ئۇلىسېس نۇر قايتۇرۇش ئەينىكىدىن كەينىدە بىر ھەربىي ماشىنىنىڭ تاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقىنىنى كۆردى، ئۇ ماينى بولۇشىغا دەسسەپ ئۇزاپ كەتمەكچى بولدى، لېكىن ماشىنىنىڭ ھالى شۇنچىلىك بولغاچقا، ھەر قانچە قىلىپمۇ سۈرئەتنى تېزلىتەلمىدى. ئۇلار كېچىچە ئۇخلىماي ماڭغاچقا، ھارغىنلىق، ئۇسسۇزلۇق ئوبدانلا قىينىغانىدى. ئۇلىسېسنىڭ يەلكىسىگە بېشىنى قويۇپ مۈگىدەپ ئولتۇرغان ئېلوندىرا چۆچۈپ ئۇيقۇسىنى ئاچتى، بىر مىنىبوسنىڭ ئۆزلىرىنى قوغلاپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، تاپانچىنى قولىغا ئالدى. - ئەمدى بولمىدى، ئۇ دېگەن فرانسىس دىراك،- دېدى ئۇلىسېس. ئېلوندىرا قولىدىكى تاپانچا بىلەن ماشىنا ئەينىكىنى چېقىپ، مىنبوسقا قارىتىپ ئوق ئۈزدى. مىنىبوس ئۇلىسېسنىڭ ئالدىغا ئۆتتى- دە، جىددىي بۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستى. «بۇ ئاۋات زاماننىڭ ئىشلىرىنى چۈشەندىممۇ دەي، مەيلى نېمە ئىش روي بەرسۇن، پەقەت تالاي يىللار ئۆتسىلا، ئۇنىڭ ئۇششاق تەپسىلاتلىرى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن.» بۇ، رافائىل ئېسكارونا بىر ناخشىسىدا ئېچىپ بەرگەن تىراگېدىك خاتىمە. مېنىڭچە ئۇنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇم ئارتۇقچە ئەمەس. مەن رىيوئاگا ئۆلكىسىنىڭ ھەممە يېرىدە ئىنىسكلوپېدىيە ۋە دوختۇرلۇق ھەققىدىكى كىتابلارنى سېتىپ يۈردۈم. ئا . س . سامىدىيومۇ مۇشۇ ئەتراپتا پىۋا ئىشلەش ماشىنىسى ساتاتتى، مېنى ئەپچىلگىنە كەلگەن قارا ماشىنىسىغا سېلىۋېلىپ مۇشۇ قاقاسلىقتا ئۇياقتىن- بۇياققا ئايلاندۇراتتى، مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەتتى. بىز بىللە بولساق، دېيىشمەيدىغان گېپىمىز قالمايتتى، چىلاشقۇچە پىۋا ئىچەتتۇق، بۇ قاقاسلىقتىن قاچان، قەيەردىن چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىمىزنىمۇ ھەم بىلمەيىتتۇق. كېيىن چىگرا بويىغا باردۇق، ئۇ يەردە ھېلىقى ھەرىكەتچان چېدىر بارئىدى، «ئېلوندىرا ئەڭ نوچىسى، قېنى مەرھەمەت! ئېلوندىرا سىلەرنى ساقلىماقتا! ئېلوندىراسىز ھايات ھايات ئەمەس!»دېگەن يوغان خەتلەر يېزىلغان ماتا رەخت چېدىرغا ئېسىپ قويۇلاتتى. شەھەرنىڭ ھەممە كوچىسىدا ئاشكارا قىمارخانا بار ئىدى، ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى كىچىك قاۋاقخانا ئىدى، قاچقۇنلارنىڭ پاناھگاھى ئىدى. گۈلدۈر- غالاپ مۇزىكا ئاۋازى بىلەن ھۆپىگەرلەرنىڭ مېلىنى داڭلاپ ۋارقىراشلىرى قوشۇلۇپ كىشى نېرۋىسىنى قوچۇيدىغان سىمفونىيەگە ئايلىناتتى. قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاشۇ كىشىلەر ئارىسىدا بۇراگمان ئىسىملىك ياخشى نىيەتلىك بىر كىشى بار ئىدى، ئۇ ئۈستەلگە چىقىۋېلىپ زەھەرلىك يىلان ئوينىتاتتى، ئۆزى ئىجاد قىلغان زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى