينەك، ساقال تىغى، ئامېرىكا سىگارتى، قونچاق، رەسىم رامكىسى، كۈنلۈك، كىر سوپۇنى، گۆشنان، ئاقبالداق، ئويۇنچۇق، كۆڭلەك، يۇڭ كۆڭلەك، كۆزەينەك، سېغىز كەمپۈت، شاكىلات قاتارلىقلارغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ساتىدىغان سېتىقچىلار بار ئىدى، بۇ يەردە سېتىقچىلار خېرىدارلاردىن كۆپتەك قىلاتتى. لېكىن بۇ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە سېتىقچىلاردىن تىلەمچىلەر كۆپ ئىدى، رېدماۋىس خانىممۇ كۆزلىرىنى ئېچىپ تىلەمچىلەرگە ھەيرانلىق ئىلكىدە باقاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ يەردىن تىلەمچىلەرگە قارىماي ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. رېدماۋىس خانىم ئەرك ئالغا:
- بۇلار قانداق تىلەمچىلەر، مەن دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىگە باردىم، ھەرقايسى جايلاردا ھەر خىل تىلەمچىلەرنى كۆردۈم، لېكىن دۆلىتىڭلاردىكىدەك تىلەمچىلەرنى ھېچقانداق يەردە كۆرۈپ باقمىدىم، سىلەردە تىلەمچىلەرنىڭ تۈرى نېمانداق كۆپ، - دەپ سوراپتۇ.
مەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ:
- سەن ئايالغا بۇلارنى تىلەمچى دېمەي، بۇ يەرنى تىلەمچىلەر مۇزېيى دېسەڭ قانداق بولار؟ - دېدىم.
سېلىم خوجا:
- بۇ ئامېرىكا بايلىرى يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرىدۇر، بىز ئەڭ ياخشىسى بۇلارنى بۇ تىلەمچىلەر توپى دەيلى، - دېدى.
رېدماۋىس خانىمنىڭ ئالدىدا تۇرغان تىلەمچىنىڭ بىر پۇتى يوق ئىدى، ساق پۇتى بولسا شۇ قەدەر ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن ئىدىكى، تىلەمچى بۇ پۇتىنى خۇددى بىر مۇزىكا ئەسۋابىغا ئوخشاش قۇچىقىغا ئېلىپ باغرىغا بېسىۋالغان، ئايىغى بولسا مۈرىسىنىڭ ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى. بۇ خۇددى ئادەمگە پۇتىنى ساز قىلىپ چالىدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى، چۈنكى ئۇ قول بارماقلىرى بىلەن مۈرىسىگە ئېلىۋالغان پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى توختىماي بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈپ ساز چالغاندەك ھەرىكەت قىلىپ تۇراتتى، پۇت بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاۋاز چىقىپ تۇراتتى.
بېلىنىڭ ئاستى يوق بىر ئايال تىلەمچىمۇ ياغاچ بېكىتىۋالغان ئىككى قولىغا تايىنىپ كېتىپ باراتتى. تېخى بىر بالىسىنى ئەمچەكتىن ئايرىمىغان ئالتە بالىسى بار بىر تىلەمچىمۇ بار ئىدى، يەنە بۇلارغا ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان خىلمۇخىل تىلەمچىلەر بار ئىدى.
بۇ ئامېرىكىلىق ئايال بىزنىڭ توقۇغانلىرىمىزغا ئىشىنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئەرك ئالغا:
- قېنى ئوغلۇم، سەن بۇ چەت ئەللىكلەرنى قايىل قىلىدىغان ساياھەت ئۇستىسى بولۇپ قالدىڭ، لېكىن يۈزىمىزنى قارا قىلما، شۇنداق بىر يالغان توقۇغىن، بۇ ئامېرىكىلىق ئايالنىڭ ئالدىدا ئىككى سىنىتقا ئالغۇسىز بولۇپ كەتمەيلى، - دېدىم.
- تاپتىم، - دېدى ئەرك ئال ۋە ئايالغا بىر نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
ئەرك ئال ئايالغا بۇلارنىڭ تۈرك يوقسۇللىرى ئىكەنلىكىنى، تۈرك يوقسۇللىرىنىڭ ھىندى يوقسۇللىرىدىن غالىب كەلگەنلىكلىرىنى، بۇ يەردە بۇ يوقسۇزلۇق ۋە كەمبەغەللىك نامايىشى قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، دەپتۇ.
رېدماۋىس خانىم غەلىبە قىلغان بۇ تۈرك كەمبەغەللىرىنىڭ سۈرىتىنى تارتتى ۋە ئۇلارنى سىنغا ئېلىۋالدى.
بىز ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ پەلەمپەيلىرىدىن چۈشتۇق. بىردىنلا رېدماۋىس خانىمنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى.
- بۇ نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدى ئايال ئەرك ئالدىن.
