ئېلوندىرا يەنە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايىتتى، گەپلىرىمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى، ئۇلىسېسنىڭ ساددىلىقى يالغۇز كەيپىياتىنىلا ئەمەس، مىجەز- خۇلقىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەندەك تۇيغۇدا بولدى. موماي ئۇلارنىڭ يېنىدىلا ياتاتتى، جۆيلۈشلىرى ھېچ بېسىقىدىغاندەك قىلمايىتتى. - مارت ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى، ئۇلار سېنى ئۆيگە ياندۇرۇپ كەلدى. سەن خۇددى ئۇزۇن كەسلەنچۈككە ئوخشاش پاختىغا يۆگىنىپ ياتاتتىڭ. داداڭ ئامادىس شۇ چاغدا ناھايىتى ياش، قاملاشقان كىشى ئىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ خوشلۇقىدا ئادەم ئەۋەتىپ ئىككى پەيتۇن گۈل ئەكەلدۈردى، كوچىمۇ- كوچا توۋلاپ يۈرۈپ گۈل چاچتى، بازارنىڭ ھەممە يېرىنى گۈلگە پۈركۈۋەتتى. موماي نەچچە سائەتكىچە ئاغزى بېسىقماي جۆيلىدى، ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ ھاياجان بىلەن سۆزلىدى. ئېلوندىرا تاكى مەشرىق تەرەپ ئاقارغۇچە ئۇلىسېسنى پۈتۈن ئىشقى- مۇھەببىتى بىلەن سىيلاپ- سىيپىغاچقا، موماينىڭ جۆيلۈشلىرى ئۇلىسېسنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. بىر توپ مىسسىيونېر خىرىستوسنىڭ كىرىسىتقا مىخلانغان سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ قاقاس دالىدا يانمۇيان تۇراتتى. ئۇلارنىڭ كاناپتا تىكىلگەن يەكتەكلىرى، ساقال- بۇرۇتلىرى شىددەتلىك شۇم بوراندا توختىماي يەلپۈنەتتى، ئۇلارغا ئورنىدا مەزمۇت دەسسەپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى بەرمەيىتتى. ئۇلارنىڭ كەينى تەرىپىدە بىر موناستېر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، مۇستەملىكە دەۋرىدىن قالغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تاشتىن قوپۇرۇلغان قوپال ھاك تېمىغا چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس بىر سائەت ئېسىقلىق تۇراتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ باشلامچىسى- ياشقا كىچىكرەك كەلگەن بىر مىسسىيونېر سېغىز توپىلىق يەردىكى بىر يېرىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى: - مۇشۇ سىزىقتىن ئۆتكۈچى بولۇشما! تۆت ئىندىئان ياغاچ تەختىرىۋاننى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى، موماي تەختىراۋاندا تىككىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ چىپپىدە توختاشتى. موماي تەختىراۋاندا ئولتۇرۇۋېرىپ ئوبدانلا قىينالغان، بۇ ئاز كەلگەندەك، قاقاس دالىدا پۇرقىراپ ئۇچۇپ يۈرگەن توپا- چاڭ روھىنى سۇندۇرۇپ پۇسكايىتىۋەتكەن بولسىمۇ، پېتىنى بۇزماي ئولتۇراتتى. ئېلوندىرا پىيادە كېلىۋاتاتتى. تەختىراۋاننىڭ كەينىدە سەككىز يۈك توشۇغۇچى ئىندىئان ، ئۇنىڭ كەينىدە ھېلىقى فوتوگراف ۋېلىسىپىت مىنىپ كېلىۋاتاتتى. - بۇ قاقاسلىق ھەرقايسىڭنىڭمىدى،- دېدى موماي. - بىزنىڭ بولمىغىنى بىلەن تەڭرىنىڭ،- دېدى مىسسىيونېر،- سەن ئۆرپ- ئادەتنى پايخان قىلىدىغان ئاشۇ پەسكەش ئوقىتىڭ ئارقىلىق تەڭرىنىڭ مۇقەددەس ھۆكمىنى دەپسەندە قىلىۋاتىسەن. موماي مىسسىيونېرنىڭ تەلەپپۇزى، سۆزلەش ئۇسۇلىدىن ئىسپانىيىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى. موماي ھەم كەينىگە چېكىنمەسلىك، ھەم ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوسال بولۇپ قالماسلىق نىيىتىدە سىپايىلىك بىلەن ئېغىز ئاچتى: - سىلەرنىڭ ئۇ سىرلىق ئىشلىرىڭلارنى مەن چۈشەنمەيدىكەنمەن بالام. مىسسىيونېر ئېلوندىرانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دېدى: - قىز بەكلا كىچىككەن. - لېكىن ئۇ مېنىڭ نەۋرەمدە. - بۇ گېپىڭىز تېخىمۇ قاملاشمىدى،- دېدى مىسسىيونېر رەددىيە بېرىپ،- بوپتۇ، ئۇنى بىز ھامىيلىقىمىزغا ئالايلى، بولمىسا باشقىچە تەدبىر قوللىنىمىز. ئىشنىڭ بۇ دەرىجىگە يېتىپ بېرىشىنى ئەسلا كۈتمىگەن موماي