نەق مەيداندا تەجرىبە قىلىپ بېرەتتى. بۇ يەردە يەنە ئاتا- ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرمىگىنى ئۈچۈن ئۆمۈچۈككە ئايلىنىپ قالغان يەنە بىر قىز بالا بار ئىدى، ئىشەنمىگەنلەر يېرىم پىسو تۆلەپ سىيلاپ باقسا بولاتتى، بۇ ئۆمۈچۈك قىز يەنە ئۆزى ئۇچرىغان كۈلپەتلەر ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەتتى. پالچىلىق قىلىدىغان يەنە بىر ئەپەندىم پىلانىتلاردىكى قورقۇنچلۇق شەپەرەڭلەرنىڭ يەر يۈزىگە يېتىپ كېلىدىغانلىقى، ئاشۇ شەپەرەڭلەر ئەگەر بىر نەپەس ئالىدىغان بولسا پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقى، دېڭىز ئاستىدىكى جىمى نەرسىلەرنىڭ سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە پال سېلىپ خەۋەر بېرەتتى. بىردىبىر قۇلاق تىنچ جاي چېركاۋ ئىدى، شەھەرنىڭ شاۋقۇن- سۈرەنلىرىدىن بەزگەن كىشىلەر ئۇدۇل مۇشۇ يەرنى تاپاتتى. يىراق- يېقىندىن ئارامچىلىق ئىزدەپ كەلگەن ئاياللار چېركاۋنىڭ بۇ تاشلاندۇق زالىدا بەھۇزۇر ھاردۇقلىرىنى چىقىرىپ ئەسنىشىپ ئولتۇراتتى، ئۇلارنى ھېچكىم نېرى تۇر، بېرى تۇر دېمەيىتتى. ئۇلار تورۇستىكى شامالدۇرغۇچ ئاستىغا كېلىۋېلىپ، پىلانتلاردىكى شەپەرەڭلەر قاچان كېلەركىن دەپ ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇراتتى. توساتتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر ئايال لىككىدە ئورنىدىن تۇردى- دە، كوچىغا قارايدىغان كارىدورنى نىشانلاپ ماڭدى، كوچا ئېلوندىرانىڭ چۆپقەتلىرى بىلەن توشقان ئىدى، ئايال باشقىلارغا قاراپ توۋلىدى: - قاراڭلار! ئۇنىڭدا بىزدە يوق نېمە خىسلەت باردۇر؟ - پالاتا ئەزاسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن خېتى بار،- ۋارقىرىدى بىر ئايال. باشقا ئاياللارمۇ قىزىقسىنىپ كارىدورغا ئولاشتى. - 15 كۈن بولدى، خەقلەر ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتىدۇ، ھەر بىر ئادەمدىن 50 پىسو پۇل تاپسا،- دېدى يەنە بىر ئايال. دەسلەپتە چىققان ھېلىقى ئايال ئىشنىڭ تېگى- تەكتىگە يېتىش نىيىتىگە كېلىپ دېدى: - بېرىپ بىر قاراپ باقاي، زادى ئۇنىڭ نېمىسىگە خەقلەر شۇنچىلىك قىلىدىكىن. - مەنمۇ بىللە باراي،- دېدى يەنە بىر ئايال،- ئۇ يەر چوقۇم پۇل ئالمايدىغان بۇ يەردىن ياخشى. يولدا ئۇلارغا يەنە بىر مۇنچە ئايال قېتىلدى، ئېلوندىرانىڭ چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەپ بولغۇچە، بىر توپ ئايال يىغىلدى. ئۇلار گەپمۇ قىلماستىن چېدىرغا ئېتىلىپ كىردى- دە، پۇل تۆلەپ بولۇپ نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان خېرىدارلارنى ياستۇق بىلەن ئۇرۇپ يۈرۈپ قوغلاپ چىقاردى، ئاندىن ئېلوندىرانى كارىۋېتى بىلەنلا قوشۇپ كۆتۈرگىنىچە كوچىغا ئەچىقىپ قويدى. - كۆرۈڭ بۇ مۇتتەھەملىكنى!