- يا بولمىسا، ئەتە تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ماڭغىن. بۈگۈن كېچىدە ئەزرائىل قۇترايدۇ،- دېدى موماي فوتوگرافقا. مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئاۋازىنى فوتوگرافمۇ ئاڭلىدى، ئەمما ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى. - ئوبدان بالام ، مەن ساڭا ئامراق،- دېدى يەنە موماي. - ئەمىسە مۇزىكا ھەققىنى تاپشۇرمىساممۇ بولار،- دېدى فوتوگراف. - ياق، ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ. - قارىڭە مانا، سىز ھېچكىمنى ياخشى كۆرمەيسىز. - ۋاي يوقىلە كۆزۈمدىن، ھاراملىق! موماي كۆڭلى ئازار يېگەندەك تۇيغۇدا بولدى، ئېلوندىرا يۆلەشتۈرۈپ كارىۋىتىغا ياتقۇزۇپ بولغۇچە فوتوگرافنى:«ھۇ ئىتنىڭ بالىسى، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغان دەلتە»دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ خېلىغىچە تىللىدى. ئېلوندىرانىڭ مومىسىنىڭ گەپلىرىگە پەرۋا قىلغۇدەك رەۋىتى يوق ئىدى، بوران جىمىققاننىڭياقى ئۇلىسېس مۈشۈكياپىلاقنى دوراپ ئۇنىڭغا نەچچە رەت بەلگە بەردى، لېكىن ئۇ يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمەي دېلغۇل بولۇپ تۇراتتى. موماي كارىۋىتىدا ياتقاندىن كېيىن ئادىتى بويىچە ئېلوندىراغا ئۆزىنى يەلپۈتتى. موماي تۈگىمەس تاپشۇرۇقلىرىنى جېكىلەشكە باشلىدى: - ئەتە بالدۇرراق تۇرغىن، خېرىدارلار كېلىپ بولغۇچە ماڭا يۇيۇنغىلى سۇ ئىسسىتىپ قويغىن. - بولىدۇ موما. - ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئىندىئانلارنىڭ مەينەت كىيىملىرىنى يۇيۇۋەتكىن، مۇشۇنداق قىلساڭ، كېلەر ھەپتە ئۇلاردىن جىراق پۇل تۇتۇپ قالالايمىز. - بولىدۇ موما. - ئوبدان ئۇخلىۋالغىن، ئۆزۈڭنى چارچىتىپ قويما. چۈنكى ئەتە كۈنگە پەيشەنبە، مۇشۇ ھەپتىدىكى ئەڭ ئۇزۇن كۈن. - بولىدۇ موما. - تۆگىقۇشقا ئازراق يەم سېلىپ بەرگىن. - بولىدۇ موما. قىز يەلپۈگۈچنى كارىۋات بېشىغا قويۇپ، جەسەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا شامدىن ئىككىنى ياندۇرۇپ قويدى. مومىسى ئاللىقاچان ئۇيقۇغا كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇيرۇق سوقۇشتىن ھېچ توختاي دېمەيىتتى. - بوۋاڭ بىلەن داداڭ ئۈچۈن شام يېقىپ قويۇشنى ئۇنتۇما. - بولىدۇ موما. ئېلوندىرا مومىسىنىڭ ئەمدى ئويغانمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، چۈنكى مومىسى جۆيلۈشكە باشلىغانىدى. تالادا تەلۋە بوران قۇترىماقتا ئىدى، لېكىن ئېلوندىرا بۇ ئاپەتلىك بوراننىڭ بۇ قېتىممۇ ئۆزىگە بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمىدى. ئۇنىڭ ئەركىنلىككە بولغان كۈچلۈك ئىستىكى مومىسىنىڭ قاغىشلىرىدىن غالىپ كەلدى. يىراقتىن مۈشۈكياپىلاقنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى. قىز چېدىردىن چىقىپ بەش قەدەم ماڭار- ماڭمايلا فوتوگراف بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى، فوتوگراف ۋېلسىپىتىگە ھەدەپ لاقا- لۇقىلىرىنى تېڭىۋاتاتتى، ئۇنىڭ توغرا قىلدىڭ دېگەندەك كۈلۈمسىرەشلىرى قىزنىڭ كۆڭلىنى خېلى ئارام تاپقۇزدى. - مېنىڭ ھېچنېمىدىن خەۋىرىم يوق،- دېدى فوتوگراف،- ھېچنېمىنىمۇ كۆرمىدىم، مۇزىكا ھەققىنىمۇ ھەم تۆلىمەيمەن. ئېلوندىرا بەخت تىلىگەندەك بىر تەرزدە قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ فوتوگراف بىلەن خوشلاشتى. ئاندىن كەڭ دالىنى نىشانلاپ ماڭدى، ئۇ مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئاۋازى چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭسا خاتالاشمايدىغانلىقىغا جەزىم قىلدى- دە، يۈگۈرگىنىچە قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىڭىپ كەتتى. مومىسى بۇ ئىشنى يەرلىك دائىرىلەرگە مەلۇم قىلدى. موماي پالاتا ئەزاسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن خېتىنى ھېلىقى ھەربىي بازار باشلىقىنىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭلىتىۋېدى، بازار باشلىقى ئاسما كارىۋىتىدىن دىرىڭڭىدە سەكرەپ چۈشتى. ئۇلىسېسنىڭ دادىسىمۇ ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى. - ئاناڭنى، مەن يا خەت تونۇمىسام،- ۋارقىرىدى بازار باشلىقى. - بۇ پالاتا ئەزاسى ئو . سانچىسنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتى،- دېدى موماي. بازار باشلىقى ئارتۇقچە گەپ قىلمايلا ئاسما كارىۋاتنىڭ يېنىغا تىكلەپ قويغان مىلتىقىنى ئالدى- دە، قول ئاستىدىكىلەرگە يىغىلىشقا بۇيرۇق بەردى. ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، ھەممە كىشى بىر كىچىك مىنىبوسقا چىقىپ، چىگرا تەرەپنى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتى. بوران قاچقۇنلارنىڭ قەدەم ئىزلىرىنى پاكپاكىز ئۆچۈرۈۋەتكەنىدى. بازار باشلىقى شوپۇرنىڭ يېنىدا، ئارقا رەتتىكى ئورۇندا ئۇلىسېسنىڭ دادىسى بىلەن ئېلوندىرانىڭ مومىسى ئولتۇراتتى، قالغان ئورۇنلاردا تولۇق قوراللانغان ژاندارمىلار ئولتۇرۇشاتتى. بىر كەنت بازىرىنىڭ يېنىدا يامغۇر ئۆتمەس پالاز بىلەن مەھكەم چۈمكەلگەن ئۇزۇن بىر رەت قارا ماشىنىلار توختاغلىق ئىدى، كوزۇپقا مۆكۈشىۋالغان كىشىلەر پالازنى قايرىپ پىلىموت ۋە مىلتىقلىرى بىلەن مىنبوسنى قارىغا ئېلىشتى. بازار باشلىقى بىرىنچى قارا ماشىنىنىڭ شوپۇرىدىن قۇش بېسىلغان بىر قارا ماشىنىنى كۆرگەن- كۆرمىگەنلىكىنى سورىدى. شوپۇر ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ جاۋاب بەردى: - بىز ئەسكى ئادەملەر ئەمەس، ئەتكەسچىلەر. ئۆزلىرىگە قارىتىپ قويۇلغان قوراللارنىڭ قاپقارا ئىستىۋۇلىنى كۆرگەن بازار باشلىقى قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ ۋارقىرىدى: - ھەر نېمە بولسا كۈپكۈندۈزدە ھەرىكەت قىلىشتىن خىجىل بوپسىلەر. ئەڭ كەينىدىكى بىر ماشىنىنىڭ ئالدىغا«ئېلوندىرا، مەن سىزنى سېغىندىم» دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكات ئېسىپ قويۇلغانىدى. ئۇلار شىمالنى بويلاپ ماڭغانسېرى شامال شۇنچە كۈچىيىشىكە باشلىدى، ھاۋامۇ بارغانسىرى قۇرغاقلىشىپ، تونۇردەك قىزىپ كەتتى، ئۇلار ئىسسىق دەستىدىن نەپەس ئالالمايلا قېلىشتى. موماي يىراقتا كېتىۋاتقان فوتوگرافنى بىرىنچى بولۇپ كۆردى، فوتوگراف بېشىغا قولياغلىقىنى چىگىۋېلىپ، ۋېلسىپىتىنى تولىمۇ مۇشەققەتتە ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى. - ئاۋۇ ھارىمىمۇ شۇلارنىڭ گۇماشتىسى،- دېدى موماي فوتوگرافنىڭ كەينىدىن چىنەپ تۇرۇپ. بازار باشلىقى بىر ژاندارمىغا فوتوگرافنى تۇتۇشقا بۇيرۇق قىلىپ دېدى: - ئۇنى تۇتۇپ مۇشۇ يەردە بىزنى ساقلاپ تۇر، بىز بىردەمدىلا يېنىپ كېلىمىز. ژاندارما ماشىنىدىن لىككىدە سەكرەپ چۈشۈپ، فوتوگرافنى بار ئاۋازى بىلەن توۋلىدى، شامال بەك كۈچلۈك بولغاچقا، فوتوگراف ئاڭلىمىدى. مىنىبوس ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتكەندە، موماينىڭ چىراي ئىپادىسىدىن فوتوگراف گاڭگىراپلا قالدى، موماينى ئۆزىگە سالام بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ، كۈلۈپ قويدى ۋە خەير- خوش دېگەندەك قىلىپ مومايغا قول ئىشارىسى قىلدى. ئۇ ئوق ئاۋازىنى ئىشىتمەستىنلا ئالدىغا بىرنى دۈگجۈدى- دە، ۋېلسىپىتىنىڭ ئۈستىدىلا جان بەردى. قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن بىر پاي ئوق ئۇنىڭ مېڭىسىدىن تۈڭلۈك ئاچقانىدى. چىڭقى چۈش پەيتىگە ئاز قالغاندا، ئۇلارغا قۇش پەيلىرى ئۇچرىدى. قۇش پەيلىرى شامالدا ھەريان ئۇچۇپ يۈرەتتى. پەيلەر تېخى يېڭى ئىدى. ئۇلىسېسنىڭ دادىسى بۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى قۇشلارنىڭ پېيى ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدى. شوپۇر يۆنىلىشنى توغرىلىۋېلىپ، ماشىنىنىڭ مېيىنى قۇلاققىچە دەسسىدى، ئارىدىن يېرىم سائەتمۇ ئۆتمەي، ئۇلار يىراقتىن ھېلىقى كىچىك قارا ماشىنىنى كۆردى. |