- ئېلوندىرا! قىز قاتتىق چۆچۈپ ئېسىگە كەلدى، قولىدىكى شورپا ئۇسسۇلغان كورا گىلەمگە چۈشۈپ كەتتى. - كېرەك يوق، بالام،- دېدى موماي مۇلايىملىق بىلەن،- بايا كېتىۋېتىپ ئۇخلاپ قاپسەن. - كۆنۈپ قاپتىمەن،- دېدى ئېلوندىرا ئىپادىسىز يوسۇندا. تېخىچىلا ئۇيقۇسىراپ تۇرغان قىز كورىنى قولىغا ئېلىپ گىلەمدىكى شورپىنىڭ دېغىنى سۈرتمەكچى بولۇپ تۇرۇشىغا، موماي: - مۇنداق بولسۇن، ئۇنى چۈشتىن كېيىن يۇيۇۋەتكىن،- دېدى. شۇنداق قىلىپ، چۈشتىن كېيىنلىكى كۈندىلىك مەشغۇلاتلاردىن باشقا، ئېلوندىرانىڭ گىلەمنى يۇيۇشىغا توغرا كەلدى. قىز كۆلچەككە بارغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۈشەنبە كۈنى كىيىدىغان كىيىملىرىنىمۇ يۇيۇۋالدى. ھۇشقىيتىپ چىقىۋاتقان بوران ئۆيگىمۇ شىپقاپ كىرىدىغاندەك قىلاتتى. قولىدا چېچىدىن تولا ئىش بولغاچقا، قىز قاراڭغۇ چۈشكىنىنىمۇ سەزمەي قالدى. ئۇ تاماقخانىدىكى گىلەمنى يىغقاندا، ئاللىبۇرۇن ئۇخلايدىغان ۋاقىت بولغانىدى. موماي كەچ كىرگىچە پىئانىنونى تىرىڭشىتىپ ئولتۇردى، تېخى ئۆز- ئۆزىدىن مەستخۇش بولۇپ ياش ۋاقتىدا تولا ئېيتىلىدىغان ناخشىلارغا غىڭشىپمۇ قويدى، كۆزىگە ياشمۇ ئالدى. يۇمشاق پاختا رەخىتتىن تىكىلگەن ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ كارىۋىتىغا چىقىۋېتىپمۇ ئاش ئازابلىق ھەم شېرىن ئەسلىمىلىرى ئارىسىدىن چىقالمايۋاتقاندەك بىر يوسۇندا تۇرۇپ قالدى. - ئەتە زالدىكى گىلەمنى يۇيۇۋەتكىن،- دېدى موماي ئېلوندىراغا،- ئۇ گىلەمنىڭ كۈن كۆرمىگىنىگە ئۇزۇن بولدى. - بولىدۇ موما،- دېدى قىز جاۋابەن. ئېلوندىرا پەي يەلپۈگۈچنى قولىغا ئېلىپ ئۆزىگە توختىماي بۇيرۇق سوقۇۋاتقان شەپقەتسىز مومىسىنى يەلپۈشكە باشلىدى، ھايال ئۆتمەي ئۆزىمۇ ئۇخلاپ قالدى. - ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىيىملەرگە دەزمال سېلىۋەتكىن. شۇنداق قىلساڭ خاتىرجەم ئۇخلايسەن. - بولىدۇ موما . - كىيىم ئىشكابىنى تەكشۈرۈشنى ئۇنتۇما. بورانلىق كەچلەردە كۈيە دېگەندەك بىر نېمىلەر تازا ئېچىرقاپ كېتىدۇ. - بولىدۇ موما. - ۋاقىت چىقىرىپ گۈللەرنى ھويلىغا ئاچىقىۋەتكىن، ئۇلارمۇ يېڭى ھاۋادىن نەپەسلەنسۇن. - بولىدۇ موما. - تۆگىقۇشقا ئازراق يەيدىغان نەرسە تاشلاپ بەر. موماي ئۇيقۇغا كېتىۋېتىپمۇ بۇيرۇق سوقۇشنى ئۇنتۇمىدى. ئېلوندىرا مومىسىنىڭ بۇيرۇقۋازلىقى نەتىجىسىدە توختىماي ئىشلەپ چۈش كۆرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئېلوندىرا تۇيدۇرماي سىرىتقا چىقىپ بۈگۈنكى ئەڭ ئاخىرقى بىرنەچچە ئىشنى قىلىپ تۈگەتتى. قىز ئەزەلدىن مومىسىنىڭ جۆيلۈپ تۇرۇپ تاپىلىغان ئىشلىرىنى بەجانىدىل ئورۇنلاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنىدى. - ئازراق ئىچىدىغان نەرسە ئېلىپ بوۋاڭ بىلەن داداڭنىڭ توپىسىغا بېرىپ تىلاۋەت قىل. - بولىدۇ موما. - ئۇخلاشتىن بۇرۇن بارلىق نەرسىلەرنى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇپ قويغىن. بولمىسا ئۇ نەرسىلەرنىڭمۇ ئىچى پۇشۇپ قالىدۇ. - بولىدۇ موما. - بوۋاڭ بىلەن داداڭ كېلىپ قالسا كىرگۈزمە. ئۇلارغا دەپ قوي، بوفېللو گراننىڭ ئالىقاپلىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرىمىز دەپ پايلاپ يۈرىدۇ. ئېلوندىرا ئەمدى مومىسىنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلمىدى. چۈنكى ئۇ مومىسىنىڭ جۆيلۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلەتتى ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىرنى قويماي ئورۇنداشقا مەجبۇر ئىدى. قىز دېرىزىلەرنىڭ ھىم يېپىلغان- يېپىلمىغانلىقىنى تەكشۈردى، ئاخىرقى بىرنەچچە تال شامنى ئۆچۈردى، ئاندىن چىۋىقسىمان شامنىڭ يورۇقىدا ھوجرا ئۆيگە قاراپ ماڭدى. بۇ چاغدا مومىسى ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز ھالدا خورەككە چۈشۈپ كەتكەن، سىرىتتا بوران بارغانسېرى