- ۋارقىرىدى موماي،- ھۇ بۇزۇقلار، ھەر قايسىڭنى يىغىشتۇرىدىغان قانۇن يوقمۇ بۇ يەردە!- موماي ئاياللارنى بىر ھازا تىللاپ بولۇپ، ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرغان ئەرلەرگە شالىنى چاچتى،- ھۇ سامان تاغىرى ئوغرىلار، قېنى، ھەرقايسىڭنىڭ جىگىرى نەگە كەتتى؟ ئاۋۇ بۇزۇقلار كۆزۈڭگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىر بىچار قىزبالىنى مۇشۇنداق ئانىي تېپىۋاتسا قاراپ تۇرۇشامسەن؟ ھۇ پەسەندى گۇيلار! موماي ھاسىسىنى ئۇياق- بۇياق چۆرۈپ كىشىلەر توپىنى ئىككىگە ياردى ۋە ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ چوقان سالدى. لېكىن ئەتراپنى ۋاڭ- چۇڭ ۋە مەسخىرىلىك كۈلكە بىر ئالغاچقا، مومايغا ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى. ئېلوندىرا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقالمىدى، چۈنكى ئۆتكەن قېتىم قېچىپ تۇتۇلغاندىن كېيىن، مومىسى ئىت باغلايدىغان زەنجىردە ئۇنى كارىۋاتقا باغلاپ قويىدىغان بولغانىدى. لېكىن ئۇلار ئېلوندىرانى ھېچنېمە قىلمىدى، پەقەت ئۇنى ئەڭ ئاۋات كوچىلارنىڭ بىرسىگە كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ سازايى قىلدى، گويا باغلاقتىكى توۋا قىلغۇچىنى كۆتۈرگەن پەدىگە كۆتۈرۈپ مەيداننىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا قويۇپ قويدى. ئېلوندىرا ئېڭىشىپ يۈزىنى ئېتىۋالدى، لېكىن كۆزلىرىدىن ياش چىقارمىدى. ئۇ ئەنە شۇ تەرزدە تەپتى تونۇرنى ئەسلىتىدىغان پىژ- پىژ ئىسسىقتا مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا چىشىنى چىشلەپ تۇردى، بوينىغا سېلىنغان ئىت باغلايدىغان زەنجىردىن خورلۇق ھېس قىلدى، غەزىپى ئۆرلىدى. نىھايەت، بىرەيلەن ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تال كۆينەكنى ئارتىپ قويدى. مەن تۇنجى بولۇپ كۆرگەن ئەھۋال شۇ ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ ئاشۇ چېگرا شەھەردە ئاممىنىڭ ھىماتىغا ئېرىشكىنىنى ئاڭلىدىم. مومىسىنىڭ غەللە ساندۇقى پۇل بىلەن لىق توشۇپ ئېتىلىپ كېتەي دېگەندىلا ئاندىن ئۇلار بۇ قاقاسلىقنى تاشلاپ دېڭىز تامان يۈرۈپ كەتتى. ئۇ نامراتلار دۆلىتىدە ئەزەلدىن مۇنداق داغدۇغىلىق مەنزىرە كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى: كالا ھارۋىسىغا ئوت ئاپىتىدىن ئامان قالغان نەرسىلەر چوقچىلاپ بېسىلغانىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە رىم پادىشاھىنىڭ يېرىم ھەيكىلى بىلەن تام سائىتىدىن باشقا، يەنە پىئانىنو بىلەن نۇرغۇن پىلاستىنكىلىرى بار قولدا چۆرۈيدىغان بىر فاتىفونمۇ بار ئىدى. بىر توپ ئىندىئان ھارۋىنىڭ كەينىدىن توختىماي كېلەتتى، ھەر قېتىم بازار ئىچىگە ئاز قالغاندا سازەندىلەر سازلىرىنى ياڭرىتىپ، كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ زەپەر قۇچۇپ كېلىۋاتقىنىنى نامايىش قىلاتتى. |