سورىغىنى پارقىراپ تۇرىدىغان ناھايىتى چوڭ بىر سېرىق رەڭلىك چېلەكتە ئىچىملىك ساتىدىغان ئادەم ئىدى. بۇ ئادەم بېشىدىن ئايىغىغىچە ئاپپاق كىيىم كىيىۋالغانىدى. بېشىدىكى باشلىقى، پۇتىدىكى پايپىقى، ئايىغى، ئالدىدىكى پەشتامىسى چاڭ - توزانسىز، داغسىز ئاق ئىدى. بېلىگە باغلىۋالغان ياسىداق ئالاھىدە كەمىرىنىڭ ئىچىگە ئىستاكانلار تىزىلغانىدى، ئوڭ تەرىپىدە ئىستاكانلارنى يۇيىدىغان بىر سۇ چېلىكى ساڭگىلاپ تۇراتتى. چاچلىرى رەتلىك تارالغان، يۈزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان بۇ ئادەم خۇددى بىر گۈل دۇكىنىنىڭ ئەينەك ئىشكابى ئايلىنىپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. بىر قولىدا ئۈچ ئىستاكان تۇتۇۋالغانىدى، بۇ ئۈچ ئىستاكاننى بىر ئالاھىدە چالغۇغا ئوخشاش بىر بىرىگە سوقۇشتۇراتتى، ئىنچىكە، بوم ئاۋازلارنى بىر - بىرىگە بەكمۇ ماس كەلتۈرۈپ جىرىڭلىتاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جىرىڭ - جىرىڭلارغا ماس كەلتۈرۈپ سېتىۋاتقان نەرسىسىنى ماختايتتى.
- لېمون، ئايران، گىلاس، ئانار، خىلمۇ خىل تەملەر... مۇز بۇ مۇز.
ئادەمنىڭ ئۈستىدە بويىدىن ئۇزۇن، ياسىداق چوڭ بىر پارقىراپ تۇرىدىغان چېلىكىنىڭ ئالدىدا بەش جۈمەك بار ئىدى. بىرسىدىن گىلاس، يەنە بىرسىدىن ئانار سۈيى ئېقىپ تۇراتتى. ھاۋا بەك ئىسسىق بولغانلىقتىن ئىچىدىغان، ئىچمەيدىغانلار ئۇنىڭ يېنىغا توپلىشىۋالغانىدى. ئۇ توختىماستىن سېتىۋاتقان نەرسىنى ماختىغاچ جۈمەكلىرىدىن سېرىق، ئاق، قىزىل، شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك، گۆش رەڭ سۇيۇقلۇقلارنى ئىستاكانلارغا توشقۇزاتتى. ئۇ بۇ ھالىتى بىلەن بىر قەدىمىي سېھىرگەرگە ئوخشايتتى. بۇ سېھىرگەر بولسا خۇددى ئىنەكنى ساغقاندەك سۇيۇقلۇقلارنى ئۈزمەي، رەڭلىرى بويىچە ئايرىپ ئىستاكانلارغا توشقۇزاتتى.
رېدماۋىس خانىم بۇ رەڭلىك، مۇزىكىلىق، قوشاقچى، خۇشچىراي ساتقۇچىنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن توۋلايتتى، ساتقۇچىنىڭ ئىستاكانلىرىدىن چىققان ئاۋازلارغا ماسلاشتۇرۇپ تولغىناتتى. ئۇ ئايال شۇنداق خۇشال بولغان ئىدىكى، كەينى - كەينىدىن لىمون، گىلاس سۈيى، ئايران، ئانار سۈيى ... ئىچتى.
ئابباس ئەپەندى بولسا يولۇچى يولىغا مېڭىشى كېرەك دەپ، رېدماۋىسنى تارتىپ ماڭدى. مېنىڭچە ئابباس ئەپەندى ئايالنى ساتقۇچىدىن قىزغانغانىدى.
بىر ماشىنىنىڭ ئىچىدە كانايدا بىر جەمئىيەتنىڭ مەخسۇس لاتارىيە تەشۋىقاتى بېرىلىۋاتاتتى. بىر ماشىنىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىلىۋاتاتتى. يەنە باشقا بىر ماشىنىدا كۆڭلەك سېتىلىۋاتاتتى. ئۇلارمۇ كاناي بىلەن مېلىنى ماختاۋاتاتتى. ئازراق نېرىدا بولسا موتورلۇق گۆش نانچى، ئۇنىڭ يېنىدا موتورلۇق قىيمىلىق تاماقچى بولۇپ، ھەممىسى مىكروفون بىلەن ئۆزلىرىنىڭ نەرسىلىرىنى ماختىشىۋاتاتتى. ئىستانبولنىڭ موتورلۇق قاتناش بىلەن مېڭىپ يۈرىدىغان تىجارەتچىلەر ماشىنا، مىكروفون ۋە كانايلارغا ئوخشاش زاماننىڭ ئەڭ تېخنىكىۋى ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىناتتى.
پورتقا يانداش قېيىقلاردىن كاۋاپ قىلىنغان بېلىقلارنىڭ ئىپاردەك خۇش پۇراقلىرى كېلىشكە باشلىدى. دادىدىن بالىغا مىراس قالغان تاۋارلار، قازانلار ئىچىدىكى تارىخىي مايلاردا قورۇلغانلىقى ئۈچۈن بۇ بېلىقلارنىڭ تەمىمۇ تېخىمۇ تارىخىي بولاتتى.
ئابباس ئەپەندى رېدماۋىس خانىمنىڭ چارچاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، كۆۋرۈككە بېرىپ پاراخوت بىلەن كادىكۇيغا بارماقچى بولساق، بۇ يەردىكى موتورلۇق قېيىقلارغا ئولتۇرۇشىمىزنى ئېيتتى. قېيىقچى بىزنى قېيىقنىڭ ئىچىدە ئاياغ پاتقۇچىلىك يەرنىڭمۇ يوقلۇقىدىن قېيىقنىڭ ئۇچىدىكى بىر يەرگە تىقىشتۇردى. تىقما - تىقما تولۇپ كەتكەن قېيىقنىڭ ئىچىدە ئاياغ پاتۇرغىچىلىك يەر بولمىغاننىڭ ئۈستىگە يەنە قېيىقچىنىڭ خېرىدار چاقىرىشى يەنە يېرىم سائەت داۋام قىلدى.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------