نائىلاج كەينىگە يېنىشقا مەجبۇر بولۇپ دېدى: - بوپتۇ، ئۆتمە دېسەڭلەر ئۆتمەي. لېكىن قاراپ تۇرۇڭلار، بۇ سىزىقتىن بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ئۆتمەي قويمايمەن. شۇ ئىش بولۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، موماي ئېلوندىرانى ئەگەشتۈرۈپ موناستېرغا يېقىنلا جايدىكى بىر كىچىك بازارنى ماكان تۇتتى. تۈن تەڭ بولغان مەھەلدە بىر نەچچە قارا كۆلەڭگە غىپپىدە چېدىرغا كىردى. كىرگەنلەر بىر- بىرىدىن بەستلىك، ياش ئالتە ئىندىئان ئىدى، ئۇچىسىدىكى قوپال ماتادىن تىكىلگەن كىيىملىرى ئاي نۇرىدا ۋال- ۋۇل پارقىرايىتتى. ئۇلار تىۋىش چىقارماستىن ئېلوندىرانى دەس كۆتەردى- دە، پاشىلىق بىلەن يۆگىدى. موماي قىزنى قۇتۇلدۇرماقچى بولدى، دەسلىۋىدە قىزىنى بۇلاپ كەتكەنلەرنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش خىيالىغا كەلمىدى. جىمى ھوقوق- مەنپەئەتلىرى دەپسەندە قىلىنغاندا بولسا، يەرلىك دائىرىلەرگە ئەرز قىلىش نىيىتىگە كەلدى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھوقوقى بىر ھەربىينىڭ قولىدا ئىدى. موماي باشلىقنى ئۇدۇل ئۆيىگىلا ئىزدەپ باردى، باشلىق بېلىنىڭ ئۈستى يالىڭاچ ھالەتتە مىلتىق كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇ شۇ تۇرۇقىدا تونوردەك قىزىپ كېتىۋاتقان ئىسسىققا چىدىيالماي، ئاچچىقىدا مىلتىقى بىلەن كۆكتە بىر يەرگە غۇجمەكلىشىۋالغان بۇلۇتلارنى ئېتىپ پارچىلاپ، يامغۇر ياغدۇرماقچى ئىدى. ئۇ موماينى كۆرۈپ قولىدىكى ئىشنى قويدى، موماينىڭ دەردۇ- ھالىنى ئىشىتكەندىن كېيىن دېدى: - بۇ ئىشقا مېنىڭ چىشىم پاتمايدۇ. رىم پاپاسى بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە بولغاندا، مىسسىيونېرلارنىڭ بۇ قىزنى تاكى بالاغەتكە يەتكۈچە ياكى توي قىلغۇچە قوغداش ھوقۇقى بار. - ئەمىسە سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز نېمە؟- سورىدى موماي. - مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز، مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇش،- دېدى بازار باشلىقى. بۇلۇتلار ئۇنىڭ مىلتىقىنىڭ ئوقى يەتمىگۈدەك جايلارغا سۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغان چېغى، مىلتىقىنى تاشلاپ موماي بىلەن رەسمىي پاراڭغا چۈشتى. - ئۆزىڭىزگە موھىم ئادەمدىن بىرنى كېپىل قىلىڭ،- دېدى ئۇ مومايغا،- شۇ ئادەم سىزنى دىيانەتلىك ئايال، ئەخلاقىدا مەسىلە يوق، دېگەن مەزمۇندا ئىمزا خەت يېزىپ بەرسۇن. سىز كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئو . سانچىسنى تونۇمامسىز؟ قۇياش نۇرى زېمىننى تونۇردەك قىزدۇرۇپ تۇراتتى، موماي ياندا تۇرغان تۆت چاسا ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، يوغان ساغرىسى شۇنچە يوغان ئورۇندۇققا لىقلا كەلگەنىدى. ئۇ جىددىي يوسۇندا جاۋاب بەردى: - بۇ قاقاسلىقتا تىكەندەك يالغۇز بىر بىچارىمەن. بازار باشلىقى ئىسسىقتا يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقان ئوڭ كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويدى- دە، مومايغا ئېچىنىش ئىلىكىدە قاراپ قويۇپ دېدى: - قىزىڭىزنى ئەكېتىپ بوپتۇ، ئەمدى تولا ۋاقتىمنى ئالماڭ خانىم. ئەمەلىيەتتە ئېلوندىرانى ئېلىپ كېتىشمىگەنىدى. موماي چېدىرنى موناستېرنىڭ ئالدىغىلا تىكتى. ئۇ گويا قەلئەگە ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرغان پالۋاندەك، تولىمۇ غېرىبانە بىر ھالدا تەگسىز ئويغا چۆكۈپ ئولتۇراتتى. ئۇنى بىردىنبىر چۈشىنىدىغان كىشى ھېلىقى فوتوگرافلا ئىدى. موماينىڭ شۇنچە پىژغىرىم ئىسسىقتا موناستېردىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغىنىنى كۆرگەن فوتوگراف لاقا- لۇقىلىرىنى ۋېلسىپىتىگە ئارتتى- دە، مېڭىشقا تەمشەلدى. - قېنى كۆرەرمىز، كىم باشتا ئۆلىدىكىن،- دېدى موماي،- ئۇلار باشتا ئۆلەمدۇ ياكى مەن باشتا ئۆلەمدىم، بىر كۆرۈپ باقاي. |