موماينىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرى كۆپۈككە ئايلاندى، ئېلوندىرا مومىسىنىڭ قېشىغا قېچىپ چىقمىدى. لېكىن موماي موناستېرغا يېقىنلىشىشنى ھېلىھەم توختىتىپ قويمىغانىدى، تاكى بېنكېستىس يەكشەنبە كۈنىگىچە ھېچ تەدبىر قوللانمىدى. مۇشۇ كۈنلەردە، ئەر مىىسىيونېرلار جىمى قاقاسلىقنى ئالا قويماي ئاختۇردى، توي قىلماي تۇرۇپ بويىدا قالغان ئاياللارنى تېپىپ، ئۇلارنى ئۆيلۈك- ئوچاقلىق قىلىش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش يۈرۈشتى. ئۇلار كونىراپ كەتكەن بىر قارا ماشىنا بىلەن تولۇق قوراللانغان تۆت خادىم ۋە بىر يوغان مال ساندۇقىنى ئېلىپ تەرەپ- تەرەپكە قاترىدى. ئىندىئانلارنى بويسۇندۇرۇشتا ئەڭ تەسكە توختايدىغىنى ئاياللىرىنى قايىل قىلىش ئىدى. ئۇلار ھەدېسىلا پولاتتەك پاكىتلارنى كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايىتتى؛ ئەر كىشىلەرنىڭ«سەن دېگەن مېنىڭ قانۇنلۇق خوتونۇم، سېنى قانداق قىلغۇم كەلسە شۇنداق قىلىمەن» دەپ، ئاسما كارىۋاتتا پۇتىنى ئالماپ يېتىۋېلىپ، ئۆزلىرىگە ئاشنىسىدىنمۇ بەك زۇلۇم سالىدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلاتتى. ئاشنا بولۇشنى خالىغان ئاشۇ ئاياللار شۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ بۇرنىدىن چىقاتتى، مۇشۇنداق قىلىشنىڭ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا يىپىدىن- يىڭنىسىغىچە چۈشەندۈرەتتى، نەتىجىدە ئاياللارمۇ ئاستا- ئاستا قايىل بولاتتى. ئاشۇ ئەرلەرنىڭ ئەكسىچە، ئاياللىرى قوشۇلسىلا مىسسىيونېرلار مىلتىقلىرىنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇلارنى ئاسما كارىۋاتلىرىدىن سۆرەپ چۈشكەن پېتى ماشىنىغا باساتتى- دە، ئاشنىلىرى بىلەن مەجبۇرىي تويىنى قىلىپ قوياتتى. شۇ تەرىقىدە نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، موماي ھامىلدار بوپقالغان ئىندىئان قىزلىرى بىلەن لىق تولغان ماشىنىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي موناستېرغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئولتۇردى، لېكىن موناستېر ئىچىگە كىرىشكە پۇرسەت تاپالمىدى. بۇ پۇرسەت ئۇنىڭغا يەكشەنبە كۈنى ئاران نېسىپ بولدى. ساليوتلار ئېتىلىپ، قوڭغۇراقلىق سائەت داڭ ئۇرۇشى بىلەن تەڭ، نامرات كىشىلەر زوق- شوخ بىلەن بايراملىق مىسا ئوقۇغىلى مېڭىشتى، توپ ئارىسىدىكى ئىككىقات قىزلار گۈلچەمبىرەكلەرنى تاقاپ، ئىلگىرى يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان ئەرلىرىنى قولتۇقلىشىپ، قانۇنلۇق ئوپچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگىلى كېتىشىپ باراتتى. سەپنىڭ ئەڭ كەينىدە مۇھەببەت سېزىملىرى ئويغىنىشقا تېخى ئۈلگۈرمىگەن، كىيىملىرى جۇلجۇل بىر يىگىت كېتىپ باراتتى، ئىندىئانلارچە چاچ قويۇۋالغان بۇ يىگىتنىڭ بېشى كىشىگە بەئەينى بىر كاۋىنى ئەسلىتەتتى، قولىدا يىپەك چۇچىلىق يوغان شام بار ئىدى. موماي يىگىتنى توختىتىتپ مۇلايىملىق بىلەن سورىدى: - سەندىن بىر ئىشنى بىلىۋالاي دېگەنتىم بالام، بۇ پائالىيەتتە سەن نېمە ئىشقا مەسئۇل؟ يىگىت بۇ سوئالدىن چۆچۈپ كەتتى، ھەيرانلىقتىن كالاچتەك ئېچىلغان يوغان ئاغزى خېلىغىچە يېپىلمىدى. ئۇ مەڭدىگىنىچە بىردەم تۇرۇپ كېتىپ جاۋاب بەردى: - پوپ ئاتام ماڭا ئاۋۋال مۇقەددەس غىزاغا ئېغىز تەگكۈزىدۇ. - ئۇلار ساڭا قانچە پۇل بېرىدۇ؟ - بەش پېسو. موماي شۇ ئان يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقاردى. يىگىت ھەيرانلىقىدىن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى. - مەن ساڭا 20 پېسو بېرەي، مۇقەددەس غىزانى يېگىلى بارما، شۇنىڭ بەدىلىگە تويۇڭنى قىلىپ قويايلى. - توينى كىم بىلەن قىلىمەن؟ - نەۋرەم بىلەن قىلىسەن. شۇنداق قىلىپ، ئېلوندىرا ئۇچىسىغا مەھبۇسلارنىڭ كىيىمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ماتا كىيىم كىيىپ، بېشىغا ئىندىئان ئاياللىرى بەرگەن ئۈچبۇرجەك ياغلىقنى ئارتىپ، ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان، مومىسى پۇل بېرىپ سېتىۋالغان ئېرى بىلەن موناستېردا توي قىلدى. قىز قەلبىنى ئىگىلىگەن غۇۋا بىر ئىنتىزارلىق ئىلىكىدە يەرگە تىزلاندى، ھاك تېشىنىڭ ئېچىشتۇرۇشلىرىغا، 200 ھامىلدار قىزنىڭ تېنىدىن كېلىۋاتقان سېسىق ھاراق پۇرىقىغا، ئوتتەك قىزىق ئاپتاپتا ئولتۇرۇپ ئېپىستۇرا، سان پابلونىڭ لاتىنچە مۇناجاتلىرىنى ئوقۇش جازالىرىغا چىدىدى. چۈنكى مىسسىيونېرلار بۇ كۈتۈلمىگەن تويغا قارشى تۇرۇشقا باشقا چارە تاپالماي قالغانىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېلوندىرانى موناستېردا ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن قىلمىغانلىرى قالمىدى. توي تۈگىگەندە، كىشىلەر مىلتىق بىلەن بۇلۇتلارنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغان ھېلىقى ھەربىي بازار باشلىقى پۇل بېرىپ سېتىۋېلىنغان يىگىت ۋە شەپقەتسىز مومىسىنىڭ ئالدىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان قىزدىن ئۆزىنىڭ قانداق قارارى بارلىقىنى سوراشتى. قىز ئارتۇقچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا جاۋاب بەردى: - مېنىڭ كەتكۈم بار،- قىز مومىسىنى ئىما قىلىپ دېدى،- ئۇنىڭ بىلەن ئەمەس، مومام بىلەن كېتىمەن. شۇنداق قىلىپ، ئېلوندىرا مومىسىنىڭ ئىپلاس چاڭگىلىغا يەنە چۈشتى، بۇ ئىپلاس چاڭگال ئۇنى تۇغۇلغىنىدىن تارتىپ ئۆز ئىسكەنجىسىدە تۇتۇپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلىسېسنىڭ باغدىن بىر تال ئاپېلىسىن ئوغرىلاپ قويۇشى سەۋەبلىك، چۈشتىن كېيىنكى ئىش سۇغا چىلاشتى. دادىسى قۇرت چۈشكەن ئاپېلىسىن شاخلىرىنى قىرقىغاچ ، دەرەخ ئۈستىدىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇۋالدى، ئاپىسىمۇ ئۆيدە تۇرۇپ ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىگە كۆز- قۇلاق بولۇپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى، ھېچبولمىغاندىمۇ بۈگۈن بولمايىتتى. ئۇ تولىمۇ روھسىز بىر قىياپەتتە دادىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاپېلىسىنلارنى قىرقىشىغا ھە- ھۇ دېيىشتى. باغ تىمتاسلىققا چۆمگەن، ياغاچ ئۆينىڭ دەرىزىلىرىنىڭ ئەينەكلىرىدە يالت- يۇلت نۇر چاقنايىتتى. گۈللۈكتە گۈل- گىياھلار بولۇق ئۆسكەن، ئۇلىسېسنىڭ ئاپىسى ئاشۇ گۈللۈكتىكى ئىلەڭگۈچتە ئولتۇراتتى. چىڭقىلىپ ئارام بەرمەيۋاتقان بېشىنىڭ ئاغرىقىغا ئارام بولارمىكىن دەپ چېكىسىگە ئىككى تال ھۆل يوپۇرماق چاپلىۋالغانىدى. ئاپىسىنىڭ ساپ ئىندىئانلارغا خاس ئۆتكۈر كۆزلىرى ئوغلىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىدىن نېرى بولمايىتتى. ئۇ ئاجايىپ چىرايلىق ئايال ئىدى، يېشى ئېرىنىڭكىدىن خېلىلا كىچىك ئىدى. ئۇ ئۆز قەبىلىسىنىڭ كىيىملىرىنى ئۇچىسىدىن زىنھار چۈشۈرمىدى، ئۆز قەبىلىسىنىڭ بەزى كونا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىدى . ئۇلىسېس شاخ چاتاش سايمانلىرىنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىۋاتقاندا، ئاپىسى ئۇنىڭغا دورىسىنى ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ئۇ دورىنى ياندىكى چاققانغىنە كەلگەن ئۈستەلگە قويۇپ، ئاپىسىغا سۇ قۇيۇپ بېرىش ئۈچۈن ماڭدى، ئۇ قولىنى شۇنداقلا ئۇزىتىشىغا ئىستاكان بىلەن سۇ بوتولكىسىنىڭ رەڭگى بىردىن ئۆزگىرىپ كەتتى. ھەيران بولغان ئۇلىسېس ئىستاكاننىڭ يېنىدىكى يەنە بىر يوغان ئەينەك بوتولكىنى ئەتەي تۇتۇپ كۆرۈۋېدى، ئۇ بوتولكىمۇ كۆك رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى. دورىسىنى ئىچىپ ئولتۇرغان ئاپىسى بۇ ھالنى كۆرۈپ قالدى، بۇنىڭ ئۆزىدىكى خاتا سېزىم ئەمەسلىكىگە ئىشىنىپ، گۇجرا تىلىدا سورىدى: |