- ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاۋېتىپ تولا قىينالغىنىم، ھەررەڭ- سەررەڭ چۈشلەرنى كۆرگىنىم بىكار ئەمەسكەندە. موماي گېپىنى تۈگىتىپ چۈشىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئېسىگە ئېلىشقا تىرىشتى، ئاخىرى كۆرگەن چۈشى ئېسىگە كەلدى. - چۈشۈمدە بىر توز ئاق رەڭلىك بىر ئاسما كارىۋاتقا قونۇۋالغاندەك قىلغان. ئېلوندىرا بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق ھولۇقۇپ كەتتى ، ئەمما ئۆزىنى دەررۇ ئوڭشىۋېلىپ دېدى: - ياخشى چۈش كۆرۈپسىز، توز دېگەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ بىشارىتى. - جۆيلۈمە، ئەمدى بىزنىڭ بۇرۇنقى گاداي ۋاقتىمىزدىن ھېچ پەرقىمىز قالمىدى، ھەممىنى باشتىن باشلىمىساق بولمىدى،- دېدى موماي. ئېلوندىرا زۇۋان سۈرمىدى، داكا بىلەن لىق تولغان پەتنۇسنى كۆتۈرگىنىچە چېدىردىن چىقتى، چېدىردا مومىسى بەدىنىگە تۇخۇم ئېقى، بېشىغا ئۇپا سۈرۈلگەن ھالەتتە يالغۇز قالدى. ئېلوندىرا ئاشخانا ئۆيدە پەتنۇسقا تۇخۇم چېقىۋېتىپ، كۆزلىرى ئوچاقنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالغان ئۇلىسېسنىڭ دۈپدۈگىلەك كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. قىز بۇنىڭدىن ھەيرانمۇ قالمىدى، خارامۇش بىر قىياپەتتە ئۇلىسېسقا دېدى: - سىز تېرىغان بالا ئەمدى قەرزىمنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىدىغان بولدى. ئۇلىسېسنىڭ كۆزلىرى تەشۋىشلىك تۈس ئالدى، پۈتۈن زېھنى بىلەن تۇخۇم چېقىۋاتقان ئېلوندىراغا قاراپ مىدىر- سىدىر قىلماستىن جىممدە تۇرۇپ كەتتى، ئېلوندىرا گويا ئۇلىسېس بۇ يەردە مەۋجۇت ئەمەستەك، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى. ئۇلىسېس خېلى بىر ھازادىن كېيىن ئۆي ئىچىگە سەپ سالدى، قازان، باش پىياز، تەخسە، گۆش توغراش پىچىقى دېگەندەك نەرسىلەر كۆزىگە چېلىقتى. ئېلوندىرا ئۇلىسېسقا نەزەر كۆزىنى سالمىدى- يۇ، ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا پەس ئاۋازدا دېدى: - پەخەس بولۇڭ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇرۇنىغا ئەجەل ھىدى پۇراپ بولدى، ئۇ چۈشىدە ئاپئاق كارىۋاتقا قونۇۋالغان بىر توزنى كۆرۈپتۇ. ئۇلىسېسنىڭ پىچاق كۆتۈرۈپ كىرىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرگەن موماي ھاسىسىغا تايانمايلا تىرەجەپ ئورنىدىن تۇردى- دە، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چىرقىرىۋەتتى: - ساراڭ بولدۇڭمۇ بالام. ئۇلىسېس يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى موماينىڭ يالىڭاچ كۆكرىكىگىلا چاپتى. موماي بىرلا چىرقىراپ، ئېيىقنى ئەسلىتىدىغان قوللىرى بىلەن پوكىنىغا بېسىپ قىيما-چىيما قىلىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا ئۇلىسېسقا ئېتىلدى. - ۋۇ جالاپنىڭ بالىسى!- ئاغزىنى بۇزدى موماي،- سېنىڭ بۇ مۇناپىقلىقىڭنى ھەجەپ بۇرۇن بىلمەي قاپتىمەنا. ئۇلىسېس قىڭراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ موماينى يەنە بىرنى چاپتى. بۇ دورەم موماينىڭ بىراقلا ئۈنى ئۆچتى- يۇ، بوشقىنە خارقىراپ قويۇپ ئۇلىسېسنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالدى. ئۇلىسېس ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي ئۈچىنچى قېتىم يەنە بىر چېپىۋېدى، چاچراپ چىققان قىپقىزىل قان يۈز- كۆزلىرىنى بويۇۋەتتى. موماينىڭ قېنى مايغا ئوخشاش كۆكۈچ ئىدى، بىر قارىغان كىشىگە يالپۇز ھەسىلىنى ئەسلىتەتتى. پەتنۇس كۆتۈرگەن پېتى چېدىر ئىشىكىدە ھازىر بولغان ئېلوندىرا بۇ قانلىق ئېلىشىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇردى. موماينىڭ لاخسىدەك يوغان تېنى دىر- دىر تىتىرەيتتى، ئۇلىسېسنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالغان قوللىرى ھېچ بوشاي دېمەيىتتى. موماينىڭ پۇت- قولى، پاچاقلىرىدىن تارتىپ تاقىر بېشىغىچە قىپقىزىل قانغا