كۈچىيىۋاتاتتى. ئېلوندىرانىڭ ھوجرىسى مومىسىنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، ئوبدانلا چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى. لاتا قورچاقلار ۋە ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئوينىغان كىچىك جانۋارلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇنچۇقلىرى ئۆي ئىچىنى بىر ئالغانىدى. بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقتا ماجالىدىن كەتكەن قىز كىيىمىنى سېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي شامنى كارىۋاتنىڭ بېشىغا قويدى ۋە تەتۈرىسىگە يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. ھايال ئۆتمەي ئېلوندىرانى بەخىتسىزلىككە دۇچار قىلغان تەلۋە بوران ئۇ ياتقان ھوجرا ئۆيگە شىپقاپ كىرىپ شامداننى ئۆرۈۋەتتى، دېرىزە پەردىسىگە ئوت كەتتى. بوران تاڭ يورۇشى بىلەن تەڭ توختاپ يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى، سىم- سىم يامغۇر ئەڭ ئاخىرقى ئوت ئۇچقۇنىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۆيدىكى كۈلنى يەنە ھۆل قىلىۋەتتى. ئاساسلىقى ھىندىئانلاردىن تەشكىل تاپقان بازارلىقلار يالقۇنجاپ تۇرغان ئوت ئىچىدىن تۆگىقۇشنىڭ كۆيگەن جەسىتى، ئالتۇن يالىتىلغان پىئانىنو جاھازىسى، پۇتى سۇنغان ھەيكەل دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىشقا تىرىشاتتى. موماي ئوت ئاپىتىدە ئامان قالغان روزىغارلىرىغا تېڭىرقاش نەزەرى بىلەن قاراپ قالدى. بوۋىسى بىلەن دادىسىنىڭ توپىسى ئارىلىقىدا ئولتۇرغان ئېلوندىرانىڭ ئەمدى يىغلىغۇدەك ماجالى قالمىدى. شېخىل تاشلارنىڭ ئارىسىدا ساقلاپ قالغۇدەك بىر نەرسىلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرگەن موماي ئىچى سىيرىلغان ھالدا نەۋرىسىگە قاراپ قويدى. - بىچارە بالام،- دېدى موماي ئاچچىق ئۇھسىنىپ،- جېنىڭنى سېلىپ بەرسەڭمۇ بۇ زىيانلىرىمنى تۆلەپ بولالمايسەن جۇمۇ! شۇ كۈنى– چىلەكلەپ يامغۇر يېغىۋاتقاندا، ئېلوندىرانىڭ مومىسى تارتقان زىيانلىرىنى تۆلىتىش مەقسىتىدە ئۇنى بازاردىكى بىر سودىگەرنىڭ دۇكىنىغا ئېلىپ باردى. سودىگەر بۇ نامرات كەنت بويىچە نارەسىدە قىزلارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش بىلەن نامى چىققان، خوتۇنى بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەن، پاسكىنا، ئاچكۆز كىشى ئىدى. ئۇ غۇرۇر- ۋىجدانىنى يوقاتقان مومايغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېلوندىرانىڭ بەدىنىنى مىجىقلاپ چىقتى. قىزنىڭ ئىككى پاقالچىقىدا قانچىلىك كۈچ بارلىقى، كۆكسىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ۋە يوتىسىنىڭ دېئامېتىرىنى ھېسابلاپ كۆردى، ئەمما باھا توغرۇلۇق بىر نەرسە دېيىشتىن ئىلگىرى بىر ئېغىز تىنمىدى. - ئۇ بەك كىچىككەن، ئەمچىكىنىڭ توپچىسىلا قانجىقنىڭكىدەك يوغان ئىكەن،- دېدى سودىگەر. دېگەنلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن سودىگەر ئېلوندىرانى تارازىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ توختاتتى. قىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 42 كلوگرام كەلدى. - 100 پېسوغىلا يارايدىكەن، – دېدى سودىگەر. موماي ۋارقىرىۋەتتى. - بۇلماقتەك بىر قىزغا 100 پېسو باھا قويۇۋاتقىنىڭىزنى قارىڭە!- دېدى موماي توۋلاپ دېگۈدەك،- بولمايدۇ، بۇ– يۈزى ئېچىلمىغان قىزنىڭ ئىپپىتىگە ئوچۇقتىن- ئوچۇق كۆز يۇمغىنىڭىز ئەمەسمۇ؟ - ئەمىسە 150 پېسو بولسا قانداق؟- دېدى سودىگەر يەنە. - مۇشۇ قىزنىڭ كاساپىتىدىن بىر مىلىيون پېسودىن ئارتۇقراق پۇلغا يارايدىغان ماللىرىم كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتتى،- دېدى موماي،- بۇ باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇ مېنىڭ زىيانلىرىمنى 200 يىلدا ئاران تۆلەپ بولغۇدەك. |