بويۇلۇپ كەتتى، شامالدۇرغۇچنىڭكىدەك خىر- خىر ئاۋاز چىقىرىپ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىلا قېپقالدى. ئۇلىسېس يۇلقىنىپ چىقىش ئۈچۈن موماينىڭ قورسىقىغا يەنە بىر پىچاق تىقتى، مومايدىن ئاققان قاندا ئۇنىڭ پاچاقلىرىمۇ يېشىلغا بويۇلۇپ كەتتى. موماي خارقىراپ جان تالاشقىنىچە پالاققىدە يەرگە يىقىلدى. ئۇلىسېس موماينىڭ بوشىشىپ كەتكەن قولىدىن ئاجراپ چىقتى- دە، ھاۋا تاپان بولۇپ يەردە ياتقان موماينى زەردە بىلەن يەنە بىرنى چاپتى. ئېلوندىرا قولىدىكى پەتنۇسنى ئۈستەلگە قويۇپ يەرگە ئېڭىشىپ مومىسىغا قارىدى، مومىسىنىڭ جان ئۈزگىنىنى كۆرۈپ چىرايى بىردىن تەمكىن تۈس ئالدى، قىزنىڭ 20 يىللىق بەختسىز تۇرمۇشىدا ئەزەلدىن بۇنداق ئۆزگىرىش بولۇپ باقمىغانىدى. ئۇ ناھايىتى تېزلىك بىلەن مومىسىنىڭ ئۇچىسىدىكى چوكا ئالتۇن تىكىلگەن جىلتىكىسىنى سالدۇردى- دە، چېدىردىن چىقىپ كەتتى. ئۇلىسېس موماينىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتى، بايامقى جىددىي ئېلىشىش ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتكەنىدى. ئۇ سۈرتۈۋېتىش ئۈچۈن يۈزىنى تۇتۇۋېدى، يۈزلىرى تېخىمۇ مەينەتلىشىپ كەتتى، قان گويا ئۇنىڭ قولىدىن چىقىۋاتقاندەك، ھەممە يېرى ياپيېشىل مايلىق قان بىلەن بۇلغاندى. ئېلوندىرانىڭ ئالتۇن تىكىلگەن جىلىتكىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئاندىن چۆچۈپ ئەسلىگە كەلدى. ئۇلىسېس ئېلوندىرانى بار ئاۋازى بىلەن توۋلىدى، لېكىن قىزدىن ھېچبىر سادا كەلمىدى. ئۇ ئۆمىلىگىنىچە چېدىرنىڭ ئىشىكىگە چىقتى- دە، ئېلوندىرانىڭ دېڭىز بويىدا شەھەرنىڭ قارشى تەرىپىنى نىشانلاپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردى. ئۇلىسېسمۇ ئاداققى ماغدۇرىنى يىغىپ قىزنىڭ كەينىدىن قوغلىغاچ، بار ئاۋازى بىلەن قىزنى توۋلىدى، بۇ ئاۋاز ئاشنا ئوينىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىغا ھېچ ئوخشىمايىتتى، بەلكى بالىلارچە ئاۋاز ئىدى. ئۇ موماينى ئۆلتۈرىمەن دەپ ئوبدانلا ماغدۇرىدىن كەتكەچكە، يۈگۈرەلمەيلا قالدى. كەينىدىن تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ كەلگەن ئىندىئانلار ئۇنى دۈم ياتقۇزۇپ تۇتۇۋالدى، ئۇ قورقۇنچ ھەم غېرىپلىق ئىلىكىدە پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلىدى. ئېلوندىرا ئۇلىسېسنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىمىدى، قىز تېخىچە شامالغا قارشى يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى، شۇ تۇرۇقىدا ئۇنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى جەرەندىنمۇ تېز ئىدى، ئەمدى ئۇنى دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئاۋاز توختىتىپ قالالمايىتتى. قىز كەينىگە قاراپمۇ قويماي يۈگۈرۈۋەردى، شۇ يۈگۈرۈشىدە پورۇقلاپ قايناپ تۇرغان ناترىي كۆلىدىن، چىرىمتاللىق يانار تاغ ئېغىزلىرىدىن ئۆتتى، ئىپتىدائىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئاجايىپ چىرايلىق سۇ ئۈستى ئولتۇراق رايونلىرىنى كەينىگە تاشلىدى، دېڭىزنىڭ بۇ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسىمۇ تۈگەپ، يەنە قاقاسلىق ئىچىگە كىرىپ كەتتى. قىز چوكا ئالتۇن تىكىلگەن جىلىتكىنى كۆتۈرگەن پېتى پۇرقىراپ ئۇچۇپ يۈرگەن قۇم- بورانلار ئارىسىدا مەڭگۈ يوقىمايدىغان قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىڭىپ كەتتى . . . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئېلوندىرانىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولمىدى، قىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەت ئۇچرىغان بەختسىزلىكىدىنمۇ ئىز قالمىدى. 1972- يىل (خەنزۇچە «گارسىيە ماركۇز ھېكايە- پوۋېستلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى) «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىللىق 5- سانىدىن ئېلىندى |